يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت

1

1مەنكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىسىدىن قەدىرلىك دوستۇم گايۇسقا سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن. 2قەدىرلىك دوستۇم، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ۋە تېنىڭمۇ قەلبىڭدەك ساغلام بولسۇن. 3بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، سېنىڭ ھەقىقەتكە سادىق بولغانلىقىڭنى ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ ياشاۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقاندا، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. 4مەن ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.

خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلارغا ياردەم بېرىش

5قەدىرلىك دوستۇم، قېشىڭغا كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ خۇداغا بولغان ساداقىتىڭنى كۆرسىتىدۇ. 6ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئالدىدا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قېشىڭغا كەلگەنلەرنى داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا ياردەم بېرىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. 7چۈنكى ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن سەپەرگە چىقتى. ئۇلار ئېتىقادسىزلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 8شۇڭا بىز مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەت يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك.

9بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە بىر پارچە خەت يازغانىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ۋە جامائەتكە باشلىق بولۇش تەمەسىدە يۈرگەن دىئوترىفۇس سۆزىمىزنى ئېتىبارغا ئالماپتۇ. 10شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى يامان سۆزلەر بىلەن بىزگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلماپتۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

11قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر.

12دېمىترۇسقا كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ بۇ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن.

ئاخىرقى سۆز

13ساڭا دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن بۇ سۆزلىرىمنى قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلىتىپ دېگۈم يوق. 14بۇ سۆزلىرىمنى سەن بىلەن پات ئارىدا دىدارلاشقاندا، دېيىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 15ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن! دوستلىرىڭدىن ساڭا سالام. سەنمۇ ئۇ يەردىكى دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە مەندىن سالام ئېيتقايسەن.