پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت

1

1ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدىكى خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى ۋە مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق پاكلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ھاياتلىق ئۈمىدى

3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيەلەر بولغاي! ئۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق بىزنى چەكسىز رەھىمدىللىكى بىلەن قايتىدىن تۆرەلدۈردى ۋە بىزگە ئۆچمەس بىر ئۈمىد ئاتا قىلدى. 4بىزنى ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس ۋە سولماس مىراس ساقلىماقتا. 5ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىدىغان بۇ مىراستىن، يەنى قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئامان ساقلايدۇ. ئېتىقادىڭلار سەۋەبىدىن ئۇ سىلەرنى قوغدايدۇ. 6شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر سىلەر ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان بولساڭلارمۇ، يەنىلا شاد-خۇرام ياشاۋاتىسىلەر. 7سىلەرنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبىتىڭلار ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىپ، ساپلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ھەتتا يوقىلىدىغان ئالتۇنمۇ ئوتتا تاۋلىنىپ ساپ بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بولسا ئالتۇندىن مىڭ ھەسسە قىممەتلىكتۇر. ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، سىناقتىن ئۆتكەن ئېتىقادىڭلار سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. 8سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمىدىڭلار، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا قەلبىڭلاردا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىق بار. 9چۈنكى سىلەر ھازىر ئېتىقادىڭلارنىڭ ئىنامى بولغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.

10بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان، ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. 11ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچىنىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 12پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.

پاك ياشاش

13شۇڭا ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار. پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە باغلاڭلار. 14خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. 15ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر. 16خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن» دېگەن.

17سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارايدىغان ۋە ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. 18چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇڭلار. بۇ قۇتۇلۇش قىممىتى يوقىلىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ بەدىلىگە ئەمەس، 19بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن بېجىرىم قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. 20ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن تاللانغاندۇر. ئۇ بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى. 21سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ئاتا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغاندۇر.

22سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قەلبىڭلار پاكلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. 23چۈنكى سىلەر قايتىدىن تۆرەلدىڭلار. بۇ يېڭى ھايات ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان سۆزى ئارقىلىق بولدى. 24بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«پۈتكۈل ئىنسان گويا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.

ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىدۇ،

25لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ!»

 

بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدۇر.

2

1شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار. 2‏-3سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ساپ سۈتكە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ ساپ روھىي سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولىسىلەر.

4ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى تاللىدى ۋە قەدىرلىدى. شۇڭا سىلەر ئەيسا مەسىھكە يېقىنلىشىڭلار. 5شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. شۇنداقلا، سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر. 6بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«قاراڭلار، تاللانغان بىر قىممەتلىك ئۇل تېشىنى سىئونغا* قويىمەن.

ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»

 

7‏-8بۇ ئۇل تېشى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان سىلەر ئۈچۈن قىممەتلىكتۇر. لېكىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەكتۇر:

 

«كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،

لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.»

 

ئۇ «ئادەملەر پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بىر تاش»تۇر.

 

ئۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بەلگىلەنگەن.

9لېكىن سىلەر خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، ئۇنىڭ مۇقەددەس خەلقى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئەلدۇرسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن سىلەرنى تاللىدى. 10بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار، لېكىن ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار.

خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇڭلار

11قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار. 12ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.

13‏-14رەببىمىزنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھوقۇقدارلارغا، يەنى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقدار بولغان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا بويسۇنۇڭلار. بۇ ھوقۇقدارلار يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازالاش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر. 15خۇدا سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشنى ئىرادە قىلغاندۇر. 16سىلەر ئەركىن ياشاڭلار، لېكىن بۇ ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇڭلار، 17بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.

ئەيسا مەسىھ سەۋر قىلىشنىڭ ئۈلگىسىدۇر

18ئەي قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. سىلەر ياخشى ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىمۇ، شۇنداقلا قاتتىق قول خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. 19سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ئىشنى قىلساڭلار ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان ناھەق ئازابلارغا سەۋر-تاقەت قىلساڭلار، خۇدا سىلەردىن رازى بولىدۇ. 20ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تارتىلغان تېگىشلىك جازاغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختىنىدىغان نېمىسى بولسۇن؟! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىسىلەر. 21خۇدا سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك بولسىمۇ، ياخشىلىق قىلىشقا چاقىردى. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، سىلەرگە ئۈلگە بولدى. 22مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ھېچقانداق يالغان سۆزلىمىگەن» دەپ يېزىلغاندۇر. 23ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ھاقارەت بىلەن جاۋاب قايتۇرمايتتى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىسىمۇ، ھېچكىمگە تەھدىتلىك سۆزلەرنى قىلمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى. 24ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، شۇنداقلا ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. 25چۈنكى بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.

3

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت

1ئەي ئاياللار، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر سىلەرنىڭ پەزىلىتىڭلاردىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 2چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پەزىلىتىڭلارنى كۆرىدۇ.

