يەشايا

1

1يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.

ئاسىي خەلق

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا،

قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن،

بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.

3ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ،

بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ،

خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»

 

4ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق،

قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل!

بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى،

ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى،

ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.

 

5نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟

باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.

6بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق،

ھەممە يېرى يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت،

ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.

 

7ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن.

ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.

زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.

8غېرىبانە سىئون* يالغۇز قالدى،

ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە،

قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە

ۋە قورشاۋغا ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.

9ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى،

بىز تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك،

ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.

 

10ئەي سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى،

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيە خەلقى،

خۇدانىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ماڭا نۇرغۇنلىغان قۇربانلىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە كېرىكى بار؟

قوچقارلار ۋە بوردالغان كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم.

مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.

12سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانامغا كەلگەندە،

ئىبادەتخانامنى گۈپۈرلىشىپ، قالايمىقان قىلىڭلار دەپ كىم ئېيتتى؟

13بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار!

سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر!

سىلەر يېڭى ئاي بايرىمى، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر،

لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.

14سىلەرنىڭ يېڭى ئاي بايرىمى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم.

15سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا،

كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن.

قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن،

چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.

16ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار،

رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار.

يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.

17ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار،

ئادىللىقنى ئىزدەڭلار،

زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار،

يېتىم-يېسىرلارنى قوغداڭلار،

تۇل ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.»

 

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى.

گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ.

ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.

19ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار،

زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.

20ئەگەر رەت قىلىپ، ماڭا قارشى چىقساڭلار،

سىلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىسىلەر.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

ساداقەتسىز يېرۇسالېم

21بۇ سادىق شەھەر قانداقلارچە پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ساداقەتسىز بولۇپ قالدى؟!

ئۇ ئىلگىرى ئادالەتكە تولغان، ھەققانىيەت دەۋر سۈرگەن شەھەر ئىدىغۇ؟!

بىراق ئەمدى ئۇ يەردە قاتىللارلا قالدى، خالاس.

22كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى،

شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.

23ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.

ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى.

ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،

سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ.

ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنى قوغدىمايدۇ،

تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.

 

24ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا،

يەنى ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن،

دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.

25سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن.

داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ،

پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.

26بۇرۇنقىدەك ئادىل سوراقچىلارنى تەيىنلەيمەن،

دانا مەسلىھەتچىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

شۇندىلا يېرۇسالېم ‹ھەققانىيەتلىك شەھەر› ۋە ‹ساداقەتلىك شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»

 

27سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ،

شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.

28بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ،

پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.

29سىلەر ياخشى كۆرگەن پىستە دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر،

سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن شەرمەندە بولىسىلەر.

30سىلەر يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن پىستە دەرىخىگە ئوخشاپ قالىسىلەر،

سۇغۇرۇلمىغان باغقا ئوخشاش قاغجىراپ قالىسىلەر.

31كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ،

ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ،

ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى كۆيدۈرىدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

2

پەرۋەردىگارنىڭ تېغى

1بۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىيدۇر:

2شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ

تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ،

بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.

3نۇرغۇن خەلقلەر كېلىپ مۇنداق دېيىشىدۇ:

«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى.

ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ،

بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز».

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن،

سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.

4ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ،

ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا،

نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ.

ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ،

ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ.

 

5ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.

خۇدانىڭ جازاسى

6ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ،

چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى،

فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى.

يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.

7ئۇلارنىڭ زېمىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى،

خەزىنىلىرىنىڭمۇ چېكى يوق.

يايلاقلىرى ئاتلارغا تولدى،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سانى چەكسىز.

8ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى،

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرلىرى بىلەن،

يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇنىدۇ.

9ئۇلار شۇ بۇتلار ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۆزىنى كەمسىتىدۇ،

ئۇلارنى كەچۈرمىگەيسەن.

 

10سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ،

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ۋە ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!

11ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

مەغرۇرلۇقى سۇنىدۇ.

 

12قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى،

ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.

13ئۇلارنى خۇددى لىۋاننىڭ كۆككە تاقاشقان ئېگىز كېدىرلىرىنى

ۋە باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلايدۇ.

14خۇددى بارلىق ئېگىز تاغ ۋە چوققىلارنى تۈزلىۋەتكەندەك تۈزلىۋېتىدۇ.

15خۇددى ئېگىز مۇنار ۋە مۇستەھكەم سېپىللارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

16خۇددى ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلەرنى

ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.

17ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

مەغرۇرلۇقى سۇنىدۇ.

 

18بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.

19پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە،

كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپى ۋە ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن

ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن

ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى

قارىغۇ چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.

21پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە،

كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپى ۋە ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن

ۋەھىمىگە چۈشۈپ، غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

22ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن.

ئۇنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.

3

يەھۇدىيەنىڭ جازالىنىشى

1قاراپ تۇرۇڭلار، ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ،

يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،

2باتۇرلار ۋە لەشكەرلەرنى،

سوتچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى،

پالچى ۋە ئاقساقاللارنى،

3ئەللىكبېشى ۋە ئابرۇيلۇقلارنى،

مەسلىھەتچىلەر، ماھىر ھۈنەرۋەن ۋە ئەپسۇنچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆسمۈرلەرنى ھۆكۈمران قىلىمەن،

كىچىك بالىلار خەلقىمنى باشقۇرىدۇ.

5خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ،

ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ.

ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ،

پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»

 

6ئۇ كۈن كەلگەندە، بىرى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا:

«سېنىڭ چاپىنىڭ بارمىش،

سەن بىزگە باشلىق بولغىن،

بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ.

7بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ:

«مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن،

ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق.

مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ.

 

8يېرۇسالېم غۇلاپ چۈشىدۇ،

يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ!

چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.

9يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ،

خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي،

چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى!

 

10ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ،

ئۇلار ئۆز ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.

11رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ،

قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.

12بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ،

ئاياللار خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ،

سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.

 

13پەرۋەردىگار سوتقا ھازىرلاندى،

ئۇ خەلقنى سوراق قىلىشقا باشلايدۇ.

14‏-15ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ، ئۇلارنى:

«سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار،

يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار.

سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم قىلىدىغان،

يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.

يېرۇسالېمدىكى ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرۇش

16پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى.

ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،

ئۇششاق قەدەم تاشلاپ،

پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى شىرىقشىتىشپ مېڭىشىدۇ.

17شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن.

مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قويۇپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»

 

18ئۇ كۈن كەلگەندە ئىگىمىز ئۇلارنىڭ پۇت بېزەكلىرى، باش لېنتىلىرى، ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلىرى، 19ھالقىلىرى، بىلەزۈكلىرى، چۈمبەللىرى، 20باش كىيىملىرى، پۇت زەنجىرلىرى، كەمەرلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملىرى، تۇمارلىرى، 21ئۈزۈكلىرى، بۇرۇن ھالقىلىرى، 22بايراملىق لىباسلىرى، تونلىرى، چاپانلىرى، ھەميانلىرى، 23ئەينەكلىرى، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملىرى، تاجلىرى ۋە روماللىرىنى تارتىپ ئەكېتىدۇ.

 

24خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ،

كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ،

قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ،

ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ،

گۈزەللىكنىڭ ئورنىنى داغلانغان ئىز ئالىدۇ.

25ئەرلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

باتۇرلىرىڭلار ئۇرۇش مەيدانىدا يەر چىشلەيدۇ.

26سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ،

بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ، يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.

4

1ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ:

«بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز،

ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز.

بىزنى ئەمرلىرىگە ئالغايلا،

ياتلىق بولالمىغان شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ.

يېرۇسالېمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەھىي

2ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ. 3سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر. 4ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ. 5ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ. 6ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ.

5

ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ئۈزۈمزارلىقىدۇر

1مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي،

بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر:

«دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى،

ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،

2ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى،

تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى.

ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى،

ھەتتا قازدى ھەم بىر ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى.

كۈتكەنىدى ئۇ يېرىدىن ياخشى ھوسۇلنى،

بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.»

 

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلار،

ئەي يەھۇدىيە پۇقرالىرى،

مەن ۋە ئۈزۈمزارلىقىم ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىڭلار!

4مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم!

يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟

ئۈزۈملىرىمنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم،

نېمىشقا ئۈزۈملىرىم ناچار چىقتى؟

 

5ئەمدى ئۈزۈمزارلىقىمغا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىلەرگە ئېيتىپ قوياي.

ئۇنىڭ قاشالىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن،

ھايۋانلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگەتسۇن.

ئۇنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ، چاقىمەن،

ئۇنى ھايۋانلار دەسسەپ-چەيلەپ ۋەيران قىلسۇن.

6مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن،

ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ،

ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ،

بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئەمر قىلىمەن.»

 

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر،

يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر.

ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۈلۈشنى كۆردى،

ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھالىغا ۋاي!

8ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار،

قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار،

ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر.

9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالىدۇ،

ھەتتا ئېسىل سارايلارمۇ ئادەمسىز قالىدۇ.

10ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ،

ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.»

 

11قاق سەھەردە تۇرۇپ، مەينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ،

كېچىچە شاراب ئىچىپ، غەرق مەست بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

12ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ،

بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ،

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.

 

13خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار

ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ.

14شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ،

ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ.

ئۇ يېرۇسالېمنىڭ كاتتىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ،

شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.

15ئىنسان خار قىلىنىدۇ،

ھاكاۋۇرلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ.

16بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.

مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

17ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار يايلاقلاردا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ.

بايلارنىڭ خارابىلىكىدىنمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.

 

18يالغانچىلىقنى ئارغامچا قىلىپ گۇناھىنى سۆرەپ يۈرگەنلەرنىڭ،

رەزىللىكىنى ھارۋىسى بىلەن ھەيدەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

19ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ:

«قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى!

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇن، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.

20ئاقنى قارا، قارىنى ئاق،

يورۇقلۇقنى زۇلمەت، زۇلمەتنى يورۇقلۇق،

تاتلىقنى ئاچچىق، ئاچچىقنى تاتلىق دەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

21ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ،

ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

22شاراب ئىچىشتە باتۇرلۇق قىلغانلارنىڭ،

مەيلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتە نوچىلىق قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

23ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ،

بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.

 

24شۇڭا ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى

خۇددى يالقۇنلۇق ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك كۆيۈپ كېتىدۇ.

ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى رەت قىلدى،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.

25شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى.

ئۇ ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ.

تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش كوچىلاردا ياتىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

 

26ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ.

ئۇ پۇشتەك چېلىپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ.

قاراڭلار، ئۇ ئەللەر ئۇچقاندەك تېز كېلىۋاتىدۇ!

27ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھارمايدۇ، پۇتلاشمايدۇ،

مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇخلاپ قالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ نە كەمەرلىرى بوشاشمايدۇ،

نە چورۇقلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

28ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ،

ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان.

ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ.

29ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ،

غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ.

ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ،

ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.

30ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارغا قارشى ھۆركىرەيدۇ،

ئۇلارنىڭ ھۆركىرىشى خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ.

ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا،

ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ.

يورۇقلۇق قارا بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىدۇ.

6

يەشايانىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللىنىشى

1مەن ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى كۆكتىكى يۈكسەك تەختىدە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچى ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى بىلەن تولغانىدى. 2ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە «سىراف»لار* بار ئىدى. ھەربىر «سىراف»نىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلار ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى. قالغان ئىككى قانىتى يۈزلىرىنى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى. 3ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

 

«قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر!

پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغاندۇر!» دەپ ۋارقىراشتى.

 

4ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى زىلزىلىگە سالدى ۋە ئىبادەتخانا تۈتۈنگە تولدى. 5مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:

_ ھالىمغا ۋاي، مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مېنىڭ ئاغزىم گۇناھقا پاتقاندۇر، ھەمدە مەن ئاغزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!

6«سىراف»لارنىڭ بىرى ماڭا قاراپ ئۇچۇپ كەلدى. قولىدا بىر چوغ بار ئىدى، ئۇ ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغانىدى. 7ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ:

_ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى.

8شۇ چاغدا مەن ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي، كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن:

_ مەن باراي، مېنى ئەۋەتكىن! _ دېدىم. 9ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ، ئۇ خەلققە:

 

«سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر،

قىلغانلىرىمنى كۆرىسىلەر، كۆرىسىلەر، لېكىن مەنىسىنى بىلمەيسىلەر» دەپ ئېيتقىن.

10سەن قانچە كۆپ سۆزلىسەڭ، ئۇلارنىڭ زېھنى شۇنچە زەئىپلىشىدۇ،

قۇلاقلىرى شۇنچە پاڭلىشىدۇ، كۆزلىرى شۇنچە كورلىشىدۇ.

نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس بولىدۇ، زېھنى زەئىپلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتالمايدۇ ۋە شىپالىق تاپالمايدۇ.

 

11ئاندىن مەن:

_ ئى ئىگەم، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم مۇنداق دېدى:

 

«بۇ تاكى شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالغۇچە،

ئۆيلەر چۆلدەرەپ، زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،

12مەن بۇ خەلقنى يىراققا سۈرگۈن قىلغۇچە

ۋە بۇ زېمىن پۈتۈنلەي تاشلاندۇق يەرگە ئايلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.

13بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ.

لېكىن خۇددى كېسىۋېتىلگەن پىستە ياكى دۇپ دەرەخلىرىنىڭ كۆتىكى قايتا كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ قايتا كۆكلەيدۇ.

شۇ كۆتەك مۇقەددەس ئۇرۇقتۇر.»

7

پادىشاھ ئاخازغا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي

1پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غەلىبە قىلالمىدى.

2ئاررام بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ ئاخاز ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن بوراندا قالغان دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.

3پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇبنى [مەنىسى «ئامان قالغان ئاز بىر قىسمى قايتىپ كېلىدۇ»] ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن. 4ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئۆزۈڭنى بېسىۋال، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. ئاررام پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر. 5ئاررام پادىشاھى بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ: 6‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ. 7بىراق مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

8چۈنكى دەمەشق شەھىرى پەقەت ئاررامنىڭ پايتەختىدۇر،

رىزىن بولسا پەقەت دەمەشقنىڭ بېشىدۇر.

شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ.

9سامارىيە شەھىرى پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختىدۇر،

رىماليانىڭ ئوغلى بولسا پەقەت سامارىيەنىڭ بېشىدۇر.

ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›»

ئىممانۇئېل _ «خۇدا بىزگە ياردۇر»

10يەشايا ئاخاز پادىشاھقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى:

11_ سەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بېشارەت تىلىگىن! تىلىگەن بېشارىتىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن كەلسىمۇ ياكى ئاسماندىن كەلسىمۇ مەيلى.

12بىراق ئاخاز يەشاياغا:

_ مەن تىلىمەيمەن، پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى. 13يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بىزار قىلغىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بىزار قىلماقچىمۇ؟ 14پەرۋەردىگار سىلەرگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن مۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: «كەلگۈسىدە ياش بىر قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا ‹ئىممانۇئېل› [مەنىسى ‹خۇدا بىزگە ياردۇر›] دەپ ئىسىم قويىدۇ. 15بالا ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك چوڭ بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ 16ۋە بۇ ۋاقىتقىچە سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ.

17كېيىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان بىر كۈننى سېنىڭ، خەلقىڭنىڭ ۋە خان جەمەتىڭنىڭ بېشىغا سالىدۇ، يەنى ئۇ ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى زېمىنىڭغا باشلاپ كېلىدۇ.

18ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇرىيە قوشۇنلىرىنى ئىسقىرتىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك زېمىنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدۇ 19ۋە جىرالارغا، ئۆڭكۈرلەرگە، چاتقاللىقلارغا ھەمدە يايلاقلارغا ماكانلىشىدۇ. 20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن بىر ئۇستىرىنى، يەنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى ئىجارىگە ئالىدۇ. ئۇ چېچىڭلارنى، پۇتۇڭلارنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭلارنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ. 21ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر پەقەت بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىسىنىلا ساقلاپ قالالايدۇ. 22ئۇلارنىڭ سۈتى پەقەت سۈزمە قىلىشقىلا يېتىدۇ. بۇ زېمىندا ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سۈزمە ۋە بال يەيدۇ.

23ئۇ ۋاقىت كەلگەندە قىممىتى 12 كىلو كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تاللىرى بولغان ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ. 24بۇ يەرلەرنى ئازغان ۋە تىكەن قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئادەملەر بۇ يەرلەردە پەقەت ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ. 25بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسىلەر. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسىلەر. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ.»

8

ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمى

1كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ بىر چوڭ تاختايغا كىشىلەر ئوقۇيالىغۇدەك ئېنىق قىلىپ: «ماخېرشالال-خاشباز» [مەنىسى «تېز تالان-تاراج قىلىش»] دەپ يازغىن، _ دېدى.

2مەن ئىشەنچلىك بولغان روھانىي ئۇرىيا ۋە يىبەرەكيانىڭ ئوغلى زىكىرىيانى بۇ ئىش ئۈچۈن گۇۋاھلىققا چاقىردىم. 3كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئۇنىڭغا «ماخېرشالال-خاشباز» دەپ ئىسىم قويغىن. 4بالىنىڭ «ئاتا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن دەمەشق ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

6بۇ خەلق مېنىڭ شىلوۋاخنىڭ ئاستا ئېقىۋاتقان يۇمشاق سۇلىرىغا ئوخشايدىغان مېھرىبانلىقىمنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇلار پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن خۇشال بولدى. 7شۇڭلاشقا مەنكى ئىگەڭ بولغان پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان فىرات دەرياسىدەك تاشقىنلاپ كېلىپ، قىرغاقلاردىن تاشىدۇ. 8تاشقىنلىغان بۇ ئېقىن پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى يۇتۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان ئېقىنلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئېھ ئىممانۇئېل [مەنىسى ‹خۇدا بىزگە يار بولغاي›]!

 

9ئەي يات خەلقلەر، سىلەر ھالاك بولىسىلەر.

ئەي يىراقتىكى ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار،

ساۋۇتۇڭلارنى كىيسەڭلارمۇ ھالاك بولىسىلەر،

ساۋۇتۇڭلارنى كىيسەڭلارمۇ بەرىبىر ھالاك بولىسىلەر!

10پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزىۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ.

بۇيرۇق چۈشۈرىۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ،

چۈنكى خۇدا بىزگە ياردۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ يەشايانى ئاگاھلاندۇرۇشى

11پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولىنى ئۈستۈمگە قويۇپ، مېنى بۇ خەلقنىڭ ماڭغان يولىدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

12«بۇ خەلق سۇيىقەست دېگەننى سەن سۇيىقەست دېمە،

ئۇلار قورققان ئىشلاردىن سەن قورقما ۋە ۋەھىمىگە چۈشمە.

13مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس بىل،

پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمىگە چۈشكىن.

14مەن سىلەرنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىڭلار بولىمەن.

لېكىن ئىسرائىللارنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى ئۈچۈن

ۋە نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاش بولىمەن.

يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.

15نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ،

ئۇلار يىقىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇلار قاپقانغا چۈشۈپ ئەسىر بولىدۇ.»

 

16تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن،

شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.

17مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن،

مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.

 

18مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىرگە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بەرگەن بەلگە ۋە بېشارەتلىرىدۇرمىز.

19ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ 20ياق، خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار. ئەگەر كىمدىكىم خۇدانىڭ تەلىملىرى بويىچە مەسلىھەت بەرمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ. 21ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ. 22ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.

9

كەلگۈسىدىكى پادىشاھ

1لېكىن بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندە قىلغانىدى. بىراق كېيىنچە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيە رايونىغىچە بولغان يەرلەرنى شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ.

