ئىنجىل

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر

1

ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى

1ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، پادىشاھ داۋۇت بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى. 2ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، 3يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پەرەس ۋە زەراخنىڭ ئاتىسى، پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى، خەزرون رامنىڭ ئاتىسى، 4رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناخشوننىڭ ئاتىسى، ناخشون سالموننىڭ ئاتىسى، 5سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبېدنىڭ ئاتىسى، ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، 6يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، پادىشاھ داۋۇت ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى، 7سۇلايمان رىخوبئامنىڭ ئاتىسى، رىخوبئام ئابىيانىڭ ئاتىسى، ئابىيا ئاسانىڭ ئاتىسى، 8ئاسا يىھوشافاتنىڭ ئاتىسى، يىھوشافات يىھورامنىڭ ئاتىسى، يىھورام ئۇززىيانىڭ ئاتىسى، 9ئۇززىيا يوتەمنىڭ ئاتىسى، يوتەم ئاخازنىڭ ئاتىسى، ئاخاز خىزكىيانىڭ ئاتىسى، 10خىزكىيا ماناسسەنىڭ ئاتىسى، ماناسسە ئاموننىڭ ئاتىسى، ئامون يوشىيانىڭ ئاتىسى، 11يوشىيا ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا تۇغۇلغان يىھوياكىن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، 12يىھوياكىن ئىسرائىللار بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان شىئالتېلنىڭ ئاتىسى، شىئالتېل زىرۇببابەلنىڭ ئاتىسى، 13زىرۇببابەل ئابىخۇدنىڭ ئاتىسى، ئابىخۇد ئەلياقىمنىڭ ئاتىسى، ئەلياقىم ئازورنىڭ ئاتىسى، 14ئازور زادوقنىڭ ئاتىسى، زادوق ئاھىمنىڭ ئاتىسى، ئاخىم ئەلىھۇدنىڭ ئاتىسى، 15ئەلىھۇد ئەلئازارنىڭ ئاتىسى، ئەلئازار ماتتاننىڭ ئاتىسى، ماتتان ياقۇپنىڭ ئاتىسى، 16ياقۇپ مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، مەريەم مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىڭ ئاپىسى. 17بۇنداق بولغاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەردىن پادىشاھ داۋۇتقىچە ئون تۆت ئەۋلاد، پادىشاھ داۋۇتتىن ئىسرائىللار بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغۇچىمۇ ئون تۆت ئەۋلاد ۋە ئۇلار بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن مەسىھ دۇنياغا كەلگەنگە قەدەر ئوخشاشلا ئون تۆت ئەۋلاد ئۆتكەن.

ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ توي چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق ئۇلار نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى مەريەم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقىنى بايقىدى. 19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خەلق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. 20بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ: «ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلدى. 21ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.

22مانا بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 23پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەنىدى: «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇ ئىممانۇئېل [مەنىسى ‹خۇدا بىزگە ياردۇر›] دەپ ئاتىلىدۇ.» 24يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 25لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.

2

مۇنەججىملەر زىيارىتى

1ھەزرىتى ئەيسا پادىشاھ ھىرود زامانىدا يەھۇدىيەنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. كېيىن شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:

2_ يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ بىز ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا ئۇنىڭغا تىزلىنىپ، تەزىم قىلغىلى كەلدۇق، _ دېيىشتى.

3بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ھىرود ئالاقزادىلىككە چۈشتى، جۈملىدىن پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ شۇنداق بولدى. 4پادىشاھ ھىرود پۈتكۈل ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن:

_ پەيغەمبەرلەر قۇتقۇزغۇچى مەسىھ* قەيەردە تۇغۇلىدۇ دېگەنىدى؟ _ دەپ سورىدى.

5_ يەھۇدىيەنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدە، _ دېيىشتى ئۇلار، _ چۈنكى بۇ توغرۇلۇق بىر پەيغەمبەر مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان:

 

6«ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم،

يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم.

چۈنكى سەندىن بىر ھۆكۈمران چىقىپ،

خەلقىم ئىسرائىللارنى باقىدۇ.»

 

7شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھىرود مۇنەججىملەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى. 8ئاندىن: «بېرىڭلار، بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. بالىنى تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ كېلەي» دېدى ۋە ئۇلارنى بەيتلەھەمگە يولغا سالدى.

9مۇنەججىملەر پادىشاھ ھىرودنىڭ سۆزىگە بىنائەن يولغا چىقتى. شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدى. ئۇلار بالا تۇغۇلغان يەرگە كېلىپ توختىدى. 10ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. 11ئۇلار ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىرگە كۆرۈپ، يەرگە باش قويۇپ بالىغا تەزىم قىلىشتى. ئاندىن ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى رۇمى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى. 12ئۇلارنىڭ چۈشلىرىدە پەرۋەردىگار پادىشاھ ھىرودنىڭ يېنىغا قايتماسلىق ھەققىدە بېشارەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

مىسىرغا قېچىش

13مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ! مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى پادىشاھ ھىرود بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ، شۇ كېچىلا مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. 15ئۇلار پادىشاھ ھىرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.

ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

16پادىشاھ ھىرود مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىككى ياشقىچە بولغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

17شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى:

 

18«راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.

راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى.

ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى،

چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»

مىسىردىن قايتىپ كېلىش

19پادىشاھ ھىرود ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىردا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى زاھىر بولۇپ:

20_ ئورنۇڭدىن تۇر، بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيەگە قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، _ دېدى. 21شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيەگە يول ئالدى.

22بىراق يۈسۈپ پادىشاھ ھىرودنىڭ ئوغلى ئارخېلاسنىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە بېرىشتىن قورقتى. كېيىن ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتىگە ئاساسەن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، 23ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.

3

چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى

1شۇ چاغلاردا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى چۆل-باياۋاندا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ:

2_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. 3چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى:

 

«چۆللۈكتە بىر كىشى:

‹رەببىمىزگە يول ھازىرلاڭلار،

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈزلەڭلار!› دەپ جاكارلايدۇ.»

 

4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرىنىڭ ھەسىلى ئىدى. 5يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن ۋە ئىئوردان ۋادىسىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى* قوبۇل قىلىشتى.

7پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ ئەي ساختىپەز يىلانلار، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار. 9سىلەر ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 10پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشتى، ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 11مەن سىلەرنى توۋا قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پەقەت سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىپ، سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا ئۇنىڭ چورۇقىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! 12ئۇ خاماندىكى بۇغداينى قولىدىكى كۈرەك بىلەن ئايرىپ، ئۇنى ئامباردا ساقلايدۇ، سامىنىنى بولسا ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرىدۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى

13شۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. 14بىراق يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي:

_ سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ _ دېدى. 15لېكىن ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:

_ ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. 16ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ سۇدىن چىقىشىغا ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ئاندىن ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

4

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1ئۇنىڭدىن كېيىن مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتتى، شۇڭا قورسىقى تازا ئاچتى. 3ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى* بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەن ئەمەس، يەنە خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5ئاندىن شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا ئېلىپ چىقىپ، مۇنداق دېدى:

6_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا:

 

«پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە،

يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا،

ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟

 

7_ تەۋراتتا: «پەرۋەردىگار خۇدانى يەنە سىناپ بېقىش غەرىزىدە بولماڭلار» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

8ئاندىن شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق شان-شەرەپلىك دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ:

9_ يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.

10_ يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.

11شۇنىڭ بىلەن شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشنى باشلىشى

12ھەزرىتى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. 13ئۇ يۇرتى ناسىرەدە تۇرماي، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى جەلىلىيە كۆلىگە يېقىن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 14شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى:

 

15«زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىدا، يەنى

ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ

ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيە رايونىغىچە بولغان يەرلەردە،

16قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار

پارلاق نۇرنى كۆرىدۇ،

ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغانلارنىڭ ئۈستىگە

بىر نۇر چۈشىدۇ.»

 

17شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسا: «گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرت چاقىرىشى

18بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. 19ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرگە بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا ئادەم تۇتۇشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى. 20ئۇلار شۇ ئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

21ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە ئاتىسى بىلەن بىرگە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىمۇ شاگىرتلىققا چاقىردى. 22ئۇلار دەرھال كېمىنى تاشلاپ، ئاتىسى بىلەن خوشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيەدە تەلىم بېرىشى

23ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل كېسەل ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى. 24ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۈرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. 25جەلىلىيەدىن، «ئون شەھەر» رايونىدىن، يەھۇدىيەدىن، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىن ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

5

ھەقىقىي بەخت

1ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى كۆرۈپ، تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى:

 

3_ ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.

4قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.

5مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر.

6ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.

7باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.

8قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.

9تىنچلىق تەرەپدارلىرى نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى خۇدا ئۇلارنى پەرزەنتلىرىم دەيدۇ.

10خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.

 

11مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگە، زىيانكەشلىكىگە ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 12شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.

تۇز ۋە نۇر ھەققىدە

13_ سىلەر يەر يۈزىنىڭ تۇزىدۇرسىلەر. بىراق تۇز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭ تۇز تەمىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.

14سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەرنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. 15يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا ئەمەس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇر ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەمنى يورۇتالايدۇ. 16خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.

تەۋرات ھەققىدە

17_ مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 18بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، تەۋرات قانۇنى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغۇچە ئۇنىڭ بىرەر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ ئەمەلدىن قالمايدۇ. 19شۇ سەۋەبتىن ئەگەر بىركىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەڭ كىچىك ماددىلىرىغىمۇ رىئايە قىلمىسا، شۇنداقلا باشقىلارغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتسە، ئۇنداق كىشى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئەرزىمەس ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلسا، شۇنداقلا باشقىلارغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتسە، ئۇنداق كىشى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. 20شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر خۇداغا بويسۇنۇشتا تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىنمۇ* ئېشىپ كەتمىسەڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيسىلەر.

غەزەپلىنىش ھەققىدە

21_ سىلەر ئەجدادلىرىمىزغا دېيىلگەن «قاتىللىق قىلماڭلار، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوتقا تارتىلىدۇ» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغانسىلەر. 22لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشتە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ. 23شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر خۇداغا ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭلاردا، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە قورساق كۆپۈكى بارلىقى يادىڭلارغا يەتسە، 24ھەدىيەڭلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭلارنى ئاتاڭلار.

25ئەگەر ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلماقچى بولغان بىرى بولسا، سوتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن سىلەر زىندانغا تاشلىنىسىلەر. 26بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىمۇ تۆلىنىپ بولمىغۇچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر.

زىناخورلۇق ھەققىدە

27_ سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 28لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. 29شۇڭا ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزادىن ۋاز كەچكىنىڭ كۆپ ئەۋزەلدۇر. 30ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا كىرگىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزادىن ۋاز كەچكىنىڭ كۆپ ئەۋزەلدۇر.

تالاق قىلىش ھەققىدە

31_ سىلەر «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. 32بىراق مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، بىر ئادەم ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا، ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىنى زىنا قىلىشقا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.

قەسەم قىلىش ھەققىدە

33_ سىلەر ئەجدادلىرىمىزغا دېيىلگەن «قەسەمدىن قايتما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭدە تۇر» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 34لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار. ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش ئۇلۇغ پادىشاھ خۇدانىڭ تەختىدۇر. 35ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى زېمىن خۇدانىڭ پۇت قويىدىغان يېرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ شەھىرىدۇر. 36ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭلار يەتمەيدۇ. 37پەقەت «ھەئە» دېگىنىڭلار «ھەئە»، «ياق» دېگىنىڭلار «ياق» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى شەيتاندىن كېلىدۇ.

