زەبۇر

1-مۇناجات

بىرىنچى بۆلەك

1نەقەدەر بەختلىك ھە،

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر* ئارىسىدا يۈرمىگۈچى!

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇلار گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

4بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا،

ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.

5باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا،

گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

6پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى،

يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.

2-مۇناجات

1نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟

نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟

2سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار،

بىرلىشىپ ھۆكۈمدارلار،

پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇ تاللىغانغا قارشى تۇرار.

3دەيدۇ ئۇلار: «ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى،

چۆرۈۋېتەيلى بوينىمىزدىكى سىرتماقلارنى.»

 

4مانا كۈلمەكتە ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە،

يەنى پەرۋەردىگار قىلىپ ئۇلارنى مەسخىرە.

5ئەيىبلەر ئۇلارنى غەزەپ بىلەن،

ۋەھىمىگە سالار قەھرى بىلەن.

6دەيدۇ پەرۋەردىگار:

«تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم مەن تاللىغان پادىشاھنى سىئوندا،

يەنى ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا.»

7پادىشاھ ئېلان قىلماقتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى،

پەرۋەردىگار دېدى ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن،*

جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.

8تىلە مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى،

تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.

9تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى،

ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»

 

10ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى ئەي پادىشاھلار،

ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.

11پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار،

شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.

12ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا،

تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى تۇيۇقسىزلا،

ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا.

نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.

3-مۇناجات

بۇ مۇناجاتنى داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەندە يازغان.

 

1نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار،

شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.

2دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن:

«يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ*

3ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن،

شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.

 

4پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا،

ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ

5ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا،

ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا،

تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.

6قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن،

ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن.

 

7ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن،

ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن.

تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ،

چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.

8ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق،

ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك.

سېلاھ

4-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا،

ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا.

مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.

 

2ئەي ئىنسان بالىلىرى،

قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى،

قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى،

قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ

3بىلىپ قويۇڭلار شۇنى،

پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى،

ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.

4خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار!

جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا،

بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ

5چىن دىل بىلەن قىلىڭلار قۇربانلىقلارنى،

پەرۋەردىگارغا باغلاڭلار ئىشەنچىڭلارنى.

6سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر:

«ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟»

ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن

جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.

7زىيادە خۇشال قىلدىڭ كۆڭلۈمنى،

شۇنچە مول بولغانلاردىنمۇ ئاشلىق ۋە شارابلىرى.

8ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان،

چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى

پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.

5-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، نەيگە تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا،

كۆڭۈل بۆلگىن ئاھۇزارىمغا.

2ئى خۇدايىم، پادىشاھىم، يەتكىن مېنىڭ ھالىمغا،

دۇئا قىلماقتىمەن چۈنكى ساڭا.

3ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى،

تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.

4خۇدادۇرسەن ياقتۇرمايدىغان يامانلىقنى،

ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمايسەن رەزىللىكنى.

5نەپرەتلىنىسەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا،

تىك تۇرالماس ھاكاۋۇرلار ئالدىڭدا.

6ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى،

ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى.

7شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە،

چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا.

سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا،

ئىخلاسىم باردۇر ساڭا.

 

8ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا،

چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.

روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.

9سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا،

رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى،

ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى،

خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.

10ئى خۇدا، بېكىتكەيسەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى،

ئۆزى كولىغان ئورىدا كۆرسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى.

ئىتائەتسىزلىك قىلغاچقا ئۇلار ساڭا،

كۆپ گۇناھقا پاتتى ئۇلار، قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى.

 

11ئەمما سەندىن خۇرسەن بولسۇن پاناھىڭغا ئېرىشكەنلەر،

ئۇلار دائىم شادلىنىپ، ياڭراتسۇن ناخشا-كۈيلەر.

سەن ئالغايسەن ئۇلارنى قانىتىڭنىڭ ئاستىغا،

شۇ ۋاقىتتا سېنىڭدىن شادلىنىدۇ سېنى سۆيگەنلەر.

12ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا،

ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا.

6-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، سەككىز تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار،

مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە،

ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.

2ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا،

زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا.

ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا،

بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا.

3ئى پەرۋەردىگار، ھەسرەت تولدى قەلبىمگە،

يۈرەرمەن بۇ ئەھۋالدا قاچانغىچە؟

4ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى.

5چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە،

كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە.

6ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا،

كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا.

7كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن،

ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن.

 

8بەرھەق، قۇلاق سالدى زارىمغا پەرۋەردىگار،

يوقىلىڭلار يېنىمدىن ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار.

9پەرۋەردىگار ئاڭلاپ ئىلتىجايىمنى،

قوبۇل قىلدى دۇئايىمنى.

10قالار ھەممە دۈشمەنلىرىم نومۇس ۋە ۋەھىمىدە،

تۇيۇقسىزلا چېكىنەر، بولۇپ شەرمەندە.

7-مۇناجات

بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كۇش ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ قىلغان سۆزىگە قارىتا داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتقان مۇناجاتى.

 

1ئى پەرۋەردىگارىم، تاپىمەن پاناھ سەندىن.

خالاس قىلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىمدىن،

قۇتقۇزغايسەن مېنى قوغلاپ يۈرگەنلەردىن.

2بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى،

ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.

3ئى پەرۋەردىگارىم، قىلغان بولسام بىرەر يامانلىقنى،

بۇلغىغان بولسام ناھەق ئىشلار بىلەن قوللىرىمنى،

4قىلغان بولسام دوستۇمغا يامانلىقنى،

سەۋەبسىز بۇلىغان بولسام دۈشمىنىمنى،

5دۈشمىنىم تۇتۇۋالسۇن قوغلاپ مېنى،

جېنىمنى ئالسۇن ئۇلار چەيلەپ تېنىمنى،

يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن ئىززىتىمنى.

سېلاھ

6ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما،

قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا،

مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا،

سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.

7سوت ئاچماق ئۈچۈن ئولتۇرغىن بۈيۈك ئورنۇڭدا،

ھەممە خەلقلەر توپلاشسۇن ئەتراپىڭغا.

8پەرۋەردىگار سوت ئاچار خەلقلەرگە،

ئى پەرۋەردىگار قىلغايسەن ھۆكۈم

لايىق ھالدا ھەققانىي، دىيانىتىمگە.

9ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى،

تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى،

ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.

 

10قالقىنىمدۇر خۇدا،

نىجاتكار بولۇر قەلبى پاكلارغا.

11ئادىل سوتچىدۇر خۇدا،

نەپرەتلىنەر رەزىللەردىن دائىما.

12ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى،

بىلەپ ئۇ قىلىچىنى،

بەتلەپ قويار يا ئوقىنى.

13ئۇ تەييارلاپ قويغاندۇر ئەجەللىك قوراللارنى،

بەتلەپ قويغاندۇر يايىنىڭ ئوتلۇق ئوقىنى.

14رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلىدار بولار،

قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار،

تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.

15كىم كولىسا باشقىلار ئۈچۈن ئورا،

يىقىلىپ چۈشەر ئۆزى ئۇنىڭغا.

16كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا،

يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.

كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا،

يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.

17تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا،

مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.

8-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىت»تا* ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار،

شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە،

شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.

2بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى،

يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.

3قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _

كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،

4دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟

ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

5پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى،

كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.

6باشقۇرغۇزدۇڭ ئۇنىڭغا كۈللى جاھاننى،

تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى.

7تىز پۈكەر قوي، كالا، ياۋايى ھايۋانلار،

8ئاسماندىكى قۇشلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار،

شۇنداقلا دېڭىزدا ياشىغۇچى ھەممە جانلىقلار.

9ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار،

يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار.

9-مۇناجات

*

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «ئوغۇلنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى،

بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.

2سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى،

ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى.

3دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا،

ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.

4چۈنكى مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا،

ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.

5سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى،

ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى،

ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.

6دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە،

ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە.

قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە.

 

7پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە،

ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە.

8دۇنيانى ئۇ سوراق قىلار ئادالەتتە،

ئادىل ھۆكۈم چىقىرار خەلقلەرگە.

9پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە،

پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.

 

10سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر

ئىشەنچىنى باغلار ساڭا،

چۈنكى تەرك ئەتمەيسەن

ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.

 

11كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى،

بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.

12چۈنكى ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى،

ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.

 

13ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا،

قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن.

قارىغىن ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا.

14بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا،

سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا.

نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.

 

15يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا،

پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.

16ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار،

يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار.

ھىگگائون* سېلاھ

17قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار،

خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.

18مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى،

ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.

 

19ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر،

ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر.

20ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى،

بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى.

سېلاھ

10-مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا،

نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟

2يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا،

ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.

3يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى،

پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن،

ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى.

4يامانلار پەرۋا قىلماس خۇداغا ھاكاۋۇرلىقىدا،

خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا.

5ئوڭۇشلۇق بولار ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە،

خۇدا ھۆكۈمىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئالماي نەزەرگە،

مەغرۇر ھالدا دىماق قاقار دۈشمەنلىرىگە.

6ئۇلار دەر كۆڭۈللىرىدە: «تەۋرەنمەسمىز،

ھېچقاچان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماسمىز.»

7ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا،

يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا.

8مۆكۈپ تۇرۇپ مەھەللىلەرنىڭ پىنھانلىرىدا،

گۇناھسىزلارنى قەتل قىلار تۇيۇقسىزلا،

تىكىلگەندۇر كۆزلىرى پاناھسىزلارغا.

9چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار،

پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى،

چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.

10پۇرسەت كۈتەر مۆكۈپ تۇرۇپ يامانلار،

چاڭگىلىغا چۈشەر ئۇلارنىڭ پاناھسىزلار.

11دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى،

نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»

 

12ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى،

ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.

13نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى،

نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»

14بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى،

ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا

تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى،

ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا.

پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا،

ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.

15سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى،

رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى.

16مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار،

يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.

17ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە،

قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە.

كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.

18قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى،

پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.

11-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا،

«قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا»

دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!

2مانا يامانلار تارتىپ يايىنى،

تەق قىلدى سېلىپ ئوقىنى،

يوشۇرۇن ئاتماقچى بولۇپ ياخشىنى.

3نېمىمۇ قىلالار ھەققانىي كىشى،

بۇزۇلسا ھەققانىيلىقنىڭ ئۇللىرى؟

 

4پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر،

ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا.

كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى،

دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.

5پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى،

ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى.

6قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار،

يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.

7ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، سۆيەر ھەققانىيلىقنى،

پەقەت كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرەر ئۇنىڭ چېھرىنى.

12-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، سەككىز تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار،

تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار،

قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.

2يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە،

ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.

3‏-4دەيدۇ ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غالىب كېلىمىز،

ئۆزىمىزنىڭكىدۇر ئاغزىمىز،

كىممۇ بولالايتتى خوجىمىز؟!»

پەرۋەردىگار ئېتىۋەتكەي خۇشامەتچىلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى،

كېسىۋەتكەي ھەم پوچىلارنىڭ تىللىرىنى.

 

5«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا:

«زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر،

نالە قىلغاچ مىسكىنلەر،

يەتكۈزەي ئۇلارنى

تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»

6تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى،

چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.

7ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى،

مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى.

8تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار،

غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.

13-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟

يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟

2ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە،

دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟

3ئى پەرۋەردىگارىم، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا،

نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.

4ئەگەر كۆزلىرىم يۇمۇلسا خۇش بولار رەقىبلىرىم،

«مەن ئۇنىڭدىن غالىب كەلدىم» دېيىشەر دۈشمەنلىرىم.

5تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە،

نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.

6ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا،

ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا.

14-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر،

ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر.

ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر.

2ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن،

بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.

3ئەمما ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان،

بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.

 

4چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟!

ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يېگەندەك يەپ يۇتار،

پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.

5ھەققانىيلار بىلەن بىرگە بولغاچ خۇدا،

ئەخمەقلەرنى ۋەھىمە باسماقتا مانا.

6يوقاتماقچىمۇسىلەر ئارزۇلىرىنى ئېزىلگەنلەرنىڭ؟!

ئەمما پەرۋەردىگار پاناھگاھىدۇر ئۇلارنىڭ.

 

7نەقەدەر ياخشى ئىدى سىئوندىن چىقسا نىجاتلىق ئىسرائىللارغا!

پەرۋەردىگار ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا،

شادلىناتتى ياقۇپ ئەۋلادلىرى، چۆمەتتى ئىسرائىللار خۇشاللىققا.

15-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا،

كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟

2ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە

توغرا يولدا ماڭىدىغانلار،

ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار،

ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

3باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار،

دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار،

قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.

4پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار،

تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار،

زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.

5جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار،

پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار،

مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.

16-مۇناجات

داۋۇت يازغان مىقتام*

 

1ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا،

چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.

2دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا:

«ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.»

3ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ،

بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.

4كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا،

ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا.

قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا،

ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.

 

5پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر،

ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.

6ئېسىل رىزىقلىرىڭ ماڭا تەقدىم قىلىنغاندۇر،

سەن ئاتا قىلغان گۈزەل بەختىم بايلىقىمدۇر.

 

7ھەمدۇسانا ئېيتىمەن نەسىھەتچىم پەرۋەردىگارغا،

كېچىدىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەر قەلبىم ماڭا.

8پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا،

ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.

9شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە،

بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە.

10بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە،

يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.

11كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا،

خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا،

مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.

17-مۇناجات

داۋۇتنىڭ دۇئاسى

 

1ئى پەرۋەردىگار،

قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا،

ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا،

كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.

2«گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى،

چۈنكى كۆزۈڭ كۆرەر ئادىللىقنى.

3سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى،

كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى،

تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى،

تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى.

چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.

4ئەلا بىلىپ سېنىڭ تەلىملىرىڭنى،

زوراۋانلارنىڭ يولىدىن تارتتىم ئۆزۈمنى،

يۇقتۇرمىدىم يامانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى.

5ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ،

شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.

 

6ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا،

جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا.

بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى،

تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى.

7ماڭا بەخش ئەتكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئى ئۆزۈڭگە تايانغانلارنىڭ نىجاتكارى،

ھۇجۇمغا قالغانلارنىڭ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىسى.

8‏-9كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى،

مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن.

قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى،

قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.

10تاشتەك قاتتىقتۇر ئۇلارنىڭ باغىرلىرى،

چوڭ سۆزلەيدۇ ھەم ئېغىزلىرى.

11پېيىمگە چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى،

ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى.

12ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا،

ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا.

 

13ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ،

قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى،

قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.

14ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن

بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن.

پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى،

نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى.

پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى،

بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.

15ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن،

ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.

18-مۇناجات

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوقۇغان.

 

1كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.

2قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،

ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم،

قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.

3ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا،

دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.

4ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى،

ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.

5گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم،

ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

6ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا،

ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا.

ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا،

ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

7شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى،

تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى،

چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

8چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر،

ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار،

لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

9كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا،

تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

10ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا*،

پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

11يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى،

قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

12يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى،

ياغدۇرار ئىدى ئۇ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى،

پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى.

13پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەر ئاسماندا

ياڭرىتار ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا،

ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.

14تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى،

چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

15ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن،

قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن،

كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى،

ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

16پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى،

چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

17قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن،

قۇتقۇزدى مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

18ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا،

پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

19ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا،

ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

20ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا،

قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

21چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا،

رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

22كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى،

بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

23ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم،

ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

24قولۇم پاك، ئۆزۈم ھەققانىي بولغاچقا،

پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

 

25ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى،

ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

26پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە،

لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

27قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى،

يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

28پەرۋەردىگار، ياققۇچىسەن ھاياتلىق چىرىغىمنى،

ئىلاھىم، يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن زۇلمىتىمنى.

29ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە ھۇجۇم قىلالايمەن دۈشمەن قوشۇنىغا،

سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن تايىنىپ ساڭا.

 

30خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر،

ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر.

پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

31«ياھۋەھ»تىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟!

ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

32بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلار خۇدا،

يولۇمنى نۇقسانسىز قىلار خۇدا.

33كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى،

ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

34قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا،

بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

 

35ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى،

ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.

36بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى،

تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

37قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى،

قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

38مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا،

يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

39جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى،

باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

40چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى،

يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

41ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار،

نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

42ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك،

چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

43خەلق بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى.

باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە،

قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

44نامىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا،

تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا.

45جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر،

تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

 

46بەرھەق، ھاياتتۇر پەرۋەردىگار!

ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا،

ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!

47خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا،

بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

 

48قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن،

ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

49ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا،

مەدھىيە ئوقۇيمەن نامىڭغا.

 

50پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە،

ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _

تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.

19-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى،

ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.

2توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن،

تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.

3ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ گەرچە ئۇلار تىللىرىنى،

چىقارمىغان بولسىمۇ گەرچە ئۇلار ئۈنلىرىنى.

4تىۋىشلىرى يېيىلغاندۇر تامام يەر يۈزىگە،

خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە.

 

قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا،

5چىقار ئۇندىن قۇياش ئوخشاپ تويى بولغان ئوغۇلغا.

شادلىنار ئۇ ئوخشاپ گويا يۈگۈرۈشكە چىققان پالۋانغا.

6ئۆرلىسە ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن،

بارار چۆرگۈلەپ يەنە بىر چېتىگىچە،

قاچالماس ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن.

 

7مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى،

يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى،

ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى،

دانا قىلار نادانلارنى.

8توغرىدۇر پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى،

شادلاندۇرار قەلبلەرنى.

ئوچۇقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى،

روشەن قىلار كۆزلەرنى.

9پاكلىقتۇر ئىخلاس قىلىش پەرۋەردىگارغا،

ئىخلاسمەنلىك داۋاملىشار ئەبەدىيگە.

بەرھەقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى،

ئادىللىق سىڭگەندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە.

10قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن،

شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن.

11شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرار مەن بەندەڭنى،

چىڭ تۇرغۇچى بۇلاردا ئالار كاتتا ئىنئامىنى.

 

12كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى،

بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.

13ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن،

ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن،

ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا،

ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ.

14ئى پەرۋەردىگارىم، قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم،

خۇش قىلغاي سېنى سۆزلىرىم ۋە خىياللىرىم.

20-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا،

ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا.

2ياردەم بەرگەي مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن،

يۆلىگەي سېنى سىئوندىن.

3خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ،

قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. سېلاھ

4ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى،

ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى.

5ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا،

تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا.

ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.

 

6بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا،

مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا،

زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا.

7بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا،

ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.

8يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ،

قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ.

9ئى پەرۋەردىگار، غەلىبە ئاتا قىلغىن پادىشاھقا،

جاۋاب بەرگەيسەن ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا.

21-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، شادلىنار پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن،

خۇشالدۇر ئۇ ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭدىن.

2سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى،

رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ

3مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا،

ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.

4ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە،

ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.

5زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە،

بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.

6مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا،

ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا.

7بەرھەق، پادىشاھ ئىشەنچ باغلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە تەۋرەنمەس ئەسلا.

8ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى،

ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.

9تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار،

نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى،

يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _

غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.

10يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى،

قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى.

11يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا،

ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر،

ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.

12چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى،

يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.

13ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى،

ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.

22-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «تاڭ سەھەردىكى مارال» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟

قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟

ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.

2ئى ئىلاھىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى،

ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.

3لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن،

ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن.

4ئەجدادلىرىمىز باغلىغاندۇر ساڭا ئىشەنچىنى،

باغلىغاچ ساڭا ئىشەنچىنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ئۇلارنى.

5نالە-زار قىلىپ ساڭا، ئامان قالدى ئۇلار،

ساڭا ئىشەنچ قىلغانلىقتىن ئۇياتتا قالمىدى ئۇلار.

 

6ئەمما مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى،

ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن،

ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن.

7كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى.

دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:

8«پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى،

قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى.

ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن،

قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!»

 

9لېكىن سەن ئانامنىڭ قارنىدىن تۇغدۇردۇڭ مېنى،

ئەمچەكتىكى چېغىمدىلا تايانچىم قىلغانىدىم سېنى.

10مېنىڭ خۇدايىم ئىدىڭ مەن ئاپىرىدە بولغاندىلا،

ساڭا تاپشۇرۇلغانىدىم قورساقتىكى چېغىمدىلا.

11كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا،

كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى،

ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا.

12نۇرغۇن بۇقىلار قورشاۋغا ئالدى مېنى،

باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى ئورىۋالدى ئەتراپىمنى.

13ئولجا تالىشىپ ھۆركىرەۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا،

ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا.

14گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم،

ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم،

گويا شام بولۇپ ئېرىدى ئىچىمدە يۈرىكىم،

ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.

15قۇرۇپ كۈچ-مادارىم ئوخشاپ قالدىم ساپال پارچىسىغا،

چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا،

قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.

16قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر،

ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار،

پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.

17كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا،

ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا.

18بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى،

چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.

 

19ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا،

مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا.

20قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى،

ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.

21تارتىۋال مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن،

تېنىمنى ياۋايى بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن.

22جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا،

مەدھىيەلەيمەن سېنى جامائەتنىڭ ئارىسىدا.

 

23ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار،

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار،

ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.

24چۈنكى ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى،

ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى،

بەلكى ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى.

25مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا،

ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا.

26ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن،

پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى،

خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.

27يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر،

ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.

28بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا،

ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا.

29سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار،

تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.

30بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە،

ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە.

31جاكارلىنار كېيىنكى ئەۋلادلارغا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى،

بايان قىلىنار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى.

23-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1پادىچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.

 

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،*

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا.

24-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات،

يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.

2چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى،

چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى.

 

3پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟

مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟

4ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان،

ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن،

يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان.

5ئۇنداق ئادەملەر خۇدادىن بەخت تاپار،

نىجاتكارى خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنار.

6مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا،

ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا،

تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا.

سېلاھ

7ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار،

ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار!

شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

8بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟

ئۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر،

ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى قادىر پەرۋەردىگاردۇر.

9ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار،

ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار!

شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

10بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟

ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر،

ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. سېلاھ

25-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، ساڭا سېغىنىپ ئوقۇيمەن دۇئا.

2ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا،

يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى،

غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.

3شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار،

شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.

4ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى،

ئۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى.

5تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى،

چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىمسەن،

كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.

6ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى،

ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

7ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن

ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى،

كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.

 

8شاپائەتلىك، ئادىلدۇر پەرۋەردىگار،

شۇڭا توغرا يولغا باشلىنار گۇناھكارلار.

9كەمتەرلەرنى يېتەكلەر دۇرۇس يولغا،

ئۆز يولىنى ئۆگىتەر كىچىك پېئىللارغا.

10توغرا يولغا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن باشلار،

ئەھدىسى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگار.

11ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى،

گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى.

 

12ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا،

دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر خۇدا ئۇنىڭغا.

13بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى،

زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى.

14پەرۋەردىگار دوست تۇتار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى،

ئۇلارغا ئېنىق تونۇتار ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى.

15تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى،

تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى.

 

16ھالىمغا باق ئى ئىگەم، ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا،

يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا.

17دەرد-ئەلەملەر باسماقتا يۈرىكىمنى،

شۇ دەردلەردىن قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى.

18نەزىرىڭدىن ئۆتكۈزگىن ئازاب ۋە دەردلىرىمنى،

كەچۈرگىن ئۆزۈڭ بارلىق گۇناھلىرىمنى.

19دۈشمەنلىرىم نەقەدەر كۆپتۇر، قارا،

ۋەھشىيلەرچە ئۆچ بولماقتا ئۇلار ماڭا.

20قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى،

شەرمەندە قىلما مېنى،

باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى.

21دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى،

چۈنكى ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.

22ئى خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزغىن ئىسرائىللارنى.

26-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى،

ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى،

تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى.

2ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى،

پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى.

3ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا،

مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا.

4شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا،

ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە.

5يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن،

رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە.

6ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى،

ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.

7شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى،

بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.

8ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى،

شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.

9گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى،

قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.

10پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى،

سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى.

11مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى،

ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى.

12پۇتلىرىم تۇرار مېنىڭ بىخەتەر يەردە،

تەرىپلەيمەن پەرۋەردىگارنى تەقۋادارلار جامائىتىدە.

27-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار،

مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟

ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار،

يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟

2رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم،

گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.

3ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا،

قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا.

ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە،

تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا.

 

4ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى،

ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى:

«ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە،

قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە،

تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»

5ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا،

ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا.

چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا،

يوشۇرۇپ قويار مۇقەددەس چېدىرىغا.

6ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا.

شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى،

قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا،

ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.

 

7ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى قىلسام نىدا،

كۆرسەتكەيسەن ئىلتىپات جاۋاب بېرىپ ماڭا.

8«ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا»

دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا».

9قاچۇرمىغىن مەندىن دىدارىڭنى،

تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى.

بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم،

تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.

10ۋاز كەچسىمۇ مەندىن ئاتا-ئانام،

ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم.

 

11ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا،

باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا،

چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.

12تاشلاپ قويما رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە مېنى،

باشلىدى بۇ ساختا گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى ھۇجۇمنى،

شۇنچە ياۋۇز، زەھەردۇر ئۇلارنىڭ تىللىرى.

 

13يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا

كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا.

14تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى،

دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى،

شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.

28-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا،

ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا.

ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب،

قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ.

2مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى،

كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى،

ئاڭلىغىن ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى.

3يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا،

چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا،

دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا،

يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.

4جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ،

قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ.

قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا،

قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.

 

5پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار رەزىللەرنى،

ئەسلىگە كەلتۈرمەس قايتىدىن ئۇلارنى.

چۈنكى ئۇلار كۆزگە ئىلماس خۇدانىڭ ئەجرىنى،

پىسەنتىگە ئالماس ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى.

6ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن پەرۋەردىگارغا،

قۇلاق سالدى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجايىمغا.

7قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار،

ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا.

شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن،

شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجاتىمدا.

8كۈچ-قۇدرىتىدۇر پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ،

نىجاتلىق قورغىنىدۇر ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ.

9ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى،

بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى،

چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى.

29-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.

2تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا،

سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا.

 

3پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكيانلاردا،

گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا،

ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.

4پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر،

پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر.

5جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى،

شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى.

6جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى،

كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون* تېغى.

7پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى.

8پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى،

پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى.

9ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى،

يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى.

«ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.

10توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە،

پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.

11پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە،

تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.

30-مۇناجات

مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاش مۇراسىمىدا ئېيتىش ئۈچۈن داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلايمەن سېنى،

ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزدۇڭ مېنى.

مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە

قويمىدىڭ دۈشمەنلىرىمنى.

2ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم،

نالە قىلسام ساڭا،

شىپالىق بەردىڭ ماڭا.

3ئۆلۈكلەر ماكانىدىن نېرى قىلدىڭ جېنىمنى،

گۆرگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ مېنى.

 

4ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.

5ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،

ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھتۇر ئاداققىچە.

يىغا-زار داۋام ئەتسىمۇ گەر كېچىچە،

شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.

 

6مەغرۇرلىنىپ دېدىم مەن روناق تاپقان چېغىمدا:

«تەۋرەنمەسمەن ئەسلا.»

7ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ ماڭا شاپائىتىڭنى،

تاغدەك بۈيۈك قىلدىڭ مېنى.

ئەمما بولدۇم ئالاقزادە،

قاچۇرغىنىڭدا دىدارىڭنى.

8ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىپ ساڭا،

رەھىم تىلەپ دېدىمكى ئىگەم ساڭا:

9ئۆمرۈم تۈگەپ، كەتسەم ئۆلۈكلەر ماكانىغا،

نېمە پايدام تېگەر ساڭا؟

جەسىتىم جاكارلاپ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى،

ئوقۇيالارمۇ مەدھىيە ساڭا؟

10ئى پەرۋەردىگار،

كۆرسەتكىن شەپقىتىڭنى قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا،

ئى پەرۋەردىگار، مەدەتكار بولغىن ماڭا.

 

11ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى،

سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى،

باغلىدىڭ شادلىق كەمىرى بىلەن بېلىمنى.

12شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا،

ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا.

31-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ،

مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما،

قۇتقۇز مېنى ھەققانىيلىقىڭدا،

2قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا،

پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا،

قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا.

3بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ،

يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ.

4دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن،

چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.

5ئى پەرۋەردىگار _ ۋاپادار خۇدا،

تاپشۇردۇم روھىمنى قولۇڭغا،

تەييارسەن ئۆزۈڭ مېنى قۇتقۇزۇشقا.

6ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى،

باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى.

7مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ شاد-خۇرام قىلار مېنى،

بەرھەق، كۆردۈڭ جاپالىرىمنى،

بىلىپ يەتتىڭ ئازابلىرىمنى.

8مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا،

ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.

9ئى پەرۋەردىگار، قىلغايسەن ماڭا رەھىم،

چۈنكى مەن كۈلپەتتە قالدىم،

دەرد-ئەلەمدىن خىرەلەشتى كۆزلىرىم،

ئاجىزلاپ كەتتى ھەم روھىم، تېنىم.

10ئۇپرىماقتا ھەسرەت بىلەن ھاياتىم،

غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە يىللىرىم،

ماغدۇرۇم كەتمەكتە گۇناھلىرىم دەستىدىن،

قۇرۇپ، قاقشال بولماقتا ئۇستىخان، يىلىكلىرىم.

11قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە،

ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە.

بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە،

قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە.

12ئۇنتۇلدۇم مەن خۇددى ئۆلگەن ئادەملەردەك،

تاشلاندىم بەئەينى سۇنغان ساپال قاچىلاردەك.

13ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى،

ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى.

مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار،

پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.

14ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن،

دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»

15ھاياتىم ئىلكىڭدىدۇر پەقەت سېنىڭ،

چاڭگىلىدىن قۇتقۇز مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ _

ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ.

16چۈشۈرگىن قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ نۇرىنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇزغىن مېنى.

17ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما،

چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.

رەزىللەر بولغاي شەرمەندە،

زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە.

18ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ،

چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ.

19ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا،

ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا.

ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا،

جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا.

20سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا،

قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن،

ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا،

ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن.

21ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا،

چۈنكى ئۇ كۆرسەتتى ماڭا

ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى،

شەھەر قورشاۋدا قالغاندا.

22دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم:

«نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.»

لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا،

قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا.

 

23ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى،

پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى،

ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى.

24ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار،

غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار.

32-مۇناجات

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

 

1نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار،

ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.

2نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

پەرۋەردىگار گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار،

كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.

 

3ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا،

يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ،

چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.

4ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا،

ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا.

سېلاھ

5ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى،

تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى.

دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»،

خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى.

سېلاھ

6شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا،

تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا.

دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا،

شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.

7ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن،

ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى،

ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى.

سېلاھ

8پەرۋەردىگار دەيدۇكى،

ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى،

ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.

9ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما،

قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.

 

10دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا،

پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.

11ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار،

ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار.

33-مۇناجات

1ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا،

ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا.

2لىرا* چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا،

كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا.

3يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا،

شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار،

چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.

4چۈنكى ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى،

ئىشەنچلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى.

5ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى،

تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.

6يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا،

يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.

7چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا،

ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا.

8ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار،

قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.

9چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى،

ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.

10بىكار قىلار پەرۋەردىگار گۇناھكار خەلقلەرنىڭ قارارلىرىنى،

يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.

11ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى.

12«ياھۋەھ»نى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر،

پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان ئەل بەختلىكتۇر.

13ئەرشتىن نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار،

جىمىكى ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرار.

14تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇدا،

نەزەر سالار ئىنسانلارغا.

15خۇدا ياراتقاچ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى،

بىلىپ تۇرار ئۇلارنىڭ جىمى ئىشلىرىنى.

 

16پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن،

پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن.

17ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن،

قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن.

18بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.

19قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن،

ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن.

20پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز،

ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز.

21شادلىنار ئۇنىڭدىن قەلبىمىز،

چۈنكى مۇقەددەس خۇداغا ئىشەنچ باغلىدۇق بىز.

22ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە.

34-مۇناجات

داۋۇت ساراڭ بولۇۋالغاچقا، ئابىمەلەك پادىشاھ تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. داۋۇت ئۇشبۇ مۇناجاتنى شۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەپ يازغان.

 

1تەرىپلەيمەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى،

چۈشۈرمەسمەن ئاغزىمدىن مەدھىيەلەشنى.

2چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا،

ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.

3مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى،

ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.

4ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى،

ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.

 

5نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا،

يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.

6پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى،

ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.

7ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى،

قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى.

8ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى،

شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى.

 

9پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىڭلار، ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى،

ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلارنىڭ كەم بولماس ھېچ نەرسىسى.

10ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار،

ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.

11كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە،

پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.

12كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى،

بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،

13تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن،

چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

14يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق.

 

15پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا،

جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.

16يۈز ئۆرۈر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن،

يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.

17قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار،

ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.

18مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار،

روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار.

 

19كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار،

ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.

20ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى،

ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى.

21ئۆلۈم ئېلىپ كېلەر ئۆزلىرىگە رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرى،

جازالىنار ئۆچ كۆرگەنلەر ھەققانىيلارنى.

22قۇتقۇزار تەقۋادارلىرىنىڭ ھاياتىنى پەرۋەردىگار،

كىمكى ئۇنى پاناھ قىلسا جازادىن خالىي بولار.

35-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا،

ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.

2قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا،

ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا.

3ئايپالتا ۋە نەيزەڭ بىلەن توسۇۋالغىن مېنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى،

«مەن سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ» دەپ ماڭا، رىغبەتلەندۈر روھىمنى.

4جېنىمنى ئالماق بولغانلار،

شەرمەندە بولغاي، رەسۋا بولۇپ.

ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار،

يانسۇن كەينىگە، قارا يۈز بولۇپ.

5پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي،

ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.

6قوغلىۋەتكەي ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى،

قاراڭغۇ ھەم تېيىلغاق بولغاي ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى.

7ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا،

ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا.

8تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا،

يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا،

ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.

9شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن،

بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن.

10دەيمەن چىن قەلبىمدىن:

«ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ئوخشار ساڭا؟

ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەردىن قۇتقۇزغۇچى پەقەت سەنلا،

ئېزىلگەن، موھتاجلارنى زالىملاردىن قوغدايدىغان يەنە سەنلا.»

 

11ئوتتۇرىغا چىقىپ نىيىتى يامان گۇۋاھچىلار،

خەۋىرىم يوق ئىشلارنى سوراپ سوراق قىلار.

12ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار،

ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار.

13ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇردۇم ئۇلار كېسەل بولغاندا،

كەمتەر بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، قىلدىم دۇئا،

لېكىن جاۋابسىز قالدى دۇئالىرىم يەنىلا.

14قايغۇردۇم قېرىندىشىم ياكى دوستۇم ئۈچۈن ئازابلانغاندەك،

مەيۈسلەندىم خۇددى ئانىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئادەمدەك.

15پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا،

جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا.

ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا،

مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا.

16نومۇسسىزلارچە مەسخىرە قىلىشىپ مېنى،

خىرىس قىلىشىپ، غۇچۇرلاتتى چىشلىرىنى.

 

17ئى ئىگەم، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟

قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن،

ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن.

18تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا جامائەت ئالدىدا،

مەدھىيەلەيمەن سېنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.

19زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار،

كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.

20شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا،

بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا.

21ۋارقىرىشار ئۇلار ماڭا چوڭ ئېچىپ ئېغىزلىرىنى:

«ۋاي، كۆردۇق ئۆز كۆزىمىز بىلەن قىلمىشلىرىڭنى.»

 

22ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن،

ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن.

23ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى،

ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى.

24ئى پەرۋەردىگار، خۇدايىم ئادالىتىڭدە ئاقلىغىن مېنى،

مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە يول قويمىغىن دۈشمەنلىرىمنى.

25يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى،

يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى.

 

26كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار،

غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي.

مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار،

رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي.

27گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار،

چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا.

«قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار

ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.

28بايان ئەيلەر تىلىم ئادالىتىڭنى،

كۈنبويى مەدھىيەلەيمەن سېنى.

36-مۇناجات

پەرۋەردىگارنىڭ بەندىسى داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1بىر چۈشەنچە ئايان بولدى قەلبىمگە،

رەزىللەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە.

خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە.

2ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتار ئۇلار مەغرۇرلۇقتا،

تونۇماس گۇناھلىرىنى ھەتتا،

نەپرەتلەنمەس ئۇلاردىن ئەسلا.

3ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن،

باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.

4رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى،

ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى،

ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.

 

5ئى پەرۋەردىگار، مۇھەببىتىڭ ئەرش كەبى بۈيۈكلۈكتە،

ۋاپادارلىقىڭ ئاسمان-پەلەك چەكسىزلىكىدە.

6ئى پەرۋەردىگار،

ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا،

ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا،

غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.

7بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا،

پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.

8قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن،

بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن.

9چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن،

كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن.

10ئايرىلمىغاي مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ سېنى تونۇغانلاردىن،

ئايرىلمىغاي ئادالىتىڭ قەلبى پاكلاردىن.

11دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار،

قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر.

12قارا مانا، غۇلاپ چۈشتى يامانلىق قىلغۇچىلار،

يىقىتىلدى، ئەمدى تۇرالماس ئۇلار.

37-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما،

يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.

2چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تېزلا،

مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.

3ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا،

تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

4شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى،

ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.

5ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا،

ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.

6تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى،

چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى.

7سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى،

بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن،

ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.

8يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى،

بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.

 

9زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار،

ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

10پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى،

يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.

11لېكىن كەمتەرلىك بىلەن خۇداغا تايىنىدىغانلار

زېمىنغا ئىگە بولۇپ، مول بەرىكەتتىن ھۇزۇرلىنار.

12رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا،

چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.

13ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى،

چۈنكى ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.

14يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى،

رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى.

قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى

غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.

15ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى،

ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.

 

16قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ،

ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.

17سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى،

پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.

18پەرۋەردىگار كۆڭۈل بۆلەر پاك ئىنسانلارغا،

بېرىلگەن زېمىنى مەڭگۈ قالار ئۇلارغا.

19يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە،

توق يۈرىدۇ قەھەتچىلىكتە.

20بىراق ھالاك بولار رەزىللەر،

پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر،

ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.

21قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر،

ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.

22زېمىنغا ئىگە بولار پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر،

زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلار ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچۇرغانلار.

 

23خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار،

ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.

24يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار،

پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار.

25ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى،

كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى،

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.

26شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر،

پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر.

27ياخشىلىق قىلغىن، تاشلا يامانلىقنى،

ماكان قىلىسەن مەڭگۈگە خۇدا بەرگەن زېمىننى.

28چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى،

تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى.

تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى،

بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.

29ھەققانىيلار ئىگە بولار زېمىنغا،

ماكان تۇتۇپ مەڭگۈ ياشار ئۇنىڭدا.

30ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر.

31قەلبىدىن ئورۇن ئالغاچ خۇدانىڭ تەلىملىرى،

شۇڭا خاتا بېسىلماس قەدەملىرى.

32ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر،

ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.

33پەرۋەردىگار قالدۇرماس ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىغا،

ھەم قارشى ھۆكۈممۇ چىقارغۇزمايدۇ ئۇلارغا.

 

34تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.

چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى،

ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى.

كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.

35كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى،

چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.

36ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا،

ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا.

37پاك ئادەملەرگە باق، كۆزەت دۇرۇسلارنى،

تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى.

38بىراق ئىتائەتسىزلەر قىرىلىپ تۈگەر،

رەزىللەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەر.

39پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا،

باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.

40قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار،

رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار،

چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.

38-مۇناجات

داۋۇت يازغان خاتىرە مۇناجاتى

 

1ئى پەرۋەردىگار،

مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە،

ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.

2كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ،

باستى مېنى قوللىرىڭ.

3غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى،

گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى.

4غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە،

سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.

5يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم،

سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم.

6بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ،

كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ.

7ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم،

تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم.

8تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ،

ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ.

 

9ئى ئىگەم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا،

ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.

10يۈرىكىم جىغىلداپ ھالى كەتتى،

ھەتتا كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى.

11يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن

يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.

12تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار،

ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار.

ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.

13ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك،

ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك.

14شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن،

رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن.

 

15ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا،

ئى ئىگەم خۇدا، جاۋاب بېرىسەن ماڭا.

16تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار،

تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.

17يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا،

ئازاب ھەمراھتۇر دائىم ماڭا.

18ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا،

پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.

19دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر،

سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر.

20ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار،

توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار.

21ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما،

ئى خۇدايىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا.

22ئى ئىگەم، نىجاتكارىم،

قىلغىن ماڭا تېزدىن ياردەم.

39-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يىدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق:

«قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى،

رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»

2گەرچە كېرەك بولسىمۇ سۆزلىشىم،

سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم،

ئەمما مېنىڭ ئېشىۋەردى ئازابىم.

3زەرداب بولۇپ قاينىدى باغرىم،

ئويلىغانچە كۆيدى يۈرىكىم.

ئاخىر بولماي مۇنداق دېدىم:

4«ئى پەرۋەردىگار، چۈشىنەي ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى،

كۈنلىرىمنىڭ ساناقلىق قالغانلىقىنى.

بىلىپ قالاي ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى.»

 

5بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا،

ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا،

بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ

6سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى،

بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى.

بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار

بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.

 

7ئى ئىگەم، نېمىنى كۈتەي ئەمدى؟

ئۈمىدىم پەقەت سەندىلا قالدى.

8ساقىت قىلغىن گۇناھلىرىمنى،

ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويما مېنى.

9سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى،

چۈنكى ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى.

10توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى،

كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى.

11گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى،

كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى.

بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى.

سېلاھ

12ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا،

كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا،

سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا،

چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا،

ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.

13غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا،

ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمۈلەي شادلىققا.

40-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى،

قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.

2تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن،

چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن.

قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى،

مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.

3پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى،

خۇدايىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى.

نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى،

پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.

4بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا،

چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا،

يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا.

 

5ئى پەرۋەردىگارىم، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ،

بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ.

سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ،

يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.

6ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى،

ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى.

ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.

7شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا،

يېزىلغاندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.

8ئى خۇدايىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر،

تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»

9زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى.

10يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى،

بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى.

پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.

 

11ئى پەرۋەردىگار، ئايىمىغىن مەندىن شەپقىتىڭنى،

مۇھەببەتلىك ۋە ئىشەنچلىكتۇرسەن، قوغدىغىن مېنى.

12چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى،

كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى.

بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم،

تەرك ئەتتى جاسارىتىم جىسمىمنى.

13ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى.

14جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار،

شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ.

جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار،

چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.

15مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە،

ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە.

16ساڭا تەلپۈنگەن بارلىق كىشىلەر،

سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن.

نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر دائىم:

«پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن!

17بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم،

بىراق مېنى ياد ئېتەر ئىگەم.

مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم،

ھايال بولما، ئى خۇدايىم.

41-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى،

بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى.

2ھاياتىنى ساقلايدۇ، قوغداپ ئۇنى پەرۋەردىگار،

خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايدۇ ئۇ بەختىيار،

رەقىبلىرىنىڭ مەيلىگە تاشلىماس ئۇنى زىنھار.

3ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا،

پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا،

شىپالىق بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا.

 

4ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا،

ساقايتقىن مېنى شەپقەت قىلىپ ماڭا،

گۇناھ قىلىپ، قارشى چىققان بولساممۇ ساڭا.

5رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى:

«تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»

6ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا،

يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا.

كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى،

يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا.

7مەن ھەققىدە پىچىرلىشار ماڭا ئۆچلەر،

زىيانكەشلىك قەستىدە مۇنداق دېيىشەر:

8«يامان كېسەل چاپلىشىپتۇ ئۇنىڭغا،

ياتقان ئورنىدىن تۇرالماس ئۇ ئەمدى ئەسلا.»

9ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ

سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.

