ئەستىر
1
پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ۋاشتىنى خانىشلىقتىن قالدۇرۇشى
1-2تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. 3ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى. 4زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى.
5ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈللۈكىدە يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. 6ئوردا گۈللۈكى ئاق ۋە كۆك رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك ئېسىل زىغىر رەخت بىلەن چىگىلگەنىدى. گىرانىت تاش، مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى. 7شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى. 8پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا ھەممەيلەننىڭ خالىغانچە شاراب ئىچىشىگە يول قويۇشنى، ئەمما ھېچكىمگە زورلىماسلىقنى بۇيرۇدى. 9شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانىش ۋاشتى پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن ھەم زىياپەت بەردى.
10كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى، يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى 11خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆز-كۆز قىلماقچىدى. 12لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلىدى. 13شۇ چاغلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى. شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ يېتىشكەن ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. 14كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكان قاتارلىق ئاقىللار ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. 15پادىشاھ ئۇلاردىن:
_ مەن، يەنى پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھەرەمئاغىسىنى ئەۋەتىپ، خانىش ۋاشتىغا ئەمر بەرگەنىدىم. لېكىن ئۇ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرمىدى. قانۇن بويىچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. 16مىمۇكان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى:
_ خانىش ۋاشتى پەقەت پادىشاھنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ! 17ئەگەر خانىشنىڭ قىلغان بويۇنتاۋلىقى ئىمپېرىيەمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقالسا، ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: «پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ. 18پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. 19ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا. 20سىلىنىڭ ئەمرلىرى كاتتا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.
21پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى. 22پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.
2
ئەستىرنىڭ خانىش بولۇشى
1پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتىنى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆزى چىقارغان يارلىقىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. 2پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا:
_ ئالىيلىرى، ئادەم ئەۋەتىپ، سىلى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كېلەيلى. 3سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا ياش ۋە چىرايلىق قىزلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەيلى. قىزلار ھەرەمخانىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە ئۇلارنى پەرداز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيلى. 4ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.
5سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى. 6بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 7موردىكاينىڭ ئەستىر ئىسىملىك بىر نەۋرە سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ھاداسسا ئىدى. ئۇ بىر گۈزەل، كېلىشكەن قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋېلىپ، چوڭ قىلغانىدى.
8پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ئوردىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ھەرەمخانىدىكى قىزلارغا مەسئۇل بولغان ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. 9ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا، ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە يەتتە كېنىزەككە ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى. 10ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 11موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى.
12رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئون ئىككى ئاي، يەنى ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە مايلار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 13قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى. 14كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى يەنە بىر ھەرەمخانىغا ئەۋەتىلىپ، توقاللارنى باشقۇرىدىغان ھەرەمئاغىسى شائاشغازغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. پەقەت پادىشاھقا ياققان ۋە ئىسمى ئاتالغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى. 15نۆۋەت ئابىخايىلنىڭ قىزى، يەنى موردىكاي بېقىۋالغان نەۋرە سىڭلىسى ئەستىرگە كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، ئۇ شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. 16شۇنداق قىلىپ، ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا*، يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. 17پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى. 18كەينىدىن پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىرنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. پۈتۈن ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەر بېرىلدى.
موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى
19قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى. 20ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيەسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى.
21موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى قاراۋۇل بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى. 22موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى. 23تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، خادىغا سانجىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا ئىمپېرىيەنىڭ تارىخىغا يېزىپ قويۇلدى.
3
ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستى
1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننى بارلىق ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئەمەلگە قويدى. 2پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ھاموننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن موردىكاي ئېگىلىپ تەزىم قىلمايتتى. 3بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن:
_ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى. 4ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ:
_ مەن يەھۇدىي، ھامونغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاموننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى.
5ھامون موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. 6ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى.
7ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا* بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە* چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى. 8ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا:
_ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسىزدۇر. 9ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 350 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى. 10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامونغا بەردى. 11پادىشاھ ئۇنىڭغا:
_ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى.
12شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى. 13پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالىچاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. 14شۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ھەممە كىشىلەرنىڭ تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرماننىڭ مەزمۇنى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلققە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 15پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇزا قەلئەسى پاتىپىراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ بىلەن ھامون شاراب ئىچىپ ئولتۇرۇشتى.
4
موردىكاينىڭ ئەستىردىن ياردەم سورىشى
1موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى. 2ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە ماتەملىك كىيىم كىيگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى. 3پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى.
4ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتەملىك كىيىمىنى سېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. 5ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 6شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. 7موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىمپېرىيەنىڭ خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ھەدىيە قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بەردى. 8موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
9ھاتاك قايتىپ كېلىپ، موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى. 10ئەستىر ھاتاكنى يەنە ئەۋەتىپ:
_ موردىكايغا بۇ گەپلەرنى يەتكۈز. 11مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.
12ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى. 13موردىكاي ئەستىرگە مۇنداق جاۋاب ئەۋەتتى:
_ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدىغان ئەھۋالدا، سەن ھەرگىزمۇ ئوردىدا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئامان قالىمەن، دەپ ئويلىمىغىن. 14ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟
15ئەستىر كېيىن موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
16_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.
17شۇنداق قىلىپ، موردىكاي كەتتى ۋە ئەستىرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى.
5
ئەستىرنىڭ پادىشاھ بىلەن ھامونغا زىياپەت بېرىشى
1ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى. 2پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى. 3پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ ئەي خانىش ئەستىر، ساڭا نېمە بولدى، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا سەن ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.
4_ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۈگۈن ھامون بىلەن بىرگە سىلى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، _ دېدى ئەستىر پادىشاھقا. 5پادىشاھ:
_ ئەستىرنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھاموننى دەرھال چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ زىياپەتكە ھامون بىلەن بىرگە باردى.
6شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە:
_ نېمىنى سورايسەن؟ سورىغىنىڭنى بېرىمەن. نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ھەتتا ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.
7-8_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، ئەتە ئۆزلىرى ھامون بىلەن بىرگە ئىككىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قاتنىشىپ بەرگەيلا. شۇ چاغدا سىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەي، _ دېدى ئەستىر.
ھاموننىڭ موردىكاينى قەستلەش پىلانى
9ھامون زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 10لېكىن ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئاغىنىلىرىنى چاقىرتتى ۋە ئايالى زەرەشنىمۇ كەلتۈردى. 11ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى. شۇنداقلا، پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار ۋە بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. 12ھامون يەنە:
_ بۇلاردىن باشقا خانىش ئەستىر بەرگەن زىياپەتكە پادىشاھ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم تەكلىپ قىلىنماپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى! 13بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ماڭا ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى.
14ئۇنىڭ ئايالى زەرەش ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا:
_ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 25 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر خادا تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى خادىغا سانجىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامون بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر خادا تەييارلاتتى.
6
پادىشاھنىڭ موردىكايغا شان-شەرەپ بېرىشى
1شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيەنىڭ تارىخىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى. 2تەزكىرىنىڭ موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلدى. بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى قاراۋۇل پىلانلىغان دېگەن يېرىگە كەلگەندە، 3پادىشاھ:
_ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭغا قانداق ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارلىرى:
_ ئۇ ھېچقانداق تەقدىرلەنمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
4_ ھويلىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامون ئۆزى ياسىغان خادىغا موردىكاينى سانجىتىش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى. 5خاس خىزمەتكارلار پادىشاھقا:
_ ھويلىدا ھامون تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
_ ئۇ كىرسۇن! _ دېدى پادىشاھ. 6ھامون كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ پادىشاھ بىرسىگە ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولسا، نېمە قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. ھامون ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر؟» دەپ ئويلىدى. 7-8ئۇ پادىشاھقا:
_ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە ئۆزى كىيگەن شاھانە لىباسىنى، ئۆزى مىنگەن تاجلىق ئېتىنى كەلتۈرسۇن. 9ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباسنى كىيدۈرۈپ ۋە ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ!» دەپ جار سالسۇن، _ دېدى. 10شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا:
_ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. 11ھامون شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ:
_ قاراڭلار، پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتكەن كىشى مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ! _ دەپ جار سالدى. 12شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى. ھامون بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 13ھامون ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئايالى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىگە بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئايالى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا:
_ سەن موردىكايدىن يېڭىلىشكە باشلىدىڭ. موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسەن. سەن چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نابۇت بولىسەن، _ دېدى.
14ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاموننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى.
7
ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
1-2شۇنىڭ بىلەن ھامون پادىشاھ بىلەن بىرگە ئەستىرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپىتىگە باردى. شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىرگە:
_ ئەي خانىش ئەستىر، نېمىنى سورايسەن؟ سورىغىنىڭنى بېرىمەن. نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ھەتتا ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى. 3ئەستىر:
_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنىڭ ئىلتىماس ۋە تەلىپىم شۇكى، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا، خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغايلا. 4چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.
5پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىردىن:
_ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى كىم ئىكەن، ئۇ قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 6ئەستىر:
_ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى.
ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى. 7پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى. 8پادىشاھ ئوردا گۈللۈكىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامون خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان يېرىدە ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ:
_ سەن ئوردامدا كۆز ئالدىمدا خانىشىمغا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامسەن؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھنىڭ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاموننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى. 9پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى بولغان خاربونا:
_ ھامون ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى سانجىش ئۈچۈن ياساتقان 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى.
_ ئۇنىڭغا ھاموننىڭ ئۆزىنىلا سانجىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ. 10شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.
8
موردىكاي بىلەن ئەستىرنىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشى
1شۇ كۈنى پادىشاھ ئاخاشۋېروش يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاموننىڭ پۈتۈن ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى خانىش ئەستىرگە بەردى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلدى. چۈنكى ئەستىر پادىشاھقا ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. 2پادىشاھ ھاموندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاموننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.
3ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى توختىتىشنى يېلىنىپ سورىدى. 4پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى، ئەستىر ئورنىدىن تۇرۇپ:
5_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا. 6مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى.
7پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى:
_ ھامون يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، خادىغا سانجىتتىم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم. 8ئەمدى سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە مېنىڭ نامىمدا خالىغىنىڭلارچە پەرمان يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بىلەن مۆھۈرلەڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەنگەن ھەرقانداق پەرمان بىكار قىلىنمايدۇ.
9شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى* پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. 10موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ پەرماننى پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلىدى ۋە ئۇنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.
11پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى. 12بۇ پەرمان پۈتۈن ئۆلكىلەردە 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى،* يەنى يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى ئوخشاش ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى. 13بۇ پەرمان ھەرقايسى ئۆلكىلەردە قانۇنىي ھۆججەت سۈپىتىدە جاكارلىنىپ، ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار شۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى. 14چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.
15موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى. 16يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقىت بولدى. 17پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى ھەم بايرام قىلىشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.
9
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى
112-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنىدىغان، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. 2يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا قاراشلىق پۈتۈن ئۆلكىلەردە يىغىلىشتى. ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېچقايسىسى قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. 3پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكە باشلىقلىرى، ئەمەلدارلار، بەگلەر ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى. 4چۈنكى موردىكاي ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باراتتى. 5شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىردى. 6يەھۇدىيلار سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى. 7-10ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھاممىداتانىڭ ئوغلى بولغان ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ، يەنى پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، پوراتا، ئاداليا، ئارىداتا، پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايزاتالارمۇ بار ئىدى. يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.
11شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. 12پادىشاھ خانىش ئەستىرگە:
_ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاموننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ ئەمدى يەنى نېمىنى ئىلتىماس قىلىسەن؟ ئىلتىماسىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ تەلىپىڭ ئورۇندىلىدۇ، _ دېدى. 13ئەستىر:
_ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ھەمدە ھاموننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئون ئوغلىنىڭ جەسىتىنى خادىغا سانجىتقايلا، _ دېدى.
14پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاموننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى خادىلارغا سانجىلدى. 15ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.
16ئىمپېرىيەنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارمۇ جانلىرىنى ساقلاش ۋە دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان 75 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى. 17بۇ ۋەقە ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يۈز eبەردى. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى. 18سۇزادىكى يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادار ئېيىنىڭ 13-، 14-كۈنلىرى جەم بولدى. شۇڭا ئۇلار 15-كۈنى دەم ئالدى ۋە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشتى. 19شۇ سەۋەبتىن كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنىنى خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىشتى.
«پۇرىم» بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى
20موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويدى. ئۇ پۈتۈن ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا پەرمان چۈشۈرۈپ، 21ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرىنى بايرام كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى. 22بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنلەردۇر. بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئايدۇر. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ كۈنلەردە خۇشال بولۇشۇپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈشىنى، بىر-بىرىگە، شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى.
23شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىغان بايراملىرىنى داۋاملاشتۇردى. 24يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، يەنى ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامون يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلاپ، «پۇر» يەنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى. 25لېكىن پادىشاھ بۇ سۇيىقەستنى بىلگەندىن كېيىن، پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاموننىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خادىغا سانجىتتى.
26ھامون تارتقان چەك «پۇر» دەپ ئاتالغاچقا، يەھۇدىيلار خاتىرىلىگەن بۇ كۈنلەرمۇ «پۇرىم» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئاساسىدا 27ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە يەھۇدىي دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى. 28ئۇلار بۇ كۈنلەر ئىمپېرىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدە، ھەربىر ئائىلىلەردە خاتىرىلەنسۇن، يەھۇدىيلار «پۇرىم» بايرىمىنى مەڭگۈ ئۈزۈپ قويمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇنتۇپ قالمىسۇن، دەپ قارار ئالدى.
29ئابىخايىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىر يەھۇدىي موردىكاي بىلەن بىرگە خۇددى موردىكاي بۇرۇن چۈشۈرگەن پەرمانغا ئوخشاش پەرمان چۈشۈرۈپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى. 30بۇ پەرمان پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ بىلەن بىرگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتۇپتا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەنگەنىدى. 31پەرماندا يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستىر يەھۇدىيلارنىڭ پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلەنگەن كۈندە داۋاملىق ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، قارىلىق تۇتۇش قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى. 32ئەستىرنىڭ پەرمانى پۇرىم بايرىمىغا ئائىت قائىدىلەرنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇردى. بۇ پەرمان تەزكىرىگە يېزىلدى.
10
پادىشاھ ئاخاشۋېروش بىلەن موردىكاينىڭ ئۇتۇقى
1پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ يىراق يەرلىرى بولغان ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىنمۇ ئالۋان-سېلىق ئالاتتى. 2ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، بۈيۈك ئىش-ئىزلىرى ۋە موردىكاينى ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى «مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە يېزىلغاندۇر. 3يەھۇدىي موردىكاي مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن تىرىشقانىدى.
2: 16 تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 479-يىلى 12-ئايغا ياكى 478 يىلى 1-ئايغا توغرا كېلىدۇ.
3: 7 تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 474-يىلى 4-ئايغا توغرا كېلىدۇ.
3: 7 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 473-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ
8: 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 474-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
8: 12 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 473-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