ئىنتىقام ھەققىدە

38_ سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 39لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. 40بىرسى ئۈستۈڭلاردىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭلارنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 41مۇبادا بىرى سىلەرگە يۈك-تىقىنى يۈدۈتۈپ بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە زورلىسا، يەنە بىر چاقىرىم ئارتۇق يول يۈرۈپ بېرىڭلار. 42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسىنى ئارىيەتكە ئالماقچى بولسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.

دۈشمەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەققىدە

43_ سىلەر «باشقىلارنى سۆيۈڭلار، دۈشمىنىڭلارغا نەپرەتلىنىڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 44لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، سىلەر دۈشمىنىڭلارنىمۇ سۆيۈڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 45شۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى خۇدا قۇياش نۇرىنى يامانلارغىمۇ، ياخشىلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. 46ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇ ئىش قانداقمۇ ئىنئامغا لايىق ئىش بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ؟ 47ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، سىلەرنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 48شۇڭا سىلەرمۇ ئەرشتىكى ئاتاڭلاردەك مۇكەممەل بولۇڭلار.

6

خەير-ساخاۋەت ھەققىدە

1_ دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.

2خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭلاردا، داۋراڭ سالماڭلار. ساختىپەزلەرلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ۋە كوچىلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 3شۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە بەرگىنىڭلاردا ئوڭ قولۇڭلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭلار بىلمىسۇن. 4سەدىقەڭلارنى يوشۇرۇن بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

دۇئا ھەققىدە

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئىبادەتخانىدا ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ. 7دۇئا قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

 

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتە ئەمەلگە ئاشقاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشقاي.

11كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

12بىزگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قالغايسەن

ۋە بىزنى يامانلىقتىن* يىراق قىلغايسەن.*»

 

14سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 15بىراق سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.

روزا تۇتۇش ھەققىدە

16_ روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا ساختىپەزلەر قىلغاندەك قىلماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 17سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار. 18شۇ چاغدا پەقەت ئەرشتىكى يوشۇرۇن ئاتاڭلاردىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتقانلىقىڭلارنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

بايلىق ھەققىدە

19_ يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار، چۈنكى بايلىقىڭلار يا كۈيە يەپ تۈگەيدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار، چۈنكى ئۇ يەردە بايلىقىڭلارنى كۈيە يېمەيدۇ، بايلىقىڭلار داتلاشمايدۇ ۋە بايلىقىڭلارنى ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. 21بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، كۆڭلۈڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار نۇرغا تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ئىچىڭلاردىكى «نۇر» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. چۈنكى جان يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن تېخىمۇ مۇھىمدۇر. 26كۆكتىكى ئۇچار قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ ھەم ئامباردىمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىڭ رىزقىنى بەرگەن يەردە، سىلەرنىڭمۇ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ 27قېنى، قايسىڭلار ئۆمرۈڭلارنى غەم-قايغۇ بىلەن كىچىككىنە ئۇزارتىپ باقىسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. 29لېكىن سىلەرگە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان چاغدىمۇ، ئۇنىڭ كىيگەن كىيىملىرى بۇ گۈللەردەك ئېسىل ئەمەس ئىدى! 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار، دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ، ئوچاققا قالىنىدىغان گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرگە كىيگۈدەك كىيىم بەرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32ئېتىقادسىزلار مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. شۇ چاغدا خۇدا سىلەرگە ھەممىنى ئاتا قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ.

7

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار

1_ باشقىلارغا ھۆكۈم قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. 2چۈنكى سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ. 3نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى كۆرمەيسەن؟! 4ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە شۇنچە چوڭ لىم تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ نېمىسى؟ 5ئەي ساختىپەز، ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت! شۇندىلا كۆزۈڭ ئېنىق كۆرىدۇ-دە، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلار ھەققىدە

6_ ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ، توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.

تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ

7_ دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 8چۈنكى تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. 9ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ 10بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 11گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى ئىلتىپات قىلىشقا تېخىمۇ تەييار ئەمەسمۇ؟

12باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىنىڭ مېغىزى مۇشۇدۇر.

خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغان دەرۋازا

13_ تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى ھالاكەتكە بارىدىغان دەرۋازا كەڭرى، يول داغدام بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. 14بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.

ئىككى خىل مېۋە دەرىخى

15_ ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىپ كەلگەن چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. 16سىلەر ئۇلارنى قىلغان ئىشلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈم، قامغاقتىن ئەنجۈر ئالغىلى بولامدۇ؟ 17ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، يامان دەرەخ يامان مېۋە بېرىدۇ. 18ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ. يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 19ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 20شۇنىڭدەك، ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ «مېۋىلىرى»دىن تونۇۋالالايسىلەر.

ھەقىقىي شاگىرت

21_ مېنى «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئەرشتىكى خۇدائاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 22قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۇق ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. 23ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار» دەيمەن.

ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر

24_ دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلغانلار تاش ئۈستىگە ئىمارەت سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. 25بۇ ئىمارەت يامغۇر يېغىپ، كەلكۈندە قالسىمۇ، بوران سوقسىمۇ، ئۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغاندۇر. 26بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار قۇم ئۈستىگە ئىمارەت سالغان ئەخمەقلەرگە ئوخشايدۇ. 27ئۇلارنىڭ بۇ ئىمارىتى يامغۇر يېغىپ، كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا ۋە بوراندا قالسا، ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ!

28ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. 29چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ تەلىملىرى ناھايىتى نوپۇزلۇق ئىدى.

8

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا تۆپىلىكتىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 2ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ:

_ ھەزرىتىم، بىلىمەنكى، خالىسىڭىز مېنى پاكلىيالايسىز! _ دېدى. 3ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن، _ دېۋىدى، ماخاۋ كېسىلى شۇ ئان ساقىيىپ پاكلاندى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، تېنىڭنى روھانىيغا تەكشۈرت. ئاندىن كېسەلدىن ساقايغانلىقىڭنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قۇربانلىقنى قىل، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى

5ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن شاپائەت تىلەپ:

6_ ھەزرىتىم، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قالدى، ئۇ ئۆيدە قاتتىق ئازاب ئىچىدە ياتىدۇ، _ دېدى.

7_ مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ بېرەي، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 8يۈزبېشى:

_ ھەزرىتىم، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىزلا، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 9مەنمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بولغان بىرىمەن. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ چوقۇم قىلىدۇ، _ دېدى.

10بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە:

_ مەن سىلەرگە دەپ قويايكى، ئىسرائىللار ئىچىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى كۆرمىگەنىدىم! 11سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شەرقتىن ۋە غەربتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 12لېكىن ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىدۇ. ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ، _ دېدى. 13ئاندىن يۈزبېشىغا:

_ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك بولىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ ئان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى

14ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشى بىلەنلا قىزىتمىسى يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.

16كەچقۇرۇن كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۇلارنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ چىقاردى ۋە كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى. 17شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان: «ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى ئۇ كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشتى.

ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى

18ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 19شۇ چاغدا تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇستازىم، سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىمەن، _ دېدى. 20بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ* باش تىققۇدەك يېرىمۇ يوق، _ دېدى.

21يەنە بىر شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، مەن ئالدى بىلەن ئاتامنى يەرلىككە قوياي، ئاندىن سىزگە ئەگىشەي! _ دېدى. 22ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگەشكىن، ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر يەرلىككە قويسۇن! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى

23ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشتى، شاگىرتلىرىمۇ بىللە ماڭدى. 24كۆل ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار كېمىنى يۇتۇپ كېتەي دەپ قالغانىدى. بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاۋاتاتتى. 25شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسىز! _ دېدى.

26_ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار، نېمانچە قورقىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى. 27شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دېيىشتى.

جىن چاپلاشقان ئادەملەرنىڭ ساقايتىلىشى

28ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارا دېگەن جايغا بارغىنىدا، ئۇنىڭغا جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى يولۇقتى. گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بۇ ئىككى كىشى شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. 29ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان:

_ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، نېمىشقا بىزگە چېقىلىسەن! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ توۋلىدى.

30شۇ ئەتراپتا چوڭ بىر توپ توڭگۇزلار ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. 31جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ:

_ ئەگەر سەن بىزنى ھەيدەپ چىقارماقچى بولساڭ، توڭگۇزلار توپىغا كىرگۈزۈۋەتكىن، _ دېدى. 32ھەزرىتى ئەيسا:

_ چىقىڭلار! _ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. پۈتۈن توڭگۇزلار توپى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. 33توڭگۇز باققۇچىلار شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، بولۇپمۇ جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خەلققە ئاڭلاتتى. 34شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەردىكىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

9

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ كۆلدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەر كەپەرناھۇمغا قايتىپ كەلدى. 2كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان پالەچ بىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچ ئادەمگە:

_ ئوغلۇم، خاتىرجەم بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

3بىرقانچە تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ ئويلىدى. 4ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟ 5«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ 6ئەمما ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن پالەچ ئادەمگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، _ دېدى.

7ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. 8بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەتتانى شاگىرتلىققا چاقىرىشى

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمى مەتتا بولۇپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. مەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

10ھەزرىتى ئەيسا مەتتانىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، نۇرغۇن باجگىرلار* ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 11بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا:

_ ئۇستازىڭلارنىڭ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى. 12بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا:

_ تېۋىپقا موھتاج بولغىنى ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەمدۇر. 13مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىقنى ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، _ دېدى.

كونىغا ئېسىلىۋالماسلىق

14شۇ ۋاقىتلاردا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرسا، مېھمانلار ھازا ئېچىپ، روزا تۇتامدۇ؟ ئەلۋەتتە تۇتمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار ھازا ئېچىپ، روزا تۇتىدۇ.

16ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ كىيىمنى يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 17شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال

18ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىر مەسئۇلى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا جان ئۈزدى، سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، _ دېدى.

19ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 20يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلىدى. 21ئۇ ئىچىدە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 22ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ:

_ قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! _ دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى.

23ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا ئېچىپ يىغلاۋاتقان ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ، 24ئۇلارغا:

_ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، _ دېدى. بىراق خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 25كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا قىز ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى. قىز ئورنىدىن تۇردى. 26بۇ خەۋەر پۈتۈن ئەتراپقا تارقالدى.

بىمارلارنىڭ ساقايتىلىشى

27ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى،* بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىراشتى.

28ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەر مېنىڭ سىلەرنى ساقايتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ ئىشەنگىنىڭلاردەك بولسۇن! _ دېيىشىگىلا، 30ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار! _ دەپ قاتتىق تاپىلىدى. 31لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، بۇ ئىشنى ئەتراپقا يېيىۋەتتى.

32ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلاشقان بىر گاچا ئېلىپ كېلىندى. 33ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ تېنىدىكى جىننى ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ:

_ بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيەدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، _ دېيىشتى. 34لېكىن پەرىسىيلەر:

_ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ باشلىقىغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىشىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

35ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، شۇنداقلا ھەر خىل كېسەل ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى. 36ئۇ ئالدىغا كەلگەن توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى. چۈنكى ئۇلار قويچى بولمىغان قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ۋە بىچارە ئىدى. 37شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاگىرتلىرىغا:

_ يىغىلىدىغان ھوسۇل كۆپتۇر، لېكىن ئىشلەيدىغانلار ئاز. 38شۇڭا سىلەر ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن ھوسۇل يىغىشقا كۆپرەك ئىشلەمچى ئەۋەتىپ بېرىشنى تىلەڭلار، _ دېدى.

10

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنى ئەۋەتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. 2ئون ئىككى ئەلچى دەپمۇ ئاتالغان شاگىرتنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، 3فىلىپ، بارتولوماي، توماس، باجگىر مەتتا، ھالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، 4ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.

5ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا مۇنداق كۆرسەتمە بەردى:

_ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار. 6پەقەت خۇدانىڭ ئازغان قوي پادىلىرىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا بېرىڭلار. 7بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ جاكارلاڭلار. 8كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدەڭلار. ھەقسىز ئالغىنىڭلارنى ھەقسىز بېرىڭلار. 9ھەميانىڭلاردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئېلىپ يۈرمەڭلار. 10سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئارتۇق چورۇق، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى ھەرقانداق ئىشلەمچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.

11بىرەر شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن ئۇ يەردە سىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان كىشىنى تېپىپ، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇڭلار. 12بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەڭلار. 13ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنى قارشى ئالسا، ئۇلارغا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 14سىلەرنى قارشى ئالمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. 15بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم ۋە گومورا* شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ!

كەلگۈسىدىكى زىيانكەشلىك

16_ مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا يىلاندەك سەزگۈر، لېكىن كەپتەردەك ئاق كۆڭۈل بولۇڭلار. 17پەخەس بولۇڭلار، چۈنكى بەزى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئىبادەتخانىلىرىدا قامچىلايدۇ. 18سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۆلكە باشلىقلىرى ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا ماڭا گۇۋاھ بولىسىلەر. 19سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلارنى خۇدا كۆڭلۈڭلارغا سالىدۇ. 20سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.

21قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ. 22ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. 23ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.

24شاگىرت ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 25شۇنىڭ ئۈچۈن شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟

26بىراق بۇنداقلاردىن قورقماڭلار. چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. 27مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار. 28تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، روھىڭلارنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، روھىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار. 29ئىككى قۇشقاچ بىر تەڭگىگە سېتىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار خالىماي تۇرۇپ، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ. 30سىلەرگە كەلسەك، سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. 31شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!

32كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن. 33بىراق كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا رەت قىلىمەن.

تىنچلىق ۋە جېدەل-ماجىرا

34_ مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچ ئېلىپ كەلدىم. 35مېنىڭ ۋەجىمدىن ئوغۇل ئاتىسىغا، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. 36ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەردۇر.

37ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. 38ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ،* ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. 39ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

40كىم سىلەرنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 41بىر پەيغەمبەرنى خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلار پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاش ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. دۇرۇس ئادەمنى ئۇنىڭ دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلارمۇ شۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش ئىنئامىمغا ئېرىشىدۇ. 42بىلىپ قويۇڭلاركى، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي بىرىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى ئىكەن دەپ، بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمغا ئېرىشىدۇ.

11

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سوئالى

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىغا كۆرسەتمە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ يەردىن ئايرىلدى.

2زىنداندىكى يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: 3«خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇق؟» دەپ سورىدى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا: 5«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. 6ئۇنىڭغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى.

7ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچى بولغانىدىڭلار؟ شامالدا تەۋرىنىپ تۇرغان قومۇشتەك بىرنىمۇ؟ 8ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ياق، بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدە ئەمەس، خان ئوردىسىدا بولىدۇ. 9ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى باردىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈنىنى كۆردۈڭلار. 10چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ ساڭا يول ھازىرلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 11بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، ئەمما ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. 12چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بېرى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا.* زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا. 13يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدە، شۇنداقلا تەۋراتتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن. 14ئەگەر سىلەر ئۇلار ئېيتقان ئالدىن بېشارەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىساڭلار، يەھيا پەيغەمبەر كېلىشى بېشارەت قىلىنغان ئىلياس پەيغەمبەردۇر.* 15سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!

16بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: 17«بىز سىلەرگە نەي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، ھازىمۇ تۇتمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. 18چۈنكى يەھيا پەيغەمبەر كېلىپلا روزا تۇتتى، شاراب ئىچمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى. 19ئىنسانئوغلى بولسا يېدى ھەم ئىچتى. بىراق ئۇلار: «ئۇ تازا بىر تويماس شارابخور ئىكەن، شۇنداقلا باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى ئىكەن» دېيىشتى. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت ئۆزىنىڭ بەرگەن مېۋىسى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلغانلار

20ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردىكى توۋا قىلمىغانلارنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى:

21_ ئەي قورازىنلىقلار، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي بەيتسايدالىقلار، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ياتلارنىڭ تىر ۋە سىدون دېگەن شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. 22بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ قىيامەت كۈنى سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. 23ئەي كەپەرناھۇملۇقلار، ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ياق، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر! چۈنكى ئاراڭلاردا ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى سودومدا ياراتقان بولسام، ئۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى. 24شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ قىيامەت كۈنى سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى سودومدىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇشاللىقى

25شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا، سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك ساددا كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيە ئوقۇيمەن. 26شۇنداق ئاتا، بۇ سېنىڭ ئىستىكىڭ ئىدى.

27ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئوغۇلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتىنىڭمۇ كىم ئىكەنلىكىنى ئوغۇلدىن باشقا ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار، مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مەن مۇلايىم ۋە كەمتەردۇرمەن، شۇڭا مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى بوينۇڭلارغا سېلىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، يۈكۈممۇ ئېغىر ئەمەس.

12

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدە

1بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا بىر دەم ئېلىش كۈنى بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. 2بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ قاراڭ، شاگىرتلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىۋاتىدۇ، _ دېيىشتى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 4ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە يېگەن ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. 5شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىيلار دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلىمەسلىك ئەمرىنى بۇزسىمۇ، تەۋراتتا ئۇلار گۇناھكار ھېسابلانمىغان. سىلەر بۇنى ئوقۇپ باقمىغانمۇ؟ 6بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغى بار. 7ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ: «مەن قۇربانلىقنى ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلسەڭلار ئىدى، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلىمەيتتىڭلار. 8ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.

قولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئىبادەتخانىغا باردى. 10ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىرەرىڭلارنىڭ قويى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟ 12ئادەم قويدىن كۆپ قىممەتلىكتە! دېمەك، دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن. 13ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات، _ دېدى.

ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قولىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلدى. 14شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.

خۇدا تاللىغان خىزمەتكار

15پەرىسىيلەرنىڭ نىيىتىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى 16ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىدى. 17شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى:

 

18«مانا بۇ مەن تاللىغان،

مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولغان سۆيۈملۈك خىزمەتكارىمدۇر!

مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىمەن.

ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى جاكارلايدۇ.

19ئۇ تالاش-تارتىش قىلمايدۇ، داۋراڭمۇ سالمايدۇ

ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەيدۇ.

20ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ،

ئۆچۈپ قالاي دېگەن چىراغنى ئۆچۈرمەيدۇ

ۋە چوقۇم ئادالەتنى زەپەر قۇچقۇزىدۇ.

21پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ.»

ھەزرىتى ئەيسا ۋە شەيتان

22شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلاشقان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. 23خالايىق ھەيران بولۇپ:

_ ئەجەبا، بۇ ئادەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟ _ دېيىشتى. 24بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر:

_ ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، _ دېيىشتى.

25ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ھەرقانداق شەھەردىكىلەر ياكى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ۋەيران بولۇش تەقدىردىن ساقلىنالمايدۇ. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتانمۇ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلارنى ھەيدىسە، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 27ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكىلەر جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 28ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىدىم. بۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

29كىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ؟ پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.

30مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. مەن بىلەن بىرگە يىغمىغانلار چېچىۋەتكۈچىلەردۇر. 31شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈلىدۇ. لېكىن مۇقەددەس روھقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق كەچۈرۈلمەيدۇ. 32ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئادەمنى ئەمەلىيىتىدىن تونۇش

33_ دەرەخ ياخشى بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ. دەرەخ يامان بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى مېۋىسىگە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ.

34ئەي زەھەرلىك يىلانلار، سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. 35ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. 36بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىسىلەر. 37ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ ئەيىبلىنىسىلەر.

ھەزرىتى ئەيسادىن مۆجىزە تەلەپ قىلىش

38شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بىز سىزدىن سىزنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە كۆرۈشنى خالايمىز، _ دېيىشتى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بۇ زاماننىڭ ئوسال ۋە ئېتىقادسىز ئادەملىرى مۆجىزە كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق ئۇلارغا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسىدىن باشقا مۆجىزە كۆرسىتىلمەيدۇ. 40يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ قوينىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ.* 41قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقانىدى. بىراق بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار. 42قىيامەت كۈنى شىبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەنىدى. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرى بار.

جىننىڭ قايتىپ كېلىشى

43_ جىن ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ 44ۋە: «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىن بۇرۇنقى ئۆيىگە، يەنى تەنگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلىنىپ، رەتلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. 45شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئادەمنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ زاماننىڭ رەزىل ئادەملىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

46ھەزرىتى ئەيسا خەلققە سۆزلەۋاتقاندا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ، تاشقىرىدا ساقلاپ تۇردى. 47بىرەيلەن ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ، _ دېدى.

48_ كىم مېنىڭ ئانام، كىملەر مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇ كىشىگە. 49ئاندىن ئۇ قولى بىلەن شاگىرتلىرىنى كۆرسىتىپ:

_ مانا ئانام، مانا ئىنىلىرىم! 50چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئىنىم، سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، _ دېدى.

13

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل

1شۇ كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، كۆل بويىدا ئولتۇردى. 2ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلدى، شۇڭا ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشتى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا نۇرغۇن ئىشلارنى تەمسىللەر بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

_ بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. 4چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ ۋە قۇشلار كېلىپ، ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5بەزى ئۇرۇقلار تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ، تاشلىق يەرنىڭ توپىسى تېيىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ. 6لېكىن ئۇرۇق چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ، قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزى ئۇرۇقلار تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئېگىز ئۆسۈپ، ئۆسكەن مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. 8يەنە بەزى ئۇرۇقلار بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. بۇ يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 9سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!

تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى

10شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ _ دەپ سوراشتى. 11ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. 12بارىغا يەنىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، بارىنىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ، يوقىنىڭ ھەتتا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 13كۆپچىلىككە تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، تىڭشىسىمۇ ئاڭلىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. 14دېمەك، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزلىرى ئۇلاردا ئىسپاتلاندى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:

 

«سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر،

قىلغانلىرىمنى كۆرىسىلەر، كۆرىسىلەر، لېكىن مەنىسىنى بىلمەيسىلەر.

15چۈنكى بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپ، قۇلاقلىرى پاڭ، كۆزلىرى كوردۇر.

ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرى ئاڭلايتتى،

قەلبىدىن چۈشىنەتتى ۋە مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ، شىپالىق تاپاتتى.»

 

16لېكىن سىلەر نەقەدەر بەختلىكسىلەر، چۈنكى كۆزۈڭلار كۆرىدۇ، قۇلىقىڭلار ئاڭلايدۇ! 17بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە دۇرۇس ئادەملەر سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىگەنىدى.

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

18_ ئەمدى ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار. 19ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ، ئۇنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆزلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. 20تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، بۇ ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغاندۇر. 21لېكىن خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قالغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىققا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدانىڭ يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 22تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، بۇ ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئەمما ھوسۇلسىز قالىدىغان ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغاندۇر، چۈنكى بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە مال-دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇپ قويىدۇ. 23مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمگە تەمسىل قىلىنغاندۇر. بۇنداق ئادەملەر ئەلۋەتتە ھوسۇل بېرىدۇ، بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.