 

2قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق نۇرنى كۆرىدۇ،

زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە بىر نۇر چېچىلىدۇ.

3ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتتىڭ،

ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلدىڭ.

ئۇلار خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش

ۋە ئولجىلارنى بۆلۈشكەندە شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش

سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ.

4بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىدىڭ،

يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدىڭ.

خۇددى مىدياننى مەغلۇپ قىلغان كۈنىگە ئوخشاش.

5لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى،

قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى

يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ.

6بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ،

بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ.

ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.

ئۇنىڭ نامى قالتىس مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا،

مەڭگۈلۈك ئاتا ۋە تىنچلىق شاھى دەپ ئاتىلىدۇ.

7ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى تىنچلىق ئىچىدە چەكسىز ھۆكۈم سۈرىدۇ.

ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى

ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ پادىشاھلىق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىشى

8پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى،

ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى.

9بۇنى شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بىلىدۇ.

ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېيىشىدۇ:

10«خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىز ئۆرۈلدى،

لېكىن بىز ئۇنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشتىن قايتىدىن ئۆي سالىمىز.

ئەنجۈر دەرەخلىرىمىز كېسىلدى،

لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا كېدىر دەرەخلىرىنى تىكىمىز.»

11بىراق پەرۋەردىگار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئەۋەتىدۇ،

ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ.

12شەرقتە ئارراملار، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

 

13ئەمما بۇ خەلق جازالانغان تۇرۇقلۇق يەنە توۋا قىلمايدۇ.

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا ئىسرائىللارنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى،

شۇنداقلا خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.

15ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا،

ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.

16بۇ خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى،

ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى.

17ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز ۋە رەزىلدۇر،

ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن پەقەت ناچار سۆزلەر چىقىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگەم ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن ئەمەس،

ئۇ يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

 

18رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ،

ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ.

كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ،

قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ، يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.

19قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى زېمىننى كۆيدۈرىدۇ.

بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ،

ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

20ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ،

بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ.

سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ،

بىراق يەنىلا تويمايدۇ.

ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ گۆشىنى يەيدۇ.

21ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ،

ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ.

ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

10

1ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ،

ناھەق تۈزۈملەرنى بېكىتكۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇلار نامراتلارنى ئادالەتتىن مەھرۇم قىلدى.

خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى

ۋە تۇل ئايال ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى.

3سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان كۈنۈڭلار كەلگەندە،

يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلىسىلەر؟

كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟

توپلىغان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويىسىلەر؟

4ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش

تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ

ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

خۇدانىڭ ئاسسۇرلارنى جازالىشى

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاسسۇرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئاسسۇرلار قەھرىمنىڭ كالتىكى،

غەزىپىمنىڭ تايىقىدۇر.

6مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن،

مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن.

ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلكىنى ئېلىپ كېتىدۇ،

ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.

7ئەمما ئاسسۇرىيە پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ،

ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ.

ئۇ پەقەت ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ.

ئۇ پەقەت نۇرغۇن ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.

8ئۇ ماختىنىپ: ‹مېنىڭ سەركەردىلىرىم باشقا پادىشاھلاردىن يۇقىرىدۇر!

9بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلدۇق!

بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلدۇق!

بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلدۇق!

10مېنىڭ قۇدرىتىم بۇتلار قاپلاپ كەتكەن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرى يېرۇسالېم بىلەن سامارىيەنىڭ بۇتلىرىدىن ئۇلۇغ ئىدى.

11مەن خۇددى سامارىيە شەھىرىنى ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلغاندەك،

يېرۇسالېمنىمۇ ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىمەن› دەيدۇ.»

 

12پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ. 13پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم،

مەن شۇنداق دانادۇرمەنكى، بۇ ئىشلارنى ئۆز ئەقلىم بىلەن پىلانلىدىم!

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنى يوقاتتىم،

ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم.

مەن خۇددى كۈچتۈڭگۈر پالۋانلاردەك

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەختلىرىدىن يۇلۇپ تاشلىدىم.

14مەن خۇددى قۇش چاڭگىسى تاپقاندەك،

بۇ ئەللەرنىڭ بايلىقىنى تاپتىم.

خۇددى چاڭگىدىكى تۇخۇملارنى ئالغاندەك،

بۇ ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئالدىم.

ھېچبىر قۇش ماڭا قارشى قانات قاقالمىدى،

ياكى ماڭا قارشى ۋىچىرلىيالمىدى.»

 

15پالتا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن كۈچلۈك» دەپ ماختىنالىسۇن؟!

ھەرە قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن مۇھىم» دېيەلىسۇن؟!

توقماق ئۆزىنى تۇتقۇچىنى قانداقمۇ پۇلاڭلىتالىسۇن؟!

ھاسا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىنى كۆتۈرەلىسۇن؟!

16ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاسسۇرلارنىڭ پالۋانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەل ئەۋەتىدۇ.

ئۇلارنىڭ شۆھرىتىنى لاۋۇلداۋاتقان ئوت يالقۇنى يالماپ كېتىدۇ.

17ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىپ،

ئاسسۇرلاردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلارنى بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

18ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ.

ئاسسۇرلار خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ.

19ئۇلارنىڭ ئورمانلىقىدا دەرەخلەر شۇنچىلىك ئاز قالىدۇكى،

ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۇلارنى سانىيالايدۇ.

ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمىنىڭ قايتىپ كېلىشى

20شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ئاسسۇرلارغا تايانماستىن، بەلكى پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا چىن قەلبى بىلەن تايىنىدۇ. 21ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق، ياقۇپنىڭ ئامان قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئەۋلادلىرى قۇدرەتلىك خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كېلىدۇ. 22ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما پەقەت ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېلىسىلەر! چۈنكى سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغاندۇر، مانا بۇ ئادالەتتۇر. 23شۇنداق، ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پۈتكۈل زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلغان قارارى بويىچە گۇمران قىلىدۇ.

24شۇڭا ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار. 25ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ. شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن. 26مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن. 27شۇ كۈنى كەلگەندە، سىلەر ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد بولىسىلەر. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.»

دۈشمەنلەرنىڭ يېرۇسالېمغا يېقىنلاپ كېلىشى

28ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ،

مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ،

مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.

29ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ.

راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ،

پادىشاھ سائۇلنىڭ گىبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.

30ئەي گاللىم شەھىرىنىڭ خەلقى، ياردەم چاقىرىڭلار!

ئەي لايشاھ شەھىرىدىكىلەر، سىلەرمۇ ئاڭلاڭلار!

ئەي بىچارە ئاناتوت شەھىرىدىكىلەر!

31مادمېنا شەھىرىدىكى خەلقلەر قاچىدۇ،

گېبىم شەھىرىدىكىلەر پاناھ جاي ئىزدەيدۇ.

32بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ،

ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.

 

33قارا، ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن

شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ،

ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ!

ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.

34پەرۋەردىگار ئۇلارنى لىۋاننىڭ ئېگىز دەرەخلىرىنى پالتا بىلەن يىقىتقاندەك يىقىتىدۇ.

11

داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھ

1خۇددى كۆتەكتىن نوتا ئۈنۈپ چىققاندەك،

يىشاينىڭ* يىلتىزىدىن بىر نوتا ئۈنۈپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ.

2پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ.

بۇ روھ دانالىق، ئىدراك،

نەسىھەت، كۈچ-قۇدرەت،

بىلىم ۋە پەرۋەردىگارغا بولغان ئىخلاسمەنلىك روھىدۇر.

3ئۇ پەرۋەردىگارغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىدىن شادلىنىدۇ.

ئۇ ئادەملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ

ياكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاساسەن قارار چىقارمايدۇ.

4ئۇ كەمبەغەللەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ،

ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ.

ئۇ دۇنيانى سۆز تايىقى بىلەن جازالايدۇ،

ئۇ رەزىللەرنى بىر پۈۋلەپلا ھالاك قىلىدۇ.

5ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر،

راستچىللىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.

 

6شۇ چاغدا بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ،

يىلپىز بىلەن ئوغلاق بىللە ياتىدۇ،

شىر بىلەن موزاي ۋە بوردالغان كالا بىرگە يۈرىدۇ،

كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ.

7كالا بىلەن ئېيىق بىللە ئوتلايدۇ،

ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە ياتىدۇ،

شىر كالىغا ئوخشاش سامان يەيدۇ.

8بوۋاقلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسى يېنىدا ئوينايدۇ،

بالىلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسىغا قولىنى تىقىپ ئوينايدۇ.

9پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ.

خۇددى دېڭىز سۇغا تولغاندەك،

پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگار ھەققىدىكى بىلىمگە تولىدۇ.

 

10شۇ چاغدا يىشاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.

11شۇ چاغدا ئىگىمىز قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، ئامان قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردىن، كۇشتىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

 

12پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ،

سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى يىغىدۇ.

ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى

يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.

13ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ،

يەھۇدىيەلىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختايدۇ.

ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرگە ھەسەت قىلمايدىغان بولىدۇ،

يەھۇدىيەلىكلەرمۇ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ.

14ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن يەھۇدىيەلىكلەر بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ.

ئۇلار ئىدوم ۋە موئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ،

ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.

15پەرۋەردىگار مىسىر دېڭىزىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋېتىدۇ،

ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ،

كىشىلەرنىڭ ئاسان مېڭىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.

16خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك،

پەرۋەردىگارنىڭ ئامان قالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ.

12

مەدھىيەلەر

1شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ:

«شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار.

گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ،

يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن بەردىڭ ماڭا تەسەللى.

2بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر!

ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن.

چۈنكى پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجاتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر،

ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»

 

3سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار. 4ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر:

«شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا.

ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە،

ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!

5ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

چۈنكى ئۇ قىلدى ئاجايىپ ئىشلارنى.

جاكارلانسۇن بۇ ئىشلار ھەم پۈتۈن يەر يۈزىگە!

6ئەي سىئون خەلقى،

ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى،

چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان،

ئارىمىزدا بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»

13

مىدىيالىقلارنى بابىللىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىش

1ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلار،

قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار.

ئۇلار ھاكاۋۇر شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!

3مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم،

غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم،

لەشكەرلىرىم غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»

 

4قۇلاق سېلىڭلار تاغلاردىن كەلگەن سادالارغا،

ئۇ غايەت زور خەلقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە ئوخشايدۇ،

قۇلاق سېلىڭلار پادىشاھلىقلاردىكى نەرە تارتقان ئاۋازلارغا،

نۇرغۇن ئەللەرنىڭ بىرلىشىشىدىن يىغىلغان ئاۋازلارغا،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ.

5ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ،

پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.

 

6ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر!

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى.

ئۇ كۈن ھەممىگە قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.

7ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ،

ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.

8ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ،

ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ.

ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ،

بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.

 

9قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى.

بۇ شەپقەتسىز كۈن چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر.

ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.

10ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ.

قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ،

ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.

 

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن دۇنيانى ئۆزىنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن،

رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن.

مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن.

شەپقەتسىزلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يەرگە ئۇرىمەن.

12مەن ئىنسانلارنى زېمىندا ئازايتىمەن،

ئۇلار ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىمەن.

13بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ،

ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.

 

14شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى،

جەرەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك

ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىغا قاچىدۇ.

15بايقالغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ،

تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

16ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى كۆز ئالدىدىلا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاپ-تالىنىدۇ، ئاياللىرى دەپسەندە قىلىنىدۇ.

 

17مەن مىدىيالىقلارنى بابىللىقلارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن.

ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.

18ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ،

بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»

 

19بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى.

بابىللىقلارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى.

ئۇ خۇددى سودوم ۋە گومورادەك

خۇدا تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ.

20بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ،

كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ.

كۆچمەن خەلقلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ،

پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ.

21بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ.

ئۇ يەردە تۆگىقۇشلار ياشايدۇ،

ياۋايى ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ.

22بابىلنىڭ قورغانلىرىدا ياۋايى ئىتلار ھۇۋلىشىپ يۈرىدۇ.

كۆركەم ئوردىلىرىدا چىلبۆرىلەر يايراپ يۈرۈشىدۇ.

بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى،

ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.

14

ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى

1پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

بابىل پادىشاھىنىڭ تۈگىشىشى

3پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە، 4سىلەر بابىل پادىشاھىنى بۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلىسىلەر:

بۇ زوراۋان پادىشاھ تۈگەشتى!

ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى ئاخىرلاشتى!

5پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى،

زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى.

6ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ، ئەللەرنى يوقاتقان،

خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ھېسابسىز ئەزگەنىدى.

7ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام تاپتى.

خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى.

8ئەي بابىل پادىشاھى، لىۋاننىڭ قارىغاي ۋە كېدىر دەرەخلىرى

سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ.

ئۇلار: «سەن يوقالغاندىن كېيىن، ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.

 

9يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى ھاياجانلىنىپ، سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ.

بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلار ئويغىنىدۇ،

بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.

10ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولۇپ، سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!»

11سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى.

سېنىڭ چىلتارنىڭ ئاۋازىمۇ سەن بىلەن بىرگە دەپنە قىلىندى.

سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.

 

12سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟!

سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟!

قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟!

سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!

13سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ:

«مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن.

مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.

14مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!»

15ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ،

ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.

16ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ

ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئادەم يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟

17بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان،

شەھەرلەرنى خاراب قىلغان ئەمەسمىدى؟

ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان ئەمەسمىدى؟»

 

18باشقا ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ.

19ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن.

سېنىڭ جەسىتىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە دەسسەپ چەيلەنگەن

جەسەتلەر بىلەن بىرگە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ.

20سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن،

چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلدىڭ.

بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىسۇن!

21بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار.

ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن.

ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن.

يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن!

 

22قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىل شەھىرىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ،

ئۇنىڭ نامىنى، قېلىپ قالغان خەلقنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.»

23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلنى ھۇۋقۇشلار ماكانىغا،

شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرىمەن.

مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش بابىلنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.»

ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

24قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئىشلار خۇددى مەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلغىنىمدەك يۈز بېرىدۇ.

مەن قانداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان بولسام، ئىشلار شۇنداق بولىدۇ.

25مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن،

خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن.

ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

26بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم.

مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلۇشقا تەييار.»

27بەرھەق، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلسا،

كىم ئۇنى توسالايدۇ؟

ئۇنىڭ قوللىرى گۇمران قىلىشقا تەييارلانسا،

كىم ئۇنى توختىتالايدۇ؟

فىلىستىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

28پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى:

29«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ،

ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار!

كېيىن چىققان يىلان زەھەرلىك يىلاندۇر.

ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخىمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.

30پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ،

موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ.

لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن،

ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن.

31ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار!

شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار!

ئەي پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار!

شىمال تەرەپتىن چاڭ-توزان توزۇتۇپ بىر قوشۇن كېلىدۇ.

ئۇنىڭ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ.

32فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟

ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى،

ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»

15

موئابنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

2موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ،

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىشىپ يىغلىشىدۇ.

موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ.

ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

3ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كوچىلاردا ھازا تۇتىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ۋە شەھەر مەيدانلىرىدا ھەممە ئادەم نالە-پەرياد قىلىپ ھازا ئېچىشىدۇ،

ئۇلارنىڭ يۈزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلىدۇ.

4خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ،

ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرىنى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىدىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىشىپ، تىترەپ كېتىشىدۇ.

 

5مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن.

ئۇنىڭ ئاھالىلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلىشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ.

ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ.

خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيران بولغانلىقلىرىدىن نالە-پەرياد قىلىپ مېڭىشىدۇ.

6نىمرىم بۇلاقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ،

ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ،

يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ،

ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

7ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان ۋە ساقلاپ قالغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ،

سۆگەت جىلغىسىدىن* ئۆتۈپ قاچىدۇ.

8موئاب زېمىنىدىن ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ.

ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى بەئەر-ئېلىم شەھىرىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

9دىمون شەھىرىنىڭ دەريالىرى قان بىلەن بويىلىدۇ.

شۇنداق، پەرۋەردىگار دىمون شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

موئاب زېمىنىدا قېلىپ قالغان ئادەملەر ۋە قېچىپ كەتكەنلەر شىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

16

1سەلا شەھىرىدىن چىقىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سىئون تېغىغا بېرىپ،

زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا قوينىڭ قوزىلىرىنى تارتۇق قىلىڭلار.

2موئابلىق ئاياللار ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكىدىن كېچىپ ئۆتىدۇ.

ئۇلار خۇددى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشايدۇ.

3ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:

«نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئېيتىڭلار، بىزنى قوغداڭلار!

سىلەرنىڭ پاناھلىقىڭلار خۇددى چىڭقى چۈشتىكى سايىگە ئوخشايدۇ،

بىزدەك قوغلانغانلارنى ئۆز پاناھىڭلارغا ئېلىڭلار،

بىزدەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار!

4موئابتىن سەرسان بولۇپ كەلگەن بىزلەرنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە تۇرۇشقا يول قويۇڭلار،

بىزنى ھالاك قىلماقچى بولغانلاردىن قوغداپ قېلىڭلار.»

 

زالىملار چوقۇم يوقىلىدۇ،

ۋەيرانچىلىق ئاخىرلىشىدۇ،

تاجاۋۇزچىلار زېمىندىن يوقىلىدۇ،

5ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ.

ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ.

ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.

 

6بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ!

ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق، كىبىرلىك قىلىپ كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى.

ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ!

7شۇ سەۋەبتىن موئابلار ئۆزلىرى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلىشىدۇ،

ھەممىسى نالە-پەرياد قىلىشىدۇ.

ئۇلار قىرخارەسەتنىڭ كىشمىشلىرىنى ئەسلىشىپ ھەسرەتلىنىدۇ، ھازا تۇتۇشىدۇ.

8خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ.

سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ.

يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.

بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى،

ئۇلارنىڭ شاخلىرى دېڭىزغىچە يېتىپ بېرىپ، باراقسانلاشقانىدى.

9شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن.

ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، سىلەر كۆز ياشلىرىمدا بوغۇلىسىلەر.

سىلەرنىڭ مېۋىلىرىڭلار ۋە زىرائىتىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالغان چاغدىكى شادلىقىڭلار يوقايدۇ.

10باغلىرىڭلاردىن شادلىقىڭلار ۋە خۇشال كۈلكەڭلار يوقىلىدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم ناخشا ئېيتمايدۇ،

شادلىق سادالىرى توختايدۇ.

ھېچكىم ئۈزۈملەرنى ئېزىپ، ئۈزۈم شارابى ياسىمايدۇ.

سىلەرنىڭ خۇشال سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

11شۇ سەۋەبتىن مېنىڭ يۈرىكىم موئابلار ئۈچۈن خۇددى لىرا چالغاندەك بوزلايدۇ.

قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن.

12موئابلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىدىكى بۇتلارغا چوقۇنغىلى بېرىشىپ، ئۆزلىرىنى بىكار ئاۋارە قىلىشىدۇ.

ئۇلار بۇتخانىلىرىغا بېرىپ دۇئا قىلسا، قىلغان دۇئالىرىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟

 

13يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ موئابلارغا بەرگەن ئالدىن بېشارىتىدۇر. 14پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ. گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، ئۇلار شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.»

17

ئاررام ۋە ئىسرائىلىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

«دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ،

ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!

2خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ.

بۇ شەھەرلەر چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ.

ھېچكىم ئۇلارنى بۇ يەردىن قوغلىمايدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ.

3شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى ھەم دەمەشق پادىشاھلىقى يوقىلىدۇ.

ھايات قالغان ئارراملارنىڭ ئاقىۋىتى ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!

بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

4«شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ.

خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.

5ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھلار جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.

6مېۋىلىرى قېقىۋېلىنغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قېلىپ قالغان نەچچە تال زەيتۇندەك،

شاخلاردا قالغان تۆت-بەش تال مېۋىدەك پەقەت ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

7شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ،

ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ.

8شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان

ياكى ئۆزلىرى ياسىغان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئىلتىجا قىلمايدىغان،

ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان كۈجە سۇپىلىرىدا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.

 

9بۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى تاشلاندۇق خارابىلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ شەھەرلەر ئىلگىرى خەلقلىرى ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردەك ئادەمسىز قالىدۇ.

 

10چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار،

پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار.

مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار

ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،

11مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن

ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن،

بەرىبىر شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە،

سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلار يوقىلىدۇ.

 

12ئاڭلاڭلار، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ.

قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار!

13گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ،

لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ.

ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتىكى شامال ئۇچۇرغان ساماندەك،

بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.

14كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا،

تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ.

مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى،

بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.

18

كۇشقا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي

1نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، يەنى ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان كۇشلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ.

ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان،

تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار.

يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە،

كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.

 

3ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر،

سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار!

سىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئاگاھ بولۇڭلار!

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.

مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك،

ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»

5ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە،

پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ،

قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.

6جەسەتلەر تاغدىكى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا قالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن قاغا-قۇزغۇنلار يازدا ئوزۇقلۇقتىن،

يىرتقۇچ ھايۋانلار قىشتا ئاچ قېلىشتىن غەم قىلمايدۇ.

 

7شۇ چاغدا بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان خەلقتىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ.

 

بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان،

كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى خەلقتۇر.

ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

 

ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.

19

مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ.

مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ،

مىسىرلىقلار قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.

 

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن،

ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ.

ھەممە ئائىلىلەر ئۆز ئىچىدە ۋە ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ.

بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن،

بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.

3مىسىرلىقلارنىڭ جاسارىتى سۇنىدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىمەن.

ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.

ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن،

باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.

4مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن.

بىر زوراۋان پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

بۇ مەن ئىگەڭلارنىڭ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

5نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ،

دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ.

6مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ كېتىدۇ.

سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ.

قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.

7نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر،

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلارغا تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ.

ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلار يوقىلىدۇ.

8بېلىقچىلار قايغۇغا چۆمىدۇ،

نىل دەرياسىغا قارماق تاشلايدىغانلار ھەسرەتلىنىدۇ.

دەرياغا تور تاشلايدىغانلار نالە قىلىدۇ.

9زىغىردىن يىپ ئېشىدىغانلار قايغۇرىدۇ،

رەخت توقۇيدىغانلار ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ.

10مىسىرنىڭ توقۇمچىلىرىغا مۇسىبەت بولىدۇ،

بارلىق ئىشلەمچىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

 

11زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەقتۇر.

پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.

ئۇلار پىرئەۋنگە قانداقلارچە ئۆزلىرىنى ماختاپ:

«مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى!» دېگەندۇ؟!

12ئەي پىرئەۋن، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟

ئەمدى ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ

مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ!

13زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ،

نوپ شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ.

مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.

14پەرۋەردىگار مىسىر ئاقساقاللىرىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

شۇڭا ئۇلار مىسىر خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.

ئۇلارنى شارابخورلاردەك ئۆز قۇسۇقلىرىغا تېيىلىپ، دەلدەڭشىپ يۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

15مىسىردا ھېچبىر ئادەم، يەنى مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن،

ئۇلۇغ ياكى پېقىر بولسۇن، بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ئالدىدا چارىسىز قالىدۇ.

 

16ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئاياللاردەك قورقۇنچاق بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدىن قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىشىدۇ. 17يەھۇدىيە خەلقى مىسىرلىقلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. مىسىرلىقلار يەھۇدىيەنى ئېسىگە ئالغان ھامان قورقۇشىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى جازالىماقچى.

18ئۇ چاغدا مىسىرنىڭ بەش شەھىرى ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەھەر «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

19شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىلىدۇ ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىغا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ئورنىتىلىدۇ. 20بۇلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىر خاتىرە بەلگىسى بولىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەر ئۈستىدىن پەرۋەردىگارغا يىغلاپ نالە-پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 21شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق قىلىپ ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. 22پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.

23شۇ چاغدا مىسىردىن ئاسسۇرىيەگە بىر يول ئېچىلىدۇ. ئاسسۇرلار مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسسۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. مىسىرلىقلار بىلەن ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ. 24شۇ چاغدا ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە ئاسسۇرىيە يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بەخت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. 25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار خەلقىم، ئاسسۇرلار ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مۈلكۈمدۇر، ھەممىسى بەختلىكتۇر!»

20

مىسىر ۋە كۇش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى. 2شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ كېزىپ يۈردى.

3ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ يۈردى. بۇ مىسىر ۋە كۇشنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. 4ئاسسۇرىيە پادىشاھى مىسىرلىقلار ۋە كۇشلارنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇستۇر. 5كۇشقا ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ. 6شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار، بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىز قانداق قۇتۇلىمىز؟›»

21

بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر.

نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك،

چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.

2مەن بىر قورقۇنچلۇق غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم:

«ئالدامچىلار ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ،

بۇزغۇنچىلار بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار!

ئەي مىدىيالىقلار، قورشاڭلار!

پەرۋەردىگار بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ!»

3بۇ غايىبانە ئالامەت سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى،

ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا.

مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.

كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.

4بېشىم قايماقتا،

قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن.

مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم.

ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.

 

5ئۇلار غايىبانە ئالامەتتە گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى.

ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى.

تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى:

«ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»

 

6ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى:

«شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار.

ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن.

7ئۇ قوش ئات قېتىلغان جەڭ ھارۋىلىرىنى،

ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە،

چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.»

 

8قاراۋۇل مۇنداق دەپ ۋارقىرىدى:

«جانابلىرى، مەن كۈندۈزى مۇناردا كۆزەتتە تۇرىمەن.

كېچىسى ھەم كۆزەتتە تۇرىمەن.

9قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كېلىۋاتىدۇ.»

ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى!

ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»

 

10ئەي يەھۇدىيە خەلقىم، خاماندا بۇغدايدەك يانجىلغان ۋە سورۇلغان خەلقىم،

مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار،

يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم.

ئىدومنىڭ قىسقىغىنا ئامانلىقىدىن كېيىنكى زۇلۇم

11بۇ دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر.

سەئىردىن* بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ:

«قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟

قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»

12قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ:

«تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ.

ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»

ئەرەبلەر توغرىسىدىكى ۋەھىي

13بۇ ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەب چۆللۈكىدە چېدىر تىكىسىلەر.

14چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇلۇق بېرىڭلار.

ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار،

مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار.

15ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار،

يەنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن،

كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن،

شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلاردۇر.

 

16ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ پۈتۈن شان-شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ. 17قېدارنىڭ قوشۇنلىرىدىكى مەرگەنلەر ئاز قالىدۇ. بۇ مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

22

يېرۇسالېمنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا، يەنى يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟

2شەھىرىڭلار ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان،

كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟

ئەمما ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇرۇشتا قىلىچتا ئۆلمىدى.

3سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى،

ئۇلار بىرمۇ ئوقيا ئاتماي تۇتۇلدى.

ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇلدى.

4شۇڭلاشقا مەن مۇنداق دەيمەن:

«ماڭا قارىماڭلار،

مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن.

خەلقىم ھالاك بولغانلىقى ئۈچۈن

ماڭا تەسەللى بەرمەڭلار.»

 

5ئىگەم، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا

ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ۋە

سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان، شۇنداقلا تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.

6ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن كېلىدۇ.

قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.

7سىلەرنىڭ مۇنبەت جىلغاڭلار جەڭ ھارۋىلىرىغا توشۇپ كېتىدۇ.

ئاتلىق لەشكەرلەر شەھەر قوۋۇقلىرىنى قورشايدۇ.

8بۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى قوغدىمايدىغان بولىدۇ.

 

بۇ چاغدا سىلەر ئوردىدىكى «ئورمان سارىيى»دىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىزدەيسىلەر.

9سىلەر «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر.

پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر.

10يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر ۋە

سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.

11سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا يېڭى بىر كۆل ياسايسىلەر.

ئەمما سىلەر ئاشۇ ئىشلارنى پىلان قىلغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر،

شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا بېكىتكەنلىكىنى ئويلىمايسىلەر.

 

12شۇ چاغدا ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار!

چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دەيدۇ.

13ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈرىسىلەر،

كالا ۋە قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شاراب ئىچىپ يۈرىسىلەر!

سىلەر شۇنداق دەيسىلەر: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»

 

14ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ! بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

شەبناغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش

15ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئوردا غوجىدارى شەبنانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتقىن:

16‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟

ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟

بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟!

تاشلاردىن ئۆزۈڭگە ئاخىرەتلىك جاي ھازىرلىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟!

17ئەي ئەرباب، قارا ئۆزۈڭگە!

مەن پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايمەن،

سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىمەن!

18سېنى يىپ يۆگىگەندەك يۇمىلاق يۆگەپ،

يىراق ۋە كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىمەن.

سەن ئۇ يەردە ئۆلىسەن، ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ ئۇ يەردە قالىدۇ.

سەن پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.

19ئەمىلىڭنى ئېلىپ تاشلايمەن،

ئەمەلدارلىقىڭنى يوق قىلىمەن!

 

20شۇ چاغ كەلگەندە، مەن خىزمەتكارىمنى، يەنى خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىمنى چاقىرىمەن. 21مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ شاھانە تونۇڭنى كىيدۈرۈپ، بەلبېغىڭنى باغلاپ، ئەمىلىڭنى بېرىمەن. شۇ چاغدا ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. 22مەن ئۇنىڭ بوينىغا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېسىپ قويىمەن. ئۇ ئاچقان ئىشىكنى ھېچكىم ياپالمايدۇ، ئۇ ياپقان ئىشىكنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ. 23مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 24شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار قوزۇققا ئېسىلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.

25بىراق مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ چاغدا مەن مەزمۇت يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

23

تىر ۋە سىدوننى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار.

شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ،

ھېچبىر ئۆي ۋە پىرىستان ساق قالمايدۇ.

بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

2ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى،

سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار!

سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى،

3ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ،

مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى،

نىل دەرياسى ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى.

يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى.

 

4ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ!

چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قورغان مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»

5بۇ خەۋەر مىسىرغا كەلگەندە،

ئۇلار تىرغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولىدۇ.

6ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار، ئازابلىنىپ يىغلاڭلار!

7قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟!

سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟!

8بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟

بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان،

سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى.

ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.

9بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى.

ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى.

يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.

 

10ئەي تارشىش خەلقى،

نىل دەرياسى بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش

يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار!

چۈنكى پىرىستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى.

11پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە.

ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.

12ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار،

سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى.

ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار.

ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»

 

13بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان!

ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ماكان قىلىپ بەردى.

ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ،

قورغانلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

 

14تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار،

چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى.

 

15شۇ چاغ كەلگەندە تىر شەھىرى يەتمىش يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭدۇر. يەتمىش يىلدىن كېيىن تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ:

 

16سازىڭ لىرانى قولۇڭغا ئال،

كەزگىن بۇ شەھەرنى، ئەي ئۇنتۇلغان پاھىشە،

ناخشاڭنى ئېيت، مۇڭلۇق سازىڭنى چال،

بەلكىم كىشىلەر سېنى قايتا ئەسكە ئالار.

 

17يەتمىش يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار تىر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىر شەھىرى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن سودا قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاھىشە بولۇپ، پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىپ كېتىدۇ. 18لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.

24

دۇنيانىڭ سوراق قىلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.

2روھانىيلار ۋە خەلقلەر،

خوجايىنلار ۋە قۇللار،

ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر،

ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار،

قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار،

ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.

3زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

4زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ،

جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ،

زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ.

5كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن،

ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن،

ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن،

يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

6شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ،

كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ،

شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ،

پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.

7ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ،

شەربەتلەر يوق بولىدۇ،

ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ.

8داپ ئاۋازلىرى توختايدۇ،

تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ،

لىرا سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ.

9ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ.

مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ.

10خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ.

خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ.

11شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ.

ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ.

يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

12شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.

13مانا بۇ جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈندۇر.

خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا،

زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا،

ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش،

دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ.

 

14ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ.

كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ.

15ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار.

ئەي دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

16جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن

ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ.

 

بىراق مەن يەشايا تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم، ھالىمغا ۋاي!

ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.

17ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر،

سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.

18ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ،

ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ.

 

ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ،

زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.

19يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ،

يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ،

زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.

20زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ،

بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ.

زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن

گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ.

 

21ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى،

يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.

22ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ،

ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ.

23ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ،

كۈن ئىزا تارتىدۇ.

چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.

25

پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش

1ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن.

سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن.

چۈنكى سەن بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.

2سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ،

مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى،

يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.

3شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك خەلقلەر سېنى ئۇلۇغلايدۇ،

شەپقەتسىز ئەللەر سەندىن قورقىدۇ.

4سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن،

قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن.

بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسىسەن.

زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،

5ئۇلار چۆلدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا ئوخشايدۇ.

ئى پەرۋەردىگار، سەن يات ئەللەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى شۈك قىلىپ قويدۇڭ.

خۇددى كۈننىڭ ئىسسىقىنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك،

زالىملارنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى توسۇۋالدىڭ.

 

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ.

ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا، ئېسىل شارابلار بىلەن مېھمان قىلىدۇ.

7بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

8ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ.

ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ،

دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

 

9شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ:

«بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر!

بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى!

مانا بۇ بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز.

ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»

10سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ،

ئۇ موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.

11خۇددى سۇ ئۈزگۈچى قولىنى سوزغاندەك، ئۇلارمۇ قوللىرىنى سوزىدۇ،

لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە ئۇرۇپ، ھىيلىگەرلىكىنى ۋەيران قىلىدۇ.

12ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.

26

مەدھىيە ناخشىسى

1شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ:

 

بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم!

خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

2دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار،

پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار.

3ئى خۇدا، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا

سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايىنىدۇ.

4ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا تايىنايلى،

چۈنكى پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك پاناھلىنىدىغان قورام تاشتۇر.

5ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ.

ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ.

ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

6ئېزىلگەنلەر ئۇلارنى يانجىيدۇ،

يوقسۇللارمۇ ئۇنى دەسسەپ ئۆتىدۇ.

 

7ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن،

دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن.

8پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز.

سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.

9ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ،

تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ،

سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە،

ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

10گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ،

ئۇلار يەنىلا ھەق يولدا مېڭىشنى ئۆگەنمەيدۇ.

ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ.

11ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ،

لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى.

ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان-دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن.

سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.

 

12ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن.

بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن.

13ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز،

سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن،

لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.

14ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۆلدى، قايتا تىرىلمەيدۇ.

ئۇلار گۆردە ياتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ.

چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ.

ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتتىڭ.

15ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئۇلغايتتىڭ.

ئۆز خەلقىڭنىڭ سانىنى كۆپەيتتىڭ.

شۇنىڭ بىلەن سەن شان-شەرەپكە ئېرىشتىڭ.

سەن زېمىنىمىزنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتتىڭ.

 

16ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سېنى ئىزدىدۇق.

سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە،

بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.

17ھامىلىدار ئايال تولغاق ئازابىدا يىغلىغاندەك،

بىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يىغلىدۇق، ئى پەرۋەردىگار.

18بىز تولغاق ئازابىدىكى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالدۇق،

لېكىن بىزدىن تۇغۇلغىنى يوقلۇق بولدى.

بىز دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمىدۇق،

بىز دۇنيادىكى ھاياتلىقنى ياشاتالمىدۇق.

19ئەمما ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ!

ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ.

ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار!

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك،

سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.

 

20خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار.

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.

21قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن

پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى.

زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ،

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

27

ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

1شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ۋە زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن خۇددى يىلانغا ئوخشاش يۈگۈرۈك ۋە قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.

 

2شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئۈزۈمزارلىقنى، يەنى خەلقىمنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىڭلار.

3مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن،

مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن.

ھېچكىمنىڭ چېقىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى كېچە-كۈندۈز باقىمەن.

4مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن.

خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن!

مەن دەرھال ئۇلارغا قارشى چىقىمەن ۋە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.

5ئەگەر ئۇلار مەن بىلەن ياراشماقچى بولسا،

مەن بىلەن كېلىشىپ، ئاندىن پاناھلىق تىلىسۇن.»

 

6ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ،

ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ.

ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ!

 

7پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟

ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟

8ياق، لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ،

ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ.

9مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.

ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ.

ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى

ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ.

بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.

10سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ،

پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىدۇ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ.

شەھەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ،

بۇ يەردە موزايلار ئوتلايدۇ،

ئارام ئالىدۇ ۋە شاخ-شۇمبىلارنى يەيدۇ.

11شاخلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا،

ئاياللار تېرىۋېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ.

بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ،

شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ،

ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.

 

12ئەي ئىسرائىل خەلقى، بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ. 13بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.

28

شىمالىي پادىشاھلىقنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1شىمالىي پادىشاھلىق شارابخورلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى،

ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ.

بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.

2ئىگەڭلار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بىرىنى ئەۋەتىدۇ.

ئۇ مۆلدۈر، قارا بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كەلگەن كەلكۈندەك كېلىدۇ،

بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.

3شىمالىي پادىشاھلىق شارابخورلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيە

دۈشمەنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ.

4ئۇ شەھەر مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ،

ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ.

ئۇ خۇددى تۇنجى پىشقان ئەنجۈردەك بولۇپ،

پىشقان ھامان يۇلۇۋېلىنىپ، يۇتۇۋېتىلىدۇ.

 

5بۇ چاغدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قايتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم خەلقىنىڭ شەرەپلىك، گۈزەل تاج-تەختى بولىدۇ.

6ئۇ خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ.

شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ.

 

7لېكىن روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەر شاراب بىلەن مەست بولىدۇ،

ئۇلار مەيلەرنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ.

ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ،

روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.

8ئۇلارنىڭ شىرەلىرى قۇسۇقلارغا تولۇپ،

ھەممە يېرى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

 

9ئۇلار: «خۇدا كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ،

ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ،

ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟

10ئۇ بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ.

 

11ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار غەيرىي تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ،

يەنى يات خەلقلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بۇ خەلققە سۆزلىسۇن.

12بۇرۇن پەرۋەردىگار بۇ خەلققە مۇنداق دېگەنىدى:

«بۇ بىر ئارام ئالىدىغان جايدۇر،

سىلەر ھارغىنلىق يەتكەنلەرگە ئاراملىق بېرىڭلار!

بۇ كىشىلەر ئارام ئالسا بولىدىغان جايدۇر.»

بىراق بۇ خەلق ئاڭلاشنى خالىمىدى.

13شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا

«ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.

 

14ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار،

يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار،

سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!

15سىلەر مۇنداق دەيسىلەر:

«بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق،

بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق.

دەھشەتلىك بالايىئاپەت بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ.

بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز،

بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.»

16شۇڭا ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىئونغا بىر تاش قويىمەن،

ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر،

ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر،

بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.

17ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى،

ھەققانىيلىقنى تۈزلۈك تانىسى قىلىمەن.

يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ.

كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ.

18سىلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭلار بىتچىت بولىدۇ.

سىلەرنىڭ گۆر بىلەن تۈزگەن توختىمىڭلار بىكار بولىدۇ.

دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەر يەر بىلەن يەكسان بولىسىلەر.

19ھەر قېتىم كەلگەن بالايىئاپەت سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ.

شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ.

ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.»

ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار،

ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!

20«تۆشەك كىچىك ياتقىلى بولماس،

يوتقان تار ياپقىلى بولماس»،*

دېگەن ماقالنى بىلىسىلەر.

21پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ.

ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە يات بىر ئىشنى قىلىدۇ،

ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.

22مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ.

ئىگەم، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى.

خۇدانىڭ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى زوردۇر

23مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار،

دېگەنلىرىمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار!

24دېھقان كۈندە قايتا-قايتا يەر ئاغدۇرىۋېرەمدۇ؟

ئۇ تېرىقچىلىق قىلماي تۇپراقنى ئاغدۇرىۋېرەمدۇ؟

25ياق، ئۇ يەرنى تەكشى تۈزلەپ،

ئاندىن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ۋە زېرە ئۇرۇقى چاچىدۇ.

ئۇ يەرنى يۇمشىتىپ، بۇغداي تېرىيدۇ،

قىر ئېلىپ ئارپا تېرىيدۇ

ۋە ئېتىز ئەتراپلىرىغا يەنە باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.

26چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.

27سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى تىرنا بىلەن ئايرىغىلى بولمايدۇ،

زىرە ئۇرۇقىنى تاش تۇلۇق بىلەن ئەزگىلى بولمايدۇ.

سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى چىۋىق بىلەن، زىرە ئۇرۇقىنى توقماق بىلەن ئايرىغۇلۇق.

28نان قىلىدىغان ئاشلىقنى ئېزىش ئاسان،

شۇڭا ھېچكىم ئۇنى يەنە يانجىۋەرمەيدۇ.

بۇغداينى تاش تۇلۇق بىلەن خاماندا تەپكەندە،

ئۇنى ھەرگىزمۇ قاتتىق ئەزمەيدۇ.

29بۇ پاراسەتلەرنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆگەتكەن.

ئۇنىڭ تەلىملىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق،

ئۇنىڭ پاراسىتى قالتىستۇر.

29

يېرۇسالېمنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يېرۇسالېم، يەنى داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل*،

سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!

سېنىڭ ئادەملىرىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن.

2ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن،

بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن.

مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن.

3مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭدە بارگاھ قۇرىمەن،

ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن،

سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن.

4سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن.

سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ.

سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ.

سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ.

 

5ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ.

سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ.

بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك،

يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ.

جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ.

7ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ،

خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق ئەللەر

خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ!

8ئاچ قالغان كىشىلەر چۈشىدە تاماقلانغاندەك،

ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئاچ قورساق تۇرغاندەك،

چاڭقاپ كەتكەن كىشىلەر چۈشىدە ئۇسسۇلۇق ئىچكەندەك،

ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئۇسسىز، ھارغىن قوپقاندەك بولىدۇ.

مانا بۇ سىئون تېغىغا ھۇجۇم قىلغان سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھالى.»

 

9چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار!

ئەمالاردەك يۈرىۋېرىڭلار!

سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس.

سىلەر دەلدەڭلىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ مەي ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.

10پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى.

پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان.

غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.

 

11مەن سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سىلەر ئۈچۈن پېچەتلەنگەن دەستۇرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بۇ دەستۇر پېچەتلەنگەن ئىكەن» دەيدۇ. 12ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ.

 

13ئىگەم مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ،

تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ،

ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق.

ئۇلار ماڭا ئىنسانلار ياراتقان قائىدە-يوسۇنلارغا ئاساسەن ئىبادەت قىلىدۇ.

14شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ خەلققە ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!»

 

15ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ:

«بىزنى كىم كۆرىدۇ، بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»

16سىلەر ئەخمەق، سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر!

كۇلالچى بىلەن لاي تەڭ ئورۇندا تۇرامدۇ؟

نەرسىلەر ئۆزىنى ياسىغۇچىغا «ئۇ مېنى ياسىمىغان» دەمدۇ؟

ساپال قاچا كۇلالچىغا «ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەمدۇ؟

 

17قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ،

بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.

18شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ،

قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ.

19پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

يوقسۇللار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ.

20زالىملار يوقىلىدۇ،

مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ.

يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ.

21بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر.

بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر.

يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر.

 

22ئىبراھىمنى قۇتقۇزۇۋالغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار ئەمدى نومۇس قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئەمدى يۈزى تۆكۈلمەيدۇ.

23چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە،

مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ.

ئۇلار ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ.

ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ.

24يولدىن ئازغانلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ،

مەندىن ئاغرىنغۇچىلار تەلىمنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ.»

30

يەھۇدىيەنىڭ بىھۇدە كېلىشىم تۈزۈشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ.

ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ.

ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.

2ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى.

ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى.

ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى.

3ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش ئۇلارنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ،

مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.

4يەھۇدىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان

ۋە خانېس شەھەرلىرىگە باردى،

5لېكىن يەھۇدىيە خەلقى يەنىلا نومۇسقا قالىدۇ.

چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ.

ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.

ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»

 

6نەگېب چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي:

«يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ،

تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ،

شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان

خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ،

ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر ئەلگە ئاپىرىپ بېرىدۇ.

7مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

مېنىڭ ئۇنى: ‹جىم تۇرىدىغان راخاب*› دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.»

 

8پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن.

بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتۈپ،

كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن.

بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.

9بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر.

بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

10ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ.

ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار،

پەقەت شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار،

خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار،

11پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار، ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار،

ئاتالمىش مۇقەددەس خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.»

 

12شۇڭا ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار.

سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.

13شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ.

ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ.

تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ.

14ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك،

شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى،

ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك،

كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»

 

15ئىگەم پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر.

سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر.

لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.

16سىلەر: ‹ياق، بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر.

شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر.

سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›.

شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ ئېتى تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.

17سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ قاچىدۇ.

ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ قاچىدۇ.

سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك،

ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك يېگانە قالىسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكى

18پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىم قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ،

ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر.

ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.

 

19ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق، يەنى يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلارنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ. 20گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. 21سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يولدۇر!» 22ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى خۇددى ئاياللار ھەيز لاتىسىنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.

23ئىگىمىز ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ چارۋا ماللىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ. 24سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارنى ئاغدۇرىدىغان ئۆكۈز ۋە ئېشەكلەر ئەڭ ياخشى يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ. 25سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوققا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك سۇلار ئېرىق-ئېرىق بولۇپ ئېقىپ كېلىدۇ. 26پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئاسسۇرلارنى جازالىشى

27قاراڭلار، پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ.

ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ،

قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغاندۇر، تىلى گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر.

28ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ.

ئۇ ۋەيران قىلىنىدىغان ئەللەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ.

ئۇ ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.

 

29ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر.

خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك،

خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك،

سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.

30خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك،

خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك،

پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ.

ئۇ غەزەپ بىلەن ئۆزىنىڭ جازالايدىغان قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.

31ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن شۈركىنىپ كېتىدۇ.

ئۇ جازا كالتىكى بىلەن ئۇلارنى ئۇرىدۇ.

32ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا،

ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە لىرالىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.

33پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان.

ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار.

پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى گۈڭگۈرت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.

31

خۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قوغدىشى

1مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا،

ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا

ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىگە باغلىدى.

ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى.

ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.

2پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كەلگۈچىدۇر.

ئۇ سۆزىدىن يانمايدۇ.

ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا

ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ.

3مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس!

ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس!

پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە،

ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ ھەم ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.

 

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ.

شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ،

ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن.

5خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش،

مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن،

شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن،

يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.»

 

6ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار! 7شۇندىلا ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر.

 

8«ئاسسۇرلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ.

ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.

9ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر لەشكەرلىرىمۇ قورقۇنچتىن تىترەيدۇ.

ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تۇغىنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىدۇ.»

مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى سىئون تېغىدا لاۋۇلدايدۇ،

ئۇنىڭ ئوچىقى يېرۇسالېمدىدۇر.

32

ئادالەتلىك پادىشاھ

1كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.

2ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا،

جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ.

قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.

 

3شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ،

قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ.

4ئالدىراقسانلار چۈشىنىشكە باشلايدۇ،

كېكەچلەر راۋان ۋە ئوچۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ.

5ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ.

مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ.

6ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ،

ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ،

ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.

7مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر.

يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ،

ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ،

يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.

8ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ.

ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.

جازالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش

9كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار.

تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.

10غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ.

ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ،

باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر.

11قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار،

ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار.

ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ،

ئۈستۈڭلارغا ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار!

12بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن

مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ يىغلاڭلار.

13سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ.

سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ.

14ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ.

شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ.

قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەر ياۋايى ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.

15بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ.

ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ.

بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.

16چۆللۈكتە ئادالەت ھۆكۈم سۈرىدۇ،

ھەققانىيەت مۇنبەت زېمىندا يىلتىز تارتىدۇ.

17ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ،

ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.

18مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ،

بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ،

تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.

19مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن

ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،

20سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ.

ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر،

كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر.

33

ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1ئەي باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار،

سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

ئالدام خالتىغا چۈشمىگەن ئەي ئالدامچىلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

سىلەر باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر.

سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.

 

2ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن!

بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز.

ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن.

بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.

 

3يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ.

سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!

4چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ.

خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.

 

5پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ.

ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.

6ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر.

پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.

 

7بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ.

تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.

8يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ،

كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ،

كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ،

گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ،

ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.

9زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ،

لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ،

شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ،

باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

 

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئورنۇمدىن قوزغىلىمەن،

ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن.

11ئەي ئاسسۇرلار، سىلەرنىڭ بارلىق پىلانلىرىڭلار خۇددى قۇرۇق پاخالغا،

قىلغان ئىشلىرىڭلار ھېچقانداق قىممىتى يوق سامانغا ئوخشايدۇ.

سىلەرنىڭ نەپسىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

12خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك،

خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.

13مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار،

ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار،

مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار!»

 

14سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ.

ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ.

ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟

ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»

15توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ.

مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار،

سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار،

رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،

16مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ،

قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ،

ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.

 

17سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن بىر شۆھرەتلىك پادىشاھنى كۆرىسىلەر.

سىلەر بىپايان كەتكەن زېمىننى كۆرىسىلەر.

18سىلەر بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق چاغلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيسىلەر:

«دۈشمەننىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قېنى؟

ئولجىلارنى تىزىملىغۇچىلار قېنى؟

مۇنارلىرىمىزنى سانىغانلار قېنى؟»

19سىلەر ئەمدى، تىلىنى بىلمەيدىغان، يات تىلدا سۆزلىشىدىغان تەكەببۇر كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر.

 

20سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار.

يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى،

ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.

ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ،

ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.

21پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ.

ئۇ دۈشمەننى توسقۇچى دەريا بولىدۇ،

ئۇنىڭدىن دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۆتەلمەيدۇ.

22پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز.

پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز.

پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

 

23ھازىر سىلەرنىڭ كېمەڭلارنىڭ ئارغامچىلىرى يېشىلىپ كەتكەن،

ماچتىسى ئاجىز، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ،

لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر،

ھەتتا ئاقساق-چولاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.

24يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى

«مەن كېسەل» دېمەيدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.

34

ئىمانسىز خەلقلەرنىڭ جازالىنىشى

1ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار!

زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن.

پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن.

2پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە

ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى.

ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.

3ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ،

جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ،

تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.

4ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ، ئاسمان يۆگىلىدۇ.

يۇلتۇزلار خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى ۋە ئەنجۈرلەر يەرگە چۈشكەندەك، يەرگە چۈشىدۇ.

 

5پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ،

ئاندىن مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى.

6پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى پاقلان، ئۆچكە ۋە قوچقارنى

قۇربانلىق قىلغان چاغدىكىدەك، قان ۋە مايغا بويىلىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ،

ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ.

7ياۋايى كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ،

موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ،

تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.

 

8پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى،

بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام.

9ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ،

ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان گۈڭگۈرتكە،

زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ.

10كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ.

ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ.

ئىدوم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ.

ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ.

11ھەر خىل ھۇۋقۇشلار ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ،

قاغا-قۇزغۇنلارمۇ ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ.

پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

12بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ،

ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.

13ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ.

قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ.

بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە ھۇۋقۇشلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.

14بۇ يەردە چۆل ھايۋانلىرى، ياۋايى ئىتلار تېنىشىپ يۈرىدۇ،

ياۋايى ئۆچكىلەر خارابىلىكتە مەرەپ يۈرۈشىدۇ،

تۈن قۇشلىرى بۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ.

15ھۇۋقۇشلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ.

ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ.

تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن

بۇ يەرگە كېلىدۇ.

 

16پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار!

ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ياشايدۇ،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ.

ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ.

17پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ،

ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ،

ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ياشايدۇ.

35

يېرۇسالېمنىڭ شادلىققا تولۇشى

1چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ.

قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

2ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ!

چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك يېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

3تالغان قوللارغا مەدەت بېرىڭلار،

جانسىز تىزلارغا كۈچ بېرىڭلار.

4قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار:

«جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار.

سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ.

ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ.

ئۇ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ،

ئۇ كېلىپ سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.»

 

5ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ،

گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.

6ئاقساقلار كېيىكتەك تاقلاپ يۈرىدۇ،

گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ.

سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ.

دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.

7قىزىق قۇملۇقلاردا كۆللەر پەيدا بولىدۇ.

قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقتىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.

بۇرۇن چىلبۆرىلەر ياشىغان يەرلەردە

ئوت، قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ.

 

8زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ،

بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ.

ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ،

بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ.

ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.

9بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق.

ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.

پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بۇ يولدا ماڭالايدۇ.

10پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.

مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ.

ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ،

ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.

36

پادىشاھ سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 2كېيىن ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى. 3بۇ ۋاقىتتا خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.

4سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ، ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ 5سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ، ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ 6سىلەر مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 7بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيە خەلقىگە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىگە پەرۋەردىگارغا پەقەت مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»

8سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن شەرتلىشەيلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بەرسەك، ئاتلارنى مىنىدىغانغا ئىككى مىڭ لەشكەر تاپالامسىلەر؟ 9سىلەرگە مىسىرنىڭ لەشكەرلىرى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! 10بىزنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىمىزنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى بىزگە: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان.

11ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇرىيە سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى:

_ تەقسىر، بىزگە ئاررامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.

12سەركەردە جاۋاب بېرىپ:

_ خوجايىنىم مېنى بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

13ئاندىن ئۇ رۇسلىنىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلۇغ پادىشاھىمىز ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! 14پادىشاھىمىز مۇنداق دەيدۇ: «خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. 15خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 16خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 17كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى مول بولغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. 18خىزكىيا سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلىمىسۇن. قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ 19خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى يوقمىدى؟ سىفارۋايىم شەھەرلىرىنىڭچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 20قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»

21خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 22خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

37

پادىشاھ خىزكىيانىڭ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىغا ئوخشاپ قالدۇق. 4سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».

5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن».

8ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇش بولۇۋاتقان يەردىن تاپتى.

9بۇ چاغدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:

10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ ‹ئاسسۇرىيە پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە بىز قۇتۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ 12گوزان، خاران رەزەف ۋە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 13خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»

پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى

14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ قويۇپ، 15پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:

16«ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن، نىدايىمنى ئاڭلىغايسەن، كۆزۈڭنى ئېچىپ، ئەھۋالىمىزنى كۆرگەيسەن، سانخېرىبنىڭ سېنى، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 18ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 19ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 20ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»

يەھۇدىيەنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىدىن بېشارەت

21ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا خەۋەر ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا دۇئا قىلغانىدىڭ، 22مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،

سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىشىپ،

كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.

23ئەي سانخېرىب، سەن كىمنى مەسخىرە قىلدىڭ، كىمنى ھاقارەتلىدىڭ،

كىمنى ۋارقىراپ تۇرۇپ تىللىدىڭ، كىمگە ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭ، بىلەمسەن؟

مېنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى!

24سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن ئىگەڭنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،

لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،

شۇنداقلا ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.

ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن.

25قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن.

پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

 

26سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.

بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن.

سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

27شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،

ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى.

بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،

ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر.

 

28سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،

قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،

ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

29سېنىڭ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ قۇلىقىمغا يەتتى.

مەن ئەمدى ئىلمىكىمنى بۇرنۇڭدىن ئۆتكۈزىمەن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭغا سالىمەن.

سەن قايسى يول بىلەن كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»

 

30يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلار سۆزۈمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ: سەن بۇ يىل ئۆزى ئۆسۈپ قالغان نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلىمۇ يەنە ئۆزى ئۆسۈپ قالغان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 31يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر خۇددى مېۋىلىك دەرەختەك يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كۆپلەپ مېۋە بېرىدۇ. 32شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

33پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا يېرۇسالېمغا قارشى بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغىمۇ كېلەلمەيدۇ ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سېپىل تۈۋىگە توپىمۇ دۆۋىلىيەلمەيدۇ. 34مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 35مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن».

36ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 37شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

38بىر كۈنى سانخېرىب بۇتخانىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

38

پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى

1پادىشاھ خىزكىيا شۇ مەزگىللەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.

2پادىشاھ خىزكىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: 3«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

4بۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن يەشايا پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى: 5«سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ‹مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. سېنىڭ ئۆمرۈڭنى يەنە 15 يىل ئوزارتىمەن. 6مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. بۇ شەھەرنى قوغدايمەن.›»

7يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر. 8قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون بالداق كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.

شۇنىڭ بىلەن سايە ئون بالداق كەينىگە سۈرۈلدى.

9يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:

 

10«مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە،

گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟

قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›

11مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان:

‹مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى، بۇ يورۇق دۇنيادا پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن،

بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن.

12خۇددى قويچى چېدىرىنى چۇۋۇپ كەتكەندەك،

ھاياتلىق مەندىن تارتىپ ئېلىندى.

خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك،

ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى.

سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

13مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم،

خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك.

سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

14مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم،

خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم،

ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى.

ئى ئىگەم، مەن جاپادا قالدىم، مېنى قۇتقۇزغايسەن!›

 

15ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟

ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى.

مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن،

چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن.

16ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ،

مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ.

سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ.

17مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم

مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر،

سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ،

چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.

18گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ،

ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ،

لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.

19لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك،

ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ.

ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.

20پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزدى،

بىز بارلىق ھاياتىمىزنى ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈپ،

تارلىق سازلىرىمىزنى چېلىپ، ئۇنى مەدھىيەلەيمىز.»

 

21ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارىغا: «ئەنجۈرنى ئېزىپ، ئۇنى ئىششىقىغا سۈرتسەڭ، خىزكىيا ساقىيىدۇ» دېگەنىدى. 22شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمنى قانداق ئالامەت بىلەن ئىسپاتلايسەن؟» دەپ سورىغانىدى.

39

بابىلدىن كەلگەن ئەلچىلەر

1ئۇ چاغدا بالئاداننىڭ ئوغلى، يەنى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مەكتۇپ ۋە سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. 2پادىشاھ خىزكىيا خۇشال بولۇپ، ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار، ئېسىل زەيتۇن ياغلىرى ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قوراللىرىنى، يەنى بارلىق بايلىقلىرىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.

3يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەپتۇ، _ دېدى. 4يەشايا پەيغەمبەر يەنە:

_ ئۇلار ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا:

_ ئۇلار ئوردامدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 5يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. 6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ! 7ئۆز ئەۋلادلىرىڭنىڭمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»

8پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە:

_ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى.

40

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

1خۇدايىمىز مۇنداق دەيدۇ:

«تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر!

2يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن،

ئۇلارغا جاكارلىغىن:

‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى،

سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى.

سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق جازا تارتتىڭلار.›»

 

3غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى:

«چۆللۈكتە پەرۋەردىگارغا يول ھازىرلاڭلار!

قۇملۇقتا خۇدايىمىزغا تۈز يول تەييارلاڭلار!

4ھەممە جىلغىلار تولدۇرۇلسۇن،

بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن،

ئويمان-چوڭقۇرلار تىندۇرۇلسۇن،

كاتاڭلار ئوڭشالسۇن.

5پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ،

ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ،

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

6غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى.

مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم.

«پۈتكۈل ئىنسان گويا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ ساداقەتلىكى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.

7پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە،

ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ،

گۈل-چېچەكلەر سولىشىدۇ،

ئىنسانلار خۇددى شۇلارغا ئوخشايدۇ.

8ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ،

گۈل-چېچەكلەر سولىشىدۇ.

لېكىن خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.»

 

9ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن!

ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم،

يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا:

«قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دەپ،

ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراڭلار.

10شۇنداق، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ،

ئۇ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

شۇنداق، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كېلىدۇ.

11پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ،

ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ.

ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.

 

12كىم دېڭىز سۈيىنى قولى بىلەن ئوچۇملاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟

كىم ئاسماننى قولى بىلەن غېرىچلاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟

كىم زېمىننىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سېۋەتكە قاچىلىيالايدۇ؟

كىم تاغ ۋە دۆڭلەرنى تارازىدا تارتالايدۇ؟

13كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلەلەيدۇ؟

كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟

14پەرۋەردىگار كىمدىن كۆرسەتمە سوراپ باققان؟

كىم ئۇنىڭغا ئادالەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن؟

كىم ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتەلەيدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا پاراسەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

 

15ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار تارازىغا قونغان چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ.

پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.

16لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق دەرەخلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوتۇن بولۇشقا يەتمەيدۇ.

لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق ھايۋانلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشقا يەتمەيدۇ.

17يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ،

ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق قىممىتى يوق، ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر.

 

18سىلەر كىمنى خۇداغا ئوخشىتالايسىلەر،

قايسىبىر بۇتنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرالايسىلەر؟

19بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ،

زەرگەر ئالتۇندىن ھەل بېرىپ،

كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەندۇر.

20بۇنداق بۇتنى سېتىۋالالمىغان كىشى

چىداملىق ياغاچ تاللاپ،

ھۈنەرۋەن ئۇستا ئىزدەيدۇ،

ئاندىن بۇت ياسىتىپ، ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.

 

21ئەجەبا، سىلەر بىلمەمسىلەر؟

سىلەر ئاڭلاپمۇ باقمىغانمۇ؟

سىلەرگە بۇرۇن ھېچكىم ئېيتىپ بەرمىگەنمۇ؟

ئەجەبا، سىلەر خۇدانىڭ زېمىن ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟

22پەرۋەردىگار يەر شارىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ،

زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ.

ئۇ ئاسماننى ماكان قىلىش ئۈچۈن ئۇنى خۇددى پەردىدەك يېيىپ،

چېدىرغا ئوخشاش ياسىغاندۇر.

23ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ،

ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.

24ئۇلار خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەن،

ئەمدىلا تېرىلغان ۋە ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك،

پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ.

بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

 

25مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر،

كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

26سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار،

بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتتى؟

كىم يۇلتۇزلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ،

ئۇلارنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ چىقتى؟

پەرۋەردىگار چەكسىز كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگىدۇر،

شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ چىقماي قالمىدى.

 

27ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ جاپايىمىزنى كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلايسىلەر؟

ئەي ئىسرائىللار،

سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزگە ئادىل بولمىدى» دەيسىلەر؟

28ئەجەبا، سىلەر بىلمەمسىلەر؟

ئەجەبا، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟

پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر،

ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ياراتقاندۇر.

ئۇ ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ.

ئۇنىڭ قانچىلىك پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

29ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار،

ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ.

30ياشلارمۇ چارچايدۇ، ھېرىپ قالىدۇ،

ھەتتا يىگىتلەرمۇ مادارىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ.

31ئەمما پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ.

ئۇلار توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ،

قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.

41

خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر،

شۈك تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

قورقماي ئالدىمغا كېلىڭلار،

مەن بىلەن سۆزلىشىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.

 

2كىم كۈنچىقىشتىن بىر ھۆكۈمراننى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ؟

كىم ئۇنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە چاقىرىدۇ؟

كىم ئەللەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؟

كىم پادىشاھلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ؟

ئۇنىڭ قىلىچى ئۇلارنى توپىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇنىڭ ئوقياسى ئۇلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن ساماندەك تارقىتىۋېتىدۇ.

3ئۇ ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايلارغا بارسىمۇ،

دۈشمەنلىرىنى سۈر-توقاي قىلىپ، ئۆزى ئامان-ئېسەن مېڭىۋېرىدۇ.

4كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئەزەلدىن كىم بەلگىلىگەن؟

بۇ ئىشلارنى قىلىدىغىنى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!

تۇنجىسىمۇ، ئاخىرقىسىمۇ مەندۇرمەن.

ئەبەدىلئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەندۇرمەن!

 

5دېڭىز بويىدىكى ئەللەر مەن قىلغان ئىشلارنى كۆرسىلا قورقىدۇ،

پۈتۈن جاھاندىكى خەلقلەر تىترىشىدۇ،

ئۇلار بىر يەرگە كېلىپ توپلىشىدۇ.

6ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ،

‹جاسارەتلىك بول!› دېيىشىدۇ.

7ئۇستىلار زەرگەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ،

تۆمۈرچىلەر بازغانچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ،

‹ياخشى سوقتۇڭ!› دەپ ماختىشىدۇ.

ئۇلار بۇتنىڭ يىقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى مىخلاپ قويىدۇ.

 

8ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم،

مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇرسىلەر.

9مەن سىلەرنى جاھاننىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن يىغىپ كەلدىم.

سىلەرنى زېمىننىڭ يىراق، چەت يەرلىرىدىن چاقىرتتىم.

مەن سىلەرگە: ‹سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم،

سىلەرنى تاللىدىم، سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمەن.

10قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ياردۇرمەن.

ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار.

مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن.

مەن ئادىل ۋە قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.

 

11سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇستا قالىدۇ.

سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.

12سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارنى ئىزدىسەڭلار، ئەمدى تاپالمايسىلەر.

سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئەمدى يوق.

13چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

سىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن.

‹قورقماڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن!› دېگۈچى مەندۇرمەن.

14ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بىز قۇرتتەك كىچىك تۇرساق، دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ قورقماڭلار!

سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن.

مەن قوغدىغۇچىڭلاردۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.

15ئاڭلاڭلار، مەن سىلەرنى خامان يانجىيدىغان چىشلىق سايمانغا ئايلاندۇرىمەن.

سىلەر تاغلارنى يانجىپ ئېزىۋېتىسىلەر،

چوققىلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىسىلەر،

ئېدىرلىقلارنى يانجىپ، ساماندەك قىلىۋېتىسىلەر.

16سىلەر ئۇلارنى سورۇيسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ،

بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر.

سىلەر مەندىن، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن پەخىرلىنىسىلەر.

 

17ھاجەتمەن نامراتلار سۇ ئىزدەپ تاپالمىغاندا،

ئاغزى قۇرۇپ كېتىدۇ.

مەن پەرۋەردىگار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.

مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن.

18مەن تاقىر ئېگىزلىكلەردە دەريالار پەيدا قىلىمەن،

جىلغىلاردا بۇلاقلار چىقىرىمەن،

چۆللۈكلەردە كۆللەر پەيدا قىلىمەن،

قۇرۇق يەرنى سۇلۇق يەرگە ئايلاندۇرىمەن.

19مەن چۆللۈكلەرگە كېدىر دەرىخى، ئاكاتسىيە دەرىخى، مىرتا دەرىخى ۋە زەيتۇن دەرىخى،

قۇملۇقلارغا قارىغاي دەرىخى، شەمشاد دەرىخى ۋە كىپارىسلارنى تىكىمەن.

20كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ

ۋە كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ.

بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن قىلدىم

ۋە ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەن ياراتتىم.»

 

21پەرۋەردىگار، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بۇتپەرەسلەر، بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىش قىلالايدىغانلىقىغا نېمە ئاساسىڭلار بار، ئىسپاتلاپ بېرىڭلار!

22بۇتلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار،

ئۇلار بىزگە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن!

ئۇلار ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئالدىن ئېيتقانمۇ؟

ئەگەر ئېيتقان بولسا، بىزگە ئېيتىڭلار، بىز ئاڭلاپ ئويلىنىپ باقايلى،

ھەمدە ئۇلاردىن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋالايلى.

23ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟!

بىزمۇ سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلەيلى.

ئەي بۇتلار، سىلەر مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن،

بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلارچۇ؟!

24بىراق سىلەر كېرەكسىز نەرسىلەر،

سىلەر ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر،

سىلەرگە چوقۇنغانلار ئىپلاسلاردۇر!

 

25مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن،

ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ.

ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ.

تامچى ياكى كۇلالچى لاينى دەسسەپ چەيلىگەندەك،

ئۇ ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ چەيلەيدۇ.

26بىرەر بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىپ باقتىمۇ؟!

بىرەر بۇتلىرىڭلار بىزنى ئۇنىڭ بەرگەن بېشارىتى توغرا ئىكەن دېگۈزەلىدىمۇ؟!

ياق، ھېچبىر بۇتۇڭلار بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىدى،

ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.

ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىدى!

27مەن بىرىنچى بولۇپ سىئونغا:

‹بىلىڭلاركى، ئۇلار كېلىدۇ!

مەن يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئەۋەتىمەن› دېدىم.

28لېكىن مەن كۆردۈمكى، سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلار ھېچقانداق ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قىلالمىدى.

مەن ئۇلاردىن سوئال سورىسام، ھېچقايسىسى جاۋاب بېرەلمىدى.

29ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساختىدۇر،

ئۇلار ھېچبىر ئىش قىلالمايدۇ،

ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر!»

42

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مانا بۇ مەن قوللىغان، مەن تاللىغان،

مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمدۇر!

مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم.

ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.

2ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ

ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەيدۇ.

3ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ،

ئۆچۈپ قالاي دېگەن چىراغنى ئۆچۈرمەيدۇ

ۋە چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.

4ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ.

ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»

 

5ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان،

زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان،

ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن

پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:

6«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم.

مەن سېنى يۆلەيمەن ۋە سېنى قوغدايمەن.

مەن ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سېنى خەلقىمنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن.

مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.

7سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن،

زىندانلاردىن مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىسەن،

قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.

 

8مەن ‹ياھۋەھ›تۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر.

ئۇلۇغلۇقۇمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.

بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.

9قاراڭلار، مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى!

ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بېرىمەن،

ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىن ئېيتىمەن.»

مەدھىيە ناخشىلىرى

10پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار!

دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانلىقلار،

دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار!

دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىدىن مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن!

11چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر

جاراڭلىق ئاۋازدا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن.

قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلانسۇن.

سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇسۇن.

مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.

12ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن.

دېڭىز بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن.

13چۈنكى پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك

ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ،

دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىشى

14پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇزۇن ۋاقىت سۈكۈت قىلدىم،

جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.

مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش

قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.

15مەن چوققىلار ۋە تاغلارنى تۈپتۈز قىلىمەن،

تاغ ئۈستىدىكى گۈل-گىياھلارنى قۇرۇتىمەن.

دەريالارنى قۇرۇق يەرگە ئايلاندۇرىمەن،

كۆللەرنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

16مەن ئەمالارنى ئۇلار مېڭىپ باقمىغان

ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن.

ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن،

ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن.

مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلاردۇر!

مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.

17ئەمما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر

ۋە بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر

چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق شەرمەندە بولىدۇ.»

گاس ۋە قارىغۇ ئىسرائىللار

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي گاسلار، ئاڭلاڭلار!

ئەي ئەمالار، كۆرۈڭلار!

19كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدەك ئەما؟

كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمدەك گاس؟

كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟

كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدەك ئەما؟

20سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار.

قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»

 

21پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تەلىملىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلماقچى بولدى.

22ئەمما بۇ خەلق بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، تالان-تاراج قىلىندى،

تۇزاقلارغا چۈشتى، زىندانلارغا قامالدى.

ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئەسىرگە ئېلىندى.

«بۇ ئەسىرلەرنى قويۇپ بەر!» دەيدىغانغا ئادەم چىقمىدى.

 

23ئاراڭلاردا كىم بۇ ئىشلارغا قۇلاق سالىدۇ؟

ۋاقتى كەلگەندە، كىم بۇ ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى خالايدۇ؟

24كىم ئىسرائىللارنى، يەنى ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى ئەسىرلىككە چۈشۈرۈپ قويىدۇ؟

پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىدۇ!

چۈنكى بىز ئۇنىڭغا قارشى گۇناھ قىلدۇق،

ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدۇق،

ئۇنىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنمىدۇق!

25شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ،

بىزنى شىددەتلىك ئۇرۇشقا دۇچار قىلىدۇ.

بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق.

بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.

43

پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسىدۇر

1ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن.

مەن سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى ئاتاپ تۇرۇپ چاقىردىم، سىلەر ماڭا تەئەللۇقتۇرسىلەر.

2سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەرگە ياردۇرمەن.

سىلەر دەريالاردىن ئۆتكىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ.

ئوت ئىچىدىن ئۆتكىنىڭلاردا، كۆيۈپ كەتمەيسىلەر،

سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.

3مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

ئىسرائىللارنى تاللىغان قۇتقۇزغۇچى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.

مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن.

مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۇش بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.

4مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن.

چۈنكى سىلەر مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ۋە ئەزىزدۇرسىلەر،

مەن سىلەرنى سۆيىمەن.

شۇڭا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا ئەللەرنى ئالماشتۇرىمەن،

شۇ ئارقىلىق سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن.

5قورقماڭلار، مەن سىلەرگە ياردۇرمەن.

مەن ئەۋلادلىرىڭلارنى شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.

6مەن شىمالدىكى ۋە جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ:

‹خەلقىمنى قويۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار،

ئۇلار يىراق زېمىنلاردىن،

يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن قايتىپ كەلسۇن› دەيمەن.

7ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن!

چۈنكى مەن ئۇلارنى شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتتىم ۋە ئاپىرىدە قىلدىم.»

 

8كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمىگەنلەرنى چاقىرىڭلار،

قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمىغانلارنى چاقىرىڭلار.

9ھەرقايسى ئەللەرنى يىغىڭلار،

بارلىق خەلقلەر يىغىلسۇن.

ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە بېشارەت بېرەلىگەن؟

قايسىسى ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن ئۇچۇر بېرەلىگەن؟

ئەگەر گۇۋاھچىلىرى بولسا، ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن،

گۇۋاھچىلار بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم،

ئۆزۈم تاللىغان خىزمەتكارلىرىم.

مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن،

سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىدىم.

مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان،

كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.

11مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرمەن،

سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ.

12مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان

ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغانىدىم.

بۇنى ھېچقانداق يات ئىلاھ قىلالمايدۇ.

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر.

13مەن مەڭگۈلۈك خۇدادۇرمەن.

ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،

ئىش قىلماقچى بولسام، كىم مېنى توسىيالايدۇ؟»

 

14سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار،

يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن،

ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

15مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار،

يەنى ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.»

 

16سىلەرگە دېڭىزدىن يول ئېچىپ بەرگەن،

سىلەرنى شىددەتلىك ئېقىندىن ئۆتكۈزۈپ قويغان،

17مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلەر كەلگەندە،

ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن،

ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوق قىلىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

18«ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇڭلار،

ئەسلىمىلەرگە باغلىنىپ قالماڭلار.

19مەن يېڭى بىر ئىش قىلىۋاتىمەن.

بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلىدى.

ئەجەبا، سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟

مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

20چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە ھۇۋقۇشلارمۇ بار.

چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ.

21مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن،

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

 

22ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ماڭا ئىلتىجا قىلمىدىڭلار.

ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مەندىن بىزار بولدۇڭلار.

23سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار

ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئارقىلىق ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار.

مەن سىلەرنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىڭلار دەپ، ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟

مەن سىلەرنى ئىسرىق سېلىڭلار دەپ، چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟

24سىلەر پۇل خەجلەپ ماڭا پۇراقلىق ئېگىر تەقدىم قىلمىدىڭلار،

قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ ياغلىرى بىلەن مېنى قانائەتلەندۈرمىدىڭلار،

ئەكسىچە سىلەر گۇناھلىرىڭلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلدىڭلار،

رەزىللىكىڭلار بىلەن مېنى چارچاتتىڭلار.

 

25مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇرمەن.

مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.

26سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىشقا ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار،

مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار!

قېنى، ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ؟

27ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىڭلار گۇناھكار بولغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.

28شۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن،

سىلەرنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى باشقا ئەللەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن،

سىلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.»

44

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بەخت ئاتا قىلىشى

1«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ۋە

مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.

2سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرگەن،

سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

قورقماڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارلىرىم!

سىلەر مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقىدۇرسىلەر.

3مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن،

قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن.

مەن روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن،

مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

4ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك،

دەريا بويىدىكى سۆگەتلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.

5بەزىلەر ئۆزلىرىنى: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ،

بەزىلەر ئۆزلىرىنى: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ،

بەزىلەر قوللىرىغا: ‹مەن پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ،

يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى: ‹مەن ئىسرائىل› دەپ ئاتايدۇ.»

 

6ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«تۇنجىسىمۇ ۋە ئاخىرقىسىمۇ مەندۇرمەن،

مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر.

7ماڭا ئوخشاش كىم بار؟

ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن.

ئۇ ماڭا بۇ قەدىمىي خەلقنى ياراتقىنىمدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنى

ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن.

شۇنداق، ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.

8قورقماڭلار ۋە تىترەپ كەتمەڭلار!

بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟

سىلەر ماڭا گۇۋاھتۇرسىلەر!

مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟

يوق، مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر!»

كېرەكسىز بۇتلار

9بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق،

ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.

بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر،

ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.

10پەقەت ئەخمەق كىشىلەرلا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتنى ياسايدۇ.

11بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ،

چۈنكى ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسانلاردۇر!

بولمىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن.

ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.

 

12بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى ئەسۋاب بىلەن

مېتالنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ،

بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ،

ئۇ كۈچلۈك بېلىكى بىلەن بولقا ئۇرىدۇ.

ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، ھېرىپ كېتىدۇ،

چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.

13ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ،

نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

ئاندىن ئىسكىنە ۋە سىركۇل ئىشلىتىپ،

ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ.

ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ،

بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ.

14ئۇ كېدىر ياغىچىنى كېسىدۇ.

ياكى ئورمانلىقتىكى كىپارىس، دۇپ دەرىخىنى تاللاپ،

ئۇنىڭ چوڭ بولۇشىنى كۈتىدۇ.

ياكى قارىغاي ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ،

يامغۇر ئۇنى چوڭ قىلىدۇ.

15ئۇ بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ.

يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ.

