سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت

1

1مەن پاۋلۇس، سىلاس ۋە تىموتىيدىن سالونىكا شەھىرىدە خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ياشاۋاتقان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

رىغبەت ۋە ئىلھام

3قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. 4شۇڭا بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان باشقا ئېتىقادچىلار جامائىتى ئارىسىدا سىلەرنى ماختايمىز. چۈنكى سىلەر ئۇچرىغان ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار.

5

٪٪سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق كۆرىدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر.

٪

خۇدا سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق كۆرىدۇ. شۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ قىيامەت كۈنى چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.

٪

سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرگەن خۇدا سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق كۆرىدۇ. شۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.

| sort of NLT خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىڭلارنى ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئازاب چېكىۋاتىسىلەر. خۇدا سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق كۆرىدۇ.

6|| خۇدا ئادىلدۇر، ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.

| sort of NLT خۇدا ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى يەنە نامايان قىلىپ، سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.

7شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن يالقۇنلۇق ئوت ئىچىدە ئەرشتىن قايتىپ كەلگىنىدە، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. 8شۇ چاغدا رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. 9بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 10ئۇ ۋاقىتتا رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيەلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيەلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.

11شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان خۇدا بۇ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارغا ياردەم قىلغاي. ئۇ ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياخشى نىيەتلىرىڭلارنى، ھەمدە ئېتىقادىڭلار بىلەن قىلغان ھەممە ئىشىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 12شۇندىلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇ ئارقىلىق شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. بۇ خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كېلىدۇ.

2

خۇداغا قارشى چىققۇچى

1قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان، ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، 2ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. 3ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە ھالاكەتكە مەڭگۈ مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ. 4خۇداغا قارشى چىققۇچى «خۇدا» دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى «خۇدا» دەپ جاكارلايدۇ.

5ئېسىڭلاردا باردۇ، بۇلارنى مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. 6خۇداغا قارشى چىققۇچىنى ھازىرغىچە نېمىنىڭ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ پەقەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 7رەزىل كۈچ ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ كۈچنى توسۇپ تۇرغۇچى ئۇنى داۋاملىق توسۇپ تۇرىدۇ. توسۇپ تۇرغۇچى ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىنلا، 8خۇداغا قارشى چىققۇچى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىگە پارلاق نۇرى بىلەن كەلگەندە بىر پۈۋلەپلا ھالاك قىلىدۇ.

9خۇداغا قارشى چىققۇچى شەيتاننىڭ كۈچى بىلەن كېلىپ، ھەر خىل كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ئازدۇرىدىغان مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، 10ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. 11شۇ سەۋەبتىن خۇدا ئۇلارنى ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ. 12نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار قىيامەت كۈنىدە جازاغا مەھكۇم بولىدۇ.

ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار

13ئەي رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى خۇدا سىلەرنى تۇنجى بولۇپ قۇتقۇزۇلىدىغانلار قاتارىدا تاللىدى. بۇ قۇتقۇزۇلۇش سىلەرنى پاكلايدىغان مۇقەددەس روھ ۋە ھەقىقەتكە بولغان ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. 14خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى. 15شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار!

16‏-17رەببىمىز ئەيسا مەسىھ، شۇنداقلا بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي، ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغاي!

3

بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار

1قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىزكى، رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ خۇددى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن چاغدىكىگە ئوخشاش ھەرقانداق يەردە تېز تارقىلىشى ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 2خۇدانىڭ بىزنى رەزىل ۋە يامان ئادەملەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنى يوق، 3ئەمما رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى ئېتىقادىڭلاردا مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. 4رەببىمىز سىلەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىمىزنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار ۋە داۋاملىق قىلىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە بىزگە ئىشەنچ بەردى. 5رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي.

ئىشلىگەن چىشلەيدۇ

6قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز. 7بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، لاغايلاپ يۈرمىگەنىدۇق. 8ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق. 9بۇنداق قىلىشىمىز سىلەردىن ياردەم سوراشقا ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. 10بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق. 11لېكىن ھازىر ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىكارچىلىقتا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ. 12بۇنداقلارغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، ئۇلار تىنچ ياشاپ، ئۆز ئەمگىكى بىلەن نان تېپىپ يېسۇن. 13لېكىن قېرىنداشلار، سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار. 14ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار. 15بىراق ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.

تىلەكلەر

16ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىرگە بولغاي!

17مەنكى پاۋلۇس بۇ خەتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمدىكى ئۆزۈمگە خاس بەلگىلىرىمدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. 18رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!