3سىلەر چېچىڭلارنى ئالاھىدە ياسىۋېلىش، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىۋېلىش، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىۋېلىش قاتارلىق تاشقى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بەرمەستىن، 4بەلكى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىك قاتارلىق قەلب گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىڭلار. چۈنكى قەلب گۈزەللىكى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. 5بۇرۇنقى چاغلاردا ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق قەلب گۈزەللىكى بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. 6مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇنغانىدى. سىلەرمۇ ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.

7ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا ئۇلارغا ئېتىبار بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.

ھەققانىيلىق ئۈچۈن ئازاب چېكىش

8يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار. 9يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، بەلكى بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. 10بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«كىمكى ئىستىسە ھاياتنى سۆيۈشنى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،

تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن،

چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

11يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق.

12پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا،

جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا.

يۈز ئۆرۈر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن.»

 

13ئەگەر سىلەر ياخشى ئىشلارنى دائىم قىزغىنلىق بىلەن قىلساڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلىدۇ؟! 14سىلەر ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، يەنىلا بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. 15ئۇنىڭ ئورنىغا رەببىمىز ئەيساغا قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. 16جاۋابىڭلار مۇلايىم ۋە ھۆرمەت بىلەن بولسۇن. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار. سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. 17ئەگەر ئازاب چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر. 18ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. ئۇنىڭ بىر قېتىملا قۇربان بولۇشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇ قۇربان بولدى، لېكىن يېڭى ھايات بىلەن تىرىلدى. 19شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى جاكارلىدى. 20بۇ روھلار قەدىمكى زاماندا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. خۇدا سەۋرچان بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇھنىڭ كېمىنى ياساپ پۈتتۈرۈشىنى ساقلىدى. نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان كېمىدە پەقەت بىرقانچە كىشى، يەنى سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلار سۇنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلدى. 21بۇ بىزنىڭ ھازىرقى قۇتۇلۇشىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى ئىدى. چۆمۈلدۈرۈلۈش بەدەندىكى كىرنى تازىلاش بولماستىن، بەلكى پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا ۋەدە بېرىشتۇر. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ. 22تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.

4

خۇدا يولىدا ياشاش

1ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ. 2بۇنداق كىشى كېيىنكى ھاياتىنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ياشاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. 3سىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ياشىغىنىڭلار يېتەر. سىلەر بۇرۇن بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، شارابخورلۇق، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا ۋە رەزىل بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار. 4خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. 5لېكىن ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغان خۇداغا ھېساب بېرىدۇ. كەلگۈسىدە خۇدا پۈتكۈل ئىنساننى، مەيلى تىرىكلەر ياكى ئۆلگەنلەر بولسۇن، سوراق قىلىدۇ. 6شۇ سەۋەبتىن خۇدا ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلار ئۆلمەستىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەنىدى. نەتىجىدە، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار گەرچە جىسمانىي جەھەتتە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن ياشايدۇ.

خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى

7دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار. 8ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار. چۈنكى نۇرغۇن گۇناھلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇيۇلىدۇ. 9بىر-بىرىڭلارنى ئوچۇق چىراي بىلەن مېھمان قىلىڭلار. 10خۇدا ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلغان خىلمۇخىل قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. 11كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەربىر ئىشىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيەگە ئىگە بولىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئېتىقادچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر قىلىشى

12قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار. 13ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر. 14ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بۇنى بەخت دەپ بىلىڭلار! بۇ ئۇلۇغ روھنىڭ، يەنى خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 15ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 16لېكىن ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيەلىسۇن. 17چۈنكى سوراق ۋاقتى كېلەي دەپ قالدى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناش بىلەن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ 18بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا،

خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»

 

19شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر جېنىنى ئىشەنچلىك ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسۇن.

5

يېتەكچىلەر ۋە ياشلارغا قىلىنغان نەسىھەت

1ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى، ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە نامايان بولىدىغان شان-شەرەپتىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، 2قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى شەخسىي مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىش ئىشتىياقىڭلار بىلەن قىلىڭلار. 3سىلەرگە ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالماڭلار، ئەكسىچە جامائەتكە ئۈلگە بولۇڭلار. 4شۇنداق قىلساڭلار، قويچىلارنىڭ قويچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، نۇرى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئىگە بولىسىلەر.

5ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كىچىك پېئىللارغا» دەپ يېزىلغاندۇر. 6ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

8سەگەك ۋە ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ. 9سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ. 10سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندىن كېيىن، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان ۋە سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدا سىلەرنى ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرغۇزىدۇ، مۇستەھكەم قىلىدۇ، كۈچلەندۈرىدۇ ۋە مەزمۇت قىلىدۇ. 11بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

12مەن خۇدا يولىدىكى سادىق قېرىندىشىم سىلاسنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يازدىم. بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. سىلەر بۇ مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ ياشاڭلار.

13سىلەرگە ئوخشاش خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان بابىلدىكى* ئېتىقادچىلار جامائىتىدىن ۋە خۇدا يولىدىكى ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام. 14بىر-بىرىڭلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىڭلار.

ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق يار بولغاي!


2: 6 سىئون _ قەدىمكى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولغان يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.

5: 13 بابىل _ رىم شەھىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدا مەخپىي ھالدا بابىل دەپ ئاتىلاتتى.