پادىشاھلار 1
1
پادىشاھ داۋۇتنىڭ ياشانغان ۋاقتى
1پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى. 2شۇڭا ئادەملىرى ئۇنىڭغا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن گۈزەل قىز ئىزدەپ، شۇنېملىق ئابىشاگ ئىسىملىك بىر قىزنى تېپىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. 4ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل قىز ئىدى، ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق پادىشاھ ئۇ قىز بىلەن بىللە بولمىدى.
ئادونىيانىڭ تەختنى تارتىۋالماقچى بولۇشى
5شۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئايالى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە ئەللىك مۇھاپىزەتچى ھازىرلىدى. 6ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئادونىيا ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى. 7ئادونىيا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى بولغان زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە روھانىي ئەبىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 8ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.
9بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى. 10ئەمما ئۇ ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، ئاتىسىنىڭ باھادىرلىرى، شۇنداقلا قېرىندىشى سۇلايماننى چاقىرمىدى.
داۋۇتنىڭ سۇلايماننى تەختىگە ۋارىس قىلىشى
11ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەباغا:
_ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئايالى خاگگىتتىن بولغان ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. پادىشاھىمىز داۋۇتنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن، سىلى بۇنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ 12مەن سىلىگە بىر مەسلىھەت بېرەي، ئەگەر سىلى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولسىلىرى، 13دەرھال پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇرۇن ئۆزلىرى ئاجىزەلىرىگە: ‹ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىلە؟ ئەمدى ئادونىيا قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟» دېسىلە. 14سىلى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مەن كىرىپ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن، _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. (بۇ چاغدا پادىشاھ بەك قېرىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنېملىق قىز ئابىشاگ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.) 16باتشەبا پادىشاھقا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ نېمە تەلىپىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى. 17باتشەبا:
_ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئاجىزەلىرىگە: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىلە. 18ئەمما ھازىر ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋالدى! ئى ئالىيلىرى، سىلى بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز. 19ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئەبىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 20ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىگە ۋارىس قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 21ئەگەر سۇلايماننى ۋارىس قىلمىسىلا، سىلىدىن كېيىن قالساق، ئادونىيانىڭ بىزنى جىنايەتچى قاتارىدا كۆرۈشى ئېنىق، _ دېدى.
22باتشەبا پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ناتان پەيغەمبەر كەلدى. 23پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى داۋۇتقا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى 24ۋە پادىشاھقا:
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن راستتىنلا: «ئادونىيا ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنمىدىلە؟ 25بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئەبىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ. 26مەن خىزمەتكارلىرىنى، روھانىي زادوقنى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 27ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئىش سىلىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بولدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، تەختلىرىگە كىمنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئەمەلدارلىرىغا ئېيتمىدىلا؟ _ دېدى. 28پادىشاھ داۋۇت:
_ باتشەبانى چاقىرىڭلار! _ دېدى.
باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. 29-30پادىشاھ داۋۇت باتشەباغا:
_ مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ساڭا: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىم. ھازىر مېنى نۇرغۇن بالايىئاپەتلەردىن قۇتقۇزغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، بۇ سۆزۈمنى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، _ دېدى.
31باتشەبا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! _ دېدى.
سۇلايماننىڭ تەختتە ئولتۇرۇشى
32پادىشاھ داۋۇت:
_ روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى چاقىرىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. 33پادىشاھ ئۇلارغا:
_ سىلەر مېنىڭ ياساۋۇللىرىمنى ئېلىپ، ئوغلۇم سۇلايماننى قېچىرىمغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 34ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاڭلار. 35ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىڭلار. ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى.
36يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ:
_ ئامىن، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىنى پەرۋەردىگار خۇدا ئەمەلگە ئاشۇرغاي! 37پەرۋەردىگار بۇرۇن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يار بولغاندەك، سۇلايمانغىمۇ يار بولغاي ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي، _ دېدى.
38شۇنىڭ بىلەن روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ باردى. 39روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاشتى. 40ئۇلار نەيلەرنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى.
41ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ:
_ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى.
42شۇ پەيتتە روھانىي ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا:
_ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى. 43يوناتان ئادونىياغا مۇنداق دېدى:
_ ياق، پادىشاھىمىز داۋۇت ئالىيلىرى سۇلايماننى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 44پادىشاھ داۋۇت سۇلايماننى روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار بىلەن بىللە يولغا سالدى. ئۇلار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى. 45روھانىي زادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر گىھون بۇلىقىنىڭ يېنىدا سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيدى. ئۇلار شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشىپ ماڭغاچقا، شەھەر ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدى. بۇ دەل سىلى ئاڭلىغان شاۋقۇن-سۈرەندۇر. 46سۇلايمان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. 47ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ تۆشىكىدە يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، 48مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي! ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلدى».
49ئادونىيانىڭ مېھمانلىرى بۇ خەۋەردىن قورقۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. 50ئادونىيامۇ سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى.* 51بىر كىشى سۇلايمانغا:
_ ئادونىيا سىلىدىن قورقۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: «پادىشاھ سۇلايمان مەن قۇلىنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلسۇن» دەپ ئۆتۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى. 52سۇلايمان:
_ ئەگەر ئۇ ماڭا سادىق بولسا، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. لېكىن ئۇ بىرەر يامان غەرەزدە بولىدىكەن، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى.
53شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ، پادىشاھ سۇلايمانغا تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا:
_ ئۆيۈڭگە قايتقىن، _ دېدى.
2
داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا ۋەسىيەت قىلىشى
1داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:
2_ مېنىڭ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشىغىن. 3پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەيلى نېمە ئىش قىلمىغىن، مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمىغىن، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن. 4شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 5ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇ تىنچ زاماندىمۇ خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى. 6ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمىگىن. 7گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلدى. 8يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا، ئۇ مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغانىدى. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، مەن: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانىدىم. 9لېكىن سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى ئۆلۈكلەر ماكانىغا قانغا بويالغان ھالدا يول ئالسۇن.
10داۋۇت ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. 11ئۇ ئىسرائىلىيەگە قىرىق يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 12سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.
سۇلايماننىڭ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى
13-14بىر كۈنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەبانىڭ يېنىغا كىردى. باتشەبا ئۇنىڭدىن:
_ ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئادونىيا، _ سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى.
_ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا. 15ئادونىيا:
_ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى. 16ھازىر مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايلا، _ دېدى.
_ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا. 17ئادونىيا:
_ پادىشاھ سۇلايماندىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى. 18باتشەبا:
_ بولىدۇ، سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزەي، _ دېدى.
19شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. پادىشاھ سۇلايمان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىدە ئولتۇردى ۋە خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى. 20باتشەبا:
_ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايسەن، _ دېدى. پادىشاھ:
_ ئانا، سۆزلىسىلە، مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايمەن، _ دېدى. 21باتشەبا:
_ شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئاكاڭ ئادونىياغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭ، _ دېدى.
22پادىشاھ سۇلايمان ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئەبىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ:
_ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! 24مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا بەرگەن ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرمەكچى بولغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.*
25شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
26پادىشاھ روھانىي ئەبىياتارغا:
_ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغانىدىڭ، _ دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەبىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىدىن يىراقلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.
28يوئاب بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ ئابسالومنى قوللىماي، ئادونىيانى قوللىغانىدى. 29بىرسى پادىشاھ سۇلايمانغا: «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ھازىر ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا: «بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەت» دەپ بۇيرۇق بەردى. 30بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، يوئابقا:
_ پادىشاھ سېنى چىقسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلدى، _ دېدى. ئەمما ئۇ:
_ ياق، مەن مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، _ دېدى.
بىنايا يوئابنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. 31پادىشاھ مۇنداق دېدى:
_ ئۇنى دېگىنى بويىچە ئۆلتۈرۈپ، كۆمۈۋەت! ئۇنىڭ بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ گۇناھى مەندىن ۋە پۈتۈن جەمەتىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسۇن. 32ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. 33ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قېنىنىڭ قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.
34شۇنىڭ بىلەن يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بېرىپ، يوئابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى چۆلدىكى ئۆزىنىڭ يېرىگە دەپنە قىلدى. 35پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئەبىياتارنىڭ ئورنىغا روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
36پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سال ۋە شۇ يەردە ياشا، ھېچقانداق يەرگە بارما. 37شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى، _ دېدى. 38شىمئى پادىشاھقا:
_ باش ئۈستىگە پادىشاھ ئالىيلىرى، خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن شىمئى يېرۇسالېمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالدى. 39ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى گاتنىڭ پادىشاھى، يەنى مائاكانىڭ ئوغلى ئاكىشنىڭ زېمىنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە:
_ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى.
40شۇنىڭ بىلەن شىمئى ئېشىكىنى توقۇپ، گاتتىكى ئاكىشنىڭ يېنىغا بېرىپ، قۇللىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. 41بىرسى سۇلايمانغا شىمئىنىڭ يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 42پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ مەن سېنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەرگە بارغان كۈنۈڭ، ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ» دېمىگەنمىدىم!؟ سەن ماڭا: «پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچمىگەنمىدڭ!؟ 43ئەمدى سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى. 44پادىشاھ شىمئىغا يەنە:
_ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ. 45ئەمما پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھ سۇلايماننى بەرىكەتلەيدۇ، _ دېدى.
46شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا بۇيرۇق قىلدى، ئۇ چىقىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.
