پادىشاھلار 2
1
ئىلياسنىڭ ئاخازيانىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى
1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئابلار ئىسرائىلىيەدىن يۈز ئۆرۈدى.
2بىر كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پادىشاھى ئاخازيا سامارىيە شەھىرىدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقرون شەھىرىنىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزىنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى.
3شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ 4پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن.
شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى.
5ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن:
_ سىلەر نېمىشقا شۇنچە تېز قايتىپ كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. 6ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى:
_ يولدا بىر ئادەم بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىزگە مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھىڭلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار: ‹سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!›»
7پادىشاھ ئۇلاردىن:
_ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ گەپلەرنى قىلغان قانداق ئادەم ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 8ئۇلار پادىشاھقا:
_ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ:
_ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.
9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى بېرىپ، بىر تۆپىلىكتە ئولتۇرغان ئىلياسقا:
_ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى تۆپىلىكتىن پەسكە چۈشسۇن دەيدۇ، _ دېدى. 10ئىلياس ئەللىكبېشىغا:
_ ئەگەر مەن راستتىنلا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى ئەللىك ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى.
دېگەندەك ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
11شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى ئىلياسقا:
_ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «تۆپىلىكتىن دەرھال چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى. 12ئىلياس ئۇلارغا:
_ ئەگەر مەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى ئەللىك ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى.
بۇ قېتىممۇ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ:
_ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ئۆتۈنەي، ماڭا ۋە ئادەملىرىمگە ئىچلىرى ئاغرىسۇن، جېنىمىزنى ساقلاپ قالغايلا. 14ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ماڭا ئىچلىرى ئاغرىسۇن، _ دېدى. 15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلياسقا:
_ ئۇنىڭ بىلەن تۆپىلىكتىن چۈشكىن، ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، _ دېدى.
ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. 16ئىلياس پادىشاھقا:
_ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە سەن سورايدىغانغا خۇدا يوقمۇ!؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!» _ دېدى.
17دەرۋەقە پادىشاھ ئاخازيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، ئىنىسى يورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. بۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. يىھورام يىھوشافاتنىڭ ئوغلى ئىدى. 18پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
2
خۇدانىڭ ئىلياسنى ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى
1پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى. 2ئىلياس ئېلىشاغا:
_ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى.
3بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى* ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئېلىشادىن:
_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا:
_ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
4ئىلياس ئېلىشاغا:
_ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى.
5ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:
_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا:
_ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
6ئىلياس ئېلىشاغا:
_ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. ئېلىشا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى.
7پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئەللىك ئادەم ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسى بويىدا توختىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلاردىن نېرىراق يەردە تۇختاشتى. 8ئىلياس تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ، دەريادىن ئۆتتى. 9ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئېلىشادىن:
_ نېمە تەلىپىڭ بار؟ مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا:
_ تۇنجى ئوغۇلغا مىراسنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلگەندەك، ماڭىمۇ سىلىگە چۈشكەن روھنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلسە، مەن سىلىنىڭ ئىز باسارلىرى بولسام، _ دېدى. 10ئىلياس:
_ تىلىگىنىڭ قىيىن بىر ئىش. ئەگەر يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلگىنىمنى كۆرسەڭ، تىلىگىنىڭ ساڭا نېسىپ بولىدۇ. كۆرمىسەڭ، نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.
11ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. 12ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ:
_ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى.
ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.
13ئېلىشا ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان توننى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ باردى. 14ئۇ ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن تون بىلەن سۇنى ئۇرۇپ:
_ ئى پەرۋەردىگار، ئىلياس ئېتىقاد قىلغان خۇدا، سەن قەيەردە؟ _ دەپ نىدا قىلدى.
شۇ ھامان سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېلىشا دەريادىن ئۆتتى.
15بۇ ئىشنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان ئېرىخادىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر جامائىتى:
_ ئىلياسنىڭ روھى ئېلىشاغا چۈشۈپتۇ! _ دېيىشكىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە باشلىرىنى يەرگە قويۇپ، تەزىم قىلىشتى. 16ئۇلار ئۇنىڭغا:
_ بۇ يەردە خىزمەتكارلىرىدىن ئەللىك پالۋان تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرىنى ئىزدىشىگە رۇخسەت قىلغايلا. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇ زاتنى كۆتۈرۈپ، بىرەر تاغ ياكى بىرەر جىلغىغا چۈشۈرۈپ قويدىمىكىن، _ دېيىشتى. ئېلىشا:
_ ياق، ئادەم ئەۋەتىپ يۈرمەڭلار، _ دېدى.
17ئەمما ئۇلار ئۇنى تولا قىستاۋەرگەنلىكتىن ئۇ خىجالەت بولۇپ:
_ بوپتۇ، ئەۋەتىڭلار! _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللىك ئادەم ئەۋەتىپ، ئۈچ كۈن ئىزدەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلياسنى تاپالمىدى. 18ئاخىر ئۇلار ئېرىخادىكى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتتى. ئۇ ئۇلارغا:
_ مەن سىلەرگە بارماڭلار دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.
ئېلىشانىڭ ئېرىخا شەھىرىدىكى بۇلاقنى پاكلىشى
19ئېرىخا شەھىرىدىكى كىشىلەر ئېلىشاغا:
_ ئەي ئۇستاز، مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىلا، بۇ شەھەر ئوبدان يەرگە جايلاشقان، شۇغىنىسى سۈيى ناچار، تۇپرىقى قاقاستۇر، _ دېيىشتى. 20ئېلىشا ئۇلارغا:
_ سىلەر بىر يېڭى قاچىدا تۇز ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
ئۇلار تۇزنى ئېلىپ كېلىشتى. 21ئېلىشا بۇلاق بېشىغا بېرىپ، تۇزنى بۇلاققا تۆكۈپ:
_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن بۇ سۇنى پاكلىدىم. بۇ سۇ ئەمدى ھەرگىز جانغا زامىن بولمايدۇ ھەم تۇپراقنى شورلاشتۇرمايدۇ، _ دېدى.
22سۇ خۇددى ئېلىشا ئېيتقاندەك شۇنىڭدىن بېرى پاكتۇر.
بالىلارنىڭ ئېلىشانى مازاق قىلىشى
23ئېلىشا ئېرىخادىن بەيتەلگە ماڭدى. شۇ چاغدا شەھەردىن بىر توپ بالىلار چىقىپ: «كېتە تاز، كېتە تاز!» دەپ زاڭلىق قىلىشتى. 24ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا جاڭگالدىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42سىنى تىتىپ تاشلىدى. 25ئېلىشا ئۇ يەردىن چىقىپ، كارمەل تېغىغا باردى. ئاندىن كارمەل تېغىدىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.
3
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام
1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭكىگە يەتمەيتتى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان بائالنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى كۆزدىن يوقاتقان بولسىمۇ، 3لېكىن ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىغا چىڭ چاپلىشىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇردى.
موئاب بىلەن بولغان جەڭ
4موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلاننى ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان ھېسابىدا تاپشۇراتتى. 5ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئاب پادىشاھى مېشا پادىشاھ يورامدىن يۈز ئۆرۈدى. 6شۇ چاغدا پادىشاھ يورام سامارىيەدىن چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى جەم قىلدى. 7ئاندىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات بىلەن كۆرۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ: «موئاب پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. سىلى مەن بىلەن بىرلىكتە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقاملا؟» دەپ سورىدى.
پادىشاھ يىھوشافات ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچۇر ئەۋەتتى ۋە: «سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، دەپ بىلگەيلا. 8سىلىچە، بىز قايسى يول بىلەن ھۇجۇم قىلساق بولار؟» دەپ سورىدى. يورام: «ئىدوم چۆلىدىكى يول بىلەن بارايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى.
9شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالمىدى. 10ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام:
_ ھەي ئىسىت! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ يىغقانىكەن-دە، _ دېدى. 11لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات:
_ بۇ يەردە بېشارەت سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ:
_ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى. 12پادىشاھ يىھوشافات:
_ ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزەلەيدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى ئېلىشانىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى باردى. 13ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا:
مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىز ۋە ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى. لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا:
_ بۇنداق دېمەڭ، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى يىغىپ، موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمەكچى، _ دېدى. 14ئېلىشا:
_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، سىزگە قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم. 15بوپتۇ، ئەمدى سىلەر مېنىڭ يېنىمغا بىر سازەندە باشلاپ كېلىڭلار، _ دېدى.
سازەندە ساز چېلىۋاتقىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئېلىشاغا چۈشتى. 16ئۇ ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جىلغىنىڭ ھەممە يېرىگە خەندەك قېزىڭلار، 17گەرچە سىلەر شامال چىققىنىنى ياكى يامغۇر ياققىنىنى كۆرمىسەڭلارمۇ، لېكىن بۇ جىلغا ئۆزۈڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلارغا يەتكۈدەك سۇغا تولىدۇ». 18پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. 19سىلەر بارلىق مۇستەھكەم ۋە ئاۋات شەھەر-قەلئەلەرنى ۋەيران قىلىسىلەر، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىۋېتىسىلەر، بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇۋېتىسىلەر، بارلىق مۇنبەت ئېتىزلارنى تاشلار بىلەن خاراب قىلىۋېتىسىلەر، _ دېدى.
20ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتىدا سۇ ئىدوم تەرەپتىن كەلدى، ھەممە يەر سۇغا تولدى.
21موئاب خەلقى پادىشاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلغىلى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قورال-ياراغ كۆتۈرەلەيدىغان چوڭ-كىچىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرادا تۇرۇشتى. 22ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، كۈن نۇرى سۇ يۈزىدە يالتىرايتتى. شۇڭا ئۇلارغا سۇ يىراقتىن خۇددى قىپقىزىل قاندەك بولۇپ كۆرۈندى. ئۇلار:
23_ بۇ قانغۇ، ئۈچ پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشۇپ، بىر-بىرىنى قىرىشقان ئوخشىمامدۇ؟ ئەي موئابلار، ئەمدى بىز ئولجا ئالغىلى بارايلى! _ دېيىشتى.
24لېكىن موئابلار ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىغا كەلگەندە، ئىسرائىللار ئۇلارغا زەربە بەردى. موئابلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قېچىشتى. ئىسرائىللار موئابلارنى قوغلاپ، سۈر-توقاي قىلىشتى. 25ئىسرائىللار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىدى. پەقەت سېپىللىرى تاشتىن سوقۇلغان قىرخەرەس شەھىرىلا قالدى. سالغا ئاتقۇچىلار بۇ شەھەرنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلىشتى. 26موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق لەشكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 27شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان چوڭ ئوغلىنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللار چوڭ بىر غەزەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، شەھەرنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا قايتىپ كېتىشتى.
4
زەيتۇن يېغىنىڭ بەرىكەتلىنىشى
1پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەردىن بىرىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى ئەمدىلىكتە ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى. 2ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ مەن سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ ئېيتىڭە، ئۆيىڭىزدە نېمىڭىز بار؟ _ دېدى. ئايال:
_ مەن ئاجىزەلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر كوزا زەيتۇن يېغىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، _ دېدى. 3ئېلىشا:
_ سىز چىقىپ، قولۇم-قوشنىلىرىڭىزدىن قۇرۇق كوزا ئۆتنە ئېلىپ كېلىڭ، كۆپرەك بولسۇن. 4ئاندىن ئوغۇللىرىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزگە كىرىپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىڭ-دە، كوزىلارغا يېغىڭىزدىن قۇيۇڭ، لىق تولغان كوزىلارنى بىر چەتكە قويۇڭ، _ دېدى.
5ئۇ ئايال ئېلىشانىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئەتتى. بالىلىرى قۇرۇق كوزىلارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ تۇردى، ئاپىسى ياغ قۇيدى. 6كوزىلار توشقاندا، ئۇ ئوغلىغا:
_ يەنە بىر كوزا سۇنۇپ بەر، _ دېدى. ئوغلى:
_ ئەمدى كوزا قالمىدى، _ دېدى.
ياغ ئېقىشتىن توختىدى. 7ئايال چىقىپ، بۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا خەۋەر قىلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ ياغلارنى سېتىپ، قەرزىڭىزنى تۆلەڭ. ئاشقان پۇل بىلەن تىرىكچىلىك قىلساڭلار بولىدۇ، _ دېدى.
شۇنېملىق ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى
8بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا قاتتىق تۇتۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە، شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى.
9ئۇ ئايال ئېرىگە:
_ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 10بىز ئۆگزىمىزگە كىچىك بىر ئۆي سېلىپ، تۆشەك، ئۈستەل، ئورۇندۇق ۋە چىراغ تەييارلاپ بېرەيلى. ئۇ قاچان بىزنىڭكىگە كەلسە، شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، _ دېدى.
11بىر كۈنى ئېلىشا ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆگزىدىكى ئۆيگە چىقىپ ياتتى. 12ئېلىشا خىزمەتكارى گېخازىغا:
_ سەن ئۇ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. خىزمەتكارى ئۇ ئايالنى چاقىرىپ كەلدى. 13ئېلىشا خىزمەتكارىغا:
_ سەن ئۇ ئايالدىن: «سىز بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدىڭىز. بىز سىزگە نېمە قىلىپ بېرەيلى؟ سىزگە ۋاكالىتەن پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەركەردىسىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىرەر گەپ بارمۇ؟» دەپ سورىغىن، _ دېدى. ئايال:
_ يوق، مەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، _ دېدى.
14كېيىن ئېلىشا گېخازىغا:
_ ئۇ ئايالغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولار؟ _ دېدى. گېخازى ئويلىنىپ:
_ ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىكەن، ئېرىمۇ قېرىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. 15ئېلىشا گېخازىغا:
_ ئۇ ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. گېخازى ئۇ ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىك ئالدىدا ھازىر بولدى. 16ئېلىشا ئايالغا:
_ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. ئايال:
_ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى.
17خۇددى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، كېيىنكى يىلى ئېلىشا ئېيتقان ۋاقتىدا بىر ئوغۇللۇق بولدى.
18بالا چوڭ بولۇپ، بىر كۈنى ئورمىچىلار بىلەن تۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى. 19ئۇ دادىسىغا:
_ ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم! _ دەپ ۋارقىرىدى.
دادىسى خىزمەتكارىغا:
_ بالىنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭلار، _ دېدى.
20خىزمەتكار بالىنى كۆتۈرۈپ، ئانىسىغا ئاپاردى. بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، چۈش بولغاندا جان ئۈزدى. 21ئايال بالىخانىغا چىقىپ، بالىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ تۆشىكىگە قويدى-دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. 22ئاندىن ئۇ ئېرىگە ۋارقىراپ:
_ ماڭا خىزمەتكارلاردىن بىرنى ۋە ئېشەكتىن بىرنى بەرسىلە، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي، _ دېدى. 23ئېرى ئۇنىڭغا:
_ يا يېڭى ئاي بايرىمى، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى:
_ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.
24ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇپ، خىزمەتكارىغا:
_ ئېشەكنى سەن تېز ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە ئاستىلاپ قالما، _ دېدى.
25ئۇلار يولغا چىقىپ، كارمەل تېغىدىكى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كەلدى.
ئېلىشا ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، خىزمەتكارى گېخازىغا:
_ ئەنە قارا، شۇنېملىق ئايال كېلىۋاتىدۇ! 26دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن: «تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز تىنچلىقمۇ؟ بالىڭىز تىنچلىقمۇ؟» دەپ سورىغىن، _ دېدى. ئايال ئېلىشانىڭ خىزمەتكارىغا:
_ ھەممىسى تىنچلىق، _ دېدى.
27ئاندىن ئايال تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى. 28ئايال:
_ مەن سىلىدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ مەن سىلىگە: «يالغان ئېيتمىغايلا» دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.
29ئېلىشا گېخازىغا:
_ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. بېرىپ، ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.
30ئايال ئېلىشاغا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 31گېخازى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويۇۋىدى، سادا چىقمىدى، ئىنكاسمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئېلىشاغا:
_ بالا ئويغانمىدى، _ دېدى.
32ئېلىشا ئۆيگە كەلگەندە، ئۆلگەن بالا ئېلىشانىڭ تۆشىكىدە ئىدى. 33ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا يالغۇز كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 34ئاندىن تۆشەككە چىقىپ، ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا، كۆزىنى بالىنىڭ كۆزىگە، ئالىقىنىنى بالىنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ، بالىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. 35ئاندىن ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، يەنە تۆشەككە چىقىپ، بالىنىڭ ئۈستىدە ياتتى. بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈرۈپ، ئاندىن كۆزىنى ئاچتى. 36ئېلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا:
_ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. گېخازى ئۇ ئايالنى چاقىردى. ئېلىشا ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئايالغا:
_ بالىڭىزنى ئېلىڭ، _ دېدى.
37ئايال ئېلىشانىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئېلىشانىڭ شورپىنى زەھەرسىزلەندۈرۈشى
38كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى.
بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا:
_ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا قىلىپ بەر، _ دېدى.
39بىرەيلەن دالاغا ئوتياش تەرگىلى ماڭدى. ئۇ ياۋا كاۋا پېلەكلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئېتەككە لىق كەلگۈدەك خەمەكلىرىنى تېرىپ ئەكېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى. لېكىن ھېچكىم بۇ خەمەكنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 40ئاندىن شورپا كىشىلەرگە ئۇسۇپ بېرىلدى. ئۇلار شورپىنى ئىچىپلا:
_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، قازاندا زەھەر بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىشىپ، شورپىنى ئىچمىدى. 41ئېلىشا:
_ ماڭا ئازراق ئۇن بېرىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۇ ئۇننى قازانغا چېچىپ:
_ ئەمدى ئۇسۇپ بېرىۋەر _ دېدى. بۇ چاغدا قازاندا زەھەر قالمىغانىدى.
يۈز ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى
42بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپىنىڭ ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا:
_ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى. 43خىزمەتكارى:
_ بۇ ئازغىنا يېمەكلىكنى يۈز ئادەمگە قانداقمۇ يەتكۈزەلەيمەن؟ _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا:
_ كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار: «ئۇلار تويىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.
