سەردارلار

1

ئىسرائىللارنىڭ كەنئان زېمىنىنى داۋاملىق ئىگىلىشى

1يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن:

_ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. 2پەرۋەردىگار جاۋابەن:

_ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

3‏-4شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە:

_ كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن زېمىنغا بىرگە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە بېرىلگەن زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 5يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى ئۇ يەردە كەنئانلار ۋە پەرىززىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان ئادونى-بەزەق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 6ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى. 7ئادونى-بەزەق:

_ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.

8يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 9كەينىدىنلا ئۇلار تاغلىق رايوندا، نەگېب چۆللۈكىدە، غەربىي ئېدىرلىق 10ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

11يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

12يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب:

_ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

13ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. 14بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن:

_ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 15ئاكساھ:

_ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى نەگېب چۆللۈكىدىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

16مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 17يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىرگە زىفات شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇ شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى.* ئۇ جايغا خورماھ [مەنىسى «ھالاكەت»] دەپ ئىسىم قويدى. 18يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىگىلىدى. 19پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىگىلىيەلىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى. 20مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى. 21لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.

22‏-23يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى* بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى. 24ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا:

_ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.

25ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى. 26كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىل قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان خەلقلەر

27ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، يىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. 28ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى.

29ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىدى.

30زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.

31ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقارمىدى. 32ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىرگە ياشىدى. 33نافتالى قەبىلىسىمۇ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىرگە ياشىدى، لېكىن ئۇلارنى قۇل قىلدى.

34دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى. 35ئامورلار ئاييالون، شائالبىم، شەھەرلىرىدە ۋە خەرەس تاغلىق رايونىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. لېكىن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى كۈچىيىپ، ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. 36ئامورلارنىڭ چېگراسى چايان داۋىنىدىن باشلىنىپ، سەلا دېگەن يەردىن يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغانىدى.

2

ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى

1پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا:

_ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن. 2سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ 3مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مەن ئەمدى ئۇ يەردە قالغان خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ بېقىنىڭلارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، _ دېدى.

4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى، 5شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى بوقىم [مەنىسى «يىغا-زار»] دەپ ئاتىدى ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى.

يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

6يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. 7يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 8پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 9يوشۇۋا ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىندىكى گائاش تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-خەرەس شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. 10شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

11كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى. 12‏-13ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىدى. ئەتراپىدىكى خەلقلەر چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئىلاھە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 14شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى. 15ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆزى قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايىئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردارلارنى تەيىنلىشى

16پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. 17لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى. 18پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلارغا يار بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى. 19بىراق سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا ئۇلار يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇناتتى ۋە سەجدە قىلاتتى، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى.

20شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. 21‏-22مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان ياكى ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن يوشۇۋانىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردە قېلىپ قالغان يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن.» 23شۇ ۋەجىدىن پەرۋەردىگار ئۇ خەلقلەرنى يوشۇۋانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تېزلا قوغلاپ چىقىرىۋەتمەي، داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويغانىدى.

3

كەنئان زېمىندا قېلىپ قالغان خەلقلەر

1‏-2پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم خەلقلەرنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى. 3بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى. 4پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان ياكى بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ئارىسىدا ياشىدى. 6ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.

ئوتنىئېلنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

7ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، ئىلاھ بائال ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى. 8شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناھارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى. 9كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى. 10پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناھارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى. 11شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكۈچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

ئېھۇدنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

12ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى كۈچلەندۈردى. 13ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى. 14ئىسرائىللار موئاب پادىشاھى ئەگلونغا 18 يىل قۇل بولدى. 15كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. 16ئېھۇد ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا قوش بىسلىق بىر خەنجەر سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئوڭ يانپېشىغا ئېسىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، 17ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ، موئاب پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا باردى. ئەگلون ناھايىتى سېمىز ئادەم ئىدى. 18‏-19ئېھۇد ئالۋان-سېلىقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن گىلگال شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاش ھەيكەللەر بار جايغا باردى ۋە بۇ كىشىلەرنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ، يەنە ئۆزى يالغۇز ئەگلوننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ:

_ ئالىيلىرىغا ئېيتىدىغان بىر مەخپىي ئىش بار ئىدى، _ دېدى. پادىشاھ ئېھۇدقا:

_ جىم! _ دېدى. خىزمەتكارلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشتى.

20بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن ھۇجرىسىدا يالغۇز قالدى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ:

_ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.

21ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. 22خەنجەر سېپى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ سېمىز قورسىقىغا كىرىپ كەتكەچكە، ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقتى. ئېھۇد پادىشاھنىڭ قورسىقىدىن خەنجەرنى تارتىۋالمايلا، 23ئۆگزىدىكى ھۇجرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويدى. 24ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار كېلىپ ئىشىكنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار پادىشاھ تەرەت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى. 25ئۇلار پادىشاھنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئاخىر ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، پادىشاھىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. 26ياساۋۇللار سىرتتا كۈتۈپ تۇرغاندا، ئېھۇد قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاش ھەيكەللەر بار جايدىن ئۆتۈپ، 27ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە 28ئۇلارغا:

_ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى.

ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلەپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى. 29ئۇ كۈنى ئۇلار موئابنىڭ ئون مىڭچە خىللانغان، كۈچلۈك لەشكەرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتى. 30شۇ كۈنى ئىسرائىللار موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىن 80 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

شامگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

31ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.

4

دىبورا بىلەن باراقنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

1ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 2شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى. 3ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى. 4ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى. 5ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئاشۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان).

6بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل. 7مەن يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دەرياسى بويىدا سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىرىمەن، ھەمدە ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئەمر قىلدى، _ دېدى. 8باراق ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 9دىبورا:

_ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. 10باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى.

11ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.

12سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 13تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.

14دىبورا باراققا:

_ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ۋە ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 15باراقنىڭ قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، پەرۋەردىگار سىسىرانى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قوشۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسىرا ھارۋىسىنى تاشلاپ پىيادە قېچىپ كەتتى. 16باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى. 17سىسىرا قېچىپ قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ ئايالى يائېلنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى خازور پادىشاھى يابىن خەبەر بىلەن دوست ئىدى.

18يائېل سىسىرانىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ جانابلىرى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلسىلا، قورقمىسىلا، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن سىسىرا چېدىرغا كىردى. يائېل ئۇنى تۆشەك ياپقۇچى بىلەن يوشۇرۇپ قويدى. 19سىسىرا ئۇنىڭغا:

_ ئۇسساپ كەتتىم. ئازراق سۇ بەرسىڭىز، _ دېدى. يائېل ئۇنىڭغا بىر تۇلۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سۈت قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇنى يەنە يوشۇرۇپ قويدى. 20سىسىرا يائېلغا:

_ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى.

21سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ ئايالى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرۇۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى.

22باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى.

23ئۇ كۈنى خۇدا ئىسرائىللارغا كەنئان پادىشاھى يابىننى باش ئەگدۈرۈپ بەردى. 24شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەنئان پادىشاھى يابىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاخىرى ئۇنى يوقاتتى.

5

دىبورا بىلەن باراقنىڭ مەدھىيەسى

1ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى:

 

2«سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا،

خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا،

ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!

 

3ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار!

ئەي ھۆكۈمرانلار، قۇلاق سېلىڭلار!

نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن،

ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن.

 

4ئى پەرۋەردىگار،

سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا،

ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا،

زىلزىلىگە كەلدى يەر-زېمىنلار،

تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.

 

5تاغلار سىلكىندى سىناي تېغىدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە،

ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا.

 

6يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا،

ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا.

7مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا،

چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.

8ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا.

نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا،

قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا.

9قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىللارنىڭ سەركەردىلىرىگە،

مايىلدۇر ئىسرائىللارنىڭ پىدائىيلىرىغا.

ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!

 

10ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر،

ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار،

يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار.

11ئاڭلاڭلار قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى،

ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى،

ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى.

 

يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.

12ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان!

ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر!

ئويغان، مەدھىيە ياڭرات!

ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!

13يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى،

چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى.

14خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى،

ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى،

ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى،

سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى.

15ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىرگە كەلدى،

باراقمۇ ئىسساكارلار بىلەن بىرگە كەلدى،

ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا تۈزلەڭلىككە چۈشتى،

ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى.

16نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟

يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟

شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا.

17گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا.

توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟

قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟

18لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى،

نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.

 

19جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى،

كېلىپ مىگىددو سۇلىرى بويىدىكى تاناكقا،

لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈش ئولجىغا.

20جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن،

ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن.

21ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى،

ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن.

دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا.

22توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى،

تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.

23پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى:

‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن،

مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن،

زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›

 

24قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ ئايالى يائېل،

ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە،

ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا.

25سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل،

شاھانە چىنىدە سۈزمە سۇنغان يائېل.

26سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ،

ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ،

كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ،

قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ.

27سوزۇلۇپ ياتتى يەردە سىسىرا،

ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا،

جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا!

 

28سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا،

ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا.

نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق:

‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟

نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟›

29ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى،

ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق:

30‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشۈۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر،

تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار،

ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر،

ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.›

 

31ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي!

دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!»

 

شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

6

مىديانلارنىڭ ئىسرائىللارنى بېسىۋېلىشى

1ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. 2مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى. 3ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. 4ئۇلار جەنۇبتىكى گازا شەھىرىگىچە بولغان جايلاردا چېدىر تىكىپ، بۇ زېمىندىكى زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتەتتى. ھەمدە پۈتۈن قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى بۇلاپ، ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقانداق ئوزۇق-تۈلۈك قويمايتتى. 5ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرلەرنى خاراب قىلىۋېتەتتى. 6‏-7ئىسرائىللار مىديانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلدى. 8شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. 9سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە ئېلىپ بەردىم. 10مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار».

گىدئوننىڭ سەردارلىققا تاللىنىشى

11كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.

12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:

_ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى. 13گىدئون ئۇنىڭغا:

_ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئەمدى نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى. 14پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ:

_ سەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى.

15_ تەقسىر، مەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون. 16پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى. 17گىدئون:

_ ئەگەر ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولىدىغان ئادەم مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز. 18مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسىز، _ دېدى.

_ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.

19شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال ئىدىشقا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. 20خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا:

_ گۆش بىلەن پېتىر ناننى بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى ئۈستىگە تۆككىن، _ دېدى، گىدئون شۇنداق قىلدى. 21پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىسىنىڭ ئۇچىنى گۆش بىلەن نانغا تەگكۈزۈۋىدى، تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن ناننى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى.

22گىدئون ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ئەمدى مەن تۈگەشتىم، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ! _ دېدى. 23پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى.

24گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم [مەنىسى «پەرۋەردىگار ئامانلىقتۇر»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن يېرىدە تۇرماقتا.

25ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق بۇقىسىنى، يەنى ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋەت. 26ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى.

27شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، كېچىسى قىلدى.

28ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. 29ئۇلار ئۆزئارا:

_ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى.

ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى.

30شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا:

_ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى. 31يوئاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن خالايىققا:

_ سىلەر بائال ئۈچۈن تاكاللىشىپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكاللاشسا تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ئۇ ئۆلىدۇ. ئەگەر بائال راستتىنلا ئىلاھ بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىۋەتكەن كىشىنى ھالاك قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

32بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى چېقىپ تاشلانغاندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يېرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى.

33ئۇ چاغدا مىديانلار ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە چېدىرلىرىنى تىكىشتى. 34پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى. 35ئۇ ماناسسە زېمىنىغىمۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ھەمدە ئاشېر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىگىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گىدئوننىڭ قېشىغا كېلىشتى.

گىدئوننىڭ گۇمان قىلىشى

36شۇنىڭ بىلەن گىدئون خۇداغا:

_ ئەگەر سەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى راستتىنلا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولساڭ، 37ئۇنداقتا مەن خامانغا قوينىڭ يۇڭىنى يېيىپ قوياي. ئەگەر سەھەردە پەقەت قوي يۇڭىنىڭ ئۈستىدىلا شەبنەم بولۇپ، يەردە شەبنەم بولمىسا، سېنى ھەقىقەتەن مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىللارنى قۇتقۇزماقچى بولۇپتۇ دەپ بىلەي، _ دېدى.

38ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. گىدئون ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ، قوي يۇڭىنى سىقىۋىدى، بىر چىنە شەبنەم سۈيى چىقتى. 39گىدئون خۇداغا يەنە:

_ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي يۇڭى بىلەن يەنە بىر سىناپ باقاي. بۇ قېتىم قوي يۇڭى قۇرۇق تۇرسۇن، يەرگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى.

40ئۇ كېچە خۇدا شۇنداق قىلدى. دەرۋەقە، ئەتىسى سەھەردە قوي يۇڭى قۇرۇق ئىدى، يەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى.

7

گىدئوننىڭ مىديانلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1شۇنىڭ بىلەن يېرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى. 2پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ. 3سەن ئۇلارغا: «دۈشمەندىن قورقۇپ تىترىگەنلەر دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆيلىرىگە قايتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى. 4پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە:

_ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى.

5گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن سۇنى قولىغا ئېلىپ، ئىتقا ئوخشاش تىلى بىلەن يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن سۇنى تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئېڭىشىپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى.

6300 ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ، يالاپ ئىچتى. قالغانلىرى سۇنى تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئېڭىشىپ ئىچتى. 7پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن ئاشۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى.

8گىدئون 300 ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغىلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. 9شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. 10ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 11ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ، دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى. 12مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئىدى.

13گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى:

_ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن، 14ئۇنىڭ ھەمراھى:

_ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگۈدەك، _ دېدى.

15گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە:

_ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.

16گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ، 17ئۇلارغا:

_ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار. 18مەن ۋە مېنىڭ توپۇمدىكىلەر بۇرغا چالغاندا، سىلەرمۇ بارگاھ ئەتراپىدا بۇرغا چېلىڭلار ۋە «پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن!» دەپ ۋارقىراڭلار، _ دېدى.

19گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى، 20شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ:

_ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.

21ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى. 22گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى. 23نافتالى، ئاشېر ۋە پۈتۈن ماناسسەدىكى ئىسرائىللار قوزغىلىپ مىديانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا چاقىرىلدى.

24گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەرمۇ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلەپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.

ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلىدى. 25ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار ئورېبنى تاش ئۈستىدە ئۆلتۈردى، بۇ تاش كېيىن «ئورېب قورام تېشى» دەپ ئاتالدى. زىئېبنى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۆلتۈردى. بۇ كۆلچەك كېيىن «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى» دەپ ئاتالدى. ئۇلار مىديانلارنى داۋاملىق قوغلاپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.

8

گىدئوننىڭ مىديان سەركەردىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا:

_ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلارغا قارشى جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى. 2گىدئون ئۇلارغا:

_ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟ 3خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى بولغان ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى.

گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.

4گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى. 5ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە:

_ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى پادىشاھى بولغان زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى. 6سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا:

_ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى. 7گىدئون ئۇلارغا:

_ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.

8گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ، پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ، ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى. 9گىدئون ئۇلارغىمۇ:

_ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى.

10شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ قېلىپ قالغان لەشكەرلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى. 11دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلىپ تۇرغاندا، گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. 12مىديانلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى زەباخ بىلەن زالمۇننا قاچتى. گىدئون ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ قولغا چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى تارمار قىلدى.

13ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون جەڭ مەيدانىدىن خەرەس داۋىنى ئارقىلىق قايتىپ كەلدى. 14يولدا ئۇ سۇككوت شەھىرىلىك بىر يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇ يىگىت 77 ئادەمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى. 15گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە:

_ مانا زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ مەسخىرە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.

16ئۇ شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى. 17ئۇ يەنە پىنۇئېل شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلىدى.

18گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن:

_ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن:

_ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى. 19گىدئون ئۇلارغا:

_ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.

20ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى. 21زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا:

_ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈر! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى.

گىدئوننىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا مېڭىشى

22ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا:

_ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى. 23گىدئون ئۇلارغا:

_ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى. 24گىدئون ئۇلارغا يەنە:

_ مەن سىلەردىن پەقەت بىر نەرسە تەلەپ قىلىمەن. ماڭا ھەربىرىڭلار ئالغان ئولجاڭلاردىن بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)

25ئۇلار گىدئونغا:

_ بىز بېرىشكە رازى! _ دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ئالتۇن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى. 26بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلو چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان پادىشاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. 27گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن روھانىيلىق پەرتۇقىنى ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرتۇققا چوقۇندى. شۇنىڭ بىلەن پەرتۇق گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.

گىدئوننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

28شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكۈچە بولغان 40 يىل ئىچىدە تىنچ-ئامان بولدى. 29يوئاشنىڭ ئوغلى يېرۇببائال، يەنى گىدئون يۇرتىغا قايتىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى. 30ئۇنىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلاردىن 70 ئوغۇل تاپتى. 31ئۇنىڭ شەكەم شەھىرىدە تۇرىدىغان توقىلىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك [مەنىسى «ئاتام پادىشاھتۇر»] دەپ ئىسىم قويدى. 32يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئابىئەزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھتا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

33گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بائالغا چوقۇندى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى. 34ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇدى، 35گەرچە يېرۇببائال، يەنى گىدئون ئىسرائىللارغا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلمىدى.

9

ئابىمەلەكنىڭ شەكەمگە پادىشاھ بولۇشى

1يېرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:

2_ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يېرۇببائال، يەنى گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئابىمەلەكمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى ئابىمەلەك ئۈچۈن شەكەمنىڭ پۈتۈن ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلدى. ئاقساقاللار: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىمەلەككە ئەگىشىشنى قارار قىلدى. 4ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى. 5ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يېرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنۇۋېلىپ قېچىپ كەتتى. 6شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

يوتەمنىڭ تەمسىلى

7بۇ خەۋەر يوتەمگە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ:

_ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.

8بۇرۇنقى زاماندا دەرەخلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ ئىزدەپ، زەيتۇن دەرىخىگە: «بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 9لېكىن زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە شەرەپ بېرىدىغان يېغىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

10ئاندىن دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 11بىراق ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

12شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم كۆچىتىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 13بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

14ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دەرەخلەر يانتاققا: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 15يانتاق ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ قىلماقچى بولساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەم ئاستىدا پاناھلىنىڭلار. ئۇنداق بولمىسا، مەن يانتاقتىن ئوت چىقىپ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي» دەپتۇ.

16يوتەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغان بولساڭلار، ياكى سىلەر يېرۇببائالغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ساداقەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، سىلەر يېرۇببائالنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىڭلارغۇ!

17ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. 18بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 70 ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈردۈڭلار ھەمدە ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك تۇغقىنىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى شەكەم خەلقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىڭلار.

19ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يېرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر. 20ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي. خۇددى شۇنىڭدەك شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىدىنمۇ ئوت چىقىپ ئابىمەلەكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي، _ دېدى.

21شۇنىڭدىن كېيىن يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى ۋە بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى.

شەكەملىكلەرنىڭ ئابىمەلەكتىن يۈز ئۆرۈشى

22ئابىمەلەك ئىسرائىللارغا ئۈچ يىل ھۆكۈمران بولدى. 23خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى. 24خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى. 25شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەكنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاغلارغا بۆكتۈرمە قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ سۇيىقەستتىن ئابىمەلەك خەۋەر تاپتى.

26ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى. 27ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ئېزىپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى. 28ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا:

_ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يېرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟ 29ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا، مەن ئابىمەلەكنى يوقاتقان بولاتتىم! مەن ئۇنىڭغا: «قوشۇنۇڭنى چاقىرىپ چىق!» دېگەن بولاتتىم، _ دېدى.

