ئەزرا
1
يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى
1پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:
2«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى. 3ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلسا بولىدۇ. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي! 4مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈندىكىلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە چارۋا مال بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.»
5شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى. 6ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى. 7پادىشاھ كورەش ئۇلارغا بۇرۇنقى پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى. 8پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈندىكىلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. 9ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
30 دانە ئالتۇن داس،
1000 دانە كۈمۈش داس،
29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار،
1030 دانە ئالتۇن قاچا،
410 دانە كۈمۈش قاچا،
1000 دانە ھەر خىل قاچا-قۇچا.
11ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈندىكىلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.
2
سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ تىزىملىكى
1تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. 2زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:
3پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى،
4شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى،
5ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى،
6پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى،
7ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى،
8زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى،
9زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى،
10بانى جەمەتىدىن 642 كىشى،
11بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى،
12ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى،
13ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى،
14بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى،
15ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى،
16ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى،
17بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى،
18يورا جەمەتىدىن 112 كىشى،
19خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى،
20گىببار جەمەتىدىن 95 كىشى،
21بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى،
22نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى،
23ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى،
24ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى،
25قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى،
26راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى،
27مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى،
28بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى،
29نىبولۇقلاردىن 52 كىشى،
30ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى،
31ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى،
32خارىملىقلاردىن 320 كىشى،
33لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى،
34ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى،
35سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى.
36روھانىيلاردىن:
يىدايا جەمەتىدىن (يوشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى،
37ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى،
38پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى،
39خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.
40لاۋىيلاردىن:
يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،
41ئىبادەتخانا نەغمىچىلىرى: ئاساف ئەۋلادلىرىدىن 128 كىشى،
42ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 139 كىشى.
43ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن:
زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،
44قېروس، سىئاھا، پادون،
45لىبانا، خاگابا، ئاققۇب،
46خاگاب، شالماي، خانان،
47گىددېل، گاخار، رىئايا،
48رىزىن، نىقودا، گاززام،
49ئۇززا، پاسېياخ، بېساي،
50ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم،
51باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،
52بازلۇت، مىخىدا، خارشا،
53بارقوس، سىسىرا، تەماخ،
54نىزىياخ ۋە خاتىفالار.
55پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن:
سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا،
56يالاھ، دارقون، گىددېل،
57شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.
58ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.
59تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. 60بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.
61خوباييا، خاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. 62بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. 63يەھۇدىيە رايونىنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى* ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.
64يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى ئىدى. 65بۇلاردىن باشقا 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە 66736 ئات، 245 قېچىر، 67435 تۆگە ۋە 6720 ئېشەكمۇ بار ئىدى.
68سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن سېلىشقا خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلدى. 69ئۇلار خەزىنىگە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61 مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ھەدىيە قىلدى.
70روھانىيلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.
3
قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى
1كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يېرۇسالېمدا جەم بولدى. 2يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى. 3ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا باشلىدى.
4ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. 5ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى. 6روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.
ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى
7شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن ياففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.
8خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى. 9يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ جەمەتىدىكى ئەرلەرمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى.
10ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. 11ئۇلار ئېيتىش ئېيتىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى:
«پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر!
ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!»
ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى. 12لېكىن بۇرۇنقى ئىبادەتخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن ياشانغان روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى ھازىرقى قويۇلغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى كۆرۈپ، ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. باشقىلار بولسا قىيقاس چىقىرىپ تەنتەنە قىلىشتى. 13ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
4
ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى
1سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدى. 2شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز، _ دېيىشتى.
3زىرۇببابەل، يوشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا:
_ سىلەر بىز ئىسرائىللارنىڭ خۇدايىمىزغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىشىمىزغا ئارىلاشساڭلار بولمايدۇ! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە تىرىشىپ، قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى. 5ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.
ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى*
6نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.
7يەنە يىللار ئۆتۈپ پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى زامانىغا كەلگەندە، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.
8*سەركەردە رىخۇم ۋە پۈتۈكچى شىمشايمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پادىشاھ ئارتاخشاستىغا مەكتۇپ يازدى. 9مەكتۇپ تۆۋەندىكىلەرنىڭ نامىدا يېزىلدى: سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پېرسىيەلىكلەر، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامنىڭ سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر، 10ئۇلۇغ ۋە شانلىق پادىشاھ ئاسسۇرباناپال تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان خەلقلەر. 11مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«پادىشاھ ئارتاخشاستى ئالىيلىرىغا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان بارلىق خىزمەتكارلىرىدىن سالام! 12ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرەپتىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا. 13ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ. 14بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق. 15ئالىيلىرىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشلىرىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان. 16ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ، سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»
17پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
«سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا سالام! 18سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم. 19تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن. 20قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغانىكەن ھەم ئۇ يەردە ياشىغانلاردىن ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. 21شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئىشتىن توختىتىڭلار، تاكى مەن ئەمر قىلمىغۇچە، ئۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنمىسۇن. 22ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!»
23سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.
ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى
24خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سېلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى.
5
1ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. 2شالتىئېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى قايتىدىن باشلىدى. ھاگاي ۋە زىكىرىيا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.
3فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن:
_ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.
4ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى. 5لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى پادىشاھ دارىئوسقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.
تاتتىنايلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى
6فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھ دارىئوسقا ئەۋەتكەن مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:
7«پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرىغا سالام!
8ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ. 9بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق. 10ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق. 11ئۇلار جاۋابەن:
‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققانىدى. 12ئەجدادلىرىمىز ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 13لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. 14پادىشاھ كورەش ھەتتا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويدۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. پادىشاھ كورەش ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 15پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن سېلىپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. 16شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپتۇ. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى› دېدى.
17شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا ئارخىپخانىسىدىكى تەزكىرىلەرنى كۆرۈپ باققايلا. پادىشاھ كورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ياكى چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بەرگەيلا.»
6
پادىشاھ دارىئوسنىڭ پەرمانى
1شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 2مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى قەلئەدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭغا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:
3«پادىشاھ كورەش ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: ‹ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر بولسۇن. 4تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت قورام تاشنىڭ ئۈستىگە لىم قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن. 5پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلار قايتۇرۇلۇپ، ئىبادەتخانىدىكى ئەسلى ئورنىغا قويۇلسۇن.›»
6شۇڭا پادىشاھ دارىئوس مۇنداق پەرمان چۈشۈردى:
«فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا پەرمان.
سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار. 7ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن. 8مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-سېلىق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن. 9سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار. 10شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.
11يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى، كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم شۇ لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇلسۇن. 12ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ئەل بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن.
مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدىم، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»
ئىبادەتخانىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى
13شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، پادىشاھ دارىئوسنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى. 14يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن ئۇلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى. 15پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى* ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.
16ئىسرائىل خەلقى، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا سۈرگۈندىن كەلگەنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. 17ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق بۇقا، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلدى. 18مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋراتقا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز توپلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى
191-ئاينىڭ 14-كۈنى* سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 20پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئۇلار پاكلاندى. شۇڭا ئۇلار بارلىق سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن، روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى. 21سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى. 22ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.
7
ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشى
1نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى بولۇپ، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 2خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، 3ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مىرايوتنىڭ ئوغلى، 4مىرايوت زىراخيانىڭ ئوغلى، زىراخيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى، 5بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 6بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى. 7پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.
8-9ئۇلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولدى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى* يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 10ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى.
پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ئەزراغا يازغان مەكتۇپى
11پادىشاھ ئارتاخشاستى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزراغا تۆۋەندىكى مەكتۇپنى ئەۋەتتى.
12*«مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى روھانىي ئەزراغا سالام!
13پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خالىغانلىرى سىلى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. 14مەن يەتتە مەسلىھەتچىم بىلەن بىرلىكتە سىلىنىڭ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە قايتقانلارنىڭ قوللىرىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇيمىز. 15بىز ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. 16شۇنىڭ بىلەن بىرگە بابىل ئۆلكىسىدىكى خەلقلەردىن يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، ئىسرائىللار ۋە روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس سۇنۇلغان ھەدىيەلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا. 17بۇلارغا بۇقا، قوچقار، پاقلانلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق، شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا. 18ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۆزلىرى روھانىي قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا.
19ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. 20بۇنىڭدىن باشقا، خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا.
21مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاستى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى روھانىي ئەزرانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار. 22سىلەر كۈمۈشنى 3500 كىلوغىچە، بۇغداينى 8 توننىغىچە، شارابنى 2200 لىتىرگىچە، زەيتۇن يېغىنىمۇ 2200 لىتىرگىچە تەمىنلىسەڭلار بولىدۇ. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن. 23سىلەر ئەرشئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ. 24روھانىيلار، لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ باشقا ھەرقانداق خىزمەتكارلىرىدىن ئالۋان-سېلىق ئېلىنمىسۇن.
25لېكىن ئۆزلىرى خۇدا سىلىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا تەلىم بەرگەيلا. 26كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ياكى قاماققا ئېلىنسۇن.»
ئەزرانىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى
27ئەزرا مۇنداق دېدى:
«پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى. 28ئۇ ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»
8
ئەزرا بىلەن بىرگە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر
1پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىرگە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
2-3پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم،
ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال،
داۋۇت جەمەتىدىن شىكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش،
پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە نەسەبى ئېنىق بولغان 150 ئەر،
4پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر،
5زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ۋە 300 ئەر،
6ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر،
7ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر،
8شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر،
9يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە 218 ئەر،
10بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر،
11بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر،
12ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر،
13كېيىنرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر،
14بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.
ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا كەتمەكچى بولۇشى
15مەن بىلەن بىرگە كەتمەكچى بولغانلارنى ئاخاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان قانالنىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن ئۇلارنى تەكشۈرگىنىمدە، روھانىيلاردىن باشقا لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم. 16شۇڭا يېتەكچىلەردىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ، 17ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىددو ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم. 18خۇدا ماڭا يار بولدى. ئۇلار بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولۇپ، لاۋىيلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى يېنىمىزغا ئەۋەتتى. 19يەنە ئۇلار مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە كىشىنىمۇ ئەۋەتتى. 20ئۇلاردىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىككە بىرمۇبىر پۈتۈلگەنىدى.
21ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم. 22سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن پادىشاھتىن پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەلەپ قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۆزىگە تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم. 23شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
24روھانىيلار ئىچىدىكى يېتەكچىلەردىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم. 25ئاندىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇلارغا تاپشۇردۇم. 26مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:
22 توننا كۈمۈش،
3500 كىلو كۈمۈش قاچا-قۇچا،
3500 كىلو ئالتۇن،
2720 دانە ئالتۇن قاچا (1000 ئالتۇن تەڭگىگە تەڭ كېلىدۇ)،
2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر).
28مەن ئۇلارغا:
_ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالدىڭلار. ئالتۇن-كۈمۈشلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيەلەردۇر. 29سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرى، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.
30شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
31بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى* ئاخاۋا قانىلىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى. 32يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق. 33تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى روھانىي مىرېموتقا تاپشۇرۇپ بەردۇق. روھانىي مىرېموتنىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديا بار ئىدى. 34ھەممە نەرسىلەر سانىلىپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ خاتىرىگە ئېلىندى.
35قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 بۇقا، 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىندى. 36ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.
9
ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى
1بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ:
_ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى. 2ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.
3مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، تون ۋە چاپىنىمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا ئازاب بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم. 4مېنىڭ ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە داۋاملاشتى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.
5كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە تون ۋە چاپىنىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈردۈم ۋە 6دۇئا قىلدىم:
«ئى خۇدايىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن! نومۇستىن ئالدىڭدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، قىلمىشلىرىمىز چېكىگە يەتتى. 7ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.
8بىراق ھازىر سەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ۋە بىزنىڭ ئاز بىر قىسمىمىزنى بولسىمۇ سۈرگۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەنلىككە ئىگە قىلدىڭ. سەن بىزگە ئۈمىد بېرىپ، قۇللۇقتىكى ھاياتىمىزغا بىرئاز بولسىمۇ ئاراملىق بەردىڭ. 9بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھايات بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.
10ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق. 11خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: ‹سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى بىلەن تولغاندۇر. 12ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىق ۋە روناق تېپىشىغا ياردەم قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، ئۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە ئۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ، قالدۇرالايسىلەر› دېگەنىدى.
13بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ. 14بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بۇ كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، سەن غەزەپلىنىپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟ 15ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! بۈگۈن بىز ئاز بىر قىسمىمىز بولسىمۇ، قۇتۇلدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»
10
توۋا قىلىش
1ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ دۇئا قىلىپ، يىغا-زار بىلەن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، قاتتىق يىغلاشتى. 2ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ئەزراغا:
_ بىز يەرلىك يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىللاردا يەنىلا ئۈمىد بار. 3شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىمىز. قەسىمىمىزنى سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز. 4ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە قەسەم قىلدى. 6ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇ يېمىدى، ئىچمىدى، پەقەت سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى.
7كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى: 8«كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.»
9ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى*، خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى. 10ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا:
_ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار. 11ئەمدى سىلەر گۇناھىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە يات خەلقلەردىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى.
12جامائەت جاۋابەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
_ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز! 13لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى بولغاچقا، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. 14ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىرگە كەلسۇن. شۇندىلا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى بېسىلىدۇ.
15پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى. 16قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا روھانىي ئەزرا ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى* بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. 17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى.
يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلار
18يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا. 19ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى.
20ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا،
21خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا،
22پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا،
23لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر،
24ئىبادەتخانا نەغمىچىلىرىدىن ئەلياشىب،
ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى.
25باشقا ئىسرائىللاردىن:
پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا،
26ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس،
27زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا،
28بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي،
29بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت،
30پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە،
31خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون، 32بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا،
33خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى،
34بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل، 35بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى، 36ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب، 37ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي،
38بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى، 39شەلەميا، ناتان، ئادايا، 40ماكنادبا، شاشاي، شاراي، 41ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا، 42شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ،
43نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.
44مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.
1: 1 پادىشاھ كورەش مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.
2: 63 «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» _ بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەكتۇر. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
4: 6 6-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان مەزمۇندا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر 1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە بولغان مەزمۇندا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەردىن تەخمىنەن يۈز يىل كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردۇر.
4: 8 ئەسلى تېكىست بۇ ئايەتتىن باشلاپ 6-باب 18-ئايەتكىچە ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاررامىي تىلى بابىللىقلارنىڭ دۆلەت تىلى ئىدى.
6: 15 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 515-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
6: 19 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 515-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
7: 8 _ 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
7: 8 _ 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
7: 12 ئەسلى تېكىست بۇ ئايەتتىن باشلاپ 26-ئايەتكىچە ئاررامىي تىلىدا يېزىلغاندۇر.
8: 31 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
10: 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
10: 16 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 458-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
10: 17 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 457-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