3
سۇلايماننىڭ خۇدادىن ئەقىل-پاراسەت تىلىشى
1سۇلايمان مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە پىرئەۋننىڭ قىزى شۇ يەردە تۇردى.
2ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنىدىغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلارغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى. 3سۇلايمان پەرۋەردىگارنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.
4بىر كۈنى پادىشاھ سۇلايمان گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن باردى. ئۇ يەردىكى سەجدىگاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭلىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلغانىدى. 5سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا، بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن. 6سۇلايمان:
_ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختىگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭگە ئىگە قىلدىڭ. 7ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. 8قۇلۇڭ سېنىڭ تاللىغان خەلقىڭ بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇلار ھەددى-ھېسابسىز زور خەلقتۇر. 9شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.
10سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت تىلىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى. 11خۇدا ئۇنىڭغا:
_ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلدىڭ. 12شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. 13ساڭا يەنە سەن مەندىن تىلىمىگەن بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ساڭا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق پادىشاھ بولمايدۇ. 14ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
15سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى.
سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسىتى
16بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى. 17ئۇلارنىڭ بىرى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مەن بالا تۇغقان ۋاقتىمدا، ئۇ ئايالمۇ يېنىمدا بار ئىدى. 18مەن تۇغۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا، بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇراتتۇق، بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. 19بىر كېچىسى بۇ ئايال ئۇخلاۋېتىپ، ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. 20ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. 21مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى. 22يەنە بىر ئايال:
_ ياق، ئۇنداق ئەمەس! تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى. بىرىنچى ئايال:
_ ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ، تىرىكى مېنىڭ، _ دەپ تۇرۇۋالدى.
ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشتى. 23شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ:
_ بىرىڭلار «تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيسىلەر. يەنە بىرىڭلار «ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيسىلەر. 24خوش، ئۇنداقتا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلسۇن! _ دېدى. بىر قىلىچ كەلتۈرۈلدى. 25پادىشاھ:
_ تىرىك بالىنى ئىككىگە پارچىلاڭلار. بىر پارچىسىنى بۇ ئايالغا، يەنە بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بېرىڭلار، _ دېدى.
26بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، بالىنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى. يەنە بىر ئايال بولسا:
_ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە پارچىلاڭلار، _ دېدى. 27پادىشاھ مۇنداق دېدى:
_ بالا ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار، بۇ ئايال بالىنىڭ ئانىسىدۇر.
28پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.
4
سۇلايماننىڭ ئەمەلدارلىرى
1سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدى. 2تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدۇر:
زادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ روھانىي ئىدى.
3شىشانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا، ئۇلار پۈتۈكچى ئىدى.
ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات، ئۇ تەزكىرىچى ئىدى.
4يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ئۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى.
زادوق ۋە ئەبىياتار، ئۇلار روھانىي ئىدى.
5ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى.
يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
6ئاخىشار ئوردا غوجىدارى ئىدى.
ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام، ئۇ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
7سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئوردىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل 12 ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى. 8ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەسئۇل بولغان زېمىنلىرى:
بەنخۇر، ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا مەسئۇل ئىدى.
9بەندەقەر، ئۇ ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيتخانان شەھەرلىرىگە مەسئۇل ئىدى.
10بەنخەسەد، ئۇ ئارۇببوتقا مەسئۇل ئىدى، شۇنداقلا سوكوھ شەھىرى، خېفەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ئۇنىڭغا قارايتتى.
11بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرىگە مەسئۇل ئىدى.
12ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشانغا ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل ئىدى.
13بەنگېبەر، ئۇ گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە، شۇنداقلا ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىرنىڭ جەمەتىگە قاراشلىق گىلئادتىكى باشقا شەھەرلەرگە ھەم باشاندىكى ئارگوب رايونىغا جايلاشقان سېپىللىرى، دەرۋازىلىرى ۋە دەرۋازىلارنىڭ تۇچ بالداقلىرى بولغان ئاتمىش شەھەرگە مەسئۇل ئىدى.
14ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب، ئۇ ماخانايىم زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.
15ئاخىمائاز (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.
16خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ۋە بىئالوت شەھىرىگە مەسئۇل ئىدى.
17پارۇۋاخنىڭ ئوغلى يىھوشافات، ئۇ ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.
18ئېلانىڭ ئوغلى شىمئى، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.
19ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر، ئۇ گىلئاد زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى (گىلئاد زېمىنى بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ۋەزىر ئازاريا پۈتۈن رايونلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنى باشقۇراتتى.
سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روناق تېپىشى
20يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى. 21پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 22سۇلايماننىڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن 1800 كىلو سۈپەتلىك ئۇن، 2400 كىلو ئاددىي ئۇن، 23ئون تۇياق بوردالغان كالا، يىگىرمە تۇياق يايلاقتا بېقىلغان كالا، يۈز تۇياق قوي كېتەتتى. بۇلاردىن باشقا بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە سېمىز ئۇچار قاناتلارمۇ ئىستېمال قىلىناتتى. 24پادىشاھ سۇلايمان تىفساختىن گازاغىچە، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. 25پادىشاھ سۇلايمان زامانىدا داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشىدى. 26سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن 4 مىڭ ئاتخانىسى ۋە 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. 27يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي، نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى. 28ئۇلار جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى.
سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسىتى
29خۇدا سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت، چوڭقۇر ئىدراك ۋە چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى. 30ئۇ ئەقىل-پاراسەتتە شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى. 31ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخلىق بولغان ئېتان ۋە ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل ئەللەرگە يېيىلغانىدى. 32ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىر-نەزمىلىرى 1005كە يەتكەنىدى. 33ئۇنىڭ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر ھەققىدە، يەنى لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ھەتتا ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغانىدى. 34يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەملەر ئەۋەتىشكەنىدى.
5
ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىشى
1تىر پادىشاھى ھىرام ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پادىشاھ داۋۇت بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى. 2سۇلايمان ھىرامغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يوللىدى:
3«ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى. 4لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا ھەر جەھەتتىن خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. دۈشمەنلىرىم قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى. 5پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.
6شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئىشلىسۇن. ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا دەرەخ كەسكۈچىلەر يوق.»
7ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى. 8ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يوللىدى:
«ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن. 9مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارسۇن. ئادەملىرىم شۇ يەردە قېلىپ ياغاچلارنى يەشسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۇلارنى توشۇپ ئەكېتىڭلار. لېكىن مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار. سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ بەرگەيلا.»
10شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 11سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا 1600 توننا بۇغداي، 3000 لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق مىقداردىكى بۇغداي ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. 12پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.
13پادىشاھ سۇلايمان ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارغا ئادەم يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى. 14سۇلايمان ئۇلاردىن ھەر ئايدا 10 مىڭ ئادەمنى نۆۋەت بىلەن لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى. 15پادىشاھ سۇلايماننىڭ تاغدا تاش قازىدىغان 80 مىڭ ئادىمى، يۈك توشۇيدىغان 70 مىڭى ئادىمى بار ئىدى. 16ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىش بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. 17پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى. 18شۇنداق قىلىپ، سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى.
6
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىبادەتخانىنى سېلىشى
1سۇلايمان ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران بولغان 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا* پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققىنىغا 480 يىل بولغانىدى.
2پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولدى. 3ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. 4ئىبادەتخانىغا پەنجىرىلەر چىقىرىلدى. 5ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە يانداشتۇرۇپ، يان خانىلار سېلىندى. 6يان خانىلارنىڭ لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ سىرتقى تەرىپى پەلەمپەي شەكىللىك ياسالدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 2.5 مېتىر، ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 3.5 مېتىر بولدى. 7ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، ئىسكىنە قاتارلىق ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. 8بىرىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئىككىنچى قەۋەتكە، ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى. 9سۇلايمان ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆگزىسىنى كېدىر لىملىرى ۋە كېدىر ياغاچلىرىدىن قىلىنغان تاختايلار بىلەن ياپتى. 10ئىبادەتخانىغا يانداش سېلىنغان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىملىرى ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىغا قويۇلغانىدى.
11پەرۋەردىگاردىن سۇلايمانغا ۋەھىي كەلدى: 12«سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13مەن خەلقىم ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايمەن ۋە ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن.»
ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى بېزەكلىرى
14شۇنداق قىلىپ، سۇلايمان ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. 15ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى يەردىن تورۇسىغىچە پۈتۈنلەي كېدىر تاختىيى بىلەن قاپلاپ، يېرىگە قارىغاي تاختىيى ياتقۇزدى. 16ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى تەرىپىدىن 10 مېتىر ئارىلىقنى يەر يۈزىدىن تورۇسقىچە كېدىر تاختىيى بىلەن توسۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنى ھازىرلىدى. 17ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئالدىدىكى ئاساسىي خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر بولدى. 18ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىغانلىقى ئۈچۈن، تاشلىرى كۆرۈنۈپ قالمايتتى. كېدىر تاختايلىرىغا قاپاق ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنى ئويدى. 19پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشتۇردى. 20ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 10 مېتىر بولۇپ، ئۇ ھەممە يېرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقداننىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 21سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 22شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
23سۇلايمان زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ئىككى دانە كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلارنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر ئىدى. 24بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 2.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، ئىككى قانىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 5 مېتىر ئىدى. 25ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 5 مېتىر ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ ئوخشاش ئىدى. 26ئىككى كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 5 مېتىر ئىدى. 27سۇلايمان ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى. بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، ئىككىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 28سۇلايمان بۇ ئىككى كېرۇبنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلارنىڭ ھەممە تاملىرىغا كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى. 30ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلارنىڭ يەر يۈزىگە ئالتۇن ياتقۇزدى. 31ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن قوش قاناتلىق ئىشىك ياسىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى ئىچكىرىكى خانىنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. 32ئۇ ئىشىككە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى. ئويۇلغان نەقىشلەرنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 33ئاساسىي خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن كېشەك ياسىدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى ئاساسىي خانىنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. 34قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياسىدى، ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، ئۇلار قاتلىناتتى. 35ئۇ ئىشىكلەرگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
36ئۇ يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنى پۈتتۈردى. ھويلا تېمىنى ھەربىر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇپ، قوپۇرۇپ چىقتى.
