رۇت

1

ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئاب ئېلىگە بېرىشى

1‏-2ئىسرائىللارغا سەردارلار يېتەكچىلىك قىلغان چاغلاردا، ئىسرائىل زېمىنىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئايالى نائومى ۋە ئوغۇللىرى ماخلون بىلەن كىليوننى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ. 3‏-4ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشايدۇ. بۇ جەرياندا ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالىدۇ. ئىككى ئوغلى موئابلىق قىزلاردىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلىنىدۇ. 5كېيىن ماخلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز ھەم تۇل بولۇپ قالىدۇ.

نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىشى

6نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولىدۇ. 7ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرۇۋاتقان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ يولىدا كېتىۋاتقاندا، 8ئىككى كېلىنىگە:

_ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي. 9پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، تىنچ-ئامان ياشىشىڭلارغا نېسىپ قىلغاي، _ دېدى.

ئاندىن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:

10_ ياق، بىز سىز بىلەن بىرگە خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى. 11بىراق نائومى:

_ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟ 12قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشىمغا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى، 13سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق، قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكنىڭ دەردىنى سىلەر تارتساڭلار بولمايدۇ، _ دېدى.

14ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېيىنئانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ كەتتى. لېكىن رۇت قېيىنئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى. 15نائومى ئۇنىڭغا:

_ كېلىن سىڭلىڭ ئورپاھ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. رۇت، سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى. 16بىراق رۇت:

_ مېنى سىزدىن تېنىشقا ۋە قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم. 17سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

18رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشنى شۇنچىلىك كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى.

19ئۇلار بىرلىكتە بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە:

_ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى. 20نائومى:

_ مېنى نائومى [مەنىسى «تاتلىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى. 21مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. مېنى پەرۋەردىگار ئازابقا سالدى، ھەممىگە قادىر خۇدا بەختسىز قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە نېمىشقا مېنى نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى.

22شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.

2

رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى

1نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بوئاز ئىسىملىك باي ھەم ئابرۇيلۇق بىر تۇغقىنى بار ئىدى. 2بىر كۈنى رۇت نائومىغا:

_ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، باشاق تېرەي، _ دېدى.

_ مەيلى، بارغىن قىزىم، _ دېدى نائومى.

3رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى.

4رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا:

_ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى.

_ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ.

5بوئاز ئورمىچىلارغا مەسئۇل كىشىدىن:

_ ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 6ئۇ:

_ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىرگە موئابتىن كەپتۇ. 7ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئارپا باغلىرىدىن چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سەھەردىن بېرى تېرىۋاتىدۇ، كەپىدە پەقەت بىرئاز ئارام ئالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

8بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سالغىن! باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ باشاق تېرىش خىيالىدا بولمىغىن. بۇ يەردە ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن. 9ئورمىچىلار قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئاياللار بىلەن بىرگە شۇ يەرگە بارغىن. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى.

10رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ:

_ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى. 11بوئاز ئۇنىڭغا:

_ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار. 12قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى. 13رۇت ئۇنىڭغا:

_ خوجام، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ خىزمەتكارلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 14تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا:

_ قېنى كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى.

رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى. 15رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا:

_ ئۇ باغلانغان باغلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار. 16ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.

17شۇنىڭ بىلەن رۇت كەچ كىرگۈچە ئېتىزدا باشاق تەردى. ئۇ تېرىپ كەلگەن ئارپا باشاقلىرىنى سوقۇۋىدى، يېرىم خالتىدەك دان چىقتى. 18رۇت ئارپىسىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرگە قايتىپ كەلدى ۋە قېيىنئانىسىغا قانچىلىك ئارپا تەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەم ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. 19نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇنچىۋالا كۆپ ئارپىنى قەيەردىن تېرىپ كەلدىڭ؟ سەن كىمنىڭ ئېتىزىدا ئىش قىلدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە خۇدا رەھمەت قىلسۇن! _ دېدى.

رۇت قېيىنئانىسىغا ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. 20نائومى روھلانغان ھالدا:

_ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە:

_ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت:

21_ ئۇ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى. 22نائومى كېلىنىگە:

_ قىزىم، شۇنداق قىلغىن! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.

23شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە باشاق تەردى. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.

3

رۇتنىڭ بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى

1بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا:

_ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي، سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولغىن. 2سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئېتىزىدا ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلىغىن! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ. 3سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى بىلمىسۇن. ئۇ ئالدى بىلەن يەپ-ئىچىپ تويسۇن. 4ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋالغىن. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى.

5_ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت.

6شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېيىنانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 7بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، بوئازنىڭ يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى. 8تۈن يېرىم بولغاندا، بوئاز تۇيۇقسىز ئويغىنىپ ئولتۇردى. ئۇ ئاياغ تەرىپىدە بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ:

9_ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى.

_ بۇ مەن رۇت، خىزمەتكارىڭىز. سىز مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا سىز قانىتىڭىزنى ماڭا سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى رۇت. 10بوئاز ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ. 11قىزىم، غەم قىلمىغىن! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 12مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار. 13بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.

14رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

15بوئازمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

_ مۈرەڭدىكى يېپىنچاڭنى ئېلىپ، ئېچىپ تۇتۇپ تۇرغىن، _ دېدى.

ئۇ شۇنداق قىلدى. بوئاز ئۇنىڭغا بىر خالتا كەلگۈدەك ئارپىنى ئۇسۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەرگە كەتتى.

16رۇت ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، قېيىنئانىسى ئۇنىڭدىن:

_ ئىشلىرىڭ قانداق بولدى، قىزىم؟ _ دەپ سورىدى.

رۇت بوئازنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى قېيىنئانىسىغا ئېيتىپ بەردى.

17_ ئۇ مېنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قۇرۇق قول قايتمىسۇن دەپ، بۇ يېپىنچىدىكى ئارپىنى بەردى، _ دېدى رۇت. 18نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى.

4

بوئازنىڭ رۇتنى نىكاھىغا ئېلىشى

1بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا:

_ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىن! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.

2بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 3ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىغا:

_ بۇرادىرىمىز ئەلىمەلەكنىڭ ئايالى نائومى موئابتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 4شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىساڭ، ئوچۇق ئېيتقىن. بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى تۇغقىنى:

_ ئالىمەن، _ دېدى. 5بوئاز ئۇنىڭغا:

_ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇم ئوغلىنىڭ موئابلىق تۇل ئايالى رۇتنىمۇ ئەمرىڭگە ئېلىشىڭ ھەم مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قالدۇرۇشۇڭ شەرت، _ دېدى. 6ئۇ كىشى:

_ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز ئايىغىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى. 8شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا:

_ سەن ئالغىن! _ دەپ ئايىغىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى.

9بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە:

_ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھ بولۇڭلار. مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسىنى، يەنى كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن. 10شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىدا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇم ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولغايسىلەر، _ دېدى.

11دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت:

_ شۇنداق، بىز گۇۋاھدۇرىمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، ئايالىڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن، بەيتلەھەمدە ئىززەت-ئابرۇي تاپقايسەن. 12پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.

پادىشاھ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر

13شۇنداق قىلىپ، بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 14شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا:

_ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن. 15سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.

16نائومى بۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى ۋە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

17قوشنا ئاياللار بەس-بەستە:

_ نائومى بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولدى! _ دېيىشىپ، بالىغا ئوبېد دەپ ئات قويدى.

ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى ئىدى.

18پەرەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى، 19خەزرون رامنىڭ ئاتىسى، رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، 20ئاممىناداب ناخشوننىڭ ئاتىسى، ناخشون سالموننىڭ ئاتىسى، 21سالمون بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز ئوبېدنىڭ ئاتىسى، 22ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر.