سامۇئىل 2
1
داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىشى
1سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى. 2ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 3داۋۇت ئۇنىڭدىن:
_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. 4داۋۇت يەنە:
_ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى.
_ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل ۋە ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى يىگىت. 5داۋۇت:
_ سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 6يىگىت:
_ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇل ئۆزىنىڭ نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇراتتى. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى. 7ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ، چاقىردى. مەن: «لەببەي» دېدىم. 8ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. 9ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى. 10مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى سىلىگە تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.
11داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى. 12ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن كۈن پاتقۇچە ماتەم تۇتۇشۇپ، يىغا-زار قىلىشىپ، روزا تۇتۇشتى.
13داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن:
_ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. يىگىت:
_ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 14داۋۇت ئۇنىڭغا:
پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى. 15ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ:
_ ئۇنى ئۆلتۈر! _ دېدى. ئۇ ئادەم بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئامالەك يىگىتنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 16داۋۇت:
_ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.
داۋۇتنىڭ سائۇل بىلەن يوناتانغا ئوقۇغان مەرسىيەسى
17-18داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن يازمىدا خاتىرىلەنگەندۇر.)
19ئاھ ئىسرائىلىيە، غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا،
قانداق يىقىلغاندۇ ئۇ پالۋانلار!
20ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە،
جاكارلىماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا.
خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى،
شادىمان بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى!
21ئەي گىلبوۋا تاغلىرى،
ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن،
يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن!
چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى.
سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،
22بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى،
باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى.
يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى،
سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.
23سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى.
ھايات چېغىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى.
ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققان،
شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!
24ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى،
سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار!
ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق لىباسلارنى كىيدۈرۈپ،
لىباسىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەنىدى.
25قانداق يىقىلغاندۇ باتۇرلار جەڭدە،
قانداق قەتل قىلىنغاندۇ يوناتان تاغلاردا!
26ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي!
سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ،
ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ،
ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.
27قانداق يىقىلغاندۇ پالۋانلار،
قانداق ۋەيران بولغاندۇ جەڭ قوراللىرى!
2
داۋۇتنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ بولۇشى
1شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:
_ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ بارغىن، _ دېدى پەرۋەردىگار.
_ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت.
_ ھىبرونغا بارغىن! _ دېدى پەرۋەردىگار.
2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى، يەنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا باردى. 3داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. 4شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 5ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 6سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەي، مەنمۇ ياخشىلىقىڭلارنى ياخشىلىق بىلەن ياندۇراي. 7ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار، چۈنكى پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.»
ئىشبوشەتنىڭمۇ پادىشاھ بولۇشى
8نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 9ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 10سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، 40 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى. 11داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.
يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ
12بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ، گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 13مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلچىكىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى. 14ئابنېر يوئابقا قاراپ:
_ يىگىتلەردىن بىرقانچىسى چىقىپ ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى.
_ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب. 15شۇنداق قىلىپ، ئىشبوشەت بىنيامىن قەبىلىسىدىن 12 ئادەم چىقاردى. داۋۇت تەرەپمۇ 12 ئادەم چىقاردى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئېلىشتى. 16ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ باشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى. 17شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، ئابنېر باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. 18مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاسائېلمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى. 19ئۇ قاچقان ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى. 20ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن:
_ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھەئە، _ دېدى ئۇ. 21ئابنېر:
_ مېنى قوغلاشتىن توختىغىن، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالغىن، _ دېدى. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.
22_ مېنى قوغلىمىغىن! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىمىغىن. ئۇنداق قىلسام، ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟
23لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاسائېلنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزىسىنىڭ دەستىسى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ، شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەندە، توختاپ قېلىشتى. 24لېكىن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ دۆڭىگە يېتىپ كەلدى. بۇ دۆڭ گىبئون چۆلىگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى. 25بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ دۆڭنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى. 26ئابنېر يوئابقا قاراپ:
_ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەملىرىڭگە قېرىندىشىڭلارنى قوغلىماڭلار، دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى. 27يوئاب:
_ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى.
28شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى. 29ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى. 30داۋۇتنىڭ ئادىمى بولغان يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى. 31لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 32يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى بەيتلەھەمگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى.
3
1سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.
2داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. تۇنجى ئوغلى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، 3ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، 4تۆتىنچى ئوغلى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچى ئوغلى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، 5ئالتىنچى ئوغلى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئام ئىدى. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر.
ئابنېرنىڭ داۋۇتقا ئەل بولۇشى
6سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى. 7سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا:
_ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېدى. 8ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەك خاپا بولۇپ:
_ سېنىڭچە مەن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ لالما ئىتى ئىكەنمەن-دە؟ مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا، يەنى ئاتاڭ سائۇلغا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن مېنى بىر خوتۇن ئۈچۈن ئەيىبلەۋاتىسەن. 9-10مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى. 11ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.
12ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «بۇ زېمىن سىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن كېلىشىم تۈزۈڭ، مەن سىزگە ياردەملىشىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى سىزگە ئېلىپ بېرىمەن» دېدى. 13داۋۇت: «ياخشى گەپ! مەن سەن بىلەن كېلىشىم تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سەندىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەل، بولمىسا سەن مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
14داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئېرىدىن، يەنى لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى. 16مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ، يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا:
_ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى.
17ئابنېر ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا:
_ سىلەر ئۇزۇندىن بېرى داۋۇتنىڭ ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىڭلار، 18ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى.
19ئابنېر بۇ سۆزنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ، جۈملىدىن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى. 20ئابنېر يىگىرمە ئادەمنى باشلاپ، ھىبروندا تۇرۇۋاتقان داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇت ئابنېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. 21ئابنېر داۋۇتقا:
_ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىڭىز، پۈتۈن ئىسرائىللارنى ئالدىڭىزغا جەم قىلاي، ئۇلار سىز بىلەن كېلىشىم تۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھى بولىسىز، _ دېدى.
داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى.
يوئابنىڭ ئابنېرنى ئۆلتۈرۈشى
22شۇ چاغدا يوئاب ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىپ، نۇرغۇن ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ۋاھالەنكى، ئابنېر ھىبروندا داۋۇت بىلەن بىرگە ئەمەس ئىدى. داۋۇت ئۇنى يولغا سالغان بولۇپ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. 23يوئاب قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنىڭغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ، پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ. ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. 24بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ:
_ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ. 25سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى.
26يوئاب داۋۇتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئابنېرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇت بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى. 27ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
28داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
_ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتئىي گۇناھكار ئەمەسمىز. 29ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى.
30ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى.
داۋۇتنىڭ ئابنېرغا ماتەم تۇتۇشى
31داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە:
_ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار! _ دېدى.
پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 32ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ھۆڭرەپ يىغلىدى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى. 33پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنداق مەرسىيە ئوقۇدى:
ئەي ئابنېر، ئەرزىمەس ئادەمدەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟
34قوللىرىڭ باغلاقلىق،
پۇتلىرىڭ كىشەنلىك ئەمەس ئىدى،
ئەمما رەزىللەرنىڭ قولىدا ئۆلدۈڭ ئەمدى!
كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن ياش تۆكۈشتى. 35ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ:
_ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.
36كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ، پادىشاھتىن خۇشال بولۇشتى. ئەسلىدە ئۇلار پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. 37شۇ كۈنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھ داۋۇتنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدى.
38پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە:
_ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى، يەنى ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى. 39مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.
4
ئىشبوشەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
1سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. 2ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە ئىككى توپ قاراقچىلارنىڭ بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك ئىككى ئاتامانى بار ئىدى. ئۇلار بەئەروتتا ياشايدىغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى. 3بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا.
4سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت* ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتان قازا قىلغاندا، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىزرىئەلدىن يېتىپ كەلگەندە، ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى. ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقاندا، ئالدىراپ قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى.
5بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى. 6ئۇلار بۇغداي ئالىدىغانلاردەك ياسىنىپ، ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى. 7ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا تۆشەكتە ياتاتتى. ئۇلار ئىشبوشەتنى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى. ئاندىن كاللىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ، كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قېچىپ كەتتى. 8ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ رەقىبلىرى سائۇل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئالىدىغان ئىنتىقاملىرىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.
9لېكىن داۋۇت رېكاب بىلەن بائاناغا جاۋاب بېرىپ:
_ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 10ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن كىشى ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم. 11شۇنداق ئىكەن، گۇناھسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىل ئادەملەرگە قانداقمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇنىڭ قان قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.
12داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشتى.
5
داۋۇتنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى
1شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھىبروندىكى داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. 2بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.
3شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دېيىشتى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 4داۋۇت پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياشتا ئىدى، ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 5ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل ۋە يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە 33 يىل پادىشاھ بولدى.
داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمنى ئىگىلىشى
6پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېم شەھىرىگە كېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. لېكىن يىبۇسلار داۋۇت بۇ شەھەرگە ھەرگىز كىرەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا:
_ سەن بۇ شەھەرگە كىرەلمەيسەن، سېنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور ۋە توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى.
7(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.) 8داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە:
_ كىمكى يىبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، شەھەرگە يەر ئاستىدىكى سۇ يولى ئارقىلىق كىرسۇن ۋە مەن ئۆچ كۆرىدىغان «كور» ۋە «توكۇر»لارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى. «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرسە بولمايدۇ» دېيىش مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.
9شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى. 10داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.
11تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئەلچىلەر بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ يوللىدى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى. 12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.
13داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە ئايال ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. 14يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان 15يىبخار، ئەلىشۇۋا، نەفەگ، يافىيا، 16ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى
17داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، تاغدىكى غارغا باردى. 18فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى. 19داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:
_ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىلاھ»] دەپ نام بېرىلدى. 21فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.
22كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى. 23داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل. 24سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.
25شۇنداق قىلىپ، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.
6
ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى
1داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ ئىدى. 2داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 3ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 4ئاخىيو ھارۋىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 5داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى.
6ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى. 7بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. 8داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
9شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. 10شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلدى.
12پادىشاھ داۋۇت پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقى سەۋەبى بىلەن ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇت شەھىرىگە يۆتكەپ ئەكەلدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان تورپاق قۇربانلىق قىلدى. 14داۋۇت زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى. 15داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 18شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خەلققە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 19ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
20داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى، يەنى داۋۇتنىڭ ئايالى مىكال ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، ئۇنىڭغا:
_ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەش ئادەملەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى. 21داۋۇت ئۇنىڭغا:
_ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلىپ تاللىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم. 22مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى، سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر يەنىلا مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.
23سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.
7
پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسى
1ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى. 2بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە:
_ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى. 3ناتان داۋۇتقا:
_ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىزگە ياردۇر، _ دېدى.
4لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
5_ سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «مەن تۇرىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالماقچىمۇ؟ 6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىنى ماكان قىلىپ باقمىدىم، بەلكى ئىبادەت چېدىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ئايلىنىپ يۈردۈم. 7مەن خەلقىم ئىسرائىللار بىلەن بىرگە بولغان يەرلەردە، ئۇلارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باقتىممۇ؟ 8مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم. 9قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. 10-11مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر زېمىن تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن. 12سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 13مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. 14مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا بالىسىنى جازالىغاندەك، مەنمۇ ئۇنى جازالايمەن. 15سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن ئۇنى ھېچقاچان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلمايمەن. 16سېنىڭ نەسلىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»
17ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.
داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى
18شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟! 19ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ 20ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن! 21سەن ئۆز ئىرادەڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.
22ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر ھەم سەندىن باشقا خۇدامۇ يوقتۇر، بىز مۇشۇنداق ئاڭلاپ كەلدۇق. 23يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئىلاھلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ. 24ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈلۈك ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
25ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. 26شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.
27ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. 28ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن! سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. 29ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلايكى، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن! ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ۋەدەڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر قىلغايسەن.
8
داۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى
1مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە بۇ زېمىننى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. 2ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن تانا بىلەن ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئىككى تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.
3زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. 4داۋۇت ئۇنىڭ 1700 ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.
5دەمەشقتىكى ئارراملار زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت ئارراملاردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. 7داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. 8پادىشاھ داۋۇت يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. 9خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 10ئوغلى يورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە، توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى. 11-12پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.
13داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى. 14ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.
داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى
15داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.
16مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 17ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، 18يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.
9
داۋۇتنىڭ مىفىبوشەتكە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشى
1بىر كۈنى داۋۇت:
_ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-شەپقىتىمنى كۆرسىتەي.
2سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ زىبا ئىسىملىك بىر غوجىدار بار ئىدى. ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى.
_ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ داۋۇت ئۇنىڭدىن.
_ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
3_ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ.
_ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.
4_ ئۇ نەدە؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ.
_ ئۇ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.
5شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 6سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.
_ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت.
_ لەببەي، _ دېدى ئۇ.