37پادىشاھ سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل سېلىنغانىدى. 3811-يىلى 8-ئايدا، يەنى بۇل ئېيىدا ئىبادەتخانا قىلىنغان ئىنچىكە لايىھە بويىچە پۈتتى. پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى پۈتتۈرۈشكە يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
7
سۇلايمان سالدۇرغان ئوردا-سارايلار
1ۋاھالەنكى، پادىشاھ سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 2-3بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىمۇ سالدۇردى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. ساراينىڭ ئۆگزىسىنى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۆت رەت تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە جەمئىي 45 دانە كېدىر دەرىخىنىڭ لىمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك 15 دانە لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. لىملارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى. 4ساراينىڭ ئىككى يان تاملىرىدىكى پەنجىرىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. 5ھەممە ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى تۆت چاسا ئىدى. سارايدا ئۈچ قۇردىن پەنجىرىلەر بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى.
6ئۇ يەنە «تۈۋرۈك سارىيى»نى سالدۇردى. ساراينىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. «تۈۋرۈك سارىيى»نىڭ تاشقىرىقى خانىسىنىڭ ئالدىدا ئايۋان بولۇپ، ئايۋاننى تۈۋرۈكلەر كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
7پادىشاھ سۇلايمان يەنە بىر ساراي سالدۇردى. ئۇ شۇ يەردە تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇڭا بۇ ساراي «ھۆكۈم سارىيى» دەپ ئاتالدى. ساراينىڭ ھەممە تاملىرى كېدىر تاختىيى بىلەن قاپلانغانىدى. 8سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ «ھۆكۈم سارىيى»غا ئوخشايتتى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ ئاشۇ سارايلارغا ئوخشايدىغان بىر ساراي سالدۇردى.
9ھەممە ئىمارەتلەرنىڭ ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىسىگىچە ئۆلچەم بويىچە كېسىپ تەييارلانغان ۋە سىلىقلانغان سۈپەتلىك تاشلار ئىشلىتىلگەنىدى. چوڭ ھويلىنىڭ تېمىمۇ شۇ خىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغانىدى. 10ئۇلىغا ئىشلىتىلگەن سۈپەتلىك، چوڭ تاشلارنىڭ ئىچىدە 4 مېتىرلىقلىرىمۇ، 5 مېتىرلىقلىرىمۇ بار ئىدى. 11ئۇلىنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان سۈپەتلىك تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 12ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنىڭ تاملىرىمۇ ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇلۇپ قوپۇرۇلغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋانىنىڭ تاملىرىمۇ شۇنداق قوپۇرۇلغانىدى.
ئىككى تۇچ تۈۋرۈك
13پادىشاھ سۇلايمان تىرغا ئادەم ئەۋەتىپ، ھۇرام ئىسىملىك بىر كىشىنى چاقىرتىپ كەلدى. 14ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۈنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.
15ھۇرام ئېگىزلىكى 9 مېتىر، ئايلانمىسى 6 مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۇچ تۈۋرۈك ياسىدى. 16تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىدىغان ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. تۈۋرۈك بېشىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن ئىدى. 17تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ئۆرۈلگەن زەنجىرلەردىن ھاسىل بولغان تورسىمان شەكىللەر بىلەن بېزەلدى. ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بېشى مۇشۇنداق تورلار بىلەن بېزەلدى. 18ئۇ يەنە ھەر ئىككى تۈۋرۈك بېشىغا ئىككى قۇردىن ئېسىش ئۈچۈن تۇچتىن ئانار ياسىدى.
19ئايۋاننىڭ ئالدىدىكى بۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىگە 2 مېتىر ئېگىزلىكتە نېلۇپەر شەكلىدە بېزەك ياسىدى. 20ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدىكى تورسىمان بېزەكتە ئىككى قۇردىن جەمئىي ئىككى يۈز دانە ئانار بولۇپ، بۇ ئانارلار تۈۋرۈك باشلىرىنى ئوراپ تۇراتتى. 21بۇ تۈۋرۈكلەر ئايۋاننىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بېرىلدى. 22تۈۋرۈكلەرنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىدە نېلۇپەر شەكىللىك بېزەك بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈۋرۈكلەرنى ياساش ئىشى ئاخىرلاشتى.
تۇچ داڭقان
23ھۇرام يەنە دىيامېتىرى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى. 24تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر قاپاق شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر مېتىر ئارىلىقتا يىگىرمە دانە قاپاقنىڭ شەكلى بار ئىدى. ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىرگە قۇيۇلۇپ چىقىلغانىدى. 25داڭقان 12 دانە تۇچ بۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچ تەرەپكە قارايتتى. 26داڭقاننىڭ قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم نېلۇپەر گۈلىنىڭ بەرگىگە ئوخشايتتى. داڭقانغا 44 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى.
تۇچ داسلار ۋە ئۇلارنى قويىدىغان ھارۋىلار
27ھۇرام يەنە تۇچ داسلارنى قويۇش ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى. 28ھارۋىلار مۇنداق شەكىلدە ياسالدى: ھارۋىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى ئىككى دانە تۆت چاسا رامكىدىن تۈزۈلۈپ، بۇ رامكىلار تۆت بۇرجىكىدىن تۆت دانە خادا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 29رامكا ۋە خادىلارغا شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلدى. شىر ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى تەرىپىگە ئۇلانغان گۈللەرنىڭ نەقىشلىرى چىقىرىلدى.
30ھەربىر ھارۋىغا تۆت دانە تۇچ چاق ئورنىتىلىپ، چاقلار تۇچ ئوقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئاستىدىكى رامكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۆت دانە خادا ئورنىتىلدى ۋە ئۇلارغا گۈل زەنجىرلىرىنىڭ شەكلىدە نەقىش چىقىرىلدى.
31ئۈستىدىكى رامكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا داسنى قويۇش ئۈچۈن دىيامېتىرى 75 سانتىمېتىر بولغان يۇمىلاق بىر قۇرۇلما ئورنىتىلدى. ئۇمۇ نەقىشلەنگەن بولۇپ، ھارۋىدىن يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. رامكىلار تۆت چاسا ئىدى.
32ھارۋىنىڭ تۆت چاقى رامكىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، چاقنىڭ ئوقلىرى رامكا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. 33چاقلارنىڭ تۈزۈلۈشى جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق گەردىشى، چاق شادىسى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلدى.
34ھارۋىلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدا بىردىن تۇتقۇچ بولۇپ، ئۇلار ھارۋىلار بىلەن بىر گەۋدە ئىدى. 35ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان يۇمىلاق قۇرۇلمىنىڭ ئېگىزلىكى 25 سانتىمېتىر كېلەتتى. يۇمىلاق قۇرۇلما تىرەكلەر بىلەن ھارۋىنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. 36تىرەكلەر بىلەن رامكىلارنىڭ شادىلىرىغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپ، ھەممە قىرلىرى گۈل زەنجىرلىرى بىلەن نەقىشلەندى.
37شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئون ھارۋىنى ياساپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە شەكلى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە پارچىلىرى ئوخشاش بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىلغانىدى.
38ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى 2 مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئۇلارنى ئون ھارۋىغا بىردىن قويدى. 39ئون ھارۋىنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى.
ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار
40ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى. 41ئۇ ياسىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
ئىككى تۈۋرۈك،
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى،
كومزەك شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،
42تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.)
43ئون ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى ئون تۇچ داس،
44داڭقان ۋە داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،
45كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە داسلار.
ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. 46بۇ نەرسىلەرنى پادىشاھ ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، يەنى سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇردى. 47تۇچتىن ياسالغان بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان بۇلارغا قانچىلىك تۇچ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۆلچەپ ئولتۇرمىدى.
48سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئالتۇن ئىسرىقدان،
خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە،
49ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا، يەنى ئوڭ تەرىپىگە بەش، سول تەرىپىگە بەش ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭ گۈل شەكىللىك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلار، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار،
50ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار،
ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.
51شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. پادىشاھ سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.
8
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى
1پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. 2شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئېتانىم ئېيىدىكى، يەنى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئالدىغا جەم بولدى. 3-4ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. 5پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
6ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 7كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 8ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا، يەنى ئاساسىي خانىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئەھدە ساندۇقى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. 9ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.
10روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن قايتىپ چىققاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتلارغا تولدى. 11ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغاچقا، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا قايتا كىرەلمەي، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلققە سۆز قىلىشى
12بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان:
_ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. 13بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن _ دېدى. 14ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
15_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. 16ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 17ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتى بار ئىدى. 18ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، 19لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. 20ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ، بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. 21ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.
ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى
22پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ 23مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن. 24سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.
25ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش ئالدىمدا توغرا يولدا يۈرسە، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن 26ئى بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن! 27ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟ 28شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! 29سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! 30مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
31ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، 32سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.
33خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھ تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە ۋە كېيىن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، 34سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.
35خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئاسمان يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلىسا ۋە گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزسە، 36دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.
37ئەگەر ئىسرائىللار زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ۋابا تارقالسا، زىرائەتلەر قۇرۇپ ياكى سېسىپ كەتسە، قۇرت چۈشۈپ، چېكەتكە يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر شەھەرلەرنى قورشىۋالسا، يەنى مەيلى ئىسرائىللار قانداق كېسەل ياكى ئاپەتكە دۇچار بولسا، 38ئۇلار بۇ ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا، 39سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن. چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. 40شۇندىلا ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئۆمۈر بويى ساڭا ئىخلاس قىلىدۇ.
41-42ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن بولمىغان يات خەلقلەرمۇ ئۇلۇغ نامىڭنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ياراتقان مۆجىزىلەرنى ئاڭلاپ، يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا، 43سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ساڭا ئىخلاس قىلىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.
44ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار شۇ يەردىن سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، 45سەن ئەرشتە ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.
46ئۇلار ساڭا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، 47ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، 48ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، 49سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن. 50ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن. 51چۈنكى ئۇلار ساڭا تەۋەدۇر، سېنىڭ ئۆز خەلقىڭدۇر. سەن ئۇلارنى مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىقتىڭ.
52كۆزۈڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا نەزەر سالغايسەن، بىزنىڭ ساڭا يالۋۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن. 53ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ قىلىپ تاللىۋالغانلىقىڭنى جاكارلىغانىدىڭ.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلققە بەخت تىلىشى
54-55پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلەپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
56_ پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا تىنچلىق ۋە ئامانلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى. 57پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي. 58ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان قانۇن، ئەمر ۋە بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان قىلغاي.
59مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان بۇ دۇئالىرىم دائىم پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئېسىدە تۇرغاي. ئۇ ھەر كۈنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىپ، 60يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەي.
61سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇڭلار. ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار!
ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندا قىلىنغان قۇربانلىقلار
62ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى. 63پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي ئامانلىق قۇربانلىقى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 64شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالدى. شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.
65شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى. 66ئون بەشىنچى كۈنى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.
9
پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە بىر قېتىم زاھىر بولۇشى
1پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى ۋە ئۆزى سېلىشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك يەنە زاھىر بولدى. 3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى خەلقنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. 4ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا ساداقەتمەنلىك ۋە ئادىللىق بىلەن ئىش قىلساڭ، ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، 5ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن. 6ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنسا، 7مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ نەزىرىمدىن يىراق قىلىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ. 8ئىبادەتخانا خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران بولۇشۇپ ۋە مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. 9باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.
سۇلايماننىڭ ھىرامغا يىگىرمە شەھەر ئىنئام قىلىشى
10پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 11تىر پادىشاھى ھىرام پادىشاھ سۇلايمان خالىغان كېدىر، قارىغاي ياغاچلىرى ۋە ئالتۇنلارنى تەمىنلىگەچكە، پادىشاھ سۇلايمان ئۇنىڭغا جەلىلىيە زېمىنىدىكى يىگىرمە شەھەرنى بەردى. 12بىراق پادىشاھ ھىرام سۇلايمان بەرگەن شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى كۆرۈپ، ئانچە ياراتمىدى. 13ھىرام سۇلايمانغا: «بۇرادەر، ماڭا تەقدىم قىلغان شەھەرلىرىڭ مۇشۇمۇ؟» دېدى ۋە بۇ شەھەرلەر جايلاشقان زېمىنغا «قابۇل» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھېچنېمىگە ئەرزىمەس» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ نام بەردى. بۇ زېمىن شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 14پادىشاھ ھىرام پادىشاھ سۇلايمانغا تۆت توننا ئالتۇن تەقدىم قىلغانىدى.
سۇلايمان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر
15تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر: 16(بۇرۇن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. كېيىن بۇ شەھەرنى پادىشاھ سۇلايمانغا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن. 17پادىشاھ سۇلايمان گەزەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى ۋە ئاستىن بەيت-خورون، 18بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى، 19شۇنداقلا ئامبار سېلىش، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەممە يەرلەردە نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدى.)
20ئىسرائىل زېمىنىدا ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياشايتتى. 21ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە. 22لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللارنى ھاشارغا سالماي، ئۇلارنى ئۆزىگە لەشكەر، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ لەشكەرلىرى قىلدى. 23سۇلايماننىڭ 550 نەپەر ئىش بېشى ئەمەلدارلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئىشلەۋاتقانلارنى نازارەت قىلاتتى.
24پىرئەۋننىڭ قىزى «داۋۇت شەھىرى»دىن سۇلايمان ئۆزى ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمان يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى.
25شۇنداق قىلىپ، ئىبادەتخانا پۈتتى. سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلاتتى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى.
26پادىشاھ سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە كېمىلەر ياساتتى. 27-28پادىشاھ ھىرام ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايماننىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەردىن پادىشاھ سۇلايمانغا 14 توننا ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.
10
شىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى
1شىبانىڭ* ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. 2ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. 3سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى. 4شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىنى، ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلارنى، 5شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە 6پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ مەن مەملىكىتىمدە سىلىنىڭ دانالىقلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. 7مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 8ئادەملىرىڭىز نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەمەلدارلىرىڭىز ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 9پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.
10شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.
11(بۇنىڭدىن باشقا، سۇلايمانغا ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان كېمىلىرى ئوفىردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 12پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم نەغمىچىلەر ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ ئەكېلىپ باقمىدى ھەم ھېچكىممۇ بۇنچىلىك كۆپ ياغاچلارنى كۆرۈپ باقمىدى.)
13پادىشاھ سۇلايمان شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ناھايىتى كۆپ سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى
14پادىشاھ سۇلايمانغا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. 15بۇلاردىن سىرت سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىنمۇ ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى. 16پادىشاھ سۇلايمان ياغاچتىن ئىككى يۈز دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىنى 7 كىلو 200 گىرام ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 17ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالتۇندىن ئۈچ يۈز دانە كىچىك قالقان ياساتتى، ھەربىرى 1 كىلو 800 گىرام كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئورۇنلاشتۇردى. 18سۇلايمان يەنە ئۆزىگە چوڭ بىر تەخت ياسىتىپ، ئۇنى پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتتى. 19تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. تەختنىڭ يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەينىگە ئەگمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 20پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەشتىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.
21پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچىلىرى ۋە «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، كۈمۈش ئىشلىتىلمىگەنىدى. چۈنكى سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. 22پادىشاھ سۇلايماننىڭ دېڭىزدا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلىرى پادىشاھ ھىرامنىڭ كېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئېلىپ كېلەتتى. 23پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 24دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايماننى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. 25ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.
26پادىشاھ سۇلايمان ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى توپلىدى. ئۇنىڭ توپلىغان جەڭ ھارۋىلىرى 1400، ئاتلىرى 12 مىڭ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 15پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. ئۇ ئۇلارنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. 27پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. 28پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. 29مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى 7 كىلو 200 گىرام كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى 1 كىلو 800 گىرام كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.
11
سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى
1پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى. 2پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەللەرنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرىگە قىز بەرمەڭلار ھەمدە ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا ئاشىق بولدى. 3پادىشاھ سۇلايماننىڭ 700 ئايالى، 300 توقىلى بار ئىدى. بۇ ئاياللار سۇلايماننىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگاردىن يىراقلاشتۇردى. 4سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللىرى ئۇنى باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغانىدى، ئەمما ئۇ ئاتىسىدەك سادىق بولمىدى. 5سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، 6پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. پەرۋەردىگارغا ئاتىسى داۋۇت ئەگەشكەندەك پۈتۈن قەلبى بىلەن ئەگەشمىدى. 7سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى. 8ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ سەجدىگاھلارنى سالدۇرۇپ بەردى.
پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا غەزەپلىنىشى
9سۇلايمان ئۆزىگە ئىككى قېتىم زاھىر بولغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى كەلدى. 10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنما» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئېرەن قىلمىدى. 11شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى:
_ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ۋە ساڭا بۇيرۇغان ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنى جەزمەن تارتىۋالىمەن ۋە ئۇنى بىر خىزمەتكارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. 12لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن. 13ئەمما مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن.
14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى. 15ئىلگىرى پادىشاھ داۋۇت ئىدومنى مەغلۇپ قىلغاندا، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى. 16يوئاب ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئۇ يەردە تاكى ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئالتە ئاي تۇرغانىدى. 17بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى. 18ئۇلار مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشقانىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇلارغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەنىدى.
19ھاداد پىرئەۋننىڭ ناھايىتى كۆپ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنىدى. پىرئەۋن ھەتتا ئۆزىنىڭ قېيىنسىڭلىسى، يەنى خانىش تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەنىدى. 20ئۇ تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گىنۇبات دەپ ئات قويغانىدى. تاخپىنېس بالىنى پىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ قىلغانىدى. گىنۇبات پىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تۇراتتى.
21ھاداد مىسىردا تۇرۇپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابنىڭمۇ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، پىرئەۋندىن:
_ ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن، _ دەپ ئۆتۈندى. 22پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ «ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرسىلە» دەيسەن، بۇ يەردە بىرەر نەرسەڭ كەم بولۇپ قالدىمۇ؟ _ دېدى. ئۇ:
_ كەم بولۇپ قالغان بىرەر نەرسە يوق، قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، _ دەپ تۇرۇۋالدى.
23خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ پادىشاھ سۇلايمانغا دۈشمەن قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ دەستىدىن قېچىپ كەتكەنىدى. 24پادىشاھ داۋۇت زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم قاراقچىلارنى توپلاپ، ئۆزى ئۇلارغا ئاتامان بولدى. كېيىن ئۇ دەمەشققە بېرىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. 25ئۇ پۈتكۈل ئارراملارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ ھادادقا ئوخشاش يامان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارغا ئۆچمەنلىك قىلاتتى. رىزون سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ كەلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ بۆلۈنۈشى ھەققىدىكى بېشارەت
26پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل ئايال ئىدى. 27ئۇ سۇلايمانغا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنىدى: سۇلايمان تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سېپىللىرىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. 28ياروبئام ئىنتايىن ئىقتىدارلىق يىگىت ئىدى. سۇلايمان ئۇنىڭ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھاشارچىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى.
29بىر كۈنى ياروبئام يېرۇسالېمدىن چىققاندا، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەر يولدا ئۇنىڭغا يولۇقتى. ئاخىيا يېڭى تون كىيگەن بولۇپ، دالادا شۇ ئىككىيلەنلا بار ئىدى. 30ئاخىيا ئۈستىدىكى يېڭى تونىنى سېلىپ، يىرتىپ، ئون ئىككى پارچە قىلىپ، 31ياروبئامغا مۇنداق دېدى:
_ سەن بۇلاردىن ئون پارچىنى ئال! ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، مەن سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنىڭ زېمىنىنى ساڭا بېرىمەن. 32لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن. 33سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن. 34لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن. مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بولۇپ ياشايدۇ. 35مەن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. 36لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن. 37مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران قىلىشقا ۋە پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم. 38ئەگەر سەن ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. 39سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.»
40شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمان ياروبئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ياروبئام پىرئەۋن شىشاقنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، تاكى پادىشاھ سۇلايمان ۋاپات بولغانغا قەدەر مىسىردا تۇردى.
41پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 42سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. 43سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
12
شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى
1بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. 2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى. 3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىخوبئامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:
4_ ئاتىلىرى سۇلايمان يەلكىمىزگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان بۇ ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، ھاياتىمىزنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى. 5رىخوبئام:
_ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.
6پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:
_ بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى. 7مويسىپىتلار:
_ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:
9_ كىشىلەر ماڭا: «ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان ئېغىر يۈكلەرنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا قانداق جاۋاب بەرسەك بولار، سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى. 10رىخوبئام بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ياشلار:
_ بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى يەلكىمىزدىكى يۈكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! 11ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
12ياروبئام ۋە خەلق پادىشاھ رىخوبئامنىڭ «ئۈچىنچى كۈنى كېلىڭلار» دېگەن سۆزى بويىچە، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 13پادىشاھ رىخوبئام كۆپچىلىككە كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئەمەس، 14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:
_ ئاتام سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.
15پادىشاھ رىخوبئام خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.
16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
_ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 17ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.
18پادىشاھ رىخوبئام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ رىخوبئام ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى. 19شۇنىڭدىن بېرى شىمالدىكى ئىسرائىللار داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە.
20شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە، يەنى شىمالدىكى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. پەقەت يەھۇدا قەبىلىسىلا داۋۇت خانىدانلىقىغا سادىق بولۇپ قالدى.
21رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. 22بىراق خۇدا شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:
23_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە ھەم باشقىلارغا: 24«پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىشنى مەن قىلدىم› دەيدۇ» دېگىن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، شىمايا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.
ياروبئامنىڭ ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە باشلىشى
25پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى. 26-27پادىشاھ ياروبئام ئىچىدە: «ئەگەر بۇ خەلق قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىۋېرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كونا ھۆكۈمرانى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا مايىل بولۇپ كېتىشى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ پادىشاھلىق يەنە داۋۇت ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى. 28شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ياروبئام مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ بۇتىنى ياسىتىپ، خەلققە:
_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، مانا بۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلاردۇر! _ دېدى.
29ئۇ موزاي بۇتنىڭ بىرىنى بەيتەل شەھىرىگە، يەنە بىرىنى دان شەھىرىگە قويغۇزدى. 30بۇ ئىش ئىسرائىللارنى گۇناھقا باشلىدى. ئۇلار ھەتتاكى يىراقتىكى دانغا بېرىپ، موزايغا چوقۇنىدىغان بولدى. 31پادىشاھ ياروبئام بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە، شۇنى روھانىيلىققا تەيىنلىدى.
بەيتەلدىكى بۇتپەرەسلىكنىڭ ئەيىبلىنىشى
32پادىشاھ ياروبئام يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى* يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. 338-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سالدى.
13
1پادىشاھ ياروبئام بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يېتىپ كەلدى. 2پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:
_ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ نەسلىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان بۇتپەرەس روھانىيلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.»
3(شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.»)
4پادىشاھ ياروبئام پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى قېتىپ قېلىپ، يىغىۋالالماي قالدى. 5(دەرۋەقە، كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن بېشارىتى ئەمەلگە ئاشتى. قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ، ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەر چېچىلىپ كەتتى.)
6پادىشاھ پەيغەمبەرگە:
_ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى.
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى. 7پادىشاھ پەيغەمبەرگە:
_ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، غىزالانغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى. 8پەيغەمبەر پادىشاھقا:
_ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ، سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، غىزامۇ يېمەيمەن، ئۇسسۇلۇقمۇ ئىچمەيمەن. 9چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن غىزا يېسەڭ ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچسەڭ بولمايدۇ، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتساڭمۇ بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بەيتەلگە كەلگەن يولى بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن قايتتى.
بەيتەللىك ياشانغان پەيغەمبەر
11بەيتەلدە تۇرىدىغان ياشانغان بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئاشۇ كۈنى بەيتەلدە قىلغان ھەممە ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. پادىشاھقا ئېيتقان سۆزلىرىنىمۇ دەپ بەردى. 12ئاتىسى ئۇلاردىن: «ئۇ پەيغەمبەر قايسى يول بىلەن قايتتى؟» دەپ سورىدى. ئوغۇللىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ماڭغان يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. 13ئۇ ئوغۇللىرىغا:
_ ئېشەكنى توقۇڭلار! _ دېدى.
ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ تەييارلىدى. ئۇ ئېشەكنى مىنىپ، 14ھېلىقى پەيغەمبەرنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ئۇنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭدىن:
_ ئۆزلىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر بولامدىلا؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:
_ شۇنداق! _ دەپ جاۋاب بەردى. 15ياشانغان پەيغەمبەر:
_ ئەمىسە مەن بىلەن يۈرسىلە، ئۆيگە بېرىپ، غىزا يېسىلە، _ دېدى. 16يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر:
_ مەن ئارقامغا قايتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئۆيلىرىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەردىمۇ سىلى بىلەن بىرگە غىزالىنالمايمەن، ھەم ئۇسسۇلۇق ئىچەلمەيمەن. 17چۈنكى ماڭا پەرۋەردىگار: «سېنىڭ ئۇ يەردە غىزا يېيىشىڭگە ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچىشىڭگە، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىشىڭغا بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. 18ياشانغان پەيغەمبەر:
_ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.
19شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر ياشانغان پەيغەمبەر بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، غىزا يېدى ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچتى. 20ئۇ ئىككىسى داستىخاندا غىزالىنىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 21ياشانغان پەيغەمبەر ھېلىقى پەيغەمبەرگە ئۈنلۈك ئاۋازدا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلماي، ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلدىڭ. 22مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دېدى.
23غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا ئۆز ئېشىكىنى توقۇپ تەييار قىلىپ بەردى. 24يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر يولىغا راۋان بولدى. يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچرىدى. شىر ئۇنى ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ جەسىتى يولدا قالدى. ئېشەكمۇ، شىرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇردى. 25يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ جەسەتنىڭ يولغا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ياشانغان پەيغەمبەر تۇرىدىغان شەھەرگە كېلىپ، بۇ ۋەقەنى شەھەردە سۆزلەپ يۈردى. 26يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى يولدىن قايتۇرۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ۋەقەنى ئاڭلاپ: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ھېلىقى پەيغەمبەرنىڭ جەسىتى ئىكەن. خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇنى شىرغا تاشلاپ بېرىپتۇ، شىر ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ» دېدى. 27شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇللىرىغا:
_ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 28ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى. 29ياشانغان پەيغەمبەر ھازا ئېچىپ، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنى ئېشەككە ئارتىپ، دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 30ئۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە: «ۋاي قېرىندىشىم!» دەپ، ھازا ئاچتى. 31جەسەتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياشانغان پەيغەمبەر ئوغۇللىرىغا:
_ مەن ئۆلگەندىن كېيىن، سىلەر مېنى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپنە قىلىنغان قەبرىگە دەپنە قىلىڭلار، جەسىتىم ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن. 32ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى بۇتخانىلار توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، _ دېدى.