44شۇنداق قىلىپ، خىزمەتكار يېمەكلىكلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ تويۇشتى، خۇددى پەرۋەردىگار ئېلىشاغا ئېيتقاندەك، ئېشىپمۇ قالدى.
5
ئېلىشانىڭ ئاررام سەركەردىسىنى ساقايتىشى
1ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. 2ئارراملار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چىققاندا، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن بىر كىچىك قىزنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. 3بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا:
_ بېگىم سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر بېگىمنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.
4پادىشاھ نائاماننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى. 5پادىشاھ:
_ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى.
نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى. 6ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا سۇندى. مەكتۇپتا: «مەن بۇ مەكتۇپنى خىزمەتكارىم نائاماندىن سىلىگە يوللىدىم، سىلى ئۇنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقايلا» دەپ يېزىلغانىدى.
7ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ:
_ مەن جان ئالىدىغان ياكى جان ئاتا قىلىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ بۇ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.
8خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياي» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.
9شۇنىڭ بىلەن نائامان جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. 10ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىدۇ ھەم پاكلىنىسەن» دېدى. 11نائامان غەزەپ بىلەن:
_ مەن تېخى ئۇنى چوقۇم يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئۆرە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، قولىنى كېسەل يەرنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرە كېسىلىمنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. 12دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا، مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دېگىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.
13خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:
_ بېگىم، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە باشقا بىر چوڭ ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغان بولاتتىلا. ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، يەتتە قېتىم سۇغا چۆمۈلدى. شۇنىڭ ئۇ پاكلىنىپ، تېرىسى خۇددى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئەسلىگە كەلدى.
15نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى. 16ئېلىشا:
_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى.
نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان:
17_ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا* بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندىلا خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرىغىلا سۇنىمەن. 18لېكىن سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرى بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ پادىشاھىم ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، پادىشاھىم مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا پەرۋەردىگارلىرىنىڭ پېقىرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن، _ دېدى. 19ئېلىشا:
_ خاتىرجەم بولغىن، كېتىۋەرگىن، _ دېدى.
نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.
گېخازىنىڭ ئاچكۆزلۈكى
20شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملاردىن بولغان نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى. 21ئۇ نائاماننى قوغلاپ ماڭدى. نائامان بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشتى. ئۇ كەلگەندە:
_ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 22گېخازى:
_ ھېچ ئىش بولمىدى، لېكىن خوجايىنىم: «بايىلا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئىككى ياش پەيغەمبەر كەلگەنىدى، ئۇلارغا 35 كىلو كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىم بەرگەيسىز» دەيدۇ. مېنى ئۆزلىرىگە بۇ سۆزنى يەتكۈزگىلى ئەۋەتتى، _ دېدى. 23نائامان ئۇنىڭغا:
_ مەرھەمەت، 70 كىلو ئالغىن، _ دېدى.
نائامان ئۇنىڭغا 70 كىلو كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ، زورلاپ بەردى ۋە ئىككى قۇر كىيىمنىمۇ قوشۇپ بەردى. نائامان بۇ نەرسىلەرنى ئىككى خىزمەتكارىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئىككىسى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، گېخازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 24ئۇلار تاغقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى.
25گېخازى ئۆيگە كىرگەندە، خوجايىنى ئېلىشا ئۇنىڭدىن:
_ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. گېخازى:
_ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى. 26ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، ئەجەبا مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىرگە ئەمەسمۇ؟ ھازىر پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، قۇل ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟ 27شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى.
گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.
6
پالتا بېشىنىڭ سۇدا لەيلىشى
1بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشاغا:
_ ئۇستاز، كۆرۈپ تۇرۇپلا، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي بىزگە بەك كىچىك بولۇپ قالدى. 2ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى دەرەخلەردىن كېسىپ، ئۆزىمىزگە شۇ يەردە ئۆي سالساق، _ دېيىشتى. ئېلىشا:
_ بېرىڭلار! _ دېدى. 3پەيغەمبەرلەردىن بىرى:
_ خاپا بولماي، بىز بىلەن بىرگە بارغان بولسىلا، _ دېدى. ئېلىشا:
_ بولىدۇ، باراي، _ دېدى.
4ئېلىشا ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كېلىپ، دەرەخلەرنى كېسىشكە باشلىدى. 5ئۇلار دەرەخ كېسىۋاتقاندا، بىرسىنىڭ پالتىسىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ:
_ ئاپلا! ۋاي ئۇستاز، مەن بۇ پالتىنى ئۆتنە ئالغانىدىم، _ دەپ ۋارقىرىدى. 6خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا:
_ قەيەرگە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دەپ سورىدى.
ئۇ ئادەم پالتا چۈشۈپ كەتكەن يەرنى كۆرسەتتى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىر شاخ كېسىپ، ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. 7ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ ئۇنى ئالغىن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى سوزۇپ، پالتىنىڭ بېشىنى ئالدى.
ئاررام قوشۇنىنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشى
8ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە ئىدى. ئۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ:
_ مەن بارگاھىمنى پالانى-پۇستانى يەرلەرگە قۇرىمەن، _ دېدى.
9خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېھتىيات قىلسىلا، ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىسىلە، چۈنكى ئارراملار شۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.
10ئىسرائىلىيە پادىشاھى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئاگاھلاندۇرغان يەرگە ئادەم ئەۋەتتى. ئېلىشا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، پادىشاھ ئۇ يەرلەردە ئېھتىيات بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى. 11بۇ ئەھۋال ئاررام پادىشاھىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ:
_ قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئارىمىزدا قايسىمىز ئىسرائىلىيە پادىشاھى تەرەپدارى؟ _ دېدى. 12ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى:
_ ئالىيلىرى، ھېچقايسىمىز ئەمەس. ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەر ئېلىشا ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىدۇ، _ دېدى. 13ئاررام پادىشاھى:
_ بېرىڭلار، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار. ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىمەن، _ دېدى.
كېيىن پادىشاھقا «ئۇ ھازىر دوتاندا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلدى. 14ئاررام پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان زور بىر قوشۇننى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىدە كېلىپ، دوتان شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى.
15خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان بىر قوشۇنىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېلىشاغا:
_ ۋاي خوجام، چاتاق بولدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى. 16ئېلىشا:
_ قورقمىغىن، بىز بىلەن بىرگە بولىدىغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلاردىن كۆپ، _ دېدى. 17ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ:
_ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
18ئارراملار ئېلىشاغا قارشى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ:
_ بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويغايسەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدى. 19ئېلىشا ئۇلارغا:
_ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ باردى.
20ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە، ئېلىشا:
_ ئى پەرۋەردىگار، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئاچقايسەن، ئۇلار كۆرىدىغان بولسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيە شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى.
21ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇلارنى كۆرۈپ، ئېلىشادىن:
_ ئى ئاتا، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 22ئېلىشا:
_ ياق، ئۆلتۈرمە، قىلىچ ۋە ئوقيالىرىڭ بىلەن ئەسىرگە ئالغانلارنىمۇ ئۆلتۈرمەيتتىڭغۇ! ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك كەلتۈر. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خوجايىنىنىڭ يېنىغا كەتسۇن، _ دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارغا كاتتا زىياپەت تەييارلىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار خوجايىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ئارراملار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا تاجاۋۇز قىلمىدى.
سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق
24كېيىن ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. 25شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، بىر پىيالە كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە ئۆسكۈچىلىك داۋاملاشتى. 26ئىسرائىلىيە پادىشاھى سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئايال ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ:
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا ياردەم بەرگەيلا! _ دېدى. 27پادىشاھ:
_ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى. 28پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن:
_ زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال:
_ ماۋۇ ئايال ماڭا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى، ئەتە مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيلى» دېدى. 29شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى» دېسەم، ئۇ ئوغلىنى يوشۇرۇۋالدى، _ دېدى.
30پادىشاھ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تونى ئىچىگە ماتەملىك كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى. 31پادىشاھ:
_ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.
32بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا:
_ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا، ئۇنى سىلەر ئۆيگە كىرگۈزمەڭلار، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ، _ دېدى.
33ئېلىشا دەل ئاقساقاللارغا گەپ قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ كېلىپ:
_ بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگاردىن كەلگەن تۇرسا، مەن نېمىدەپ يەنە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ تۇرغۇدەكمەن؟ _ دېدى.
7
1ئېلىشا مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 2.5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 5 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ».
2لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە:
_ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا:
_ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.
سامارىيەدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى
3تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە:
_ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ 4ئەگەر بىز شەھەرگە كىرسەك، شەھەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. چۈنكى ئۇ يەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇگۇم چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىن كەلدى، ئەمما ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى. 6چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ، 7گۇگۇم چۈشكەندە چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى. ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشقانىدى. 8تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى. 9ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە:
_ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن بىز خۇش خەۋەر يەتكۈزسەك بولاتتى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بىز سەھەرگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى بىز بېرىپ، پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزەيلى، _ دېيىشتى.
10ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ:
_ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، بارگاھتا ئادەممۇ، ھېچبىر سادامۇ يوق. پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.
11دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى. 12پادىشاھ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمەلدارلىرىغا:
_ مەن سىلەرگە ئارراملارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي. ئۇلار بىزدە ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇلار شەھەردىن چىققاندا بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىمىز» دېيىشىپ، بارگاھلىرىدىن چىقىشىپ، دالادا مۆكۈنۈۋېلىشتى، _ دېدى. 13ئەمەلدارلاردىن بىرى:
_ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئاللىقاچان تۈگىشىپ، خۇددى ئۆلۈك ئادەملەردەك بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا قېلىپ قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقمايمىزمۇ؟ _ دېدى.
14ئاندىن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلارنى تەييارلىدى. پادىشاھ ئۇلارنى ئاررام قوشۇنىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا:
_ بېرىپ، ئەھۋالنى بىلىپ كېلىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.
15ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسىغىچە ئىز قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 16ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، 2.5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 5 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى.
17پادىشاھ سەركەردىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراشقا قويغانىدى. خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا ئېيتقىنىدەك، خەلق سەركەردىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. 18ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئېلىشا: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا 5 كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 2.5 كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە، 19ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى. 20ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا شۇ تەرىقىدە كەلدى. خەلق ئۇنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى.
8
شۇنېملىق ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىزلىققا قايتا ئىگە بولۇشى
1ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا:
_ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز، شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى.
2شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، يەتتە يىل تۇردى. 3يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئايال فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلغىلى باردى. 4بۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازىغا: «سەن ماڭا ئېلىشا قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن، 5گېخازى پادىشاھقا ئېلىشانىڭ ئۆلگەن بىر بالىنى تىرىلدۈرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ھېلىقى ئايال پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلىپ، كىرىپ كەلدى. گېخازى:
_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ئايال مانا مۇشۇدۇر، بۇ ئۇنىڭ تىرىلگەن ئوغلىدۇر، _ دېدى.
6پادىشاھ ئۇ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن پادىشاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ئۈچۈن بىر ئەمەلدارنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا:
_ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇ بۇ زېمىندىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەر، _ دېدى.
ئېلىشانىڭ خازائېلنىڭ رەزىللىكىنى ئالدىن ئېيتىشى
7بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، 8ئەمەلدارى خازائېلغا:
_ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.
9خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئېلىشا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى. 10ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ سەن بېرىپ پادىشاھقا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، _ دېدى.
11ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.
12_ تەقسىر، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايلا؟ _ دېدى خازائېل. ئېلىشا:
_ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرگە ئوت قويىسەن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، كىچىك بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يارىسەن، _ دېدى. 13خازائېل:
_ مەن قۇللىرى قانچىلىك ئادەم ئىدىم؟ بۇنداق چوڭ ئىشلار ئىتتىن پەرقسىز بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كەلسۇن؟ _ دېدى.
_ پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، سەن ئاررام پادىشاھى بولىسەن، _ دېدى ئېلىشا.
14خازائېل ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھى بەنھادادنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن:
_ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى. خازائېل جاۋابەن:
_ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى.
15لېكىن ئەتىسى ئۇ بەنھادادنى سۇغا چىلانغان يوتقان بىلەن بېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بەنھادادنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورام
16ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھ بولدى. 17ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 32 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 19شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
20پادىشاھ يىھورامنىڭ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. 21شۇنىڭ بىلەن يىھورام بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، زائىر شەھىرىگە باردى. ئىدوملۇقلار ئۇلارنى ئۇ يەردە قورشىۋالدى. يىھورام كېچىسى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە قورشاۋدىن قېچىپ چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر ئۆيلىرىگە تاراپ كەتتى. 22شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى.
23پادىشاھ يىھورامنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 24يىھورام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا
25ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 26ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. 27ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
28پادىشاھ ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. 29شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى.
9
يېھۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى
1پەيغەمبەر ئېلىشا پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر ياش پەيغەمبەرنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
_ تېز بولغىن، ماۋۇ بىر قۇتا ياغنى كۆتۈرۈپ، گىلئادتىكى راموتقا بارغىن. 2ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەنى نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنى تاپقىن. ئۇنى بۇرادەرلىرى ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ، ئىچكىرىكى بىر ئۆيگە ئەكىرگىن. 3ئاندىن قۇتىدىكى ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: «پەرۋەردىگار: ‹سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىم› دەيدۇ» دېگىن. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپلا دەرھال قېچىپ كەتكىن، _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش پەيغەمبەر گىلئادتىكى راموتقا قاراپ ماڭدى. 5ئۇ راموتقا بارغاندا، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ شۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
_ سەركەردە، سىلىگە گېپىم بار ئىدى، _ دېدى.
_ قايسىمىزغا؟ _ دەپ سورىدى يېھۇ. ئۇ:
_ ئۆزلىرىگە، ئەي سەركەردە، _ دېدى.
6يېھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە، ياش پەيغەمبەر يېھۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىم. 7سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن شۇ ئارقىلىق خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن. 8ئاخابنىڭ پۈتۈن جەمەتى يوقىلىدۇ. مەن ئىسرائىللاردىن ئاخابقا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. 9مەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى قانداق يوقاتقان بولسام، ئاخابنىڭ جەمەتىنىمۇ شۇنداق يوقىتىمەن. 10ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئادەم چىقمايدۇ»، _ دېدى، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى.
11يېھۇ سەركەردىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ چىققاندا، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن:
_ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا:
_ سىلەر بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى. 12ئۇلار:
_ قۇرۇق گەپ قىلماي، بىزگە ئېيتقىنا، _ دېدى. يېھۇ:
_ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار: ‹مەن سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىم› دەپتۇ» _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى پەلەمپەيگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.
يېھۇنىڭ يورام ۋە ئاخازيانى ئۆلتۈرۈشى
14شۇنداق قىلىپ، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەنى نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ يورامغا سۇيىقەست پىلانلىدى. (بۇ چاغدا يورام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنى گىلئادتىكى راموتتا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتاتتى. 15لېكىن پادىشاھ يورام ئاررام پادىشاھى خازائېل بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئارراملار ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن، ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتكەنىدى.) شۇڭا يېھۇ ئادەملىرىگە:
_ ئەگەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى ئېتىراپ قىلساڭلار، بىرەر كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىپ، يىزرىئەلگە قېچىپ بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.
16ئاندىن ئۇ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەلگە باردى. يورام ئۇ يەردە يارىدار بولۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى. 17يىزرىئەلدىكى مۇناردا تۇرغان كۆزەتچى يېھۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
_ بىر توپ لەشكەر كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. يورام:
_ بىر ئاتلىق لەشكەرنى چاقىرىڭلار، ئۇ بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «تىنچ-ئامانمۇ؟» دەپ سورىسۇن، _ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتلىق لەشكەر يېھۇ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ:
_ پادىشاھىمىز: «تىنچ-ئامانمۇسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېدى. يېھۇ ئۇنىڭغا:
_ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.
كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ:
_ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.
19پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئاتلىق لەشكەرنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ پادىشاھىمىز: «تىنچ-ئامانمۇسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېدى. يېھۇ ئۇنىڭغا:
_ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.
20كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ:
_ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ھارۋا ھەيدىشىدىن قارىغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇدەك قىلىدۇ، ئۇ ھارۋىنى ساراڭدەك ھەيدەيتتى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.
21شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام:
_ ھارۋا تەييارلاڭلار، _ دېدى.
ئۇلار پادىشاھقا ھارۋا تەييارلاپ بېرىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا يېھۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار يېھۇ بىلەن يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. 22يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا:
_ تىنچ-ئامان كەلدىڭمۇ؟ _ دېدى. يېھۇ:
_ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى.
23يورام دەرھال بۇرۇلۇپ، قاچقىنىچە ئاخازياغا:
_ ھەي ئاخازيا، بۇ ئاسىيلىق! _ دەپ توۋلىدى.
24يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ دۈمبىسىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى. 25يېھۇ ياردەمچىسى بىدقارغا:
_ ئۇنىڭ جەسىتىنى يىزرىئەللىك نابوتنىڭ مۇشۇ ئېتىزلىقىغا تاشلىۋەت. ئېسىڭدە بارمۇ، سەن بىلەن مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاخابنىڭ كەينىدە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، پەرۋەردىگار ئاخاب ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەھىينى ئېيتقانىدى: 26«مەنكى پەرۋەردىگار تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم. مەن بۇ قان قەرزنى ساڭا مۇشۇ ئېتىزلىقتا ياندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر». ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېتىزلىققا تاشلىۋەت، _ دېدى.
27يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ كېتىۋىتىپ:
_ ئۇنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار! _ دېدى.
ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە ھارۋىسىدا ئۆرە تۇرغان ئاخازياغا ئوقيا ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى. 28خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. 29(ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغانىدى.)
