تارىخلار 1
1
ئادەمئاتىدىن نۇھنىڭ ئوغۇللىرىغىچە بولغان ئەۋلادلار
1ئادەمئاتىدىن سېت تۆرەلدى، سېتنىڭ ئەۋلادلىرى: ئەنوش، 2قېنان، ماھالالئېل، يەرەد، 3خانوك، مىتۇشەلاخ، لەمەك ۋە نۇھ.
4نۇھنىڭ سام، ھام ۋە يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
يەفەتتىن كېلىپ چىققان خەلقلەر
5يەفەتنىڭ ئەۋلادلىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.
6گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.
7ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.
ھامدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر
8ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.
9كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتا، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان. 10كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.
11مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار، 12پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كرىتلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.
13كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر. 14كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش، 15خىۋ، ئارقى، سىن، 16ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.
سامنىڭ ئەۋلادلىرى
17سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.
ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە مەشەك.
18ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.
19ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [مەنىسى «بۆلۈنۈش»] ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
20يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ، 21ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ، 22ئوبال، ئابىمائېل، شىبا، 23ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
24سامدىن ئىبرامغىچە بولغان ئەۋلادلار تۆۋەندىكىچە: سام، ئارپاكشاد، شەلاخ، 25ئېبەر، پەلەگ، رىئۇ، 26سىرۇگ، ناخور، تەراھ 27ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم.
ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى
28ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىلدۇر. 29ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوتتۇر. كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 30مىشما، دۇماھ، ماسا، خاداد، تەما، 31يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ. مانا بۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
32ئىبراھىمنىڭ توقىلى قىتۇرا ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاخ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، يوقشاننىڭ شىبا ۋە دىدان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 33مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
34ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى
35ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ئەلىفاز، رىئۇئېل، يىئۇش، يالام ۋە كوراھ.
36ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام، قېناز ۋە تىمنا ئىسىملىك توقىلىدىن بولغان ئوغلى ئامالەك.
37رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ.
ئىدومدىكى سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى
38سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، دىشون، ئېزېر ۋە دىشان.
39لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى ۋە ھومام. تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى.
40شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاليان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام.
زىبئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ.
41ئاناھنىڭ ئوغلى: دىشون.
دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خامران، ئەشبان، يىتران ۋە كىران.
42ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە يائاقان. دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.
ئىدوم پادىشاھلىرى ۋە يولباشچىلىرى
43ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار ئىدى. بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئىدومغا پادىشاھ بولۇپ، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.
44بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.
45يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.
46خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
47ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى.
48ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى.
49شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.
50بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىھېتابىئېل بولۇپ، ئۇ ماترېدنىڭ قىزى، ماترېد مىزاھابنىڭ قىزى ئىدى. 51ئاخىرىدا ھادادمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىدوملۇقلارغا باشلىق بولغانلار: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت، 52ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون، 53قېناز، تېمان، مىبزار، 54ماگدىئېل ۋە ئىرام. مانا بۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
2
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى
1ئىسرائىلنىڭ* ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، 2دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر.
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى
3يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. 4يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى.
5پەرەسنىڭ خەزرون ۋە خامۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
6زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى.
7كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى.
8ئېتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئىدى.
يەھۇدانىڭ نەۋرىسى خەزروندىن داۋۇتقىچە بولغان ئەۋلادلار
9خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
10رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقىنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.
11ناخشوندىن سالمون تۆرەلدى، سالموندىن بوئاز تۆرەلدى،
12بوئازدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يىشاي تۆرەلدى.
13يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شامماھ، 14تۆتىنچىسى نىتانئېل، بەشىنچىسى رادداي، 15ئالتىنچىسى ئوزېم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. 16ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى. 17ئابىگال ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرگە ياتلىق بولۇپ، ئاماسانى تۇغدى.
خەزروننىڭ باشقا ئەۋلادلىرى
18خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئازۇبا ۋە يىرىئوت ئىسىملىك ئاياللىرى بار ئىدى. ئازۇبادىن يېشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىسىملىك ئوغۇللار تۆرەلدى. 19ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. 20خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.
21خەزرون 60 ياشقا كىرگەندە، ماكىرنىڭ قىزى، يەنى گىلئادنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سىگۇب ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 22سىگۇبتىن يائىر تۆرەلدى. ئۇ گىلئادتىكى 23 شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 23كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىرنىڭ يېزىلىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
24خەزرون كالىب-ئەفراتا شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئايالى ئابىيا ئاشخۇر ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاشخۇر تىقوۋا شەھىرىنى بىنا قىلدى.
خەزروننىڭ ئوغلى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرى
25خەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يىراخمىئېلدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار: تۇنجى ئوغلى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزېم ۋە ئاخىيا. 26يىراخمىئېلنىڭ ئاتارا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئونام تۇغۇلدى.
27يىراخمىئېلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامدىن مائاز، يامىن ۋە ئېقەر تۆرەلدى.
28ئونامنىڭ شامماي ۋە يادا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
شامماي ناداب ۋە ئابىشۇر ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.
29ئابىشۇرنىڭ ئابىھايىل ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاخبان ۋە مولىد ئىسىملىك ئوغۇللار تۇغۇلدى.
30نادابنىڭ سەلەد ۋە ئاپپايىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سەلەد پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 31ئاپپايىم يىشئىنىڭ ئاتىسى، يىشئى شېشاننىڭ ئاتىسى، شېشان ئاخلاينىڭ ئاتىسى ئىدى.
32شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ يەتەر ۋە يوناتان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەتەر پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 33يوناتاننىڭ پەلەت ۋە زازا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
34شېشاننىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرى بار ئىدى. شېشاننىڭ يەنە يارخا ئىسىملىك بىر مىسىرلىق قۇلى بار ئىدى. 35شېشان قىزىنى قۇلى يارخاغا ياتلىق قىلدى. ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاتتاي قويۇشتى.
36ئاتتايدىن ناتان تۆرەلدى،
ناتاندىن زاباد تۆرەلدى،
37زابادتىن ئەفلال تۆرەلدى،
ئەفلالدىن ئوبېد تۆرەلدى،
38ئوبېدتىن يېھۇ تۆرەلدى،
يېھۇدىن ئازاريا تۆرەلدى،
39ئازاريادىن خەلەز تۆرەلدى،
خەلەزدىن ئەلئاسا تۆرەلدى،
40ئەلئاسادىن سىسماي تۆرەلدى،
سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلدى،
41شاللۇمدىن يىقاميا تۆرەلدى،
يىقاميادىن ئەلىشاما تۆرەلدى.
خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئەۋلادلىرى
42يىراخمىئېلنىڭ ئاكىسى كالىبنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى مېشا، كەنجىسىنىڭ ئىسمى مارېشا ئىدى. مېشادىن زىف تۆرەلدى، مارېشادىن ھىبرون تۆرەلدى.
43ھىبرون كوراھ، تاپپۇۋاخ، رەقەم ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 44شەمادىن راخام تۆرەلدى، راخامدىن يورقوئام تۆرەلدى. رەقەمدىن شامماي تۆرەلدى. 45شاممايدىن مائون تۆرەلدى، مائوندىن بەيتزۇر تۆرەلدى.
46كالىبنىڭ ئېفاھ ئىسىملىك توقىلى ئۇنىڭغا خاران، موزا ۋە گازېزنى تۇغۇپ بەردى. خاراندىن گازېز تۆرەلدى.
47ئېفاھنىڭ ئاتىسى يوداينىڭ يەنە رەگېم، يوتەم، گېشان، پەلەت ۋە شائاف ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى.
