يەرەمىيا

1

1بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى. 2ئۇنىڭغا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان. 3يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، تاكى يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.

يەرەمىيانىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللىنىشى

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

5_ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مەن سېنى ئۆزۈمگە ئاتىدىم ۋە زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.

6مەن پەرۋەردىگارغا:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم. 7لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ سەن ئۆزۈڭنى ھەرگىز كىچىك چاغلىما. مەن سېنى نەگە ئەۋەتسەم، سەن شۇ يەرگە بارىسەن. مەن ساڭا نېمە دېيىشنى ئەمر قىلسام، شۇنى دەيسەن. 8ئادەملەردىن قورقما. مەن ساڭا يار بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى.

9ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

_ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم! 10بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.

ئىككى بېشارەت

11پەرۋەردىگار مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ بىر بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. 12پەرۋەردىگار:

_ توغرا كۆردۈڭ، بادام شېخى مېنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.* ئېيتقان سۆزلىرىمنى مەن تېز ئارىدا بەجا كەلتۈرىمەن، _ دېدى. 13پەرۋەردىگار يەنە مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ قايناۋاتقان بىر قازاننى كۆردۈم. ئۇ قازان شىمالدىن بىز تەرەپكە ئۆرۈلەي-ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇپتۇ، _ دېدىم.

14پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ بۇ شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. 15ئاڭلا، مەن پەرۋەردىگار شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن! ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

16مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار نىيەتلىرىنى يامان قىلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى. 17بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن! 18قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن. 19ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

2

ئىسرائىللارنىڭ خۇدادىن يۈز ئۆرۈشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ سەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ خەلقىگە مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن:

«مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىكى ساداقىتىڭلار ۋە

يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى مۇھەببىتىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىپ،

ھوسۇل چىقمايدىغان چۆل-جەزىرىلەرگىچە قانداق بارغىنىڭلار ئېسىمدە.

3ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ،

ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى.

ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

4ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان بارلىق جەمەتلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. 5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تاپقانىدى؟

ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى.

6ئۇلار: ‹بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قېنى؟

بىزنى ھېچكىم ياشاپ باقمىغان ياكى بېرىپ باقمىغان يەرلەردىن باشلاپ،

چۆل-جەزىرىلەردىن ۋە ئۇ يەردىكى جىلغىلاردىن، سۇسىزلىق ۋە ئۆلۈم سايىلىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قەيەردە؟› دەپ سوراپ باقمىدى.

7مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم.

بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار.

ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.

8روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى،

قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى،

يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى.

ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ،

ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.

 

9شۇڭا مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە نەۋرەڭلارنى سوراققا تارتىمەن.

10غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار!

شەرققە ئادەم ئەۋەتىڭلار، ئۇلار قېدار زېمىنلىرىنى كۆرۈپ كەلسۇن!

بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟

11بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟

ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟

ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!

12ئەي ئاسمانلار، سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى،

بۇلاردىن ھەيران بولۇڭلار، چۆچۈڭلار ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈڭلار.

13مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى:

ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى،

ھەمدە ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.

 

14ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر قۇلمۇ؟ سىلەر قۇللۇققا تۇغۇلغانمۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىلەر ئولجىلاردەك ئېلىپ كېتىلدىڭلار؟

15سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرىدى،

ئۇلار غەلىبە قىلىپ، تەنتەنە قىلدى ۋە

زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى.

شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.

16نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىسىرلىقلار زېمىنىڭلارغا بېسىپ كىرىپ،

چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلدى.

17مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ،

سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.

18مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟

ئاسسۇرىيەگە بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟

19ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ.

ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ.

مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن قورقماي تۇرۇپ، يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ

سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار.

بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

20ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.

سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار.

سىلەر خۇددى ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا

پاھىشىلىك قىلغان پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.

21مەن سىلەرنى خۇددى ئەلا كۆچەتنى تىككەندەك تىكتىم.

سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆستۈڭلار.

ئەمما سىلەر نېمە ئۈچۈن ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟

22سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى،

ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر،

مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن.

23سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار.

ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟

سىلەر بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار!

ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار!

سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.

24سىلەر قۇملۇقتىكى ياۋايى مادا ئېشەكلەرگە ئوخشايسىلەر.

ھەۋىسىڭلار قوزغالغاندا پۇراشقا باشلايسىلەر،

ھېچكىم سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ.

ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ سىلەرنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق،

چۈنكى مادا ئېشەكلەر ھاڭگا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ!

25ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئايىغىڭلار يىرتىلىپ، گېلىڭلار قۇرۇپ كەتكۈچە يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار.

ئەمما سىلەر: ‹ئارقىمىزغا قايتمايمىز، بىز يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرىمىز،

ئۇلارغا ئەگىشىمىز!› دەيسىلەر.

 

26تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر.

سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.

27سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام›،

تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر.

ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر.

لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا:

‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر.

28سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن.

ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!

29سىلەر نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسىلەر؟ ھەممىڭلار ماڭا قارشى چىقىۋاتىسىلەر.

30مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى.

سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار.

سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.

 

31ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار.

مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇق ياكى قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟

ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا:

‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق،

ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟

32ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى،

يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟

بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.

33سىلەر ئاشىقىڭلارنى قوغلىشىشقا نېمىدېگەن ئۇستا-ھە!

ھەتتا پاھىشە ئاياللارمۇ سىلەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ.

34كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى.

لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا يوشۇرۇن كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس.

شۇنداق بولسىمۇ،

35سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر.

‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن.

36ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟

بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار سىلەرنى خۇددى ئاسسۇرلاردەك نائۈمىد قويىدۇ.

37سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر.

چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشەنگەن ئادەملەرنى رەت قىلدىم.

سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.»

3

ساداقەتسىز ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە،

ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە تەگسە،

ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟!

بۇنداق بىمەنىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟!

شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك

پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار.

سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟

2ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار،

ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟

سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان پاھىشىلەرگە ئوخشايسىلەر.

سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر.

سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى.

3يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر.

سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.

4ھازىر سىلەر يەنىلا ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ ئاتىمىز،

ياشلىقىمىزدىن بۇيانقى دوستىمىزسەن!

5شۇنداق تۇرۇقلۇق، دائىم بىزدىن ئاچچىقلىنىپ يۈرەمسەن،

بىزگە مەڭگۈ غەزەپلىنەمسەن؟› دەيسىلەر.

بىراق سىلەر ئۆزۈڭلار قىلالايدىغانلىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.»

 

6يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىلىيەنىڭ* قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى. ئۇ ساداقەتسىزلىكتە خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشايدۇ. 7ئۇ مۇشۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق ئۇ مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. بۇنى ساداقەتسىز يەھۇدىيە، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ قېرىندىشى كۆرۈپ تۇردى. 8ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنى تالاق قىلىپ، تاشلىۋەتكەنلىكىمنىمۇ بىلدى. بىراق ساداقەتسىز يەھۇدىيە، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ قېرىندىشى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدى ھەم مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى. 9ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىدىن قىلچە نومۇس قىلماي، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى. 10شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

ئىسرائىل خەلقىنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىلىشى

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ۋاپاسىز ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھى ساداقەتسىز يەھۇدىيەنىڭكىگە قارىغاندا يېنىكرەك. 12سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جاكارلىغىن:

«ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە، يولۇمغا قايتىڭلار، مەن سىلەردىن داۋاملىق نارازى بولىۋەرمەيمەن.

مەن مېھىر-شەپقەتلىكتۇرمەن، سىلەرگە داۋاملىق غەزەپلىنىۋەرمەيمەن.

13ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىشىڭلار كېرەك.

چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار.

سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرىغا بېغىشلىدىڭلار،

ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

14مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار، مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلاردۇرمەن. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر جايدىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 15مەن سىلەرگە ماڭا ساداقەتمەن يولباشچىلارنى بېرىمەن. ئۇلار سىلەرنى ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن يېتەكلەيدۇ. 16ئاشۇ كۈنلەردە زېمىندا سانىڭلار كۆپىيىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇ ۋاقىتلار كەلگەندە سىلەر مېنىڭ ئەھدە ساندۇقۇمنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۇنى قايتا ئويلىمايسىلەر، ئەسلىمەيسىلەر، سېغىنمايسىلەر ياكى باشقا بىرسىنى ياسىمايسىلەر. 17چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتىلىدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ يامان نىيەتلىرىگە جاھىللارچە ئەگىشىپ ماڭمايسىلەر. 18ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ.

19ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم:

مەن سىلەرنى خۇشاللىق بىلەن ‹ئوغلۇم› دەپ ئاتاشنى خالايتتىم.

جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم.

مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم.

20بىراق مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى،

سىلەر ئۆز ئېرىنى تاشلاپ كەتكەن ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش

ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.

 

21تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز،

يەنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ،

مېنى، يەنى ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالدى.

 

22ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار.

مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن.

سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن:

‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.

23تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق.

ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن.

24بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن بېرى

ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى،

چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.

25بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى.

لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق.

بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»

4

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىللار، ئەگەر مېنىڭ يولۇمغا قايتماقچى بولساڭلار،

سىلەر چوقۇم بۇ يىرگىنچلىك بۇتلارنى كۆزۈمدىن يوقىتىشىڭلار

ۋە قايتا مېنىڭ يولۇمدىن ئەسلا ئازماسلىقىڭلار كېرەك.

2مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار.

ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ سىلەرگە ئوخشاش مەندىن بەخت-سائادەت تىلەيدۇ

ۋە مېنى مەدھىيەلەيدۇ.»

 

3پەرۋەردىگار يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار،

تىكەنلىككە ئۇرۇق چاچماڭلار.

4ئەي يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى،

سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر،

قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار.

ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن

غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»

شىمالدىن كەلگەن بالا-قازا

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خەۋەرنى يېرۇسالېمدا جاكارلىغىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە ئۇقتۇرغىن:

‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسۇن!

خەلق يىغىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!

6خەلق بەلگە تۇغىنى كۆتۈرۈپ، سىئون تېغىغا بارسۇن!

ئۇلار جېنىنى ئېلىپ قاچسۇن، كېچىكمىسۇن!

چۈنكى مەن شىمالدىن ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتىمەن.

زور ۋەيرانچىلىق بولىدۇ.›»

 

7شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ،

خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى.

ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى.

شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

8شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.

9پەرۋەردىگار: «شۇ كۈنى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئۆز جاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ،

روھانىيلار داڭ قېتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەرلەر چۆچۈپ كېتىدۇ» دەيدۇ.

 

10مەن:

_ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويدۇڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولدى! _ دېدىم.

 

11ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە:

«قۇملۇقتىن چىققان بىر ئىسسىق شامال خەلقىمگە ئۇرۇلىدۇ.

ئۇ ئاشلىق سورۇشقا كېرەك بولغان مەيىن شامال ئەمەس،

12بەلكى ئۇ مەن چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر بوراندۇر.

مەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن» دەيدۇ.

 

13دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ.

ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ.

ھالىمىزغا ۋاي، بىز ۋەيران بولىمىز!

14ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر.

يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟

15شىمالدىكى دان شەھىرىدىن ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونلىرىدىن

ئەلچىلەر كېلىپ شۇم خەۋەرلەرنى جاكارلايدۇ.

 

16پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەتراپتىكى ئەللەرنى بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغىن.

بۇنى يېرۇسالېمدا جاكارلىغىن.

يىراق ئەلدىن دۈشمەن قوشۇنلىرى كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

17يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن،

خۇددى ئادەملەر ئېتىزنى قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشايدۇ.

18ئەي خەلقىم، تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ئاپەت بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.

بۇ سىلەرنىڭ تارتىدىغان ئېچىنىشلىق جازايىڭلاردۇر.

ئۇ سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا سانجىلىدۇ.»

 

19مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم:

«بۇ بىر ئازاب، مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن!

ۋاي يۈرىكىم، يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ!

مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن.

مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە نەرە تارتقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.

20پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە،

ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ.

بارلىق چېدىرلىرىمىز توساتتىن ۋەيران بولىدۇ.

چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.

21مەن قاچانغىچە ئۇرۇش تۇغلىرىنى كۆرۈپ، جەڭ بۇرغىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلارمەن؟»

22پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

«خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ.

ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ.

ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر،

ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»

 

23مەن مۇنداق دېدىم:

«مەن زېمىنغا قارىدىم، زېمىن قاقاس بولۇپ، ھېچنېمە يوق ئىدى.

مەن ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندا يورۇقلۇق يوق ئىدى.

24مەن تاغلارغا قارىدىم، ئۇلار سىلكىنىۋاتاتتى.

ھەممە ئېگىزلىكلەر تەۋرىنىۋاتاتتى.

25مەن تۆت ئەتراپقا قارىدىم، ئادەم يوق ئىدى،

ئاسماندىكى جىمى قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەنىدى.

26مەن مۇنبەت زېمىنلارغا قارىدىم، ئۇ چۆلگە ئايلانغانىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپىدىن زېمىندىكى بارلىق شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.»

 

27پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ،

شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

28زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇق بىلەن پۈركىنىدۇ.

مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم.

قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»

 

29شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا،

قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ.

ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ،

ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ.

30ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ!

نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟

نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟

سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن!

سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ،

ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلىدۇ.

31مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى،

تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

بۇ ئاۋاز نەپىسى بوغۇلغان گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ،

«ھالىمغا ۋاي، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.

5

يېرۇسالېمنىڭ گۇناھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ،

تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار.

ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار.

ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىن ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار،

مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.

2گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلسىمۇ،

لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.»

 

3ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى.

ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى.

ئۇلار يۈرەكلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى.

ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.

4مەن ئويلىدىم: «بۇلار نامراتلىقى ۋە بىلىمسىزلىكىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى بىلمىگەچكە، ھاماقەتلەردەك ئىش قىلىدۇ.

ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

5مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىدۇ.»

لېكىن ئۇلار سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىدۇ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدۇ.

6شۇڭا دۈشمەنلىرى بۇ خەلقنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىسىنى تىتىپ تاشلىغاندەك تىتىپ تاشلايدۇ.

دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ.

دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا، شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

 

7پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن،

سېنىڭ خەلقىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرسا؟!

ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.

گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ،

لېكىن ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى.

ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.

8ئۇلار كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياخشى بوردالغان ئايغىرلارغا ئوخشايتتى.

ھەممىسى قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ كەينىدىن كىشنىشەتتى.

9ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟

ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟

10مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەن:

‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار،

لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار.

تەكلەر ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى كېسىۋېتىڭلار.

11چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.›»

 

12بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ، بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ.

ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ.

13ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ئەمەس.

شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ.»

 

14شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت قىلىمەن،

بۇ خەلق خۇددى ئوتۇن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»

 

15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاڭلاڭلار!

مەن بىر خەلقنى سىلەرگە ھۇجۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلقتۇر.

بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر.

ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ.

16ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر.

ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر.

17ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ،

ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ،

چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ.

ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»

 

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ھەتتا ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ، مەن خەلقىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. 19ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بەرگىن.

 

20ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا جاكارلىغىن،

يەھۇدىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئۇقتۇرغىن.

21ئەي كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان،

قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان ئەخمەق ۋە پاراسەتسىز خەلق، بۇنى ئاڭلاڭلار!

22مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى،

سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟

مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟

مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم،

دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ.

دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ.

شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.

23لېكىن بۇ خەلق جاھىل ۋە ئاسىيدۇر.

ئۇلار يولۇمدىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتى.

24ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىگە: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەيمىنەيلى،

ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى ياغدۇرۇپ بەرگەن،

ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىزنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان› دېمەيدۇ.

25سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سىلەرنى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلدى.

سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار بەختىڭلارنى ئېلىپ كەتتى.

 

26مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى.

ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ.

ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.

27ئوۋچى قەپىسىنى ئوۋلار بىلەن تولدۇرغاندەك،

ئۇلارمۇ ئۆيلىرىنى ئالدامچىلىققا تولدۇردى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باي ۋە كۈچلۈك بولۇپ كەتتى.

28ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىدى،

ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق.

ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ،

ئاتىسىزلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ،

كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.

29شۇڭا مەن ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟

مەن بۇنداق رەزىل خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟

30ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ۋەھىمىلىك ئىشلار يەھۇدىيە زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ،

31يەنى ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ،

روھانىيلار خالىغانچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ،

خەلقىممۇ شۇنى خالايدۇ.

لېكىن بېشىغا بالايىئاپەت كەلگەندە، ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»

6

يېرۇسالېمغا كېلىدىغان بالايىئاپەت

1جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى!

يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار!

تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار!

چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ،

ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

2سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى،

بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن.

3خۇددى پادىچى پادىلىرى بىلەن كەلگەندەك،

پادىشاھلار قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ، يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىدۇ.

ھەربىر قوشۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى ۋەيران قىلىدۇ.

4ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!

كېلىڭلار، چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ.

لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە:

«بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.

5شۇڭا كېلىڭلار، كېچىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ،

مۇستەھكەم قورغانلىرىنى ۋەيران قىلايلى!» دەيدۇ.

 

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار.

سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار.

بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك.

ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.

7قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك،

بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ.

زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا.

مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.

8ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال.

بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن،

ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»

 

9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئۆزۈم يىغقۇچى ئۆزۈم تېلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرگىنىگە ئوخشاش،

دۈشمىنىڭلار ئىسرائىلىيەدە قالغان خەلقنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.»

 

10مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم:

«كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟

گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟

ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ.

ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ،

پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.

11ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم،

ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.»

 

پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

«غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا

ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ.

غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار،

شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.

12ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغاندەك،

يەرلىرى ۋە ئاياللىرىنىمۇ باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ.

چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.

بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتىۋاتىمەن!

13ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ.

پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

14ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ:

‹ھەممە ئىش ياخشى، ھەممە ئىش جايىدا› دەپ، ئۇلارنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ،

بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.

15ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟

ياق، ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى.

ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ!

شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ.

مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

16پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى:

«سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار.

كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار.

قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.

ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر.

بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.

17مەن پەيغەمبەرلەرنى كۆزەتچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ،

‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم.

بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.

18شۇڭا، ئەي ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار!

خەلقىمگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.

19ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار!

خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى.

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى،

قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.

20ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى

ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق!

مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن.

مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.

21شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن.

ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ.

دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.»

 

22پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«قاراڭلار، شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ!

ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

23ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر.

ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر.

ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا،

ئۇلاردىن خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزىدۇ.»

 

24يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بىز ئۇلار توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلاپ،

قوللىرىمىزدا مادار قالمىدى،

ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى.

بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!

25ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار!

چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار،

ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»

 

26شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم:

«ئەي مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ،

كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار.

خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار.

چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»

 

27پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«خەلقىم مېتالدۇر، سېنى مېتال تەكشۈرگۈچى قىلدىم.

سەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تۇرىسەن.

28ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر!

ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق.

ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.

29ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ،

كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.

لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق.

چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

30ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر،

شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.»

7

يەرەمىيانىڭ ئىبادەتخانىدا سۆز قىلىشى

1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يەھۇدىيە خەلقىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلاشنى بۇيرۇدى:

«ئەي بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. 3بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن. 4سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە!، شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار.

5ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلساڭلار، 6زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار، 7مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن.

8قاراڭلار، سىلەر سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىسىلەر. 9ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. 10ئاندىن سىلەر مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ: ‹بۇ يەردە بىز تىنچ-ئامان!› دەيسىلەر. سىلەر ھەممە يىرگىنچلىك گۇناھلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزۈڭلارنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلامسىلەر؟ 11مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. 12بۇرۇن مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. ئەي خەلقىم بولغان ئىسرائىللار، سىلەر قىلغان رەزىللىكىڭلار تۈپەيلىدىن مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار. 13مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار! 14شۇڭا مەن، مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان، سىلەر ‹بىزنى قوغدايدۇ› دەپ ئىشەنگەن بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىمەن. مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ يەرنى شىلونى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن. 15ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»

خەلقنىڭ ئىتائەتسىزلىكى

16ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا يىغلاپ ئىلتىجا قىلما! ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە مەندىن ئۆتۈنمە. چۈنكى مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىمايمەن. 17سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ 18بالىلار ئوتۇن تېرىۋاتىدۇ، ئاتىلار ئوت يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى. 19بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا! 20شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.

21قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقىڭلارنى ماڭا ئاتىماڭلار، ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلار يەڭلار! 22مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە تەلەپ قىلمىغانىدىم. 23لېكىن مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلغانىدىم: ‹ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر ھەم مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. مەن بۇيرۇغان يولدا مېڭىڭلار، شۇندىلا ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ›. 24لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. 25ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. 26لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»

27پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىنىڭدە، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، ئۇلارنى چاقىرغىنىڭدا، ئۇلار ئۈندىمەيدۇ. 28شۇڭا ئۇلارغا: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان، تەنبىھنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلقتۇرسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلاردىن سەمىمىيەت تاپقىلى بولمايدۇ. ئاغزىڭلاردىن ھەق سۆز چىقمايدۇ. 29شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.

30پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. 31ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى بۇنداق قۇربانلىق قىلىشقا ئەمر، ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. 32شۇڭا ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ يەر ئۇزۇنغا قالماي توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە جەسەتلەرنى كۆمگۈدەك يەرمۇ قالمايدۇ. 33بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ، قاغا-قۇزغۇنلارنى قوغلىغۇدەك ئادەم بولمايدۇ. 34مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»

8

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئالەمدىن ئۆتكەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ، ئەمەلدارلىرىنىڭ، روھانىيلارنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ سۆڭەكلىرى گۆرلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىدۇ. 2بۇ سۆڭەكلەر بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ. 3بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

گۇناھنىڭ جازاسى

4پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈشۈمنى بۇيرۇدى:

«يىقىلغان ئادەم ئورنىدىن تۇرمامدۇ؟

يولدىن ئاداشقان ئادەم كەينىگە يانمامدۇ؟

5نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟

نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.

6مەن دىققەت قىلىپ ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەق سۆزلەرنى سۆزلىمەيدۇ.

ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ.

خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك،

ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ.

7لەيلەك قۇشلىرى قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،

پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قاچان كۆچىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،

بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى بىلمەيدۇ.

8سىلەر قانداقمۇ: ‹بىز ئەقىللىق، بىزدە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرى بار› دەپ ئېيتالايسىلەر؟

ۋاھالەنكى، ئۇستازلىرىڭلار بۇلارنى ئۆز قەلەملىرى بىلەن ئۆزگەرتىپ، يالغاننى يازدى.

9دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى.

ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟

10شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن.

ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ، تاكى كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ.

پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

11ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ:

‹ھەممە ئىش ياخشى، ھەممە ئىش جايىدا› دەپ، ئۇلارنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ.

بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.

12ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟

ياق، ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى.

ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ!

شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ.

مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن.

ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ.

ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»

 

14كىشىلەر دەيدۇ:

«بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟

مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى.

ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ،

ھېچبولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى.

پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.

15بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى.

جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.

16دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى.

ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى.

ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ!

ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»

 

17پەرۋەردىگار خەلقىگە مۇنداق دېدى:

«ھەقىقەتەن شۇنداق، مەن سىلەرگە قارشى دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن!

ئۇلار خۇددى زەھەرلىك يىلانلارغا ئوخشايدۇ،

ئۇلارنى ئەپسۇن بىلەنمۇ ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ،

ئۇلار سىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ يەھۇدىيە ئۈچۈن ياش تۆكۈشى

18مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق، يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ!

19بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدىن قەدىرلىك خەلقىمنىڭ يىغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم.

ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ،

سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلاشماقتا.

پەرۋەردىگار ماڭا:

«ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ،

غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

20كىشىلەر نالە قىلىپ:

«ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى.

بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ.

21خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى.

مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ئازابلاندىم.

22گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟

ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.

9

1بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولۇپ،

ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.

2ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي.

چۆللەرنى ماكان قىلاي.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك

خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمى

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر.

يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان.

ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.

4ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن.

ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا يۈرۈشىدۇ.

دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.

5ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ.

بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ.

ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.

6ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

ئۇلار مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشنى رەت قىلىدۇ.»

 

7شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن.

خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.

8ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ،

ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ.

قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ،

ئەمما قەلبىدە قىلتاققا چۈشۈرۈشنى ئويلايدۇ.

9شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى،

ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن.

مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»

 

10مەن مۇنداق دېدىم:

«تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن.

مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن.

ئۇلار ۋەيران بولغاچقا، ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ.

كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ.

ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلار ۋە دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»

 

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېرۇسالېمنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن،

ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ.

مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن،

ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»

 

12مەن مۇنداق دەپ سورىدىم:

_ كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟

13پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بۇ خەلق مېنىڭ ئۇلارغا چۈشۈرگەن قانۇنلىرىمنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىشلار يۈز بەردى. ئۇلار ماڭا بويسۇنمىدى، يولۇمدا ماڭمىدى. 14ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە جاھىللىق بىلەن ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: «كۆرۈپ تۇرۇڭلاركى، بۇ خەلققە ئەمەندەك قىرتاق تائام يېگۈزىمەن ۋە زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن. 16مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.»

 

17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈڭلار!

يىغىچى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىڭلار،

ئۇلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىرى كەلسۇن.

18كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە،

ئۇلار تېز كېلىپ، سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.

19يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار:

‹بىز پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق!

ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»

 

20مەن مۇنداق دېدىم:

«ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار.

قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار.

قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار،

ھەمدە ھەممىڭلار قوشنىلىرىڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار.

21چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ،

قورغانلىرىمىزغا كىردى.

ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى،

شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.

22پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان.

ئۇلار خۇددى ئورۇۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›»

 

23پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دانا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دانالىقىدىن ماختانمىسۇن.

كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ماختانمىسۇن.

بايلار ئۆز بايلىقلىرىدىن ماختانمىسۇن.

24ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقىدىن ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقىدىن ماختانسۇن.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىمدىن ماختانسۇن.

مەن مۇشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

25‏-26پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى، شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»

10

بۇتپەرەسلىكنىڭ بىمەنىلىكى

1ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«باشقا ئەللەرنىڭ بىمەنە ئېتىقاد يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار.

باشقا ئەللەر ئاسماندىكى غەيرىي بەلگىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇنچقا چۈشسە،

سىلەرمۇ بۇلارنى كۆرۈپ، قورقۇپ كەتمەڭلار!

3چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ئېتىقاد يوللىرى ئەھمىيەتسىزدۇر.

ئۇلار ئورمانلىقتىن بىر دەرەخنى كېسىدۇ،

ھۈنەرۋەن ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنى بۇت قىلىپ ياسايدۇ.

4ئۇنى كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەيدۇ،

ئاندىن ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بولقا ۋە مىخلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى مۇقىملايدۇ.

5بۇنداق بۇتلار قوغۇنلۇقتىكى قارانچۇقلارغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ، ماڭالمايدۇ،

شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكەيدۇ.

ئۇلاردىن قورقماڭلار، ئۇلار سىلەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ،

ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق قۇدرىتى يوق.»

 

6مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر.

سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭنىڭ سايىسىدە نامىڭمۇ ئۇلۇغدۇر.

7ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، كىممۇ سەندىن ئەيمەنمىسۇن؟

چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن.

ئەللەر ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن،

ھېچكىم ساڭا ئوخشىمايدۇ.

8بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر،

ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟

9بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن،

ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەندۇر.

بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر.

ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغاندۇر.

10پەقەت پەرۋەردىگارلا ھەقىقىي خۇدادۇر.

ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر.

ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ.

ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

 

11ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار:

‹بۇ بۇتلار پۈتۈن ئالەمنى ياراتمىغان.

ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›

 

12پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتتى،

ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلدى،

شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايدى.

13ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ.

ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ.

يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.

14ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار دۆت ۋە بىلىمسىزدۇر!

بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن شەرمەندە بولىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر.

بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.

15بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر.

ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.

16بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ.

ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر.

بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز.

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»

ئاپەتنىڭ يېتىپ كېلىشى

17ئى يېرۇسالېم خەلقى،

دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىڭلارنى قورشاۋغا ئالدى.

يۈك-تاقلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىن كېتىشكە تەييارلىنىڭلار.

18چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى.

ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.

 

19مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم:

«ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق!

جاراھەتلىرىمىز ئېغىر!

بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك،

ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق.

20بىراق بىزنىڭ چېدىرلىرىمىز بۇزۇۋېتىلدى.

ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىلار ئۈزۈلدى.

بىزنىڭ بالىلىرىمىز كەتتى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ.

چېدىرلىرىمىزنى قايتا تىكلەپ،

كىگىز ياپىدىغانغا ئادەم قالمىدى.

21بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ئەخمەقتۇر، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يېتەكلەشنى ئۆتۈنمەيدۇ.

شۇڭا ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلقىمىز چېچىلىپ كەتتى.

22ئاڭلاڭلار، شەپە كېلىۋاتىدۇ!

شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ.

ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ.

بۇ زېمىنلار چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ دۇئاسى

23ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەستۇر.

كىمنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە قۇربى يەتسۇن؟

24ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگەيسەن،

بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن،

بولمىسا بىز تۈگىشىمىز.

25ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغايسەن.

چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى.

ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

11

خەلقنىڭ ئەھدىنى بۇزۇشى

1پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

2_ مېنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا ۋە ئۇلارنى يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگىن. 3مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقىن: «كىمكى بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلمايدىكەن، ئۇ قارغىشقا قالسۇن. 4بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم. 5مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم، مەن شۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر».

مەن:

_ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم.

6پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلىغىن:

«بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار! 7چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم. 8لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار قەلبلىرىدىكى رەزىل نىيەتلىرىگە جاھىللارچە ئەگەشتى. ئۇلار مەن ئۇلارنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەھدىدە يېزىلغان بارلىق قارغىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.»

9پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىيە خەلقى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ماڭا قارشى چىقىپ، ئاسىيلىق قىلدى! 10ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىنىڭ رەزىل يولىغا قايتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. 11شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. 12شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقانلار ئۆزلىرى قۇربانلىق سۇنغان ئاشۇ بۇتلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورايدۇ. ئەمما بۇ بۇتلار ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. 13ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا، شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.

14ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ماڭا يېلىنىپ، ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالمايمەن.

15مېنىڭ ئەزىز خەلقىم شۇنچىۋالا رەزىل ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، يەنە ئىبادەتخانامغا كېلىشكە نېمە ھوقۇقى بار؟

ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان قۇربانلىقلىرى ئۇلارنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟

ئۇلار قىلغان رەزىللىكىدىن خۇشال بولىدىغان تۇرسا!

16مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم،

لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.

 

17مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.

خەلقنىڭ يەرەمىيانى قەستلەشكە ئۇرۇنۇشى

18پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ماڭا ئاشكارىلىدى. 19مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالدىم. مەن ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، دۇنيادىن يوق قىلايلى، كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسۇن!» دېگەنلىكىنى بىلمەيتتىم.

 

20ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار،

سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن.

مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن.

 

21ئاناتوت شەھىرىدىكى بەزى كىشىلەر ماڭا ئۆلۈم تەھدىتى سېلىپ: «پەرۋەردىگار نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختات، بولمىسا بىز سېنى ئۆلتۈرىمىز!» دېدى. 22شۇڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ مەن چوقۇم ئۇلارنى جازالايمەن! ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى ئۇرۇشتا، باشقا پەرزەنتلىرى ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. 23ئاناتوتتىكى ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بىرسىمۇ ھايات قالمايدۇ. جازالايدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن.

12

يەرەمىيانىڭ شىكايىتى

1ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە،

سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ.

شۇنداقتىمۇ، مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن.

نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەت ياشايدۇ؟

2سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى.

ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ،

ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق.

3ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن.

سەن مېنى كۆزىتىپ، ساڭا بولغان ئويلىرىمنى سىناپ تۇرىسەن.

بۇ رەزىل كىشىلەرنى خۇددى بوغۇزلىغىلى ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك سۆرەپ ئەكەتكەيسەن!

ئۇلارنىڭ قاچان ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەيسەن!

4قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟

بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.

لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.

خۇدانىڭ جاۋابى

5پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر سەن ئادەملەر بىلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەندە ھېرىپ قالساڭ،

ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ ئاتلار بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيسەن؟

ئەگەر سەن تۈز يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشسەڭ،

ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ كەتكەن چاتقاللىقتا قانداق ماڭالايسەن؟

6ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرمۇ ساڭا خىيانەت قىلدى،

ئۇلار ھەتتا سۇيىقەست ئويلاپ سېنى يوقاتماقچى بولدى.

شۇڭا ئۇلار ساڭا يېقىنچىلىق بىلەن گەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن.

7مەن خەلقىمدىن ۋاز كېچىمەن.

«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان خەلقنى تاشلىۋېتىمەن.

مەن ئەزىز خەلقىمنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

8«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان بۇ خەلق ئورمانلىقتىكى شىردەك ماڭا ئېتىلدى.

ئۇلار ماڭا قاراپ ھۆركىرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

9ئۆز خەلقىم خۇددى ياۋايى ئىتلار ياكى قۇزغۇنلارغا ئوخشاش ماڭا ھۇجۇم قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار ئولاشتى.

پۈتكۈل ئەللەر ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىلسۇن.

ئۇلار كېلىپ، بۇ خەلقىمنى يەۋەتسۇن!

10نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى،

زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى.

ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى.

11ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى.

پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.

12دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ.

مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن.

ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

13مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ.

ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

 

14مەن پەرۋەردىگار خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن. 15بىراق مەن بۇ قوشنا ئەللەرنى ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ھەربىر ئەل خەلقىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 16بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائالنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن. 17ئەمما ھەرقانداق ئەللەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىسا، مەن ئۇلارنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاپ، ۋەيران قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

13

پوتا توغرىسىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا:

_ سەن بېرىپ، زىغىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە زىغىر رەخت سېتىۋالدىم، ھەمدە ئۇنى بېلىمگە باغلىدىم.

