تىتۇسقا يېزىلغان خەت
1
1خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم. 2بۇ ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان. 3خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى ماڭا ئەمر قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇردى.
4خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئورتاق ئېتىقادىمىز يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
تىتۇسنىڭ كرىت ئارىلىدىكى خىزمىتى
5بۇرۇن ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنى، يەنى ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ۋە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن سېنى كرىت ئارىلىدا قالدۇردۇم. 6يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولسۇن. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى ۋە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان بولسۇن. 7ئېتىقادچىلار جامائىتىگە باشلامچى بولىدىغان كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبسىز بولسۇن، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، شارابخور، زوراۋان، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىسۇن. 8ئەكسىچە مېھماندوست، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئادىل، پاك ۋە تەمكىن بولسۇن. 9ئۇ ئۆگەنگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ.
10ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ. 11مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا. 12كرىت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى: «كرىتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ، ئۇلار ۋەھشىي ھايۋانلاردۇر، شۇنداقلا ھۇرۇن ۋە نان قېپىلاردۇر» دېگەن. 13بۇ سۆز راستتۇر. شۇڭا كرىتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغىن. 14ئۇلار بىمەنە يەھۇدىي ئەپسانىلىرىگە ۋە ھەقىقىي تەلىمدىن چەتنىگەنلەرنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇلاق سالمىسۇن. 15پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغانغاندۇر. 16ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ سالسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئارقىلىق خۇدانى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.
2
توغرا تەلىمگە لايىق ياشاش
1لېكىن سەن توغرا تەلىمگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتكىن. 2ياشانغان ئەرلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ساپ ئېتىقادلىق، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولسۇن. 3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارمۇ يۈرۈش-تۇرۇشتا خۇداغا ئىخلاسمەنلەرگە لايىق، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان ۋە شارابقا بېرىلمەيدىغان بولسۇن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. 4شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاياللار ياش ئاياللارنى ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، 5ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، پاك، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر، مېھرىبان ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق بولسا، خۇدانىڭ سۆزى باشقىلار تەرىپىدىن قارىلانمايدۇ.
6ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. 7ئۆزۈڭمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۇلارغا ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ياخشى ئۈلگە بولغىن. تەلىم بەرگەندە دۇرۇس ۋە سالماق بولغىن، 8ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيىلىدۇ.
9-10قۇللارغا ھەرقانداق ئىشتا خوجايىنلىرىغا بويسۇنسۇن. ئۇلار گەپ ياندۇرمىسۇن، ئوغرىلىق قىلمىسۇن ۋە ھەممە ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خوجايىنلىرىنى خۇرسەن قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان خۇدا ھەققىدىكى تەلىملەر تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.
11ھازىر خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى. 12بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھتىن ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن قول ئۈزدۈرۈپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. 13بۇ ئارىدا بىز قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئۇلۇغ خۇدايىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز. 14ئەيسا مەسىھ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن خالى قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ئۇ بىزنى پاكلاپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلدى.
15سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئۆگەتكىن، ئۇلارغا ئىلھام بەرگىن ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەتكىن. ھېچكىمنىڭ سېنى كەمسىتىشىگە يول قويمىغىن.
3
ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەتكە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قانداق ياخشى ئىش بولسا، شۇنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. 2ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ھەقىقىي كەمتەر بولسۇن.
3بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قۇل بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچ كىشىلەر ئىدۇق. 4لېكىن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بىزگە مېھرىبانلىقىنى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق نامايان قىلىپ، 5بىزنى قۇتقۇزدى. بۇ قۇتۇلۇش بىزنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە رەھىم-شەپقەت قىلغانلىقىدىن، شۇنداقلا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرگەنلىكىدىن بولدى. 6خۇدا قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى كەڭچىلىك بىلەن ئاتا قىلدى. 7شۇنداق قىلىپ، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. 8بۇ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر، ئۇلارنى تەكىتلىگىن. شۇنداق قىلساڭ، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار دائىم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ سۆزلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.
9ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلانغىن. چۈنكى بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر. 10شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرغىن. بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭنى ئۈزگىن. 11بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
12ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن. 13قانۇنشۇناس زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە ئىمكانقەدەر ياردەمدە بولغىن. ئۇلارنىڭ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ھەل قىلىپ بەرگىن. 14ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلىسۇن. شۇنداق قىلسا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ. 15يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقىن. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