30يېھۇ يىزرىئەلگە كەلدى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى. 31يېھۇ دەرۋازىدىن كىرگەن چاغدا ئىزەبەل:
_ خوجىسىنى ئۆلتۈرگەن «زىمرى»،* تىنچلىقمۇسەن؟ _ دېدى.
32يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ:
_ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ، زادى كىم؟ _ دەپ ۋارقىرىدى.
ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. 33يېھۇ ئۇلارغا:
_ ئىزەبەلنى يەرگە تاشلاڭلار! _ دېدى. ئۇلار ئىزەبەلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى تامغا ۋە ئاتلارغا چاچرىدى. يېھۇ ئات بىلەن ئۇنى دەسسەپ، چەيلىدى. 34يېھۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن:
_ سىلەر بېرىپ، ئاۋۇ قارغىش تەگكۈر خوتۇننى كۆمۈۋېتىڭلار، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، _ دېدى.
35ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە باردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى. 36شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ بېرىپ، ئەھۋالنى يېھۇغا ئېيتتى. يېھۇ:
_ پەرۋەردىگار خىزمەتكارى تىشبىلىك ئىلياس ئارقىلىق مۇنداق دېگەنىدى: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ تۇپراقلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ. 37ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىغا چېچىلغان قىغدەك چېچىلىپ كېتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى تېپىپ: ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى.
10
يېھۇنىڭ ئاخابنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىشى
1پادىشاھ ئاخابنىڭ سامارىيە شەھىرىدە يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيە شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ:
2«ئاڭلىسام، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا ئىكەن، سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەردە تۇرىدىكەنسىلەر. جەڭ ھارۋىلىرىڭلار، ئاتلىرىڭلار ۋە قورال-ياراغلىرىڭلارمۇ بار ئىكەن. ئەگەر پېتىنساڭلار، بۇ مەكتۇپ قولۇڭلارغا تەگكەن ھامان 3خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى.
4سامارىيەدىكىلەر قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى. 5ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا:
«بىز ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىدۇرمىز، نېمە قىلىشنى بۇيرۇسىلا، شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلى نېمە قىلىشنى خالىسىلا، شۇنى قىلسىلا» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.
6يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ:
«ئەگەر سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مەن تەرەپتە تۇرساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە، يەنى مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى.
بۇ چاغدا پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلى ئۇلارغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى. 7مەكتۇپ ئاقساقاللارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. 8خەۋەرچى كېلىپ، يېھۇغا:
_ ئۇلار پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ، _ دېدى. يېھۇ:
_ كاللىلارنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى دۆۋە قىلىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار، ئەتە ئەتىگەنگىچە شۇ يەردە تۇرسۇن، _ دېدى.
9ئەتىسى ئەتىگەندە يېھۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
_ سىلەر گۇناھسىز، خوجايىنىمنى مانا مەن سۇيىقەست پىلانلاپ ئۆلتۈردۈم. لېكىن ئوغۇللىرىنى مەن يالغۇز ئۆلتۈرمىدىم. 10بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدىكى ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنى، ئاخابقا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى.
12يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە، 13يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:
_ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:
_ بىز ئاخازيانىڭ تۇغقانلىرى بولىمىز. بىز پادىشاھ يورامنىڭ ئائىلىسىگە ۋە خان ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئوغۇللىرىغا سالامغا كېتىۋاتىمىز _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
14يېھۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە:
_ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.
يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇلار 42 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىدى. 15يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە ئۇنىڭدىن:
_ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھەئە، _ دېدى يىھوناداب.
_ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ.
يىھوناداب قولىنى ئۇزاتتى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. 16يېھۇ ئۇنىڭغا:
_ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى.
17ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياسقا ئېيتقان سۆزى بويىچە ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى.
يېھۇنىڭ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنى قىرىپ تاشلىشى
18يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا:
_ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن. 19شۇڭا بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي يىغىڭلار. مەن بائالغا كاتتا بىر قۇربانلىق تەقدىم قىلماقچىمەن. كەلمىگەنلەرنى تىرىك قويمايمەن، _ دېدى. يېھۇنىڭ بۇنداق دېيىشى بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىيلىسى ئىدى. 20ئۇ يەنە:
_ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزەيلى، دەپ جاكارلىدى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى.
21يېھۇ بۇ سۆزنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە جاكارلاتتى. بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا يىغىلدى، بۇتخانا ئادەملەرگە لىق تولدى. 22يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە:
_ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى.
ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى. 23يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىغا:
_ بۇ يەردە بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلارلا قالسۇن. تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، ئاراڭلاردا يەنە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ قالمىسۇن، _ دېدى.
24جامائەت كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېھۇ بۇتخانىنىڭ سىرتىغا سەكسەن كىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بۇ كىشىلەردىن بىرەرسىنى قاچۇرۇپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىمەن» دېگەنىدى. 25يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇپلا، ياساۋۇل ۋە سەركەردىلىرىگە:
_ سىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇل ۋە سەركەردىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، بۇتخانىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى. 26ئۇلار بۇتخانىدىكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ، 27ۋەيران قىلدى ۋە بۇتخانىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن بېرى كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. 28يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ تەرىقىدە تۈگەتتى. 29لېكىن يېھۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلەپ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.
30پەرۋەردىگار يېھۇغا:
_ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ تۆتىنچى ئەۋلادىڭغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.
31لېكىن يېھۇ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
يېھۇنىڭ ۋاپات بولۇشى
32شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا، 33يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن گىلئاد ۋە باشانغىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى.
34پادىشاھ يېھۇنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35يېھۇ ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى، ئوغلى يىھوئاخاز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 36پادىشاھ يېھۇ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
11
ئاتاليانىڭ يەھۇدىيەدە زوراۋانلىق قىلىشى
1پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھ جەمەتىدىكى بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى. 2لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئۇ قەتل قىلىنمىدى. 3ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.
روھانىي يىھويادانىڭ يوئاشنى پادىشاھلىققا تەيىنلىشى
4يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە ياساۋۇللارنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ، 5مۇنداق بۇيرۇق بەردى:
_ سىلەر مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار. 6يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار «سۇر دەرۋازىسى»دا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار، قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار قاراۋۇلخانىنىڭ ئارقىسىدىكى دەرۋازىدا قاراۋۇللۇق قىلىڭلار. شۇنداق قىلىپ، سىلەر نۆۋەت بىلەن ئىبادەتخانىنى قوغداڭلار. 7كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان ئىككى بۆلەكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاشنى مۇھاپىزەت قىلسۇن. 8ھەممىڭلار قوراللىنىپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغداڭلار. بىرەرسى سېپىڭلارغا يېقىنلاشسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.
9يۈزبېشىلار باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ، روھانىي يىھويادانىڭ قېشىغا كېلىشتى. 10باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن پادىشاھ داۋۇتقا تەۋە بولغان، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى. 11ياساۋۇللار قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنىڭ ئەتراپىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە يا شەكلىدە تۇرۇشتى. 12باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
13ئاتاليا ياساۋۇللار ۋە خەلقنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى. 14ئۇ يوئاشنىڭ خۇددى پادىشاھلاردەك پادىشاھ تۇرىدىغان جايدا، يەنى تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
15باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا:
_ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
17باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى. 18ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. يىھويادا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراۋۇللارنى تۇرغۇزدى. 19ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارلىقلار، ياساۋۇللارنى ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، «قاراۋۇللار دەرۋازىسى» ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. 20پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش
21يوئاش تەختكە چىققان چاغدا 7 ياشتا ئىدى.
12
1ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى. 2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى
4بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا:
_ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار. 5سىلەر ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار، _ دېگەنىدى.
6لېكىن پادىشاھ يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ، روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى. 7شۇڭا پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھەدىيە قىلغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى ئالماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى.
8روھانىيلار ئەمدى خەلقنىڭ ھەدىيە قىلغان پۇللىرىنى ئالمايدىغان ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا مەسئۇل بولمايدىغان بولدى. 9شۇڭا باش روھانىي يىھويادا بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا ۋە ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان پۇللارنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار شۇ ساندۇققا سالىدىغان بولدى. 10ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى. 11ئۇلار ساناپ چىقىلغان پۇللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇراتتى. ئاندىن نازارەتچىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ياغاچچىلار، قۇرۇلۇشچىلار، 12تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى. 13لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي، 14بۇ پۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بېرىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشقا ئىشلىتىلەتتى. 15ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلاتتى. 16لېكىن ئەيىب قۇربانلىقلىرى ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرىنىڭ پۇلى ئىبادەتخانىغا بېرىلمەيتتى، ئۇلار روھانىيلارغا تەۋە ئىدى.
يوئاشنىڭ يېرۇسالېمنى ساقلاپ قىلىشى
17شۇ ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى. 18يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيا ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.
19پادىشاھ يوئاشنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، يەنى تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى. 21ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
13
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخاز
1ئاخازيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 3شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
4شۇنىڭ بىلەن يىھوئاخاز پەرۋەردىگاردىن شەپقەت تىلىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئاررام پادىشاھى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاۋۋالقىدەكلا خاتىرجەم ياشاپ قالدى. 6ئەمما ئۇلار ياروبئام جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى ۋە شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى. 7ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى.
