يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت
1
ئەيسا مەسىھ ھاياتلىق كالامىدۇر
1بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ۋە كۆزەتتۇق، ھەمدە ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتتۇق. 2بۇ ھايات بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا ئۇ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىمىز. ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىرگە بولغان، ئەمدى بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. 3سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. مۇشۇنداق قىلساق، بىز قېرىنداشلىقتىن بىرگە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى بىز ھەممىمىز ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق. 4ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.
خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا پاك ياشايلى
5بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق يوقتۇر. 6ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 7لېكىن خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھلاردىن پاكلايدۇ. 8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاكلايدۇ. 10گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.
2
ئەيسا مەسىھ ئاقلىغۇچىمىزدۇر
1ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ. 2ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭلا گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.
3بىزنىڭ خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، بىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىمىز. 4خۇدانى تونۇيمەن دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. 5لېكىن خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز مۇكەممەل ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز. 6خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك.
قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش
7قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم يېڭى ئەمر ئەمەس، بەلكى سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كەلگەن كونا ئەمردۇر. بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 8لېكىن بۇ ئەمرنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىدا ۋە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا نامايان بولماقتا. چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئاخىرلاشماقتا، ھەقىقىي يورۇقلۇق ئۆز نۇرىنى چاچماقتا. 9كىمدىكىم «يورۇقلۇقتا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقان بولىدۇ. 10قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھقا باشلايدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. 11لېكىن قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاراڭغۇلۇقتا بولىدۇ. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلغاندۇر.
12ئەزىز بالىلىرىم، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىندى.
13ئاتىلار، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار.
يىگىتلەر، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى سىلەر شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.
14ئەزىز بالىلىرىم، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار.
ئاتىلار، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار.
يىگىتلەر، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن،
چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار كۈچلۈكتۇر.
خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ،
شۇنداقلا، سىلەر شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.
15بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر. 16چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتۇر. 17بۇ دۇنيا، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبى
18ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن رەقىبلەر مەيدانغا چىقتى. بۇ ئىشلاردىن زامان ئاخىرى كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. 19رەقىبلەر ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزدىن ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ بىزدىن ئايرىلىشى راستتىنلا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
20سىلەر ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر. 21سىلەرگە بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمەيدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىدىغانلىقىڭلار ۋە يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.
22ئۇنداقتا كىم يالغانچى؟ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ئۇنى «قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەمەس» دەپ قارىغان ئادەم ئۇچىغا چىققان يالغانچىدۇر! ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. 23ئوغلىنى رەت قىلغانلار ئاتىسىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، ئوغلىنى ئېتىراپ قىلغانلار ئاتىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.
24بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر. 25ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
26سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم. 27سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى ھەقىقىيدۇر، ساختا ئەمەستۇر. شۇڭا مۇقەددەس روھنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.
28دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز. 29خۇدانىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تۆرەلگەن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسىلەر.
3
بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى
1قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇ شۇنچىلىك مېھىر-مۇھەببەتلىككى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىپ يېتەلمەيدۇ. 2قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئايان ئەمەس. بىراق ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى بىز شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرىمىز. 3ئەيسا مەسىھكە مۇشۇنداق ئۈمىد باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ، چۇنكى ئەيسا مەسىھ پاكتۇر.
4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 5ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 6شۇڭا ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىشنى ئادەت قىلمايدۇ. گۇناھ سادىر قىلىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ.
7ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىغا ئوخشاش، ھەققانىي ئىش قىلغان ئادەممۇ ھەققانىي بولىدۇ. 8لېكىن گۇناھ سادىر قىلىدىغان ئادەم شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر. 9خۇدا تەرىپىدىن تۆرەلگەن كىشى گۇناھ سادىر قىلىشنى ئادەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇتتۇر. ئۇ خۇدادىن تۆرەلگەنىكەن، گۇناھ سادىر قىلىشنى ئادەت قىلسا بولمايدۇ. 10ھەققانىي ئىش قىلمايدىغان ياكى قېرىنداشلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان ئادەم خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنداق پەرقلىنىدۇ.
بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى
11بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم. 12شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشىماڭلار! قابىل نېمىشقا ئۇنى ئۆلتۈردى؟ چۈنكى قابىل بۇرۇندىن قەبىھ ئىش قىلىپ كەلگەندۇر، ئىنىسى ئادىل ئىش قىلىپ كەلگەندۇر. 13شۇڭا قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. 14بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ. 15قېرىنداشلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمىگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 16بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. 17مال-دۇنياسى بار ئادەم قېرىنداشلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلمىسا، ئۇنىڭدا قانداقمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بار دېيەلەيمىز؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، باشقىلارغا قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.
19بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزمۇ خاتىرجەم بولالايمىز. 20ئەگەر ۋىجدانىمىز يەنىلا ئازابلانسا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 21قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بارالايمىز. 22شۇنداقلا، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشەلەيمىز. 23خۇدانىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتۇر ۋە ئۇ بۇيرۇغاندەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتۇر. 24خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدامۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز.
4
ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭلار
1قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۈم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلاردا بولغان روھنىڭ خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. 2بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بولىدۇ. 3بىراق بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بولمايدۇ.* بۇنداقلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ روھى بولىدۇ. بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار. دەرۋەقە، بۇ روھ ھازىرمۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر.
4ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇرسىلەر. سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەردىكى مۇقەددەس روھ بۇ دۇنيادىكى شەيتاندىن ئۇلۇغدۇر. 5ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولغاچقا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ. 6بىز بولساق خۇداغا مەنسۇپتۇرمىز. شۇڭا خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇداغا مەنسۇپ بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن بىر كىشىدە ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان روھ ياكى يالغانچىلىققا ئازدۇرىدىغان روھنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر
7قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشىنى خۇدا تۆرەلدۈرگەندۇر. ئۇ خۇدانى تونۇيدۇ. 8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانى تونۇمايدۇ. چۈنكى خۇدا مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 9خۇدا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتىپ، بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. 10ھەقىقىي سۆيگۈ بىزنىڭ خۇدانى سۆيۈشىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى سۆيگەنلىكى ۋە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئەۋەتكەنلىكىدۇر.
11قەدىرلىك قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. شۇڭا بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. 12ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس. ئەگەر بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا قەلبىمىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھاياتىمىزدا مۇكەممەل ئىپادىلىنىدۇ. 13خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدانىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغانلىقىدىن بىلىمىز. 14ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز بۇ ئىش ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىمىز. 15ئەگەر كىمدىكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. 16شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىمىز ۋە بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خۇدا مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 17شۇ ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. شۇڭا قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى بىز بۇ دۇنيادا خۇددى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشاۋاتىمىز. 18مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولمايدۇ.
19بىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇرمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى. 20ئەگەر بىرى: «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ 21شۇڭا خۇدا بىزگە: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
5
شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش
1ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدا تەرىپىدىن تۆرەلگەن بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ. 2بىز شۇنى بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيۈش دېمەكتۇر. 3خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۇنچىلىك قىيىن ئەمەستۇر. 4چۈنكى خۇدا تەرىپىدىن تۆرەلگەن ھەربىر كىشى يامان دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا قادىردۇر. بىزنى يامان دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدىغىنى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. 5بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردۇر.
ئەيسا مەسىھ ھەققىدە بېرىلگەن گۇۋاھلىق
6ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇ ۋە قان بىلەن كەلدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر.* 7ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئۈچ گۇۋاھچى باردۇر. 8بۇلار مۇقەددەس روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر. 9بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك دەپ قارىساق، ئۇنداقتا خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. چۈنكى خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. 10خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. بىراق خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. 11خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، ئۇنىڭ بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلغانلىقى ۋە بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدۇر. 12شۇڭا خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. بىراق خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە ئەمەستۇر.
مەڭگۈلۈك ھايات
13مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن دەپ يازدىم. 14خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز شۇنداق توقكى، بىز خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن تىلەكلىرىمىزنى تىلىسەك، خۇدا ئاڭلايدۇ. 15ئۇنىڭ تىلەكلىرىمىزنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى تىلىسەك، شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
16بىرى ئېتىقادچى قېرىندىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە ۋە بۇ گۇناھ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ سۆز ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلارغا قارىتا ئېيتىلغاندۇر. لېكىن ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن. 17ھەرقانداق يامانلىق گۇناھتۇر. لېكىن ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھلارمۇ بار. 18خۇدا تەرىپىدىن تۆرەلگەن كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىشنى ئادەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنداق كىشىنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ قوغدايدۇ، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. 19بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر. 20يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ئۇ ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەنبەسىدۇر!
21ئەزىز بالىلىرىم، خۇداغا بېغىشلانغان قەلبىڭلارنى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭلار.
4: 3 شۇ ۋاقىتلاردا بەزىلەر ئەيسا مەسىھنى «ئىنسان ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھ» دەپ، خاتا تەلىم بەرگەنىدى.
5: 6 بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسا پەقەت سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كرېستكە مىخلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا خۇدانىڭ ئوغلى بولغان، دېگەن يالغان تەلىملەرگە رەددىيە بېرىلىپ، خۇدانىڭ ئوغلى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ پەقەت سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە كرېستكىمۇ مىخلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