33شۇ ۋەقەلەردىن كېيىنمۇ پادىشاھ ياروبئام يامان يولىدىن قايتماي، بۇتخانىلارغا ئاۋام خەلقتىن روھانىيلارنى تاللاپ، خالىغانلىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. 34بۇ گۇناھلىق ئىشلار پادىشاھ ياروبئام جەمەتىنىڭ كېيىنچە پۈتۈنلەي قىرىلىپ، يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
14
ياروبئام جەمەتى ھەققىدىكى بېشارەت
1شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى. 2پادىشاھ ياروبئام ئايالىغا:
_ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى. 3سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.
4ياروبئامنىڭ ئايالى ئەنە شۇ يوسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 5پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى:
_ ياروبئامنىڭ ئايالى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ساڭا دېگەنلىرىمنى دېگىن.
6ياروبئامنىڭ ئايالى بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى:
_ ئەي ياروبئامنىڭ ئايالى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا پەرۋەردىگاردىن ئەمر كەلدى. 7سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم. 8پادىشاھلىقنى داۋۇت جەمەتىدىن تارتىۋېلىپ، ساڭا بەردىم، لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشىمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلاتتى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، پەقەت مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. 9لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ. 10شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن. 11سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم».
12ئورنۇڭدىن تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەنلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ. 13پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ياروبئام جەمەتىدىن پەقەت شۇلا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى خۇرسەن قىلغانىدى. 14ئىسرائىللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار باشقا بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ ياروبئام جەمەتىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى! 15پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىللار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 16ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.
17ياروبئامنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ، يولغا چىقتى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئوغلى جان ئۈزدى. 18خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى.
19پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ياروبئام 22 يىل پادىشاھ بولۇپ، ۋاپات بولدى، ئوغلى ناداب تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام
21سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. 22يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغىدى. 23ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى. 24تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭمۇ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.
25پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى پىرئەۋن شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. 26ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 27كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. 28پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، ياساۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قالقانلارنى يەنە قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.
29پادىشاھ رىخوبئامنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 30يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 31رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. ئوغلى ئابىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
15
يەھۇدىيە پادىشاھى ئابىيا
1ئىسرائىلىيە پادىشاھى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 3ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 4لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىدى، يەنى ئەۋلادى بولغان ئابىيانىڭ ئوغلىنى يېرۇسالېمدا تەختىگە ۋارىس قىلدى ۋە يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى. 6رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش پادىشاھ ئابىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. 7پادىشاھ ئابىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 8ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا
9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 10ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 11ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 12ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى. 13ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى.* چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 14گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى. 15ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.
16يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 17ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەگە كىرىپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. 18شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدە ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا: ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپنى بەردى:
19«ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن ئىتتىپاق تۈزگىنىدەك، بىزمۇ ئىتتىپاق تۈزەيلى. سىلىگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»
20پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. 21پادىشاھ باشا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، راماھ شەھىرىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كەتتى. 22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى. پادىشاھ ئاسا بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.
23پادىشاھ ئاسانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 24ئاسا ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ناداب
25ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 26ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەشنى داۋاملاشتۇردى. 27ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 28بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى يۈز بەردى. باشا نادابنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. 29ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقىنىدەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، بىرمۇ تىرىك جان قالدۇرمىدى. 30چۈنكى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 31پادىشاھ نادابنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 32يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا
33يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 3-يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 34ئۇمۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋاملىق بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدى.
16
1پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە باشا ھەققىدە ۋەھىي كەلدى: 2«ئەي باشا، مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە باش قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدىڭ. خەلقىمنىڭ گۇناھلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى. 3شۇڭا ئەمدى سېنى ۋە جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش يوق قىلىمەن. 4جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».
5پادىشاھ باشانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 6باشا ۋاپات بولۇپ، تىرزاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 7دېمەك، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشا ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ئەيىبلەنگەنىدى. باشا ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنىدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلاھ
8يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئەلاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى. 10زىمرى كىرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تەختىنى تارتىۋالدى. بۇ ۋەقە يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ 27-يىلى يۈز بەردى. 11زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. 12زىمرىنىڭ باشا جەمەتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىشى پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا ئېيتقىنىدەك بولدى. 13بۇ ئىشلار باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلاھنىڭ ئۆتكۈزگەن بارلىق گۇناھلىرى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى.
14پادىشاھ ئەلاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىمرى
15يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى. 16بارگاھتىكىلەر زىمرىنىڭ سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئومرىنى بارگاھتىلا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 17ئومرى بارلىق قوشۇنى بىلەن گىببىتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشاۋغا ئالدى. 18زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. 19بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ياروبئامدەك بۇتپەرەسلىك قىلىپلا قالماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەنىدى. 20پادىشاھ زىمرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرى
21شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىكى خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى. 22ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى. 23ئومرى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىلدا تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى. 24كېيىن ئومرى سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن بىر تۆپىلىكنى 70 كىلو كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ تۆپىلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.
25ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. 26ئۇ پۈتۈنلەي نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ماڭغان بۇتپەرەسلىك يولدا مېڭىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدى. خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 27پادىشاھ ئومرىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 28ئومرى ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب
29يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. پادىشاھ ئاخاب سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 30ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. 31ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇندى 32ئۇ سامارىيەدە بائال ئۈچۈن بۇتخانا سالدۇردى ۋە بۇتخانىدا بائالغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. 33ئاخاب يەنە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ياساتتى. ئۇ ئىلگىرى ئىسرائىلىيەدە ئۆتكەن بارلىق پادىشاھلاردىن زىيادە گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
34ئاخاب ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا، تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا، كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.
17
ئىلياسنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن بېشارەت بېرىشى
1گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا:
_ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.
2ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى:
3_ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا بارغىن ۋە شۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. 4سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قۇزغۇنلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇيمەن.
5شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇردى. 6قۇزغۇنلار ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى. 7لېكىن يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى.
ئىلياس ۋە زارىفاتلىق تۇل ئايال
8پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:
9_ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل ئايالنى ساڭا يېمەك-ئىچمەك بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردۇم.
10ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، بىر تۇل ئايالنىڭ ئوتۇن تېرىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ئىلياس ئۇنىڭدىن:
_ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ بەرسىڭىز! _ دەپ سورىدى. 11ئۇ ئايال سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئىلياس يەنە ئۇنىڭغا:
_ ماڭا بىر بۇردا نانمۇ ئالغاچ كەلسىڭىز، _ دەپ توۋلىدى. 12ئايال:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشىمدا بىر چاڭگال ئۇن، كوزامدا ئازغىنا ياغ قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزانى تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى. 13لېكىن ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ قورقماڭ، بېرىپ غىزايىڭىزنى تەييارلىۋېرىڭ. لېكىن ئالدى بىلەن قالغان ئۇن ۋە ياغدا ماڭا بىر نان پىشۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆزىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا تەييارلاڭ. 14چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشىڭىزدىكى ئۇن، كوزىڭىزدىكى ياغ تۈگىمەيدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.
15ئايال بېرىپ، ئىلياسنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. ئىلياس ۋە ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ھەر كۈنى يېتەرلىك بولدى. 16خۇددى پەرۋەردىگار ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى، ياغ كوزىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالمىدى.
تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى
17شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆي ئىگىسى بولغان تۇل ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ، ئاخىرى نەپىسى توختاپ قالدى. 18شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا:
_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى.
19_ ئوغلىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! _ دېدى ئىلياس ئۇنىڭغا.
ئاندىن ئىلياس ئايالنىڭ قۇچىقىدىن بالىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ، تۆشىكىگە قويدى. 20ئىلياس پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:
_ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن راستتىنلا مەن ئۆيدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرەمسەن؟ _ دېدى.
21ئاندىن ئىلياس بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم تاشلىنىپ، پەرۋەردىگارغا:
_ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، بۇ بالىنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەرگەيسەن، _ دەپ، دۇئا قىلدى.
22پەرۋەردىگار ئىلياسنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. بالىنىڭ جېنى تېنىگە قايتىپ كەلدى، بالا تىرىلدى. 23ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ:
_ قاراڭ، بالىڭىز تىرىلدى! _ دېدى. 24تۇل ئايال ئىلياسقا:
_ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى.
18
ئىلياس بىلەن ئوبادىيانىڭ ئۇچرىشىشى
1ئارىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى:
_ سەن پادىشاھ ئاخابنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن، مەن زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرىمەن.
2شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 3پادىشاھ ئاخاب ئوردا غوجىدارى ئوبادىيانى چاقىرتتى. (ئوبادىيا پەرۋەردىگارغا تولىمۇ ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. 4پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.) 5ئاخاب ئوبادىياغا:
_ بىز زېمىنىمىزنى ئارىلاپ، بۇلاق ۋە ئېقىنلار بار يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقايلى. ئۇ يەرلەردىن ئات ۋە قېچىرلارنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغۇدەك ئوتلاقلار تاپالىساق ئەجەب ئەمەس. ئۇ چاغدا ماللارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، _ دېدى.
6شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ماڭدى. ئاخاب ئۆز ئالدىغا بىر يولغا، ئوبادىيا ئۆز ئالدىغا باشقا بىر يولغا ماڭدى. 7ئوبادىيا يولدا كېتىۋېتىپ، ئىلياس بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ ئىلياسنى تونۇپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ:
_ بۇ سىلىمۇ، ئى خوجام ئىلياس؟ _ دېدى. 8ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ مەن شۇ. سەن بېرىپ خوجاڭغا: «ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. 9ئوبادىيا ئۇنىڭغا:
_ قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمگە مەن خىزمەتكارلىرىنى خوجام ئاخابنىڭ قولىغا تاپشۇرغىلىۋاتىلا؟ مېنى ئۆلسۇن دەمدىلا؟ 10مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى. 11ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. 12مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. 13خوجام، ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان چاغدا، مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈز كىشىنى ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگىنىمدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ 14ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا: ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. ئۇنداق قىلسام، ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى. 15ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى جەزمەن ئاخابقا كۆرسىتىمەن، _ دېدى.