8پادىشاھ يىھوئاخازنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 9يىھوئاخاز ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى، ئوغلى يىھوئاش تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش
10يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 11ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمەي، داۋاملىق گۇناھ ئۆتكۈزدى.
12پادىشاھ يىھوئاشنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا قارشى ئېلىپ بارغان غەلىبىلىك ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 13يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى.
ئېلىشانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
14ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ:
_ ئاتا، ئاتا، ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى. 15ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ يا بىلەن بىرقانچە ئوق ئېلىپ كەل! _ دېدى.
يىھوئاش يا بىلەن ئوقلارنى ئەكەلدى. 16ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ يانى قولۇڭغا ئال! _ دېدى.
يىھوئاش يانى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئېلىشا قولىنى پادىشاھنىڭ قولىغا قويدى ۋە:
17_ شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچ، _ دېدى.
يىھوئاش دېرىزىنى ئاچتى. ئاندىن ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ ئوقنى ئات! _ دېدى.
ئۇ ئوقنى ئاتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا:
_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبە ئوقى، ئاررامنى مەغلۇپ قىلىدىغان غەلىبە ئوقى! سەن ئافېقتا ئارراملارنى پۈتۈنلەي يوقىتىسەن، _ دېدى. 18ئېلىشا يەنە:
_ قولۇڭغا ئوق ئال! _ دېدى. يىھوئاش ئوقنى قولىغا ئالدى. ئېلىشا:
_ ئوقنى يەرگە ئۇر! _ دېدى.
يىھوئاش ئوقنى يەرگە ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ، توختىدى. 19شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ:
_ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى.
20شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار ھەر يىلى ئەتىيازدا موئاب قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى. 21كىشىلەر بىر كۈنى بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن بىر توپ موئاب قاراقچىلىرىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆلۈكنى ئېلىشا ياتقان شام گۆرگە تاشلاپلا قاچتى. ئەمما ئۆلۈك ئېلىشانىڭ مېيىت سۆڭەكلىرىگە تېگىشى بىلەنلا تىرىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى.
ئېلىشانىڭ ئاخىرقى بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
22يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، 23لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى. 24ئاررام پادىشاھى خازائېل ۋاپات بولۇپ، ئوغلى بەنھاداد تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 25خازائېل ئۇرۇش ۋاقتىدا يىھوئاخازنىڭ قولىدىن بىرنەچچە شەھەرلەرنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن كەتكەن شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
14
يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا
1يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. 3ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ، 4لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
5ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. 6لېكىن قاتىللارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.
7ئامازيا تۇز جىلغىسىدا 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. ئۇ سەلا شەھىرىنى جەڭ بىلەن ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېل دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئامازيانىڭ يىھوئاش بىلەن جەڭ قىلىشى
8شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.
9ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى:
_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ. 10شۇنداق، سىز ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبتىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىڭىز. ئەسلىدە سىز غەلىبىڭىزدىن ماختىنىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز ياخشى بولاتتى. ئەمما سىز ئەمدى نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىيەنىمۇ ۋەيران قىلماقچى بولىسىز؟
11لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. 12يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 13ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. 14ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، بۇيۇملارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيە شەھىرىگە قايتتى.
15پادىشاھ يىھوئاشنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا قارشى ئېلىپ بارغان غەلىبىلىك ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئامازياغا سۇيىقەست قىلىنىشى
17يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. 18پادىشاھ ئامازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
19يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 20ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
21پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 22ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II
23يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى.
25ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى ئامىتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە* بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. 26چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرى-ياش دېمەي، ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. 27شۇڭا پەرۋەردىگار يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغانىدى.
28پادىشاھ ياروبئام IIنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قانداق قىلىپ قايتىدىن ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29ياروبئام II ۋاپات بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى زىكىرىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
15
يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا
1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام IIنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى ئامازيانىڭ ئوغلى ئۇززىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 16 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. 3ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. 5شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇززىيانى جازالاپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
6پادىشاھ ئۇززىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 7ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىكىرىيا
8يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ياروبئام IIنىڭ ئوغلى زىكىرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى.
10يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم زىكىرىياغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى خەلق ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 11پادىشاھ زىكىرىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 12(پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇغا «سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى دەرۋەقە ئەمەلگە ئاشتى.)
ئىسرائىلىيە پادىشاھى شاللۇم
13يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 14گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
15پادىشاھ شاللۇمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تىفساخ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ يەرلەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى مىناخېم
17يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن ئۆمۈر بويى قول ئۈزمىدى.
19ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر* ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 35 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى. 20مىناخېم ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا بەرگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ئىسرائىلىيەلىك ھەربىر بايدىن 600 گىرامدىن يىغقانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا تۇرماي قايتىپ كەتتى.
21پادىشاھ مىناخېمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 22مىناخېم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى پىقاخيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى پىقاخيا
23يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 50-يىلى مىناخېمنىڭ ئوغلى پىقاخيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى.
25پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە گىلئادلىق ئەللىك نەپەر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
26پادىشاھ پىقاخيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ
27يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 52-يىلى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى.
29ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرىيەگە ئېلىپ كەتتى.
30ئۇززىيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
31پادىشاھ پەقاخنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم
32رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 33ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. 34يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 35بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەرۋازا ياساتتى.
36پادىشاھ يوتەمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 37شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنى يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى. 38يوتەم ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
16
يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخاز
1رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى. 3ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.
ئاخازنىڭ ئاسسۇرىيەدىن ياردەم سورىشى
5شۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاخازنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭەلمىدى. 6بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن ئېلات شەھىرىنى ئاررامنىڭ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىدوملۇقلار ئېلات شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە ياشىماقتا.
7ئاخاز ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:
_ مەن سىلىگە قۇل بولاي، بالا بولاي. سىلى كېلىپ، مېنى ئاررام پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇۋالسىلا، _ دېدى.
8ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى. 9شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، پادىشاھ رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئاخازنىڭ ئىبادەتخانىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشى
10پادىشاھ ئاخاز دەمەشققە بېرىپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دەمەشقتىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سىزمىسى ۋە لايىھەسىنى روھانىي ئۇرىياغا يوللىدى. 11شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن كۆرسەتمىسى بويىچە پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگۈچە قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىتىپ بولدى. 12پادىشاھ دەمەشقتىن كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى. 13ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسدا كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 14پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى.
15پادىشاھ ئاخاز روھانىي ئۇرىياغا:
_ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ، شۇنداقلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى مېنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن قالسۇن، _ دېدى. 16روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
17پادىشاھ ئاخاز يەنە داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىنى كېسىۋەتتى ۋە داسلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇ يەنە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان داڭقاننى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرۈپ، تاشتىن ياسالغان سۇپىغا قويدى. 18ئۇ يەنە ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پەقەت دەم ئېلىش كۈنىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەنلىك يولنى ۋە پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىغا سىرتتىن كىرىشى ئۈچۈن ياسالغان كىرىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى.
19پادىشاھ ئاخازنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ئاخاز ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزكىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
17
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيا
1يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يامانلىقتا ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىدىن ئېشىپ كەتمىدى.
3ئاسسۇرىيە پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى. 4كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئالۋان-سېلىق تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبى
5ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈتۈن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە سامارىيە شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرنى ئۈچ يىل قورشاۋغا ئالدى. 6ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
7بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. 8ئۇلار ئىزچىل تۈردە پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلگەنىدى. 9ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار يېزىلاردىن تارتىپ تاكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشقانىدى. 10شۇنداقلا، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلەشكەنىدى. 11ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش ئاشۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق سۇنۇپ ھەم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشكەنىدى. 12گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «سىلەر بۇتقا چوقۇنماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇتلارغا چوقۇنۇۋەرگەنىدى.
13پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، 14لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماستىن، خۇددى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش بوينىنى قاتتىق قىلىپ كەلدى. 15ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى. 16ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى. 17ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
18شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى. 19كېيىن يەھۇدىيەلىكلەرمۇ پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يولىنى تۇتتى. 20نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى. 21پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋۇت جەمەتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىكلەر نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. ياروبئام ئىسرائىلىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھقا يېتەكلىدى. 22ئىسرائىلىيەلىكلەر ياروبئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزمىدى. 23ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەردە ياشىماقتا.
يات خەلقلەرنىڭ سامارىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
24ئاسسۇرىيە پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيە ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى. 25ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26بىرسى ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا:
_ ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتىپتۇ. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولۇپتۇ، _ دېدى.
27شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇرىيە پادىشاھى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
_ سىلەر سامارىيەدىن ئەسىر ئالغان روھانىيلارنىڭ بىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ، خەلققە شۇ زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆگەتسۇن، _ دېدى.
28شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدىن ئەسىرگە ئېلىنغان روھانىيلاردىن بىرى بەيتەلگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگاردىن قانداق ئەيمىنىشنى ئۆگەتتى. 29لېكىن ھەرقايسى خەلقلەر يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە خەلقلەر ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى. 30بابىللىقلار سۇككوت-بىنوتنىڭ بۇتىنى، كۇتاھلىقلار نېرگالنىڭ بۇتىنى، خاماتلىقلار ئاشىمانىڭ بۇتىنى، 31ئىۋۋاھلىقلار نىبخازنىڭ ۋە تارتاقنىڭ بۇتىنى ياساشتى. سىفارۋايىملىقلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئاتىدى. 32ئۇلار بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنى ئۆز ئىچىدىن تاللاپ چىقىشتى. 33ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان ئانا يۇرتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ چوقۇنۇشتى.
34سامارىيەلىكلەر يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم ئىسرائىل دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە. 35پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلغانىدى: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار ۋە قۇربانلىق قىلماڭلار. 36لېكىن سىلەر يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھەممىگە قادىر قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار. 37سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ھەر دائىم كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنماڭلار. 38مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار. 39مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.» 40لېكىن سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ياشاۋەردى. 41شۇنداق قىلىپ، بۇ خەلقلەر بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ شۇنىڭدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.
18
يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا
1ئەلاھنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ئوغلى خىزكىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 3خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى. 5خىزكىيا پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىپ ياشىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك بىرەرى چىقمىدى. 6ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي، ئۇنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. 8ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى گازا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا، يەنى يېزىلاردىن تاكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگىچە ھەممە يەرلەردە مەغلۇپ قىلدى.
9خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4- يىلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئاسسۇرىيە پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن كەلدى. 10سامارىيە شەھىرى قورشاۋغا ئېلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6- يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9- يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىدى. 11ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاسسۇرىيەگە ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. 12چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا بۇيرۇغان ئەمرلەرگە ئەمەل قىلمىغانىدى.
سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى
13پادىشاھ خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 14يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
_ گۇناھ مەندە، بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتسىلە، ماڭا قانداق سېلىق سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇرىيە پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن سېلىق سالدى. 15خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. 16ئۇ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇرۇن ئۆزى قاپلاتقان ئىشىك ۋە كېشەكلەردىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى سويۇپ ئېلىپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا بەردى.
17كېيىن ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى. 18ئۇلار پادىشاھ خىزكىيانى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. 19سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ، ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ 20سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ، ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ 21سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 22بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيە خەلقىگە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىگە پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»
23سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى:
_ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن شەرتلىشەيلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بەرسەك، ئاتلارنى مىنىدىغانغا ئىككى مىڭ لەشكەر تاپالامسىلەر؟ 24سىلەرگە مىسىرنىڭ لەشكەرلىرى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! 25بىزنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىمىزنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى بىزگە: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان.
26خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇرىيە سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى:
_ تەقسىر، بىزگە ئاررامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.
27سەركەردە ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:
_ خوجايىنىم مېنى بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئالساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.
28ئاندىن ئۇ رۇسلىنىپ، ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
_ ئۇلۇغ پادىشاھىمىز ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 29پادىشاھىمىز مۇنداق دەيدۇ: «خىزكىيانىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار، ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 30خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 31خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 32كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى مول بولغان، شۇنداقلا زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. 33قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ 34خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى يوقمىدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 35قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»
36خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 37خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.
19
خىزكىيانىڭ يەشايادىن ياردەم سورىشى
1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىغا ئوخشاپ قالدۇق. 4سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».
5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن».
8ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇش بولۇۋاتقان يەردىن تاپتى.
9بۇ چاغدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:
10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ ‹ئاسسۇرىيە پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە بىز قۇتۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ 12گوزان، خاران، رەزەف ۋە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 13خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»
پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى
14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ قويۇپ، 15پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:
«ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن. 16ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن، نىدايىمنى ئاڭلىغايسەن، كۆزۈڭنى ئېچىپ، ئەھۋالىمىزنى كۆرگەيسەن، سانخېرىبنىڭ سېنى، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 18ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 19ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»
يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى
20ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا خەۋەر ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 21مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:
ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.
يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىشىپ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.
22ئەي سانخېرىب، سەن كىمنى مەسخىرە قىلدىڭ، كىمنى ھاقارەتلىدىڭ،
كىمنى ۋارقىراپ تۇرۇپ تىللىدىڭ، كىمگە ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭ، بىلەمسەن؟
مېنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى!
23سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن ئىگەڭنى مەسخىرە قىلدىڭ.
سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،
لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،
شۇنداقلا ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.
ئەڭ يىراقتىكى پىنھان جايلارغا ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن.
24ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن.
پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.
25سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟
مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.
بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن.
سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.
26شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،
ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى.
بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،
ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر.
27سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،
قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،
ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.
28سېنىڭ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ قۇلىقىمغا يەتتى.
مەن ئەمدى ئىلمىكىمنى بۇرنۇڭدىن ئۆتكۈزىمەن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭغا سالىمەن.
سەن قايسى يول بىلەن كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»
29يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئىشلار سۆزۈمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ: سەن بۇ يىل ئۆزى ئۆسۈپ قالغان نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلىمۇ يەنە ئۆزى ئۆسۈپ قالغان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 30يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر خۇددى مېۋىلىك دەرەختەك يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كۆپلەپ مېۋە بېرىدۇ. 31شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
32پەرۋەردىگار ئاسسۇرىيە پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا يېرۇسالېمغا قارشى بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغىمۇ كېلەلمەيدۇ ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سېپىل تۈۋىگە توپىمۇ دۆۋىلىيەلمەيدۇ. 33مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 34مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن».
35شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 36شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
37بىر كۈنى سانخېرىب بۇتخانىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
20
خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى
1پادىشاھ خىزكىيا شۇ مەزگىللەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.
2پادىشاھ خىزكىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: 3«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
4يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ يېنىدىن چىقتى. ئۇ ئوردىنىڭ ئوتتۇرا ھويلىسىدا كېتىۋاتاتتى، پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭغا يەنە ۋەھىي كەلدى:
5_ سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن. 6سېنىڭ ئۆمرۈڭنى يەنە 15 يىل ئوزارتىمەن. سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن.»
7يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارلىرىغا:
_ ئەنجۈرنى ئېزىپ ئەكېلىپ، ئۇنى خىزكىيانىڭ ئىششىقىغا چېپىڭلار، شۇندىلا ئۇ ساقىيىدۇ، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، خىزكىيا ساقىيىپ كەتتى.
8بۇنىڭدىن ئىلگىرى پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمنى قانداق ئالامەت بىلەن ئىسپاتلايسەن؟» دەپ سورىغانىدى. 9يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىنى كۆرسىتەي. قارا، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ سايىسى ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە چۈشۈپتۇ. سايە ئون پەشتاق ئالدىغا ماڭسۇنمۇ ياكى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇنمۇ؟» دېدى. 10پادىشاھ خىزكىيا: «سايىنىڭ ئون پەشتاق ئالدىغا مېڭىشى تەبىئىي. سايە ئون پەشتاق كەينىگە ماڭسۇن» دېدى. 11شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن تىلىدى. پەرۋەردىگار پەلەمپەيدىكى سايىنى ئون پەشتاق كەينىگە سۈرۈلۈشكە ئەمر قىلدى.
بابىلدىن كەلگەن ئەلچىلەر
12ئۇ چاغدا بالئاداننىڭ ئوغلى، يەنى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مەكتۇپ ۋە سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. 13پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار، ئېسىل زەيتۇن ياغلىرى ۋە قورال ئامبىرىدىكى قوراللىرىنى، يەنى بارلىق بايلىقلىرىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى!
14يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ:
_ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەپتۇ، _ دېدى. 15يەشايا پەيغەمبەر يەنە:
_ ئۇلار ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا:
_ ئۇلار ئوردامدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 16يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. 17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ. 18ئۆز ئەۋلادلىرىڭنىڭمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»
19پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە:
_ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى.
20پادىشاھ خىزكىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ياساپ، شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 21خىزكىيا ۋاپات بولۇپ، ئوغلى ماناسسە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
21
يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە
1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. 2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4گەرچە پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. 6ئۇ ئۆز ئوغلىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلدى. پالچىلىق، باخشىلىق ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. پەرۋەردىگار بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن. 8ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇنۇمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى. 9لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.
10شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: 11«يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، 12مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا چۈشۈرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ. 13مەن سامارىيە ۋە پادىشاھ ئاخاب جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن. 14مەن خەلقىم ئىچىدىكى بالا-قازادىن ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ. 15چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە، مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى›».
16ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى. 17پادىشاھ ماناسسەنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 18ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززا بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى ئامون
19ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى. 20ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 21ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا مېڭىپ، ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 22ئۇ پەرۋەردىگارنى، يەنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدى.
23ئاموننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 24لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 25پادىشاھ ئاموننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 26ئۇ ئۇززا بېغىدىكى ئۆزىگە تەييارلىغان قەبرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوشىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
22
يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا
1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يىدىدا بولۇپ، بوزقات شەھىرىدىكى ئادايانىڭ قىزى ئىدى. 2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.
