ئالەمنىڭ يارىتىلىشى

1

خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى

1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4‏-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

6ئاندىن خۇدا: «سۇلارنى ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن بىر پاسىل بولسۇن!» دېدى. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى-ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.

9ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق يەرنى «زېمىن»، يىغىلغان سۇلارنى «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

11ئاندىن خۇدا يەنە: «زېمىندا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، يەنى ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.

14خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان بۇ ئىككى جىسىمنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 18يەر يۈزىنى يورۇتتى ھەمدە كۈندۈزنى كېچىدىن، يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.

20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى. 21ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.

24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

26ئاندىن خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان ئىنسان يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانلىقلارنى، يەنى دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى باشقۇرسۇن!» دېدى.

 

27شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە،

يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى،

شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

 

28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار. 29مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. 30زېمىندىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، يەنى ھەممە جانلىقلارغا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەردىم. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 31خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.

2

1شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتۈن بارلىقلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى.

2يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى. 3خۇدا يەتتىنچى كۈننى مۇبارەكلەپ، «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇ يارىتىشنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالغان كۈن ئىدى.

4پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى مۇشۇنداق ياراتقانىدى.

ئېرەم باغ

پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، 5يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 6ئەمما يەر ئاستىدىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغىراتتى. 7پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى* ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.

8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ باغدا يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق بولغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى «ھاياتلىق دەرىخى»، يەنە بىرى «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ» ئىدى.

10ئېرەمدە بىر دەريا بولۇپ، ئۇ باغنى سۇغىراتتى. ئاندىن ئۇ دەريا باغدىن تۆت دەريا بولۇپ، ئېقىپ چىقاتتى. 11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى. 12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ بولۇپ، ئۇ يەردىن يەنە خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقاتتى. 13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى. 14ئۈچىنچىسى دەجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرىيەنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېرەم باغدا ئىشلىسۇن ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ:

_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يېگىن. 17ئەمما «ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمىگىن. چۈنكى ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن!* _ دېدى.

ھاۋائانىنىڭ يارىتىلىشى

18كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 20ئادەم بارلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ھەمراھ تاپالمىدى.

21شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى قاتتىق ئۇيقىغا غەرق قىلدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 23ئادەم مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى سۆڭىكىمدىن، گۆشى گۆشۈمدىن ئېلىنغان بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئەر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.

25ئۇ چاغدا ئادەم بىلەن ئايالى يالىڭاچ بولۇپ، بىر-بىرىدىن نومۇس قىلىشمايتتى.

3

ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى

1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:

_ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى. 2ئايال:

_ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3لېكىن خۇدا بىزگە: «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، ھەتتا ئۇنىڭغا قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ ياق، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.

6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.

8شۇ كۈنى سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى. 9لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى:

_ سەن قەيەردە؟ _ دەپ چاقىردى. 10ئادەم:

_ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 11خۇدا ئۇنىڭدىن:

_ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن ساڭا يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 12ئادەم:

_ سەن ماڭا بەرگەن ئۇ ئايال شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنى يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن:

_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

خۇدانىڭ ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنى جازالىشى

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:

_ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن:

 

«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،

ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.

15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.

ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،

سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.

 

16كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى:

 

«ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن.

تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن،

شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن،

ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»

 

17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە مۇنداق دېدى:

 

«سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ،

مەن ‹يېمەڭلار› دەپ ئەمر قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن،

يەرمۇ قارغىشىمغا قالدى.

سەن ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىسەن.

18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ،

سەن ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتلەرنى يەيسەن.

19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا

تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن،

تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە

ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن.

تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»

 

20ئادەم ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى. 21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.

ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى

22ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى:

_ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!

23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى. 24خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.

4

قابىل بىلەن ھابىل

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ھابىل پادىچى، قابىل دېھقان بولدى.

3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 4ھابىلمۇ پادىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان پاقلانلىرىدىن سويۇپ، مايلىق يېرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار ھابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولدى. 5بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. 6شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قابىلغا:

_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! گۇناھ دائىم ئىشىك ئالدىدا سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.

8كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا:

_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 9پەرۋەردىگار قابىلدىن:

_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ يەرگە چېچىلغان قېنى ماڭا پەرياد قىلماقتا. 11سەن ئەمدى قارغىشىمغا قالىسەن، يەرگە ئىشلىيەلمەيسەن! چۈنكى سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.

13بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. 14سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايمەن. مېنى كېيىن بىرەرسى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن! 15لېكىن پەرۋەردىگار:

_ ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، _ دېدى.

پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە سېلىپ قويدى. 16شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى

17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى خانوك قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. 18خانوكتىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مىھۇيائىل تۆرەلدى، مىھۇيائىلدىن مىتۇشائېل تۆرەلدى، مىتۇشائېلدىن لەمەك تۆرەلدى.

19لەمەك ئىككى ئايال ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. 20ئاداھ يابالنى تۇغدى. يابال چېدىرلاردا ياشايدىغان چارۋىچىلارنىڭ ئەجدادى بولدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال تارلىق سازلار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. 22زىللاھ تۇبال-قېن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قېن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قېننىڭ نائاما ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 23لەمەك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى:

 

«ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.

مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ھالاك قىلدىم.

24قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا،

مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»

سېت بىلەن ئەنوش

25ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا بەردى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 26سېتتىن بىر ئوغۇل تۆرەلدى، ئىسمىنى ئەنوش قويدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.

5

ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر:

خۇدا ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. 2ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلدى ھەمدە ئۇلارنى «ئىنسان» دەپ ئاتىدى.

3ئادەمئاتا 130 يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى. 4سېت تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئادەمئاتا يەنە 800 يىل ياشاپ، باشقا كۆپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 5ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

6سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەنوش قويدى. 7كېيىن ئۇ يەنە 807 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 8ئۇ 912 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

9ئەنوش 90 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قېنان قويدى. 10كېيىن ئۇ يەنە 815 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 11ئۇ 905 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

12قېنان 70 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ماھالالئېل قويدى. 13كېيىن ئۇ يەنە 840 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 14ئۇ 910 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

15ماھالالئېل 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەرەد قويدى. 16كېيىن ئۇ يەنە 830 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 17ئۇ 895 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

18يەرەد 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى خانوك قويدى. 19كېيىن ئۇ يەنە 800 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 20ئۇ 962 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

21خانوك 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى مىتۇشەلاخ قويدى. 22كېيىن ئۇ يەنە 300 يىل ياشاپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى ۋە باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 23ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشىدى. 24ئۇ ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

25مىتۇشەلاخ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لەمەك قويدى. 26كېيىن ئۇ يەنە 782 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 27ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

28لەمەك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، 29ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەڭگىللىتىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ: «يەر پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، بىز جاپالىق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانىدۇق، ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللەتكەي» دېدى.

30نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن، لەمەك يەنە 595 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 31ئۇ 777 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

32نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.

6

ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكى

1ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. 2«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»* شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.

3بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار:

_ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.

4«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان دىۋىدەك چوڭ ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 6ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. 7ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:

_ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.

8لېكىن پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.

نۇھنىڭ كېمە ياسىشى

9‏-10نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى. 11باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. 12خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىدىن ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. 13شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا:

_ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! 14سەن ياخشى ياغاچتىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا، كېمىدە ئۆيلەر بولسۇن. كېمىگە سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن كېمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارا موم سۈركىگىن. 15كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولسۇن. 16كېمىنىڭ ئۈستى لەمپە شەكىللىك بولسۇن، لەمپىنىڭ يان تەرەپلىرىدە 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە پەنجىرىلەر بولسۇن. كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ياسىغىن، ئىشىكى يان تەرەپتە بولسۇن. 17مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ. 18لېكىن سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 19سەن يەنە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر تۈرىدىن جۈپى بىلەن كېمىگە ئېلىۋالغىن. 20ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭغا جۈپى بىلەن ئۆزلىرى كېلىدۇ. 21ئۆزۈڭلار ۋە باشقا جانلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغىن، _ دېدى.

22نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.

7

توپان بالاسى

1پەرۋەردىگار نۇھقا:

_ بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن. 3ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋالغىن. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل ھايۋانات، قۇشلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. 4يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن ۋە ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىمەن، _ دېدى.

5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.

6يەر يۈزىنى توپان باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8‏-9خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك، ھەر خىل چوڭ-كىچىك «ھالال» ۋە «ھارام» ھايۋاناتلار ۋە ئۇچار قاناتلار نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.

11نۇھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى، يامغۇر ئاسماندىن چېلەكلەپ سۇ قويغاندەك قاتتىق ياغدى. 12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي ياغدى. 13دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى نۇھ، ئايالى، سام، ھام، يەفەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى. 14ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچار قاناتلار، 15جۈملىدىن بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېمىگە چىقتى. 16بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.

17يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى كېمە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 18سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى. 19توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. 20سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېشىپ كەتكۈچە داۋاملاشتى. 21نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى قۇشلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. 22دېمەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 23خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى. 24يەر يۈزىنى 150 كۈن توپان باستى.

8

توپان بالاسىنىڭ ئاخىرلىشىشى

1لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى. 2يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلدى، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىدى. 3150 كۈندىن كېيىن سۇ ئاستا-ئاستا ئازىيىشقا باشلىدى. 47-ئاينىڭ 17-كۈنى كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە توختىدى. 5سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

6يەنە 40 كۈندىن كېيىن نۇھ پەنجىرىنى ئېچىپ، 7بىر قۇزغۇننى قويۇپ بەردى. بۇ قۇزغۇن تاكى يەر يۈزىدىكى سۇ قۇرۇپ بولغۇچە كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈردى. 8ئاندىن نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر كەپتەرنى قويۇپ بەردى. 9لېكىن يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. 11كەچقۇرۇن ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا قايتىپ كەلدى. نۇھ بۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى. 12يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.

13نۇھ 601 ياشقا كىرگەن يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇ يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ تۈڭلۈكىنى ئېچىپ، ئەتراپىغا قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. 142-ئاينىڭ 27-كۈنى يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.

15‏-16خۇدا نۇھقا:

_ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىققىن. 17كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ، كېمىدىن چىقتى. 19يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.

نۇھنىڭ خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى

20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 21پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن. 22زېمىن مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈز مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى.

9

خۇدانىڭ نۇھ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇن. 2يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، قۇشلار ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ. 3بۇرۇن سىلەرگە ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەرگەنىدىم، ئەمدى سىلەرگە ھايۋاناتلارنىمۇ ئوزۇق قىلىپ بېرىمەن. 4لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر. 5ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆكسەڭلار، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەردىن چوقۇم ھېساب ئالىمەن.

 

6مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم،

شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە،

ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.

 

7سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.

8ئاندىن خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

9_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار، 10ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىرگە كېمىدىن چىققان ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. 11سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل جانلىقلار توپان بالاسى بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان بالاسى ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ. 12‏-13مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى مەن ئاسماندا پەيدا قىلغان ھەسەن-ھۈسەندۇر. 14مەيلى قاچان بولمىسۇن، بۇلۇت پەيدا قىلغىنىمدا ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈنسە، 15سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بالاسى بارلىق جانلىقلارنى قايتا ھالاك قىلمايدۇ. 16ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى مېنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە سالىدۇ. 17ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسىدۇر.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى

18كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە يەفەت. (ھام كەنئانلىقلارنىڭ بوۋىسى.) 19دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

20نۇھ دېھقان بولۇپ، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلغان كىشى ئىدى. 21ئۇ بىر قېتىم شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ، چېدىرىدا كىيىمسىز يېتىپ قالىدۇ. 22كەنئاننىڭ ئاتىسى بولغان ھام ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ ئىشنى ئىككى قېرىندىشىغا ئاشكارىلاپ قويىدۇ. 23سام بىلەن يەفەت يەلكىسىگە ئۇزۇن بىر چاپاننى ئارتىپ، چېدىرغا كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، چاپاننى ئاتىسىغا يېپىپ قويىدۇ. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمايدۇ. 24نۇھ ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلى ھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىپ، 25ئۇنىڭ ئوغلى كەنئاننى قارىغاپ مۇنداق دەيدۇ:

 

«كەنئانغا لەنەت بولغاي!

ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولغاي.

26سام ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مەدھىيەلەنگەي!

كەنئاننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.

27خۇدا يەفەتنى گۈللەپ ياشناتقاي.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادى بىلەن ئىناق ياشىغاي.

كەنئاننىڭ ئەۋلادى يەفەتنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.»

 

28توپان بالاسىدىن كېيىن نۇھ يەنە 350 يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ 950 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

10

نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى

1نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:*

2يەفەتنىڭ ئەۋلادلىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.

3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.

4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم. 5ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.

6ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.

7كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتا، راماھ ۋە سابتىكا.

راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان.

8كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ باتۇر ئوۋچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. 10بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى. 11‏-12نىمرود زېمىنىنى ئاسسۇرىيەگە كېڭەيتىپ، نىنەۋى، رىھوبوتىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.

13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار، 14پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كرىتلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.

15كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر. 16كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش، 17خىۋ، ئارقى، سىن، 18ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.

كېيىن كەنئانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى. 19ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى 20ھامنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.

21يەفەتنىڭ ئاكىسى بولغان سامنىڭمۇ ئەۋلادلىرى بار ئىدى. سام ئېبەر جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى. 22سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.

23ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە ماش.

24ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.

25ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [مەنىسى «بۆلۈنۈش»] ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.

26يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ، 27ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ، 28ئوبال، ئابىمائېل، شىبا، 29ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، 30ئۇلار مېشادىن سىفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.

31سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.

32يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر. توپان بالاسىدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارقالغاندۇر.

11

خەلقلەرنىڭ كۆپ خىل تىللارغا بۆلۈنۈشى

1دەسلەپتە يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئادەملەر پەقەت بىرلا تىلدا سۆزلىشەتتى. 2ئۇلار شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ جايلاشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا:

_ كېسەك قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا موم ئىشلىتىدىغان بولدى.

4ئاندىن ئۇلار:

_ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى پەسكە چۈشتى. 6پەرۋەردىگار:

_ ئۇلار بىرلىشىپ بىر خەلق بولۇپتۇ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالىغۇدەك. 7شۇڭا پەسكە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسۇن، _ دېدى.

8شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتتى. ئۇلار بىنا قىلىۋاتقان شەھەرمۇ ئىشتىن توختىدى. 9پەرۋەردىگار بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.

سامنىڭ ئەۋلادلىرى

10سامنىڭ ئەۋلادلىرى: توپان بالاسى ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى سامنىڭ ئوغلى ئارپاكشاد تۇغۇلدى. بۇ چاغدا سام 100 ياشتا ئىدى. 11كېيىن ئۇ يەنە 500 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

12ئارپاكشاد 35 يېشىدا ئوغلى شەلاخ تۇغۇلدى. 13كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

14شەلاخ 30 يېشىدا ئوغلى ئېبەر تۇغۇلدى. 15كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

16ئېبەر 34 يېشىدا ئوغلى پەلەگ تۇغۇلدى. 17كېيىن ئۇ يەنە 430 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

18پەلەگ 30 يېشىدا ئوغلى رىئۇ تۇغۇلدى. 19كېيىن ئۇ يەنە 209 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

20رىئۇ 32 يېشىدا ئوغلى سىرۇگ تۇغۇلدى. 21كېيىن ئۇ يەنە 207 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

22سىرۇگ 30 يېشىدا ئوغلى ناخور تۇغۇلدى. 23كېيىن ئۇ يەنە 200 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

24ناخور 29 يېشىدا ئوغلى تەراھ تۇغۇلدى. 25كېيىن ئۇ يەنە 119 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

26تەراھ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران قاتارلىق ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.

تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى

27تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى: تىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى. 28ھاران كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. 29ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى. 30ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

31تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32تەراھ 205 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، خاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.

12

خۇدانىڭ ئىبراھىمنى تاللىشى

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا* مۇنداق دېدى:

_ سەن ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتلىرىڭدىن ئايرىلىپ، يۇرتۇڭدىن چىقىپ كەتكىن. مەن ساڭا بىر يەرنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ يەرگە بارغىن.

 

2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.

3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ئوقۇيمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

 

4شۇڭا ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن 75 يېشىدا خاران شەھىرىدىن يولغا چىقتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن 6سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشايتتى.

7پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى. 8كېيىن ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 9كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكەلدى.

ئىبرامنىڭ مىسىرغا بېرىشى

10كەنئاندا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرماقچى بولدى، چۈنكى ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. 11ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا:

_ سەن بىر گۈزەل ئايال، 12مىسىرلىقلار سېنىڭ مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى بىلسە، سېنى ھايات قالدۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. 13شۇڭا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولمايدۇ، ئەكسىچە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.

14ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 15ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ساراھنى كۆرۈپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.

16پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى. 17لېكىن پىرئەۋن ساراھنى ئوردىسىدا ئېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى. 18كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟ 19نېمىشقا ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ سېنىڭ ئۇنى سىڭلىم دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنى ئەمرىمگە ئالماقچى بولغانىدىم. ئايالىڭ مانا، ئۇنى ئېلىپ كەت! _ دېدى.

20شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئىبرامنى، ئايالىنى، ئادەملىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ، چېگرادىن چىقىرىۋەتتى.

13

ئىبرام بىلەن لۇتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

1ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 2ئىبرام باي بولۇپ، نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار بولدى. 3كېيىن ئۇ نەگېب چۆللۈكىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ، 4قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

5ئىبرام بىلەن بىرگە ماڭغان لۇتنىڭمۇ چارۋا ماللىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى. 6بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ چارۋا ماللىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي، 7ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)

8شۇڭا ئىبرام لۇتقا:

_ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن. 9ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.

10لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)

11شۇڭا لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى. 12ئىبرام كەنئاندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى. 13سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.

ئىبرامنىڭ ھىبرونغا كۆچۈشى

14لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا:

_ سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باققىن. 15سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپتۇر. 16مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ. 17ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىننى كېزىپ چىققىن، مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن! _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.

14

ئىبرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى

1شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ، 2سودوم پادىشاھى بەرا، گومورا پادىشاھى بىرشا، ئادماھ پادىشاھى شىناب، زىبويىم پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 3بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.) 4ئەسلىدە بۇ بەش پادىشاھ 12 يىل كىدورلاۋمەر پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ، 13-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.

514-يىلى كىدورلاۋمەر پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-قارنائىم دېگەن يەردە رافاھلارنى، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى، قىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېيملارنى 6ۋە سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان خورىلارنى چۆل بويىدىكى ئەلپارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى. 7ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.

8شۇنىڭ بىلەن سودوم، گومورا، ئادماھ، زىبويىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىدا جەڭگە تەييارلاندى. 9ئۇلار ئېلامنىڭ پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدئال، بابىلنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلدى. 10سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.

11تۆت پادىشاھ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 12ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى.

13لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىيلاردىن* بولغان ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.

14ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرى ئىچىدىكى قورال تۇتالايدىغان 318 ئادەمنى توپلاپ، تۆت پادىشاھنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. 15‏-16ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.

مالكىسىدىقنىڭ ئىبرامغا بەخت تىلىشى

17ئىبرام كىدورلاۋمەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان ھەرقايسى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم پادىشاھى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋېھ جىلغىسى (خان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا باردى.

18ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، 19ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ:

 

«پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!

20سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى.

 

ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. 21سودوم پادىشاھى ئىبرامغا:

_ سەن غەنىيمەت ئالغان مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ! _ دېدى. 22ئىبرام ئۇنىڭغا:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 23مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، يەنى ئايىغىڭنىڭ بوغقۇچىنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن. 24شۇڭا پەقەت ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىلا سەندىن ئالغىنىم بولسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمەڭنى ئالمايمەن. لېكىن مېنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بولغان ئانېر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرگىن، _ دېدى.

15

خۇدانىڭ ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. 2لېكىن ئىبرام:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:

_ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى، شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە:

_ مەن سېنى كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ زېمىننى ساڭا مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن، _ دېدى. 8لېكىن ئىبرام:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن بۇ زېمىنغا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى. 9پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ماڭا ئىنەك، ئۆچكە، قوچقار تەييارلىغىن، ھەممىسى ئۈچ ياشلىقتىن بولسۇن. بۇنىڭدىن سىرت پاختەك ۋە كەپتەرمۇ تەييارلىغىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدا ئۈچۈن تەييارلاپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تەرەپكە بىر-بىرىگە ئۇدۇل قىلىپ تىزىپ قويدى. 11قۇزغۇنلار ئۇچۇشۇپ كېلىپ، ئۇلارغا قونماقچى بولۇۋىدى، ئىبرام ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 12كۈن پېتىۋاتقاندا ئىبرام قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنى قورقۇنچلۇق بىر قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىبرام، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ ئەلدىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئازاب چېكىدۇ. 14لېكىن مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ ئەلدىن چىققىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلار بىلەن چىقىدۇ. 15سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.

17كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولدى ۋە ھېلىقى ئىككى قاتار تىزىلغان ھايۋان پارچىسى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 18دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 19بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، قادمونلار، 20خىتلار، پەرىززىلەر، رافاھلار، 21ئامورلار، كەنئانلار، گىرگاشلار ۋە يىبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

16

ئىسمائىلنىڭ تۇغۇلۇشى

1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم مەن ئۇ ئارقىلىق بىرەر پەرزەنتلىك بولۇپ قالارمەن، _ دېدى.

ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا تۇرغان ئونىنچى يىلى يۈز بەردى. 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولدى. ھەجەر ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سەزگەندىن باشلاپ مەغرۇرلىنىپ، خوجايىنى ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى. 5ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ:

_ ھەممىنى قىلغان سىز! مەن ھەجەرنى سىزگە قوشۇپ قويغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى پەش قىلىپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. كىمنىڭ قىلغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى. 6ئىبرام:

_ ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق مۇئامىلە قىل، _ دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا ھەجەر ئۆيدىن قېچىپ كەتتى.

7پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار* ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى. 8پەرىشتە ئۇنىڭدىن:

_ ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ، نەگە كېتىۋاتىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر. 9پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ سەن ئايال خوجايىنىڭ ساراھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغىن، _ دېدى. 10پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:

_ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھېچكىم سانىيالمايدۇ. 11سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. 12سېنىڭ ئوغلۇڭ كۆندۈرۈلمىگەن ياۋايى ئېشەكتەك ياشايدۇ، ئۇ ھەممىگە قارشى قول كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى قول كۆتۈرىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ.

13ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا» [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. 14شۇڭا كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بەئەر-لاخايروئى [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.

15ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 16ئۇ چاغدا ئىبرام 86 ياشتا ئىدى.

17

ئەھدىنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىنىشتۇر

1ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن. 2مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، _ دېدى.

3ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

4_ مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بويىچە ساڭا شۇنى ۋەدە قىلىمەنكى، سەن نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. 6مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى زىيادە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى ئەل ۋە پادىشاھلار چىقىدۇ. 7مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!

9خۇدا يەنە مۇنداق دېدى:

_ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇڭلار. 10ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنسۇن. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. 11‏-12ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنىڭ، مەيلى ئۆيۈڭلاردىكى قۇللار تۇغقان ياكى باشقا ئەللەردىن سېتىۋالغان قۇلۇڭلار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار بولسۇن، ئۇلار تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىڭلار. خەتنە قىلىش ئارىمىزدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر. 13ھەممە ئەرلەر خەتنە قىلىنسۇن. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن مەڭگۈلۈك ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر. 14خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.

15خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «مەلىكە»] بولسۇن. 16مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.

17ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى 18ۋە خۇداغا:

_ ئىسمائىل ئىزباسارىم بولسىچۇ؟ _ دېدى.

19لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى:

_ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 20لېكىن مەن تەلىپىڭنى ئاڭلىدىم، ئىسمائىلغىمۇ بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپ قىلىمەن. ئۇ 12 پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر ئەلگە ئايلاندۇرىمەن. 21بىراق مەن ئەھدەمنى تۇغۇلىدىغان ئوغلۇڭ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن. كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ئۇنى تۇغىدۇ.

22خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.

23شۇ كۈنى ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەرنى، يەنى ئوغلى ئىسمائىلنى، ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە سېتىۋېلىنغان قۇللارنى خەتنە قىلدۇردى. 24ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، 99 ياشتا، 25ئىسمائىل 13 ياشتا ئىدى. 26‏-27ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان قۇللار، شۇنداقلا يات ئەللەردىن سېتىۋېلىنغان قۇللار بىرلىكتە بىر كۈندە خەتنە قىلىندى.

18

ئەرشتىن چۈشكەن ئۈچ مېھمان

1كېيىن پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا زاھىر بولدى. بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى. 2ئۇ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى 3ۋە ئۇلارغا:

_ ھەزرەتلىرىم، ماڭا ئىلتىپات قىلىپ، ئۆيىمىزگە كىرىپ، مېھمان بولۇپ قايتىشقايلا. 4ھەرقايسىلىرى دەرەخ سايىسىدە دەم ئېلىپ تۇرغايلا، مەن پۇت-قوللىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ، 5غىزالىنىشلىرى ئۈچۈن بىرئاز يېمەكلىك ئېلىپ كېلەي. ئارام ئېلىپ، ئاندىن يوللىرىنى داۋاملاشتۇرغايلا، كەلگەنلىكلىرىدىن خۇشال بولدۇم، _ دېدى.

_ رەھمەت، ئېيتقانلىرى بولغاي، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

6ئىبراھىم دەرھال چېدىرغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، سارەگە:

_ دەرھال سۈپەتلىك ئۇندىن كۆپرەك نان پىشۇرغىن! _ دېدى.

7ئارقىدىنلا ئۇ يەنە كالا پادىلىرىدىن سېمىز بىر تورپاقنى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى. چاكىرى دەرھال تورپاقنى سويۇپ، تەييار قىلدى. 8‏-9ئاندىن ئىبراھىم سۈزمە، سۈت ۋە گۆشنى ئۈچ مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى. ئۆزى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېنىدا كۈتۈپ تۇردى. تاماق يەۋاتقاندا، ئۇلار ئىبراھىمدىن:

_ ئايالىڭ سارە قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى.

_ چېدىردا، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا مەن يەنە چوقۇم كېلىمەن. شۇ چاغدا ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.

سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىردا ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

11بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى. 12شۇڭا سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ كەتتىم، ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قانداق نېسىپ بولسۇن؟!» دېدى.

13شۇڭا پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا:

_ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداق ھامىلىدار بولالايمەن؟!» دەيدۇ؟ 14مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.

15سارە قورقۇپ:

_ مەن كۈلمىدىم! _ دەپ تاندى.

_ ياق، سەن راستتىنلا كۈلدۈڭ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

ئىبراھىمنىڭ سودوم ھەققىدە خۇداغا يالۋۇرۇشى

16مېھمانلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، سودوم شەھىرى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، بىرگە ماڭدى.

17مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ. 18چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق قىلىمەن. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. 19مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»

20پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا:

_ مەن كىشىلەرنىڭ سودوم ۋە گومورا شەھىرى ھەققىدە قىلغان ئاھۇزارىنى ئاڭلىدىم. بۇ شەھەرلەرنىڭ گۇناھى چەكتىن ئېشىپتۇ. 21مەن چوقۇم بېرىپ، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئەمەلىيەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، _ دېدى.

22ئاندىن كېيىن مېھماننىڭ ئىككىسى سودومغا كەتتى. پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قالدى. 23ئىبراھىم پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشىپ:

_ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرلىكتە ھالاك قىلامسەن؟ 24ئەگەر شەھەردە 50 ھەققانىي ئادەم بولسا، سەن ئۇلارنى ساقلاپ قالماي، يەنىلا پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟ 25سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى. 26پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سودوم شەھىرىدە 50 ھەققانىي ئادەم تاپالىسام، ئۇلارنى دەپ پۈتۈن شەھەرنى ساقلاپ قالىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 27ئىبراھىم يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم! سۆزۈمنى باشلىغانىكەنمەن، داۋاملاشتۇراي. ئېغىر كۆرمىسەڭ، مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سەندىن يەنە سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلغايسەن! 28ناۋادا شەھەردە 45 ھەققانىي ئادەم بولۇپ، پەقەت بەش ئادەم كەم بولسا، سەن يەنىلا پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر شەھەردىن 45 ھەققانىي ئادەم تاپالىسام، شەھەرنى خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 29ئىبراھىم يەنە:

_ ئەگەر پەقەت 40 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى.

_ ئەگەر 40 ئادەم بولسا، خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار. 30ئىبراھىم يەنە:

_ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە سوئال سوراي. مۇبادا 30 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى.

_ ئەگەر 30 ئادەم بولسا، خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار. 31ئىبراھىم يەنە:

_ ئى ئىگەم، سەندىن يۈرەكلىك ھالدا يەنە سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. مۇبادا 20 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى.

_ ئەگەر 20 ئادەم بولسا، مەن يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار. 32ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم:

_ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. ئەگەر پەقەت 10 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى.

_ پەقەت 10 ھەققانىي ئادەم بولسا، بۇ شەھەرنى يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.

33پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئىبراھىممۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

19

سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ يامانلىقى

1شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:

2_ ھەزرەتلىرىم، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايلا. پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يوللىرىغا راۋان بولۇشقايلا، _ دېدى. لېكىن ئۇلار:

_ ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

3لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى.

4مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى. 5ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۈگۈن كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە چۈشكەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىق! بىز ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچىمىز، _ دېدى.

6لۇت سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ، 7ئۇلارغا:

_ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلماڭلار! 8قاراڭلار، مېنىڭ تېخى ئەرگە تەگمىگەن ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە ئېلىپ چىقىپ بېرەي، ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە ھەرگىز تەگمەڭلار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن مېھماندۇر. شۇڭا مەن ئۇلارنى قوغدايمەن! _ دېدى. 9لېكىن ئۇلار:

_ يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ؟ كۆزىمىزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن، _ دېيىشتى ۋە لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇشتى. 10لېكىن ھېلىقى ئىككى پەرىشتە قوللىرىنى سوزۇپ، لۇتنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. 11ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى.

لۇتنىڭ سودومدىن قېچىشى

12ئاندىن ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتقا:

_ سېنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تۇغقانلىرىڭ بارمۇ؟ ئوغۇل-قىزلىرىڭ، كۈيئوغۇللىرىڭ ياكى باشقا تۇغقانلىرىڭ بولسا، ئۇلار بۇ شەھەردىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن. 13بىز بۇ شەھەرنى خاراب قىلىمىز. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئاھۇزارى پەرۋەردىگارغا يەتتى. شۇڭا ئۇ بىزنى بۇ شەھەرنى خاراب قىلىشقا ئەۋەتتى، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.

15تاڭ ئاتقاندا پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ:

_ ئايالىڭ بىلەن ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ شەھەردىن دەرھال چىقىپ كەت! بولمىسا، سىلەرمۇ بۇ شەھەر بىلەن بىرگە ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.

16لېكىن لۇت يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كەلدى، شۇڭا ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتنى، ئايالىنى ۋە ئىككى قىزىنى يېتىلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. 17ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا پەرىشتىلەردىن بىرى:

_ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى. 18لېكىن لۇت:

_ ھەزرەتلىرىم، ئۇنداق قىلىشمىغايلا! 19سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. 20ئاۋۇ شەھەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ شەھەر كىچىك بولسىمۇ، بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن. شۇ يەرگە قېچىپ بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، شۇ يەردە جېنىمنى ساقلاپ قالاي! _ دېدى. 21پەرىشتە مۇنداق دېدى:

_ ماقۇل، ساڭا رۇخسەت قىلدىم. ئۇ كىچىك شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرماي. 22تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن!

بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى.

سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

23لۇت زوئارغا يېتىپ بارغۇچە كۈن چىقتى. 24پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى، 25يەنى بۇ ئىككى شەھەرنى، شەھەردىكى ئاھالىلەرنى، تۈزلەڭلىكنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى خاراب قىلدى. 26شۇ چاغدا لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، ئۇ شۇ تۇرقىدا قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى.

27ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى. 28ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە قارىۋىدى، ئۇ يەرلەردىن تۈتۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرە خۇمداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. 29بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.

لۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى

30لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورقتى. شۇڭا ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ، تاغقا چىقىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بولدى. 31بىر كۈنى چوڭ قىزى سىڭلىسىغا:

_ ئاتىمىز ياشىنىپ قالدى. بۇ يەردە قائىدە-يوسۇن بويىچە بىزنى نىكاھىغا ئېلىپ، پەرزەنت تاپىدىغان ئەرمۇ قالمىدى. 32ئاتىمىزنى مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرەيلى. شۇنداق قىلساق، ئەۋلاد قالدۇرالايمىز، _ دېدى.

33ئۇ كۈنى كېچىسى ئۇلار ئاتىسىنى مەست قىلىپ قويۇپ، چوڭ قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. لۇت قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. 34ئەتىسى چوڭ قىزى سىڭلىسىغا:

_ تۈنۈگۈن مەن ئاتام بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. بۈگۈن ئاخشام ئۇنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن. شۇنداق قىلساق، ھەر ئىككىمىز ئاتىمىزدىن پەرزەنت كۆرۈپ، نەسلىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز، _ دېدى.

35شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەچكە، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى. 36شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ بۇ ئىككى قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولدى. 37چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى موئاب [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئاتىدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن موئابلارنىڭ ئەجدادى بولدى. 38كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بەنئاممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن ئاممونلارنىڭ ئەجدادى بولدى.

20

ئىبراھىم بىلەن ئابىمەلەك

1ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ياشىدى، كېيىن گىراردا ياشىدى. 2ئۇ چاغدا ئىبراھىم كىشىلەرگە ئايالى سارەنى سىڭلىم، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا گىرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈرۈۋالغانىدى. 3بىر كۈنى كېچىسى خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:

_ پات ئارىدا ھالاك بولىسەن! چۈنكى سەن ئەكەلدۈرۈۋالغان ئايال باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر، _ دېدى.

4ئابىمەلەك سارەگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇڭا ئۇ خۇداغا:

_ ئەجەبا، سەن گۇناھسىز بىر ئەلنى ھالاك قىلماقچىمۇسەن؟ 5ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال سىڭلىم، بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى ئاكام دېگەنىدىغۇ؟ مەن ۋىجدانىمغا، ئىنساپىمغا خىلاپ ئىش قىلمىدىم! _ دېدى.

6ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق، سېنىڭ ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇڭا سېنى ماڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن، دەپ سېنى سارەگە چېقىلىپ قويۇشۇڭدىن توستۇم. 7ئىبراھىم بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ ساڭا دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئايالىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەر. شۇندىلا سەن ھايات قالىسەن. لېكىن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر بۇ ئايالنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن خەلقىڭ بىلەن بىرگە ھالاك بولىسەن!

8ئابىمەلەك سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. 9ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ. 10نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 11ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. 12ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، ئۇ ئاتا بىر، ئانا باشقا سىڭلىم. كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئۆيلەندىم. 13خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا: «بىز قەيەرگە بارمايلى، مەن ھەققىمدە گەپ بولسا، مېنى ئاكام دەپ ئېيتقىن. شۇندىلا سەن ماڭا بولغان چىن مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەن بولىسەن» دېگەنىدىم.

14شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابىمەلەك سارەنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەكلەرنىمۇ تەقدىم قىلدى. 15ئۇ ئىبراھىمغا:

_ قارا، بۇ مېنىڭ زېمىنىم، سەن قەيەردە ياشاشنى خالىساڭ، شۇ يەردە ياشىغىن، _ دېدى. 16ئۇ سارەگىمۇ:

_ مەن سېنىڭ پاكلىقىڭنى كۆپچىلىككە ئىسپاتلاش ئۈچۈن «ئاكاڭ» ئىبراھىمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەقدىم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ پاكلىقىڭ ھەممە كىشىگە ئايان بولىدۇ، _ دېدى.

17‏-18پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئوردىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى. خۇدا پادىشاھ ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدىغان قىلدى.

21

ئىسھاقنىڭ دۇنياغا كېلىشى

1پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. 2سارە ھامىلىدار بولۇپ، ياشىنىپ قالغان ئىبراھىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا ئېيتقان ۋاقتىدا تۇغۇلدى. 3ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. 4خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. 5ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم 100 ياشتا ئىدى.

6سارە ئۆزىگە: «خۇدا ماڭا شادلىق ئاتا قىلىپ، مېنى كۈلدۈردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم مەن بىلەن بىرگە خۇش بولۇپ كۈلىدۇ! 7كىم سارەنى ئىبراھىمنىڭ بالىسىنى ئېمىتىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ لېكىن مەن ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى.

ھەجەر بىلەن ئىسمائىلنىڭ قوغلىنىشى

8ۋاقىت ئۆتۈپ، بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم مېھمان چاقىرىپ، چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزدى. 9شۇ كۈنى سارە ئوغلى ئىسھاقنى مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 10شۇنىڭ بىلەن سارە ئىبراھىمغا:

_ سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن ئورتاق مىراسخور بولۇپ قالمىسۇن! _ دېدى.

11سارەنىڭ بۇ گېپى ئىبراھىمنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى، چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى. 12لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا:

_ ئوغلۇڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما، سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ. 13ھەجەرنىڭ ئوغلىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن پەرزەنت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى بىر ئەل قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ، _ دېدى.

14ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم بىر خۇرجۇن نان ۋە بىر تۇلۇم سۇ تەييارلاپ، ئۇلارنى ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.

15‏-16ھەجەر سۈيى تۈگىگەندە، بالىسىنى چاتقالنىڭ سايىسىگە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قاراپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىدىمايمەن!» دەپ، بىر ئوقيا يېتىم يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرد-پەرياد قىلىشقا باشلىدى.

17بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە:

_ ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى. 18ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بالىنى قولۇڭغا ئېلىپ تەسەللى بەر. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.

19خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى روشەنلەشتۈردى، ئارقىدىنلا ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.

20بالا چوڭ بولغۇچە خۇدا ئۇنىڭغا يار بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. 21ئۇ پاران چۆلىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.

ئىبراھىمنىڭ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

22شۇ چاغدا پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز لەشكەر بېشى فىكول بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا خۇدا ساڭا يار بولۇپتۇ. 23شۇڭا سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ۋەدە بەر. مېنى، پەرزەنتلىرىمنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ھەرگىز ئالدىما. مەن ئەزەلدىن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا، يەنى ئۆزۈڭ مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئەلگە سادىق بول، _ دېدى. 24ئىبراھىم ئۇلارغا:

_ بولىدۇ، قەسەم قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

25ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە ئەرز قىلدى. 26ئابىمەلەك:

_ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، _ دېدى.

27شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئابىمەلەككە قوي ۋە كالا تەقدىم قىلدى. ئىككىيلەن كېلىشىم تۈزدى. 28ئاندىن ئىبراھىم يەتتە تۇياق چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. 29ئابىمەلەك ئۇنىڭدىن:

_ نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى. 30ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ بۇ قۇدۇقنى مېنىڭ كولىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قوبۇل قىلغايسىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

31شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنىڭ نامى بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەم قۇدۇقى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە كېلىشىم تۈزۈپ، قەسەم قىلىشقانىدى.

32ئۇلار بەئەرشەبادا كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، ئابىمەلەك بىلەن فىكول ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 33ئىبراھىم بەئەرشەبادا بىر تۈپ يۇلغۇن تىكىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا سەجدە قىلدى. 34ئىبراھىم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى.

22

خۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ:

_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:

_ لەببەي! _ دېدى. 2خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى.

3ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى. 5ئۇ چاكارلىرىغا:

_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.

6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، بىرلىكتە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:

_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:

_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.

_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلان قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. 8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.

9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇنلارنى دۆۋىلەپ، ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزدى. 10ئاندىن ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئەرشتىن:

_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى.

_ لەببەي! _ دېدى ئۇ. 12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا:

_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.

13ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

14شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇنىڭدىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:

16_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ. 18سەن مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ»، _ دېدى.

19ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بەئەرشەباغا قايتتى. ئىبراھىم داۋاملىق شۇ يەردە ياشاپ قالدى.

ناخورنىڭ ئەۋلادلىرى

20بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىبراھىم ئىنىسى ناخورنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ سەككىز ئوغۇل تۇغقانلىقىنى ئاڭلىدى. 21تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئىككىنچى ئوغلى بۇز، ئۈچىنچى ئوغلى كىمۇئېل (ئارراملارنىڭ ئەجدادى بولدى)، 22قالغانلىرى كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئېل ئىدى. 23بېتۇئېل كېيىن رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. يۇقىرىدىكىلەر مىلكاھ ناخورغا، يەنى ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىغا تۇغۇپ بەرگەن سەككىز ئوغۇل ئىدى. 24ناخورنىڭ توقىلى رىئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار تەباخ، گاخام، تاخاش ۋە مائاكا ئىدى.

23

ئىبراھىمنىڭ سارەنى دەپنە قىلىشى

1سارە 127 ياش ئۆمۈر كۆردى. 2ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. 3ئىبراھىم ئايالىنىڭ مېيىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارغا:

4_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى. 5‏-6ئۇلار ئىبراھىمغا:

_ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! سىلى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى. 7ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ:

8_ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، زوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن 9ماكپېلا دېگەن يەردىكى ئۆڭكۈرىنى ماڭا سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلساڭلار. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرگە باھا قويۇپ بەرسە، ئۇ ئۆڭكۈرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى.

10شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:

11_ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزىمنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بېرەي. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغا قىلاي. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دېدى.

12لېكىن ئىبراھىم ئولتۇرغان ھەممە خىتلارغا تەزىم قىلىپ، 13ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئەفرونغا:

_ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى.

14ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:

15_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران بەش كىلو كۈمۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.

16ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بەش كىلو كۈمۈشكە تۆلەپ بەردى.

17شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ماكپېلادىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىز، ئۆڭكۈر ۋە ئېتىز قىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 18شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

19شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاننىڭ ماكپېلا دېگەن يېرىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.

20خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلانغانىدى.

24

ئىسھاقنىڭ ئۆيلىنىشى

1ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئاسان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلغانىدى. 2ئۇ بىر كۈنى ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا:

_ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، 3ئوغلۇم ئىسھاققا بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئايال ئېلىپ بەرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل. 4سەن چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئايال ئېلىپ بېرىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر، _ دېدى. 5لېكىن غوجىدار ئۇنىڭدىن:

_ ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئوغلىڭىزنى يۇرتىڭىزغا ئېلىپ بارامدىمەن؟ _ دەپ سورىدى. 6ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارما! 7پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىپ، سېنىڭ ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن ئايال ئېلىپ بېرىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ. 8مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىسا، سەن قەسىمىڭدىن خالىي بولغان بولىسەن. لېكىن ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارمىغىن!

9شۇنىڭ بىلەن غوجىدار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرغانلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى.

10غوجىدار خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 11شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.

12غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 13مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ. 14مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ، تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەي.

15ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، بىر قىز كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ قىز بېتۇئېلنىڭ قىزى رىبەقا ئىدى. بېتۇئېل ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى ئىدى. 16رىبەقا ئىنتايىن چىرايلىق، ئىپپەتلىك، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. 17ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىز؟ _ دەپ سورىدى. 18قىز ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئىچىڭ، _ دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى غوجىدارغا بەردى. 19غوجىدار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا:

_ تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ قانغۇدەك ئىچسۇن، _ دېدى.

20رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى نورغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغاردى.

21غوجىدار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. 22تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 120 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى. 23ئاندىن ئۇ:

_ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ ئۆيۈڭلاردا قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

24قىز ئۇنىڭغا:

_ ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن. 25بىزنىڭ ئۆيدە قونغۇدەك يەر بار ھەمدە يەم-خەشەكمۇ كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

26شۇنىڭ بىلەن غوجىدار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، 27مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.

28ھېلىقى قىز ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. 29رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ يېنىغا باردى. 30ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن غوجىدارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، 31ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.

32غوجىدار ئۆيگە كىردى. لابان تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تۆگىلەرگە يەم-خەشەك سېلىپ بەردى. ئاندىن غوجىدارغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا پۇت-قوللىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. 33تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە غوجىدار:

_ مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، _ دېدى.

_ قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، _ دېدى لابان. 34غوجىدار مۇنداق دېدى:

_ مەن ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى. 35پەرۋەردىگار خوجايىنىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنى كالا، قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە مۇيەسسەر قىلدى. 36خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا خوجايىنىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى. 37خوجايىنىم ئۆزىنىڭ تاپشۇرغانلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمغا بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئايال ئېلىپ بەرمەي، 38يۇرتۇمغا بېرىپ، ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئايال ئېلىپ بەر» دېگەنىدى. 39مەن خوجايىنىمدىن: «ئەگەر قىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، 40ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ پەرىشتىسىنى سەن بىلەن بىرگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئايال ئېلىپ بەر. 41سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، سەن يەنىلا قەسەمدىن خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى. 42بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 43مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن. 44ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرسە، ئۇ قىز پەرۋەردىگارنىڭ خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم. 45دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم. 46ئۇ دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ بېرەي» دېدى. سۇنى ئىچتىم، ئۇ تۆگىلەرگىمۇ سۇ بەردى. 47ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا تاقاپ، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. 48ئاندىن مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سەجدە قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇنىڭ قىزىنى كېلىنلىككە ئېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى. 49ئەمدى سىلەر خوجايىنىمغا مېھرىبان ۋە سادىق بولۇپ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلساڭلار، بۇنى ئېيتىڭلار، قوشۇلمىساڭلارمۇ ئېيتىڭلار. مەن قانداق قىلىشىم ھەققىدە بىر قارارغا كېلەي.

50لابان بىلەن بېتۇئېل غوجىدارغا:

_ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز! 51مانا رىبەقا، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، خوجايىنىڭىزنىڭ كېلىنى بولسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

52ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 53ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.

54شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ، بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە:

_ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

55لېكىن رىبەقانىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ رىبەقا بىز بىلەن ھېچ بولمىسا يەنە ئون كۈن تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن بارسۇن، _ دېدى. 56لېكىن غوجىدار:

_ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

57_ بىز قىزدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇ نېمە دەيدىكىن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار 58ۋە رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

59شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رىبەقانى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قوشۇپ يولغا سالدى. 60ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

 

«ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى،

ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»

 

61رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى.

62ئۇ ۋاقىتتا ئىسھاق بەئەر-لاخايروئى دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقانىدى. 63بىر كۈنى كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ ئولتۇراتتى. يىراقتىن تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

64‏-65رىبەقامۇ ئىسھاقنى كۆردى ۋە تۆگىدىن چۈشۈپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىدىن:

_ دالادا بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئۇ خوجايىنىمنىڭ ئوغلى، _ دەپ جاۋاب بەردى غوجىدار.

شۇنىڭ بىلەن رىبەقا يۈزىنى ياغلىقى بىلەن يېپىۋالدى.

66غوجىدار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.

67ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى.

25

ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

1ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى توقاللىققا ئالدى. 2ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 3يوقشان شىبا بىلەن دىداننىڭ ئاتىسى ئىدى. ئاشۇرلار، لىتۇشلار ۋە لىئۇملار دىداننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 4مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

5ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى. 6لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.

ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى

7‏-8ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 175 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 9ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى مامرەگە يېقىن بولغان ماكپېلادىكى ئېتىزلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر بۇرۇن خىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا تەۋە ئىدى. 10ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 11ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بەئەر-لاخايروئى دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى.

ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى

12سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى. 13تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 14مىشما، دۇماھ، ماسا، 15خاداد، تەما، يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ ئىدى.

16ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلارنىڭ ناملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. 17ئىسمائىل 137 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 18ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرىيەگە بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.

ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى

19تۆۋەندىكىلەر ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار ئارراملار بولۇپ، پاددان-ئاررامدا ياشايتتى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. رىبەقا: «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى. 23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

 

«سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار.

ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ.

بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ،

ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»

 

24رىبەقانىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك بالا تۇغدى. 25ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. 26كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى.

ئەساۋنىڭ مىراس ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشى

27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئىنىسى ياقۇپ ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جىمغۇر ئادەم ئىدى. 28ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى.

29بىر كۈنى ياقۇپ قىزىل ماش شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ 30ياقۇپقا:

_ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى. 31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دېدى.

32_ بولىدۇ، بولىدۇ! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ. 33ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىڭگە قەسەم قىل، _ دېدى.

ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى. 34شۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن ماش شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ئىدى.

26

ئىسھاقنىڭ گىراردا مۇساپىر بولۇشى

1ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى. 2پەرۋەردىگار ئىسھاققا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىرغا بارمىغىن، بۇ زېمىندا، يەنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئولتۇراقلىشىپ، 3شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 4مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ. 5چۈنكى ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.

6شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. 7ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.

8ئىسھاق ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇردى. بىر كۈنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋېتىپ، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 9ئۇ ئىسھاقنى چاقىرتىپ:

_ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ:

_ باشقىلار ئايالىمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىدىم، _ دېدى. 10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا:

_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى. 11ئاندىن پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ كىمدىكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.

12ئىسھاق بىر يىلى يېرىگە ئۇرۇق چاچتى. ئۇ شۇ يىلى يېرىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھوسۇل ئالدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. 13ئۇ بارغانچە روناق تېپىپ، كاتتا باي بولۇشقا باشلىدى. 14فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. 15شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.

16كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا:

_ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ، بىر مەزگىل تۇردى. 18ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.

19ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى. 20بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى. 21ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتناھ [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى. 22ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.

23ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى. 24ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن، قورقمىغىن! مەن ساڭا ياردۇرمەن. خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى.

25ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردىمۇ بىر قۇدۇق قازدى.

ئىسھاقنىڭ پادىشاھ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

26پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر بېشى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.

27ئىسھاق ئۇلارغا:

_ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.

28ئۇلار جاۋابەن:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق. 29بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، سەنمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بەرگىن. بىز بۇرۇن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنىڭ ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن ئايرىلىشىڭغا يول قويغانىدۇق. شۇڭا سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ بەخت ئاتا قىلىشىغا ئېرىشتىڭ، _ دېدى.

30ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى. 31ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن خوشلاشتى، ئىسھاق ئۇلارنى دوستانە ئۇزىتىپ قويدى.

32ئۇ كۈنى ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ:

_ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.

33ئۇ قۇدۇقنى شىبئاھ [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەر بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى

34ئەساۋ قىرىق يېشىدا خىت خەلقىدىن بولغان ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرىنىڭ قىزى يىھۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسمات ئىدى. 35ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى بۇزدى.

27

ياقۇپنىڭ ئىسھاقنى ئالدىشى

1ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم، _ دېدى.

_ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ. 2ئىسھاق مۇنداق دېدى:

_ قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، يەنە قانچە ئۇزۇن ياشىشىمنى بىلمەيمەن. 3سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، 4مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي.

5رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 6ئوغلى ياقۇپقا مۇنداق دېدى:

_ مەن بايا ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: 7«سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 8ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىمنى قىلغىن. 9قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەلگىن. مەن ئۇنى ئاتاڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي. 10سەن ئۇنى ئېلىپ كىرىپ ئاتاڭغا يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى دۇئاسىنى ساڭا قىلىپ، خەيرلىك تىلەيدۇ، _ دېدى. 11لېكىن ياقۇپ ئانىسىغا:

_ سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم تۈكسىز. 12مۇبادا ئاتام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا قالىمەن! _ دېدى. 13ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم، قارغىشقا قالىدىغان ئىش بولسا مەن قالاي! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلىپ، ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى. 15ئاندىن ئۆيدىكى ئەساۋنىڭ ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى 16ۋە ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينى قاتارلىق تۈكسىز جايلىرىنى ئوغلاقنىڭ تېرىسى بىلەن يۆگىدى. 17ئاندىن لەززەتلىك تاماق بىلەن ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. 18ياقۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:

_ ئاتا، _ دېدى.

_ ئوغلۇم، سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟ _ دېدى ئاتىسى. 19ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا دۇئايىڭىزنى قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.

20_ ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

_ پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭ قىلىپ، ماڭا ياردەم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 21ئىسھاق ياقۇپقا:

_ ئوغلۇم، يېنىمغا كەل، تۇتۇپ كۆرەي، سەن راست ئەساۋمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. 22ياقۇپ يېنىغا باردى. ئىسھاق تۇتۇپ كۆرۈپ:

_ ئاۋازىڭ ياقۇپقا، قولۇڭ ئەساۋنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى.

23ئىسھاق ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك ئىدى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا، 24يەنە بىر قېتىم:

_ سەن راست ئەساۋمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 25ئىسھاق ئۇنىڭغا:

_ گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

ياقۇپ گۆشنى ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى.

26ئىسھاق يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن:

_ ئوغلۇم، ئالدىمغا كېلىپ، مېنى سۆيگىن، _ دېدى. 27ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى:

 

«ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق

دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.

28خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ،

تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي.

ئۇ ساڭا مول ئاشلىق،

شارابلارنى ئاتا قىلغاي.

29باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي،

خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي.

قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن.

ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي.

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي،

ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»

ئەساۋنىڭ ئىسھاقتىن دۇئا تەلەپ قىلىشى

30ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 31ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ:

_ ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىڭ، ئاندىن ماڭا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.

32_ سەن كىم بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

_ چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

33ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:

_ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى. 34بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئازابلىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ:

_ ئاتا، ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! _ دېدى.

35_ ئىنىڭ كىرىپ مېنى ئالداپ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرۇپتۇ، _ دېدى ئىسھاق. 36ئەساۋ:

_ بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ* دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ _ دېدى. 37ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلدىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق ۋە شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟ 38ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى:

_ ئاتا، سىز پەقەت ياقۇپقىلا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەمسىز؟ ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! 39ئاندىن ئىسھاق مۇنداق دېدى:

 

«مۇنبەت تۇپراقتىن نېسىۋەڭ يوقتۇر.

ساڭا ئاسماندىن شەبنەم چۈشمەيدۇ.

40سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن،

ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن.

لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ،

ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»

 

41ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.

42رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ:

_ گېپىمگە قۇلاق سالغىن، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى. 43ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال خاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن. 44ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئاچچىقى يانغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن. 45ئۇ سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ، ئاچچىقى يانغاندا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن، _ دېدى.

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىغا كېتىشى

46رىبەقا ئىسھاققا:

_ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.

28

1ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى:

_ سەن كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمىگىن. 2پاددان-ئاررام رايونىدا ياشايدىغان ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بارغىن ۋە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئەمرىڭگە ئالغىن. 3ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، ئەۋلادلىرىڭنى كۆپ قىلغاي، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ چىققاي! 4ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلغاي!

5شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىدىكى ئارراملاردىن بولغان بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.

ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئايال ئېلىشى

6‏-7ئەساۋ ئىنىسى ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررام رايونىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىدىن ۋە ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكىنى تاپىلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 8ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. 9شۇڭا ئۇ تاغىسى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى ماخالاتنى ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە خوتۇنلۇققا ئالدى. ماخالات نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.

ياقۇپنىڭ بەيتەلدە چۈش كۆرۈشى

10ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، خارانغا قاراپ يولغا چىقتى. 11كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، ئۇيقۇغا كەتتى. 12ئۇ چۈشىدە يەردىن ئاسمانغا تۇتاشقان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. 13ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 14ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. 15مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمەن!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

16ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. 17ئۇ قورقۇپ كەتتى. ئۇ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.

18ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇنى خۇداغا ئاتاپ ئۈستىگە ياغ قۇيدى. 19بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ، 21يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ ئاپارساڭ، ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. 22مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.

29

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ ئۆيىگە بېرىشى

1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى. 2ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. قويچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزى يوغان بىر تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلغانىدى. 3قويلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ كەلگەندە، قويچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىۋېلىپ، ئاندىن يەنە شۇ تاش بىلەن قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قوياتتى. 4ياقۇپ بۇ قويچىلاردىن:

_ بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىز خارانلىق، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

5_ سىلەر ناخورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ _ دېدى ئۇ.

_ تونۇيمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 6ياقۇپ يەنە:

_ ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:

_ ئۇ ناھايىتى ياخشى. ئەنە قاراڭ! ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. 7ياقۇپ ئۇلارغا:

_ ۋاقىت تېخى بالدۇرغۇ، قويلارنى نېمىشقا بۇ يەرگە يىغىۋالدىڭلار؟ ئۇلارنى تېزرەك سۇغىرىپ، ئاندىن ئوتلاققا ئاپىرىپ باقساڭلار بولمامدۇ؟ _ دېدى. 8ئۇلار:

_ بولمايدۇ، ھەممە قويچىلار قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋەتمىگۈچە، قويلىرىمىزنى سۇغىرالمايمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

9ياقۇپنىڭ قويچىلار بىلەن پارىڭى تېخى تۈگىمەيلا، راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى. 10ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. 11‏-12ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە:

_ مەن سىزنىڭ ئاتىڭىزنىڭ جىيەنى بولىمەن، يەنى ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى.

راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى. 13لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

14_ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جانجىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.

ياقۇپنىڭ لېياھ ۋە راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىشى

15بىر كۈنى لابان ياقۇپقا:

_ سەن مېنىڭ جىيەنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭ بولماس. قانچىلىك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىسەن، ئېيتقىن، _ دېدى.

16لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى. 17لېياھنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق ئىدى، لېكىن راھىلە ھەممە جەھەتتە گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى. 18ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ:

_ مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بەرسەم، سىز راھىلەنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلامسىز، _ دېدى. 19لابان ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلغىنىمدىن ساڭا ياتلىق قىلغىنىم ياخشى! سەن يېنىمدا قالغىن، _ دېدى.

20ياقۇپ راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.

21يەتتە يىل توشقاندا، ياقۇپ لابانغا:

_ بىز كېلىشكەن ۋاقىت توشتى، قىزىڭىزنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلغايسىز! _ دېدى.

22شۇنىڭ بىلەن لابان توي زىياپىتى تەييارلاپ، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى. 23لېكىن توي كېچىسى لابان راھىلەنىڭ ئورنىغا لېياھنى بەردى. ياقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 24لابان دېدەكلىرىدىن زىلپانى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەردى.

25پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ _ دېدى. 26لابان ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ قىزى ياتلىق قىلىنمىغۇچە، كىچىك قىزى ياتلىق قىلىنمايدۇ. 27لېياھ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، راھىلەنىمۇ نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ كېرەك! _ دېدى.

28ياقۇپ ماقۇل بولدى. لېياھ بىلەن بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، لابان راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى. 29لابان دېدەكلىرىدىن بىلھاھنى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. 30ياقۇپ راھىلە بىلەنمۇ بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ راھىلەنى لېياھتىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بەردى.

ياقۇپنىڭ پەرزەنتلىرى

31پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ لېياھنى بەكمۇ ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، لېياھنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى، لېكىن راھىلە يەنىلا بالا تۇغمىدى. 32لېياھ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپتۇ، ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى رۇبېن [مەنىسى «بالا كۆردۈم» ۋە ئىبرانىي تىلىدىكى «بەختسىزلىكىمنى كۆردى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. 33ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئوغۇلنىمۇ بەردى، چۈنكى مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىم ئۇنىڭغا يېتىپتۇ» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى شىمون [مەنىسى «ئۇ ئاڭلىدى»] دەپ قويدى. 34ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئىبرانىي تىلىدىكى «يېقىنلىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. 35ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئىبرانىي تىلىدىكى «مەدھىيە» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇغمىدى.

30

1راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا:

_ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى. 2ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ:

_ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى. 3راھىلە ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.

4شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 5بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 6راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى دان [مەنىسى «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. 7بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 8راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.

9لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا توقاللىققا بەردى. 10زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 11لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى. 12زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 13لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.

14ئورما مەزگىلىدە لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىققا شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، ئانىسى لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا:

_ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى. 15لېياھ ئۇنىڭغا:

_ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دېدى. راھىلە:

_ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.

16شۇ كۈنى كەچتە ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ:

_ بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا يېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، _ دېدى. شۇڭا ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى.

17لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 18لېياھ: «مەن دېدىكىمنى ئېرىمگە توقاللىققا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇكاپات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

19لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 20ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئىبرانىي تىلىدىكى «سوۋغات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. 21ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.

22كېيىن خۇدا راھىلەگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى. 23ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا بىر ئوغۇل ئاتا قىلىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى، 24پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دەپ، تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەنە بەرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

ياقۇپنىڭ بېيىپ كېتىشى

25راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا:

_ ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي. 26ئايال ۋە بالىلىرىمنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلسىڭىز، ئۇلارغا مەن سىزگە ئىشلەپ بېرىپ، ئىگە بولدۇم. مېنىڭ قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، _ دېدى. 27لابان ئۇنىڭغا:

_ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن. 28ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك ئىش ھەققى بېرىمەن، _ دېدى. 29ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مېنىڭ جان تىكىپ ئىشلىشىم بىلەن چارۋا ماللىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ئۆزىڭىزگە ئايان. 30مەن كېلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدىكى مال-مۈلۈكلەر شۇنچىلىك ئاز ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچىلىك كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك.

31_ ئەمىسە، ساڭا قانچىلىك ئىش ھەققى بېرەي؟ _ دەپ سورىدى لابان. ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي. 32بۈگۈن مەن قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 33ئەگەر سىز كېيىن ماڭا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بەرگەن قوي، ئۆچكىلەرنى تەكشۈرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلىڭ. سىز بۇنىڭدىن مېنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز. 34لابان:

_ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.

35بىراق شۇ كۈنى لابان ئەسلى ياقۇپقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان تاغىل، چىپار تېكىلەرنى، چىپار، تاغىل ۋە ئازراق ئاق ئارىلاشقان ئالا چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى. 36ئاندىن ئۇ بۇ قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئېلىپ، ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يول يىراقلىقتىكى بىر جايغا كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى بېقىپ قالدى. 37ئۇ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يېڭى شاخلارنى كېسىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى بىر يولىدا قوۋزىقى بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزىقى يوق قىلىپ، ئالا-تاغىل سويدى. 38ئۇ بۇ شاخلارنى ماللار سۇ ئىچىدىغان نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قويدى. 39ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، شۇ يەردە جۈپلىشىپ قالاتتى. ماللار شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەنلىكى ئۈچۈن، تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى. 40ياقۇپ يېڭى تۇغۇلغان تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى باشقا قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئايرىپ باقتى. قالغان قوي، ئۆچكىلەرنى لابان ئېلىپ كەتكەن تاغىل ۋە قارا قوي ۋە ئۆچكىلەرگە قارىتىپ جۈپلەشتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىپ چىقتى. 41كۈچلۈك قوي، ئۆچكىلەر جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قوياتتى. ماللار شۇ شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلىشەتتى. 42لېكىن تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، ئۇنداق قىلمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاجىز ماللار لابانغا قېلىپ، كۈچلۈك ماللار ياقۇپنىڭ بولدى. 43شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.

31

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى

1ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ مال-مۈلكى ئىدى!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. 2ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. 3بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي بېقىۋاتقان يەرگە چاقىرىپ ئەكەلدۈردى. 5ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئاتاڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. 6سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. 7لېكىن ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمىدى. 8ئاتاڭلار ماڭا: «چىپار قوي ۋە ئۆچكىلەر سېنىڭ ئىش ھەققىڭ بولسۇن» دېگەندە، ئۇلار چىپار قوزا ۋە ئوغلاق تۇغدى، «تاغىل قوي ۋە ئۆچكىلەر سېنىڭ ئىش ھەققىڭ بولسۇن» دېگەندە، ئۇلار تاغىل قوزا ۋە ئوغلاق تۇغدى. 9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا ئېلىپ بەردى.

10بىر قېتىم قويلار جۈپلىشىدىغان مەزگىلدە، بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە جۈپلىشىۋاتقان تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل، چىپار ياكى ئالا ئىكەن. 11خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم. 12ئۇ: «قارا، جۈپلىشىۋاتقان تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل، چىپار ياكى ئالادۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن شۇنداق قىلدىم، چۈنكى لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردۇم. 13مەن بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى.

14راھىلە بىلەن لېياھ ياقۇپقا مۇنداق دېدى:

_ بىز بەرىبىر ئاتىمىزدىن مىراس ئالالمايمىز. 15ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. 16خۇدا بىزنىڭ ئاتىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى ئاتىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپتۇر. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ!

17‏-18شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كەنئانغا، يەنى ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا ھازىرلاندى. ئۇ ئاياللىرى، بالاچاقىلىرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، پۈتۈن مال-ۋارانلىرىنى ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ پاددان-ئاررامدا توپلىغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى.

19راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خانىسىدىكى بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانىدى. 20ياقۇپ لابانغا ئۇقتۇرماي ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. 21ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئېلىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى.

لاباننىڭ ياقۇپنى قوغلىشى

22ئۈچىنچى كۈنى لابانغا ياقۇپنىڭ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. 23ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپنى قوغلىدى ھەمدە يەتتە كۈندىن كېيىن گىلئاد تاغلىق رايونىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. 24شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ياقۇپنىڭ چىشىغا تەگمە» دېدى.

25ياقۇپ چېدىرىنى گىلئاد تاغلىق رايونىغا تىككەنىدى. لابان ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ياقۇپقا يېتىشىپ، چېدىرلىرىنى شۇ ئەتراپقا تىكتى. 26لابان ياقۇپقا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئەسىرگە ئوخشاش ئېلىپ كەتتىڭ؟ 27نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا دېگەن بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم داپ ۋە لىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 28ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەپسەن. بەكمۇ ئەخمەقلىق قىلىپسەن! 29ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنىڭ چىشىڭغا تەگمەسلىكىمنى ئېيتتى. 30مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ _ دېدى. 31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن سىزنىڭ قىزلىرىڭىزنى مەندىن زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشىڭىزدىن قورقۇپ قاچقانىدىم. 32لېكىن بۇتلىرىڭىز كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ ئۆلتۈرۈلسۇن! قېرىنداشلىرىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەگەر سىز يېنىمىزدىن سىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىۋېرىڭ، _ دېدى. چۈنكى ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى.

33لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. كېيىن لېياھ ۋە ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. بىراق ھېچنېمە تاپالمىدى. ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 34راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىگە ئارتىدىغان خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 35راھىلە ئاتىسىغا:

_ خاپا بولماڭ ئاتا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم يوق، _ دېدى.

لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلىرىنى تاپالمىدى.

36شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لابانغا قاتتىق خاپا بولۇپ، مۇنداق دېدى:

_ سىز مېنىڭ كەينىمدىن مۇشۇ يەرگىچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-يوسۇنغا خىلاپلىق قىلدىم؟ 37پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ تاپالىغان بولسىڭىز، قېنى ئۇنى چىقىرىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ، ئارىمىزدىكى بۇ ئىشقا ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن. 38مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ بالىسىمۇ چۈشۈپ كەتمىدى، مەن بىرەرسىنى يەپمۇ كەتمىدىم. 39ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. قويلار مەيلى كېچىسى، مەيلى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن، ھەممىسىنى ماڭا تۆلەتتىڭىز. 40مەن ھەمىشە كۈندۈزى ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتسام، كېچىسى سوغۇقنىڭ دەردىدىن تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم. 41يىگىرمە يىلدىن بۇيان سىزگە مانا شۇنداق ئىشلىدىم. ئىككى قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئون تۆت يىل، پادىلار ئۈچۈن ئالتە يىل ئىشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭىز! 42بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.

ياقۇپنىڭ لابان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

43لابان ياقۇپقا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بالىلىرى بولسا مېنىڭ نەۋرىلىرىمدۇر. قويلارمۇ مېنىڭ، كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭدۇر. مەن قىزلىرىم بىلەن نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ قالالمىغاندىكىن، 44سەن بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگىنىم تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، تاش دۆۋىسى كېلىشىمىمىزگە گۇۋاھ بولسۇن.

45‏-46شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئەكېلىپ، ئۇنى خاتىرە قىلىپ، تىكلەپ قويدى ۋە قېرىنداشلىرىغا: «تاش يىغىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار» دېدى. كېيىن كۆپچىلىك تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى. 47لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد دەپ ئاتىدى. [ھەر ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمگە گۇۋاھ تاش دۆۋىسى»دۇر.] 48لابان ياقۇپقا:

_ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. 49لابان يەنە:

_ بىز بىرگە بولمىغان چاغلاردا پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، _ دېدى. شۇڭا بۇ جاي مىزپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى. 50لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئايال ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. 51مانا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا خاتىرە قىلىپ تىكلەنگەن ۋە دۆۋىلەنگەن تاش تۇرۇپتۇ. 52بۇلار بىزگە گۇۋاھ بولسۇنكى، مەن ھەرگىز بۇلاردىن نېرىسىغا ئۆتۈپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، سەنمۇ بۇلاردىن بېرىسىگە ئۆتۈپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلمايسەن. 53ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. 54ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى. 55ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.

32

ياقۇپنىڭ ئەساۋنىڭ ئالدىغا خىزمەتكارلىرىنى ئەۋەتىشى

1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. 2ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.

3ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، 4ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم. 5مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»

6ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.

7ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى. 8چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىغانىدى.

9ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 10مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن. 11مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا ئاياللىرىم ۋە بالىچاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن. 12ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.

13‏-15ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى 200 ئۆچكە، 20 تېكە، 200 ساغلىق قوي، 20 قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ 30 چىشى تۆگە، 40 ئىنەك، 10 بۇقا، 20 مادا ئېشەك ۋە 10 ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تاللىدى. 16ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەربىر توپ پادىغا ئايرىم پادىچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىغا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، _ دېدى. 17ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتكارىغا:

_ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچراپ، سەندىن: «خوجايىنىڭ كىم، قەيەرگە بارىسەن، سەن ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا، 18سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ ماللىرى بولۇپ، خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتىدۇر. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.

19‏-20ئۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توپنىڭ يېتەكچىلىرىگە ۋە باشقىلارغا:

_ سىلەر ئەساۋغا ئۇچرىغاندا: «خىزمەتكارىڭىز ياقۇپ كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.

ياقۇپ ئىچىدە: «بىز كۆرۈشكەندە، بۇ سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرسام، بەلكىم ئۇ مېنى كەچۈرۈۋېتەر» دەپ ئويلىدى.

21شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋغاتلارنى ئالدىن يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.

ياقۇپنىڭ خۇدا بىلەن چېلىشىشى

22شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى. 23ئۇلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى. 24ئۆزى بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئۇ شۇ يەردە بىر كىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 25ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى. 26ئۇ كىشى:

_ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى.

_ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ. 27ئۇ كىشى ياقۇپتىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم ياقۇپ، _ دېدى. 28ھېلىقى كىشى يەنە:

_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى. 29ياقۇپ ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى:

_ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.

30ياقۇپ ئىچىدە:

_ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى. 31ياقۇپ پىنۇئېلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى. 32خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.

33

ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى

1ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى. 2ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 3ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ، يەتتە قېتىم تەزىم قىلدى.

4ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. 5ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ:

_ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ:

_ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6ئاندىن ئىككى توقىلى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7كەينىدىن لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 8ئەساۋ يەنە:

_ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ. 9بىراق ئەساۋ:

_ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.

10_ ياق، ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا. سىلى مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىلا، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 11مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ.

ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.

12_ ئەمىسە ماڭايلى، مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، _ دېدى ئەساۋ. 13بىراق ياقۇپ:

_ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ. 14شۇڭا سىلى ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇرسىلا. چارۋا ماللار ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك ماڭاي. سىلى بىلەن سەئىردە كۆرۈشەيلى، _ دېدى.

15_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرقانچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ. لېكىن ياقۇپ:

_ ھاجىتى يوق، سىلىنىڭ مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا كۇپايە، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى. 17لېكىن ياقۇپ باشقا يەرگە باردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا بۇ يەرنىڭ نامى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى.

18دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى. 19ئۇ بۇ يەرنى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغانىدى. (شەكەم خامورنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.) 20ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.

34

شەكەمنىڭ دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشى

1بىر كۈنى ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك كەنئانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 2ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى. 3لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى. 4ئۇ ئاتىسى خامورغا:

_ مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دېدى.

5ياقۇپ قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن ئۇ چاغدا ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 6شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە، 7ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك دەپ قارىدى. 8خامور ئۇلارغا:

_ ئوغلۇم شەكەم دىنانى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئوغلۇمنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر. 9بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. 10شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، ئەركىن سودا قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالالايسىلەر، _ دېدى.

11ئارقىدىن شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى:

_ سىلەرنىڭ مەرھەمىتىڭلارغا ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن. 12پەقەت دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.

13شەكەم دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەم ۋە ئاتىسى خامورنى ئالداپ، 14مۇنداق دېدى:

_ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس. 15پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار. 16شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، سىلەر بىلەن بىر خەلق بولىمىز. 17ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، _ دېدى.

18ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى خامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. 19شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىناغا كۆيۈپ قالغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. 20شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:

21_ بۇ كىشىلەر دوستانە ئادەملەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلايلى. زېمىنىمىز كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ. 22لېكىن بۇ كىشىلەر بىزگە بىر شەرت قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىرگە ياشاپ، بىز بىلەن بىر خەلق بولىدىكەن. 23بىز ئۇلارنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلساق، ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى ۋە پۈتۈن مۈلكى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ _ دېدى.

24خامور بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان پۈتۈن يۇرت ئەھلى قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى.

25ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى، خەتنە قىلىنغان ئەرلەر تېخى ساقايمىغانىدى. ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئاكىلىرى بولغان شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، شەھەرگە توسالغۇسىز بۆسۈپ كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. 26ھەتتا خامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى.

27قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى. 28ئۇلار شەھەر ۋە دالالاردىكى كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. 29شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى ۋە ھەممە ئۆيلەردىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خوتۇن-قىزلىرى، بالىلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. 30ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا:

_ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى. 31لېكىن ئۇلار:

_ ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلسا بولامدۇ؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.

35

خۇدانىڭ بەيتەلدە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلىشى

1خۇدا ياقۇپقا:

_ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا زاھىر بولغان خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاش ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.

2بۇ چاغدا ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلارغا:

_ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، پاكىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار. 3بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسايمەن. چۈنكى مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ياردەم قىلغانىدى، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.

5ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. 6ياقۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەنئان رايونىنىڭ لۇز دېگەن يېرىگە، يەنى ھازىر بەيتەل دەپ ئاتىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدى. 7ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى.

8ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.

خۇدانىڭ ياقۇپنىڭ ئىسمىنى تەكرارلىشى

9ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە زاھىر بولۇپ، بەخت ئاتا قىلدى 10ۋە ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل، _ دېدى. شۇنداق بولۇپ، ياقۇپ ئىسرائىل ئاتىلىدىغان بولدى. 11خۇدا ئۇنىڭغا يەنە:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن 12مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

13خۇدا بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ بىلەن سۆزلەشكەن يەردىن ئايرىلدى. 14ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ قۇيدى. 15ئۇ خۇدا ئۆزىگە كۆرۈنگەن بۇ جاينى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى

16ياقۇپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بەيتەلدىن يولغا چىقىپ، ئەفراتا يېزىسىغا ئاز قالغاندا، راھىلەنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇتى قىيىن بولدى. 17راھىلە تولغاقتىن كۆپ ئازاب چەككەندىن كېيىن، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېدى.

18ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بەنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ ئاتىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.

19راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم»گە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 20ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىگە بىر تاش ئابىدە تىكلىگەن بولۇپ، بۇ تاش شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. 21ئاندىن ئىسرائىل [ياقۇپ] ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىگدال-ئېدەر دېگەن يەردىن ئۆتۈپ چېدىرىنى تىكتى.

ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى

22ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.

ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى. 23لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن. 24راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. 25راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھتىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالى. 26لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى: گاد ۋە ئاشېر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.

ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

27ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە قىريات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى. 28ئىسھاق 180 ياش ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى.

36

ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم بولۇپ، 2ئۇ كەنئانلىق قىزلارنى ئەمرىگە ئالغانىدى. بىرىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئاداھ بولۇپ، خىتلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئىدى. ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئوھولىباما بولۇپ، خىۋلاردىن بولغان زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئىدى. 3ئۈچىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى باسمات بولۇپ، ئىسمائىلنىڭ قىزى، نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى. 4ئاداھتىن ئەلىفاز، باسماتتىن رىئۇئېل، 5ئوھولىبامادىن يىئۇش، يالام ۋە كوراھ تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كەنئاندا تۇغۇلدى.

6ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، چارۋا ماللىرى ۋە كەنئاندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. 7بۇ ئىككىيلەننىڭ چارۋا ماللىرى ۋە باشقا مۈلۈكلىرى نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يەر ئۇلارغا يېتىشمىگەنىدى. 8شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.

9تۆۋەندىكىلەر سەئىر تاغلىق رايونىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

10ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھتىن تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفاز، ئايالى باسماتتىن تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمى رىئۇئېل ئىدى.

11ئەلىفازنىڭ بەش ئوغلى بولدى. ئۇلار: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام ۋە قېناز. 12ئەلىفازنىڭ توقىلى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.

13رىئۇئېلنىڭ تۆت ئوغلى بولدى. ئۇلار: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسماتنىڭ نەۋرىلىرى ئىدى.

14ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباما زىبىئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەساۋغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: يىئۇش، يالام ۋە كوراھ.

15ئەساۋنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر. ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، قېناز، 16كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك. بۇلار ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

17ئەساۋنىڭ ئوغلى رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. بۇلارمۇ ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى باسماتنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

18ئەساۋنىڭ ئايالى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان ئوغۇللار: يىئۇش، يالام ۋە كوراھ. ئۇلارمۇ قەبىلە باشلىقلىرى ئىدى. 19يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى

20ئىدوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خورىلاردىن بولغان سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، 21دىشون، ئېزېر ۋە دىشان. بۇلار خورى قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.

22لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى ۋە ھومام. تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى.

23شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئالۋان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام.

24زىبئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ. (چۆلدە ئاتىسىنىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى بايقىغان دەل مانا مۇشۇ ئاناھتۇر.)

25ئاناھنىڭ بالىلىرى: ئوغلى دىشون ۋە قىزى ئوھولىباما. 26دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خەمدان، ئەشبان، يىتران ۋە كىران.

27ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاقان.

28دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.

29خورىلاردىن بولغان قەبىلە باشلىقلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، 30دىشون، ئېزېر ۋە دىشان. بۇلار خورىلاردىن بولغان قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.

ئىدومدىكى پادىشاھلار

31ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار ئىدى.

32بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئىدومغا پادىشاھ بولۇپ، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.

33بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.

34يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.

35خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.

36ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى.

37ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى.

38شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.

39ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىھېتابىئېل بولۇپ، ئۇ ماترېدنىڭ قىزى، ماترېد مىزاھابنىڭ قىزى ئىدى. 40ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆز قەبىلىلىرى ۋە ياشىغان رايونلىرىغا باشلىق بولغانلارنىڭ ئىسىملىرى: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت، 41ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون، 42قېناز، تېمان، مىبزار، 43ماگدىئېل ۋە ئىرام. بۇلار ئۆز رايونلىرىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ياشىغان جايلىرىغا باشلىق بولغانىدى. ئەساۋ ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى ئىدى.

37

يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

1ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان كەنئان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ كەچمىشلىرىدۇر.

يۈسۈپ 17 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلھاھ ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. 3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا كۆرگەن بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەرگەنىدى. 4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلغۇسى كەلمەيتتى.

5بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئاكىلىرى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6ئۇ:

_ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. 7بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغداي بېغىم تىك تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغان بۇغداي باغلىرىڭلار مېنىڭ بۇغداي بېغىمنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ، تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى. 8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن:

_ سەن بىزگە پادىشاھ بولۇپ، بىزنى باشقۇرماقچىمۇسەن؟ _ دەپ سوراشى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار يۈسۈپكە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

9كېيىن يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئۇلارغا:

_ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي ۋە 11 يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

10يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ قانداق چۈش بۇ؟ ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مەن يەرگە باش قويۇپ، ساڭا تەزىم قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

يۈسۈپنىڭ مىسىرغا سېتىلىشى

12بىر كۈنى يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى باردى. 13ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.

_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ. 14ئاتىسى ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ھىبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى.

يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ، 15دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭغا ئۇچراپ:

_ كىمنى ئىزدەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.

16_ ئاكىلىرىمنى ئىزدەيمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ _ دېدى ئۇ. 17ئۇ كىشى:

_ ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.

18ئۇلار يۈسۈپنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆردى. ئۇلار يۈسۈپ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 19ئۇلار ئۆزئارا:

_ ھېلىقى چۈش پىرى كەپتۇ. 20بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى. ئاندىن ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.

21قېرىنداشلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ:

_ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، 22قان تۆكمەيلى. چۆلدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتەيلى، زىنھار ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەيلى، _ دېدى.

ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مەقسىتى، كېيىن يۈسۈپنى بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىدى.

23‏-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.

25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. 26يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا:

_ بىزنىڭ ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ 27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. 28شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا 240 گىرام كۈمۈشكە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

29يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، 30قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ:

_ يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ _ دېدى.

31شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ، 32ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ:

_ بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، سەن كۆرۈپ باقساڭ، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ؟ _ دېدى. 33ياقۇپ بۇ توننى تونۇپ:

_ بۇ ئوغلۇمنىڭ تونىغۇ! ئۇ جەزمەن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بوپتۇ! _ دېدى.

34ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى. 35ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ:

_ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى.

ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.

36شۇ ئارىلىقتا مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتتى.

38

يەھۇدا بىلەن تامار

1شۇ كۈنلەردە يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى خىراھ دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى. 2يەھۇدا ئۇ يەردە كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى. 3ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى. 4ئايالى يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى. 5كېيىن ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شېلاھ قويدى. شېلاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كىزىب دېگەن يەردە ئىدى.

6يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 7ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل دەپ قارالغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

8بۇ چاغدا يەھۇدا ئوغلى ئونانغا:

_ سەن بېرىپ يەڭگەڭنى ئەمرىڭگە ئېلىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ، _ دېدى.

9لېكىن ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى سىرتقا ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەرۋەردىگار رەزىللىك دەپ قارىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.

11ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا:

_ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

12بىرقانچە يىللاردىن كېيىن يەھۇدانىڭ ئايالى، يەنى شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى خىراھ بىلەن بىرگە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى.

13بىرەيلەن تامارغا قېيىنئاتىسى يەھۇدانىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 14شۇڭا تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى ئېنايىم شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شېلاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

15تامار يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدا ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنى پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. 16شۇڭا يەھۇدا يول قىرىدا ئولتۇرغان ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردى. چۈنكى يەھۇدا ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. يەھۇدا ئۇنىڭغا:

_ يۈر، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات؟ _ دېدى.

_ مەن سىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتسام، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.

17_ بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، _ دېدى يەھۇدا.

_ بولىدۇ، ئوغلىقىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ قويۇڭ، _ دېدى تامار.

18_ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

_ بوينىڭىزغا ئېسىۋالغان مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى تامار.

شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولدى. 19تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.

20يەھۇدا ئادۇللاملىق دوستى خىراھنى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن خىراھ ئۇنى تاپالمىدى. 21خىراھ ئېنايىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن:

_ بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:

_ بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

22خىراھ يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، _ دېدى. 23يەھۇدا ئۇنىڭغا:

_ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق سەن ئۇنى تاپالماپسەن، _ دېدى.

24تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا:

_ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى.

_ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.

25تامار ئۆيدىن ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇ قېيىنئاتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ:

_ مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ _ دېدى. 26يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ:

_ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.

27تامار تۇغۇۋاتقاندا، بالىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. 28ئالدى بىلەن بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى بۇ قولغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ:

_ بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، _ دېدى. 29لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى:

_ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى. 30كەينىدىن قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراخ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.

39

يۈسۈپ ۋە پوتىفارنىڭ ئايالى

1ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئەكېلىپ، مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا ساتقانىدى. 2پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. 3پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى. 4پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. 5شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، چارۋا ماللىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلدى. 6شۇنىڭ بىلەن پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى.

يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى. 7ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئۇ يۈسۈپكە:

_ كەل، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات! _ دېدى. 8يۈسۈپ رەت قىلىپ:

_ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم ماڭا ئىشىنىپ، بارلىق مال-مۈلكىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقىلا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم. 9مەن بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق. ئۇ سىزدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.

10پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىش تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە تۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى.

11بىر كۈنى يۈسۈپ بىر ئىش سەۋەبى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا خىزمەتكارلار يوق ئىدى. 12پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ:

_ كەلگىن، بىز بىر ئورۇندا ياتايلى! _ دېدى. بىراق يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى. 13ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، 14چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىز مىسىرلىقلارغا ھاقارەت قىلدى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم. 15ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، _ دېدى.

16ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 17ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى. 18مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى.

19يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 20ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا ياتتى.

21لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، 22ئۇنى زىنداندىكى باشقا مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى. 23يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بېشى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولاتتى.

40

يۈسۈپنىڭ تۈرمىداشلىرىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشى

1مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوردىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2پىرئەۋن غەزەپلىنىپ، 3بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يەنى يۈسۈپ قامالغان زىندانغا قامىدى. 4ئۇلار زىنداندا بىر مەزگىل ياتتى. ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

5بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 6ئەتىسى ئەتىگەندە يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى كۆردى. 7ئۇ ئۇلاردىن:

_ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى. 8ئۇلار:

_ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 9شۇنىڭ بىلەن باش ساقىي چۈشىنى ئېيتىپ بەردى:

_ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى تۇرۇپتىمىش. 10كۆچەتتە ئۈچ تال يۇمران شاخ بولۇپ، ئۇلار بىخلاپ، چېچەكلەپ، ئۈزۈم چۈشۈپ، ئۈزۈم پىشىپتىمىش. 11قولۇمدا پىرئەۋننىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پىرئەۋنگە سۇنۇپتىمىشمەن.

12يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ يۇمران شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 13ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پىرئەۋنگە بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. 14ئەمما ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پىرئەۋن ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. 15مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.

16باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى:

_ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. 17ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە ھەر خىل ئۇندا پىشۇرۇلغان پىرئەۋن يەيدىغان نانلار بارمىش. لېكىن ئۇلارنى ئۇچار قاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش.

18يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 19ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن.

20ئۈچىنچى كۈنى پىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. 21ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 22باش ناۋاينى ئۆلتۈرگۈزۈپ، جەسىتىنى خادىغا سانجىتىپ قويدى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. 23لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.

41

يۈسۈپنىڭ پىرئەۋننىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى

1ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى. 2دەريادىن يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلىدى. 3ئارقىدىن كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق يەتتە تۇياق كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى ھېلىقى يەتتە كالىنىڭ يېنىغا باردى. 4بۇ يەتتە كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق كالا ھېلىقى يەتتە ساغلام ھەم سېمىز كالىنى يەۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى.

5ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. 6ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى. 7كېيىن بۇ يەتتە دانە سولىشىپ قالغان پۇچەك باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى. 8تاڭ ئاتقاندا پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

9شۇ چاغدا باش ساقىي پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. 10بىر قېتىم ئالىيلىرى بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، باش ناۋاي بىلەن مېنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا قامىتىپ قويغانىدىلە. 11بىر كۈنى كېچىدە بىز ئىككىلىمىز چۈش كۆرۈپتۇق. كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئۆزىگە خاس مەنىسى بار ئىدى. 12ئۇ چاغدا بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى. 13نەتىجىدە، ئىشلار دەل ئۇنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. ئالىيلىرى مېنىڭ مەنسىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا.

14پىرئەۋن يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 15پىرئەۋن ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى. 16يۈسۈپ:

_ ئالىيلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. 17پىرئەۋن مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. 18يەتتە تۇياق سېمىز ھەم ساغلام كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاشقا باشلىدى. 19ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق ئاۋاق، ئاجىز ۋە بەك كۆرۈمسىز كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالىلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. 20بۇ ئورۇق ۋە ئاۋاق كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. 21لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆرۈمسىز ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرقى يوق ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئويغىنىپ كەتتىم.

22كەينىدىن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. 23ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداي يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقاردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى. 24بۇ پۇچەك باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشۈمنى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

25يۈسۈپ پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئالىيلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. 26يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. 27كەينىدىن چىققان يەتتە ئورۇق ۋە كۆرۈمسىز كالا بىلەن ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالغان يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 28دېمەك، كەمىنىلىرى ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلاردىن ئالىيلىرىغا ئالدىن بېشارەت بېرىپتۇ. 29پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا يەتتە يىل باياشاتچىلىق بولىدۇ. 30كەينىدىن يەتتە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ. كىشىلەر ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 31ئاچارچىلىق شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللىرىنى قايتا ئېسىگە ئالالمايدۇ. 32ئالىيلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

33شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرىنىڭ مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر بىر كىشىنى قويۇشلىرىغا 34ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، باياشات بولغان يەتتە يىلدا پۈتۈن مىسىردىكى ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىغا تەكلىپ بېرىمەن. 35ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ نازارىتىدە مۇشۇ باياشات يىللاردا ئاشلىق توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ساقلىسۇن. 36شۇندىلا كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ساقلانغان ئاشلىق بىلەن پۈتۈن خەلقنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايلا.

يۈسۈپنىڭ مىسىرنى ئىدارە قىلىشى

37پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. 38شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا:

_ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى. 39ئاندىن پىرئەۋن يۈسۈپكە:

_ خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەردۇرسەن. 40مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ. 41ھازىردىن باشلاپ سېنى مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدىم، _ دېدى.

42شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز بارمىقىدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى ۋە ئۇچىسىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 43ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى.

شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى. 44پىرئەۋن يۈسۈپكە:

_ مەن بولسام پىرئەۋن. لېكىن مىسىردا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىدىر-سىدىر قىلىشىغا رۇخسەت يوق! _ دېدى.

45‏-46پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.

يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 47باياشاتلىق بولغان يەتتە يىلدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. 48يۈسۈپ شۇ يىللار جەريانىدا مىسىردا ئاشلىق توپلاپ، شەھەرلەردە ساقلىدى. ھەر شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلاردىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنى شۇ شەھەرلەرگە قويدى. 49يۈسۈپ دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك شۇنچە كۆپ ئاشلىق توپلىدىكى، ئۇنى ھېسابلاشتىن ۋاز كەچتى. چۈنكى ئاشلىقلار ھېسابلىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى.

50قەھەتچىلىك يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى يۈسۈپنىڭ ئايالى، يەنى ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 51يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى. 52ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.

53مىسىرلىقلار بەھرىمەن بولغان يەتتە باياشات يىل ئاياغلاشتى. 54يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىلى ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. لېكىن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئاشلىق تېپىلاتتى. 55ئاخىرى مىسىردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. خەلق پىرئەۋنگە يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پىرئەۋن ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى.

56ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇڭا يۈسۈپ پۈتكۈل ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، زاپاس ئاشلىقلارنى مىسىرلىقلارغا سېتىپ بەردى. 57ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى ھەممە يەردە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

42

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئاشلىق ئالغىلى بېرىشى

1ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا:

_ سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟ 2ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى. 4لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتمىدى. چۈنكى ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

5ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى. 6يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسلىققا سېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە:

_ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىز كەنئاندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

8يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى. 9ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا:

_ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى بىلگىلى كەلدىڭلار! _ دېدى. 10ئۇلار:

_ ياق جانابلىرى، بىز ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق. 11بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، بىز ھەرگىز ئايغاقچى ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. 12يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى بىلگىلى كەلدىڭلار! _ دەپ، سۆزدە چىڭ تۇردى. 13ئۇلار:

_ ئى جانابلىرى، بىز ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى! _ دېدى. 14يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ:

_ ياق، مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا ئايغاقچى. 15سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. 16ئاراڭلاردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانمىغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا ياتىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكېلەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم ئايغاقچى! _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈچ كۈن زىندانغا قاماپ قويدى. 18ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن. 19ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا قالدۇرۇپ، قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقلارنى ئېلىپ، ئائىلەڭلاردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 20ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى.

ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، 21ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى. 22رۇبېن ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.

23يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.

24يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.

يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ كەنئانغا قايتىشى

25يۈسۈپ خىزمەتكارلىرىغا ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ بېرىشنى، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، 26ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى. 27ئۇلار قونالغۇغا بارغاندا، ئارىسىدىن بىرى ئېشىكىگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە 28قېرىنداشلىرىغا:

_ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار قورقۇپ، تىترەشكەن ھالدا ئۆزئارا: «بۇ خۇدانىڭ بىزگە نېمە قىلغىنىدۇ؟» دېيىشتى.

29ئۇلار كەنئانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 30ئۇلار مۇنداق دېدى:

_ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ: «سىلەر زېمىنىمىزنى چارلاشقا كەلگەن ئايغاقچىلار» دەپ، بىزنى ئەيىبلىدى. 31بىز ئۇنىڭغا: «بىز ئايغاقچى ئەمەسمىز، سەمىمىي ئادەملەرمىز. 32بىز بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز كەنئاندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېدۇق. 33بىراق ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى زىندانغا قامايمەن. قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئېلىپ، ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 34ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئايغاقچى ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، سودا قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.

35كېيىن ئۇلار ئاشلىقلىرىنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشتى. 36ياقۇپ ئۇلارغا:

_ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى. 37رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ:

_ ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن، _ دېدى. 38لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا:

_ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.

43

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىنيامىننى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشى

1كەنئاندىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. 2ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ ئوغۇللىرىغا:

_ سىلەر يەنە مىسىرغا بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىڭلار، _ دېدى. 3يەھۇدا ئاتىسىغا:

_ بىراق ئۇ ئادەم بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى. 4ئەگەر سىز كىچىك ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسىڭىز، بارىمىز، 5بولمىسا بارمايمىز. چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلانى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى. 6ياقۇپ ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا مېنى بۇنداق قىينايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: «ئۆيدە يەنە بىر ئىنىمىز بار» دەپ ئېيتتىڭلار؟ _ دېدى. 7ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۇ كىشى بىزنى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ: «ئاتاڭلار ھاياتمۇ؟ يەنە باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسەك بولمايتتى. بىز ئۇنىڭ: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەتتۇق؟ 8يەھۇدا ئاتىسىغا:

_ بىنيامىننى ماڭا تاپشۇرۇڭ. بىز دەرھال يولغا چىقايلى. شۇنداق قىلىپ، بىز، سىز ۋە بالىلىرىمىز ئاچارچىلىقتىن ئامان قالايلى، ئۆلۈپ كەتمەيلى! 9كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي! 10ئەگەر بىز ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمىگەن بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، _ دېدى.

11ياقۇپ ئۇلارغا:

_ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرمەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار. 12يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ئالغاچ بېرىپ، ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىڭلارغا سېلىپ قويغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئېھتىمال بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. 13ئىنىڭلارنىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا تېزدىن ئېلىپ بېرىڭلار. 14ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى. 16بىنيامىننىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ بۇ كىشىلەرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بار. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. سىلەر بىر مال سويۇپ، زىياپەت تەييارلاڭلار، _ دېدى.

17غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. 18ئۇلار غوجىدار تەرىپىدىن يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن قورقۇشۇپ: «بىزنى چوقۇم ئالدىنقى قېتىمقى تاغارلىرىمىزدىكى پۇللار سەۋەبىدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئېھتىمال ئۇلار بىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشى مۇمكىن!» دېيىشتى، 19ھەمدە ئۇلار يۈسۈپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىش بىلەنلا غوجىدارغا:

20_ تەقسىر، ئالدىنقى قېتىم بىز بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق. 21ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق. 22بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، _ دېيىشتى. 23غوجىدار ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار، قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، _ دېدى ۋە شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتۇرۇپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

24غوجىدار ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، پۇتلىرىنى يۇيۇشقا سۇ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. 25ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى ئۇلار يۈسۈپ بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. 26يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 27يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن:

_ سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ھاياتمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 28ئۇلار جاۋابەن:

_ بىز كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، _ دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى.

29يۈسۈپ بىر ئانىدىن بولغان ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ:

_ سىلەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى ئەڭ كىچىك ئىنىڭلار مۇشۇمۇ؟ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي، _ دېدى.

30يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى. 31ئاندىن ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ، ھېسسىياتىنى بېسىپ، قايتىپ كىرىپ، خىزمەتكارلىرىغا تاماق ئەكىرىشكە بۇيرۇدى.

32يۈسۈپ ئۆزى يالغۇز بىر داستىخاندا، قېرىنداشلىرى ئايرىم بىر داستىخاندا ئولتۇردى. زىياپەتتە بىللە بولغان مىسىرلىقلار يەنە بىر داستىخاندا ئولتۇردى. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشنى تۆۋەن كۆرەتتى. 33يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئاكا-ئۇكىلىرى ھاڭ-تاڭ بولغىنىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇشتى. 34تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.

44

يۈسۈپنىڭ كۈمۈش جامىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى

1يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ سەن ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئۇلار ئېلىپ كېتەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قوي. 2ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىغا مېنىڭ كۈمۈش جامىم بىلەن پۇلىنى سېلىپ قوي! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن شۇنداق قىلدى.

3ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئېشەكلىرى بىلەن يولغا سېلىپ قويۇلدى. 4ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟ 5نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچەتتى، ھەم پال ئاچاتتى. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، _ دېدى.

6غوجىدار ئۇلارغا يېتىشىپ، يۈسۈپنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا دېدى. 7ئۇلار:

_ غوجام، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ بىز بۇنداق ئىشتىن نېرىدۇرمىز! 8ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىز ھەتتا ئۆتكەن قېتىمدا تاغارلىرىمىزدا پۇللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى كەنئاندىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۇرساق، خوجايىنلىرىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئوغرىلامدۇق؟ 9ئەگەر ئۆزلىرى قايسىمىزنىڭ تاغىرىدىن جامنى تېپىۋالسىلا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولايلى! _ دېيىشتى. 10غوجىدار:

_ دېگىنىڭلاردەك بولسۇن. كىم جامنى ئوغرىلىغان بولسا، شۇ مېنىڭ قۇلۇم بولسۇن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆزىنىڭ تاغارلىرىنى دەرھال ئېشەكلىرىدىن يەرگە چۈشۈرۈپ، ئاغزىنى ئاچتى. 12غوجىدار چوڭىنىڭ تاغىرىدىن كىچىكىنىڭ تاغىرىغىچە ئاختۇرۇپ چىقتى. ئاخىردا كۈمۈش جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىۋالدى. 13قېرىنداشلىرى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىشىپ، ئارقىسىغا، يەنى كەلگەن شەھەرگە قايتىپ كېلىشتى.

يەھۇدانىڭ بىنيامىن ئۈچۈن يېلىنىشى

14يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، يۈسۈپ تېخى ئۆيىدە ئىدى. ئۇلار يۈسۈپنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. 15يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەندەك بىر ئادەمنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دېدى. 16يەھۇدا جاۋابەن:

_ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى. 17يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ياق، ھەرگىز ھەممىڭلارنى قۇل قىلمايمەن! پەقەت جامنى ئالغان كىشىلا ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىڭلار، ئامان-ئېسەن بولۇڭلار، _ دېدى. 18يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا! 19ئۆزلىرى بىزدىن: «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغانىدىلە، 20بىز: «ياشىنىپ قالغان ئاتىمىز ۋە ئاتىمىز ياشىنىپ قالغاندا كۆرگەن بىر كىچىك ئىنىمىز بار. بۇ ئىنىمىزنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ئانىسىدىن قالغان بىردىنبىر بالا، شۇڭا ئاتىمىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق» دېگەنىدۇق. 21ئۆزلىرى بىزگە: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دەپ تاپىلىغانىدىلە. 22لېكىن بىز بۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئايرىلسا، ئاتىمىزنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق. 23ئۆزلىرى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار!» دېگەنىدىلە. 24بىز ئاتىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدۇق. 25كېيىن ئاتىمىز بىزنى يەنە ئاشلىق ئەكېلىشكە بۇيرۇدى. 26بىز ئۇنىڭغا: «ئىنىمىز بىز بىلەن بىرگە بارمىغۇچە، بىز ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز. كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىرگە بارمىسا، بىزمۇ بارمايمىز» دېدۇق. 27ئاتىمىز بىزگە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم راھىلە ماڭا پەقەت ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 28ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن جۇدا بولدى. ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كۆرمىدىم. ئۇ چوقۇم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولدى. 29ئەگەر سىلەر بۇ ئوغلۇمنى مەندىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇمۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ، ئۆلۈپ كېتىمەن» دېدى. 30ئەمدى ئويلاپ باقسىلا! ئەگەر بىز بۇ بالىنى ئېلىپ كەتمىسەك، ئاتىمىز بۇ بالىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئاتىمىزنىڭ ھاياتى بۇ بالىنىڭ تەقدىرىگە باغلىقتۇر. 31ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ئىنىمىز يېنىمىزدا بولمىسا، ئۇ قېرىغىنىدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە بىز سەۋەبچى بولغان بولىمىز. 32كەمىنىلىرى ئاتامغا كېپىللىك بېرىپ: «ئەگەر بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسەم، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي» دېگەنىدىم. 33شۇڭا ئى جانابلىرى، بۇ بالا ئۈچۈن كەمىنىلىرى بۇ يەردە قېلىپ، ئۆزلىرىگە قۇل بولاي. ئۇ بالا ئاكىلىرى بىلەن بىرگە قايتىپ كەتسۇن! 34ئەگەر مەن بۇ بالىسىز يالغۇز كەتسەم، ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى.

45

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى

1يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى. 2شۇ چاغدا ئۇ شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى. بۇ خەۋەر تېزدىن پىرئەۋننىڭ ئوردىسىغىمۇ يېتىپ باردى.

3يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىدىن گەپ قىلىشالماي تۇرۇشۇپلا قالدى. 4يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5لېكىن سىلەر بۇ ئىشىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار ھەم ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەپمۇ يۈرمەڭلار. مېنى خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 6بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. 7شۇڭا سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ، مېنى بۇ يەرگە سىلەردىن ئاۋۋال ئەۋەتتى. 8دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرئەۋننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى.

9سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ‹خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. 10ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، چارۋا ماللىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى ئېلىپ، گوشەن رايونىغا كېلىڭ ۋە ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. 11چۈنكى قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ. مەن سىزنى باقىمەن. مەن پۈتۈن ئائىلىڭىز ۋە چارۋا ماللىرىڭىزنىڭ ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن› دېدى» دەڭلار، _ دېدى. 12يۈسۈپ يەنە:

_ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ كۆردۈڭ. 13ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

14ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. 15ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.

16يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 17پىرئەۋن يۈسۈپكە:

_ قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلار ئۇلاغلىرىغا دەرھال مال ئارتىپ، كەنئانغا قايتىپ بېرىپ، 18ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. 19ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار ئاتاڭنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنى ۋە بالاچاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. 20ئۇلار ئۇ يەردىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ، _ دېدى.

21ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بەردى. 22ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغا قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن 3.5 كىلو كۈمۈش بەردى. 23ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. 24ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى.

25ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، كەنئانغا، يەنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. 26ئۇلار ئاتىسىغا:

_ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى.

ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 27لېكىن ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. 28ئۇ:

_ ئىشەندىم، ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! _ دېدى.

46

ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا بېرىشى

1ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 2شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا:

_ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 3خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. 4مەن ساڭا مىسىردا يار بولىمەن ۋە كېيىن ئەۋلادلىرىڭنى بۇ زېمىنغا چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.

5ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى پىرئەۋن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6كەنئاندىكى چارۋىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، 7يەنى ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ مىسىرغا بىرگە كەلدى.

8ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا بىرلىكتە كەلگەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

 

ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن 9ۋە ئۇنىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق ئوغۇللىرى،

10شىمون ۋە ئۇنىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار، شۇنداقلا كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،

11لاۋىي ۋە ئۇنىڭ گېرشون، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىق ئوغۇللىرى،

12يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.)

پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،

13ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ تولاھ، پۇۋاھ، يوب ۋە شىمرون قاتارلىق ئوغۇللىرى،

14زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.

 

15يۇقىرىدىكىلەر پاددان-ئاررامدا ياقۇپ بىلەن ئايالى لېياھتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنانى قوشقاندا، جەمئىي 33 نەپەر ئىدى.

 

16گاد ۋە ئۇنىڭ زىفيون، خاگگى، شۇنىي، ئەزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارئېلى قاتارلىق ئوغۇللىرى،

17ئاشېر ۋە ئۇنىڭ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى، بىرىئا قاتارلىق ئوغۇللىرى، قىزى سەراخ ۋە بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.

 

18يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 16 نەپەر ئىدى.

 

19ئايالى راھىلە ياقۇپقا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى. 20يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.

21بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر، ئاشبېل، گېرا، نائامان، ئېخى، روش، مۇپپىم، خۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.

 

22يۇقىرىدىكىلەر راھىلە بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 14 نەپەر ئىدى.

23داننىڭ خۇشىم ئىسىملىك بىر ئوغلى،

24نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.