30شەھەر باشلىقى بولغان زىبۇل ئەبىدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. 31ئۇ ئابىمەلەككە مەخپىي خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەم شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار شەھەر خەلقىنى ساڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. 32شۇڭا سەن قوشۇنلىرىڭ بىلەن كېچىلەپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە يېتىڭلار. 33تاڭ سەھەر كۈن چىقىشى بىلەنلا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گائال ۋە ساڭا قارشى چىققانلارغا خالىغىنىڭچە زەربە بەرگىن!» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

34شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كېچىلەپ شەكەم شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ بۆكتۈرمىدە ياتتى. 35ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەمدىن چىقىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغاندا، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان جايدىن چىقتى. 36گائال ئۇلارنى كۆرۈپ زىبۇلغا:

_ قارا! تاغلاردىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، _ دېدى. زىبۇل ئۇنىڭغا:

_ ئۇ پەقەت تاغلاردىكى سايىلەر، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايدۇ، _ دېدى. 37بىراق گائال يەنە ئۇنىڭغا:

_ ياق، ئادەملەر تاغدىن چۈشۈۋاتىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەم «پالچىلار دۇپ دەرىخى» يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. 38بۇ چاغدا زىبۇل ئۇنىڭغا:

_ ماختانچاق ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن؟ بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟» دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۇ ئادەملەر سەن زاڭلىق قىلغان ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىل! _ دېدى.

39شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەم ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى. 40ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى قوغلىدى، گائالنىڭ ئادەملىرى قېچىپ شەھەر دەرۋازىسىغا بارغۇچە نۇرغۇنلىرى قىرىلىپ كەتتى. 41شۇنىڭدىن كېيىن ئابىمەلەك ئارۇماغا قايتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. زىبۇل گائال ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى شەكەمدە تۇرغىلى قويماي، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى.

42ئەتىسى شەكەملىكلەر ئېتىزلىرىغا چىقماقچى بولغاندا، ئابىمەلەك بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، 43قوشۇنىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى. 44ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ توپىدىكىلەر شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى توستى. قالغان ئىككى توپمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىقتىكى شەكەملىكلەرنى قىرىپ تاشلىدى. 45شۇ كۈنى ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شەكەم شەھىرىنى قولغا چۈشۈردى. شەھەردىكى خەلقنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرنى تۈزلەپ، تۇز چېچىۋەتتى.

46شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان خەلق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بائال-بىرىت بۇتخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋالدى. 47ئابىمەلەك ئۇلارنىڭ شۇ يەرگە يىغىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، 48قوشۇنلىرىنى زالمون تېغىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ پالتا بىلەن بىر دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ، شاخنى مۈرىسىگە ئېلىپ، لەشكەرلىرىگە: «تېز، مەن قىلغاندەك قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. 49شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرمۇ ھەربىرى بىردىن دەرەخ شېخىنى كېسىپ، ئابىمەلەككە ئەگەشتى. ئۇلار دەرەخ شاخلىرىنى بۇتخانا تېمىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان پۈتۈن خەلق، يەنى ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى.

50ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تىبېز شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇنى ئىگىلىدى. 51لېكىن شەھەر ئىچىدە بىر مۇستەھكەم قەلئە بار ئىدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئاقساقاللار قەلئەگە قېچىپ كىرىپ، دەرۋازىنى تاقاپ، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇنار ئۈستىگە چىقىۋالدى. 52ئابىمەلەك قەلئەگە ھۇجۇم قىلدى. قەلئەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، 53قەلئە ئۈستىدىكى بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا تاشلاپ ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى. 54جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 55ئابىمەلەكنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتتى. 56شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى، يەنى 70 قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگىنىنى ئۆزىگە قايتۇردى. 57خۇدا يەنە شەكەملىكلەر قىلغان بارلىق يامانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. يېرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتەمنىڭ ئوقۇغان لەنىتى ئەمەلگە ئاشتى.

10

تولاھ ۋە يائىرنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

1ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى. 2ئۇ ئىسرائىللارغا 23 يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن شامىرغا دەپنە قىلىندى.

3تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى. 4يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 يېزا بار بولۇپ، بۇ يېزىلار گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يېزىلار «يائىرنىڭ يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 5يائىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قامون يېزىسىدا دەپنە قىلىندى.

ئاممونلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئېزىشى

6ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئىلاھە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا، ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.

7شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 8شۇنىڭدىن باشلاپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلار ئىسرائىللارنى ئېزىپ، زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان گىلئاد زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئىسرائىللار 18 يىل قاتتىق ئېزىلدى. 9ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى. 10ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا:

_ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى. 11پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا:

_ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟ 12سىدونلۇقلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار سىلەرنى ئەزگەن چاغدا، سىلەر ماڭا نالە قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. 13ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مەن سىلەرنى قۇتقۇزمايمەن. 14بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار تاللىۋالغان ئىلاھلىرىڭلارغا يېلىنىڭلار! مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، _ دېدى.

15ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ:

_ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.

17ئاممونلار خەلقىنى توپلاپ، گىلئاد زېمىنىدا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىدە بارگاھ قۇردى. 18گىلئادلىق ئاقساقاللار بىر-بىرىگە:

_ كىم ئاۋۋال ئاممونلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ بىز گىلئادلىقلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ، _ دېيىشتى.

11

يىفتاھنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

1گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى. 2گىلئادنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 4بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاممونلار ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 5ئاممونلار ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گىلئادلىق ئاقساقاللار توب زېمىنىدا ياشاۋاتقان يىفتاھنىڭ ئالدىغا باردى. 6ئۇلار يىفتاھقا:

_ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى. سەن قايتىپ كېلىپ، بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى. 7ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا:

_ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ، مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى. 8گىلئادلىق ئاقساقاللار مۇنداق دېدى:

_ بولار ئىش بولدى. بىز سېنىڭ ئالدىڭغا، بىزگە باش بولۇپ، ئاممونلارغا قارشى جەڭ قىلسىكەن، دەپ كەلدۇق. 9يىفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ ئەگەر مەن سىلەرگە باش بولۇپ، ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلسام، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرسە، سىلەر راستتىنلا مېنى ئۆزۈڭلارغا باش قىلامسىلەر؟ _ دېدى. 10ئۇلار:

_ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىرگە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

12ئاندىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

13ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئىسرائىللار مىسىردىن كېلىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار.

14يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 15مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىللار ھېچقاچان موئابلار ياكى ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى. 16ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغىچە بولغان چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، كادېش شەھىرىگە كەلدى. 17ئاندىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: ‹زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويساڭلار› دېدى. ئەمما ئىدوم پادىشاھى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار يەنە موئاب پادىشاھىغىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇمۇ بۇنىڭغا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كادېشتا ياشاپ قالدى. 18ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىدى، چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى. 19ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ خەشبون شەھىرىدىكى پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ‹زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈپ، بارىدىغان يېرىمىزگە بېرىۋېلىشىمىزغا يول قويساڭلار› دېدى. 20ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىدى. شۇڭا پادىشاھ سىخون ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 21ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا پادىشاھ سىخون بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئامورلارنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولدى. 22ئۇلار ئامورلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوق دەرياسىغىچە ۋە چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. 23ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئامورلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ زېمىننى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەرگەن تۇرسا، بۇ زېمىن قانداقسىگە سىلەرنىڭ بولىدۇ؟ 24سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولۇڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولايلى!

25سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟ 26ئىسرائىللار خەشبون شەھىرى، ئاروئېر شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى، ئارنون دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى 300 يىل ئىگىلەپ ياتتى. شۇ مەزگىلدە سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللاردىن قايتۇرىۋالمىدىڭلار؟ 27مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن.»

28ئەمما ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى.

يىفتاھنىڭ نادانلارچە قەسەم قىلىشى

29پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى. 30ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر ئاممونلارنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، 31غەلىبە قىلىپ قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمدىن چىققان تۇنجى تىرىك جاننى ساڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، _ دېدى.

32شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ، ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 33ئاروئېر شەھىرىدىن مىننىت شەھىرىگىچە ۋە مىننىت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى، شۇنداقلا ئابېل-كىرامىم شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 20 شەھەرنى ۋەيران قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلدى. 34يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى. 35يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ:

_ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى. 36قىزى ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئاتا، سەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغان ئىكەنسەن، مېنى شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭ بولغان ئاممونلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ بەردى. 37ئەمما مېنىڭ بىر تەلىپىمگە ماقۇل بولغىن. ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئىپپەتلىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كېلەي، _ دېدى. 38دادىسى:

_ بوپتۇ، بارغىن، _ دەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق رۇخسەت بېرىپ يولغا سالدى. قىز ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە تاغقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى. 39ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. يىفتاھ قىزىنى ۋەدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. يىفتاھنىڭ قىزى ھېچقانداق ئەر زاتىغا يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللاردا مۇنداق بىر ئادەت شەكىللەندى: 40ھەر يىلى ئىسرائىللارنىڭ قىزلىرى گىلئادلىق يىفتاھنىڭ قىزىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت كۈن ماتەم تۇتىدىغان بولدى.

12

ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يىفتاھ بىلەن جەڭ قىلىشى

1ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى. 2يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار. 3سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇلار بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟

4ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى:

_ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم ۋە ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر!

شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 5گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە، 6گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا، «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.

7يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.

ئىبزان، ئېلون ۋە ئابدوننىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

8يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى. 9ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. قىزلىرىنى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق قىلدى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى. 10ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەمدە دەپنە قىلىندى.

11ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى. 12ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئاييالون شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.

13ئېلوندىن كېيىن پىرئاتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى. 14ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى. 15ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەفرايىم زېمىنىدىكى ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان پىرئاتون شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.

13

شىمشوننىڭ تۇغۇلۇشى

1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 2شۇ چاغدا زورئاھ شەھىرىدە دان قەبىلىسىدىن بولغان مانوۋاخ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى. 3پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى:

_ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. 4بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن، شاراب ياكى مەي ئىچمىگىن، ھارام نەرسىلەرنى يېمىگىن. 5گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگمىسۇن، چۈنكى بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغاندۇر. ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر.

6ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش بەك سالاپەتلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى. 7ئەمما ئۇ ماڭا: «سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئەمدى شاراب ياكى مەي ئىچمىگىن، ھارام نەرسىلەرنى يېمىگىن. بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولىدۇ» دېدى، _ دېدى. 8مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:

_ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بىزگە تۇغۇلغان بالىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەلىم بەرسۇن، _ دېدى.

9خۇدا مانوۋاخنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاخ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.

10ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى.

11مانوۋاخ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن:

_ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم:

_ شۇنداق، مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 12مانوۋاخ ئۇنىڭدىن يەنە:

_ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيەلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا:

_ ئايالىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن. 14ئۇ ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، مەي ياكى شاراب ئىچمىسۇن، ھارام نەرسىلەرنى يېمىسۇن. ئۇ مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا چوقۇم ئەمەل قىلسۇن، _ دېدى. 15مانوۋاخ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:

_ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا:

_ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىنىم بىلەنمۇ، بەرىبىر يېمەكلىكىڭنى يېمەيمەن. ئەمما سەن بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەييارلاپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىن، _ دېدى. (مانوۋاخ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.) 17مانوۋاخ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە:

_ ئىسمىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەيسىز. دېگەنلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا، نام-شەرىپىڭىزنى ئۇلۇغلايمىز، _ دېدى. 18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا:

_ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى.

19شۇنىڭ بىلەن مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى. 20قورام تاش ئۈستىدە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. 21شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن مانوۋاخ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، 22ئايالىغا:

_ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى. 23ئەمما ئايالى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرگۈسى بولسا، بىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەيىمىزنى قوبۇل قىلمىغان، بىزگە بۇ كارامەتلەرنى كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بەرمىگەن بولاتتى، _ دېدى.

24كېيىن مانوۋاخنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى.

25شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قەبىلىسىنىڭ قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى.

14

شىمشوننىڭ توي قىلىشى

1شىمشون تىمناھ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ شەھەردە فىلىستىيەلىك بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى. 2ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا:

_ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 3ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ تۇغقانلار ياكى ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدا قىزلار قالمىدىمۇ؟ ئاشۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قىزىنى ئالماقچىمۇ سەن؟ _ دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا:

_ ئۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن! ئۇ قىز ماڭا يېقىپ قالدى، _ دېدى.

4شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى بۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

5كېيىن شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھ شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئۈزۈمزارلىققا باردى. ئۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر شىر ھۆركىرىگىنىچە شىمشونغا ئېتىلىپ كەلدى. 6شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى. 7كېيىن شىمشون ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

8كۆپ ئۆتمەي، شىمشون قىزنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يەنە باردى. ئۇ كېتىۋېتىپ، ئۆزى بۇرۇن ئۆلتۈرگەن شىرنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يولىدىن ئايرىلىپ، ئۇ يەرگە باردى. قارىسا، ئۆلۈك شىرنىڭ ئىچىگە بىر توپ ھەسەل ھەرىسى ئولىشىۋالغان بولۇپ، تېنىنىڭ ئىچىگە ھەسەل توپلىنىپ قالغانىكەن. 9ئۇ ھەسەلدىن قولىغا ئازراق ئېلىپ، يولدا يېگەچ ماڭدى ۋە ئېلىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسىغىمۇ بەردى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ بەرگەن ھەسەلنى يېدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەسەللەرنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن شىرنىڭ تېنىدىن ئالغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.

10شىمشوننىڭ ئاتىسى بېرىپ، قىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشتى. شىمشون شۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە تويغا تەييارلىق قىلدى. 11تويدا كۆپچىلىك شىمشون بىلەن كۆرۈشۈپ، 30 يىگىتنى ئۇنىڭغا تويدا ھەمراھ بولۇشقا قوشۇپ قويدى. 12شىمشون ئۇلارغا:

_ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن. 13ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم بىلەن 30 قۇر تون بېرىسىلەر، _ دېدى. ئۇلار:

_ قېنى ئەمىسە، تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقايلى، _ دېيىشتى. 14شىمشون ئۇلارغا:

_ يېمەكلىك چىقار يېگۈچىدىن، تاتلىق چىقار كۈچلۈكتىن، _ دېدى.

ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى. 15تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىغا:

_ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ، سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا، سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قالسۇن دەپ، بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى. 16شىمشوننىڭ ئايالى ئېرىگە يىغلاپ تۇرۇپ:

_ سىز مېنى ئۆچ كۆرىدىكەنسىز! ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز! بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە بىر تېپىشماق ئېيتىپسىز، ئەمما تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا:

_ مەن ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا ئېيتىپ بېرەتتىممۇ؟ _ دېدى. 17ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى. 18يەتتىنچى كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن شەھەردىكىلەر شىمشونغا:

_ ھەسەلدىن تاتلىق، شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شىمشون ئۇلارغا:

_ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.

19شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 20شۇنداق قىلىپ، قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بەردى.

15

شىمشوننىڭ فىلىستىيەلىكلەردىن ئۆچ ئېلىشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون:

_ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى. 2قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا:

_ مەن تېخى سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى. 3شىمشون ئۇلارغا:

_ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى. 4شۇنىڭ بىلەن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكە تۇتۇپ كەلدى. ئۇ مەشئەل تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى جۈپ-جۈپ قىلىپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، چېتىلغان جايلارغا بىردىن مەشئەل قىستۇردى. 5ئۇ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بۇغدايلىقىغا قويۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئورۇلۇپ بولۇنغان ۋە تېخى ئورۇلمىغان بۇغدايلىققا ئوت كەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ۋە زەيتۇنلۇق باغلىرىمۇ كۆيۈپ كەتتى. 6فىلىستىيەلىكلەر:

_ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى.

_ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. 7شىمشون فىلىستىيەلىكلەرگە:

_ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى. 8شىمشون ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق يارىلاندۇردى ۋە مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىمشون ئېتام دېگەن بىر قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ، شۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى. 9فىلىستىيەلىكلەر يەھۇدا زېمىنىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە لەخى دېگەن جايغا تارقالدى. 10يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:

_ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى. 11شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى:

_ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا:

_ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى. 12يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا:

_ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا:

_ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى. 13ئۇلار:

_ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ، فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. 14شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى. 15يەردىن ئۇ ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، مىڭ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. 16شىمشون مۇنداق دېدى:

 

«ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى.

ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.»

 

17ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى [مەنىسى «جاغ سۆڭىكى تۆپىلىكى»] دەپ ئاتالدى.

18شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟

19خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. سۇ يەردىن ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇدىن ئىچتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇڭا بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە [مەنىسى «ئىلتىجا قىلغۇچى بۇلىقى»] دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق تېخىچە لەخى دېگەن جايدا بار. 20فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى.

16

1بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى. 2گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى.

3لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، بالداقلىرى بىلەن بىرگە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

شىمشون بىلەن دىلەيلا

4كېيىن شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 5فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ بويسۇندۇرۇپ باغلىيالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ، ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن:

_ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى بويسۇندۇرۇپ باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز، _ دېدى. 7شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كىشىلەر تېخى قۇرۇمىغان يەتتە تال يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

8فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى. 9بۇ چاغدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرغانىدى، دىلەيلا شىمشونغا قاراپ:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، ئوقيا كىرىچى خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. 10دىلەيلا ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز، _ دېدى. 11شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

12شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى.

شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. 13دىلەيلا يەنە شىمشونغا:

_ سىز يەنىلا مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى.

شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى. 15دىلەيلا شىمشونغا:

_ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى.

16دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى. 17ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى:

_ چۈنكى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولغاچقا، ھازىرغىچە چېچىمنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ چېچىم ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن.

18شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە:

_ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. 19دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ، شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى. 20ئۇ شىمشونغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 21فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى. 22ئەمما ئۇنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى.

شىمشوننىڭ ئۆلۈمى

23فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى. 24پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى. 25ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا:

_ شىمشوننى ئەكېلىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچايلى، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى بۇتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. 26شىمشون ئۆزىنى يېتىلەپ كەلگەن يىگىتكە:

_ مېنى بۇتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى.

27بۇ چاغدا بۇتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. بۇتخانىنىڭ ئۆگزىسىگە ئۈچ مىڭچە ئەر ۋە ئاياللار چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ شىمشوننىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتاتتى. 28شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.

29شۇنىڭ بىلەن شىمشون بۇتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تىرەپ تۇرۇپ، 30«مەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆلەي!» دېدى-دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈۋرۈكنى ئۆرۈپ تاشلىدى. بۇتخانىنىڭ ئۆگزىسى بەگلەر ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆلىدىغان چاغدىمۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆلتۈرگەن ئادەملەردىنمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. 31ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، زورئاھ شەھىرى بىلەن ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسى مانوۋاخ دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل سەردار بولدى.

17

مىكاھنىڭ بۇتلىرى

1ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 2ئۇ ئانىسىغا:

_ مەن سىزنىڭ 13 كىلو 200 گىرام كۈمۈشىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ۋە سىزنىڭ ئۇنى ئوغرىلىۋالغان ئوغرىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قاراڭ، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن 13 كىلو 200 گىرام كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى:

_ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى.

4مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 2 كىلو 400 گىرام كۈمۈشنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇلارنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى. 5شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە روھانىيلىق پەرتۇقى ۋە ئۆي بۇتلىرىنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 6ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى.

7يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى. 8ئۇ يىگىت باشقا ماكان تېپىش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن ئايرىلىپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى. 9مىكاھ ئۇنىڭدىن:

_ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلدىم، لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. 10مىكاھ ئۇنىڭغا:

_ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 120 گىرام كۈمۈش بېرەي، كىيىم-كېچىكىڭ ۋە يېمەك-ئىچمىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.

11‏-12ياش لاۋىي ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. مىكاھ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 13مىكاھ:

_ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرىنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى.

18

دان قەبىلىسىنىڭ بۇتلار ۋە ياش روھانىينى ئېلىپ كېتىشى

1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى. 2شۇڭا دان قەبىلىسى ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىل قىلىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن بەش پالۋاننى تاللىدى ھەمدە: «بېرىپ زېمىنلارنى چارلاپ كېلىڭلار!» دەپ، ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا كېلىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. 3ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىدە ياش لاۋىينىڭ شېۋىسىدىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

4بۇ ياش لاۋىي ئۇلارغا مىكاھنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا خاس روھانىي بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 5ئۇلار:

_ سەن خۇدادىن سوراپ باقساڭ، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى. 6ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.

7شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش پالۋان يولغا چىقىپ، لايىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىدونلۇقلارغا ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇلارغا زومىگەرلىك قىلىدىغان دۈشمەن يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز دوستلىرى بولغان سىدونلۇقلاردىن يىراقتا ياشايتتى ھەم ئەتراپىدىكى باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. 8بەش پالۋان ئۆز قەبىلىسى تۇرىدىغان زورئاھ ۋە ئەشتائولغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن:

_ نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

9_ يۈرۈڭلار، بىز ئۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلايلى! ئۇ زېمىنلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن. بىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قانداقمۇ جىم تۇرالايمىز؟ ئىككىلەنمەي بېرىپ ئۇ يەرلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى. 10سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار.

11شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن 600 ئادەم قوراللىنىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى. 12ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يىئارىمغا بېرىپ، ئۇ يەردە قارارگاھ قۇردى. شۇ سەۋەبتىن قىريات-يىئارىمنىڭ غەربىدىكى شۇ يەرلەر تېخىچە «دان قارارگاھى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 13ئۇلار يول ئۈستىدە ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. 14لايىش زېمىنىغا چارلاشقا بېرىپ كەلگەن بەش پالۋان ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇ ئۆيدە روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار.

15شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى. 16‏-17بۇ ۋاقىتتا دان قەبىلىسىنىڭ قوراللانغان 600 ئادىمى ئىشىك ئالدىدا روھانىي ياش لاۋىينى ئارىغا ئېلىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى بەش چارلىغۇچى پالۋان ئۆيگە كىرىپ، ئۆيدىكى روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ ماڭدى.

18ياش روھانىي ئۇلارنىڭ مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىدى. 19ئۇلار جاۋابەن:

_ ئاغزىڭنى يۇم، ئۈنۈڭنى چىقارما! بىز بىلەن ماڭ، بىزگە ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە روھانىي بولغىنىڭدىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن بىر قەبىلىسىگە روھانىي بولغىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

20روھانىي ئىچىدە خۇشال بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. 21ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، بالىچاقىلىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى. 22ئۇلار مىكاھنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، مىكاھ بىلەن قوشنىلىرى يىغىلىپ، دان قەبىلىسىدىكىلەرنى قوغلاپ يېتىشىۋالدى ۋە 23ئۇلارغا ۋارقىرىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىكاھتىن:

_ سەن بۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

24_ سىلەر روھانىيىم ۋە مەن ياساتقان بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدىڭلار، مېنىڭ نېمەم قالدى؟ يەنە مەندىن «نېمە قىلماقچىسەن» دەپ سوراۋاتامسىلەر؟ _ دېدى مىكاھ.

25_ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر.

26شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

27دان قەبىلىسىدىكىلەر مىكاھ ياسىغان بۇتلارنى ۋە روھانىي ياش لاۋىينى ئېلىپ، لايىشقا كەلدى. ئۇلار لايىشتا تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 28ئۇلارنى ھېچكىم قۇتقۇزمىدى، چۈنكى لايىش سىدوندىن يىراق ئىدى، ئۇلار ھەم ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بۇ شەھەر بەيت-رىخوب شەھىرى ئەتراپىدىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەردە ياشاپ قالدى. 29ئۇلار بۇ شەھەرنى ئىسرائىللارنىڭ ئوغلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان داننىڭ نامى بىلەن «دان شەھىرى» دەپ ئاتىدى. بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لايىش ئىدى. 30دان قەبىلىسىدىكىلەر ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دان قەبىلىسىگە روھانىي بولۇپ كەلدى. 31خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى.

19

لاۋىيلاردىن بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ توقىلى

1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى. 2بىراق ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. 3بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. 4قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى. 5تۆتىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇلار ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى كۈيۈئوغلىغا:

_ ئازراق ناشتا قىلىپ، قورسىقىڭلارنى تويدۇرۇپ مېڭىڭلار، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى كۈيۈئوغلىغا يەنە:

_ بۈگۈنمۇ تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىلىڭلار، _ دېدى.

7كۈيۈئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قېيىنئاتىسى ئۇنى زورلاپ تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە بىر كېچە قونۇپ قالدى. 8بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى:

_ تاماق يەپ چۈشتىن كېيىن مېڭىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماققا تۇرۇپ قالدى. 9لاۋىي توقىلىنى ئېلىپ چاكىرى بىلەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە، قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە:

_ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى.

10بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى. 11كۈن ئولتۇراي دەپ قالغانىدى. چاكىرى ئۇنىڭغا:

_ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى. 12خوجايىنى ئۇنىڭغا:

_ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى. 13ئۇ چاكىرىغا يەنە:

_ بىز گىبئاھ ياكى راماھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەيلى، _ دېدى.

14شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھ شەھىرىگە يېقىن قالغاندا كۈنمۇ ئولتۇردى. 15ئۇلار بۇ شەھەردە قونۇش ئۈچۈن شەھەر بازىرىغا باردى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 16كەچ كىرگەنىدى، بىر بوۋاي ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋاي ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن كېلىپ، گىبئاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئىدى. 17بوۋاي بۇ يولۇچىلارنىڭ بازاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن:

_ نەگە ماڭدىڭلار؟ قەيەردىن بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. 18لاۋىي جاۋاب بېرىپ:

_ بىز يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىگە كېتىپ بارىمىز، بىز شۇ يەرلىك. مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمگە بېرىپ، ئۆيگە قايتىۋاتقانىدىم. ئەمما ھېچكىم بىزنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 19بىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىمىز ۋە ئېشىكىمىزگە بېرىدىغان يەم-خەشىكىمىز بار. كەمىنىلىرى بىلەن توقىلىم ۋە چاكىرىمنىڭمۇ يەتكۈدەك نېنى ۋە شارابى بار، بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، _ دېدى. 20بوۋاي:

_ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى.

21شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېشىكىگە يەم بەردى. ئۇلار پۇتلىرىنى يۇيغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى.

22ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا:

_ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. 23بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا:

_ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن. 24مېنىڭ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزىم بار، يەنە ئۇ ئادەمنىڭ توقىلىمۇ بار. ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى قانداق ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى. ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. بىراق بۇ ئەر بىلەن ئۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلماڭلار، _ دېدى.

25بىراق ئۇلار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى لاۋىي توقىلىنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇلار كېچىچە ئۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، دەپسەندە قىلدى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئاندىن ئۇ ئايالنى قويۇپ بەردى. 26ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى.

27ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئېرى يولغا چىقماقچى بولۇپ، دەرۋازىنى ئېچىپ، توقىلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بوسۇغا ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. 28ئۇ توقىلىغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭايلى، _ دېدى. ئەمما توقىلىدىن سادا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر توقىلىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقتى. 29ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قولىغا پىچاقنى ئېلىپ، توقىلىنى چاناپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئۇنى ئىسرائىللار زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەۋەتىپ، ئىبرەت قىلدى. 30بۇ ئىشنى كۆرگەنلەر:

_ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان ھەم ھېچكىم بۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى.

20

ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە جازا يۈرۈش قىلىشى

1شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى. 2ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400 مىڭ ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ، خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى 3(باشقا قەبىلىلەرنىڭ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى).

ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن:

_ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى. 4توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى:

_ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق. 5كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ توقىلىمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. 6شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى. 7ئىسرائىل خەلقى بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىرنېمە دەڭلار.

8شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك:

_ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن. 9چەك تاشلاپ گىبئاھقا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بېكىتەيلى. 10بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى.

11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى.

12ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ:

_ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟ 13سىلەر ھازىر گىبئاھتىكى ھېلىقى ئۆكتەملەرنى بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدىن رەزىللىكنى يوقىتايلى، _ دېيىشتى.

بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي، 14ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىدىن گىبئاھقا كېلىپ، ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشتى. 15گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26 مىڭ قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىق بىنيامىنلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى. 16لەشكەرلەر ئارىسىدا يەنە تاللانغان 700 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار سولخاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى سالغا بىلەن تاش ئاتسا نىشانغا تەگمەي قالمايتتى. 17ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى.

18ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن:

_ بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ:

_ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.

19ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى. 20ئىسرائىللار بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىنىڭ ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزۈشتى. 21بىنيامىنلار گىبئاھتىن چىقىپ 22 مىڭ ئىسرائىلنى ئۆلتۈردى. 22ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى. 23ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ:

_ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.

24شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. 25ئۇ كۈنى بىنيامىنلارمۇ گىبئاھتىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئىسرائىللاردىن 18 مىڭ قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. 26شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى. 27(ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، 28ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى).

ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن:

_ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا:

_ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.

29شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى. 30ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئالدىنقى ئىككى كۈنگە ئوخشاش گىبئاھنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈشتى. 31ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن ئوتتۇزدەك ئادەمنى ئۆلتۈردى. 32بىنيامىنلار:

_ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار:

_ بىز قاچقان بولۇپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.

33شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشتى. بۆكتۈرمىدە ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى. 34ئىسرائىللاردىن خىللانغان 10 مىڭ لەشكەر گىبئاھقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىنيامىنلار ئۆزلىرىگە بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. 35پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاتتى، يەنى ئىسرائىللار شۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن 25,100 قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. 36شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى. 37شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى. 38ئىسرائىللار بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، بەلگە بېرىشكە كېلىشىۋالغانىدى. 39ئۇلار بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېكىنىشتىن توختاپ، ئارقىغا يېنىپ جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇزدەك ئادىمىنى ئۆلتۈردى. بىنيامىنلار: «ئۇلارنى جەزمەن بۇرۇنقىدەك مەغلۇپ قىلىمىز» دەپ ئويلىغانىدى. 40لېكىن بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. 41بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى. 42شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. 43ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى. 44شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلارنىڭ 18 مىڭ پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 45قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە 5 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ 2 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.

46شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 47قالغان 600 ئادىمى چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. 48ئىسرائىللار بىنيامىنلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، شۇنداقلا شەھەرلەر ۋە ئۇچرىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

21

بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە ئايال تېپىپ بېرىش

1بۇرۇن ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى.

2ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. 3ئۇلار:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ بىر قەبىلىسى ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.

4ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى. 5ئىسرائىللار:

_ بىز مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يىغىلغان ۋاقتىمىزدا ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىملەر كەلمىدى؟ _ دېيىشتى.

بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى.

6ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بولغان بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ:

_ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ ئادەملىرى ئازىيىپ كەتتى. 7بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق. ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى. 8‏-9ئىسرائىللار يەنە:

_ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلمىدى؟ _ دەپ سوراشتى. ئۇلار ئادەملەرنى ساناش ئارقىلىق گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ھېچكىمنىڭ يىغىلىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلىشتى. 10ئۇلار جەم بولغانلار ئىچىدىن 12,000 پالۋاننى تاللاپ ئۇلارغا:

_ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن ۋە بالاچاقىلىرىنى قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار. 11سىلەر يەنە بارلىق ئەرلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار، _ دەپ جېكىلىدى.

12ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن ئىپپەتلىك 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى.

13قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 14شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ئۆلتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن 400 قىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، ئەمما ئۇلارغا بۇ قىزلار يېتىشمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىنيامىنلار ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋەتكەنىدى. 16يىغىلىشتا ئاقساقاللار:

_ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى. 17ئۇلار يەنە:

_ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ. 18ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر قارغىشقا قالسۇن» دېيىشكەنىدۇق. 19مانا، پەرۋەردىگار ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بىز بۇ ھېيتنى بەيتەلنىڭ شىمالىغا، بەيتەلدىن شەكەمگىچە سوزۇلغان يولنىڭ شەرقىگە ۋە لىبونانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شىلو شەھىرىدە ئۆتكۈزىمىز، _ دېيىشتى. 20شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا:

_ سىلەر ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، مۆكۈپ تۇرۇڭلار. 21شىلو قىزلىرى ئۇسسۇل ئوينىغىلى كەلگەندە، ھەربىرىڭلار بىردىن خوتۇنلۇققا تۇتۇپ، بىنيامىن زېمىنىغا ئېلىپ كېتىڭلار. 22ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ، بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار. چۈنكى بىز يابېشتىكى جەڭدە ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بەرمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.

23شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك، ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى. 24شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار تارقىلىپ، ھەممىسى ئۆز قەبىلىسى، ئۆز جەمەتى ۋە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا قايتىشتى.

25ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى.


1: 17 تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىش _ بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ «ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

1: 22 ‏_ 23 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى _ ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

2: 1 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

6: 11 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

13: 3 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.