ئىلياس ۋە بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى
16شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاخابنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىلياسنىڭ خەۋىرىنى بەردى. ئاخاب ئىلياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. 17ئاخاب ئىلياسقا:
_ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.
18_ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدۇر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلماي، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندۇڭلار. 19ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنى ۋە ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان ئىلاھ بائالنىڭ 450 ساختا پەيغەمبىرىنى، شۇنداقلا ئىلاھە ئاشېرانىڭ 400 ساختا پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.
20پادىشاھ ئاخاب پۈتۈن ئىسرائىلىيە خەلقىگە خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى. 21ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى، يەنى «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 22ئاندىن ئىلياس خەلققە:
_ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، لېكىن بائالنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدىن 450 نەپىرى بار. 23ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا كەلتۈرۈڭلار. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇقىدىن بىرنى تاللاپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، لېكىن ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ يەنە بىر بۇقىنى پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي، ئوت ياقماي. 24بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىغا ئىلتىجا قىلسۇن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلاي. ئوت ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنى ھەقىقىي خۇدادۇر، _ دېدى. خەلق:
_ بۇ ياخشى گەپ بولدى! _ دېيىشتى. 25ئىلياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە:
_ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار كۆپ بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن بىر بۇقىنى تاللاپ، ئۇنى تەييار قىلىڭلار. ئاندىن ئىلاھىڭلارغا ئىلتىجا قىلىڭلار، لېكىن ئوت ياقماڭلار، _ دېدى.
26ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالغا ئىلتىجا قىلىپ:
_ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى. 27چۈش ۋاقتى بولغاندا، ئىلياس ئۇلارنى مازاق قىلىپ:
_ ئۇ دېگەن «ئىلاھىڭلار» تۇرسا، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ ئىلتىجا قىلمامسىلەر؟ ئۇ بەلكىم چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئالدىراشتۇ، ياكى ساياھەت قىلىپ يۈرگەندۇ، ياكى ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىشىڭلار كېرەكتۇ، _ دېدى.
28شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە بەدەنلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلىشىپ، قان ئاققۇزۇشتى. 29چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچبىر ئالامەتمۇ كۆرۈلمىدى.
30ئىلياس خەلققە:
_ ماڭا يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېدى، خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ چېقىپ تاشلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقماقچى بولۇپ، 31قولىغا 12 تاش ئالدى. بۇ تاشلار ياقۇپ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. (پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى.) 32ئۇ بۇ تاشلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ چىقتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئايلاندۇرۇپ، 15 لىتىر سۇ پاتقۇدەك ئېرىق كولىدى. 33ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ئوتۇن تىزدى ۋە بۇقىنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ئۇ:
_ قۇربانلىقنىڭ ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆت ئىدىش سۇ قۇيۇڭلار، _ دېدى. 34ئۇ:
_ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. ئۇ يەنە:
_ ئۈچىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. 35سۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدىن ئېقىپ، ئېرىقنىمۇ تولدۇردى.
36كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن. 37ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن! بۇ خەلق سېنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىڭنى بىلسۇن، _ دېدى.
38شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، قۇربانلىق، ئوتۇن، تاش ۋە توپىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەتتا ئېرىقتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى. 39خەلق بۇنى كۆرۈپ، يەرگە باش قۇيۇپ:
_ «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن، «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! _ دېيىشتى. 40ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا:
_ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.
قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاياغلىشىشى
41ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلياس ئاخاب پادىشاھقا:
_ بارغىن، غىزالانغىن، ئۇسسۇلۇق ئىچكىن! قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن شەپە كېلىپ قالدى، _ دېدى.
42ئاخاب غىزالانغىلى كەتتى. لېكىن ئىلياس كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. 43ئۇ خىزمەتكارىغا:
_ سەن بېرىپ، دېڭىز تەرەپكە قاراپ باققىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، قاراپ كېلىپ:
_ ھېچنېمە يوق ئىكەن، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ يەنە بېرىپ قارىغىن، _ دەپ، ئۇدا يەتتە قېتىم بۇيرۇدى. 44يەتتىنچى قېتىمدا خىزمەتكار:
_ ئەنە، ئالىقانچىلىك كېلىدىغان كىچىك بىر بۇلۇت دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ ئەمدى سەن بېرىپ، ئاخابقا: «يامغۇردا توسۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن، ھارۋاڭنى قېتىپ، تاغدىن چۈش» دېگىن، _ دېدى.
45ھەقىقەتەن ئۇزاق ئۆتمەي، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى. 46پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، يۈگۈرۈپ، ئاخابتىن بۇرۇن يىزرىئەلگە يېتىپ باردى.
19
ئىلياسنىڭ ئىزەبەلدىن قېچىپ يۈرۈشى
1پادىشاھ ئاخاب ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى قىلىچ بىلەن قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئايالى ئىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. 2ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.
3ئىلياس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، جېنىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى بەئەرشەباغا كېلىپ، خىزمەتكارىنى شۇ يەردە قالدۇردى. 4ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا:
_ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.
5ئۇ چاتقالنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. توساتتىن بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ:
_ تۇرغىن، غىزالىنىۋالغىن! _ دېدى.
6ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىدى. بېشىدا بىر كۆمەچ بىلەن بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ غىزالىنىپ، يەنە ياتتى. 7پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنى نوقۇپ:
_ تۇرغىن، غىزالىنىۋالغىن، بولمىسا سەپىرىڭ ساڭا تەس كېلىدۇ، _ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى.
پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا ئىلياسقا ئايان بولۇشى
9ئىلياس كېچىنى بىر غاردا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ 10ئىلياس:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى. 11پەرۋەردىگار:
_ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا ھۇزۇرۇمدا تۇرغىن، مەن يېنىڭدىن ئۆتىمەن، _ دېدى.
شۇ ئەسنادا قاتتىق بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى. 12يەر تەۋرەش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوت پەيدا بولدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئوت بىلەنمۇ كەلمىدى. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، ناھايىتى سۇس بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 13ئىلياس بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، تونى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، غارنىڭ ئېغىزىدا تۇردى. شۇ چاغدا:
_ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ دېگەن سادا ئاڭلاندى. 14ئىلياس جاۋابەن:
_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن قىلدىم. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى بۇزۇپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى.
15پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ ئەمدى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خازائېلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئاررامنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگىن. 16ئاندىن نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگىن. ئابېل-مىخولا شەھىرىدىن بولغان شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى سېنىڭ ئورنۇڭغا پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگىن. 17خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 18مەن ئىسرائىللاردىن بۇت بائالغا تىز پۈكمىگەن ۋە ئۇنى سۆيمىگەن يەتتە مىڭ كىشىنى قالدۇرىمەن، _ دېدى.
ئىلياسنىڭ ئېلىشانى چاقىرىشى
19شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كىشىلەر 12 جۈپ ئۆكۈز بىلەن يەر ئاغدۇرۇۋاتاتتى. ئېلىشا بولسا 12-جۈپ ئۆكۈزنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى. 20ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ:
_ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا:
_ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەلگىن، _ دېدى.
21شۇنىڭ بىلەن ئېلىشا كەتتى. ئۇ بىر جۈپ ئۆكۈزىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆكۈزنىڭ جابدۇقلىرى بىلەن گۆشىنى پىشۇرۇپ، جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. جامائەت گۆشلەرنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇ ئىلياسقا ئەگەشتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
20
ئارراملارنىڭ سامارىيەنى قورشىۋېلىشى
1بىر كۈنى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى يىغدى. ئۇ ئاتلىق لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۆزىنى قوللىغان 32 پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە سامارىيە شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 2ئۇ سامارىيەدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتتى. 3ئەلچى مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ بەنھاداد مۇنداق دەيدۇكى، سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى مېنىڭدۇر.
4ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن:
_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە سىلىنىڭكىدۇر، _ دېدى. 5ئەلچىلەر يەنە كېلىپ:
_ پادىشاھ بەنھاداد دەيدۇكى، مەن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە خوتۇن-بالىلىرىڭنى بېرىسەن دەپ ئېيتقانىدىم. 6بۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنى ئېلىپ كېتىدۇ، _ دېدى.
7ئىسرائىلىيە پادىشاھى زېمىنىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، ئۇلارغا:
_ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا قاراڭلار. ئۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، خوتۇن-بالىلىرىمنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، _ دېدى.
8ئاقساقاللار ۋە خەلق:
_ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسىلا ھەم ماقۇل بولمىسىلا! _ دېيىشتى.
9شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە:
_ پادىشاھ ئالىيلىرىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر: «كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغانلىرىنى ئورۇنلايمەن، لېكىن كېيىنكى تەلەپنى ئورۇنلىيالمايمەن»، _ دېدى.
ئەلچىلەر قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزنى بەنھادادقا يەتكۈزدى. 10بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ:
_ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلچىگە:
_ بەنھادادقا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار، _ دېدى.
12بەنھادادقا بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ۋە باشقا پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە:
_ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.
