سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت

1

1مەن پاۋلۇس، سىلاس ۋە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سالونىكا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام. خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

سالونىكالىقلارنىڭ ئېتىقادى

2بىز ھەمىشە سىلەر ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى دائىم تىلغا ئېلىپ تۇرۇۋاتىمىز. 3ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن قىلغان ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئۈمىدىڭلار بىلەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىڭلارنى خۇدائاتىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. 4ئەي خۇدا سۆيگەن قېرىنداشلار، بىزگە مەلۇمكى، خۇدا سىلەرنى تاللىدى. 5بىز خۇش خەۋەرنى سىلەرگە سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت ۋە تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن قانداق ياشىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. 6سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار. 7نەتىجىدە، سىلەرمۇ ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى پۈتكۈل ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولدۇڭلار. 8سىلەردىن تارقالغان رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. 9بىز بارغان جايلاردىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى. 10ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. ئۇ دەل بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھتۇر.

2

پاۋلۇسنىڭ سالونىكادىكى خىزمىتى

1قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى. 2بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە ئازاب چەككەنلىكىمىز ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىمىز سىلەرگە مەلۇمدۇر. كېيىن سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز خۇدايىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 3بىز خۇش خەۋەرنى بىرەر ساختىلىق، يامان نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك بىلەن يەتكۈزمىدۇق. 4ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە لايىق كۆرۈپ، بۇ ۋەزىپىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى كىشىلەر بىزنى ياخشى كۆرسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز. 5سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر. 6مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق. 7ئەسلى بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرگە ئېغىرلىقىمىزنى سېلىشقا ھەقلىق ئىدۇق. لېكىن بىز ئۇنداق قىلمىدۇق، بەلكى سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق. 8شۇ چاغدا سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى خۇشاللىق بىلەن بېرىپلا قالماي، بەلكى ھاياتىمىزنىمۇ خۇشاللىق بىلەن بېرىشكە رازى ئىدۇق.

9ئەي قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا بار. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. 10سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمىزدا ھەرىكىتىمىزنىڭ پاك، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز بولغانلىقىغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر، ھەتتا خۇدامۇ گۇۋاھتۇر. 11سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھەربىرىڭلارغا ئاتا پەرزەنتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەندەك ئەجىر سىڭدۈردۇق. 12سىلەرگە مەدەت ۋە تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.

13خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلغىنىڭلاردۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. 14قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار. 15‏-16بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنىدى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقارماقتا. ئۇلار بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانلارغا قارشى تۇرۇپ، خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، چېكىگە يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

پاۋلۇسنىڭ ئەنسىرىشى

17قېرىنداشلار،

|| بىز سىلەردىن ئامالسىز ۋاقىتلىق ئايرىلغان ۋە سىلەر بىلەن بىرگە بولالمىغان بولساقمۇ، ئەمما قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق! 18چۈنكى يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتىزار ئىدۇق. بولۇپمۇ مەنكى پاۋلۇس نەچچە قېتىم سىلەرنى يوقلاپ بارماقچى بولغان بولساممۇ، بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسالغۇ بولدى. 19بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ۋە خۇشاللىقىمىز سىلەر بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟ رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەردۇرسىلەر. 20بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، سىلەر بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزدۇرسىلەر!

3

1بىز سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئالالماي، تاقىتىمىز قالمىغاندا، ئۆزىمىز ئافېنا شەھىرىدە يالغۇز قالساقمۇ، 2يېنىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا بىز بىلەن بىرگە ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى ئەۋەتتۇق. بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. 3ئەگەر شۇنداق قىلالىساق، ئاراڭلاردىكى ھېچكىمنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئېتىقادچى بولغان بىزلەر چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز. 4بىز سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ دېگىنىمىزدەك بولدى. 5شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشىدىن ۋە بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.

6لېكىن يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 7قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بوشاشماپتۇ. جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغان بىز بۇنىڭدىن چوڭ ئىلھام ئالدۇق. 8رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلار مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يېڭىباشتىن ياشايمىز. 9بىز سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز! سىلەر بىزنى خۇدانىڭ ئالدىدا خۇشاللىققا چۆمدۈردۈڭلار ئەمەسمۇ؟ 10سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرەلىشىمىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز چىن قەلبىمىزدىن خۇداغا دۇئا قىلماقتىمىز.

11ئاتىمىز خۇدا ۋە رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول ئاچقاي. 12رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا، شۇنداقلا باشقا ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تولۇق قىلغاي! 13رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇ سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!

4

خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات يولى

1قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگەندىڭلار. ھازىرمۇ شۇ بويىچە ياشاۋاتىسىلەر. ئاخىردا سىلەردىن خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز. 2چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىزنى بىلىسىلەر. 3خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار. 4‏-5سىلەردىن ھېچكىم خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمىسۇن، بەلكى تېنىدىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشىسۇن. 6بۇ ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ. 7چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى. 8شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.

9قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە خەت يېزىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتتى. 10ئەمەلىيەتتە، سىلەر پۈتۈن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر. شۇنداق بولسىمۇ، ئەي قېرىنداشلار، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى سورايمىز. 11سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈشكە، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇشقا ۋە ئىككى بىلىكىڭلارغا تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىڭلار. 12شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.

ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشى

13قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز. 14ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىشىمىز كېرەك. 15بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتىپ كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز. 16رەببىمىز ئاسماندىن بىر پەرمان بىلەن، شۇنداقلا باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ. 17كېيىن بۇ دۇنيادا قالغان بىزلەر ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسماندا رەببىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. 18شۇڭا بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار.

5

رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش

1قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز. 2چۈنكى سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىز قايتىپ كېلىدىغان كۈن خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. 3كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، ئۇلارغىمۇ تاسادىپىي ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. 4لېكىن قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قاراڭغۇلۇقتا ئەمەسسىلەر. شۇڭا ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىغا ئوخشاش چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 5بىز ھەممىمىز كۈندۈزنىڭ، يەنى يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. ھەممىمىز كېچىنىڭ، يەنى گۇناھنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەنسۇپ ئەمەسمىز. 6شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى. 7ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. 8يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق، ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. 9چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلسۇن دەپ تاللىغاندۇر. 10ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر. 11شۇنىڭ ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارنى ھازىرقىدەك داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىڭلار.

ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار

12قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەببىمىزنىڭ يولىدا سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت قىلىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى سورايمىز. 13ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 14قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. 15ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا، شۇنداقلا باشقا ھەممە كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.

16ھەر دائىم خۇشال-خۇرام بولۇڭلار. 17ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار. 18ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 19مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. 20ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار. 21ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، خۇدادىن كەلگەن ھەقىقىي ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار. 22ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

23بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى ھەر جەھەتتىن پاكلىغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. 24سىلەرنى چاقىرغان خۇدا جەزمەن شۇنداق قىلىدۇ، ئۇ ئىشەنچلىكتۇر!

25قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 26ھەممە قېرىندىشىڭلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىڭلار. 27سىلەرنىڭ بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە قېرىنداشلارغا رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى تاپىلايمەن.

28رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!