ۋەھىيلەر
1
1بۇ يازمىدا ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى بايان قىلىنغاندۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى. 2يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى كۆرگەن بولسا، شۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. 3بۇ ۋەھىيلەرنى باشقىلارغا ئوقۇپ بەرگەنلەر ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.
يۇھاننانىڭ يەتتە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام يوللىشى
4-5مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام! ئەزەلدىمۇ، ھازىرمۇ بار بولغان ۋە كەلگۈسىدىمۇ بار بولىدىغان خۇدا ھەم ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھ،* شۇنداقلا ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولغان، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگەن، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي.
ئەيسا مەسىھ بىزنى سۆيدى، ئۆزىنىڭ قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى. 6ئۇ بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇردى ۋە بىزنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
7مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئىچىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭغا نەيزە تىققۇچىلارنىڭ كۆزلىرىمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!
8پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ئۆزۈمدۇرمەن. ئەزەلدىمۇ، ھازىرمۇ بار بولغان ۋە كەلگۈسىدىمۇ بار بولىدىغان خۇدادۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»
تىرىلگەن مەسىھنىڭ يۇھانناغا كۆرۈنۈشى
9مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ چىداملىقىغا ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزىنى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇردۇم. 10رەبنىڭ كۈنىدە* مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. مەن كەينىمدىن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 11بۇ ئاۋاز: «كۆرگەنلىرىڭنى ئورام يازمىسىغا پۈتۈپ، ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېدى.
12ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە قارىدىم. كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان كۆرۈندى. 13چىراغدانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر تاقالغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى تۇراتتى. 14ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. 15پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلانغان پارقىراق تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى. 16ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە دانە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى.
17ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ماڭا قويۇپ مۇنداق دېدى:
_ قورقما، تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسىمۇ مەن بولىمەن. 18مەن ھاياتتۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا. 19شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. 20يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.
2
ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
1_ ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە* خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 2‹سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، چىداملىقىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ساختىلىقىنى بىلىۋالغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 3شۇنداق، سەن سەۋر قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك دۇچار بولغان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ. 4لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بۇرۇنقىدىن سۇسلاشتى. 5شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن. 6بىراق سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس* تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلىنىسەن.
7كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن. غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.›»
ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
8_ ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە قايتا تىرىلگەن زات مۇنداق دەيدۇ: 9‹سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر. 10كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلايدۇ. سىلەر سىنىلىسىلەر ۋە ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. سەن تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
11كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.›»
پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
12_ پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 13‹سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭلاردىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ. 14لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى قانداق ئازدۇرۇش يولىنى ئۆگەتتى. بالاق ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇردى. 15شۇنداقلا، ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار. 16شۇنىڭ ئۈچۈن توۋا قىل. توۋا قىلمىساڭ، يېنىڭغا دەرھال بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن ساڭا زەربە بېرىمەن.
17كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن. غەلىبە قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇن ساقلاپ قويغان ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە بۇ تاشلارنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغاندۇر.›»
تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
18_ تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: 19‹سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە چىداملىقىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭنىڭ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭدىن ئېشىپ چۈشكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن. 20لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزەبەل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. 21مەن ئۇنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى. 22ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىمەن، ئۇ تۆشۈكىدە يېتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن. 23ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن، ھەمدە ھەربىرىڭلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
24-25لېكىن تىياتىرادىكى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ ئاتالمىش چوڭقۇر سىرلىرىنى ئۆگەنمىگەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ ساقلاڭلار. سىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا تەلەپ قويمايمەن. 26غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلغانلارغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 27ئۇلار قارشىلاشقانلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىدۇ، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىدۇ. 28غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن. 29كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!›»
3
ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
1_ ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«خۇدانىڭ يەتتە روھىغا ۋە يەتتە يۇلتۇزغا ئىگە بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سېنى تىرىك دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆلۈكسەن. 2شۇڭا ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كىچىككىنە ئېتىقادىڭنى كۈچەيت. چۈنكى قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ خۇدايىمنىڭ ھۇزۇرىدا تېخى تولۇق ئەمەسلىكىنى بىلدىم. 3شۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت، ئۇلارغا ئەمەل قىل ۋە گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن. چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بولىدۇ.
