يەھۇدا يازغان خەت

1

1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى بولغان مەنكى يەھۇدادىن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام. 2خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىل بولغاي، شۇنداقلا ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي!

ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى

3قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا خەت يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق ھازىر سىلەرنى خۇدا بىز ئېتىقادچىلارغا بىر قېتىمدىلا ئامانەت قىلغان ئېتىقادىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ خەتنى يازدىم. 4چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغانلىقى سەۋەبىدىن سوراققا تارتىلىدىغانلىقى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلاپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى ئىنكار قىلماقتا.

5بۇرۇنقى ئىشلاردىن تولۇق خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئېسىڭلارغا شۇنى سېلىشنى خالايمەنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى ھالاك قىلغانىدى. 6يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ، ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىگىچە قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى. 7سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلدى. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوت بىلەن جازالىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.

8ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر ئاتالمىش ۋەھىيلەردىن پايدىلىنىپ، بۇزۇقچىلۇق قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ساماۋى زاتلارغا ھاقارەت قىلىدۇ. 9باش پەرىشتە مىكائىل مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندىمۇ، ئۇنى قوپال سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغانىدى، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغانىدى. 10لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار خۇددى ئاڭسىز ھايۋانلاردەك تۇغما تەبىئىتى بويىچە ياشاپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 11ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. ئۇلار خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغان كوراھقا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ.

12بۇ ئادەملەر سىلەرنىڭ زىياپەتلىرىڭلارغا داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۇيالماستۇر، ئۇلار داستىخىنىڭلاردا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارىنلىرىنى تويدۇرىدۇ. ئۇلار شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىدەك ھەم يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلانغان دەرەخلەردەك پۈتۈنلەي ئۆلۈكتۇر. 13خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەت كۆپۈكلەرنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چاۋىسىنى ئۆزلىرىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار ئاققان يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان چەكسىز قويۇق قاراڭغۇلۇق ساقلاپ تۇرىدۇ.

14ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان خانوك بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن:

 

«قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە. 15رەببىمىز پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىگە قارشى قىلغان يامانلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ئېيتقان بارلىق كۇپۇر سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايدۇ.»

 

16بۇ كىشىلەر ھامان خۇدادىن ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، غوتۇلداپ يۈرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەت قىلىدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇش

17قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 18ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى. 19بۇنداق كىشىلەر ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر.

20لېكىن قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇقەددەس ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار. 21رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە رەھىمدىللىك بىلەن بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار. 22ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار. 23بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن يىرگىنىڭلار.

دۇئا

24‏-25ھەممىمىزنى قۇتقۇزىدىغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىمۇ، بۈگۈنمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپتۇر، ئامىن!