خاباقۇق
1
1بۇ خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر.
خاباقۇقنىڭ نالە قىلىشى
2ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام، قۇلاق سالارسەن؟
«زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ، قۇتقۇزمامسەن؟
3نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ناھەقچىلىكنى كۆرۈشكە زورلايسەن؟
نېمە ئۈچۈن يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، پەرۋا قىلمايسەن؟
قاياققا قارىسام، كۆرگىنىم ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق،
ھەممە يەردە جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش.
4قانۇن كۈچىنى يوقاتقان،
ئادالەتمۇ يوقالغان.
رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغانلىقى ئۈچۈن،
ناھەق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى
5يات ئەللەرگە نەزەر سېلىڭلار،
ئۇلارغا ياخشىلاپ قاراپ بېقىڭلار!
كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران قالىسىلەر.
مەن سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا شۇنداق بىر ئىش قىلىمەنكى،
ھەتتا بىرسى سىلەرگە ئېيتسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر
6مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن.
ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.
7ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر.
ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قانداق خالىسا، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
8ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز،
گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر.
ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە
خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.
9ئۇلار پەقەت زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ.
ئۇلار خۇددى قۇملۇقتىكى بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ،
قۇمدەك ھېسابسىز كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ.
10ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە،
ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ.
ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ،
شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.
11ئۇلار خۇددى شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىدۇ ۋە تېز كېتىدۇ،
بۇ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ «ئىلاھى» ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىدۇر.
خاباقۇقنىڭ يەنە نالە قىلىشى
12ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم،
سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن!
ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟
ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟
13كۆزلىرىڭ شۇنچىلىك پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن،
يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن.
شۇنداق ئىكەن، سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟
ھەققانىيلار رەزىللەرگە يەم بولۇۋاتسا، نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟
14سەن ئىنسانلارنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك،
باشلامچىسى يوق دېڭىز مەخلۇقلىرىدەك قىلىپ قويدۇڭ.
15بابىللىقلار ئۇلارنى قارماق بىلەن تۇتىدۇ،
تور تاشلاپ، سۈزۈۋالىدۇ،
تورنى تارتقاندا، خۇشال بولۇپ، شادلىنىدۇ.
16شۇنداق قىلىپ، بابىللىقلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ.
تورىغا ئاتاپ، كۈجە كۆيدۈرىدۇ.
چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن باياشات ياشايدۇ،
ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر.
17ئۇلار قاچانغىچە تورىنى تاشلاپ،
ئەللەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟
2
1مەن كۆزىتىش مۇنارىدا كۆزەتچىلىك،
سېپىلدا قاراۋۇللۇق قىلىمەن.
قاراپ باققاي، پەرۋەردىگار ماڭا قانداق جاۋاب بېرەركىن.
پەرۋەردىگار قىلغان شىكايىتىمگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى ئويلاپ كۆرىمەن.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىككىنچى جاۋابى
2پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
«ساڭا ئايان قىلغانلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن!
ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈۋالغىن!
جاكارچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپمۇ، ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان بولسۇن!
3چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ.
گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن.
ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ.
4سۆزلىرىم شۇكى:
ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمگە قارا، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس.
لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشايدۇ.
5شاراب ئادەم ئالدايدۇ.
ھاكاۋۇر ئادەم ھېچقاچان جىم تۇرمايدۇ.
ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆردەك
ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىدەك ئاچ كۆزدۇر.
ئۇ بارلىق ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ،
خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.
6لېكىن بۇ ئەللەر بويسۇندۇرغۇچىنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، بايلىق يىغقانلار،
ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار!
بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›
7لېكىن سىلەر بويسۇندۇرغان ئەللەر تۇيۇقسىز قەرز ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
ئۇلار قوزغالسا، سىلەر تىترەيسىلەر.
ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر.
8چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار.
شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ.
چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،
زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.
9ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار!
زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!
10ئۆزۈڭلارنىڭ سۇيىقەستى ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ.
سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن،
ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر.
11ھەتتا ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلارمۇ سىلەرگە قارشى ۋارقىرىشىدۇ،
تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە قارشى ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ.
12ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قان تۆكۈش بەدىلىگە شەھەر قۇرغانلار،
رەزىللىك بىلەن شەھەر بەرپا قىلغانلار!
13قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى،
ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟
14خۇددى دېڭىز سۇغا تولغاندەك،
پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى بىلىمگە تولىدۇ.
15ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە شاراب ئىچكۈزگەنلەر!
سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ شاراب ئىچكۈزدۈڭلار.
16سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر.
نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن!
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى.
شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.
17سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار،
ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر!
سىلەر ياۋايى ھايۋانلارنى قىردىڭلار،
ئەمدى ياۋايى ھايۋانلارنى سىلەرنى دەھشەتكە سالىدۇ!
چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،
زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.
18بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟
ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ!
قۇيما بۇت يالغانچىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە!
19ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟
قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ،
ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!
20پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر،
پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»
3
خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى
1خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى («شىگيونوت»*تا ئېيتىلغان):
2ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم،
ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار.
زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن،
شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن.
غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.
3كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن،
كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن.
سېلاھ
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى،
تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.
4ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق،
قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.
5قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا،
ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.
6توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان.
نەزەر سالغىنىدا، تىترىشەر ئەللەر ھامان.
بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان،
تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان،
ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.
7كۆردۈمكى، چېدىرلاردىكى غەمگە پاتقان كۇشان قەبىلىسىنى،
كۆردۈمكى، چېدىرلاردىكى ۋەھىمىدىن تىترىگەن مىديان خەلقىنى.
8ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟
غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟
ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبە بىلەن جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە،
تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟
9تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار،
تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. سېلاھ
ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،
10تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى.
كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ،
يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.
11چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ،
جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ،
توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.
12زېمىنغا قەدەم تاشلىدىڭ غەزىپىڭدە،
ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.
13ھەم كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا،
تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە!
سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ،
ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. سېلاھ
14يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى.
بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى،
كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.
15ئاتلىرىڭ بىلەن چەيلەپ، چالغىتتىڭ دېڭىزنى،
تاشقىنلاتتىڭ دېڭىزدىكى ئۇلۇغ سۇلارنى.
16ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم.
شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم.
قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم،
غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم.
كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن،
بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.
17مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى،
ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم،
مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى،
ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل،
مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار،
ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،
18شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن،
خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.
19كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار.
پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك،
ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا.
(تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
3: 1 شىگيونوت _ مەنىسى نامەلۇم بولۇپ، ئۇ مەلۇم مېلودىيەنىڭ ئىسمى ياكى مۇزىكا ئىلىمىدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن.
