يۇنۇس

1

يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بويسۇنماسلىقى

1بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ يول ئالدى. ئۇ ياففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ يولغا ئالدى.

4بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى. 5شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. 6كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.

7كېمىچىلەر:

_ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىمنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى. 8ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىنا، كىمنىڭ سەۋەبىدىن بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولدۇق؟ سەن نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن، قەيەردىن كەلدىڭ، قايسى خەلقتىنسەن؟ _ دەپ سوراشتى. 9يۇنۇس ئۇلارغا:

_ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگاردىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. كېمىچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار:

_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دېيىشتى. 11بوران-چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ قانداق قىلساق دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 12يۇنۇس ئۇلارغا:

_ مېنى دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇشۇنداق دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

13لېكىن كېمىچىلەر يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىماي، ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. چۈنكى بوران-چاپقۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى. 14شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.

15ئاندىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئەكېلىپ، دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىدى، بوران شۇ ئان توختىدى. 16كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى ئادا قىلىشتى.

17پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.

2

يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى

1يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا پەرۋەردىگارى خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى:

 

2«نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا.

پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ،

قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.

3سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ،

قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار،

بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.

4مۇنداق دېدىم شۇ پەيتتە:

‹چۈشۈپ كەتتىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىن،

كۆرىمەن يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى لېكىن.

5سۇلار ئورىدى مېنى،

چوڭقۇرلۇق قورشىدى مېنى،

دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر چىرمىۋالدى بېشىمنى.

6چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئاستىغا،

چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا.

لېكىن ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا،

قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن.

7تېنىمدىن چىقاي دېگەندە جېنىم،

ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم.

يەتتى دۇئايىم ساڭا،

سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا.

8ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار

سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار.

9لېكىن مەن سۇنارمەن دائىم،

شۈكۈر ئېتىپ قۇربانلىق ساڭا.

ۋاپا قىلارمەن قىلغان قەسەملىرىمگە،

چۈنكى نىجاتلىق كېلەر سەن پەرۋەردىگاردىنلا.›»

 

10شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى.

3

يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇشى

1پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن دەرھال بۈيۈك نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى شەھەردىكىلەرگە جاكارلىغىن، _ دېدى.

3يۇنۇس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئىنتايىن چوڭ شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى. 4يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى بىر كۈن ئارىلىغاندىن كېيىن:

_ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب بولىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 6نىنەۋى پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى.

7پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم، مەيلى ھايۋان، يەنى مەيلى كالا، مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە يېمىسۇن، ھېچنېمە ئىچمىسۇن. 8پۈتكۈل ئادەملەر ماتەملىك كىيىم كىيسۇن، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ كىيدۈرۈلسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن، ھەمدە يامان يوللىرىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. 9كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»

10خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.

4

پەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىلىكلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى

1يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. 2شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟! 3ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!

4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتتى. 6پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاپاقنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ پېلىكىدىن بىر باراڭ ياساپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە قىلدى. يۇنۇس قاپاق پېلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پېلىكىنى يەپ، ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. 8كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى. 9لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن:

_ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس. 10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن ھەم ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى قۇرۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.