رىملىقلارغا يېزىلغان خەت

1

مۇقەددىمە

1ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان ۋە خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، شۇنداقلا ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!

2خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنى بۇرۇن مۇقەددەس يازمىلاردا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغانىدى. 3بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتە ئەيسا مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان. 4لېكىن روھىي جەھەتتىن ئېيتقاندا خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 5خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئەللەرنى خۇداغا بولغان ئېتىقادتىن كەلگەن ئىتائەتكە چاقىرىمەن. 6ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار قاتارىدىسىلەر.

7مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم دەپ چاقىرغان رىمدا ياشاۋاتقان سىلەرگە يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىشى

8ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى ئېتىقادىڭلار ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە. 9‏-10مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش جەريانىدا سىلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ۋە سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. دۇئالىرىمدا بىر كۈنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى خۇدانىڭ ئىرادە قىلىشىنى تىلەيمەن. 11چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەرگە ياردەم بېرىشنى ۋە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. 12دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز.

13قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. 14چۈنكى ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مېنىڭ بۇرچۇمدۇر. 15شۇنىڭ ئۈچۈن رىملىقلار بولغان سىلەرگىمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تەشنامەن.

خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

16بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى نامايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈلدى. 17بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدىغانلىقى* ئاشكارىلانغاندۇر. بۇ باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. مۇقەددەس يازمىلاردىمۇ: «ھەققانىيلار ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.

ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى

18خۇدا ئەرشتىن رەزىل ۋە ئادالەتسىز ئادەملەرگە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ رەزىللىكلىرى بىلەن خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى باستۇرۇۋاتقان ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ غەزىپىنى ئاشكارا قىلدى. 19ئەگەر ئۇلار خالىغان بولسا ئىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. 20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە ئىلاھىي خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىرى ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.

21لېكىن ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولدى ۋە نادان قەلبلىرى قاراڭغۇلۇققا تولدى. 22گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى. 23ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.

24شۇ سەۋەبتىن خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر خىل ناپاك ئىشلارنى قىلدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى خورلاشقا باشلىدى. 25ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ئۇلار ياراتقۇچى خۇداغا ئىبادەت قىلماستىن، بەلكى ئۇ ياراتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. لېكىن پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيەلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن!

26شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەسكەش ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي بولمىغان مۇناسىۋەتكە، يەنى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇردى. 27خۇددى شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر بىلەن ئەرلەر شەرمەندىلەرچە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەنلىرىدە بۇ قىلمىشلىرىغا لايىق جازانى تارتتى.

28ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى. 29ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك ۋە دۈشمەنلىك بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، 30تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 31نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 32ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ خۇدانىڭ قانۇنى بويىچە ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىشتىن سىرت باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللايدۇ.

2

خۇدانىڭ ھەممە ئادەمنى سوراق قىلىشى

1ئەي باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىۋاتقان ئىنسان، سەن كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ئۆزۈڭنى ئاقلايدىغانغا ھېچقانداق سەۋەبىڭ يوق. سەن باشقىلارنىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆزۈڭگىمۇ ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. چۈنكى سەنمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! 2بىز بۇنداق ئىش قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ ئادىل سوتلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. 3بىراق ئەي ئىنسان، سەن ھۆكۈم قىلىۋاتقان باشقىلارنىڭ ئىشى دەل سەن قىلىۋاتقان ئىشلاردۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قېچىپ قۇتۇلالايمەن دەپ ئويلامسەن؟ 4خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چەكسىز مېھرىبانلىقى ۋە كەڭچىلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىدىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ 5سېنىڭ جاھىللىق قىلىپ، گۇناھىڭغا توۋا قىلمىغىنىڭ خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغاۋاتىدۇ. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى گۇناھلىرىڭ ئۆز بېشىڭغا چىقىدۇ. 6خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ. 7خۇدا ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئىزدىگەنلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ. 8لېكىن ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدۇ. 9خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، يەنى مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئېغىر كۈن ۋە دەرد-ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ. 10بىراق بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا،يەنى مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممىسىگە شان-شەرەپ، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. 11چۈنكى خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

12تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر گۇناھ قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىڭ سىرتىدا سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار گۇناھ قىلسا، تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ. 13چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم ھېسابلىنىدۇ. 14تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەردە قانۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار تەبىئىي ھالدا تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزى قانۇندۇر. 15بۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلسا ئۇلارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 16مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېيتقاندا، خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان كۈنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

يەھۇدىيلار ۋە تەۋرات قانۇنى

17ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، خۇدا بىلەن يېقىنمەن دەپ ماختىنىسەن. 18ساڭا تەۋرات قانۇنى ئۆگىتىلگەنلىكتىن سەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىسەن ھەم ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيسەن. 19‏-20سەن تەۋرات قانۇنىدىكى ھەممە بىلىم ۋە ھەقىقەتلەرنى بىلىمەن دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قاراڭغۇدا قالغانلارنىڭ چىرىغى، نادانلارنىڭ يېتەكچىسى، گۆدەكلەرنىڭ ئۇستازى دەپ قارايسەن. 21سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 22باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟ 23سەن تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولدۇم دەپ ماختىنىسەن-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىسەن. 24مۇقەددەس يازمىلاردىمۇ: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدانىڭ نامىغا ھاقارەت قىلماقتا» دەپ يېزىلغاندۇر.

25تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، خەتنە قىلىنمىغان ئادەمدىن ھېچقانداق پەرقىڭ بولمايدۇ. 26خۇددى شۇنىڭدەك، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 27سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار تۇرۇقلۇق ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟

28سىرتقى كۆرۈنۈشتىلا يەھۇدىي بولغانلارنى ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. جىسمانىي جەھەتتە قىلىنغان خەتنىنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ. 29قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىشى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلبى ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ماختىلىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ.