7_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا.
8_ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ.
9پادىشاھ داۋۇت سائۇلنىڭ غوجىدارى زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا:
_ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتكە بەردىم. 10سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىڭ خوجايىنىڭنىڭ يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇنىڭغا بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.) 11زىبا پادىشاھقا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پېقىرلىرى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى.
12مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 13ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى.
10
داۋۇتنىڭ ئارراملار ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى
1ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.
2داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، 3ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا:
_ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.
4شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 5پادىشاھ داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. داۋۇت ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.
6ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى. 7داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يوللىدى. 8ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى. زوباھ ۋە رىخوبتىكى ئارراملار، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى دالادا ئايرىم بىر سەپ تۈزدى.
9يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئارراملارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. 10قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. 11يوئاب ئابىشايغا:
_ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. 12جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.
13يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى. 14ئارراملارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
15ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن ئارراملار يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى. 16پادىشاھ ھادادئەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارراملارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە خېلام شەھىرىگە كەلدى.
17بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا كەلدى. ئۇ يەردە ئارراملار سەپ تۈزۈپ، داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 18ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە يۈزنى ۋە باشقا لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 19ھادادئەزەرگە ئەگەشكەن پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇلارغا ئەل بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملار ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقتى.
11
داۋۇت ۋە باتشەبا
1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب ۋە لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى.
2بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 3داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ:
_ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئايالى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.
4داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ، ئەمدىلا پاكلانغانىدى.) ئاندىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 5كېيىن ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى. 6داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.
7ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ، شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. 8ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا:
_ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى.
ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ داۋۇت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى. 9لېكىن ئۇرىيا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى. 10ئۇرىيانىڭ ئۆيىگە كەتمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان داۋۇت ئۇنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:
_ سەن سەپەردىن كەلگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۆيۈڭگە قايتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 11ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ:
_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، ئايالىم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى. 12داۋۇت:
_ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قوياي، _ دېدى.
ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى. 13ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن بىرگە غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇرىيا كەچ بولغاندا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى. 14ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيادىن ئەۋەتتى. 15ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت. جەڭ بولغاندا، ئۇنى جەڭدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار. ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسۇن» دەپ يازغانىدى.
16يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى. 17دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.
18شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. 19يوئاب خەۋەرچىگە:
_ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن. 20ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ 21گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلىسە، سەن ئۇنىڭغا: «ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
22خەۋەرچى كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتقا يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتتى. 23خەۋەرچى:
_ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق. 24شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار ئىدى، _ دېدى. 25داۋۇت خەۋەرچىگە:
_ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۇرۇش رەھىمسىزدۇر. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىگىلە» دېگىن، _ دېدى.
26ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى. 27ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا ئايال بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.
12
پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى ئەيىبلىشى
1پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى:
_ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن. 2باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىكەن، 3كەمبەغەلنىڭ پەقەت سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ قاچىسىدىن تاماق يەپ، سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ. 4بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چارۋا ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپ، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ.
5داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 6باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى لازىمدۇر، _ دېدى.
7_ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇردۇم. 8ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم. 9سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟ 10سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»
11پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن. ئاياللىرىڭنى كۆز ئالدىڭدا يېقىنلىرىڭدىن بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە ئاياللىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ. 12سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇن قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.»
13داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا:
_ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى.
_ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان، 14_ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
15شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. 16داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، ھەر كۈنى كېچىسى تۆشەكتە ئەمەس، يەردە ياتتى. 17ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىرگە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى. 18يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمۇ؟» دېيىشتى.
19داۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرگەنلىكىدىن بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلدارلىرىدىن:
_ بالا قازا قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:
_ ھەئە! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
20شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى. 21شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن:
_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە غىزا يېدىلە، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سوراشتى. 22داۋۇت ئۇلارغا:
_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى. 23ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن، ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
سۇلايماننىڭ دۇنياغا كېلىشى
24ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا سۇلايمان دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، 25ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆردى»] دەپ ئات قويدى.
يوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ئېلىشى
26شۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمنى داۋام قىلىۋاتاتتى. نەتىجىدە، ئۇ پادىشاھ ئوردىسىنى ئىگىلىدى. 27ئۇ داۋۇتقا چاپارمەن ئەۋەتىپ:
_ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم. 28ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىڭ، بولمىسا شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالىمەن. ئۇ چاغدا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دېيىشىدۇ، _ دېدى.
29شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت قالغان قوشۇننى يىغىپ، رابباھقا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 30ئۇ شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئېلىپ، بېشىغا كىيدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلو بولۇپ، ياقۇت بىلەن بېزەلگەنىدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. 31ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
13
ئامنون ۋە تامار
1داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى. 2ئەمما تامار تېخىچە قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا كۆزى يەتمەي، كۆيۈك دەردىدە ئازابلىناتتى. 3ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى. 4ئۇ ئامنوندىن:
_ شاھزادەم، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىسىز؟ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:
_ مەن ئانا باشقا ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى. 5يوناداب:
_ ئۇنداقتا سىز يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋېلىڭ. ئاتىڭىز يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «سىڭلىم تامار كېلىپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا تاماق ئېتىپ بەرسۇن. ئۇنىڭ ئەتكەن تامىقىنى قولىدىن ئېلىپ يەي» دەڭ، _ دېدى.
6شۇنداق قىلىپ، ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. ئاتىسى يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون:
_ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز، تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى.
7ئاتىسى داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرىڭ» دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاماق ئەتتى. 9ئۇ ئەتكەن تامىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون تاماقنى يېگىلى ئۇنىماي، خىزمەتكارلىرىغا: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. 10ئاندىن ئامنون تامارغا:
_ تاماقنى ھۇجرامغا ئەكىر، ئۆز قولۇڭدىن ئېلىپ يەي، _ دېدى.
تامار ئەتكەن تاماقنى ئېلىپ، ئاكىسى ئامنوننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 11تامار تاماقنى ئۇنىڭغا سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ:
_ سىڭلىم، كەل، مەن بىلەن ياتقىن! _ دېدى.
12_ ياق، ئاكا، مېنى خورلىماڭ! ئىسرائىللار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلماڭ. 13بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇياتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.
14لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ تاماردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى. 15ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆچلۈكى ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئامنون تامارغا:
_ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.
16_ مېنى قوغلىماڭ! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز مېنى دەپسەندە قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، _ دېدى تامار.
لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى، 17ئۇ خىزمەتكارىنى چاقىرىپ:
_ بۇ خوتۇننى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقاپ قوي! _ دېدى.
18ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى تاقاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىشەتتى. 19تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.
20ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن:
_ ھەي سىڭلىم، ئاكاڭ ئامنون ساڭا چېقىلدىمۇ؟ بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى.
21پادىشاھ داۋۇت بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولدى. 22ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.
ئابسالومنىڭ ئامنوننى ئۆلتۈرۈشى
23ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قويلارنى قىرقىۋاتاتتى.
24ئابسالوم شاھ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئەي ئالىيلىرى، ئادەملىرىم قويلارنى قىرقىۋاتىدۇ. سىز ئەمەلدارلىرىڭىزنى ئېلىپ، مەن بىلەن بىرگە زىياپىتىمگە مەرھەمەت قىلغايسىز، _ دېدى.
25_ ياق ئوغلۇم، ئەگەر ھەممىمىز بارساق، ساڭا ئېغىرىمىز چۈشۈپ قالىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.
ئابسالوم پادىشاھقا قاتتىق يالۋۇردى. پادىشاھ يەنىلا بېرىشقا ئۇنىماي، پەقەت ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.
26_ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.
27ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.
28ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا:
_ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.
29ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.
30ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، بىرى داۋۇتقا: «ئابسالوم سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. 31داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى. 32لېكىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب داۋۇتقا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن، دەپ ئويلىمىسىلا. پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەنىدى. 33پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن خەۋەرگە ئىشەنمىسىلە. ئەمەلىيەتتە، ئۆلتۈرۈلگىنى پەقەت ئامنوندۇر، _ دېدى.
34ئۇ چاغدا ئابسالوم ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى.
سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆزەتچى تاغ تەرەپتىكى يولدا بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ، پادىشاھقا خەۋەر قىلدى.
35_ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا.
36ئۇنىڭ سۆزى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.
37-38ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. پادىشاھ داۋۇت ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى. 39ئامنوننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەسرىتى بېسىلغاندىن كېيىن، داۋۇت ئابسالومنى سېغىنىشقا باشلىدى.
14
ئابسالومنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى
1مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇت پادىشاھنىڭ ئابسالومنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ، 2تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا:
_ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ، 3پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگىن. مەن ساڭا نېمە دېسەم، پادىشاھقا شۇنى دېگىن، _ دېدى.
يوئاب ئۇ ئايالغا پادىشاھقا نېمىلەرنى دېيىشنى ئۆگەتتى. 4تىقوۋالىق ئايال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!
5_ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال:
_ مەن بىر تۇل ئايالمەن، ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن. 6ئاجىزەلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. 7ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.
8_ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن ساڭا پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت. 9تىقوۋالىق ئايال يەنە:
_ خەلق بۇ ئىشتا ئەيىبلىمەكچى بولسا، مېنى ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىسۇن، سىلى ۋە سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى ئەيىبلىمىسۇن، _ دېدى.
10_ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىرنېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.
11_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال.
_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.
12_ ئاجىزەلىرىنىڭ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال.
_ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ. 13ئايال مۇنداق دېدى:
_ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟ 14بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.
15باشقىلار مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماس، 16ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم. 17مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سۆزى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگارلىرى خۇدا سىلىگە يار بولغاي! 18پادىشاھ:
_ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، سەن سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
_ ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال.
19_ سېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر. 20ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىلا.
21پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:
_ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ئوغلۇم ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى.
22يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە:
_ پېقىر بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، چۈنكى پادىشاھىم تەلىپىمنى ئورۇندىدى، _ دېدى.
23شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى. 24لېكىن پادىشاھ:
_ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
داۋۇتنىڭ ئابسالوم بىلەن كۆرۈشۈشى
25پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى. 26بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى. 27ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.
28ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى. 29شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم يوئابنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى چاقىرتتى، لېكىن يوئاب كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابسالوم ئىككىنچى قېتىم يەنە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يوئاب يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى. 30شۇ سەۋەبتىن ئابسالوم خىزمەتكارلىرىغا:
_ مانا، يوئابنىڭ ئارپا تېرىغان ئېتىزى مېنىڭ ئېتىزىم بىلەن يانداش تۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى.
ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋەتتى. 31شۇنىڭ بىلەن يوئاب ئابسالومنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن:
_ خىزمەتكارلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
32ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ:
_ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.
33يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى.
15
ئابسالومنىڭ توپىلاڭ پىلانلىشى
1شۇنىڭدىن كېيىن ئابسالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە ئەللىك مۇھاپىزەتچى ھازىرلىدى. 2ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلسە، ئابسالوم ئۇنىڭدىن «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ قايسى قەبىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەيتتى. 3ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى. 4ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە ھوقۇقدار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتىم» دەيتتى. 5بىرەرسى كېلىپ، ئابسالومغا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ قوياتتى. 6ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
7تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا:
_ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىز! 8مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى. 9پادىشاھ:
_ بارغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى. 10بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە ئادەملىرىنى مەخپىي ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى. 11ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىدى. 12ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى.
داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىن قېچىشى
13بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى. 14داۋۇت يېرۇسالېمدىكى ئەمەلدارلىرىغا:
_ تېز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز! تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ كېلىپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ۋە پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى. 15ئەمەلدارلار پادىشاھقا:
_ باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، نېمە قارارغا كەلگەن بولسىلا، بىز ئۇنى بېجىرىشكە تەييارمىز،
_ دېيىشتى.
16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئون توقىلىنى قالدۇرۇپ قويدى. 17پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. پادىشاھ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆينىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە توختىدى. 18قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. 19پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا:
_ نېمىشقا بىزگە ئەگىشىپ كېلىسەن؟ قايتىپ كەتكىن! سەن ئىسرائىللاردىن ئەمەس، باشقا ئەلدىن كەلگەن مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇرغىن. 20سەن يېقىندىلا كەلدىڭ. مەن ئۆزۈممۇ نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سېنى يەنە سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. خۇدا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى سەندىن تەرك ئەتمىسۇن! _ دېدى. 21بىراق ئىتتاي پادىشاھقا:
_ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، سىلى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 22داۋۇت ئىتتايغا:
_ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىلەن يۈرۈۋەرگىن، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرى ۋە بالىچاقىلىرى بىلەن بىرگە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 23داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، قىدرون جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى.
24روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، ساقلاپ تۇرۇشقانىدى. 25پادىشاھ داۋۇت زادوققا:
_ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ كېتىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسىتىدۇ. 26ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى 27پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا:
_ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاز، روھانىي ئەبىياتار ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىرلىكتە شەھەرگە تىنچ-ئامان قايتىپ كېتىڭلار. 28مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى.
29شۇنداق قىلىپ، زادوق بىلەن ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۆزلىرىمۇ تۇرۇپ قېلىشتى. 30داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.
31داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
32داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى. 33داۋۇت ئۇنىڭغا:
_ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە ماڭساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن. 34ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن. 35روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتارمۇ شۇ يەردە، سەن ئوردىدا ئاڭلىغانلىرىڭنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. 36ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە، ئۇلار ئۇچۇرلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزىدۇ، _ دېدى.
37شۇنداق قىلىپ، داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىردى.
16
داۋۇت بىلەن زىبا
1پادىشاھ داۋۇت تاغدىن ئەمدىلا ئېشىشىغىلا مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبانى ئۇچراتتى. زىبا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشەكنى يېتىلىۋالغان بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، بىر تۇلۇم شاراب ۋە يازلىق مېۋىلەر ئارتىلغانىدى. 2پادىشاھ زىبادىن:
_ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىشقا ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. زىبا:
_ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 3پادىشاھ يەنە:
_ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى. زىبا:
_ مىفىبوشەت يېرۇسالېمدا قالدى. ئۇ بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. 4پادىشاھ:
_ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى. زىبا:
_ ئالىيلىرىغا تەزىم قىلاي، ھەر دائىم ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دېدى.
شىمئىنىڭ پادىشاھ داۋۇتنى قارغىشى
5پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى. 6ئۇ پادىشاھ داۋۇت، ئادەملىرى ۋە قوغدىغۇچى لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى ۋە 7پادىشاھ داۋۇتنى ھاقارەتلەپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن! 8سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.
9مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا:
_ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى. 10پادىشاھ داۋۇت:
_ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قارغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى. 11ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە:
_ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر! 12بەلكىم پەرۋەردىگار قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، قارغىشنىڭ ئورنىغا بەخت ئاتا قىلىپ قالار، _ دېدى.
13شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىدا ماڭدى. ئۇ يول بويى داۋۇتنى قارغاپ ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، توپا چاچتى. 14پادىشاھ داۋۇت ۋە ھەمراھلىرى مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشىپ، شۇ يەردە دەم ئېلىشتى.
ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالومغا مەسلىھەت بېرىشى
15بۇ ۋاقىتتا ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پۈتۈن ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا كىرىپ بولغانىدى. ئاخىتوفەلمۇ ئابسالوم بىلەن بىرگە ئىدى. 16داۋۇتنىڭ دوستى، يەنى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى. 17ئابسالوم ئۇنىڭدىن:
_ سېنىڭ دوستۇڭغا بولغان سادىقلىقىڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بىرگە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 18خۇشاي ئابسالومغا:
_ مەن پەرۋەردىگار، خەلق ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار تاللىغان ئادەم تەرەپتە تۇرىمەن. ھېچ يەرگە بارمايمەن. 19ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومدىن باشقا ھېچكىمگە خىزمەت قىلمايمەن. ئاتىلىرىغا قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلىگىمۇ شۇنداق خىزمەت قىلىمەن، _ دېدى.
20ئاندىن ئابسالوم ئاخىتوفەلگە قاراپ:
_ ئۇنداقتا نېمە قىلىمىز؟ مەسلىھەت بەرگىن، _ دېدى. 21ئاخىتوفەل:
_ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىلا. شۇنداق قىلسىلىرى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللىشى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى.
22شۇنداق قىلىپ، ئابسالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى. ئابسالوم ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى. 23ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.
17
1ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە:
_ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللاپ، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باراي. 2ھازىر ئۇ ھېرىپ-چارچىغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ئەھۋالدىدۇر. مەن مۇشۇ چاغدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۆلتۈرىمەن. 3ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلى قوغلاپ يۈرگەن ئۇ ئادەم ئۆلسە، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە مايىل بولىدۇ، پۈتۈن خەلق تىنچىيدۇ، _ دېدى.
4ئاخىتوفەلنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئابسالومغىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغىمۇ ياقتى.
خۇشاينىڭ ئاخىتوفەلنىڭ پىلانىنى بۇزۇشى
5ئابسالوم:
_ ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاينىمۇ چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، _ دېدى.
6خۇشاي ئابسالومنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئابسالوم ئۇنىڭغا ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن:
_ بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلساق بولارمۇ؟ سەنمۇ پىكرىڭنى دەپ باقساڭ، _ دەپ سورىدى. 7خۇشاي مۇنداق دېدى:
_ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ. 8ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەردۇر. ئۇلار ھازىر خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىرى تەجرىبىلىك بىر جەڭچى بولۇپ، ئۇ كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياتمايدۇ. 9بەلكىم ئۇ ھازىر بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرسە، بۇنى ئاڭلىغانلار «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن. 10ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. 11مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن. ئىسرائىللار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىزدۇر. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى باشلاپ، جەڭگە بارغايلا. 12بۇ چاغدا پادىشاھ داۋۇت مەيلى قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىز خۇددى يەر يۈزىگە چۈشكەن شەبنەم پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىمىز. داۋۇتنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمىز. 13داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ سېپىللىرىنى جىلغىغا تارتىپ چۈشۈرىمىز. ھەتتا شەھەرنىڭ ئورنىدا كىچىككىنە بىر تال تاشمۇ قالمايدۇ.
14ئابسالوم ۋە يېنىدىكى ئىسرائىللار: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ پادىشاھقا بەرگەن مەسلىھەتىنى بۇزۇپ، ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى.
داۋۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ۋە قېچىپ كېتىشى
15خۇشاي ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارغا ئېيتىپ بەردى. 16ئۇ يەنە:
_ ئەمدى سىلەر دەرھال داۋۇتقا ئادەم ئەۋەتىڭلار. ئۇ بۈگۈن كېچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە قونماي، دەرھال ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتسۇن. بولمىسا، ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىرگە يوقىتىلىدۇ، _ دېدى.
17بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى پادىشاھ داۋۇتقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.
18لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى. 19ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ سېزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر پالاس يېپىپ، ئۈستىگە بۇغداي يېيىپ قويدى.
20ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن:
_ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردۈڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئايال ئۇلارغا:
_ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى.
21ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭغا: «قېنى ھازىرلا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىڭلار، چۈنكى ئاخىتوفەل ئابسالومغا سىلىگە قارشى مەسلىھەت بەردى» دېدى. 22شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. تاڭ ئاتقۇچە ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈپ بولدى، بىرمۇ ئادەم قالمىدى.
23ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
24داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. 25ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى. 26ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار گىلئادتا بارگاھ تىكتى.
27داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى. 28-29ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چۆلدە يۈرۈپ ھېرىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ، يوتقان-كۆرپە، تاۋاق، ساپال قاچا، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، ماش، ھەسەل، سۈزمە، قۇرۇت، ئىرىمچىك ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
18
ئابسالومنىڭ ئۆلۈشى
1داۋۇت ئادەملىرىنى يىغىپ، مىڭ بېشى ۋە يۈز باشلىرىنى تەيىنلىدى. 2ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا:
_ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى. 3ئادەملىرى ئۇنىڭغا:
_ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى. 4پادىشاھ داۋۇت ئۇلارغا:
_ سىلەرچە قانداق قىلسام ياخشى بولسا، شۇنداق قىلاي! _ دېدى.
لەشكەرلەر شەھەردىن يۈزلەپ، مىڭلاپ چىقىشقا باشلىغاندا، پادىشاھ داۋۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 5ئۇ يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا:
_ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.
6شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى. 7داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى. 8جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى پالاكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.
9ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى. 10داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا:
_ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى. 11يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە:
_ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ئەگەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولساڭ، ساڭا يۈز گىرام كۈمۈش بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى. 12ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى:
_ ماڭا ھەتتا مىڭ گىرام كۈمۈش بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ ئابىشاي، ئىتتاي ۋە سىلىگە: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز. 13ئەگەر پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرسەم، پادىشاھ چوقۇم كىمنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى مەندىن چەتكە ئالىدىلا. 14يوئاب جاۋابەن:
_ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى ۋە قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم پىستە دەرىخىدە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ تېخىچە ھايات ئىدى. يوئاب ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزىلەرنى تىقتى. 15ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
16يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى. 17ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.
18ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە شۇنىڭدىن بېرى «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومغا ماتەم تۇتۇشى
19زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا:
_ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.
20_ ياق، _ دېدى يوئاب، _ بۈگۈن خەۋەر يەتكۈزمىگىن، باشقا كۈنى يەتكۈزگىن. بۈگۈن بارما، چۈنكى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى.
21شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب كۇشلاردىن بىرىگە:
_ سەن بېرىپ، كۆرگەنلىرىڭنى پادىشاھقا ئېيتقىن، _ دېدى. ئۇ ئادەم يوئابقا تەزىم قىلدى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى.
22لېكىن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە:
_ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭمۇ كۇشلاردىن بولغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بىرگە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، _ دېدى. يوئاب:
_ سەن نېمىشقا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالىسەن؟ ئوغلۇم، سەن خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن، _ دېدى.
23ئاخىمائاز يەنە:
_ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، تېز بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزەي! _ دېدى.
_ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب.
شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
24داۋۇت بۇ چاغدا شەھەرنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا قاراپ، بىر ئادەمنىڭ يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە 25پادىشاھقا ۋارقىراپ خەۋەر يەتكۈزدى. پادىشاھ:
_ ئۇ يالغۇز بولسا، چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى.
ئۇ ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە، 26كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ:
_ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى. پادىشاھ:
_ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى.
27_ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى كۆزەتچى.
_ ئۇ ياخشى ئادەم، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.
28ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا:
_ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي. 29پادىشاھ:
_ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز:
_ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
30_ بوپتۇ ئەمىسە، بىر چەتتە كۈتۈپ تۇر، _ دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا.
ئاخىمائاز بىر چەتكە بېرىپ تۇردى. 31شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى.
_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ. 32پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ ياش يىگىت ئابسالوم تىنچ-ئامانمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ، يەنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇ ياش يىگىتنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي، _ دەپ جاۋاب بەردى كۇشلاردىن بولغان ھېلىقى ئادەم.
33پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ:
_ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.
19
يوئابنىڭ داۋۇتقا نەسىھەت قىلىشى
1يوئابقا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئابسالوم ئۈچۈن ھازا ئېچىپ، ياش تۆكۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. 2داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى. 3ئۇلار شەھەرگە خۇددى جەڭگاھتىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەلگەن لەشكەرلەردەك جىمجىت كىرىپ كېلىشتى. 4بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ:
_ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.
5يوئاب ئۆيگە كىرىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى:
_ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، ئاياللىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملەرنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا. 6سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا. 7ئەمدى تاشقىرىغا چىقىپ، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغايلا. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىسىلا، بۈگۈن كېچە يانلىرىدا بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقلىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە باشلىرىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالا-قازا ھېسابلىنىدۇ.
8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشكەنىدى.
9-10ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە باشقا دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. لېكىن بىز ئابسالومنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدۇق، شۇڭا داۋۇت ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتىدىن كېتىپ قالدى. ئەمما ھازىر ئابسالوم ئۆلدى. نېمىشقا ئەمدى داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى.
داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشى
11ئىسرائىللارنىڭ سۆزلىرى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: «پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنى ئوردىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ھەققىدە سۆزلىشىۋېتىپتۇ. لېكىن سىلەر بۇ ئىشتا نېمىشقا ئۇلارنىڭ كەينىدە قالدىڭلار؟ 12سىلەر مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىنداشلىرىم تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مېنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
13داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»
14شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى. 15پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزگىلى كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرمۇ گىلگالغا كەلدى.
شىمئى بىلەن زىبانىڭ پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقىشى
16بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمئى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا بېرىشقا ئالدىرىدى. 17ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ غوجىدارى زىبا، ئۇنىڭ 15 ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى. 18ئۇلار:
_ پادىشاھ جەمەتىنى دەريادىن ئۆتكۈزەيلى، ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇندايلى، _ دېيىشتى ۋە دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈشتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دەريادىن ئۆتەي دەپ تۇراتتى، گېرانىڭ ئوغلى شىمئى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلىپ:
19_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى ئۆتكۈزگەن گۇناھىمدىن ئۆتكەيلا، گۇناھىمنى ئەسلىرىدە ساقلىمىغايلا، ئۇنتۇپ كەتكەيلا. 20پېقىر گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلدىم، شۇڭا ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلدىم، _ دېدى.
21بۇ چاغدا مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي:
_ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغان شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى. 22لېكىن داۋۇت:
_ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! نېمىشقا بۈگۈن سىلەر خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىسىلەر؟ مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى 23ۋە شىمئىگە قاراپ قەسەم ئىچىپ:
_ سەن ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمەيسەن، _ دېدى.
مىفىبوشەتنىڭ داۋۇت ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىشى
24سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا بارغانىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تارتىپ تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە پۇتلىرىنى، كىيىملىرىنى يۇيمىغان ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى. 25ئۇ يېرۇسالېمدىن پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ ئى مىفىبوشەت، سەن نېمىشقا مەن بىلەن بىرگە كەتمىگەنىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 26مىفىبوشەت:
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، پېقىرلىرى توكۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىزمەتكارىم زىباغا: «ئېشەكنى ئىگەرلە، مەن ئېشەككە مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىرگە كېتىمەن» دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ مېنى ئالداپلا قالماستىن، 27يەنە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا. 28بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەرگەنىدىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى. 29پادىشاھ:
_ ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يېتەرلىك بولدى، سائۇلنىڭ زېمىنى زىبا ئىككىڭلارغا تەۋە بولسۇن، دېدى. 30مىفىبوشەت:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئوردىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە. ھەممە زېمىننى زىبا ئالسۇن، _ دېدى.
بارزىللاينىڭ داۋۇت بىلەن خوشلىشىشى
31گىلئادلىق بارزىللايمۇ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن روگىلىمدىن كەلگەنىدى. 32ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى. 33پادىشاھ بارزىللايغا:
_ دەريادىن مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈپ، يېرۇسالېمغا بېرىڭ، ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى. 34لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا:
_ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟ 35مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟ 36مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىرئاز ھەمراھ بولاي دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن. 37ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى. 38پادىشاھ:
_ كىمھام مەن بىلەن بىرگە دەريادىن ئۆتسۇن. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمنى خالىسىڭىز، شۇنداق مۇئامىلە قىلاي. مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى.
39شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىنكى تالاش-تارتىشلار
40پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ، گىلگالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كىمھاممۇ پادىشاھ بىلەن بىرگە ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇنى ۋە ئابسالومغا ئەگەشكەن باشقا ئىسرائىللارنىڭ قوشۇنىنىڭ يېرىمى پادىشاھقا ھەمراھ بولدى. 41لېكىن ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
_ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئادەملىرى، ئاياللىرى ۋە بالىچاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى. 42يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا:
_ پادىشاھ داۋۇت بىزنىڭ قەبىلىمىزدىن بولغاچقا، شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ يەيدىغانلىرىدىن بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى. 43ئۇلار:
_ پادىشاھلىقىمىزدىكى ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئونى بىز تەرەپتە. شۇڭا بىزنىڭ پادىشاھ داۋۇتتا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەققىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ يەنە كېلىپ، پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېتەيلى دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ _ دېيىشتى.
مۇنازىرە جەريانىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقا ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىن بولدى.
20
شىبانىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى
1شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى:
«يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق،
بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق.
ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»
2شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئون قەبىلىسى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى داۋۇتقا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. 3داۋۇت يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئوردىنى ساقلاشقا قالدۇرغان ئون توقىلىنى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالدى. داۋۇت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسى بىلەن بىرگە ياتمىدى. ئۇلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇل ئاياللاردەك ياشىدى.
4شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا:
_ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل ۋە ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى.
5ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى. 6شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا:
_ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشايغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى. 8ئۇلار گىبئوندىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بېلىدىكى كەمەرگە غىلاپلىق خەنجەر ئېسىۋالغانىدى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا خەنجەرنى غىلىپىدىن چىقىرىۋالدى. 9يوئاب ئاماساغا:
_ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى. 10ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.
11ئاماسانىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى:
_ كىمكى يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە بولسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى.
12ئاماسانىڭ جەسىتى قانغا مىلىنىپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان يوئابنىڭ ھېلىقى ئادىمى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جەسەتنى سۆرەپ، يولدىن ئېلىپ چىقىپ، ئېتىزغا ئاپىرىپ، ئۈستىنى بىر چاپان بىلەن يېپىپ قويدى. 13جەسەت يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى.
14بۇ چاغدا شىبا شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. بىكرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەنىدى. 15يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.
16شۇ پەيتتە شەھەردىكى بىر دانا ئايال:
_ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، ئۇ بۇ يەرگە كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى.
17يوئاب يېقىنراق كەلدى.
_ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال.
_ ھەئە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب.
_ ئاجىزەلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال.
_ ھەئە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب. 18ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ:
_ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق مەسىلىلەر ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن. 19بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى. 20يوئاب:
_ خۇدا ساقلىسۇن! مەن بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن. 21مېنىڭ ئۇنداق مەقسىتىم يوق. ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا داۋۇت پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. پەقەت شۇ بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن، _ دېدى.
_ بولىدۇ ئەمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى سېپىلدىن سىلىگە تاشلاپ بېرىمىز، _ دېدى ئايال.
22شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى.
23شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، 24ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى ئادورام، تەزكىرىچى ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات، 25پۈتۈكچى شىۋا، روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتار ئىدى. 26يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى.
21
گىبئونلۇقلارنىڭ سائۇل جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىشى
1داۋۇتنىڭ زامانىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبىدىن بۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى، _ دېدى.
2گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق قىلىپ، گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغانىدى. پادىشاھ داۋۇت گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:
3_ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بەرسەم، گۇناھىمىزدىن ئۆتىسىلەر؟ قانداق قىلسام، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان بىزنى قارغىمايسىلەر؟
4_ بىز سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن نە ئالتۇن، نە كۈمۈش تەلەپ قىلمايمىز. بىزنىڭ ئىسرائىللاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىمىزمۇ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى گىبئونلۇقلار.
_ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، مەن شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت. 5ئۇلار پادىشاھقا:
_ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقاتماقچى بولغانىدى. 6شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى.
_ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.
7پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى. 8سائۇلنىڭ توقىلىدىن، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغان ئارمونى ۋە مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سائۇلنىڭ يەنە قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن كۆرگەن بەش نەۋرىسى بار ئىدى. 9داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. 10ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ماتا رەخت يېيىپ، ماتەم تۇتۇپ ئولتۇردى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى.
11سائۇلنىڭ توقىلى، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلدى. 12داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى گىلئادتىكى يابېش خەلقىدىن ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. كېيىن گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.) 13داۋۇت سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇ يەردىن ئەكەلدى. ئۇ يەنە قەتل قىلىنغان يەتتە كىشىنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئەكەلدۈردى. 14ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىنى بۇ ئۇستىخان ۋە جەسەتلەرنى بىنيامىن زېمىنىغا جايلاشقان زېلا شەھىرىدىكى سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلىدى.
