تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت

1

1قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا رەھىمدىل بولۇپ، مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ساختا تەلىملەرنى توسۇش

3مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتىن ئىلگىرى ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقاتماسلىققا بۇيرۇشۇڭنى سورايمەن. 4ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇ ئىشلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىشلار خۇدانىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىسىزدۇر. خۇدانىڭ پىلانىنى پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 5بىزنىڭ بۇنداق تەلىم بېرىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. مېھىر-مۇھەببەت پاك قەلبتىن، ساپ ۋىجداندىن ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدۇ. 6بەزى كىشىلەر بۇ تەلىملەردىن چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ. 7ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۇستازى دەپ ئاتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى نېمىنى ئىشەنچ بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.

8بىز بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى توغرا قوللىنىلسا، تەۋرات قانۇنى ياخشىدۇر. 9بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئىتائەتسىزلەر، خۇدا يولىدا ماڭمايدىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغانلار، خۇدانى مەسخىرە قىلىدىغانلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار، 10جىنسىي ئەخلاقسىزلار، بەچچىۋازلار، قۇل ئېلىپ ساتىدىغانلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. 11بۇ تەلىملەر ئۇلۇغ ۋە مۇبارەك خۇدا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ماڭا ئامانەت قىلغاندۇر.

خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە شۈكۈر

12ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە سالدى. 13مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ھاقارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىقىمدىن ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقىمدىن قىلغانىدىم. 14رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ چەكسىز مېھىر-شەپقىتى مېنى ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە قىلدى. 15«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز راستتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش پۈتۈنلەي توغرىدۇر. مەن گۇناھكارلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گۇناھكارىدۇرمەن. 16لېكىن ئەيسا مەسىھ ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلدى. ئۇنىڭ مەقسىتى مەندەك ئۇچىغا چىققان بىر گۇناھكارغا چەكسىز سەۋر-تاقەت قىلىش ئارقىلىق مېنى كەلگۈسىدە ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا ئۈلگە قىلىشتۇر. 17بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

18ئەي ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئۇلۇغ كۈرەشكە ئۆزۈڭنى ئاتىيالايسەن. 19ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرغىن. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى. 20ھۇمانايۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلار كۇپۇرلۇقلىرىدىن ئىبرەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم.*

2

دۇئا ۋە ئىبادەت

1ئالدى بىلەن سەندىن ۋە بارلىق ئېتىقادچىلاردىن پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلەشنى، خۇداغا دۇئا قىلىشنى، باشقىلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشنى ۋە شۈكۈر ئېيتىشنى، 2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، بىز تىنچ، خاتىرجەم، شۇنداقلا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن ياشايمىز. 3دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياخشىدۇر. ئۇ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 4خۇدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ. 5چۈنكى ھەممە ئىنسانلارنىڭ خۇداسى بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر. 6ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، خۇدانىڭ مەقسىتى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلاندى. 7بۇ ئىشلارنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەن جاكارچى ۋە ئەلچى بولۇپ تەيىنلەندىم ۋە ئۇلارغا ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم.

8شۇڭا مەن ئېتىقادچى ئەرلەرنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قېتىم دۇئا ئۈچۈن جەم بولغاندا ئاچچىقلانماي، دەتالاش قىلماي، پاك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 9ئاياللار چاكىنا كىيىنمىسۇن، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاققا ماس كىيىنسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە چاچ پاسونلار، ئالتۇن-كۈمۈشلەر، ئۈنچە-مەرۋايىتلار ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن پەردازلىماستىن، 10بەلكى ياخشى ئەمەللەر بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق ياسىنىش خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ. 11تەلىم بېرىلىۋاتقاندا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. 12ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشىگە ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشىغا يول قويمايمەن. ئۇلار تىنچ ئولتۇرۇپ تەلىم ئالسۇن. 13چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. 14شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنى ئادەمئاتا ئەمەستۇر، بەلكى ئازدۇرۇلۇپ گۇناھ سادىر قىلغىنى ھاۋائانىدۇر. 15لېكىن ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.* بىراق ئۇلار چوقۇم ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىسۇن.