 

10ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ماڭا شەپقىتىڭنى،

تۇرغۇزغايسەن ئورنۇمدىن مېنى،

شۇندا ئۇلاردىن ئالالايمەن ئەنتىمنى.

11غەلىبە قىلغۇزمىدىڭ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى،

بىلدىم شۇنىڭدىن، مەندىن خۇش ئىكەنلىكىڭنى.

12دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا،

مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا.

13مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا،

مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن!

42-مۇناجات

ئىككىنچى بۆلەك

*

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا،

ئى خۇدايىم، تەشنا بولدۇم ساڭا!

2ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا،

قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟

3كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا،

«قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.

4كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە:

باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە،

كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە،

مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.

5ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن ئۇنى يەنىلا،

چۈنكى خۇدايىم خۇشاللىق ئاتا قىلغۇچىدۇر ماڭا.

 

6ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى،

شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى،

ئىئوردان زېمىنىدا،

خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.

7گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك،

توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ،

بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.

 

8كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى،

كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى،

ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.

9ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا:

ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟

نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن،

دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟

10ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى،

دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.

11ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن ئۇنى يەنىلا،

چۈنكى خۇدايىم خۇشاللىق ئاتا قىلغۇچىدۇر ماڭا.

43-مۇناجات

1ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى،

قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى،

ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.

2باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا،

تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟

نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن،

دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟

3چاچقىن نۇرۇڭنى، كۆرسەت ھەقىقىتىڭنى،

يېتەكلىسۇن ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا،

ئېلىپ بارسۇن ئۇچرىشىش جايىمىزغا.

4قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا،

بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا.

چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا،

مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.

5ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟!

ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟!

ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن ئۇنى يەنىلا،

چۈنكى خۇدايىم خۇشاللىق ئاتا قىلغۇچىدۇر ماڭا.

44-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا،

سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى

ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا،

ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.

2ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى،

ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى.

قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى،

روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.

3ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن،

غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن.

بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن،

ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن،

چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.

 

4ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن،

ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.

5ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى،

قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى.

6ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا،

شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا.

7غەلىبە قىلغۇزدۇڭ رەقىبلىرىمىز ئۈستىدىن بىزنى،

شەرمەندە قىلدىڭ بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەرنى.

8ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى،

ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى.

سېلاھ

9بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە،

چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.

10مەغلۇپ قىلدىڭ بىزنى رەقىبلىرىمىز ئالدىدا،

بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەر بۇلىدى بىزنى شۇ ھالدا.

11بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا،

چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا.

12ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى،

قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى.

13قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە،

ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.

14يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى،

مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى.

15‏-16نومۇسقا قالغانلىقىم تۇرار كۆز ئالدىمدا،

شەرمەندىچىلىك باردۇر مېنىڭ بوينۇمدا.

چۈنكى رەقىبلەر ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ

تىل-ئاھانەتلىرى دائىم يېتەر قۇلىقىمغا.

 

17بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى،

ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى،

ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى.

18گەرچە قالمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز،

چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز،

19ئايلاندۇردۇڭ زېمىنىمىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىغا،

تاشلاپ قويۇپ بىزنى ئۆلۈمنىڭ قارا قوينىغا.

 

20ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق،

قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق،

21ئەجەبا، خۇدايىمىز بايقىماي قالارمىدى؟

ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.

22ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن قىرىلماقتىمىز،

سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.

 

23ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟

تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا!

24نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى،

نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟

25پايخان بولدى ئار-نومۇسىمىز،

مىلەندى چاڭ-تۇپراققا تېنىمىز.

26كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.

45-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇھەببەت ھەققىدىكى تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «نېلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى،

ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى،

تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.

2ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا،

لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر،

مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.

3ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى،

ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى.

4زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە،

قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى،

غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە.

5ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ،

دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.

6ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

سەلتەنەت ھاساڭ ئادالەت ھاسىسىدۇر.

7ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى،

شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى.

ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.

8ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ،

شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە گۈلدارچىننىڭ.

پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى

يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.

9شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا،

ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.

 

10تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە،

ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.

11پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا،

خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا.

12تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر،

ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار.

 

13نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا،

كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا.

14پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرۈلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە،

ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە.

15باشلاپ كېلىنىدۇ ھەممىسى خۇشال ھالدا،

كىرىشىدۇ ئۇلار پادىشاھ سارىيىغا.

 

16ئىزىنى باسار ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ،

شاھزادىلىرى قىلىسەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھاننىڭ.

17ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى،

ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.

46-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «ئالاموت» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچى خۇدادۇر،

كۈلپەتتە قالساق ھەر زامان ياردەمدىدۇر.

2‏-3ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا،

تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا.

دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ،

تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ،

بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا.

سېلاھ

4باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا،

خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.

5شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا،

تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.

6گۇمران بولدى شاھلىقلار،

غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر.

جاراڭلىسا خۇدانىڭ ئاۋازى

يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ

8كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى،

زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.

9توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى،

سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى،

كۆيدۈرۈپ قالقانلارنى.

10دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى،

بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى!

ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە،

بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»

11قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ

47-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار،

خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.

2چۈنكى ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر،

ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار بۈيۈك پادىشاھتۇر.

3باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى،

ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.

4نېسىۋە قىلىپ تاللاپ بەردى بىزگە بۇ يەرنى،

ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ* پەخرى بولغان زېمىننى.

سېلاھ

5ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا،

چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.

6كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا،

كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.

7چۈنكى پۈتكۈل جاھانغا پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار،

مۇناجاتلار ئېيتىپ ئۇنى كۈيلەڭلار.

8ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە،

ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.

9يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى

قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە.

جاھان پادىشاھلىرى خۇداغا تەۋەدۇر،

بەرھەق، پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.

48-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات

 

1ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار!

ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا،

خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە،

لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.

2بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى،

شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ.

ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك،

تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.

3خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ،

قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.

 

4بىر يەرگە يىغىپ قوشۇنلىرىنى پادىشاھلار،

ماڭغانىدى جەڭ قىلماق بولۇپ ئۇلار.

5لېكىن ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە،

ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە.

6تىترەك باستى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى،

قىينالدى ئۇلار تولغاق يېگەن ئايال كەبى.

7ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى،

ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ كاتتا كېمىلىرى»نى.

8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _

خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە،

كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا.

خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە.

سېلاھ

9ئى خۇدا، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە،

چوڭقۇر ئويلاندۇق مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ھەققىدە.

10ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا،

خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا.

تولغاندۇر ئوڭ قولۇڭ ئادىللىققا.

11ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن،

خۇش بولسۇن سىئون تېغى،

شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.

 

12ئەي خۇدانىڭ خەلقلىرى،

زىيارەت قىلىڭلار يېرۇسالېمنى.

ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنى،

ساناپ چىقىڭلار مۇنارلىرىنى.

13كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى،

كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى،

بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى.

14بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە،

ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.

49-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەي جاھان ئەھلى قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي خەلقلەر ياخشى ئاڭلاڭلار.

2ئېسىلزادە ياكى ئاددىي ئادەم بولسۇن،

باي ۋە نامرات ھەممىسى قۇلاق سالسۇن.

3بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى،

چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى.

4دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە،

لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.

 

5مەن نېمىشقا قورقۇپ يۈرەي كۈلپەت كەلسە بېشىمغا،

رەقىبلىرىمنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئەتراپىمنى قاپلاپ تۇرسا؟!

6مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار،

بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.

7‏-9قېرىندىشى ئۈچۈن ھېچكىم خۇداغا بەدەل تۆلىيەلمەس،

قېرىندىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش مۇمكىن ئەمەس،

باھاسىزدۇر ئىنسان ھاياتى، سېتىپ ئالغىلى بولماس.

قۇتقۇزالماس ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېرىندىشىنى،

مەڭگۈ ياشاپ، گۆر ئازابىنى كۆرمەسلىكىنى.

10بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى،

نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى.

ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.

11گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە،

ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە.

تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.

12بايلىقى بولسىمۇ مەڭگۈ ياشاۋەرمەس ئىنسان،

ھايۋانغا ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ھامان.

13مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ،

ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ. سېلاھ

14پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا،

ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا.

جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە،

ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا.

ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە،

ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.

15لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى،

گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى.

سېلاھ

16بىسەرەمجان بولما بىرەرسى بېيىپ كەتسە،

ئائىلىسىنىڭ مال ۋە مۈلكى كۆپەيسە.

17ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە،

بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە.

18بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا،

كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا،

19كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا،

چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.

20چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى،

ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى.

50-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات

 

1قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە،

مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.

2خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن،

گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.

3خۇدايىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ،

ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر،

ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.

4ئۇ چاقىرىپ ئاسمان بىلەن زېمىننى گۇۋاھلىققا،

دەيدۇ مۇنداق، ئۆز خەلقىنى تارتىش ئۈچۈن سوراققا:

5«ھۇزۇرۇمغا يىغىڭلار ماڭا سادىق خەلقىمنى،

قۇربانلىق قىلىپ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەنلەرنى.»

6ئەرشتە نامايان بولار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى،

بەرھەق، ئالەمنىڭ سوراقچىسىدۇر خۇدا ئۆزى.

سېلاھ

7«مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا،

ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا،

ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا.

8قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى،

ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى.

9لازىم ئەمەستۇر ماڭا ئېغىلىڭدىكى بۇقىلىرىڭ،

ياكى قوتىنىڭدىكى ئۆچكىلىرىڭ.

10چۈنكى مېنىڭكىدۇر ئورمانلاردىكى بارلىق ھايۋانلار،

مىڭلىغان يايلاقلاردىكى مال-ۋارانلار.

11ماڭا تەۋەدۇر تاغلاردىكى ئۇچار قاناتلار،

دالادىكى جىمى جانىۋارلار.

12سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا،

چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا.

13ئەجەبا، مەن يەرمەنمۇ بۇقا گۆشىنى،

ئىچەرمەنمۇ ئۆچكە قېنىنى؟!

14قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا،

ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا.

15چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا،

قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»

 

16ئەمما خۇدا دەيدۇكى رەزىللەرگە:

«نېمە ھەققىڭ بار قىرائەت قىلىشقا نىزاملىرىمنى؟

نېمە ھەققىڭ بار تىلغا ئېلىشقا ئەھدەمنى؟

17ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى،

رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى.

18دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن،

ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن.

19پاسىق سۆزلەردىن تارتمايسەن تىلىڭنى،

تىلىڭ توقۇپ چىقار يالغانچىلىقلارنى.

20ئولتۇرۇۋېلىپ قارا چاپلايسەن تۇغقىنىڭغا،

تۆھمەت قىلىسەن بىر قورساق قېرىندىشىڭغا.

21سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى،

ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى.

بىراق مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى،

ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى.

22ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى،

بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى.

ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.

23قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار،

شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»

51-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت باتشەبا دېگەن ئايال بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئالدىغا ناتان پەيغەمبەر كېلىپ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بۇ مۇناجاتنى يازغان.

 

1رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە.

كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى،

چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.

2پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى،

يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.

3بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا،

گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.

4گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا،

نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا.

ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ،

ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.

5گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا،

ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.

6سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى،

سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.

7تازىلا مېنى لېپەكگۈلدە*، پاكلىناي،

يۇيغىن مېنى، قاردىن ئاققا ئايلىناي.

8كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي،

سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.

9نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى،

ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.

10بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا خۇدايىم،

ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.

11قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى،

تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.

12ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى،

ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.

13شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى،

گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى.

14ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا!

قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى،

شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى.

15ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى،

ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.

16ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى،

كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.

17خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى،

ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.

18شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى،

يېڭىباشتىن قۇرغايسەن ئۇنىڭ سېپىللىرىنى.

19مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا،

قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى،

ئاۋام قۇربانلىق قىلار بۇقىلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا.

52-مۇناجات

بۇ مۇناجات دوئېگ ئىسىملىك بىر ئىدوملۇق پادىشاھ سائۇلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، داۋۇتنىڭ روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قويغاندىن كېيىن، داۋۇت تەرىپىدىن يېزىلغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟

مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.

2تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا،

ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.

3ئەۋزەل كۆرىسەن ياخشىلىقتىن يامانلىقنى،

ھەق سۆزلەشتىن يالغانچىلىقنى. سېلاھ

4‏-5ئامراقسەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغان يالغان سۆزلەرگە،

شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى يوقىتىدۇ مەڭگۈگە.

تۇتۇۋېلىپ ئۇ سېنى تارتىپ چىقار ئۆيۈڭدىن،

يىلتىزىڭنى يۇلۇپ تاشلار بۇ پانىي ئالەمدىن. سېلاھ

6بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار،

ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:

7«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى،

ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى،

باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»

 

8مەن بۈك-باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن،

خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.

9شاپائەتلىكتۇرسەن ئى خۇدا،

ئۈمىد باغلايمەن ساڭا،

تەقۋادار خەلقىڭ ئارىسىدا

مەڭگۈ شۈكۈر ئېيتىمەن قىلغان ئىشلىرىڭغا.

53-مۇناجات

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «ماخالات»تا* ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر،

ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر.

ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر.

2ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن،

بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.

3ئەمما ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان،

بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.

 

4چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟!

ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يېگەندەك يەپ يۇتار،

ئەسلا دۇئا-تىلاۋەت قىلماس خۇداغا ئۇلار.

5باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە،

ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ بولمىغان يەردە.

چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانجىپ، چېچىۋېتەر خۇدا

سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى.

سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى،

چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.

 

6نەقەدەر ياخشى ئىدى سىئوندىن چىقسا نىجاتلىق ئىسرائىللارغا!

خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا،

شادلىناتتى ياقۇپ ئەۋلادلىرى، چۆمەتتى ئىسرائىللار خۇشاللىققا.

54-مۇناجات

بۇ زىفلىقلار پادىشاھ سائۇلنىڭ يېنىغا بېرىپ «داۋۇت بىزنىڭ ئارىمىزدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ» دەپ چېقىمچىلىق قىلغاندىن كېيىن* داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى،

قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى.

2ئى خۇدا، ئاڭلىغىن دۇئالىرىمنى،

تىڭشىغىن مۇناجات-نىدالىرىمنى.

3زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا،

ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا.

ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا. سېلاھ

4ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا،

ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.

5بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا،

ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.

6ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى،

بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.

7شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى،

ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.

55-مۇناجات

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازدا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا ئى خۇدا،

بىپەرۋا بولمىغىن ئىلتىجايىمغا.

2جاۋاب بەرگىن نەزەر سېلىپ بۇ ھالىمغا،

يۈرىمەن قاقشاپ، پەرىشانمەن دائىما.

3سالدى دۈشمەنلەر تەھدىت ماڭا،

رەزىللەر سالماقتا جەبىر-جاپا.

شىكايەت قىلار ئۇلار ماڭا،

قەھرىدىن بالا ياغار بېشىمغا.

4يۈرىكىم سىقىلار قەپىسىدە،

ۋۇجۇدۇم بېسىلار ئۆلۈم تەشۋىشىدە.

5ئەنسىزلىك چىرماپ ئالدى جىسمىمنى،

ۋەھىمە، تىترەكلەر قاپلىماقتا مېنى.

6بولسا ئىدى قانىتىم كەپتەرلەر كەبى،

پەرۋاز قىلىپ تاپار ئىدىم ئارامگاھنى.

7دەر ھەقىقەت قېچىپ بېرىپ يىراقلارغا،

قونار ئىدىم چۆل-جەزىرە، باياۋانغا. سېلاھ

8ئۇ يەرلەردىن بىر پاناھ جاي تاپار ئىدىم،

بوران-چاپقۇن، قۇيۇنلاردىن قۇتۇلار ئىدىم.

9ئى ئىگەم، بىسەرەمجان قىلىپ ياۋلىرىمنى،

بۆلۈۋەتكىن بىرقانچىگە تىللىرىنى.

چۈنكى كۆردۈم مەن شەھىرىمىزدە

زوراۋاننىڭ ھەرىكىتى ۋە جېدىلىنى.

10‏-11قاراۋۇللۇق قىلار ئۇلار كېچە-كۈندۈز،

ئايلىنىپ يۈرۈپ شەھەر سېپىلىنى.

ۋاھالەنكى، قاپلىغان شەھەرنى جىنايەت ۋە شۇملۇق،

ئۆز ئىلكىگە ئالغان زۇلۇم، ھىيلە ۋە بۇزۇقچىلىق.

 

12دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار،

بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم.

ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر،

بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.

13ئەمما بۇنى قىلغۇچى دەل سەن _ مېنىڭ يېقىنىم،

جانجىگەر دوستۇم ۋە ياخشى ھەمراھىم.

14بىز سىرداش دوستلار ئىدۇق،

مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھويلىسىدا

جامائەت ئارىسىدا بىللە يۈرگەنىدۇق.

15ئۆلۈم دۈشمەنلىرىمنى قوينىغا ئالسۇن تۇيۇقسىزلا،

تىرىك كەتسۇن ئۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا،

چۈنكى رەزىللىك ماكان تۇتار ئۇلارنىڭ دىللىرىدا.

 

16ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا،

پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا.

17پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى،

خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى،

ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.

18گەرچە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ

قارشى چىققانلار ماڭا،

ئۇ قۇتقۇزار جەڭلەردە مېنى،

زەرەر يەتكۈزمەي جېنىمغا.

19ئەزەلدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگۈچى

ئاڭلاپ مېنىڭ دۇئالىرىمنى، سېلاھ

مات قىلار دۈشمەنلىرىمنى.

چۈنكى ئۇلار يانماس يولىدىن،

قورقماس ھەم خۇدايىمدىن.

20ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى

ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە.

خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم

دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە.

21سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى،

بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى.

شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى،

لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.

 

22پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى،

ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى.

پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز

توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.

23ئېھ خۇدا،

سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى،

قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى،

ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.

56-مۇناجات

ئۇ داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «يىراقتىكى ئۈنسىز كەپتەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى گات دېگەن شەھەردە تۇتۇۋالغاندا يازغان.

 

1شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا.

كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە،

كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە.

2رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى،

ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا.

3ئىشەنچ قىلدىم ساڭا خۇدا، قورققان چېغىمدا،

4ۋەدىلىرىڭ بولغاچ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا.

ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا،

قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.

5بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما،

خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا.

6ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا،

چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.

7جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟!

ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە.

 

8خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى،

تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى،

يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.

9دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا،

شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا.

10ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى،

ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى.

11ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا،

قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.

12تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا،

سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا.

13چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن،

ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن.

مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا،

ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.

57-مۇناجات

داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان چېغىدا يازغان.

 

1شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا،

شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا.

چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە،

قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا،

تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.

2نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا،

مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.

3ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى،

شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ

كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.

4مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ،

ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ.

تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا،

نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.

5ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

6تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم،

ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم.

ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا،

ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ

7ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا،

شۇڭا مەدھىيە ئوقۇيمەن ساڭا ناخشامدا.

8ئويغان ئەي روھىم!

سايرا لىرا، چىلتارىم!

ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن،

ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن.

9ئى ئىگەم، ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا،

كۈيلەيمەن سېنى بارچە ئەل، خەلقلەر ئارا.

10چۈنكى مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان،

ساداقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

11ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

58-مۇناجات

داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟

ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمۈڭلار؟

2ياق، كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ قارار چىقىرىسىلەر،

يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلار زوراۋانلىق قىلىسىلەر.

 

3رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا،

يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا.

4‏-5زەھەرخەندىدۇر ئۇلار زەھەرلىك يىلان كەبى،

جاھىللىقى ئۇلارنىڭ نەي ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كۆزەينەكلىك يىلان بەئەينى،

يىلان ئويناتقۇچىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىماس ئۇلار قەتئىي.

 

6ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى،

ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى.

7ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن،

ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇ ئان سۇنۇپ كەتسۇن.

8ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار، خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك،*

كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك.

9تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى،

ئى خۇدا، يوقىتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى.

 

10يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار،

يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.

11شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر،

شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.»

59-مۇناجات

داۋۇت بۇ مىقتامنى پادىشاھ سائۇل پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا ۋە پۇرسىتى كەلگەندە ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغاندا يازغان.

 

1قۇتقۇز ئىگەم مېنى رەقىبلىرىمدىن،

قوغدا مېنى ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن.

2قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن،

ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.

3‏-4جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە،

نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە.

ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا،

ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا.

ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا،

كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە،

نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.

5ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

كەلگىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالاشقا،

شەپقەت قىلمىغىن رەزىل ساتقۇنلارغا. سېلاھ

6ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار،

لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر،

7توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار،

تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار،

ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.

8لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈستىدىن كۈلىسەن،

بۇ دۈشمەن خەلقلەرنى مازاق قىلىسەن.

 

9ساڭا تەلمۈرىمەن ئى كۈچ-قۇدرىتىم خۇدا،

چۈنكى باشپاناھىمدۇرسەن ماڭا دائىما.

10ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر،

دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.

11ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم،

ھالاك قىلما ئۇلارنى،

ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى.

قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى،

يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.

12ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا،

زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ.

يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى

تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.

13غەزىپىڭدە يوق قىل ئۇلارنى،

قىرىپ تاشلا قالدۇرماي بىرىنى.

ئايان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا،

ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا خۇدانىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى. سېلاھ

14ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار،

لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر.

15ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يانغا قاترار،

تاپالمىسا ئەگەر ئاچ قېلىپ ھۇۋلار.

 

16ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى،

ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن،

ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.

17ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان خۇدا،

ناخشا ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇيمەن ساڭا.

سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن،

ماڭا مۇھەببەت بەرگۈچى خۇدادۇرسەن.

60-مۇناجات

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى قىممەتكە ئىگە بىر مىقتام بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇشبۇ مىقتام داۋۇت ئاررام-ناھارايىم ۋە ئاررام-زوباھلىقلار بىلەن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، ھەمدە لەشكەر بېشى يوئاب تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 12 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان.

 

1ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى،

غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.

2سەن تەۋرىتىپ ئېچىۋەتتىڭ يەر-زېمىننى،

مانا سىلكىنمەكتە يەر، ئوڭشا ئۇنى.

3ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە،

جازا شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ بىزگە.

4ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا،

پاناھلانسۇن دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ بېرىپ ئۇ جايغا. سېلاھ

5دۇئايىمىزنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا،

ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا.

 

6خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن مۇنداق دەيدۇ:

«شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى،

تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.

7گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا،

ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا.

ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،

يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.

8پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا،

چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا.

چۇقان سالىمەن فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»

 

9كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر،

كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟

10ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟

بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.

11دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە،

بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.

12خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە،

ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.

61-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى،

قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى.

2چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا،

يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.

3شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم،

دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.

4چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي،

قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي.

سېلاھ

5ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى،

بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.

6ئۇزارتىپ پادىشاھنىڭ ئۆمرىنى،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋام ئەتكىن تەختىنى.

7ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا،

قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما.

8نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا،

ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا.

62-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «يىدۇتۇن» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن،

نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.

2قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر،

تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر.

 

3‏-4ئەي رەزىللەر قاچانغىچە ماڭا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟

قاچانغىچە ھەممىڭلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟

خۇددى يىقىتقاندەك قىيسىيىپ قالغان تام، لىڭشىپ قالغان قاشانى،

سىلەرنىڭ قەستىڭلار ھەيۋەتلىك ئورنۇمدىن يىقىتىشتۇر مېنى.

شۇنچە ئامراق سىلەر يالغانچىلىققا،

بەخت تىلىگىنىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردا،

قارغايسىلەر ئىچىڭلاردا.

سېلاھ

5پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم،

چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.

6قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر،

تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر.

7نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر،

خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر.

8ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا،

ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا.

چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ.

سېلاھ

9ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر،

شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر.

كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار،

چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.

10تايانما زومىگەرلىككە،

ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا.

ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا،

كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا.

11‏-12خۇدا دېدىڭ: «كۈچ-قۇدرەت مەنسۇپتۇر ماڭا.»

تەكىتلىدىڭ: «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تەۋەدۇر ماڭا.»

بەرھەق، سەن قايتۇرىسەن ھەربىر ئىنسانغا،

قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا.

63-مۇناجات

داۋۇت يەھۇدا چۆلىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا يازغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا،

سېغىنىمەن سېنى، ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا.

سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى،

تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.

2مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام،

كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام.

3ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

شۇڭا سېنى مەدھىيەلەر تىلىم مېنىڭ.

4تەرىپلەيمەن ئىگەم سېنى جېنىم تەندە بولسىلا،

قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن ساڭىلا.

5‏-6ئى خۇدا، ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئويلىسام،

كېچىلىرى سەن ھەققىدە خىيال قىلسام،

شادلىققا چۆمۈپ مەدھىيەلەر تۆكۈلەر ئاغزىمدىن.

قورسىقىم تويغاندەك مول داستىخاندىن،

روھىم تويدى سېنىڭ مول ئىلتىپاتىڭدىن.

7سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا،

كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.

8بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى،

ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى.

9ئەمما تېگى يوق گۆرگە چۈشەر،

جېنىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر.

10قىلىچتا ئېلىنار ئۇلارنىڭ جانلىرى،

چىلبۆرىگە يەم بولار ھەم ئۇلارنىڭ تەنلىرى.

11ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار،

«خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار،

بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار.

64-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى،

دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى.

2ساقلىغىن مېنى ئۆزۈڭ رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستىدىن،

ئامان قىل ھاياتىمنى يامانلارنىڭ قەستىدىن.

3بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى،

خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى.

4يوشۇرۇن ئاتار ئۇلار گۇناھسىز كىشىلەرنى،

تۇيۇقسىز ئوققا تۇتار تەپ تارتماستىن ئۇلارنى.

5بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى،

مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى،

ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.»

6دەيدۇ ئۇلار ھەر خىل سۇيىقەست ئويلاپ چىقىپ:

«مۇكەممەل پىلان تۈزدۇق بىرلىشىپ.»

نېمىدېگەن سىرلىق ھە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى.

7ئەمما خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار،

ئۇلار تۇيۇقسىز يارىدار بولار.

8تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار،

ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.

9قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى،

ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى،

بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.

10ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما،

پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا،

قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا.

65-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا،

كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا.

ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.

2دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا،

ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا.

3گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى،

كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى.

4نەقەدەر بەختلىكتۇر

سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر،

ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا،

بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن،

ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.

5ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن

جاۋاب بېرىسەن بىزگە،

ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا.

ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ،

تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.

6قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى،

كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى.

7تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى،

ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.

8ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر،

شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر.

9سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ،

سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى،

بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى.

سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى،

ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى.

سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى.

10تولدۇرۇپ سۇغا چۆنەكلەرنى،

تاراشلايسەن قىرلىرىنى.

يامغۇر بىلەن يۇمشىتىپ يەرنى،

ئۈندۈرىسەن ئۇندا مول زىرائەتلەرنى.

11مول ھوسۇلنى بېشىغا تاج قىلىپ تاقايسەن يىللارنىڭ،

باي-باياشات، توق بولار يەتكەنلا جايلار قەدىمىڭ.

12قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار،

تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار.

13ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا،

زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا.

شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.

66-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1‏-2ئەي جاھان ئەھلى، خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار،

خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ، كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار،

ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.

3شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏:

«نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ!

كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا،

دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.

4پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا،

كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.»

سېلاھ

5كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى،

ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

6ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ،

مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن.

تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن.

7ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا،

پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا.

ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا.

سېلاھ

8ئەي يات خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار خۇدايىمىزنى،

ياڭرىتىڭلار ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەمدۇسانا، ئالقىشلارنى.

9ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى،

تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى.

 

10ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ،

كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ.

11سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى،

يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى.

12غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى.

سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى،

ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى.

13‏-14ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا.

ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى،

ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى.

15ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى

كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن.

قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن،

بۇقا ۋە تېكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن.

سېلاھ

16ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى،

سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

17ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قىلدىم نىدا،

ئوقۇدۇم ئۇنىڭغا مەدھىيە، ھەمدۇسانا.

18ئىگەم قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا،

ناۋادا قەلبىم مايىل بولسا گۇناھلارغا.

19شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا،

دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا.

20تەرىپلەيلى ھەممىمىز خۇدايىمىزنى،

ئۇ رەت قىلمىدى دۇئايىمنى،

مەندىن خالىي قىلمىدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.

67-مۇناجات

بۇ مۇناجات تارلىق سازلاردا تەڭكەش قىلىنىپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا،

شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە،

دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى،

چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ

2ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ،

بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ.

3مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر،

ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر.

4بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا،

ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا،

شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. سېلاھ

5مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر،

ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر.

6يەر-زېمىندىن ئالدۇق ھوسۇلنى،

خۇدايىمىز بەختىيار قىلدى بىزنى.

7خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي،

بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.

68-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئەگەر خۇدا ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى،

دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى،

ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى.

2شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى،

خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى.

ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا،

خۇددى شامدەك ئېرىگەن ئوتتا.

3ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار،

خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.

 

4خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار،

«ياھۋەھ»تۇر ئۇنىڭ نامى،

ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.

5خۇدا يېتىملەرنىڭ ئاتىسى،

تۇل ئاياللارنىڭ ھىمايىچىسىدۇر،

ئۇنىڭ ماكانى مۇقەددەستۇر.

6ئۇ ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار غېرىبلارنى،

مۇنبەت يەرگە باشلار ئازاد قىلىپ سۈرگۈنلەرنى،

لېكىن قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.

 

7‏-8ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا،

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن،

ئۆز خەلقىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا.

9ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە،

خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ.

ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.

10شەپقىتىڭگە نائىل بولغان بەندىلىرىڭ ماكان تۇتتى،

ئېزىلگەن خەلقىڭ سېنىڭ بەرىكىتىڭگە ئېرىشتى.

 

11پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى،

قىز-ئاياللار توپ-توپ بولۇپ، خۇش خەۋەر تارقىتىپ:

12«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى» دېيىشتى.

ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.

13باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار،

ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق،

ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.

14قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا،

قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون تېغىدا.

 

15ئەي ھەيۋەتلىك باشان تېغى،

چوققىلىرىڭ شۇنچە كۆپ تېخى.

16ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى،

نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن

خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا؟

بەرھەق، خۇدا مەڭگۈلۈك ماكان تۇتار ئۇنىڭدا.

17خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز،

سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.

 

18ئى ئىگەم، سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا،

ئېلىپ كەتتىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى.

ھەدىيە قوبۇل قىلدىڭ ئىنسانلاردىن،

ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن.

ئى پەرۋەردىگار، ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.

19مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە،

ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە.

پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. سېلاھ

20بىزنىڭ ئىگىمىز نىجاتكار خۇدادۇر،

ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۇنىڭ قولىدىدۇر.

21بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى،

چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى.

22پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن،

ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن.

23شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _

دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا،

ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.»

 

24ئى خۇدا، كۆرۈنمەكتە سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ،

ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان ئىلاھىم،

كۆرۈنمەكتە مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ.

25ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار،

كەينىڭدە سازچىلار.

ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار.

 

26جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا،

ئەي ئىسرائىللار، مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.

27ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى

ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا.

باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى،

شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى.

 

28ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى،

ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى.

29كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا،

پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا.

30تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا،

بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە.

يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى،

تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى.

 

31مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر،

كۇش خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار.

32ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار،

خۇداغا مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار،

ئىگىمىزنى كۈيۈڭلارغا قېتىڭلار. سېلاھ

33قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان،

قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان،

ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.

34جاكارلاڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى،

ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى،

نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى.

35شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا.

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار،

ئۆز خەلقىگە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار.

مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا!

69-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «نېلۇپەر» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى،

سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى!

2تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم،

كەلكۈندە غەرق بولۇپ،

چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم.

3پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى،

گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى،

تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا

كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.

4چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ،

سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر.

قارا چاپلار ماڭا ئۇلار،

مېنى يوقاتماقچى بولغانلار

مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر.

مەن بۇلىمىغان نەرسىنى،

قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار.

 

5ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان،

مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم

يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان.

6ئى پەرۋەردىگار _

قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

مېنىڭ سەۋەبىمدىن

ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر

يەرگە قاراپ قالمىغاي.

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

ساڭا تەلپۈنگەنلەر،

مېنىڭ سەۋەبىمدىن

شەرمەندە بولمىغاي.

7ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا،

يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا.

8يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا،

ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.

9چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم

خۇددى ئوتتەك كۆيدۈرەر مېنى.

ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى

باستى مېنىڭ ئۈستۈمنى.

10مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام

تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى،

مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى.

11ماتەملىك كىيىم كىيىپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم،

مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم.

12تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار،

مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم.

 

13شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا،

مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە،

خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى

دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا.

14قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن،

قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن.

15غەرق قىلما مېنى كەلكۈن سۇلىرىغا،

يۇتقۇزمىغىن مېنى دېڭىز دولقۇنىغا،

يەم قىلمىغىن مېنى تەگسىز ھاڭغا.

16ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا،

مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا.

17جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن،

چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا.

ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن.

18ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا،

خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن،

قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا.

 

19بىلىسەن مېنىڭ قانداق ھاقارەتلەنگەنلىكىمنى،

رەسۋا بولۇپ بىھۆرمەت قالغانلىقىمنى،

سەن بىلىسەن مېنىڭ بارلىق رەقىبلىرىمنى.

20قەلبىمنى زېدە قىلدى ھاقارەتلەر،

قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدۈم.

تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى،

ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى،

بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم.

21ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى،

ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.

22زىياپىتى ئۆزلىرىگە تۇزاق بولغاي،

مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.

23بەل-پۇتلىرى مادارسىز تىترەپ تۇرغاي،

كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي.

24غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن،

قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن.

25ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن،

چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن.

26چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا،

ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.

27ئى پەرۋەردىگار، جازا قوشقىن ئۇلارنىڭ جازاسىغا،

ھەم ئادالەتنىڭ نېسىۋىسىنى بەرمىگىن ئۇلارغا.

28ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۇلارنى،

ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.

 

29بىراق ئۆزۈم دەرد تارتتىم ۋە ئېزىلدىم،

قۇتقۇز مېنى، پاناھىڭغا ئال ئىگەم.

30مەدھىيەلەيمەن مۇناجاتتا نامىڭنى،

ئۇلۇغلايمەن شۈكۈر ئېيتىپ سېنى.

31بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار،

بۇ ساڭا ئىنەك تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر،

مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر.

32ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار،

خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار.

33چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە،

ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە.

34مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى،

مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى.

35چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى،

قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى.

ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار،

ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار.

36خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار.

خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار.

70-مۇناجات

داۋۇت يازغان خاتىرە مۇناجاتى بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار،

تېزرەك ياردەم قىلىپ ماڭا،

قۇتقۇز مېنى ئى خۇدا.

2يۈزى چۈشۈپ شەرمەندە بولسۇن،

ھاياتىمغا قەست قىلغانلار.

رەسۋا بولۇپ ئارقىدا قالسۇن،

جاپايىمدىن شادلانغانلار.

3مەسخىرە قىلىپ كۈلگەنلەر ماڭا،

شەرمەندە بولۇپ قايتسۇن ئارقىغا.

4ساڭا تەلپۈنگەن بارلىق كىشىلەر،

سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن.

نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر دائىم:

«خۇدا ئۇلۇغدۇر» دېسۇن!

5مەن بىچارە، ھاجەتمەندۇرمەن،

ئى خۇدا، تېز كەلگەيسەن يېنىمغا.

سەن مەدەتكار، قۇتقۇزغۇچىمسەن،

ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ھايال بولما.

71-مۇناجات

1پەرۋەردىگار، سەنلا باشپاناھدۇرسەن ماڭا،

مېنى يەرگە قاراتمىغىن قىلىپ رەسۋا.

2قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا،

قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا.

3قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا،

سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى،

ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.

4ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن،

ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن.

5ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن ھەر دائىم،

ئى ئىگەم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم.

6ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ تاياندىم ساڭا،

ئانامنىڭ قورسىقىدىن چىقاردىڭ پەقەت سەنلا،

شۇڭا مەدھىيەمنى ئاتايمەن ساڭا دائىما.

7كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن نەمۇنە مەن،

چۈنكى سەن قۇدرەتلىك پاناھىمدۇرسەن.

8ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار،

چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.

9تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا،

تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا.

10چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ،

جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ،

11دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى،

ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى،

قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.»

12مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا،

ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا.

13مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن،

ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن.

14بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار،

ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.

15ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ،

ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ.

16لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا،

مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى ئىگەم خۇدا،

جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا.

17ئى خۇدا، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن،

كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن.

18قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم،

تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم.

بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى،

سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە،

سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى.

19ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان خۇدا،

تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە،

ئى خۇدا، كىممۇ ئوخشار ساڭا؟

20ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ،

دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ،

جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.

21تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى،

يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى.

22ئى خۇدايىم، كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا،

ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا،

ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا.

23سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم،

شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم.

24تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى،

چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.

72-مۇناجات

سۇلايمان يازغان مۇناجات

 

1ئى خۇدا، پادىشاھقا* ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى،

بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا ھەققانىيىتىڭنى.

2ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي،

ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي.

3تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق،

ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق.

4ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە،

قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى

ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.

5ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا،

تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا.

6يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى،

ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى،

يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.

7روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا،

تىنچلىق بولغاي زېمىندا

تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغۇچە ئاسمانغا.

8ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە،

فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.

9چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا،

رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.

10ئالۋان-سېلىق تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى،

سوۋغات تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.

11بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر،

خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر.

12ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى،

باشپاناھسىز ئاجىزلارنى،

مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.

13ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز، يوقسۇللارغا،

پاناھ بولار ئۇ غېرىب پاناھسىزلارغا.

14ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى،

ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.

15ياشىسۇن پادىشاھ!

ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغات بولغاي،

دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.

16ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي،

ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي.

ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي،

شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.

17نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي،

ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي،

بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن،

ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.

18تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار،

بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر.

19مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى،

پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى.

ئامىن، ئامىن!

 

20(شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.)

73-مۇناجات

ئۈچىنچى بۆلەك

ئاساف يازغان مۇناجات

 

1بەرھەق!

مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا،

مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا.

2‏-3رەزىل ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ

روناق تاپقىنىنى كۆرگىنىمدە،

ھەسەت قىلدىم ئۇلارغا.

كالۋالىشىپ پۇتلىرىم،

پۇتلىشىپ يىقىلاي دېدىم شۇڭا.

4تاكى ئۆلگۈچە

ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار،

تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار.

5ئۇلار باشقىلاردەك دەرد تارتماس،

ھەم بالايىئاپەتكە قالماس.

6كىبىرلىك بوينىدىكى مارجىنىدۇر،

زوراۋانلىق ئورۇنۇۋالغان تونلىرىدۇر.

7كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان،

قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان.

8مەسخىرە قىلار،

زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار.

مەغرۇرلىنىپ،

«زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار.

9ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى،

قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى.

10شۇڭا خەلق ئۇلارغا بەك يۈزلىنەر،

سۇدەك ئىچىپ سۆزلىرىنى يامانلىققا كىرىشەر.

11دەر رەزىللەر:

«ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟

بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟»

12يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار،

ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار.

 

13قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟

گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟

14نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن،

نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن.

15ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم،

خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم.

16مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا،

بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.

17خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىغا كىرىشىمگە

چۈشەندىم نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە.

18ئى خۇدا، دەرۋەقە،

تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن ئۇلارنى،

تېيىلىپ پارە-پارە بولار ئۇلار ئاخىرى.

19ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار،

ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.

20ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار،

ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار.

ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا،

ئى ئىگەم، ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.

 

21ئىچىم ئېچىشار،

يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرار.

22چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن،

ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.

23ئەمما مەن ھەمىشە سېغىنىمەن سېنى،

ئى خۇدا، ئوڭ قولۇمدىن تۇتتۇڭ مېنى.

24بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر،

ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر.

25سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە،

سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە.

26تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە،

قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ،

مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.

27شۈبھىسىزكى،

ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار.

يوقىلار ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلغانلار.

28شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا،

پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە،

بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.

74-مۇناجات

ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات*

 

1تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا،

بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟

سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا

نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟

2بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان خەلقىڭنى ئەسكە ئالغىن،

مۈلكۈم بولسۇن دەپ قۇتقۇزغان قەبىلەڭنى ئەسكە ئالغىن،

ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئەسكە ئالغىن.

3كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى،

دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى.

4رەقىبلىرىڭ داۋراڭ سېلىشتى ئۇچرىشىش جايىڭدا،

غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتى تۇغلىرىنى قاداپ ئۇندا.

5ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتى ھۇجۇمچىلاردەك،

پالتىلىرىنى ئوينىتىشتى خۇددى ئورمان كەسكۈچىدەك.

6ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا كىرىشتى،

پالتا ۋە بولقا بىلەن نەقىشلەرنى چېقىشتى.

7ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى،

ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى.

8كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»،

كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.

 

9كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن،

پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن.

قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە،

ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.

10رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟

ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟

11نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟

قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى!

12ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا،

قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.

13كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى،

يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى.

14چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ* باشلىرىنى،

بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى.

15بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانىدىڭ ئېرىقلارنى،

قۇرۇتقانىدىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.

16ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى،

ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.

17ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى،

پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى.

 

18ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار،

دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى.

ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار،

ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.

19تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى،

مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى.

20بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئېسىڭگە ئالغىن خۇدا،

زورلۇق ۋە زومبۇلۇقلار يامراپ كەتتى،

زېمىندىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇلۇڭلاردا.

21ئېزىلگەنلەر يەرگە قاراپ قالمىسۇن،

ئۇلار سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.

22ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا،

نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن.

ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم

مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.

23دۈشمىنىڭنىڭ چۇقانلىرى بولسۇن دائىم ئېسىڭدە،

توختىمىدى ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرى تېخىچە.

75-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز، شۈكۈر ئېيتىمىز ساڭا.

چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە،

بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە.

 

2خۇدا ئېيتار: «مەن تاللايمەن ۋاقىتنى،

ئادىللىق بىلەن سورايمەن سورىقىمنى.

3يەر تەۋرىنىپ، ئىنسانلار تىترىگەندە،

تۈۋرۈك ئورنىتىمەن ئۆزۈم زېمىنغا». سېلاھ

4مەن دەيمەن ماختانچاققا: «ماختانما»،

پاسىقلارغا: «مەغرۇرلىنىپ غادايما،

5ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ،

تۇمشۇقۇڭنى ئۇشلاپ، پو ئاتما.»

 

6چۈنكى يۈكسىلىش كېلەر پەقەتلا خۇدادىن،

كەلمەيدۇ شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن.*

7بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر،

ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلسا، بىرىنى خار قىلار.

8چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ باردۇر،

ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغاندۇر.

قاچانكى پەرۋەردىگار ئۇنى تۆكسە زېمىنغا،

پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.

9ياقۇپلارنى تاللىغان خۇدا ھەققىدە

مەن مەڭگۈ گۇۋاھلىق بېرىمەن

ھەم ئۇنىڭ نامىغا مۇناجاتلار ئېيتىمەن.

 

10خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن.

بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.»

76-مۇناجات

بۇ ئاساف يازغان مۇڭلۇق مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە،

نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.

2تۇرار جايى سىئوندىدۇر،

مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.

3ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،

چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى.

سېلاھ

4ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار،

ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.

5دۈشمىنىڭنىڭ باتۇرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندا،

قول كۆرتۈرەلمىدى ھەتتا بىرمۇ پالۋىنى،

مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ھەممىسى.

6گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا،

ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.

7قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا،

كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟

8‏-9ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا،

يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا.

جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى،

قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ

10ئى خۇدا، غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى،

كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.

 

11ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا،

سوۋغات كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.

12ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار،

قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.

77-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «يىدۇتۇن» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى،

مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.

2مۇشەققەتتە ئىگەم ساڭا تەلپۈندۈم،

كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندۈم،

تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.

3ئاھ ئۇردۇم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ،

يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ

4سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم،

كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم.

 

5ياد ئېتىمەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى،

يىراق ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى.

6ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى،

ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:

7ئىگەم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟

ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟

8ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟

ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟

9خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟

رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ

10ئاندىن مەن دېدىم: «مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى شۇكى،

ئۇلۇغ خۇدا ئەمدى بېشىمىزنى سىلىمايدىغان بولدى.»

 

11ياد ئېتىمەن ئىگەم ياردەملىرىڭنى،

قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى.

12زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا،

بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.

13ئى خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر،

ئۇلۇغلۇقۇڭ ئالەمدە يېگانىدۇر.

14مۆجىزىلەر ئىگىسى بولغان خۇدادۇرسەن،

قۇدرىتىڭنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەنسەن.

15قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى،

ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى.

سېلاھ

16ئى خۇدا، سۇلار* سېنى كۆرگىنىدە

تىترەپ سەندىن قورققانىدى.

دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى.

17قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ،

ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ،

نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى.

18قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى،

چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى،

ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى.

19سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ،

ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ،

لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.

20يېتەكلىدىڭ خەلقىڭنى قوي پادىسىدەك،

مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.

78-مۇناجات

ئاساف يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

 

1ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە،

زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە.

2ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى،

بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.

3بىزگە ئېيتىپ قالدۇرغان بۇلارنى ئەجدادىمىز،

ئاڭلىغان ۋە بىلگەنىدۇق بۇلارنى ئۇلاردىن بىز.

4نەسلىمىزدىن يوشۇرمايمىز شۇڭا ئۇلارنى،

بىز سۆزلەپ بېرىمىز ئەۋلادلارغا،

خۇدانىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە قۇدرىتىنى

ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

 

5پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە،

قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا.

«بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ،

ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا.

6ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي،

ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ،

بالىلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆگەتكەي.

7يار-يۆلەك قىلغاي ئۇلار خۇدانى،

رىئايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە،

ئەجرىنى پۈكۈپ كۆڭۈللىرىگە.

8دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _

ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى.

سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا،

ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.

 

9ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى،

جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى.

10ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى

ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى.

11ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى،

يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

12مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا،

كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.

13دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى،

سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى.

14كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن،

كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.

15ئۇ چۆلدە تاشنى يېرىپ سۇ چىقارغانىدى،

سۈيىنى دېڭىز كەبى مول قىلغانىدى.

16تاشلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ سۇلار،

ئاققانىدى دەريا كەبى ئۇلار.

 

17ئەمما چۆلدە ئىسيان كۆتۈردى ئۇلۇغ خۇداغا،

شۇنىڭ بىلەن پاتتى ئۇلار يەنە ئېغىر گۇناھقا.

18ئۇلار قەستەن سىناپ خۇدانى،

نەپسى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى تائامنى.

19دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا:

«سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟»

20دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى،

سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى.

«ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن

گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى.

21ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى،

ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى،

قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى.

22ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا،

تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا.

23بىراق خۇدا ئەمر قىلىپ يەنە ئاسمانغا،

بۇيرۇدى ئەرشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا.

24يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا،

دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا.

25ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ نېنىنى يېدى،

خۇدا ئاتا قىلغاچ بۇنى، ئۇلار تويدى.

26خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى،

يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى.

27چاڭ-توزاندەك ياغدۇردى گۆشلەرنى ئۇلارغا _

قۇشلارنى قوندۇردى ساھىلدىكى قۇملار كەبى ئەتراپىغا.

28ئۇ ياغدۇردى بۇلارنى بارگاھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا،

چۈشۈردى چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا.

29ئۇلار يېدى خالىغانچە، تويدى قورساقلىرى،

بولدى ئىجابەت ئۇلارنىڭ خۇدادىن تىلىگەنلىرى.

30لېكىن نەپسى ئۇلارنىڭ تېخى تويماي تۇرۇپلا،

چايناۋاتقان گۆشلىرى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندىلا،

31غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا،

قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى،

ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى.

32كۆردى شۇنچە كۆپ كۆرگۈلۈكنى، لېكىن توۋا قىلمىدى،

كۆردى شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەرنى، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى.

33شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ

ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە،

ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە.

34ئۆلۈم كەلگەندە، يۈزلەندى ئۇلار خۇداغا،

توۋا قىلىپ، ئىنتىلدى ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا.

35ئويلىدى ئۇلار «قورام تاشتەك باشپاناھىمىز _

ئۇلۇغ خۇدا _ قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكارىمىز.»

36لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى،

تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.

37خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە،

شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە.

 

38بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ،

گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى،

قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى،

ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.

39ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى،

نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى.

40بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم،

ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم.

41ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى،

زېدە قىلدى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

42ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى،

ئەستىن چىقىرىپ ياۋدىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى.

43ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى،

زوئان دالالىرىدا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

44قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ،

ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ.

45نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا،

پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا.

46ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا،

ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا.

47ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى،

ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى.

48مۆلدۈر تېگىپ ۋەيران بولدى قوي، كالىلىرى،

كۆيۈپ كەتتى چاقماق سوقۇپ چارۋا ماللىرى.

49قەھر-غەزەپ، كۈلپەت، نەپرەت ياغدى خۇدادىن،

كەلدى بىر تۈركۈم ھالاكەت پەرىشتىلىرى ئەرشتىن.

50غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ،

جېنىنى ئالماق بولۇپ ئۇلارنىڭ،

ۋابا كېسىلى ئەۋەتتى ئۇلارغا.

51پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى،

يەنى ھام* چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.

52ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ،

چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ.

53ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى،

قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى،

غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى.

54خۇدا يېتەكلىدى ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا،

ئېلىپ كەلدى ئوڭ قولىدا ئېرىشكەن تېغىغا.

55خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى،

ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى.

ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.

56ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ،

سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى،

تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى.

57ئەجدادلىرىدەك يولدىن چىقىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار،

ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار.

58ھەر يەردە قۇرۇپ سەجدىگاھلار،

ياساپ ئۇنىڭغا ھەر خىل بۇتلار،

كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى،

ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

59بۇ قىلمىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان پەرۋەردىگار

غەزەپلىنىپ رەت قىلدى شۇ ھامان ئىسرائىللارنى.

60تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى* ماكانىنى،

ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.

61قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە،

شۆھرىتىنى* بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە.

62تاشلاپ بەردى ئۆز خەلقىنى قىلىچ ئاستىغا،

چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا.

63ئوتتا كۆيدى ئۇلارنىڭ قىران يىگىتلىرى،

ناخشا-كۈيسىز قالدى بەرنا قىزلىرى.

64يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا،

تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.

 

65بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى،

شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.

66مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى،

مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى.

67خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى،

تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى،

68بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى،

يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى.

69قۇرۇلدى مۇقەددەس ئىبادەتگاھ ئاسمان-پەلەك،

مەزمۇت ۋە ئەبەدىيدۇر ئاسمان-زېمىن يارالغاندەك.

70پەرۋەردىگار تاللاپ داۋۇتنى،

چاقىرىۋالدى قوي قوتىنىدىن ئۇنى.

71يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى،

چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _

ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى.

72باقتى داۋۇت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ،

يېتەكلىدى شۇنداقلا ماھىر بولۇپ.

79-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات

 

1ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا.

ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى،

خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.

2ئاسماندىكى قۇشلارغا يەم قىلدى ئۇلار،

قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى.

تاشلاپ بەردى دالادىكى ھايۋانلارغا،

مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى.

3يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار

خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى.

بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا،

كۆمگىلى جەسەتلىرىنى.

4ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ،

مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.

5ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟!

ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟

6قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە

ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە.

7چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى،

خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.

8بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز،

بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن،

بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

9ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار،

شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ

بولغىن بىزگە مەدەتكار.

كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى،

نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.

10«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ،

يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟

قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى،

كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.

11ئاڭلىغايسەن ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى،

قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى.

12ئى ئىگەم،

ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ،

يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ.

13بىز سېنىڭ ئۆز خەلقىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز،

ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز،

مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.

80-مۇناجات

بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى،

يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى،

كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى،

ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن،

شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.

2ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگە

كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى.

3قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

4ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى،

قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟

5قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە،

چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.

6قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى،

دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى.

7ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا گۈللەت بىزنى،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

8مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى،*

يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.

9زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە،

يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.

10تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە،

كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.

11ئۇ ئۇزارتتى شاخلىرىنى تا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە،

نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە.

12نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى،

يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟

13ئورماندىكى ياۋايى توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا،

دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.

14ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا كەلگىن يېنىمىزغا.

سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا،

غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا.

15ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ،

ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ.

16مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا،

ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.

17قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى،

ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.

18بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا،

گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.

19ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قايتا گۈللەت بىزنى،

كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى،

شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

81-مۇناجات

بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، نەغمىچىلەر بېشىغا «گىتتىت»تا* چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان.

 

1كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا

شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.

ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى

خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

2چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا،

مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

3يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا،

ھېيت قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.

4بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر.

5يۈسۈپ نەسلى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا،

بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر.

 

مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:

6«ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم،

قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.

7قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ،

مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم.

قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم،

مىرىبادا سۇسىز چېغىڭلاردا سېنى سىنىدىم. سېلاھ

8تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار،

مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي!

9زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار

ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.

10سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان

پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن.

ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار،

بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.

11بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى،

ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى.

12شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا،

مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.

13خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى،

ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.

14دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم،

رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قويار ئىدىم.

15شۇندا ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى،

ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى.

16سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم،

تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»

82-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات

 

1خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە،

دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا:

2«ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟

رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ

3يېتىم-يېسىر، نامراتلارغا كۆرسىتىڭلار ئادالەتنى،

ئاقلاڭلار ئېزىلگەنلەر ۋە ئاجىزلارنى.

4مىسكىن ۋە يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇڭلار،

رەزىللەردىن ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.

5نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى،

ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى.

6دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›،

ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›!

7لېكىن سىلەرمۇ باشقا بەندىلەردەك ئۆلىسىلەر،

خۇددى بارلىق ھۆكۈمرانلاردەك تۈگەيسىلەر.»

 

8سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا،

چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا.

83-مۇناجات

ئاساف يازغان مۇناجات

 

1ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا،

سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا.

2چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار

باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا.

ساڭا دۈشمەن بولغانلار

شۇنچە داۋراڭ سالماقتا.

3ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ،

سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە.

قارشى پىلان تۈزۈشەر

سەن قەدىرلىگەنلەرگە.

4دەيدۇ ئۇلار:

«يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى،

ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»

5ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا،

ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.

6مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى،

موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،

7گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك خەلقلىرى،

ھەمدە فىلىستىيە ۋە تىر ئاھالىلىرى،

8ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى.

ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا

يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ

9ئى خۇدا، سەن مىديانلارغا،

شۇنداقلا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا

قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ،

شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.

10ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى،

جەسەتلىرى تېزەك كەبى تاشلىۋېتىلگەنىدى.

11ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ

بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك،

ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك.

12چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى:

«ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى

خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.»*

13ئى خۇدايىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى

بوراندا قالغان قامغاقتەك.

سورۇۋەتكىن ئۇلارنى

شامالدا قالغان ساماندەك.

14كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _

ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان،

يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.

15قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن،

ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن.

16چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى ئى پەرۋەردىگار،

تاكى ياردەم سورىغۇچە سېنىڭدىن ئۇلار.

17قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن،

رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن.

18ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار

پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.

84-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىت»تا* ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

نەقەدەر ئەزىزدۇر ئۇچرىشىش جايىڭ.

2سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا،

سېنىڭ ئىبادەتخاناڭنىڭ ھويلىلىرىغا.

بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار،

ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.

3ئى پەرۋەردىگارىم،

ماڭا شاھ بولغان قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا،

ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا،

قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.

4نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار،

توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. سېلاھ

5نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار،

قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.

6يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار،

ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار،

ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر.

7ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار،

سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.

8ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا.

تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى،

ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. سېلاھ

9ئى خۇدا، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا،

نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.

10بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن

ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن.

ئەلا بىلىمەن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى

رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.

11بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز،

ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت.

دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن

ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.

12ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار،

بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.

85-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم،

قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.

2ئەپۇ قىلىپ قىلمىشىنى خەلقىڭنىڭ،

كەچۈرگەنىدىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ. سېلاھ

3ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە،

ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ.

4بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا،

بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ،

ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.

5بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟

غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟

6شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ

بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟

7بىزگە بەرگىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئاتا قىلغىن بىزگە ھەم نىجاتلىقىڭنى.

 

8قۇلاق سالاي پەرۋەردىگارغا،

خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ خۇدا

ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا،

ماڭمىسۇن دەپ ئۇلار يەنە خاتا يولدا.

9شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا،

زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.

10خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى

ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى.

11ۋاپادارلىق زېمىندا مەۋجۇت بولار،

ھەققانىيلىق ئەرشلەردىن باقار.

12پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار،

يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.

13ھەققانىيلىق ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ،

كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ.

86-مۇناجات

داۋۇتنىڭ دۇئاسى

 

1بىچارە ۋە موھتاجدۇرمەن، ئى ئىگەم خۇدا،

نىدايىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن ماڭا.

2ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى.

قۇتقۇزۇۋالغىن پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى.

چۈنكى پەقەت سەنلا مېنىڭ خۇدايىمسەن.

3ئى ئىگەم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا،

قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا.

4مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا،

چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا.

5ئى ئىگەم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان،

مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.

6ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا،

قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا.

7سېغىنىمەن سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا،

چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما.

8ئى ئىگەم، يېگانىسەن يات ئىلاھلار ئالدىدا،

ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا.

9سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار

كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار

ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.

10ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن،

بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن.

11پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى،

ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي.

قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى،

چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.

12پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا،

ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ئىگەم خۇدا.

13چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن،

ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.

14ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر،

جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر.

كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار.

15لېكىن ئىگەم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن،

ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن،

مۇھەببەت ۋە ساداقەتتە چەكسىزدۇرسەن.

16ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن،

مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن،

پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن.

17كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى،

مەدەت بەرگىن ئى پەرۋەردىگار،

تاپسۇن قەلبىم تەسەللى،

بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار.

87-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇڭلۇق مۇناجات

 

1مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر* تۇرار.

2پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن

سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.

3ئەي خۇدانىڭ شەھىرى،

شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ

 

4پەرۋەردىگار دەيدۇكى،

«راخاب»لىقلار* ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا،

فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم كۇشلۇقلارمۇ شۇ قاتاردا.

دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»

 

5سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار:

«ھەر مىللەتتىن بولغانلار سىئوندا تۇغۇلار»،

ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.

6يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار:

«بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ

7ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار:

«ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»

88-مۇناجات

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئەزراخلىق ھېمان يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا،

كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا.

2قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى،

ئاڭلىغىن نىدايىمنى.

3چۈنكى دەردلەر جېنىمغا پاتتى،

ھاياتىممۇ ئۆلۈمگە يېقىنلاشتى.

4بىر پۇتۇم ساڭگىلىدى گۆر ئاغزىغا،

كۈچ-مادار قالمىدى ھېچ تېنىمدا.

5ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن،

تېنىم لەھەتتىكى مۇردىدەكلا.

ئۇنتۇلغانمەن ئۆلۈكلەردەك،

مېھرىڭدىن مەھرۇممەن ئۇلاردەكلا.

6تاشلىۋەتتىڭ سەن مېنى چوڭقۇر ھاڭغا،

تاشلىدىڭ ھەم زۇلمەت، قاراڭغۇلۇققا.

7يەلكەمنى باستى يۈك بولۇپ سېنىڭ قەھرىڭ،

ماڭا قاتتىق زەربە بولدى ھايات دولقۇنلىرىڭ. سېلاھ

8يىراق قىلدىڭ مەندىن دوستلىرىمنى،

يىرگەندۈردۈڭ مەندىن ھەم ئۇلارنى،

قاماپ قويدۇڭ چىقالماس قىلىپ مېنى.

9ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا،

ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا،

قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا.

10ئۆلۈكلەرگە كۆرسەتمەكچىمۇسەن كارامەتلىرىڭنى؟

مۇردىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مەدھىيەلەرمۇ سېنى؟ سېلاھ

11قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟

ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟

12قاراڭغۇلۇقتا كىممۇ كۆرەلىسۇن كارامەتلىرىڭنى؟

«ئۇنتۇلغانلار زېمىنى»دا ياخشىلىقىڭنى؟

13ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا،

ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.

14ئى پەرۋەردىگار، تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟

نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن دىدارىڭنى؟

15ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن،

قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن.

16قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى،

ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى.

17كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا،

چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا.

18يىراق قىلىپ مەندىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى،

يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى.

89-مۇناجات

ئەزراخلىق ئېتان يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

 

1پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن،

ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.

2جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،

ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.

3ئى پەرۋەردىگار، سەن دېدىڭكى:

«تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم،

قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.

4سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن،

نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.»

سېلاھ

5ئى ئىگەم، ئەرشئەلادا مۆجىزىلىرىڭ تەبرىكلىنەر،

ساداقىتىڭ پەرىشتىلەر ئارىسىدا مەدھىيەلىنەر.

6بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر،

ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر.

7خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار،

ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.

8ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار،

ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟

ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.

9دېڭىز قانچە مەغرۇر بولسۇن سەن ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانسەن،

ئۆركەشلىسە دولقۇن ياساپ، ئۇنى بېسىپ تىنچلاندۇرىسەن.

10دېڭىزدىكى راخابنى* سەن بەربات قىلدىڭ،

قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.

11ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر،

ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.

12ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى،

شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.

13بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر،

ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.

14تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر،

مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.

15تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار،

ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.

16نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار،

ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.

17ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر،

شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.

 

18بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا،

تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.

19بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە:

«مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم،

ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.

20دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم،

مۇقەددەس يېغىمنى قۇيۇپ بېشىغا،

ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.

21قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار،

بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار.

22دۈشمەنلىرى ئۇنى پەقەت يېڭەلمەس،

پەسكەشلەرمۇ ئۇنى قىستاپ ئېزەلمەس.

23رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلىمەن،

ئۆچمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.

24ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار،

مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.

25مەن ئۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزارمەن دېڭىزغا،

ھوقۇقىنى يۈرگۈزەرمەن ھەم دەريالارغا.

26ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى:

‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن،

نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›

27مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن،

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن.

28مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ئەبەدىيدۇر،

قىلغان ئەھدەم مەڭگۈگە بۇزۇلماستۇر.

29ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن،

تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.

30مۇبادا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەلىملىرىمدىن چىقىپ كەتسە،

ھۆكۈملىرىم بويىچە ئىش كۆرمىسە.

31ئۇلار پەرمانلىرىمنى بۇزسا،

ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،

32ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن،

گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.

33لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن،

ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن.

34تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن،

ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن.

35مەن مۇقەددەس نامىمدا قەسەم ئىچكەنمەن،

داۋۇتقا ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن.

36ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار،

ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.

37ئۇ ئاسماندىكى سادىق گۇۋاھچى ئاي كەبى

مۇستەھكەم، مەزمۇت تۇرار ئەبەدىي.»

سېلاھ

38بىراق ھازىر سەن ئۇنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ،

ئۆزۈڭ تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھقا غەزەپلەندىڭ.

39ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى،

تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى.

40ۋەيران قىلدىڭ ئۇنىڭ بارلىق قورغانلىرىنى،

خارابە قىلدىڭ شەھەر-قەلئەلىرىنى.

41يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇلىماقتا شەھىرىنى،

ئۇ قوشنا ئەللەر ئالدىدا رەسۋا بولدى.

42غەلىبە قىلدۇردۇڭ ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى،

خۇشال قىلدىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى.

43قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى،

جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.

44يەرگە ئۇردۇڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى،

كۈلدەك توزۇتتۇڭ تەختىنى.

45خىجالەتكە چۆمدۈرۈپ

قىسقارتتىڭ ياشلىقىنى. سېلاھ

46ئى پەرۋەردىگار،

قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟

قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟

47ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى،

نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.

48قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟

گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ

49ئى ئىگەم،

ساداقىتىڭ، داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟

بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟

50قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن،

بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن!

51رەقىبلىرىڭ مېنى دائىم مەسخىرە قىلار،

ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھنى خار قىلار.

52پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي!

ئامىن، ئامىن!

90-مۇناجات

تۆتىنچى بۆلەك

خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى

 

1ئى ئىگەم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

2تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا،

زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا،

ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا،

مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا.

3دېسەڭ ئەگەر «ئەي ئىنسانلار، تۇپراققا قايتىڭلار»،

ئىنسان شۇ ئان تۇپراققا ئايلىنار.

4بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا

تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا،

ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.

5ئىنساننى ئېلىپ كېتىسەن كەلكۈندەك،

ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگەر گوياكى چۈشتەك،

تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك.

6مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە،

سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە.

7شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن،

ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن.

8ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا،

پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا.

9كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر،

يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر.

10ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار،

سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار.

ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ

جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر،

كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر،

ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.

11غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟

قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟

12ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە،

شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە.

13ئى پەرۋەردىگار ئۆتۈنەي، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا،

قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟

رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!

14ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە،

ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە.

15بىزگە قانچە ئۇزۇن ئازاب سالغان بولساڭ،

بىزنى قانداق كۈلپەتلەرگە قويغان بولساڭ،

ئەمدى شۇنچە كۈلكە، شادلىق بەرگىن بىزگە.

16سادىق بەندىلىرىڭ كۆرسۇن نىجاتلىقىڭنى،

ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شان-شۆھرىتىڭنى.

17ئى ئىگەم خۇدا، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن،

مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن،

قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن.

91-مۇناجات

1كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا،

ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.

2ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن،

ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.»

3بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزار سېنى قىلتاقچىنىڭ قىلتاقلىرىدىن،

قىرغىن قىلغۇچى ۋابادىن.

4بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى،

سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى،

قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى.

5قورقماسسەن نە كېچىنىڭ ۋەھىمىسىدىن،

نە كۈندۈزى ئېتىلغان ئوقتىن.

6نە قاراڭغۇدا بىلدۈرمەي تارقالغان ۋابادىن،

نە يورۇقتا كەلگەن ئەجەللىك ئاپەتتىن.

7گەرچە مىڭلىغان كىشىلەر يىقىلسىمۇ بۇ يېنىڭدا،

تۈمەنلىگەن جەسەتلەر ياتسىمۇ ئۇ يېنىڭدا،

بالا-قازالار ھېچ يېقىنلاشماس ساڭا.

8كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى،

پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى.

9پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن،

ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن،

10ھېچبىر يامانلىق كەلمەس بېشىڭغا،

ھېچ ۋابا يېقىنلاشماس چېدىرىڭغا.

11پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە،

ئۇلار قوغدار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا.

12يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا،

ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا.

13بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى،

چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.

14دەيدۇكى پەرۋەردىگار:

«مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن.

مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن.

15جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا،

ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە،

قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.

16ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى،

بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.»

92-مۇناجات

دەم ئېلىش كۈندە ئېيتىلىدىغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش،

ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش.

2بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە،

ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _

3ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا،

لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا.

4چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا،

ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا.

5ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ.

شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ.

 

6تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر،

چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.

7گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر،

شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر،

لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.

8ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن ئى پەرۋەردىگار.

9مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار،

تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار.

 

10لېكىن ياۋايى بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى،

بېشىمغا ياغ سۈركەپ، روھلاندۇردۇڭ ھەم مېنى.

11كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى،

ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.

12خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار

ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.

13تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا،

گۈللەپ ياشنار خۇدايىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.

14قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە،

بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.

15شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى، پەرۋەردىگار ئادىلدۇر،

ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.

93-مۇناجات

1ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار،

ھەيۋەت ئۇنىڭ يېپىنچىسى،

ئورالغاندۇر ئۇلۇغۋارلىق،

قۇدرەت ئۇنىڭ بەل پوتىسى.

مەزمۇت قىلىنغان دۇنيا،

تەۋرەنمەس ئۇ ئەسلا.

2مۇستەھكەمدۇر تەختىڭ ئەزەلدىن،

مەۋجۇتسەن ئۆزۈڭ ئەلمىساقتىن.

3ئى پەرۋەردىگار،

شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى،

ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى،

گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى.

4دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن،

دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن،

قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار.

5ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ،

ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ.

94-مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، جازالىغۇچى خۇدا،

ئى جازالىغۇچى خۇدا، چاچقىن جۇلا.

2ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا،

لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا.

3ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار،

قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟

4ۋالاقشىيدۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇلار،

پو ئاتىدۇ ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار!

5سەن تاللىغان خەلقىڭنى ئېزىپ ئۇلار،

ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار.

6قىرغىن قىلىپ تۇل ئايال، مۇساپىرلارنى،

ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىم بالىلارنى.

7ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار،

ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»

 

8ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار!

ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟

9ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟!

كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟!

10يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟

ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟

11خۇدا بىلەر ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى

بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى.

 

12بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار،

ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!

13سەن ئۇلارنى ئامان قىلىسەن يامان كۈنلەردە،

تاكى يامانلار ئورىغا چۈشۈپ ھالاك بولغۇچە.

14پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەس،

ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.

15ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى قايتار ھامان ئادالەتكە،

قەلبى پاكلار ھىمايە قىلار ئادالەتنىڭ كەينىدە.

16رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟

كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟

17ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا،

ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا.

 

18ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە،

يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە.

19غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا،

شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا.

20ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار،

قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار.

21ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە،

ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.

22پەرۋەردىگار قورغىنىمدۇر،

پاناھگاھىم _ قورام تېشىمدۇر.

23گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار،

رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار،

شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.

95-مۇناجات

1ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ،

قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.

2ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى،

تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.

3چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ خۇدادۇر،

ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن بۈيۈك پادىشاھتۇر.

4چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ،

جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ.

5دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى،

زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.

6سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.

7چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى خەلقتۇرمىز،

ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.

8بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،

ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك،

چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.*

9ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى،

مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى يەنە سىنىغانىدى.

10مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن،

دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن،

ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›

11قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا:

‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»

96-مۇناجات

1يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ،

ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ.

2مۇناجاتىڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى،

بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

3تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا،

ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.

4ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما،

ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە،

ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن،

پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.

5پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى،

ئەمما پەرۋەردىگار ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.

6ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى،

قۇدرەت ۋە گۈزەللىككە تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.

7ئەي بارچە ئەللەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.

8پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار،

خۇدانىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.

9ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار،

پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار،

10ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا:

«پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر،

ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە.

بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»

11شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار،

تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار.

12يايرىسۇن دالالار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار،

ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار.

13چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا،

كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.

97-مۇناجات

1ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار،

خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر،

شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر.

2سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار،

ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.

3ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرار ئالدىدا،

رەقىبلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتەر ھەرياندا.

4چاقمىقىنى چاقتۇرۇپ يورۇتار ئۇ جاھاننى،

يەر-زېمىن تىترەپ كېتەر كۆرۈپ بۇنى.

5مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا،

ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا.

6ئەرشلەر جاكارلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى،

جىمى خەلقلەر كۆرەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى.

7شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر،

ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار.

پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».

 

8ئى پەرۋەردىگار،

شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى،

خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى.

9بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار،

جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن،

غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن.

 

10ئەي پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، ئۆچ كۆرۈڭلار يامانلىقنى،

پەرۋەردىگار قوغدار ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جېنىنى،

قۇتقۇزار رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇ سادىقلارنى.

11نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا،

شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.

12ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇشاللىنىڭلار،

مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.

98-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا،

چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا،

مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.

2قىلدى خۇدا نامايان غەلىبىسىنى ھەممىگە،

ئادالىتىنى كۆرسەتتى جاھاندىكى ئەللەرگە.

3ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى،

ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى،

بارچە ئاۋام كۆردى ھەم خۇدايىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.

4ئەي بارچە ئىنسانلار، ئالقىش ياڭرىتىڭلار خۇداغا،

خۇش بولۇپ مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ناخشاڭلاردا ئۇنىڭغا.

5خۇداغا ئاتاپ لىرا بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىڭلار،

ھەم ئۇنىڭغا لىرا بىلەن ناخشا-غەزەل ئېيتىڭلار.

6ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار پادىشاھىمىز خۇداغا،

ئالقىشىمىز بولسۇن ئاڭا كاناي بىلەن بۇرغىدا.

7جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار،

قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار.

8چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار،

شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار.

9چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا،

كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.

99-مۇناجات

1ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار!

ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار،

ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار،

ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.

2ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار،

ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.

 

3مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار،

ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار.

4ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا،

ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا،

ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.

 

5پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار،

پۇتلىرىغا باش قويۇپ سەجدە قىلىڭلار.

چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر!

6مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر،

سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر.

ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا،

بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.

7پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا،

ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا.

 

8ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا.

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما،

ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.

 

9ئۇلۇغلاڭلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنى،

سەجدە قىلىڭلار ئۇنىڭغا مۇقەددەس تېغىدا،

چۈنكى مۇقەددەستۇر ئىگىمىز خۇدا!

100-مۇناجات

شۈكۈر ئېيتىش مۇناجاتى

 

1ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار،

ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار.

2خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا،

شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا.

3بىلىڭلاركى، «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدادۇر،

بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز،

بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.

4دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ،

قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ،

تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.

5بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.

101-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

ئى پەرۋەردىگار، كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى،

كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى.

2يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن،

پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟

3خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك،

يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك،

ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك.

4كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر،

ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر.

5باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ،

كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.

6كىم خۇداغا سادىق بولسا، ئۇنىڭغا ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن.

توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى خىزمىتىمگە قويىمەن.

7ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر،

يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر.

8زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە،

بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.

102-مۇناجات

ئېزىلىپ ھالىدىن كەتكەن بىر ئادەمنىڭ پەرۋەردىگارغا داد-پەرياد قىلىپ قىلغان دۇئاسى.

 

1ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى،

تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى.

2يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا.

3ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ،

ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ.

4يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى.

ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.

5ھەسرەت ۋە نادامەتتە كۆپ قىينالدىم،

ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم.

6مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن،

ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن.

7مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن،

ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن.

8كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم،

ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم.

9‏-10سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا،

كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا.

كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى،

بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.

11گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى،

تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى.

12لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار،

شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.

13سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن،

چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى،

شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.

14قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ،

خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ.

15بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار،

شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار.

 

16پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار،

شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار.

17قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى،

رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.

18كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن

خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى،

كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.

19‏-20چۈنكى خۇدا ئاڭلاي دەپ، مەھبۇسلارنىڭ ئاھ-زارىنى،

ئازاد قىلاي دەپ، يەنە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى.

نەزەر سالدى ئۈستىمىزگە مۇقەددەس ماكانىدىن،

قارىدى زېمىن تامان پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن.

21‏-22خەلقلەر ۋە پادىشاھلىقلار جەم بولغىنىدا،

پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىدا،

ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار سىئوندا،

شەنىگە مەدھىيە ئوقۇر يېرۇسالېمدا.

 

23بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا،

ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

24يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا،

جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

25دۇنيانى ياراتقانىدىڭ ئەلمىساقتا،

ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.

26ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ،

لېكىن سەن مەڭگۈ مەۋجۇتتۇرسەن.

ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا،

سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن.

ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا.

27لېكىن ئۆزگەرمەيسەن پەقەت سەنلا.

يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئەسلا.

28خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى،

ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

103-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم،

تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.

2پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم،

ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.

3كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى،

ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.

4ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى،

ياغدۇرار مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىكىنى.

5ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى،

ياشلىق كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى.

 

6پەرۋەردىگار يۈرگۈزەر ھەققانىيەت،

ئېزىلگەن بارلىق مەزلۇملارغا ئادالەت.

7نامايان قىلدى خۇدا مۇساغا ئۆز يولىنى،

ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا كارامەتلىرىنى.

8پەرۋەردىگار رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر،

غەزىپى كەلمەس ئاسانلىقچە،

مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

9ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە،

غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە.

10ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا،

جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.

 

11ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك،

خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.

12مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك،

يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك.

13ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك،

پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.

14شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى،

ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى.

15مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى،

دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى.

16ئەگەردە چىقسا شامال ئۇ گۈل توزۇر،

ھېچبىر ئىز قالدۇرماستىن غايىب بولۇر.

17‏-18ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا،

ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا،

ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا،

ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە،

ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

19پەرۋەردىگار ئورناتقاندۇر تەختىنى ئەرشكە،

ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلار ھەممىنىڭ ئۈستىدە.

 

20ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

21ئەي خۇدانىڭ ئەرشتىكىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

22ئەي پەرۋەردىگار ياراتقانلار،

تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ھەممە جايدا،

ئەي مېنىڭ قەلبىم ئېيتقىن ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.

104-مۇناجات

1ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا!

شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا،

ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا.

2لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن،

ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.

3ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى

ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا،

جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى،

ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.

4شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى،

ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.

5ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل

ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس.

6‏-7دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان،

چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانىدى.

گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى،

سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانىدى.

8تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى،

سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى.

9دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى،

سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى.

10‏-11سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ،

تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى.

سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار،

قانار ئىدى ھەتتا ياۋايى ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.

12سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ،

دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ.

13ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى،

ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى.

14چارۋا ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ.

ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ،

ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.

15كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا،

قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە،

جىلۋە بەردىڭ يېغىڭ بىلەن يۈزلەرگە.

 

16لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى

پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى،

خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.

17ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار،

قارىغايلار لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار.

18تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار،

تىك قىيا بورسۇققا پاناھ بولار.

 

19ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ،

قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.

20قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ،

ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ.

21ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار،

رىزىقلىرىنى ئۇلار خۇدا سەندىن سورار.

22قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار،

قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار.

23ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار،

ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار.

24پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر.

سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى،

بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.

25ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار،

ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار،

ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر.

26ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان بار،

ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار.

27ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر،

ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر.

28ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار،

شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار.

29دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا،

جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.

30سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار،

پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار.

 

31پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي،

پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.

32پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر،

تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.

33ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا

مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا،

مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا.

34ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي،

چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،

35گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي،

رەزىللەر زاۋال تاپقاي.

ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا،

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.

105-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،

كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

2خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،

مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

3ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،

قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

4تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،

ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

5‏-6ئى خۇدانىڭ قۇلى بولغان ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى

ۋە ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.

7ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

8ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر،

بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

9پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى،

ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

10ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى.

ئىسرائىلغا* مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

11«كەنئان زېمىنى سېنىڭ ئۈلۈشۈڭدۇر،

ئۇ ساڭا تەئەللۇق مۈلۈكتۇر.»

12ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز ئىدى،

نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

13ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى،

ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

14خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى،

ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

15«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار،

پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

16ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا،

زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا.

17خۇدا ئۇلارنى دەپ ئالدىنئالا يۈسۈپنى مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى،

ئاكىلىرى ئۇنى قۇل قىلىپ ساتقانىدى.

18ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە زەخىملەنگەنىدى،

بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىنغانىدى.

19ئۇ تاۋلاندى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگۈچە،

خۇدا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرسەتكەنلىرى ئىسپاتلانغۇچە.

20ئۇنى ئازاد قىلىشقا پىرئەۋن ئەمر قىلدى،

ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەردى.

21پىرئەۋن ئۇنى ئوردىسىغا غوجىدار قىلدى،

بارلىق مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى.

22بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى،

دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى.

23شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى،

ھامنىڭ* زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى.

24ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار،

ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار.

25شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار،

ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار.

26ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى،

يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.

27خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا،

ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا.

28زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.

29قان قىلدى خۇدا مىسىرنىڭ سۇلىرىنى،

ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرىنى.

30پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى،

قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.

31خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار،

ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار.

32يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى،

مىسىرنى چاقماق ئۇردى.

33نابۇت بولدى ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرىخى،

ۋەيران بولدى دەرەخلەرنىڭ بارلىقى.

34خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر،

مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.

35قويمىدى ئۇلار بارلىق گىياھلارنى،

يەپ تۈگەتتى ئېتىزلاردا ھوسۇللارنى.

36ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _

ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.

37ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.

38ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى،

چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.

39پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى،

تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.

40ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى،

توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.

41تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى،

قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى.

42بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى،

قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.

43ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ،

ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېيتىپ.

44يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار،

باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،

45شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا،

بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا.

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!

106-مۇناجات

1ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.

2قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟

كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟

3نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار،

ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.

 

4ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە،

ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە.

خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.

5ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي،

ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي،

ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.

 

6خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،

رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق.

7ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا،

مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى.

ئىسيان كۆتۈرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا،

ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.

8ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن،

ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.

9ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن سۈيى قۇرۇپ قىزىل دېڭىزنىڭ،

ئۇلارنى خۇددى چۆللۈكتە ئېلىپ ماڭغاندەك

دېڭىز ئاستىدىن يېتەكلەپ ماڭغانىدى.

10پەرۋەردىگار ئۇلارنى

دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى،

رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.

11دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى،

ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى.

12شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار،

ئۇنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار.

 

13لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى،

راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.

14ئۇلار چۆلدە نەپسىگە تەسلىم بولدى،

ھەم پەرۋەردىگارنى سىناپ كۆردى.

15تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى پەرۋەردىگار بەردى ئۇلارغا،

بىراق بىر كېسەلنى كۈشەندە قىلىپ ئەۋەتتى ئۇلارغا.

16چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى مۇساغا

ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.

17شۇنىڭ بىلەن يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى،

ئابىرامنى ھەمراھلىرى بىلەن قاپسىۋالدى.

18ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى،

ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

19موزاي بۇتنى ياساپ ئۇلار سىناي تېغىدا،

سەجدە قىلىپ چوقۇندى شۇ ئالتۇن بۇتقا.

20چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار،

قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.

21ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى،

مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.

22كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا،

ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.

23شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى،

لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ

رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.

24ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى،

پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.

25قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا،

ئىتائەت قىلمىدى پەرۋەردىگارغا.

26شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ،

دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.

27ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ،

ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»

28پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ،

ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.

29قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ،

شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ.

30شۇڭا پىنىخاس چىقىپ ئوتتۇرىغا،

توختاتتى ئۇ ۋابانى دادىللىقىدا.

31شۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى،

ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تارقالدى.

 

32خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ئۇلار يەنە

مىرىبادا پەيدا بولغان سۇنىڭ بويىدا.

بۇ سەۋەبلىك ئازار يەتتى مۇساغا.

33چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ،

بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.

34پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ

ھالاك قىلماي ھەممە يات ئەللەرنى،

35ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن

ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى.

36چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا،

ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا.

37قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا،

بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا.

38ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا،

ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ

بىگۇناھ قانلىرىنى،

قانلار بۇلغىدى زېمىننى.

39پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى،

بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.

 

40پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان خەلقىگە غەزەپلەندى،

پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قوۋمىدىن نەپرەتلەندى.

41شۇڭا ئۇلارنى تاشلاپ بەردى يات ئەللەرنىڭ قولىغا،

ئۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى ئۇلارغا.

42رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار،

قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.

43تالاي قېتىم قۇتقۇزسىمۇ ئۇلارنى پەرۋەردىگار،

ئەمما قەستەن بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ كەلگەچ،

بولدى گۇمران ئاخىردا گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار.

44شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا،

رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.

45ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ،

مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ،

46ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى،

ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.

 

47ئى ئىگىمىز خۇدا، قۇتقۇزغىن بىزنى،

قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزنى.

شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى،

شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.

48مەدھىيەلەنگەي ئەبەدىلئەبەد،

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار!

خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە!

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

107-مۇناجات

بەشىنچى بۆلەك

1شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.

2ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى پەرۋەردىگار قۇتقۇزغانلار،

بايان قىلىڭلار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزۇلغانلار.

3ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانلار _

شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن كەلگەنلەر.

4بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى،

تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى.

5ئۇلار ئاچ، ئۇسسۇغانىدى،

ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەنىدى.

6كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا،

پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

7تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى،

تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى.

8شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە،

ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

9ئۇ قاندۇرغۇچىدۇر ئۇسسۇزلۇقىنى چاڭقىغانلارنىڭ،

ئۇ تويدۇرغۇچىدۇر ئېسىل نېمەتلەر بىلەن قورسىقىنى ئاچلارنىڭ.

 

10بەزىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانىدى،

ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب چەككەن مەھبۇسلار ئىدى.

11چۈنكى ئۇلار يەرگە ئۇرۇپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى،

كۆزگە ئىلمىغانىدى ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى.

12دەرد تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى خۇدا ئۇلارنى،

يىقىلسىمۇ گەر ئۇلار چىقمىدى يۆلەيدىغان ھېچبىرى.

13كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا،

پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

14قاراڭغۇ زۇلمەتتىن چىقاردى ئۇلارنى،

سۇندۇرۇپ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى.

15شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە،

ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

16پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى،

چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر بالداقلارنى.

 

17بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن،

دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن.

18يېمەكلىكلەردىن بولۇپ بىزار،

بېرىپ قالدى ئۆلۈم گىردابىغا ئۇلار.

19كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا،

پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

20كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن،

قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن.

21شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە،

ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

22سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى،

مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.

 

23بەزىلەر ئولتۇرۇپ كېمە-پاراخوتلاردا،

تىرىكچىلىك قىلاتتى دېڭىزلاردا.

24گۇۋاھچىدۇر ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىگە،

چوڭقۇر دېڭىزلاردا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىگە.

25ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى،

پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.

26كېمىلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان-پەلەككە،

گاھ چۈشكىنىدە دولقۇن تەكتىگە،

ئۇلار خەتەردىن چۈشكەنىدى ساراسىمىگە.

27ئۇلار گويا مەستلەردەك دەلدەڭشىيتتى،

ھېچقانداق چارە-ئامالى قالمىغانتى.

28كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا،

پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

29ئۇ بوراننى توختاتتى،

دولقۇنلارمۇ تىنچىدى.

30شادلاندى ئۇلار تىنچىتقاچقا دولقۇننى،

نىشان قىلغان پورتقا يېتەكلىدى خۇدا ئۇلارنى.

31شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە،

ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

32ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىسۇن خۇدانى،

ئاقساقاللار مەجلىسىدە مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.

 

33‏-34گۇناھ قىلسا بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى،

باياۋانغا ئايلاندۇرۇلار دەريالىرى،

سۈيى تۈگەپ قاغجىرار بۇلاقلىرى،

شورلۇق تۇپراق بولار مۇنبەت يەرلىرى.

35ئۇ يەنە كۆل قىلار چۆل-باياۋاننى،

بۇلاقلارغا ئايلاندۇرار چاڭقاق يەرلەرنى.

36ئاچلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاشۇ يەرگە،

ئايلاندۇرار ئۇ يەرنى بىر شەھەرگە.

37ئۈزۈم تىكىپ، يەر تېرىپ ئۇلار،

ئالىدۇ مول ھوسۇللار.

38بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار،

زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ،

زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.

39زۇلۇم، كۈلپەت، دەرد سېلىپ دۈشمەنلىرى،

ناۋادا خورلىنىپ، ئازىيىپ كەتسە سانلىرى،

40ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار،

ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار.

41زۇلۇمدىن ئازاد قىلىپ مىسكىنلەرنى،

قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ ئەۋلادلىرىنى.

42بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار،

ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار.

43كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار،

خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.

108-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇڭلۇق مۇناجات

 

1ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا، ئى خۇدا!

پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن ناخشامدا.

2ئەي لىرا، چىلتار ئويغان ئەمدى،

قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى.

3ئى پەرۋەردىگار، شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا،

كۈيلەيمەن سېنى بارچە ئەل، خەلقلەر ئارا.

4چۈنكى مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان،

ساداقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

5ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

6دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا،

ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا.

 

7خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن مۇنداق دەيدۇ:

«شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى،

تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.

8گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا،

ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا.

ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،

يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.

9پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا،

چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا.

چۇقان سالىمەن فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»

 

10كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر،

كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟

11ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟

بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.

12دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە،

بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.

13خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە،

ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.

109-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا،

سۈكۈت قىلىپ، ئۈنسىز تۇرما.

2ھاقارەت قىلماقتا رەزىللەر ماڭا،

يالغانچى تىلىدا چاپلاپ قارا.

3نەپرەتلىك سۆزلىرى ئالدى مېنى قورشاۋغا،

سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ماڭا.

4مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا،

شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا،

شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.

5ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى،

سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى.

6بىر رەزىل ئادەم ئەيىبلىسۇن ئۇنى سوتتا،

دەۋاگەردىن بىرسى بولسۇن ئوڭ يېنىدا.

7ئەيىبكار بولۇپ چىقسۇن ئۇ سوراقتا،

دۇئاسىمۇ گۇناھلىق بولسۇن ھەتتا.

8ئۆمرى قىسقا بولسۇن،

ۋەزىپىسىنى باشقىسى ئالسۇن.

9بالىلىرى يېتىم بولسۇن،

خوتۇنى تۇل قالسۇن.

10ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن،

ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن.

11تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى،

بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى.

12مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچكىم،

كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسۇن بالىلىرىغا بىركىم.

13قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى،

قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.

14ئەجدادلىرىنىڭ قەبىھلىكى يادىدا بولسۇن خۇدانىڭ،

ئۇنتۇلمىسۇن گۇناھلىرى ھەم ئانىسىنىڭ.

15پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى،

يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى.

16چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەستىن باشقىلارغا،

ئۆلتۈرمەك بولدى، بەلكى سېلىپ زۇلۇم

ئېزىلگەن، دىلى سۇنۇق، يوقسۇللارغا.

17ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا،

شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا.

رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە،

شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا.

18ئۇ ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيىدۇ لەنەتلەرنى،

لەنەتلىرى ئاققان سۇدەك كىرسۇن ئىچىگە،

سىڭىپ كەتسۇن ماي كەبى سۆڭەكلىرىگە.

19لەنەتلىرى ئورىۋالسۇن ئۇنى تونىدەك،

دائىم بېلىنى باغلىۋالسۇن بەلبېغىدەك.

20پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى،

ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

 

21ئى ئىگەم پەرۋەردىگار،

نامىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ياردەم قىل ماڭا،

قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ئەلا.

22چۈنكى مەن ھاجەتمەن، بىچارە،

دەردىممۇ جىق ئىچىمدە.

23ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك،

چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك.

24روزا تۇتۇپ پۇتۇمنىڭ مادارى كەتتى،

تېنىم جۈدەپ، ھارغىنلىق يەتتى.

25دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا،

بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا.

26ئى پەرۋەردىگارىم، ياردەم قىل، قۇتقۇز مېنى،

ماڭا بېرىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

27ئۇلار بىلسۇن بۇ ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى،

ماڭا نىجاتكار بولغۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى.

28مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا،

بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا.

ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار،

ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار.

29رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى،

تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى.

30پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىمەن،

ئۇنى ئاۋام ئىچىدە مەدھىيەلەيمەن.

31چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا،

ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا.

110-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:

«ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

تاشلايمەن دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.»

2پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن،

دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.»

3سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا،

تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا.

سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا،

خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.

4«مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى روھانىيدۇرسەن تائەبەد»

دېگەن بۇ قەسىمىدىن يانماس پەرۋەردىگار پەقەت.

 

5ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە،

پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.

6ئۇ ھۆكۈم چىقىرار گۇناھكار خەلقلەرگە،

باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلار يەر يۈزىدە،

ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.

7ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر،

كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر.

111-مۇناجات

1ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!

ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا،

شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا.

2ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى،

بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى.

3پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر،

ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر.

4مۆجىزىلىرىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالار،

رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار.

5خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى،

تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى.

6پەرۋەردىگار كۆرسەتتى ئۆز خەلقىگە قۇدرىتىنى،

ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ياتلارنىڭ زېمىنىنى.

7ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا،

ئىشەنچ باردۇر بۇيرۇقلىرىدا.

8داۋاملىشار ئۇلار مەڭگۈ، تائەبەدكە،

ئورۇندىلار ئۇلار دۇرۇس، ساداقەتلىكتە.

9مۇقەددەس ۋە ھەيۋەتلىكتۇر پەرۋەردىگار!

نىجاتلىق بەردى ئۇ ئۆز خەلقىگە،

ئەھدىسىنى بېكىتتى ھەم مەڭگۈگە.

10دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر،

ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر.

پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.

112-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.

2كۈچلۈك بولار زېمىندا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى،

بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭغانلىرى.

3ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار،

ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار.

4قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا،

رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.

5ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار،

ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.

6ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس،

ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس.

7قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا،

كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.

8ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ،

قورقمايدۇ ئەسلا،

كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.

9سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە،

مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ،

قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.

10بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر،

ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر،

زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.

113-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

ئەي ئۇنىڭ قۇللىرى، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار،

پەرۋەردىگار نامىغا مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار.

 

2تەرىپلەنسۇن نام-شۆھرىتى پەرۋەردىگارنىڭ

ھەر دائىم، يەنى مەڭگۈگە.

3مەدھىيەلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ

سۈبھى-تاڭدىن تاكى گۇگۇم-شامغىچە.

 

4ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن،

شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن.

5‏-6كىممۇ ئوخشار ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا،

يەنى ئۆزىنىڭ ساماۋى تەختىدە ئولتۇرۇپ،

ئاسمان-زېمىنغا يۇقىرىدىن نەزەر سالغۇچىغا؟

7ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن،

ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن.

8ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا،

ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شاھزادىلىرى يېنىغا.

9ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا،

ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا.

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!

114-مۇناجات

1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا،

ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا،

2يەھۇدا نەسلىنى ماكان قىلدى خۇدا،

ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىلكىدىكى خەلق ئىدى.

3دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا،

ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى.

4تاغلار چۆچۈپ سەكرىدى قوچقارلاردەك،

دۆڭلەرمۇ ئۈركۈدى قوزىلاردەك.

5ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟

ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟

6ئەي تاغلار، نېمىشقا سەكرەيسىلەر؟

ئەي دۆڭلەر، نېمىشقا ئۈركۈيسىلەر؟

7ئەي زېمىن، تەۋرەن ئىگەڭنىڭ سىيماسىدىن،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ كەلگىنىدىن.

8ئۇ تاشنى كۆلچەككە ئايلاندۇردى،

قاتتىق تاشتىن بۇلاقنى پەيدا قىلدى.

115-مۇناجات

1بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە،

بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە

چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.

2مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر،

«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.

3بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار،

نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.

4يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت،

ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.

5ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس،

كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.

6قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس،

بۇرنى تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى پۇرىيالماس.

7قوللىرى بولسىمۇ، تۇتالماس،

پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس.

كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس.

8بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار

ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.

 

9ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە،

ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

10ئەي ھارۇن جەمەتى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە،

ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

11ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار،

تايىنىڭلار ئىگىمىزگە،

ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.

12پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر،

ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر،

ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر.

13ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر،

كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.

14پەرۋەردىگاردىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا

ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما.

15ئاسمان-زېمىننى ياراتقان خۇدا

سىلەرگە چەكسىز بەخت قىلغاي ئاتا.

16ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا،

زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.

17ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە،

مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.

18لېكىن بىز ھەر دائىم، يەنى مەڭگۈگە

تەرىپلەيلى پەرۋەردىگارنى،

شۇنداقلا، ھەمدۇسانا ئوقۇيلى ئىگىمىزگە!

116-مۇناجات

1مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى،

ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.

2قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا،

ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.

3ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى،

گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى،

قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.

4نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى،

«قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»

5پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر،

ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.

6پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى،

ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى.

7ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.

 

8ئى پەرۋەردىگار،

ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى،

يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى،

پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى.

9ئى پەرۋەردىگار،

سەن ئۈچۈن ياشايمەن پانىي ئالەمدە.

10شۇنچە خار بولساممۇ، يەنىلا

ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا.

 

11لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا:

«يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.»

12پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا،

قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟

13نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا،

شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا.

14پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

15ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى،

پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.

 

16ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن،

بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن.

ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن.

17شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا،

شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا.

 

18پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

19ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا،

ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.

117-مۇناجات

1ئەي جاھان ئەھلى، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

ئەي پۈتكۈل قوۋملار، ئالقىشلاڭلار خۇدانى.

2بۈيۈكتۇر ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى،

مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار ۋاپادارلىقى،

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا!

118-مۇناجات

1شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.

2«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ئىسرائىللار.

3«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ھارۇن جەمەتىگە تەۋە بولغانلار.

4«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.

5نىدا قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈن چۈشكەندە بېشىمغا،

نىدايىمغا جاۋابەن نىجاتلىق بەردى ماڭا.

6قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار،

نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!

7مەن تەرەپتىدۇر يۆلەنچۈكۈم پەرۋەردىگار،

كۆز ئالدىمدا مەغلۇپ بولار ماڭا ئۆچ بولغانلار.

8باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى،

ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى.

9باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى،

ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.

10قورشىۋالغان بولسىمۇ بارلىق يات ئەللەر مېنى،

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

11شۇنداق، قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ ئەتراپىمنى،

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

12قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك،

ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك.

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

13يىقىلغىلى تاس قالغانىدىم ئىتتىرىلگەندە،

بىراق مەن يىقىلمىدىم پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە.

14پەرۋەردىگار مۇناجاتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم،

بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم.

 

15ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا،

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

16پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا،

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

17مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن،

پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.

18مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار،

ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.

19ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا،

مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.

20دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ،

كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ.

21ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا،

چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ

نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا.

22كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،

لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.

23پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ،

كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.

24پەرۋەردىگار ياراتقان مۇشۇ كۈندە،

خۇشاللىققا تولايلى قىلىپ تەنتەنە.

 

25ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، قۇتقۇزغىن بىزنى،

ئۆتۈنەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغايسەن ئىشىمىزنى.

26مۇبارەك بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە،

بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە.

27«ياھۋەھ» بىردىنبىر خۇدادۇر.

ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە.

قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.

28سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن،

سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، ئۇلۇغلايمەن.

29شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.

119-مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار،

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار.

2بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ،

پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.

3ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا،

ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا.

4پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى،

ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.

5قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ،

پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ.

6كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە،

قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.

7مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى،

ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى.

8پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن،

مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن.

 

9ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟

ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.

10پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا،

ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا.

11نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى،

ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.

12ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا،

ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.

13بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى،

جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى.

14ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن،

شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.

15چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە،

ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.

16سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى،

ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.

 

17شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا،

شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا.

18ئاچقىن مېنىڭ كۆزلىرىمنى،

كۆرەي تەلىملىرىڭدىكى كارامەتلەرنى.

19مۇساپىرمەن زېمىندا،

ئەمرىڭنى يوشۇرما.

20يۈرىكىم ئېزىلمەكتە،

تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.

21ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى،

ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى.

22ئېلىپ تاشلا مەندىن خورلۇق، مەسخىرىلەرنى،

چۈنكى ئادا قىلىپ كەلدىم پەرزلىرىڭنى.

23توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار،

پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار.

24پەرزلىرىڭ سۆيۈنۈشۈمدۇر،

ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.

 

25قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى،

ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.

26بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى،

جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.

27تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى،

شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.

28غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا،

كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا.

29ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى،

ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.

30تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى،

كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.

31پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى،

شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى.

32قىزغىن ئادا قىلىمەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى،

چۈنكى شۇنداق قىلىشقا قادىر قىلدىڭ مېنى.

 

33پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى،

ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى.

34قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي،

پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.

35ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى،

چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.

36مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە،

بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە.

37نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن،

ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.

38ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى،

خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى.

39قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى،

بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.

40شۇنچىلىك تەشنادۇرمەن يوليورۇقلىرىڭغا،

مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.

 

41ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى.

42شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا،

چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا.

43بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى،

باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمۈڭگە ئۈمىدىمنى.

44بويسۇنىمەن دائىما تەلىملىرىڭگە،

رىئايە قىلىمەن ھەم مەڭگۈگە.

45مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا،

چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا.

46پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا،

رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا.

47ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن،

ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆەرمەن.

48ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە،

ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە.

 

49ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _

ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى.

50ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا.

51مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دا‏ئىم تەكەببۇرلار،

لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار،

52ئەسلىسەم قەدىمدىن بۇيانقى ھۆكۈملىرىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، بېرەر ئۇلار ماڭا تەسەللىنى.

53تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى،

باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.

54يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا،

پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا.

55ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە،

ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە.

56رىئايە قىلىپ كەلدىم سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭغا،

بۇنداق قىلىش بەخت ئېلىپ كەلدى ماڭا.

 

57نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى،

ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى.

58چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى،

كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى.

59نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا،

قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا،

60ئالدىرىدىم،

ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا،

ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم.

61گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى،

ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

62ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە

ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا،

ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە.

63دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا،

شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.

64مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن،

ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.

 

65ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدەڭگە ئاساسەن،

قۇلۇڭغا ياخشىلىق قىلدىڭ سەن.

66ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا،

چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا.

67ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى،

چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى.

68نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى،

ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى.

69تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا،

ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن بۇيرۇقلىرىڭغا

70بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن،

مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.

71تارتقان جاپالىرىم پايدىلىق بولدى ماڭا،

چۈنكى مېڭىشنى ئۆگەندىم پەرمانلىرىڭ يولىدا.

72ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا،

مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.

 

73قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى،

ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.

74مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا،

چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا.

75بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى،

ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.

76بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە مەن قۇلۇڭغا،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ تەسەللى بولسۇن ماڭا.

77رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى،

شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.

78شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار،

سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار،

ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار.

79ساڭا ئىخلاس قىلىدىغانلار كەلسۇن يېنىمغا،

پەرزلىرىڭنى ئۆگىتىمەن ئۇلارغا.

80سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى،

شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.

 

81زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا،

ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.

82سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ،

زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ.

83ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا،

ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.

84قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى،

قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟

85تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار،

ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار.

86ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا،

ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.

87يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى،

ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى.

88روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە،

بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە.

 

89ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر.

90ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى،

ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى.

91ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا،

چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا.

92شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن،

ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن.

93ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى،

چۈنكى ئۇلار روھلاندۇردى ھاياتىمنى.

94مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى،

چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.

95پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى،

ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى.

96كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ،

ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ.

 

97شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى،

ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.

98رەقىبىمدىن دانا بولدۇم ئەمرىڭ بىلەن،

چۈنكى تەلىمىڭ بىرگە بولغاچ دائىم مەن بىلەن.

99ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە،

چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.

100ئاقساقاللاردىنمۇ دانالىقراق بولدۇم،

چۈنكى بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇندۇم.

101ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى،

رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى.

102ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم،

چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم.

103كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا،

ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا.

104دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن،

نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن.

 

105چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا،

نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.

106قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە،

بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.

107قالدىم مەن قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈكتە،

ئى پەرۋەردىگار، روھلاندۇر مېنى ۋەدەڭ بويىچە.

108قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى،

ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى.

109ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا،

ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.

110تۇزاق قۇرسىمۇ مەن ئۈچۈن گەرچە رەزىللەر،

يوليورۇقلىرىڭدىن ۋاز كەچمەسمەن زىنھار.

111مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ،

شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.

112قارارىم بار بويسۇنۇشقا،

ئاداققىچە نىزاملىرىڭغا.

 

113ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى،

بىراق سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

114باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا،

ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.

115كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار،

خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار.

116ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا،

شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا.

117يۆلەنچۈك بولغىن ماڭا، شۇندا ئېرىشەي نىجاتلىققا،

ھەم كۆڭۈل بۆلەي سېنىڭ پەرمانلىرىڭغا دائىما.

118نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار،

بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار.

119ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى،

يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى،

مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى.

120ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن،

ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.

 

121قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى،

زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى.

122كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە،

يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە.

123كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ،

ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ.

124مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.

125ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا،

پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.

126ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا،

چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.

127بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى،

ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى.

128ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى،

ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.

 

129پەرزلىرىڭ بولغاچ سېنىڭ بىباھا،

بويسۇنىمەن شۇڭا مەن ئۇلارغا.

130كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا،

ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.

131نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق،

چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق.

132ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى،

نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى.

133ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى،

ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.

134ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى،

چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى.

135جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا،

پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.

136خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا،

كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.

 

137ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ،

ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ.

138ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ،

ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ.

139غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى،

رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى.

140ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ،

سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ.

141خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ،

قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ.

142مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ،

ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ.

143كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت،

ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت.

144پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە،

روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.

 

145ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا،

بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا.

146ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى،

چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى.

147پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە،

ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە.

148كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە،

ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە.

149مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى،

ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.

150يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار،

تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار.

151ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا،

ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا.

152ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى،

پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى.

 

153نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى،

ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.

154دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى،

ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى.

155رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار،

ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.

156پەرۋەردىگار، مېھىر-شەپقەت مولدۇر سېنىڭدە،

مېنى روھلاندۇرغىن دېگىنىڭدەك ھۆكۈمۈڭدە.

157بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار،

پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار.

158نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە،

رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.

159نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى.

160كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر،

ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر.

 

161سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار،

قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار.

162كالامىڭدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم شۇنچە،

ئېرىشكەندەك غايەت زور خەزىنىگە.

163يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن،

سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.

164ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار،

بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.

165تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار،

ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.

166ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ كۈتىمەن نىجاتلىقىڭنى.

ئىجرا قىلىپ كەلدىم مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى.

167پەرزلىرىڭگە رىئايە قىلىمەن،

ھەم ئۇلارنى قىزغىن سۆيىمەن.

168بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا،

بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا.

 

169پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا،

ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا.

170ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى،

ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى.

171لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا،

چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.

172كالاملىرىڭ كۈيلىنەر تىللىرىمدا،

چۈنكى باردۇر ئادىللىق بۇيرۇقۇڭدا.

173تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى،

چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى.

174نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار،

تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.

175ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا،

ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا.

176ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى،

چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.

120-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا،

كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.

2«قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا،

يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن»

دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا.

3ئەي يالغانچى تىل!

قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟

بېرەر ساڭا قانداق جازا؟

4باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر،

ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر.

5ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا،

بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.

6تويدۇم ياشاشتىن بۇ يەردە،

تىنچلىققا ئۆچ خەلق ئارىسىدا.

7سۆيۈپ مەن تىنچلىقنى،

دېسەممۇ «تىنچلىقتا ياشايلى» گەر،

بىراق ئۇلار «ئۇرۇشايلى» دەر.

121-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا،

قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.

2پەرۋەردىگارلا قىلار ياردەمنى،

ئۇ ياراتقاندۇر ئاسمان-زېمىننى.

3ساقلار ئۇ تېيىلىشتىن پۇتلىرىڭنى،

سەگەك تۇرۇپ قوغدايدۇ سېنى.

4بىلگىنكى، قوغدىغۇچى ئىسرائىللارنى،

ئۇخلىماس، تەرك ئەتكەندۇر ئۇيقۇنى.

5قوغدىغۇچىڭدۇر پەرۋەردىگار،

ئوڭ يېنىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرار.

6زەرەر يەتكۈزەلمەس ساڭا زىنھار،

ئاي ۋە قۇياش، كېچە ۋە كۈندۈز.

7يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار،

ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.

8نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا،

ھەر دائىم، يەنى مەڭگۈگە ئالار سېنى ئۆز پاناھىغا.

122-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا:

«بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»

2ئەي يېرۇسالېم، دەرۋازاڭنىڭ ئىچىدە تۇرىمىز ئەمدى مانا!

3يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر.

4كېلەر قوۋملار، پەرۋەردىگارنىڭ قوۋملىرى ئۇنىڭغا،

كېلەر بېرىلگەن پەرمان بويىچە ئىسرائىلغا،

شۈكۈر ئېيتىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا.

5ئەي يېرۇسالېم، ھۆكۈم چىقىرىلسۇن دەپ سەندە،

تەخت سېلىندى داۋۇت جەمەتىدىكىلەرگە.

 

6يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن:

«سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن،

7قورغان ئىچى ئامان بولسۇن،

ئوردىلىرى ئاۋات بولسۇن!»

8قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا،

تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا».

9پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا،

ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا.

123-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا،

تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا.

2كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر پەرۋەردىگارغا،

خۇددى قۇللارنىڭ كۆزلىرى تىكىلگەن كەبى قۇلدارنىڭ قولىغا،

دېدەكنىڭ كۆزلىرى تىكىلگەن كەبى ئاغىچا خېنىمنىڭ قولىغا.

تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز خۇدايىمىزغا.

3ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىل، شەپقەت قىل بىزگە،

چۈنكى تارتقان خورلۇقلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە.

4مازاقلىرىغا قالدۇق تولىمۇ باغرى تاشلارنىڭ،

خورلۇقىنى تارتتۇق خويمۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ.

124-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئەي ئىسرائىللار،

«ئەگەر پەرۋەردىگار بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا» دەڭلار!

ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!

2‏-5كىشىلەر بىزگە ئاچچىقلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە،

ئەگەر خۇدا بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا،

ئۇلار بىزنى تىرىك پېتى يەۋېتەر ئىدى.

كەلكۈن كەبى ئېقىپ كەلگەن ئادەم توپى

دولقۇن ياساپ باسقىنىدا ئۈستىمىزدىن

ئەزىم دەريادەك بىزنى غەرق قىلار ئىدى.

 

6ئېيتايلى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

يەم قىلمىدى بىزنى ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا.

7قېچىپ چىقتۇق قۇش كەبى بىز ئۇلارنىڭ قاپقىنىدىن،

تۇزىقى بۇزۇلۇپ، قاچتۇق ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن.

8بىزگە ياردەم بەرگەن پەرۋەردىگاردۇر،

ئۇ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدۇر.

125-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار،

سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

2تاغلار قورشاپ تۇرغاندەك يېرۇسالېمنى،

پەرۋەردىگار قورشاپ تۇرار ئۆز خەلقىنى،

ھەر دائىم، يەنى مەڭگۈگە ئۇلارنى.

3بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا،

ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا،

رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە،

ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە.

 

4ئى پەرۋەردىگار، مېھرىڭنى بەرگىن دائىما،

ياخشىلار ۋە قەلبى پاكلارغا.

5ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا،

جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا،

تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.

126-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا،

بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.

2خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا،

چۇقانلار كۆتۈرگەنىدۇق شادلىقتا.

‏ «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»

دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.

3دەرۋەقە پەرۋەردىگار زور ياخشىلىق قىلدى بىزگە،

شاد-خۇراملىق تولدى بىزنىڭ قەلبىمىزگە.

4روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار،

توساتتىن سۇغا تولغاندەك نەگېب چۆللۈكىدىكى ئېقىنلار.

5يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار.

6دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇرۇق خالتىسىنى، يىغا بىلەن كەتكەن كىشى،

قايتىپ كېلەر ناخشا بىلەن، ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرگەن پېتى.

127-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، سۇلايمان يازغان مۇناجات

 

1ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار،

ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر.

ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار،

بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.

2بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار

ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە

كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.

 

3پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر،

ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.

4تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا،

ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا.

5بەختلىكتۇر ئوقدىنىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا،

چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسىدا،

يېڭىلىپ شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا.

128-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار،

نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار.

2بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر،

روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.

3ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا،

زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا،

داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.

4مانا شۇنداق بەرىكەت تاپار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم.

5پەرۋەردىگار سىئوندىن ئاتا قىلسۇن ساڭا بەختنى،

كۆرگەيسەن ئۆمۈر بويى روناق تاپقان يېرۇسالېمنى.

6ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا،

تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.

129-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم

زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.»

ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!

2«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم

زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار،

بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.»

3قوشچى يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان كەبى،

قامچىدا ئۇلار دۇمبەمگە ئىزلار سالدى.

4ئادالەتلىك، ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار،

رەزىللەرنىڭ ئاسارىتىنى ئۇ سۇندۇرار.

 

5سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار،

رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن.

6خۇددى ئۆگزىدە ئۈنۈپ قالغان چۆپلەردەك

ئورۇلماي تۇرۇپ ئۇلار سولۇشۇپ قالسۇن.

7چۆپ ئورىغۇچى چۆپنى يىغسا بىر تۇتاممۇ چىقمىسۇن.

چۆپ باغلىغۇچى باغلىسا بىر باغلامغا توشمىسۇن.

8يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا:

«پەرۋەردىگار بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا،

سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»

130-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1‏-2پەرياد قىلدىم پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە،

قۇلاق سالغىن ئىگەم مېنىڭ ئەرزىمگە.

ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى،

ياردەم تىلىگەن سادايىمنى.

3ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە

بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى،

قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟

4بىراق كەچۈرۈم بولغاچ سەندە،

ساڭا ئىخلاس باردۇر بىزدە.

 

5كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە،

ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە.

6سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ

زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.

 

7ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا،

تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا.

8پەقەت پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئىسرائىللارنى،

گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن خالاس قىلىپ ئۇلارنى.

131-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار،

تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە،

ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە.

ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا،

كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.

2سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا،

كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم،

بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم.

3ئەي ئىسرائىللار،

ھەر دائىم، يەنى مەڭگۈگە

ئۈمىد باغلاڭلار ئىگىمىزگە.

132-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1ئى پەرۋەردىگار، ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى،

ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.

2قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا،

ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:

3«كىرمەسمەن ئۆيۈمگە، ياتماسمەن ئورنۇمدا،

4ئۇخلىماسمەن، مۈگدىمەسمەن ھەتتا،

5تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسىنىڭ

خەلقى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايىنى.»

 

6ئەھدە ساندۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنى

ئەفراتادا ئاڭلىغانىدۇق،

بىز ئۇ ساندۇقنى يائار دالالىرىدىن تاپتۇق.

7خۇدا بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بارايلى،

پۇتلىرىغا باش قويۇپ سەجدە قىلايلى.

 

8ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا،

يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا.

كىرگەيسەن ئۇ يەرگە قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان

ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

9ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن،

تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.

10قىلىپ قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى،

رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى.

11قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى،

داۋۇتقا بەرگەن بۇ قەسىمىنى:

«ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە،

ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى.

12ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە،

بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە،

ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»

 

13شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى،

بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى.

14پەرۋەردىگار دەيدۇكى،

بۇ ئارامگاھىمدۇر مەڭگۈگە،

ياشاشنى خالايمەن بۇ يەردە.

15بەرھەق، روناق تاپقۇزىمەن سىئوننى،

توق قىلىمەن يوقسۇللىرىنىڭ قورساقلىرىنى.

16كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى،

ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.

17كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى،

ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.

18كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى،

پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.

133-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق،

قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.

2ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر،

ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ،*

ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا،

تامغانىدى ياقىلىرىغا.

3مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق،

خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا،

بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى،

ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.

134-مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات

 

1ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار،

كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار،

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!

2مۇقەددەس جاي تەرەپكە قاراپ،

دۇئاغا كۆتۈرۈلسۇن قوللىرىڭلار،

پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!

3ياراتقۇچىدۇر خۇدا ئاسمان، زېمىننى،

بەختىيار قىلغاي ئۇ سىئوندىن سىلەرنى.

135-مۇناجات

1‏-2ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ نامىغا.

ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار،

ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار،

خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرىدىغانلار،

مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.

3مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار.

كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى،

چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار.

 

4پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى،

ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.

5بىلىمەن، بەرھەق پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،

ئۇ ھەممە غەيرىي ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.

6ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا،

نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا.

7ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى،

يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى،

كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.

8ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى،

يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى.

9ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى،

جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.

10ۋەيران قىلدى ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى،

ئۆلتۈردى قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى.

11ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى،

باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى،

ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى.

12ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بەردى ئۆز قوۋمىغا،

ئاتا قىلدى ئۇلارنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا.

13ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ.

14چۈنكى ئاقلايسەن ئۆز خەلقىڭنى،

كۆرسىتىسەن قۇللىرىڭغا شەپقىتىڭنى.

 

15يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت،

ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.

16ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس،

كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.

17قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس،

ئاغزى بار، لېكىن يوقتۇر نەپەس

18بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار

ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.

 

19ئەي ئىسرائىل جەمەتى، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئەي ھارۇن جەمەتى، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا.

20ئەي لاۋىي جەمەتى، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئەي ئىخلاسى بارلار، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا.

21پەرۋەردىگار ياشار يېرۇسالېمدا،

ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا،

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا!

136-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

2پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ھەممە «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

3پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بارلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئۈستۈندۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

4پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

پەقەتلا ئۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

5پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

6پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

7پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

8پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

9پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

10پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

مىسىردا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

11پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

12پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

13پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

14پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ چىققۇچىدۇر.

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

15پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

16پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

17پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كاتتا پادىشاھلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

18پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ كۈچلۈك پادىشاھلارنى ھالاك قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

19پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

20پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر،

21پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

22پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

23پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

24پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قوغدىغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

25پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

26ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

137-مۇناجات

1دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا،

سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.

2لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى تېرەك شېخىدا.

3چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار

ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن،

كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا.

جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ

دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر

سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.»

4ياقا يۇرتتا قانداقمۇ ئېيتايلى ئۇنى _

پەرۋەردىگارنىڭ مۇناجاتىنى.

 

5ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام،

قۇرۇسۇن ئوڭ قولۇم.

6ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام،

سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم،

چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم.

7ئى پەرۋەردىگار،

ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا،

يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار

دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار،

يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»

8ئەي بابىللىق ۋەيران بولغۇچىلار،

بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى

ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار.

9بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار.

138-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا،

كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر* ئالدىدا.

2مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا،

ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا،

سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.

3بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا،

جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.

4ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار،

ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار.

5ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى،

كۈيلەر ئۇلار ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى.

6بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار،

كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار،

تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.

7يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن،

ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن.

توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى،

قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.

8ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى،

مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار،

تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.

139-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار،

كۆردۈڭ قەلبىمنى، بىلدىڭ مېنى.

2بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى،

چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

3كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى،

ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

4ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى،

ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.

5باردۇرسەن ئەتراپىمدا،

قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.

6قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە،

ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.

 

7نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن،

نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينۇڭدىن.

8ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە،

لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

9پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ،

تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

10ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ،

يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ.

11مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا،

ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،

12تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا،

كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار،

قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.

 

13شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى،

ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.

14شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا،

چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى.

شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ،

ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.

15مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا،

پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا،

ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.

16كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى،

كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى،

تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى.

17شۇنچە قەدىرلىكتۇر مەن ھەققىدىكى ئويلىرىڭ، ئى خۇدا،

ئۇلارنىڭ ھېچبىر سانى يوقتۇر ئەسلا.

18سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا،

ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا.

 

19ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن،

ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.

20كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا،

دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا.

21ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟

ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟

22ئۇلارغا ئۆچ بولىمەن چىش-تىرنىقىمغىچە،

ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلايمەن ئۆزۈمگە.

 

23كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى،

سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى.

24باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە،

مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە.

140-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

 

1ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى،

زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.

2يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە،

جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.

3زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى،

يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ

4ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن،

پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن.

5يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار

ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار.

يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ

6«سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم پەرۋەردىگارغا،

ئى پەرۋەردىگارىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا.

7ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن،

جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن.

8ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى،

ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى،

بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. سېلاھ

9تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ،

يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.

10قىپقىزىل چوغلار چۈشسۇن ئۇلار ئۈستىگە،

تاشلىۋېتىلسۇن ئۇلار ئوتلار ئىچىگە،

قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭنىڭ تېگىگە.

11يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار،

ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.

12بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار،

يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.

13بەرھەق، ساڭا شۈكۈر ئېيتار ھەققانىيلار،

ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ دۇرۇس يولدا ماڭغانلار.

141-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا،

كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا،

ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.

2قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى،

كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،

3پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا،

پوستتا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.

4رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى،

يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى.

قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى،

يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.

5مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى،

تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك،

تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى،

بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.

 

6‏-7خۇددى قېزىلىپ چىققان تاشلاردەك سوقا يەرنى ئاغدۇرغاندا،

ئۇستىخانلىرى چېچىلىپ ياتار گۆر ئالدىدا.

تاشلىۋېتىلسە يارلاردىن ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى،

ھەقىقەت بولغاچ سۆزۈم قالغانلار چۈشىنەر ئۇنى.

8لېكىن ئىگەم پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ قارايمەن ساڭا،

سەندىن پاناھ ئىزدەيمەن، مېنى پاناھسىز قالدۇرما.

9ساقلا مېنى ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتاقلىرىدىن،

قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن.

10رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا،

مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما.

142-مۇناجات

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ئۇ غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا بۇ مۇناجاتنى ئوقۇپ دۇئا قىلغان.

 

1ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن.

پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.

2مەن ئۇنىڭغا تۆكىمەن دەردلىرىمنى،

ھەم ئۇنىڭغا ئېيتىمەن مۈشكۈللىرىمنى.

 

3ئى پەرۋەردىگار،

رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ،

روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ،

ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.

4پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا،

ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا،

پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.

5ئى پەرۋەردىگار، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم:

«سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،

پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»

 

6پەريادىمغا قۇلاق سالغىن،

ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر.

قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن،

چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.

7شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا،

ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن.

ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا،

چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.

143-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا،

موھتاج بولۇپ ساڭا قىلغان ئىلتىجايىمغا.

ھەققانىيسەن پەرۋەردىگار، ساداقىتىڭدە

جاۋاب بەرگىن مېنىڭ قىلغان مۇڭ-زارىمغا.

2گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا،

شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.

3ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم،

زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا.

ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك،

مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا.

4شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى،

ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى.

5ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى،

سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى،

ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى.

6قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر،

ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ

7ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار،

بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر،

ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار.

بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.

8مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە،

چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن.

مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا،

چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.

9قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن،

باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينۇڭدىن.

10ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى،

چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن.

ئاداشماي يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.

11پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى،

ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى.

12ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە

ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى،

خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى.

بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن.

144-مۇناجات

داۋۇت يازغان مۇناجات

 

1ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا،

ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا.

2ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ،

نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ.

قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا،

بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

3ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك،

ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

4كېتىۋاتقان سايىگە ئوخشار ئىنسان ھاياتى،

بىر تىنىققا ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى.

 

5كۆكنى يېرىپ چۈشكىن ئى خۇدا،

ئىس-تۈتەكلەر چىقارغىن تاغلار ئارا.

6چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى،

تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى.

7ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن،

تارتىۋالغىن مېنى خۇدا چوڭقۇر سۇلاردىن،

قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن.

8ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى،

بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.

 

9ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا،

كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا.

10سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن،

بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.

11ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى،

ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى،

بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى.

 

12ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە،

قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە.

13ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا،

قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا.

14كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى،

ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزنىڭ ھېچبىرى.

بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى،

ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى.

15نەقەدەر بەختلىكتۇر

تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىنسانلار!

نەقەدەر بەختلىكتۇر

پەرۋەردىگارنى ئىگىمىز دەپ تونۇغانلار!

145-مۇناجات

داۋۇت يازغان مەدھىيە كۈيى

 

1ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى،

تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.

2ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا،

ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.

3خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر،

ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.

4ئەۋلادلاردىن ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ،

تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ.

5تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە،

چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە.

6داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا،

مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى دائىما.

7ئۇلار ئەسلەپ، سۆزلىشەر شەپقىتىڭنى بەس-بەستە،

ئادالىتىڭنى كۈيلىشەر ناخشا ئوقۇپ ھەۋەستە.

 

8پەرۋەردىگار رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر،

غەزىپى كەلمەس ئاسانلىقچە،

مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

9پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار،

بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار.

 

10ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۇلار شۈكۈر ئېيتار،

ساڭا سادىق بەندىلىرىڭ مەدھىيە ئوقار.

11ئۇلۇغۋار ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەققىدە ئۇلار سۆزلەر،

بۈيۈك قۇدرىتىڭنى ھەممە ئىنسانغا بايان ئەيلەر.

12جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار،

پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار.

13پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر،

ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر،

پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر،

ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

14پەرۋەردىگار يۆلەر يىقىلغانلارنى،

رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

15ئى پەرۋەردىگار،

تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا،

بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا.

16جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن،

ئۇلارغا قولى ئوچۇق سېخىيدۇرسەن.

 

17پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر،

ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

18پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر،

ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر.

19ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى،

ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.

20قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى،

ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.

21ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا،

پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا.

146-مۇناجات

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

ئەي قەلبىم مەدھىيەڭنى ياغدۇر ئاڭا!

2ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى،

جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.

3ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە،

نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.

4تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا،

شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا.

5بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر،

ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر.

6ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى،

دېڭىزنى ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى،

ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.

7يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا،

رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا،

ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.

8ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى،

رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.

9قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى،

قوللار تۇل ئايال، يېتىم-يېسىرلارنى.

لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.

10ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە،

ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.

ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!

147-مۇناجات

1ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئىگىمىزنى كۈيلىمەك بەختتۇر بىزگە،

خۇشاللىقتۇر مەدھىيە ئوقۇش خۇداغا،

ھەمدۇسانالار لايىقتۇر ئۇنىڭ شەنىگە.

2پەرۋەردىگار قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى،

ئىسرائىلىيەگە يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.

3كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ،

شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.

 

4خۇدا ئۆزى بەلگىلەيدۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى،

ئايرىم نامدا ئاتىغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى.

5ئىگىمىز بۈيۈكتۇر، قۇدرىتى چەكسىز،

دانالىقى ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز.

6پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى،

ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق رەزىللەرنى.

7پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار،

قوشاقلارنى لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

 

8ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ،

كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ،

تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.

9خۇدا ئاتا قىلار چارۋا مالغا ئۆز رىزقىنى،

ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قۇزغۇن بالىلىرى.

10ئۇ سۆيۈنمەس ئات كۈچىدىن،

چەبدەس، چاققان ئادەم پۇتىدىن.

11پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.

 

12ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئالقىشلا،

ئەي سىئون، مەدھىيە ئوقۇ خۇدايىڭغا.

13چۈنكى ئۇ دەرۋازا بالداقلىرىنى مەھكەم قىلار،

سېپىل ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە بەخت ئاتا قىلار.

14ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر،

ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.

15خۇدا يەر يۈزىگە ئەمر قىلار،

ئەمرى تېز بېرىپ ئەمەلگە ئاشار.

16پەرۋەردىگار ئاق يۇڭدەك ئاپئاق قارنى ياغدۇرار،

نەپىس قىروۋنى پۈتكۈل زېمىنغا كۈلدەك چاچار.

17مۆلدۈرلەرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك چېچىۋېتەر،

كىممۇ ئۇنىڭ سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرەر.

18پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى،

شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى.

 

19پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە،

پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.

20پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس،

ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس.

ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا!

148-مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى،

مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى.

2مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى،

ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى.

3‏-4ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار،

ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار،

مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.

 

5مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى،

چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى.

6پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى،

بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.

 

7مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار،

ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار.

8مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.

9مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر،

كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر.

10مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار،

ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.

11مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.

12مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار.

 

13مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى،

چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى،

ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.

14ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار،

مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _

خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار.

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

149-مۇناجات

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!

ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.

2خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن،

شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.

3مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ،

ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.

4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر،

كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.

5شادلانسۇن بۇ شۆھرەتتىن سادىق بولغانلار خۇداغا،

ئېيتسۇن ناخشا خۇشاللىقتىن ئورۇنلىرىدا ياتقاندا.

6چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى

ھەم چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى

7ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز ئەللەردىن قىساسىنى.

بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى

8زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى،

تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.

9ئىجرا قىلار پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا،

مەنسۇپتۇر بۇ شەرەپ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا.

ئوقۇڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!

150-مۇناجات

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!

مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا،

قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.

2مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.

3مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا.

4مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.

5مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاڭلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاڭلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا،

6مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئەي جىمىكى تىنىقى بارلار.

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!


1: 1 مەسخىرىچىلەر _ خۇدا ۋە خۇدانىڭ يولىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

2: 7 سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن _ ئىسرائىللارنىڭ قارىشىچە، خۇدا پادىشاھنى ئۆزىنىڭ ئوغلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

3: 2 سېلاھ _ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، بىرئاز توختاش ياكى مەرغۇل دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

8: 0 گىتتىت _ بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.

9: 0 9-مۇناجات بىلەن 10-مۇناجات ئەسلى بىر مۇناجات بولۇشى مۇمكىن.

9: 16 ھىگگائون _ ئېنىق مەنىسى نامەلۇم، «سۈكۈت قىلىش» ياكى «پەس ئاۋازدا چېلىنىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

16: 0 مىقتام _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، تاش تاختىغا ئويۇلۇپ يېزىلغان مۇناجاتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

18: 10 كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ۋە پەرىشتىگە ئوخشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇقتۇر.

23: 5 بېشىغا ياغ سۈركەش _ ئەينى زاماندا ساھىبخان ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالغاندا ئۇنىڭ بېشىغا خۇش پۇراقلىق ياغ سۈركەش بىلەن چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرەتتى.

29: 6 سىريون _ لىۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز تېغى بولۇپ، ئۇ يەنە خەرمون تېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

33: 2 لىرا _ قەدىمكى بىر خىل تارلىق چالغۇ ئەسۋاب.

42: 0 42-مۇناجات بىلەن 43-مۇناجات ئەسلى بىر مۇناجات بولۇشى مۇمكىن.

47: 4 ياقۇپ _ ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

51: 7 لېپەكگۈل _ روھانىيلار بۇ گۈلنى ناپاكلىقتىن پاكلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىدۇ.

53: 0 ماخالات _ «ماخالات»نىڭ مەنىسى نامەلۇم بولۇپ، ئۇ مەلۇم مېلودىيەنىڭ ياكى چالغۇ-ئەسۋابنىڭ ئىسمى، ياكى مەلۇم مۇزىكىلىق كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن.

54: 0 بۇ ۋەقەلەر «سامۇئىل 1» 23-باب 14-ئايەتتىن 29-ئايەتكىچە بايان قىلىنىدۇ.

58: 8 قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك _ ئەينى چاغدا كىشىلەر قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ تۈگەيدۇ، دەپ قارىغان.

72: 1 پادىشاھ _ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

74: 0 ئەگەر بۇ مۇناجاتتا تىلغا ئېلىنغان ۋەيرانچىلىق مەركىزىي ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ مۇناجاتنى يازغۇچى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بولىدۇ.

74: 14 لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان، ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق مەخلۇقتۇر.

75: 6 شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن _ «شەرق، غەرب ياكى چۆل-باياۋاندىن» دەپ ئېلىنسىمۇ بولىدۇ.

77: 16 سۇلار _ يازغۇچى بۇ يەردە «مىسىردىن چىقىش»تىكى قىزىل دېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆزدە تۇتقان.

78‏: 51 ھام _ نۇھنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئەجدادىدۇر.

78: 60 شىلو _ ئەھدە ساندۇقى دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇشۇ يەردە ساقلانغانىدى.

78: 61 61-ئايەتتىكى «قۇدرىتى» ۋە «شۆھرىتى» دېگەن سۆزلەر خۇدا ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى ساقلانغان ساندۇقنى كۆرسىتىدۇ.

80: 8 بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى _ ئىسرائىللارغا سىمۋول قىلىنغان.

81: 0 گىتتىت _ بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.

83: 12 چىمەن-يايلاق _ ئىسرائىلىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.

84: 0 گىتتىت _ بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن.

87: 1 خۇدا قۇرغان شەھەر _ سىئون شەھىرىنى، يەنى يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ.

87: 4 راخاب _ مىسىرنىڭ لەقىمىدۇر.

89: 10 راخاب _ دېڭىزدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق، چوڭ بىر ئەپسانىۋىي مەخلۇقنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ ھالاكەتلىك دېڭىزغا ۋە ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

95: 8 مىرىبا ۋە ماسساھ _ ئىسرائىللار بۇ يەرلەردە مۇسا پەيغەمبەردىن رەنجىگەنىدى ۋە پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى («مىسىردىن چىقىش» 17: 7).

105: 10 ئىسرائىل _ ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئىسمى.

105‏: 23 ھام _ نۇھنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئەجدادىدۇر. «ھام زېمىنى» مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.

133: 2 ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ _ ھارۇن باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەنگەندە، ئۇنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىغا ئالاھىدە پۇراقلىق ياغ قۇيۇلغانىدى («مىسىردىن چىقىش» 30: 30).

138: 1 پەرىشتىلەر _ بۇ سۆز «ئىلاھلار» ياكى «يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار» دەپ ئېلىنسىمۇ بولىدۇ.