3

1ئۇنداقتا يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەردىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ياكى خەتنە قىلىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ 2ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. ٪٪ بىرىنچىدىن،٪ ئەڭ مۇھىمى، ٪ 0٪٪ خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىندى. 3بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟ 4ياق، چوقۇم تۇرىدۇ! ئىنسانلار يالغانچى بولسىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ،

ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»

 

5لېكىن يەھۇدىيلارنىڭ گۇناھى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا غەزەپلىنىپ جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس دېسەك بولامدۇ؟ (بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق ئويلايدۇ.) 6ياق، بۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر خۇدا ئادىل بولمىسا، قىيامەتتە قانداقمۇ دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايدۇ؟

7لېكىن بەزىلەر: «ئەگەر مېنىڭ ساداقەتسىزلىكىم خۇدانىڭ ساداقىتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يورۇتۇپ بەرسە، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار قارىلىپ، سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن. 8ئەگەر شۇنداق دېسە، «ياخشى بولسۇن دەپ يامانلىق قىلايلى!» دېگەن مەنە كېلىپ چىقمامدۇ؟ بەزىلەر بىزنى مۇشۇنداق دېدى دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. بۇنداق تۆھمەت قىلغانلار جازاغا لايىقتۇر.

گۇناھسىز ئادەم يوقتۇر

9ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، ھەممىمىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. 10مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«ھەققانىي ئادەم يوقتۇر، پەقەت يوقتۇر.

11ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر،

خۇداغا ئىنتىلىدىغىنىمۇ ھەم.

12ئەمما ئازغۇندۇر ھەممىسى ھەم ئەرزىمەستۇر،

بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.»

13«ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى،

كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى.

يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى.»

14«لەنەت تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا.»

15«ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە،

16ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئە پەيدا قىلىدۇ بارغانلا يېرىدە.

17ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ.»

18«خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە.»

 

19تەۋراتنىڭ تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشايدىغانلار ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

٪٪

لېكىن تەۋراتتىكى سۆزلەر ھېچكىمنىڭ ئۆز گۇناھىغا باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ خۇداغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغاندۇر.

٪

مەقسەت، تەۋراتتىكى سۆزلەر ھېچكىمنىڭ ئۆز گۇناھىغا باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ خۇداغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

20دېمەك، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىش

21لېكىن ھازىر خۇدانىڭ قانداق يول بىلەن ئىنسانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. دېمەك، ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا باغلىق ئەمەس. بۇنى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ تەستىقلايدۇ. 22ئىنسانلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىنسانلار ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق بولمايدۇ. 23چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالدى. 24لېكىن گۇناھكارلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن ئازاد بولدى. ئۇلار ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشقا لايىق بولمىسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن يەنىلا ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندى. 25خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنى كەچۈردى. شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسەتتى.

٪٪

چۈنكى ٪ 0 ٪٪ ئۇ بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنى جازالىمىغانىدى.

٪

ئۇ بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلارنى جازالىمىدى.

٪٪

26مانا ھازىرمۇ خۇدا ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان قىلغاندا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى ھەم ئۆزىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

٪

NLT

خۇدانىڭ ئىلگىرى گۇناھ قىلغانلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنى جازالىماسلىقى ئۇنىڭ ئادىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

26 خۇدا بۇنى ھازىرقى زامانغا قارىتىپ ئۆز ئاداللىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قىلدى. بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنى ھەققانىي دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

27شۇنداق ئىكەن، بىز تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدۇق دەپ ماختىنىمىزمۇ؟ ياق! بىزنىڭ ماختىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. 28شۇڭا بىز خۇدا بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ دەپ قارايمىز. 29خۇدا پەقەت يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، خۇدا ئۇلارنىڭمۇ خۇداسىدۇر! 30چۈنكى خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ. 31ئۇنداقتا، بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.

4

ئىبراھىم توغرىسىدىكى مىسال

1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىيلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ 2ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم ٪٪ سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان٪ دەپ ھېسابلانغان ٪٪ بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا ماختىنىشقا ھەققى يوق. 3چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىبراھىم خۇداغا ئىشەندى، شۇڭا خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېيىلگەندۇر.

4ئەمگەك قىلغۇچى ئەمگەك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، بۇ سوۋغات ھېسابلانمايدۇ. 5بىر ئادەمنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشى ئۇنىڭ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقىدىندۇر. بۇ ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدۇر. 6قىلغان ئەمەللىرىگە تايانماي تۇرۇپ، خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلارنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە پادىشاھ داۋۇت مۇنداق دېگەن:

 

7«نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار،

ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.

8نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە،

پەرۋەردىگار گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار.»

 

9ئۇنداقتا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. بۇ بەخت خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى بىز ئىبراھىمنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق. 10ئىبراھىم قاچان ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغان؟ خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ؟ ئىبراھىم خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانىدى. 11ئىبراھىم بۇرۇنلا خۇداغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، خەتنە ئۇنىڭ پەقەت ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان ھالدا خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ھېسابلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 12ئەگەر يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، ئەجدادى ئىبراھىمغا ئوخشاش خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ.

13خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلارغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىدىن بولغاندۇر. 14ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان ۋە خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. 15تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.

16دېمەك، خۇدانىڭ ۋەدىسى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە باغلانغاندۇر، ئۇنىڭغا پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى ئادەملەر تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشىسۇن ياكى ياشىمىسۇن، پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىدەك ئېتىقادقا ئىگە بولسىلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىش كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. 17بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردىمۇ يېزىلغان. خۇدا ئىبراھىمغا مۇنداق دېگەن: «مەن سېنى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن.» خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە مەۋجۇداتلارنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى. 18ئىبراھىم ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.» 19ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ۋە پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاشمىدى 20ۋە خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 21ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەندى. 22شۇڭا خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى. 23‏-24بۇ سۆزلەر يالغۇز ئىبراھىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغان بىزلەر، يەنى رەببىمىز ئەيسانى تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ ئېيتىلغاندۇر. 25ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلدى ۋە بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.

