سامۇئىل 1

1

ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى

1ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. 2ئەلقانانىڭ ھاننا ۋە پىنىننا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى ئايالى پىنىننادىن پەرزەنتلىرى بار ئىدى، ئەمما ھاننادىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

3ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو* شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى. 4ئەلقانا ھەر قېتىم قۇربانلىق قىلغاندا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پىنىنناغا ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرەتتى، 5ھانناغا بولسا ئىككى ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى. 6ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى. 7بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى. 8ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا:

_ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى.

9‏-10ئۇلار شىلودىكى ۋاقتىدا، بىر كۈنى غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا چىقتى. ئۇ چاغدا روھانىي ئەلى ئىبادەتگاھ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى سۇپىدا ئولتۇراتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىدى، شۇڭا ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 11ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ:

_ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن،* _ دېدى.

12ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى. 13ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە، 14ئۇنىڭغا:

_ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى. 15ھاننا ئۇنىڭغا:

_ ياق، مەن مەست ئەمەس، تەقسىر. مەن پەرىشان بىر ئايالمەن، شاراب ۋە مەي ئىچمىدىم، پەقەت پەرۋەردىگارغا كۆڭلۈمنى تۆكتۈم. 16مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.

17_ ئامان-ئېسەن بولغىن، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى. 18ھاننا جاۋابەن:

_ سىلىنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەيمەن، _ دېدى.

ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.

سامۇئىلنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە خۇداغا بېغىشلىنىشى

19ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى* ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى ۋە پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 20ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاننا: «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن ئۇنى تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى سامۇئىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا ئاڭلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 21شىلو شەھىرىگە بارىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى. ئەلقانا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىللىق قۇربانلىقىنى ۋە ۋەدە قىلغان قۇربانلىقىنى سۇنغىلى ئۇ يەرگە يەنە باردى. 22بۇ قېتىم ھاننا بارمىدى. ئۇ ئېرىگە:

_ بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئېلىپ بارىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە قالىدۇ، _ دېدى. 23ئەلقانا ئۇنىڭغا:

_ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغىن. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە، ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى.

24بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى. 25بۇقا سويۇلغاندىن كېيىن، ھاننا بىلەن ئەلقانا بالىنى روھانىي ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 26ھاننا روھانىي ئەلىگە:

_ تەقسىر، مەن ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال دەل مەن بولىمەن. 27مەن پەرۋەردىگاردىن پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانىدىم، پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ماڭا بۇ بالىنى ئاتا قىلدى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

2

ھاننانىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى

1ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى:

 

«ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى،

رۇسلىدىڭ قەددىمنى.

دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم،

يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.

2ئى پەرۋەردىگار، سەندەك مۇقەددەس خۇدا يوقتۇر،

ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر

ئى خۇدا، سەندەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.

3ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە،

ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە.

چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر،

قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا.

4كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار،

ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.

5بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار،

بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار.

تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار،

كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.

6جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر،

گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

7نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر.

خار قىلغۇچى ھەم ئەزىز قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

8ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن،

ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن.

ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا

مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا.

چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى،

ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.

9ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار،

نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن،

يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.

10پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار،

ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر.

پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار.

ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار،

ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»

 

11كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى.

روھانىي ئەلىنىڭ ئوسال ئوغۇللىرى

12روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى. 13ئۇلار پەرۋەردىگار ۋە روھانىيلارنىڭ خەلققە مۇناسىۋەتلىك بولغان بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمايتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ، 14ئۇنى گۆشكە سانجىيتتى. ئارىغا نېمە سانجىسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. ئۇلار شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق قىلاتتى. 15ھەتتا قۇربانلىقنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلغۇچىغا: «روھانىيغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەر، ئۇ سەندىن سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى ئېلىشنى خالايدۇ» دەيتتى. 16ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى: «ئالدى بىلەن قۇربانلىقنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر» دېسە، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى: «ياق، ھازىرلا بەر! بولمىسا بۇلاپ ئالىمەن!» دەيتتى. 17روھانىي ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى.

18ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 19ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك پەرىجە تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. 20روھانىي ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەيتتى ۋە ئەلقاناغا:

_ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن يەنە ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. 21پەرۋەردىگار ھانناغا شاپائەت قىلدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. ئۇ چاغدا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.

ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئەيىبلىشى

22ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. 23ئەلى ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 24ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا يامان نامىڭلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم! 25ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.

26بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.

27بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر روھانىي ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىسرائىللار پىرئەۋنگە قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم. 28مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم. 29شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەن ئىبادەتگاھىم ئۈچۈن بۇيرۇغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟!

30شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن. 31مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا. ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. 32مەن ئىسرائىل خەلقىگە بەخت ئاتا قىلغانلىقىمنى كۆرۈپ، ھەسەت قىلىپ ئازابلىنىسەن. سېنىڭ جەمەتىڭدىن ھېچكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيدۇ. 33لېكىن ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ. 34ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

35مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ. 36سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.»

3

پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنى چاقىرىشى

1بالا سامۇئىل روھانىي ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەمدىن كەم كېلەتتى. 2بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى. 3پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخىچە يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقىمۇ شۇ يەردە ئىدى. 4شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە 5روھانىي ئەلى مېنى چاقىرغان ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە ئۇنىڭغا:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن كەلدىم! _ دېدى.

_ ياق، مەن سېنى چاقىرمىدىم. بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، _ دېدى ئەلى.

سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى. 6پەرۋەردىگار يەنە:

_ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا باردى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن كەلدىم! _ دېدى.

_ مەن سېنى چاقىرمىدىم بالام. بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، _ دېدى ئۇ.

7شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگاردىن سامۇئىلغا تېخى ۋەھىي كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى بىلمەيتتى. 8پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

_ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا كەلدىم، _ دېدى.

ئەلى شۇ چاغدا بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدى. 9ئەلى سامۇئىلغا:

_ بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى.

سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.

10پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك:

_ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل. 11پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. 12مەن روھانىي ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى. 14شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.

15سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 16ئەلى ئۇنى:

_ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل. 17ئەلى ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى قاتتىق جازالىغاي! _ دېدى.

18شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا:

_ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

19سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇردى. 20شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبىدىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان زېمىندا ياشايدىغان پۈتكۈل ئىسرائىللار سامۇئىلنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار تاللىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 21پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

4

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى

1ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى. 2فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. 3مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى:

_ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى. 6فىلىستىيەلىكلەر بۇ كۈچلۈك چۇقاننى ئاڭلاپ:

_ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ، 7قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار:

_ ئۇلارنىڭ ئىلاھى بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق! 8ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ مىسىرلىقلارغا چۆل-باياۋاندا تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر چۈشۈرگەنلەر ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟ 9قېنى فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىزمۇ ئۇلارغا قۇل بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.

10شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىل لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. روھانىي ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

ئەلىنىڭ ۋاپات بولۇشى

12بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتقان، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقانىدى. 13ئۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. 14ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ:

_ نېمىشقا بۇنداق چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 15ئەلى ئۇ چاغدا 98 ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرمەيتتى. 16ھېلىقى ئادەم ئەلىگە:

_ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلدىم، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى.

_ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى. 17خەۋەر ئەكەلگۈچى مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.

18گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

19ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، كۆزى يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا تۇغۇپ سالدى. 20ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا:

_ قورقمىغىن، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى. 21خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ:

_ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى. 22ئۇ يەنە:

_ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى.

5

ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا

1فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى جەڭ مەيدانى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى 2ۋە داگوننىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. 3ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە داگون بۇتىنىڭ يىقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەردە يۈزىچىلاپ ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى. 4ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە داگوننىڭ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەردە يۈزىچىلاپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بۇ قېتىم داگوننىڭ بېشى بىلەن ئىككى قولى سۇنغان بولۇپ، بوسۇغىدا تۇراتتى، پەقەت گەۋدىسىلا پۈتۈن قالغانىدى. 5شۇ سەۋەبلىك شۇنىڭدىن بېرى داگوننىڭ روھانىيلىرى ۋە باشقىلار بۇتخانىغا كىرگەندە، ئاشۇ بوسۇغىنى دەسسىمەيدۇ.

6پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىدى. 7بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار:

_ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى. 8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن:

_ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ _ دەپ مەسلىھەت سوراشتى.

_ ئۇنى گاتقا يۆتكىۋېتەيلى! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى گات شەھىرىگە يۆتكىدى. 9ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.

10شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار:

_ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. 11شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى.

خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى. 12ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى.

6

ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىسرائىللارغا قايتۇرۇلۇشى

1پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 2فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن:

_ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى. 3ئۇلار مۇنداق جاۋاب بېرىشتى:

_ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەھدە ساندۇقىنى قۇرۇق قايتۇرماي، گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن بىر نەرسە قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر.

4_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى:

_ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى. 5سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار. 6سىلەرنىڭ پىرئەۋندەك ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟ 7ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار. 8پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا بېسىپ، يېنىغا گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتىغان ئالتۇن ھەيكەللەر قاچىلانغان ساندۇقنى قويۇڭلار ۋە ھارۋىغا قوشۇلغان ئىنەكلەرنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىڭلار. 9ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا ئىسرائىللارنىڭ بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەن، دەپ بىلىمىز. ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، دەپ بىلىمىز.

10فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى. 11ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇن ھەيكەللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى. 12ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش نەپەر بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.

13بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى. 14ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 15لاۋىيلار ھارۋىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن ھەيكەللەر قاچىلانغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، ھېلىقى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەش ئاھالىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتى. 16فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.

17فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئاتىغان ئۆسمە ھەيكەللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى. 18ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.

ئەھدە ساندۇقى قىريات-يىئارىم شەھىرىدە

19پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.

20بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى. 21ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ:

_ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.

7

1شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

2پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.

سامۇئىلنىڭ ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشى

3سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.

4شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بائال ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلدى.

5شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا:

_ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

6شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.

7فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھېلىقى بەش بېگى ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھقا يىغىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، لەشكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسرائىللار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى ۋە 8سامۇئىلغا:

_ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى. 9شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.

10سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئاسماندا قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئىسرائىللارغا مەغلۇپ بولدى. 11ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى بەيتكارغىچە قوغلاپ، ئۇلارنى يول بويى قىرىپ ماڭدى.

12شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ:

_ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى. 13شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى. 14ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەقروندىن گاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلەرنى ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ چاغلاردا ئىسرائىللار بىلەن ئامورلار تىنچ ئۆتكەنىدى.

15سامۇئىل ئۆمۈر بويى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلدى. 16ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى. 17ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.

8

ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھ تەلەپ قىلىشى

1سامۇئىل قېرىغان چېغىدا، ئۆز ئوغۇللىرىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەنىدى. 2تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ بولسا ئابىيا ئىدى ۋە ئىككىلىسى بەئەرشەبا شەھىرىدە خىزمەت قىلاتتى. 3ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.

4شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن راماھقا كېلىشتى. 5ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، ئوغۇللىرىڭىز بولسا سىزنىڭ يولىڭىزنى تۇتمىدى. شۇڭا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشقا ئەللەرنىڭكىدەك بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز، _ دېيىشتى.

6ئۇلارنىڭ: «بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز» دېگەن بۇ تەلىپى سامۇئىلغا ياقمىدى. شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

سەن خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالغىن! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايدۇ. 8مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن بېرى، ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمدى سېنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ. 9ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى

10سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، 11مۇنداق دېدى:

_ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ. 12بەزىلىرىنى مىڭ بېشى، بەزىلىرىنى ئەللىك بېشىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرىنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، شۇنداقلا قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. 13قىزلىرىڭلار پۇراقلىق نەرسىلەرنى ياسىغۇچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي بولىدۇ. 14ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ. 15ئاشلىق ۋە ئۈزۈمۈڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ. 16قىران ياش يىگىتلىرىڭلارنى، قۇل ۋە دېدەكلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. 17قويلىرىڭلارنىڭمۇ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالىدۇ. سىلەر ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالىسىلەر. 18شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارغا تىكلىگەن پادىشاھ دەستىدىن داد-پەرياد قىلىسىلەر، ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ.

19ئەمما خەلق سامۇئىلنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ:

_ ياق، بىزگە بىزنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ كېرەك! 20شۇ چاغدا بىزمۇ باشقا ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز. پادىشاھىمىز بىزنى باشقۇرىدۇ، ئۇ ئالدىمىزدا بىزنى باشلاپ ماڭىدۇ، جەڭلەردە بىزگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

21سامۇئىل ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. 22پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرگىن! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ئىسرائىللارغا:

_ ھەرقايسىڭلار ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، _ دېدى.

9

سامۇئىلنىڭ سائۇل بىلەن كۆرۈشۈشى

1بىنيامىن قەبىلىسىدە كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. 2كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. 3بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا:

_ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.

4سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئېشەكلەرنى ئىزدەپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا ۋە شالىشاھ زېمىنىغا باردى، ئەمما ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار شائالىم زېمىنىغا ئۆتتى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئۇ يەرنى كېزىپ چىقتى، لېكىن ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى. 5ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا:

_ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى. 6لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا:

_ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بىزگە ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ بېرەر، _ دېدى.

7_ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمە سوۋغا قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىغان يەردە، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغۇدەك نېمە بولسۇن! 8خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن:

_ مەندە بىر دانە كىچىك كۈمۈش بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، ئۇ ئادەم ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى بىزگە ئېيتىپ بەرسۇن، _ دېدى.

9‏-11ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:

_ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

(ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)

12_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى. 13ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. كىشىلەر ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگمەيدۇ. ئۇ قۇربانلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغان كىشىلەر غىزالىنىدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.

14سائۇل خىزمەتكارى بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى: 16«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»

17سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.

18شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى. 19سامۇئىل:

_ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. مېڭىڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، سەجدىگاھقا بېرىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن. 20ئۈچ كۈن بۇرۇن يوقاپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلمىغىن، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدىنىڭ سەندە ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىن! _ دېدى.

21_ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن. جەمەتىمىز بۇ قەبىلە ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دېدى سائۇل.

22سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇزچە مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 23كېيىن ئاشپەزگە:

_ مەن ساڭا ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

24ئاشپەز ئوڭ يانپاشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى.

_ مانا، بۇ ساڭا ساقلاپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت يېگىن، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن بۇ گۆشنى سېنى چاقىرىلغان مېھمانلار بىلەن بىرگە يېسۇن دەپ ساقلىدىم، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى.

25ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى. 26تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ:

_ ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى.

سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن بىرگە سىرتقا چىقتى. 27ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا:

_ خىزمەتكارىڭغا ئېيتقىن، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل:

_ بىز بۇ يەردە بىر دەم تۇرايلى، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.

10

سائۇلنىڭ ئىسرائىللارغا پادىشاھ بولۇشى

1ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ:

_ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى. 2بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلىپ، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.

3سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، يەنە ئالدىغا مېڭىپ، تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەيتەلگە ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، يەنە بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئېلىۋالغان بولۇپ، 4ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. سەن بەرگەن نانلارنى ئالغىن.

5ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ. 6شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ، باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن. 7بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغىن، چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر. 8سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن. مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.

9سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 10سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ تۇيۇقسىز چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى. 11ئىلگىرى سائۇلنى تونۇيدىغانلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بىر-بىرىگە:

_ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولغاندۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟ _ دېيىشتى. 12لېكىن شۇ يەرلىك بىر كىشى سائۇلنى قوللاپ:

_ ئاتىسىنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ھەركىمنىڭ پەيغەمبەر بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار؟ _ دېدى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان.

13سائۇل ئۇ يەردە قىلىۋاتقان زىكىرىنى توختاتقاندىن كېيىن، سەجدىگاھقا چىقتى.

14سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى كۆرۈپ:

_ سىلەر زادى نەگە باردىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىققان! _ دېدى سائۇل، _ ئېشەكلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سامۇئىلنىڭ يېنىغا باردۇق.

15_ ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى سائۇلنىڭ تاغىسى.

16_ ئۇ بىزگە ئېشەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەپ بەردى، _ دېدى سائۇل. لېكىن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سامۇئىلنىڭ ئېيتقانلىرىنى تاغىسىغا دېمىدى.

17سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى 18ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. 19لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»

20شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ھەممە قەبىلىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا تىزدى. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىنيامىن قەبىلىسى تاللاندى. 21ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدەپ، تاپالمىدى. 22شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن:

_ ئۇ ئادەم بۇ يەرگە كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار:

_ ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى. 23بىرسى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەممە ئادەملەردىن ئېگىز ئىدى، باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ مۈرىسىگە كېلەتتى. 24سامۇئىل خەلققە:

_ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق:

_ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.

25سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.

26سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. 27لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر:

_ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.

11

سائۇلنىڭ ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قورشاۋغا ئالدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا:

_ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى. 2پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن:

_ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى. 3يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا:

_ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى. شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى.

4ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى. 5شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.

6سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ روھى چۈشتى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى. 7ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ:

_ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى.

پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇشقا تەييار بولدى. 8سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى. ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن 300 مىڭ كىشى بار ئىدى. 9سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە:

_ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ، يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى.

يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى. 10ئۇلار ئاممونلارغا:

_ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز. بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.

11ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلىرى ھەر تەرەپكە جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشتى.

12خەلق سامۇئىلغا:

_ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى. 13سائۇل:

_ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى. 14سامۇئىل خەلققە:

_ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.

15خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇشتى. سائۇل ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

12

سامۇئىلنىڭ ئاخىرقى نۇتۇقى

1سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار، مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم. 2مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم. 3قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!

4_ سىلى بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىگەن، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمىغان ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىغان، _ دېيىشتى خەلق. 5سامۇئىل ئۇلارغا:

_ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. ئۇلار سامۇئىلغا:

_ گۇۋاھ بولسۇن! _ دېيىشتى. 6سامۇئىل خەلققە:

_ مۇسا بىلەن ھارۇننى تاللىغۇچى ھەم ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچى دەل پەرۋەردىگاردۇر. 7ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا ئۆرە تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارنى قايتا-قايتا قۇتقۇزغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېتىپ بېرەي. 8ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىندى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى. 9ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنى خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈردى. 10ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سەندىن يۈز ئۆرۈپ، بائال ۋە ئىلاھە ئاشتورەتكە چوقۇنۇپ، گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دەپ يېلىندى. 11شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يىفتاھ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار. 12گەرچە پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش سىلەرگە قارشى تۇرغاندا، سىلەر قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار.

13مانا سائۇل، سىلەر تەلەپ قىلغان ۋە تاللىغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھ بەردى. 14سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ياخشى بولىدۇ. 15لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ. 16ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان ئاجايىپ ئىشىنى كۆرۈڭلار. 17ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرسۇن. شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامان ئىش قىلغىنىڭلارنى بىلىسىلەر _ دېدى.

18ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق پەرۋەردىگاردىن ھەم سامۇئىلدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىشتى. 19خەلق سامۇئىلغا:

_ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى. 20سامۇئىل خەلققە:

_ قورقماڭلار، گەرچە گۇناھ قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمدى پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەي، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. 21پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بۇتلارغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقتۇر، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز نەرسىلەردۇر. 22پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر. 23ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن. 24سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار. 25ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.

13

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى

1سائۇل ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككىنچى يىلى، 2ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.

3يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى. 4بارلىق ئىسرائىللار سائۇلنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.

5فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى. 6ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 7بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى. 8سامۇئىل سائۇلغا: «مېنى يەتتە كۈن كۈت» دېگەنلىكى ئۈچۈن، سائۇل ئۇنى گىلگالدا يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى. ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى. 9سائۇل:

_ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 10لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى. 11سامۇئىل ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. سائۇل:

_ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلاشتى. 12شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى. 13سامۇئىل:

_ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلماپسەن! ئەگەر رىئايە قىلغان بولساڭ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلغان بولاتتى. 14ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلىدۇ. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى.

15ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن كەتتى. گىلگالدا قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا باردى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى.

16سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا تۇردى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى. 17بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقىپ، بىر قىسمى شىمالغا، يەنى شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى. 18يەنە بىر قىسمى غەربكە، يەنى بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى. ئۈچىنچى بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قاراپ ماڭدى.

19ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى، 20شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ساپان، كەتمەن، پالتا ۋە ئورغاقلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 21ساپان ياكى كەتمەن بىلەشنىڭ ھەققى 8 گىرام كۈمۈش، ئارا، پالتا ياكى كالا نوقۇيدىغان زىخنى بىلەشنىڭ ھەققى 4 گىرام كۈمۈش ئىدى. 22شۇ سەۋەبتىن سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاندىن باشقىلارنىڭ قولىدا يا قىلىچ، يا نەيزە يوق ئىدى.

23شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر ئەترىتى مىكماستىكى داۋاننى ساقلاش ئۈچۈن بارغانىدى.

14

يوناتاننىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشى

1بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە:

_ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى. 2بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدىكى بارگاھتا ئىدى. 3روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.

4يوناتان فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 5قىيانىڭ بىرى شىمالغا، يەنى مىكماسقا، يەنە بىرى جەنۇبقا، يەنى گەباغا قاراپ تۇراتتى.

6_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.

7_ كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى. 8يوناتان:

_ بىز ئۇ تەرەپكە ئۆتەيلى، فىلىستىيەلىكلەر بىزنى كۆرسۇن. 9ئەگەر ئۇلار بىزگە: «توختاڭلار، بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارايلى» دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي، ئۆز جايىمىزدا تۇرايلى. 10ئەگەر: «يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، يېنىغا بارايلى. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولىدۇ، _ دېدى.

11ئىككىيلەن بېرىپ، ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار:

_ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى. 12ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى.

_ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

13يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. ئالدىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى يوناتان يەرگە يىقىتتى. ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئارقىسىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. 14بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان كىچىك بىر مەيداندا يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى. 15توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.

ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىشى

16سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. 17سائۇل ئۇلارغا:

_ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى.

ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى. 18ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ:

_ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى.

ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى. 19سائۇل روھانىيغا شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاخىياغا:

_ بولدى قىلىڭ، ئەمدى كېرەك ئەمەس، _ دېدى.

20سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى. 21بۇ چاغدا ئىلگىرى فىلىستىيەلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىبرانىيلار فىلىستىيەلىكلەرنى تاشلاپ، سائۇل ۋە يوناتانغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسرائىللارغا قوشۇلدى. 22ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. 23شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.