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تۆت قېتىم مەغلۇپ قىلىنىشى
15فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا داۋۇت ھالسىزلىنىپ كەتتى. 16رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى 3.5 كىلو كېلەتتى. ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. 17ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا:
_ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى.
18شۇنىڭدىن كېيىن گوب دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان ساف ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى.
19گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. گولياتنىڭ قېرىندىشىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.
20كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. 21بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
22بۇ تۆت فىلىستىيەلىك پالۋان گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
22
داۋۇتنىڭ مۇناجاتى*
1پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوقۇغان:
2قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،
3ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم،
قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.
ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر.
4ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا،
دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.
5ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى،
ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.
6گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم،
ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.
7ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا،
ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا.
ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا،
ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.
8شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى،
ئەرشنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى،
چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.
9چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر،
ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار،
لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.
10كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا،
تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.
11ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا،
پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.
12يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى،
يامغۇرنىڭ قويۇق، قارا بۇلۇتلىرى قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.
13يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى،
ياغدۇرار ئىدى ئۇ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى.
14پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەر ئاسماندا
ياڭرىتار ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا.
15تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى،
چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.
16پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن،
قەھرلىك تىنىقىنىڭ زەربىسىدىن،
كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى،
ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.
17پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى،
چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.
18قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن،
قۇتقۇزدى مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،
چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.
19ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا،
پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.
20ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا،
ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.
21ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا،
قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.
22چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا،
رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.
23كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى،
بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.
24ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم،
ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.
25مەن پاك، ھەققانىي بولغاچقا،
پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.
26ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى،
ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.
27پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە،
لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.
28قۇتقۇزىسەن چارىسىز بىچارىلارنى،
كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.
29پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمسەن،
پەرۋەردىگار، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.
30ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە ھۇجۇم قىلالايمەن دۈشمەن قوشۇنىغا،
سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن تايىنىپ ساڭا.
31خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر،
ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر.
پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.
32«ياھۋەھ»تىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟!
ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟
33مۇستەھكەم قورغىنىم خۇدادۇر،
ئۇ يولۇمنى نۇقسانسىز قىلغۇچىدۇر.
34كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى،
ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.
35قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا،
بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.
36ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى،
مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.
37بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى،
تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.
38قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى،
قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.
39مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا،
يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.
40جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى،
باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.
41چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى،
يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.
42ئۇلار ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار،
نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.
43ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك،
چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.
44خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى.
باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە،
قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.
45تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا،
نامىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا.
46جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر،
تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.
47بەرھەق، ھاياتتۇر پەرۋەردىگار!
ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا،
ئۇلۇغلانسۇن قورام تاشتەك نىجاتكارىم خۇدا!
48خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا،
بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.
49قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن،
ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن،
قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.
50ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا،
مەدھىيە ئوقۇيمەن نامىڭغا.
51پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە،
ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _
تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.
23
داۋۇتنىڭ ۋەسىيەتلىرى
1يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
2پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى،
مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.
3ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،
يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دېدى:
«خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى،
خۇداغا ئىخلاس قىلىپ، ھۆكۈم سۈرگۈچى
4ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا،
ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»
5مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟
مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟
بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر.
ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.
6ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە،
تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.
7تىكەنلەرنى تۇتۇشتا تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر
ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.
داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى
8داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.
9«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ. 10ئەمما ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
11«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا ماش تېرىلغان بىر ئېتىزلىقنىڭ يېنىدا يىغىلىدۇ. بۇنى كۆرۈپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى قېچىپ كېتىدۇ. 12لېكىن شامماھ ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.
13-14بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى.
دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.
15داۋۇت:
_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.
16ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:
17_ ئى پەرۋەردىگار، بۇ سۇ ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇ ئالغىلى بارغان ئۈچ باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇ سۇنى قانداقمۇ ئىچەي!؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.
18مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى، يەنى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 19ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.
20يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 21ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 22بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 23ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.
24تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باتۇر»لاردىن ئىدى:
يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،
بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان،
25خارودلۇق شامماھ،
خارودلۇق ئەلىقا،
26پالتىلىق خەلەز،
تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا،
27ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،
خۇشاھلىق مىبۇنناي،
28ئاخوۋاخلىق زالمون،
نىتوفالىق ماھراي،
29نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب،
بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي،
30پىرئاتونلۇق بىنايا،
گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي،
31ئارابالىق ئابى-ئالبون،
باخۇرىملىق ئازماۋەت،
32شائالبىملىق ئەلياخبا،
ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان،
33ھارارلىق شامماھ،
ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاخىئام،
34مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت،
گىلوھلۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،
35كارمەللىك خەزرو،
ئاربىلىق پائاراي،
36زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال،
گادلىق بانى،
37ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،
بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،
38يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب
39ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا.
ئۇلار ھەممىسى بولۇپ 37 كىشى ئىدى.
24
داۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى سانىشى
1پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا يەنە غەزىپى كەلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار داۋۇتنى كۈشكۈرتۈپ: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.
2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا:
_ سىلەر ئىسرائىلىيەنى داندىن بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى. 3يوئاب پادىشاھقا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگار خۇدا لەشكەرلىرىنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي ۋە ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دېدى.
4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى.
5ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا چۈشكۈن قىلدى. ئاندىن گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ يازېر شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 6كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائان غا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 7تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى. 8ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 9يوئاب جەڭ قىلىشقا قادىر بولغان ئادەملەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بەردى. ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر 800 مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
10لەشكەرلەرنىڭ سانى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا:
_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى.
11ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار:
12_ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى:
_ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟
14داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:
_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
15شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 16نۆۋەت يېرۇسالېمغا كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىنى كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:
_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى. 17داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا:
_ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغانمۇ مەن، قويدەك بۇ خەلقتە نېمە گۇناھ؟ ئەگەر جازالىماقچى بولساڭ، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى.
داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى
18گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
_ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى.
19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقتى. 20ئاراۋنا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى. ئۇ:
21_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى. داۋۇت:
_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.
22_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى ئالسىلا. بۇ يەردە بۇقىلىرىم، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختا ۋە بويۇنتۇرۇقلار تۇرۇپتۇ. 23پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي. پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا. 24لېكىن پادىشاھ ئاراۋناغا:
_ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە بۇقىلارنى600 گىرام كۈمۈشكە سېتىۋالدى. 25داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.