4لېكىن ئاراڭلاردا ئۆزلىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن يەنە بىرنەچچەيلەن بار. ئۇلار ئاق تون كىيىپ، مەن بىلەن بىرگە يۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. 5غەلىبە قىلغۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. 6كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!›»
فىلادېلفىيەدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
7_ فىلادېلفىيەدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«مۇقەددەس، ئىشەنچلىك ۋە قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى* بولغان، يەنى ئىشىكنى ئاچسا ھېچكىم ياپالمايدىغان، ياپسا ھېچكىم ئاچالمايدىغان زات مۇنداق دەيدۇ: 8‹سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. قارا، مەن ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. مەن سېنىڭ كۈچۈڭنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ يولۇمنى تۇتتۇڭ ھەم نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. 9قاراپ تۇر، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچى شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ. 10بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرگەن ۋاقتىمدا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن. 11پات يېقىندا كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا. 12غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن، يەنى خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. 13كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!›»
لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېزىلغان خەت
14_ لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ پەرىشتىسىگە خەت يېزىپ، مۇنداق دېگىن:
«ئامىن دەپ ئاتالغۇچى،* يەنى سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى ۋە خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 15‹سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئېتىقادتا سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. يا سوغۇق، يا قىزىق بولساڭچۇ كاشكى. 16سەن يا سوغۇق يا قىزغىن ئەمەس، بەلكى ئىلمان سۇدەك بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى تۈكۈرۈۋېتىمەن. 17سەن بايمەن، باياشات ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دەيسەن. لېكىن بىچارە، چارىسىز، نامرات، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن. 18شۇڭا بېيىشىڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇننى، ئۇياتلىق يېرىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىمنى، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. 19مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل. 20قارا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىدۇ. 21مەن غەلىبە قىلغان ۋاقتىمدا ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 22كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!›»
4
ئەرشتىكى ئىبادەت
1ئاندىن مەن ئاسماندا ئوچۇق بىر ئىشىكنى كۆردۈم. مەن بۇرۇن ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى كۆرسىتەي» دېدى. 2مۇقەددەس روھ مېنى دەرھال ئۆز ئىلكىگە ئالدى. مەن ئەرشتە بىر تەختنى ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغان بىرىنى كۆردۈم. 3تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى قىزىل ھېقىققا ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەت تاشنى ئەسلىتىدىغان ھەسەن-ھۈسەن تەختنىڭ ئەتراپىدا چاقناپ تۇراتتى. 4تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى. 5تەختتىن چاقماقلار چېقىلاتتى ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىناتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ يېنىپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. 6تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خىرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ تۆت تەرىپىدە تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئالدى ۋە كەينىنى نۇرغۇن كۆزلەر قاپلىغانىدى. 7بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 8بۇ مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قاناتلىرىنىڭ ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى:
«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر،
ئەزەلدىمۇ، ھازىرمۇ بار بولغان ۋە كەلگۈسىدىمۇ بار بولىدىغان ھەم
ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»
9تىرىك مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، 10يىگىرمە تۆت يېتەكچى تەختتە ئولتۇرغان مەڭگۈ ياشىغۇچىنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى. تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا قويۇشۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى:
11«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز،
سەن شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەتكە لايىقسەن.
چۈنكى ھەممىنى سەن ياراتتىڭ.
ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلدى ۋە ۋۇجۇدقا كەلدى.»
5
قوزىنىڭ ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىشى
1ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. 2«ئورام يازما ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا كىم لايىقتۇر؟» دەپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلاۋاتقان كۈچلۈك بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. 3لېكىن نە ئەرشتە، نە يەر يۈزىدە، نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدىغان بىرەرسى چىقمىدى. 4ئورام يازمىنى ئېچىش ۋە ئوقۇشقا لايىق بىرەرسى چىقمىغاچقا قاتتىق يىغلاشقا باشلىدىم. 5شۇنىڭ بىلەن يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا:
_ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر، يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى غەلىبە قىلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا قادىردۇر، _ دېدى.
6ئاندىن بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا ئۇ بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. 7قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. 8يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار* ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى. 9ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى:
«ئورام يازمىنى ئېلىشقا
ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن.
چۈنكى ئۆلتۈرۈلدۈڭ
ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن،
ھەر خەلقتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى
ئۆز قېنىڭ بەدىلىگە خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.
10ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ،
خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ.
ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
11ئاندىن تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. 12ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى:
«ئۆلتۈرۈلگەن قوزا
ھوقۇق، بايلىق، دانالىق، قۇدرەت،
ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيەگە لايىقتۇر.»
13مەن يەنە ئاڭلىدىمكى، ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى، دېڭىزلار ۋە كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلار:
«مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق
تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!» دېيىشەتتى.
14تۆت تىرىك مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇرۇشاتتى، يېتەكچىلەر يەرگە باش قويۇپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا سەجدە قىلىشاتتى.
6
قوزىنىڭ ئالتە پېچەتنى ئېچىشى
1ئاندىن قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 2قارىۋىدىم، بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ساداق بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ جەڭگە ئاتلاندى، غەلىبە ئۈستىگە غەلىبە قىلدى.
3قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 4ئۇ چاغدا يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە تىنچلىقنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.
5قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. 6تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
7قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 8قارىۋىدىم، بىر بوز ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر ماكانى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ھالاك قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.
9قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم. 10ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز، يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى قاچان ئېلىپ بېرىسەن؟» دەپ سورىشاتتى. 11ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانىنىڭ توشمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يەنە ئازغىنا ۋاقىت كۈتۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانىدى.
12ئاندىن قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا زېمىن قاتتىق تەۋرەپ، قۇياش قارىيىپ، بىر بارچە قارا رەختكە، ئاي قىزىرىپ، قانغا ئوخشاپ قالدى. 13ئەنجۈر دەرىخى قاتتىق بوراندا سىلكىنىپ، توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. 14ئاسمان خۇددى ئورام يازمىدەك ئورىلىپ غايىب بولدى، پۈتكۈل تاغلار ۋە ئاراللار ئورنىدىن يۆتكەلدى. 15دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 16ئۇلار تاغ-داۋانلارغا مۇنداق دەپ يالۋۇردى: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ نەزىرىدىن ۋە قوزىنىڭ غەزىپىدىن ساقلاپ قېلىڭلار! 17چۈنكى ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟»
7
مۆھۈرلەنگەن 144,000 كىشى
1ئۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇرغان تۆت پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلار يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن كېلىدىغان بوراننىڭ، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرگە تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. 2مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ مۆھرىنى ئېلىپ كۈنچىقىشتىن كەلگەن باشقا بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. ئۇ يەر يۈزى ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: 3«بىز خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، يەر يۈزى، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى بۇزۇپ تاشلىماڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. 4ئاندىن مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قەبىلىلىرىدىن 144,000 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى:
5يەھۇدا قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
رۇبېن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
گاد قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
6ئاشېر قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
نافتالى قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
ماناسسە قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
7شىمون قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
لاۋىي قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
8زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،
بىنيامىن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى.
