يوشۇۋا

1

پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا كەنئاننى ئىگىلەشنى بۇيرۇشى

1پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغىن. 3مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن. 4سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆللۈكتىن باشلىنىپ شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن باشلىنىپ پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ. 5سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.

6سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن. 7سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 8قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 9مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.

10شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ:

11_ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى.

12يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى:

13_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى.» 14شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن. 15پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلىدىغان زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ.

16ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز. 17بىز ساڭا مۇسا پەيغەمبەرگە بويسۇنغاندەك بويسۇنىمىز. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بۇرۇن مۇسا پەيغەمبەرگە يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن. 18كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول!

2

يوشۇۋانىڭ ئېرىخاغا ئايغاقچىلارنى ئەۋەتىشى

1نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى ئايغاقچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار.

ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى. 2ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئايغاقچىلىرىنىڭ راھابنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، 3ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ:

_ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر، _ دېدى.

4ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە:

_ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق. 5گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى.

6(ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.) 7شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.

8ئىككى ئايغاقچى ئۇخلاشتىن بۇرۇن راھاب ئۆگزىگە چىقىپ، 9ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. 10سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى يېرىپ، يەرنى قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز. 11بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر. 12‏-13مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا ھازىر سىلەر مېنىڭ جەمەتىمگە چېقىلماسلىققا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم بەرسەڭلار. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا كاپالەت بەرسەڭلار.

14ئۇ ئىككى ئايغاقچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلىدىغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.

15سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، 16ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىڭلار.

17ئۇ ئىككىسى مېڭىش ئالدىدا راھابقا:

_ سەن چوقۇم بىز دېگەندەك قىلغىن، بولمىسا بىز ساڭا بەرگەن قەسىمىمىزگە ئىگە بولمايمىز. 18بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن. 19ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورىدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر ئادەملىرىمىز سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار. 20لېكىن بىز توغرۇلۇق بىرەرسىگە ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنداقتا بىز قىلغان قەسىمىمىزدىن خالاس بولىمىز، _ دېدى. 21راھاب:

_ بولىدۇ، سىلەر دېگەندەك بولسۇن! _ دېدى.

راھاب ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىل ئارغامچىنى دېرىزىگە باغلاپ قويدى.

22بۇ ئىككى ئايغاقچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. 23شۇنىڭ بىلەن ئايغاقچىلار تاغدىن چۈشۈپ، دەريادىن ئۆتۈپ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. 24ئۇلار:

_ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.

3

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشى

1ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى. 2ئۈچ كۈندىن كېيىن يېتەكچىلەر قارارگاھلارنى ئارىلاپ، 3خەلققە:

_ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار. 4سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر كىلومېتىر ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ ئۇقتۇردى. 5كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.

6ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار.

شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

7پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. 8سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.

9كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. 10سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 11قاراپ تۇرۇڭلار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 12سىلەر ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار. 13پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.

14شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى. 15ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەرياغا كېچىشى ھامان، 16يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز*، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى. 17ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.

4

ئون ئىككى ئابىدە تېشى

1پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن خەلق ئارىسىدىن، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، 3ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار توختىغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.»

4شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، 5ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى توختىغان يەرگە بېرىڭلار ھەمدە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ھەربىرىڭلار دەريادىن بىردىن تاشنى يۈدۈپ كېلىپ، 6بۇ تاشلار بىلەن ئابىدە تىكلەڭلار. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا، 7سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.

8تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى. 9يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.

10پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن بۇيرۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتتى. 11پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. 12رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى. 13ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40 مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.

14شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى.

15پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

16_ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ دەريادىن چىقىشىنى بۇيرۇغىن، _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى. 18پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.

19خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە* توغرا كەلدى. 20يوشۇۋا ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 12 تاشنى گىلگالدا ئابىدە قىلىپ تىكلىدى. 21يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا، 22سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار. 23پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى. 24پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ قولىنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىشى، ھەمدە سىلەرنىڭمۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى.

5

1ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.

ئىسرائىللارنىڭ خەتنە مۇراسىمى

2بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ سەن چاقماق تېشىنى پىچاق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىن.

3شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى. 4چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەردە ئۆلۈپ كەتكەنىدى. 5ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى. 6ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى. 7پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى. 8بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى.

كەنئاندىكى تۇنجى قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى

9پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم.

شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

10شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 11ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى. 12ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.

پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى

13يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن:

_ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

14ئۇ ئادەم جاۋابەن:

_ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى.

ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ:

_ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.

15پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا:

_ چورۇقۇڭنى سال، چۈنكى سەن دەسسەپ تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس يەردۇر! _ دېدى.

يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.

6

ئېرىخا شەھىرىنىڭ بەربات بولۇشى

1ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى. 2پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 3سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن. 4يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن. 5سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.

6نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ:

_ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.

7ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ:

_ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىڭلار.

8يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭىدىغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 9قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى. 10يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.» 11ئۇلار يوشۇۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر سېپىلىنى ئايلاندى. ئاندىن قارارگاھقا قايتىپ كېلىپ تۈنىدى.

12يوشۇۋا ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇردى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى. 13يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ماڭدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىندى، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 14شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سېپىلىنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى.

15يەتتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئىسرائىللار تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈندىكىدەك شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىشتى. ئەمما بۇ قېتىم يەتتە قېتىم ئايلىنىپ چىقىشتى. 16يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى:

_ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلدى. 17ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ ئايغاقچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار. 18سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇ نەرسىلەرنى يوقاتماي، قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر. 19بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.

20روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى. 21ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.

22يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى ئايغاقچىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.

23ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.

24ئاندىن كېيىن ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەر ئېلىپ كېلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. 25يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ كەلمەكتە.

26شۇنىڭدىن كېيىن يوشۇۋا قەسەم ئىچىپ، مۇنداق دېدى:

 

«كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن،

پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ.

كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى قويىدىكەن،

ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ.

كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن،

ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»

 

27پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يار بولغاچقا، يوشۇۋانىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى.

7

ئاكاننىڭ گۇناھى

1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.

2يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ سىلەر ئۇ زېمىنغا بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى. 3ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىگىلىگىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن!

4شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىگە ئىسرائىللاردىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەملا باردى. بىراق ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىۋەتتى. 5ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ باردى. ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپكە چېكىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 36 ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن سۇ بولۇپ كەتتى. 6يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار كۈن پاتقۇچە شۇنداق قىلدى. 7ئاندىن يوشۇۋا مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئامورلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ بۇنىڭدىن كۆرە بىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشىغىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى! 8ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن يېڭىلىپ، قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ 9بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟

10پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟ 11ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى. 12شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالماي، ئۇلاردىن يېڭىلىپ، ئارقىسغا قاراپ قاچتى. ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ھالاكەتكە يۈزلەندى. سىلەر تىقىۋالغان نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە، مەن سىلەرگە يار بولمايمەن. 13ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دە. 14ئەتىگەندە سىلەر قەبىلىلەر بويىچە جەم بولۇڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار كۆرسەتكەن قەبىلە، ئۆز جەمەتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن جەمەت، ئۆز ئائىلىلىرى بويىچە ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. 15پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى.

16ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى يىغدى، ئۇلاردىن يەھۇدا قەبىلىسى تاللاندى. 17شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئالدىغا چىقتى، بۇلاردىن زەراخ جەمەتى تاللاندى. ئاندىن كېيىن زەراخ جەمەتى ئائىلىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى، ئۇلاردىن زابدى ئائىلىسى تاللاندى. 18ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى. 19يوشۇۋا ئاكانغا:

_ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.

20ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم. 21مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونىنى، تۆت قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك.

22يوشۇۋا ئاكاننىڭ چېدىرىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار تېز بېرىپ، ئاكاننىڭ چېدىرىدىن يوشۇرۇلغان نەرسىلەرنى تاپتى، كۈمۈشمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا ئىدى. 23ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى يوشۇۋا ۋە بارلىق ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يايدى. 24ئاندىن يوشۇۋا بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى ئوغرىلىغان كۈمۈشلىرى، تونى، چوكا ئالتۇنى، شۇنداقلا ئوغۇل-قىزلىرى، كالا، ئېشەك ۋە قويلىرى، چېدىرى ۋە باشقا بىساتلىرى بىلەن بىرگە ئاخور جىلغىسىغا ئېلىپ كەلدى. 25ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى 26ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. شۇ سەۋەب بىلەن ئاخور جىلغىسى [مەنىسى «بالايىئاپەت جىلغىسى»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.

8

ئىسرائىللارنىڭ ئاي شەھىرىنى ئىگىلىشى

1پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم بوشىشىپ قالماڭلار! سەن بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئېلىپ، ئاي شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغىن. مەن ئاي پادىشاھىنى، ئۇنىڭ خەلقىنى، شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. 2سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋا ماللىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.

3شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ۋە پۈتۈن قوشۇن ئاي شەھىرىگە ھۇجۇمغا ئاتلاندى. يوشۇۋا 30 مىڭ لەشكەرنى تاللاپ، ئۇلارنى تۈندە يولغا سالدى. 4يوشۇۋا ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ شەھەرنىڭ ئارقا تەرىپىگە يېقىن بولغان يەرگە بۆكتۈرمە قويۇپ، ھەممىڭلار ھەرىكەت قىلىشقا تەييار تۇرۇڭلار. 5مەن قالغان ئادەملەر بىلەن شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىمەن. خۇددى بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش، ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلاردىن قاچىمىز. 6ئۇلار بىزنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەندە، بىز قېچىپ، ئۇلارنى شەھەردىن ئالداپ ئېلىپ چىقىمىز. بىز ئۇلاردىن قاچقاندا، ئۇلار: «ئىسرائىللار بۇرۇنقىدەك بىزدىن قاچتى» دەيدۇ. 7سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. 8سىلەر شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەمرىم.

9شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار ئاي شەھىرىنىڭ غەربىگە _ بەيتەل شەھىرى بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدا بۆكتۈرمە قويۇپ، ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇندى. يوشۇۋا تۈننى لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. 10ئەتىسى تاڭ سەھەردە يوشۇۋا لەشكەرلىرىنى سەپكە تىزدى. ئاندىن يوشۇۋا ئىسرائىل ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى باشلاپ ئاي شەھىرىگە ئاتلاندى. 11يۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئىسرائىل قوشۇنى ئاي شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدا قارارگاھ قۇردى. قوشۇن بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. 12يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا بۆكتۈرمىگە قويدى. 13شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى.

14ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بۇرۇن ئۇرۇشقان جايغا بېرىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى. 15يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى مەغلۇپ بولغان ھالەتكە كىرىۋېلىپ، دالاغا قاراپ قاچتى. 16شەھەردىكى ھەممە ئادەم ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاۋېرىپ، شەھەردىن يىراقلىشىپ كەتتى. 17ئاي شەھىرى ۋە بەيتەل شەھىرىدە ئىسرائىللارنى قوغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاپ، شەھەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويدى.

18بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

_ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى.

يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى. 19يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى.

20ئاي شەھىرىنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قارىۋىدى، شەھەردىن چىققان ئىس-تۈتەكنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يا ئۇ ياققا، يا بۇ ياققا قېچىش ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى، چۈنكى دالاغا قېچىۋاتقان ئىسرائىللار ئەمدى كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلانغانىدى. 21يوشۇۋا ۋە پۈتۈن ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۆكتۈرمىدىكى قوشۇننىڭ شەھەرنى ئىگىلەپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 22بۇ چاغدا شەھەرنى ئىگىلىگەن ئىسرائىل قوشۇنى شەھەردىن چىقىپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئالدى-كەينىدىكى ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇلاردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى ۋە بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى. 23پەقەت ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.

24ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى. 25شۇ كۈنى ئاي شەھىرىنىڭ بارلىق خەلقى قىرغىن قىلىندى. ئۇلار ئەر-ئايال بولۇپ 12 مىڭ ئادەم ئىدى. 26يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى. 27پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللار شەھەردىكى مال-مۈلۈك ۋە چارۋا ماللارنى ئولجا ئالدى. 28يوشۇۋا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇردى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى خارابە ھالەتتە تۇرماقتا. 29يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.

پەرۋەردىگار بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ يېڭىلىنىشى

30يوشۇۋا ئېبال تېغىدا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. 31ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى «تاراشلانمىغان، تۆمۈر ئەسۋابلار تەگمىگەن تاشلاردا ماڭا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئاندىن ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 32يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى تاشلارغا ئويدى. 33بارلىق ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئاقساقاللار، يېتەكچىلەر، سوتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ يېرىمى گىرىزىم تېغىغا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بولدى. 34كېيىن يوشۇۋا پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭدا يېزىلغان بەخت تىلەش ۋە قارغاشلارغا دائىر پارچىلارنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. 35يوشۇۋا شۇ يەرگە توپلانغان ئىسرائىل خەلقىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندىكى سۆزلەردىن ئوقۇپ بەرمىگەنلىرى قالمىدى.

9

گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئالدىشى

1ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى. 2بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. 3گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، 4‏-5ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئەلچىلەر يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئېلىۋېلىشقانىدى. 6ئۇلار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ، يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارغا:

_ بىز يىراق بىر جايدىن سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، _ دېدى.

7ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.

8_ بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، _ دېدى ئۇلار جاۋابەن.

ئەمما يوشۇۋا:

_ سىلەر كىم؟ زادى قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ يەنە قايتىلاپ سورىدى.

9_ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. 10بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. 11شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 12بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى. 13بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

14ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.

16گىبئونلۇقلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن يەردە ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. 17ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى. 18ئەمما ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، چۈنكى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم بېرىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ قەسەم بېرىشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشتى. 19بىراق ئاقساقاللار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ:

_ بىز پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلساق بولمايدۇ! 20مەيلى، ئۇلار ياشاۋەرسۇن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەسىمىمىزنى بۇزساق، پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپلىنىدۇ. 21شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى.

22يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى يىغىپ ئۇلارغا:

_ سىلەر بىزگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئالداپ: «بىز سىلەردىن يىراق يەردە ياشايمىز» دېدىڭلار؟ 23سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.

24ئۇلار جاۋاب بېرىپ:

_ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر. 25ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.

26يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى. 27شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

10

جەنۇبتىكى پادىشاھلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى

1يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 2پادىشاھ ئادونى-زىدىك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ كېلەتتى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى. 3يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

4_ سىلەر كېلىپ گىبئون شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىمغا ياردەم بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشۈپتۇ.

5شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 6گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز خىزمەتكارلىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈشتى.

7يوشۇۋا ئەڭ خىللانغان باتۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇننى باشلاپ، گىلگالدىن قوزغىلىپ گىبئونغا قاراپ يولغا چىقتى. 8بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

_ ئۇلاردىن قورقما، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغانمەن. ئۇلاردىن ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ، _ دېدى.

9يوشۇۋا گىلگالدىن چىقىپ، كېچىچە توختىماي يۈرۈش قىلىپ، ئامورلار قوشۇنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 10پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، يول بويى قىرىپ ماڭدى ۋە ئازېقا، ماققېدا شەھىرىنىڭ يولىدا يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى. 11ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋان تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى. 12پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئامورلارنى مەغلۇپ قىلغان كۈنى، يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا: «قۇياش گىبئون ئاسمىنىدا توختاپ تۇرسۇن، ئاي ئاييالون جىلغىسىدا توختاپ تۇرسۇن» دەپ دۇئا قىلدى. 13شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلغۇچە، قۇياش بىلەن ئاي ئۆز جايىدا توختاپ تۇردى. تەخمىنەن بىر كۈن قۇياش پاتماي، ئاسماننىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ۋەقە «ياشۇر» دېگەن يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەمەسمۇ! 14پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىغا ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.

15ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.

جەنۇبتىكى بەش پادىشاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

16ئۇرۇشتا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى قېچىپ كېتىپ، ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. 17يوشۇۋا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھىنىڭ ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 18قوشۇنلىرىغا:

_ بىرنەچچە ئادەم قورام تاشلار بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ئۇ يەرنى كۆزەت قىلسۇن. 19قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.

20يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتتى. ئاز بىر قىسمى سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى. 21ئىسرائىل قوشۇنى ماققېدادىكى قارارگاھىغا، يەنى يوشۇۋانىڭ يېنىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى.

22يوشۇۋا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ:

_ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بەش پادىشاھنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.

23ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى. 24ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە، يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى يىغىپ، سەركەردىلەرگە:

_ بۇ پادىشاھلارنىڭ بوينىغا دەسسەڭلار! _ دېدى.

سەركەردىلەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. 25يوشۇۋا قوشۇنلىرىغا:

_ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم بوشىشىپ قالماڭلار! قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى چىقماقچى بولغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنىمۇ مۇشۇنداق كۈنگە قويىدۇ، _ دېدى.

26كېيىن يوشۇۋا بەش پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى. كەچ كىرگۈچە بۇ جەسەتلەر دەرەختە ئېسىقلىق تۇردى. 27كۈن پاتقاندا يوشۇۋا پادىشاھلارنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈرگە تاشلاپ، ئېغىزىنى قورام تاشلار بىلەن ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ شۇ يەردە بار.

جەنۇبتىكى شەھەرلەرنىڭ ئىگىلىنىشى

28شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى. 29كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى ماققېدا شەھىرىدىن باشلاپ بېرىپ، لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 30پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.

31كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ لىبناھتىن ئايرىلىپ، لاكىش شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. 32ئىككىنچى كۈنى پەرۋەردىگار لاكىش شەھىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار لىبناھ شەھىرىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. 33بۇ چاغدا گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 34يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، لاكىشتىن ئايرىلىپ، ئەگلون شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. 35شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.

36يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. 37ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.

38كېيىن يوشۇۋا يەنە ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە يېنىپ، دىبىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 39ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى.

40شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 41يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى. 42يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى. 43ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.

11

شىمالدىكى پادىشاھلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى

1خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون ۋە ئاكشاف پادىشاھلىرىغا، 2شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئىئوردان ۋادىسىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، 3غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. 4بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. 5بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىدا بارگاھ قۇردى.

6پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.

7شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا بارلىق قوشۇننى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا جايلاشقان دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، ھۇجۇم قىلدى. 8پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 9يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋېتىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

10يوشۇۋا قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە قايتىپ، خازور شەھىرىنى ئىگىلىدى ۋە پادىشاھىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. خازور پادىشاھى شۇ چاغدا شۇ جايدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى باشقۇراتتى. 11ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھېچقانداق تىرىك جان قالدۇرمىدى، شەھەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

12يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. 13ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىن باشقا، دۆڭلۈكلەرگە قۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆيدۈرمىدى. 14ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە چارۋا ماللارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 15بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.

16يوشۇۋا بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربىي ئېدىرلىقلار، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى. 17ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى. 18ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى. 19بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى. 20پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.

21بۇ چاغدا يوشۇۋا تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاناقلارنى يوقاتتى. ئۇلار ھىبرون، دىبىر، ئاناب شەھەرلىرىدە ھەم جەنۇب ۋە شىمالدىكى پۈتۈن تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى. يوشۇۋا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. 22ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى. 23يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

12

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

1ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە ئىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

2ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 3سىخون پادىشاھ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا، يەنى شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىدىن جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ يەرلەر بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يول ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

4مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى. 5ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

6ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

7يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لىۋان جىلغىسىدىكى بائالگاد دېگەن جايدىن خالاق تېغىغىچە، ھەتتا سەئىرگىچە بولغان زېمىندىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. 8بۇ زېمىنلار تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنى، تاغ باغرىلىرىنى، چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:

 

9ئېرىخا پادىشاھى

بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى

10يېرۇسالېم پادىشاھى

ھىبرون پادىشاھى

11يارمۇت پادىشاھى

لاكىش پادىشاھى

12ئەگلون پادىشاھى

گەزەر پادىشاھى

13دىبىر پادىشاھى

گەدەر پادىشاھى

14خورماھ پادىشاھى

ئاراد پادىشاھى

15لىبناھ پادىشاھى

ئادۇللام پادىشاھى

16ماققېدا پادىشاھى

بەيتەل پادىشاھى

17تاپپۇۋاخ پادىشاھى

خېفەر پادىشاھى

18ئافېق پادىشاھى

لاشارون پادىشاھى

19مادون پادىشاھى

خازور پادىشاھى

20شىمرون-مىرئون پادىشاھى

ئاكشاف پادىشاھى

21تاناك پادىشاھى

مىگىددو پادىشاھى

22قەدەش پادىشاھى

كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى

23نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى

گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى

24تىرزاھ پادىشاھى

جەمئىي 31 پادىشاھتۇر.

13

بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك قالغان زېمىنلار

1يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار. 2سىلەرنىڭ بويسۇندۇرۇشۇڭلارغا تېگىشلىك بولغان زېمىنلاردىن يەنە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە گىشۇرلارنىڭ پۈتۈن زېمىنى باردۇر. 3بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمىنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش بەگ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 4سىلەر كەنئانلارنىڭ شىمالدىكى پۈتكۈل زېمىنىنى، شۇنداقلا سىدونلۇقلار تەۋەلىكىدىكى مىئارادىن تارتىپ، ئامورلار زېمىنىغا چېگراداش ئافېق شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارنىمۇ ئىگىلىشىڭلار كېرەك. 5يەنە گىبال خەلقىنىڭ زېمىنىنى، خەرمون تاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بائالگاد شەھىرىدىن تارتىپ، لىبو-خامات شەھىرىگىچە بولغان لىۋان تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى 6ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن. 7يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

8پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. 9ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ. 10بۇ زېمىنلار يەنە ئەڭ شەرقتىكى ئاممونلارنىڭ چېگراسىغا تۇتاشقان بولۇپ، سىخون پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئامورلار پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەشبون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 11ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 12يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر رافاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى. 13ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.

لاۋىي قەبىلىسىگە مەخسۇس زېمىن تەقسىم قىلىنمىغانلىقى

14مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.

رۇبېن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

15مۇسا پەيغەمبەر رۇبېن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلار. 16ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلۇپ بارىدۇ. 17ئۇ يەنە خەشبون شەھىرى ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى _ دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائالمىئون، 18ياھاز، قىدېموت، مېفائات، 19قىرياتائىم، سىبماھ ھەمدە جىلغىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان زەرەت-شاخار، 20بەيت-پىئور، پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكى، بەيت-يىشىموت دېگەن يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 21شۇنداقلا، رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنى شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەردىن سىرت يەنە ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون خەشبون شەھىرىدە تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر، رەبا قاتارلىق مىديان خەلقىنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە مەغلۇپ قىلغان. بۇ قەبىلە باشلىقلىرى سىخون پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، شۇ زېمىندا ياشايتتى. 22ئىسرائىل خەلقى ئۇرۇشتا بىئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلئامنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. 23ئىئوردان دەرياسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ غەربىي پاسىلى بولدى. بۇ زېمىندىكى شەھەر ۋە يېزىلار رۇبېن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

گاد قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

24مۇسا پەيغەمبەر گاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 25ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 26بۇ زېمىنلار يەنە جەنۇبتا خەشبون شەھىرىدىن تارتىپ، راموت-مىزپاھ ۋە بىتونىم شەھىرىگىچە، شىمالدا ماخانايىم شەھىرىدىن تارتىپ، دىبىر زېمىنىگىچە، 27ئىئوردان ۋادىسىدىكى بەيت-خارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ. 28بۇ زېمىنلاردىكى شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار گاد قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

29مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 30بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى 31ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. 32ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىگە تەۋە بولغان بۇ زېمىنلار مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. 33ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.

