تارىخلار 2

1

پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلىشى

1داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.

2سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ، 3ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى. 4(داۋۇت بۇرۇن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان چېدىرغا يۆتكەپ ئەكەلدۈرگەنىدى.) 5ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 6سۇلايمان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياق مال كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 7شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى:

_ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.

8سۇلايمان جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئاتام داۋۇتقا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ھەمدە مېنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلىپ، 9مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 10ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟

11خۇدا سۇلايمانغا:

_ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن، 12مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

13شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان گىبئونغا جايلاشقان سەجدىگاھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

14پادىشاھ سۇلايمان ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى توپلىدى. ئۇنىڭ توپلىغان جەڭ ھارۋىلىرى 1400، ئاتلىرى 12 مىڭ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 15پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. 16پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. 17مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى 7 كىلو 200 گىرام كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى 1 كىلو 800 كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.

2

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىشى

1سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوردا سالدۇرۇش قارارىغا كەلدى. 2سۇلايمان تاغدا تاش قېزىش ئۈچۈن 80 مىڭ ئادەم، يۈك توشۇش ئۈچۈن 70 مىڭ ئادەم ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 3600 ئادەم تاللىدى. 3سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

 

«سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا. 4ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر. 5مەن سالماقچى بولغان بۇ ئىبادەتخانا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز بارلىق بۇت ئىلاھلاردىن بۈيۈكتۇر. 6ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك مەن كىم ئىدىم؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاشتۇر، خالاس.

7ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن. 8لىۋاندىن كېدىر، قارىغاي ۋە ئېسىل ياغاچلارنى ئەۋەتسىلە. سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋان تېغىدا دەرەخ كېسىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئەۋەتىمەن. 9مەن ياسايدىغان ئىبادەتخانا بەك ھەشەمەتلىك بولىدىغان بولغاچقا، ئىبادەتخانىغا ناھايىتى كۆپ ياغاچ ئىشلىتىلىدۇ. 10مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1600 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1200 توننا ئارپا، 440,000 لىتىر شاراب ۋە 440,000 لىتىر زەيتۇن يېغى بېرىمەن.»

 

11تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى:

 

«پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. 12پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. پادىشاھ ئۇ داۋۇتنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

13مەن سىلىگە ھۇرام ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە چېۋەر بىر ئۇستامنى ئەۋەتەي. 14ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىدىن، ئاتىسى تىرلىقتۇر. ھۇرام ئويمىچىلىققا، لايىھەلەشكە، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، تاش، ياغاچتىن نەرسە ياساشقا، ئېسىل زىغىر رەختلەرنى سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەشكە ماھىردۇر. ئۇ ئاتىلىرى داۋۇتنىڭ ئۇستىلىرى ۋە باشقا ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىسە بولىدۇ.

15سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە. 16بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن ياففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ئۇ ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.»

 

17سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى. 18ئۇ بۇلاردىن 80 مىڭ ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70 مىڭ ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە تاللىدى.

3

ئىبادەتخانىنىڭ سېلىنىشى

1سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى. 2سۇلايمان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى* قۇرۇلۇشنى باشلىدى.

3ئۇ ياساتماقچى بولغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى. 4ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر، ئېگىزلىكى 60 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى. 5ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى. 6سۇلايمان ئىبادەتخانىنى گۆھەر، شۇنداقلا پارۋايىمدىن ئەكەلدۈرگەن ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. 7ئىبادەتخانىنىڭ لىم ياغاچلىرى، بوسۇغىلىرى، تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، تېمىغا كېرۇبلارنىڭ شەكلىنى ئويدۇردى.

8سۇلايمان ئەڭ مۇقەددەس خانىنىمۇ ياساتقۇزدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكىمۇ 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خانىنىڭ ئىچىنى 21 توننا ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. 9قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. 10سۇلايمان يەنە ئىككى دانە كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 11‏-12ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 10 مېتىر بولۇپ، ھەربىر قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىر ئىدى. ھەربىر كېرۇبنىڭ بىر تەرەپتىكى قانىتى ئىبادەتخانا تېمىغا تېگىپ تۇرغان بولۇپ، يەنە بىر قانىتى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 13ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس خانىغا يانمۇيان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، يېيىلغان قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئىدى. 14سۇلايمان يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەتتى.

15سۇلايمان يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى تۈۋرۈك ئورناتقۇزدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۈۋرۈك بېشىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر ئىدى. 16ئۇ يەنە زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك بېشىغا ئاستۇردى. 100 دانە ئانار ياسىتىپ، زەنجىرنى بېزەتكۈزدى. 17بۇ تۈۋرۈكلەر ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بەردى.

4

ئىبادەتخانىنىڭ بۇيۇملىرى

1سۇلايمان يەنە قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ، تۇچ بىلەن قاپلانغانىدى. 2ئۇ يەنە دىيامېتىرى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدۇردى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى. 3تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر مېتىر ئارىلىقتا يىگىرمە دانە بۇقىنىڭ شەكلى بار ئىدى، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىرگە قۇيۇلۇپ چىقىلغانىدى. 4داڭقان 12 دانە تۇچ بۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچ تەرەپكە قارايتتى. 5داڭقاننىڭ قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم نېلۇپەر گۈلىنىڭ بەرگىگە ئوخشايتتى. داڭقانغا 66 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى.

6سۇلايمان يەنە ئون دانە داس ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدۇردى. ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. تۇچ داڭقاندا روھانىيلار پۇت-قولىنى يۇياتتى.

7سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. 8ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى.

9سۇلايمان روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى. 10داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى.

11ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈردى. 12ئۇ ياسىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

 

ئىككى تۈۋرۈك،

تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى،

كومزەك شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،

13تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.)

14ھارۋىلار، ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدىكى تۇچ داسلار،

15داڭقان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

16كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە ئارىلار.

 

ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. 17بۇ نەرسىلەرنى پادىشاھ ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، يەنى سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇردى. 18سۇلايمان ياساتقان بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.

19سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

 

ئالتۇن ئىسرىقدان،

خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەلەر،

20ئالتۇن چىراغدانلار ۋە چىراغلار، (قائىدە بويىچە بۇ چىراغلار ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرىدۇ.)

21ئالتۇن چىراغدانلارنىڭ گۈل شەكىللىك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلار، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار،

22ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار ھەمدە

ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئالتۇن ئىشىكلىرى.

5

1شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.

ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى

2پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. 3شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.

4‏-5ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. 6پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

7ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 8كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 9ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا، يەنى ئاساسىي خانىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئەھدە ساندۇقى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. 10ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.

11روھانىيلار ئىبادەتخانىدىن قايتىپ چىقىشتى. ئۇلار مەيلى قايسى توپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى. 12ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن، ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى، يەنى نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى. 13نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى. 14ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغاچقا، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا قايتا كىرەلمەي، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى.

6

سۇلايماننىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

1بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. 2بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن، _ دېدى.

3ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

4_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. 5ئۇ ئاتامغا: «مەن خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىغانىدىم. 6ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 7ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتى بار ئىدى. 8ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، 9لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. 10ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. 11ئىبادەتخانىغا ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.

ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

12‏-13پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تۇچتىن بىر سۇپا ياساتتى. ئۇ سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، 14مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن. 15سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.

16ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش قانۇنۇمغا ئەمەل قىلسا، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن! 18ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟ 19شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! 20سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! 21مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

22ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، 23سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

24خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھ تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە ۋە كېيىن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، 25سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.

26خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئاسمان يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلىسا ۋە گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزسە، 27دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

28ئەگەر ئىسرائىللار زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ۋابا تارقالسا، زىرائەتلەر قۇرۇپ ياكى سېسىپ كەتسە، قۇرت چۈشۈپ، چېكەتكە يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر شەھەرلەرنى قورشىۋالسا، يەنى مەيلى ئىسرائىللار قانداق كېسەل ياكى ئاپەتكە دۇچار بولسا، 29ئۇلار بۇ ئاغرىق ۋە ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا، 30سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. 31شۇندىلا ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئۆمۈر بويى ساڭا ئىخلاس قىلىپ، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭىدۇ.

32ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن بولمىغان يات خەلقلەرمۇ ئۇلۇغ نامىڭنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ياراتقان مۆجىزىلەرنى بىلىپ، يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا، 33سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ساڭا ئىخلاس قىلىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

34ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار شۇ يەردىن سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، 35سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.

36ئۇلار ساڭا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن باشقا ئەلگە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، 37ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، 38ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنغان يات ئەلدە چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، 39سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدىن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن ۋە ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن.

40ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.

 

41ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا،

يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا.

كىرگەيسەن ئۇ يەرگە قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان

ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن،

تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.

42ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى،

ئەسكە ئالغىن خىزمەتكارىڭ داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

7

1سۇلايمان دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىغا تولدى. 2ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانلىقى ئۈچۈن، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرەلمەي قالدى. 3بارلىق ئىسرائىللار ئاسماندىن ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلىنىپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.

ئىبادەتخانىدا قىلىنغان تۇنجى قۇربانلىقلار

4ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى. 5پادىشاھ سۇلايمان 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى. 6روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالدى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇشتى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى. 7سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى. شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.

8شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار ناھايىتى زور جامائەت بولدى. پادىشاھ سۇلايمان ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 9ئەتىسى يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى. 10شۇ كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى* سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.

پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە زاھىر بولۇشى

11پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى پۈتتۈردى. ئۇ ئىبادەتخانا ۋە ئوردا قۇرۇلۇشىدا ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى. 12پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر كۈنى كەچتە زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ جاينى ئۆزۈمگە قۇربانلىق قىلىدىغان ئۆي قىلىپ بەلگىلىدىم. 13ئەگەر مەن ئاسمانلارنى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمىسام ياكى چېكەتكە ئەۋەتىپ، زېمىندىكى زىرائەتلەرنى يېگۈزسەم ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا چۈشۈرسەم، 14ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقىم گۇناھىنى تونۇپ، يامان يولىدىن يېنىپ، دىدارىمغا ئىنتىلىپ، دۇئا قىلسا، مەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، زېمىنىغا شاپائەت ياغدۇرىمەن. 15مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىمنى ئوچۇق قىلىمەن. 16مەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. 17ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا دۇرۇس ئىش قىلساڭ، ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، 18ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

19ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنساڭلار، 20مەن سىلەرنى ئۆزۈم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن. ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ نەزىرىمدىن يىراق قىلىمەن. ھەتتا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالدۇرىمەن. 21ئىبادەتخانا ۋەيران بولىدۇ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران بولۇشۇپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. 22باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.

8

پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرام بەرگەن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا ئىسرائىللارنى ئورۇنلاشتۇردى. 3سۇلايمان خامات-زوباھ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. 4ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور شەھىرىنى ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى. 5پادىشاھ سۇلايمان ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە سېپىللارغا دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى. 6ئۇ يەنە بائالات شەھىرىنى قۇردى، شۇنداقلا ئامبار سېلىش، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەممە يەرلەردە نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدى.

7ئىسرائىل زېمىنىدا ئىسرائىللاردىن بولمىغان خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياشايتتى. 8ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە. 9لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللارنى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاشارغا سالماي، ئۇلارنى ئۆزىگە لەشكەر، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ لەشكەرلىرى قىلدى. 10پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلقلەرنى نازارەت قىلىدىغان 250 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.

11سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلىنىدىغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ» دەپ قارىغانىدى.

12سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى ئالدىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 13مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى. 14سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى. 15پادىشاھ داۋۇتنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى. 16سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل قويغاندىن تارتىپ تاكى قۇرۇلۇش تاماملانغۇچە بولغان پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى پۈتتى.

17شۇ چاغلاردا سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزيون-گەبەر ۋە ئېلاتقا باردى. 18پادىشاھ ھىرام ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايماننىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەردىن پادىشاھ سۇلايمانغا 15 توننا ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.

9

شىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى

1شىبانىڭ* ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. 2سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى. 3شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىنى، ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلارنى، 4شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە 5پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ مەن مەملىكىتىمدە سىلىنىڭ دانالىقلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. 6مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 7ئادەملىرىڭىز نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەمەلدارلىرىڭىز ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 8پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.

9شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.

10(بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ ھىرامنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان ئادەملىرى يەنە ئېسىل ياغاچ ۋە گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 11پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم نەغمىچىلەر ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.)

12پادىشاھ سۇلايمان شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنىدىن زىيادە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.

پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى

13پادىشاھ سۇلايمانغا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. 14بۇلاردىن سىرت، سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىنمۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى. 15پادىشاھ سۇلايمان ياغاچتىن ئىككى يۈز دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىنى 7 كىلو 200 گىرام ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 16ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالتۇندىن ئۈچ يۈز دانە كىچىك قالقان ياساتتى، ھەربىرى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئورۇنلاشتۇردى. 17سۇلايمان يەنە ئۆزىگە چوڭ بىر تەخت ياسىتىپ، ئۇنى پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتتى. 18تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 19پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەشتىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.

20پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچىلىرى ۋە «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغانىدى. چۈنكى سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. 21پادىشاھ سۇلايماننىڭ كېمىلىرى بىلەن پادىشاھ ھىرامنىڭ دېڭىزچىلىرى بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئېلىپ كېلەتتى. 22پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 23دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى: «سۇلايماننى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. 24ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

25پادىشاھ سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن 4 مىڭ ئاتخانىسى ۋە 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەردە، يەنە بىر قىسمى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمدا ئىدى. 26سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. 27پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. 28سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلەتتى.

29پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى»گە، «شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى»گە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو يازغان «نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدىكى ۋەھىينامە»گە پۈتۈلگەندۇر. 30سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. 31سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

10

شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. 2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى. 3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىخوبئامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:

4_ ئاتىلىرى سۇلايمان يەلكىمىزگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان بۇ ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، ھاياتىمىزنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى. 5رىخوبئام:

_ سىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.

6پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:

_ بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى. 7مويسىپىتلار:

_ ئەگەر سىلى بۇ كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9_ كىشىلەر ماڭا: «ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان ئېغىر يۈكلەرنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا قانداق جاۋاب بەرسەك بولار، سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى. 10رىخوبئام بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ياشلار:

_ بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى يەلكىمىزدىكى يۈكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! 11ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

12ياروبئام ۋە خەلق پادىشاھ رىخوبئامنىڭ «ئۈچىنچى كۈنى كېلىڭلار» دېگەن سۆزى بويىچە، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 13پادىشاھ رىخوبئام ئۇلارغا كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئەمەس، 14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:

_ ئاتام سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15پادىشاھ رىخوبئام خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

_ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى. 18پادىشاھ رىخوبئام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ رىخوبئام ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى. 19شۇنىڭدىن بېرى شىمالدىكى ئىسرائىللار داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە.

11

1رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. 2بىراق پەرۋەردىگار شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

3_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە: 4«پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىشنى مەن قىلدىم› دەيدۇ» دېگىن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، ياروبئامغا قارشى ئۇرۇش قىلماي، قايتىپ كېتىشتى.

يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام

5رىخوبئام يېرۇسالېمدا ياشىدى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىدى. 6ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا، 7بەيتزۇر، سوكوھ، ئادۇللام، 8گات، مارېشا، زىف، 9ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا، 10زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى. 11رىخوبئام شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملەپ، سەركەردىلەرنى ئەۋەتتى. شەھەرلەرنى يېمەك-ئىچمەك، زەيتۇن يېغى، شارابلار بىلەن تەمىنلىدى. 12ھەرقايسى شەھەرگە قالقان ۋە نەيزىلەرنى توپلاپ، شەھەر مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدى.

13شىمالىي قەبىلىلەردىكى، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى روھانىيلار ۋە لاۋىيلار رىخوبئامنىڭ تەرەپدارلىرى بولدى. 14ئۇلار ھەتتا ئۆي ۋە زېمىنلىرىنى تاشلاپ، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. چۈنكى ياروبئام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ روھانىي بولۇپ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغانىدى. 15ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. 16شىمالىي قەبىلىلەردىكى پەرۋەردىگار خۇداغا چىن قەلبىدىن تەلپۈنىدىغانلار لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلالايتتى. 17ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامغا ئۈچ يىل سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇلار داۋۇت ۋە سۇلايمان ماڭغان يولدا ماڭدى.

18رىخوبئام داۋۇتنىڭ ئوغلى يىرىموتنىڭ قىزى ماخالاتقا ئۆيلەندى. ماخالاتنىڭ ئانىسى ئابىھايىل يىشاينىڭ ئوغلى بولغان ئەلىئابنىڭ قىزى ئىدى. 19ماخالات رىخوبئامغا يىئۇش، شىماريا، زاھام ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. 20كېيىن رىخوبئام ئابسالومنىڭ قىزى مائاكانى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شىلومىتنى تۇغدى. 21رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 ئايالى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام ئاياللىرى ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. 22شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئابىيانى شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلىدى. 23رىخوبئام ئاقىلانە ئىش قىلىپ، بەزى شاھزادىلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەرلىك تەمىناتقا ئىگە قىلدى ۋە ئۇلارغا ئايال ۋە توقاللارنى ئېلىپ بەردى.

12

مىسىرنىڭ يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشى

1رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 2پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھى شىشاقنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى، چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتىنى يوقاتقانىدى. 3شىشاق مىسىردىن 1200 جەڭ ھارۋىسى، 60 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر ۋە سان-ساناقسىز لىۋىيەلىكلەر، سۇكلار ۋە كۇشلارنى باشلاپ كەلگەنىدى. 4ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى.

5شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر پادىشاھ رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرگە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مەندىن ۋاز كەچكەچكە مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم.

6رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر.

7پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقانىكەن، مەنمۇ ئۇلارنى يوقاتمايمەن ۋە ئۇلارغا بىر ھاياتلىق يولى بېرىمەن ھەم غەزىپىمنى يېرۇسالېمغا شىشاق ئارقىلىق چاچمايمەن. 8لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ماڭا بويسۇنۇش بىلەن باشقا پادىشاھلارغا بويسۇنۇشنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى شىشاققا بويسۇندۇرۇپ بېرىمەن.

9مىسىر پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 10كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. 11پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، ياساۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قالقانلارنى يەنە قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

12رىخوبئام گۇناھلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىقىپ، ئۇنى ھالاك قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى بىرئاز ياخشىلاندى.

پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ۋاپات بولۇشى

13پادىشاھ رىخوبئام ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. 14رىخوبئام پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىدىن ئىنتىلمەي، يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 15پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر شىمايا پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. بۇ تەزكىرىلەر نەسەبنامىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 16رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئابىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

13

پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىسرائىلىيەنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىدىكى ئۇرىئېلنىڭ قىزى ئىدى.

ئابىيا بىلەن ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. 3ئابىيا 400 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن ھۇجۇمغا ھازىرلاندى. ياروبئام 800 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن سەپ تۈزۈپ، جەڭگە تەييار بولدى. 4ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار. 5ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 6نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ئەسلى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى ئىدى، لېكىن ئۇ خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلدى. 7ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مۇتتەھەملەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.

8ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا، سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟ 9سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلەرنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.

10بىزگە كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدۇق. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىيلىرىمىز يەنىلا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ. 11ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. 12خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.

13ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى. 14يەھۇدىيەلىكلەر ئالدى-ئارقىسىدا دۈشمەن بارلىقىنى بايقاپ، پەرۋەردىگاردىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياردەم تەلەپ قىلدى. روھانىيلار ھۇجۇم ئۈچۈن كاناي چالدى، 15يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتىپ، ئابىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. 16ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 17ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. 18شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەلىكلەر مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى.

19ئابىيا ياروبئامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، بەيتەل، يىشانا ۋە ئەفرون شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قولىغا كىرگۈزدى. 20ئابىيا ھايات ۋاقتىدا، ياروبئام كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلدى. 21ئابىيا بارغانسېرى كۈچلەندى، ئۇنىڭ 14 ئايالى، 22 ئوغلى ۋە 16 قىزى بار ئىدى.

22پادىشاھ ئابىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، سۆز ۋە ئەمەللىرى ئىددو پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر.

14

1ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ ئاسانىڭ كۇشنى مەغلۇپ قىلىشى

ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى. 2ئاسا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ھەم دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. 4پادىشاھ ئاسا يەنە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى. 5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى يوقاتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە پادىشاھلىقتا تىنچ-ئامانلىق بولدى.

6پادىشاھ ئاسا يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ يىللاردا ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى، ئۇرۇش بولمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانىدى. 7ئاسا يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:

_ بىز شەھەرلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سېلىپ، كۆزىتىش مۇنارلىرى ياساپ، دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىنتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ زېمىن يەنىلا بىزگە تەۋەدۇر. پەرۋەردىگار چېگرالىرىمىزنى ئامان قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.

8ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى. 9كۇشتىن كەلگەن زەراخ يۈز مىڭلىغان كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەنىڭ مارېشا شەھىرىگە يېقىنلاپ كەلدى. 10ئاسا لەشكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار مارېشا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى زىفاتا جىلغىسىدا سەپ تۈزۈشتى. 11ئاسا پەرۋەردىگار خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى:

_ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.

12شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى، كۇشلار قاچتى. 13ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى. 14گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. شۇڭا يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ئاسانلا ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئولجا ئېلىندى. 15ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋەتتى ۋە نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، تۆگىلەرنى ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى.

15

پادىشاھ ئاسانىڭ ئىسلاھاتى

1ئودېدنىڭ ئوغلى ئازارياغا خۇدانىڭ روھى چۈشتى. 2ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. 3ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇدادىن، تەلىم بېرىدىغان روھانىيلاردىن ۋە خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالدى. 4لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى.

5ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى. 6ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئازابلىغانىدى. 7لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر.

8پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئۆزى تارتىۋالغان ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى. 9ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيەگە كېلىپ، ئاساغا قوشۇلغان ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى. 10ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى 3-ئايدا* ئۇلار يېرۇسالېمدا يىغىلدى. 11ئۇ كۈنى ئۇلار ئولجا ئالغان چارۋا ماللار ئارىسىدىن 700 تۇياق كالا ۋە 7000 تۇياق قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 12ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىشتى. 13كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىسا، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى. 14ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەندە، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىشىپ، كاناي ۋە بۇرغا چېلىشتى. 15پۈتۈن خەلق بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا نامايان بولۇپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلدى.

16پادىشاھ ئاسا ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى* بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، پارچىلاپ، قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 17گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى. 18ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. 19ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 35-يىلىغىچە ئۇرۇش بولمىدى.

16

ئاسانىڭ ئارراملار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى

1يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەگە كىرىپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. 2شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدىن ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى:

 

3«ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن ئىتتىپاق تۈزگىنىدەك، بىزمۇ ئىتتىپاق تۈزەيلى. سىلىگە ئالتۇن-كۈمۈش ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»

 

4پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. 5پادىشاھ باشا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، راماھ شەھىرىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختاتتى. 6شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى ۋە بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

خانانىنىڭ ئاسانى ئەيىبلىشى

7شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. 8سىز دۇچ كەلگەن كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن چوڭ قوشۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەددى-ھېسابسىز جەڭ ھارۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى. 9پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.

10ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.

11پادىشاھ ئاسانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 12ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى ئېغىر پۇت ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ پەرۋەردىگاردىن شىپالىق تىلىمىدى، بەلكى تېۋىپلاردىنلا ياردەم تەلەپ قىلدى. 13ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 41-يىلى ۋاپات بولدى. 14خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلارنى ئىشلىتىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە قىيا تاشقا ئۆزى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان يېقىپ، تەزىيە بىلدۈردى.

17

يىھوشافاتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى

1پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى. 2يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىمنىڭ شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى. 3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولدى، چۈنكى ئۇ بائالغا چوقۇنماي، ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىدا ماڭدى. 4ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى. 5شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى. 6ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.

7يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى. 8لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يىھوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يىھورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. 9ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.

10يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 11بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى ئەكەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكە سوۋغا قىلدى. 12يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلەرنى قۇردى. 13يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى.

يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. 14بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 15ئىككىنچى تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 16ئۈچىنچى تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى. 17بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 18يەنە بىر تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 19يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيەنىڭ باشقا مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىمۇ لەشكەرلەرنى تۇرغۇزغانىدى.

18

ئارراملارغا قارشى ئۇرۇش

1يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى. 2بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ سامارىيەگە بېرىپ، ئاخابنى زىيارەت قىلدى. ئاخاب نۇرغۇن قوي ۋە كالا سويۇپ، ئۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخاب يىھوشافاتنى ئۆزى بىلەن بىرگە گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆندۈردى.

3ئاخاب يىھوشافاتتىن:

_ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات:

_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى دەپ بىلگەيلا. مەن سىلىگە جەڭدە ياردەمدە بولاي. 4لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن:

_ بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھۇجۇم قىلىشقايلا! خۇدا راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار. 6بىراق يىھوشافات:

_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

7_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ.

_ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.

8شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونلىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرۇشتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. 10پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.

11باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:

_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

12بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا:

_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى. 13لېكىن مىكايا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

14مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. شەھەر قوللىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا. 15لېكىن پادىشاھ:

_ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى. 16مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».

17ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، داۋاملىق يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى. 18مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 19پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. 20كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. 21ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.

22مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:

_ ئىشنىڭ جەريانى مانا مۇشۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگار سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:

_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى. 24مىكايا:

_ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

25شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىڭلار ۋە 26ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى. 27مىكايا:

_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.

28ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 29ئاخاب يىھوشافاتقا:

_ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەڭگە كىردى. 30ئاررام پادىشاھى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 31ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى. 32شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي، كېتىپ قېلىشتى. 33بىراق بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ:

_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايت، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

34ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا ئارراملارغا يۈزلىنىپ، چىداپ ئولتۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى.

19

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. 2خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ يىھوشافاتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز. 3لېكىن سىز بۇرۇن خۇداغا چىن قەلبىڭىز بىلەن ئىنتىلىپ، يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز.

يىھوشافاتنىڭ سوتچىلارنى تەيىنلىشى

4شۇنىڭدىن كېيىن يىھوشافات يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، بەئەرشەبادىن تاكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىغىچە باردى ۋە خەلقىنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. 5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سوتچىلارنى تەيىنلىدى 6ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىش بېجىرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭلار. چۈنكى سىلەر ئىنسان نامىدىن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. سىلەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭلاردا، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ. 7شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىك، تەرەپبازلىق ۋە پارىخورلۇق قىلىشقا يول قويمايدۇ.

8يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى. 9يىھوشافات ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان يۈرىكىڭلار، ساداقىتىڭلار ۋە پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. 10ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار مەيلى قاتىللىققا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان ۋە قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، ئالدىڭلارغا ئەرز ئېلىپ كەلسە، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن. بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە ھەم خەلققە چۈشىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيىبسىز بولىسىلەر. 11ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.

20

يىھوشافاتنىڭ غەلىبىسى

1كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. 2خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى.

3قورقۇپ كەتكەن يىھوشافات پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى. 4پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى. 5يىھوشافات پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا يېرۇسالېم خەلقىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، 6مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

_ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. 7ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىپ، دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟! 8سېنىڭ خەلقىڭ بۇ زېمىندا ياشاپ، سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس ئىبادەتخانا بەرپا قىلدى. 9ئۇلار: «ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى ۋابا ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەلۇم بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، يەنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، ساڭا نىدا قىلساق، سەن نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟!

10سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئۇلارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدىڭ. شۇڭا ئۇلار بۇ خەلقلەرنى يوقىتالمىدى، پەقەت زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى. 11لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. 12ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.

13يەھۇدىيە ئەرلىرى بالىچاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى. 14پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەت ئارىسىدا تۇرغان ياخازىئېلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ياخازىئېل لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ زىكىرىيانىڭ ئوغلى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، يىئىئېلنىڭ ئەۋرىسى، ماتتانيانىڭ چەۋرىسى ئىدى. 15ياخازىئېل مۇنداق دېدى:

_ ئەي پادىشاھ يىھوشافات، يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر. 16ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. سىلەر دۈشمەن بىلەن زىس جىلغىسىنىڭ ئاخىرىدىكى يىرۇئېل چۆلىدە ئۇچرىشىسىلەر. 17لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»

18شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. ئارقىدىن يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشتى. 19قوھات ۋە كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.

20ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.

21يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان نەغمىچىلەرنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىپ ماڭدى. 22ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا مۇناجات ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلارنى، شۇنداقلا ئاممون ۋە موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. 23ئەسلىدە ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.

24يەھۇدىيەلىكلەر چۆلنى كۆرەلەيدىغان جايدىن دۈشمەن لەشكەرلىرىگە نەزەر تاشلاشتى. ئۇلار كۆردىكى، پۈتۈن دالا دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغانىدى. 25يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلار ئولجىلارنى بىر كۈندە توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشۇدى. 26تۆتىنچى كۈنى ئۇلار بىر جىلغىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. (شۇنىڭدىن بېرى بۇ جىلغىنىڭ نامى بىراكا [مەنىسى «بەخت»] جىلغىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)

27يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى. 28ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ ماڭدى. يېرۇسالېمغا كەلگەندە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 29ئەتراپتىكى خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇشقا باشلىدى. 30يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى. چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى.

31يىھوشافات تەختكە چىققان چاغدا 35 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. 32يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 33بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى.

34پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»نىڭ بىر قىسمى بولغان خانانىنىڭ ئوغلى «يېھۇنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. 36ئۇلار تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كاتتا كېمىلەرنى ياسىتىشقا كېلىشتى. بۇ كېمىلەرنى ئەزيون-گەبەردە ياساتتى. 37شۇنىڭ بىلەن مارېشالىق دوداۋانىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ:

_ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.

21

1يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

2يىھورامنىڭ ئازاريا، يىخىئېل، زىكىرىيا، ئازارياھۇ، مىكائىل، شىفاتيا ئىسىملىك ئىنىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 3ئاتىسى يىھوشافات ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغاندىن سىرت، يەنە يەھۇدىيەگە قاراشلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنىمۇ ھەدىيە قىلغانىدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەرگەنىدى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغۇل ئىدى.