سائۇلنىڭ ئەخمىقانە قەسىمى

24ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ، ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزدىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، كەچ كىرگۈچە تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى. 25‏-26ئۇلار ئورمانلىققا يېتىپ بارغاندا، ھەممە يەردە ھەرە كۆنەكلىرىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ھەسەللەرنى كۆردى. ئەمما ھېچكىم ھەسەلدىن ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىشقا پېتىنالمىدى، چۈنكى ئۇلار قىلغان قەسەمدىن قورقۇشتى. 27لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇ شۇنچە روھلىنىپ كەتتى. 28ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:

_ ئاتىڭىز خەلقنى قاتتىق قەسەم قىلدۇرۇپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇڭا بىز ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى.

29_ ئاتام بىزنى ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، شۇنچە روھلىنىپ كەتتىم. 30ئەگەر بۈگۈن خەلق دۈشمەنلىرىمىزدىن ئولجا ئالغان نەرسىلەردىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟ بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ بولماسمىدى؟

31شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى، ئەمما ھەممەيلەن شۇنچە ھالسىراپ كەتكەنىدى. 32شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى. 33بەزىلەر سائۇلغا:

_ خەلق قېنى بار گۆشلەرنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دېدى. سائۇل ئۇلارغا:

_ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپسىلەر، ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ ئەكېلىڭلار! 34سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «ھەربىر كىشى ئۆز كالا ياكى قويىنى يېنىمغا ئەكېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن. قېنى بار گۆشنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلمىسۇن» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇ كېچىسى ئۆز كالا ياكى قويىنى يېتىلەپ كېلىپ، شۇ يەردە سويدى. 35سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.

36ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە:

_ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالايلى، ھېچبىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى.

_ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ:

_ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى. 37سائۇل خۇدادىن:

_ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى. 38شۇڭا سائۇل:

_ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى. 39مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.

لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. 40ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا:

_ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى.

_ سىز نېمىنى ئۇيغۇن كۆرسىڭىز، شۇنى قىلىڭ، _ دېدى خەلق.

41سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا:

_ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى.

چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى. 42سائۇل:

_ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى. 43سائۇل يوناتانغا:

_ سەن ماڭا نېمە گۇناھ قىلغانلىقىڭنى ئېيتقىن، _ دېدى. يوناتان:

_ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى. 44سائۇل:

_ ئەي يوناتان، چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى قاتتىق جازالايدۇ! _ دېدى. 45لېكىن خەلق ئۇنىڭغا:

_ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. 46شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاشتىن ۋاز كەچتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

سائۇلنىڭ جەڭ غەلىبىلىرى

47سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى. 48سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.

49سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى. 50ئايالىنىڭ ئىسمى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى. 51سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

52سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.

15

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقى

1سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى:

_ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن. 2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەر ئۇلارغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى جازالايمەن. 3ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ تەلتۆكۈس يوقات.*»

4شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل لەشكەرلەرنى تىلائىمغا يىغىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزدى. پىيادە لەشكەرلەر سانى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن بولسا جەمئىي 200 مىڭ چىقتى.

5سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى. 6ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى.

7سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى. 8ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. 9ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى، شۇنداقلا قىممىتى بار سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارنى ئېلىپ قېلىپ، قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتى.

سائۇلنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنىڭ رەت قىلىنىشى

10بۇ چاغدا پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى:

11_ سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرىمنى ئىجرا قىلمىدى. ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.

سامۇئىل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بەكلا بىئارام بولۇپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى. 12سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر خاتىرە مۇنارى تىكلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

13سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى. 14سامۇئىل ئۇنىڭدىن:

_ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى. 15سائۇل ئۇنىڭغا:

_ بۇلار ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرىدۇر. ئادەملىرىم پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كالا ۋە قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتى. لېكىن بىز قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق، _ دېدى. 16سامۇئىل سائۇلغا قاراپ:

_ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى.

_ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل. 17سامۇئىل:

_ گەرچە سەن ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرسەن. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى. 18پەرۋەردىگار ساڭا: «بارغىن، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقىن، ھەممىسى يوقالمىقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغىن» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى. 19سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشنى قىلدىڭ؟ _ دېدى. 20سائۇل سامۇئىلغا:

_ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم. 21ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇداغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس يوقىتىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس، _ دېدى. 22سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 23ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىق قىلىشنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى. 24سائۇل:

_ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىزگە خىلاپلىق قىلدىم. 25سىزدىن ئۆتۈنەي، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتسىڭىز، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى. 26سامۇئىل:

_ مەن سەن بىلەن بىرگە قايتمايمەن. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.

27سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ماڭماقچى بولدى. سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تارتىۋېدى، تون يىرتىلىپ كەتتى. 28سامۇئىل سائۇلغا:

_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى. 29ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى. 30سائۇل:

_ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى. 31شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىرگە قايتتى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

سامۇئىلنىڭ پادىشاھ ئاگاگنى ئۆلتۈرۈشى

32سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى. 33سامۇئىل:

_ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.

34شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا، يەنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 35سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى.

16

خۇدانىڭ داۋۇتنى پادىشاھلىققا تاللىشى

1پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى:

_ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.

2_ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. پەرۋەردىگار:

_ سەن بىر ئىنەك ئالغاچ بارغىن ۋە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن. 3يىشاينى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلغىن. شۇ چاغدا سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيىدىغانلىقىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن، _ دېدى.

4سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ:

_ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 5ئۇ ئاقساقاللارغا:

_ شۇنداق، تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىم. پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىرگە قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى.

سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

6ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشتى. ئۇ ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى. 7لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.

8يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى.

9يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى.

10يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى. ئاندىن 11_ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ كەنجىسىمۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. سامۇئىل:

_ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز، _ دېدى.

12يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا:

_ دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن! _ دېدى.

13سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.

داۋۇتنىڭ پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى

14پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى. پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى. 15سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا:

_ ھازىر خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئازاب روھىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 16ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى. 17سائۇل ئەمەلدارلىرىغا:

_ ئۇنداقتا، ئۇستا بىر لىراچى تېپىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

18_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.

19سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، يىشايغا چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ: «قويچى ئوغلۇڭ داۋۇتنى يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. 20يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى. 21داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. سائۇلنىڭ داۋۇتقا قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى. 22ئاندىن ئۇ يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. ئۇ داۋاملىق يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. 23پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سائۇلنى ئازابلىغاندا، داۋۇت لىرا چالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، ئازاب روھىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.

17

گولياتنىڭ ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىشى

1فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى. 2سائۇل ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنى يىغىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇردى. ئۇ قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. 3فىلىستىيەلىكلەر ئۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا بۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.

4فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى. 5بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى 60 كىلوغا يېقىن كېلەتتى. 6پاچىقىنىمۇ تۇچ بىلەن قوغدىغان بولۇپ، ئۆشنىسىدە بىر تۇچ نەيزە بار ئىدى. 7قولىدىمۇ بىر نەيزە بولۇپ، ئۇنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى يەتتە كىلو كېلەتتى. بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.

8گوليات ئىسرائىللارغا قاراپ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ سىلەر سەپ تۈزۈپ، نېمە قىلماقچىسىلەر؟ مانا مەن فىلىستىيەلىك، سىلەر سائۇلنىڭ قۇللىرى. قېنى، ئىچىڭلاردىن بىرەيلەننى تاللاپ، مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتىڭلار. 9ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى. ئەگەر مەن ئۇنى يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار.

10ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ:

_ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى.

11سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قورقۇشۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.

يىشاينىڭ داۋۇتنى سائۇلنىڭ بارگاھىغا ئەۋەتىشى

12داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. 13يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى. 14داۋۇت ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئاكىسى سائۇل بىلەن بىرگە جەڭگە چىققانىدى. 15داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى. 16ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى.

17بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا:

_ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ يېرىم خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى بارگاھتىكى ئاكىلىرىڭغا يۈگۈرۈپ ئاپىرىپ بەرگىن. 18يەنە ماۋۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ مىڭ بېشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەلگىن، _ دېدى.

19داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى پادىشاھ سائۇل ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.

20داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە، ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە ماڭغان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى. 21ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈزمۇيۈز سەپ تۈزۈپ تۇرۇشاتتى. 22داۋۇت نەرسىلىرىنى تەمىنات باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن قوشۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاكىلىرىغا سالام قىلدى. 23ئۇ ئاكىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. 24ئىسرائىللار گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇشۇپ، ئارقىلىرىغا چېكىنىشتى. 25ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشەتتى. 26داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن:

_ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

27كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى. 28داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ:

_ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى ۋە يامان نىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى. 29داۋۇت بولسا:

_ مەن نېمە قىلدىم، سوئال سوراشقا بولمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى 30ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، باشقا ئادەملەردىن شۇ سوئالنى تەكرار سورىدى. يەنىلا ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتى.

31داۋۇتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ دېگىنىنى سائۇلغا يەتكۈزگەنىدى، سائۇل داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 32داۋۇت سائۇلغا:

_ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەن خىزمەتكارلىرى ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى.

33_ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچىدۇر، _ دېدى سائۇل. 34داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ ئالىيلىرى، مەن خىزمەتكارلىرى ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن. شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا، 35ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلسا، ياللىرىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. 36مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ. 37پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى. سائۇل:

_ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى ۋە 38ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى. 39داۋۇت سائۇلنىڭ قىلىچىنى جەڭ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاستى-دە، مېڭىپ باقماقچى بولدى، ئەمما بۇرۇن جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باقمىغاچقا، تۈزۈك ماڭالمىدى، ئۇ سائۇلغا:

_ مەن بۇ كىيىملەرنى كىيىپ جەڭ قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئادەتلەنمىگەن، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سېلىۋەتتى. 40ئۇ قولىغا تايىقىنى ئالدى ۋە جىلغىدىن بەش دانە سىلىق تاشنى تېرىۋېلىپ، ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. ئاندىن ئۇ قولىغا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

داۋۇتنىڭ گوليات بىلەن ئېلىشىشى

41فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. 42گوليات ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش يىگىت داۋۇتقا زەن سېلىپ قارىدى، ئەمما ئۇنى مەنسىتمىدى. 43ئۇ داۋۇتقا:

_ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى. 44ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن! 45داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى تۇرغىلى كېلىپسەن، لېكىن مەن سەن ھاقارەتلەۋاتقان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى تۇرغىلى كەلدىم. 46بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. شۇنداقلا، فىلىستىيەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. 47يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بۇ ئۇرۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرۇشىدۇر. ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.

48گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. داۋۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردى. 49داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى سالغىسىغا سېلىپ ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە كىرىپ كەتتى. فىلىستىيەلىك شۇ زامان يەرگە دۈم چۈشتى. 50شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا تېشى بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى. 51ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى. 52يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر ھۇررا دەپ توۋلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گات ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى شائارايىمدىن گات ۋە ئەقرونغىچە بولغان يول ياقلىرىدا ياتاتتى. 53ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى. 54(كېيىن داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇرىدۇ.)

55سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن:

_ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىغانىدى.

_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئالدىڭىزدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېگەنىدى ئابنېر.

56_ سەن بېرىپ سوراپ باققىن، ئۇ يىگىت زادى كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېگەنىدى پادىشاھ.

57داۋۇت فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئابنېر ئۇنى سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. فىلىستىيەلىكنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى.

58_ ھەي يىگىت، سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل.

_ مەن بەيتلەھەملىك خىزمەتكارلىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت.

18

يوناتاننىڭ داۋۇت بىلەن جانجىگەر دوست بولۇشى

1داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. 2سائۇل شۇ كۈندىن باشلاپ داۋۇتنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قالدى. ئۇنى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەتكىلى قويمىدى. 3يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى. 4يوناتان ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، ساۋۇت، قىلىچ، ئوقيا ۋە كەمىرىنىمۇ بەردى.

5سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.

سائۇلنىڭ داۋۇتقا ھەسەت قىلىشى

6داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. يول بويى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پادىشاھ سائۇلنى قارشى ئېلىشتى. 7قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ قوشاققا قېتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. 8سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ:

_ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.

9شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. 10ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 11سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپ قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئاتتى. لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى نەيزىدىن چەتكە ئالدى. 12سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانىدى. 13شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرگە مىڭ بېشى قىلىپ قويدى. داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى. 14پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى. 15سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازغانلانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. 16لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى.

داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشى

17سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.

18_ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىمىز مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىسۇن؟ _ دېدى داۋۇت.

19لېكىن سائۇل قىزىنى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىدىغان چاغدا، ئۇنى مىخولالىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى. 20ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى. بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولۇپ كەتتى. 21سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم:

_ سەن ماڭا كۈيۈئوغۇل بولغىن، _ دېدى.

22سائۇل ئەمەلدارلىرىغا:

_ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈئوغۇل بولغىن» دەپ، يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى.

23سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يوشۇرۇنچە يەتكۈزدى. داۋۇت:

_ پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر نامرات ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.

24ئەمەلدارلار داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزدى. 25سائۇل ئەمەلدارلىرىغا:

_ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى.

سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى. 26سائۇلنىڭ ئادەملىرى بۇ گەپنى داۋۇتقا يەتكۈزگەنىدى، داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولدى. قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن 27داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى. 28سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار ئىكەنلىكىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، 29داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى. 30فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۇرۇشتا كۆپ غەلىبىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە شۆھرەت سازاۋەر بولدى.

19

سائۇلنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشى

1سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. 2يوناتان داۋۇتقا:

_ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ، بىرەر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. 3مەن ئاتام بىلەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، ئەھۋالغا قاراپ، ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى.

4ئەتىسى يوناتان ئاتىسى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، داۋۇتنى ماختاپ:

_ شاھ ئاتا، ئۆز خىزمەتكارىڭىز داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى سىزگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. 5ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.

6سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەسەم قىلىپ:

_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى.

7شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ، بولغان سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

8ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى. 9بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كەلدى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتاتتى. 10شۇ چاغدا سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ، ئۇنى تامغا مىخلاپ قويماقچى بولدى. داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، نەيزە بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.

مىكالنىڭ داۋۇتنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى

11سائۇل داۋۇتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتتى. چۈنكى داۋۇتنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىدى. ئايالى مىكال داۋۇتقا:

_ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى.

12شۇنداق قىلىپ، ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى. 13مىكال بىر بۇتنى تۆشەككە ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان ياستۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويدى. 14سائۇل تەرىپىدىن داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا:

_ ئۇ ئاغرىپ قالدى، _ دېدى. 15لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى يەنە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا:

_ ئۇنى ياتقان تۆشىكى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى.

16سائۇل ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆيگە كىرىپ، تۆشەكتە ياتقان بۇتنى ۋە بۇتنىڭ بېشىغا قويۇلغان ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان ياستۇقنى كۆردى. 17شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا:

_ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى. مىكال:

_ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

18داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 19سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 20شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى. 21سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى. 22ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن:

_ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىدى. بىرەيلەن:

_ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

23شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى. ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ باردى. 24ئۇ راموتقا بارغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى. ئۇ يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالدى.

20

يوناتاننىڭ داۋۇتقا ياردەم بېرىشى

1داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى. 2يوناتان:

_ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي ئىش قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرسۇن؟ سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى. 3داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭىزدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى. 4يوناتان داۋۇتقا:

_ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېدى. 5داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، مەن پادىشاھنىڭ داستىخىنىدا بولۇشقا مەجبۈرمەن. شۇڭا سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن. 6مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت ماڭا يالۋۇرۇپ: ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە تېز بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىرلىكتە يىللىق قۇربانلىق قىلاتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن. 7ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا قەتئىي زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولىدۇ. 8پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن.

9_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟

10_ ئەگەر ئاتاڭ قاتتىق غەزەپلەنسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت.

11_ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى. 12ئاندىن ئۇ داۋۇتقا:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن. 13ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولسا، لېكىن مەن ساڭا خەۋەردار قىلماي، سېنىڭ ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن! 14پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، 15پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى ۋە 16داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە:

_ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.

17يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى قەسەم قىلدۇردى. 18يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىپ قالىدۇ. 19ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن. 20مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى بىر نىشانغا ئاتقاندەك ئۈچ قېتىم يا ئوقى ئاتىمەن. 21ئاندىن مەن خىزمەتكار بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ يېنىڭدا، ئۇلارنى ئەكەلگىن» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ. 22ئەگەر مەن خىزمەتكار بالىغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ ئالدىڭدا» دېسەم، سەن كەتكىن. چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. 23بىزنىڭ قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن.

24شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا بېرىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى. 25ئۇ ئادىتى بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى. 26لېكىن پادىشاھ ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلىدە: «بەلكىم ئۇ ناپاك بىر ئىش قىلىپ قالغاندۇ، ئۇ چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، ئويلاپ ئولتۇردى. 27يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن:

_ يىشاينىڭ ئوغلى نېمىشقا تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟ _ دەپ سورىدى. 28يوناتان مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ داۋۇت بەيتلەھەمگە بارسام دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇردى. 29ئۇ ماڭا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن بىرگە قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ئىجازەت بەرگىن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى. 30سائۇل يوناتانغا قاتتىق غەزەپلىنىپ:

_ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن. 31يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، سەن ئۆزۈڭنىمۇ، پادىشاھلىقىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن. شۇڭا سەن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، ئالدىمغا ئەكەل، ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.

32_ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا.

33سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. 34يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەش بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى.

35يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا باردى. 36ئۇ بالىغا:

_ بارغىن، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تېپىپ ئەكەلگىن _ دېدى. بالا يۈگۈرۈپ كەتتى. يوناتان يا ئوقىنى كېتىۋاتقان بالىنىڭ ئالدىغا ئاتتى. 37بالا يا ئوقى چۈشكەن يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا:

_ يا ئوقى سېنىڭ ئالدىڭدا، 38تېز يۈگۈر، توختاپ قالما، _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى. 39بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى. 40يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ بۇلارنى ئېلىپ، شەھەرگە كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.

41بالا كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. 42يوناتان داۋۇتقا:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.

21

داۋۇتنىڭ سائۇلدىن قېچىپ يۈرۈشى

1داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

_ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك. 2داۋۇت:

_ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئادەملىرىمگە مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇڭلار دەپ تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم. 3يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا يېگۈدەك نەرسىڭىز بولسا بېرىڭ، _ دېدى. 4روھانىي:

_ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5_ ئەلۋەتتە ئاياللارغا يېقىنلاشمىدۇق، _ دېدى داۋۇت، _ بىز ئادەتتە ۋەزىپىگە ئاتلانغاندا، ئۆزلىرىمىزنى پاك تۇتىمىز. بۇ قېتىم ئالاھىدە ۋەزىپىگە چىققانلىقىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ شۇنداقتۇر.

6شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەندە، ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى. 7شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى. 8داۋۇت ئاخىمەلەك:

_ سىزدە قىلىچ ياكى نەيزە بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىۋالماپتىمەن _ دېدى.

9_ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، يەنى روھانىيلىق پەرتۇقى قويۇلغان جاينىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ. خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. داۋۇت:

_ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى.

داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ شەھىرى گاتقا قېچىشى

10شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى. 11پادىشاھ ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟ _ دېدى.

12داۋۇت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن بەك قورقتى. 13شۇڭا ئۇ ئۇلار بار يەردە ئەتەي ساراڭلىق قىلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى. 14ئاكىش ئەمەلدارلىرىغا:

_ قاراڭلار، بۇ ئادەم ساراڭ ئىكەن، نېمىدەپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ 15ماڭا ساراڭ كەم بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ساراڭلىق قىلىپ بەرسۇن، دەپ ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەمنى ئوردامدىن يىراق قىلىڭلار! _ دېدى.

22

داۋۇتنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشى

1داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. 2شۇنىڭ بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازىلىقى بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى. 3داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا:

_ خۇدانىڭ ماڭا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. 4شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى. 5گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا:

_ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى.

سائۇلنىڭ نوبتىكى روھانىيلارنى ئۆلتۈرۈشى

6سائۇلغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا سائۇل گىبئاھ تۆپىلىكىدىكى بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى. 7سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە:

_ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟ 8سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.

9شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا:

_ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. 10ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.

11پادىشاھ سائۇل روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. 12سائۇل:

_ ھەي ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، سۆزۈمگە قۇلاق سال، _ دېدى.

_ مانا مەن، ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمەلەك. 13سائۇل:

_ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا! _ دېدى. 14ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە سىلىگە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر. 15توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم. ئالىيلىرى، بۇ مەن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشى ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق. بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە. 16پادىشاھ سائۇل:

_ ھەي ئاخىمەلەك، سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇرسىلەر! _ دېدى. 17ئاندىن ئۇ ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:

_ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇردى. ئۇلار داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ماڭا ئېيتمىدى!

سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى. 18بۇ چاغدا پادىشاھ سائۇل دوئېگقا:

_ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دېدى.

شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىغان 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى. 19ئۇ يەنە روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالىچاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ پۈتۈن كىشىلەرنى قىرىپ تاشلىدى ھەتتا كالا، ئېشەك ۋە قويلارنىمۇ ئۆلتۈردى.

20ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى. 21ئۇ پادىشاھ سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى داۋۇتقا دەپ بەردى. 22داۋۇت ئەبىياتارغا:

_ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ نوب شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم. 23ئەمدى سەن يېنىمدا قالغىن، قورقمىغىن. مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالىدۇ. سەن مېنىڭ يېنىمدا ئامان-ئېسەن تۇرىسەن، _ دېدى.

23

داۋۇتنىڭ قىيلاھ شەھىرىنى قۇتقۇزۇشى

1داۋۇتقا فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 2شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى. 3داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا:

_ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇۋاتساق، ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغىلى قىيلاھقا بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.

4داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.

سائۇلنىڭ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلىشى

6ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە روھانىيلىق پەرتۇقىنى* ئېلىۋالغانىدى. 7سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كېلىپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل:

_ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.

8سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قورشاۋغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. 9داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا:

_ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى. 10ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. 11قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مەن خىزمەتكارىڭغا يول كۆرسەتكەيسەن!

پەرۋەردىگار:

_ سائۇل چوقۇم كېلىدۇ، _ دېدى.

12_ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار:

_ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.

13شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئالتە يۈز ئادىمى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ مېڭىپ يۈردى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزدى. سائۇل قىيلاھقا بېرىشتىن ۋاز كەچتى.

14داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇردى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى. 15داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ سائۇلنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 16سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى. 17يوناتان ئۇنىڭغا،

_ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.

18ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.

19زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا:

_ داۋۇت ئارىمىزدا، يەنى يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ. 20ئالىيلىرى، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى. 21سائۇل:

_ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن. 22ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن. 23شۇڭا سىلەر ئۇنىڭ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر داۋۇت ئۇ يەرلەردە بولسىلا، ئۇنى پۈتۈن يەھۇدالار ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.

24زىفلىقلار سائۇل يولغا چىقىشتىن زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى. 25سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پاناھلاندى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى. 26سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېز قاچاتتى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالماق بولاتتى. 27لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا:

_ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.

28شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى. 29داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى غارلارغا ئورۇنلاشتى.

24

داۋۇتنىڭ سائۇلنى كەچۈرۈشى

1سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ، قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا: «داۋۇت ئېنگەدى چۆلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. 2سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «تاغ ئۆچكىسى قىياسى»نىڭ يېنىغا كەلدى. 3سائۇل يول بويلىرىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى. 4داۋۇتنىڭ ئادەملىرى:

_ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا.

داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى، 5بىراق داۋۇت بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى. 6ئۇ ئادەملىرىگە:

_ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشتىن، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىسۇن. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى.

7داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.

8شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن:

_ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى.

سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 9داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى:

_ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىلا؟ 10مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، پەرۋەردىگار غاردا سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىلىنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم. 11ھەي ئاتا، قاراپ باقسىلا، ئېتەكلىرىنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ. سىلىنى ئۆلتۈرمەي ئېتەكلىرىنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە سىلىگە زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايلا. گەرچە مېنىڭ قىلچىلىك گۇناھىم بولمىسىمۇ، لېكىن سىلى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىلا. 12كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي. مەن سىلىگە قول تەگكۈزمەيمەن، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىلىدىن ئىنتىقام ئالغاي. 13«يامانلىق يامانلاردىن كېلەر» دېگەن ماقال بار، شۇڭا مەن سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. 14ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىلى كىمنى قوغلاپ يۈرىلا؟ ئۆلۈك ئىتتەك ياكى كىچىككىنە بۈرگىدەك ئەرزىمەس مېنىمۇ؟ 15پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارسۇن. پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزسۇن!

16داۋۇتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سائۇل:

_ ئوغلۇم داۋۇت، بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى ۋە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. 17_ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ! 18بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. 19كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي! 20ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. 21سەن ئەمدى مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە ئاتا جەمەتىمنىڭ نامىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغانلىقىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغىن!

22داۋۇت قەسەم قىلغاندىن كېيىن، سائۇل ئۆز ئۆيىگە كەتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ تاغدىكى غارغا قايتتى.

25

سامۇئىلنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

1سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى.

نابالنىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئابىگالنىڭ چېچەنلىكى

2‏-3كالىب جەمەتىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى. 4چۆلدە يۈرگەن داۋۇت نابالنىڭ قويلىرىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 5يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى:

_ سىلەر كارمەلگە بېرىپ، نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار. ئۇنىڭغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ، 6مۇنداق دەڭلار: «سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە سىزگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن. 7ئاڭلىسام قويلىرىڭىزنى قىرقىۋېتىپسىز. بىز سىزنىڭ قويچىلىرىڭىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىنى ئېلىۋالمىدۇق. 8ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز».

9داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى. 10لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ. 11مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟ 12داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتقا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى. 13داۋۇت ئادەملىرىگە:

_ ھەممىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.

14بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا:

_ قاراڭ، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ. 15لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانىدى. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق. 16بىز ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ، قويلىرىمىزنى بېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇلار بىزنى كېچە-كۈندۈز قوغدىغانىدى. 17ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.

18ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ، 19خىزمەتكارلىرىغا:

_ سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن بارىمەن _ دېدى.

لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېرى نابالغا ئېيتمىدى. 20ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كەلدى. 21داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دېگەنىدى:

_ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرەرسىنىمۇ يوقىتىۋەتمەي، ھەممىسىنى قوغدىغىنىم بىكار كېتىپتۇ. 22خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىغاي!

23ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. 24ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ:

_ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز. 25تەقسىر، سىز مىجەزى چۇس نابالغا [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە] ئېتىبار قىلمىغايسىز، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم. مەنكى ئاجىزەيىڭىز سىز ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن. 26پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ. 27ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز. 28ئاجىزەيىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزغا مۇستەھكەم خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى سىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايسىز. 29بىرەرسى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىڭىزگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا سىزنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ. دۈشمەنلىرىڭىزنى خۇددى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ. 30پەرۋەردىگار سىزگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىزنى ئىسرائىلىيەگە يېتەكچى قىلغان چاغدا، 31«ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈم» دەپ، ۋىجدانىڭىزنى ئالدىدا بىئارام بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىزگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاندا، ئاجىزەيىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز، _ دېدى. 32داۋۇت ئابىگالغا:

_ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! 33ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشۈمدىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! 34پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى. 35داۋۇت ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ:

_ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. ئەمدى ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئامان-ئېسەن بولۇڭ، _ دېدى.

36ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋە مەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى. 37ئەتىسى ئەتىگەندە نابالنىڭ مەستلىكى يېشىلگەن چاغدا، ئايالى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. نابال بۇلارنى ئاڭلاپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالدى. 38تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

داۋۇتنىڭ ئابىگالغا ئۆيلىنىشى

39داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ:

_ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى. 40داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كارمەلگە بېرىپ، ئابىگال بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ داۋۇت سىزنى ئەمرىمگە ئالسام دەپ، بىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، _ دېدى.

41ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا:

_ مەن خوجامنىڭ دېدىكى بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى.

42ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش دېدىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى. 43داۋۇت بۇرۇن يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككى ئاياللىق بولۇپ قالدى. 44داۋۇتنىڭ بىرىنچى ئايالى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.

26

سائۇلنىڭ داۋۇتنى زىف چۆلىدە ئىزدىشى

1بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى.

2بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى. 3سائۇل يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى يول بويىدا بارگاھ قۇردى. داۋۇت ئۇ چاغدا يەنىلا چۆلدە ئىدى، ئۇ سائۇلنىڭ چۆلدە ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، 4تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. 5داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ نەدە ياتقانلىقىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى.

داۋۇتنىڭ سائۇلنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈۋېتىشى

6داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن:

_ قايسىڭلار مەن بىلەن بىرگە سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئابىشاي:

_ مەن سىز بىلەن بىرگە بارىمەن، _ دېدى.

ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى. ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى. 7شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. 8ئابىشاي داۋۇتقا:

_ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى. 9داۋۇت ئابىشايغا:

_ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ. 10مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ياكى ئۇنىڭ كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ. 11پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇمنى ئېلىپ كېتەيلى.

12شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇمنى ئالدى ۋە ئۇ يەردىن كەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم سەزمىدى. ھەتتا ھېچبىرى ئويغانمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلغانىدى.

13شۇنداق قىلىپ، داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى. 14داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ ۋارقىرىدى:

_ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟

_ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ ۋارقىراشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر. 15داۋۇت ئابنېرغا:

_ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق باتۇر ئەمەسمۇسەن؟ سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمايسەن؟ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگىلى بارگاھقا كىردى. 16سەن ۋەزىپەڭنى ياخشى ئورۇندىمىدىڭ! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خوجايىنىڭلارنى، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ياخشى قوغدىمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىسىلەر. ئابنېر، قاراپ باق، پادىشاھنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇم ئورنىدا بارمىكەن؟

17سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم داۋۇت، بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى.

_ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى داۋۇت، 18_ ئالىيلىرى، نېمىشقا مەن خىزمەتكارلىرىنى قوغلايلا؟ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم؟ 19پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى. 20ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بىر يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىنىڭ مېنى، يەنى كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا بىر ئىشتۇر.

21سائۇل مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن. 22داۋۇت:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ سىلىنىڭ نەيزىلىرى، يىگىتلىرىدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن. 23پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ. 24بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن، _ دېدى.

25_ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل.

شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا راۋان بولدى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى.

27

داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا ياشىشى

1ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى باردى. 3ئۇلار بالىچاقىلىرى بىلەن ئۇ يەرگە جايلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يەنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ بار ئىدى. 4«داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى. 5داۋۇت گات پادىشاھى ئاكىشقا:

_ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتلىرىغا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشايمەن، _ دېدى.

6ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى داۋۇتقا بەردى. (شۇنىڭدىن بېرى زىقلاق شەھىرى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.) 7داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى. 8بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.) 9داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئالاتتى. داۋۇت ئاكىش بىلەن كۆرۈشكەندە، 10ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ نەگېب چۆللۈكىدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.

11داۋۇت نەگىلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئۇ يەرلەردە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا، داۋاملىق شۇنداق قىلدى. 12ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى. ئۇ ئىچىدە: «داۋۇت ئۆزىنى ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.

28

1شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش داۋۇتقا:

_ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى. 2داۋۇت:

_ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىلا، _ دېدى.

_ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.

سائۇلنىڭ باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىشى

3ئۇ چاغدا سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلىپ، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. 4فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى. سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى. 5سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى ۋە ئۇنى ۋەھىمە باستى. 6سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى. 7شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى.

_ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.

8شۇنداق قىلىپ، سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا:

_ سىزدىن ئىلتىماسىم، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتقان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

9_ ئۆزىڭىز پادىشاھ سائۇلنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.

10_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.

11_ مەن سىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال.

_ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل. 12باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ، قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇلغا:

_ نېمىشقا مېنى ئالدايلا، سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ؟ _ دېدى. 13سائۇل باخشى ئايالغا:

_ قورقما! نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟ _ دېدى. باخشى ئايال سائۇلغا:

_ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن، _ دېدى.

14_ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل.

_ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال.

سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

15_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل.

_ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم. 16سامۇئىل:

_ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغان بولسا، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟ 17پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلىۋاتىدۇ. پادىشاھلىقنى سەندىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى. 18سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ ئامالەكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭ. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنى بۈگۈن بۇ كۈنگە قويدى. 19پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.

20سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ شۇنداق قورقۇپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى. 21باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:

_ قارىسىلا، كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ سۆزلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى. 22سىلىمۇ خىزمەتكارلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئالدىلىرىغا بىرئاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا. غىزا يەپ، قۇۋۋەتلەنگەندىن كېيىن يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى. 23سائۇل ئۇنىماي:

_ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى.

بىراق ئەمەلدارلىرى ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. 24باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تورپاقنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى. 25تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى.

29

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ داۋۇتنى رەت قىلىشى

1فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى. 2فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى لەشكەرلىرىنى يۈزگە، مىڭغا بۆلۈپ سەپ تۈزۈپ، ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى پادىشاھ ئاكىش بىلەن بىرگە قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىدە ماڭدى. 3بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى:

_ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى.

_ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.

4فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ:

_ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە! 5بۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ماختىغان داۋۇت ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.

6ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم. جەڭگە مەن بىلەن بىرگە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن. 7ئەمدى سىز قايتىڭ، تىنچلا قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى.

8_ نېمە خاتا ئىش قىلىپتىمەن؟ _ دېدى داۋۇت، _ مەن سىلى تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ، مەندىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىغان تۇرسىلا، نېمىشقا ئالىيلىرى بىلەن بىرگە دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلسام بولمايدىكەن؟

9_ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىرگە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى. 10شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇڭلار، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دېدى ئاكىش.

11شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى.

30

ئامالەكلەرنىڭ زىقلاق شەھىرىنى تالان-تاراج قىلىشى

1داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر نەگېب چۆللۈكىگە ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى. 2شەھەردىكى ئاياللار مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، ھېچقايسىسىنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن بىرگە ئەسىرگە ئېلىپ ئەكەتكەنىدى. 3داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، 4مادارى قالمىغۇچە ھۆڭرەپ يىغلاشتى. 5داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى. 6داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.

داۋۇتنىڭ ئامالەكلەردىن ئۆچ ئېلىشى

7داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا:

_ روھانىيلىق پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدىكى چەكلەرنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار چەكلەرنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى. 8داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار:

_ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

9‏-10شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز كىشى يولغا ئاتلاندى. ئۇلار بىسور جىلغىسىغا كەلگەندە، ئىككى يۈز ئادەم ھېرىپ قالغانلىقتىن جىلغىدىن ئۆتەلمەي شۇ يەردە قالدى. داۋۇت تۆت يۈز ئادەمنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. 11داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك 12ھەم بىرئاز ئەنجۈر قېقى ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى. 13داۋۇت ئۇنىڭدىن:

_ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:

_ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالاغا تاشلاپ كەتتى. 14بىز يەھۇدا زېمىنلىرىغا، يەنى نەگېب چۆللۈكىدىكى كىرېتلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىكى كالىب جەمەتىنىڭ يەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتتۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى. 15داۋۇت ئۇنىڭدىن:

_ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:

_ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىق ئادەم داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ئەتراپقا تارىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى. 17داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

18داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەرنى ۋە ئولجا ئالغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. 19ئۇ ئەسىرگە ئېلىنغان قېرىلار، ياشلار، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ، شۇنداقلا ئولجا ئېلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى. 20داۋۇت ئامالەكلەرنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ ۋارقىراشتى.

21شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن بىرگە ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى. داۋۇت ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى. 22لېكىن داۋۇت بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى پەسكەش، يامان ئادەملەر:

_ ئۇلار بىز بىلەن بىرگە بارمىغاندىكىن، بىز ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىچاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى. 23داۋۇت:

_ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان ئولجىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ. 24سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچكىم قوشۇلمايدۇ. جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى.

25داۋۇت شۇ كۈندىن باشلاپ بۇنى ئىسرائىللارنىڭ قانۇن-تۈزۈمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قانۇن-تۈزۈم شۇنىڭدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

26داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى. 27ئۇ ئولجىلاردىن بەيتەل، نەگېب چۆللۈكىگە جايلاشقان راموت، ياتتىر، 28ئاروئېر، سىفموت، ئەشتىموۋا 29ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە 30خورماھ، بورئاشان، ئاتاك، 31ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا سوۋغات ئەۋەتتى.

31

سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى

1فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى. قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. 2فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. 3سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى ئاتقان ئوقتا ئېغىر يارىلاندى. 4سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ تىقىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى.

قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى. 5قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچقا ئۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

6شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۆلدى. 7يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايدىغان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

8ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، 9سائۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ھەر تەرەپكە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە بۇتخانىسىغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 10ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشانى شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى. 11گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ، 12ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى. 13ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتىكى چوڭ بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.


1‏: 3 شىلو شەھىرى شۇ چاغلاردا ئىسرائىللار ئۈچۈن دىنىي مەركەز ئىدى.

1‏: 11 ئەينى زاماندا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىغانلار قەتئىي چېچىنى چۈشۈرمەيتتى.

1: 19 راماھ _ راماتايىم-زوفىم شەھىرىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى.

15‏: 3 تەلتۆكۈس يوقىتىش _ بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ «ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

23‏: 6 روھانىيلىق پەرتۇقى _ باش روھانىي ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە بىر خىل كىيىم بولۇپ، ئۇنىڭ كۆكرەكلىكىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇقەددەس «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» چەكلىرى بولىدۇ.