ئۇ ئۆزى ياسىغان بۇتقا سەجدە قىلىدۇ.

16ئۇ ياغاچنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ گۆش پىشۇرۇپ،

قورسىقىنى تويدۇرىدۇ ۋە ئىسسىنىدۇ.

ئۇ ئۆزىگە: «پا، مەن ئىسسىندىم، شۇنچىلىك راھەتلەندىم» دەيدۇ.

17ئۇ ياغاچنىڭ قالغان بىر قىسمىدا بىر بۇت ياساپ،

ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.

ئۇ بۇتقا: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.

18ئۇلار ھەقىقەتەن ئەخمەقتۇر،

ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كوردۇر، كۆرەلمەيدۇ.

زېھنى زەئىپتۇر، چۈشەنمەيدۇ.

19ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ،

ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، ھېچكىم ھوشىنى تېپىپ:

«مەن ياغاچلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىسسىنىشقا، نان ۋە گۆشلىرىمنى پىشۇرۇشقا ئىشلەتتىم،

قالغان بىر قىسمىدا يىرگىنچلىك بۇت ياسىمىدىم.

ئەجەبا، مەن ياغاچقا سەجدە قىلىپ، چوقۇندۇممۇ؟» دەپ ئويلىمايدۇ.

20ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر،

سىلەرنىڭ نادانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ.

بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ.

سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇشى

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار!

ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم.

مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ياراتتىم،

سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

22سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈۋەتتىم،

گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى.

يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزدۇم.»

 

23ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى.

ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار!

تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر،

ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قۇتقۇزدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.

 

24سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرگەن ۋە

قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن،

پەقەت مەنلا ئاسماننى يايدىم،

مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.

25مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن،

كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن.

بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ،

مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.

26ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

مەن ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم:

‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.›

يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم:

‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›

27مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ،

مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.

28مەن: ‹پادىشاھ كورەش پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم،

ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن،

ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»

45

پادىشاھ كورەش پەرۋەردىگارنىڭ قورالىدۇر

1پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى،

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرىدۇ،

پادىشاھلارنى قورالسىزلاندۇرىدۇ.

شەھەر دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ،

بۇ دەرۋازىلار قايتا يېپىلمايدۇ.

پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:

2«ئەي كورەش، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭىمەن،

ئالدىڭدىكى تاغلارنى تۈزلىۋېتىمەن.

تۇچ دەرۋازىلارنى بۇزۇپ تاشلايمەن،

تۆمۈر بالداقلارنى پاچاقلايمەن.

3مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى،

مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى تېپىپ بېرىمەن.

مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم

سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتاپ چاقىرغۇچىنىڭ ۋە ئىسرائىللارنى تاللىغۇچىنىڭ

مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.

4گەرچە سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ،

خىزمەتكارىم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

يەنى مەن تاللىغان ئىسرائىللار ئۈچۈن

سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتاپ چاقىرىمەن

ۋە ساڭا شۆھرەتلىك نام بېرىمەن.

5مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن،

مەندىن باشقىسى يوقتۇر،

مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر!

سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ،

مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.

6كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان زېمىنلاردىكى خەلقلەر

مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلسۇن.

مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، مەندىن باشقىسى يوقتۇر!

7مەن يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم.

مەن كىشىلەرگە ئامانلىق بېرەلەيمەن، شۇنداقلا بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن.

مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.

8ئەي ئاسمان، سەندىن ھەققانىيلىق ياغسۇن،

ھەققانىيلىق بۇلۇتلاردىن قۇيۇلسۇن!

بۇلارنى يەر ئىچىپ، ھەققانىيلىق ۋە نىجاتلىق ئۆستۈرسۇن!

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.»

 

9ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر،

سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر.

لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن:

«سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى

«ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن!

10ئۆز ئاتىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۆرەلدۈردۈڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۆز ئانىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۇغدۇڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

 

11ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى ياراتقان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟

سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ ئۆگەتمەكچىمۇ؟

12زېمىننى ياراتقان ۋە زېمىندا ياشايدىغان ئىنسانلارنى ئاپىرىدە قىلغان مەن بولىمەن.

مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم،

ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.

13ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان،

ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن.

ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ.

ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن

مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.

مانا بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»

 

14پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە كۇشنىڭ مال-مۈلكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ.

بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ.

ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ.

ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ:

‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغىنى يوقتۇر،

ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»

 

15ئەي ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز.

سەن ھەقىقەتەن ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان خۇدادۇرسەن!

16بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇسقا قالىدۇ،

ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ.

17لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ.

ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ.

سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر.

 

18ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار بىردىنبىر خۇدادۇر!

ئۇ زېمىننى يارىتىپ، شەكىلگە كىرگۈزدى

ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىدى.

ئۇ ئىنسانلارنىڭ زېمىنىدا ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى بوش قويمىدى.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرمەن،

مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.

19مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم

ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم.

مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم.

مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن.

 

20ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار،

يىغىلىپ ئالدىمغا كېلىڭلار!

ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ،

ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!

21بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىش قىلالايدىغانلىقىغا نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار!

سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار.

يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن كىم ئالدىن بېشارەت بېرەلىدى؟

بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەردىمۇ؟

ياق، بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟!

مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر.

مەن ھەققانىي خۇدادۇرمەن ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن.

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

 

22ئەي زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار،

ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر!

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر.

23مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر.

مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ،

پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ،

ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىدۇ.

24ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ:

‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›»

ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولىدۇ.

25پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ،

ئۇلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

46

پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە بابىلنىڭ ساختا ئىلاھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىلاھ بېلنىڭ تىزى ئېگىلىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ،

ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلار ھايۋانلارغا ئارتىلىدۇ.

ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار

ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ.

2بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ،

بۇ ئىلاھلار ئۆزلىرىنىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ،

ئەكسىچە ئۇلار ئىگىلىرى بىلەن بىرگە ئەسىرگە ئېلىنىپ، ئېلىپ كېتىلىدۇ.

 

3ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ئامان قالغان ئىسرائىللار،

مەن سىلەرنى سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا قوللاپ كەلدىم!

سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدىم.

4گەرچە سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق.

مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق.

مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن،

ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن ۋە قۇتقۇزىمەن.

 

5سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟

ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، مېنىڭ تەڭدىشىم يوقتۇر!

6بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا تارتىشىدۇ.

ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسىشىدۇ،

ھەمدە بۇ بۇتقا باش ئېگىپ چوقۇنۇشىدۇ.

7ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ، كۆتۈرۈپ ئاپىرىشىپ،

بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇ.

بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ.

بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ.

ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.

 

8ئەي مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم،

بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.

9ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار،

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر.

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشايدىغىنى يوقتۇر.

10مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن،

تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىمەن.

مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.

11مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرىپ كېلىمەن،

ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ.

مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن،

مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!

 

12ئەي جاھىل، ھەققانىيلىقتىن يىراق خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.

13مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەت ئېلىپ كېلىمەن،

ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ،

مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ،

مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن،

مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىمەن.»

47

بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي گۈزەل مەلىكە بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر.

ئەي مەلىكە بابىل، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق!

ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نازۇك ۋە گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.

2ھازىردىن باشلاپ يارغۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىسەن.

يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلاپ، ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ،

پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت!

3سەن يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن.

مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»

 

4بىزنىڭ قوغدىغۇچىمىز ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇر،

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر!

 

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي مەلىكە بابىل،

ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن.

سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.

6مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم.

مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ،

سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم،

لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىل بولمىدىڭ،

ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.

7سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ.

سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ،

ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.

8ئەمدى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن:

سەن ‹تەختىم مەڭگۈ مۇستەھكەم تۇرىدۇ› دەپ ماختىنىپ،

پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتىڭ.

سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر، تۇل قالمايمەن،

بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى تارتمايمەن› دەپ ئويلايسەن.

9شۇنى بىلگىنكى، ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ.

سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ،

بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.

10سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ،

قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ، دەپ ئويلايسەن.

سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى.

سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر› دەپ ئويلايسەن.

11لېكىن بېشىڭغا شۇنداق چوڭ بالايىئاپەت كېلىدۇكى،

سەن ھەرقانداق جادۇگەرلىك قىلىپمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن.

بېشىڭغا چۈشكەن بالايىئاپەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايسەن.

بۇ بالايىئاپەت شۇنداق تېز كېلىدۇكى، سەن ئۇنى بىلمەيلا قالىسەن.

 

12بالىلىقىڭدىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سېھىر، ئەپسۇنلىرىڭنى قېنى ئىشقا سېلىپ باقساڭچۇ!

بەلكىم ئۇنىڭ ساڭا ئازراق ياردىمى تېگىپ قالار،

بەلكىم دۈشمەنلىرىڭنى قورقۇتالارسەن.

13ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى.

قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟

قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟

قېنى ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟

ئەمدى شۇلار كېلىپ، سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ!

14قارا، ئۇلار خۇددى ئوتقا تاشلانغان ساماندۇر. ئوت ئۇلارنى يالماپ يۇتىدۇ،

ئۇلار بۇ ئوتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ!

بۇ ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئەمەس،

ئىسسىنىمەن دەپ، بۇ ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالما!

15سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ

ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ،

سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»

48

جاھىل ئىسرائىللار

1سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ياقۇپ جەمەتى، ئىسرائىل نامى بىلەن ئاتالغانلار، يەھۇدا ئەۋلادىدىن بولغانلار،

سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىسىلەر،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەر،

لېكىن چىن دىلىڭلار بىلەن سەمىمىي قىلمايسىلەر.

2سىلەر «ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس شەھەرنىڭ پۇقرالىرى» دەپ ئاتىۋالدىڭلار.

سىلەر «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىمىز دەيسىلەر.

 

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان،

مەن ئۇلارنى سىلەرگە ئالدىن بىلدۈرگەن.

كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

4چۈنكى مەن سىلەرنىڭ تەرسالىقىڭلارنى بىلىمەن،

سىلەرنىڭ بوينۇڭلار خۇددى تۆمۈردەك،

پېشانەڭلار خۇددى تۇچتەك قاتتىقتۇر.

5شۇڭا سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى،

مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم

شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن،

مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم،

بۇ ئىشلار يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم.

 

6سىلەر ھەممىنى ئاڭلاپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،

ئەجەبا، يەنە قايىل بولمامسىلەر؟

مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى،

سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىق ئىشلارنى بىلدۈرىمەن.

7بۇ ئىشلار ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، مانا ئەمدى يۈز بېرىدۇ.

بۇ ئىشلارنى سىلەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان.

سىلەر ئەمدى: ‹بىز بۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇنلا بىلەتتۇق› دېيەلمەيسىلەر.

8سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان.

سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان.

مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن،

سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقىپ كەلدىڭلار.

 

9مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم.

ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا

قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم.

10مانا قاراڭلار، مەن سىلەرنى تاۋلىدىم.

مەن سىلەرنى كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك ئەمەس،

بەلكى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئوچىقىدا تاۋلاپ پاكلىدىم.

11مېنىڭ سىلەرنى يوقاتماسلىقىم پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈندۇر،

چۈنكى مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ نامىنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويىمەن؟

ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.»

ئىسرائىللارنىڭ بابىللىقلاردىن ئازاد بولۇشى

12«ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي مەن تاللاپ چاقىرغان ئىسرائىل خەلقى، گېپىمنى ئاڭلاڭلار!

مەن پەرۋەردىگارىڭلارمەن،

مەن تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسىدۇرمەن.

13مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى قويدۇم،

مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم.

مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ.

 

14يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار،

قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟

مەن پەرۋەردىگار مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى ياخشى كۆرىمەن.

ئۇ بابىللىقلارغا قارشى قول كۆتۈرىدۇ.

15بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم،

ئۇنى مەن چاقىرىمەن، مەن باشلاپ كېلىمەن.

ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

16ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،

مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم.

مەن باشتىن-ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.»

 

مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.

17قوغدىغۇچىمىز، يەنە ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار

مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

مەن سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىدۇرمەن،

سىلەرنى مېڭىشىڭلار زۆرۈر بولغان يولدا ماڭدۇرغۇچىدۇرمەن.

18سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بويسۇنغان بولساڭلار ئىدى،

ئامانلىقىڭلار تىنچ ئېقىپ تۇرغان دەريادەك بولاتتى.

ھەققانىيلىقىڭلارمۇ توختاۋسىز ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك دائىم ھۆكۈم سۈرەتتى.

19ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى.

ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم دانچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى.

ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى

ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئالدىمدىن ھەرگىز يوقالمايتتى.»

 

20سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار،

بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار.

سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ:

«پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ،

پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!

21پەرۋەردىگار خەلقىمنى چۆللۈكتىن ئېلىپ ماڭغاندا،

ئۇلار ئۇسسۇزلۇقتىن قىينالمىدى،

چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى.

خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى.

22پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.

49

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى

1ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي يىراقتىكى خەلقلەر، دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار!

مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى تاللىدى،

ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.

2ئۇ مېنىڭ تىلىمنى خۇددى قىلىچتەك ئۆتكۈر قىلدى.

ئۇ قولىنىڭ سايىسىدا مېنى قوغدىدى.

ئۇ مېنى خۇددى ئوقيادەك ئۇچلۇق قىلدى.

ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئوقدانىدا ساقلىدى.

3ئۇ ماڭا: «ئەي ئىسرائىل خەلقىم، سەن مېنىڭ خىزمەتكارىمسەن،

مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىمەن» دېدى.

4لېكىن مەن ئۇنىڭغا: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر،

مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم» دېدىم.

شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ،

خۇدا قىلغانلىرىمغا يارىشا مۇكاپات بېرىدۇ.

 

5ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش

ۋە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن

مەن قورساققا تۆرەلگەن چېغىمدىلا، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى.

مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن.

خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!

6پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«سېنى ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش،

ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈنلا

خىزمەتكارىم قىلمايمەن!

مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ،

سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»

 

7پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار

ئەللەرنىڭ كەمسىتىشىگە ۋە نەپرىتىگە ئۇچرىغان

ھەمدە ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:

«پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرىدۇ،

ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، تەزىم قىلىدۇ.

چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»

ئىسرائىلىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

8پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا جاۋاب بېرىمەن

ۋە نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، ساڭا ياردەم قىلىمەن.

مەن سېنى قوغدايمەن

ۋە سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن.

سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن،

خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.

9سەن ئەسىرلەرگە: ‹چىقىڭلار›،

زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا: ‹سىرتقا چىقىڭلار› دەيسەن.

ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ،

تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.

10ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ،

ئۇلار قۇياشنىڭ ھارارىتىدە كۆيۈپ ئازابلىمايدۇ.

مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن

ۋە ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.

11مەن تاغلارنى تۈزلەپ يول ئېچىپ،

ئۇلارغا داغدام يول تەييارلايمەن.

12قاراڭلار، ئۇلار يىراق جايلاردىن كېلىۋاتىدۇ،

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالدىن، بەزىلىرى غەربتىن،

يەنە بەزىلىرى جەنۇبتىكى مىسىر زېمىنىدىن كېلىشمەكتە.»

 

13تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان!

خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن!

ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ.

ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 

14لېكىن سىئون:

«پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى،

ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.

15پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ:

«ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟

ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىل بولمىسۇن؟

ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ،

مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.

16قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم.

سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا.

17سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.

سېنى ۋەيران قىلىپ، يوقاتماقچى بولغانلار كېتىدۇ.

18سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن،

ھەممە ئوغۇل-قىزلىرىڭ كېلىپ ئەتراپىڭغا توپلانماقتا.»

پەرۋەردىگارىم يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى،

بۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ خۇددى زىبۇ-زىننەتلەردەك سېنى ھەر جەھەتتىن بېزەيدۇ.

ئۇلار سېنى خۇددى يېڭى كېلىنچەكتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ.

19بۇزۇلغان، چۆلدەرىگەن،

ۋەيران قىلىنغان زېمىنلىرىڭ

ئەمدى پۇقرالىرىڭنىڭ ياشىشىغا تارلىق قىلىدۇ.

سېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئەمدى سەندىن يىراقلىشىدۇ.

20سەن سۈرگۈندە تۇرغان چاغلىرىڭدا تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭ ساڭا:

‹بۇ يەر بىزگە تارلىق قىلىۋاتىدۇ،

بىز ياشىغۇدەك كەڭرى يەرگە موھتاج› دەيدۇ.

21شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن:

‹مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلۈپ، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىمغۇ،

ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟

مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىمغۇ،

ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟

مەن يالغۇز قالغانىدىمغۇ،

ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›»

 

22ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بارلىق ئەللەرگە قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ،

پۈتكۈل خەلقلەر ئالدىدا چاقىرىق تۇغۇمنى تىكلەيمەن.

ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قوللىرىدا كۆتۈرۈشۈپ، ساڭا ئەكېلىپ بېرىدۇ.

قىزلىرىڭنى دۈمبىلىرىدە ھاپاشلاپ ئەكېلىپ بېرىدۇ.

23شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ، بالىلىرىڭنى باقىدۇ،

خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ.

ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ.

ئاياغلىرىڭدىكى توپىلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ.

شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.

ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»

 

24باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجىنى كىممۇ تارتىپ ئالالىسۇن؟

زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىر قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چىقالسۇن؟

25پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجا چوقۇم تارتىپ ئېلىنىدۇ،

زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.

ساڭا قارشى چىققانلارغا مەن قارشى چىقىمەن،

بالىلىرىڭنى مەن قۇتقۇزىمەن.

26مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن.

ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ،

ئۇلارنى خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىمەن.

 

ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ۋە قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.»

50

ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟

مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟

ياق، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار!

ئاناڭلار سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلاردىن ھەيدەلدى.

2مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟

مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟

سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟

سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟

مەن بىرلا بۇيرۇق قىلسام، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ،

دەريالار چۆلگە ئايلىنىدۇ.

سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ، سېسىق پۇراق تارقىتىدۇ.

3ئاسمانغا قاراڭغۇلۇق كىيدۈرۈپ،

ماتەم بىلەن ئورايمەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئىتائەتمەنلىكى

4ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ،

چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى.

ئىگەم مېنى خۇددى شاگىرتلاردەك دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ،

ھەر كۈنى سەھەردە قۇلاقلىرىمنى ئويغاتتى.

5ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.

مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم.

6دۈمبەمگە ئۇرغانلارغا دۈمبەمنى تۇتۇپ بەردىم،

ساقىلىمنى يۇلغانلارغا ساقىلىمنى تۇتۇپ بەردىم.

مېنى ھاقارەتلەپ، يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.

7ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن،

مەن شەرمەندە بولمىدىم.

شۇڭا بېلىمنى چىڭ باغلىدىم.

ئەمدى شەرمەندە بولۇشتىن ئەنسىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.

8ئاقلىغۇچىم يېنىمدىدۇر،

قېنى، كىم مېنى ئەيىبلىيەلەيدۇ؟

بىز يۈزلىشەيلى!

قېنى، كىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلالايدۇ؟

بىز سوتقا بارايلى!

9ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەتكاردۇر،

قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دېيەلەيدۇ؟

ئۇلار خۇددى كىيىمدەك كونىرايدۇ،

ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ.

 

10قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ،

ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟

زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار

پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن،

يەنى خۇداغا تايانسۇن.

11لېكىن ئوت يېقىپ، ئۆزى ئۈچۈن مەشئەل تەييارلىغانلار

شۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋەرسۇن.

ئۇلار ھامان ئازابتا قالىدۇ،

بۇ ئاقىۋەتنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلايدۇ.

51

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ھەققانىيلىققا ئىنتىلىپ، مېنى ئىزدىگەنلەر،

سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئۆزۈڭلارنىڭ نەدىن كېسىۋېلىنغىنىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار،

قەيەردىن قېزىۋېلىنغىنىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار.

2ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار.

مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى.

لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.

3مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن،

ئۇنىڭ خارابىلىرىگىمۇ تەسەللى بېرىمەن.

سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن،

چۆللۈكلىرىمۇ ئېرەم باغقا ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردە شادلىق، خۇشاللىق،

شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.

 

4ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!

تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ،

ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.

5مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ،

قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن.

دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ،

ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ.

6سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار،

زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار.

ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ،

زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ.

زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈلۈكتۇر.

مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 

7ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر،

مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر،

سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار،

ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.

8چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك،

ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەيدۇ.

لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈلۈكتۇر.

نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»

 

9ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن،

كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن.

خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش،

ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن!

دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ؟!

قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ؟!

10دېڭىزدىكى سۇلارنى،

يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ؟!

قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن

دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ؟!

11پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.

مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ.

ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ،

ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.

 

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن، يەنى پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن.

سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر، ئىنساندىنمۇ، ئىنسان بەرىبىر ئۆلىدىغۇ؟

خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟

13ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان

مەن ياراتقۇچى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟

ھەر ۋاقىت سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن

قورقۇپ، ھودۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟

قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟

14ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ،

ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ.

ئۇلار ئەمدى يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ.

15چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

مەن دېڭىز سۈيىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايمەن.

‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار› مېنىڭ نامىمدۇر.

16سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم،

قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم.

بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويدۇم،

ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېدىم.»

يېرۇسالېمنىڭ ئازابىنىڭ ئاخىرلىشىشى

17ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان!

ئورنۇڭدىن دەس تۇر!

سەن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان

پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى غەزەپ شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.

18ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن

سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.

ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن

سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.

19بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى،

كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟

ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى،

كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟

20ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك،

كوچا-كويلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا.

پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى

ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى.

 

21ئەي ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر،

سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس.

شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى،

22ئىگەڭلار پەرۋەردىگار،

يەنى ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان

ئازاب شارابى تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم،

ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر.

23مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن.

ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى.

سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار،

ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك مېڭىشتى.»

52

خۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قۇتقۇزۇشى

1ئويغان ئەي سىئون، ئويغان

ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىل!

ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم،

ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن.

بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار

دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.

2ئەي يېرۇسالېم،

ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن.

ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن.

ئەي ئەسىرلىكتە قالغان قىز سىئون،

بوينۇڭدىكى ئاسارەت زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر بىكارلىق سېتىلغانىدىڭلار،

ئەمدى بىكارلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر.»

 

4پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمدە خەلقىم مىسىرغا بېرىپ ياشىغانىدى، كېيىن ئاسسۇرلار ئۇلارغا زۇلۇم سالدى.» 5پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمغا كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا. 6ئەمما خەلقىم ھامان نامىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە، ئۇلار ‹مانا مەن بۇ يەردىمەن› دەۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.»

 

7تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ،

خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە!

ئۇ تىنچلىقنى جاكارلايدۇ،

ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ،

نىجاتلىقتىن خەۋەر بېرىدۇ.

ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر» دەيدۇ.

8قۇلاق سېلىڭلار، كۆزەتچىلىرىڭلار ۋارقىرىماقتا،

بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا.

چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن

پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە.

9ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى،

خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ،

يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ.

10پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا

ئۆزىنىڭ مۇقەددەس قولىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.

يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغان

ھەممە ئادەملەر خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

 

11كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار،

ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلار!

ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار،

ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!

12سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ،

قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئازابلانغان خىزمەتكارى

13قاراپ تۇرۇڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.

14نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىدۇ.

چۈنكى ئۇنىڭ تېنى قاتتىق زەخىملەنگەن بولۇپ،

تۇرقى ئادەمگە ئوخشىماي قالغانىدى.

15لېكىن ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ*،

ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ لال بولىدۇ.

چۈنكى ئۇلار ھېچكىم سۆزلەپ بەرمىگەن ئىشلارنى كۆرىدۇ،

ھېچقاچان ئاڭلىمىغان ئىشلارنى ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.

53

1بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟

2پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا

خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان يۇمران مايسىدەك،

قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك ئۆستى.

ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى،

بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقى يوق ئىدى.

3ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتتى ۋە كېسەل ئازابىنىڭ نېمىلىكىنى بىلدى.

كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى،

بىزمۇ ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىدۇق.

4لېكىن ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك كېسەل ئازابلىرىنى تارتتى،

بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئەمما بىز: «ئۇنى خۇدا ئۇردى، خۇدا جازالىدى،

خۇدا ئۇنى شۇنداق قىينىدى» دەپ ئويلىدۇق.

5لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى،

بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئەرزىيەت چەكتى.

ئۇ جازالىنىپ، بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق،

ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.

6ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش

ئۆزىمىز بىلگەن يوللاردا ماڭدۇق.

لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى

ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.

 

7ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى،

لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك،

قوي قىرقىغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

8ئۇ ناھەق تۇتۇلۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

ئۇنىڭ تەقدىرىگە ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوق قىلىندى.

9گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان،

ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەن بولسىمۇ،

لېكىن ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا كۆمۈلمەكچى بولدى.

ئەمما ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى.

 

10ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەرزىيەت چېكىشى، ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.

ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغاندىن كېيىن،

ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەۋلاد كۆرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

11ئۇ چەككەن جەبىر-جاپالىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق

نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

12مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن،

ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ.

چۈنكى ئۇ جېنىنى پىدا قىلىپ،

گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى.

ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،

ئۇلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ.»

54

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بالا تۇغمىغان پەرزەنتسىز ئايال،

تەنتەنە قىلغىن!

ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال،

شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن!

چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى

ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.

2چېدىرلىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكىن ۋە

يوپۇقلىرىنى چوڭ يايغىن،

ھېچ نەرسىنى ئايىمىغىن.

ئارقانلارنى ئۇزۇن قىلىپ،

قوزۇقلارنى چىڭ قاققىن.

3چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن،

ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.

تاشلاندۇق شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ.

 

4قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن.

خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن.

سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن.

تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.

5چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن.

مېنىڭ نامىم ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر.

ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مەنكى مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن.

مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.

6سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن.

سەن خۇددى ياش ۋاقتىدا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن.

مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرىپ كېلىمەن.

مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

7مەن سېنى ۋاقتىنچە تاشلىدىم،

لېكىن مەن ساڭا قاتتىق ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.

8مەن قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن بىر مەزگىل دىدارىمنى يوشۇرغانىدىم.

مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن.

مانا بۇ سېنى قوغدايدىغان مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

9نۇھ پەيغەمبەر زامانىدا يەر-زېمىننى

توپان بالاسىغا قايتا غەرق قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغىنىمدەك،

ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن

ۋە سېنى جازالىمايمەن، دەپ قەسەم قىلىمەن.

10تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتسىمۇ،

دۆڭلەر تۈزلىنىپ كەتسىمۇ،

لېكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ،

مانا بۇ ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

11ئەي ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم،

مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردىن

ۋە سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.

12سېنىڭ مۇنارلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن،

شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى جۇلالىق گۆھەرلەردىن ياسايمەن.

شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرىمەن.

13بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن.

ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ.

14سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلىسەن،

ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ.

قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن،

چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.

15ئەگەر بىركىم ساڭا ھۇجۇم قىلسا،

بىلگىنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس.

ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.

 

16قارا، چوغنى يالقۇنلىتىپ، قورال-ياراغ ياسايدىغان تۆمۈرچىنى مەن ياراتتىم.

ۋەيران قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتتىم.

17ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ.

سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن.

بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر.

مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.

مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

55

خۇدا خەلقلەرنى ئۆز يولىغا چاقىرىدۇ

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي چاڭقىغانلار، كېلىڭلار، سۇ ئىچىڭلار.

ئەي پۇلسىزلار، كېلىڭلار، نەرسە ئېلىپ يەڭلار.

مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار،

ھېچقانداق پۇل تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.

2نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى

ئۆزۈڭلار رازى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟

سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار،

شۇنداق قىلساڭلار، ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر،

كۆڭلۈڭلار توق بولىدۇ.

3سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار.

سۆزۈمنى ئاڭلىساڭلار، ھەقىقىي ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.

مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.

داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.

4بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە سەردار قىلدىم

ۋە ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.

5سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر،

ئۇلار سىلەرنى تونۇمىسىمۇ قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەنكى مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا

سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»

 

6پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارغا يۈزلەنگىن،

كېچىكمەي ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگىن.

7رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن،

گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن،

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن،

شۇندىلا پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىم قىلىدۇ.

ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن،

ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.

 

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس،

سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس.

9ئاسمان يەردىن شۇنچە ئېگىزدە بولغىنىدەك،

مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ،

سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە ئېگىزدىدۇر.

10قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ،

لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ،

بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى زىرائەتلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

ئۇ تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ،

يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.

11ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ شۇنداق بولىدۇ،

ئۇ ماڭا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ.

ئەكسىچە، ئۇ ئىرادەمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ،

مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

12سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ،

ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر.

ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ،

دالالاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.

13تىكەنلىكلەر ئورنىغا قارىغايلار ئۆسۈپ چىقىدۇ،

ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا مىرتا دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا

مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىلەردۇر.»

56

يات خەلقلەرنىڭ خۇدانىڭ خەلقىگە قوشۇلۇشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئادالەتنى قوغداڭلار، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىڭلار،

چۈنكى مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىدۇ،

ھەققانىيلىقىم ئايان بولىدۇ.

2ماڭا جان-دىل بىلەن بويسۇنغانلار،

دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار،

رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار

نەقەدەر بەختلىك-ھە!

3ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر:

‹پەرۋەردىگار بىزنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن،

ئاختا قىلىنغان ئەر: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دېمىسۇن.»

4چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىدىغان،

مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى تاللايدىغان،

ئەھدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاختا قىلىنغان ئەرلەرگە

5ئوردامدا، يەنى ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق ئاتا قىلىپ، ئابىدە تىكلەيمەن.

بۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر.

مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ نام-ئاتاق ئۆچمەيدۇ، مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

6يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان،

ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار

مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ.

ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا،

ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،

7مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ،

دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى

قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ.

چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»

8چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى:

«يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.»

يولباشچىلارغا جازا ھۆكۈم قىلىنىشى

9ھەي دالادىكى بارلىق ھايۋانلار،

ھەي ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار!

10ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر،

ھەممىسى بىلىمسىزدۇر.

ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر.

ئۇلار يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ،

ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

11بۇ ئىتلار ئاچكۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ.

ئۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلارغا ئوخشايدۇ.

ھەممىسى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.

12ئۇلار: «كېلىڭلار، شاراب ئەكېلەيلى،

قانغۇچە ئىچەيلى!

ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ،

ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.

57

بۇتپەرەس ئىسرائىللارنىڭ جازالىنىشى

1ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە،

تەقۋادارلار ۋاپات بولسا،

ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنىڭ ۋاپات بولۇشىنى بالا-قازادىن قۇتۇلغانلىق دەپ چۈشەنمەيدۇ.

2ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ،

دۇرۇس يولدا ماڭغانلار قەبرىسىدە راھەت ئۇخلايدۇ.

 

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى،

زىناخور ۋە پاھىشىنىڭ ئەۋلادلىرى،

بۇياققا كېلىڭلار!

4خوش، سىلەر كىملەرنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈۋاتىسىلەر؟

كىملەرگە قارشى ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟

كىملەرگە قاراپ تىلىڭلارنى چىقىرىۋاتىسىلەر؟

سىلەر ئاسىينىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ،

يالغانچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟

5سىلەر پىستە دەرەخلىرى ئارىسىدا،

بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا

قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭلارنى ئىلاھقا چوقۇنۇش دەيسىلەر.

تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.

6سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى ئىلاھ بىلىپ تېۋىنىسىلەر،

مېنى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ تاشلارنى خۇدا دەپ بىلىسىلەر.

سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى

ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر.

خوش، مەن بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلارمەنمۇ؟

7سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ،

ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر.

8سىلەر ئىشىكىڭلارنىڭ ئارقىسىغا، ئىشىك كېشىكىڭلارغا

يىرگىنچلىك بەلگىلىرىڭلارنى ئېسىپ قويىسىلەر.

سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالىڭاچلىنىپ،

سالغان ئورنۇڭلارغا كىرىسىلەر

ۋە پاھىشىلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ،

ئۆزۈڭلارنى بۇتلارغا بېغىشلايسىلەر.

ئۇلارنىڭ تۆشىكىگە كۆڭلۈڭلار چۈشۈپ، يالىڭاچ تېنىدىن كۆز ئۈزەلمەيسىلەر.

9سىلەر خۇشبۇي بۇيۇم ۋە زەيتۇن يېغى ئېلىپ،

مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارىسىلەر.

باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى دەپ، يىراقلارغا ئەلچى ئەۋەتىسىلەر.

ئەلچىلىرىڭلار مۇمكىن بولسا ھەتتا ئۆلۈكلەر ماكانىغىمۇ باراتتى.

10گەرچە سىلەر باشقا ئىلاھلار ھەققىدە ئىزدىنىپ، چارچىغان بولساڭلارمۇ،

لېكىن سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار.

ئىلاھ ئىزدەش ئۈچۈن قايتىدىن كۈچ توپلىدىڭلار،

شۇڭا ھېرىپ-چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار.

 

11كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟

مېنى ئۇنتۇدۇڭلار،

مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمەيسىلەر.

مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن،

مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!

12سىلەر ئۆزۈڭلارچە توغرا دەپ بىلگەن ئاشۇ ھەققانىيلىقىڭلارنى

ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئېچىپ تاشلايمەن.

بۇ ئىشلىرىڭلار سىلەرگە قىلچە پايدا كەلتۈرمەيدۇ.

13ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن!

لېكىن شاماللار ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،

بىر نەپەستىلا سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.

ئەمما ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،

مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

14پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يولنى ياساڭلار، ئۇنى ياساپ، تەييار قىلىڭلار،

خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار!

15نامى مۇقەددەس بولغان، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك

ۋە مەڭگۈ بار بولغان مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا ياشايمەن،

ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن،

كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن،

توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.

16مەن داۋاملىق ئەيىبلىمەيمەن، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن.

شۇنداق قىلسام، مەن جان ئاتا قىلغان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.

17مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ،

ئۇلارغا زەربە بېرىمەن ۋە ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن.

ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.

18مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن،

لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى كېسەللىكلەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن.

ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.

19شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر تۆكۈلىدۇ.

مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن

ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى كېسەللىكلەرنى ساقايتىمەن!

20لېكىن رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ.

تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.›

21مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: ‹رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر!›»

58

پاك ۋە ھەقىقىي روزا

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ سۆزلە، توختاپ قالما،

ئاۋازىڭ خۇددى بۇرغا چالغاندەك ياڭراق بولسۇن.

خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى بىلدۈر.

ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.

2ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ ۋە

سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز دەيدۇ.

ئۇلار خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك،

ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك،

مەندىن ئادىل ھۆكۈم سورايدۇ.

ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.

3ئۇلار مەندىن: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن،

تاماق يېمەي جاپا تارتساق، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ.

قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر،

سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.

4قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتىسىلەر، لېكىن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ،

يەنىلا جەڭگى-جېدەل قىلىشىپ، مۇشتلىشىسىلەر.

بۇنداق روزا تۇتساڭلار،

دۇئايىڭلارنىڭ ئەرشكە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.

5مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟

مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا تارتىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟

ئەجەبا، مەن سىلەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىڭلار،

ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟

سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟

مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟

6ياق، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا

ئادالەتسىزلىكنىڭ كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش،

زۇلۇم بويۇنتۇرۇقنىڭ يىپىنى يېشىپ تاشلاش،

ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش،

بارلىق زۇلۇم بويۇنتۇرۇقلىرىنى چېقىپ تاشلاش،

7يېمەكلىكلەرنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش،

سەرگەردانلارنى ئۆيلەردە قوندۇرۇش،

يالىڭاچلارغا كىيىم كىيدۈرۈش

ۋە تۇغقانلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟

8شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلايتتىڭلار،

قەلبىڭلاردىكى كېسەللىكلەرمۇ تېز ساقىياتتى.

ھەققانىيلىقىڭلار سىلەرگە يول باشلاپ ماڭاتتى.

مېنىڭ شان-شەرىپىم سىلەرگە ئارقا تىرەك بولاتتى.

9شۇ چاغدا مەن سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارغا جاۋاب بېرەتتىم.

سىلەر چاقىرساڭلار، مەن: ‹مەن بۇ يەردە› دەيتتىم.

بىر-بىرىڭلارغا سالغان زۇلۇم بويۇنتۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلىساڭلار،

بىر-بىرىڭلارنى نوقۇمىساڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارغا تۆھمەت قىلمىساڭلار،

10ئاچلارغا شاپائەت قىلساڭلار،

جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار،

قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر.

تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ.

11مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ھەر دائىم يول كۆرسىتىمەن.

قاقاس يەرلەردىمۇ ئۇسسۇزلۇقۇڭلارنى قاندۇرىمەن

ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن.

سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان باغ

ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.

12كونا خارابىلىكىڭلار قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ،

بۇرۇنقى ئۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆيلەر سېلىنىدۇ.

سىلەر ‹سېپىللارنى رېمونت قىلغۇچى› ۋە ‹مەھەللىلەرنى قۇرغۇچى› دەپ ئاتىلىسىلەر.

 

13سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىڭلار،

مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار.

دەم ئېلىش كۈنىنى بىر خۇشاللىق كۈنى دەپ بىلىپ،

مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلەڭلار.

خالىغانچە ئىش قىلماڭلار،

ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار.

قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار،

بۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭلار.

14شۇنداق قىلساڭلار، مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر.

مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مول بەرىكەت ئاتا قىلىمەن

ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

59

يەشايانىڭ خەلقنى ئەيىبلىشى

1پەرۋەردىگارنىڭ قولى سىلەرنى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس،

قۇلىقى ئىلتىجايىڭلارنى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.

2لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى.

ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ.

3قوللىرىڭلار قان بىلەن،

بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر.

ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ،

تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ.

4ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ

ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ.

ئەكسىچە، ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.

يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.

5ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ،

ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ.

بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ،

تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ.

6توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ،

توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر،

قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر.

7ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ،

بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشتە ئىككىلەنمەيدۇ.

ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ،

قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

8ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ،

قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر.

ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ،

بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ.

ئىسرائىللارنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىشى

9شۇ سەۋەبتىن ئادالەت خەلقىمىزدىن بەك يىراقتىدۇر،

ھەققانىيەت بىزنى قوغلاپ يېتىشەلمەيدۇ.

بىز يورۇقلۇققا موھتاجمىز، بىراق پەقەت قاراڭغۇلۇق مەۋجۇتتۇر.

بىز نۇرغا تەلپۈنىمىز، بىراق زۇلمەتتە ياشايمىز.

10بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز،

خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز.

چۈش ۋاقتىدىمۇ خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك پۇتلىشىمىز،

كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز.

11بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ،

كەپتەردەك بۇقۇلداپ،

ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز.

نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.

12ئالدىڭدا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە،

گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا.

ئاسىيلىق بىز بىلەن بىرگىدۇر.

گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز.

13ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر.

خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز،

ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ،

كۆڭلىمىزدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.

14ئادالەت چېكىندى،

ھەققانىيەت يىراقتا،

سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن،

ئادىللىق كېلەلمەيدۇ.

15سەمىمىيەت يوقالغان،

ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، ئادالەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئازابلاندى.

خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى

16پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياقىلايدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ.

شۇڭا ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

17ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت،

قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا،

قىساسنى كىيىم،

قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.

18ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ،

دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ،

ئۇلارنى جازالايدۇ،

يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ.

19كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلەيدۇ.

پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.

 

20پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بىر قۇتقۇزغۇچى چوقۇم سىئونغا كېلىدۇ،

ئۇ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى گۇناھتىن قول ئۈزگەنلەرگە كېلىدۇ.»

 

21پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر: سىلەرگە ئاتا قىلغان روھىم سىلەردىن ئايرىلمايدۇ. ئاغزىڭلارغا سالغان سۆزلىرىممۇ سىلەرنىڭ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

60

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا، چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ كەلمەكتە!

مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتىدۇ.

2قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان،

ئەلنى زۇلمەت باسقان،

لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن.

شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.

3ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ،

پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.

 

4ئەي يېرۇسالېم، تۆت ئەتراپىڭغا باق،

خەلقلەر يېنىڭغا يىغىلىۋاتىدۇ.

ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ،

كىچىك قىزلىرىڭمۇ قوللاردا كۆتۈرۈلۈپ كېلىنىدۇ.

5ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ،

يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ.

چۈنكى دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ،

ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.

6تۆگە كارۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ،

مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ.

شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ،

ئۇلار ئالتۇن ۋە ئىسرىقلارنى تارتۇق قىلىدۇ

ۋە مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

7قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ،

نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ،

مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ،

مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى تېخىمۇ شەرەپلىك قىلىمەن.

 

8بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان،

كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟

9ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا.

ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ،

پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە.

ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى،

يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ.

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.

 

10يات خەلقلەر سېنىڭ سېپىللىرىڭنى قايتىدىن ياسايدۇ،

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا خىزمەت قىلىدۇ.

مەن غەزەپلىنىپ، سېنى جازالىغانىدىم،

لېكىن بۈگۈن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، شەپقەت كۆرسەتمەكتىمەن.

11سېنىڭ دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ،

كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ.

ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ،

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.

12ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ،

ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.

13لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان

قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

ئۇلار مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.

14ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ،

سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ.

ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»،

ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى، يەنى «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.

 

15گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان،

ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولغان بولساڭمۇ،

لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.

16پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ،

پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ.

شۇندىلا سەن مېنى، يەنى سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن.

سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.

17تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن،

تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش،

ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ،

تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن.

ئامانلىقنى يېتەكچىڭ،

ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن.

18زېمىنىڭدىن ئەمدى زوراۋانلىقنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.

چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ.

تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»،

دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.

19ئەمدى سېنىڭ قۇياش ۋە ئاينىڭ نۇرىغا ئېھتىياجىڭ قالمايدۇ،

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن.

مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.

20سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر،

ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر.

چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ،

ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.

21خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي ئادەملەرگە ئايلىنىپ،

مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ.

ئۇلار مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىككەن مايسامدۇر،

شۇنداقلا قوللىرىمنىڭ ئىجادىدۇر.

22ئەڭ كىچىك جەمەت مىڭلىغان ئادەملىرى بولغان چوڭ جەمەتكە ئايلىنىدۇ،

ئەڭ ئاجىز ئەل كۈچلۈك بىر ئەلگە ئايلىنىدۇ.

مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

61

قۇتقۇزۇلۇشنىڭ خۇش خەۋىرى

1ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىدۇر.

چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى،

قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپالىق بېرىشكە ئەۋەتتى.

تۇتقۇنلارنىڭ ئازاد بولىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا،

گۇناھقا ئەسىر بولغانلارنىڭ گۇناھتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.

2پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى

ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ،

ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە ئەۋەتتى.

3سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ بېشىغا چاچقان ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى،

ھەسرەتنىڭ ئورنىغا خۇشاللىقنى،

مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.

ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ،

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن

ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.

4ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ،

قاقاسلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ياشارتىدۇ،

ۋەيران قىلىنغىنىغا ئۇزۇن بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىدۇ.

5ئۇ چاغدا يات ئەللەردىن بولغانلار قويلىرىڭلارنى باقىدۇ،

يېرىڭلارنى تېرىيدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ياسايدۇ.

6لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»،

«خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر.

سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر،

ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشاللىق تاپىسىلەر.

7بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر.

بۇرۇن ھاقارەتلەنگەن بولساڭلار، ئەمدى ئېرىشكەن ئۈلۈشۈڭلاردىن شادلىنىسىلەر.

سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر،

مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە يار بولىدۇ.

 

8«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن،

بۇلاڭچىلىق ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن.

مەن خەلقىمگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن.

مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.

9ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ.

ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»

 

10مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن شادلىنىمەن،

يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ،

چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى،

ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى.

خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك

ۋە تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.

11تۇپراق مايسا ئۈندۈرگەندەك،

باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك،

پەرۋەردىگارمۇ ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ.

بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.

62

يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

1مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن.

مەن يېرۇسالېمنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە،

ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە جىم تۇرالمايمەن.

2ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى،

ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ.

سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن،

بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.

3سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېسىل تاجغا،

خۇدانىڭ ئالىقىنىدا خاننىڭ سەللىسىگە ئايلىنىسەن.

4سەن ئەمدى «تاشلاندۇق شەھەر» دەپ ئاتالمايسەن،

يېرىڭمۇ «قاقاسلىق» دەپ ئاتالمايدۇ.

سەن ئەمدى «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن،

يېرىڭمۇ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ،

يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.

5ياش يىگىت قىز بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك،

سېنىڭ خەلقىڭمۇ سەن بىلەن بىرگە ياشايدۇ.

يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا،

سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.

6ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم،

ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدۇ.

ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار

7ھەم پەرۋەردىگارنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار،

تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولمىغۇچە ئارام ئالمىسۇن.

ئۇ يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن.

 

8پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ:

«مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن.

يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان شەربەتلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.

9پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ.

ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ» دەيدۇ.

 

10چىقىڭلار، شەھەر دەرۋازىلىرىدىن چىقىڭلار!

خەلق ئۈچۈن يولنى ھازىر قىلىڭلار!

يولنى ياساڭلار، يولنى ياساڭلار!

تاشلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار!

ئەللەر ئۈچۈن تۇغ تىكلەڭلار!

11قاراڭلار، پەرۋەردىگار دۇنياغا مۇنداق دەپ جاكارلىماقتا:

«ئەللەر سىئون خەلقىگە مۇنداق دېسۇن:

‹قاراڭلار، سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلار كەلمەكتە،

قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.›

12ئۇلار ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىدۇ،

يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»

63

پەرۋەردىگارنىڭ ئىمانسىز خەلقلەرنى جازالىشى

1ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان،

قىپقىزىل تون كىيگەن،

گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك،

چوڭ قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتقان كىم؟

 

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ مەندۇرمەن،

غەلىبەمنى جاكارلايمەن،

مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»

 

2كىيىملىرىڭ نېمىشقا قىپقىزىل؟

كىيىملىرىڭ نېمىشقا ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئېزىدىغانلارنىڭ كىيىملىرىگە ئوخشاپ قالدى؟

 

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم ئەزدىم،

ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى.

مەن دۈشمەنلىرىمنى غەزەپ بىلەن يانجىدىم،

قەھرىم بىلەن رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم.

ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ،

كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى قىپقىزىل داغ قىلدى.

4چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى،

ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.

5قارىسام، خەلقىمگە ھېچكىم ياردەم قىلمىدى،

بەكلا ھەيران بولدۇم، ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى.

شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم،

قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى.

6غەزىپىم بىلەن ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدىم،

ئۇلار قەھرىمنىڭ زەربىسىدىن دەلدەڭلىشىپ ماڭالمىدى،

قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىشى

7مەن پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن،

ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن.

چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى،

يەنى بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان.

پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.

8پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىمدۇر،

ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر.»

شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.

9ئۇلار ئازاب چەككەندە،

ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى ۋە

ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى.

ئۇ مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانىدى.

10لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى.

شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.

11شۇ چاغدىلا ئۇلار مۇسانى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئەسلىرىگە ئېلىشىپ:

«خەلقنى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار ئەمدى قېنى؟

مۇقەددەس روھنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگار ئەمدى قېنى؟

12بۇرۇن قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى.

ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ،

ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.

13ئۇلارنى باشلاپ چوڭقۇر سۇلاردىن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ يېتەكچى ھازىر قەيەردە؟

ئۇ چاغدا ئۇلار خۇددى تۈزلەڭلىكتە چاپقان ئاتلاردەك ھېچ پۇتلاشماي ماڭغانىدى.

14تىنچ جىلغا كالىلارغا ئاراملىق بەرگەندەك،

پەرۋەردىگارنىڭ روھىمۇ ئۇلارغا ئاراملىق بەرگەنىدى.

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى» دەپ ئويلاشتى.

خۇدادىن شاپائەت تىلەش

15ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سالغايسەن!

مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سالغايسەن.

سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟

ئەجەبا، ئەمدى بىزگە ئىچ ئاغرىتمامسەن، شاپائەت قىلمامسەن؟

16ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر ئەجدادلىرىمىز بولغان ئىبراھىم ۋە ياقۇپ ھايات بولغان بولسا،

بىزنى ئېتىراپ قىلمايتتى،

لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن.

سەن قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.

17ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن،

قەلبىمىزنى تاش بولسۇن، بىزنى ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟

ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ۋە ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.

18سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قىسقا ۋاقىتلا ئىگە بولدى.

كېيىن دۈشمەنلىرىمىز كېلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى.

19بىز خۇددى سەن ھېچقاچان باشقۇرمىغان خەلققە،

سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالمىغان خەلققە ئوخشاپ قالدۇق.

64

1ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن،

تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن!

2خۇددى ئوت قۇرۇق ئوتۇننى كۆيدۈرۈپ، سۇنى قاينىتىپ تىترەتكەندەك،

سەنمۇ پەسكە چۈشۈپ، ئىمانسىز ئەللەرنى ئالدىڭدا تىترەتكىن.

دۈشمەنلىرىڭ سېنىڭ نامىڭنى بىلسۇن.

3سەن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغانىدىڭ.

سەن پەسكە چۈشكەندە، تاغلار تىترەپ كەتكەنىدى.

4قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم سەندىن باشقا ئىلاھنىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى ۋە كۆرۈپمۇ باقمىدى.

5ئادالىتىڭنى يۈرگۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن ۋە

يولۇڭنى ئېسىدە ساقلىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىسەن.

بىز دائىم گۇناھ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، سەن غەزەپلەندىڭ.

بىز يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىزمۇ؟

6ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز،

بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى ھەيز لاتىسىغا ئوخشايدۇ.

بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز،

گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ، بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

7ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ ئۆتۈنمەيدۇ،

ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ.

سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ،

بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.

8لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز.

بىز لاي، سەن كۇلالچى،

بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان.

9ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلەنمىگىن،

گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن.

قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە،

بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز.

10شەھەرلىرىڭ چۆللەشتى، سىئونمۇ چۆللەشتى،

يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.

11بىزنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس، گۈزەل ئىبادەتخانىمىز،

يەنى ئەجدادلىرىمىز سېنى مەدھىيەلىگەن ئاشۇ جاي كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

بىز قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلەر ۋەيران بولدى.

12ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالامسەن؟

بىزنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ، جىم تۇرالامسەن؟

65

خۇدانىڭ گۇناھكارلارنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى نامايان قىلىشقا تەييار ئىدىم،

مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم.

نامىمنى چاقىرمىغان خەلققە:

‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دېدىم!

2مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن،

لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ،

ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

3ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ.

ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ،

كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ.

4ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا تۈنەيدۇ.

چوشقا گۆشى يەيدۇ، قازانلىرىدا ھارام گۆش پىشۇرىدۇ.

5شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما،

چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا پاكتۇرمەن› دەيدۇ.

بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەيدىغان ئوتتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرىدۇ.

6قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ.

مەن ئەمدى جىم تۇرمايمەن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمەن،

مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.

7ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋە ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ.

چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ،

تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى.

مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»

 

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا:

‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى شېرىن، ياخشى ئۈزۈملەر بار ئىكەن› دېيىشىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن

خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

9ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن،

يەھۇدىيەنىڭ خەلقىنى تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن.

مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.

10شارون تۈزلەڭلىكى قوي پادىلىرى ئويلايدىغان ئوتلاقلارغا،

ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.

بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ.

11لېكىن، ئەي مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر،

ئەي مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار،

ئەي ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار،

ئەي ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن قەدەھلەرگە شاراب تولدۇرغانلار،

12مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن.

ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر،

چۈنكى چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار،

سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار.

ئەكسىچە، سىلەر مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللاپ،

كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار.

 

13شۇڭا مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر،

خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، لېكىن سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر،

خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر شەرمەندە بولىسىلەر.

14خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ،

لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر.

روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر.

15مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ.

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن.

لېكىن خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.

16زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ.

زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ ۋە

كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.»

يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىن

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىن يارىتىمەن.

ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ.

18مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار.

مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى،

ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن.

19مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن،

خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن.

ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.

20ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ.

ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ،

يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ.

يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

21ئۇلار ياسىغان ئۆيلىرىدە ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ،

ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.

22ئۇلار سالغان ئۆيلەردە باشقىلار ئولتۇرالمايدۇ.

ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلىمايدۇ.

خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.

مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

23ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ.

ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ.

چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى

پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.

24ئۇلار ئىلتىجا قىلىشتىن بۇرۇن مەن جاۋاب بېرىمەن،

ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن.

25بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ،

شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.

يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ،

ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا

ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

66

ساختا ۋە ھەقىقىي ئىبادەت

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەرش مېنىڭ تەختىم،

زېمىن مېنىڭ پۇت قويغۇچىمدۇر.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر ماڭا قانداقسىگە بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟

2بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتتىم،

شۇڭا ئۇلار مەۋجۇتتۇر.

مەن خۇرسەن بولىدىغان ئادەم

يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشايدىغان،

سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.

3لېكىن بەزىلەر ماڭا ئاتاپ كالا قۇربانلىق قىلىدۇ، ئاندىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇتلارغا ئاتايدۇ،

ماڭا ئاتاپ قوي قۇربانلىق قىلىدۇ، ئاندىن ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ بۇتلارغا ئاتايدۇ.

بەزىلەر ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنىدۇ، ئاندىن چوشقا قېنىنى بۇتلارغا سۇنىدۇ،

ماڭا ئىسرىق سالىدۇ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنىدۇ.

بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللايدۇ ۋە

قەلبىدىكى يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.

4شۇڭا مەن ئۇلارنى چوقۇم جازالايمەن ۋە

ئۇلارنى ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارغا يولۇقتۇرىمەن.

چۈنكى چاقىرسام، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى،

سۆزلىسەم، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى.

ئەكسىچە، نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى.

ئۇلار مەن خۇرسەن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»

 

5ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار،

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار

سىلەرنى جامائەتتىن مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ:

‹پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ،

سىلەرنى قانچىلىك خۇشال قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ.

لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.

6شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا،

ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە.

بۇ ئاۋازلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ۋاقتىمدىكى ئاۋازلاردۇر!

 

7سىئون تولغىقى تۇتماي بوشىنىدۇ،

ئاغرىق ھېس قىلماستىنلا ئوغۇل تۇغىدۇ.

8بۇنداق ئىشنى كىم ئاڭلاپ باققان،

كىم كۆرۈپ باققان؟

بىر ئەل بىر كۈندىلا پەيدا بولامدۇ؟

بىر خەلق بىردەمدىلا ئاپىرىدە بولامدۇ؟

لېكىن سىئون ئاغرىق باشلىنىش بىلەنلا بالا تۇغىدۇ.

9مەن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغدۇراي دېگەن ئىكەنمەن،

ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمەنمۇ؟

سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بىرىنى تۇغدۇراي دېسە،

ئەجەبا، ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمۇ؟

 

10ئەي يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر،

ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار!

ئەي يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر،

ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇشال بولۇڭلار!

11ئۇنىڭ تەسەللىلىك قۇچىقىدىن تويغۇچە سۈت ئېمىسىلەر،

ئۇنىڭ زور شان-شەرىپىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ،

پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن شادلىنىسىلەر.»

 

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېرۇسالېمغا ئېقىن دەريادەك ئۈزۈلمەس ئامانلىق ئاتا قىلىمەن،

ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى يېرۇسالېمغا خۇددى تاشقىنلىغان ئېقىنلاردەك ئېقىپ كېلىدۇ.

سىلەر خۇددى ئانا ئېمىتىپ باققان بالىدەك

ھاپاش قىلىنىسىلەر، قۇچىقىدا ئەركىلىتىلىسىلەر.

13خۇددى ئانا بالىلىرىغا تەسەللى بەرگەندەك

مەن سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن،

سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئېرىشىسىلەر.»

 

14سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر،

ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ.

پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ،

لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.

15قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە چۈشمەكتە،

ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كەلمەكتە.

ئۇ غەزەپ بىلەن قىساس ئالىدۇ،

ئوت يالقۇنى بىلەن جازالايدۇ.

16پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ،

نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

 

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆزلىرىنى پاكلاپ، بۇتلارغا بېغىشلىغانلار ۋە سەجدىگاھلىرى بولغان باغلارغا بېرىپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ. 18مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ. 19مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى نامىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە ۋە ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، يۇنانغا، شۇنداقلا يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. 20ئۇلار ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاتقا مىندۈرۈپ، بەزىلىرىنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ، بەزىلىرىنى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىرىپ، بەزىلىرىنى قېچىرغا مىندۈرۈپ ۋە بەزىلىرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىدۇ. 21مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن روھانىيلارنى، لاۋىيلارنى تاللايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

22مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 23ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ. 24ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»


1: 8 غېرىبانە سىئون _ ئەسلى نۇسخىدا «سىئون قىزى» دەپ ئېلىنغان. سىئون يېرۇسالېمدىكى تاغ بولۇپ، بۇ يەردە يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئوخشىتىلغان.

6: 2 سىراف _ ئەرشتە ياشايدىغان ۋە پەرىشتە ئوخشايدىغان ئوت قىياپەتلىك بىر خىل مەخلۇق.

11: 1 يىشاي _ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى.

15: 7 سۆگەت جىلغىسى _ موئاب بىلەن ئىدومنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا.

21: 11 دۇماھ ۋە سەئىر _ قەدىمكى ئىدومنى كۆرسىتىدۇ.

28: 20 يەھۇدىيەنىڭ مىسىر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇ كىچىك ۋە تار تۆشەككە ئوخشىتىلغان.

29: 1 ئارىئېل _ يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئىسمى.

30: 7 راخاب _ دېڭىزدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق، چوڭ بىر ئەپسانىۋىي مەخلۇقنىڭ ئىسمى بولۇپ، مىسىرنىڭ لەقىمىدۇر.

52: 15 ئىبرانىي تىلىدا «پاكلايدۇ» دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ.