يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
1
ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ كالامىدۇر
1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام»* مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىرگە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىرگە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.
6خۇدا يەھيا ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 7ئۇ نۇرغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ۋە ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئۇ نۇرغا ئىشىنىشى ئۈچۈن كەلدى. 8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر» ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.
10دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 11ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. 13بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن تۆرەلگەن بولماستىن، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەندۇر.
14«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
15يەھيا پەيغەمبەر ئۇ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
_ مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر!
16ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق. 17چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ* ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 18خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزى
19يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. 20يەھيا پەيغەمبەر ئىككىلەنمەستىن:
_ مەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەمەسمەن، _ دەپ ئېنىق جاۋاب بەردى. 21ئۇلار ئۇنىڭدىن:
_ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى.
_ ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، _ دېدى ئۇ.
_ ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە:
_ ياق! _ دەپ رەت قىلدى. 22ئاخىردا ئۇلار:
_ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە ئېيتقۇدەك بىر جاۋاب بەرگىن. ئېيتقىنا، سەن قانداق ئادەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.
23يەھيا پەيغەمبەر يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بىلەن جاۋاب بەردى:
_ مەن چۆللۈكتە رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تۈزلەڭلار، دەپ جاكارلايدىغان كىشى بولىمەن!
24يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەن بەزى پەرىسىيلەرمۇ* 25يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:
_ سەن يا قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، يا ئىلياس پەيغەمبەر ياكى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمىشقا كىشىلەرنى خۇدانىڭ يولىغا چاقىرىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟* _ دەپ سورىدى. 26يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
_ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار. 27ئۇ مەندىن كېيىن كەلگەن بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ چورۇقىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
28مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.
خۇدانىڭ قوزىسى
29ئەتىسى يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى:
_ قاراڭلار، بۇ ئادەم پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى يوقىتىدىغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! 30مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ ئادەم دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ ئادەمدۇر! 31مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم. لېكىن مەن ئۇنى ئىسرائىللارغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.
32يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. 33مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بىراق مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدۇ!» دېگەنىدى. 34ھازىر بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى* ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى
35ئەتىسى يەھيا پەيغەمبەر ئىككى شاگىرتى بىلەن يەنە شۇ يەردە ئىدى. 36يەھيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ:
_ قاراڭلار، خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! _ دېدى.
37بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 38ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن:
_ نېمە ھاجىتىڭلار بار؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:
_ راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ _ دېدى.
39_ كېلىپ كۆرۈڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇ ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ئۇ كۈنى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە بولدى.
40يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ئىدى. 41ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا:
_ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! _ دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تاللىغان قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)
42ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ:
_ ئەي يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، _ دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
فىلىپ ۋە ناتانىيەلنىڭ چاقىرتىلىشى
43ئەتىسى ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ:
_ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! _ دېدى.
44فىلىپ بەيتسايدالىق بولۇپ، ئەندەر بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى. 45فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ:
_ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان كىشىنى تاپتۇق. ئۇ ناسىرەلىك ئەيسا، يەنى يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېدى. 46بىراق ناتانىيەل:
_ ئاشۇ كىچىك شەھەر ناسىرەدىن ياخشى ئىش چىقارمۇ؟ _ دېدى.
_ كېلىپ كۆرۈپ باق، _ دېدى فىلىپ.
47ھەزرىتى ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
_ مانا بۇ ئادەم ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىلدۇر، _ دېدى.
48_ مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى ناتانىيەل. ھەزرىتى ئەيسا:
_ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 49ناتانىيەل ھەيران بولۇپ:
_ ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىدۇرسىز! _ دېدى. 50ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ماڭا ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن تېخى!
51ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ* يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! _ دېدى.
2
كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى
1ئىككى كۈندىن كېيىن جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. 3تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، مەريەم ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، _ دېدى.
4_ ئانا، مېنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرمىسىڭىز. مېنىڭ ۋاقتىم تېخى كەلمىدى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
5ئانىسى چاكارلارغا:
_ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، _ دېدى.
6ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ پاكلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالتە دانە تاش كۈپ بار ئىدى. ھەربىر تاش كۈپكە سەككىز چېلەكتىن ئون ئىككى چېلەككىچە سۇ پاتاتتى. 7ھەزرىتى ئەيسا چاكارلارغا:
_ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، _ دېدى.
ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. 8ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ ئەمدى بۇنىڭدىن بىر چىنە ئېلىپ، زىياپەت باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، _ دېدى.
ئۇلار بەجا كەلتۈرۈشتى. 9زىياپەت باشقۇرغۇچى سۇدىن ئۆزگەرگەن شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغانلار بىلىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن زىياپەت باشقۇرغۇچى كۈيئوغۇلنى چاقىرىپ:
10_ باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! _ دېدى.
11بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بىرىنچى مۆجىزىسى* ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ مۆجىزىنى جەلىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا ئىشەندى. 12بۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە كەپەرناھۇم شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.
تىجارەتچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىدىن قوغلىنىشى
13يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا* ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 14ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ* ھويلىلىرىدا قۇربانلىق ئۈچۈن كالا، قوي ۋە كەپتەر ساتىدىغانلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ پۇل تېگىشىدىغانلارنى كۆرۈپ قالدى. 15شۇنىڭ بىلەن ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنى قوي ۋە كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقاردى، شۇنداقلا پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى 16ۋە كەپتەر ساتىدىغانلارغا:
_ نەرسىلىرىڭلارنى بۇ پاك يەردىن يوقىتىڭلار، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرماڭلار! _ دېدى.
17بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان: «چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم خۇددى ئوتتەك كۆيدۈرەر مېنى» دېگەن بۇ سۆزلەرنى ئېسىگە ئېلىشتى.
18يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا:
_ بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سەن قانداق مۆجىزە كۆرسىتىپ، سېنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلايسەن؟ _ دەپ سورىدى. 19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلساڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە يېڭىباشتىن ياساپ چىقىمەن.
20يەھۇدىي ئاقساقاللىرى:
_ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساشقا قىرىق ئالتە يىل كەتكەن تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا ياساپ چىقالايسەن؟ _ دېدى.
21ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان «ئىبادەتخانا» ئۇنىڭ ئۆز تېنى ئىدى. 22شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىگە ئالدى ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرنىڭ، ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچەيدى.
23ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى جەريانىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى. 24لېكىن ھەزرىتى ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى. 25ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى.
3
قايتىدىن تۆرىلىش
1ئالىي كېڭەشنىڭ پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىمۇس ئىسىملىك بىر ئەزاسى بار ئىدى. 2بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئۇستاز، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا بىلەن بىرگە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، _ دېدى. 3ھەزرىتى ئەيسا:
_ بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! _ دېدى. 4نىكودىمۇس:
_ ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ، قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! _ دەپ سورىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ بىلىپ قويۇڭكى، سۇدىن ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ! 6ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. 7سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ. 8شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.
9نىكودىمۇس ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ _ دەپ سورىدى. 10ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟ 11بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىز ۋە كۆرگىنىمىز ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرسەكمۇ، سىلەر يەنىلا گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر. 12سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ 13ھېچكىم ئەرشكە چىققان ئەمەس. لېكىن ئىنسانئوغلى ئەرشتىن چۈشكەن. 14مۇسا پەيغەمبەر چۆلدە تۇچتىن ياسالغان يىلاننى قانداق كۆتۈرگەن بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ چوقۇم شۇنداق كۆتۈرۈلىدۇ. 15شۇنداق بولغاندا، ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. 17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى. 18ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار گۇناھقا مەھكۇم بولمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا ئاللىبۇرۇن مەھكۇم بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغاندۇر. 19ئۇلارنىڭ گۇناھقا مەھكۇم بولغان سەۋەبى شۇكى، گەرچە «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى، چۈنكى ئۇلار دائىم يامان ئىش قىلىدۇ. 20كىمدىكىم يامان ئىش قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ. 21لېكىن كىمدىكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى
22بۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىرگە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. 23شۇ چاغدا سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى. 24بۇ چاغدا يەھيا پەيغەمبەر تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى. 25يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىر يەھۇدىي بىلەن پاكلىنىش دىنىي قائىدىسى توغرىسىدا تالىشىپ قالدى. 26شاگىرتلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ ئۇستاز، ئۆتكەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سىز بىلەن بىرگە بولغان ۋە ئۆزىڭىز گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى ھازىر باشقىلارنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىدۇ، _ دېدى. 27يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى:
_ خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 28مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەنىدىم. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھ. 29قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇشال بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ خۇشاللىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. 30ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈپ، مېنىڭ شۆھرىتىم تۆۋەنلىسۇن.