5

خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولۇش

1شۇڭا بىز خۇداغا بولغان ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. 2بىز خۇداغا ئېتىقاد قىلغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن شاد-خۇرام ياشىماقتىمىز. 3بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام ياشايمىز. چۈنكى بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق ئادەمنى سەۋرچان قىلىدۇ. 4سەۋرچانلىق خۇداغا ياقىدىغان پەزىلەتنى، پەزىلەت ئۈمىدنى پەيدا قىلىدۇ. 5بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى خۇدا بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەندۇر.

6بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن پىدا قىلدى. 7بىر ياخشى ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا رازى بولىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا رازى بولىدىغانلار تېپىلىشى مۇمكىن. 8لېكىن ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. 9بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر. 10بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىز خۇدا بىلەن ياراشتۇق. بىز خۇدا بىلەن ياراشقانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتى ئارقىلىق چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز. 11بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىز خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ شاد-خۇراملىققا ئېرىشىمىز، چۈنكى بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ياراشتۇق.

ئادەمئاتا ۋە ئەيسا مەسىھ

12گۇناھ دۇنيادا بىر ئىنسان، يەنى ئادەمئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئارىسىغا تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى. 13گۇناھ تەۋرات قانۇنى چۈشۈشتىن ئىلگىرى دۇنيادا بار ئىدى. ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنى بولمىغانلىقتىن گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايتتى. 14شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتىدىن تاكى مۇسا پەيغەمبەرگىچە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھەتتا ئادەمئاتىنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان ئىنسانلارمۇ ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىدى.

ئادەمئاتا پۈتكۈل ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسەتكەندەك، كېيىن كەلگەن مەسىھمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسەتتى. 15

٪٪ بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسا، بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەممە ئادەم خۇدانىڭ سوۋغىتىغا، يەنى مېھىر-شەپقىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

٪

٪بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسا، بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەممە ئادەم خۇدانىڭ سوۋغىتىغا، يەنى مېھىر-شەپقىتىگە ئىگە بولالايدۇ. لېكىن خۇدانىڭ سوۋغىتىنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

16ئادەمئاتىنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نەتىجىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئادەمئاتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇناھى سەۋەبىدىن ئادەملەر گۇناھقا مەھكۇم بولدى. لېكىن خۇدانىڭ بەرگەن سوۋغىتى نۇرغۇن گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى ھەققانىيلىققا ئىگە قىلدى. 17بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئىنسانلار ئۆلۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان بولسا، باشقا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا ٪٪مەسىھنىڭ ٪ مەسىھ ٪٪ سەۋەبىدىن ئىنسانلار خۇدانىڭ تېخىمۇ مول مېھىر-شەپقىتى ۋە ٪٪ھەققانىي ئادەم دېگەن ٪ ھەققانىيلىق سالاھىيىتى.... ٪٪ سوۋغىتىغا ئېرىشىپ، ھاياتلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

18دېمەك، بىر قېتىملىق گۇناھ پۈتكۈل ئىنساننى گۇناھقا مەھكۇم قىلغان بولسا، بىر قېتىملىق ھەققانىي ھەرىكەت، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى پۈتكۈل ئىنسانلارنى ھەققانىيلىققا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈردى. 19خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نۇرغۇن ئادەمنى گۇناھكار قىلغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتمەنلىكىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ھەققانىي قىلىدۇ. 20تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. لېكىن قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، شۇ يەردە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. 21خۇددى گۇناھ ئىنسانلارغا ئۆلۈم ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئىنسانلارغا ھەققانىيلىق ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئادەملەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدۇ.

6

ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش

1ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ، داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ 2٪٪ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ٪ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. ٪٪ گۇناھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك. 3سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق. 4شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلۈپ، بىرگە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرۈپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.

5بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلىمىز. 6شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ كونا ئۆزىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلاندى. ئەمدى بىز گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە ئەمەسمىز. بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق. 7چۈنكى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولىدۇ. 8ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 9بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. 10ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، خۇدا ئۈچۈن ياشىماقتا. 11سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈك، خۇداغا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار.

12شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن.

٪٪

بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر.

٪

٪٪گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ٪ تېنىڭلارنىڭ ٪٪ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ كەتمەڭلار.

13تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار. 14گۇناھ ئەمدى سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر.

ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى

15ئۇنداقتا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىمىز دەپ، داۋاملىق گۇناھ سادىر قىلساق بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. 16كىمگە باش ئەگسەڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا باش ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا باش ئەگسەڭلار، ئۇ ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 17‏-18خۇداغا شۈكۈر! سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى ئىدىڭلار. لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولدۇڭلار. چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن تەلىمىگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار. 19مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك ياشىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.

20سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىي ھايات بىلەن كارىڭلار يوق ئىدى. 21سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ئىدى. 22بىراق ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. 23چۈنكى گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

7

نىكاھ توغرىسىدىكى مىسال

1قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمنىلا باشقۇرالايدۇ. 2مەسىلەن، ئېرى بار ئايالنىڭ ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، ئايال قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ ھەققىدىكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 3دېمەك، ئېرى بار ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولسا، بۇزۇق ئايال دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئايال نىكاھ ھەققىدىكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن ئازاد بولىدۇ. ئۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. 4خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. ئەمدى سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ياخشى نەتىجە قازىنالايسىلەر. 5بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق. 6لېكىن ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد بولدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلۈكتۇرمىز. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە ئەمەس، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.