3

ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ باشلامچىلىرى

1«ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر. 2جامائەتكە باشلامچى بولىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولسۇن. 3ئۇلار شارابخور ۋە زوراۋان بولمىسۇن، بەلكى خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان بولسۇن. 4بۇنداق كىشى ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان، پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىيەلەيدىغان بولسۇن. 5چۈنكى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائىتىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ 6جامائەتنىڭ باشلامچىسى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن. بولمىسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، شەيتاندەك خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. 7ئېتىقادچىلار جامائىتىگە باشلامچى بولغان كىشى جامائەتنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىمايدۇ ۋە شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى*

8جامائەتنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ خۇددى جامائەتنىڭ باشلامچىلىرىغا ئوخشاش ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي، شارابقا ۋە مال-دۇنياغا بېرىلمەيدىغان، 9ۋىجدانلىق ۋە ئېتىقادىنىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولسۇن. 10بۇنداق ئادەملەر ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈلسۇن، كەمچىلىكلىرى بولمىسا، ئاندىن ۋەزىپىگە قويۇلسۇن. 11بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ* ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەممە جەھەتتە ئىشەنچلىك بولسۇن. 12خىزمەتچىلەر ئايالىغا سادىق، پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان بولسۇن. 13جامائەت ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ.

ئاجايىپ ھەقىقەتلەر

14مەن سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇڭا بۇ خەتنى ساڭا ئالدىنئالا يازدىم. 15ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىدۇر. بۇ جامائەت ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر. 16ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزدا ئاجايىپ ھەقىقەتلەر باردۇر:

 

ئۇ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى،

مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى،

ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى،

ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى،

ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى،

ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.

4

ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر

1مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادىدىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلارغا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئىشىنىدۇ. 2بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى ئۆلگەن، يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ. 3بۇ ئادەملەر نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشى ئۈچۈن ياراتقاندۇر. 4خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەستۇر، ئۇلارنى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 5چۈنكى ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ.

ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى

6بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئىشەنگەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەر ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن تەربىيەلەنگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. 7خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلايدىغان بىمەنە ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن. 8جىسمانىي جەھەتتە يېتىلىشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئىخلاسمەنلىك بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھاياتقا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. 9يۇقىرىدىكى سۆزلەر توغرا بولۇپ، پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. 10شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.

11بۇلارنى قېرىنداشلىرىڭغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆگەتكىن. 12باشقىلار سېنى ياش دەپ كۆزگە ئىلماي قالمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، يۈرۈش-تۇرۇشۇڭدا مېھىر-مۇھەببەتتە، ئېتىقادتا ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولغىن. 13مەن سېنى يوقلاپ بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىشكە، جامائەتكە نەسىھەت قىلىشقا ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. 14مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلمىغىن. بۇ قابىلىيەت ساڭا خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرى قوللىرىنى ئۈستۈڭگە قويغاندا* بېرىلگەندۇر. 15شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. ئۆزۈڭنى بۇ ئىشلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن. 16ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىلغىن، ھەمدە بۇ ئىشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، قۇتقۇزۇلىسەن ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.

5

ئېتىقادچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

1ياشانغان ئەرلەرگە قاتتىق گەپ قىلمىغىن. ئەكسىچە، ئۇلارنى ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەپ گەپ قىلغىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگىمۇ ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغىن. 2ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغىن. ياش ئاياللارغىمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك پاك قەلبىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.

3ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ھەقىقىي موھتاجلىقتا قالغان تۇل ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىن. 4لېكىن بۇ تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن ۋە ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسۇن. چۈنكى بۇنداق قىلىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 5ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلايدۇ ۋە كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. 6لېكىن پەقەت ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەندۇر. 7ئېتىقادچىلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن جامائەتكە بۇ ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بەرگىن. 8بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئېتىقادسىزلاردىنمۇ ناچار ھېسابلىنىدۇ.

9ئېتىقادچىلار جامائىتى ياردەم بېرىلىدىغان ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئېرىگە سادىق بولغان ۋە يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان ئاياللار تىزىملانسۇن. 10بۇ ئاياللار ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بولسۇن.

11ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىمىغىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان ساداقىتىدىن ئۈستۈن كېلىپ، قايتا توي قىلىشنى خالاپ قېلىشى مۇمكىن. 12شۇنداق بولسا، ئۇلار دەسلەپتە بەرگەن ۋەدىسىگە* خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھ قىلغان ھېسابلىنىدۇ. 13ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 14شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ. 15بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بەزى تۇل ئاياللار ئاللىبۇرۇن ئېتىقادتىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. 16ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئايالنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن. يۈكنى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئىتتىرىپ قويمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.

