ياقۇپ يازغان خەت

1

1خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئون ئىككى يەھۇدىي قەبىلىسىگە، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا سالام.

ئېتىقاد ۋە سىناق

2قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. 3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4شۇڭا ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان كەمچىلىكسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. 5ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، سېخىي ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا ئۇ ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىدۇ. 6بىراق ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانمىسۇن ۋە تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن. چۈنكى خۇدادىن گۇمانلانغان كىشى شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدىغان دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. 7‏-8بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىمىسۇن.

نامراتلىق ۋە بايلىق

9ئېتىقادچىلار نامرات بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا خۇدانىڭ نەزىرىدە قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن. 10ئۆزلىرىنى خۇدا ئالدىدا تۆۋەن تۇتقان باي ئېتىقادچىلار خۇشال بولسۇن. چۈنكى بايلار خۇددى دالادىكى گۈل چېچەكلەردەك تېز غايىب بولىدۇ. 11كۈن قىزىغاندا دالادىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، چېچەكلىرى توزۇيدۇ ۋە گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، باي ئادەملەرمۇ ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ.

سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش

12سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 13ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى خۇدا باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ ھەم ئۆزىمۇ ئازمايدۇ. 14كىمدىكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. 15ھەۋەس گۇناھ تۇغىدۇ. گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلسە، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

16شۇڭا قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! 17ھەرقانداق ئېسىل ۋە مۇكەممەل ئىلتىپات ئاسماندىن، يەنى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدادىن كېلىدۇ. خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس. 18خۇدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سۆزىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق بىزنى يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشكە ئىرادە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى تۇنجى ھوسۇل خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.

ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش

19قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئاڭلاشقا چاققان، سۆزلەشكە تەمكىن بولۇڭلار، ئاسان غەزەپلەنمەڭلار. 20چۈنكى غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 21شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىپلاس ۋە رەزىل قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان ۋە سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولغان خۇدانىڭ سۆزىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار.

22خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. 23خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىغان كىشى خۇددى ئۆز ئەپتىنى ئەينەكتە كۆرگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. 24بۇنداق كىشى ئەينەكتىن يىراقلاشسىلا، ئۆزىنىڭ ئەپتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 25سىلەر خۇدانىڭ ئەركىنلىك ئاتا قىلغۇچى مۇكەممەل قانۇنىنى دائىم ئەستايىدىل ئوقۇڭلار. قانۇننى ئوقۇپ بولۇپلا، ئۇنتۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.

26ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىك ئەھمىيەتسىزدۇر. 27خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.

2

ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق

1قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. 2سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، 3سىلەر باي كىشىگە: «تۆرگە چىقسىلا!»، كەمبەغەلگە: «ئۇ يەردە تۇرغىن» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇرغىن» دېسەڭلار، 4سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟

5قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللىدى. 6بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمىدى؟ 7سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناب نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. 10ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر ئەمرىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 11«زىنا قىلماڭلار» دېگەن خۇدا ھەم «قاتىللىق قىلماڭلار»مۇ دېگەن. شۇڭا سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىلەر. 12سىلەر سىلەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. شۇڭا سۆز-ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن. 13سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. رەھىمدىل ئادەم سوراق پەيتىدە خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت

14قېرىنداشلىرىم، ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا: «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟ 15‏-16ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 17شۇنىڭغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.

18لېكىن بەزىلەر: «بەزىلەرنىڭ پەقەت ئېتىقادىلا بار، بەزىلەرنىڭ پەقەت ئەمەللىرىلا بار» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنداق ئادەملەرگە: «ئەمەللىرىڭ بولمىسا، ئېتىقادىڭنى قانداق نامايان قىلالايسەن؟ مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللىرىم ئارقىلىق نامايان قىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. 19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم خۇدادىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. 20ئەي نادان، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 21ئەجدادىمىز ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە ئۇ بۇ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغان ئەمەسمۇ؟ 22دېمەك، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تولۇقلاندى. 23شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇداغا ئىشەندى، شۇڭا خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى دەپ ئاتالدى. 24بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ. 25بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل ئايغاقچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغان ئەمەسمۇ؟ 26روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.