ياۋا ئوت توغرىسىدىكى تەمسىل

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئادەمگە ئوخشايدۇ. 25بىر كېچىسى ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، دۈشمىنى كېلىپ، بۇغدايلارنىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپتۇ. 26مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا، ياۋا ئوتلارمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. 27خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «خوجايىن، سىز ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقانىدىڭىزغۇ، بۇ ياۋا ئوتلار نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. 28خوجايىن: «بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئىشى» دەپتۇ. چاكارلار: «بىز بېرىپ، ياۋا ئوتلارنى يۇلۇۋېتەيلىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. 29خوجايىن: «ياق، ياۋا ئوتلارنى يۇلىمىز دېسەڭلار، بۇغدايلارمۇ يۇلۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن. 30ئۇلارنى ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتىدا مەن ئورمىچىلارغا: ‹ئاۋۋال ياۋا ئوتلارنى يۇلۇڭلار، ئاندىن باغلاپ يىغىپ، كۆيدۈرۈڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغدايلارنى يىغىپ، ئامبىرىمغا قاچىلاڭلار› دەيمەن» دەپتۇ.

قىچا ئۇرۇقى ۋە خېمىرتۇرۇچ توغرىسىدىكى تەمسىللەر

31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 32قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ،* دەرەختەك بوي تارتىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.

33ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.

34ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. 35شۇنىڭ بىلەن بىر پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى:

 

«تەمسىل بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى،

بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.»

ياۋا ئوت توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

36شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كەتتى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ:

_ ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، _ دېدى. 37ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ياخشى ئۇرۇقلارنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر. 38ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر. 39ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى بولسا ئاخىر زامان، ئورمىچىلار پەرىشتىلەردۇر. 40ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ، ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 41ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ، 42لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ، 43ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!

خەزىنە ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت توغرىسىدىكى تەمسىللەر

44_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزغا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى ھاياجان ئىچىدە ئۇنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار-يوقىنى سېتىۋېتىدۇ.

45ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە قىممەت باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدەۋاتقان سودىگەرگە ئوخشايدۇ. 46سودىگەر قىممەت باھالىق مەرۋايىتنى تاپسا، بار-يوقىنى سېتىپ، ئۇنى سېتىۋالىدۇ.

تور تاشلاش توغرىسىدىكى تەمسىل

47_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە دېڭىزغا تاشلىنىپ، ھەر خىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. 48تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ناچارلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. 49قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ 50ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ بۇ سۆزلەرنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ چۈشەندۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 52ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىلا نەرسىسىنى ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىسىنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ.

ناسىرەلىكلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىشى

53ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، 54ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ئىبادەتخانىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان خەلق ھەيران بولۇپ:

_ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۆجىزە يارىتىش قۇدرىتى نەدىن كەلگەندۇ؟ 55ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يۈسۈپ، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ 56سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىكى بۇ قابىلىيەتلەر زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ _ دېيىشتى.

57شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.

58ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.

14

چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1ئۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھىرود 2قول ئاستىدىكىلەرگە:

_ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك، ئۇ چوقۇم تىرىلىپتۇ، شۇڭا ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىش قۇدرىتىگە ئىگە، _ دېدى.

3ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ھىرودىيەنىڭ يۈزىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. 4چۈنكى يەھيا ھىرودنى: «بۇ ئايالنى ئەمرىڭگە ئېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. 5ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارايتتى.

6ھىرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئايالى ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرودقا شۇنداق ياقتىكى، 7قىز نېمە تىلىسە شۇنى بېرىشكە قەسەم قىلدى. 8قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ھىرودقا:

_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، تەخسىگە قويۇپ كەلتۈرسىڭىز، _ دېدى.

9ھىرود تەڭقىسلىقتا قالغان بولسىمۇ، ئەمما مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن بۇ تەلەپنى ئورۇنداشنى بۇيرۇدى. 10شۇنىڭ بىلەن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ، 11كاللا بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز كاللىنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. 12يەھيانىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى دەپنە قىلدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەيساغا ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى

13ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز خىلۋەت بىر جايغا كېتىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كېلىشىپ، ئۇنى ئىزدەپ پىيادە مېڭىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.

15كەچقۇرۇن شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. كىشىلەرنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆزلىرىگە يېمەك سېتىۋالسۇن، _ دېدى.

16_ ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا ئۆزۈڭلار يېمەك بېرىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 17شاگىرتلار:

_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، _ دېيىشتى.

18_ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 19ئۇ كۆپچىلىكنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. شاگىرتلار نانلارنى كۆپچىلىككە تارقاتتى. 20ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىدىن لىق ئون ئىككى سېۋەت يىغىۋالدى. 21يېمەك يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەش مىڭچە ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى

22بۇ ئىشتىن كېيىنلا ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى دەرھال كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆزىدىن ئاۋۋال ئۆتۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. 23ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. 24بۇ چاغدا كېمە قىرغاقتىن خېلى ئۇزاقتا دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تەستە ئىلگىرىلەۋاتاتتى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن بوران چىقىۋاتاتتى.

25تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى. 26شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. ئۇلار:

_ ئۇ بىر ئالۋاستى! _ دېيىشتى ۋە قورقۇپ، چۇقان سېلىشتى. 27لېكىن ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:

_ خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! _ دېدى. 28پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ ئى رەببىم، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا ئەمر قىلىڭ، _ دېدى.

29_ كەل، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ھەزرىتى ئەيساغا قاراپ ماڭدى. 30لېكىن قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا:

_ رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى. 31ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ _ دېدى.

32ئۇلار كېمىگە چىققاندا، بوران توختىدى. 33شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ:

_ سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ گىنەساردا بىمارلارنى ساقايتىشى

34ئۇلار كۆلنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقتى. 35ئۇ يەرنىڭ خەلقى ھەزرىتى ئەيسانى تونۇپ، ئەتراپتىكى جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. كىشىلەر بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، 36ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تونىغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.

15

ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟

1بۇ چاغدا يېرۇسالېمدىن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

2_ شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ ئۇلار تاماقتىن ئىلگىرى قوللىرىنى يۇمايدىكەنغۇ، _ دېدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزگە رىئايە قىلىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ 4خۇدا: «ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. 5لېكىن سىلەر: «بىر كىشى ئاتا-ئانىسىغا: ‹مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىۋەتتىم› دېسە، 6ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ» دەيسىلەر. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. 7ئەي ساختىپەزلەر، خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە:

 

8«بۇ ئادەملەر ئېغىزىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ،

لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق.

9ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر.

چۈنكى ئۇلارنىڭ خەلققە بەرگەن تەلىملىرى

ئىنسانلار ياراتقان قائىدە-يوسۇنلاردۇر.»

 

10ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەرنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشىڭلار ھەم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، 11ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، _ دېدى.

12كېيىن شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ، _ دېدى. 13ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ. 14ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار، ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

15پېترۇس:

_ بايا ئېيتقان ناپاكلىق توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسىز، _ دېدى. 16ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەمسىلەر؟ 17ئېغىزغا كىرگەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 18لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئەنە شۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. 19چۈنكى يامان خىيال، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ. 20ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى مانا مۇشۇلاردۇر. يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ.

يەھۇدىي ئەمەس ئايالنىڭ ئېتىقادى

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپلىرىغا باردى. 22شۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلاردىن بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ھەزرىتىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ھالىمغا يەتكەيسىز! قىزىمغا جىن چاپلاشقانىدى، ھالى بەك خاراب، _ دەپ زارلىدى.

23لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بۇ ئايالنى يولغا سالغايسىز! بۇ ئايال يول بويى بىزگە ئەگىشىپ ۋارقىراپ يۈردى، _ دەپ تەلەپ قىلدى.

24ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا قاراپ مۇنداق دېدى:

_ مەن پەقەت خۇدانىڭ ئازغان قويلىرى، يەنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلدىم. 25ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ:

_ ھەزرىتىم، ماڭا شاپائەت قىلغايسىز! _ دېدى. 26ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بالىلارنىڭ نېنىنى كۈچۈكلەرگە تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس،* _ دېدى. 27ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ شۇنداق ھەزرىتىم، بىراق كۈچۈكلەرمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، _ دېدى. 28شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن، تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى. شۇ ئان ئۇ ئايالنىڭ قىزى ساقىيىپ كەتتى.

كېسەللەرنىڭ ساقايتىلىشى

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە كۆلىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. 30ئۇنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلدى. ئۇلار يەنە توكۇر، قارىغۇ، چولاق، گاچا ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا قويۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. 31خەلق گاچىلارنىڭ تىلىنىڭ چىققانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى، قارىغۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى.

تۆت مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى

32ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:

_ بۇ ئادەملەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن، _ دېدى. 33شاگىرتلار ئۇنىڭغا:

_ بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ _ دېيىشتى.

34_ قانچە نېنىڭلار بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىقىمىز بار، _ دېيىشتى ئۇلار.

35شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. 36ئاندىن يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى، ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 37ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. 38يېمەك يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يېزىسىنىڭ ئەتراپىغا باردى.

16

مۆجىزە كۆرسىتىش تەلىپى

1بەزى پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى سىناپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ كەچقۇرۇن سىلەر ئۇپۇقتا قىزىل شەپەق كۆرسەڭلار، ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ دەيسىلەر. 3ئەتىگەندە سىلەر ئاسماننىڭ رەڭگىنى قىزىل ۋە بۇلۇتلۇق كۆرسەڭلار، بۈگۈن ھاۋا بۇزۇلىدۇ دەيسىلەر. سىلەر ئاسماننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەر-يۇ، ئەمما بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرەلمەيسىلەر! 4بۇ زاماننىڭ ئوسال ۋە ئېتىقادسىز ئادەملىرى مۆجىزە كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق ئۇلارغا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسىدىن باشقا مۆجىزە كۆرسىتىلمەيدۇ.

ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ كەتتى.

ساختا تەلىمدىن ساقلىنىش

5شاگىرتلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. 6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، _ دېدى.

7شاگىرتلار بىر-بىرىگە:

_ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، _ دېيىشتى. 8ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار، نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ 9تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم ۋە يەنە بىرمۇنچە سېۋەت نان پارچىلىرىنى يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 10يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم ۋە يەنە بىرمۇنچە سېۋەت نان پارچىلىرىنى يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 11سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئېيتقىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ مەن يەنە سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دەيمەن. 12شاگىرتلار شۇندىلا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختا تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى مەسىھ دەپ تونۇشى

13ھەزرىتى ئەيسا قەيسەرى فىلىپ رايونىغا كەلگىنىدە، شاگىرتلىرىدىن:

_ كىشىلەر ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 14شاگىرتلىرى:

_ بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. 16پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن:

_ سىز قۇتقۇزغۇچى مەسىھسىز، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلىسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى. 17ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمۇن، سەن نېمىدېگەن بەختلىك! بۇنى ساڭا ئاشكارىلىغۇچى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتام خۇدادۇر. 18ساڭا شۇنى ئېيتايكى، ئىسمىڭ پېترۇسنىڭ مەنىسى قورام تاشقۇ! مەن مانا بۇ قورام تاش ئۈستىگە جامائىتىمنى قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ قارا كۈچلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. 19ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلغاندۇر. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغاندۇر، _ دېدى. 20بۇ سۆزلەردىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

21شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىدىغانلىقىنى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى شاگىرتلىرىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. 22بۇ گەپنى ئاڭلىغان پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ ۋە ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ يا رەببىم، نېمىشقا بۇنداق خىيالدا بولىسىز؟ بېشىڭىزغا بۇنداق ئىشلار ئەسلا كەلمەيدۇ! _ دېدى. 23لېكىن ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا قاراپ:

_ ئەي شەيتان، يوقال كۆزۈمدىن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، _ دېدى.

24كېيىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ كىمدىكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىنىڭ نەپسىنى يىغىپ ۋە كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 25چۈنكى ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 26بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ مەڭگۈلۈك ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ بەدىلىگە نېمە بېرىپ، ھاياتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن؟! 27ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپىگە پۈركىنىپ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ ۋە ھەركىمنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جاۋاب قايتۇرىدۇ. 28بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.*

17

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى

1ئالتە كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. 2ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى ئاقىرىپ، نۇردەك چاقنىدى. 3توساتتىن شاگىرتلارغا مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. 4پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز بەك ياخشى بولدى! خالىسىڭىز، بىرىنى سىزگە، بىرىنى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرىنى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتاپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي، _ دېدى.

5پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 6شاگىرتلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ، يەرگە دۈم يېتىشتى. 7بىراق ھەزرىتى ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ:

_ قوپۇڭلار، قورقماڭلار، _ دېدى. 8ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى.

9ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلمىگۈچە كۆرگەنلىرىڭلارنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، _ دەپ قاتتىق تاپىلىدى.

10ئاندىن شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 11ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى تەييار قىلىدۇ. 12بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇلار ئىنسانئوغلىغىمۇ ئازاب سالىدۇ.

13شۇ چاغدا شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىلياس پەيغەمبەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى.

جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى

14ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ:

15_ ھەزرىتىم، ئوغلۇمنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز! بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا، قاتتىق ئازاب چەكمەكتە. ئۇ دائىم ئوتقا ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 16ئۇنى شاگىرتلىرىڭىزغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ئۇلار ساقايتالمىدى، _ دېدى. 17ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەي بۇ زاماننىڭ ئېتىقادسىز ۋە ئازغۇن ئادەملىرى، سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە سىلەر بىلەن يەنە قانچە ۋاقىت بىرگە بولۇشۇم ۋە قاچانغىچە سەۋر قىلىشىم كېرەك؟

18ھەزرىتى ئەيسا جىنغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇ ئان ساقايدى.

19كېيىن ھەزرىتى ئەيسا يالغۇز قالغاندا، شاگىرتلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىيالمىدۇق؟ _ دەپ سوراشتى.

20_ ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك بولسىمۇ ئېتىقاد بولسا ئىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە يۆتكەل!» دېسەڭلار، يۆتكەلگەن بولاتتى ۋە سىلەر قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايتتى. { 21بىراق بۇنداق جىنلارنى پەقەت دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا قوغلىغىلى بولىدۇ.}

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى ئىككىنچى قېتىم ئېيتىشى

22‏-23ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئىنسانئوغلى باشقىلارغا تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ، _ دېدى. بۇ سۆز شاگىرتلارنى غەم-قايغۇغا سالدى.

ئىبادەتخانا بېجى تاپشۇرۇش

24ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئۇستازىڭلار ئىبادەتخانا بېجىنى تۆلىمەمدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

25_ تۆلەيدۇ، _ دېدى پېترۇس.

پېترۇس ئۆيگە كېلىشىگىلا ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

_ سىمۇن، سېنىڭچە دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 26پېترۇس:

_ باشقىلاردىن، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا:

_ شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلەر باجدىن خالىيدۇر. 27بىراق باج يىغقۇچىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيلى، كۆلگە بېرىپ قارماق تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ، بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ، ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، _ دېدى.

18

ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشى

1بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا كىمنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى؟ _ دەپ سورىدى.

2ھەزرىتى ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى:

3_ بىلىپ قويۇڭلاركى، يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك بولمىساڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. 4ئەگەر كىمكى مۇشۇ كىچىك بالىدەك كەمتەر بولسا، شۇنىڭ مەرتىۋىسى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. 5كىم مېنى دەپ مۇشۇنداق كىچىك بالىلارنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 6لېكىن كىمدىكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان مۇشۇنداق كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرسا، بۇنداق ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلىپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە چۆكتۈرۈۋېتىلىشى ئەۋزەلدۇر. 7ئىنساننى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق تۇزاقلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا تېخىمۇ ۋاي!

8ئەگەر بىر قولۇڭ ياكى بىر پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 9ئەگەر بىر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. چۈنكى ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاخ ئوتىغا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئازغان قوي توغرىسىدىكى تەمسىل

10_ بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگە سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. 11ئىنسانئوغلى ئازغان ئادەملەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.

12ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئادىشىپ قالسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ قويۇپ، ئاداشقان قويىنى ئىزدىمەمدۇ؟ 13بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۇ ئاداشقان قوينى تېپىۋالسا، ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئاداشمىغان توقسان توققۇز قويى ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقىدىن تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. 14شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سەبىيلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئېزىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ.

خاتالىق ئۆتكۈزگەن قېرىندىشىغا بولغان مۇئامىلە

15_ ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەر. بۇ ئىش ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالىسەن. 16ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭغا گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتا بار. ھەرقانداق ئىشنى ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار. 17ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئۇقتۇرۇپ قوي. ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئۇنى بۇتپەرەس ياكى ئىنساپسىز باجگىر قاتارىدا كۆر.

18بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭلار ئەرشتىمۇ يول قويۇلغاندۇر. سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭلار ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغاندۇر. 19شۇنى يەنە بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككى كىشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. 20چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.

شەپقەتسىز چاكار

21بۇ چاغدا پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئى رەببىم، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا قارشى ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك، يەتتە قېتىممۇ؟ _ دېدى. 22ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويغىنكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم. 23شۇ سەۋەبتىن ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆز چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. 24پادىشاھ ھېساب-كىتاب قىلىشنى باشلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا مىليونلىغان كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. 25چاكارنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنى، ئايالىنى، بالىچاقىسىنى ۋە بارلىق مال-مۈلكىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. 26چاكار يەرگە تىزلىنىپ، پادىشاھقا: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 27پادىشاھنىڭ چاكارغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ.

28لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ. 29بۇ چاكارمۇ يەرگە تىزلىنىپ: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغىن، قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 30لېكىن چاكار بۇنى رەت قىلىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ. 31بۇ ئەھۋالنى ئۇققان باشقا چاكارلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن خاپا بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى تولۇق خەۋەر قىلىپتۇ.

32شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي يامان چاكار، ماڭا يالۋۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنى كەچۈردۈم. 33مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ. 34ئاندىن غەزەپلەنگەن پادىشاھ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلىگۈچە زىنداندا ياتقۇزۇش ئۈچۈن ۋەھشىي گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

35شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەممىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.

19

تالاق قىلىش توغرىسىدا

1ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلار رايونىغا باردى. 2زور بىر توپ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللەرنى شۇ يەردىلا ساقايتتى.

3ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ بىرىنىڭ مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەلۇم بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 4ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ تەۋراتتا ياراتقۇچىنىڭ ئەلمىساقتا ئىنسانلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ يارىتىشى 5ۋە «بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دەپ يېزىلغاندۇر. 6شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى. 7پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ _ دەپ سوراشتى. 8ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەر تەرسا بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەر ئايالىڭلارنى تالاق قىلىشىڭلارغا رۇخسەت قىلغانىدى. بىراق ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا تالاق قىلىش يوق ئىدى. 9بىراق مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان ھېسابلىنىدۇ.

10شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئەگەر ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، _ دېدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ سۆزلەرنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت خۇدا نېسىپ قىلغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. 12ئۆيلەنمەيدىغان كىشىلەر خىلمۇخىلدۇر. بەزىلەر تۇغما جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلار، بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغانلار، يەنە بەزىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆيلىنىشتىن ۋاز كەچكەنلەردۇر. بۇ سۆزلەرنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

13كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىشى ئۈچۈن كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. بىراق شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، _ دېدى. 15ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ بەخت تىلىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى.

بايلىق ۋە مەڭگۈلۈك ھايات

16بىر كۈنى بىر يىگىت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ _ دەپ سورىدى. 17ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، _ دېدى.

18_ قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ _ دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ قاتىللىق قىلماڭلار، زىنا قىلماڭلار، ئوغرىلىق قىلماڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار، 19ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار ۋە باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار.

20_ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى يىگىت. 21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كەم-كۈتىسىز ئادەم بولۇشنى خالىسىڭىز، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ، _ دېدى.

22بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 23ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بايلارنىڭ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس. 24يەنە شۇنىمۇ ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس! _ دېدى.

25بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار بەكمۇ ھەيران بولۇشۇپ:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇلىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 26ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:

_ بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى. 27شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭدىن:

_ مانا بىز ھەممە نەرسىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق، بىز بۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ _ دەپ سورىدى. 28ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، يېڭى دۇنيا يېتىپ كېلىپ، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر. 29مېنى دەپ ئۆيلىرىدىن، يا ئاكا-ئۇكىلىرىدىن، يا ئاچا-سىڭىللىرىدىن، يا ئاتا-ئانىسىدىن، يا بالىچاقىلىرىدىن، يا يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەر يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقىغا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 30لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقى قاتاردا بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاخىرقى قاتاردىكىلەر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ.

20

ئۈزۈمزارلىقتىكى ئىشلەمچىلەر

1ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلىتىشكە ئادەم ياللاش ئۈچۈن قاق سەھەردە سىرتقا چىققان يەر ئىگىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. 2ئۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈنلۈكىگە بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. 3سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار يۈرگەن باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. 4ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار، ھەققىڭلارنى مۇۋاپىق بېرىمەن» دەپتۇ. 5ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈش ۋاقتىدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىشلەمچىلەردىن يەنە بىرقانچىنى ياللاپتۇ. 6سائەت بەشلەردە ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، باشقا ئىشلەمچىلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. 7«بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا.

8كەچقۇرۇنلۇقى يەر ئىگىسى غوجىدارغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئىش ھەققىنى بەرگىن، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگە ئاخىردا بەرگىن» دەپتۇ. 9چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئىشقا چۈشكەنلەر كېلىپ، غوجىداردىن بىر كۈمۈش تەڭگىدىن ئېلىشىپتۇ. 10ئەڭ ئاۋۋال ئىشقا چۈشكەنلەر تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ دەپ ئويلىشىپتۇ. بىراق ئۇلارغا نۆۋەت كەلگەندە، غوجىدار ئۇلارغىمۇ بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىپتۇ. 11ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىسىدىن رەنجىپ: 12«كېيىن كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارغا كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا ئازاب چەككەن بىزگە ئوخشاش ھەق بەردىڭىز!» دېيىشىپتۇ. 13يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقچىلىك قىلغىنىم يوق، سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە كېلىشمىگەنمىدۇق؟ 14ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن، كېيىن كەلگەنلەرگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرسەم نېمە بوپتۇ؟ 15ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

16دېمەك، ئاخىرقى قاتاردىكىلەر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقى قاتاردا بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى

17ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

18_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، 19رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، كرېستكە مىخلايدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.

بىر ئانىنىڭ تەلىپى

20شۇ چاغدا زەبەدىينىڭ ئايالى ئون ئىككى شاگىرت ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەلىپى بارلىقىنى ئېيتتى.

21_ نېمە تەلىپىڭىز بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. ئايال ئۇنىڭغا:

_ سىزنىڭ پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇمنىڭ بىرىنى ئوڭ يېنىڭىزدا، يەنە بىرىنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، _ دېدى.

22_ سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟

_ ئىچەلەيمىز، _ دېيىشتى ئۇلار. 23ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەر ھەقىقەتەن مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىگە شېرىك بولىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. ئاتام ئۇ ئورۇنلارنى كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ.

24بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. 25لېكىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكى خەلقنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدۇ، ئەمەلدارلىرى ئۇلارغا يانتاياق بولىدۇ. 26بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن. 27كىمكى ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇشنى خالىسا، شۇ قالغانلارنىڭ قۇلى بولسۇن. 28ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا كەلدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى قارىغۇنى ساقايتىشى

29ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى ئېرىخا شەھىرىدىن ئايرىلغاندا، ئۇلارغا توپ-توپ كىشىلەر ئەگىشىپ ماڭدى. 30يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى قارىغۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ:

_ ئى ھەزرىتىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.