3ئاندىن پەرۋەردىگار يەنە ماڭا:

4_ سەن بېلىڭگە باغلىۋالغان پوتىنى ئېلىپ، فاراھ دەرياسى بويىغا بارغىن. ئۇنى ئۇ يەردىكى تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغىن، _ دېدى.

5مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ قويدۇم.

6نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا:

_ فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان ھېلىقى پوتىنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.

7مەن فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى يوشۇرۇپ قويغان جايدىن ئالدىم. لېكىن ئۇ پوتا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچنېمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.

8شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى. 9ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

_ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن. 10بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە جاھىللىق بىلەن ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. 11مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە ئەڭ يېقىن خەلق قىلىپ تاللىدىم. بۇ خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلسام، ئۇلار ماڭ شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى.

12شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹بارلىق شاراب ئىدىشلىرى شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدۇ›». ئۇلار بەلكىم ساڭا: «بىزنى شاراب ئىدىشلىرىنىڭ شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلامسەن؟» دېيىشى مۇمكىن. 13ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان پۈتۈن خەلقنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن خەلقىگىچە قاتتىق مەست قىلىمەن. 14ئاندىن مەن ئۇلارنى خۇددى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلغاندەك، بىر-بىرىگە سوقىمەن. ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق قىلمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

سۈرگۈن قىلىنىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش

15مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم:

«قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار، ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن.

16پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ،

قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.

بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.

17ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار،

سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ پىنھان يىغلايمەن،

قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»

 

18پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:

‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار،

چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.

19نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ.

ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ.

بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».

 

20مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم:

«ئەي يېرۇسالېم، كۆزۈڭنى ئاچ!

شىمالدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنى كۆر!

ساڭا ھاۋالە قىلىنغان پادىلار، يەنى سېنىڭ خەلقىڭ ھازىر قەيەردە؟

سەن شۇنچە پەخىرلەنگەن ئاشۇ خەلقىڭچۇ؟

21پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟

سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟

22سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن.

گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.

23بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

ياق، سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن،

ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر.

سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»

 

24پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى:

«مانا بۇ سىلەرنى چۆل شامىلى پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

25بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلاردۇر،

مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم.

چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار.

26مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن.

ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.

27مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغىنىڭلارنى كۆردۈم.

مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغىنىڭلارنى،

خۇددى شەھۋانىي ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى ئىزدىگىنىدەك،

ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى ئىزدىگىنىدەك،

بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنىڭلارنى كۆردۈم.

ئەي يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي، قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»

14

يەھۇدىيەدىكى قۇرغاقچىلىق

1بۇ يەرەمىياغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر:

2«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ.

ئۇنىڭ خەلقى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.

3بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ.

ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي،

ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.

4زېمىندا يامغۇر ياغمىغانلىقتىن، يەرلەر يېرىلىدۇ.

دېھقانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.

5ماراللارمۇ دالالاردا ئوت-چۆپلەر بولمىغانلىقتىن،

يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.

6تاقىر تاغلىقلاردا ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسساپ كەتكەن چىلبۆرىلەردەك ھاسىرايدۇ.

ئۇلار ئوت-چۆپ ئىزدەيدۇ، لېكىن ھېچنېمە تاپالمايدۇ،

ھالسىزلىقتىن كۆزلىرى خىرەلىشىدۇ.»

 

7مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، گەرچە گۇناھلىرىمىز بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ،

نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن.

بىز ھەقىقەتەن سەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈدۇق،

ساڭا قارشى گۇناھ قىلدۇق.

8سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى،

قىيىنچىلىق مەزگىللەردە بىزنى قۇتقۇزدۇڭ.

لېكىن ھازىر نېمىشقا زېمىنىمىزدا يات ئادەمدەك تۇرىسەن،

نېمە ئۈچۈن پەقەت بىر ئاخشاملا قونىدىغان يولۇچىدەك بولۇۋالىسەن؟

9ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا قايمۇققان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىڭ؟

نېمىشقا ئادەم قۇتقۇزالمايدىغان جەڭچىگە ئوخشايسەن؟

سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئارىمىزدىدۇرسەن،

بىزمۇ ساڭا مەنسۇپتۇرمىز.

بىزدىن ۋاز كەچمىگىن!»

 

10پەرۋەردىگار بۇ خەلق توغرىسىدا ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئۇلار مەندىن يىراقلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ،

ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەمدى ئۆز خەلقىم دەپ قوبۇل قىلمايمەن.

ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ،

گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن.»

 

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما. 12ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە، مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بىلەن ۋەيران قىلىمەن.

13مەن مۇنداق دېدىم:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق بېشىڭلارغا كەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇ زېمىندا ئەبەدىي تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ» دەۋاتىدۇ.

14پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. 15شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىسەممۇ، لېكىن مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن بۇ يالغانچى پەيغەمبەرلەرنى جازالايمەن. ئۇلار: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق كەلمەيدۇ» دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ! 16ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.

 

17پەرۋەردىگار خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشۈمنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم:

«كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى.

چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى.

ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.

18ئېتىزلىقلاردا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرىمەن.

شەھەر كوچىلىرىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمەن.

پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا،

لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.

 

19ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟

سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟

نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟

بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى.

ساقىيىشنى ئۈمىد قىلدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.

20ئى پەرۋەردىگار، بىز رەزىللىكلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالىمىز،

ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەزىللىكلىرىنىمۇ ئىقرار قىلىمىز.

بىز ساڭا قارشى گۇناھ سادىر قىلدۇق.

21ئۆز نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزدىن يۈز ئۆرۈمىگىن.

سېنىڭ شان-شەرەپلىك تەختىڭ جايلاشقان يەرنى نومۇستا قالدۇرمىغىن.

بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئەسلىگىن، ئەھدەڭنى بۇزمىغىن.

22يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟

ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟

ياق، پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە،

چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن!»

15

يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھالاكىتى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلسىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن، كۆزۈمدىن يوقالسۇن! 2ئەگەر ئۇلار سەندىن نەگە كېتىشلىرى كېرەكلىكىنى سورىسا، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:

«كېسەل بىلەن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار كېسەل تارتىپ ئۆلىدۇ!

ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ!

ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ!

سۈرگۈن بولۇشقا بۇيرۇلغانلار سۈرگۈن بولىدۇ!»

3مەن ئۇلارنى ئوخشىمىغان تۆت خىل ئاپەت بىلەن جازالايمەن: مەن ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. جەسەتلىرىنى ئىتلارغا تالىتىمەن. قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تىتىپ يەيدۇ. 4يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلار ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولىدۇ.

5ئى يېرۇسالېم، كىم ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟

كىم سەن ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ؟

كىم ئاۋارە بولۇپ ئەھۋالىڭنى سورايدۇ؟

6مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى،

سەن مەندىن ۋاز كېچىپ، يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭ ئۈچۈن،

ساڭا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سېنى ۋەيران قىلىمەن.

ساڭا شەپقەت قىلىپ چارچىدىم.

7مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن.

ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن.

مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى،

چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى.

8تۇل ئاياللار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن،

ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.

9يەتتە بالىسى بار ئانا ھالسىزلىنىدۇ.

ئۇنىڭ كۈنلىرى زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ،

ئۇلار خورلىنىپ، شەرمەندە بولىدۇ.

ھايات قالغانلارنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

يەرەمىيانىڭ شىكايىتى

10مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم:

«ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟

بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ.

مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغانىدىم.

لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ.»

 

11پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن.

دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا،

يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىدۇ.

12ئى يەھۇدىيە خەلقى، سىلەر تۆمۈر ۋە تۇچنى سۇندۇرالامسىلەر؟

كىم شىمالدىن كېلىۋاتقان تۆمۈر ۋە تۇچنى سۇندۇرالايدۇ؟

13سىلەرنىڭ بايلىق ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئۇلارغا ئولجا قىلىپ بېرىۋېتىمەن.

سىلەرنىڭ بۇ زېمىندا قىلغان پۈتكۈل گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋېتىمەن.

14مەن سىلەرنى سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان بىر زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن.

چۈنكى غەزىپىم تېشىپ، ئوت بولۇپ ياندى، ئەمدى ئۇ سىلەرنى كۆيدۈرىدۇ.»

 

15مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن،

مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن.

ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن.

ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا كەڭچىلىك قىلىپ، مېنى ئۆلتۈرۈشىگە پۇرسەت بەرمىگەيسەن!

ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.

16ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم،

قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى.

چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،

17كىشىلەر توپلىشىپ، خۇشال بولۇپ ئوينىغاندا، مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا قوشۇلمىدىم.

مەن قولۇڭنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن يالغۇز ئولتۇردۇم.

سەن مېنى بۇ كىشىلەرگە قارشى غەزەپكە تولدۇردۇڭ.

18نېمە ئۈچۈن مەن دائىم ئازاب چېكىمەن؟

نېمىشقا يارىلىرىمنى ساقايتمايسەن؟ نېمىشقا ئۇلار ساقايمايدۇ؟

سەن يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان ئېرىققا ئوخشاش مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچىمۇ؟»

 

19شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەگەر توۋا قىلساڭ، مەن سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرۇپ،

ماڭا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىمەن.

ئەگەر سەن قۇرۇق گەپ قىلماي، مېغىزلىق گەپ قىلساڭ،

يەنىلا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگۈچى بولالايسەن.

ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، سۆزۈڭنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ،

سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايسەن.

20مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن.

ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ.

چۈنكى مەن ساڭا يار بولۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

21مەن سېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن

ۋە زوراۋانلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىمەن.»

16

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ بۇ يەردە توي قىلىپ بالىلىق بولمىغىن. 3چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇ زېمىندا تۇغۇلغان بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. 4ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.

5پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۇلار دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ماتەم تۇتمىغىن. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرگە بەرگەن ئامانلىقىم ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى ئېلىپ كېتىمەن ۋە ئۇلارغا ئەمدى رەھىمدىل بولمايمەن. 6بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ، كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. لېكىن ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ. 7ھېچكىم ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتقانلارغا تاماق ئەكېلىپ، تەسەللى بەرمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتسىمۇ، ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن شاراب بەرمەيدۇ.

8زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيلەرگە كىرمىگىن ھەمدە ئۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ ئولتۇرمىغىن. 9چۈنكى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ يوق بولىدۇ.

10سەن كىشىلەرگە يۈز بېرىدىغان بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟» دەپ سورايدۇ.

11سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىدى، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىدى. 12سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى! سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالماي، ئۆزۈڭلارنىڭ يامان نىيەتلىرىگە جاھىللارچە ئەگىشىپ ماڭدىڭلار. 13شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلمايمەن.›»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى

14_ لېكىن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ. ئۇ چاغدا كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: «ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دېمەيدىغان بولىدۇ، 15بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: «ئىسرائىل خەلقىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلغان باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.

16لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار خەلقىمنى خۇددى بېلىقچىلار بېلىق تۇتقاندەك تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، تۆپىلىكلەردىن، قورام تاشلارنىڭ ئارىلىرىدىن ئوۋلايدۇ. 17چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. 18مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.

19ئاندىن مەن دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن!

زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ:

‹ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.

20خەلق ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرىنى ياسىيالامدۇ؟

ياق، مۇمكىن ئەمەس! ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى ھەرگىز خۇدا ئەمەس› دەيدۇ.»

21پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«شۇڭا مەن ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمنى كۆرسىتىمەن.

ئاندىن ئۇلار مېنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ.»

17

يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تاش يۈرىكىڭلارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە تۆمۈر قەلەم بىلەن ئويۇپ يېزىلغاندۇر. 2سىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تۆپىلىكلەردىكى، دالالاردىكى، تاغلاردىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشنى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىڭلار. 3زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ بېرىمەن. 4سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا، مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. بۇ غەزەپ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ بۇ ئوت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.»

 

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«پەقەت ئىنسانلارغىلا ئىشەنگەن، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان ۋە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ئىنسانلار لەنەتكە قالسۇن!

6ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشايدۇ،

شۇڭا ئۇلار ياخشى ھاياتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

ئۇلار ھېچكىم ياشىمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق چۆل-باياۋاندا ياشايدۇ.

7لېكىن ماڭا ئىشەنگەن ۋە ماڭا تايانغانلار بەخت تاپىدۇ.

8ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلگەن ۋە يىلتىزلىرى سۇغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ.

بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم ياپيېشىل تۇرىدۇ.

ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.

 

9ئىنسان قەلبى ھىيلە-مىكىرگە تولغاندۇر.

ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەس.

10مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى سىنايمەن، ئويلىرىنى تەكشۈرىمەن.

مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.

11ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك،

كىشىلەرنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرىمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ.

ھايات مەزگىلىدە مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى

12مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم:

«بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىز شان-شەرەپلىك بىر تەختتۇر،

ئۇ ئەزەلدىن ھۆرمەتلىنىپ كېلىنگەندۇر.

13ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى.

سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ.

سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى چاڭ-توزانغا يېزىلغان ئىسىملاردەك يوقىلىدۇ.

چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.

14ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن.

ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن.

مەن پەقەت سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!

15كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلىپ: ‹پەرۋەردىگارنىڭ دېگەنلىرى قېنى؟

ئۇلار نېمىشقا ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمايدۇ!› دېيىشىۋاتىدۇ.

16ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا تاپشۇرغان خەلقىمنىڭ خىزمىتىنى تاشلىمىدىم.

مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم.

مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىڭ.

17ئۆتۈنەي، مېنى قورقۇتمىغىن،

چۈنكى سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن!

18مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن.

مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن.

ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرغىن.

ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»

دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش

19پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېمدىكى بارلىق دەرۋازىلارغا بارغىن. ئاۋۋال يەھۇدىيە پادىشاھى كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازىغا، يەنى «خەلقلەر دەرۋازىسى»غا بېرىپ، 20مۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «ئەي يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى، بۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ چىقىۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! 21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار. 22دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيۈڭلاردىن يۈك كۆتۈرۈپ چىقماڭلار، ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. ئەجدادلىرىڭلارغا ئەمر قىلغىنىمدەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. 23ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى.

24مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. 25شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ. 26يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار قىلىدۇ، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ ۋە ئىسرىقلار سالىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. 27لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمدىكى قورغانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»

18

ساپالچى ۋە لاي

1پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

2_ سەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە بارغىن، مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن.

3شۇنىڭ بىلەن مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ئۇنى چاق ئايلاندۇرۇپ ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تاپتىم. 4ئۇنىڭ ياسىغان ئىدىشى كۆڭلىدىكىدەك ياخشى چىقمىسا، ساپالچى ئۇنى لاي قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئىدىشقا ئۆزگەرتىپ، ئۆزى ئويلىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىكەن. 5ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

6_ ئەي ئىسرائىل خەلقى، ساپالچى لاينى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزەلىگەن يەردە، مەنمۇ سىلەرنى قانداق قىلماقچى بولسام، شۇنداق قىلالمامدىمەن؟ لاي ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ مېنىڭ قولۇمدىدۇرسىلەر. 7شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى پادىشاھلىقنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقى، يىقىتىلىدىغانلىقى ياكى ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىمەن. 8ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن. 9شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى خەلققە پادىشاھلىق قۇرۇش ۋە پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملەش ھەققىدە ۋەدە بېرىمەن. 10بىراق ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلماي، نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلسا، نىيىتىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا قىلغان ۋەدەمدىن يانىمەن.

11شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزۈۋاتىمەن! شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!› 12لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇ: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›».

13شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟

ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!

14لىۋاننىڭ تاغ چوققىسىدىكى قارلار ئېرىپ باققانمۇ؟

يىراق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن ئېرىقلاردىكى سوغۇق سۇلار قۇرۇپ باققانمۇ؟

15لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى!

شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا ۋە ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى.

مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ئەسكى يوللاردا ماڭدى.

16شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.

بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.

17شەرقتىن چىققان بوران نەرسىلەرنى چېچىۋەتكەندەك، مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىۋېتىمەن.

ئۇلارغا بالا-قازا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارغا تەتۈر قاراپ، ياردەم قىلمايمەن.»

يەرەمىياغا قىلىنغان سۇيىقەست

18شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر:

_ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.

19مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن،

دۈشمەنلىرىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغايسەن.

20ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟

ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ.

مەن بۇرۇن سەندىن ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن

ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.

21ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن،

ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلسۇن!

ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن!

ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!

22ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن بۇلاڭچىلارنى ئەۋەتكەيسەن!

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن نالە-پەريادلار ئاڭلانسۇن!

چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورەك كولىدى، تۇزاق قۇردى.

23ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن.

ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن!

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!

ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن!

ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»

19

چېقىلغان ئىدىشتىن ئېلىنغان ساۋاق

1پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە يېتەكچى روھانىيلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن. 2«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن: 3«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار، مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. 4بۇ خەلق مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى. 5ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇ يەردە كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى. مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! 6شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقتى كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!

