پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت
1
1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى سىلەرنى بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلدى. 2سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇغاندا، خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
3بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق چاقىرغان خۇدا بىزگە ئۆزىنى تونۇتتى ۋە بىزنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ياشىشىمىزغا ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. 4بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقىدىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىدىن بەھرىمەن بولالايمىز. 5شۇڭا سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى، 6بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى، 7ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىرىڭلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلىرىڭلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار. 8چۈنكى سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەر ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ تولۇقلانسا، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلاردا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئىگە بولىسىلەر. 9بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان كىشىگە ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاكلانغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.
10ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر. 11قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.
12گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن، ھەمدە ئۆزۈڭلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولساڭلارمۇ، بۇ ئىشلارنى ھەر دائىم ئېسىڭلارغا سېلىشنى خالايمەن.
13ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. 14چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. 15شۇڭا سىلەرنىڭ مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلارنى ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىش
16بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. 17ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 18شۇ چاغدا بىز مۇقەددەس تاغدا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە بولغاچقا، ئەرشتىن كەلگەن بۇ ئاۋازنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق.* 19شۇنىڭ بىلەن بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ سۆزلەرگە ناھايىتى ياخشى قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى بولغان ئەيسا مەسىھ قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ. 20سىلەر ئەڭ ئاۋۋال شۇنى بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەستۇر. 21چۈنكى ھېچقانداق ھەقىقىي پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن بېشارەت بەرگەن ئەمەس. بۇ پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندۇر.
2
ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر
1بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلاردا يوشۇرۇن تارقىتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىگىمىزنىمۇ رەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ. 2نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ھەقىقەتنىڭ يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. 3ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى ئاچكۆزلۈك بىلەن تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەييارلانغاندۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
4خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى ئۇلارنى دوزاخقا تاشلىدى، يەنى سوراق كۈنى كەلگۈچە ئۇلارنى كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا سولاپ قويدى. 5خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغان ئىنسانلارنىمۇ ئاياپ قويمىغانىدى. خۇدا ئۇلارنى جازالاپ، دۇنيانى توپانغا غەرق قىلدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى. 6خۇدا كېيىن يەنە سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى. خۇدا مۇشۇنداق جازالار ئارقىلىق گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىقىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت قىلدى. 7لېكىن خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزدى. 8(قەلبى دۇرۇس بولغان لۇت ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلىناتتى.) 9بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن كۈلپەتلەردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى بىلىدۇ. شۇنداقلا، خۇدا گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى سوراق كۈنىگىچە قالدۇرۇشنى، 10بولۇپمۇ شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ، خۇدانىڭ ھوقۇقىغا سەل قارىغان ھېلىقى ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى قانداق جازالاشنى بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، مەغرۇرلارچە ئىش قىلىدۇ ھەم ساماۋى زاتلارغا ھاقارەت قىلىشتىن قورقمايدۇ. 11گەرچە پەرىشتىلەر كۈچ-قۇدرەتتە بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئالدىدىكى ساماۋى زاتلارنى قوپال سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىمەيدۇ. 12لېكىن بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋانلاردەك تۇغما ئاڭسىزدۇر. ئۇلار خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك ھالاك بولىدۇ. 13بۇ كىشىلەر باشقىلارغا قىلغان ناھەقچىلىكىگە لايىق جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ كىشىلەر سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، سىلەرنى ئالدىغانلىقىدىن زوقلىنىدۇ. ئۇلار سىلەرنى شەرمەندە قىلىدۇ ۋە نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ. 14ئۇلارنىڭ كۆزلىرى زىنا ھەۋەسلىرى بىلەن يانغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر. 15ئۇلار توغرا يولنى تاشلاپ، خاتا يولغا كىردى. ئۇلار ناھەقچىلىكتىن پايدا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ ئىزىدىن ماڭدى. 16بىلئام گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئېشىكى زۇۋانغا كېلىپ، بۇ «پەيغەمبەر»نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.
17ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلارغا ۋە گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان قويۇق قاراڭغۇلۇق ساقلاپ تۇرىدۇ. 18چۈنكى ئۇلار دەبدەبىلىك يالغان سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ماختاپ، خاتا يولدىن يېڭىلا پۇتىنى تارتقان كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. 19ئۇلار ئازغانلارغا: «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. 20قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلغان بىر كىشى ناپاك ئىشلارغا قايتىدىن كىرىپ قېلىپ، ناپاكلىقنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى دەسلەپكى ئەھۋالىدىنمۇ ناچار بولىدۇ. 21ھەققانىيلىق يولىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى زادىلا بىلمىگەن ياخشى. 22بۇنداق ئادەملەرگە مانا بۇ ماقال توغرا كېلىدۇ: «ئىت ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «يۇيۇلغان چوشقا چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.»
3
رەببىمىزنىڭ كېلىدىغان كۈنى
1قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھازىر سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە بۇ ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى توغرا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە تىرىشتىم. 2مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىمىز بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئەلچىلەر ئارقىلىق بەرگەن ئەمرلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلارنى سورايمەن.
3ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاخىر زاماندا ئۆزىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، سىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ. 4ئۇلار سىلەرنى: «رەببىڭلار مەن قايتىپ كېلىمەن دېگەنىدىغۇ، ئۇ قېنى؟ ئۇ قايتىپ كەلمىدىغۇ! ئەجدادلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار ئوخشاشتۇر. دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. 5ھالبۇكى، ئۇلار ئاسماننىڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى، زېمىننىڭ سۇدىن، يەنى سۇلار ئارىسىدىن پەيدا بولغانلىقىنى قەستەن ئۇنتۇشىدۇ. 6خۇدا دەل شۇ سۇ بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى. 7لېكىن ئاسمان ۋە زېمىن خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى كەلگەندە، خۇدا دۇنيانى كۆيدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلارنى يوقىتىدۇ.
8قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. 9رەببىمىز بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرمىدى، بەلكى سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈلۈك ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.
10رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ. 11ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشايدىغان ۋە خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك. 12سىلەر قىيامەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈڭلار. ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىڭلار. ئۇ كۈن كەلگەندە، پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ. 13لېكىن بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.
14شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، يېڭى ئاسمان-زېمىننى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە قۇسۇرسىز ياشاشقا، ھەمدە خۇدا بىلەن بولغان ئىناقلىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭلار. 15رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى كۆپ ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى دەپ بىلىڭلار. بۇ مەزمۇنلار دەل قەدىرلىك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن سىلەرگە يازغان خەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئوخشاشتۇر. 16ئۇ بارلىق خەتلىرىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغاندۇر. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى جايلار بار. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمى ئاز ۋە ئېتىقادى ئاجىز كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بۇرمىلىغاندەك، ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان جايلارنىمۇ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
17قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلاردىن ۋاز كەچمەڭلار. 18ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق چىڭىيىپ ماڭسۇن.
بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!
1: 18 بۇ ۋەقە «مەتتا» 17: 1 _ 9-ئايەتلەردە تولۇق بايان قىلىنغان.