31كۆپچىلىك ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلار:

_ ئى ھەزرىتىم، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىراشتى. 32ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

33_ ئى ھەزرىتىم، كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز! _ دېيىشتى ئۇلار.

34ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزگەنىدى، كۆزلىرى شۇ ئان ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشتى.

21

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ قالغاندا، ئىككى شاگىرتىنى زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى يېزىسىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، 2ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەردە باغلاقلىق تۇرغان بىر ئېشەك بىلەن بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ، ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. 3بىرى سىلەرگە بىرنېمە دېسە، «رەببىمىزنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار. ئۇ دەرھال قوشۇلىدۇ.

4شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن پەيغەمبەر ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى:

 

5«سىئون قىزىغا ئېيتىڭلار:

‹مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ،

ئۇ كىچىك پېئىلدۇر،

يېنىڭغا كېلىۋاتىدۇ.

ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.›»

 

6ھېلىقى ئىككى شاگىرت بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 7ئۇلار ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىلىرىگە چاپانلىرىنى سالدى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى مىندۈردى. 8نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى. 9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق:

 

«پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر!

پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!

ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.

 

10ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى لەرزىگە كېلىپ:

_ بۇ كىمدۇ؟ _ دېيىشتى. 11كىشىلەر:

_ بۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى

12ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ* ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى 13ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئىبادەتخانام دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان جاي دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر!

14ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن قارىغۇ ۋە توكۇرلارنى ساقايتتى. 15لېكىن ئالىي روھانىيلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر!» دەپ توۋلاشلىرىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى. 16ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئاڭلاۋاتىمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «بالىلار ۋە بوۋاقلارغا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى» دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇمىغانمۇ؟

17ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ، بەيتانىيا يېزىسىغا بېرىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.

ئېتىقادنىڭ كۈچى

18ئەتىسى ئەتىگەندە ھەزرىتى ئەيسا شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتاتتى، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 19ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ:

_ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! _ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇ ئان قۇرۇپ كەتتى. 20بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ھەيران بولۇپ:

_ ئەنجۈر دەرىخى قانداقچە بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى! _ دەپ سورىدى. 21ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، قىلچە گۇمانلانماي خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەن ئەنجۈر دەرىخىگە قىلغاننى سىلەرمۇ قىلالايسىلەر. ھەتتا بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلارمۇ، دېگىنىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. 22ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى

23ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ _ دەپ سوراشتى. 24ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. ئەگەر سىلەر سوئالىمغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي. 25يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ خۇدامۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟

ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ:

_ ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 26ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقمىساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارايدۇ، _ دېيىشتى. 27شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىلمەيمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

_ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

ئىككى ئوغۇل توغرىسىدىكى تەمسىل

28ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ چوڭ ئوغلىغا: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. 29«بارمايمەن» دەپتۇ ئوغلى، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ، يەنىلا بېرىپتۇ. 30ئۇ ئادەم ئىككىنچى ئوغلىغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ دادا، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. 31بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندىغان بولىدۇ؟

_ چوڭ ئوغلى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنساپسىز باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرىدۇ. 32چۈنكى يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلمىدىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.

يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل

33_ يەنە بىر تەمسىل ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۈزۈم ئېزىش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىقتا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە كۆزىتىش مۇنارى ياسىتىپتۇ. كېيىن ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. 34ئۈزۈم ئۈزۈش ۋاقتى كەلگەندە، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئەكېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 35لېكىن ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. 36يەر ئىگىسى بۇ قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق ئىجارىكەشلەر ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىپتۇ. 37ئاخىردا يەر ئىگىسى «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. 38لېكىن ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «ئۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورىدۇر. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. 39شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. 40بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى كەلسە، ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟

41ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇ ۋەھشىي ئادەملەرنى قىلچە رەھىم قىلماي يوقىتىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىنى ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 42ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر زەبۇردىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟

 

«كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،

لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.

پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ،

كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.»

 

43شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. 44كىمكى بۇ «تاش»نىڭ ئۈستىگە يىقىلسا، شۇ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.

45ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. 46ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارايتتى.

22

توي زىياپىتى توغرىسىدىكى تەمسىل

1ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:

2_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان توي زىياپىتىگە ئوخشايدۇ. 3توي كۈنى پادىشاھ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن چاكارلىرىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن مېھمانلار كېلىشنى خالىماپتۇ. 4شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. بۇقا ۋە بوردالغان كالىلىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!» دەپتۇ. 5بىراق مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ. 6قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. 7غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلار ياشايدىغان شەھەرگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. 8ئاندىن چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار، لېكىن چاقىرىلغانلار لايىق بولۇپ چىقمىدى. 9ئەمدى سىلەر يول ئاچاللىرىغا بېرىپ، ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تويغا تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. 10شۇنىڭ بىلەن چاكارلار يول ئاچاللىرىغا چىقىپ، ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ، ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكېلىپتۇ. توي بولغان ئورۇن مېھمانلار بىلەن تولۇپتۇ.

11پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئۇ يەردە توي كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. 12پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، توي كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، لېكىن ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەپتۇ. 13پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا تاشلاڭلار! ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ» دەپتۇ. 14ئاخىردا ھەزرىتى ئەيسا:

_ تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز، _ دېدى.

باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

15شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن كېتىپ، قانداق قىلىپ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. 16ئۇلار ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنى رىم تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ھىرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىرگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ:

_ ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ۋە ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. 17قېنى، ئېيتىپ باقسىڭىز، رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىغا خىلاپمۇ ياكى خىلاپ ئەمەسمۇ؟* _ دېيىشتى.

18ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئەي ساختىپەزلەر، نېمىشقا مېنى ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرمەكچى بولىسىلەر؟ 19باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، _ دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى. 20ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

21_ رىم قەيسىرىنىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

_ ئۇنداق بولسا، رىم قەيسىرىنىڭ ھەققىنى رىم قەيسىرىگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

22ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇشتى-دە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.

تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

23شۇ كۈنى ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ دەپ قارايدىغان سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇنداق دەپ سورىدى:

24_ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرسۇن» دەپ تەلىم بەرگەن ئەمەسمۇ؟ 25بۇرۇن بۇ يەردە يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپتۇ. 26بىراق ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەڭگىسى كەينىدىكى ئىنىسىغا ياتلىق بولۇپتۇ. بۇ ئىش تاكى يەتتىنچى ئىنىسىغىچە داۋاملىشىپتۇ. 27ئاخىردا ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 28ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر ئۆلگەنلەر راست تىرىلسە، بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىدىن قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان ئەمەسمۇ!؟

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر. 30ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. 31ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ: 32«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر.

33بۇلارنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن داڭ قېتىپ قېلىشتى.

ئەڭ مۇھىم ئەمر

34پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. 35ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

36_ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ _ دەپ سورىدى. 37ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ «پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار، پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.» 38مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى ئەمردۇر. 39ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر مۇھىم ئەمر بولسا «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار»دۇر. 40پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغاندۇر.

قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

41پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

42_ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ _ دەپ سورىدى.

_ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، _ دېيىشتى ئۇلار. 43ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پادىشاھ داۋۇت مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى «ئىگەم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ:

 

44«پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:

‹سەن ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

كۈتكىن تاشلىشىمنى دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.›»

 

45داۋۇت مەسىھنى «ئىگەم» دېگەن بولسا، مەسىھ قانداق بولۇپ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولىدۇ؟

46ھەزرىتى ئەيسانىڭ سوئالىغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى.

23

ساختىپەزلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى

1شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا خالايىققا ۋە شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

2_ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرگە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەندۇر. 3شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار، لېكىن قىلغانلىرىنى قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ. 4ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلەر ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمايدۇ. 5ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن باغلىۋالىدىغان ئايەت قۇتىلىرىنى* چوڭايتىدۇ ۋە تونلىرىنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان چۇچىلىرىنى* ئۇزارتىدۇ. 6ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى 7ۋە بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشىنى ۋە «ئۇستاز» دەپ ئاتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

8بىراق سىلەر «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشقا كۆنمەڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش. 9يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى ھۆرمەتلەپ «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرشتىكى ئاتاڭلاردۇر. 10سىلەر «خوجايىن» دەپ ئاتىلىشقىمۇ كۆنمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا خوجايىنىڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ قۇتقۇزغۇچى مەسىھتۇر. 11ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى قالغانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن. 12ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

13ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.

{ 14ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەيسىلەر، ئاندىن باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر، شۇڭا تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.}

15ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر بىرەر ئادەمنى مەزھىپىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن يەر-جاھاننى ئايلىنىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى مەزھىپىڭلارغا كىرگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى دوزاخقا كىرىشكە ئۆزۈڭلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.

16ئەي قارىغۇ يولباشچىلار، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر: «مەركىزى ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر. 17ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟ 18سىلەر يەنە: «قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قۇربانلىقلارنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر. 19ئەي كورلار، قۇربانلىق ئۇلۇغمۇ ياكى قۇربانلىقنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانلىق سۇپىسىمۇ؟ 20شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەم ئۇنىڭدىكى قۇربانلىقنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. 21ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ئىبادەتخانىنى ھەم ئىبادەتخانىدا بولغۇچى خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. 22ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغان خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ.

23ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 24ئەي قارىغۇ يولباشچىلار، سىلەر چىنەڭلارغا چۈشكەن كىچىككىنە پاشىنىمۇ سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسلەر!

25ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغاندۇر. 26ئەي قارىغۇ پەرىسىيلەر، ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلاڭلار، شۇندىلا چىنە-قاچىنىڭ تېشىمۇ پاك بولىدۇ.

27ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر سىرتى ئاقارتىلغان ۋە كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخىنى ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. 28تېشىڭلاردىن كىشىلەرگە دۇرۇس ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە يامانلىققا تولغاندۇر.

29ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ، ئادىل كىشىلەرنىڭ ئابىدىلىرىنى بېزەپ: 30«بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق، ئۇلاردەك پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولمىغان بولاتتۇق» دەيسىلەر. 31دېمەك، «ئەجدادلىرىمىز» دېگەن سۆزۈڭلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ نەۋرىلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بەردىڭلار. 32شۇنداق ئىكەن، ئەجدادلىرىڭلار باشلاپ بەرگەن ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىڭلار!

33ئەي زەھەرلىك يىلانلار، يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى، دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلارسىلەر؟ 34مانا شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. 35شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زىكىرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەر يۈزىگە تۆكۈلگەن ھەممە بىگۇناھلارنىڭ قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر. 36بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسى مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ بوينىغا چۈشىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن نالە قىلىشى

37_ ئەي يېرۇسالېملىقلار، يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار، مەن خۇددى ئۆزىنىڭ چۈجىلىرىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا ئالماقچى بولغان مېكىياندەك سىلەرنىمۇ قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. 38مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. 39شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر.

24

مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى توغرىسىدىكى بېشارەت

1ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرىغا تارتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مانا بۇ ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالمايدۇ، ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ، _ دېدى.

كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەتلەر

3ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 5چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 6سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى دېگەنلىك ئەمەس. 7بىر ئەل يەنە بىر ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. 8مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.

9ئۇ چاغدا سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، ئازاب تارتىسىلەر ۋە ئۆلتۈرۈلىسىلەر. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 10ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. 11نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. 12رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەردە مېھىر-مۇھەببەت قالمايدۇ. 13لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. 14بارلىق ئەللەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشى ئۈچۈن بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ. شۇندىلا ئاخىر زامان بولىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى چوڭ بالايىئاپەت

15_ دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (ئوقۇرمەنلەر بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)، 16يەھۇدىيەدىكىلەر تاغلارغا قاچسۇن. 17ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. 18ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 19ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 20قېچىشىڭلارنىڭ قىش ياكى دەم ئېلىش كۈنىگە* توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 21چۈنكى ئۇ كۈنلەردە يۈز بېرىدىغان بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان ۋە كەلگۈسىدىمۇ يۈز بەرمەيدىغان بالايىئاپەتلەردۇر. 22ئەگەر ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، بۇ بالايىئاپەتلەردىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ.

23ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 24چۈنكى ئۇ چاغدا ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار مۇمكىن قىلالىسا، ھەتتا پەرۋەردىگار تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ئازدۇرىدۇ. 25مەن سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇردۇم، سۆزلىرىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

26شۇنىڭ ئۈچۈن بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، مەسىھ چۆل-باياۋاندا ئىكەن!» دېسە، ئۇ يەرگە بېرىپ يۈرمەڭلار. «قاراڭلار، مەسىھ ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 27چۈنكى ئىنسانئوغلى كەلگەندە، ئۇنى پۈتكۈل ئىنسان كۆرىدۇ. ئۇ خۇددى پۈتۈن ئاسماننى شەرقتىن غەربكىچە يورۇتقان چاقماققا ئوخشايدۇ. 28جەسەت تاپ قۇشلىرىغا ئاياندۇر، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشىمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئاياندۇر.

ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى

29_ ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس. يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ساماۋى كۈچلەر لەرزىگە كېلەر. 30شۇ چاغدا ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ بۇلۇتلار ئۈستىدە قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 31ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق كاناي ساداسى بىلەن دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ھەممە يېرىدىن يىغىپ، بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

32_ ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. ئۇنىڭ شاخلىرى بىخلاپ، يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 33خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنى كۆرگىنىڭلاردا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 34شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد* كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. 35ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى

36_ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى، نە ئوغلى بىلمەيدۇ. 37نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا ئىشلار قانداق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ. 38توپان كېلىپ نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە چىققانغا قەدەر كىشىلەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ ياشىدى. 39تۇيۇقسىز توپان كېلىپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلغۇچە، ئۇلار ھېچنېمىنى بىلمىدى. ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز بولىدۇ. 40ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگەن كۈنى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىككى كىشىدىن بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 41يارغۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 42شۇنىڭ ئۈچۈن ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايسى كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. 43لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىنىڭ قايسى ۋاقتىدا كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئويغاق ئولتۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. 44شۇڭا سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ!

ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىز خىزمەتكار

45_ كىم ئىشەنچلىك ۋە ئەقىللىق خىزمەتكار بولسا، خوجايىن شۇنى باشقا چاكارلارنى باشقۇرۇشقا ۋە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىملەشكە قويىدۇ. 46خوجايىن سەپەردىن قايتىپ كېلىپ، خىزمەتكارىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرسە، خىزمەتكارىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. 47بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 48لېكىن خىزمەتكار يامان ئادەم بولۇپ، كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، 49باشقا چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرسە، 50خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى ۋە ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، 51ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ.

25

ئون قىز قولداش توغرىسىدىكى تەمسىل

1_ ئۇ ۋاقىتتا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنى قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ، تويى بولغان يىگىتنى كۈتۈۋالغىلى چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. 2بۇ قىزلارنىڭ بەشى ئەقىلسىز، بەشى ئەقىللىق ئىكەن. 3ئەقىلسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، ياغ ئېلىۋالماپتۇ. 4ئەقىللىق قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىرگە قاچىلارغىمۇ ياغ ئېلىۋاپتۇ. 5يىگىت ۋاقتىدا كەلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.

6يېرىم كېچىدە: «يىگىت كەلدى، ئالدىغا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. 7شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، چىراغلىرىنىڭ ئوتىنى كۈچەيتىپتۇ. 8ئەقىلسىز قىزلار ئەقىللىق قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى، يېغىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. 9ئەقىللىق قىزلار: «سىلەرگە بەرسەك، سىلەرگىمۇ ھەم بىزگىمۇ يەتمەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى، دۇكانغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. 10لېكىن ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە بېرىپتۇ، ئىشىك تاقىلىپتۇ.

11كېيىن ئەقىلسىز قىزلار قايتىپ كېلىپ: «تەقسىر، تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپتۇ. 12بىراق يىگىت: «راستىنى ئېيتسام، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپتۇ.

13ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىنى بىلمەيسىلەر.

ئۈچ چاكار توغرىسىدىكى تەمسىل

14_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنى سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ چاكارلىرىنى چاقىرىپ، بايلىقلىرىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپتۇ. 15ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ تىجارەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، يەنە بىرىگە ئىككى مىڭ، ئۈچىنچىسىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپتۇ، ئاندىن ئۆزى سەپەرگە چىقىپتۇ. 16بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ تىجارەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 17ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 18مىڭ تەڭگە ئالغىنى بولسا يەرنى كولاپ، خوجايىنى تاپشۇرغان پۇلنى كۆمۈپ ساقلاپ قويۇپتۇ.

19ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خوجايىنى قايتىپ كېلىپ، چاكارلىرى بىلەن ھېسابلىشىشقا باشلاپتۇ. 20بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار يەنە بەش مىڭ تەڭگە قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا بەش مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 21خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى، سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ. 22ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغان چاكارمۇ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 23خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى، سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.

24ئاندىن مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار كېلىپ: «خوجايىن، سىزنىڭ قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، چۈنكى سىز تېرىمىغان يەردىن ھوسۇل ئېلىشنى، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئېلىشنى كۈتىسىز. 25شۇڭا سىزدىن قورقۇپ، سىز بەرگەن تەڭگىنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاپ قويغانىدىم، مانا پۇلىڭىز» دەپتۇ. 26خوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەي ئوسال ۋە ھۇرۇن چاكار، سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇل ئالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ تۇرۇپ، 27نېمىشقا پۇلۇمنى گۆرۈچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» دەپتۇ. 28ئاندىن باشقا چاكارلارغا: «شۇڭا ئۇنىڭدىكى مىڭ تەڭگىنى ئېلىپ، ئون مىڭ تەڭگىسى بار چاكارغا بېرىڭلار! 29چۈنكى بارىغا يەنىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، بارىنىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ، يوقىنىڭ ھەتتا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 30بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار. ئادەملەر ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشىدۇ» دەپتۇ.

ئاخىرەتتىكى سوراق

31_ ئىنسانئوغلى پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە شان-شەرەپ بىلەن كەلگەندە، ئۆزىنىڭ شاھانە تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 32‏-33پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىغا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى خۇددى قويچى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغاندەك ئايرىيدۇ. 34ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! 35چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، 36يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

37ئۇ چاغدا ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز قاچان سىزنىڭ ئاچ قالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز قالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ 38سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ قالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ 39سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 40بىراق پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەتتا ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بىرەرسىگە قىلغان ھەرقانداق ياخشىلىقىڭلار دەل ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

41ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىغا تەييارلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا ھازىرلىنىڭلار! 42چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، 43مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.

44ئۇ چاغدا ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 45بىراق پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولسىمۇ بىرەرسىگە ياخشىلىق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ ياخشىلىق قىلمىغىنىڭلاردۇر» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. 46شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا تارتىلىدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

26

ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

1ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەرگە مەلۇمكى، 2ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى بولىدۇ. شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستكە مىخلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، _ دېدى.

3ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. 4ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى. 5بىراق ئۇلار:

_ بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، _ دېيىشتى.

گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

6ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە 7مېھمان بولۇپ ئولتۇرغانىدى. ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ناھايىتى قىممەتلىك خۇش پۇراقلىق بۇيۇم ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا داستىخاندا ئولتۇراتتى، ئۇ ئايال خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. 8شاگىرتلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ:

_ نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىسىز؟ 9بۇ خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى جىقراق پۇلغا سېتىپ، كەمبەغەللەرگە بەرسەك بولاتتى، _ دېيىشتى.

10شاگىرتلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ ئايالنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. 11كەمبەغەللەر دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، لېكىن مەن دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولمايمەن. 12بۇ ئايال بۇ خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى تېنىمگە تۆكۈپ، مېنى دەپنىگە تەييارلىدى. 13بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىگە يەتكۈزۈلسە، شۇ يەردە بۇ ئايال ئەسكە ئېلىنىپ، قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، _ دېدى.

يەھۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى

14شۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ ئىچىدىكى يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك شاگىرتى ئالىي روھانىيلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

15_ ئەيسانى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا قانچە پۇل بېرىسىلەر؟ _ دېدى.

ئۇلار ئۇنىڭغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى. 16يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

17پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرىپ، پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستازىمىز: ‹ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلاپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى شاگىرتلىرىم بىلەن بىرگە سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزەي› دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى.

19شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلاشقا كىرىشتى. 20كەچقۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. 21ئۇ تاماق يەۋېتىپ:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، _ دېدى.

22بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ:

_ يا رەببىم، مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سوراشقا باشلىدى.

23_ ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىر تەخسىگە تۆگۈرگەن كىشىدۇر. 24ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 25ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان يەھۇدا:

_ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ دەل سەن، _ دېدى.

26ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە:

_ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى.

27ئاندىن قولىغا بىر پىيالە شاراب ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ:

_ ھەممىڭلار بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 28بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 29شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شاراب ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى.

30ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

31بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ بۈگۈن كېچە ھەممىڭلار مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلار سەۋەبلىك مېنى تاشلاپ كېتىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا:

 

«قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن،

قوي پادىلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

 

32لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، _ دېدى. 33پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن سىزنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، _ دېدى.

34_ بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 35بىراق پېترۇس:

_ سىز بىلەن بىرگە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، _ دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.

گېتسىمانە بېغىدىكى دۇئا-تىلاۋەت

36كېيىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپ، 37پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەيسانى غەم بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. 38ئۇ ئۇلارغا:

_ خۇددى ئۆلىدىغاندەك قاتتىق ئازابلانماقتىمەن. سىلەرمۇ بۇ يەردە مەن بىلەن بىرلىكتە سەگەك تۇرۇڭلار، _ دېدى 39ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ:

_ ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دېدى.

40ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا:

_ مەن بىلەن بىرگە بىرەر سائەتمۇ سەگەك تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! 41ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، _ دېدى.

42ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم يەنە نېرىراق بېرىپ، دۇئا قىلىپ:

_ ئى ئاتا، ئەگەر مېنىڭ بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچىشىمدىن باشقا ئىلاجىم بولمىسا، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دېدى.

43ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. 44شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە نېرىراق بېرىپ، ئوخشاش دۇئا قىلدى. 45كېيىن شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 46قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

47ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 48ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن بىر بەلگە بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ، سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دېگەنىدى. 49ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ئۇستاز، _ دەپ ئۇنى سۆيدى. 50ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بۇرادەر، قىلىدىغىنىڭنى قىل، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 51ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى دەرھال قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، قۇلاقنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 52ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. 53ياكى مېنى خۇدائاتامدىن ياردەم ئالالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! ئەگەر مەن خالىسام، ئۇ ماڭا شۇ ئان ئون ئىككى كورپۇستىن ئارتۇق پەرىشتە ئەۋەتەتتى. 54بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر، _ دېدى.

55ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ، مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بەردىم، ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. 56ئەمما بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ.

بۇ چاغدا شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.

ئالىي كېڭەشتىكى سوراق

57ھەزرىتى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. 58پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ باردى ۋە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. 59ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەش ئەزالىرى يالغان ئىسپاتلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تىرىشتى. 60بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. ئاخىردا ئىككى گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ:

61_ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا ياساپ چىقالايمەن» دېگەن، _ دېدى.

62باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا:

_ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ _ دېدى. 63لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۈندىمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا:

_ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىشىڭنى بۇيرۇيمەن. سەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، يەنى خۇدانىڭ ئوغلىمۇ؟ _ دېدى. 64ھەزرىتى ئەيسا:

_ شۇنداق، سىز دېگەندەك، لېكىن شۇنى دەپ قويايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر، _ دېدى. 65بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي تونلىرىنى يىرتىپ:

_ ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلدى. ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. 66ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ _ دېدى.

_ ئۇ ئۆلۈمگە لايىق! _ دېيىشتى ئۇلار.

67شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈردى ۋە ئۇنى دۇمبالىدى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:

68_ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ _ دېيىشتى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

69پېترۇس تاشقىرىدىكى ھويلىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ سەن جەلىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، _ دېدى.

70_ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! _ دەپ ئىنكار قىلدى پېترۇس ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا.

71ئاندىن پېترۇس دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا:

_ بۇ ئادەم ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، _ دېدى. 72پېترۇس قەسەم قىلىپ:

_ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، _ دەپ يەنە ئىنكار قىلدى.

73ئۇ يەردە تۇرغانلار بىرئازدىن كېيىن پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى، تەلەپپۇزۇڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ، _ دېيىشتى. 74پېترۇس قەسەم قىلىپ:

_ ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! _ دېدى.

دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى. 75پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

27

يەھۇدانىڭ ئۆلۈشى

1تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئالىي روھانىيلار بىلەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا مەسلىھەتلەشتى. 2ئۇلار ئۇنى باغلاپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ رىملىق باشلىقى پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

3ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى ۋە ئالىي روھانىيلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:

4_ مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، _ دېدى.

_ بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ _ دېيىشتى ئۇلار.

5يەھۇدا پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چېچىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. 6پۇللارنى يىغىۋالغان ئالىي روھانىيلار:

_ قان تۆكۈش ئۈچۈن تۆلەنگەن بۇ تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، _ دېيىشتى.

7ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇلغا ياقا يۇرتلۇقلارغا مازارلىق قىلىش ئۈچۈن كۇلالچىنىڭ بىر پارچە يېرىنى سېتىۋالدى. 8شۇنىڭدىن بېرى بۇ يەر «قانلىق يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 9بۇ ۋەقە ئارقىلىق يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشتى:

 

«ئۇلار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىگەن باھاسىنى،

يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىشتى

10ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك،

كۇلالچىنىڭ يېرىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى.»

پىلاتۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوتلىشى

11ھەزرىتى ئەيسا پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:

_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، سىز دېگەندەك، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

12ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. 13شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلىنغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلەرنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ _ دېدى.

14بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.

15ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئۆلكە باشلىقى پىلاتۇس ئادىتى بويىچە خەلق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. 16ئەينى ۋاقىتتا بارابباس ئىسىملىك نامى چىققان بىر مەھبۇس زىنداندا ئىدى. 17خەلق بىر يەرگە جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن:

_ سىلەر ئۈچۈن كىمنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 18پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.

19پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: «ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم» دېگەن خەۋەر ئەۋەتتى.

20ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خەلقنى كۈشكۈرتۈپ، پىلاتۇستىن بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدۇردى. 21پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە:

_ سىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ بارابباسنى، _ دېيىشتى ئۇلار.

22_ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ _ دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ! _ دېيىشتى. 23پىلاتۇس:

_ نېمىشقا، ئۇ زادى قانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 24پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ:

_ بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! _ دېدى. 25پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن:

_ ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! _ دېيىشتى.

26شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلىتىش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.

لەشكەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مازاق قىلىشى

27كېيىن پىلاتۇسنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كىردى، ئاندىن پۈتۈن لەشكەرلەر ئۇ يەرگە يىغىلدى. 28ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا توق قىزىل رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈشتى. 29ئاندىن تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى* تۇتقۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراپ مازاق قىلىشتى. 30ئۇلار ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشۈپ، بېشىغا قومۇش بىلەن ئۇرۇشتى. 31ئۇلار ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇچىسىدىكى توننى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

32ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كىرىنەي شەھىرىدىن كەلگەن سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 33ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، 34ھەزرىتى ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب* بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى تېتىپ كۆرۈپ، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.

35لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 36ئاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلدى. 37ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ئۇنىڭ گۇناھى يېزىلغان بىر تاختىنى ئاستى. تاختىغا «بۇ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسا» دەپ يېزىلغانىدى.

38ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. 39ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:

40_ سەن مەركىزى ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ قېنى ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باققىنا! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! _ دېيىشەتتى.

41ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ:

42_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىمىش تېخى! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى. 43ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولسا، ئۇنى قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ! چۈنكى ئۇ ئۆزىنى: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەن ئەمەسمىدى، _ دېيىشتى. 44ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

45چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. 46سائەت ئۈچلەردە ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلى، ئېلى، لەما شەۋاختانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدى.

47ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ:

_ بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ _ دېيىشتى.

48ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكەلدى. ئاندىن ئۇنى ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى. 49باشقىلار:

_ توختاپ تۇرۇڭلار، قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ _ دېيىشتى.

50ھەزرىتى ئەيسا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، جان بەردى.

51شۇ ۋاقىتتا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يىرتىلىپ، ئىككى پارچە بولدى.* زېمىن سىلكىنىپ، تاشلار يېرىلدى، 52قەبرىلەر ئېچىلىپ، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بىرمۇنچە تەقۋادار ئادەملەر تىرىلدى. 53ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى.

54ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا:

_ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! _ دېيىشتى.

55ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. 56ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

57كۈن پېتىشقا يېقىن، يۈسۈپ ئىسىملىك ئاراماتىيالىق بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى. 58ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ئەمر قىلدى. 59يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز زىغىر رەخت بىلەن كېپەنلىدى 60ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئاندىن يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ ئەكېلىپ، قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى. 61مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم ئۇ يەردە قېلىپ، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشتى.

قەبرىنى قوغداش

62ھارپا كۈنىدىن كېيىن، يەنى دەم ئېلىش كۈنىدە ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشۇپ:

63_ جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە، 64شۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىنى ئۈچىنچى كۈنىگىچە قوغداشقا ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق بولمىسا، شاگىرتلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇ ئىغۋاگەرچىلىك بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، _ دېيىشتى. 65پىلاتۇس ئۇلارغا:

_ قوغدىغۇچى لەشكەر ئېلىپ بېرىپ، قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە قوغداڭلار، _ دېدى. 66ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىرگە بېرىپ، قەبرىنىڭ ئېغىزىغا قويۇلغان تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى قوغدىدى.

28

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ يەكشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى يوقلاپ باردى. 2تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىنىڭ ئېغىزىدىكى تاشنى بىر يانغا دومىلىتىۋەتكەنىدى. ئۇ پەرىشتە تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. 3پەرىشتىنىڭ چىرايى چاقماقتەك نۇرلۇق، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 4قەبرىنى قوغداۋاتقان لەشكەرلەر قورقۇشۇپ، تىترىشىپ كەتتى ۋە ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. 5پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:

_ قورقماڭلار، سىلەرنىڭ كرېستكە مىخلانغان ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. 6ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار، 7ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا: «ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. جەلىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. دېگەنلىرىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

8ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن يۈگۈرگەن پېتى كېتىشتى. 9توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ سالام سىلەرگە! _ دېدى. ئۇلارمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ، پۇتىغا ئېسىلىپ، سەجدە قىلدى. 10شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خەۋەر بېرىڭلار. ئۇلار جەلىلىيەگە بارسۇن، مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەرنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈشى

11ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، قەبرىنى قوغداۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا يەتكۈزدى. 12ئالىي روھانىيلار ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە زور مىقداردا پۇل بېرىپ، مۇنداق دېدى:

13_ ئەمدى سىلەر بېرىپ: «ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» دەڭلار. 14ئەگەر بۇ خەۋەر ئۆلكە باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئارىغا چۈشۈپ، سىلەرگە گەپ كەلتۈرمەيمىز.

15شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. بۇ ئىغۋا شۇنىڭدىن بېرى يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

16ئون بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئېيتقان جەلىلىيەدىكى تاغقا چىقىشتى. 17ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى تېخىچە گۇمان ئىچىدە ئىدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19شۇڭا سىلەر بېرىڭلار ۋە پۈتكۈل ئەللەرنى مېنىڭ شاگىرتىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، 20ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەرگە يار بولىمەن.


2: 4 مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

3: 6 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش مۇراسىمنى كۆرسىتىدۇ.

4: 3 خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.

5: 20 پەرىسىيلەر _ تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى مەزھىپىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

6: 13 يامانلىقتىن _ ياكى «شەيتاندىن»

6: 13 بەزى گرېكچە نۇسخىلاردا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىغا «چۈنكى پادىشاھلىق، ھوقۇق ۋە ئۇلۇغلۇق ساڭا مەنسۇپتۇر، ئامىن» دېگەن ئىبارىلەر قوشۇلغان.

8: 2 ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك دەپ قارايتتى.

8: 20 ئىنسانئوغلى _ ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلى دېگەن بۇ نامنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان.

9: 10 باجگىر _ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.

9: 27 يەھۇدىيلار قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى دەپ چاقىرغانلىقى ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئىدى.

10: 15 سودوم ۋە گومورا _ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى ئىككى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ھەر خىل ئەخلاقسىزلىقلارغا بېرىلىپ، گۇناھقا پاتقانلىقى ئۈچۈن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلغان.

10: 38 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش _ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئۆزلىرى مىخلىنىدىغان كرېستنى كۆتۈرۈپ، جازا مەيدانىغا باراتتى. «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

11: 12 بۇ جۈملىنى «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

11: 14 ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېمەكچى بولغىنى، كەلگىنى ئىلياس پەيغەمبەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغان يەھيا پەيغەمبەردۇر.

12: 2 يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش، خامان تېپىشكە بولمايتتى. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۇغداي باشاقلىرىنى ئاقلاپ يېگەنلىكىنى خامان تەپكەنلىك دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش ۋە خامان تېپىشتۇر.

12: 40 بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ ساق چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

13: 32 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.

15: 26 ھەزرىتى ئەيسا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئالدى بىلەن يەھۇدىيلار، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

16: 28 بۇ سۆز بىر ھەپتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەگە، يەنى 17-بابتا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەگە قارىتىلغان ياكى ھەزرىتى ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا قايتا كۆرۈنگەن ۋەقەگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

21: 12 مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا ھەرقايسى جايلاردا خۇدانىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىلىدىغان نۇرغۇن ئىبادەتخانىلار بار ئىدى، لېكىن پەقەت يېرۇسالېمدا، يەنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىناتتى.

22: 17 ئەگەر ھەزرىتى ئەيسا: «رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپ ئەركىنلىكنى ئىستىگەن كىشىلەرگە ياقمايتتى. ناۋادا كىشىلەرنى باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرسا، رىم قەيسىرىگە قارشى چىققان بولاتتى.

23: 5 ئايەت قۇتىسى _ كىشىلەر دۇئا قىلغاندا پېشانىسىگە ياكى بىلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چېگىۋالىدىغان، ئىچىدە تەۋراتتىن ئېلىنغان پۈتۈك بولغان كىچىك قۇتا.

23: 5 چۇچا _ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان تونلىرىغا تىكىلگەن چۇچا بولۇپ، يول ماڭغاندا پۇلاڭلاپ تۇراتتى.

24: 20 دىنىي قائىدىلەر بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە سەپەر قىلىشى ۋە ئىشلىشى مەنئى قىلىنغاندۇر.

24: 34 ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (24: 2) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (24: 30) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەر باشلانغان ۋاقتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

27: 29 قومۇش _ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان قومۇش پادىشاھلىقنىڭ سىمۋولى بولغان سەلتەنەت ھاسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

27: 34 ئېيتىشلارغا قارىغاندا كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن.

27: 51 پەردە _ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.