نەزمىلەر شاھى

 

1

1بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر،

نەزمىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر.

بىرىنچى بۆلەك

قىز:

2ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن سەن مېنى،

شارابتىن شېرىن بىلىمەن مۇھەببىتىڭنى.

3ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار،

شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار،

شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.

4يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى،

ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى.

يېرۇسالېم قىزلىرى:

ئى پادىشاھىمىز،

شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن،

سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن.

قىز:

ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى،

ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.

5ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۇرمەن قارا بولساممۇ،

چىرايلىقمەن قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك،

سۇلايماننىڭ چېدىرىنىڭ يوپۇقلىرىدەك.

6ھەيران بولماڭلار ئۆڭۈمگە قاراپ،

قارىلىقىمدىن قارىمايسىلەر بەلكىم ماڭا،

چۈنكى تېرىلىرىم كۆيگەندۇر ئاپتاپتا.

ئاچچىقلىنىپ ماڭا ئاكىلىرىم،

ئىشلەتتى مېنى ئۈزۈمزارلىقتا،

پۇرسەت بەرمەي قاراشقا ئۆز بېغىمغا.

 

7ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنا ماڭا،

قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟

قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟

ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە،*

دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.

يىگىت:

8ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى،

ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟

ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ،

پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى.

9ئېھ ئامرىقىم،

ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.

10نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ،

نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.

11مەن ساڭا كۈمۈشتىن كۆزلەر قويۇلغان،

ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت ياساپ بېرىمەن.

قىز:

12پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا،

خۇشبۇي بۇيۇملىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا.

13سۆيۈملۈكۈم مۇرمەككىدەك* گويا،

قونۇپ قالار كۆكسلىرىم ئارىسىدا.

14قەدىرلىكىم خېنە گۈلىدۇر گويا،

ئېچىلغان ئېنگەدى* ئۈزۈمزارلىقىدا.

يىگىت:

15ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر،

گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.

قىز:

16ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك،

سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك،

سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك.

17كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى،

قارىغاي ياغىچىدۇر ئۇنىڭ ۋاسىلىرى.

2

1مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان شاروندا،

ئاددىيغىنا بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.

يىگىت:

2تۇرار مېنىڭ ئامرىقىم قىزلار ئارا،

چېچەكلىگەن قىزىلگۈلدەك تىكەن ئارا.

ئىككىنچى بۆلەك

قىز:

3تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا،

خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا.

شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا،

دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.

4ئۇ باشلاپ مېنى مېھمانخانىسىغا،

لەپىلدەتتى سۆيگۈ تۇغىنى بېشىمدا.

5كىشمىش بىلەن قۇۋۋەت بەر ماڭا،

ئالما بىلەن روھلاندۇر مېنى،

چۈنكى بىتاب بولدۇم ئىشق ئوتۇڭدا.

6بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى،

ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى.

7ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى،

ئۆتۈنەي سىلەردىن،

ئويغاتماڭلار دالادىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى،

ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.

 

8ئاڭلاۋاتىمەن ئاشىقىمنىڭ ئاۋازىنى!

قارا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ئېشىپ تاغلاردىن،

ئويناپ ئۆتۈپ ئېدىرلاردىن.

9ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك

ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرىدۇ.

ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ،

روجەكلەردىن مارايدۇ.

10دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم:

«تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.

11مانا، قىش ئۆتتى،

يامغۇر پەسلىمۇ كەتتى.

12دالالار گۈل-چېچەككە پۈركەندى،

ناخشىلار جاراڭلايدىغان پەيت كەلدى،

قۇشلار ۋىچىرلىشىپ سايراشماقتا.

13ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا،

تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا.

تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»

يىگىت:

14ئەي كەپتىرىم، يوشۇرۇنۇۋالدىڭ قىيادىكى دالدىغا،

مۆكۈۋالدىڭ قورام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا.

كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى،

چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.

15تۇتۇۋالغىن تۈلكىلەرنى،

باغنى بۇزىدىغان تۈلكىلەرنى،

چۈنكى چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز.

قىز:

16ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا،

ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.