يېتەكچىلەر توغرىسىدا

17ئېتىقادچىلار جامائىتىنى ياخشى باشقۇرىدىغان يېتەكچىلەر، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەر چوقۇم ئىككى دەرىجە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 18چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار» ۋە «ھەرقانداق ئىشلەمچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. 19ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى بولمىغۇچە، جامائەتنىڭ يېتەكچىسى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلمىغىن. 20ئەگەر يېتەكچى گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن جامائەت ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن. 21خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىلغىن. ئايرىمىچىلىق قىلمىغىن، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسمىغىن. 22بىرسىنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ، ئۈستىگە قولۇڭنى قويمىغىن، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن. 23(ئاشقازىنىڭ ئۈچۈن ۋە دائىم كېسەل بولىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەقەت سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ قويغىن.) 24بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى كېيىن ئاشكارا بولىدۇ. 25خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىمۇ ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولسا كېيىن مەلۇم بولىدۇ.

6

1قۇل ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامىنىڭ ۋە خۇدادىن كەلگەن تەلىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 2خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلارمۇ خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر.

يالغان تەلىم ۋە پۇلپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى

سەن بۇ ئىشلارنى جامائەتكە ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن. 3ئوخشىمايدىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەر بولۇپ، 4ئۇلار ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان تەكەببۇرلاردۇر. ئۇلار غوۋغا چىقىرىش ۋە گەپ تالىشىشقا ئىنتايىن ئامراقتۇر. بۇنداق گەپ تالىشىشلار ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، گۇمانخورلۇق 5ۋە دائىم سۈركىلىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى بۇزۇقتۇر. بۇلار ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدانىڭ يولى پەقەتلا بىر تاپاۋەت يولىدۇر، خالاس.

6دەرۋەقە، خۇدانىڭ يولىدا رازىمەنلىك بىلەن ماڭغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. 7بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 8شۇڭا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. 9باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئېزىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشىدۇ. 10چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.

تىموتىيغا نەسىھەت

11ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرغىن. ھەققانىي، ئىخلاسمەن، ئېتىقادلىق، مېھىر-مۇھەببەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك ۋە مۇلايىم بولۇشقا ئىنتىلگىن. 12ئېتىقادىمىز ئۈچۈن بولىدىغان ئۇلۇغ كۈرەشكە ئۆزۈڭنى ئاتىغىن. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلىگىن. سەن مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ، ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ھاياتقا يېتەكلەيدىغان ئېتىقادىڭنى ئېتىراپ قىلدىڭ. 13مەن ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا يۈرەكلىك ھالدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، 14رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگۈچە خۇدانىڭ بۇ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، ھېچكىم سېنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. 15خۇدا ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا مەسىھنى قايتا ئەۋەتىدۇ. بىردىنبىر ھۆكۈمران بولغان مۇبارەك خۇدا پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. 16پەقەت ئۇلا ئۆلمەستۇر. ئۇ ئادەم يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇنى ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ. بارلىق ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

17بۇ زاماندىكى باي ئېتىقادچىلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگەن خۇداغا باغلىسۇن. 18ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار كېلەچەكتە ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىشكە پۇختا ئاساس بولىدىغان خەزىنە توپلىيالايدۇ.

20ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغانلارنى ياخشى ساقلىغىن. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ۋە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلانغىن. 21بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە بىلىملەرگە ئەگىشىپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى.

خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


1: 20 ئېتىقاد يولىدىن چەتنىگەنلەر ئېتىقادچىلار جامائىتىدىن چىقىرىلاتتى. ئۇلار گۇناھلىرىغا توۋا قىلمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايتتى.

2: 15 بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى گرېك تىلىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ: «ئاياللار بالا تۇغۇش ۋە بالىلارنى بېقىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» ياكى «ئاياللار خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولىدۇ، ئەمما تۇغۇتىدىن ئامان قالىدۇ».

3: 8 خىزمەتچىلەر _ ئېتىقادچىلار جامائىتى باشلامچىسىنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ، ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

3: 11 ياكى «جامائەتنىڭ ئايال خىزمەتچىلىرىمۇ...»

4: 14 جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرى ئېتىقادچىنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ.

5: 12 ۋەدە _ بۇ ۋەدە قايتا توي قىلماي، ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋەدىسىنى ياكى ئېتىقادچى بولمىغان بىر ئەر بىلەن قايتا توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدىن يانغان ئەھۋالنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.