14

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

1ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى. 2يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى. 3مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى. 4يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا چارۋا مال باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە بۆلۈشۈۋالدى.

يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىبنىڭ تەلىپى

6ئىسرائىللار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇساغا سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن. 7پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى بىز بارىدىغان زېمىنلارنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن قىرىق ياشتا ئىدىم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە شۇ زېمىنلاردا كۆرگەنلىرىمنى ئەينەن ئېيتتىم. 8مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشەندىم. 9شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا چىن قەلبىڭ بىلەن ئەگەشتىڭ» دەپ قەسەم بەرگەنىدى.

10ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم. 11مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن. 12پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار ماڭا يار بولغاي. شۇنداق بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتىمەن.

13يوشۇۋا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگاردىن كالىبقا بەخت تىلىدى ۋە ھىبرون شەھىرىنى ئۇنىڭغا مۈلۈك قىلىپ بەردى. 14شۇنىڭدىن بېرى ھىبرون شەھىرى قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشكەنىدى. 15(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.)

شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

15

يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى پاسىلى ئىدوم چېگراسىدىكى زىن چۆلىنىڭ چېتىگىچە تۇتىشاتتى.

2يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن باشلىنىپ، 3چايان داۋىنىدىن جەنۇبقا مېڭىپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن خەزرون شەھىرىگە سوزۇلىدۇ. كېيىن ئاددار شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن قارقا شەھىرىگە قايرىلىدۇ. 4بۇ پاسىل يەنە ئازمون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. بۇ يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر.

5ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئۆلۈك دېڭىزنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغىچە بارىدۇ.

شىمالىي پاسىلى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 6بەيت-خوگلا شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن بەيت-ئارابا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بارىدۇ. 7كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ. 8كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ. 9بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 10ئۇ يەنە بائالا شەھىرىدىن غەربتىكى سەئىر تېغىغا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن يىئارىم، يەنى كىسالون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، بەيت-شەمەش شەھىرىگە بېرىپ، يەنە داۋاملىشىپ تىمناھ شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. 11ئۇ يەنە ئەقرون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ، شىككارون شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، بائالا تېغىغا بېرىپ، يابنىئېل شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاخىرلىشىدۇ.

12ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى ئىدى.

يەھۇدا قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ پاسىلى مانا شۇ ئىدى.

كالىبقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن

13يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقنىڭ ئاتىسى ئىدى. 14كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. 15كالىب قىريات-ئاربا زېمىنىدىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

16يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب:

_ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

17ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. 18بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن:

_ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 19ئاكساھ:

_ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى نەگېب چۆللۈكىدىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر

20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن شەھەرلەر.

21ئەڭ جەنۇبتىكى ئىدوم چېگراسىغا يېقىن شەھەرلەر:

قابزىئېل، ئەدەر، ياگۇر، 22قىناھ، دىمونا، ئادئادا، 23قەدەش، خازور، يىتنان، 24زىف، تەلەم، بىئالوت، 25خازور-خاداتتا، قىرىيوت-خەزرون (يەنى خازور)، 26ئامام، شىما، مولادا، 27خازار-گاددا، خەشمون، بەيت-پەلەت، 28خازار-شۇئال، بەئەرشەبا، بىزيوتىيا 29بائالا، ئىيىم، ئەزەم، 30ئەلتولاد، كىسىل، خورماھ، 31زىقلاق، مادماننا، سانساننا، 32لىبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممونلاردىن ئىبارەت جەمئىي 29 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

33غەربىي ئېدىرلىقتىكى شەھەرلەر:

ئەشتائول، زورئاھ، ئاشناھ، 34زانوۋاخ، ئېنگاننىم، تاپپۇۋاخ، ئېنام، 35يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا، 36شائارايىم، ئادىتايىم، گىدېرا، يەنى گىدېروتايىم قاتارلىق جەمئىي 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

37بۇنىڭدىن باشقا، زىنان، خاداشا، مىگدالگاد، 38دىلئان، مىزپاھ، يوقتىئېل، 39لاكىش، بوزقات، ئەگلون، 40كاببون، لاخماس، كىتلىش، 41گىدېروت، بەيت-داگون، نائاما، ماققېدالاردىن ئىبارەت جەمئىي 16 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 42ۋە يەنە لىبناھ، ئەتەر، ئاشان، 43يىفتاھ، ئاشناھ، نىزىب، 44قىيلاھ، ئاكزىب، مارېشا قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

45جۈملىدىن ئەقرون ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 46ۋە ئەقروندىن تارتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئاشدود يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر 47ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى.

48تاغلىق رايونلاردىكى شەھەرلەر:

شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 49دانناھ، قىريات-سانناھ (يەنى دىبىر)، 50ئاناب، ئەشتىموۋا، ئانىم، 51گوشەن، خولون، گىلوھ قاتارلىق 11 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

52ئۇنىڭدىن باشقا ئاراب، دۇماھ، ئەشئان، 53يانۇم، بەيت-تاپپۇۋاخ، ئافېقا، 54خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 55ۋە ھەم مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 56يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ، 57قايىن، گىبئاھ ۋە تىمناھ قاتارلىق جەمئىي ئون شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 58جۈملىدىن خالخۇل، بەيتزۇر، گىدور، 59مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتىقون قاتارلىق ئالتە شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 60ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

61چۆلدىكى شەھەرلەر:

بەيت-ئارابا، مىددىن، سىكاكا، 62نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 63لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.

16

يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار:

بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. 2جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ. 3كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.

4يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.

ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

5ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار:

ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ، 6ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. كېيىن يەنە شىمالدىكى مىكمىتات شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى تائانات-شىلو شەھىرىگە بېرىپ، يانوۋاخ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 7كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 8بۇ پاسىل يەنە تاپپۇۋاخ شەھىرىدىن غەربكە سوزۇلۇپ، قاناھ جىلغىسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. مانا بۇ ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

9ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار. 10ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

17

ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.) 2ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.

3ئەمما خېفەرنىڭ ئوغلى، يەنى گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى بولغان زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق ئىدى، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 4ئۇلار روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، قەبىلىمىزدىكى ئەرلەرگە ئوخشاش بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، تاغىلىرىغا ئوخشاش ئۇلارغىمۇ يەر تەقسىم قىلىپ بەردى. 5شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. 6ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

7ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى. 8تاپپۇۋاخ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولدى، ئەمما ماناسسە قەبىلىسى زېمىنىدىكى تاپپۇۋاخ شەھىرى ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى. 9ماناسسە قەبىلىسنىڭ جەنۇبىي پاسىلى قاناھ جىلغىسىغا تۇتىشاتتى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئىچىدە ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قاناھ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشاتتى. 10ئەفرايىم زېمىنى بولسا قاناھ جىلغىسىنىڭ جەنۇبىدا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بولسا دەريانىڭ شىمالىدا ئىدى. ئوتتۇرا دېڭىز بولسا ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي پاسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا، غەربتە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشاتتى.

11ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.

12ئەمما ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەرنى ئىگىلىيەلمىدى. شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان كەنئانلار داۋاملىق شۇ يەردە ياشاۋەردى. 13ئىسرائىللار كۈچەيگەندىن كېيىن، كەنئانلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى

ئەمما ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى.

14يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

15يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ ئەگەر ئادەملىرىڭلار شۇنچە كۆپ بولسا، ئەفرايىم تاغلىق رايونى سىلەرگە يەتمىگەن بولسا، ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان پەرىززىلەر ۋە رافاھلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆزۈڭلارغا جاي قىلىڭلار، _ دېدى.

16يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ:

_ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.

17يوشۇۋا يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر شۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنسىلەر، سىلەرگە بىر ئۈلۈشتىن كۆپ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك. 18تاغلىق رايونلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولسۇن. ئۇ يەرلەر گەرچە ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئورمانلارنى كېسىپ، شۇ جايلارنى ئۆزۈڭلارغا زېمىن قىلىڭلار. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر.

18

قالغان زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

1ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى. 2ئىسرائىللارنىڭ يەنە يەتتە قەبىلىسىگە تېخى زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.

3يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟ 4سىلەر ھازىرلا ھەربىر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەم تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ زېمىنلارنى چارلاشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ پاسىللىرىنى بېكىتىپ، خەرىتىسىنى سىزىپ، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلسۇن. 5بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن. 6سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.

7لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.

8يوشۇۋا ئايغاقچىلار مېڭىش ئالدىدا ئۇلارغا يەنە تاپىلاپ:

_ سىلەر پۈتۈن زېمىنلارنى چارلاپ، خەرىتىسىنى سىزىپ كېلىڭلار. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن شىلودا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، _ دېدى.

9ئايغاقچىلار پۈتۈن زېمىننى چارلاپ، شەھەرلەر بويىچە پۈتۈن زېمىننى يەتتە بۆلەككە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلەكتىكى شەھەرلەرنى تىزىملاپ چىقتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، شىلودىكى قارارگاھتا يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشتى. 10يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.

بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

11بىرىنچى چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا بىلەن يۈسۈپ قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا ئىدى.

12بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ. 13بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 14بۇ يەردىن يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بەيت-خورون شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان قىريات-بائال، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلىدۇر.

15جەنۇبىي پاسىلى بولسا قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، نەفتوۋاخ بۇلاقلىرىغا تۇتىشىدۇ. 16كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرى*نىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ. 17بۇ پاسىل يەنە ئۇ يەردىن شىمالغا قايرىلىپ ئېنشەمەشكە بېرىپ، ئادۇممىم داۋىنىنىڭ قارشىسىدىكى گىلىلوتقا تۇتىشىدۇ. كېيىن رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بېرىپ، 18ئۇ يەردىن يەنە ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىنى بويلاپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا تۇتىشىدۇ. 19ئۇ يەردىن بەيت-خوگلانىڭ شىمالىي تەرىپىگە تۇتىشىپ، ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر. 20ئىئوردان دەرياسى بولسا ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئىدى.

مانا بۇ تۆت تەرىپى چېگرالانغان زېمىنلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

21بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز، 22بەيت-ئارابا، زىمارايىم، بەيتەل، 23ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، 24كىفار-ئاممونا، ئوفنى، گەبا قاتارلىق 12 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 25يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت، 26مىزپاھ، كىفىرا، موزاھ، 27رەقەم، يىرپىئېل، تارئالا، 28زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

19

شىمون قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1ئىككىنچى چەك شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدىدۇر.

2بۇ زېمىندا بەئەرشەبا، مولادا، 3خازار-شۇئال، بالاھ، ئەزەم، 4ئەلتولاد، بىتۇل، خورماھ، 5زىقلاق، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇساھ، 6بەيت-لىبائوت ۋە شارۇخەن قاتارلىق 13 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

7شىمون قەبىلىسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئەتەر ۋە ئاشان قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئىگە بولدى. 8بۇ زېمىن يەنە بائالات-بىئېر، يەنى نەگېب چۆللۈكىدىكى راماھ شەھىرىگىچە بولغان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار شىمون قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. 9يوشۇۋا يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ ئارتۇق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا يەھۇدا قەبىلىسى شىمون قەبىلىسىگە ئۆز زېمىنىدىن يەر ئاجرىتىپ بەردى.

زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

10ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ پاسىلى سارىد شەھىرىدىن باشىلىنىپ، 11غەربكە سوزۇلۇپ، مارئالا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، داببەشەت شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يوقنىئام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى جىلغىغىچە تۇتىشىدۇ. 12قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 13ئاندىن شەرققە داۋاملىشىپ گاتخېفەر شەھىرى، ئېتقازىن شەھىرى ۋە رىممون شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، نېئاھ شەھىرىگە بۇرۇلىدۇ. 14زەبۇلۇنلارنىڭ شىمالىي پاسىلى خانناتون شەھىرىدىن ئۆتۈپ، يىفتاخئېل جىلغىسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 15ئۇلارنىڭ زېمىنى جەمئىي 12 شەھەر بولۇپ، قاتتات، ناخالال، شىمرون، يىدئالا ۋە بەيتلەھەم شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

16مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار زەبۇلۇن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

ئىسساكار قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

17تۆتىنچى چەك ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 18يىزرىئەل، كىسۇللوت، شۇنېم، 19خافارايىم، شىئون، ئاناخارات، 20راببىت، قىشيون، ئەبەز، 21رەمەت، ئېنگاننىم، ئېنخاددا ۋە بەيت-پاززېز.

22ئۇلارنىڭ زېمىنى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەش شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى 16 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.

23ئىسساكار قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار يۇقىرىدىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاشېر قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

24‏-25بەشىنچى چەك ئاشېر قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى، يەنى خەلقات، خالى، بەتەن، ئاكشاف، 26ئاللاممەلەك، ئاماد ۋە مىشئال قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي پاسىلى كارمەل تېغى ۋە شىخور-لىبنات شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 27كېيىن يەنە شەرققە بۇرۇلۇپ، بەيت-داگون شەھىرىگە سوزۇلۇپ، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكى يىفتاخئېل جىلغىسىغىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، بەيت-ئېمەق ۋە نىئىئەل شەھەرلىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلەپ، قابۇل، 28ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 29بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ. 30ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئۇمماھ، ئافېق ۋە رىخوب قاتارلىق 22 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

31مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئاشېر قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

نافتالى قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

32‏-33ئالتىنچى چەك نافتالى قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى، خېلەف شەھىرىنىڭ زائاناننىم دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى دۇپ دەرىخىدىن باشلىنىپ، ئادامى-نەكەب، يابنىئېل ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ بېرىپ لاققۇم شەھەرلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. 34غەربىي پاسىلى ئازنوت-تابور شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇقوق شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ پاسىلنىڭ جەنۇب تەرىپى زەبۇلۇن قەبىلىسىگە، غەرب تەرىپى ئاشېر قەبىلىسىگە، شەرق تەرىپى ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. 35ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم شەھەرلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: زىددىم، زېر، خاممات، راققات، كىننەرەت، 36ئاداما، راماھ، خازور، 37قەدەش، ئەدرەئى، ئېنخازور، 38يىرئون، مىگدالئېل، خورېم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق جەمئىي 19 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

39مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار نافتالى قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

دان قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

40‏-41يەتتىنچى چەك دان قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندا تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار: يەنى زورئاھ، ئەشتائول، ئىرشەمەش، 42شائالاببىن، ئاييالون، يىتلاھ، 43ئېلون، تىمناھ، ئەقرون، 44ئەلتىقې، گىببىتون، بائالات، 45يىھۇد، بىنەبىراق گاترىممون، 46مېيارقون، راققون شەھىرى ۋە ياففا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

47ئەمما دان قەبىلىسى بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولالمىدى. ئۇلار باشقا يەرگە بېرىپ، لەشەم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، ئۆزلىرى بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، ئەجدادلىرىنىڭ نامى بىلەن «دان» دەپ ئاتاشتى.

48مانا بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار دان قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

يوشۇۋاغا تەقسىم قىلىنغان زېمىن

49بارلىق قەبىلىلەرگە زېمىنلار بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىللار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. 50پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار يوشۇۋاغا ئۆزى تاللىغان شەھەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-سەراخ شەھىرىنى تاللىۋالغانىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

51يۇقىرىدىكى زېمىنلارنى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، يەنى شىلودىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ، ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىش تاماملاندى.

20

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

1پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن. 3ھەرقانداق بىر كىشى بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 4لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن. 5ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ كەلسە، ئاقساقاللار ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگۈچىنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەرمىسۇن. چۈنكى ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىمۇ بولمىغان. 6ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرسۇن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ.

7نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 8ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 9بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلىنالايدۇ.

21

لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن شەھەرلەر

1‏-2لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بىزگە شەھەر ۋە چارۋا ماللىرىمىزغا ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

4چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

5يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

6يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشون جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

7مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

8شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.

9‏-10لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ چەك چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار يەھۇدا ۋە شىمون قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەرنى ئۇلارغا ئەڭ ئالدىدا ئايرىپ بەردى: 11يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى). 12ئەمما شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالالار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بۇرۇنلا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا تەقسىملەپ بېرىلگەنىدى.

13شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ، 14ياتتىر، ئەشتىموۋا، 15خولون، دىبىر، 16ئايىن، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

17ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا، 18ئاناتوت ۋە ئالمون قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى. 19روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

20لاۋىي قەبىلىسىدىكى قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئايرىپ بېرىلدى. 21ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر، 22قىبزايىم ۋە بەيت-خورون شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

23ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە دان قەبىلىسىدىن ئەلتىقې، گىببىتون، 24ئاييالون، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

25ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى. 26قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.

27لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.

28ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات، 29يارمۇت ۋە ئېنگاننىمدىن ئىبارەت 4 شەھەر.

30ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون، 31خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر.

32نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر. 33شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار گېرشون جەمەتىگە ئايرىپ بېرىلدى.

34لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرىدىن مىرارى جەمەتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: يوقنىئام، قارتاھ، 35دىمناھ ۋە ناخالال قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

36رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز، 37قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

38گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم، 39خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار. 40شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى.

41دېمەك، ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى. 42بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.

43شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. 44پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. 45پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.