پادىشاھ يىھورامنىڭ بۇتپەرەسلىكى

4يىھورام تەختكە چىقىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چېپىپ تاشلىدى. 5يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 6يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 7شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

8پادىشاھ يىھورامنىڭ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. 9شۇنىڭ بىلەن يىھورام لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرلىكتە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، ئۇرۇشقا باردى. ئىدوملۇقلار ئۇلارنى ئۇ يەردە قورشىۋالدى. يىھورام كېچىسى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە قورشاۋدىن قېچىپ چىقتى. 10شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. 11ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدىيەنىڭ تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېملىقلارنى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى. 12ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى:

 

«ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي، 13ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ. 14شۇڭا مەن پەرۋەردىگار خەلقىڭگە، قىز-ئوغۇللىرىڭغا، خوتۇنلىرىڭغا ھەم مال-مۈلۈكلىرىڭگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىمەن. 15سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›»

 

16پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى يىھورامغا قارشى قوزغىدى. 17ئۇلار يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە ئوردىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. يىھورامنىڭ بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. پەقەت پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيا ئامان قالدى.

18بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى. 19يىھورامنىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈچەيلىرى تېشىغا ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ ئېغىر ئازاب بىلەن ئۆلدى. خەلق بۇرۇن ئۇنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوت يېقىپ تەزىيە بىلدۈرگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئۇنداق تەزىيە بىلدۈرمىدى. 20يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئۆلگەندە ھېچكىم قايغۇرمىدى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.

22

پادىشاھ ئاخازيا

1يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسى يىھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئەرەبلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاكىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. 3ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ، 4پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغانىدى. ئۇلار ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى.

5ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. 6شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى. 7(ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى.) ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن باردى. لېكىن پەرۋەردىگار يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلاشقا تاللىغانىدى. 8يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ئۆلتۈرگەندە، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ۋە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنىمۇ ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى. 9ئاندىن يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. يېھۇ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە يىھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى. چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ جەمەتىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى.

ئاتاليانىڭ يەھۇدىيەدە زوراۋانلىق قىلىشى

10ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتىدىكى بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى. 11لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى. 12ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.

23

يوئاشنىڭ پادىشاھلىققا تىكلىنىشى

1يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، يۈزبېشىلار، يەنى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازاريا، يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبېدنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېيا ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئېلىشافات بىلەن بىر نىيەتكە كېلىشتى. 2ئۇلار يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە جەمەت باشلىقلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 3يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن بىرلىكتە قەسەم قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا:

_ مانا بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ پادىشاھ بولسۇن! بۇ پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدۇر، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى، 4_ سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان روھانىي ۋە لاۋىيلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار دەرۋازىلاردا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار. 5يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار. قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار «ئۇل دەرۋازىسى»دا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار. باشقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. 6لېكىن روھانىيلار ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرمىسۇن. پەقەتلا ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. 7قالغان لاۋىيلار قوراللىنىپ، يوئاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدىسۇن. بىرەرسى ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.

8لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. 9باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن پادىشاھ داۋۇتقا تەۋە بولغان، ھازىر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە چوڭ-كىچىك قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى. 10باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىغا قورال تۇتقۇزۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە يا شەكلىدە تۇرغۇزدى. 11باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.

12ئاتاليا خەلقنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازلىرىنى ۋە پادىشاھنى مەدھىيەلەش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى. 13شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

14باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.

16باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. 17ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى.

18باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنى مۇھاپىزەتچى قىلىپ تۇرغۇزدى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى. 19ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ناپاك ئادەمنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.

20ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈزبېشىلارنى، ئېسىلزادىلەرنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، «يۇقىرى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. 21پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

24

يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى

1يوئاش تەختكە چىققان چاغدا 7 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبياھ بولۇپ، بەئەرشەبا شەھىرىدىن ئىدى. 2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3روھانىي يىھويادا يوئاشقا ئىككى ئايال ئېلىپ بەردى. ئۇلار يوئاشقا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى.

4شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشىتىش نىيىتىگە كەلدى. 5ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىڭلار. ھەر يىلى يىغىلغان سېلىقنى ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭلار. بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار.

لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى. 6پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:

_ سىز نېمىشقا لاۋىيلارنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ ئىسرائىل خەلقىنىڭ سېلىق تاپشۇرۇشىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە بۇيرۇغانىدى. يىغىلغان سېلىقلارنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.

7(رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى.)

8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى. 9ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بۇيرۇغان سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى. 10يېتەكچىلەر ۋە خەلق خۇشاللىق بىلەن كېلىشىپ، تاكى ساندۇق تولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ كۈمۈشلىرىنى سېلىشتى. 11ساندۇق تولغان ھامان لاۋىيلار كېلىپ، ساندۇقنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىشتى. پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى ۋە باش روھانىينىڭ ۋاكالەتچىسى ساندۇقنى بوشاتقاندىن كېيىن، يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ، كۆپ مىقداردا كۈمۈش توپلىدى. 12پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھويادا توپلانغان كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار تاشچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى ۋە تۇچچىلارنى ياللاپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشاتتى. 13ئىشلەمچىلەر تىرىشىپ ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى. 14قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، نازارەتچىلەر ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەر ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلىتىلدى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى.

15باش روھانىي يىھويادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 130 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 16ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، شۇنداقلا خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى.

يوئاشنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

17باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى. 18نەتىجىدە، ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن خۇدا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى. 19لېكىن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى. 20شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈگەنىكەنسىلەر، ئەمدى مەنمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈيمەن!»

21يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زىكىرىيانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى. 22پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.

يوئاشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

23كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا ئارراملارنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېسىپ كىردى. ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى بارلىق يېتەكچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئالغان ئولجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەمەشقتىكى پادىشاھىغا ئەۋەتىپ بەردى. 24گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.

25ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا، يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. 26يوئاشقا سۇيىقەست قىلغانلار شىمئات ئىسىملىك ئاممونلۇق ئايالنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن شىمرىت ئىسىملىك موئابلىق ئايالنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. 27يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، يوئاش ھەققىدىكى ۋەھىيلەر ۋە ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار «پادىشاھلار تەزكىرىسىگە ئىزاھاتلار»غا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

25

ئامازيانىڭ ئىدوم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. 2ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىن دىلى بىلەن قىلغان ئەمەس ئىدى.

3ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. 4لېكىن ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

5ئامازيا يەھۇدىيەلىكلەرنى يىغىپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بويىچە مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئۇرۇشقا يارايدىغان ھەم نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەرنى ساناپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 300 مىڭ ئادەم ئىدى. 6ئۇ يەنە 3500 كىلو كۈمۈشكە ئىسرائىلىيەدىن 100 مىڭ خىللانغان لەشكەر ياللىدى. 7ئەمما ئامازيانىڭ ھۇزۇرىغا بىر پەيغەمبەر كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سىلى بىلەن بىرگە بارمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە يار ئەمەستۇر. 8سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارغا مەغلۇپ قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر.

9پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن:

_ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن 3500 كىلو كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر.

10شۇنىڭ بىلەن ئامازيا ئىسرائىلىيەدىن ياللىغان لەشكەرلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن تارقىتىۋەتتى. يەھۇدىيەلىكلەرگە قاتتىق ئاچچىقلانغان لەشكەرلەر غەزەپ ئىچىدە ئۆيلىرىگە قاراپ يولغا چىقىشتى.

11ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى. 12ئۇلار يەنە ئەسىرگە ئېلىنغان 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىيا تاشلاردىن پەسكە تاشلاپ، سۆڭەكلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. 13لېكىن ئامازيا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سامارىيەدىن بەيت-خورونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن مال-دۇنيانى بۇلاپ كەتتى.

ئامازيانىڭ ئىسرائىلىيەگە مەغلۇپ بولۇشى

14ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى. 15شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى:

_ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ ئىلاھلارغا نېمىشقا چوقۇنىسەن؟

16پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

_ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟

پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

_ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.

17شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ:

_ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

18ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ. 19سىز: «مەن ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم» دەپ ھاكاۋۇرلىشىپ، خورىكىڭىز ئۆسۈپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىيەنىمۇ ۋەيران قىلماقچى بولىسىز؟

20لېكىن ئامازيا خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن يىھوئاشنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى. 21شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. 22يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 23ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. 24ئۇ بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئوبېد-ئىدومنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بايلىقلارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيە شەھىرىگە قايتتى.

25يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. 26پادىشاھ ئامازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 27ئامازيا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقتىدىن باشلاپ، يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانىدى. كېيىن ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 28ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

26

1پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

ئۇززىيانىڭ روناق تېپىشى

3ئۇززىيا تەختكە چىققان چاغدا 16 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. 4ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 5زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.

6ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ ۋە ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى. 7ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى. 8ئاممونلار ئۇززىياغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ، شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى. 9ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى. 10ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.

11ئۇززىيانىڭ قىسىملارغا بۆلۈنگەن ھەم جەڭگە تەييار قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى. 12لەشكەرلەرگە 2600 نەپەر سەركەردە باشچىلىق قىلاتتى. بۇ سەركەردىلەر ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 13ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا 500‏,307 نەپەر خىللانغان لەشكەر بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت پادىشاھ ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىدى. 14ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى. 15ئۇززىيا يەنە يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلىتىپ ۋە ياسىتىپ، ئۇلارنى شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ناھايىتى كۈچلەندى. ئۇنىڭ نامى نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى.

ئۇززىيانىڭ ھالاك بولۇشى

16ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى. 17باش روھانىي ئازاريا 80 نەپەر يۈرەكلىك روھانىيلارنى ئەگەشتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ كەينىدىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ، 18ئۇنى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىزلىمەيدۇ.

19قولىدا ئىسرىقدان كۆتۈرۈۋالغان ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىسرىقداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، روھانىيلارغا ئاچچىقلىنىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە، ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇيۇقسىز تېرە كېسىلى قاپلاپ كەتتى. 20باش روھانىي ئازاريا ۋە بارلىق روھانىيلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇززىيانى ئىبادەتخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپ، قولىدىن تارتتى. ئۇززىيا تېزلىك بىلەن ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى جازالىغانىدى.

21ئۇززىيا تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىدىن ساقىيالمىدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمۇ چەكلەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 22پادىشاھ ئۇززىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر باشتىن-ئاخىر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر. 23ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىقىنىڭ بىر چېتىگە دەپنە قىلىندى، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

27

پادىشاھ يوتەم

1يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. 2يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئەمما ئاتىسى ئۇززىيادەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزمىدى. بىراق خەلق يەنىلا يامان ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

3يوتەم ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەرۋازا ياساتتى. ئۇ يەنە ئوفەل ئېگىزلىكىنىڭ يانباغرىدىكى سېپىلىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ ياساتتى. 4ئۇ يەھۇدىيەنىڭ تاغلىرىدا شەھەرلەرنى، ئورمانلىرىدا قورغان ۋە مۇنارلارنى ياساتتى. 5يوتەم ئاممونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاممونلار شۇ يىلى 3500 كىلو كۈمۈش، 800 توننا بۇغداي ۋە 600 توننا ئارپا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللاردىمۇ شۇ مىقداردا تاپشۇردى. 6يوتەم پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقى قۇدرەت تاپتى.

7پادىشاھ يوتەمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئەمەللىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 8ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9يوتەم ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

28

ئاخازنىڭ بۇتپەرەسلىكى

1ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى. 2ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بائالغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ياساتتى. 3ئۇ بەنھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.

5پادىشاھ ئاخاز گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئاخازنى يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار ئاخازنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 6ئىسرائىلىيە پادىشاھى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. 7ئىسرائىلىيەنىڭ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان جەڭچىسى زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 8ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرى يەھۇدىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 200 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئولجىلارنى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كەتتى.

9سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى. 10سىلەر ئەمدى يېرۇسالېمدىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن ئەسىر ئېلىنغان ئەر-ئاياللارنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟ 11سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمگە قۇلاق سېلىپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

12ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بولغان يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، مىشىللېموتنىڭ ئوغلى بەرەكيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى خىزكىيا ۋە خادلاينىڭ ئوغلى ئاماسالار ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ، 13مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇ ئەسىرلەرنى سامارىيەگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ. ھېلىمۇ بىز ئېغىر گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىز ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرۈپ، گۇناھىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيلى.

14شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئەسىرلەر ۋە ئولجىلارنى ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن جامائەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشتى. 15بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىلەر ئەسىرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇلار ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ، كىيىمسىز ئەسىرلەرگە كىيگۈزۈپ قويدى، يېمەك-ئىچمەك بەردى، يارىلىرىغا ماي سۈرتتى ۋە ئاجىزلىرىنى ئېشەكلەرگە مىندۈردى. ئۇلار ئەسىرلەرنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخاغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئاندىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.

16بىر مەزگىلدىن كېيىن پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇرىيە پادىشاھىدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. 17چۈنكى ئىدوملۇقلار يەنە يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇپ كەتكەنىدى. 18فىلىستىيەلىكلەرمۇ غەربىي ئېدىرلىقلارغا ۋە يەھۇدىيەدىكى نەگېب چۆللۈكىگە ھۇجۇم قىلغانىدى. فىلىستىيەلىكلەر بەيت-شەمەش، ئاييالون، گىدېروت شەھەرلىرىنى، شۇنداقلا سوكوھ، تىمناھ، گىمزو شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، شۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتاتتى. 19پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى پادىشاھى ئاخازنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. چۈنكى پادىشاھ ئاخاز يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا يېتەكلەپ، پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلغانىدى.

20ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر يەھۇدىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخازغا ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زۇلۇم سالدى. 21ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن، ئوردا ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا بەردى، لېكىن بۇ ئەسقاتمىدى.

22ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى. 23ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ: «ئارراملارنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى. 24شۇنىڭ بىلەن ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى ۋە ئىبادەتخانىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېم كوچىلىرىنىڭ دوقمۇشلىرىغا غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. 25يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

26پادىشاھ ئاخازنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى باشتىن-ئاخىر «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 27ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. ئوغلى خىزكىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

29

خىزكىيانىڭ ئىبادەتخانىنى پاكلىشى

1خىزكىيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 2خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.

3خىزكىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ* 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى. 4ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى شەرقىي مەيدانغا چاقىرىپ، 5مۇنداق دېدى:

_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار! ئاندىن ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار. 6ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئىبادەتخانىنى تەرك ئەتتى. 7ئىبادەتخانىدىكى چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، ئىشىكىنى پېچەتلىدى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى. 8شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە مەسخىرىگە قويدى. بۇ ئىشلارنى سىلەر بۈگۈنمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. 9ئەجدادلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ، خوتۇن-بالىلىرى ئەسىر بولدى. 10شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن. 11ئەي ئوغلانلىرىم، ئەمدى بىپەرۋالىق قىلماڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىسرىق سېلىشقا تاللىدى.

12شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى باشلىدى:

 

قوھات جەمەتىدىن ئاماساينىڭ ئوغلى ماخات، ئازاريانىڭ ئوغلى يوئېل،

مىرارى جەمەتىدىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يىھالەلەلنىڭ ئوغلى ئازاريا،

گېرشون جەمەتىدىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئېدەن،

13ئەلىزافان جەمەتىدىن شىمرى، يىئىئېل،

ئاساف جەمەتىدىن زىكىرىيا، ماتتانيا،

14ھېمان جەمەتىدىن يىخىئېل، شىمئى،

يىدۇتۇن جەمەتىدىن شىمايا ۋە ئۇززىئېل.

 

15ئۇلار باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى پاكلىدى ھەمدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى پاكلاشقا باردى. 16روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى. 17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكلاش خىزمىتىنى باشلىدى. سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى، يەنە سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنى پاكلىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىبادەتخانىنى پاكلاش خىزمىتىنى تاماملىدى.

18ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىيلار پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەنى ھەمدە شىرەنىڭ ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلارنى پاكلىدۇق. 19پادىشاھ ئاخاز ساداقەتسىزلىك قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى پاكلاپ، قايتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلىشى

20پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 21ئۇلار يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى ئەكېلىپ، پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى قىلدى. روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ھايۋانلارنى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى. 22بۇقىلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، روھانىيلار قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن قوچقارلارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن پاقلانلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 23ئاندىن روھانىيلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. 24روھانىيلار تېكىلەرنى بوغۇزلاپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلدى. قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. چۈنكى پادىشاھ بارلىق ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.

25پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى. 26لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، روھانىيلار كانايلارنى چالىدىغان بولدى. 27پادىشاھ خىزكىيا قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق باشلانغان ۋاقتىدا، لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كانايلار پادىشاھ داۋۇتنىڭ سازلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىندى. 28پۈتۈن جامائەت تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغۇچە ناخشا ۋە كاناي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەجدە قىلىشتى. 29كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى. 30پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇت ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاساف يازغان مۇناجاتلارنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا مۇناجات ئوقۇشتى ۋە يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى.

31پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار.

شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ھەدىيە قىلىشتى. 32جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق بۇقا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى. 33باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. 34لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا باشقا روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ بولغۇچە روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ئۇلارغا ياردەملەشتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى. 35ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى. 36خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشتى.

30

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەتتا ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى. 2پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى. 3ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 1-ئايدا ئۆتكۈزەلمەيتتى. چۈنكى ئۆزلىرىنى پاكلىغان روھانىيلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، جامائەتمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولالمايتتى. 4شۇڭا پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇ پىلاننى لايىق كۆرگەنىدى. 5پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى جەنۇبتىكى بەئەرشەبادىن تاكى شىمالدىكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى پۈتۈن خەلق ئۇزۇندىن بېرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.

6چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:

 

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ. 7سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى. 8ھازىر سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ قەھر-غەزىپىنى سىلەردىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. 9ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەرنى يەنە قوبۇل قىلىدۇ.

 

10چاپارمەنلەر بۇ چاقىرىقنى ئەفرايىم ۋە ماناسسەدىن تارتىپ تاكى زەبۇلۇنغىچە يەتكۈزدى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر چاپارمەنلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشتى. 11پەقەت ئاشېر، ماناسسە ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەمتەرلىك بىلەن چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ، يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 12پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.

132-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 14ئالدى بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ئىسرىقدانلارنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قىدرون جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى. 15ئۇلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى* ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلىدى. ئۆزلىرىنى 1-ئايدا پاكلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن روھانىي ۋە لاۋىيلار خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. 16ئاندىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇساغا چۈشكەن تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدى. روھانىيلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىكى قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.

17جامائەتنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن ئەكەلگەن ماللىرىنى بوغۇزلىيالمىدى. لاۋىيلار ئۇلارغا ۋاكالىتەن بوغۇزلاپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 18‏-19ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن.

20پەرۋەردىگار خىزكىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كەچۈردى.

21يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. 22خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشتى.

23پۈتۈن جامائەت مەسلىھەتلىشىپ، ھېيتنى يەنە يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك خۇشال-خۇراملىق بىلەن يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 24يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 25يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى. 26يېرۇسالېم شادلىققا تولدى، چۈنكى داۋۇتنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سۇلايماندىن كېيىن يېرۇسالېمدا بۇنداق بىر تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. 27لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.

31

1ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.

خىزكىيانىڭ لاۋىيلارغا تەمىنات بېرىشى

2خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى. 3پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي بايراملىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى. 4ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە:

_ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىلىرىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىدۇ، _ دېدى.

5يېرۇسالېملىقلار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان باشقا زىرائەتلىرىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. 6يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئىسرائىللار ئەكەلگەن كالا، قويلارنىڭ ۋە پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئەكەلگەن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى. 7ئۇلار ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ھەدىيە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۈزنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئاخىرلاشتى. 8خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەدىيەلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇشتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشتى. 9خىزكىيا دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە روھانىيلار ۋە لاۋىيلاردىن سوئال سورىدى. 10زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە ئەكەلگەندىن بېرى بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى.

11شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبار تەييارلانغاندىن كېيىن، 12ئۇلار خەلق ئىئانە قىلغان نەرسىلەر، ئوندىن بىر ئۈلۈش نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ساداقەتلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى. 13يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى.

14لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى. 15ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان روھانىيلارغا نەرسىلەرنى ئۆز توپلىرى بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى. 16ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا نۆۋەت بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن رويخەتكە ئېلىنغان ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەركەكلەرگە نەرسىلەرنى تارقىتىپ بېرەتتى. 17روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە ۋە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك توپى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى. 18نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بويىچە ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغىمۇ تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن پاكلايتتى. 19باشقا شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارغىمۇ نەرسە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەملەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ نېسىۋىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئىدى.

20پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى. 21ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممە ئىشتا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، ئىشلارنى چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.

32

ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ يېرۇسالېمغا تەھدىت سېلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن پۈتتۈردى. شۇ چاغدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەگە باستۇرۇپ كەلدى ۋە مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئالدى. 2پادىشاھ خىزكىيا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغىمۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، 3ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى. 4شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا سۇ قالدۇرماسلىق ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەم توپلاپ، بارلىق سۇ مەنبەلىرىنى ۋە دالاغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىنلارنى توستى. 5خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى. 6ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى:

7_ سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار. ئاسسۇرىيە پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زور قوشۇنىدىن قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى بىزگە يار بولغۇچى ئۇنىڭغا يار بولغۇچىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىكتۇر. 8ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسان بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.

خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى.

9بۇ ۋاقىتتا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغانىدى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:

10_ ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمەڭلارغا تايىنىپ، ئۆزۈڭلارغا شۇنچىلىك ئىشىنىسىلەر؟ يېرۇسالېم قورشاۋغا ئېلىنغان ۋاقتىدا، سىلەر يەنىلا ئامان قالىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ 11خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قويۇپ، ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. 12خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسى يېتىدۇ، دەپ ئېيتمىغانمىدى؟ 13ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ 14قايسىبىر ئەلنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز ئېلىنى مەن ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟ 15شۇڭا سىلەر خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا ۋە ئازدۇرۇشىغا يول قويماڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان يەردە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار سىلەرنى قولۇمدىن قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟»

16ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنە باشقا سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان خىزكىيانى ھاقارەتلىدى.

17سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى.

18ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى شەھەرنى ئېلىشقا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى يېرۇسالېملىقلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا ۋارقىراپ، ئۇلارنى قورقۇتماقچى ۋە ۋەھىمىگە سالماقچى بولدى. 19ئۇلار يېرۇسالېملىقلارنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى.

20شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى، يەنى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى. 21پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. 22شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېملىقلارنى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى. 23يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

خىزكىيانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىشلار

24شۇ كۈنلەردە خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ ساقىيىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئالامەت كۆرسەتتى. 25ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. 26كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم خەلقى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇققا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى.

27خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە باشقا ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى ئۈچۈن مەخسۇس خەزىنىلەرنى قۇردى. 28ئۇ يەنە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ئۈچۈن ئامبارلارنى ياساتتى. ھەر خىل چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتان سالدۇردى. 29ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى. 30خىزكىيا يۇقىرى تەرەپتىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. 31بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.

32پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»نىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىيلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 33خىزكىيا ۋاپات بولۇپ، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

33

پادىشاھ ماناسسە

1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4گەرچە پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم مەڭگۈ خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. 6ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن. 8ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى. 9لېكىن ماناسسە يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.

10پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. 11شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 12ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

14بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلەرنى تۇرغۇزدى. 15پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياساتقان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتتى. 16ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيە خەلقىنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. 17شۇنداق بولسىمۇ، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى.

18پادىشاھ ماناسسەنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، خۇداغا قىلغان دۇئاسى ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىدا ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 19ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئوردا ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ ئامون

21ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 22ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ماناسسە ياساتقان ھەممە بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى ۋە ئۇلارغا چوقۇندى. 23ئەمما ئاتىسى ماناسسە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئامون ئۇنداق قىلماي، ئاتىسىدىن كۆپرەك گۇناھ قىلدى. 24ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 25لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

34

خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنىڭ تېپىلىشى

1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.

3يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى ياش بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى. 4خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلاھ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى، ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. 5ئۇلارنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىدا كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى پاكلىدى. 6ئۇ يەنە ماناسسە، ئەفرايىم، شىمون قەبىلىلىرىگە، ھەتتا يىراقتىكى نافتالى قەبىلىسىگە تەۋە شەھەرلەردىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەردىكى 7قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدى. ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋە باشقا بۇتلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدى. ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئىسرىقدانلارنى چاقتى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

8يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى. 9لاۋىيلاردىن بولغان دەرۋازىغا قارايدىغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى ماناسسە، ئەفرايىم قەبىلىلىرىدىن، شۇنداقلا ئامان قالغان باشقا ئىسرائىلىيەلىكلەردىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم ئاھالىلىرىدىن يىغقانىدى. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، 10پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى. 11قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە قۇرۇلۇشچىلارغا بەردى. ئۇلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.

12‏-13ئىشچىلار سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە يۈك توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.

14ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يىغىلغان پۇللارنى ئېلىۋاتقاندا، باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىنى تاپتى. 15خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:

_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.

16شافان يازمىنى ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا:

_ بىز خىزمەتكارلىرى ئۆزلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىمىز. 17پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. 18ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا:

_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.

19پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلەندى ۋە كىيىملىرىنى يىرتتى 20ۋە خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

21_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ئۈچۈن ھەم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىكى ئامان قالغانلار ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.

22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بەلگىلىگەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ، ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم كىيىم ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى. 23خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مەندىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن ئادەمگە بېرىپ ئېيتىڭلار: 24‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن. 25چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ زېمىندا يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».

26‏-27خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹لېكىن سەن مېنىڭ بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا گۇناھىڭنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 28قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›».

ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 29پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغدى. 30پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلار، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن، ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى. 31پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

32ئاندىن پادىشاھ پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسىگە ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە پەرمان بەردى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. 33پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى.

35

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن بوغۇزلايدىغان پاقلان ياكى ئوغلاقنى 1-ئاينىڭ* 14-كۈنى بوغۇزلىدى. 2يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. 3ئۇ ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. 4سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ھازىرلىنىڭلار.

5سىلەر مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا جەمەت بويىچە تۇرۇڭلار. سىلەر جەمەتلەر بويىچە ئىسرائىللارنىڭ باشقا جەمەتلىرىگە خىزمەت قىلىڭلار. 6سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق ماللىرىنى بوغۇزلاڭلار ۋە ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق تەييار قىلىڭلار. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئېلىپ بېرىڭلار.

7پادىشاھ يوشىيا ئۆزىنىڭ چارۋىلىرىدىن 30,000 پاقلان ۋە ئوغلاق چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتىدى. ئۇنىڭغا قوشۇپ، 3000 تۇياق كالا ئاتىدى. 8ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە بەردى. خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇل روھانىيلىرى باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى. 9لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولغان كونانيا ۋە ئۇنىڭ شىمايا، نىتانئېل قاتارلىق ئىنىلىرى ھەمدە لاۋىيلارنىڭ خاشابيا، يىئىئېل، يوزاباد قاتارلىق باشقا باشلىقلىرى باشقا لاۋىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 5000 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا 500 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.

10شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى. 11لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن پاقلان ۋە ئوغلاق بوغۇزلىغاندا، روھانىيلار ئۇلاردىن قانلارنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن لاۋىيلار قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى شىلدى. 12ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن تەييارلانغان پاقلان ۋە ئوغلاقنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 13ئۇلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ پاقلان ۋە ئوغلاقلىرىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كالىلارنىڭ گۆشىنى قازان ۋە كورىلاردا پىشۇردى. ئاندىن ئۇلارنى دەرھال جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. 14ئاندىن لاۋىيلار ئۆزلىرى ۋە روھانىيلار ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىنى تەييارلىدى. چۈنكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار ئەتىگەندىن كەچكىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولغانىدى. 15ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر پادىشاھ داۋۇتنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى. 16شۇ كۈنى پادىشاھ يوشىيانىڭ پەرمانىغا ئاساسەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلار تاماملاندى.

17شۇنداق قىلىپ، يېرۇسالېمغا جەم بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ھەم يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 18سامۇئىل پەيغەمبەر زامانىدىن بۇيان ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقاچان بۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىسرائىلىيەدە ھېچقانداق پادىشاھ يوشىياغا ئوخشاش روھانىيلار، لاۋىيلار، بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەم يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 19بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى پادىشاھ يوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۆتكۈزۈلدى.

يوشىيانىڭ جەڭدە ئۆلتۈرۈلۈشى

20يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. 21نىكو يوشىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە سەن بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا ماڭا ياردۇر.

22لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى. 23ئوقياچىلار پادىشاھ يوشىيانى ئوققا تۇتۇشتى. ئۇ ئادەملىرىگە:

_ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

24خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى. 25يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.

26پادىشاھ يوشىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى 27«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

36

پادىشاھ يوئاخاز

1خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنى يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 3ئاندىن مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو ئۇنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى. 4مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئىنىسى يوئاخازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

پادىشاھ يىھوياقىم

5يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 6بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 7نىبۇكادنەزەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بەزى بۇيۇملارنىمۇ بابىلغا ئەكېتىپ، ئوردىسىغا قويدى. 8پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ يىھوياكىن

9يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھوياكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 10شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

زىدقىيا ۋە پادىشاھلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى

11زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 12ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى. 13ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى. 14شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلار ۋە يولباشچىلارمۇ بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەرۋەردىگار مۇقەددەس قىلغان يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى. 15ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. 16لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلدى، سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى شۇ قەدەر قوزغىدىكى، ئۇلارغا قۇتۇلغۇدەك يول قالمىدى.

17پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 18بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 19بابىللىقلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى، ھەمدە سارايلارغا ئوت قويۇپ، بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ۋەيران قىلدى. 20ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە تاكى پېرسىيە پادىشاھلىقى باش كۆتۈرگۈچە ئۇنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىدى. 21ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم ئالدۇرۇلمىغان يىللارنىڭ سانى توشقۇچە يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

يەھۇدىيلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى

22پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى* پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:

 

23«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى. ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېمغا قايتسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!»


3: 2 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

7: 10 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

9: 1 شىبا _ ھازىرقى يەمەندىكى بىر جاي بولۇشى مۇمكىن.

15: 10 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ.

15: 16 خان ئانىسى مەرتىۋىسى _ بۇ مەرتىۋە قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا ئەللەردە پادىشاھتىن كېيىنكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە بولۇپ، سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى.

29: 3 مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 715-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ.

30: 15 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

35: 1 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

36: 22 پادىشاھ كورەش مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلى تەختكە ئولتۇرغان.