ئارراملارغا قارشى تۇنجى جەڭ
13بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى. 14ئاخاب ئۇنىڭدىن:
_ كىم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ»، _ دېدى. ئاخاب:
_ جەڭنى كىم باشلايدۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر:
_ سەن، _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلارنى يىغدى. ئۇلار 232 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 7000 ئادەم ئىدى. 16چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 پادىشاھ ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىپ، مەست بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئاتلاندى. 17ئالدى بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار شەھەردىن چىقتى. بەنھاداد ئايغاقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ دۈشمەن لەشكەرلىرى سامارىيەدىن چىقتى، _ دېدى. 18بەنھاداد:
_ مەيلى ئۇلار سۈلھى ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.
19ئۇ ۋاقىتتا ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان قوشۇن شەھەردىن چىقىپ بولغانىدى. 20ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى. 21ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىپ، ئارراملارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى.
ئارراملارغا قارشى ئىككىنچى جەڭ
22شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ بېرىپ مۇداپىئەڭنى كۈچەيت، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ياخشى ئويلان. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى ساڭا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ، _ دېدى.
23ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا:
_ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلىمىز. 24شۇڭا سىلى پادىشاھلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەردارلارنى قويغايلا. 25ئالدىنقى قېتىم قانچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى يوقاتقان بولسىلا، شۇنچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى تولۇقلاپ، قوشۇن تەشكىل قىلغايلا. ئاندىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلايلى. شۇنداق قىلساق، بىز چوقۇم ئۇلارنى مەغلۇب قىلىمىز، _ دېدى.
ئاررام پادىشاھى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆردى.
26ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى. 27ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارراملارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك كۆرۈنەتتى.
28ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى.
29ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن ئارراملار يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ تۇرۇشتى. يەتتىنچى كۈنى جەڭ باشلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر بىر كۈن ئىچىدە ئارراملارنىڭ پىيادە لەشكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى قىرىپ تاشلىدى. 30ھايات قالغانلىرى ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈردى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 31ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا:
_ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.
32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بويۇنلىرىغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار:
_ قۇللىرى بەنھاداد ئۆزلىرىدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيدۇ، _ دېدى. ئاخاب:
_ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قېرىندىشىم! _ دېدى.
33ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
_ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى. ئاخاب:
_ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.
بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. 34بەنھاداد ئۇنىڭغا:
_ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن تارتىۋالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. خۇددى ئاتام سامارىيەدە قىلغىنىدەك، سىلىمۇ دەمەشقتە بازارلارنى سالدۇرغايلا، _ دېدى.
ئاخاب جاۋابەن:
_ مۇشۇ شەرتلەر بىلەن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇنى قويۇۋەتتى.
پەيغەمبەرنىڭ ئاخابنى ئەيىبلىشى
35پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەردىن بىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا:
_ مېنى ئۇرغىن، _ دېدى. بىراق ئۇ ئۇرۇشقا ئۇنىمىدى. 36شۇڭا ئۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغا:
_ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېنىمدىن كېتىشىڭ بىلەنلا سېنى بىر شىر ئۆلتۈرىدۇ، _ دېدى.
دەرۋەقە، ھەمراھى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كېتىشىگىلا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى تالاپ ئۆلتۈردى.
37ئۇ پەيغەمبەر يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
_ مېنى ئۇرغىن! _ دېدى.
ئۇ كىشى پەيغەمبەرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. 38پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كېتىپ، يۈز-كۆزىنى تېڭىپ، باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىپ، يول بويىدا پادىشاھ ئاخابنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇردى. 39پادىشاھ ئۆتكەندە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارقىراپ:
_ مەن خىزمەتكارلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا بارغانىدىم. بىرسى مېنى كۆرۈپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويساڭ، جېنىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن ياكى 35 كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېدى. 40لېكىن مەن خىزمەتكارلىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. پادىشاھ ئاخاب:
_ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلىپسەن، _ دېدى.
41پەيغەمبەر دەرھال يۈز-كۆزىدىكى تېڭىقنى ئېلىپ تاشلىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 42شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.
43پادىشاھ پەرىشان ۋە خاپا بولغان ھالدا سامارىيەدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەتتى.
21
نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقى
1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. يىزرىئەللىك نابوت ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ يىزرىئەل شەھىرىدىكى ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. 2بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب نابوتقا:
_ ئۈزۈمزارلىقىڭ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن، ئۇنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنى كۆكتاتلىق قىلاي. ساڭا ئۈزۈمزارلىقىڭدىنمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىق بېرەي، ياكى بولمىسا ئۆز باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى. 3بىراق نابوت ئاخابقا:
_ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.
4ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراس يەرنى بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىگە خاپا بولۇپ، ئاچچىقلانغان ھالدا تامغا قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى. 5ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ تاماقمۇ يېمىگۈدەك نېمىگە روھلىرى بۇنچە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دېدى. 6ئاخاب ئايالىغا:
_ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېگەنىدىم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. 7ئايالى ئۇنىڭغا:
_ سىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ مەيۈسلەنمەي، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.
8شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى. 9ئۇ مەكتۇپنى مۇنداق يازغانىدى:
«بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاڭلار ۋە نابوتنى جامائەتنىڭ ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭلار. 10ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدىڭ› دېسۇن. ئاندىن سىلەر نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»
11نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەلنىڭ مەكتۇپىدا بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى. 12ئۇلار بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 13ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، جامائەتكە: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 14ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.
15ئىزەبەل نابوتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشى بىلەن ئاخابقا:
_ نابوت ئۆلدى. ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇ سىلىگە سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىققا ئىگىدارلىق قىلسىلا، _ دېدى.
16ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى.
17شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:
18_ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھ ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى بار. ئۇ ھازىر نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. 19سەن ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟› دەيدۇ، دېگىن». ئۇنىڭغا يەنە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، سېنىڭ قېنىڭنىمۇ شۇ يەردە يالايدۇ!› دەيدۇ، دېگىن». 20ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا:
_ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ. 21شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئىسرائىلىيەدىكى ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. 22سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ». 23پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلارغا يەم بولىدۇ». 24ئەي ئاخاب، سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى لالما ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ.
25(ھېچكىممۇ ھازىرغىچە ئاخابقا ئوخشاش يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇنى ئايالى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى. 26ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن ئامورلارغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانىدى.)
27ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.
28پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:
29_ ئاخابنىڭ ئالدىمدا گۇناھىغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرگەنسەن؟ ئۇ پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا كەلتۈرمەيمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن.
22
مىكايا پەيغەمبەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر
1ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى. 2لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 3ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆز ئەمەلدارلىرىغا:
_ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالمايمىز؟ _ دېدى.
4ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن:
_ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات:
_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ بىلگەيلا. 5لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن:
_ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.
7بىراق يىھوشافات:
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.
8_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر.
_ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
9شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
10ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونلىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرۇشتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. 11پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.
12باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:
_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا، پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.
13بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا:
_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى. 14لېكىن مىكايا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.
15مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا. 16لېكىن پادىشاھ:
_ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى. 17مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».
18ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، داۋاملىق يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.
19مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:
_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 20پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. 21كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. 22پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى. 23مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:
_ ئىشنىڭ جەريانى مانا مۇشۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگار سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:
_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى. 25مىكايا:
_ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
26شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
_ مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىڭلار ۋە 27ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى. 28مىكايا:
_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.
پادىشاھ ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى
29ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 30ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى. 31ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 32ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى. 33شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي، كېتىپ قېلىشتى. 34بىراق بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ:
_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايت، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.
35ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. پادىشاھ ئاخاب ھارۋىسىدا بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ئارراملارغا قاراپ ئولتۇردى. يارىلانغان يېرىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى. 36كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئىچىدىن بىرسىنىڭ: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىقى ئاڭلاندى.
37شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئاخاب ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىندى. 38ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى سامارىيەدىكى بىر كۆلچەكتە يۇيۇلۇپ تازىلىنىۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. بۇ كۆلچەك پاھىشىلەر يۇيۇنىدىغان كۆلچەك ئىدى.
39پادىشاھ ئاخابنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزەلگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 40ئاخاب ۋاپات بولۇپ، ئوغلى ئاخازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات
41ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 42ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. 43يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. 44يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.
45پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 46ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى.
47ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى باشقۇرۇشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى. 48يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتتى، ئوفىرغا بارالمىدى. 49بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كېمىلىرى بىلەن بىرگە بېرىش توغرىسىدا يىھوشافاتقا تەكلىپ بەردى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى.
50يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا
51يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 52ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى. 53ئۇ ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
1: 50 تەۋرات قانۇنى بويىچە گۇناھ قىلغان ئادەمنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋېلىشى بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشى ئىدى («مىسىردىن چىقىش» 21: 13 _ 14).
2: 24 ئۇ زاماندىكى ئادەت بويىچە پادىشاھنىڭ توقال ۋە كېنىزەكلىرى ئۆزىدىن كېيىنكى تەخت ۋارىسىغا مەنسۇپ بولاتتى. ئادونىيانىڭ ئابىشاگنى سورىشى سۇلايماندىن پادىشاھلىقنى تەلەپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.
6: 1 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 966- ياكى 967-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىدۇ.
10: 1 شىبا _ ھازىرقى يەمەندىكى بىر جاي بولۇشى مۇمكىن.
12: 32 مىلادىيە كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ.
15: 13 خان ئانىسى مەرتىۋىسى _ بۇ مەرتىۋە قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا ئەللەردە پادىشاھتىن كېيىنكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە بولۇپ، سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى.