ئاق كىيىملىك كىشىلەر
9ئاندىن ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر خەلقتىن بولغان ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ كىشىلەرنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. 10ئۇلار: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ قاتتىق ۋارقىرىشاتتى. 11پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:
12«ئامىن!
مەدھىيە، شان-شەرەپ،
دانالىق، مىننەتدارلىق،
ھۆرمەت ۋە قۇدرەت
خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي.
ئامىن!»
13شۇ چاغدا يېتەكچىلەردىن بىرى مەندىن:
_ ئاق تون كىيگەن بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ _ دەپ سورىدى.
14_ تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، _ دېدىم. ئۇ ماڭا:
_ بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاقارتقان. 15شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. 16ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئاپتاپتا قالمايدۇ ۋە ئۇلارغا ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. 17چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغان قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ، _ دېدى.
8
قوزىنىڭ يەتتىنچى پېچەتنى ئېچىشى
1قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 2ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى.
3ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئۇنىڭغا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرگە ناھايىتى كۆپ ئىسرىقلار بېرىلدى. ئۇ پەرىشتە بۇلارنى تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا ئاتىدى. 4ئىسرىقتىن چىققان تۈتۈنلەر بىلەن مۇقەددەس خەلقنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ ئالدىدا پەرىشتىنىڭ قولىدىن كۆتۈرۈلدى. 5ئاندىن پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى.
پەرىشتىلەرنىڭ كاناي چېلىشى
6ئاندىن كېيىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى.
7بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قان ئارىلاشقان مۆلدۈر ۋە ئوت ياغدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
8ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، گويا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چوڭ بىر تاغدەك غايەت زور بىر جىسىم دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى. 9دېڭىزدىكى جانلىقلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى.
10ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يېنىۋاتقان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بارلىق بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 11بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «قېرتاق» بولۇپ، سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قېرتاق قىلدى. شۇڭا بۇ سۇنى ئىچكەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى زەھەرلىنىپ، ئۆلۈپ كەتتى.
12تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىمۇ قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى.
13يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي چېلىنغاندا، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دەپ ۋارقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
9
1بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا* بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى. 2ئۇ تېگى يوق ھاڭنى ئاچقاندا، ھاڭدىن تۈتۈن خۇددى يوغان ئوچاقتىن ئېتىلىپ چىققاندەك چىقتى. ھاڭدىن چىققان تۈتۈن سەۋەبىدىن قۇياش ۋە ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. 3تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. چېكەتكىلەرگە چاياندەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. 4چېكەتكىلەرگە يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە، دەل-دەرەخلەرگە ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھرى بولمىغان ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزۈش بۇيرۇلغانىدى. 5ئۇلارغا بۇ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى پەقەت بەش ئاي مۇددەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىش بۇيرۇقىلا بېرىلگەنىدى. بۇ قىيىن-قىستاق ئادەمنى چايان چاققان ۋاقىتتىكى قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا ئوخشايتتى. 6ئۇ كۈنلەردە ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ، ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ.
7چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. 8چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. 9كۆكرەكلىرى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى. قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. 10خۇددى چايانلاردەك چاقىدىغان قۇيرۇقلىرى بار ئىدى. قۇيرۇقلىرىدىكى زەھەرلىك نەشتىرىدە ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالغۇدەك كۈچ بار ئىدى. 11ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئابادون، گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى [مەنىسى «ھالاك قىلغۇچى»].
12بىرىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى بالايىئاپەت كېلىدۇ.
13ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 14بۇ ئاۋاز ئالتىنچى پەرىشتىگە: «ئۇلۇغ فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۇرغان تۆت پەرىشتىنى بوشات» دېدى. 15دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. 16ئۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىككى يۈز مىليون، دەپ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
17غايىبانە ئالامەتتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئاتلىقلار مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرەك قالقانلىرى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت پۈركۈلەتتى. 18ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت قاتارلىق ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى. 19ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، ئادەمنى زەخىملەندۈرەلەيتتى.
20قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. ئۇلار جىنلارغا چوقۇنۇشتىن ۋە كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. 21ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.
10
پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما
1ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى. 2قولىدا بىر كىچىك ئوچۇق يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، 3خۇددى شىرغا ئوخشاش قاتتىق ھۆركىرىدى. ئۇ ھۆركىرىگەندە، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆزىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 4يەتتە گۈلدۈرماما جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىلىمە. ئۇلارنى مەخپىي تۇت» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
5مەن كۆرگەن پەرىشتە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، 6ئاسمان، يەر، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىنىڭ، يەنى ئەبەدىلئەبەد ياشىغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەمدى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، 7ئەكسىچە، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدا ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە جاكارلىغان سىر ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.
8مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە: «سەن بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئوچۇق ئورام يازمىنى ئال» دېدى.
9مەن بېرىپ، پەرىشتىدىن كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا:
_ بۇ ئورام يازمىنى ئال، يە! ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق تېتىيدۇ، بىراق مەيدەڭنى ئېچىشتۇرىدۇ، _ دېدى.
10كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم، ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى. لېكىن يۇتقىنىمدا مەيدەم ئېچىشتى. 11كېيىن پەرىشتە ماڭا:
_ سەن خۇدانىڭ نۇرغۇنلىغان خەلقلەر، ئەللەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىغىن، _ دېدى.
11
ئىككى گۇۋاھچى
1ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا. 2ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمە، چۈنكى ئۇ يەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بېرىلدى. ئۇلار مۇقەددەس شەھەرنى 42 ئاي دەپسەندە قىلىدۇ. 3مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈن ئىچىدە يەتكۈزىدۇ.»
4دۇنيانىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر. 5بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. 6ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگىدۇر.
7گۇۋاھلىق بېرىش ۋەزىپىلىرى ئاياغلاشقاندا، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. 8جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى. 9ھەر خەلقتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. 10يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىغانىدى.
11ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. 12ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 13دەل شۇ چاغدا زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
14ئىككىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى ئۈچىنچى بالايىئاپەت كېلىشكە ئاز قالدى.
يەتتىنچى پەرىشتىنىڭ كاناي چېلىشى
15ئۇنىڭدىن كېيىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن يۇقىرى ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى:
«دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىزغا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھكە مەنسۇپ بولدى. پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
16خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:
17«ئەزەلدىمۇ ۋە ھازىرمۇ بار بولغان
ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا
شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا.
چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن
ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.
18خەلقلەر غەزەپلەنگەنىدى.
ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى!
ئەمدى ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىش ۋاقتى كەلدى.
نامىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن خىزمەتكارلىرىڭ،
يەنى پەيغەمبەرلەر
ۋە سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ
چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن،
ئۇلارنى ئىنئامغا ئىگە قىلىش
ۋە يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»
19ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇ ئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر ياغدى.
12
ئايال ۋە ئەجدىھا
1ئاندىن ئەرشتە ئاجايىپ زور بىر كارامەت، يەنى قۇياشنى يېپىنچاقلىغان بىر ئايال كۆرۈندى. ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار ئىدى. 2بۇ ئايالنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالغان بولۇپ، تولغاق ئىچىدە داد-پەرياد قىلاتتى. 3ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى. 4ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈپۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئۇ تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى. چۈنكى ئۇ ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالمىۋەتمەكچى ئىدى. 5ئايال بىر ئوغۇل، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر بالا تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ بېرىلدى. 6ئايال بولسا چۆلگە قېچىپ كەتتى. ئۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بىر جاي بار ئىدى. ئۇ شۇ يەردە 1260 كۈن بېقىلاتتى.
7ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھاغا قارشى جەڭ قىلدى. ئەجدىھامۇ ئۆزىنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى، 8لېكىن ئېلىشالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەرشتىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدى. 9چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
10شۇنىڭدىن كېيىن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى.
چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى.
11قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى.
ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم خەۋپى بولغاندىمۇ ئۆز جانلىرىنى ئايىمىدى.
12شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەرش ۋە ئەرشتە ياشىغۇچىلار، خۇشال بولۇڭلار!
لېكىن ئەي يەر ۋە دېڭىزلار، ھالىڭلارغا ۋاي!
چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا تاشلاندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ، غەزەپكە تولدى.»
13ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 14ئايالنىڭ ئەجدىھادىن قېچىپ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. ئۇ بۇ قاناتلار بىلەن چۆلدىكى ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل* بېقىلىدىغان يەرگە ئۇچۇپ بارالايتتى. 15ئەجدىھا ئايالنى سەل ئېقىتىپ كەتسۇن دەپ، ئاغزىنى ئاچتى-دە، ئايالنىڭ كەينىدىن دەريادەك سۇ پۈركىدى. 16لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتۇۋەتتى. 17شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھا ئايالغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ باشقا پەرزەنتلىرى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىدا چىڭ تۇرغانلار بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى.
18ئەجدىھا دېڭىز بويىدا تۇراتتى.
13
دېڭىزدىن چىققان دىۋە
1ئاندىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا قارشى كۇپۇر ئىبارىلەر بار ئىدى. 2مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى. پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. 3دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرىدە ئەجەللىك يارا بار بولغان بولۇپ، بۇ ئەجەللىك يارا ھازىر ساقايغاندەك قىلاتتى. پۈتۈن دۇنيا ھەيرانلىق ئىچىدە دىۋىگە ئەگەشتى. 4ئۇلار دىۋىگە بۇنداق ھوقۇق بەرگەن ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: «دىۋىگە تەڭ كېلەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟» دېيىشتى.
5دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز، ھەمدە 42 ئايلىق ھوقۇق بېرىلدى. 6ئۇ خۇداغا، خۇدانىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى. 7ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ئۇنىڭغا ھەر قەبىلە، ھەر خەلق ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى. 8ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئۆلتۈرۈلگەن قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى يېزىلغانلاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇنىدۇ.
9تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار:
10«خۇدانىڭ: ‹تۇتقۇن بولىدۇ› دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ.
خۇدانىڭ: ‹قىلىچلىنىدۇ› دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىدۇ.»
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى چىداملىق بولۇشى ۋە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم.
يەردىن چىققان دىۋە
11ئۇنىڭدىن كېيىن يەردىن چىققان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئۇ سۆزلىگەندە ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىگە ئوخشايتتى. 12ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى. 13ئۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. 14ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن بېرىلگەن كارامەت كۆرسىتىش ھوقۇقى بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر بۇت تىكلەشنى بۇيرۇدى. 15يەردىن چىققان دىۋىگە دېڭىزدىن چىققان دىۋىنىڭ بۇتىغا ھاياتلىق نەپىسى بېرىپ، ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش قۇدرىتى بېرىلدى. 16ئۇ چوڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ، باي ۋە كەمبەغەللەرنىڭ، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولىغا ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە سالدۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. 17دىۋىنىڭ بەلگىسى، يەنى قولى ياكى پېشانىسىدە دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بولمىغانلار بىر نەرسە سېتىۋالالمايتتى ياكى ساتالمايتتى.
18بۇ يەردە بىر ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر.
14
قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ قوشىقى
1ئاندىن قوزىنىڭ سىئون تېغى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە قوزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان 144,000 كىشى بار ئىدى. 2ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمىگىمۇ ئوخشايتتى. 3ھېلىقى 144,000 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر مۇناجات ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى بۇ دۇنيادىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلاردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس. 4ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇل خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر. 5ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار ئەيىبسىزدۇر.
ئۈچ پەرىشتە ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر
6شۇنىڭدىن كېيىن ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەر خەلق، ھەر قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانىدى. 7ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.
8ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەنىدى.»
9ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدىكىم دېڭىزدىن چىققان دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇتىغا چوقۇنسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەلگىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا سالدۇرسا، 10ئۇ خۇدانىڭ غەزەپ شارابىدىن ئىچىدۇ. غەزەپ قەدىھىگە قۇيۇلغان بۇ شاراب ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. بۇنداق ئادەملەر مۇقەددەس پەرىشتىلەر ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا يېنىۋاتقان گۈڭگۈرت ئوتى ئىچىدە ئازاب چېكىدۇ. 11ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇتىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى سالدۇرغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.» 12شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان مۇقەددەس خەلق چىداملىق بولۇشى لازىم.
13مەن يەنە ئاسماندىن مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇ:
_ «بۇنىڭدىن كېيىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!» دېگەن بۇ سۆزنى ياز، _ دېدى.
مۇقەددەس روھ:
_ دۇرۇس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، _ دېدى.
زېمىندىكى ئورما
14ئۇنىڭدىن كېيىن بىر پارچە ئاق بۇلۇتنى كۆردۈم. بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان، ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى. 15ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن چىققان باشقا بىر پەرىشتە بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورغىقىڭنى ئىشقا سال، چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، زېمىندىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى. 16بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى زېمىنغا ئورغاق سالدى. يەردىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
17ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. 18ئارقىدىنلا ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانلىق سۇپىسى تەرەپتىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى ئىشقا سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈملەرنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملەر پىشتى» دېدى. 19شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى ئىشقا سېلىپ، يەر يۈزىگە سالدى ۋە زېمىندىكى ئۈزۈملەرنى يىغىپ، خۇدانىڭ بۈيۈك ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىگە تاشلىدى.* 20شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئېزىلگەن ئۈزۈملەردىن قان ئاقتى. قان ئاتنىڭ ئېغىزلىقىغا كېلىدىغان ئېگىزلىكتە 300 كىلومېتىر يىراقلىققا ئېقىپ باردى.
15
پەرىشتىلەر ۋە كېيىنكى بالايىئاپەتلەر
1ئاسماندا ھەيران قالارلىق يەنە بىر زور كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
2مەن يەنە ئوت يېنىۋاتقان خىرۇستال دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا دىۋە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلار، يەنى دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇتىغا چوقۇنمىغانلار ھەم ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بىلەن مۆھۈرلەنمىگەنلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 3خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ مۇناجىتىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى مۇناجاتنى ئېيتىشاتتى:
«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر.
ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى،
يوللىرىڭ ئادالەتلىك ۋە ھەقتۇر.
4ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان
ۋە نامىڭنى مەدھىيەلىمەيدىغان كىم بار؟
چۈنكى پەقەت سەنلا مۇقەددەستۇرسەن.
كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ.
چۈنكى ئاشكارا بولغاچ
قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
5ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ، يەنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈم. 6يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان زىغىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 7تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە مەڭگۈ ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن ئىبادەتخانا تۈتۈنگە تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاخىرلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.
16
خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنە
1شۇنىڭدىن كېيىن ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، يەتتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
2بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بۇتىغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.
3ئىككىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى دېڭىزغا تۆكتى. دېڭىز ئۆلگەن ئادەمنىڭ قېنىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى پۈتكۈل جانلىقلار ئۆلدى.
4ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. 5ئاندىن سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا،
سەن بۇ ھۆكۈملەرنى چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن ئادىلدۇرسەن.
6يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن،
سەن ئۇلارغا قان ئىچكۈزدۈڭ، ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»
7يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ:
«ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
8تۆتىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قۇياشنىڭ يۈزىگە تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن قۇياش ئىنسانلارنى ئوتتەك قىزىقى بىلەن كۆيدۈرىدىغان بولدى. 9ئىنسانلار دەھشەتلىك ئىسسىقتا ئۆرتەندى. بىراق ئۇلار توۋا قىلىش ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قارغاشتى.
10بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلىدى. 11ئۇلار يارىلىرىنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن ئەرشتىكى خۇدانى قارغاشتى. ئۇلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى.
12ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرۇدى. شۇنىڭ بىلەن كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى. 13شۇنىڭدىن كېيىن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ يامان روھنى كۆردۈم. 14بۇلار كارامەت كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدە بولىدىغان جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.
15ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «دىققەتلىك بولۇڭلار، ئوغرى كەلگەندەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇستا قالماسلىقى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»
16ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.
17يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى. 18شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك قاتتىق تەۋرىدىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى يەر-زېمىن بۇنداق قاتتىق تەۋرەپ باقمىغانىدى. 19كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. 20پۈتۈن ئاراللار غايىب بولدى، تاغلار يوقالدى. 21ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى 45 كىلو كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى.
17
داڭلىق پاھىشە
1يەتتە چىنىگە ئىگە بولغان يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا:
_ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇنلىغان ئېقىنلارنىڭ بويىدا ئولتۇرغان داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. 2دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، _ دېدى.
3ئۇنىڭدىن كېيىن پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. بۇ چاغدا مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن بەدىنىنى كۇپۇر ئىسىملار قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. 4ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، گۆھەر ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. 5پېشانىسىگە «كاتتا بابىل، يەنى پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق ئىسىم يېزىلغانىدى. 6مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ، يەنى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. 7پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى:
_ نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. 8سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.
9بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت كېرەك. ئۇ ئايال ئولتۇرغان دىۋىنىڭ يەتتە بېشى يەتتە تاغقا، يەنى يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10يەتتە پادىشاھنىڭ بەشى بۇرۇن ئاغدۇرۇلغاندۇر، بىرى ھازىر بار، يەنە بىرى تېخى دۇنياغا كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە ئازلا ۋاقىت پادىشاھ بولۇپ تۇرالايدۇ. 11بۇرۇن بولغان، لېكىن ھازىر بولمىغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھتۇر. لېكىن ئۇ يەتتە پادىشاھ قاتارىدا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.
12سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇلارغا دىۋە بىلەن بىرگە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. 13بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ. 14دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.
15پەرىشتە ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:
_ سەن پاھىشە ئايالنىڭ ئېقىن بويىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردۈڭ. سەن كۆرگەن ئۇ ئېقىن بولسا خەلقلەر، قوۋملار، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 16سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، گۆشىنى يەيدۇ ۋە ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 17خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بىرلىككە كېلىدۇ. 18سەن كۆرگەن ئايال دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر بابىلدۇر.
18
بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى
1ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇدى. 2پەرىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى:
«گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!
ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى،
ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى،
ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.
3چۈنكى ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر
ئۇنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن.
زىنا قىلىشتى ئۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى،
بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى
ئۇنىڭ زىيادە بايلىقىدىن.»
4ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:
«ئەي خەلقىم، ئۇ يەردىن چىقىڭلار!
بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا،
ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
5چۈنكى پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى،
خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى.
6ياندۇرۇڭلار مۇۋاپىق ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغانلىرىغا،
قوشلاپ قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا.
سۇنۇڭلار ئىككى ھەسسە تولدۇرۇپ،
ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.
7ئۇ ئەيش-ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسا قانداق،
بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەمنى شۇنداق.
چۈنكى ئۇ ماختىنىپ دەيدۇ ئۆز كۆڭلىدە:
‹ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە،
تۇل ئەمەسمەن، تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!›
8بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت،
يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم
كېلىدۇ بىر كۈن ئىچىدە ھەممىسى.
ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە.
چۈنكى سوراق قىلىدۇ ئۇنى
قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»
9ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى كۆيدۈرگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. 10ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر!
ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر!
تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»
11دۇنيادىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى، 12يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، ئۈنچە-مەرۋايىت، ئېسىل زىغىر رەخت، سۆسۈن تاۋار-دۇردۇن، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەر تۈرلۈك خۇشبۇي ياغاچلار، پىل چىشى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، 13شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، دورا-دەرمەك، ئىسرىق، مۇرمەككى، مەستىكى رۇمى، شاراب، زەيتۇن يېغى، سۈپەتلىك ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە قۇللىرىنى، يەنى ئادەملىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. 14بۇ سودىگەرلەر بابىلغا:
«سەن مەستانە بولغان ئېسىل نەرسىلەر سەندىن كەتتى،
پۈتۈن ئېسىل مال-دۇنيالىرىڭ غايىب بولدى.
سەن ئۇلارنى ئەمدى تاپالماسسەن» دەيدۇ.
15بابىلدا بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:
16«ئىسىت، ئىسىت كاتتا شەھەر!
ئورالغانىدىڭ ئېسىل زىغىر رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا،
كۆمۈلگەنىدىڭ ئالتۇن، گۆھەر ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارغا!
17بەربات بولدۇڭ شۇنچە كاتتا بايلىقلار بىلەن بىر سائەت ئىچىدىلا.»
كېمە باشلىقلىرى، كېمىدىكى يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلار يىراقتا تۇرۇپ، 18ئۇنى كۆيدۈرگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: «بۇ كاتتا شەھەرگە تەڭ كېلىدىغان يەنە بىر شەھەر بارمۇ؟» دەپ پەرياد قىلىشىدۇ. 19ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ:
«ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر!
بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن كېمىسى بارلار دېڭىزدا،
ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»
20«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر،
خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن!
چۈنكى خۇدا جازالاپ ئۇنى،
ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»
21ئاندىن كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى:
«تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن كاتتا شەھەر بابىل،
كۆرۈنمەيدۇ قايتا.
22ئەمدى ئاڭلانمايدۇ سەندە
چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، نەيچىنىڭ، كانايچىنىڭ ئاۋازى.
ئەمدى تېپىلمايدۇ سەندە ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن.
ئەمدى ئاڭلانمايدۇ سەندە ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ.
23ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى سەندە،
ئاڭلانمايدۇ ئەمدى سەندە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى.
دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ،
سېنىڭ سېھىرىڭ بىلەن ئازدى پۈتۈن خەلقىئالەم.
24تۆكۈلدى سەندە قانلىرى
پەيغەمبەرلەرنىڭ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.»
19
ئەرشتىكى ھەمدۇسانالار
1شۇنىڭدىن كېيىن ئەرشتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋارقىراشقىنىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:
«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.
2چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر.
ئۇ يەر يۈزىنى زىنا قىلىپ بۇلغىغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ،
ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قانلىق قىساسىنى ئالدى» دېيىشەتتى.
3ئۇلار يەنە:
«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
پاھىشىنى كۆيدۈرگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى
مەڭگۈ پۇرقىرايدۇ!» دېيىشتى.
4يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
5ئۇنىڭدىن كېيىن تەختتىن مۇنداق دېگەن بىر ئاۋاز كەلدى:
«ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى،
ئەي خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئۇنىڭ پۈتكۈل چوڭ كىچىك خىزمەتكارلىرى، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار!»
قوزىنىڭ توي زىياپىتى
6ئاندىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىغا، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىگە ئوخشايدىغان بىر ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:
«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
7شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلايلى!
ئۇنى ئۇلۇغلاپ مەدھىيەلەيلى!
چۈنكى قوزىنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى،
قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى.
8ئۇنىڭ كىيىشى ئۈچۈن يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن پاكىز تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى.
(ئېسىل زىغىر رەخت خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)
9ئاندىن پەرىشتە ماڭا:
_ بۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!» _ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە:
_ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، _ دېدى.
10ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن ئۇ:
_ ھەرگىز بۇنداق قىلما! مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ۋە ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغا سەجدە قىل! چۈنكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنىڭ ماھايىتى ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر، _ دېدى.
ئاق ئاتقا مىنگۈچى
11ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە بىر ئاق ئاتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئاتنىڭ ئۈستىدە بىرسى بولۇپ، ئۇ «ئىشەنچلىك» ۋە «ھەق» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ ئادالەتكە تايىنىپ ھۆكۈم قىلاتتى ۋە جەڭ قىلاتتى. 12ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بېشىدا نۇرغۇن تاجى بار بولۇپ، بەدىنىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغانىدى. 13ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن تون كىيگەن بولۇپ، ئاتاق ئىسمى «خۇدانىڭ كالامى» ئىدى. 14ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن پاك ۋە ئاپئاق تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 15ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىلىچ بىلەن ھەرقايسى ئەللەرگە زەربە بېرىدۇ. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدۇ. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ئېزىدۇ. 16ئۇنىڭ تونىغا ۋە يوتىسىغا «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن ئاتاق ئىسمى يېزىلغانىدى.
17ئاندىن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! 18پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە چەۋەندازلارنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.
19ئۇنىڭدىن كېيىن دىۋىنىڭ، دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئات مىنگۈچى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى كۆردۈم. 20دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغانلارنى، ھەمدە دىۋىنىڭ بۇتىغا چوقۇنىدىغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. 21ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن چېپىلدى. پۈتۈن ئۇچار قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشىنى يەپ تويدى.
20
مىڭ يىل
1ئۇنىڭدىن كېيىن قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچىنى ۋە يوغان بىر كىشەننى تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 2بۇ پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى. 3ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىدى. ئاندىن ھاڭنىڭ ئاغزىنى يېپىپ پېچەتلىدى. مىڭ يىل توشقاندىن كېيىن، ئەجدىھا چوقۇم ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىدۇ.
4ئاندىن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇتىغا چوقۇنمىغانلار، شۇنداقلا دىۋىنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى. 5بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيتتى. 6دەسلەپكى تىرىلىشتىن بەھرىمەن بولغانلار خۇداغا ئاتالغانلاردۇر ھەم ئۇلار بەختلىكتۇر. ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ روھانىيلىرى بولىدۇ ۋە مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.
شەيتاننىڭ مەغلۇپ بولۇشى
7مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن قويۇپ بېرىلىدۇ. 8ئۇ يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەرنى، يەنى گوگ بىلەن ماگوگنى* ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلايدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىزدۇر. 9ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى قورشاۋغا ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۈل قىلىدۇ. 10ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلاندى. دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەرمۇ شۇ كۆلگە تاشلانغانىدى. ئۇلار ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.
ئاخىرقى ھۆكۈم
11ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ بىر ئاق تەختنى ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى. 12مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. ئۇلار كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. تىزىم دەپتەرلىرى ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر دەپتەرمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر تىزىم دەپتەرلىرىگە خاتىرىلەنگەن ئەمەللىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىندى. 13دېڭىز ئۆزىنىڭ قوينىدىكى ئۆلۈكلەرنى، شۇنداقلا ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر ماكانىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قوينىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 14ئاندىن ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا بۇ ئوت دېڭىزى ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر. 15نامى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
21
يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىن
1ئاندىن يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. 2مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتى ئۈچۈن پەردازلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر،
خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ.
خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ،
4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ.
ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ،
نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ،
چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»
5بۇ چاغدا تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «قارا، مەن ھەممىنى يېڭىلاۋاتىمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە راستتۇر» دېدى. 6ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمەلگە ئاشتى. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. 7غەلىبە قىلغۇچىلار ھەممىگە ۋارىس بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. 8لېكىن قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، ئىپلاس، قاتىل، ٪٪ زىناخور ٪ بۇزۇق ٪ جىنسىي ئەخلاقسىز٪٪ ، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارنىڭ تەقدىرى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدە بولىدۇ. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»
يېڭى يېرۇسالېم
9ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا:
_ كەل، قوزىغا ھەمراھ بولىدىغان قىزنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، _ دېدى.
10مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئاندىن پەرىشتە مېنى چوڭ ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە ماڭا مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 11شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئېسىل گۆھەرنىڭ، قىزىل ھېقىقتەك يالتىرىغان خىرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. 12شەھەرنىڭ قېلىن ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە باقاتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. 13شەرقتە ئۈچ دەرۋازا، غەربتە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇبتا ئۈچ دەرۋازا ۋە شىمالدا ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. 14شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى.
15ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ۋە سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى. 16شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىدى. ھەربىر تەرىپى 2200 كىلومېتىر كەلدى. شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىدى. 17پەرىشتە سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئۇ ئىشلەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىگۈچى بويىچە يەتمىش مېتىر كەلدى. 18سېپىل قىزىل ھېقىقتىن، شەھەر ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەينەكتەك سۈزۈك ئىدى. 19شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇلى ھەر خىل گۆھەرلەر بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش قىزىل ھېقىق، ئىككىنچى ئۇل تاش كۆك ياقۇت، ئۈچىنچى ئۇل تاش ھېقىق، تۆتىنچى ئۇل تاش زۇمرەت، 20بەشىنچى ئۇل تاش يوللۇق ھېقىق، ئالتىنچى ئۇل تاش قىزىل كۋارتس، يەتتىنچى ئۇل تاش سېرىق ياقۇت، سەككىزىنچى ئۇل تاش دېڭىزدەك كۆك ياقۇت، توققۇزىنچى ئۇل تاش توپاز، ئونىنچى ئۇل تاش يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچى ئۇل تاش سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچى ئۇل تاش سۆسۈن كۋارتس بىلەن بېزەلگەنىدى. 21ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ساپ ئالتۇندىن بولۇپ، ئەينەكتەك سۈزۈك ئىدى.
22شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەن. 23شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز ئىكەن، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتىدىكەن. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى ئىكەن. 24خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدىكەن. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ بايلىقلىرى بىلەن ئۇ يەرگە كېلىدىكەن. 25شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدىكەن، ھەرگىز تاقالمايدىكەن، چۈنكى ئۇ يەردە كېچە بولمايدىكەن. 26ھەرقايسى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئۇ يەرگە شانۇشەۋكەت بىلەن ئېلىپ كېلىدىكەن. 27ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدىكەن. پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدىكەن.
22
1ئۇنىڭدىن كېيىن پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن باشلانغان ۋە خىرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. 2شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى. 3بۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەردە خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدىغان ئىش بولمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ. 4ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ. 5بۇ شەھەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ. 6پەرىشتە ماڭا:
_ بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە راستتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى. ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىدۇ، _ دېدى.
ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشى
7ئەيسا مەسىھ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ماڭا قارا، مەن پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ يازمىدىكى بېشارەتلىك سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!
8بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇ ئىشلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدۇم. 9لېكىن ئۇ ماڭا:
_ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ يازمىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغا سەجدە قىل! _ دېدى. 10ئۇ ماڭا يەنە:
_ بۇ يازمىدىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى مەخپىي تۇتما، چۈنكى بۇ ئىشلار يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدۇ. 11يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقىنى قىلىۋەرسۇن، پەسكەشلەر پەسكەشلىكىنى قىلىۋەرسۇن، ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، خۇداغا ئاتىلىپ پاك بولغانلار پاكلىقتا ياشاۋەرسۇن، _ دېدى.
12ئەيسا مەسىھ ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:
_ ماڭا قارا، مەن پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىمەن. 13باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش، تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن.
14پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
_ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 15پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، جىنسىي ئەخلاقسىزلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، سۆزى ۋە ھەرىكىتىدە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلار شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
16_ مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىگە بۇ ئىشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن، _ دېدى ئەيسا مەسىھ.
17مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز:* «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغانلارمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغانلار كەلسۇن، كىم خالىسا، شۇ ھەقسىز ھاياتلىق سۈيىدىن ئىچسۇن!
خاتىمە
18مەنكى يۇھاننا بۇ يازمىدىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى، كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ يازمىدا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى بېرىدۇ. 19كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك يازمىدىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدا ئۇنىڭ بۇ يازمىدا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىكى ۋە مۇقەددەس شەھەردىكى نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
20مانا بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ:
_ شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!
_ ئامىن، كەل، يا رەببىم ئەيسا!
21رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە يار بولغاي، ئامىن!
1: 4 _ 5 «يەتتە» دېگەن ساننىڭ كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، «يەتتە روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.
1: 10 رەبنىڭ كۈنى _ ھەپتىنىڭ باشلىنىش كۈنىنى، يەنى يەكشەنبە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈندە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن.
2: 1 ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ باشلامچىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
2: 6 بۇ ئادەم بۇتپەرەسلىك ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلساقمۇ، يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ تەرغىب قىلاتتى.
3: 7 ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
3: 14 «ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى «شۇنداق بولسۇن» بولۇپ، بۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ بارلىق ۋەدە ۋە پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
5: 8 چىلتار _ بىر خىل تارلىق چالغۇ ئەسۋاب.
9: 1 تېگى يوق ھاڭ _ جىنلار قامىلىدىغان يەر.
12: 14 بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل _ ئۈچ يېرىم يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
14: 19 يىغىلغان مېۋىلەرنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىگە تاشلىنىشى خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
20: 8 گوگ بىلەن ماگوگ _ خۇدانىڭ ئەزىز خەلقىگە شەيتاننىڭ باشچىلىقىدا ھۇجۇم قىلىدىغان دۈشمەنلەردۇر.
22: 17 قىز _ ئېتىقادچىلار جامائىتىنى كۆرسىتىدۇ. 19: 7-، 8-ئايەتلەرگە قارالسۇن.