تەۋرات قانۇنىنىڭ تېپىلىشى
3يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى، يەنى مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
4_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى، يەنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار خەلقتىن يىغىلغان پۇللارنى تەييارلاپ، 5پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەرسۇن. ئۇلار بۇ پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغان 6ياغاچچى، تامچى قاتارلىق قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە بەرسۇن. شۇنداقلا، بۇ پۇللار ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا كېتىدىغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلسۇن. 7ئەمما نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ.
8باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:
_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.
شافان ئۇنى ئوقۇدى. 9ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ:
_ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. 10ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا:
_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.
11پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلەندى ۋە كىيىملىرىنى يىرتتى. 12ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:
13_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.
خۇلداھنىڭ يەتكۈزگەن ۋەھىيسى
14شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، كىيىم ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەم ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.
15خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مەندىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن ئادەمگە بېرىپ ئېيتىڭلار: 16‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن. 17چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم بۇ زېمىنغا تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».
18-19خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹لېكىن سەن مېنىڭ بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا ئېيتقان سۆزۈمنى، يەنى ئۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىپ، قارغىشقا قالغان زېمىننىڭ مىسالى بولىدۇ، دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلاپ، توۋا قىلىپ، ئالدىمدا گۇناھىڭنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 20شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›».
ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.
23
پەرۋەردىگار بىلەن قايتا ئەھدە تۈزۈش
1پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغىلىشقا چاقىردى. 2پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى. 3پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى.
بۇتپەرەسلىكنى يوقىتىش
4پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھ بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى. 5ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى. 6پادىشاھ يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى. 7ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چاقتۇردى. ئاياللار بۇ ئۆيلەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى. 8ئۇ يەنە شەھەر باشلىقى يوشۇۋانىڭ نامىغا بېغىشلانغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزدۇردى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ گەبادىن بەئەرشەباغىچە بولغان ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى. شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلغان بارلىق لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان روھانىيلارنى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. 9لېكىن ئۇلارنىڭ روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولغان پېتىر ناننى تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. 10ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى. 11ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتالغان جەڭ ھارۋىلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 12يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ خاس سارىيىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئاندىن قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى. 13پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى. 14ئۇ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتۇرۇۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى چاچقۇزدى.
15بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بەيتەلدە ياساتقان غەيرىي سەجدىگاھىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى، يەنى سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ، كۈل قىلدى. ئۇ يەنە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 16ئاندىن يوشىيا ئەتراپىغا قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆردى. ئۇ قەبرىلەردىن ئۇستىخانلارنى چىقىرىپ، ئۇلارنى چېقىلغان قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى جاكارلىغان پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
17يوشىيا:
_ بۇ كىمنىڭ قەبرە تېشى؟ _ دەپ سورىدى. بەيتەللىكلەر ئۇنىڭغا:
_ ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، سىزنىڭ مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇزدۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرنىڭ، _ دېدى. 18يوشىيا:
_ چېقىلماڭلار، ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماڭلار! _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىك پەيغەمبەرنىڭ ئۇستىخىنىغا تەگمىدى.
19يوشىيا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى خۇددى بەيتەلدە ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلدى. 20ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى روھانىيلارنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلدى ۋە ئۇ يەردە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈردى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش
21پادىشاھ پۈتۈن خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
_ مۇشۇ ئەھدىنامىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار، _ دېدى.
22ئىسرائىللار مەيلى سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، مەيلى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 23بۇ قېتىم يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى پادىشاھ يوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۆتكۈزۈلدى.
24يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيەدىكى، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى، بۇتلارنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلارنى، يەنى ھەممە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى. 25يوشىيا چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلەندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر پادىشاھ ئۇنىڭدەك قىلىپ باقمىغان ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى. 26لېكىن پادىشاھ ماناسسەنىڭ قىلغان تۈرلۈك يامان ئىشلىرى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپى يانمىدى. 27شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندەك، يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تاشلىۋېتىمەن، ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن› دەپ تاللىغان ئىبادەتخانىنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.
28پادىشاھ يوشىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇرىيە پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى. 30يوشىيانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى مىگىددودىن جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاخاز
31يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 32يوئاخاز خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 33-34پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى. 35يىھوياقىم بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنى پىرئەۋنگە تۆلىدى. ئۇ پىرئەۋنگە تۆلىگەن بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ مۈلكىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىق سېلىپ، يىغقانىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم
36يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى. 37يىھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
24
1يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. يىھوياقىم ئۈچ يىل ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. 2پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، يەھۇدىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن يىھوياقىمغا قارشى بابىل، ئاررام، موئاب ۋە ئاممون قاراقچىلىرىنى ئەۋەتتى. 3بۇ ئىشنىڭ يەھۇدىيەنىڭ بېشىغا كېلىشى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار پادىشاھ ماناسسەنىڭ گۇناھلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلماقچىدى. 4بولۇپمۇ ماناسسە يېرۇسالېمدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەچكە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.
5پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 6يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
7بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىرنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن
8يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى. 9يىھوياكىن خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
10بۇ چاغدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. 11ئۇنىڭ قوشۇنى شەھەرنى قورشاپ تۇرغاندا، پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆزىمۇ يېرۇسالېمغا كەلدى. 12يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى ئىدى. 13خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى. 14ئۇ يېرۇسالېم ئاھالىسىنى، يەنى سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت نامرات كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. 15ئۇ پادىشاھ يىھوياكىننى، خان ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 16ئۇ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن يەتتە مىڭ لەشكەر، مىڭ ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ قىلىشقا ماھىر ئادەملەر ئىدى.
17بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تاغىسى ماتتانيانى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى.
يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا
18زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 19زىدقىيا خۇددى يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 20شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى نەزىرىدىن يىراق قىلماقچى بولدى. كېيىن زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.
25
1پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى* بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىدى. 2شۇنداق قىلىپ، شەھەر تاكى پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى. 3شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە* كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 4بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى. 5بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. 6بابىللىقلار پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 7ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.
8شۇ يىلى 5-ئاينىڭ* 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 10ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. 11ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان ئاھالىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى ھەم شەھەر ئەتراپىدا قالغان خەلقنى يالاپ ئېلىپ كەتتى. 12بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.
13بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 14ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 15بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ۋە كۈمۈش چوغدانلارنى، ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى ئېلىپ كەتتى. 16سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. 17ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 9 مېتىر ئىدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش تورسىمان بېزەك بار ئىدى.
18ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ نەپەر دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىينى، 19شەھەردە قېلىپ قالغان بىر نەپەر لەشكەر نازارەتچىسىنى، بەش نەپەر پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسىنى، بىر نەپەر لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە باشقا ئاتمىش كىشىنى تۇتتى. 20نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 21بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى.
شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.
ۋالىي گىداليا
22بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى يەھۇدىيە زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى. 23يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى. 24گىداليا ئۇلارغا قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى:
_ بابىللىق ئەمەلدارلارنىڭ قول ئاستىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىڭلار ۋە بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
25لېكىن كۈز كەلگەندە پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى، يەنى ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل ئۆزىگە ئون ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، مىزپاھقا كېلىپ، گىداليانى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىيەلىكلەر بىلەن بابىللىقلارنى قەتل قىلدى. 26شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئاھالىلەر قېرى-ياش دېمەي سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قېچىشتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورققانىدى.
بابىل پادىشاھىنىڭ يىھوياكىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى
27يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-مىروداك بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى* ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. 28ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى. 29يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 30ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.
2: 3 پەيغەمبەرلەر جامائىتى _ ئۇ زاماندا بەزى پەيغەمبەرلەر بىر جامائەت بولۇپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئىلىم تەھسىل قىلاتتى.
5: 17 قەدىمكى زاماندا كىشىلەر ئومۇمەن ئىلاھقا پەقەت شۇ ئىلاھ تەۋە بولغان ئەلدىكى زېمىندىلا ئىبادەت قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا نائامان ئىسرائىلىيەنىڭ تۇپرىقىدىن ئېلىپ كېتىپ، دەمەشقتە ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاي ياسىماقچى بولىدۇ.
9: 31 زىمرى _ || «پادىشاھلار 1» 16: 8 _ 20. | زىمرى يىللار بۇرۇن ئۆز خوجايىنى، يەنى پادىشاھ باشاغا قارشى سۇيىقەست قىلغان ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىر سەركەردىنىڭ ئىسمى ئىدى. («پادىشاھلار 1» 16: 8 _ 20). ||
14: 25 ئۆلۈك دېڭىز _ ئارابا دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
15: 19 تىگلات-پىلئەسەر _ بەزىدە ئۇنىڭ ئىسمى «پۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
25: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 588-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
25: 3 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
25: 8 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
25: 27 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 561-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
