زىفانىيا

1

1بۇ زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇشى گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.

3ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن.

رەزىللەرنى يوقىتىمەن، يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن.

بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.

4مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن.

ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىمەن،

بۇتپەرەس روھانىيلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.

5ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى،

ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق،

يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.

6مەندىن يۈز ئۆرۈگەن، مېنى ئىزدىمىگەن،

مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»

 

7ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى.

ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.

 

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە

يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن.

9ئۇ كۈنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئادەتلىرىگە ئوخشاش بوسۇغا دەسسىمەيدىغانلارنى ۋە

خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە

زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالايمەن.»

10پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى،

شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى

ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.

11ئەي شەھەر مەركىزىدە ياشايدىغان كىشىلەر، پەرياد قىلىڭلار.

چۈنكى پۈتۈن سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ،

سېتىقچىلار يوقىتىلىدۇ.

12ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن.

گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى،

يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.

13ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ،

ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ.

ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»

 

14پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ جازا كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى،

ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ!

ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر!

ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!

15ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر،

خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر،

قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.

16ئۇ كۈن بۇرغىلار چېلىنىپ، چۇقان-سۈرەنلەر سېلىنىپ،

مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا ھۇجۇم قىلىنىدىغان كۈندۇر.

 

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ،

ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن.

چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى.

ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ،

جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.»

 

18پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى

ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ،

يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.

2

خەلقنى توۋا قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش

1ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

2ۋاقتىڭلار توپىدەك توزۇماستا ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە،

پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا،

ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە

ئۇيقۇڭنى ئاچ!

3ئەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار،

پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىڭلار!

ئادالەتنى قوغلىشىڭلار،

كەمتەر بولۇڭلار.

پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنىدە،

بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر.

ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي

4گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ،

ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ.

ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.

5ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي!

ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر،

پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن،

بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»

6دېڭىز بويىدىكى سىلەر ياشىغان يەرلەر باياۋانغا ئايلىنىپ،

پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ.

7يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدىيە خەلقى ئىگىلەيدۇ.

ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ،

كېچىسى ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە ياتىدۇ.

پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،

ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

 

8‏-9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى

ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم.

ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ،

زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

مەن، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

موئاب جەزمەن سودومدەك،

ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە تىكەن بېسىپ،

مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.

ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،

زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»

 

10موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.

11پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە

دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ.

ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.

 

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»

 

13پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ،

نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.

14ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ.

خارابىلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ،

دېرىزىلەردە ھۇۋلىشىدۇ.

قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ.

ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

15خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن،

تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ،

ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ.

بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.

3

يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ گۇناھلىرى

1ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى.

ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى.

ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى،

خۇداغا يېقىنلاشمىدى.

3ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ.

سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.

4پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر.

روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ،

خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.

5پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر.

ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.

ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ،

لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.

 

6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يات خەلقلەرنى يوقاتتىم،

ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سېپىل مۇنارلىرىنى گۇمران قىلدىم.

ئۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان بولدى.

ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇردۇم.

كوچىلىرىنى چۆللەشتۈرۈپ، ھېچكىمنى قالدۇرمىدىم.

7ئۇ چاغدا: ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ.

شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم.

لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.»

 

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار،

مېنىڭ جازا كۈنۈمنى كۈتۈڭلار!

مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ،

ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم.

پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»

يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

9«كېيىن ئەللەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ۋە

بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن

ئۇلارنىڭ تىللىرىنى پاكلايمەن.

10تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ،

ماڭا ھەدىيە سۇنىدۇ.

11ئەي خەلقىم،

ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن،

نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن.

سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.

12مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە ئىتائەتمەن كىشىلەرنى قالدۇرىمەن.

ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.

13ھايات قالغان ئىسرائىللار

يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ،

يالغان سۆزلىمەيدۇ،

ئالدامچىلىق قىلمايدۇ.

ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.»

خۇشاللىق مۇناجاتى

14ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال!

ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم!

15پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى!

ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى.

پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇر،

ئۇ ساڭا ياردۇر.

سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.

16شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئەي سىئون، قورقما!

قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن،

17پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر،

ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر.

ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ.

ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ.

ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»

 

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار،

ئەمدى سىلەرنى يىغىمەن، نومۇستا قالدۇرمايمەن.

19شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن.

ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن.

سىلەر نومۇستا قالغان ھەربىر ئەلدە

سىلەرنى شەرەپلەندۈرىمەن.

20ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ،

يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن.

مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە

سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»