48كالىبنىڭ مائاكا ئىسىملىك يەنە بىر توقىلى ئۇنىڭغا شەبەر ۋە تىرخانا ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. 49كېيىن ئۇ يەنە شائاف ۋە شىۋا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغدى. شائاف مادماننا شەھىرىگە، شىۋا ماكبېنا ۋە گىبئا شەھىرىگە ئاساس سالدى. كالىبنىڭ ئاكساھ ئىسىملىك يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىدى.
50مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
كالىبنىڭ ئوغلى خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى
كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى. 51ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.
52-53قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى شوبال بولۇپ، قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكىلەر، ھاروئەلەر ۋە ماناخات شەھىرىنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يىترى جەمەتى، پۇتى جەمەتى، شۇما جەمەتى ۋە مىشرا جەمەتىدىن تەشكىل تاپقانىدى. زورئاھ ۋە ئەشتائول خەلقىمۇ شۇ جەمەتلەردىن كېلىپ چىققانىدى.
54سالمانىڭ ئەۋلادلىرى: بەيتلەھەملىكلەر، نىتوفالار، ئاتروت-بەيتيوئابلار، ماناخاتلىقلارنىڭ يېرىمى ۋە زورئاھلار. 55يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكاھ ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. سالمانىڭ ئەۋلادلىرى خامماتنىڭ جەمەتىدىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى.
3
پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى
1داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى:
تۇنجى ئوغلى ئامنون، يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان،
ئىككىنچى ئوغلى دانىيال، كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان،
2ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان،
تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان،
3بەشىنچى ئوغلى شىفاتيا، ئابىتالدىن تۇغۇلغان،
ئالتىنچى ئوغلى يىترىئام، يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان.
4داۋۇتنىڭ يۇقىرىدىكى ئالتە پەرزەنتى ھىبروندا تۇغۇلدى. داۋۇت ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل پادىشاھ بولدى.
5داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان. 6بۇلاردىن باشقا، داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت، 7نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 8ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەتلەر ئىدى.
9داۋۇت يەنە باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرى
10سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: رىخوبئام، ئابىيا، ئاسا، يىھوشافات، 11يىھورام، ئاخازيا، يوئاش، 12ئامازيا، ئۇززىيا، يوتەم، 13ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە، 14ئامون ۋە يوشىيا.
15يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى يوئاخاز.
16يىھوياقىمدىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىدە ئوغلى يىھوياكىن ۋە ئىنىسى زىدقىيا ئولتۇردى.
پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى
17بابىلغا ئەسىر ئېلىپ كېتىلگەن پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى:
شىئالتېل، 18مالكىرام، پىدايا، شەنئاززار، يىقاميا، ھوشاما ۋە نىدابىيا.
19پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى.
زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. 20ئۇلاردىن باشقا زىرۇببابەلنىڭ يەنە خاشۇبا، ئوھەل، بەرەكيا، خاساديا ۋە يۇشاب-خەسەد ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى.
21خانانيانىڭ پىلاتيا ۋە يىشايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، يىشايانىڭ ئوغلى رىفايا، رىفايانىڭ ئوغلى ئارنان، ئارناننىڭ ئوغلى ئوبادىيا، ئوبادىيانىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى.
22شىكانيانىڭ ئەۋلادلىرى: شىمايا. شىمايانىڭ خاتتۇش، يىگال، بارىياخ، نىئاريا ۋە شافاتتىن ئىبارەت ئالتە ئوغلى بار ئىدى.
23نىئاريانىڭ ئەليوئېناي، خىزكىيا ۋە ئازرىقام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
24ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى.
4
يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى
1يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2شوبالنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى ياخات ئىدى. ياخاتنىڭ ئوغۇللىرى ئاخۇماي ۋە لاھاد ئىدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.
3-4كالىب ئايالى ئەفراتادىن خۇر ئىسىملىك تۇنجى ئوغلىنى كۆردى. خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالغۇچىلار ئىدى. خۇرنىڭ ئېتام، پىنۇئېل ۋە ئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئېتامنىڭ يىزرىئەل، يىشما ۋە يىدباش ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى ۋە ھازلەلپونى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. پىنۇئېل گىدور شەھىرىگە، ئەزەر خۇشاھ شەھىرىگە ئاساس سالغان ئىدى.
5تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى. 6ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 7ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان 8ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. قوز ئاخارخېل جەمەتىنىڭمۇ ئەجدادى بولۇپ، ئاخارخېل ھارۇمنىڭ ئوغلى ئىدى.
9يابېز ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى بەك جاپادا تۇغدۇم، دەپ ئىسمىنى يابېز [ئىبرانىي تىلىدىكى «جاپا» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويغانىدى. 10يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
11شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى. 12ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى.
13قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. 14مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى.
15يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئەلاھتىن قېناز تۆرەلدى.
16يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
17-18ئەزراھنىڭ يەتەر، مەرەد، ئېفەر ۋە يالون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مەرەد پىرئەۋننىڭ قىزى بىتياھقا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ۋە شامماي، يىشباخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. يىشباخ ئەشتىموۋا شەھىرىگە ئاساس سالدى. مەرەد يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئالدى، بۇ ئايالدىن ئۈچ ئوغۇل كۆردى. ئوغلى يەرەد گىدور شەھىرىگە، ئوغلى خەبەر سوكوھ شەھىرىگە، ئوغلى يىقۇتىئەل زانوۋاخ شەھىرىگە ئاساس سالدى.
19ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغلى قىيلاھ گارمى جەمەتىنىڭ، ئوغلى ئەشتىموۋا مائاكا جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى.
20شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
21يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى:
لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان ئېسىل زىغىر يىپتىن رەخت توقۇيدىغانلارنىڭ جەمەتلىرى، 22يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. (بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى.) 23شېلاھنىڭ بەزى ئەۋلادلىرى نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
شىموننىڭ ئەۋلادلىرى
24شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
25شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى.
26مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى.
27شىمئى 16 ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى.
28شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال، 29بىلھاھ، ئەزەم، تولاد، 30بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق، 31بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. بۇ شەھەرلەر داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر ئۇلارغا قاراشلىق بولدى. 32ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى. 33غەربىي جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەبنامىلىرىنى يېزىپ قويغانىدى.
34تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ، 35يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر)، 36يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە 37زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى).
38بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، 39چارۋا ماللىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى. 40ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى.
41يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان مىئۇن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەرلەردە قويلىرىغا يايلاقلار بار ئىدى. 42شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ، 43ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن بېرى شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە.
5
رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى
1رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىنىڭ بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل دەپ خاتىرىلەنمىگەنىدى. 2يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.
3ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
4يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى: يوئېلنىڭ ئوغلى شىمايا، شىمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمئى، 5شىمئىنىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى بائال ۋە 6بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بەئەراھنى ئەسىرگە ئېلىپ، يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. بەئەراھ رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئىدى.
7رۇبېن قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەن جەمەت باشلىقلىرى: يولباشچى يىئىئېل، زىكىرىيا 8ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئۇلار ئاروئېر شەھىرىدە ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى. 9ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى چارۋا ماللىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.
10پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى.
گادنىڭ ئەۋلادلىرى
11گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى. 12يوئېل باشاندا يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى.
13گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتتىن تەركىب تاپقانىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر. 14بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىخايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىخايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروۋاخنىڭ ئوغلى، ياروۋاخ گىلئادنىڭ ئوغلى، گىلئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يىشىشاينىڭ ئوغلى، يىشىشاي ياخدونىڭ ئوغلى، ياخدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى. 15گۇنىنىڭ ئوغلى ئابدىيېل، ئابدىيېلنىڭ ئوغلى ئاخى بولۇپ، ئۇ جەمەت باشلىقى ئىدى.
16گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى ئوتلاقلاردا ياشايتتى. 17بۇ خاتىرىلەر يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە نەسەبنامىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرى
18رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى. 19ئۇلار ھاگرى، يىتۇر، نافىش ۋە نودابلارغا ھۇجۇم قىلدى. 20ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى. 21ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالدى. 22ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمى
23ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر ۋە خەرمون تاغلىرىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى
25رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، خۇدا ۋەيران قىلغان ئاشۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. 26شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.
6
لاۋىيلار
1لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.
2قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل.
3ئامرامنىڭ بالىلىرى: ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.
4ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس،
پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا،
5ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى،
بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى،
6ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا،
زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت،
7مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا،
ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،
8ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق،
زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز،
9ئاخىمائازنىڭ ئوغلى ئازاريا،
ئازاريانىڭ ئوغلى يوخانان،
10يوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، (ئازاريا سۇلايمان يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.)
11ئازاريانىڭ ئوغلى ئاماريا،
ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،
12ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق،
زادوقنىڭ ئوغلى شاللۇم،
13شاللۇمنىڭ ئوغلى خىلقىيا،
خىلقىيانىڭ ئوغلى ئازاريا،
14ئازاريانىڭ ئوغلى سىرايا،
سىرايانىڭ ئوغلى يىھوزاداق ئىدى. 15پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يېرۇسالېم خەلقىنى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى.
لاۋىينىڭ باشقا ئەۋلادلىرى
16لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.
17گېرشوننىڭ ئوغۇللىرى: لىبنى ۋە شىمئى.
18قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل.
19مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماخلى ۋە مۇشى.
ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.
20گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى: گېرشوننىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، 21زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي.
22قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 23ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبىئاساف، ئەبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 24ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل.
25ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 26ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات، 27ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى.
28سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.
29مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ، 30ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا.
ئىبادەتخانىدىكى نەغمىچىلەر
31ئەھدە ساندۇقى داۋۇت ياسىغان چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت چېدىردىكى نەغمىچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئادەم تەيىنلىدى. 32سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر داۋۇت ياسىغان چېدىردا مۇناجات ئوقۇغاندىن سىرت، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدىمۇ ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلىشتى. 33ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر:
قوھات جەمەتىدىن نەغمىچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى:
ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى، 34سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى، 35توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى، 36ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى، 37زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئەبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى، 38كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغلىدۇر.
39ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى: ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى، 40شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى، 41مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى، 42ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى، 43شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشوننىڭ ئوغلى، گېرشون لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.
44ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان بولۇپ، ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى: ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى، 45ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 46خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى، 47سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.
48لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.
روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى
49ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.
50ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا، 51ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا، 52زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، 53ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازتۇر.
لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى
54قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلدى.
55ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارغا ئىگە بولدى. 56لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى. 57شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا، 58خىلېن، دىبىر 59ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش. 60يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر بېرىلدى. 61قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تاشلانغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
62گېرشون جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
63مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
64شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى. 65يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تاشلاش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.
66قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى. 67ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر، 68يوقمىئام، بەيت-خورون، 69ئاييالون ۋە گاترىممون. 70قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.
71گېرشون جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان، 72ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات، 73راموت ۋە ئانېم. 74ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون، 75خۇقوق ۋە رىخوب. 76نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.
77مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور، 78-79ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر. 80-81گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.
7
ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى
1ئىسساكارنىڭ تولاھ، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.
2تولاھنىڭ ئۇززى، رىفايا، يىرىئېل، ياخماي، يىبسام ۋە سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. ئۇلار ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. پادىشاھ داۋۇتنىڭ دەۋرىدە تولاھنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,600 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
3ئۇززىنىڭ يىزراخيا ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، يىزراخيانىڭ مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە يىششىيا دەپ ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىزراخيا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 4ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 36,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
5ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلەر نەسەبنامىسىدا جەمئىي 87,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى
6بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر ۋە يىدىئائېل ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
7بەلانىڭ ئەزبون، ئۇززى، ئۇززىئېل، يىرىموت ۋە ئىرى ئىسىملىك بەش ئوغلى بولدى. بۇ بەش ئوغۇل ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,034 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
8بەكەرنىڭ زىمىرا، يوئاش، ئەلىئەزەر، ئەليوئېناي، ئومرى، يىرېموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالەمەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 9ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا جەمەت باشلىقلىرىدىن سىرت 20,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
10يىدىئائېلنىڭ بىلھان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بىلھاننىڭ يىئۇش، بىنيامىن، ئېھۇد، كىنائان، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاخار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. 11يىدىئائېلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا ماھىر 17,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
12شۇپپىم ۋە خۇپپىم خەلقلىرى ئىرنىڭ ئەۋلادى، خۇشىم خەلقى ئاخېرنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى
13نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.
ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى
14ماناسسە ئارراملاردىن بولغان توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. 15ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا ئايال ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى.
16ماكىرنىڭ ئايالى مائاكا ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پەرەش ۋە شەرەش قويدى. پەرەش ئۇلام ۋە رەقەم ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 17ئۇلامنىڭ بىدان ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ ئەۋلادىدۇر. گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەنىڭ ئوغلى ئىدى.
18گىلئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئەزەر ۋە ماخلاھ تۇغۇلدى.
19شىمىدانىڭ ئاخيان، شەكەم، لىقخى ۋە ئانىئام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى
20ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاخ ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. (شۇتەلاخنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئەلئادا، ئەلئادانىڭ ئوغلى تاخات، 21تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. 22ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى. 23ئەفرايىم ئايالى بىلەن يەنە بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى. 24ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى. 25ئەفرايىمنىڭ يەنە رەفاخ ئىسىملىك بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. رەفاخنىڭ ئوغلى رەشەف، رەشەفنىڭ ئوغلى تەلاخ، تەلاخنىڭ ئوغلى تاخان، 26تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، 27ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.
28ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى. 29ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگراسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى.
ئاشېرنىڭ ئەۋلادلىرى
30ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرى: يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بىرىئا. بۇ ئوغۇللارنىڭ سەراخ ئىسىملىك بىر سىڭلىسىمۇ بار ئىدى.
31بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، مالكىئېل بىرزايىت شەھىرىنى قۇرغانىدى.
32خەبەرنىڭ يافلېت، شومېر ۋە خوتام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ شۇئا ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى.
33يافلېتنىڭ پاساك، بىمھال ۋە ئاشۋات ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
34شومېرنىڭ ئاخى، روھاگا، يىخۇببا ۋە ئاررام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
35شومېرنىڭ ئىنىسى ھېلەمنىڭ زوفاخ، يىمنا، شېلەش ۋە ئامال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
36زوفاخنىڭ سۇۋاخ، خارنەفەر، شۇئال، بەرى، يىمراھ، 37بەزەر، ھود، شامما، شىلشاھ، يىتران ۋە بىئېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى.
