يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت
1
1خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا* ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ. 2چۈنكى ھەقىقەت قەلبىمىزدىدۇر، ئۇ مەڭگۈ بىز بىلەن بىرگىدۇر. 3ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشايدىغان بىزلەرگە رەھىمدىل بولۇپ، مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت
4پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. 5ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولايلى. مېنىڭ سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان ئەمردۇر. 6مېھىر-مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ بۇ ئەمرىنى سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلىغان، ئەمدى بۇ ئەمرگە ئەمەل قىلىپ ياشاڭلار.
7نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچىلاردۇر ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبلىرىدۇر. 8خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار. خۇدانىڭ ئىنئامىغا تولۇق ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. 9ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ھەددىدىن ئېشىپ ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇداغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ. 10ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائىتىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقا تەلىملەرنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم قارشى ئالماڭلار. 11چۈنكى ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغان بولىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
12سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن بۇ سۆزلىرىمنى قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلىتىپ دېگۈم يوق. ئەكسىچە، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز ئۈچۈن قېشىڭلارغا بېرىپ، دىدارلاشقاندا دېيىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 13خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان قىز قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن* سىزگە سالام!