تەۋرات قانۇنى ۋە گۇناھ

7ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ مەنبەسىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئەمما تەۋرات قانۇنى بولمىغان بولسا، مەن گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. 8لېكىن گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدىكى ھەر خىل ئاچكۆزلۈكلەرنى قوزغىدى.* قانۇن بولمىسا، گۇناھ ئۆلۈكتۇر. 9مەن بۇرۇن تەۋرات قانۇنىنىڭ سىرتىدا ياشايتتىم، لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلگەندىن كېيىن، گۇناھىم جانلىنىشقا باشلىدى، نەتىجىدە مەن ئۆلدۈم. 10ماڭا ھاياتلىقنى ۋەدە قىلغان تەۋرات قانۇنى ئەمەلىيەتتە ئۆلۈم ئەكەلدى. 11گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئازدۇرۇپ، ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى.

12ئەمەلىيەتتە، تەۋرات قانۇنى ھەقىقەتەن مۇقەددەستۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ مۇقەددەس، ئادىل ۋە ياخشىدۇر. 13شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! لېكىن گۇناھ تەۋرات قانۇنىدىكى ياخشى ئەمرلەردىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ۋە گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق ئاشكارا بولدى.

ئىنسان قەلبىدىكى توقۇنۇش

14تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن گۇناھقا قۇل بولۇپ سېتىلغان ئاجىز ئىنسانمەن. 15ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلماستىن، بەلكى ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. 16ئەگەر مەن يامان ئىشلارنى قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ، يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا ۋىجدانىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. 17دېمەك، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدىكى گۇناھتۇر. 18ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق. 19شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە نىيەت قىلمىغان يامان ئىشلارنى قىلىمەن. 20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشلارنى قىلسام، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدىكى گۇناھتۇر.

21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، لېكىن يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىدىكەنمەن. 22خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن. 23بىراق تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇنغا قارشى جەڭ قىلىپ، مېنى ئۆز تېنىمدىكى گۇناھ سادىر قىلغۇچى كۈچكە ئەسىر قىلدى. 24مەن نېمىدېگەن بىچارە ئادەممەن-ھە! مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟! 25خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ!

يىغىنچاقلاپ ئېيتسام، خۇدانىڭ قانۇنىغا چىن قەلبىمدىن ئەمەل قىلىشنى خالايمەن، لېكىن گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.

8

مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش

1شۇڭا ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار گۇناھقا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. 2چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلدى. 3گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىغا ئوخشايدىغان تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى ئۇنىڭ تېنىدە ئىجرا قىلىپ، بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. 4شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشىمايدىغان، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇپ ياشايدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 5گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنۇپ ياشايدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئوي-پىكىرلەردە بولىدۇ. لېكىن مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇپ ياشايدىغانلار مۇقەددەس روھقا خاس ئوي-پىكىرلەردە بولىدۇ. 6بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 7بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. 8گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.

9بىراق سىلەرگە كەلسەك، قەلبىڭلاردا ھەقىقەتەن خۇدانىڭ روھى ياشىغانلىقتىن، سىلەر گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشاۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر. 10ئەمما سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ قەلبىڭلاردىدۇر. گەرچە تېنىڭلار گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، مۇقەددەس روھ يەنىلا سىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى. چۈنكى سىلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندىڭلار. 11خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.

12شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىرىم، بىزنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاش ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇپ ياشاش مەجبۇرىيىتىمىز بار. 13چۈنكى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. 14خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 15چۈنكى سىلەر سىلەرنى قايتىدىن قورقۇنچقا سالىدىغان قۇللۇق روھىنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنى، يەنى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرىدىغان پەرزەنتلىك روھىنى قوبۇل قىلدىڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ بىزنىڭ روھىمىز بىلەن بىرگە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز مىراسخور، يەنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخور بولىمىز. بىز مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە شېرىك بولساق، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىنمۇ بەھرىمەن بولالايمىز.

كەلگۈسىدىكى شان-شەرەپ

18مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىز ئېرىشىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. 19پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. 20‏-21چۈنكى پۈتكۈل كائىنات ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىھۇدىلىككە مەھكۇم بولغاندۇر. شۇڭا پۈتكۈل كائىنات چىرىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشنى ۋە خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 22پۈتكۈل كائىناتنىڭ تا ھازىرغىچە خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك نالە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. 23پۈتكۈل كائىنات، شۇنداقلا قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە قىلماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى، يەنى يېڭى تەنگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتمەكتىمىز. 24قۇتقۇزۇلغاندىن بېرى بىزدە مۇشۇنداق ئۈمىد بولماقتا. ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئايلانغاندا، ئۇ ئۈمىد بولۇشتىن قالىدۇ. كىممۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغاننى قايتا ئۈمىد قىلسۇن؟ بىز قۇتقۇزۇلغاندىن بېرى قەلبىمىزدە مۇشۇنداق ئۈمىد پەيدا بولماقتا. كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان نەرسە ئۈمىد بولالمايدۇ. كىم كۆرۈپ تۇرغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 25بىراق بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىدۇق. شۇڭا بىز ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.

26ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن مۇقەددەس روھ بىز ئۈچۈن سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ئاھ ئۇرۇش بىلەن مۇراجىئەت قىلىدۇ. 27ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ. 28خۇدا ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى خۇدا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرغانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. 29چۈنكى خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلەتتى. خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغۇللۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىدى. 30خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغان بۇ كىشىلەرنى خۇدا ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلدى.

خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

31ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ 32ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟ 33كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندۇق. 34كىم بىزنى گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى ئەيسا مەسىھ گۇناھكار بولغان بىزلەر ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. شۇنداقلا، ئۇ تىرىلىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، ھازىر بىز ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا. 35كىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ؟ ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىم-خەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36مۇقەددەس يازمىلاردىمۇ: «ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز» دەپ يېزىلغانغۇ! 37لېكىن بىز بىزنى سۆيىدىغان خۇدا ئارقىلىق بارلىق جاپا-مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى ئېگىزلىك ياكى چوڭقۇرلۇق بولسۇن، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

9

خۇدا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ مۇناسىۋىتى

1مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلىمەيمەن. بۇنىڭغا مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ گۇۋاھتۇر. 2ئىسرائىللار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇرۇۋاتىمەن، قەلبىممۇ ھەمىشە ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتىدۇ. 3ئەگەر قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىسەم، خۇدانىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشقا رازى ئىدىم. 4ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى ۋە ئۇلارغا ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى. 5ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ جىسمانىي جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيەلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!

6مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا بەرگەن ۋەدىلىرى بىكار بولدى دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ. 7گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ» دېگەنىدى. 8دېمەك، جىسمانىي جەھەتتە ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇغۇلغان ئەۋلادلارلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىدۇ. 9چۈنكى ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.»

10بۇنىڭدىن باشقا، رىبەقا ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەك بالىغا ھامىلىدار بولغاندا، 11‏-12خۇدا ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان چاغدا، يەنى ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىش قىلمىغان ۋاقتىدا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىقتۇر. 13بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغاندۇر.

14بۇ يەردە خۇدانى ئادىل ئەمەس دېيەلەيمىزمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق دېيەلمەيمىز! 15چۈنكى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەن:

 

«كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن،

كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.»

 

16دېمەك، خۇدانىڭ كىمگە رەھىمدىل بولۇشى ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولماستىن، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە باغلىقتۇر. 17خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پىرئەۋنىگە مۇنداق دېگەن: «قۇدرىتىمنى سەن ئارقىلىق كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش ئۈچۈن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم.» 18دېمەك، خۇدا كىمگە رەھىم قىلىشنى خالىسا، شۇنىڭغا رەھىم قىلىدۇ، كىمنى جاھىللاشتۇرۇشنى خالىسا، شۇنى جاھىللاشتۇرىدۇ.

19بۇنداق بولغاندا، بەلكىم بىرىڭلار مەندىن: «بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقالمايدىغان تۇرساق، خۇدا نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنى ئەيىبلەيدۇ؟» دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. 20بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللىشىدىغان سەن كىمسەن؟ بىر ساپال قاچا ئۆزىنى ياسىغان كۇلالچىغا: «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» دېيەلەمدۇ؟ 21كۇلالچىنىڭ بىر كاللەك لايدىن ئالاھىدە ياكى ئادەتتىكىچە قاچا ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ 22خۇدا ئەسلى گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمىدى، بەلكى سەۋرچان بولۇپ، ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى. 23خۇدانىڭ مەقسىتى رەھىم-شەپقەت قىلماقچى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىشتۇر. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىدى. 24بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، پەقەت يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلدۇق. 25بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك بولدى:

 

«ئەسلى خەلقىم بولمىغانلارنى خەلقىم،

سۆيگىنىم بولمىغانلارنى سۆيگىنىم دەيمەن.»

26«بۇرۇن ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس› دېگەن بولسام،

يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا:

‹سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر› دەيمەن.»

 

27يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى:

 

«ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ،

ئەمما ئۇلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا قۇتقۇزۇلىدۇ.

28چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ.»

 

29يەشايا پەيغەمبەر يەنە:

 

«ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى،

بىز تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك،

ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق» دەپ ئالدىن ئېيتقانىدى.

ئىسرائىللارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى

30يىغىنچاقلىغاندا، ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەملەر دەپ ھېسابلاندى. بۇ ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەققانىيلىقتۇر. 31تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەن ئىسرائىللار بولسا ھەققانىيلىققا ئېرىشەلمىدى. 32نېمە ئۈچۈن ئېرىشەلمىدى؟ چۈنكى ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا تەۋرات قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تايىنىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشقا، يەنى ئەيسا مەسىھكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. 33بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«ئادەملەر پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان

بىر تاشنى سىئونغا* قويدۇم.

بىراق ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»

10

1قېرىنداشلار، مەن جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن. 2شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا قارىتا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. 3چۈنكى ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشنىڭ يولنى بىلمەيدۇ، پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىيلىققا ئېرىشىش يولىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 4ۋاھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇڭا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ.

5تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىش ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دەپ يازغان: «تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلغۇچىلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» 6‏-7لېكىن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىش ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «كۆڭلۈڭلاردا: ‹ئاسمانغا كىم چىقىدۇ؟› (يەنى ئەيسا مەسىھنى يەرگە ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن) ياكى ‹گۆرگە كىم چۈشىدۇ؟› (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن)» دەپ سوراپ يۈرمەڭلار. 8بۇ ئايەتلەر «خۇدانىڭ سۆزى سىلەرگە يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭلار ۋە دىلىڭلاردىدۇر» دېگەن مەنىدىدۇر. مانا بۇ بىز يەتكۈزۈۋاتقان ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەردۇر. 9دېمەك، ئەيسا مەسىھنى رەببىم دەپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن. 10چۈنكى ئىنسان ئەيسا مەسىھكە چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ، ئەيسا مەسىھنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغۇچىلار قۇتقۇزۇلىدۇ. 11مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن. 12بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ. 13دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» 14لېكىن ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىلتىجا قىلالىسۇن؟ ئۇ ھەققىدە ئاڭلىمىغانلار ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇ ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر بولمىسا، ئۇ ھەققىدىكى خەۋەرنى كىشىلەر قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ 15خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە!» 16بىراق خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. 17ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئاڭلاشتىن، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى تىڭشاشتىن كېلىدۇ.

18لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«تىۋىشلىرى يېيىلغاندۇر تامام يەر يۈزىگە،

خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە.»