7مەن مۇشۇ جايدا، يەنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. مەن سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن مەن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن. 8مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. 9سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە قورشاۋغا ئېلىشىغا يول قويىمەن. قورشاۋغا چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىدۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يېيىشىدۇ.›»

10ئەي يەرەمىيا، سەن باشلاپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىدىشنى چېقىۋەت! 11ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ. 12مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاشۇنداق جازالايمەن. مەن بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش ناپاك جاي قىلىمەن. 13يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»

14ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: 15«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»

20

روھانىي پاشخۇرنىڭ يەرەمىياغا زىيانكەشلىك قىلىشى

1ئىممېرنىڭ ئوغلى روھانىي پاشخۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى بولۇپ، ئۇ يەرەمىيانىڭ نېمە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. 2شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى.

3ئەتىسى روھانىي پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى، يەرەمىيا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سېنى «پاشخۇر» ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسابىب» [مەنىسى «ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسىدۇ»] دەپ ئاتايدۇ. 4ئەي پاشخۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 5مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. 6ئەي پاشخۇر، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن شۇ يەردە ئۆلىسەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ قاقشىشى

7ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم:

«ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى ئالدىدىڭ،

مەن سېنىڭ ئالدىشىڭغا يول قويدۇم.

سەن مەندىن ئۈستۈن كېلىپ، مېنى يەڭدىڭ.

ئادەملەر كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.

ھەممە ئادەم مېنى مازاق قىلىدۇ.

8ھەرقاچان ۋەھىيلىرىڭنى يەتكۈزگىنىمدە:

‹زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىۋاتىدۇ!› دەپ پەرياد قىلىپ، ۋارقىرىشىم كېرەك.

مەن سېنىڭ ۋەھىيلىرىڭنى جاكارلىغىنىم ئۈچۈن،

ھەر كۈنى مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ، كەمسىتىلدىم.

9ئەگەردە مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن،

سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم،

سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ.

سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ.

مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن،

ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.

10ماڭا قارشى چىققۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم.

ئەتراپىمنى ۋەھىمە قاپلىغان!

ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ.

بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ.

ئۇلار: ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر،

ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.

 

11لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ماڭا ياردۇر.

ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار چوقۇم يېڭىلىدۇ.

ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ،

ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

12ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن،

كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن.

سەندىن ئۆتۈنەي، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي.

چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم.

 

13پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ماختاڭلار!

چۈنكى ئۇ ئېزىلگەنلەرنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.

 

14مەن تۇغۇلغان كۈنگە لەنەت بولسۇن!

ئانام مېنى تۇغقان كۈن خەيرلىك كۈن ھېسابلانمىسۇن.

15دادامنى بەك خۇشال قىلىپ:

‹ئوغۇل كۆردىڭىز!› دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەمگە قارغىش بولسۇن.

16ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن.

ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن.

17چۈنكى ئۇ مېنى مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرمىدى.

ئۆلتۈرگەن بولسا، ئانامنىڭ قورسىقى مېنىڭ قەبرەم بولۇپ، ئۇ مەڭگۈ ھامىلىدار پېتى قالار ئىدى.

18نېمە ئۈچۈن ئانامنىڭ قورسىقىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىمەن؟

پۈتۈن ھاياتىم جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابتا ئۆتتى.

شۇنداقلا، كۈنلىرىمنى ئىزا-ئاھانەتتە ئۆتكۈزدۈم.»

21

خۇدانىڭ زىدقىيانىڭ ئىلتىجاسىنى رەت قىلىشى

1پادىشاھ زىدقىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەندە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. پادىشاھ ئەۋەتكەن بۇ كىشىلەر يەرەمىيادىن:

2_ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.

3يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ زىدقىيانىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار: 4«ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى شەھىرىڭلارنى قورشاپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن. 5مەن نەپرەت ۋە غەزەپ ئىچىدە قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ھەممىگە قادىر بىلىكىم بىلەن سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىمەن! 6مەن بۇ شەھەرگە قورقۇنچلۇق ۋابا ئەۋەتىمەن، شەھەردىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ!› 7پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ زىدقىيانى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، شۇنداقلا بۇ شەھەردىكى ۋابا، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»

8خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرىنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار: «قاراڭلار، مەن پەرۋەردىگار ھايات-ماماتلىق يولىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ئۆزۈڭلار تاللىۋېلىڭلار. 9شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. 10سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»

يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ جازالىنىشى

11پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى:

«پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!

12ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى،

پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى،

ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار.

بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار.

ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن

غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.

13ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى،

مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.

‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ›

دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.

14مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن.

ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن،

بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»

22

يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ھەققىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، سۆزلىرىمنى ئۇ يەردە يەتكۈزگىن. 2ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەي داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان يەھۇدىيە پادىشاھى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. بۇ سۆزلىرىمنى ئوردىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدىغان ئەمەلدار ۋە خەلقلىرىڭمۇ ئاڭلىسۇن. 3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار ۋە ئۇلارنى بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار. 4ئەگەر بۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئاتلارغا مىنىپ، بۇ ئوردا دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ-چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقى ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. 5لېكىن سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئوردا خارابىگە ئايلىنىدۇ.›»

6پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر.

لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.

7مەن ئۇنى ۋەيران قىلىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،

ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ

ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ.

8باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ شەھەردىن ئۆتكەندە، بىر-بىرىدىن: ‹پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ بۈيۈك شەھەرنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟› دەپ سورىشىدۇ. 9ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ: ‹چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپتۇ.›»

پادىشاھ يىھوئاخاز ھەققىدىكى ۋەھىي

10«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار.

لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار.

چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»

 

11پادىشاھ يوشىيانىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە بۇ زېمىندىن سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى يوئاخاز توغرىسىدا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئەمدى ھەرگىز بۇ زېمىنغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ. 12چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاشۇ يەردە ئۆلىدۇ ۋە بۇ زېمىننى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»

پادىشاھ يىھوياقىم ھەققىدىكى ۋەھىي

13پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«ئوردا سېلىپ ئادالەتسىزلىك قىلغان،

كىشىلەرگە ناھەقچىلىك قىلىپ، ساراي ئۈستىگە يەنە ساراي سالغان پادىشاھنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇ ئادەملەرنى بىكارغا ئىشلەتتى، ھەق بەرمىدى.

14ئۇ: ‹مەن ئۆزۈمگە ھەيۋەتلىك بىر ئوردا سالدۇرىمەن،

ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ خانىلىرى چوڭ بولىدۇ› دەيدۇ.

ئۇ دېرىزىلەرنى ئورنىتىپ،

تاملىرىنى كېدىر تاختىيى بىلەن بېزەيدۇ

ۋە خانىلىرىنى قىزىل رەڭدە سىرلايدۇ.

15ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن،

ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟

ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى.

لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلدى،

شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.

16ئۇ نامرات ۋە موھتاجلارنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.

ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقى مېنى تونۇغانلىق ئەمەسمۇ؟

17ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ،

بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ،

كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»

 

18شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار پادىشاھ يوشىيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ھېچكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، قېرىندىشىم، ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ھازا تۇتمايدۇ.

خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ،

ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.

19ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ.

ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.

 

20ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار،

باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار.

چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.

21سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم،

لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.

سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىن مۇشۇنداق ئىدىڭلار،

ئەزەلدىن سۆزۈمنى ئاڭلىمىدىڭلار.

22يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،

ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن

چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.

23ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ،

لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ.

ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»

پادىشاھ يىھوياكىن ھەققىدىكى ۋەھىي

24پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن. 25مەن سېنى سەن قورقىدىغانلارغا ۋە سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سېنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 26مەن سېنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلايمەن. ھەر ئىككىڭلار شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. 27سىلەر قايتىپ كېلىشكە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيسىلەر!

 

28نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟

ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟

29ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى،

مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سال!

30مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار!

ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»

23

كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد

1پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«خەلقىمنىڭ سەركىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار خەلقىمنىڭ ۋەيران بولۇپ، چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.»

2شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى:

«سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 3كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. 4مەن ئۇلارغا ياخشى يول باشلايدىغان سەركىلەرنى تىكلەيمەن. ئۇلار ھەرگىزمۇ قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

5مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ.

شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى يېتىشتۈرىمەن.

ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ.

بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ.

6ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ،

ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ.

شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامى ‹ياھۋەھ زىدقېنۇ› [مەنىسى ‹بىزگە ئادالەت كەلتۈرگۈچى پەرۋەردىگاردۇر›] دەپ ئاتىلىدۇ.

 

7مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ. ئۇ چاغدا كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: ‹ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دېمەيدىغان بولىدۇ، 8بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلغان باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەيدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.»

ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سوراق قىلىنىشى

9ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى،

پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن

خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم.

10بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى.

ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك يولىدا ماڭىدۇ.

خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.

 

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر.

مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدىمۇ رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

12شۇڭا ئۇلارنىڭ يوللىرى تېيىلغاق بولىدۇ.

ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قوغلىنىدۇ، ئۇلار شۇ يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.

مەن بەلگىلەنگەن جازالىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەندە،

ئۇلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم.

ئۇلار بۇت بائالنىڭ نامىدا ۋەھىي يەتكۈزدى

ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى ئازدۇردى.

14مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.

ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى.

نەتىجىدە، خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى.

مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل،

يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن.

15شۇڭا مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

‹مەن بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەمەندەك قىرتاق تائام يېگۈزۈپ، زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن.

چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانسىزلىقى بۇ زېمىنغا كەڭ تارقالدى.›»

 

16قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار.

ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ.

ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس،

بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىققان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ.

17ئۇلار دائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا: ‹ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!› دەيدۇ.

ئۇلار قەلبلىرىدىكى ھەۋەسلىرىگە جاھىللارچە ئەگەشكەنلەرگە:

‹سىلەر بالا-قازاغا ئۇچرىمايسىلەر!› دەيدۇ.

18ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟

ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالغان؟

19بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ غەزىپىم خۇددى بوران-چاپقۇندەك كېلىدۇ.

ئۇ خۇددى شىددەتلىك قارا بورانغا ئوخشاش رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

20مېنىڭ غەزىپىم تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ.

ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر.

21بۇ پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەممە يەردە قاتراپ يۈردى.

مەن سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا مېنىڭ نامىمنى سېتىپ ۋەھىي يەتكۈزۈشتى.

22ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى،

مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى.

خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى.

23مەن بىر يەردىلا ئەمەس، ھەممە يەردە بار خۇدادۇرمەن.

24مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟

ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟

 

25مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ‹مەن بىر چۈش كۆردۈم. مەن بىر چۈش كۆردۈم...› دېيىشىۋاتىدۇ. 26بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرار؟ 27ئۇلار بىر-بىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق خۇددى ئەجدادلىرىمىزنى بائالغا چوقۇندۇرۇپ، مېنى ئۇنتۇلدۇرغىنىدەك، ھازىرمۇ مېنى خەلقىمگە ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. 28مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلايدۇ. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار! 29مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆزلىرىم ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ ھەم تاشلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان بازغاندەك زەربە بېرىدۇ.

30شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر-بىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ جاكارلايدىغان بۇنداق پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. 31بۇ ۋەھىي پەرۋەردىگاردىن كەلگەن دەپ، ئۆزلىرى توقۇۋالغان سۆزلەرنى تارقىتىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. 32پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى دەپ، يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ئۇلارنى ھېچقاچان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمىدىم. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

33پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر خەلق، پەيغەمبەر ياكى روھانىي سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە قانداق يۈكلەرنى يۈكلەيدىكەن؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈكتۇرسىلەر، شۇڭا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگىن. 34ئەگەر بىرەر ساختا پەيغەمبەر، روھانىي ياكى باشقا بىر كىشى: «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېسە، مەن بۇنداق ئادەمنى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ جازالايمەن. 35ئۇلار ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سوراشسۇن. 36لېكىن ئۇلار «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېگەن يالغان سۆزنى دېيىشنى توختاتسۇن. چۈنكى كىشىلەر شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلار مەن خۇدانىڭ، يەنى مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىدى. 37ھەممە ئادەم ئۇلاردىن: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سوراشسۇن. 38ئەگەر ئۇلار: «بۇ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!» دەپ جاۋاب بەرسە، سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن سىلەرنى ‹بۇ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!› دېيىشىڭلارنى توختىتىڭلار، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا شۇ سۆزنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، 39سىلەرنى چوقۇم پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن. 40مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك ئۇياتقا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ كېتەلمەيدىغان شەرمەندىچىلىككە قويىمەن.»

24

ياخشى ۋە يامان ئەنجۈر

1بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلىرى ۋە تۆمۈرچىلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 2بىر سېۋەتتىكىسى تۇنجى پىشقان ناھايىتى ياخشى ئەنجۈرلەر ئىدى. يەنە بىر سېۋەتتىكىسى ناھايىتى ناچار ئەنجۈرلەر بولۇپ، يېگىلىمۇ بولمايتتى. 3پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم. 4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

5_ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: «ياخشى ئەنجۈرلەر مەن يەھۇدىيەدىن بابىل زېمىنىغا سۈرگۈن قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن. 6ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى پەرۋىش قىلىمەن، ھالاك قىلمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. 7مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان قەلب ئاتا قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. چۈنكى ئۇلار چىن قەلبى بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ.

8لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن. 9مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ. 10مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا ئېلىپ كېلىمەن.»

25

يەتمىش يىل تۇتقۇن بولۇش

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. 2يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:

3_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 13-يىلىدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى ماڭا يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار. 4پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىدىڭلار. 5پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۇلار ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، قىلىۋاتقان رەزىل ئىشلىرىڭلارنى توختىتىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا سىلەرنى ياشاشقا قويىمەن. 6باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.»

7لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار. 8سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، 9مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرىمەن، ئۇلار مەسخىرە نىشانى بولىدۇ. 10مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان يارغۇنچاقلارنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ. 11پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ.

12لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 13مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. 14نۇرغۇن خەلقلەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قۇل قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»

خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان قەدەھ

15پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزەپ شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن. 16ئۇلار بۇ قەدەھتىكى شارابنى ئىچكەندە، دەلدەڭشىپ قالىدۇ، ئەقلىدىن ئازىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن.

17شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇ مېنى ئەۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرگە ئىچكۈزدۈم. 18مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. 19مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى، 20مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار، 21ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى، 22تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى، 23دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر، 24قۇملۇقلاردا ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 25زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 26شىمالنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق پادىشاھلىرى ۋە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا بارلىق پادىشاھلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ شارابىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بابىل پادىشاھى ئىچىدۇ.

27ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»

28پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر ئۇلار قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر چوقۇم ئىچىشىڭلار كېرەك! 29قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

 

30ئەي يەرەمىيا، ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن:

«پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ.

ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ،

خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ.

ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.

31ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ.

ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ،

رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

32قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ.

كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.»

 

33شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.

 

34بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن!

بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن!

چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ.

35بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرىگە يوشۇرۇنغۇدەك يەر قالمايدۇ.

خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!

36سەركىلەرنىڭ يىغا-زارى ۋە يولباشچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاڭلار.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.

37تىنچ يايلاقلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدە ۋەيران بولىدۇ.

38پەرۋەردىگار ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.

26

يەرەمىيانىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا 2مۇنداق دېدى:

_ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن. 3بەلكىم بۇ كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ، رەزىل يوللىرىدىن قايتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋەيران قىلىش نىيىتىمدىن يانىمەن. 4ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار! 5سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار. 6شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»

7روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدى. 8يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بولغان ھامان روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئۇنى تۇتۇپ:

_ سەن ئۆلۈشكە لايىق! 9سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بۇ ئىبادەتخانا خۇددى شىلو شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، بۇ شەھەر ھېچكىم ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ بېشارەت بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى ھەممە كىشىلەر ئۇنى قورشىۋالدى.

10يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى. 11ئاندىن روھانىيلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر ئەمەلدارلارغا ۋە پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ شەھەر ھەققىدە يامان ۋەھىي يەتكۈزدى. سىلەر ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىڭلار بىلەن ئاڭلىدىڭلار.

12ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمەلدارلارغا ۋە خەلققە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مەندىن ئاڭلىغان بۇ ئىبادەتخانا ۋە بۇ شەھەرگە قارشى ئېيتىلغان بارلىق ۋەھىيلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتتى. 13شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ. 14ماڭا كەلسەك، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، سىلەر ياخشى ۋە توغرا دەپ قارىغىنىڭلار بويىچە مېنى بىر تەرەپ قىلىڭلار. 15لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە بۇ شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەر گۇناھسىز بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن گۇناھىنى ئۈستۈڭلارغا ئالىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.

16شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتۇ.

17ئاندىن يەھۇدىيەنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرى ئالدىغا چىقىپ، توپلانغان خەلققە مۇنداق دېدى:

18_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى. 19لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق، خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

20(شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇ بولسا قىريات-يىئارىمدىن كەلگەن شىمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىدى. ئۇمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بۇ شەھەر ۋە زېمىنغا قارشى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەنىدى. 21پادىشاھ يىھوياقىم، ئۇنىڭ لەشكەر باشلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئۇرىيانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولۇشقانىدى. لېكىن ئۇرىيا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى قورقۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. 22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھوياقىم ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتاننى بىرنەچچە ئادەم بىلەن مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى. 23ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. پادىشاھ يىھوياقىم ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى پۇقرالار قەبرىستانلىقىغا تاشلىۋەتكەنىدى.)

24شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.