 

25يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ئىدى.

26دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپنىڭ مىسىرغا بارغان ئەۋلادلىرى جەمئىي 66 كىشى ئىدى. 27يۈسۈپنىڭ مىسىردا كۆرگەن ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى سانى جەمئىي 70 كىشى بولدى.

ياقۇپنىڭ يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈشى

28ياقۇپ گوشەن رايونىغا بارىدىغان يولنى بىلىش ئۈچۈن يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار گوشەنگە كەلگەندە، 29يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا باردى. يۈسۈپ ئاتىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. 30ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق! _ دېدى.

31يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پىرئەۋنگە سىلەرنىڭ كەنئاندىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي. 32ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، چارۋا ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. 33پىرئەۋن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا، 34ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى.

يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.

47

1يۈسۈپ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئاندىن چارۋا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

2ئاندىن كېيىن يۈسۈپ قېرىندىشىدىن بەشىنى پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئېلىپ كەلدى. 3پىرئەۋن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن:

_ سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن:

_ ئالىيلىرى، بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمىز. 4كەنئاندا ماللىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق قالمىدى، قەھەتچىلىكمۇ ئېغىر بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئالىيلىرىدىن بىزنىڭ گوشەن رايونىدا تۇرۇشىمىزغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېيىشتى. 5پىرئەۋن يۈسۈپكە:

_ ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ. 6مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا ماھىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.

7كېيىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پىرئەۋنگە بەخت-سائادەت تىلىدى. 8پىرئەۋن ئۇنىڭدىن:

_ قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ _ دەپ سورىدى. 9ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10خوشلىشىش ئالدىدا ياقۇپ يەنە پىرئەۋنگە بەخت تىلىدى ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. 11يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى. 12يۈسۈپ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جان سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

قەھەتچىلىك

13ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىدى، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىسىرلىقلار ۋە كەنئانلىقلار قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن ئازاب چېكەتتى. 14يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، مىسىرلىقلار بىلەن كەنئانلىقلارنىڭ قولىدىكى ھەممە پۇللارنى يىغىپ، ئوردىغا تاپشۇردى. 15مىسىر ۋە كەنئاندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ پۇللىرىمىز تۈگىدى. كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، بىزگە ئاشلىق تېپىپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى. 16يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، چارۋا ماللىرىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارۋا ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ بۇ يىلى ئاشلىق بەدىلىگە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى.

18كېيىنكى يىلى ئۇلار يەنە كېلىپ:

_ جانابلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى سىلىدىن يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. چارۋا ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى. 19كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، يەرلىرىمىزمۇ ئاق تاشلىنىپ قالمىسۇن. بىزمۇ، يېرىمىزمۇ پىرئەۋنگە تەۋە بولسۇن، بىزگە ئاشلىق بەرگەيلا. بىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ۋە يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.

20شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى پىرئەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پىرئەۋنگە ئۆتۈپ كەتتى. 21پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. 22پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى، چۈنكى ئۇلار پىرئەۋندىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى.

23يۈسۈپ خەلققە:

_ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي. 24ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى. 25ئۇلار:

_ جانابلىرى بىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. بىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمىز، _ دېيىشتى.

26شۇڭا يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا قانۇن تۈزۈپ: «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىر قىسمى پادىشاھقا تەۋەدۇر» دەپ بېكىتتى. بۇ قانۇن شۇنىڭدىن بېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پىرئەۋننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمىدى.

ياقۇپنىڭ ئاخىرقى تەلىپى

27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار يەرگە ئىگە بولۇپ، روناق تېپىپ، ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28ياقۇپ مىسىردا 17 يىل ياشاپ، 147 يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل. 30مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا:

_ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى. 31ئىسرائىل:

_ ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىل، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل تۆشىكى ئۈستىدە خۇداغا سەجدە قىلدى.

48

ياقۇپنىڭ ئەفرايىم ۋە ماناسسەگە دۇئا قىلىشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرايىمنى ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى. 2ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى. 3ياقۇپ يۈسۈپكە:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا كەنئاندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا زاھىر بولۇپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى. 4ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن ئەل قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدى، _ دېدى. 5ياقۇپ يەنە:

_ ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپسەن. بۇ ئىككى ئوغلۇڭ، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسە رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن. 6باشقا پەرزەنت يۈزى كۆرسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىگە بولىدىغان مىراس يېرى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن. 7مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. پادداندىن قايتىپ كېلىش يولىدا، ئاناڭ راھىلە كەنئان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا ۋاپات بولۇپ، مېنى ھەسرەتتە قالدۇردى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلدىم، _ دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.)

8ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ يېنىدىكى بالىلارنى كۆرۈپ:

_ بۇ بالىلار كىم؟ _ دەپ سورىدى. 9يۈسۈپ:

_ مېنىڭ ئوغۇللىرىم. مەن مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن خۇدا ماڭا بەرگەن بالىلار، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىسرائىل يەنە:

_ ئۇلارنى يېنىمغا ئەكەلگىن، مەن ئۇلارغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەي، _ دېدى.

10ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ، 11يۈسۈپكە:

_ ئەسلى سېنى قايتا كۆرەرمەن، دەپ ئويلىمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! _ دېدى.

12يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى. 13يۈسۈپ ئەفرايىمنى ئىسرائىلنىڭ سول يېنىغا، ماناسسەنى ئوڭ يېنىغا تۇرغۇزدى. 14لېكىن ئىسرائىل ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كىچىك نەۋرىسى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا، سول قولىنى چوڭ نەۋرىسى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويۇپ، 15يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

 

«بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يولىدا ماڭغان خۇدا

بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي.

مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

16مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى

بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي.

ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»

 

17يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نارازى بولغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىدىن ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، 18ئاتىسىغا:

_ ئاتا، توغرا بولمىدى، چوڭ ئوغلۇم بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! _ دېدى. 19ئاتىسى رەت قىلىپ:

_ ئەي ئوغلۇم، مەن بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ ئەل بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل ئەللەرگە ئايلىنىدۇ! _ دېدى.

20ئۇ كۈنى ئىسرائىل ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دېدى:

 

«كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى كىشىلەرگە دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەندە، مۇنداق دېسۇن:

‹خۇدا سىلەرنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەگە ئوخشاش بەختلىك قىلغاي!›»

 

شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئەفرايىمنى ئۇنىڭ ئاكىسى ماناسسەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى.

21كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالدى. لېكىن خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ. 22مەن سىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلغاندا، قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا ساڭا ئارتۇق زېمىن بېرىمەن، يەنى تاغنىڭ باغرىنى قوشۇپ بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، _ دېدى.

49

ياقۇپنىڭ ۋەسىيىتى

1ياقۇپ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ھەممىڭلار ئالدىمغا كېلىڭلار، سىلەرگە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئاڭلىتاي!

 

2«ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار.

ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار.

 

3ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن،

سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن.

قۇۋۋىتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىسەن،

ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن.

4بىراق سەن كەلكۈندەك ئېقىپ، تۇتۇق بەرمىدىڭ!

سەن توقىلىم بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ،

تۆشىكىمنى بۇلغىدىڭ، ئەمدى كاتتا كىشى بولالمايسەن.

 

5شىمون بىلەن لاۋىي بىرلەشتى،

قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.

6قوشۇلمايمەن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە،

قاتناشمايمەن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانىغا،

چۈنكى ئۇلار غەزەپلىنىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ،

خالىغانچە ئۆكۈزلەرنىڭ پېيىنى كەستى.

7ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە،

شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە.

تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا،

چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.

 

8ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار.

سەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقارسەن.

قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا باش ئېگەر.

9يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ.

ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا.

سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا،

كىممۇ جۈرئەت قىلار ئويغىتىشقا؟

10يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى.

كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار،

خەلقلەر ھەم تەزىم قىلار.*

11باغلاپ قويار ئۇ تەخىيىنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە،

غاجاپ قويسىمۇ ئۇ ئۈزۈمنى گەرچە،

ئۈزۈم شارابىدا يۇيار كىيىملىرىنى،

ئېسىل شارابتا تونلىرىنى.

12شارابتىن ھەم قارا كۆزلىرى،

سۈتتىن ھەم ئاپئاق چىشلىرى.

 

13زەبۇلۇن دېڭىز بويىدا تۇرار،

ئۇ يەر كېمە پورتى بولار،

زېمىنى سىدون تەرەپكە سوزۇلار.

 

14ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ،

ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار.

15كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى

ۋە ئۇ يەرنىڭ ھۇزۇرلۇقىنى،

ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە،

قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولار.

 

16دانمۇ ئىسرائىل قەبىلىسىدىن بىرى بولار،

ئۇ ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلار.

17ئۇ يىلاندەك يول بويلىرىدا،

زەھەرلىك يىلاندەك چىغىر يوللاردا،

چېقىپ ئاتنىڭ پۇتىنى،

يىقىتار ئاتلىقلارنى.

 

18ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن!

 

19گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرار.

لېكىن ئۇ كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، زەربە بېرەر.

 

20ئاشېرنىڭ زېمىنى بەئەينى مول ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ،

پادىشاھلارنى ئۇ تەمىنلەر خاس لەززەتلىك تائاملىرى بىلەن.

 

21نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر،

ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.

 

22يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر.

ئۇ بۇلاققا يېقىندۇر.

ئۇنىڭ شاخلىرى ھالقىپ ئۆتەر تامدىن.

23شىددەتلىك ھۇجۇم قىلار ئوقياچىلار ئۇنىڭغا،

ئوقيالار دەھشەتلىك ئېتىلار ئۇنىڭغا،

24لېكىن يۈسۈپ تايانغاچقا ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا،

يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا.

ئۇنىڭ يايى مەزمۇت، قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا.

25ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار،

ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار.

ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ،

يەردىكى بۇلاقلارنى ئاتا قىلار.

چارۋا ماللىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ،

ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.

26ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت،

قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ،

ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر.

مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا،

يەنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىكىگە قونار.

 

27بىنيامىن گويا يىرتقۇچ بۆرىدۇر،

ئۇ ئەتىگىنى تۇتقىنىنى يالماپ يۇتار،

كېچىسى ئولجىلارنى بۆلۈشەر.»

 

28بۇ سۆزلەر ياقۇپ دۇئا قىلغاندا ھەربىر ئوغلىغا لايىق ئېيتقان سۆزلەردۇر. ياقۇپنىڭ بۇ 12 ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى.

ياقۇپنىڭ ۋاپاتى

29ياقۇپ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى:

_ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىمغا ئاز قالدى. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، يەنى خىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىڭلار. 30بۇ ئۆڭكۈر كەنئاندىكى مامرەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماكپېلا دېگەن يەردە بولۇپ، ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى. 31ئىبراھىم ۋە ئايالى سارە ئۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئىسھاق ۋە ئايالى رىبەقامۇ ئۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. مەن لېياھنىمۇ ئۇ يەرگە دەپنە قىلدىم. 32ئۇ يەر بىلەن ئۆڭكۈر خىتلاردىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، سىلەر مېنىمۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىڭلار. 33ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى تاپىلىغاندىن كېيىن، يېتىپلا نەپىسى توختاپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

50

ياقۇپنىڭ دەپنە قىلىنىشى

1يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ مېيىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلىدى ۋە يۈزىنى سۆيدى. 2كېيىن يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاشتى. 3ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن قىرىق كۈن سەرپ قىلدى، چۈنكى جەسەتنى مۇمىيالاش ئۈچۈن قىرىق كۈن ۋاقىت كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.

4قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پىرئەۋنگە مۇنداق دەڭلار: 5«ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى كەنئاندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، _ دېدى. 6پىرئەۋن:

_ بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمىنى ئورۇنداپ، ئاتىسى تەلەپ قىلغان جايغا دەپنە قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

7شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى كەتتى. پىرئەۋننىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، يەنى ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە مىسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىشتى. 8يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بىرگە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە چارۋا ماللىرىلا گوشەندە قالدى. 9ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگەن لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چوڭ بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.

10ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى. 11بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشتى. شۇڭا بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.

12شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 13ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى. 14يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە مىسىرغا قايتتى.

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى

15يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن: «بىز بۇرۇن يۈسۈپكە يامانلىق قىلغانىدۇق، ئەگەر ئۇ كۆڭلىدە بىزگە ئاداۋەت ساقلاپ، بىزدىن ئىنتىقام ئالسا، بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئويلاشتى. 16شۇڭا ئۇلار بىر كىشى ئارقىلىق يۈسۈپكە: «ئاتىمىز جان ئۈزۈش ئالدىدا 17بىزگە ساڭا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلاپ: ‹ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋەتكىن› دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىمىز ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىزلەر سەندىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشىڭنى سورايمىز» دەپ سۆز يەتكۈزدى. يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى.

18ئاندىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى! 19يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن سىلەرنى جازالايدىغانغا خۇدا ئەمەسمەن! 20سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يامان نىيىتىڭلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى. مانا بۈگۈن شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. 21قورقماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى.

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

يۈسۈپنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

22يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى مىسىردا ياشاپ قالدى. يۈسۈپ 110 يىل ئۆمۈر كۆردى. 23ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى. 24ئۇ قېرىنداشلىرىغا:

_ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى. 25ئاندىن يۈسۈپ ئىسرائىل خەلقىگە:

_ خۇدا سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىرگە ئېلىپ كېتىشكە ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! _ دېدى.

26يۈسۈپ 110 يېشىدا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاپ، ساندۇققا سېلىپ قويدى.


2: 7 ئىبرانىي تىلىدا «تۇپراق» ۋە «ئادەم» ئاھاڭداش سۆزلەردۇر.

2: 17 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆلۈش خۇدادىن ئايرىلىش، يەنى روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار جىسمانىي جەھەتتە ئۆلۈشكە باشلىغان.

6: 2 خۇدانىڭ ئوغۇللىرى _ بۇ سۆز ھەققىدە ئۈچ خىل چۈشەنچە بار: 1. ئەرشتىكى زات ياكى پەرىشتە بولۇشى مۇمكىن. 2. پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدارغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىنسانلار بولۇشى مۇمكىن. 3. خۇدا يولىدا ماڭمايدىغان قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان سېتنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن.

10: 1 نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلاندى. ئۇلار شۇ ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى ۋە ئۇلار ياشىغان يەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى.

12: 1 ئىبرام _ خۇدا كېيىن ئۇنى «ئىبراھىم» دەپ ئاتىغان.

14: 13 ئىبرانىيلار _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.

16: 7 پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار _ بۇ سۆزنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇپ، تەۋراتتا كۆپ ۋاقىتلاردا پەرىشتە قىياپىتىدە كۆرۈلگەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

22: 11 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

27: 36 ياقۇپ دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى «تاپانغا ئېسىلىۋالماق» دېگەن ئىدىئوم بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ «ئالدىماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

49: 10 3- ۋە 4- قۇرنى مۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ: ھەقىقىي ھاكىمىيەت ئىگىسى كېلەر بىر كۈنى، شۇندا خەلقلەر تەزىم قىلار ئۇنىڭغا.