38يەتەرنىڭ يىفۇننە، پىسپاھ ۋە ئارا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
39ئۇللانىڭ ئاراخ، خاننىئېل ۋە رىزيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
40ئاشېر ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار جەمەت باشلىقلىرى، باتۇر، پىشقان جەڭچىلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلار ئىدى. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 26,000 جەڭچىسى بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
8
بىنيامىننىڭ باشقا ئەۋلادلىرى
1بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بەلا، ئىككىنچىسى ئاشبېل، ئۈچىنچىسى ئاخراخ، 2تۆتىنچىسى نوخاھ، بەشىنچىسى رافا ئىدى.
3بەلانىڭ ئوغۇللىرى: ئاددار، گېرا، ئابىخۇد، 4ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ، 5گېرا، شىفۇفان ۋە خۇرام.
6-7ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
8شاخارايىم ئاياللىرى خۇشىم ۋە بائارانى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، موئاب زېمىنىدا ئوغۇل پەرزەنتلەر كۆرگەنىدى. 9ئۇنىڭ خودەش ئىسىملىك ئايالى ئۇنىڭغا يوباب، زىبيا، مېشا، مالكام، 10يىئۇز، سوكياھ ۋە مىرماھ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. شاخارايىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرى جەمەت باشلىقلىرى بولدى.
11شاخارايىمنىڭ خۇشىمدىن تۇغۇلغان ئابىتۇب ۋە ئەلپائال ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. 12-13ئەلپائالنىڭ ئېبەر، مىشئام، شەمەد، بىرىئا ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شەمەد ئونو بىلەن لود شەھىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بىنا قىلدى. بىرىئا ۋە شەما ئاييالون شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتكەنىدى.
14بىرىئانىڭ ئوغۇللىرى: ئاخيو، شاشاق، يىرېموت، 15زىباديا، ئاراد، ئەدەر، 16مىكائىل، يىشپاھ ۋە يوخا.
17ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى: زىباديا، مىشۇللام، خىزقى، خەبەر، 18يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب.
19شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: ياقىم، زىكرى، زابدى، 20ئەلىئېناي، زىللىتاي، ئەلىئېل، 21ئادايا، بىرايا ۋە شىمرات.
22شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى: يىشپان، ئېبەر، ئەلىئېل، 23ئابدون، زىكرى، خانان، 24خانانيا، ئېلام، ئانتوتىيا، 25يىفدىيا ۋە پىنۇئېل.
26يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى: شامشىراي، شىخاريا، ئاتاليا، 27يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى.
28يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.
29يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، 30تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، 31گىدور، ئاخيو، زېكەر 32ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.
پادىشاھ سائۇلنىڭ ئەۋلادلىرى
33نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى.
پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
34يوناتان مىرىب-بائالنىڭ* ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.
35مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تارېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
36ئاخازنىڭ ئوغلى ياداھ،
ياداھنىڭ ئوغۇللىرى ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى،
زىمرىنىڭ ئوغلى موزا،
37موزانىڭ ئوغلى بىنئا،
بىنئانىڭ ئوغلى رىفايا،
رىفايانىڭ ئوغلى ئەلئاسا،
ئەلئاسانىڭ ئوغلى ئازېل ئىدى.
38ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
39ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى. 40ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
9
1دېمەك، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ جەمەت نەسەبنامىلىرىغا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەنىدى.
سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلەر
يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى. 2ئەڭ ئاۋۋال روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقا ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، ئۆز شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى. 3يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.
4بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.
5قايتىپ كەلگەن شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: شېلاھنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى.
6زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى.
بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر
7-8بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر: مىشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ، (مىشۇللام ھوداۋيانىڭ ئوغلى، ھوداۋيا ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى ئىدى) يىروخامنىڭ ئوغلى يىبنېيا، ئۇززىنىڭ ئوغلى، يەنى مىكرىنىڭ نەۋرىسى ئەلاھ، شىفاتيانىڭ ئوغلى مىشۇللام (شىفاتيا رىئۇئېلنىڭ ئوغلى، رىئۇئېل يىبنىيانىڭ ئوغلى ئىدى).
9بىنيامىن نەسەبنامىسىغا كىرگەن كىشىلەردىن 956 ئادەم قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
روھانىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر
10يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە 11خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.
12يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماسايمۇ (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى) قايتىپ كەلگەنىدى.
13جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار يەنە جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى.
لاۋىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر
14يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى)، 15باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيا (ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى)، 16شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا (بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى).
ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەر
17يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى. 18ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھ دەرۋازىسى»دا دەرۋازىۋەنلىك قىلماقتا. بۇرۇن لاۋىيلارنىڭ قارارگاھىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانلارمۇ شۇلار ئىدى. 19ئەبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، يەنى قورېنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمۇ ئىبادەتخانىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىغانىدى.
20ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. 21مىشەلەميانىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى.
22دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت بىلەن غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى. 23ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە. 24ئىبادەتخانىنىڭ تۆت تەرىپىگە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى. 25بۇلارغا ئۆز يېزىسىدىكى تۇغقانلىرى ياردەملىشىپ، نۆۋەت بىلەن يەتتە كۈندىن قارايتتى.
26تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئامبارلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى. 27ئۇلار ئىبادەتخانىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر كۈنى سەھەردە ئىبادەتخانا دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغاچقا، تۈننى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزەتتى.
28بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىققاندا ياكى ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلارنىڭ سانىنى ئالاتتى. 29يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى. 30خۇشبۇي ئەشيالارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى. 31لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. 32قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.
33لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا كېچە-كۈندۈز نەغمە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى. 34يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى.
پادىشاھ سائۇلنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى
35يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، 36تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، 37گىدور، ئاخيو، زىكىرىيا ۋە مىقلوت ئىدى. 38مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.
39نېر كىشنىڭ ئاتىسى،
كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى.
پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
40يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى،
مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.
41مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تاخرېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
42ئاخازنىڭ ئوغلى ياداھ،
ياداھنىڭ ئوغۇللىرى ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى،
زىمرىنىڭ ئوغلى موزا،
43موزانىڭ ئوغلى بىنئا،
بىنئانىڭ ئوغلى رىفايا،
رىفايانىڭ ئوغلى ئەلئاسا،
ئەلئاسانىڭ ئوغلى ئازېل ئىدى.
44ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلار ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
10
سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى
1فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. 2فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. 3سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى ئاتقان ئوقتا يارىلاندى. 4سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:
_ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى.
قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى. 5قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچقا ئۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 6شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە پۈتۈن نەسلى بىراقلا ھالاك بولدى. 7يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ دەپنە قىلىنىشى
8ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، 9سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن كاللىسىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 10ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، كاللىسىنى داگون ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا مىخلاپ قويدى.
11گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ، 12ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يابېشقا ئاپىرىپ، ئاندىن سۆڭەكلىرىنى يابېشتىكى چوڭ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.
13-14سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.
11
داۋۇتنىڭ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى
1شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا:
_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگار خۇدامۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.
3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دېيىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
پادىشاھ داۋۇت يېرۇسالېمنى ئېلىشى
4پادىشاھ داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە يىبۇس خەلقى ياشايتتى. 5يىبۇسلار داۋۇتقا:
_ سەن بۇ شەھەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى.
(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.) 6داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە:
_ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرسە، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرۈپ، لەشكەر بېشى بولدى.
7شۇنداق قىلىپ، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى. 8داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. 9داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.
داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى
10تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.
11داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.
12«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. 13فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئىسرائىل لەشكەرلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەلئازار بىلەن داۋۇت ئارپىلىقتا بولۇپ، 14ئۇلار ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.
15-16بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ. 17داۋۇت:
_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.
18ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:
19_ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.
20يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 21ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.
22يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 23ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 24بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 25ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.
26تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باتۇرلىرىدىن ئىدى:
يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،
بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان،
27ھارورلۇق شامموت،
پىلونلۇق خەلەز،
28تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا،
ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،
29خۇشاھلىق سىببىكاي،
ئاخوۋاخلىق ئىلاي،
30نىتوفالىق ماھراي،
بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد،
31بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،
پىرئاتونلۇق بىنايا،
32گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي،
ئارابالىق ئابىئېل،
33باخۇرىملىق ئازماۋەت،
شائالبىملىق ئەلياخبا،
34گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى،
ھارارلىق شاگېنىڭ ئوغلى يوناتان،
35ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاخىئام،
ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،
36مىكېرالىق خېفەر،
پىلونلۇق ئاخىيا،
37كارمەللىك خەزرو،
ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي،
38ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل،
ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار،
39ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،
بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،
40يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب،
41خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا،
ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،
42شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى،
43مائاكانىڭ ئوغلى خانان،
مىتانلىق يوشافات،
44ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا،
ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل،
45شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا،
46ماخاۋىلىق ئەلىئېل،
ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا،
موئابلىق يىتماھ،
47ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل.
12
داۋۇتقا قوشۇلغان باتۇرلار
1داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سائۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاققا بېرىۋالغاندا، جەڭ قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 2ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قوللىرى بىلەن ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردۇر:
3ئاخىئەزەر ۋە يوئاش ئۇلارنىڭ بېشى بولۇپ، بۇلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يىزىئېل ۋە پەلەت، ئاناتوتلۇق يېھۇ، بىراكا، 4گىبئونلۇق يىشمايا. يىشمايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.
يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد،
5ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا،
6كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر، ياشوبئام،
7گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يوئېلا ۋە زىباديا.
8گاد قەبىلىسىدىكى ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قاقاسلىقتىكى غارغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇلار شىر قىياپەتلىك بولۇپ، تاغدىكى جەرەندەك تېز يۈگۈرەتتى.
9ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر،
ئىككىنچىسى ئوبادىيا،
ئۈچىنچىسى ئەلىئاب،
10تۆتىنچىسى مىشماننا،
بەشىنچىسى يەرەمىيا،
11ئالتىنچىسى ئاتتاي،
يەتتىنچىسى ئەلىئېل،
12سەككىزىنچىسى يوخانان،
توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،
13ئونىنچىسى يەرەمىيا،
ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.
14بۇ سەركەردىلەر گاد قەبىلىسىدىن بولۇپ، تۆۋەنلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ يۇقىرىلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى. 15ئەتىياز كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەل مۇشۇ سەركەردىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەن ئىدى.
16بىنيامىن ۋە يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردىكى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 17داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت:
_ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى.
18شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى بولغان ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي:
_ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغۇچىلارغا تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! ھەقىقەتەن خۇدا ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىدى.
19داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)
20داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا قوشۇلغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەر: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى. 21ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر بولۇپ، كېيىن ئۇلار داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى ۋە داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. 22داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى.
23پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. داۋۇت ھىبروندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
24يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 8006 جەڭچى.
25شىمون قەبىلىسىدىن 1007 باتۇر جەڭچى.
26لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى. 27ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى، 28شۇنداقلا ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردە بار ئىدى.
29بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى.
30ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە نامى بار باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.
31ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى، ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى.
32ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
33زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى، ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچىدى.
34نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى.
35دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى.
36ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.
37ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى.
38بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. بۇلار داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىشتا بىر نىيەتتە ئىدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى. 39ئۇلار ھىبروندا قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى. 40ئۇلارغا ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا زور مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك، يەنى ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى ئارتىپ ۋە كالا، قويلارنى ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.
13
ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى
1داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى، 2-3ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:
_ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ياشايدىغان، جۈملىدىن شەھەر ۋە يايلاقلاردا ياشايدىغان روھانىي بىلەن لاۋىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خەۋەر يەتكۈزەيلى، ئۇلار ئالدىمىزغا يىغىلسۇن. ئاندىن بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىزنىڭ خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىدى.
4بۇ ئىشنى پۈتۈن خەلق توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.
ئۇززا ۋە ئەھدە ساندۇقى
5شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى. 6داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 7ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 8داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
9ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى. 10ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى. 11داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
12شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. 13شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكەلمەي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 14خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.
14
داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىكى پائالىيەتلىرى
1تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.
3داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە ئايال ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. 4يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 5يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلپەلەت، 6نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 7ئەلىشاما، بىئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى
8داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 9فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. 10داۋۇت خۇدادىن:
_ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىلاھ»] دەپ نام بېرىلدى. 12فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى.
13كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. 14داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا:
_ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل. 15سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.
16شۇنداق قىلىپ، داۋۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى 17داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە ئەللەرگە تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.
15
ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى
1داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە سارايلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ، چېدىر تىكتۈردى. 2ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى:
_ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.
3داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 4ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:
5قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى،
6مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى،
7گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى،
8ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى،
9ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى،
10ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى.
11داۋۇت روھانىي زادوق، روھانىي ئەبىياتار ۋە لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل ۋە ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ، 12ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىڭلار ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار. 13ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپ قىلدى. 14شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 15لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.
16داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇرام بولۇشىنى تاپىلىدى. 17لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېمان، بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاساف ۋە مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتان. 18ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.
19نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى. 20زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا ۋە بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 21ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق لىرا چېلىشقا تەيىنلەندى. 22لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى.
23بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى. 24شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى.
25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشىلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى. 26پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 27شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، شۇنداقلا ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا ئېسىل زىغىر يىپتىن تىكىلگەن تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. 28شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.
29پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.
16
ئەھدە ساندۇقىنىڭ چېدىرغا قويۇلۇشى
1ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 3ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى.
4داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەت قىلىشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا رەھمەت ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى. 5ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. باشقىلار: يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالىدىغان بولدى. 6روھانىي بىنايا بىلەن ياخازىئېل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى.
داۋۇتنىڭ مەدھىيە كۈيى
7شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇدى:
8پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،
ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،
كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!
9خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،
مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.
10ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،
قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
11تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،
ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.
12-13ئى خۇدانىڭ قۇلى بولغان ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى
ۋە ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،
ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،
مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.
14ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.
15ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر،
بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.
16پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى،
ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.
17ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى.
ئىسرائىلغا* مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:
18«كەنئان زېمىنى سېنىڭ ئۈلۈشۈڭدۇر،
ئۇ ساڭا تەئەللۇق مۈلۈكتۇر.»
19ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز ئىدى،
نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.
20ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى،
ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.
21خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى،
ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:
22«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار،
پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»
23ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،
ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.
24تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا،
ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.
25ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما،
ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە.
ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن،
پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.
26پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى،
ئەمما پەرۋەردىگار ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.
27ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى،
قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.
28ئەي بارچە ئەللەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى،
تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.
29-30پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار،
خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.
ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار،
پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار.
بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.
31شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار،
ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»
32تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار،
يايرىسۇن دالالار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار.
33ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار،
چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا.
34شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا،
چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى
مەڭگۈ داۋام قىلار.
35يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار:
«ئى نىجاتكارىمىز بولغان خۇدا،
قۇتقۇزغىن بىزنى،
يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزنى.
شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى،
شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.»
36مەدھىيەلەنگەي ئەبەدىلئەبەد،
ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار!
ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
37داۋۇت ئاساف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈنى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى. 38ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى. 39داۋۇت يەنە روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى. 40ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى. 41ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن يەنە ھېمان، يىدۇتۇن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئالاھىدە تاللانغانلار بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. 42ھېمان ۋە يىدۇتۇن سازەندىلىككە، يەنى كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.
43شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن قايتتى.
17
پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسى
1ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە:
_ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى. 2ناتان داۋۇتقا:
_ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى خۇدا سىزگە ياردۇر، _ دېدى.
3لېكىن شۇ كۈنى كەچتە خۇدادىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
4_ سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «مەن تۇرىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالمايسەن. 5مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىنى ماكان قىلىپ باقمىدىم. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كۆچۈپ يۈردۈم، پەقەت چېدىرنى ماكان قىلدىم. 6مەن ئىسرائىللار بىلەن بىرگە بولغان يەرلەردە، خەلقىمنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باقتىممۇ؟ 7مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم. 8قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.
9-10مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر زېمىن تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بويسۇندۇرىمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن. 11سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا كەتكەن چېغىڭدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 12ماڭا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. 13مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. سەندىن ئىلگىرى پادىشاھ بولغان سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان ئايرىمايمەن. 14مەن ئۇنى ئۆز خانىدانلىقىم ۋە پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدىي قىلىمەن.»
15ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.
داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى
16شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
_ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟! 17ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن مېنى نەزىرىڭدە ئۇلۇغ ئادەم بىلدىڭ. 18سەن مەن قۇلۇڭنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردۈڭ، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن. 19سەن بۇ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى مەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىڭنى ئاشكارىلىدىڭ.
20ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر ھەم سەندىن باشقا خۇدامۇ يوقتۇر، بىز مۇشۇنداق ئاڭلاپ كەلدۇق. 21يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ. 22ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈلۈك ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
23ئى پەرۋەردىگار، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن ۋە ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. 24شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.
25ئى خۇدايىم، سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. 26ئى پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن! سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. 27سەن خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن خانىدانلىقىمغا بەخت ئاتا قىلىشقا رازى بولدۇڭ. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئاتا قىلغان بەختىڭ بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.
18
داۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى
1مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە ئۇ گات شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. 2ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.
3زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى خاماتنىڭ يېنىدا مەغلۇپ قىلدى. 4داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، شۇنداقلا يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.
5دەمەشقتىكى ئارراملار زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت ئارراملاردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.
7داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. 8پادىشاھ داۋۇت يەنە ھادادئەزەرنىڭ تىبخات ۋە كۇن دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلايمان بۇ تۇچلاردىن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، تۈۋرۈكلەر ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ياساتتى.
9خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 10ئوغلى ھادورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى. 11پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.
12مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 13داۋۇت يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.
داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى
14داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى. 15مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 16ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، 17يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى.
19
داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ھاقارەتلىنىشى
1ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى. 2داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، 3ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا:
_ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.
4شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.
5پادىشاھ داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. داۋۇت ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.
6ئاممونلارنىڭ پادىشاھى خانۇن ۋە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھتىكى خەلقلەرنىڭ لەشكەرلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن بىرگە 35 توننا كۈمۈشكە ياللاپ ئالدى. 7ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنى ياللىدى. مائاكانىڭ پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى.
8داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يوللىدى. 9ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، ياردەمگە كەلگەن باشقا پادىشاھلار دالادا ئايرىم بىر سەپ تۇردى.
داۋۇتنىڭ ئارراملار ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى
10يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئارراملارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. 11قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. 12يوئاب ئابىشايغا:
_ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. 13جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.
14يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى. 15ئارراملارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
16ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن ئارراملار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارراملارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە كەلدى.
17بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئارراملارغا يېقىن يەرگە كېلىپ، قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئارراملار داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 18ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە مىڭنى ۋە پىيادە لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى ئۆلتۈردى. 19ھادادئەزەرگە ئەگەشكەن پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋۇت بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەل بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملار ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتىدىغان بولدى.
20
يوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ئېلىشى
1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، يوئاب ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى باشلاپ، ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى. يوئاب رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
2رابباھقا كەلگەن داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئېلىپ، بېشىغا كىيدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلو بولۇپ، ياقۇت بىلەن بېزەلگەنىدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. 3ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
فىلىستىيەلىك پالۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
4شۇنىڭدىن كېيىن گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى.
5فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.
6كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. 7بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
8بۇ فىلىستىيەلىك پالۋانلار گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
21
داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنى رويخەتكە ئېلىشى
1شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە:
_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ داندىن بەئەرشەباغىچە جايلاشقان ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ، مەلۇمات قىلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى.
3يوئاب پادىشاھقا:
_ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلماقچى بولىدىلا؟ _ دېدى.
4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 5يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بەردى. پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
6بىراق يوئاب لاۋىي بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىنى بۇ سانغا كىرگۈزمىگەنىدى، چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىغا نارازى ئىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى
7ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى. 8داۋۇت خۇداغا:
_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى.
9پەرۋەردىگار داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا:
10_ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:
_ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا. 12ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرسۇنمۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟
13داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:
_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
14شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا چۈشۈردى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 15خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:
_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.
16داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى. 17داۋۇت خۇداغا:
_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغان مەن، گۇناھ قىلغانمۇ مەن، رەزىللىك قىلغانمۇ مەن، قويدەك بۇ خەلقتە نېمە گۇناھ؟ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن، ئۆز خەلقىڭگە ۋابا چۈشۈرمىگەيسەن! _ دېدى.
داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى
18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا:
_ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.
19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇ يەرگە باردى. 20ئاراۋنا تۆت ئوغلى بىلەن خاماندا بۇغداي ئايرىۋاتاتتى، ئۇ بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى. 21ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 22داۋۇت ئاراۋناغا:
_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن خامىنىڭنى ماڭا ئۆز باھاسىدا سېتىپ بەرسەڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.
23_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمە قىلىشنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بۇقىلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشكە رازى، _ دېدى ئاراۋنا. 24لېكىن پادىشاھ داۋۇت:
_ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭ نەرسىلىرىڭنى بىكارغا ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئاراۋنانىڭ خامىنىنى 7 كىلو 200 گىرام ئالتۇنغا سېتىۋالدى.
26داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى. 27شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى.
28داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا ئۆزىنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە قۇربانلىق قىلدى. 29بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى. 30لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
22
1شۇڭا داۋۇت:
_ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى.
داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى
2داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىلىدىغان تاشلارنى يونۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى. 3داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ، شۇنداقلا مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى. 4ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كېدىر ياغىچى تەييارلىدى. بۇ كېدىر ياغاچلىرىنى سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلار توشۇپ ئەكەلگەنىدى.
5داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بولسۇن. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قوياي» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.
6كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى. 7ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى:
_ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم. 8لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭ ۋە كۆز ئالدىمدا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ. شۇڭا مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ. 9لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغداپ، تىنچ-ئامان ياشىتىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 10ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.
11ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشىڭغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە سېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن. 12سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن. 13ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا قىلغان ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بۇيرۇغان بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.
14قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن 3500 توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكىن. 15ئىسرائىلىيەدە نۇرغۇن ئىشچىلار، يەنى تاشچى، تامچى، ياغاچچى ۋە باشقا ماھىر ئۇستىلارمۇ بار. 16يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلەرمۇ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.
17داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى ۋە يەنە مۇنداق دېدى:
18_ پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ. 19ھازىردىن باشلاپ سىلەر جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.
23
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى
1داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. 3ئۇ لاۋىيلارنىڭ 30 ياشتىن يۇقىرى ئەرلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ ئىدى. 4داۋۇت ئۇلارنىڭ 24 مىڭ نەپىرىنى ئىبادەتخانىنى سېلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. 5يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ياساتقان چالغۇلارنى چېلىشقا مەسئۇل قىلدى. 6داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشون، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.
گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى
7گېرشوننىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 8لاداننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يىخىئېل، زېتام ۋە يوئېل. جەمئىي ئۈچ ئوغۇل. 9ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران. جەمئىي ئۈچ ئوغۇل. 10شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 11ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى.
قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى
12قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.
13ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى. 14خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.
15مۇسانىڭ گېرشوم ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
16گېرشومنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى.
17ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.
18قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.
19قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.
20قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى.
مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى
21مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. 22ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆردى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.
23مۇشىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولدى، ئۇلار ماخلى، ئەدەر ۋە يىرېموت ئىدى.
24مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەتكە قويۇلغانىدى. 25داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ. 26شۇڭا لاۋىيلار بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئىچىدىكى بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ». 27داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى.
28لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنى قىلىش ئىدى. 29ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى، نېپىز پېتىر نانلارنى، چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى. 30ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى. 31دېمەك، ئۇلار ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى. لاۋىيلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگىلەنگەن سان ۋە بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت قىلاتتى.
32لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرەتتى.
24
روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى
1ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈندى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى. 3پادىشاھ داۋۇت ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى زادوق ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادى ئاخىمەلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە توپقا بۆلدى. 4ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى 16 توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز توپقا بۆلۈندى. 5خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، چەك تاشلاش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئادىل بۆلۈپ بېرىلدى.
6لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، تاشلانغان چەكلەرنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تاشلاشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تاشلىدى.
7بىرىنچى چەك يىھويارىبقا،
ئىككىنچى چەك يىداياغا،
8ئۈچىنچى چەك خارىمغا،
تۆتىنچى چەك سىئورىمغا،
9بەشىنچى چەك مالكىياغا،
ئالتىنچى چەك مىيامىنغا،
10يەتتىنچى چەك خاققوزغا،
سەككىزىنچى چەك ئابىياغا،
11توققۇزىنچى چەك يېشۇۋاغا،
ئونىنچى چەك شىكانياغا،
12ئون بىرىنچى چەك ئەلياشىبقا،
ئون ئىككىنچى چەك ياقىمغا،
13ئون ئۈچىنچى چەك خۇپپاھقا،
ئون تۆتىنچى چەك يەشەبئابقا،
14ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا،
ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا،
15ئون يەتتىنچى چەك خېزىرغا،
ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىززېزغا،
16ئون توققۇزىنچى چەك پىتاخياغا،
يىگىرمىنچى چەك يىھەزكەلگە،
17يىگىرمە بىرىنچى چەك ياكىنغا،
يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا،
18يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دىلاياغا،
يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازياغا چىقتى.
19بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھارۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ھارۇنغا چۈشۈرگەنىدى.
20لاۋىيلاردىن بولغان باشقا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى:
ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبائېل،
شۇبائېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەخدىيا،
21رىخابيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن يولباشچى يىششىيا،
22يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىلوموت،
شىلوموتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياخات،
23ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يىرىيا ۋە ئۇنىڭ ئاماريا، ياخازىئېل، يىقامئام قاتارلىق ئىنىلىرى،
24ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكاھ،
مىكاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شامىر 25ۋە مىكاھنىڭ ئىنىسى يىششىيا،
يىششىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن زىكىرىيا،
26مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماخلى ۋە مۇشى،
يائازىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىنو،
27مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى يائازىيا ئەۋلادلىرىغا تەۋە بىنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى،
28ماخلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغۇللىرى يوق ئىدى.
29كىشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يىراخمىئېل،
30مۇشى ئەۋلادلىرىدىن ماخلى، ئەدەر ۋە يىرىموت.
مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 31بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا پادىشاھ داۋۇت، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى.
25
ئىبادەتخانا نەغمىچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى
1پادىشاھ داۋۇت باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ۋەھىي يەتكۈزۈشكە تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.
2ئاسافنىڭ زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانيا ۋە ئاسارئېلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ۋەھىي يەتكۈزەتتى.
3يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزەتتى.
4-5پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى ھېماننىڭ بۇققىيا، ماتتانيا، ئۇززىئېل، شىبۇئېل، يىرىموت، خانانيا، خانانى، ئەلىياتا، گىددالتى، رومامتى-ئەزەر، يوشبىقاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ھېمانغا شاپائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا 14 ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت بەرگەنىدى. 6بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش خىزمىتىنى قىلاتتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدا ئىدى. 7ئۇلار ۋە قېرىنداشلىرى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە كەسپىي نەغمىچىلەر بولۇپ، جەمئىي 288 كىشى ئىدى. 8بۇلار ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.
9بىرىنچى چەك ئاساف جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
ئىككىنچى چەك گىداليا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
10ئۈچىنچى چەك زاككۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
11تۆتىنچى چەك يىزرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
12بەشىنچى چەك نىتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
13ئالتىنچى چەك بۇققىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
14يەتتىنچى چەك يىسارئېلا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
15سەككىزىنچى چەك يىشايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
16توققۇزىنچى چەك ماتتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
17ئونىنچى چەك شىمئى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
18ئون بىرىنچى چەك ئازارئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
19ئون ئىككىنچى چەك خاشابيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
20ئون ئۈچىنچى چەك شۇبائېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
21ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
22ئون بەشىنچى چەك يىرېموت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
23ئون ئالتىنچى چەك خانانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
24ئون يەتتىنچى چەك يوشبىقاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
25ئون سەككىزىنچى چەك خانانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
26ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
27يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
28يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
29يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
30يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
31يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئەزەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.
26
ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى
1دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەندى:
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا. 2مىشەلەميانىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زىكىرىيا، ئىككىنچىسى يىدىئائېل، ئۈچىنچىسى زىباديا، تۆتىنچىسى ياتنىئېل، 3بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يىھوخانان، يەتتىنچىسى ئەليىھوئېناي ئىدى.
4-5خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن ئوبېد-ئىدوم سەككىز ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. چوڭ ئوغلى شىمايا، ئىككىنچىسى يىھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاخ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نىتانئېل، ئالتىنچىسى ئاممىئېل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پىئۇللىتاي ئىدى.
6ئوبېد-ئىدومنىڭ ئوغلى شىمايانىڭمۇ ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسى ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغانىدى. 7ئۇلار ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.
8ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي 62 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كىشىلەر ئىدى.
9مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمئىي 18 ئادەم بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.
10مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئوغلى شىمرى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى. 11قالغان ئوغۇللىرى خىلقىيا، تىباليا ۋە زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن 13 ئادەم ئىدى.
12دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى. 13جەمەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.
14شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى. 15ئوبېد-ئىدومغا چەك تاشلانغاندا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي دەرۋازا چىقتى، ئوغۇللىرىغا ئامبارغا قاراش چېكى چىقتى. 16شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر دەرۋازىلاردا كۆزەتچىلىك قىلاتتى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇراتتى. 17ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى. 18غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى.