27

يەرەمىيا ۋە بويۇنتۇرۇق

1يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا 2مۇنداق دېدى:

_ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن. 3ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىرىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن. 4ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا پادىشاھلىرىڭلارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئەمر قىلدى: 5مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. 6مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن. 7كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. 8ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ، بويۇنتۇرۇقىغا چۈشمىسە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ۋەيران بولىدۇ. 9شۇڭا ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ ياكى پالچىلىق، چۈش ئۆرۈش، ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سوراش ياكى سېھىرگەرلىك قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار. ئۇلار سىلەرگە دائىم: ‹سىلەرنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ ئېيتىدۇ. 10ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر. 11لېكىن ھەرقانداق بىر ئەل ئۆز بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بىلىپ يېتىپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، مەن ئۇ ئەلنى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ ياشىشىغا يول قويىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

12ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم:

_ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سېلىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار. 13خەلقىڭلارنىڭ ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا سەۋەبىدىن بىكاردىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟! بۇ پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق ئەلنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 14سىلەرگە «بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ سۆزلەۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.»

16ئاندىن مەن روھانىيلار ۋە بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئالتۇن بۇيۇملار پات يېقىندا بابىلدىن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ› دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان! 17ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماي، بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار داۋاملىق ھايات قالىسىلەر! شەھىرىڭلارنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟»

18مەن يەنە مۇنداق دېدىم:

_ ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي پەيغەمبەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قېلىپ قالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ بابىلغا ئېلىپ كېتەلمەسلىكىنى تىلىسۇن. 19چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۈۋرۈكلەر، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ھارۋىلار ۋە بۇ شەھەردىكى بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. 20بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى. 21قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئىبادەتخانا، يەھۇدىيە پادىشاھى ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدا قالغان قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: 22«ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. تاكى مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچە، ئۇلار شۇ جايدا تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئۇلارنى يەنە يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

28

ساختا پەيغەمبەر خانانيا

1يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 5-ئايدا، گىبئونلۇق ساختا پەيغەمبەر، يەنى ئاززۇرنىڭ ئوغلى خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

2_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن. 3بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 4مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».

5ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ساختا پەيغەمبەر خانانياغا جاۋاب قايتۇرۇپ، 6مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق بولسۇن، پەرۋەردىگار شۇنداق قىلغاي، پەرۋەردىگار بېشارەتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىدىن بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ئۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەي. 7لېكىن ھازىر سىز بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. 8بىزدىن بۇرۇن ياشىغان پەيغەمبەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەللەر ۋە بۈيۈك پادىشاھلىقلارغا كېلىدىغان ئۇرۇش، بالايىئاپەت ۋە ۋابا ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزۈپ كەلگەنىدى. 9ئەگەر بىر پەيغەمبەر تىنچلىق توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

10ئاندىن ساختا پەيغەمبەر خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ بۇزۇۋەتتى. خانانيا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا:

11_ پەرۋەردىگار: «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ئىككى يىل ئىچىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ بارلىق ئەللەرگە سالغان بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن» دەيدۇ، _ دېدى.

خانانيا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كەتتى. 12خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

13_ بېرىپ، خانانياغا مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزىنى يەتكۈزگىن: «ئى خانانيا، سەن ياغاچ بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالدىڭ. 14مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىمەن. ئاندىن ئۇلار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. مەن ھەتتا نىبۇكادنەزەرگە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن.»

15يەرەمىيا پەيغەمبەر خانانياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەي خانانيا، ياخشى ئاڭلا! سېنى پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ئەمەس. سەن بۇ خەلقنى يالغان سۆزلىرىڭگە ئىشەندۈرۈۋاتىسەن. 16شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. سەن بۇ يىل ئۆلىسەن! چۈنكى سەن كىشىلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتۈڭ».

17شۇ يىلى 7-ئايدا خانانيا ئۆلدى.

29

يەرەمىيانىڭ بابىلدىكى يەھۇدىيلارغا يازغان خېتى

1يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى. 2(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.) 3ئۇ خەتنى شافاننىڭ ئوغلى ئەلئاسا ۋە خىلقىيانىڭ ئوغلى گىماريا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇلارنى بابىلغا، يەنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ قېشىغا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ئەۋەتكەنىدى.

 

4«قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: 5‹ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۇنىڭدا ماكانلىشىڭلار. كۆكتاتلىقلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئېلىنغان ھوسۇلدىن يەڭلار. 6توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن. 7سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مېھنەت قىلىڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.›

8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار. 9بۇ ئادەملەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىدىم!›

10پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بابىلدىكى يەتمىش يىلىڭلار توشقاندا، مەن سىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ۋەدە بەرگەن بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 11سىلەر ئۈچۈن قانداق پىلانلىرىمنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىم بار. 12ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 13مېنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر سىلەر مېنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، 14تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›

15ئەمما سىلەر: ‹پەرۋەردىگار بابىلدا بىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدى› دەيسىلەر. 16لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان پادىشاھ ۋە يېرۇسالېمدا قالغانلار ھەققىدە، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان تۇغقانلىرىڭلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاڭلار. 17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ كەتكەن، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن. 18مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە سۈرگۈن قىلسام، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا قالىدۇ. 19گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار! 20شۇڭا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.›

21قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ. 22بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ.

23ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

شىماياغا كەلگەن خەۋەر

24پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ بابىلدىكى نىخەلاملىق شىمائىياغا 25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ، دېگىن: «سەن ئۆز نامىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە، شۇنداقلا مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيا ۋە باشقا بارلىق روھانىيلارغا خەت ئەۋەتىپ، بۇ سۆزلەرنى دەپسەن:

 

26‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ئىبادەتخانىنىڭ باش نازارەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ. 27شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى توسمايسەن؟ 28ئۇ بابىلدا ياشاۋاتقان بىزلەرگە خەت ئەۋەتىپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىمىزنى، ئۆي سېلىپ، ماكانلىشىپ، كۆكتاتلىق بەرپا قىلىشىمىزنى ۋە ھوسۇل ئېلىپ يېيىشىمىزنى ئېيتتى.›»

 

29روھانىي زىفانىيا يېرۇسالېمدا بۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوقۇپ بەردى. 30پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

31_ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن:

 

«بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى. 32شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

30

پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋەدىسى

1پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

2_ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن: «مەن ساڭا ئېيتقان بارلىق سۆزلەرنى بىر تېرىگە پۈتكىن. 3ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ.» بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم!

4تۆۋەندىكى سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. 5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن تىنچلىق سادالىرىنى ئەمەس،

بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارىنى ئاڭلاۋاتىمەن.

6سىلەر بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟

بۇنى ئۆزۈڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار ۋە ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.

نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟

نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا قان يوق؟

7ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە.

ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر.

ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر،

لېكىن ئۇلار بۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.

8مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى،

ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن،

زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.

باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ.

9ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ،

شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ.

10مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى،

ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار!

ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار!

چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن.

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر.

سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.

11چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،

مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.

مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن،

لېكىن سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن.

سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن،

ئەمما ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.

 

12مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ياراڭلار ساقايمايدۇ،

جاراھەتلىرىڭلار شىپا تاپمايدۇ.

13ئەرزىڭلارنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.

يارىلىرىڭلارنى ساقايتىدىغان دورامۇ يوق،

سىلەرگە ھېچقانداق داۋا يوق.

14بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى،

ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق.

مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم،

چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.

15سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟

مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىردۇر.

16لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ.

بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ،

سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.

17گەرچە باشقىلار سىلەرنى ‹تاشلىۋېتىلگەن خەلق› دەپ ئاتاپ، ‹سىئون بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق› دېيىشسىمۇ،

لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،

مەن يارىلىرىڭلارنى ساقايتىپ، سالامەتلىكىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»

 

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.

ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن.

يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ.

پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.

19بۇ جايلاردىن مىننەتدارلىق ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ.

مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ.

مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ.

20ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك گۈللىنىدۇ.

مەن ئۇلارنى كۆز ئالدىمدا بىر خەلق قىلىپ تىكلەيمەن.

ئۇلارغا زۇلۇم سالغانلارنى جازالايمەن.

21ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.

مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ.

چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

22سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر ۋە مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.»

 

23بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدۇ.

ئۇ خۇددى شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

24پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ.

ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.

31

1پەرۋەردىگار دەيدۇكى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«دۈشمەننىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ، ئامان قالغان ئىسرائىل خەلقى

چۆل-باياۋانلاردا ئاراملىققا ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا،

رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.

3مەن پەرۋەردىگار ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا زاھىر بولۇپ، ئۇلارغا:

‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن،

سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.

4ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار،

مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر.

سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ،

ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.

5سىلەر سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا قايتىدىن ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىسىلەر،

ئۇلارنى بەرپا قىلغانلار ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

6شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار:

‹كېلىڭلار، سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»

 

7پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،

ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار،

ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار:

‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.›

8مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن،

دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار،

ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ.

ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.

9مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە،

ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ.

مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن.

پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن.

چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن،

ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»

 

10ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.

بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار:

«ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ.

ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ».

11چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلاردىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەلدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

12ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ.

ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ،

ئۇلار يەنە مادارسىزلانمايدۇ.

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.

يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن،

ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.

14مەن روھانىيلارنى مول نېمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمەن.

خەلقىم مەن ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.»

 

15پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.

راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى.

ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»

16لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:

«يىغلىما، ياش تۆكمە!

چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن.

پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ.

17مەن ساڭا دەيمەنكى، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار!

پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ!

 

18مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.

ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى:

‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق.

سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق.

بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن.

بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز،

چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز.

19بىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگىنىمىزگە توۋا قىلدۇق.

بىز نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە،

بىز مەيدىمىزگە ئۇرۇپ، يىغلىدۇق.

بۇرۇندىن باشلاپ بىز ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن،

نومۇسقا قېلىپ كەمسىتىلدۇق.›

 

20مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹ئەفرايىم يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟

ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن.

مەن ئۇنى سېغىنىمەن،

جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن.›

 

21ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار،

يوللارغا بەلگە سېلىڭلار،

يۆنىلىش تۈۋرۈكىنى ئورنىتىڭلار.

سىلەر ماڭغان ئاشۇ يوللارنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار.

مېنىڭ قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، قايتىڭلار،

ئۆزۈڭلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ كېلىڭلار.

22ئەي مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن،

خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»

 

23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›. 24خەلق يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدۇ. ئۇ يەرلەردە دېھقانلار يېرى بىلەن، پادىچىلار پادىلىرى بىلەن ياشايدۇ. 25چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.»

 

26بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.

 

27پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن. 28بۇرۇنقى چاغلاردا مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىدىم ۋە يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئۇلارنى قايتا بەرپا قىلىمەن ۋە قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 29ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ھېچكىم: ‹ئاتا-ئانىسى توڭ ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ› دېگەن ماقال-تەمسىلنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. 30بەلكى ھەممە ئادەم ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئاچچىق ئۈزۈمنى كىم يېسە شۇنىڭ چىشى قامايدۇ.»

يېڭى ئەھدە

31پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن. 32بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولدۇم، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى. 33مېنىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزىدىغان يېڭى ئەھدەم مۇنداق بولىدۇ: قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 34ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى بىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن ۋە ئەيىبلىرىنى كۆڭلۈمدە ساقلىمايمەن.»

 

35پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى،

كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى.

ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى،

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

36«تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرى ئەمەلدىن قالمىسىلا،

ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ مېنىڭ خەلقىمدۇر.»

37پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك،

خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن

ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

38پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، يېرۇسالېم شەھىرى خانانئېل مۇنارىدىن باشلىنىپ، غەرب تەرەپتىكى ‹بۇلۇڭ دەرۋازىسى›غىچە قايتا قۇرۇلۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە شەھىرىم بولىدۇ. 39ئۇنىڭ پاسىلى ئۇ يەردىن ئۇدۇل غەرب تەرەپكە كېڭىيىپ، گارېب تېغىغىچە بارىدۇ، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گوئاھ دەپ ئاتىلىدىغان جايغىچە سوزۇلىدۇ. 40بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.»

32

يەرەمىيانىڭ يەر سېتىۋېلىشى

1يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى. بۇ چاغدا نىبۇكادنەزەر بابىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا 18 يىل بولغانىدى. 2شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى. 3يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى:

«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ. 4يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا بابىللىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ جەزمەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 5زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»

6يەرەمىيا مۇنداق دېدى:

7_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا مۇنداق ۋەھىي كەلدى: «تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى خانامئېل يېنىڭغا كېلىپ، ساڭا: ‹ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمدۇرسەن. قانۇنغا ئاساسەن سەن ئۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقسەن› دەيدۇ.»

8كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ:

_ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلار سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى سەن سېتىۋالغىن، _ دېدى.

مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا ھەقىقەتەن پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنلىكىنى بىلدىم. 9شۇنداق قىلىپ، مەن بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن 200 گىرام كۈمۈش تۆلىدىم. 10مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇپ، مۆھۈر بېسىپ، كۈمۈشنى تارازىدا ئۆلچەپ بەردىم.

11مەن سېتىۋېلىش شەرتلىرى ۋە مەزمۇنلىرى يېزىلغان توختامنىڭ مۆھۈرلۈك ۋە مۆھۈرسىز ئىككى خىل نۇسخىسىنى ئېلىپ، 12ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم. 13ھەممە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەن بارۇكقا مۇنداق دېدىم:

14_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مۆھۈرلۈك ۋە مۆھۈرسىز ھەر ئىككى نۇسخىنى ئالغىن، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر ساپال ئىدىشنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغىن. 15چۈنكى مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ».

يەرەمىيانىڭ دۇئاسى

16مەن توختام نۇسخىلىرىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم:

17«ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتىڭ. سەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىيىن ئەمەس! 18سەن مىڭلىغان ئىنسانلارغا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ. بىراق سەن يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى جازالايسەن. سەن بولساڭ، كۈچ-قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خۇداسەن. سېنىڭ نامىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. 19ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن. 20ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدىڭ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سەن ئىسرائىلىيە ۋە باشقا پۈتكۈل ئەللەرنىڭ ئارىسىدا توختىماي مۆجىزە، ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ كەلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر. 21سەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنى ئالاقزادە قىلدىڭ. سەن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. 22سەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلدىڭ. 23لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.

24قارا، دۈشمەنلەر بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن شەھەر سېپىللىرىغا توپىلارنى دۆۋىلەپ بولدى! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا سەۋەبىدىن بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ، دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن. 25ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، گەرچە بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، سەن يەنىلا ماڭا: ‹كۈمۈش بېرىپ، ئۇ ئېتىزلىقنى سېتىۋالغىن، سېتىۋالغاندا ئادەملەر گۇۋاھ بولسۇن!› دېدىڭ.»

26پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

27«مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ؟ 28بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ. 29بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. 30چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

31بۇ شەھەر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىكى خەلقلەر پەقەت مېنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىمەن. 32ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، يەنى پادىشاھلار، ئەمەلدارلار، روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئادەملەر رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. 33ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.

34ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. 35ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. نەتىجىدە، يەھۇدىيە خەلقى بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىنىشقا لايىق بولدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغانىدىم، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

36ئى يەرەمىيا، سىلەر: ‹بۇ شەھەر ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا قېلىپ، بابىل پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ› دەۋاتىسىلەر، بۇ راست. لېكىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، 37قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن كىشىلەرنى قايتا بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن. 38ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.

39ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ماڭا ئىخلاسمەن بولسۇن دەپ، مەن ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈرىمەن. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. 40مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ. 41ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇشال بولىمەن. مەن پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرىمەن.

42مەن بۇرۇن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن. 43سىلەر: ‹بۇ زېمىن ئادەم تۈگۈل ياۋايى ھايۋانلارمۇ ياشىمايدىغان چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ، بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ› دېدىڭلار. لېكىن بۇ زېمىندىكى ئېتىزلىقلار قايتىدىن ئېلىپ، سېتىلىدۇ. 44كىشىلەر ئېتىزلارنى ئېلىپ-سېتىپ، يەر خەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، ئۇلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا يەر خەتلىرىنى مۆھۈرلەيدۇ. بۇ ئىشلار بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ھەم يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتقا قايتۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

33

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈللىنىشى

1يەرەمىيا تېخى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى:

2«مەن زېمىننى ياراتتىم، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايلاشتۇردۇم. ‹ياھۋەھ› مېنىڭ نامىمدۇر. مەن مۇنداق دەيمەن: 3ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخى بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن. 4مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمىنىنىڭ سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. 5ئۇلار بابىل قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلايدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى غەزەپ-نەپرىتىمدە ئۆلتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بۇزۇلغان ئۆيلەرنى تولدۇرىدۇ. بۇ شەھەردىكىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن مەن بۇ شەھەردىن يۈز ئۆرۈدۈم.

6لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقىت كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 7مەن يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە ئۇلارنى قايتا قۇرۇپ، بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكېلىمەن. 8ئۇلارنى ماڭا قارشى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلايمەن. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئاسىيلىقلىرىنى كەچۈرىمەن. 9ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان ياخشىلىقىم ۋە ئۇلارنى روناق تاپقۇزغانلىقىم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.

10مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: سىلەر بۇ زېمىن توغرىسىدا: ‹بۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلاندى، بۇ يەردە ئادەم ياكى ھايۋانمۇ يوق› دەيسىلەر. لېكىن ئادەم ۋە ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، قاقاسلىققا ئايلانغان يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا 11يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ:

 

‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!›

 

مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق بولغان بولسا، مەن ئۇنى يەنە شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. 12مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار ياشىيالمايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ. 13مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.

14مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان گۈزەل ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. 15شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ نوتا بۇ زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ. 16ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خەلقى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامى ‹ياھۋەھ زىدقېنۇ› [مەنىسى ‹بىزگە ئادالەت كەلتۈرگۈچى پەرۋەردىگاردۇر›] دەپ ئاتىلىدۇ.

17مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ. 18لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.»

19پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

20«مەن كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنى تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تۈزگەن بۇ ئەھدەم ھەرگىز ئەمەلدىن قالمايدىغىنىدەك، 21خىزمەتكارىم داۋۇت ۋە لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەممۇ مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ داۋاملىق روھانىيلار تاللىنىپ، ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. 22خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن.»

23پەرۋەردىگار يەرەمىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

24«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ. 25لېكىن مەن پەرۋەردىگار كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزدۈم. مەن ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتىم. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، ياقۇپ ئەۋلادلىرى ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ئۆزگەرمەستۇر. داۋۇت ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى تاللاپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىمەن. مەن خەلقىمگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»

34

پادىشاھ زىدقىيانىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى

1بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى. 2ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەرەمىيانىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈشىنى ئەمر قىلدى:

«مەن پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىدۇ. 3سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. 4ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، سۆزۈمگە قۇلاق سال! مەن پەرۋەردىگار ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، سەن قىلىچتا ئۆلمەيسەن. 5تىنچ-ئامان ئالەمدىن ئۆتىسەن، ئەجدادلىرىڭنى، يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنى كىشىلەر دەپنە قىلىپ، ئىسرىق سالغاندەك، كىشىلەر سېنىمۇ دەپنە قىلىپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە ماتەم تۇتۇپ: ‹ۋاي پادىشاھىمىز!› دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

6يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا يەتكۈزگەندە، 7بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.

قۇللار ھەققىدىكى كېلىشىمگە رىئايە قىلماسلىق

8پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى. 9ئۇ ۋاقىتتا ئىبرانىي قېرىنداشلاردىن قۇل قىلىنغانلار بولمىسۇن دەپ، ئىبرانىي قۇل ۋە دېدەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلماقچى بولۇشقانىدى. 10شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى. 11لېكىن كېيىن ئۇلار قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ، قايتا قۇل قىلدى. 12ئاندىن پەرۋەردىگار بۇ كىشىلەرگە يەرەمىيا ئارقىلىق مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى:

13«مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا: 14‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. 15يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار. 16لېكىن كېيىن سىلەر قارارىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئازاد بولۇشنى خالىغان قۇل ۋە دېدەكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدىڭلار.

17شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. شۇڭا مەن ئەمدى سىلەرنى ئۇرۇش، ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن. 18مەن بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغان كىشىلەرنى جازالايمەن. ئۇلار ھۇزۇرۇمدا ئەھدە تۈزۈپ، ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىگە رىئايە قىلمىدى. مەن ئۇلارنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ھالىغا چۈشۈرۈپ قويىمەن. 19مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. 20مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. 21مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەر بۇ يەردىن ۋاقىتلىق چېكىنگەن بابىل پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىدۇر. 22مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە شەھەرنى ئىگىلەپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن.»

35

رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىن ساۋاق

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.

3شۇنىڭ بىلەن مەن رېكاب جەمەتىدىكى يەرەمىيانىڭ ئوغلى، خاباززىنيانىڭ نەۋرىسى بولغان يائازانيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، قېرىنداشلىرىنى 4پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىسىغا قارايدىغان مائاسېيانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 5ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىدىشلارنى ۋە لىق شاراب قاچىلانغان كومزەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ:

_ مەرھەمەت، شاراب ئىچىڭلار، _ دېدىم. 6لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ:

_ بىز شاراب ئىچمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەجدادىمىز بولغان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىزگە بۇيرۇق قىلىپ: «سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار ھەرگىز شاراب ئىچمەڭلار، 7ئۆي سالماڭلار، زىرائەت تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلماڭلار ياكى ئۇلارنى مۈلۈك قىلىپ ئالماڭلار. ئۆمۈر بويى چېدىردا تۇرۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايسىلەر» دېگەنىدى. 8بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز بولغان رېكابنىڭ ئوغلى يىھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق. 9بىز ئۆي سالمىدۇق، ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلىقلارنى بەرپا قىلمىدۇق، شۇڭا بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىزمۇ يوق. 10بىز چېدىرلاردا ياشاپ كەلدۇق. ئەجدادىمىز يىھونادابقا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلدۇق. 11لېكىن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىز: «يۈرۈڭلار، بابىل ۋە ئاررام قوشۇنلىرىدىن ئامان قېلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بارايلى» دېدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئەمدى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز.

12ئاندىن پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

13_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سېنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سوراپ باقاي، سىلەر نېمىشقا مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايسىلەر، كۆرسەتكەن يولۇمدا ماڭمايسىلەر؟ 14رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپتۇ. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقماپتۇ. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 15مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. مەن ئۇلار ئارقىلىق سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر› دېدىم. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 16رېكابنىڭ ئوغلى يىھونادابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلدى. لېكىن مېنىڭ خەلقىم سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدى. 17شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتتىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىردىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»

18ئاندىن يەرەمىيا رېكاب جەمەتىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئەجدادىڭلار يىھونادابنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭدىڭلار. ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىڭلار. 19شۇڭا مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹رېكابنىڭ ئوغلى يىھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ›».

36

يەرەمىيا يازدۇرغان ئورام يازمىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

2_ يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى تېرىگە پۈتۈپ قويغىن. 3بەلكىم يەھۇدىيە خەلقى مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن.

4شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.

5يەرەمىيا بارۇكقا مۇنداق دېدى:

_ مېنىڭ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشىم مەنئى قىلىندى. 6شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن. 7شۇندا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

8شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تېرىگە پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. 9يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا كەلگەن كىشىلەر روزا تۇتۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغانىدى. بۇ روزا تۇتۇش يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى 9-ئايدا* جاكارلانغانىدى. 10ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدىكى پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇراتتى. بۇ ھۇجرا «يېڭى دەرۋازا» يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا بولغاچقا، بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

11گىماريانىڭ ئوغلى، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسى مىكايا بارۇكنىڭ ئورام يازمىدىن ئوقۇغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 12ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. 13بارۇك كىشىلەرگە تېرە پۈتۈكتىن ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇپ بەرگەن بارلىق سۆزلەرنى مىكايا ئولتۇرغانلارغا ئېيتىپ بەردى. 14ئاندىن ئولتۇرغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نىتانيانىڭ ئوغلى، شەلەميانىڭ نەۋرىسى، يەنى كۇشىنىڭ چەۋرىسى بولغان يىھۇدىنى بارۇكنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ: «جامائەت ئالدىدا ئوقۇغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك ئورالغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەلدى. 15ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ ئولتۇرۇپ، ئۇنى بىزگە ئوقۇپ بەرگىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بارۇك ئولتۇرۇپ، تېرە پۈتۈكنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. 16ئۇلار تېرە پۈتۈككە يېزىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە قاراشتى ۋە بارۇكقا:

_ بىز بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، _ دېدى. 17ئۇلار بارۇكتىن:

_ بىزگە ئېيتقىن، قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ يەرەمىيا ساڭا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 18بارۇك ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ يەرەمىيا بۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيتتى، مەن تېرىگە پۈتۈۋالدىم، _ دېدى. 19شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا:

_ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى.

20ئاندىن ئۇلار ئورالغان تېرە پۈتۈكىنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشامانىڭ خانىسىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئوردا ھويلىسىدا ئىدى.

21پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن تېرە پۈتۈكىنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى. 229-ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قىشلىق سارايدا تۇرۇۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت كۆيۈپ تۇراتتى. 23يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى. 24پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلچە قورقمىدى ۋە كىيىملىرىنى يىرتىپ، مەيۈسلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىمىدى. 25پادىشاھ ھەتتا ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ئەلناتان، دىلايا ۋە گىماريالارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى. 26ئەكسىچە، ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 27يەرەمىيا بارۇكقا پۈتكۈزگەن ئورام يازمىنى پادىشاھ كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

28_ سەن يېڭىدىن تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن تېرە پۈتۈكتىكى ھەممە سۆزلەرنى قايتىدىن پۈتۈپ چىققىن. 29ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ! 30شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا شۇنداق دەيمەنكى، سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ. 31مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ باشلىرىغا ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›»

32شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا يېڭى تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى قايتىدىن بارۇكقا تېرىگە پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ تېرىگە يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.

37

پادىشاھ زىدقىيانىڭ دۇئا تەلەپ قىلىشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەندى. زىدقىيا يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى. 2پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ زېمىندا قالغان خەلق يەرەمىيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. 3لېكىن پادىشاھ زىدقىيا شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال بىلەن مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلغىن» دەپ ئۆتۈندى. 4(ئۇ ۋاقىتتا يەرەمىيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغان بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا خەلق بىلەن ئۇچرىشالايتتى. 5بۇ چاغدا يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئالغان بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى. چۈنكى ئۇلار پىرئەۋن قوشۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان مىسىردىن يولغا چىققانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدى.)

6‏-7پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ سېنى مەندىن ياردەم تىلەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن پىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرى مىسىرغا، يەنى ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. 8ئاندىن كېيىن بابىل قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە شەھەرنى ئىگىلەپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 9شۇڭا مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يەنە ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرى چېكىندى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئالدىنىپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. 10گەرچە سىلەر سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارىلىنىپ، چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.»

يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

11پىرئەۋن قوشۇنلىرى كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى. 12شۇڭا يەرەمىيا يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىدىكى مىراسنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىش ئۈچۈن بىنيامىن زېمىنىدىكى ئۆز يۇرتىغا كەتمەكچى بولدى. 13لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر يېرۇسالېمدىكى «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى بولغان يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ سەن چوقۇم بابىللىقلارغا تەسلىم بولماقچى! _ دېدى. 14يەرەمىيا:

_ ياق، بابىللىقلارغا تەسلىم بولۇش نىيىتىم يوق! _ دېدى.

لېكىن يىرئىيا يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئەمەلدارلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. 15ئەمەلدارلار يەرەمىياغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، زىندان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قاماپ قويدى. 16شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى.

17كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن:

_ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، كەلدى، سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى يەرەمىيا. 18يەرەمىيا يەنە پادىشاھ زىدقىياغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە يامانلىق قىلدىم؟ نېمىشقا مېنى زىندانغا تاشلىدىڭ؟ 19«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ ۋە بۇ زېمىنغا تاجاۋۇز قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ 20ئى پادىشاھ ئالەم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمنى قوبۇل قىلىپ، مېنى پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتۇرمىغىن، بولمىسا مەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمەن.

21شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى.

38

يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىنىشى

1ماتاننىڭ ئوغلى شىفاتيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گىداليا، شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر قاتارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ خەلققە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: 2«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.› 3پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇلار شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ›».

4شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

5پادىشاھ زىدقىيا:

_ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.

7كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ «بىنيامىن دەرۋازىسى»دا سوت ئېچىۋاتاتتى. 8ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

9_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىشىلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇققا تاشلاپ، ناھايىتى يامان ئىش قىلدى. شەھەردە ئاشلىق تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ جەزمەن ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.

10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

_ بۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىڭلار، ئۇ قۇدۇقتا ئۆلۈپ قالمىسۇن.

11شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوردا خەزىنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىردى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئارغامچىغا باغلاپ، قۇدۇقتىكى يەرەمىياغا تاشلىدى. 12ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا:

_ يىرتىلغان بۇ كونا كىيىملەر بىلەن قولتۇقىڭىزنى يۆگەپ، ئارغامچىنى ئۈستىدىن باغلاڭ، _ دېدى.

يەرەمىيا ئەبەد-مەلەكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. 13شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.

پادىشاھنىڭ يەرەمىيادىن مەسلىھەت سورىشى

14ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچىنچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇدى. پادىشاھ يەرەمىياغا:

_ مەن سەندىن بىر سوئال سورايمەن، ھېچقانداق ئىشنى مەندىن يوشۇرما، _ دېدى. 15يەرەمىيا زىدقىياغا:

_ ئەگەر مەن ساڭا راست گەپ قىلسام، سەن مېنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىسەن. مەسلىھەت بەرسەم، مەسلىھەتىمنى قوبۇل قىلمايسەن، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن زىدقىيا باشقىلاردىن مەخپىي ھالدا قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ مەڭگۈ ھايات ياراتقۇچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن ياكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن.

17شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا زىدقىياغا مۇنداق دېدى:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولساڭ، ھايات قالىسەن ۋە بۇ شەھەرمۇ كۆيدۈرۈلمەيدۇ. سەن بىلەن پۈتۈن ئائىلەڭ ھايات قالىدۇ. 18ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»

19پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بابىللىقلارغا تەسلىم بولغان يەھۇدىيەلىكلەردىن قورقىمەن. بابىللىقلار مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مېنى قىينىشى مۇمكىن.

20يەرەمىيا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھايات قالىسەن. 21لېكىن سەن تەسلىم بولمىساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. مەن غايىبانە ئالامەتتە 22يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئاياللارنىڭ سېنى مازاق قىلىپ:

 

«سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى،

ئۇلار سېنى باشقۇردى،

مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى،

يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى» دېگەنلىكىنى كۆردۈم.

 

23ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

24ئاندىن زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بىزنىڭ پاراڭلاشقانلىقىمىزنى ھېچكىمگە ئېيتما. ئەگەر باشقىلارغا ئېيتساڭ، ئۆلىسەن. 25ئەمەلدارلار بەلكىم سەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن. ئۇلار قېشىڭغا كېلىپ: «سېنىڭ پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ساڭا نېمە دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەر. بىزدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرما. بولمىسا، سېنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشى مۇمكىن. 26سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.

27دەرۋەقە، بارلىق ئەمەلدارلار يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىدى. يەرەمىيا ئۇلارغا دەل پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوراق قىلىشنى توختاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. 28يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.

39

نىبۇكادنەزەرنىڭ يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشى

يېرۇسالېمنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ جەريانى مۇنداق بولغانىدى: 1يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئايدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلدى. 2پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى* قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى. 3ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەر ۋە باشقىلار بار ئىدى.

4يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 5بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، پادىشاھ زىدقىياغا يېتىشىۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 6بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. 7ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

8بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى. 9ئاندىن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 10لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى.

نىبۇكادنەزەرنىڭ يەرەمىيانى ئازاد قىلىشى

11بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادانغا يەرەمىيا توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى:

12_ يەرەمىيانى تېپىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما، بەلكى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بەر.

13شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار نىبۇشازبان ۋە نېرگال-شارئەزەر ھەمدە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى 14يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىرگە ياشىدى.

15يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى:

16_ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن. 17لېكىن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە، سېنى قۇتقۇزىمەن. مەن ۋەدە قىلىمەنكى، سەن ئۆزۈڭ قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايسەن. 18مەن سېنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن. سەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

40

يەرەمىيانىڭ گىداليا بىلەن بىرگە تۇرۇشى

1كېيىن يەرەمىيا يەنە كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار ياساۋۇللارنىڭ باشلىقىنىڭ كۆڭلىگە يەرەمىياغا سۆز قىلىشنى سالدى. 2شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەرەمىيانى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بۇ يەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانىدى. 3ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى. 4لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن.

5يەرەمىيا بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىۋاتقاندا، ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ يەردە قالىدىغان بولساڭ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بارغىن. بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. سەن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەر ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ياكى نەگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىساڭمۇ بولىدۇ.

ئاندىن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەرەمىياغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سوۋغات بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى. 6شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەھۇدىيە زېمىنىدا قالغان كىشىلەر ئارىسىدا ياشىدى.

گىداليانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

7تەسلىم بولمىغان يەھۇدىيە قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرى دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بۇ زېمىندا بابىلغا سۈرگۈن قىلىنمىغان نامرات ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. 8شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلدى. كەلگەنلەر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى. 9شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارغا قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ بابىللىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىڭلار ۋە بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. 10مەن بولسام مىزپاھتا قېلىپ، بابىللىقلار ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەكىلىڭلار بولىمەن. سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ماكانلىشىڭلار ۋە ئۈزۈملەر، يازلىق مېۋىلەر، شۇنداقلا زەيتۇنلاردىن ھوسۇل ئېلىپ، ساقلاپ قويۇڭلار.

11موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى بولغان گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. 12شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار يەھۇدىيەگە ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى.

13قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغان قوشۇن سەركەردىلىرى مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كېلىپ، 14ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئاممون پادىشاھى بائالىس نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. سىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 15كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى:

_ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ.

16لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانانغا مۇنداق دېدى:

_ ئۇنداق قىلما، سېنىڭ ئىسمائىل توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يالغان، ئۆسەك سۆزدۇر!

41

گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى، يەنى ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئۆزىگە ئون ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلار بىرلىكتە غىزالاندى. 2دەل شۇ چاغدا نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. گىداليا بابىل پادىشاھى تەرىپىدىن بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەم بولۇپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى ئىدى. 3ئىسمائىل يەنە مىزپاھتا گىداليا بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنى ۋە بابىل لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

4گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تېخى تارقالمىغانىدى. ئەتىسى 5شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن سەكسەن ئادەم مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغان بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى ۋەيران بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلىمەكچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلىرىنى ئېلىپ بارماقچىدى.

6نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئۇلارنى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئىسمائىل ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، يالغاندىن يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بىلەن بىرگە ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىڭلار.

7لېكىن ئۇلار شەھەرگە كىرگەن ھامان نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتتى. 8ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرمە، بىز ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى ساڭا بېرەيلى» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسمائىل ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى. 9ئىسمائىل جەسەتلەرنى تاشلىۋەتكەن سۇ ئامبىرىنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بۇرۇنقى چاغلاردا يەھۇدىيەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىغان ۋاقتىدا قازدۇرغانىدى. بۇ سۇ ئامبىرى ھازىر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملىرىنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولدى.

10ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ قالغان قىز-ئاياللىرىنى ۋە مىزپاھتىكى باشقا كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ قېچىپ كەتتى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى.

11نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا قوشۇن سەركەردىلىرى 12قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوندىكى چوڭ كۆلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. 13ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىۋالغان كىشىلەر قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن سەركەردىلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. 14ئىسمائىل مىزپاھتىن تۇتۇپ كەلگەن بارلىق كىشىلەر قارېياخنىڭ ئوغلى يوخاناننىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. 15لېكىن نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن بىرگە يوخاناندىن قۇتۇلۇپ، ئاممون زېمىنىغا قېچىپ كەتتى.

16ئۇنىڭدىن كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. 17ئۇلار مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار بەيتلەھەم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گېرۇت-كىمھام دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا توختىدى. 18ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

42

يەرەمىيانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

1قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى. 2ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق. 3پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزنىڭ نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە بىزگە يول كۆرسىتىپ بەرسە.

4يەرەمىيا پەيغەمبەر:

_ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى. 5ئۇلار يەرەمىياغا:

_ ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك پەرۋەردىگارىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلىمىز! 6پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى ياخشى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز. سىز بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىزغا دۇئا قىلسىڭىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېدى.

7ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى. 8شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان بىلەن بىرگە يۈرىدىغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرىنى ۋە ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى يىغدى. 9ئاندىن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مېنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا تەلەپلىرىڭلارنى ئېيتىشقا ئەۋەتتىڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 10«ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى پەرۋىش قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن، سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلدىم. 11سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. 12مەن ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدىغان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشاشقا يول قويىدۇ.»

13يەرەمىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىتائەت قىلماي: «بۇ زېمىندا تۇرمايلى، 14مىسىرغا كېتەيلى، ئۇ يەردە ئۇرۇش كۆرمەيمىز، ئۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى ئاچ قالمايمىز، شۇڭا بىز ئۇ يەرگە بېرىپ ياشايلى» دېسەڭلار، 15ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان بولساڭلار، 16ئۇ يەردە سىلەر قورققان ئۇرۇشلارغا دۇچ كېلىسىلەر. سىلەر قورققان ئاچارچىلىق كەينىڭلاردىن ئەگىشىپ بارىدۇ. سىلەر مىسىردا ھالاك بولىسىلەر. 17مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدۇ، ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.» 18قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا بارساڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى خەلققە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قالىسىلەر، نامىڭلار قارغاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىدۇ. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»

19يەرەمىيا ئۇلارنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەھۇدىيەدە ھايات قالغانلار، پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىرغا بارمىسۇن دەيدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بۈگۈن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم! 20سىلەر جانغا زامىن بولىدىغان خاتالىق سادىر قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ئىش قىلىمىز» دەپ، مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتىڭلار. 21مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتىشىمنى بۇيرۇغان ھەممە سۆزلىرىنى ئېيتتىم، لېكىن سىلەر ئۇنىڭ ھېچقانداق سۆزىگە قۇلاق سالمىدىڭلار. 22شۇنى چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان مىسىر زېمىنىدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر.

43

ئادەملەرنىڭ مىسىرغا بېرىشى

1يەرەمىيا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خەلققە ئېيتىشنى بۇيرۇغان بارلىق سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، 2ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ يالغان سۆزلەۋاتىسەن، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە: «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى. 3نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇ سۆزلەرنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلسا، ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ.

4ھالبۇكى، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيە زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىدى. 5شۇنداق قىلىپ، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان بىلەن بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى بىرلىكتە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە يەھۇدىيە خەلقىنى ئەگەشتۈرۈپ، مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. 6ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ قالغان قىز-ئاياللىرىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ياساۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسىگە قالدۇرغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكمۇ بار ئىدى. 7ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، مىسىردىكى تاخپانخېس شەھىرىگە باردى.

8تاخپانخېس شەھىرىدە پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

9_ بىرقانچە چوڭ تاش ئېلىپ كېلىپ، پىرئەۋننىڭ تاخپانخېستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خىش يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىن. يەھۇدىيە خەلقى بۇنى كۆرسۇن. 10ئاندىن ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن خىزمەتكارىم بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆمۈلگەن بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەختىنى قۇرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئۆز چېدىرىنى تىكىدۇ. 11نىبۇكادنەزەر مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ. 12نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ. 13ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›»

44

مىسىرغا قېچىپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى ۋەھىي

1يەرەمىياغا مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە، ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

2_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: «سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا. 3بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى. 4مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمنىڭ مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردۇم. 5لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋامۇ قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى. 6شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىنى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈردى. بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ، ھازىر خارابە ھالەتتە تۇرماقتا.

7شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سوراي، نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئەرلىرىمىز، ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بوۋاقلىرىمىز ھالاك بولسۇن، ھېچكىم ھايات قالمىسۇن، دەمسىلەر؟! 8نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر. 9سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ شۇنداقلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم كوچىلىرىدا قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ 10سىلەر تېخىچە توۋا قىلمىدىڭلار، ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ياشىمىدىڭلار.

11شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ھەتتا بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنى يوقىتىمەن. 12مىسىردا ياشاشقا نىيەت قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، نامى قارغاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. 13مەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بىلەن جازالىغاندەك، ئۇلارنىمۇ مىسىردا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن. 14يەھۇدىيەدىن مىسىرغا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار يەھۇدىيەگە قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى يەھۇدىيەگە قايتالايدۇ.»

15يەھۇدىيەدىن كېلىپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

16_ بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمايمىز. 17ئەكسىچە، بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلىرىمىزنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا ئاتاپ چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق. 18لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا ئاتاپ قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.

19ئاياللار:

_ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا ئاتاپ قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.

20ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:

21_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟! 22پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا. 23سىلەر بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.

24ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. 25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋالدىڭلار. سىلەر: ‹قىلغان قەسىمىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، جەننەت خانىشىغا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز› دېدىڭلار. بولىدۇ، داۋاملاشتۇرىۋېرىڭلار. قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار.» 26ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن. 27مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. 28ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ. 29مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردا جازالايمەن. سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مۇنداق بېشارەت كۆرسىتىمەن. 30مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»

45

خۇدانىڭ بارۇكقا ۋەدە بېرىشى

1نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:

2_ ئەي بارۇك، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزىنى ساڭا يەتكۈزەي. 3سەن: «ھالىمغا ۋاي، چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىم كەتتى، ئاراملىق تاپالمىدىم، دەيسەن. 4ئەمما پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بەرپا قىلغان نەرسىلىرىمنى بۇزۇپ، تېرىغان زىرائەتلىرىمنى يۇلۇپ تاشلايمەن. بۇ ئىشلارنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە قىلىمەن. 5سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئويلىمىغىن، چۈنكى مەن بارلىق ئىنسانغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. لېكىن سەن نەگىلا بارغىن، ساڭا ھاياتىڭنى ساقلاپ قېلىشقا پۇرسەت بېرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

46

1بۇلار پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن باشقا ئەللەر توغرىسىدىكى ۋەھىيلەردۇر.

مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىي

2بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

3«مىسىر سەركەردىلىرى ۋارقىراپ:

‹چوڭ-كىچىك قالقانلىرىڭلارنى تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار!

4ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار،

دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار،

نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار،

ساۋۇتۇڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ.

5لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟

مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ،

لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ،

ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا.

ھەممە يەرنى قورقۇنچ قاپلىغان!

6ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ.

باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.

 

7كىم ئۇ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدەك كۆتۈرۈلۈپ، قىرغاقتىن تېشىۋاتقان؟

8ئۇ بولسا مىسىر، نىل دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى

دەريا قىرغاقلىرىدىن تېشىپ كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مىسىر مۇنداق دېگەنىدى: ‹مەن كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيانى قاپلايمەن.

شەھەرلەرنى ۋە شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.›

9ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە چىقىۋېرىڭلار.

ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار.

ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى،

كۇش ۋە پۇئۇتتىن كەلگەن، قالقانلىق ياللانما جەڭچىلەر

ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!

10لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلارغا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر.

بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر.

مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن.

مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ،

قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ.

مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق قىلىمەن.

 

11ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار،

گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار،

لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.

12باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ.

دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ.

باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»

 

13پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى:

14«سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار،

چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ،

دەپ مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار،

مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار.

15بۇقا ئىلاھىڭلار ئاپىس نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟

ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇنى يىقىتىۋەتتىم.

16مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن.

ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ.

ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يەنى يۇرتىمىزغا قايتايلى،

دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ.

17ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا:

‹مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن،

ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ.

 

18پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى،

تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم،

دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ.

19ئى مىسىر خەلقى،

نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار.

نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ.

ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ.

 

20مىسىر چىرايلىق بىر ياش كالىغا ئوخشايدۇ،

لېكىن بىر توپ قوشۇن شىمالدىن كېلىپ،

قان شورىغۇچ كۆكۈيۈندەك، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

21مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچىدۇ،

ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ.

چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى.

ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى!

22دۈشمەنلەر كۈچلىنىپ ئىلگىرىلىگەندە،

مىسىر يىلاندەك شىپپىدە قاچىدۇ.

مىسىرلىقلار دەرەخلەرگە، دۈشمەن دەرەخ كەسكۈچىلەرگە ئوخشايدۇ،

دۈشمەنلەر ئۇلارنى پالتا بىلەن چاپىدۇ.

23مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ،

لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.

چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ساناقسىزدۇر.

24مىسىر خەلقى نومۇسقا قالىدۇ.

ئۇلار شىمالدىن كەلگەن خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»

 

25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن نو شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. 26مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ.

 

27ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار.

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار.

مەن سىلەرنى ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.

ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ.

28ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى،

مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار،

چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن.

مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلىمەن،

ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن.

لېكىن سىلەرنى ھەرگىز جازاسىزمۇ قويمايمەن،

ئەمما سىلەرنى ئادىللىق بىلەن جازالايمەن.»

47

فىلىستىيە توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگاردىن فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيدۇر. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن خۇددى سۇدەك كۆپىيىۋاتىدۇ.

ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ.

پۈتكۈل زېمىن كەلكۈندە قالىدۇ،

شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ.

كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ.

بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.

3دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازلىرى ۋە چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ.

قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

4بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى.

ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى.

كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن.

5گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ.

ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ.

ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر،

سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟

6‹ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى،

قاچان توختايسەن؟

غىلىپىڭغا قايت، ئارام ئال!› دەيسىلەر.

7لېكىن مېنىڭ قىلىچىم قانداقمۇ ئارام ئالسۇن،

ئۇنى مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان تۇرسام؟

مەن پەرۋەردىگار ئۇنى ئاشقىلون ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدۇم.»

48

موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىي

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا موئاب توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي، چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ!

قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ.

شەھەردىكى قەلئە ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ.

2كىشىلەر ئەمدى موئابنى مەدھىيەلىمەيدۇ.

دۈشمەن خەشبوندا موئابنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ.

ئۇلار: ‹يۈرۈڭلار، بۇ ئەلنى ۋەيران قىلايلى!› دەيدۇ.

ئەي مادمېن شەھىرى، سەنمۇ جىمىقتۇرۇلىسەن.

قىلىچ سېنى ئىزدەيدۇ.

3خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار.

ئۇلار: ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ.

4موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ،

ئۇنىڭ بالىلىرى يىغلاپ زارلايدۇ.

5ئۇلار لۇخىت شەھىرىگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ يىغلايدۇ.

ئۇلار خورونايىم شەھىرىگە چۈشىدىغان يولدىمۇ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ئازابلىنىپ يىغلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ.

6ئۇلار: ‹قېچىڭلار، ھەتتا چۆلدىكى چاتقالغا ئوخشاش يېگانە قالساڭلارمۇ،

قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.

7ئەي موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ،

لېكىن سەنمۇ ئەسىرگە ئېلىنىسەن.

بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

 

8ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ.

ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ.

ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار.

چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ!

ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ،

ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

 

10پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي،

قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!

 

11موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان.

ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن.

12لېكىن مېنىڭ موئابقا قارشى ئادەملەرنى ئەۋەتىدىغان ۋاقتىم كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار موئابنى شارابنى تۆككەندەك تۆكۈپ، قۇرۇقدايدۇ ۋە ئىدىشلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

13موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ،

ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

 

14ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز، دېيەلەيسىلەر؟

15موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ئىشغال قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ.

بۇ مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

16موئابنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئاز قالدى.

بالايىئاپەت ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ.

17موئابنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان،

ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار.

‹موئابنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى يوقاپ كەتتى› دەڭلار.

 

18ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ،

قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار.

چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ،

مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

19ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار.

قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن: ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار.

20ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى،

ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار،

موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

21ئېگىزلىكتىكى شەھەرلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. خولون، ياھاز، مېفائات، 22دىبون، نىبو ۋە بەيت-دىبلاتايىم، 23قىرياتائىم، بەيت-گامۇل، بەيت-مىئون، 24قىرىيوت ۋە بوزرا قاتارلىق شەھەرلەر، يەنى موئابنىڭ ھەممە شەھەرلىرى مەيلى يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. 25موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

26موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى،

شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن!

ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.

27ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟

قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ،

بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.

 

28ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار.

ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك ياشاڭلار.

29موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى،

ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.

30مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى بىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ماختىنىشى پۈتۈنلەي بىھۇدىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاساسى يوقتۇر.

31شۇ سەۋەبتىن مەن موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن،

پۈتۈن موئاب ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يىغلايمەن،

قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن.

32يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش،

مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن.

سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى.

ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

33شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ.

مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن.

ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى ئېزىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ.

بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.

34بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. 35مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

36شۇ سەۋەبتىن قەلبىم مىسكىن چېلىنغان نەيدەك موئاب ئۈچۈن قايغۇردى. قەلبىم قىرخەرەس خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە نەغمىسى چالغان نەيدەك ھەسرەت چەكتى. ئۇلارنىڭ توپلىغان بايلىقلىرى يوقاپ كەتتى. 37كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ. 38موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 39موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»

 

40پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دۈشمەن خۇددى بۈركۈتتەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، موئاب ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ.

41شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ.

ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.

42موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ.

چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى.

43ئى موئاب پۇقرالىرى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،

سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر، ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار سىلەرنى كۈتمەكتە!

44ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر،

ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر.

چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

45قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ.

پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ.

ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ.

 

46ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي!

كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار!

ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ،

قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

47لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

49

ئاممون توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ئاممون توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«گاد زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يوقمۇ،

ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرى يوقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇت ئىلاھى مولەكنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى

گاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ؟

2مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ،

ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ.

ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ،

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ،

ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

3ئەي خەشبونلۇقلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار،

چۈنكى ئاي شەھىرى ۋەيران قىلىندى.

ئەي رابباھ خەلقى، يىغلاڭلار،

ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ قايغۇرۇڭلار.

سېپىللار ئارىسىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈڭلار،

چۈنكى بۇت ئىلاھىڭلار مولەك روھانىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

4سىلەر مۇنبەت جىلغىلىرىڭلاردىن ماختىنىسىلەر.

ئەي ساداقەتسىز خەلق، سىلەر ئۆز بايلىقىڭلارغا ئىشىنىپ،

‹كىم بىزگە ھۇجۇم قىلالايتتى؟› دەپ ئويلايسىلەر.

5مەن ئىگەڭلار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى،

مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن.

سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر،

قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.

6لېكىن كېيىن مەن ئامموننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئىدوم توغرىسىدىكى ۋەھىي

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىدوم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەتلىكلەر قالمىدىمۇ؟

شەھەردىكى دانالار ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟

ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟

8ئەي دىدان شەھىرىدە ياشايدىغانلار،

ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار،

چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار.

چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.

9كىشىلەر ئۈزۈملەرنى يىغقاندا ئازراق قالدۇرۇپ قويىدىغۇ،

كېچىسى ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئوغرى پەقەت ئۆزى خالىغان نەرسىسىنى ئالىدىغۇ؟

10لېكىن مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتىمەن.

مەن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن،

ئاندىن ئۇلار يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرى ھالاك بولىدۇ،

ھېچكىم ھايات قالمايدۇ!

11يېتىم بالىلىرىڭلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈم باقىمەن.

تۇل ئاياللىرىڭلارمۇ ماڭا ئىشەنسۇن.»

 

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قەدەھتىكى جازا شارابىنى ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىچكەن يەردە، سەن قانداقمۇ جازالانماي تۇرالايسەن؟ سەن جازاسىز قالمايسەن، چوقۇم جازا شارابىنى ئىچىسەن. 13مەن پەرۋەردىگار ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، نامىنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا قالىدۇ.»

 

14مەن يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن بىر ۋەھىي كەلدى.

ھەرقايسى ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ.

ئەلچى:

«ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىڭلار!

ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.

 

15پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى:

«ئاڭلا، مەن ئەمدى سېنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىز بىر ئەل قىلىپ قويىمەن،

سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ!

16سەن باشقا ئەللەرنى قورقۇتقانىدىڭ،

بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى.

سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ،

ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ،

مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.

17ئىدوم قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشىدۇ،

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە

ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

18مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى،

ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران بولىدۇ.

ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.

19مەن خۇددى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ،

ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش

ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن.

ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تىكلەيمەن.

كىم ماڭا ئوخشاش قىلالايدۇ؟

كىم مەن بىلەن بەسلىشەلەيدۇ؟

قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالايدۇ؟

20شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ئىدومغا قارشى قانداق پىلان تۈزگەنلىكىمنى ئاڭلاڭلار.

تېمان شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارشى قانداق نىيىتىمنىڭ بارلىقىغا قۇلاق سېلىڭلار.

ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ،

بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.

21ئىدوم گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ.

خەلقىنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى قىزىل دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ.

22قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.»

دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىي

23پەرۋەردىگار دەمەشق توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ قەلبى قورقۇنچتىن خۇددى قاتتىق دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلانمايدۇ.

24دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ.

ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!

25ئىلگىرى شاد-خۇراملىققا تولغان مەشھۇر شەھەر تاشلىنىپ قالىدۇ.

26ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ،

ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ.

بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

27مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويىمەن،

بۇ ئوت پادىشاھ بەنھادادنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»

قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي

28پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بابىل قوشۇنلىرى، ئاتلىنىڭلار، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار،

شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.

29ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار،

ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرىغا ياپىدىغان كىگىزلىرىنى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىۋېلىڭلار.

كىشىلەر ۋارقىرىشىپ: ‹ھەممە يەرنى ۋەھىمە قاپلىدى!› دېيىشىدۇ.

30ئەي خازوردا ياشاۋاتقانلار، مەن دەيمەنكى،

دەرھال قېچىڭلار! چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار!

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر سىلەرگە قارشى پىلان تۈزدى،

ئۇ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى.»

31پەرۋەردىگار بابىلغا مۇنداق دېدى:

«ئەي بابىل قوشۇنلىرى، سىلەر بېرىپ، تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاۋاتقان ئەلگە ھۇجۇم قىلىڭلار.

ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدە ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان بالداقلىق دەرۋازىلار يوقتۇر

ھەم ئۇلار يەككە-يېگانەدۇر.

32ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار!

مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن،

ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

33خازور زېمىنلىرى چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ.

ئۇ زېمىنلاردا ئادەم ياشىمايدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەرگە ماكانلاشمايدۇ.»

ئېلام خەلقى توغرىسىدىكى ۋەھىي

34زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى.

35قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«مەن ئېلامنىڭ ئوقياچىلىرىنى، يەنى ئاساسلىق كۈچ-قۇدرىتىنى ھالاك قىلىمەن.

36مەن ئېلامنى تۆت تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىپ،

خەلقىنى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىمەن.

ئېلام خەلقىنىڭ مۇساپىر بولۇپ، بارمىغان يەرلىرى قالمايدۇ.

37مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى،

ئېلاملىقلارنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈرىمەن،

ئۇلارغا قەھر-غەزىپىم بىلەن بالايىئاپەت ئەكېلىمەن،

مەن تاكى ئۇلارنى ھالاك قىلغۇچە قىلىچ بىلەن قوغلايمەن.

38مەن ئېلامدا تەختىمنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.

39لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئېلامنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

50

بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بابىل شەھىرى ۋە بابىللىقلارنىڭ زېمىنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

2«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار،

تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار.

ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار:

‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ،

ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ،

بۇتلىرى خارلىقتا قالىدۇ.›

3شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ،

بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ،

بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»

 

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ.

5ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ،

شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ.

 

6خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى،

ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى.

ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ،

تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ.

ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان.

7ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى،

ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى:

‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق.

چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقى،

ئەجدادلىرىنىڭ ئۈمىدى ئىدى› دەيدۇ.

 

8ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!

خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.

9چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ ئەكېلىمەن.

ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ.

ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر.

10بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.

ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

 

11ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ،

ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار.

سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ،

ئاتتەك كىشنىدىڭلار.

12لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ.

سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ.

بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىدۇ.

بابىل چۆلدەرەپ، چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.

13مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن،

بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە

بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

 

14ئەي بارلىق ئوقياچىلار، بابىلنى قورشاۋغا ئېلىڭلار،

ئوقيالىرىڭلارنى ئۇلارغا بەتلەپ، بىر تال ئوقۇڭلارنىمۇ ئاياپ قالماڭلار.

چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى.

15شەھەرنىڭ تۆت تەرىپىدىن قوشۇنلارنى جەڭگە چاقىرىڭلار.

ئۇ تەسلىم بولىدۇ.

ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ.

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن،

شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار!

ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!

16بابىلدا تېرىقچىلىق قىلىنمىسۇن، ھوسۇلمۇ يىغىلمىسۇن.

زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن

بابىلنىڭ يەرلىك بولمىغان كىشىلىرى ئۆز ئېلىگە قېچىپ كەتسۇن،

ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن.

 

17ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ.

دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.

ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.

18شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى،

مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك،

بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن.

19مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇلار كارمەل تېغىدا ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ،

ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ.

20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھىنى ئىزدىسە، گۇناھى تېپىلمايدۇ،

يەھۇدىيەنىڭمۇ ھېچقانداق گۇناھى تېپىلمايدۇ.

چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى،

مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار!

ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ،

مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار!

22جەڭ ئاۋازلىرى بابىل زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ.

23پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ ئەمدى قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى كۆرۈڭلار!

بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

24ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن.

سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ.

25قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم.

چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.

26يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار.

ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار!

بابىلنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ،

خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇڭلار!

ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار!

27ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار!

ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى،

يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

 

28بابىلدىن سىئونغا قېچىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن قىساس ئالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىدۇ.

بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالدى.

 

29«ئوقياچىلارنى چاقىرىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار!

ئوقيا تۇتۇپ، ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن.

بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىڭلار ۋە ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار.

بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار،

ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار.

ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.

30شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

31ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار!

مەن ئىگەڭلار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن.

يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى.

32ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ يىقىلىسىلەر.

سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ.

مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ،

ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»

 

33قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى زۇلۇمدا قالدى.

ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلدى.

34لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ،

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.

ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ.

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق،

بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ.

 

35مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى،

بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ!

بابىلنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!

36بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ.

ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.

37بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە

بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ.

ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ.

38بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ،

سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ!

بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر،

ئۇنىڭ خەلقى بۇتلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازدى.

39شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار ۋە چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ياشايدۇ.

ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ.

لېكىن ھېچكىم قايتا ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

ئۇ يەردە مەڭگۈ ئادەمزات تۇرمايدۇ.

40مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى،

بابىلنى خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن.

ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ،

ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.

 

41قاراڭلار، شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ!

ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل

كۆپلىگەن پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

42ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر.

ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر.

ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا،

ئۇلاردىن خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

ئەي بابىل، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزىدۇ.

43بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا،

قوللىرىدا مادار قالمايدۇ.

ئازاب ئۇنى چىرمىۋالىدۇ،

ئۇ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.

44مەن خۇددى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ،

ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن.

ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تىكلەيمەن.

كىم ماڭا ئوخشاش قىلالايدۇ؟

كىم مەن بىلەن بەسلىشەلەيدۇ؟

قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالايدۇ؟

 

45شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بابىلغا قارشى قانداق پىلان تۈزگەنلىكىمنى ئاڭلاڭلار.

بابىل زېمىنىغا قارشى قانداق نىيىتىمنىڭ بارلىقىغا قۇلاق سېلىڭلار.

ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.

بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.

46بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»

51

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ۋەيران قىلىدىغان بوران ئېلىپ كېلىمەن.

2مەن بابىلنى خۇددى بۇغداينى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدىغان ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن.

بابىل ھالاك بولىدىغان كۈن يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بابىلغا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ.

3بابىل ئوقياچىلىرىغا ساۋۇتلىرىنى كىيگىلى، ئوقيالىرىنى ئاتقىلى قويماڭلار.

قىران يىگىتلىرىنىمۇ ھايات قالدۇرماڭلار!

پۈتۈن قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىڭلار.

4بابىل لەشكەرلىرى ئېغىر يارىلىنىپ كوچىلاردا يىقىلىدۇ،

ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئۆلىدۇ.

5چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى.

مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.

6ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار!

ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار.

چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى،

مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.

7بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش

پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى.

ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى.

8لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار.

ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار.

9بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ:

‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ.

شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى.

بابىلنىڭ جازاسىنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇلۇتلارغا تاقاشقۇدەك ئېگىز دۆۋىلەنگەندۇر، ھەتتا ئۇ ئاسمانغا يېتىپ بارىدۇ.›

10يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ:

‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئاتا قىلدى!

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»

 

11يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار!

قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار!

پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى.

ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.

12بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار!

كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ،

شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار!

بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

13ئەي بابىل خەلقى، سىلەر نۇرغۇنلىغان ئېقىنلارنىڭ بويىدا،

مول بايلىقلارنىڭ ئىچىدە ياشىغانىدىڭلار.

ئەمدى سىلەر تۈگەشتىڭلار، ھاياتىڭلارنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!

14قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

«مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن.

ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ،

غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.»

مەدھىيە ناخشىسى

15پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتتى،

ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلدى،

شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايدى.

16ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ.

ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ.

يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.

17ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار دۆت ۋە بىلىمسىزدۇر!

بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن شەرمەندە بولىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر.

بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.

18بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر.

ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.

19بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ.

ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر.

بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز.

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.

بابىلنىڭ جازالىنىشى

20پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم ۋە ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن.

سەن بىلەن ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم،

پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم.

21سەن بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى يوقاتتىم،

ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.

22سەن بىلەن ئەر-ئاياللارنى، قېرىلارنى، ئوغۇل-قىزلارنى ئۇرۇپ يوقاتتىم،

23سەن بىلەن پادىچىلارنى قوي پادىلىرى بىلەن بىرگە ئۇرۇپ يوقاتتىم،

دېھقانلارنى ئۆكۈزلىرى بىلەن بىرگە ئۇرۇپ يوقاتتىم،

ۋالىيلار ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى ئۇرۇپ يوقاتتىم.

 

24مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ سىئوندا قىلغان زىيانكەشلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.

25ئەي ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان تاغ، يەنى بابىل،

سەن پۈتۈن دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ.

ئەمدى مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.

قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ،

سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن.

سېنى كۆيۈپ كۈل بولغان تاغدەك قىلىمەن.

26كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ.

سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

27دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن!

بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن.

ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن.

يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن.

بابىلغا قارشى ئاتلار توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئەۋەتىلسۇن.

28خەلقلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە جەڭگە تەييارلانسۇن.

ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

29دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.

30بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ،

جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ.

ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاجىز ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

بابىلنىڭ دەرۋازىلىرى بۇزۇلۇپ، ئۆيلەرگە ئوت قويۇلىدۇ.

31خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ.

ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ.

32دەريانىڭ كېچىكلىرى بېسىۋېلىنىدۇ.

دۈشمەنلەر قومۇشلۇقلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

 

33قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ،

بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ چەيلىنىدۇ.»

 

34بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى.

ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى.

ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ،

قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى.

ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.

35سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ.

يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ.

36شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن،

بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن،

ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

37بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ،

چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ.

ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ،

باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

38بابىللىقلار ھۆركىرەۋاتقان شىرلارغا،

ئوزۇق تالىشىدىغان شىر بالىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

39ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ،

ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن.

ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.

40مەن قوزا، قوچقار، تېكىلەرنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كىرگەندەك، ئۇلارنى بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ بارىمەن.

 

41ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ!

پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر بېسۋېلىنىدۇ.

بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

42دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ.

43بابىللىقلارنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىككە ۋە چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ، ھەتتا ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.

44مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن.

مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن.

باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ.

بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!

 

45ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار!

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.

46لېكىن خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ،

جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار.

ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ،

زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ.

 

47شۇنداق ۋاقىت كېلىدۇكى،

مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن.

ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى نومۇستا قالىدۇ،

ھەممە يەرنى جەسەت قاپلايدۇ.

48ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ.

چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

 

49بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى،

شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن،

بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ.

50ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار،

دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار!

بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.

51سىلەر: ‹بىز نومۇستا قالدۇق، چۈنكى بىز ھاقارەتلەندۇق.

بىز خىجالەتچىلىك ئىچىدە، چۈنكى يات ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى بۇلغىدى› دەيسىلەر.

52مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

دېگىنىڭلار توغرا. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇكى،

ئۇ چاغدا مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن.

بابىلدىكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ نالە-پەريادلىرى پۈتكۈل زېمىنغا ئاڭلىنىدۇ.

53مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى،

گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ

ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ،

مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»

 

54بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ.

ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ.

55پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ،

شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ.

دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ،

يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.

56بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ،

ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار رەزىللەرنى جازالايدىغان خۇدادۇر.

ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.

57قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن.

ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.

58بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ،

ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ،

ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.

بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

59پادىشاھ زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بىرگە بابىلغا بارماقچىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى. 60يەرەمىيا تېرىگە بابىلدا يۈز بېرىدىغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ۋە بابىل توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنى پۈتۈپ چىقتى. 61ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن. 62ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدىغانلىقىڭنى ۋە بۇ زېمىندا ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ» دېگىن. 63سەن بۇ ئورام يازمىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاشقا باغلاپ، فىرات دەرياسىغا چۆكتۈرۈۋەتكىن. 64شۇنىڭدىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېگىن.

 

يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.

52

يېرۇسالېمنىڭ گۇمران بولۇشى

1زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 2زىدقىيا خۇددى يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى نەزىرىدىن يىراق قىلماقچى بولدى. كېيىن زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.

4پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى* بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىدى. 5شۇنداق قىلىپ، شەھەر تاكى پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى.

6شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە* كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 7بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى. 8بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. 9بابىللىقلار پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 10بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. 11ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇ تاكى ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى.

12شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. 13ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 14ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. 15ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىر قىسىم نامرات كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى، شەھەردە قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە باشقىلارنى يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 16لېكىن ئۇ بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.

17بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 18ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، داسلار، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 19ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلارنى، چوغدانلارنى، داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى.

20پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى 12 بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. 21ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 9 مېتىر، ئايلانمىسى 6 مېتىر، قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچى بوش ئىدى. 22تۈۋرۈكنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئانار شەكىللىك بېزەك بار ئىدى. 23تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرغان تورسىمان بېزەكتە جەمئىي 100 دانە ئانار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 دانىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشى

24ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ نەپەر دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىينى، 25شەھەردە قېلىپ قالغان بىر نەپەر لەشكەر نازارەتچىسىنى، يەتتە نەپەر پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسىنى، بىر نەپەر لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە باشقا ئاتمىش كىشىنى تۇتتى. 26نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 27بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.

28نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ بابىلغا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ سانى 3023 كىشى ئىدى. 29ئاندىن نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۇ يەنە 832 ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. 30نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى ئۇ ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئاداننى ئەۋەتىپ، يەنە 745 ئادەمنى بابىلغا ئېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 4600 ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى.

بابىل پادىشاھىنىڭ يىھوياكىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى

31يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-مىروداك بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى* ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. 32ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى. 33يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 34ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى تاكى ئۇ ۋاپات بولغۇچە ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.


1: 12 ئىبرانىي تىلىدا «بادام» دېگەن سۆز «كۆزىتىپ تۇرماق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولىدۇ.

3: 6 ئىسرائىلىيە _ بۇ ئايەتلەردىكى ئىسرائىلىيە ئەسلىدىكى ئىسرائىلىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان شىمالىي خانىدانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

36: 9 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ.

39: 2 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

52: 4 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 588-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

52: 6 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

52: 31 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 561-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.