نەخەمىيا

1

1تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر.

نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا كۆڭۈل بۆلۈشى

پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلېۋ ئېيىدا*، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم. 2قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن بىرگە يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم. 3ئۇلار ماڭا سۈرگۈندىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ بارغان يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

4مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:

 

5«ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 6مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم. 7بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق. 8سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن، سەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن، 9لېكىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، سىلەرنى خەلقىمنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈم بەلگىلىگەن جايغا قايتا يىغىمەن› دېگەنىدىڭ.

10سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خەلقىڭدۇر ھەم خىزمەتكارلىرىڭدۇر. 11ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!»

 

بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى* ئىدىم.

2

نەخەمىيانىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

1تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى*، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم. 2ئۇ ماڭا:

_ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر ئىش بار، _ دېدى. مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا 3پادىشاھقا:

_ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم. 4پادىشاھ:

_ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە 5پادىشاھقا:

_ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنى ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان يەھۇدىيەنىڭ شەھىرىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.

6خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن:

_ قانچە ۋاقىت تۇرىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

7مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم:

_ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە بېرىشىمغا يول خەت پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. 8ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام.

خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى. 9پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سەركەردىلەر بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۇندۇم. 10خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.

نەخەمىيانىڭ سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

11‏-12مەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۈچىنچى كۈنى يېرىم كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقتىم. خۇدانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قەلبىمگە سالغان ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بىزدىكى بىردىنبىر ئۇلاغ مەن مىنگەن ئېشەك ئىدى. 13مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ «جىلغا دەرۋازىسى» ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، «قىغ دەرۋازىسى»غا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى كۆزدىن كەچۈردۈم. 14ئاندىن مەن «بۇلاق دەرۋازىسى»دىن ئۆتۈپ، «شاھ كۆلچىكى»گە باردىم. بىراق ئېشىكىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، «جىلغا دەرۋازىسى» ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.

16مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى ھېچقانداق يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا، مەيلى ئۇلار روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار باشقا كىشىلەر بولسۇن، تېخى تىنمىغانىدىم. 17بىراق ھازىر مەن ئۇلارغا:

_ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.

18مەن ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار:

_ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دېيىشتى ۋە پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن بۇ خەيرلىك ئىشىنى باشلاشتى.

19خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزگە نەپرەت قىلىپ:

_ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى. 20مەن جاۋابەن:

_ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.

3

شەھەر سېپىللىرىنى قايتىدىن قۇرۇش

1باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى «قوي دەرۋازىسى»نى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى «يۈز مۇنارى»غىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى. 2كېيىنكى بۆلىكىنى ئېرىخالىقلار ياسىدى. قالغان كېيىنكى بۆلىكىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى.

3ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى «بېلىق دەرۋازىسى»نى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. 4خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 5تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.

6پاسېياخنىڭ ئوغلى يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام «كونا شەھەر دەرۋازىسى»نى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. 7گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى. 8زەرگەرلەردىن بىرى بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئېل ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. خانانيا خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ياسىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كەڭ سېپىلغىچە رېمونت قىلدى.

9خۇرنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 10خارۇمافنىڭ ئوغلى يىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغىچە رېمونت قىلدى. خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 11خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاخات-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بىلەن تونۇرلار مۇنارىنى رېمونت قىلدى. 12ھاللوھېشنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرىدىغان شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.

13خانۇن زانوۋاخلىقلارنى باشلاپ، «جىلغا دەرۋازىسى»نى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئۇلار يەنە «قىغ دەرۋازىسى»غىچە بولغان 500 مېتىر ئارىلىقنى ياسىدى.

14رېكابنىڭ ئوغلى، يەنى بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا «قىغ دەرۋازىسى»نى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى.

15كولخوزەنىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم «بۇلاق دەرۋازىسى»نى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى «شىلوۋاخ كۆلچىكى» سېپىلىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى. 16ئازبۇقنىڭ ئوغلى، يەنى بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى پادىشاھ داۋۇت قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى. 17بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز رايونىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 18خېنادادنىڭ ئوغلى، يەنى قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرىدىغان باۋۋاي بىلەن تۇغقانلىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 19يېشۇۋانىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغىچە رېمونت قىلدى. 20زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى. 21خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلدى.

22يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. 23بىنيامىن ۋە خاششۇبلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، يەنى مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 24خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسى ۋە يەنە بىر دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى. 25ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىنى ۋە قاراۋۇلخانا ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى، 26يەنى «سۇ دەرۋازىسى»نىڭ ئۇدۇلىدىن شەرقتىكى سېپىلدىن چىقىپ تۇرغان مۇنارغىچە بولغان ئارىلىقنى ئوفەل ئېگىزلىكىدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە رېمونت قىلدى. 27كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى.

28روھانىيلار «ئات دەرۋازىسى»نىڭ يۇقىرىقى تەرىپىنى، يەنى ھەربىر روھانىي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 29ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى، يەنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى. 30ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شەلەميانىڭ ئوغلى خانانيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلار رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلەك ئىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. 31زەرگەرلەرنىڭ بىرى بولغان مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى «كۆزەت دەرۋازىسى» ئۇدۇلىدىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەم سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگىچە رېمونت قىلدى. ئاندىن سېپىلنى ئۈستىگە ئۆي جايلاشقان سېپىل دوقمۇشىغىچە ئۇزارتتى. 32باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن «قوي دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.

4

سېپىل قۇرۇلۇشىغا بولغان توسقۇنلۇق

1بىزنىڭ شەھەر سېپىلىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغان سانباللات ناھايىتى خاپا بولدى ۋە غەزەپلەندى ھەم بىز يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلدى. 2ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا:

_ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى. 3ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

_ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان بۇ سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسىلا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى. 4مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم:

 

«ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى سۈرگۈن قىلىپ، تالان-تاراجغا قويغايسەن. 5ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكىدەك رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»

 

6بىز ھەممىمىز چىن دىلىمىز بىلەن ئىشلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم قوپۇرۇلۇپ، تۇتاشتۇرۇلدى.

7سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە يېرىقلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. 8ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى. 9بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللارنى قويدۇق.

10لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشلەۋاتقانلار بارغانسېرى ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. خارابىلىك شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى. 11شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. 12دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار كېلىپ، بىزنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى!» دېيىشتى. 13شۇڭا مەن يەھۇدىيلارنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم. 14ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ:

_ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالىچاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.

15دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدا پىلانىمىزنى بۇزۇۋەتتى دەپ چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ، سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولدۇق. 16‏-17مۇشۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. يېتەكچىلەرمۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى. 18ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى بېلىگە قىلىچ ئاستى. جەڭگە بۇرغا چالغۇچىمۇ يېنىمدا ئىدى. 19مەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۈتكۈل خەلققە:

_ قىلىدىغان ئىش كۆپ ھەمدە قىلىدىغان ئىش سېپىلنىڭ ھەممە يېرىدە بار. سېپىلدا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق. 20سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىزگە يار بولىدۇ، _ دېدىم.

21شۇڭا سەھەردىن تاكى يۇلتۇزلار كۆرۈنگۈچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق. 22مەن يەنە كىشىلەرگە:

_ ھەركىم ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن يېرۇسالېمدا كېچىسى قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى سېپىلدا ئىشلىسۇن، _ دېدىم.

23بۇ مەزگىلدە مەيلى تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىم بولسۇن، مەيلى مەن بولاي، ھېچقايسىمىز ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە قوللىرىمىزدىن قوراللارنى چۈشۈرمىدۇق.

5

نەخەمىيانىڭ نامراتلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى. 2بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ساقلاپ قالغۇدەك يېمەك-ئىچمەك كېرەك!» دېيىشسە، 3بەزىلەر: «بىز ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ئاچ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۈزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى گۆرۈگە قويدۇق» دېيىشتى. 4يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىق ئالۋان-سېلىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق. 5باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ قېنىمىز بىر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇللۇققا بەرمەسلىكىمىزگە چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى» دېيىشتى.

6مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم. 7بۇ ئىش ھەققىدە ئويلانغاندىن كېيىن، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم:

_ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر!

ئاندىن مەن جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم. 8يىغىندا مەن ئۇلارغا:

_ بىز يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپ كەتتى ۋە ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى. 9مەن يەنە:

_ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلقتىن بولغان رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟ 10قېرىنداشلىرىممۇ، خىزمەتكارلىرىممۇ، ھەتتا مەنمۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بېرىپتۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى! 11سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم. 12ئۇلار:

_ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز، خەلقتىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن مەن روھانىيلارنى چاقىرتىپ كەلدىم، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ كېلىپ، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم. 13ئاندىن كېيىن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ:

_ خۇدا ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى ئۆي-ماكانىدىن ۋە بېساتىدىن ئايرىسۇن، _ دېدىم.

جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دېدى ۋە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى.

نەخەمىيانىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشى

14مەن يەھۇدىيە رايونىغا باشلىق بولغان 12 يىل جەرياندا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن 32-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى. 15بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە 480 گىرام كۈمۈش ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم. 16مەن ئۆزۈمنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئاتىۋەتتىم. بىز يەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلمىدۇق. ھەممە خىزمەتكارلىرىممۇ سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن ھەپىلەشتى. 17مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىدىغان يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئادەتتە بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. بۇلاردىن باشقا ئەتراپتىكى خەلقلەردىنمۇ بار ئىدى. 18ماڭا ھەر كۈنى بىر كالا، ئالتە قوي ۋە قۇشلار، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەر خىل شارابلار تەييارلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلەتتىم.

 

19«ئى خۇدايىم، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!»

6

نەخەمىياغا قۇرۇلغان تۇزاق

1سانباللات، توبىيا، شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر يېرىقىنىڭمۇ ئېتىلمەي قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز تېخى سېپىلنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدۇق. 2سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا خەت يوللاپ، ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى. 3مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشىمنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.

4ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم. 5بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن يەنە خەت يوللىدى. خەت پېچەتلەنمىگەنىدى. 6خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:

 

«سىز باشلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغانلىقىڭلار ھەققىدە خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. شۇڭا سىلەر سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز. 7شۇڭا سىز پەيغەمبەرلەر تىكلەپ، ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پېرسىيە پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا سىز كېلىپ، مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

 

8مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم. 9ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرەلمەسلىكىمىزنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.

10بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى، يەنى دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ دائىم ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، سىرتقا چىقمايتتى. ئۇ ماڭا:

_ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشەيلى، ئىشىكنى تاقىۋالايلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى. 11مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ مەندەك سالاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە، جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.

12مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. 13ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغانىدى. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچىدى.

14«ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا ئايال پەيغەمبەر نوئاديا بىلەن باشقا ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!»

سېپىلنىڭ پۈتتۈرۈلۈشى

15سېپىل 52 كۈندە، كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ 25-كۈنى* تاماملاندى. 16رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا ئۇلارنى قورقۇنچ باستى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچى يوقالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

17شۇ 52 كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى. 18نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام ئىسىملىك ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى. 19شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.

7

1سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازا قاناتلىرى ئورنىتىلىپ بولۇنغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، نەغمىچىلەر ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى. 2مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى خانانيانى تەيىنلىدىم. 3مەن ئۇلارغا:

_ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، ئاشۇ ۋاقىتتا ۋەزىپىدە تۇرغان دەرۋازىۋەنلەر دەرۋازىلارنى تاقاپ، بالداقلارنى سالسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا قويۇڭلار! _ دېدىم.

سۈرگۈندىن قايتقانلارنىڭ تىزىملىكى

4بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ قايتىدىن ئانچە كۆپ ياسالمىغانىدى. 5خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەنىدى:

 

6تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. 7زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى.

سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:

 

8پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى،

9شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى،

10ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى،

11پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى،

12ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى،

13زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى،

14زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى،

15بىننۇي جەمەتىدىن 648 كىشى،

16بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى،

17ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى،

18ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى،

19بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى،

20ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى،

21ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى،

22خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى،

23بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى،

24خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى،

25گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى،

26بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى،

27ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى،

28بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى،

29قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى،

30راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى،

31مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى،

32بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى،

33نىبولۇقلاردىن 52 كىشى،

34ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى،

35خارىملىقلاردىن 320 كىشى،

36ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى،

37لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى،

38سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى.

 

39روھانىيلاردىن:

يىدايا جەمەتىدىن (يوشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى،

40ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى،

41پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى،

42خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

43لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،

44ئىبادەتخانا نەغمىچىلىرى: ئاساف ئەۋلادلىرىدىن 148 كىشى،

45ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى.

46ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن:

زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

47قېروس، سىئا، پادون،

48لىبانا، خاگابا، شالماي،

49خانان، گىددېل، گاخار،

50رىئايا، رىزىن، نىقودا،

51گاززام، ئۇززا، پاسېياخ،

52بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم،

53باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

54بازلىت، مىخىدا، خارشا،

55بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

56نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

57پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن:

سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا،

58يالاھ، دارقون، گىددېل،

59شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار.

60ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.

 

61تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. 62بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى.

63خوباييا، خاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. 64بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. 65يەھۇدىيە رايونىنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»*نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

66يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى ئىدى. 67بۇلاردىن باشقا 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە 68736 ئات، 245 قېچىر، 69435 تۆگە ۋە 6720 ئېشەكمۇ بار ئىدى.

70بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ئۈچۈن ئۆز مۈلۈكلىرىدىن ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى خەزىنىگە مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى ئىئانە قىلدى. 71يەنە بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 20 مىڭ ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش ئىئانە قىلدى. 72قالغان خەلق 20 مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى ئىئانە قىلدى.

73روھانىيلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.

ئەزرانىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئوقۇپ بېرىشى

كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.

8

1شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى «سۇ دەرۋازىسى»نىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. 2شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى* روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 3ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە «سۇ دەرۋازىسى»دىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

4تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى. 5ئەزرا مۇنبەردە تۇرغاندا، ھەممەيلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلىدى. ئۇ يازمىنى ئاچقاندا، بارلىق جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشتى. 6ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن، ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ سەجدە قىلىشتى. 7ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغان خەلققە يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايا قاتارلىق لاۋىيلار قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى. 8ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى خەلققە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق نېمىنىڭ ئوقۇلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.

9خەلق قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزرا ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار خەلققە:

_ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار! 10ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى. 11لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ:

_ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.

12جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.

كەپە تىكىش ھېيتى

13ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىرگە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى. 14ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىدىن كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە ئىسرائىللارنىڭ كەپىلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلغانلىقىنى بايقىدى. 15ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، مىرتا، خورما ۋە باشقا قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى. 16شۇنىڭ بىلەن خەلق دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ۋە «سۇ دەرۋازىسى» ھەم «ئەفرايىم دەرۋازىسى» ئالدىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى. 17سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ياسالغان بۇ كەپىلەردە تۇردى. ئىسرائىللار بۇ ھېيتنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ زامانىدىن تارتىپ بۇنداق تەبرىكلەپ باقمىغانىدى. ھەممە ئادەم شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. 18ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

9

خەلقنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشى

1ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى. 2ئۇلار يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ بولغانىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى. 3ئۇلار بىر كۈننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدا پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئاندىن يەنە تۆتتىن بىر قىسمىدا گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدى.

4لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى.

5لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى:

 

«ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر! 6سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ. 7سەن ئىبرامنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ. 8ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىمەن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ.

9سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىڭ. 10سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر. 11سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ. 12كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ. 13سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ. 14سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئېلان قىلدىڭ. 15ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ. 16لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى. 17ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. 18ھەتتا ئۇلار موزاينىڭ بۇتىنى ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. 19شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ. 20سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ياخشى روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارغا ماننا بېرىشنى توختاتمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ. 21سەن ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلىدا پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار ھېچنېمىگە موھتاج بولمىدى، كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق بولمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.

22سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى. 23سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ. 24ئۇلار بېسىپ كىرىپ، ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇڭ. 25خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلىنغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى.

26لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. 27شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا ئىلتىجا قىلغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن ئىنتايىن رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭ. 28ئۇلار ئامانلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە سېنىڭ نەزىرىڭدىكى يامان ئىشلارنى قىلدى. سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا ئىلتىجا قىلسا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. ئۇلارغا رەھىمىڭ كېلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ.

29سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى. 30سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. 31لېكىن سەن يەنىلا ناھايىتى رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن!

32ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. سەن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك خۇدايىمىزدۇرسەن. ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن بېرى پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، يەنى پۈتۈن خەلقىڭنىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەل قارىمىغايسەن. 33سەن بىزنى ھەق جازالىدىڭ. سەن ئىشەنچلىكسەن، لېكىن بىز رەزىللىك قىلدۇق. 34پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. 35ھەتتا ئۇلار ئۆز پادىشاھلىقىغا ئىگە بولغان ۋە سەن ئۇلارغا بېغىشلىغان بىپايان مۇنبەت تۇپراقتىكى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، ساڭا ئىبادەت قىلمىدى، رەزىللىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى.

36بىز ھازىر ئۆز زېمىنىمىزدا قۇل بولۇپ قالدۇق. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا بىز قۇل بولدۇق. 37گۇناھىمىز ۋەجىدىن بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىزنى ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!»

جامائەتنىڭ ۋەدىنامە يېزىشى

38يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە لاۋىيلار ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.

10

1مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار:

 

خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.

2روھانىيلاردىن:

سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا، 3پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا، 4خاتتۇش، شىبانيا، ماللۇك، 5خارىم، مىرېموت، ئوبادىيا، 6دانىيال، گىننىتون، بارۇك، 7مىشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، 8مائازيا، بىلگاي ۋە شىمايالار.

 

9لاۋىيلاردىن:

ئازانيانىڭ ئوغلى يېشۇۋا، خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي، قادمىئېل 10ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان شىبانيا، ھودىيا، قىلىتا، پىلايا، خانان، 11مىكا، رىخوب، خاشابيا، 12زاككۇر، شېرېبىيا، شىبانيا، 13ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار.

 

14ئەمەلدارلاردىن:

پارئوش، پاخات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، 15بۇننى، ئازگاد، بېباي، 16ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، 17ئاتېر، خىزكىيا، ئاززۇر، 18ھودىيا، خاشۇم، بېزاي، 19خارىف، ئاناتوت، نېباي، 20ماگپىئاش، مىشۇللام، خېزىر، 21مىشېزابئېل، زادوق، ياددۇئا، 22پىلاتيا، خانان، ئانايا، 23ھوشىيا، خانانيا، خاششۇب، 24ھاللوھېش، پىلخا، شوبېق، 25رىخۇم، خاشابنا، مائاسېيا، 26ئاخىيا، خانان، ئانان، 27ماللۇك، خارىم ۋە بائانالار.

ۋەدىنامىنىڭ مەزمۇنى

28يۇقىرىقىلاردىن باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن ئوغۇل-قىزلىرى 29ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:

 

30«بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز. 31ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە ساتسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز.

32بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گىرامدىن كۈمۈش بېرىشكە ۋەدە قىلىمىز. 33بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي بايراملىرى، ھەمدە بەلگىلەنگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

34بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى قايسى جەمەتنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.

35بىز ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلىمىز بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلىمىز. 36تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز. 37بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ. 38لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئاندىن لاۋىيلار يىغىلغان ئاشلىقلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. 39لاۋىيلار ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەدىيە قىلىنغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم نەغمىچىلەر تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»

11

يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقانلار

1خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلاردىن ھەر ئون ئائىلىدىن بىرىنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېلىپ قېلىشتى. 2خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.

3بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: (روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بەزى ئىسرائىللار يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلاردا، يەنى ئۆز ماكانلىرىدا ياشىدى. 4يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.)

 

يەھۇدا قەبىلىسىدىن:

ئاتايا _ ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پەرەسنىڭ ئەۋلادى.

5مائاسېيا _ مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى.

6پەرەسنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى.

 

7بىنيامىن قەبىلىسىدىن:

ساللۇ _ ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى.

8ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بولۇپ، بىنيامىن قەبىلىسىدىن جەمئىي 928 كىشى بار ئىدى.

9زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ باشلىقى، ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.

 

10روھانىيلاردىن:

يويارىبنىڭ ئوغلى يىدايا، ياكىن 11ۋە سىرايا. سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغانىدى. 12ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىي قېرىنداشلىرىدىن جەمئىي 822 كىشى بار ئىدى.

ئادايا _ ئادايا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام پىلاليانىڭ ئوغلى، پىلاليا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى. 13ئادايانىڭ بىرگە ئىشلەيدىغان جەمەت باشلىقلىرىدىن جەمئىي 242 كىشى بار ئىدى.

ئاماشساي _ ئاماشساي ئازارئېلنىڭ ئوغلى، ئازارئېل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مىشىللېموتنىڭ ئوغلى، مىشىللېموت ئىممېرنىڭ ئوغلى. 14ئاماشساينىڭ جەمەتىدە 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى.

 

15لاۋىيلاردىن:

شىمايا _ شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى.

16لاۋىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

17ماتتانيا _ ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ۋە دۇئا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى.

ئابدا _ ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى. 18مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى.

19ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن:

ئاققۇب، تالمون ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار بولۇپ، جەمئىي 172 كىشى ئىدى.

 

20قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆز يەرلىرىدە ياشىدى. 21لېكىن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمدىكى ئوفەل ئېگىزلىكىگە ئولتۇراقلاشتى. زىخا بىلەن گىشپا ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى.

22ئۇززى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ نەغمىچىلىرىگە مەسئۇل ئىدى. 23بۇ نەغمىچىلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.

24زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسرائىل خەلقى مەسلىھەتچىسى ئىدى.

باشقا يەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلار

25يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. 26يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ بەزىلىرى يېشۇۋا، مولادا، بەيت-پەلەت، 27خازار-شۇئال، بەئەرشەبا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، 28زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرى، 29ئېنرىممون، زورئاھ، يارمۇت، 30زانوۋاخ، ئادۇللام ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، لاكىش ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلار، ئازېقا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بولۇپ، بەئەرشەبادىن بەنھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى.

31بىنيامىن ئەۋلادلىرى گەبا، مىكماس، ئايياھ، بەيتەل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، 32ئاناتوت، نوب، ئانانيا، 33خازور، راماھ، گىتتايىم، 34خادىد، زىبوئىم، نىباللات، 35لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئولتۇراقلاشتى. 36يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشى بەلگىلەندى.

12

روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى

1شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يوشۇۋا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

 

روھانىيلاردىن:

سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،

2ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش،

3شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت،

4ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا،

5مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ،

6شىمايا، يويارىب، يىدايا،

7ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايا.

يۇقىرىقىلار يوشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلەر ئىدى.

8لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيا. ماتتانيا ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە مىننەتدارلىق ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى. 9ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بولغان باقبۇقيا بىلەن ئۇننى ناخشا ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى.

باش روھانىي يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى

10باش روھانىي يوشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى. 11يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى.

روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى

12يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان:

سىرايا جەمەتىدىن مىرايا،

يەرەمىيا جەمەتىدىن خانانيا،

13ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام،

ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان،

14ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان،

شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ،

15خارىم جەمەتىدىن ئادنا،

مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي،

16ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا،

گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام،

17ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى،

مىنيامىن جەمەتىدىن*،

موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي،

18بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا،

شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان،

19يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي،

يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى،

20ساللاي جەمەتىدىن قاللاي،

ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر،

21خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا،

يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل.

روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت تەزكىرىلىرى

22ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىللەردە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ۋە پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغانىدى. 23لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا تىزىملانغانىدى.

لاۋىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى

24خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى پادىشاھ داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىبادەتلەردە باشقىلار بىلەن بىرگە روبىرو تۇرۇشۇپ، خۇدانى مەدھىيەلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشەتتى. 25ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارغا قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى. 26مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يوشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىم، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى.

شەھەر سېپىللىرىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

27يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلىدى. 28نەغمىچىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن، 29بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى نەغمىچىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى. 30روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنى، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى ۋە سېپىللارنىمۇ پاكلىدى.

31مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغدىم ۋە مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنى ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلدۈم. بىر بۆلىكى سېپىل ئۈستى بىلەن جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى «قىغ دەرۋازىسى»غا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 32ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. 33يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام، 34يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 35ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن بولغان زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى. 36ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ ھەمراھلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى پادىشاھ داۋۇتنىڭ سازلىرىغا ئوخشاش سازلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى. 37ئۇلار «بۇلاق دەرۋازىسى»غا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقتى. ئاندىن ئۇلار پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى «سۇ دەرۋازىسى»غا كەلدى.

38مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان ئىككىنچى بۆلەك بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يول بىلەن شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستى بىلەن تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلغا يەتتى. 39ئاندىن ئۇلار «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن ئۆتۈپ، «كونا شەھەر دەرۋازىسى»غا كەلدى. ئۇلار «بېلىق دەرۋازىسى» ۋە «خانانئېل مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، «يۈز مۇنارى»غا كەلدى. ئۇلار يەنە «قوي دەرۋازىسى»غا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، «قاراۋۇل دەرۋازىسى»دا توختىدى.

40مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان ھەر ئىككى توپ ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم. 41بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى. 42ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا، ئېلام ۋە ئەزەرلەر بار ئىدى. مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغانلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشتى. 43جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىقنى يىراق جايلاردىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.

ئىبادەتخانىنىڭ تەمىناتى

44ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى. 45ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتىدى. نەغمىچىلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى. 46داۋۇت ۋە ئاسافنىڭ زامانىدا مەدھىيە ئوقۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بار ئىدى. 47زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىغا كەلگەندە، بارلىق ئىسرائىللار نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.

13

نەخەمىيانىڭ بەلگىلىمىلەرنى قايتىدىن بەلگىلىشى

1ئۇ كۈنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى جامائەتكە ئوقۇپ بېرىلدى. تەۋراتتا ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتناشسا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بايقالدى. 2چۈنكى بۇرۇن ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار ئىسرائىللارنى يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارنى قارغاش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى. ئەمما خۇدايىمىز ئۇنىڭ قارغىشىنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى. 3جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان شالغۇتلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

4بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى. 5ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، ئىسرىقلار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.

6بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغانىدىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىدىم. 7مەن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بېرىپ، رەزىللىك قىلغانلىقىنى بايقىدىم. 8مېنىڭ بۇ ئىشقا بەك ئاچچىقىم كېلىپ، توبىيانىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتتىم. 9مەن روھانىيلارغا ھەممە ئۆيلەرنى يېڭىدىن پاكلاشنى، ئاندىن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ۋە ئىسرىقلارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم.

10مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان نەغمىچىلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ ئېتىزغا ئىشلەشكە كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. 11شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ:

_ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى نەزىرىڭلاردىن ساقىت قىلىندى؟ _ دېدىم.

مەن يەنە نەغمىچىلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى بۇرۇنقى خىزمىتىگە قويدۇم. 12يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق قايتىدىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. 13مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى بولغان خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلارغا ئۈلۈشلىرىنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىپ بېرىش ئىدى.

 

14«ئى خۇدايىم، بۇ ياخشى ئىشلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ئىبادەتخانا ئۈچۈن ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن قىلغان سادىق خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!»

 

15ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم. 16يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى.

17شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىل ئىش قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىسىلەر؟ 18ئەجدادلىرىڭلارمۇ شۇنداق رەزىل ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدايىمىز بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە بالايىئاپەتنى بەرگەن ئەمەسمىدى؟! سىلەر ھازىر دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزىپىنى قوزغاۋاتىسىلەر!

19شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋالقى كۈنى كەچتە تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمىگۈچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك-تاقلارنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، دەرۋازىلارغا خىزمەتكارلىرىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم. 20ھەر خىل تاۋارلارنى ئەكەلگەن سودىگەرلەر ۋە سېتىقچىلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى. 21شۇنىڭ بىلەن مەن:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىبىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى. 22ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.

 

«ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!»

 

23شۇ كۈنلەردە مەن ئاشدود، ئاممون ۋە موئابلاردىن ئۆيلەنگەن بەزى يەھۇدىيلارنى كۆردۈم. 24تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يەھۇدىي تىلىنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىدىلا سۆزلىشى ئىدى. 25شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم. 26مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:

_ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سۇلايمانمۇ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىمۇ؟! ھەرقانداق ئەللەر ئارىسىدا سۇلايمانغا ئوخشاش بىر پادىشاھ بولمىغانىدىغۇ؟! خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللىرى ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىدى. 27سىلەرمۇ ئەمدى يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ قىلغان بۇ رەزىللىكىڭلارغا كۆز يۇمايلىمۇ ئەمدى!

28باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغانىكەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىمدىن قوغلىۋەتتىم.

 

29«ئى خۇدايىم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. چۈنكى ئۇلار روھانىيلىق نامىنى بۇلغىدى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭگە خىلاپلىق قىلدى.»

 

30شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقنى ھەرقانداق يات خەلقلەردىن يۇققان يامان تەسىرلەردىن پاكلىدىم. مەن روھانىيلارغا ۋە لاۋىيلارغا بەلگىلىمىلەر بېكىتىپ، ھەربىر ئادەمگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈدۈم. 31مەن يەنە خەلقنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوتۇن ئېلىپ كېلىشىنى ۋە تۇنجى ئالغان ھوسۇللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم.

 

«ئى خۇدايىم، مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!»


1: 1 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ.

1: 11 باش ساقىي _ پادىشاھنىڭ ئىچىملىكلىرىگە مەسئۇل يۇقىرى ئەمەلدار.

2: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 445-يىلى 3-ئايغا توغرا كېلىدۇ.

6: 15 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 445-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

7: 65 «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» _ بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەكتۇر. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

8: 2 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 445-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

12: 17 ئەسلىدىكى ئىبرانىي قوليازمىلىرىدا بۇ يەردىكى ئىسىم چۈشۈپ قالغان.