22

شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى

1يوشۇۋا رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنى چاقىرىپ 2ئۇلارغا:

_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغىمۇ بويسۇندۇڭلار. 3سىلەر شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمىدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىزچىل بويسۇنۇپ كەلدىڭلار. 4ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار. 5مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىغا چوقۇم ياخشى ئەمەل قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىڭلار، ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار! _ دېدى.

6كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

7مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى. 8يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئولجا ئالغان چارۋا مال، ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار بىلەن تەڭ بۆلۈشۈڭلار، _ دېدى.

9شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.

شەرقىي قەبىلىلەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىشى

10رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. 11ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. 12ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى شىلوغا يىغىلىپ، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇشتى. 13ئەمما ئۇلار ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاسنى گىلئاد زېمىنىدىكى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرگە ئەۋەتتى، 14يەنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆز جەمەتلىرىدىن بىردىن ئاقساقالنى تاللاپ، جەمئىي ئون ئادەمنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى.

15ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

16_ بىز، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەكچى بولۇپ كەلدۇق. سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئۆزۈڭلارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدىڭلار؟ 17ئاتا-بوۋىلىرىمىز پىئوردا* پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق! 18بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلساڭلار، ئەتە پەرۋەردىگار ھەممىمىزگە غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ.

19ئەگەر سىلەر زېمىنىڭلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ناپاك دەپ ئويلىساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىڭلار. بىزنىڭ يېرىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن، ئۇنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشايلى. ئەمما پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، يەنە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساش ئاسىيلىقتۇر، سىلەر بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار. 20زەراخ جەمەتىدىن بولغان ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىنى ئوغرىلاپ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ياغمىدىمۇ؟ ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟!

21رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر ئىسرائىللارنىڭ بۇ ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى:

22_ ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا! ئۇ ئۆزى بىلىدۇ! پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلسۇن! بىز قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن ياسىمىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق خىيالدا ياسىغان بولساق، بىزگە رەھىم قىلماڭلار! 23ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىق قىلىش ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزنى جازالىسۇن.

24بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشتىكى مەقسىتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: «پەرۋەردىگارىمىز، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ 25پەرۋەردىگار ئىئوردان دەرياسىنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ، يەنى رۇبېن بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قىلغان. سىلەرنىڭ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىدىن قورقتۇق.

26شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشنى قارار قىلدۇق. بۇنى ياساشتىكى مەقسىتىمىز، قۇربانلىق ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس، 27بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى سىلەر بىلەن بىزگە، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمىزغا گۇۋاھ بولسۇن. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى بىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاندا، سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ توسالمايدۇ.

28ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ قىلىش ئۈچۈن ياسالغاندۇر» دەيدۇ. 29بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنمايمىز.

30روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەمەت ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى. 31ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار.

32ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ۋە باشقا ئاقساقاللار گىلئادتىكى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئىسرائىللارغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. 33ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇشتى ۋە خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئۇلار رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئېغىزغا ئالمىدى.

34رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى «گۇۋاھلىق سۇپىسى» دەپ ئاتاپ: «بۇ سۇپا بىردىنبىر پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر» دېيىشتى.

23

يوشۇۋانىڭ ئاخىرقى نەسىھەتى

1پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى. 2يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن قېرىپ قالدىم، 3سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى! 4مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم. 5پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!

6سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار! 7سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار! 8سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار!

9پەرۋەردىگار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغىچە ھېچكىم سىلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. 10سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 11سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.

12ئەگەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاراڭلاردا قالغان يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلاشساڭلار ۋە نىكاھلاشساڭلار، 13بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.

14مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر. 15خۇدا سىلەرگە بەرگەن ياخشى ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئېتىقاد قىلىڭلار، بولمىسا ئۇ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بالايىئاپەتلەرنى بېشىڭلارغا ياغدۇرىدۇ ھەم سىلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىنمۇ قوغلاپ چىقىرىدۇ. 16ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر.

24

يوشۇۋانىڭ ئەھدىنى قايتا بېكىتىشى

1يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. 2يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ناخور بىلەن ئىبراھىم، شۇنداقلا باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى. 3مەن ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، كەنئاننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كەزدۈردۇم. ئۇنىڭغا ئىسھاقنى ئاتا قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتتۇم. 4ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ پەرزەنتلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى. 5كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. 6ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغا كەلدى. مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى. 7ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى.

8كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم. 9كېيىن موئاب پادىشاھى، يەنى زىپپورنىڭ ئوغلى پادىشاھ بالاق سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئۇ سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. 10لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ، سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم. 11سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم. 12مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس. 13سىلەر بوز يەر ئاچمىدىڭلار، شەھەر بەرپا قىلمىدىڭلار، لېكىن سىلەر ھازىر شۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتىسىلەر. باشقىلار ئۆستۈرگەن ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.»

14يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! 15ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!

16پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ:

_ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز! 17پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى. 18پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى.

19يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

_ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار، ئۇ مۇقەددەس خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان خۇدادۇر. 20پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرىدۇ ۋە سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.

21پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا:

_ ياق، بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمىز! _ دېدى. 22يوشۇۋا خەلققە:

_ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى.

_ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق. 23يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە:

_ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى. 24پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا:

_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېيىشتى.

25شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتا بېكىتتى، 26ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.

27يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە:

_ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.

28كېيىن يوشۇۋا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى.

يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

29شۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 110 ياشتا ئىدى. 30ئىسرائىللار ئۇنى ئۆز يۇرتىدا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايوندىكى تىمنات-سەراخقا دەپنە قىلدى.

31يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

32ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.

33ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.


3: 16 ئۆلۈك دېڭىز _ ئارابا دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4: 19 بۇ كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

18: 16 يىبۇسلار شەھىرى _ كېيىنكى يېرۇسالېم شەھىرىدۇر.

22: 17 پىئور _ موئابتىكى بىر يەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، بۇتپەرەسلىك قىلغان. شۇڭا پەرۋەردىگار 24 مىڭ ئىسرائىلنى ۋابا بىلەن جازالاپ ئۆلتۈرگەن («چۆلدە» 25: 9).