31ئۇ ئەرشتىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. بىز بولساق بۇ دۇنيادىن كەلدۇق، شۇڭا قىلىدىغان سۆزلىرىمىزمۇ بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، 32ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. 33ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 34خۇدا ئەۋەتكۈچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئۆلچەپ بەرمەيدۇ. 35ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ. ئۇ ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 36خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاللىقاچان ئېرىشكەندۇر. لېكىن ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن نېرى بولمايدۇ.
4
ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سامارىيەلىك ئايال
1ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى. 2(ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.) 3پەرىسىيلەرنىڭ خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ، يەنە جەلىلىيەگە كەتتى. 4يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. 5شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا سامارىيەنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىخار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ، 6«ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ، 7-8ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا سامارىيەلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، _ دېدى. 9سامارىيەلىك ئايال:
_ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيەلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى. (يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايتتى.) 10ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكىنى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىڭىز ئىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن سۇ تىلىگەن بولاتتىڭىز، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بەرگەن بولاتتى.
11سامارىيەلىك ئايال:
_ ھەزرىتىم، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان چېلەك يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟ 12بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 13ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
_ بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. 14ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ.
15_ ھەزرىتىم، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىز. مەن شۇ سۇ بىلەن تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، قۇدۇققا ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولاي، _ دېدى ئايال. 16ھەزرىتى ئەيسا:
_ بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، _ دېدى.
17_ ئېرىم يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
_ ئېرىم يوق دەپ، راستىڭىزنى ئېيتتىڭىز. 18بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ. بۇنى توغرا ئېيتتىڭىز! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
19_ ھەزرىتىم، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! 20شۇڭا سىزدىن سوراي، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، _ دېدى ئايال. 21ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئايال، سۆزلىرىمگە ئىشىنىڭ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇ تاغقا ياكى يېرۇسالېمغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 22سىلەر سامارىيەلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ. 23لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىت كېلىپ قالدىكى، كىشىلەر روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. 24خۇدا روھتۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك.
25ئايال ھەزرىتى ئەيساغا:
_ مەسىھنىڭ، يەنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى.
26_ سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مەن دەل مەسىھ بولىمەن! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
27دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيەلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھەيران قېلىشتى. لېكىن ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىدىڭىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپ سورىمىدى.
28شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە:
29_ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، ئۇ قۇتقۇزغۇچى مەسىھمىدۇ؟ _ دېدى.
30شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شەھەردىن چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.
31شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەۋالسىڭىزچۇ؟ _ دېدى. 32لېكىن ھەزرىتى ئەيسا:
_ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، _ دېدى. 33شاگىرتلار بىر-بىرىگە:
_ ئەجەبا، بىرى ئۇستازغا يېمەكلىك ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ _ دېيىشتى.
34ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ مېنىڭ يېمەكلىكىم مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر. 35سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي بار» دەيسىلەر. ئەمما سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! 36ھوسۇل ئالغۇچىلار ھوسۇل ئېلىپ، خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ. 37«بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن تەمسىل توغرىدۇر. 38مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئەمگەك سىڭدۈرگەن بىر «ھوسۇل»نى يىغىشقا ئەۋەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر تەييار بولغان بۇ «ھوسۇل»نى يىغقۇچىسىلەر.
39سىھار يېزىسىدىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 40شۇڭا ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.
41ئۇنىڭ تەلىمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 42ئۇلار ئايالغا:
_ بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىغانلىقىمىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! _ دېيىشتى.
بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ساقايتىلىشى
43ئىككى كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قاراپ يول ئالدى. 44ئۇ ئۆزى بۇرۇن: «ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ» دېگەنىدى. 45ئۇ جەلىلىيەگە كەلگەندە، جەلىلىيەلىكلەر ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ياراتقان مۆجىزە ھەم كارامەتلىرىنى كۆرگەنىدى.
46ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 47ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن جەلىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە ئۇنىڭدىن:
_ ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى. 48شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ سىلەر جەلىلىيەلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! _ دېدى. 49ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! _ دېدى.
50_ ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 51يولدا چاكارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ھەم سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 52ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار:
_ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە قىزىتمىسى ياندى، _ دېيىشتى.
53بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ!» دېگەن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشتى.
54بۇ مۆجىزە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن جەلىلىيەگە كېلىپ كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىسى ئىدى.
5
كۆلچەك بويىدىكى پالەچنىڭ ساقايتىلىشى
1بۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى يېتىپ كەلدى. شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 2يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئاررامىي تىلىدا «بەيتزادا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. 3بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. {ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. 4چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.} 5ئۇ يەردە توكۇر بولغىنىغا 38 يىل بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. 6ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن:
_ ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. 7بىمار مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ھەزرەتلىرى، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ.
8ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ، _ دېدى.
9ھېلىقى ئادەم شۇ ئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى.
بۇ يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى* ئىدى. 10شۇڭا بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە:
بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى! سېنىڭ ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭ تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپتۇر، _ دېدى. 11لېكىن بىمار ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مېنى ساقايتقان كىشى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېدى!
12_ ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن زادى كىم ئىكەن ئۇ؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.
13بىراق ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.
14بۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا يەنە كۆرۈپ:
_ كېسىلىڭ ساقايدى، ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! _ دېدى.
15ھېلىقى ئادەم يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئادەمنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 16ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. 17لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! _ دېدى.
18شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى خۇدانى ئاتام دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى
19ھەزرىتى ئەيسا بۇ شىكايەتلەرگە جاۋابەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئوغلى ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ. پەقەت ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلالايدۇ. ئاتىسى نېمە قىلسا، ئۇمۇ شۇنى قىلىدۇ. 20چۈنكى ئاتىسى ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ ھەم ئوغلى ئارقىلىق سىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى نامايان قىلىدۇ. 21ئۆلگەنلەرنى ئەرشتىكى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قانداق ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە شۇنداق مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ. 22شۇنداقلا، ئەرشتىكى ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، چۈنكى سوراققا تارتىش ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر. 23بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. 24بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر ئاللىقاچان مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەندۇر. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
25بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۆلگەنلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا بۇ ۋاقىت كېلىپ قالدىكى، خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. 26چۈنكى ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى. 27يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. 28بۇنىڭغا ھەيران بولماڭلار. قەبرىدىكى بارلىق ئۆلۈكلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ 29ۋە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ياخشى ئىش قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامان ئىش قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ. 30مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى
31_ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرسەم، گۇۋاھلىقىم بىكار بولىدۇ. 32لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرى بار. ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. 33يەھيا پەيغەمبەرگە ئادەم ئەۋەتكەن ئەمەسمىدىڭلار؟! ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. 34ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن. 35يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار. 36لېكىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 37مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ئۆزىمۇ ماڭا گۇۋاھتۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار. 38ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى، چۈنكى مېنى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنىگە ئىشەنمىدىڭلار.
39مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەمەلىيەتتە، بۇ يازمىلاردىكى سۆزلەر ماڭا گۇۋاھتۇر! 40شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىمايسىلەر.
41مەن ئىنسانلارنىڭ مېنى ماختىشىنى ئىستىمەيمەن. 42لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەن. قەلبىڭلاردا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق. 43مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلدىم، لېكىن سىلەر مېنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ھالبۇكى، باشقىلار ئۆز نامى بىلەن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. 44سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
45بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتامغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر. 46ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق سۆزلىگەنىدى. 47لېكىن ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟
6
بەش مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى
1بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى، يەنى تىبېرىيە كۆلىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. 2زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇردى. 4بۇ ۋاقىت يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا زور بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن:
_ شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ _ دەپ سورىدى. 6ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، قانداق قىلىشنى ئۆزى بىلەتتى. 7فىلىپ جاۋابەن:
_ ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ يېرىم يىللىق كىرىمىمۇ يەتمەيدۇ! _ دېدى.
8شاگىرتلاردىن يەنە بىرى، يەنى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ھەزرىتى ئەيساغا:
9_ بۇ يەردە بىر كىچىك بالىنىڭ بەش ئارپا نېنى بىلەن ئىككى بېلىقى بار ئىكەن. لېكىن بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇ نېمىگە يەتسۇن؟! _ دېدى.
10_ كىشىلەرنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئۇ يەر كەڭ كەتكەن چىمەنزارلىق ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئولتۇردى. ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە بار ئىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بۆلۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. 12ھەممەيلەن يەپ تويغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
_ ئېشىپ قالغىنىنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ بەش ئارپا ناندىن يەپ ئېشىپ قالغىنىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى.
14كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى
16كەچقۇرۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۆل بويىغا كېلىشتى. 17گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى. 18قاتتىق بوران چىقىپ، كۆلدە دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. 19شاگىرتلار پالاق ئۇرۇپ، بەش-ئالتە چاقىرىم يەرگە بارغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. 20لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ قورقماڭلار، بۇ مەن! _ دېدى.
21شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كېمىگە چىقىشقا ئۈندىدى. ئۇ كېمىگە چىقىشى بىلەنلا ئۇلار بارماقچى بولغان يېرىگە بېرىپ قالدى.
ھەزرىتى ئەيسا _ ھاياتلىق بېرىدىغان «نان»
22ئىككىنچى كۈنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا قالغان خەلق تۈنۈگۈن ئۇ يەردە پەقەت بىرلا كېمىنىڭ بارلىقىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە ئۇ كېمىگە ئولتۇرمىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ يالغۇز كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. 23تىبېرىيە شەھىرىدىن كەلگەن بىرنەچچە كېمە ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ كىشىلەرگە نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. 24ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ بۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلگەن كىشىلەر كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 25كىشىلەر ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىن تاپقاندىن كېيىن:
_ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ _ دەپ سوراشتى. 26ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار. 27بىراق سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن تىرىشىڭلار! مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى بېرىدۇ، چۈنكى بۇنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.
28ئۇلار:
_ قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولالايمىز؟ _ دەپ سوراشتى.
29_ خۇدانىڭ خىزمىتى خۇدانىڭ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 30ئۇلار يەنە:
_ سىز قانداق مۆجىزە يارىتىپ، بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟ 31ئەجدادلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، «ماننا» دەپ ئاتالغان نان يېگەن. بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشكەن نان تەقدىم قىلدى» دېيىلگەن، _ دېيىشتى. 32بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەجدادلىرىڭلارغا ئاسماندىن چۈشكەن ناننى مۇسا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتام بەرگەن. مانا ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى خۇدائاتام بېرىۋاتىدۇ. 33خۇدانىڭ نېنى ئەرشتىن چۈشىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بېرىدۇ.
34_ ھەزرەتلىرى، ھەمىشە بىزگە بۇنداق نان بېرىپ تۇرغايسىز! _ دېيىشتى ئۇلار. 35ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» مەندۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. 37خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. يېنىمغا كەلگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىۋەتمەيمەن. 38چۈنكى مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى يوقاتماي، ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. 40چۈنكى ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
41ھەزرىتى ئەيسا: «ئەرشتىن چۈشكەن ‹نان› مەندۇرمەن!» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غودۇڭشىشقا باشلىدى. 42«بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ بىز ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيمىز. ئۇ ئەمدى قانداقلارچە: ‹مەن ئەرشتىن چۈشتۈم› دەيدۇ؟» دېيىشتى ئۇلار.
43_ ماڭا غودۇڭشىماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، 44_ مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 45پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەلىم بېرىدۇ.» شۇڭا ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن تەربىيە ئالغان كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. 46بۇ دېگەنلىك ئاتامنى ھەركىم كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس. ئاتامنى پەقەت ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگەن مەنلا كۆرگەنمەن.
47بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ئاللىقاچان مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەندۇر. 48ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» مەندۇرمەن. 49گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى. 50لېكىن ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ. 51ئەرشتىن چۈشكەن، ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» مەندۇرمەن. كىمدىكىم بۇ «نان»دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ، ئۇنى ئۇلارغا ئاتىماقچى.
52ئۇلار:
_ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ _ دېيىشىپ، ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. 53ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بولمايدۇ. 54تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى ئاللىقاچان مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەندۇر. مەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 55چۈنكى تېنىم ھەقىقىي يېمەكلىك، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. 56تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. 57ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئاتام مېنى ئەۋەتتى. مەن ئۇ ۋەجىدىن ياشايمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ تېنىمنى يېگەن كىشىمۇ مېنىڭ ۋەجىمدىن ياشايدۇ. 58ئەرشتىن چۈشكەن «نان» مانا شۇدۇر. بۇ نان ئەجدادلىرىڭلار يەپ ئۆلگەن «ماننا» دەپ ئاتالغان نانغا ئوخشىمايدۇ. بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر مەڭگۈ ياشايدۇ!
59ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى كەپەرناھۇم شەھىرىدىكى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. 60نۇرغۇن شاگىرتلار بۇنى ئاڭلىغاندا:
_ بۇ تەلىمنى ھەزىم قىلىش بەك تەس ئىكەن! بۇنى كىم قوبۇل قىلالىسۇن؟ _ دېيىشتى.
61شاگىرتلىرىنىڭ غودۇڭشىغىنىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:
_ سۆزلىرىم چىشىڭلارغا تېگىۋاتامدۇ؟ 62مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايىغا، يەنى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، نېمە دەيسىلەر؟ 63ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى پەقەت خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 64لېكىن ئاراڭلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، _ دېدى. (چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.)
65ھەزرىتى ئەيسا يەنە قوشۇمچە قىلىپ:
_ مەن سىلەرگە دېدىمغۇ، ئاتام ماڭا يېقىنلاشتۇرغانلاردىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ، _ دېدى.
66شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ خېلى كۆپى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى. 67ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىدىن:
_ سىلەرچۇ، سىلەرمۇ مەندىن ئايرىلماقچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 68سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
_ ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ 69سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنچىمىز كامىل.
70ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:
_ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم، بىراق ئاراڭلاردا بىرى شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر! _ دېدى.
71(ھەزرىتى ئەيسا سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى دېمەكچىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلاتتى.)
7
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى
1شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى. 2بۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ كەپە تىكىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى، 3شۇڭا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا:
_ ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيەگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن! 4چۈنكى ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان كىشى يوشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىڭ! _ دېيىشتى. 5(ئىنىلىرىمۇ تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)
6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە قاچانلا بولسا پۇرسەت بار. 7بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. 8سىلەر ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار، مەن ھازىرچە بارمايمەن. چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، _ دېدى.
9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، جەلىلىيەدە قالدى.
كەپە تىكىش ھېيتىدا
10ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. 11ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئىزدەپ، كىشىلەردىن: «ئەيسانى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ سوراشتى. 12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېيىشتى. 13بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشىلىقى توغرۇلۇق ئاشكارا سۆزلىمەيتتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقاتتى.
14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا كىرىپ، خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 15يەھۇدىي ئاقساقاللىرى:
_ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرسا، قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ _ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. 16ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانىڭكىدۇر. 17خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزۈمنىڭ ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. 18ئۆزىگە تايىنىپ سۆزلىگۈچى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچى ھەق سۆزلەيدۇ. بۇنداق كىشى ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. 19مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟
20كۆپچىلىك:
_ سىزگە جىن تېگىپتۇ! سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ _ دېيىشتى. 21ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار. 22بىراق سىلەرمۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز دەپ، دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە، خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئەجدادىڭلار ئىبراھىمدىن قالغاندۇر. 23تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دەپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىسىلەر، ئەمما بىر ئادەمنى ساقايتسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ 24تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن!
ھەزرىتى ئەيسا قۇتقۇزغۇچىمۇ؟
25يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى:
_ ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟ 26ئۇ ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئاقساقاللار ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمەيۋاتىدىغۇ! ئاقساقاللار ئۇنى قۇتقۇزغۇچى مەسىھ دەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ 27لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىراق بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، _ دېيىشتى.
28ئۇ چاغدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
_ سىلەر مېنى تونۇيمىز، ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن كەلمىدىم، مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر. 29مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.
30شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇنىڭغا قول سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. 31شۇنداق بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلسىمۇ، مۇشۇنچىلىك مۆجىزە كۆرسىتەر بولغۇيدى؟!» دېيىشتى.
قاراۋۇللارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىشى
32پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى. 33ھەزرىتى ئەيسا:
_ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىرگە بولىمەن. كېيىن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. 34مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، _ دېدى.
35شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە:
_ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەرمۇ؟ 36«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ _ دېيىشتى.
ھاياتلىق سۈيى
37ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
_ كىم ئۇسسىسا، يېنىمغا كەلسۇن ۋە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرسۇن!* 38چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ھاياتلىق سۈيى دەريا بولۇپ ئېقىپ چىقىدۇ!» دەپ يېزىلغان.
39ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشمىگەنىدى.
خەلقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى
40خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:
_ مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن ئۇ ئىكەن! _ دېيىشتى.
41بەزىلەر: «بۇ ئادەم قۇتقۇزغۇچى مەسىھ!» دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ، مەسىھ جەلىلىيەدىن چىقمايتتىغۇ؟ 42مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەمدىن چىقىدىغانلىقى دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى.
43شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 44بەزى كىشىلەر ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى.
يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادسىزلىقى
45ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر:
_ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراشتى. 46ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى:
_ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 47پەرىسىيلەر:
_ سىلەرمۇ ئازمىغانسىلەر؟ 48ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار يوقتۇ؟ 49بۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىن خەۋىرى يوقتۇر، شۇڭا ئۇلارنى خۇدا ئۇرىدۇ! _ دېيىشتى.
50ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى ئىلگىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىمۇس ئۇلارغا:
51_ تەۋرات قانۇنىمىزدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىقرارىنى ئاڭلىماي ۋە قىلمىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان، _ دېدى.
52_ ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيەلىكمۇ نېمە؟ _ دېيىشتى ئاقساقاللار، _ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيەدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!
{ 53شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
8
زىنا قىلغان ئايال
1ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. 2ئەتىسى سەھەردە ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 3شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.
6ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 7ئۇلار ئوخشاش سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:
_ ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! _ دېدى.
8ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن كېتىپ قېلىشتى. ئاخىردا ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:
_ ئەي ئايال، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراق قىلىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
11_ چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، _ دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا:
_ مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! _ دېدى.}
ھەزرىتى ئەيسا دۇنيانىڭ نۇرىدۇر
12ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:
_ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
13پەرىسىيلەر:
_ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گەپلىرىڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، _ دېيىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ مەن ئۆزۈم ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، لېكىن سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر. 15سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمگە ھۆكۈم قىلمايمەن. 16ئەگەر ھۆكۈم قىلسام، ھۆكۈمۈم توغرا بولىدۇ، چۈنكى مەن ھۆكۈم قىلغاندا يالغۇز ھۆكۈم قىلمايمەن، مېنى ئەۋەتكۈچى ئاتام مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. 17سىلەر رىئايە قىلىدىغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ئوخشاش چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى توغرا» دەپ يېزىلغان. 18مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، مېنى ئەۋەتكەن ئاتاممۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
19_ ئاتاڭ قەيەردە؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.
_ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
20ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەلىملەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە توپلىنىدىغان يەردە ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېتىقادسىزلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى
21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، _ دېدى.
22شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى:
_ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگەنلىكىمىدۇ؟ _ دېيىشتى. 23ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ سىلەر تۆۋەندىن، مەن يۇقىرىدىنمەن. سىلەر بۇ دۇنياغا تەۋەدۇرسىلەر، لېكىن مەن بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەسمەن. 24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھىڭلار بىلەن ئۆلىسىلەر» دېدىم. ئەگەر سىلەر مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمگە* ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار بىلەن ئۆلىسىلەر، _ دېدى.
25_ سەن زادى كىم؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ كىملىكىمنى باشتىن تارتىپ سىلەرگە ئېيتىپ كېلىۋاتىمەن. 26ئەسلى مېنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن مەن ئىنسانلارغا پەقەت مېنى ئەۋەتكۈچىدىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا ئۇقتۇرۇۋاتىمەن، مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر.
27ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتىسى خۇدا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. 28شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر ئىنسانئوغلىنى كرېستكە مىخلاتقاندىن كېيىن، مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. شۇنداقلا، ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى ۋە پەقەت ئاتامنىڭ ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. 29مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمايدۇ، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
30ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگۈچى
31ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا:
_ ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر، 32ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ، _ دېدى.
33_ بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى يەھۇدىيلار، _ ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟
34_ بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، 35_ قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر. 36شۇڭا خۇدانىڭ ئوغلى سىلەرنى ئەركىن قىلغاندىلا، سىلەر ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر. 37سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ تەلىمىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئورۇن ئالمىدى. 38مەن ئاتام بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمدا كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن. سىلەر ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!
39_ بىزنىڭ ئاتىمىز ئەجدادىمىز ئىبراھىمدۇر، _ دېيىشتى ئۇلار.
_ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! 40بىراق سىلەر ھازىر مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. ئەجدادىڭلار ئىبراھىم ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. 41سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
_ بىز ھارامدىن بولمىدۇق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! _ دېيىشتى ئۇلار. 42ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلمىدىم، بەلكى ئۇ مېنى ئەۋەتتى. 43سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ! 44ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىلدۇر ۋە ھېچقاچان ھەقىقەتتە تۇرمىغاندۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر. 45مەن بولسام ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، شۇڭا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. 46قايسىڭلار مېنىڭ گۇناھىم بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىلەر؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ 47خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر!
48يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن:
_ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى جىن چاپلاشقان سامارىيەلىك دېگىنىمىز توغرىمۇ نېمە؟ _ دېيىشتى.
49_ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن سىلەر ماڭا بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىسىلەر. 50مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىغۇم يوق، لېكىن مېنىڭ ئۇلۇغلىنىشىمنى خالايدىغان ۋە توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىرى بار. 51بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
52ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، _ دېيىشتى، _ ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟ 53ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟
54ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىكار بولاتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى سىلەر «خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامدۇر. 55سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن. 56ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان.
57_ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمىگەن تۇرۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىمۇ كۆردۈڭمۇ؟ _ دېيىشتى ئۇلار. 58ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! _ دېدى.
59شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.
9
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغما قارىغۇنى ساقايتىشى
1ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 3ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. 4كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5بۇ دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.
6ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەردىكى توپىغا تۈكۈرۈپ، لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 7ۋە ئۇنىڭغا: «شىلوۋاخ كۆلچىكىگە بېرىپ يۈزۈڭنى يۇ» دېدى. («شىلوۋاخ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.)
ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى. 8قوشنىلىرى ۋە ئۇ تىلەمچىلىك قىلغاندا ئۇنى كۆرگەنلەر:
_ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.
9بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئۇ ئۆزى:
_ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! _ دېدى.
10_ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار. 11ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي ياساپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «شىلوۋاخ كۆلچىكىگە بېرىپ يۈزۈڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى.
12_ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.
_ بىلمەيمەن، _ دېدى ئۇ.
پەرىسىيلەرنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈشى
13كىشىلەر كۆزى ساقايغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا لاي بىلەن بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. 15پەرىسىيلەر بۇ ئادەمدىن كۆزلىرىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقىنى سورىدى. ئۇ:
_ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، ئاندىن يۈزۈمنى يۇدۇم. ھازىر مانا كۆرەلەيدىغان بولدۇم، _ دېدى. 16شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى:
_ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، _ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى:
_ گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ _ دېيىشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 17ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە:
_ كۆزلىرىڭنى ئاچقان ئۇ ئادەم سېنىڭچە قانداق ئادەمدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
_ ئۇ بىر پەيغەمبەر، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.
18يەھۇدىي ئاقساقاللىرى كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 19ئۇلاردىن:
_ تۇغما قارىغۇ دېگەن ئوغلۇڭلار مۇشۇمۇ؟ ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ _ دەپ سوراشتى.
20_ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكى راست، 21لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى.
22ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى. 23شۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
24پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ:
_ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل، بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، _ دېيىشتى. 25ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئۇنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا ئىشنى بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ مەن قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. 26بۇ چاغدا ئۇلار:
_ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ _ دەپ سوراشتى. 27ئۇ جاۋابەن:
_ سىلەرگە ئېيتسام، قۇلاق سالمىدىڭلار. يەنە قانداقلارچە ئاڭلىماقچى بولۇپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولماقچىمۇ-يا؟! _ دېدى. 28شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ھاقارەتلەپ:
_ سەن ئۇ ئەبلەخنىڭ شاگىرتى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى. 29خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ئەبلەخنىڭ بولسا ئەڭ قىسقىسى قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، _ دېيىشتى. 30ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار. 31بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلارنىڭ ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنىلا ئاڭلايدۇ. 32دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بىرەر كىشىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەسمىز. 33بۇ ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.
34ئۇلار ئۇنى:
_ سەن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەمدى بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ _ دېيىشىپ، ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى.
روھىي قارىغۇلۇق
35ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ:
_ سەن ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ _ دەپ سورىدى.
36_ ھەزرەتلىرى، ئۇ كىم؟ ئېيتىپ بەرگەيسىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.
37_ ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 38ھېلىقى ئادەم:
_ ئى رەببىم، ساڭا ئېتىقاد قىلدىم! _ دەپ، ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلدى.
39_ دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
40ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:
_ بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ _ دېيىشتى. 41ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، لېكىن ھازىر كۆرۈۋاتىمىز دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكاردۇرسىلەر.
10
ھەزرىتى ئەيسا «ياخشى قويچى»دۇر
1ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىدىن ئارتىلىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. 2ئىشىكتىن كىرگەن كىشى شۇ قويلارنىڭ قويچىسىدۇر. 3كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ. 4قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. 5يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
6ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى. 7شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. 8مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر،* لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى. 9ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. 10ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتقا ئېرىشسۇن ۋە ھاياتى مول بولسۇن دەپ كەلدىم.
11ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ جېنى قويلىرى ئۈچۈن پىدادۇر. 12مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە قويلارنى تالاپ، تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. 13مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، ئۇ قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
14-15ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى، يەنى بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا. 16بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.
17ئاتام مېنى سۆيىدۇ، چۈنكى مەن جېنىمنى پىدا قىلىمەن ۋە كېيىن قايتا تىرىلىمەن. 18جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان.
19بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى. 20بىرمۇنچە كىشىلەر:
_ ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ _ دېيىشتى. 21يەنە بەزىلەر:
_ جىن تەگكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن تەگكەن ئادەم قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! _ دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ رەت قىلىنىشى
22قىش پەسلى ئىدى، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 23ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «پادىشاھ سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى» دېگەن يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى. 24يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:
_ بىزنى يەنە قاچانغىچە دېلىغۇل قىلىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، _ دېيىشتى. 25ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 26بىراق سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 27مېنىڭ قويلىرىم ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 28ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. 29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. 30ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.
31شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن يەردىن تاش ئېلىشتى.
32_ ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن.
33_ سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. 34ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ 35مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ! 36ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ، بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 37ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار. 38لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر ۋە بىلىپ يېتىسىلەر.
39شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلدى. 40ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار:
_ يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! _ دېيىشتى. 42شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
11
ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى تىرىلدۈرۈشى
1-2لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ قۇيۇپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى سۈرگەن ئايال ئىدى. 3لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى. 4ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ:
_ بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان بولۇپ، خەلق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، _ دېدى.
5ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. 6گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى. 7ئاندىن كېيىن شاگىرتلىرىغا:
_ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! _ دېدى. 8شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:
_ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ _ دېيىشتى. 9ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. 10لېكىن كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
11ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن:
_ دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، _ دەپ قوشۇپ قويدى. 12شاگىرتلار:
_ ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، _ دېدى.
13ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاشتى. 14شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:
_ لازار ئالەمدىن ئۆتتى دېمەكچىمەن. 15سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، _ دېدى.
16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا:
_ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلەيلى، _ دېدى.
17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ قەبرىگە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. 19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.
21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. 22ھېلىمۇ خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 24مارتا:
_ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.
25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى مەندۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. 26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟
27_ ئىشىنىمەن رەببىم، _ دېدى مارتا، _ سىزنىڭ خۇدا بۇ دۇنياغا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.
28مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:
_ ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېدى.
29مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.
30ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى. 31ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان كىشىلەر مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى ئىنىسىنىڭ قەبرىسىگە يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 32بىراق مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ:
_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! _ دېدى.
33مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئازابلاندى ۋە ئېچىندى. ئۇ:
34_ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.
35ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. 36خالايىق:
_ قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! _ دېيىشتى. 37ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى:
_ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ _ دېيىشتى.
38ھەزرىتى ئەيسا ئىنتايىن ئازابلانغان ھالدا قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرە بىر ئۆڭكۈر بولۇپ، ئېغىزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغانىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا:
_ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! _ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا:
_ ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسەت پۇراپ كەتكەندۇ، _ دېدى. 40ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! _ دېدى.
41شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تاشنى ئېلىۋەتتى. ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى ئاتا، دۇئايىمنى ئاڭلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن. 42دۇئايىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتىمەن.
43ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا:
_ لازار، تاشقىرىغا چىق! _ دەپ توۋلىدى.
44لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ كېپەنلىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
45مەريەمنىڭ يېنىغا پەتىلەپ كەلگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسا كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 46لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. 47شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىپ:
_ قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار. 48ئۇنى بۇنداق قويۇپ بەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىم ھۆكۈمىتى ئىبادەتخانىمىزنى، ھەتتا مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ! _ دېيىشتى.
49ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش روھانىي بولغان قاياپا:
_ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! 50پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا بىرلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، _ دېدى.
51-52بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى. ئۇ شۇ يىلنىڭ باش روھانىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا پەقەت يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا چېچىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.
53شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى. 54شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەي، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرايىم شەھىرىگە كەتتى ۋە ئۇ يەردە شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە تۇردى.
55يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر پاكلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 56ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيتتى. ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا يىغىلغىنىدا بىر-بىرىگە:
_ ھەزرىتى ئەيسا ھېيت قىلغىلى كېلەرمۇ، سېنىڭچە قانداق بولار؟ _ دېيىشتى.
57ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.
12
ھەزرىتى ئەيساغا خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنىڭ سۈرۈلۈشى
1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار ياشايدىغان بەيتانىياغا كەلدى. 2ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا شۇ يەردە بولۇپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى. 3مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق خۇش پۇراقلىق بۇيۇمدىن ئاز كەم بىر قاداق ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى، ئاندىن چاچلىرى بىلەن سۈردى. ئۆي خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنىڭ پۇرىقىغا تولدى. 4لېكىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:
5_ نېمىشقا بۇ خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى ساتمىدۇق؟ ساتساق، بىر يىللىق كىرىمىمىزگە توغرا كەلگۈدەك پۇلغا ساتاتتۇق. شۇنداق قىلساق، بۇ پۇلنى كەمبەغەللەرگە بېرەتتۇق، _ دېدى.
6ئۇ بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.
7_ ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەت! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 8كەمبەغەللەر دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، لېكىن مەن دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولمايمەن.
ئالىي روھانىيلارنىڭ لازارنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
9زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەيتانىيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلار يالغۇز ھەزرىتى ئەيسانىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى. 10ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى. 11چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۇلاردىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ شەرەپ بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىش
12ئەتىسى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن كىشىلەرنىڭ زور بىر تۈركۈمى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 13ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە:
«خۇداغا شۈكۈر،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن،
ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.
14ھەزرىتى ئەيسا بىر تەخەي تېپىپ مىندى. بۇ ئىش ھەققىدە زىكىرىيا پەيغەمبەر بۇرۇن مۇنداق يازغانىدى:
15«ئەي سىئون قىزى، ئەمدى قورقماڭلار!
مانا، پادىشاھىڭلار تەخەي مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»
16ئۇنىڭ شاگىرتلىرى شۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېزىلغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزى ھەققىدە يېزىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
17ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى قەبرىسىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ مۆجىزە توغرىسىدا باشقىلارغا توختىماستىن خەۋەر قىلدى. 18ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياراتقان مۆجىزىسىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى. 19پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە:
_ قاراڭلار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىكارغا كەتتى! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە، _ دېيىشتى.
گرېكلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى
20ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى. 21بۇلار جەلىلىيەنىڭ بەيتسايدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ جانابلىرى، بىز ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى. 22فىلىپ بۇنى ئەندەرگە مەلۇم قىلدى. ئاندىن ئۇلار ئىككىسى ھەزرىتى ئەيساغا خەۋەر قىلدى. 23ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ ئىنسانئوغلىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى. 24بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇغداي دېنى توپىغا چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، يەنىلا بىر تال دان پېتى تۇرىدۇ. ئۆلسە، بىخ سۈرۈپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ. 25كىم بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىنى سۆيسە، ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن كىم بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كەچسە، ھاياتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدۇ. 26كىمدىكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، خىزمەتكارىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
27_ ھازىر يۈرىكىم قاتتىق سىقىلىۋاتىدۇ، نېمە دېسەم بولار؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەپ ئۆتۈنەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم. 28ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن!
شۇ ۋاقىتتا ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
_ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن.
29شۇ مەيداندىكى بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان خەلق:
_ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، _ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا:
_ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، _ دېيىشتى. 30بىراق ھەزرىتى ئەيسا:
_ بۇ سۆزلەر مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ ئېيتىلدى. 31بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ. 32مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، _ دېدى. 33(ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.)
34خەلق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى مەسىھ مەڭگۈ ياشايدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
35_ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 36شۇڭلاشقا نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار. شۇندىلا نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
يەھۇدىيلارنىڭ تەرسالىقى
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خەلقتىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 37گەرچە ئۇ خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. 38بۇ ئەھۋال دەل يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا ئېيتىلغاندەك ئىدى:
«ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟
سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ كىمگە ئايان بولدى؟»
39خەلق ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى يەشايا پەيغەمبەر ئالدىنئالا چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى:
40«پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلدى، قەلبىنى بەند قىلدى.
ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەتتى، قەلبىدىن چۈشىنەتتى ۋە
مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ، شىپالىق تاپاتتى.»
41يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغانلارغا قارىتىلغانىدى. ئۇ مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى توغرىسىدا سۆزلىگەنىدى. 42شۇنداقتىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلماسلىقى ئۈچۈن ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. 43بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنساندىن كېلىدىغان ماختاشنى خۇدادىن كېلىدىغان ماختاشتىنمۇ ياخشى كۆرەتتى.
44ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
_ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ماڭىلا ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ. 45مېنى كۆرگەنلەر مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ كۆرگەن بولىدۇ. 46مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم. 47سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. 48بىراق مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ. 49چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق. ئەكسىچە، مېنى ئەۋەتكەن ئاتام نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم ھەققىدە ماڭا ئەمر بەردى. 50ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، خۇدائاتامنىڭ ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن.
13
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇشى
1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.
2ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. 4ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. 5ئاندىن بىر داسقا سۇ قۇيۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. 6نۆۋەت سىمۇن پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس:
_ ئى رەببىم، پۇتۇمنى سىز يۇسىڭىز قانداق بولغىنى؟! _ دېدى. 7ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر چۈشەنمەيسەن، لېكىن كېيىن چۈشىنىسەن، _ دېدى.
8_ مەن پۇتۇمنى ھەرگىز سىزگە يۇغۇزمايمەن! _ دېدى پېترۇس.
_ پۇتۇڭنى يۇمىسام، سەن مەن بىلەن بىرگە بولالمايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 9سىمۇن پېترۇس:
_ ئى رەببىم، ئۇنداقتا پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسىز! _ دېدى. 10ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەر پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، _ دېدى.
11(ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەممىسىنىڭلا پاك ئەمەسلىكىنى دېگەنىدى.) 12ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تونىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ 13سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. 14مەن رەببىڭلار ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق پۇتلىرىڭلارنى يۇغاندىكىن سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. 15مەن سىلەرگە ئۈلگە كۆرسەتتىم. سىلەرگە قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلەرمۇ باشقىلارغا شۇنداق خىزمەت قىلىڭلار. 16بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 17بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!
يەھۇدانىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىن ئېيتىلىشى
18«سىلەر پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ» دېگەن بۇ سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. 19سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار بىلەن ئۆلىسىلەر، _ دېدى. 20يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
21ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!
22شاگىرتلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. 23ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتى ئۇنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ ياتاتتى. 24سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىمنى دېمەكچى بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئىشارەت قىلدى. 25شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا يېقىن كېلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:
_ ئى رەببىم، سىزگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىم؟ _ دەپ سورىدى. 26ھەزرىتى ئەيسا:
_ بىر پارچە ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. 27يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى.
_ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
28داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدى. 29ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغاچقا بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ چۈشەندى.
30يەھۇدا ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغ كېچە ئىدى.
يېڭى ئەمر
31يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. ئىنسانئوغلى ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ. 32خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىنسانئوغلى ئارقىلىق نامايان بولغانىكەن، پات ئارىدا خۇدا ئىنسانئوغلىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. 33بالىلىرىم، مېنىڭ ئەمدى سىلەر بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىم ئاز قالدى. كېيىن سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا ئېيتقىنىمدەك سىلەرگىمۇ ئېيتىمەنكى، مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر. 34ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.» 35بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى
36سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ _ دەپ سورىدى.
_ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 37پېترۇس ئۇنىڭغا:
_ ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ھازىر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارالمايمەن؟ سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا! _ دېدى. 38ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭ پىدامۇ؟ بىلىپ قويغىنكى، خوراز چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!
14
ھەزرىتى ئەيسا يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىقتۇر
1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 2خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 3مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانلىقىم ئۈچۈن چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. 4سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر.
5_ ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. ئۇنداقتا، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ _ دېدى توماس. 6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق مەندۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. 7ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، _ دېدى.
8_ ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، _ دېدى فىلىپ.
9_ فىلىپ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟ 10مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق. مەندە ياشاۋاتقان ئاتام ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 11«مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە» دېگىنىمگە ئىشىنىڭلار. ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار. 12بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مەن قىلغان ئىشلارنى قىلالايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن. 13مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسە تىلىسەڭلار، ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ مەن ئارقىلىق نامايان بولۇشى ئۈچۈن تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 14مېنىڭ نامىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى بېرىمەن.
مۇقەددەس روھ ھەققىدىكى ۋەدە
15ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 16مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشايدۇ.
18مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 19ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 20شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن. 21كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن.
22يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ _ دەپ سورىدى. 23ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇشۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماكان قۇرىمىز. 24مېنى سۆيمەيدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلمايدۇ. سىلەر ئاڭلاۋاتقان سۆزلەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامنىڭكىدۇر. 25مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولۇۋاتقان چېغىمدا، سىلەرگە بۇلارنى دېدىم. 26لېكىن ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.
27مەندىن سىلەرگە تىنچلىق قالىدۇ، يەنى ئۆز تىنچلىقىمنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان تىنچلىقىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان تىنچلىقىغا ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. 28سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيسەڭلار، ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر. 29بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېيتتىم. 30سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغانغا كۆپ ۋاقتىم قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر. 31لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى.
15
ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم تېلىدۇر
1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:
_ ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» مەندۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر. 2باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ. 3سىلەر مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. 4سىلەر مەندە بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. ئەگەر شاخ ئۈزۈم تېلىنىڭ غولىدا بولمىسا، مېۋە بېرەلمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.
5«ئۈزۈم تېلى» مەندۇرمەن، سىلەر شاختۇرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەنسىز ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايسىلەر. 6مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
7سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇ نەرسە سىلەرگە بېرىلىدۇ. 8سىلەر كۆپ مېۋە بېرىش ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ ئارقىلىق ئاتام ئۇلۇغلىنىدۇ. 9ئاتام مېنى سۆيگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە قېلىڭلار. 10ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە قالغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە قالالايسىلەر.
11سىلەرنى خۇشاللىقىمدىن، يەنى تولۇپ تاشقان خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە ئېيتتىم. 12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 13ئۆزىنىڭ دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن ئەۋزەل مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. 14سىلەر ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، دوستلىرىم بولىسىلەر. 15ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 16سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن، ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن دەپ تاللىدىم. مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. 17سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
ئادەملەرنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان نەپرىتى
18_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 19ئەگەر سىلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ قاتارىدا كۆرۈپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق مەن سىلەرنى تاللاپ، بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 20مەن سىلەرگە ئېيتقان: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.
21مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 22ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ. 23كىمدىكىم مەندىن نەپرەتلەنسە، ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. 24ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆردى، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى. 25شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشتى.
26مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 27سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىرگە بولدۇڭلار.
16
ئېتىقادىڭلار تەۋرەنمىسۇن!
1_ بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە ئېتىقاد يولۇڭلاردىن چەتنەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئېيتتىم. 2كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانا جامائىتىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ھەتتا شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز، دەپ ھېسابلايدۇ. 3ئۇلار بۇ ئىشنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. 4مېنىڭ سىلەرگە بۇ سۆزلەرنى ئېيتىشىم، ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندا، مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا ئېلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ۋەزىپىسى
_ مەن دەسلەپتە بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. 5لېكىن ئەمدى مەن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسىز؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. 6بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەتكە تولدى. 7بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. مەن كەتكەندە، سىلەرگە ياردەمچى ئەۋەتىمەن. 8ئۇ كەلگەندە، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ، ھەققانىيەت ۋە سوئال-سوراق توغرىسىدا خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 9ئۇلارنىڭ گۇناھ ھەققىدىكى كۆز قارىشى خاتادۇر، چۈنكى گۇناھ ئۇلارنىڭ ماڭا ئېتىقاد قىلماسلىقىدۇر. 10ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىق ھەققىدىكى كۆز قارىشى خاتادۇر. چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىشىم دەل مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىندۇر. سىلەر ئەمدى مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 11ئۇلارنىڭ سوئال-سوراق ھەققىدىكى كۆز قارىشى خاتادۇر، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتان ئاللىقاچان سوراققا تارتىلغاندۇر.
12سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر. 13لېكىن ھەقىقەتكە باشلىغۇچى مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ نېمىنى ئاڭلىسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ. 14ئۇ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىدۇ. 15ئاتامدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى مېنىڭدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس روھ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېيتتىم.
غەم-قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ
16_ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مېنى قايتا كۆرىسىلەر.
17شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە:
_ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ بىزگە: «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مېنى قايتا كۆرىسىلەر» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دەيدۇ. 18«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمىدۇ؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.
19ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىنى بىلىپ، مۇنداق دېدى:
_ مېنىڭ: «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن مېنى كۆرمەيسىلەر، يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ 20بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر يىغا-زار قىلىپ قايغۇرىسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خۇشال بولۇشىدۇ. سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ. 21ئايال ئېيى تولۇپ، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئازاب بىلەن تۇغىدۇ. لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 22شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا قەلبىڭلار خۇشاللىققا تولىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. 24ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. شۇندىلا تولۇپ تاشقان خۇشاللىققا ئىگە بولىسىلەر.
بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش
25_ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۈم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق سۆزلەيمەن، تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن. 26شۇ كۈنلەر كەلگەندە، تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلەيسىلەر. بۇ دېگەنلىكىم سىلەر ئۈچۈن ئاتامدىن تىلەيمەن دېگەنلىكىم ئەمەستۇر. 27چۈنكى سىلەر مېنى سۆيگىنىڭلار ۋە مېنىڭ ئاتامنىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ئاتاممۇ سىلەرنى سۆيىدۇ.
28مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.
29شاگىرتلىرى:
_ ئەمدى تەمسىل كەلتۈرمەي، ئوچۇق ئېيتتىڭىز! 30بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، _ دېيىشتى. 31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ھازىر ئىشەندىڭلار، شۇنداقمۇ؟ 32مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. لېكىن مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر. 33بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت سالىدۇ. ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار، چۈنكى مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
17
ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىشى
1ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. ئوغلۇڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغىن. 2چۈنكى سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن. 3مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي، بىردىنبىر خۇدانى، يەنى سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر. 4مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە نامايان قىلدىم. 5ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.
6سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئاشكارىلىدىم. ئۇلار ساڭا تەۋە ئىدى، ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ. ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى. 7ئۇلار سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سەندىن كەلگەنلىكىنى ئەمدى بىلدى. 8چۈنكى سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلدى، ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. 9ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەر ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. 10مېنىڭ ھەممەم سېنىڭكىدۇر، سېنىڭمۇ مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق نامايان بولدى.
11مەن ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۆز نامىڭ بىلەن ئۇلارنى قوغدىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن. 12مەن ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا ئاتا قىلغان نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ۋە قوغدىدىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاكەت يولىغا ماڭغان بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىم يوقالمىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى.
13مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. مەندىكى خۇشاللىق ئۇلارنىڭ قەلبىگە تولسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئېيتتىم. 14سۆزلىرىڭنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 15ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئەكەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. 16مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 17سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقىقەتتۇر. ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغايسەن. 18سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. 19ئۇلار ساڭا ھەقىقىي ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتىدىم.
20مەن ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلار يەتكۈزگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. 21ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن. 22بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. 23مېنىڭ ئۇلاردا، سېنىڭ مەندە بولۇشۇڭ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. شۇندىلا بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ.
24ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ئۇلۇغلۇق دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر. 25ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 26ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي دەپ، مەن سېنى ئۇلارغا تونۇتتۇم، يەنە داۋاملىق تونۇتىمەن.
18
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
1ھەزرىتى ئەيسا دۇئاسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغقا كىردى. 2ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى. 3شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى، ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ، بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانار، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. 4ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
_ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.
5_ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ مانا مەن شۇ، _ دېدى.
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى. 6ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. 7ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم:
_ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.
_ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دېيىشتى ئۇلار.
8_ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، يېنىمدىكىلەرنىڭ كېتىشىگە يول قويۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
9شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى.
10سىمۇن پېترۇس يېنىدىكى قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، باش روھانىينىڭ مالكۇس ئىسىملىك چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، قۇلىقىنى كېسىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 11ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا:
_ قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەسلىكىم كېرەكمىدى؟ _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىشى
12شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. 13ئۇلار ئۇنى ئالدى بىلەن شۇ يىلى باش روھانىي بولغان قاياپانىڭ قېيىنئاتىسى ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14باش روھانىي قاياپا بۇرۇن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا بىرلا ئادەم ئۆلسە ياخشى بولىدۇ» دېگەنىدى.
پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى
15سىمۇن پېترۇس بىلەن يەنە بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ شاگىرت باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، باش روھانىينىڭ ھويلىسىغا كىردى. 16سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، يەنى دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىدىكى دېدەك بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. 17دەرۋازىدىكى دېدەك پېترۇستىن:
_ سىزمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىنغۇ دەيمەن؟ _ دەپ سورىدى.
_ ياق، مەن ئەمەس، _ دېدى پېترۇس.
18ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، باش روھانىينىڭ چاكارلىرى ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئوتۇندا يېقىلغان گۈلخاننىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوتقا قاقلاندى.
باش روھانىينىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلىشى
19باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسادىن شاگىرتلىرى ۋە بەرگەن تەلىملىرى توغرىسىدا سوئاللارنى سورىدى. 20ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم. 21بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سوراڭ، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ.
22ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ:
_ باش روھانىيغا مۇشۇنداقمۇ دەمسەن؟ _ دېدى.
23_ ئەگەر خاتا گەپ قىلغان بولسام، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەت. ئەمما ئېيتقانلىرىم توغرا تۇرسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
24شۇنىڭ بىلەن ھاننان ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش روھانىي قاياپاغا يوللىدى.
پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن قايتا-قايتا تېنىشى
25سىمۇن پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇراتتى. باشقىلار:
_ سەنمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدىڭغۇ؟ _ دېيىشتى.
_ ياق! _ دەپ ئىنكار قىلدى پېترۇس.
26ئۇ يەردە باش روھانىينىڭ چاكارلىرىدىن بىرى، يەنى پېترۇس قۇلىقىنى چېپىپ تاشلىغان ئادەمنىڭ تۇغقىنىمۇ بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا:
_ باغدا سېنى ئەيسا بىلەن بىرگە كۆردۈمغۇ! _ دېدى.
27پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى.
پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلىشى
28تاڭ يورۇغاندا ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ئۆلكە باشلىقى پىلاتۇسنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىمايلى دەپ سارايغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشتى. چۈنكى ئۆزىنى بۇلغىغان ئادەم ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولالمايتتى. 29شۇڭا پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. 30ئۇلار:
_ بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
31_ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراق قىلىڭلار، _ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار:
_ بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق، _ دېيىشتى.
32شۇنداق قىلىپ، بۇ ۋەقەلەر ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
33پىلاتۇس سارىيىغا يېنىپ كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:
_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز سوراۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ _ دېدى.
35_ مەن يەھۇدىي ئەمەسقۇ! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلار! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ _ دېدى پىلاتۇس.
36_ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولغان بولسا ئىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
37_ دېمەك سەن بىر پادىشاھ ئىكەنسەن-دە؟ _ دېدى پىلاتۇس.
_ ئېيتقىنىڭىزدەك، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ.
38پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:
_ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ئاندىن ئۇ يەنە تاشقىرىغا چىقىپ، يەھۇدىيلارغا:
_ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. 39لېكىن سىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئادىتىڭلار بار. «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ _ دېدى. 40ئۇلار يەنە:
_ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.
19
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى
1شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قامچىلاتتى. 2لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈشتى. 3ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇشۇپ:
_ ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى! _ دەپ مەسخىرە قىلىشتى ۋە ئۇنى كاچاتلاشتى.
4پىلاتۇس يەنە سارىيىدىن چىقىپ، خەلققە:
_ ئاڭلاڭلار، مەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، سىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى سىلەرگە بىلدۈرىمەن، _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا بېشىدىكى تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك تون بىلەن تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا:
_ مانا، بۇ ئادەم! _ دېدى.
6ئالىي روھانىيلار ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ:
_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ، كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى.
_ ئۇنى ئۆزۈڭلار مىخلاڭلار، مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! _ دېدى پىلاتۇس. 7يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى:
_ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆلۈمگە لايىقتۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىدى.
8پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى. 9ئۇ سارىيىغا يېنىپ كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ _ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى.
10_ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىدىغان ھەم كرېستكە مىخلايدىغان ھوقۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ _ دېدى پىلاتۇس.
11_ ئەگەر سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
12شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى، لېكىن يەھۇدىيلار:
_ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، رىم ئىمپېراتورىغا سادىق بولمىغان بولىسىز! كىم ئۆزىنى پادىشاھ دېسە، ئۇ كىشى ئىمپېراتورغا قارشى چىققان بولىدۇ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى.
13پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە ئۆزى «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئاررامىي تىلىدا «گابباتا»)دىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى. 14ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، سائەت ئون ئىككىگە ئاز قالغانىدى. پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا:
_ مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار! _ دېدى.
15_ كۆزىمىزدىن يوقىتىڭ، كۆزىمىزدىن يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار.
_ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلىسۇن دەمسىلەر؟ _ دېدى پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار:
_ رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! _ دەپ توۋلاشتى.
16شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى
لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. 17ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئاررامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 18ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كرېستكە مىخلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەندى.
19پىلاتۇس تاختىغا «ناسىرەلىك ئەيسا _ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىپ، كرېستكە ئاستۇرۇپ قويدى. 20تاختىدىكى سۆزلەر ئاررامىي، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. 21شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي روھانىيلىرى پىلاتۇسقا:
_ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ. «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى دېگەن» دەپ يېزىڭ، _ دېيىشتى. 22بىراق پىلاتۇس ئۇلارغا:
_ يازىدىغىنىمنى يازدىم! _ دېدى.
23لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى. پەقەت تونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەك قالغان بولۇپ، بۇ كۆڭلەك تىكىلمەستىن، ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ توقۇلغانىدى. 24شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە:
_ كۆڭلەكنى يىرتماي، چەك تارتايلى. چەك كىمگە چىقسا، شۇ ئالسۇن، _ دېيىشتى.
شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردىكى تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى.
«بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى،
چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.»
دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.
25ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان كرېستنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى. 26ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا:
_ ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، _ دېدى. 27ئاندىن شاگىرتىغا:
_ بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، _ دېدى.
شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
28ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن:
_ ئۇسسىدىم! _ دېدى.
29ئۇ يەردە ئەرزان ئۈزۈم شارابى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كۈپ بار ئىدى. ئۇلار ئۈزۈم شارابىغا چىلانغان بىر پارچە بۇلۇتنى لېپەكگۈلنىڭ غولىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاغزىغا ئۇزاتتى. 30ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن:
_ تامام بولدى! _ دېدى-دە، بېشىنى ئەگدى، ئاندىن جان بەردى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىقىنىغا نەيزە سانجىلىشى
31ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قېلىشىنى توغرا كۆرمەيتتى. شۇڭا يەھۇدىي ئاقساقاللىرى كرېستكە مىخلانغانلار تېزراق ئۆلۈپ، جەسەتلەرنى كرېستتىن بالدۇرراق ئېلىۋېتىشى ئۈچۈن پىلاتۇستىن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
32شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلانغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى. 33لېكىن ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 34بىراق لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇ ئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.
35بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، گۇۋاھلىق بەرمەكتە. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى راستتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 36-37بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
38بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانى دەپنە قىلىش ئۈچۈن پىلاتۇستىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (يۈسۈپمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقۇپ، بۇنى مەخپىي تۇتاتتى.) پىلاتۇس رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. 39بۇرۇن بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن نىكودىمۇسمۇ جەسەتكە چاچىدىغان مۇرمەككى ئارىلاشقان مۇئەتتەردىن ئوتتۇز نەچچە كىلو ئېلىپ، يۈسۈپ بىلەن بىرگە كەلدى. 40ئىككىيلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، زىغىر رەخت بىلەن كېپەنلىدى. 41ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدىكى قىيادا تېخى ھېچكىم دەپنە قىلىنمىغان يېڭى بىر قەبرە بار ئىدى. 42بۇ كۈن ھېيتنىڭ ھارپىسى ھەم بۇ قەبرە يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى شۇ يەرگە دەپنە قىلدى.
20
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى
1يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 2ئۇ يۈگۈرگەن پېتى سىمۇن پېترۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسا ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى شاگىرتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا:
_ بىركىم رەببىمىزنى قەبرىسىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، نەگە يۆتكىگەنلىكىنى بىلمىدۇق! _ دېدى.
3پېترۇس بىلەن ھېلىقى شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. 4ئىككىيلەن بىللە يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى شاگىرت پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. 5ئۇ ئېڭىشىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئۇ زىغىر كېپەننىڭ يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. 6كەينىدىن سىمۇن پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كېپەننى كۆردى. 7ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا چەگكەن ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەن بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.
8ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن شاگىرتمۇ قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىشەندى. 9شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن چوقۇم تىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى. 10شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا قايتىشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنۈشى
11مەريەم بولسا قەبرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، 12ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. 13ئۇلار مەريەمدىن:
_ ئەي ئايال، نېمىشقا يىغلايسىز؟ _ دەپ سورىدى.
_ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، _ دېدى مەريەم.
14ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا كەينىگە قارىۋىدى، كەينىدە بىرىنىڭ تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىدى. لېكىن ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.
15_ ئەي ئايال، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ:
_ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، _ دېدى.
16_ مەريەم! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئاررامىي تىلىدا:
_ راببونى! _ دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.)
17_ ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارمىدىم. بېرىپ، قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
18شۇنىڭ بىلەن مەجدەللىك مەريەم شاگىرتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا:
_ رەببىمىزنى كۆردۈم! _ دېدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى
19شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە شاگىرتلار بىر يەردە جەم بولدى. ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقۇپ، ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ:
_ خۇدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلسۇن! _ دېدى. 20ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەبنى كۆرگەنلىكىدىن خۇشال بولۇشۇپ، قىن-قىنىغا پېتىشماي قېلىشتى. 21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ خۇدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلسۇن! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، _ دېدى.
22ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ:
_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار. 23كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ!* _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى
24ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 25كېيىن ئۇلار ئۇنىڭغا:
_ بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! _ دېيىشتى. لېكىن توماس:
_ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، _ دېدى.
26بىر ھەپتىدىن كېيىن شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولدى، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ:
_ خۇدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلسۇن! _ دېدى. 27ئاندىن توماسقا:
_ بارمىقىڭنى قوللىرىمغا تەگكۈزۈپ، قاراپ باققىن. قولۇڭنى بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باققىن. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەنگىن! _ دېدى.
28_ سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! _ دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن. 29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ مېنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى.
بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەت
30ھەزرىتى ئەيسا بىز شاگىرتلارنىڭ ئالدىدا يەنە نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى، ئەمما بۇ مۆجىزىلەر بۇ يازمىدا يېزىلمىدى. 31بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن دەپ يېزىلدى.
21
ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەتتە شاگىرتىغا كۆرۈنۈشى
1بۇ ئىشلاردىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا تىبېرىيە، يەنى جەلىلىيە كۆلىنىڭ بويىدا شاگىرتلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: 2سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىرگە ئىدى. 3سىمۇن پېترۇس:
_ مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، _ دېدى. كۆپچىلىك:
_ بىزمۇ سەن بىلەن بىرگە بارىمىز، _ دېيىشتى.
ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى. 4تاڭ ئاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا:
_ بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
6_ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئۇلار تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا:
_ بۇ رەببىمىزغۇ! _ دېدى.
سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى. 8قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، يەنى تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى. 9ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ئۈستىگە بېلىق ۋە نان قويۇلغان گۈلخاننى كۆردى. 10ھەزرىتى ئەيسا:
_ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، _ دېدى.
11سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي 153 بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى. 12ھەزرىتى ئەيسا:
_ كېلىڭلار، تاماق يەڭلار، _ دېدى. شاگىرتلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭدىن:
_ سىز كىم بولىسىز؟ _ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 13ھەزرىتى ئەيسا نان بىلەن بېلىقنى ئەكېلىپ، ئۇلارغا بەردى. 14مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇس بىلەن سۆزلىشىشى
15تاماقتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن:
_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز! _ دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! _ دېدى. 16ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن:
_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە:
_ شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، _ دېدى. 17ئۈچىنچى قېتىم يەنە:
_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.
پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ:
_ رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. 18بىلىپ قويغىنكى، ياش ۋاقتىڭدا ئۆز بەلبېغىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، خالىغان يېرىڭگە كەتتىڭ، لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى باشقىلارنىڭ باغلىشىغا ئۇزىتىپ بېرىسەن، ئۇلار سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ.
19ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇس قانداق ئۆلسە خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە:
_ ماڭا ئەگەش، _ دېدى.
20پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. (بۇ شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقىدا ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئى رەببىم، سىزنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان شاگىرت ئىدى.) 21پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ ئى رەببىم، بۇ ئادەم كەلگۈسىدە قانداق بولار؟ _ دەپ سورىدى.
22_ مەن قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىشىمنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
23شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا ھېلىقى شاگىرتنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقالدى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى. پەقەت: «ئەگەر مەن قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېگەنىدى.
خاتىمە
24بۇ ئىشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى راستتۇر.
25ھەزرىتى ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە كىتابلار پۈتۈن دۇنياغا سىغمايتتى!
1: 1 كالام _ «سۆز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەنە بىر نامىدۇر.
1: 17 مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.
1: 24 پەرىسىيلەر _ تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى مەزھىپىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
1: 25 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش مۇراسىمنى كۆرسىتىدۇ.
1: 34 بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
1: 51 ئىنسانئوغلى _ ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلى دېگەن بۇ نامنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان.
2: 11 مۆجىزە _ بۇ يازمىدا تىلغان ئېلىنغان «مۆجىزە» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «بەلگە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسا مۆجىزە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان.
2: 13 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان كۈنىدۇر.
2: 14 مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە پەقەت يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىناتتى.
5: 9 دەم ئېلىش كۈنى _ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىشلەش قەتئىي مەنئى قىلىنغاندۇر.
7: 37 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە دېگەن. بۇ كۈن خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى چۆلدىكى ۋاقتىدا، ئۇلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن مۆجىزىسىنى ئەسلىتىدىغان كۈندۇر.
8: 24 ئەيسا مەسىھ مەن «ئۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك خۇدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن («مىسىردىن چىقىش» 3: 14).
10: 8 بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلار، شۇنداقلا ئۆزىنى مەسىھ دەپ ئاتىۋالغانلاردۇر.
20: 23 بۇ دېگەنلىك ئەلچىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت خۇدالا گۇناھنى كەچۈرۈم قىلالايدۇ. بۇ يەردە ئەلچىلەرگە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلاش ئىمتىيازى بېرىلگەنلىكى شەرھلەنگەن.
