تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت

1

1ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ھايات توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى جاكارلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەن پاۋلۇستىن 2ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا رەھىمدىل بولۇپ، مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر ۋە مەدەت

3ئەي تىموتىي، سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان مەن كېچە كۈندۈز سېنى ياد ئېتىپ، سەن ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىمەن. 4ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. 5سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىنىڭ قەلبىدە بار ئىدى. بۇ ئېتىقادنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىمۇ بارلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. 6شۇڭا شۇنى يادىڭغا سالايكى، مەن قولۇمنى ساڭا قويۇپ دۇئا قىلغاندا خۇدا ساڭا ھەدىيە قىلغان قابىلىيەتنى يالقۇنلاتقىن. 7چۈنكى خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھى بىزگە قورقۇنچاق يۈرەك ئاتا قىلماستىن، بەلكى بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تولدۇرىدۇ ھەم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

8شۇڭا رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن، شۇنداقلا رەببىمىز سەۋەبىدىن مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلمىغىن. ئەكسىچە، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇرغىن. 9خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. 10ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ يولىنى نامايان قىلدى.

11مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، ئەلچىسى، شۇنداقلا بۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەندىم. 12ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىممۇ شۇ سەۋەبتىندۇر. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن، ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى ئۆزىنىڭ رەببىمىز قايتىپ كېلىدىغان كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.*

13ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلغىن. 14ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ساقلىغىن. 15سەن ئاڭلىغاندەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە ھېرموگېنىسمۇ بار. 16رەببىمىز ئونېسىفورۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى. 17ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە، مېنى تاپقۇچە كۆپ ئاۋارە بولۇپتۇ. 18رەببىمىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلغاي. ئۇنىڭ ئەفەس شەھىرىدە ماڭا نۇرغۇن خىزمەت قىلغانلىقىدىن سېنىڭمۇ ياخشى خەۋىرىڭ بار.

2

ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق جەڭچىسى

1ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بولغىن. 2سەن مەندىن ئاڭلىغان تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدى. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئىقتىدارى بار ئىشەنچلىك كىشىلەرگە ئامانەت قىلغىن. 3ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇرغىن. 4جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا كىشىلەردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك. 5مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 6ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ. 7بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ھەققىدە ياخشى ئويلانغىن، چۈنكى رەببىمىز سېنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىڭگە ياردەم بېرىدۇ. 8ئەيسا مەسىھنى ئېسىڭدە تۇتقىن. ئۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلدى. مانا بۇ مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەردۇر. 9بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم، ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ. 10شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن. 11تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر:

 

ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلگەنىكەنمىز،

يېڭى ھاياتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشايمىز.

12قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك،

ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈم سۈرىمىز.

بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.

13بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ،

ئۇ بىزگە ساداقەتسىزلىك قىلمايدۇ.

چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە قارشى ئىش قىلمايدۇ.

خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى

14بۇ سۆزلەرنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سالغىن. ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدىغان بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. 15خۇدانىڭ ئالدىدا سىناقتىن ئۆتكەن ۋە ھەقىقەت ھەققىدىكى تەلىملەرنى توغرا يەتكۈزىدىغان يۈزى يورۇق خىزمەتچى بولغىن. 16خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ساقلانغىن. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار خۇدادىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ. 17ئۇلارنىڭ گەپلىرى خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىدەك تېزلا يامرايدۇ. ھۇمانايۇس ۋە فىلىتۇس مانا مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغۇچىلاردىندۇر. 18ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى دەپ قاراپ،* ھەق يولدىن چەتنەپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. 19بىراق خۇدا قۇرغان ئۇل* مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تونۇيدۇ» ۋە «پەرۋەردىگارنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن» دېگەن سۆزلەر مۆھۈرلەنگەندۇر. 20باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، يەنە ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 21ئەگەر كىمدىكىم ئۆزىنى مەن ئېيتقان يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ پاكتۇر. ئۇ خوجايىنىغا يارايدىغان كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەيياردۇر. 22شۇڭا ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارتقىن. رەببىمىزنى پاك قەلب بىلەن چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىرگە ھەققانىيلىقنى، ئېتىقادنى، مېھىر-مۇھەببەتنى ۋە ئىناقلىقنى ئىزدىگىن. 23ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسەن. 24رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولسۇن. 25رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 26شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تۇتقۇنىدىن قۇتۇلالايدۇ.

3

ئاخىر زامان

1شۇنى بىلگىنكى، ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. 2ئۇ چاغدا ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغان، 3كۆيۈمسىز، باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي ۋە خەير-ساخاۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولىدۇ. 4ئۇلار ساتقۇن، تەلۋە ۋە ھاكاۋۇر بولىدۇ، كەيپ-ساپانى خۇدادىن ياخشى كۆرىدۇ. 5ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئىخلاسمەن كۆرۈنىدۇ، لېكىن كۆڭلىدە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇرغىن. 6ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز ئاياللارنى ئازدۇرىدۇ. بۇنداق ئاياللار گۇناھقا پاتقان بولۇپ، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلىدۇر. 7ئۇلار گەرچە داۋاملىق تەلىم ئالسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 8بۇ ئاياللارنى ئازدۇرىدىغانلار خۇددى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان ياننىس ۋە يامبرىسقا* ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە قارشى چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ دىلى بۇزۇق، ئېتىقادى ساختا بولۇپ، خۇدا تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلاردۇر. 9ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چۈنكى ياننىس بىلەن يامبرىسنىڭ ئەقىلسىزلىقى پاش بولغاندەك، ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىمۇ خەلق ئالدىدا چوقۇم پاش بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى

10‏-11لېكىن سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن، ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلاردىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار. 12ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ۋە خۇداغا ئىخلاس قىلىپ ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 13رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىدۇ. ئۇلار باشقىلارنى ئالدايدۇ ھەم ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىدۇ. 14لېكىن سەن ھازىرغىچە ئۆگەنگىنىڭدە ۋە ئىشەنگىنىڭدە داۋاملىق چىڭ تۇرغىن. چۈنكى سەن بۇ تەلىملەرنى كىملەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى ياخشى بىلىسەن. 15سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار سېنى ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە سېنى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. 16پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغاندۇر. ئۇلار كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە، خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىشكە، سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ۋە ئۇلارنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر. 17مۇقەددەس يازمىلار خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تولۇق تەييارلايدۇ.

4

1مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا، ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، 2پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن كىشىلەرگە ياخشى تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكىن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەيىبلىگىن ۋە نەسىھەت قىلغىن. ھەممە ئىشتا سەۋر-تاقەتلىك بولغىن. 3چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ 4ۋە ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. 5لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇتقىن. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇرغىن. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلغىن.

6ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى. 7مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم ۋە ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم. 8ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتىپ كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.

ئاخىرقى سۆزلەر

9يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كېلىشكە تىرىشقىن. 10چۈنكى قېرىندىشىمىز كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى. 11يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ مېنىڭ خىزمەتلىرىمگە ياردەم قىلىدۇ. 12تىكىكۇسنى ئەفەس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. 13كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە بولغان ۋاقتىمدا كارپۇسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان تونۇم بىلەن يازمىلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. 14مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز ئۇنى چوقۇم قىلمىشلىرىغا لايىق جازالايدۇ. 15سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بولغىن. چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. 16بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرگەي. 17لېكىن خۇدا ماڭا يار بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تولۇق يەتكۈزۈشكە مەدەت بەردى. نەتىجىدە، بۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى. 18رەببىم مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

19مەندىن پرىسكىلا ۋە يولدىشى ئاكۋىلاغا، شۇنداقلا ئونېسىفورۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقىن. 20ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. 21قىش كىرگۈچە بۇ يەرگە كېلىشكە تىرىشقىن. ئېبۇلۇس، پۇداس، لىنۇس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. 22رەببىمىز سىلەرگە يار بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


1: 12 بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى «ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتىپ كېلىدىغان كۈنگىچە خۇدانىڭ چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

2: 18 بۇ قاراش «بىر ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلۈپ، بىرگە تىرىلگەن بولىدۇ. بۇ تىرىلىش پەقەت روھىي جەھەتتە بولۇپ، تەن جەھەتتە يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن قاراش بولۇپ، بۇ خاتادۇر.

2‏: 19 ئۇل _ ئېتىقادچىلار جامائىتىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

3: 8 ياننىس ۋە يامبرىس _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىش مەزگىلىدە مۇساغا قارشى تۇرغان پىرئەۋننىڭ ئىككى سېھىرگىرىنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، بۇ ئىسىملار پەقەت ئىسرائىللارنىڭ ئەنئەنىۋى يازمىلىرىدا تىلغان ئېلىنغاندۇر.