 

19سىلەردىن يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار خۇش خەۋەرنى چۈشەنمىگەنمىدۇ؟ باشقا خەلقلەر چۈشەنگەن يەردە، ئۇلار چوقۇم چۈشەندى. چۈنكى خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مۇنداق دېگەن:

 

«ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى،

ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق غەزىپىنى قوزغايمەن.»

 

20كېيىن يەشايا پەيغەمبەر يۈرەكلىك ھالدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

 

«مېنى ئىزدىمىگەنلەر مېنى تاپتى،

مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى نامايان قىلدىم.»

 

21لېكىن ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى:

 

«مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلقنى

كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتتۈم.»

11

خۇدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇمايدۇ

1ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن، خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! 2خۇدا ئەلمىساقتىلا تاللىغان ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئىلياس پەيغەمبەر ھەققىدىكى قىسمىدا نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان. ئىلياس پەيغەمبەر ئىسرائىللاردىن ئاغرىنىپ، خۇداغا يالۋۇرۇپ: 3«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىشتى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ» دېگەنىدى. 4خۇدا ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانىدى؟ خۇدا ئۇنىڭغا: «بائالغا* تىز پۈكمىگەن سەندىن باشقا يەنە يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەنىدى. 5خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن تاللانغان ئاز بىر قىسىم ئىسرائىللار يەنىلا بار. 6بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغاندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى.

7نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە، يەنى نىجاتلىققا ئېرىشەلمىدى. پەقەت تاللانغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا نىجاتلىققا ئېرىشتى. قالغانلىرىنىڭ قەلبلىرى بەند قىلىندى. 8بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇردى،

كۆزلىرىنى كۆرمەس،

قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى.»

 

9خۇددى شۇنىڭدەك، پادىشاھ داۋۇتمۇ ئۆز دۈشمەنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

 

«ئۇلارنىڭ زىياپىتى ئۆزلىرىگە تۇزاق ۋە قاپقان بولغاي،

ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلسۇن، جاجىسىنى يېسۇن!

10كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي،

بەللىرى پۈكۈلۈپ، مەڭگۈ رۇسلانمىغاي!»

 

11ئۇنداقتا، شۇنى سورايكى، ئىسرائىللار پۇتلىشىپ يىقىلغىنىچە پۈتۈنلەي ۋەيران بولدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمىدى! لېكىن ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاشتۇر. 12دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا ئىسرائىللار تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشكەندە، دۇنيا تېخىمۇ چوڭ بەختكە ئېرىشمەمدۇ؟

يەھۇدىي ئەمەسلەر ماختانماسلىقى كېرەك

13ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەلچى بولدۇم، مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ بىلىمەن. 14خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەر ئىسرائىللىرىمنىڭ ھەسەت ئوتلىرى قوزغالسا، بەلكىم مەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن. 15ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن رەت قىلىنىشى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكتەك بەختلىك ئىش بولماي نېمە؟ 16ئەگەر خۇداغا سۇنۇلغان تۇنجى ھوسۇلدىن قىلىنغان ئۇن مۇقەددەس بولسا، ئۇنداقتا قالغان ئۇنلارمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر.

17يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى باغدىكى زەيتۇن دەرىخىدىن سۇندۇرۇپ تاشلانغان شاخلارغا ئوخشايدۇ. سىلەر بولساڭلار باغدىكى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان ياۋا زەيتۇن شاخلىرىغا ئوخشايسىلەر. ھازىر سىلەر ئۇلار بىلەن بىر يىلتىزدىن ئورتاق ئوزۇقلىنىۋاتىسىلەر. 18شۇنداق ئىكەن، سىلەر سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلار ئالدىدا ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەر يىلتىزنى ئەمەس، بەلكى يىلتىز سىلەرنى بېقىۋاتىدۇ. 19سىلەر:

٪٪

«مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن بۇ شاخلار سۇندۇرۇۋېتىلدى» دېيىشىڭلار مۇمكىن.

٪

«بۇ شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرۇۋېتىلدى» دېيىشىڭلار مۇمكىن.

20بۇ سۆز توغرا. ئۇلار، يەنى يەھۇدىيلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقتىن سۇندۇرۇلدى. سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار بىلەن ئۇلاندىڭلار. شۇڭا مەغرۇرلانماڭلار، ئەكسىچە خۇدادىن قورقۇڭلار! 21چۈنكى ئېتىقادسىزلىق قىلساڭلار، دەرەخنىڭ ئەسلىدىكى شاخلىرىنى، يەنى يەھۇدىيلارنى ئايىمىغان خۇدا سىلەرنىمۇ ئايىمايدۇ. 22بۇنىڭدىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەم قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆز يولىدىن چەتنىگەنلەرگە قاتتىق قولدۇر. لېكىن سىلەر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا سەل قارىمىساڭلار، ئۇ سىلەرگە داۋاملىق مېھرىباندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، سىلەرمۇ كېسىپ تاشلىنىسىلەر. 23يەھۇدىيلار ئېتىقادسىزلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلسا، ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. 24يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟

خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈندۇر

25قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا، بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلىپ كەلمەكتە. بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ. 26كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«قۇتقۇزغۇچى سىئوندىن كېلىپ،

ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىللىكلىرىنى يوقىتىدۇ.»

27«بۇ مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمدۇر،

ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈۋېتىمەن.»

 

28يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنى يەنىلا سۆيىدۇ. 29چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. 30يەھۇدىي ئەمەس سىلەر بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمايتتىڭلار. لېكىن يەھۇدىيلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ھازىر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتىڭلار. 31يەھۇدىيلار بولسا خۇداغا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ. لېكىن خۇدا سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، يەھۇدىيلارغىمۇ ھەم رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 32چۈنكى خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئىتائەتسىزلىكىگە قويۇۋەتتى.