3

تىلنى تىزگىنلەش

1قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائىتىدە ھەممىڭلار تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ. 2ئادەملەر دائىم خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن ۋە ئۆزىنى تىزگىنلىگەن كىشى بولىدۇ. 3بىز ئاتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا ئېغىزدۇرۇق سېلىپ، ئۇلارنى خالىغان يېرىمىزگە ماڭدۇرالايمىز. 4يەنە مەسىلەن، شۇنچە چوڭ كېمە كۈچلۈك بورانغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن كېمىچى كىچىككىنە رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان يېرىگە ھەيدىيەلەيدۇ. 5شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئىشلارغا سەۋەب بولالايدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ شۇنچە چوڭ ئورماننى كۆيدۈرۈۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار. 6تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئەزالىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغايدۇ ھەم ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ ئوت دوزاختىن يېقىلغاندۇر. 7ئىنسانلار ياۋايى ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى. 8ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئوسال بىر نەرسىدۇر. ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ. 9بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيەلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىدا ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز. 10دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە ھەم قارغىش چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! 11بىر بۇلاقتىن شەربەتمۇ، زەرداپمۇ چىقامدۇ؟ 12قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخىدە زەيتۇن، ئۈزۈم تېلىدا ئەنجۈر بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، شەربەت بۇلىقىدىنمۇ زەرداب چىقمايدۇ.

خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت

13ئەگەر ئاراڭلاردا بىرسى ئۆزىنى ئەقىل-پاراسەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىك ھاياتى، يەنى كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق نامايان قىلسۇن. 14لېكىن قەلبىڭلاردا قاتتىق ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئۆزۈڭلارنى ئەقىل-پاراسەتلىكمەن دەپ ماختىنىپ، يالغان سۆزلىمەڭلار. 15ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك ئارىلاشقان بۇنداق ئەقىل-پاراسەت خۇدادىن كەلگەن بولماستىن بەلكى شەيتاندىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە خاستۇر. 16ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 17لېكىن بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى ئەمەللەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ. 18تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت ھوسۇلىنى ئالىدۇ.

4

بۇ دۇنيانى دوست تۇتماسلىق

1ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلاردىكى سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بولمىغۇر ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ 2سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىسەڭلار، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسىلەر. ھەسەت قىلغان نەرسەڭلارغا ئېرىشمىسەڭلار، جېدەل-ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر. 3خۇدادىن تىلىسەڭلارمۇ، تىلىگىنىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر. 4ئەي ساداقەتسىزلەر، بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر. 5مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا بىزنىڭ ئىچىمىزگە سالغان روھ كۈچلۈك ھەسەتخورلۇققا تولدى» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟ 6خۇدا بىزنىڭ يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ناھايىتى كۆپ مېھرىبانلىق قىلدى. مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كىچىك پېئىللارغا» دەپ يېزىلغاندۇر.

7شۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇپ، شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ. 8خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدا سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي خۇدانى ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار. 9قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. 10خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

قېرىنداشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىق

11قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى قارىلىماڭلار. كىمكى بىر قېرىندىشىنى قارىلىسا ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، ئۇ قانۇننى قارىلىغان ۋە قانۇن ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سەن قانۇن ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى بولىسەن. 12پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. پەقەت ئۇلا قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر. شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟!

ماختانماسلىق

13بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان شەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، 14ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ. 15شۇنىڭ ئۈچۈن «خۇدا بۇيرۇسا، ئۆلمىسەكلا، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دەڭلار. 16بىراق ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلىنىپ ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. 17ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

5

بايلارنى ئاگاھلاندۇرۇش

1ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن ھۆڭرەپ يىغلاڭلار. 2بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەيدۇ، 3ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھ بولۇپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى سىلەر ئاخىر زامان كەلسىمۇ، يەنىلا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر. 4سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 5سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر. 6سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر.

سەۋر-تاقەت ۋە دۇئا

7‏-8شۇڭا قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن، چۈنكى رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتىپ كېلىشىگە ئاز قالدى.

9قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار، سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. 10خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار. 11بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.

12قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار! ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر.

13ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن، خۇشال ياشاۋاتقان كىشى بولسا، ئۇ خۇدانى مەدھىيەلەپ، ناخشا ئېيتسۇن. 14ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرسۇن. ئۇلار كېلىپ، بۇ ئاغرىقلارغا رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن. 15تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئاغرىقنى ساقايتىدۇ، رەببىمىز ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 16شۇڭا شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن قىلغان گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ قىلغان دۇئاسى كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 17ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەدە يامغۇر ياغمىسۇن دەپ، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى. 18كېيىن قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى.

19قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى بولسا، ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىڭلار. 20شۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھكار كىشىنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم ئۇ كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.