17ئېھ ئاشىقىم، كېتىۋالغىن

تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە.

خۇددى جەرەن، كېيىكتەك تېزلىك بىلەن

سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن.

3

1ئورنۇمدا يېتىپ، كېچىچە

ئىنتىزار بولدۇم ئاشىقىمغا،

لېكىن ئۇ كەلمىدى ئۆيۈمگە.

2ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى،

ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى،

ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى.

شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى.

3جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى،

سورىدىم مەن ئۇلاردىن:

«كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟»

4ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى.

قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى،

تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _

ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىغا.

 

5ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى،

ئۆتۈنەي سىلەردىن،

ئويغاتماڭلار دالادىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى،

ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.

ئۈچىنچى بۆلەك: توي كۈنى

يېرۇسالېم قىزلىرى:

6كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ،

مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ،

ئىپار-ئەنبەر كارۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟

7قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر،

ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان

ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر.

8ئۇلارنىڭ ھەممىسى يانلىرىغا قىلىچ ئاسقان،

قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىشقا ماھىرلاردۇر.

كېچىدىكى تاسادىپىي تەھدىتلەرگە

ئۆتكۈر قىلىچى بىلەن تەيياردۇر.

9سۇلايمان ياساتقان بۇ تەختىراۋان،

لىۋاننىڭ ياغاچلىرىدىن ياسىلىپتۇ.

10ئۇنىڭ خادىلىرى كۈمۈشتىن،

يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن ياسىلىپتۇ.

سۆسۈن رەختتىن سېلىنچا سېلىنىپ،

ئىچى يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن

مۇھەببەت بىلەن بېزىلىپتۇ.

11ئى يېرۇسالېم قىزلىرى،

چىقىپ قاراپ بېقىڭلار سۇلايمان پادىشاھقا!

تۇرىدۇ ئۇ، تويى بولغان، كۆڭلى شادلانغان،

ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيدۈرگەن كۈنىدىكى قىياپەتتە.

4

يىگىت:

1ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم،

گۈزەلدۇرسەن نېمانچە!

كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ

كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە.

گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك،

دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.

2چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان،

كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتارىغا تىزىلغان.

3نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ،

لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك.

چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ

قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.

4بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا،

نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى.

مىڭلىغان قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا،

باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى.

5ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا،

ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.

6تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە،

چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا،

خۇش پۇراققا تولغان دۆڭلەرگە.

7ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇر سەن نەقەدەر،

سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر.

 

8ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن،

مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن،

ئامانا، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن،

شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن.

9يۈرىكىمنى ئەسىر قىلدىڭ قېرىندىشىم،

لەپ قىلىپ ماڭا بىر قارىشىڭدا.

مەپتۇن قىلدىڭ كۆڭلۈمنى مەھبۇبەم،

بوينۇڭدىكى مارجىنىڭنىڭ دانىسىدا.

10ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ،

ئى مەھبۇبەم، مۇھەببىتىڭ شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە.

ھېچبىرى خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.

11لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك،

خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك.

ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك،

12پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم،

ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم.

13بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان،

ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل،

14زەپەر، پۇراقلىق ئېگىر، قوۋزاقدارچىن،

ھەر خىل خۇشبۇي دەرەخلەر،

مۇرمەككى، مۇئەتتەرلەر ۋە

ئەڭ ئېسىل ئىسرىقلارغا لىق تولغان.

15باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ،

ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ.

قىز:

16ئويغان، ئەي شىمال شامىلى،

سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى،

ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن،

چېچىلار باغچەمدىن خۇش پۇراق.

ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا،

يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.

5

يىگىت:

1كىردىم ئۆز بېغىمغا،

ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم،

يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى،

ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى،

ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى.

يېرۇسالېم قىزلىرى:

ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە،

مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.

تۆتىنچى بۆلەك

قىز:

2ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم،

چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى،

مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى!

يىگىت:

ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم،

ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم.

شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا،

كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.

قىز:

3سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى،

كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟

يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى،

بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟

4ئاشىقىم ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن تىقتى قولىنى،

ئۆرتىدى بىر ئوت يۈرەك-باغرىمنى.

5ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا.

تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن،

ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.

6ئىشىكنى ئاچتىم سۆيۈملۈكۈمگە،

بىراق ئۇ يوق ئىدى ئىشىك تۈۋىدە،

روھسىزلاندىم ئۇ كەتكەچكە.

ئىزدىدىم ئۇنى، بىراق تاپالمىدىم،

چاقىردىم، بىراق جاۋاب ئالالمىدىم.

7شەھەردىكى جېسەكچىلەر كۆرۈپ مېنى،

ئۇرۇپ يارىلاندۇردى تېنىمنى،

ئۇلار ئېلىپ قاچتى رومىلىمنى.

8ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن،

ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار،

مېنى ئۇنىڭ ئىشق ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.

يېرۇسالېم قىزلىرى:

9ئېيتقىنا، ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى،

سەن بىزگە شەرت قويغۇدەك،

ئاشىقىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقمىكىن،

ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇق تەرىپى بارمىكىن؟

قىز:

10ئاشىقىمنىڭ ئىككى قىزىل مەڭزى چاقناپ تۇرار،

تۈمەنمىڭلار ئارىسىدا خۇددى تۇغدەك سەرخىل تۇرار.

11ساپ ئالتۇندەك نۇرغا تولغان باشلىرى،

قاپقارادۇر قۇزغۇن كەبى ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى.

12خۇددى بۇلاق بويىدىكى كەپتەردەك،

سۈتكە چىلانغان گۆھەردەك چاقنار ئۇنىڭ كۆزلىرى.

13خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى،

قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.

14سېرىق ياقۇت قويۇلغان ئالتۇندۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرى،

كۆك ياقۇتتا بېزەلگەن پىل چىشىدۇر بويلىرى.

15يوتىلىرى خۇددى مەرمەر تۈۋرۈكتۇر ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن،

قامىتى لىۋان تېغىدۇر، كېدىر دەرەخلىرى كۆركەم، ھەيۋەت كۆرۈنگەن.

16ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن،

ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى.

ئى يېرۇسالېم قىزلىرى،

بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى.

6

يېرۇسالېم قىزلىرى:

1ئېيتقىنا ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى،

ئاشىقىڭ كەتتى قايسى تەرەپكە؟

ساڭا بىز ئىزدىشىپ بېرەيلى بىرگە.

قىز:

2ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا،

دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا،

ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا.

3مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇمۇ ماڭا،

ھۇزۇرلىنار ئۇ قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.

بەشىنچى بۆلەك

يىگىت:

4ئى سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۇرسەن تىرزاھ شەھىرىدەك،

يېقىملىقسەن يېرۇسالېمدەك،

ھەيۋەتلىكسەن تۇغ كۆتۈرگەن قوشۇندەك.

5ماڭا قاراۋەرمە، ئېلىپ قاچقىن كۆزۈڭنى،

مەپتۇن بولۇپ قالماقتىمەن سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭگە.

گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك،

دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.

6چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان،

كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتارىغا تىزىلغان.

7چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ،

قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.

8باردۇر شاھنىڭ ئاتمىش خانىش _ ئايالى،

سانسىزلىغان كېنىزەك، سەكسەن توقىلى.

9لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سەنلا.

 

مەشۇقۇم مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىمدۇر،

ئۇ ئانىسىنىڭ ئەركىسىدۇر،

ئۇ ئانىسىنىڭ ئەڭ قەدىردانىدۇر.

ھەممە قىزلار ئۇنى كۆرسە داڭلىشار،

خانىش ۋە توقاللارمۇ ماختىشار:

10«كىمدۇر ئۇ

تاڭ سەھەردەك پارلىغان،

گۈزەل ئايدەك چاقنىغان،

ئىللىق قۇياشتەك يورۇغان،

يۇلتۇزلاردەك ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنگەن؟»

 

11كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا،

كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى،

يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.

12ھاياجاندىن چۆمدۈم خۇشاللىق دەرياسىغا،

خۇددى ئولتۇرغاندەك خان جەمەتى ھارۋىسىغا.

يېرۇسالېم قىزلىرى:

13ئى شۇلاملىق قىز، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا،

يەنە بىر قېتىم زەن سېلىپ باقايلى ساڭا.

يىگىت:

نە ۋەجىدىن زەن سېلىپ، قارىماقچى بوپ قالدىڭلار شۇلاملىق قىزغا،

ئىككى قاتار قىزلار ئارىسىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇنىڭغا؟

7

يىگىت:

1ئى مەلىكەم،

نەقەدەر گۈزەل-ھە، كېپىش كىيگەن پۇتلىرىڭ،

گۆھەردۇر يۇمىلاق يانپېشىڭ،

ئۇ بىر گۈزەل ئەسىرىدۇر ئۇستا سەنئەتكارنىڭ.

2كىندىكىڭ ئوخشار گويا شاراب جامىغا،

خۇشبۇي مەيلەر لىقمۇلىق تولدۇرۇلغان.

قورساقلىرىڭ خۇددى بۇغداي دۆۋىسىدەك،

باشتىن بوي قىزىلگۈلگە ئورالغان.

3ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا.

4بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر،

كۆزلىرىڭ خۇددى باترابىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبون كۆلچىكىدۇر.

قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر.

5بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى،

دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى،

گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.

6نەقەدەر ئوماق، گۈزەلسەن جېنىم،

سۆيۈنۈش تاپىمەن سەندىن ئامرىقىم.

7قامىتىڭ ئوخشار خۇددى خورما دەرىخىگە،

كۆكسۈڭ ئوخشار ئۇنىڭ غوژمەك مېۋىلىرىگە.

8چىقىپ خورما دەرىخىگە،

تۇتسام دەيمەن ئۇنىڭ غۇژمەك مېۋىلىرىنى.

بىلىمەن ئۈزۈم ساپلىرى دەپ كۆكسۈڭنى،

پۇرىسام لەززەتلىك ئالما كەبى نەپىسىڭنى.

9شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ.

سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە،

شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە.

قىز:

10مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا،

ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.

11ئى ئاشىقىم، كەل،

ئېتىزلارغا بارايلى،

يېزىلاردا قونۇپ قالايلى.

12سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا،

كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ،

گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ،

ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ،

مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا.

13ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ،

ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى،

مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى،

ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى.

8

قىز:

1ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ،

ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ،

ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.

2باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە،

ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە،

ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن،

ئانار شەربەتلىرىدىن.

3بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى،

ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى.

4ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن،

ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.

ئالتىنچى بۆلەك

يېرۇسالېم قىزلىرى:

5كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان،

يۆلىنىپ يارىغا؟

قىز:

ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا،

ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە،

تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا.

6قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك،

مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە.

مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك،

ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك.

سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى

كۆيدۈرەر ئوتتەك،

قۇدرەتلىك يالقۇندەك.

7سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار،

چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار.

ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا،

ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.

قىزنىڭ ئاكىلىرى:

8بار كىچىك بىر سىڭلىمىز،

تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن.

سوراپ كىرسە ئەلچىلەر،

بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟

9ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا،

كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى،

ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا،

كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى.

قىز:

10ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم،

مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم،

مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم.

11بائال-خاموندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى،

ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە،

ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ كۈمۈش تەڭگە.

12مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا،

ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا.

مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر.

يىگىت:

13ئەي باغدا ئولتۇرغان قىز،

دوستلىرىم تەقەززادۇر ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا،

ئىنتىزارمەن مەنمۇ ھەم ئاۋازىڭنى تىڭشاشقا.

قىز:

14ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا،

خۇددى جەرەن، كېيىك كەبى قىيغىتىپ،

يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا.


1: 7 قەدىمقى ئىسرائىلىيەدە پاھىشىلەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى.

1: 13 مۇرمەككە _ خۇش پۇراقلىق بۇيۇم بولۇپ، ئۇنى قىزلار تۈگۈنچەككە سېلىپ، بوينىغا ئېسىۋالاتتى.

1: 14 ئېنگەدى _ ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر بوستانلىقنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ يەر باشقا يەرلەرگە قارىغاندا ناھايىتى گۈزەل ۋە مۇنبەت ئىدى.