فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت

1

1ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان فىلىمۇنغا، 2سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىرگە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە فىلىمۇننىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام! 3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

فىلىمۇننىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئېتىقادى

4قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 5چۈنكى مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ھەققىدە ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 6مېنىڭ دۇئايىم شۇكى، بىزنىڭ ئورتاق ئېتىقادىمىز ھاياتىڭدا مېۋە بەرسۇن ۋە بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك ئېرىشكەن بەختىمىزنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچەڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بولسۇن. 7قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ.

پاۋلۇسنىڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە قىلغان ئىلتىماسى

8شۇڭا مېنىڭ ساڭا قىلىدىغان بىر ئىلتىماسىم بار. گەرچە مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سېنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭنى بېجىرىشكە يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇشقا ھەقلىق بولساممۇ، 9لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ساڭا ئىلتىماس قىلىشنى تاللىدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن. 10سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئۆتۈنىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولۇپ، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالدى. 11بۇرۇن ئۇنىڭ ساڭا پايدىسى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىسى باردۇر.* 12مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىمەن. 13خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن زىنداندا مەھبۇس بولۇپ يېتىۋاتىمەن. شۇڭا ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى. 14بىراق سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. چۈنكى سېنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم. 15خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر. 16ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن ئۈستۈن، يەنى قەدىرلىك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. ئۇ سەن ئۈچۈنمۇ ئىنسان سۈپىتىدە ھەم ئېتىقادچى سۈپىتىدە تېخىمۇ قەدىرلىك بولسۇن.

17شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن. 18ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا يېزىپ قويغىن. 19مەنكى پاۋلۇس تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. قەرزنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. 20شۇڭا ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن مەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئايىمىغىن، مېنىڭ روھىي يۈكۈمنى يېنىكلەتكىن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ قېرىنداشلارمىز! 21سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە تەلەپ قىلغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم. 22يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

ئاخىرقى سالام

23ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە مەھبۇس بولغان ئېپافراستىن، 24شۇنداقلا خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام.

25رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


1: 11 ئونېسىمۇس _ گرېكچە «پايدا» دېگەن مەنىدە.