19يۇقىرىدىكىلەر كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن كۆزەتچىلىك ۋەزىپىلىرىدۇر.
ئىبادەتخانىدىكى باشقا خىزمەتلەر
20ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. 21گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاداننىڭ جەمەتىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى، 22يىخىئېلىنىڭ ئوغلى زېتام ۋە ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
23ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىپ بېرىلدى:
24مۇسانىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان شىبۇئېل ئىبادەتخانىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولدى. 25تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت ئىدى. 26شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ساقلىناتتى. 27ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەدىيە قىلاتتى. 28شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى يەنە غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىمۇ باشقۇراتتى.
29يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى.
30ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خاشابيا ۋە ئۇنىڭ 1700 نەپەر تۇغقىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى، ئۇلار قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
31نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىشىچە، ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يىرىيا ھىبرون جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. پادىشاھ داۋۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 40-يىلىدا نەسەبنامىلارغا دائىر بارلىق يازمىلار كۆرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ يازمىلاردا گىلئادتىكى يازېر شەھىرىدە ياشايدىغان ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى. 32پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن 2700 نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
27
ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇنلىرى
1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇنلارنى ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ باشقۇراتتى. ھەربىر قوشۇن 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
2بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشوبئام بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدا 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى. 3ياشابئام پەرەس ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۇ شۇ ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ بارلىق سەركەردىلىرىنى باشقۇراتتى.
4ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
5ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى. 6بىنايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
7تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
8بەشىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى شامھۇت بولۇپ، ئۇ يىزراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
9ئالتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
10يەتتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى پىلونلۇق خەلەز بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
11سەككىزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى خۇشاھلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇ زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
12توققۇزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
13ئونىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق ماھراي بولۇپ، ئۇ زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
14ئون بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى پىرئاتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
15ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى
16تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر.
رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر،
شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا،
17لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا،
ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى زادوق،
18يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ،
ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى.
19زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا،
نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئازرىئېلنىڭ ئوغلى يىرىموت،
20ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئازازيانىڭ ئوغلى ھوشىيا،
ماناسسە قەبىلىسى غەربىي يېرىمىنىڭ باشلىقى پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل،
21گىلئادتىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ باشلىقى زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىددو،
بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئابنېرنىڭ ئوغلى يائاسىئېل،
22دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازارئېل،
ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
23داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. 24مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىملاشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرمىگەنىدى.
ئوردىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى باشقۇرغۇچىلار
25ئادىئېلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئوردىنىڭ ئامبارلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايون، يېزا-قىشلاق ۋە قورغانلارغا قاراشلىق ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
26كىلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
27راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى.
شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
28گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى.
يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
29شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا،
ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
30ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئوبىل تۆگىلەرگە،
مېرونوتلۇق يەخدىيا ئېشەكلەرگە مەسئۇل ئىدى.
31ھاگرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھ داۋۇتنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى.
32داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان دانىشمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە پۈتۈكچى ئىدى. خاكمونىنىڭ ئوغلى يىخىئېل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە مەسئۇل ئىدى. 33ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى. 34ئاخىتوفەلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىنايانىڭ ئوغلى يىھويادا ۋە ئەبىياتار مەسلىھەتچىلەر بولدى. يوئاب پۈتۈن قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى.
28
داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانا توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرى
1پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى. 2پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچىدىم. ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگارنىڭ پۇتىنى قويىدىغان يېرىدۇر. مەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم. 3لېكىن خۇدا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن ئىلگىرى كۆپ جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ» دېدى. 4ھالبۇكى، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئاتامنىڭ جەمەتىدىن مېنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھلىقىغا مەڭگۈلۈك تاللىدى. پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىنى يېتەكچى قىلىپ تاللىدى، ئاندىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن مېنى تاللىدى. ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. 5پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. 6پەرۋەردىگار ماڭا: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ئىبادەتخانامنى سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى ياسايدۇ. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى بولىمەن. 7ئەگەر ئۇ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى بۈگۈنكىدەك قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.
8خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.
9ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ. 10سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!
11داۋۇت ئوغلى سۇلايمانغا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى، ئامبارلىرى، يۇقىرى خانىلىرى، ئىچكىرى خانىلىرى ۋە ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ، يەنى گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى بەردى. 12داۋۇت سۇلايمانغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى. 13داۋۇت سۇلايمانغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەش، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە ئۇلار خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى.
14داۋۇت سۇلايمانغا يەنە خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارىنى، 15يەنى ئالتۇن چىراغ، ئالتۇن چىراغدانلار، كۈمۈش چىراغ، كۈمۈش چىراغدانلار، 16خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرەلەر، باشقا كۈمۈش شىرەلەر، 17ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن چەينەك، ئالتۇن قاچىلار، كۈمۈش قاچىلار ۋە 18ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. داۋۇت يەنە سۇلايمانغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرغان ئالتۇن كېرۇبلارنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ «ھارۋىسى»نىڭ لايىھەسىنىمۇ بەردى.
19داۋۇت مۇنداق دېدى:
_ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.
20ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە:
_ ئىش قىلغاندا قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، ھەرگىز قورقمىغىن ھەم بوشىشىپ قالمىغىن! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا ياردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، سەندىن ئايرىلمايدۇ ۋە سېنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ. 21مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.
29
ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان ھەدىيەلەر
1پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى:
_ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىلىدۇ. 2مەن خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلىدىم. ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن يوللۇق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەتلىك تاشلارنىمۇ تەييارلىدىم. 3مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلىمەن. 4مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن. 5بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ھەر خىل بۇيۇملارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟
6شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز سوۋغاتلىرىنى خالىس ھالدا ھەدىيە قىلدى. 7ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىلغان ھەدىيەلىرى 175 توننا ئالتۇن، 10 مىڭ دانە ئالتۇن تەڭگە، 350 توننا كۈمۈش، 630 توننا تۇچ ۋە 3500 توننا تۆمۈر ئىدى. 8كىمدە قىممەتلىك تاشلار بولسا، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى. 9خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.
داۋۇتنىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى
10داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى:
«ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا،
ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
11ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر.
ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر!
ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر،
سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
12بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ،
سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىسەن،
سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن،
ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر.
13ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز،
سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!
14ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى.
بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟
چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ.
بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!
15بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش
پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇرمىز،
بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
16ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا،
بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن،
ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.
17ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.
سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن.
مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم،
شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
18ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا،
خەلقىڭنى مەڭگۈ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قىزغىن ۋە سادىق قىلغايسەن!
19ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى،
شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىبادەتخانىنى سېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»
20كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.
سۇلايماننىڭ قايتىدىن پادىشاھ دەپ جاكارلىنىشى
21جامائەت ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى. 22ئۇ كۈنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن غىزالاندى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، يەنە بىر قېتىم سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي دەپ جاكارلاشتى. 23شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. سۇلايمان ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. 24بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە پادىشاھ داۋۇتنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. 25پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر شۆھرەتكە ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.
داۋۇتنىڭ ۋاپاتى
26يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ ئىدى. 27ئۇ ئىسرائىلىيەگە قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل پادىشاھ بولدى. 28داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.
29پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر. 30بۇ تەزكىرىلەرگە پادىشاھ داۋۇتنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ پۈتۈلگەنىدى.