خۇداغا مەدھىيە

33ئېھ، خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چەكسىز-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟

 

34«كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلەلىسۇن؟

كىم ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟»

35«كىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىپ،

ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟»

 

36ھېچكىم! چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

12

ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاش

1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان پاك ۋە تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. 2بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار. ئوي-پىكرىڭلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزگىرىڭلار. شۇندىلا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنەلەيسىلەر، يەنى نېمىنىڭ ياخشى ۋە مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ھەم نېمىنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىلەر.

3خۇدانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىلەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى يۇقىرى چاغلىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. 4بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار. 5شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇش ئارقىلىق ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز. 6ھەربىرىمىزدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان قابىلىيەتلەر بار. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ۋەھىينى خۇداغا بولغان ئىشەنچىڭلارغا ئاساسەن يەتكۈزۈڭلار. 7خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، ياخشى خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، ياخشى تەلىم بېرىڭلار؛ 8رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، سېخىيلىق بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن رەھىم قىلىڭلار.

9مېھىر-مۇھەببىتىڭلار سەمىمىي بولسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار. 10بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. 11قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار. 12ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئا قىلىڭلار. 13ئېتىقادچىلار ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار. باشقىلارغا دائىم مېھماندوست بولۇڭلار.

14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. 15خۇشال بولغانلار بىلەن بىرگە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىرگە قايغۇرۇڭلار. 16ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار، ھەرگىز بىلەرمەنلىك قىلماڭلار.

17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. 18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 19قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئىنتىقام ئالىمەن.» 20مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، سۇ بەر. خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. 21دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.

13

ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز

1ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن. 2شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. 3توغرا يولدا ماڭغانلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقمايدۇ. لېكىن يامان يولدا ماڭغانلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا توغرا يولدا ماڭ. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىسەن. 4چۈنكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن. 5شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋىجدانى ئۈچۈندۇر. 6باج تاپشۇرۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇدۇر. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى باج ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. 7ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار.

باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز

8بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا قەرزدار بولغاندىن باشقا ھېچكىمگە قەرزدار بولماڭلار. باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. 9«زىنا قىلماڭلار، قاتىللىق قىلماڭلار، ئوغرىلىق قىلماڭلار، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار» دېگەن پەرزلەر ۋە باشقا پەرزلەر «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغاندۇر. 10باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقتۇر.

11ھازىر بىز مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى.

٪٪ چۈنكى بىزنىڭ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇشىمىز ئەيسا مەسىھكە دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.

٪

چۈنكى ئەيسا مەسىھكە دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، بىزنىڭ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇشىمىزنىڭ ۋاقتى تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.

12قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار. 13ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار. 14ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.

14

قېرىنداشلارنى ئەيىبلىمەڭلار

1ئېتىقادى ئاجىز قېرىندىشىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار*، ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. 2بەزى ئېتىقادچىلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن بەزىلەرنىڭ ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش يېمەيدۇ. 3ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار گۆش يېمەيدىغانلارنى كەمسىتمىسۇن، ھەمدە گۆش يېمەيدىغانلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارغا ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغاندۇر. 4سەن باشقىلارنىڭ خىزمەتكارىغا ھۆكۈم قىلغۇدەك كىم ئىدىڭ؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا خوجايىنى ھۆكۈم قىلسۇن. خىزمەتكار چوقۇم ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدۇرۇشقا قادىردۇر.

5بەزىلەر مەلۇم كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،* يەنە بەزىلەر ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشتا ھەركىم ئۆز ۋىجدانى بويىچە قارار چىقارسۇن. 6بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار يېگەن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ. 7ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ياشىمايمىز ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئۆلمەيمىز. 8بەلكى ياشىساقمۇ رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز، ئۆلسەكمۇ رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. قىسقىسى، قانداقلا بولساق، رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. 9ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى. 10ئۇنداقتا، گۆش يېمەيدىغان سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان قېرىندىشىڭغا ھۆكۈم قىلىسەن؟ ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان سەنمۇ نېمە ئۈچۈن گۆش يېمەيدىغان قېرىندىشىڭنى كەمسىتىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن؟ 11بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

‹مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى،

پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ،

پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.›»

 

12دېمەك، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ھېساب بېرىمىز.

ھەربىر ئادەم ۋىجدان بىلەن ياشىشى كېرەك

13شۇنىڭ ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە ھۆكۈم قىلىشنى توختىتايلى. ئەكسىچە، قېرىنداشلىرىمىزغا توسالغۇ بولماسلىققا ياكى ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاش بولماسلىققا نىيەت قىلايلى. 14رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىك ھارام ئەمەستۇر. لېكىن مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر. 15ئەگەر سىلەر يېمەكلىك سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان بولساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. 16شۇنداق بولغاندا، سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشىڭلاردا تەنقىدكە ئۇچرىمايسىلەر. 17چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش مۇھىم بولماستىن، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر. 18بۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

19شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 20يېمەكلىك سەۋەبىدىن خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس ئەمەستۇر. 21شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىشىڭلار، شاراب ئىچىشىڭلار، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتسا، بۇ ئىشلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك. 22سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا بولسۇن. ئۆزىنىڭ توغرا دەپ قىلىۋاتقان ئىشىدا ئۆزىنى ئەيىبلىمىگەن ئادەم نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 23لېكىن بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغاندۇر. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.

15

ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىمايلى

1ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنىلا قانائەتلەندۈرۈشنى ئويلىماستىن، بەلكى ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. 2ھەممىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشايلى. 3ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى باستى مېنىڭ ئۈستۈمنى.» 4مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان ھەممە سۆزلەر بىزنىڭ تەلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغاندۇر. بىز مۇقەددەس يازمىلار ئاتا قىلىدىغان سەۋر-تاقەت ۋە تەسەللى ئارقىلىق ئۈمىدكە ئىگە بولىمىز. 5سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي. 6شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەت بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغلىغايسىلەر.

بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار

7ئەيسا مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىسىلەر. 8سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ راستچىل ۋە ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى. 9ئەيسا مەسىھ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيەلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ياڭرىتىمەن نامىڭغا» دېگىنىدەك بولدى. 10مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا ئەللەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىرگە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا، 11يەنە بىر يېرىدە: «ئەي ئەللەر، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئەي پۈتكۈل خەلقلەر، ئالقىشلاڭلار خۇدانى» دېيىلگەن. 12يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:

 

«يىشاينىڭ* ئەۋلادلىرىدىن بىرى چىقىپ،

باشقا ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»

 

13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! شۇنىڭ بىلەن سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولىسىلەر.

پاۋلۇسنىڭ ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى

14قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا ۋە بىلىمگە تولغانلىقىغا، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلالايدىغانلىقىڭلارغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن. 15شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ئىشلارنى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سېلىش ئۈچۈن بۇ خېتىمنى جۈرئەتلىك ھالدا ئوچۇق يازدىم. مەن خۇدانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىلەن 16يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن ئەيسا مەسىھكە خىزمەتكار بولدۇم. خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە خۇددى روھانىيلار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلغاندەك خىزمەت قىلىۋاتىمەن. خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە خۇداغا سۇنۇلىدۇ.

17شۇڭا ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. 18‏-19يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ئىشلار ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن ئىللىرىكۇم ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.

20باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىپ سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم. 21بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىگە بولمىغانلار ئۇنى تونۇيدۇ، خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى

22يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا مۇشۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم. 23‏-24ھازىر بۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا مەن ئىسپانىيەگە بېرىش سەپىرىمدە يول ئۈستىدە سىلەرگە يولۇققاچ، سىلەر بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرماقچىمەن. ئاندىن سىلەرنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 25بىراق ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا ئىئانىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. 26چۈنكى ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق كۆرگەنىدى. 27ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭمۇ قەرزى ئىدى. چۈنكى يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارغا خاس بولغان روھىي جەھەتتىكى بەختتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىشكە لايىقتۇر. 28مەن بۇ ئىئانىنى ئۇلارغا تىنچ-ئامان تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە يولۇقۇپ، ئاندىن ئىسپانىيەگە بارىمەن. 29ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ.

30قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭلاردىن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر. 31مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىم ۋە مەن ئالغاچ بارىدىغان بۇ ئىئانىنى يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. 32شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا بۇيرۇسا، شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىرگە خاتىرجەم ئارام ئالالايمەن. 33ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ھەممىڭلارغا يار بولغاي، ئامىن!

16

پاۋلۇسنىڭ سالىمى

1كېنھېرىيە شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تونۇشتۇراي. 2سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، ئۇنى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان.

3ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا ۋە يولدىشى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر. 4ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان بارلىق ئېتىقادچىلار جامائىتىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر. 5ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر.

ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان قەدىرلىك ئېپەنىتۇسكە سالام ئېيتقايسىلەر. 6سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. 7زىنداندا مەن بىلەن بىرگە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم بولغان ئاندرونىكۇس ۋە يۇنىيە خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار ئەلچىلەر ئارىسىدا تونۇلغانلار بولۇپ، مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندۇر.

8رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتۇسقا سالام ئېيتقايسىلەر. 9ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە قەدىرلىك ستاخىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. 10سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 11يەھۇدىي قېرىندىشىم ھىرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.

12رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. 13رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. 14ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھېرمىس، پاتروۋاس، ھېرماس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 15فىلولوگۇس ۋە يۇليا خانىمغا، نېرىيۇس ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان بارلىق ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 16بىر-بىرىڭلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىڭلار. بۇ يەردىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممە جامائەتتىن سىلەرگە سالام.

ئاخىرقى نەسىھەت

17قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 18بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ. 19سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 20ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئېزىپ، ئايىغىڭلار ئاستىغا تاشلايدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.

21خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكىيوس، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام. 22(ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان مەنكى تېرتىيۇسمۇ رەببىمىزنىڭ يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.) 23ماڭا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتۇستىنمۇ سىلەرگە سالام. { 24رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!}

دۇئا ۋە مەدھىيە

25ئېتىقادىڭلارنى مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ۋە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى تەلىم ئارقىلىق مۇستەھكەملەيدىغان خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! بۇ خۇش خەۋەر قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر. 26ئەمدى بۇ سىرنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىشى بارلىق ئەللەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. 27بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


1: 17 ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىش _ پۈتكۈل ئىنسان گۇناھكار بولۇپ، ھېچكىم ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنالمايدۇ. لېكىن بىر ئادەمنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلۈپ، خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن يارىشىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىدۇ.

7: 8 پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە گۇناھنى خۇددى مەخلۇقلاردەك جانلاندۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، گۇناھ ئىنسانلارنى مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

9: 33 سىئون _ قەدىمكى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولغان يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر.

11: 4 بائال _ بىر خىل قەدىمكى بۇتنىڭ نامى.

14: 1 ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ۋە باشقا ھەر خىل غەيرىي دىنلارغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى خۇدانى «خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەكلىك جەھەتتە قاتتىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلاتتى. لېكىن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلاردا يېمەكلىك جەھەتتە بۇنداق قاتتىق قائىدىلەر يوق ئىدى. بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى «ئەركىنلىك»نى تولۇق چۈشەنمىگەچكە، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلدى. پاۋلۇس مۇنداق ئېتىقادچىلارنى «ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلار» دەپ ئاتىدى.

14: 5 ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايتتى.

15: 12 يىشاي _ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى.