ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر
1
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى
1خۇدانىڭ ئوغلى* ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ: 2يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خۇدانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن:
«ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن،
ئۇ ساڭا يول ھازىرلايدۇ.»
3«چۆللۈكتە بىر كىشى:
‹رەببىمىزگە يول ھازىرلاڭلار،
ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈزلەڭلار!› دەپ جاكارلايدۇ.»
4دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە:
_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ تەلىم بەردى.
5كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. 6يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرىنىڭ ھەسىلى ئىدى. 7ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى:
_ مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ چورۇقىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. 8مەن سىلەرنى پەقەت سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى
9شۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. 10ئۇ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 11ئاندىن ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
12مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شۇ ئان چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 13ئۇ چۆل-باياۋاندا قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشىدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۆت بېلىقچىنى چاقىرىشى
14يەھيا پەيغەمبەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ, خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقاتتى. 15ئۇ: «ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ جاكارلىدى
16بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمۇن بىلەن ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. 17ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرگە بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا ئادەم تۇتۇشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى.
18ئۇلار شۇ ئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. 19كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. 20ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارنى شاگىرتلىققا چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىرگە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ساقايتىلىشى
21ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە باردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 22خەلق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ تەلىملىرى ناھايىتى نوپۇزلۇق ئىدى. 23ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇ:
24_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، نېمىشقا بىزگە چېقىلىسەن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلىدى. 25ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:
_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى.
26جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. 27بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:
_ بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، _ دېيىشتى.
28شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېزلىكتە پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتىشى
29ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. 30سىمۇننىڭ قېيىنئانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى. 31ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئايال ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
32كەچقۇرۇن، يەنى كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. 33پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. 34ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ چىقاردى ۋە جىنلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
جەلىلىيەدە تەلىم بېرىش
35ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. 36سىمۇن بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ چىقتى. 37ئۇنى تاپقاندا:
_ ھەممەيلەن سىزنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى. 38بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، _ دېدى.
39شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى
40ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:
_ بىلىمەنكى، خالىسىڭىز مېنى پاكلىيالايسىز! _ دەپ يالۋۇردى. 41ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
_ خالايمەن، پاك بولغىن، _ دېۋىدى، 42ئۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى ساقىيىپ، ئۇ ئادەم كېسەلدىن پاكلاندى. 43-44ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، تېنىڭنى روھانىيغا تەكشۈرت. ئاندىن كېسەلدىن ساقايغانلىقىڭنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قۇربانلىقنى قىل، _ دەپ قاتتىق تاپىلاپ، يولغا سالدى.
45بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كىشىلەر كېلىپ، ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى.
2
ھەزرىتى ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى
1بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا 2ئۇ يەرگە شۇنچىلىك كۆپ ئادەم يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت تىققۇدەك يەر قالمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. 3شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يېنىغا پالەچ بىر ئادەمنى تۆت كىشى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. 4ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان زەمبىل بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 5ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچ ئادەمگە:
_ ئوغلۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.
6ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە: 7«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى.
8ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇ ئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئويلايسىلەر؟ 9«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ 10ئەمما ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ* يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن پالەچ ئادەمگە:
11_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، _ دېدى. 12ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيەلىشىپ:
_ بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، _ دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى شاگىرتلىققا چاقىرىشى
13ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بەردى.
14ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ھالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
_ ماڭا ئەگەشكىن، _ دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
15كېيىن ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار* ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى. 16پەرىسىي* مەزھىپىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا:
_ ئۇنىڭ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى. 17بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ تېۋىپقا موھتاج بولغىنى ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەمدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، _ دېدى.
كونىغا ئېسىلىۋالماسلىق
18يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتاتتى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىدۇ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 19ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرسا، مېھمانلار روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 20ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار روزا تۇتىدۇ. 21ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 22شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.
دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە
23بىر دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىللە كېتىۋاتقان شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. 24پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:
_ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىدۇ، _ دېيىشتى. 25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ ۋە موھتاجلىقتا قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 26باش روھانىي ئەبىياتارنىڭ ۋاقتىدا پادىشاھ داۋۇت ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ھەم ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، _ دېدى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، _ دېدى.
3
قولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى
1ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئىبادەتخانىغا كىردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 2بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان ياكى ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە:
_ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىق! _ دېدى. 4ئاندىن ئىبادەتخانىدىكىلەردىن:
_ دەم ئېلىش كۈنى نېمە ئىشلارنى قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ؟ ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ، جان قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.
5ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە:
_ قولۇڭنى ئۇزات! _ دېدى.
ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 6شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھىرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
كۆل بويىدىكى خالايىق
7ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كۆل بويىغا كەتتى. جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 8ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى، ئىدۇمېيا ئۆلكىسى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپى، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ كېلىشتى. 9ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا كىچىك بىر كېمە تەييارلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى. 10چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقاچقا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئۇنى سىلىۋېلىشقا قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 11جىن چاپلاشقان ئادەملەر قاچان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 12لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلايتتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى
13ھەزرىتى ئەيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش 15ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى.
16بۇ ئون ئىككى كىشىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)، 17زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 18ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن 19ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.
ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر
20ھەزرىتى ئەيسا تۇرىدىغان ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يەرگە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى. 21ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى.
22لېكىن يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە: «ئۇنىڭغا جىنلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتان چاپلىشىپتۇ، ئۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدەيدىكەن» دېيىشتى.
23شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى:
_ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ 24ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 25بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇش تەقدىردىن ساقلىنالمايدۇ. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىدىكىلەرمۇ ئۆزئارا سوقۇشۇپ ئىككىگە بۆلۈنسە، ئۇمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. 27ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالمايدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
28بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. 29لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغان ئادەم ھەرگىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ.
30ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى بەزىلەرنىڭ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقانىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى
31شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار تاشقىرىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. 32ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان جامائەتتىن بەزىلىرى:
_ ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى سىرتتا چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېيىشتى. 33ھەزرىتى ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ كىم مېنىڭ ئانام، كىملەر مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ _ دېدى. 34ئاندىن ئۇ چۆرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
_ مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 35چۈنكى كىم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئىنىم، سىڭلىم ۋە ئانامدۇر.
4
ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل
1ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلدى، شۇڭا ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا نۇرغۇن ئىشلارنى تەمسىللەر بىلەن ئۆگەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
3_ قۇلاق سېلىڭلار! بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. 4چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ ۋە قۇشلار كېلىپ، ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5بەزى ئۇرۇقلار تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ، تاشلىق يەرنىڭ توپىسى تېيىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ. 6لېكىن ئۇرۇق چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ، قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزى ئۇرۇقلار تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئېگىز ئۆسۈپ، ئۆسكەن مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. نەتىجىدە، مايسىلار ھوسۇل بېرەلمەپتۇ. 8يەنە بەزى ئۇرۇقلار بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ياخشى ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:
_ سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!
تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى
10خالايىق كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى سوراشتى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. 12شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى:
«قىلغانلىرىمنى كۆرىدۇ، كۆرىدۇ، بىراق مەنىسىنى بىلمەيدۇ.
سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، لېكىن چۈشەنمەيدۇ.
ئۇنداق بولمىسا ئىدى، مېنىڭ يولۇمغا قايتاتتى،
مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرەتتىم.»
ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
13ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟ 14دېھقان چاچقان ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 15بەزى ئادەملەر چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. ئەمما شەيتان دەرھال كېلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆزلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ. 16يەنە بەزى ئادەملەر تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. 17لېكىن خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قالغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىققا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدانىڭ يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 18يەنە بەزى ئادەملەر تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا ئوخشايدۇ. 19بۇنداق ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئەمما ھوسۇل بېرەلمەيدىغان ئادەملەردۇر، چۈنكى بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، مال-دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇپ قويىدۇ. 20يەنە بەزى كىشىلەر مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغاندۇر. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا ئوتتۇز، ئاتمىش، ھەتتا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
داس ئاستىدىكى چىراغ
21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ كىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى داس ياكى كارىۋات ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە چىراغنى چىراغدان ئۈستىگە قويمامدۇ؟ 22ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ. 23سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن! 24ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. سىلەر قانچە كۆپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، شۇنچە كۆپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىلەر، ھەتتا ھەسسىلەپ ئىگە بولىسىلەر. 25بارىغا يەنىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، يوقىنىڭ ھەتتا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
ئۈنگەن ئۇرۇق توغرىسىدىكى تەمسىل
26كېيىن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:
_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە تۇپراققا ئۇرۇق چاچقان دېھقانغا ئوخشايدۇ. 27ئۇ كېچىسى ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ يېتىشىدۇ. لېكىن ئۇ دېھقان قانداقسىگە بۇنداق بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 28تۇپراق تەبىئىي ھالدا ھوسۇل بېرىدۇ. ئۇرۇق ئاۋۋال ئۈنىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. 29دان پىشىپ يېتىلگەندە، ئۇ دېھقان دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل يىغىش ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ.
قىچا ئۇرۇقى توغرىسىدىكى تەمسىل
30ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:
_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ قانداق بىر تەمسىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەي؟ 31ئۇ گويا بىر دانە قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، 32ئەمما ئۇ تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ،* شۇنداق شاخلايدۇكى، قۇشلار ئۇنىڭ سايىسىدە ئۇۋۇلايدۇ.
33ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى. 34تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى
35ئۇ كۈنى كەچقۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، _ دېدى.
36شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. 37قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلگەنىدىكى، كېمىگە سۇ توشاي دەپ قالغانىدى. 38ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ:
_ ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، سىزنىڭ كارىڭىز يوقمۇ؟ _ دېيىشتى.
39ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا بۇيرۇق قىلدى ۋە دولقۇنلارغا: «توختا، تىنچلان!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممە ياق پۈتۈنلەي تىنچىدى. 40ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
_ نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ _ دېدى.
41ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە:
_ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دېيىشتى.
5
جىن چاپلاشقان گېراسالىقنىڭ ساقايتىلىشى
1ئۇلار جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. 3ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى باغلاپ قويالمايتتى، ھەتتا ئۇنى زەنجىرلەپمۇ توختىتالمايتتى. 4بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 5كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى. 6ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى 7ۋە قاتتىق ۋارقىراپ:
_ ئى ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، نېمىشقا ماڭا چېقىلىسەن! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى قىينىمىغىن! _ دېدى.
8ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى. 9ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:
_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:
_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى. 10جىن ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، قايتا-قايتا يالۋۇردى.
11شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇزلار ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. 12جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا:
_ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارنىڭ توپىنىڭ ئارىسىغا ھەيدىۋەتكىن ۋە بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىشىمىزگە ئىجازەت بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇشتى. 13ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى. جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.
14توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ كەتتى. ئۇلار شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەردە بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خەلق ئەھۋالنى كۆرگىلى كېلىشتى. 15ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئەس-ھوشى بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 16بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەم يولۇققان ئىشلارنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 17شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. 18ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا:
_ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى. 19لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي:
_ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى.
20ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى «ئون شەھەر» رايونىدا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى.
تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال
21ھەزرىتى ئەيسا كېمە بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا قايتقىنىدا، نۇرغۇن خالايىق كۆل بويىدا يەنە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. 22-23بۇ چاغدا مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ يائىر ئىسىملىك بىر مەسئۇلى كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ:
_ كىچىك قىزىم سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قوللىرىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ئۆمۈر كۆرسە! _ دەپ يالۋۇردى.
24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەم بىلەن بىرگە باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان خالايىقمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشتى.
25توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. 26ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب چېكىپ، بار-يوقىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېسىلى ياخشىلانماق تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 27بۇ ئايالمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خالايىقنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ چاپىنىنى سىلىدى. 28چۈنكى ئۇ ئىچىدە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 29خۇن شۇ ئان توختاپ، ئايال ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. 30دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ:
_ كىيىمىمنى تۇتقان كىم؟ _ دەپ سورىدى. 31شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:
_ ئۆپچۆرىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە: «مېنى تۇتقان كىم؟» دەپ سورايسىزغۇ؟ _ دېيىشتى.
32بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقان كىشىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەتراپىغا قارىدى. 33ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. 34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، تىنچ-ئامان قايتقىن. داۋاملىق سالامەت بولغىن، _ دېدى.
35ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:
_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، _ دېيىشتى.
36ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا:
_ قورقمىغىن، ماڭا ئىشەنگىن! _ دېدى.
37شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. 38ئۇلار ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق دەرد-پەرياد كۆتۈرگەن كىشىلەر توپىنى كۆردى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا:
_ نېمىشقا دەرد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايسىلەر؟ بالا ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، _ دېدى.
40بىراق ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە بىللە كەلگەن شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، بالا بار ئۆيگە كىردى. 41ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. 42ئون ئىككى ياشلىق بۇ قىز شۇ ئان ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 43ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى ۋە ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىر نەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى.
6
ناسىرەلىكلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىشى
1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز يۇرتىغا كەتتى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى. 2دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ:
_ بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟ 3ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يۈسۈپ، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، _ دېدى.
5شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى. 6ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىشى
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. 7ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە ئۇلارنى خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى 8ھەم ئۇلارغا سەپەردە يېنىغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماسلىقنى، خۇرجۇنلىرىغا نە نان، نە پۇل سېلىۋالماسلىقنى ئېيتتى. 9پۇتىغا چورۇق كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى. 10ئۇ يەنە:
_ بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 11ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! _ دېدى.
12شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى. 13ئۇلار ئادەملەرنىڭ تېنىدىن نۇرغۇن جىنلارنى قوغلاپ چىقاردى، نۇرغۇن بىمارلارغا زەيتۇن يېغىنى سۈركەپ ساقايتتى.
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
14جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھىرود ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر، شۇڭا ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىش قۇدرىتىگە ئىگە» دېيىشتى. 15بەزىلەر: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشتى. 16بۇلارنى ئاڭلىغان ھىرود:
_ مەن كاللىسىنى ئالدۇرغان يەھيا تىرىلىپتۇ! _ دېدى. 17-18ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ھىرودىيەنىڭ يۈزىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى يەھيا ھىرودنى: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى ئەمرىڭگە ئېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.
19ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى. 20چۈنكى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
21ھىرودىيە كۈتكەن پۇرسەت ئاخىر يېتىپ كەلدى. ھىرود ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، قوماندانلار ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى كۈتۈۋالدى. 22ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى كىرىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرود بىلەن مېھمانلارغا بەكمۇ يېقىپ كەتتى. ھىرود قىزغا:
_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بېرىمەن، _ دېدى. 23ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە:
_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، _ دېدى.
24قىز تاشقىرىغا چىقىپ، ئانىسىدىن:
_ نېمە تەلەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.
_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، _ دېدى ئانىسى.
25قىز شۇ ئان ھىرودنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ:
_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، تەخسىگە قويۇپ، دەرھال كەلتۈرسىڭىز، _ دېدى.
26ھىرود ناھايىتى تەڭقىسلىقتا قالغان بولسىمۇ، ئەمما مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى. 27ئۇ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. جاللات زىندانغا بېرىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، 28ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. 29بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىككە قويدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى
30يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يىغىلدى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەم بەرگەن تەلىملىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. 31كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلارنىڭ غىزالىنىشىغىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىر دەم ئارام ئېلىڭلار، _ دېدى. 32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر يەرگە قاراپ يول ئالدى. 33ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن كىشىلەر بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى. 34ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى. ھەزرىتى ئەيسا قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
35ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. 36كىشىلەرنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە يەيدىغان بىر نەرسە سېتىۋالسۇن، _ دېدى. 37لېكىن ھەزرىتى ئەيسا:
_ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار يېمەك بېرىڭلار، _ دېدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ يېرىم يىللىق كىرىمنى خەجلەپ، ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇق؟ _ دەپ سورىدى.
38_ قانچە نېنىڭلار بار؟ قاراپ بېقىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن:
_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار ئىكەن، _ دېيىشتى.
39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ چىملىقتا ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. 40كىشىلەر يۈزدىن، ئەللىكتىن بولۇپ ئولتۇرۇشتى. 41ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئىككى بېلىقنىمۇ شۇنداق قىلدى. 42ھەممەيلەن يەپ تويدى. 43شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. 44يېمەك يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭ ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى
45بۇ ئىشتىن كېيىنلا ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى دەرھال كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن ئاۋۋال كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى بەيتسايدا يېزىسىغا بېرىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كىشىلەرنى تارقىتىۋەتتى. 46ئۇلارنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
47كەچ بولغاندا كېمە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا باردى. قۇرۇقلۇقتا ئۆزى يالغۇز قالغان ھەزرىتى ئەيسا 48شاگىرتلىرىنىڭ پالاقنى ناھايىتى تەستە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن بوران چىقىۋاتاتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. 49شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى دەپ ئويلاپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 50چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:
_ خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! _ دېدى.
51ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىپ ئۇلارغا قوشۇلغاندا، بوران توختىدى. شاگىرتلار بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 52چۈنكى ئۇلار تېخىچە نان توغرىسىدىكى مۆجىزىنىمۇ چۈشەنمەي تۇرغانىدى، ئۇلار تېخىچە بىخۇد ئىدى.
53ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى كۆلنىڭ قارشى قېتىغا بېرىشىدا، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كېمىنى باغلىدى. 54ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا خەلق ھەزرىتى ئەيسانى تونۇۋالدى. 55ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، بۇ خەۋەرنى ئەتراپتىكى جايلارغا يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە بولسا، كىشىلەر بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىشتى. 56ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، كىشىلەر بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈشەتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقىياتتى.
7
خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقارماسلىق
1بىر كۈنى يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى. 2ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇنقى قول يۇيۇشتىن ئىبارەت دىنىي قائىدىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3(پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيتتى. 4شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي تۇرۇپ يېمەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىكى بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگىمۇ رىئايە قىلاتتى.)
5پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ساختىپەز بولغان سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان:
«بۇ ئادەملەر ئېغىزىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ،
لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق.
7ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر.
چۈنكى ئۇلارنىڭ خەلققە بەرگەن تەلىملىرى
ئىنسانلار ياراتقان قائىدە-يوسۇنلاردۇر.»
8سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر.
9ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! 10مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. 11لېكىن سىلەر: «بىر كىشى ئاتا-ئانىسىغا: ‹مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىدىم› دېسە، 12ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەيسىلەر. 13شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى دائىم قىلىسىلەر.
ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟
14ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەرنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
_ ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشىڭلار ھەم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، 15ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. { 16سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!} _ دېدى.
17ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەمسىلەر؟ ئىنساننىڭ ئىچىگە سىرتتىن كىرگەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىنساننى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 19سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 20ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
_ ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. 21چۈنكى يامان خىيال، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
يەھۇدىي ئەمەس ئايالنىڭ ئېتىقادى
24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا باردى ۋە ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرنى يوشۇرالمىدى. 25جىن تەگكەن كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى. 26سۈرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى كۈچۈكلەرگە تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس،* _ دېدى. 28ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ شۇنداق ھەزرىتىم، بىراق كۈچۈكلەرمۇ بالىلاردىن چۈشكەن ئۈستەل ئاستىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، _ دېدى. 29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ توغرا ئېيتتىڭ، مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، _ دېدى.
30ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ تۆشەكتە ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ گاس ئادەمنى ساقايتىشى
31ھەزرىتى ئەيسا تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، سىدون شەھىرى ۋە «ئون شەھەر» رايونىدىن ئۆتۈپ، يەنە جەلىلىيە كۆلىگە كەلدى. 32كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ھەم تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇ ئادەمگە قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. 33ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى كىشىلەر ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. 34ئاندىن ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە:
_ ئەففاتا (مەنىسى «ئېچىل»)، _ دېدى.
35شۇ ئان ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى ئېچىلدى ۋە تىلى ئوڭشىلىپ، راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى. 36ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ ئىشنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى. 37كىشىلەر بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ:
_ ئۇ ناھايىتى كاتتا ئىشلارنى قىلىپتۇ! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپتۇ، _ دېيىشتى.
8
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۆت مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى
1شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
2_ بۇ ئادەملەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. 3ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى يىراق يەرلەردىن كەلگەنىكەن، _ دېدى. 4شاگىرتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ _ دېيىشتى.
5_ قانچە نېنىڭلار بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.
_ يەتتە، _ دېيىشتى ئۇلار.
6شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 7شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى. 8ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. 9ئۇ يەردە تۆت مىڭچە كىشى بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يولغا سالغاندىن كېيىن، 10شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپكە كەتتى.
پەرىسىيلەرنىڭ مۆجىزە تەلەپ قىلىشى
11پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. 12ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر تىنىپ:
_ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن مۆجىزە كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىگە ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىلمەيدۇ، _ دېدى. 13ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى.
ساختا تەلىمدىن ساقلىنىش
14شاگىرتلار نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر ناندىن باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
_ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، _ دېدى.
16شاگىرتلار بىر-بىرىگە:
_ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، _ دېيىشتى.
17ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ، تېخىچە بىخۇدمۇسىلەر؟ 18كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر، قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ 19بەش ناننى بەش مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئون ئىككى سېۋەتكە، _ دېيىشتى ئۇلار.
20_ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
_ يەتتە سېۋەتكە، _ دېيىشتى ئۇلار. 21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ئۇنداقتا، يەنە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ _ دېدى.
بەيتسايدادىكى بىر كورنىڭ ساقايتىلىشى
22ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى بەيتسايدا يېزىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر كور ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇ ئادەمگە قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. 23ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنى قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ:
_ بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ _ دەپ سورىدى. 24ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ:
_ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق ئۇلار خۇددى دەرەخلەر مېڭىپ يۈرگەندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى.
25ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. 26ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا:
_ ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، _ دېدى.
پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەسىھ دەپ تونۇشى
27ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە قەيسەرى فىلىپ رايونىغا قاراشلىق يېزىلارغا باردى. ئۇ يولدا شاگىرتلىرىدىن:
_ كىشىلەر مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 28شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:
_ بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 29ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئۇلاردىن:
_ سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.
_ سىز قۇتقۇزغۇچى مەسىھسىز*، _ دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.
30ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزى ھەققىدە ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى
31ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىشكە باشلىدى. 32ئۇ بۇنى شاگىرتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، مەسىھنىڭ بېشىغا بۇنداق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. 33لېكىن ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، شاگىرتلىرىغا قارىدى ۋە پېترۇسنى ئەيىبلەپ:
_ ئەي شەيتان، يوقال كۆزۈمدىن! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، _ دېدى.
34ئاندىن ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە كىشىلەرنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
_ كىمدىكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىنىڭ نەپسىنى يىغىپ ۋە كرېستىنى كۆتۈرۈپ* ماڭا ئەگەشسۇن! 35چۈنكى ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 36بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ مەڭگۈلۈك ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 37ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ بەدىلىگە نېمە بېرىپ، ھاياتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن؟! 38كىمدىكىم بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپىگە پۈركىنىپ، مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
9
1ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى
2ئالتە كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگەردى. 3ئۇنىڭ كىيىملىرى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك شۇنچىلىك ئاقاردىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ ئۇنى بۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى. 4توساتتىن شاگىرتلارغا ئىلياس پەيغەمبەر ۋە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. 5پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز بەك ياخشى بولدى! بىرىنى سىزگە، بىرىنى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرىنى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، _ دېدى.
6ئەمەلىيەتتە پېترۇس نېمە دېسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك قورقۇشۇپ كەتكەنىدى. 7شۇ ئەسنادا بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى كەلدى. 8شاگىرتلار شۇ ئان ئەتراپىغا قاراشتى، لېكىن يېنىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى.
9ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. 10ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى. 11ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە:
_ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 12-13ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى تەييار قىلىدۇ. سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ دېگەن بېشارەتكە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى* ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.
جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى
14ئۇلار باشقا شاگىرتلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى ۋە بىرمۇنچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:
_ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر، _ دەپ سورىدى. 17كىشىلەردىن بىرى ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپ، ئۇنى گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى. 18ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشقان جىن قۇترىسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىدۇ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، _ دېدى. 19ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ئەي بۇ زاماننىڭ ئېتىقادسىز ئادەملىرى، سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە سىلەر بىلەن يەنە قانچە ۋاقىت بىرگە بولۇشۇم ۋە قاچانغىچە سەۋر قىلىشىم كېرەك؟ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
20ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى. 21ھەزرىتى ئەيسا بالىنىڭ ئاتىسىدىن:
_ ئۇنىڭ بېشىغا بۇ كۈن كەلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ _ دەپ سورىدى.
_ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق. 22جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى.
23_ سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچى بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
24_ ئىشىنىمەن، لېكىن ئىشەنچىم يېتەرسىز، ماڭا ياردەم بەرگەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى شۇ ئان. 25ھەزرىتى ئەيسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ:
_ ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن، ساڭا بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەت، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! _ دېدى.
26شۇنىڭ بىلەن جىن پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنى قاتتىق بىر تارتىشتۇردى، ئاندىن بالىنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى، بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى ئۆلدى دېيىشتى. 27لېكىن ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
28ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن:
_ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىيالمىدۇق؟ _ دەپ سوراشتى. 29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ بۇ خىل جىننى پەقەت دۇئا بىلەنلا قوغلىغىلى بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى
30ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسى ئارقىلىق يۈرۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىدى. 31چۈنكى ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بەرگەندە ئۆزى ھەققىدە: «ئىنسانئوغلى باشقىلارغا تۇتۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ» دېگەنىدى. 32شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟
33ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:
_ يولدا نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
34ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇۋان سۈرمىدى، چۈنكى ئۇلار يولدا كىمنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقانىدى. 35ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇردى، ئاندىن ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
_ كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، شۇ ئەڭ ئاخىرى بولسۇن ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن، _ دېدى.
36ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
37_ كىم مېنى دەپ مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر
38يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، _ دېدى.
39_ ئۇنى توسماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن مۆجىزە ياراتقان كىشى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلمايدۇ. 40بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 41بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمغا ئېرىشىدۇ.
گۇناھنىڭ ئېزىتقۇلۇقى
42_ كىمدىكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان مۇشۇنداق كىچىك بالىلاردىن بىرىنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرسا، بۇنداق ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلىپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە چۆكتۈرۈۋېتىلىشى ئەۋزەلدۇر. 43-44ئەگەر بىر قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 45-46ئەگەر پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 47ئەگەر بىر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. چۈنكى ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. 48دوزاختا ئادەملەرنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 49ھەربىر ئادەم ئوتتا سىنىلىپ، تۇزدا تۇزلىنىپ تاۋلىنىدۇ.
50تۇز ياخشى نەرسىدۇر. بىراق تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ شۇڭا سىلەرمۇ تۇزدەك بولۇپ ئاراڭلاردىكى ئىناقلىقىنى ساقلاڭلار.
10
تالاق توغرىسىدىكى تەلىم
1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلار رايونىغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 2ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە:
_ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
3_ مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
4_ مۇسا پەيغەمبەر بىر ئەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، _ دېيىشتى ئۇلار. 5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەرنىڭ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ ئەمرنى يېزىپ قالدۇردى. 6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.
10ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەققىدە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 12ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى
13كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىشى ئۈچۈن كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. بىراق شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 14بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا:
_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. 15بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدىكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، _ دېدى. 16شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.
مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات
17ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ:
_ ئى ياخشى ئۇستازىم، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى.
18_ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشىسى يوق. 19سىز تەۋراتتىكى: «قاتىللىق قىلماڭلار، زىنا قىلماڭلار، ئوغرىلىق قىلماڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» دېگەن پەرزلەرنى بىلىسىزغۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
20_ ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دېدى ھېلىقى كىشى. 21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:
_ سىز قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. ئۆيىڭىزگە بېرىپ، پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! _ دېدى.
22بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:
_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! _ دېدى.
24شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 25بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.
26شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:
_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇلىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:
_ بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى.
28_ مانا بىز ھەممە نەرسىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! _ دېدى پېترۇس كەينىدىنلا.
29_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ ئۆيلىرىدىن، يا ئاكا-ئۇكىلىرىدىن، يا ئاچا-سىڭىللىرىدىن، يا ئاتا-ئانىسىدىن، يا بالىچاقىلىرىدىن، يا يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەر 30بۇ دۇنيادا ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىچاقا ياكى يەر-زېمىن جەھەتتە يۈز ھەسسىلەپ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. بۇنداقلار ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 31لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقى قاتاردا بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاخىرقى قاتاردىكىلەر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى
32ئۇلار يېرۇسالېمغا بارىدىغان يولدا ئىدى، ھەزرىتى ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ يەنە يېرۇسالېم شەھىرىگە ئالدىراپ ماڭغانلىقىدىن ھەيران ئىدى. ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يەنە بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئۇقتۇرۇپ:
33_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 34رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، _ دېدى.
ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ تەلىپى
35زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ئۇستاز، بىزنىڭ بىر تەلىپىمىز بار ئىدى. ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز، _ دېيىشتى.
36_ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.
37_ سىز شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدە، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭىزدا، يەنە بىرىمىزنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، _ دېيىشتى ئۇلار.
38_ سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى سىلەرمۇ ئىچەلەمسىلەر ۋە مەن تارتىدىغان ئازابنى سىلەرمۇ تارتالامسىلەر؟
39_ قوبۇل قىلالايمىز، _ دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ سىلەر ھەقىقەتەن مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە شېرىك بولىسىلەر. 40بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. بۇ ئورۇنلار كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.
41بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت ياقۇپ بىلەن يۇھانناغا خاپا بولۇشقا باشلىدى. 42ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:
_ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلقنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدۇ، ئەمەلدارلىرى ئۇلارغا يانتاياق بولىدۇ. 43بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن. 44كىمكى ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇشنى خالىسا، شۇ قالغانلارنىڭ قۇلى بولسۇن. 45چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا كەلدى.
قارىغۇ بارتىمايۇسنىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى
46كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار توپ-توپ كىشىلەر بىلەن بىرگە ئېرىخادىن ئايرىلغان ۋاقتىدا، تىمايۇسنىڭ بارتىمايۇس ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 47ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:
_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى* بولغان ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
48نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ:
_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز، _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.
49ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ:
_ ئۇنى چاقىرىڭلار، _ دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا:
_ قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى.
50ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. 51ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:
_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى. قارىغۇ:
_ ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى. 52ھەزرىتى ئەيسا:
_ قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇ ئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
11
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى
1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ قالغاندا، ئىككى شاگىرتىنى زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، 2ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، يېتىلەپ كېلىڭلار. 3ئەگەر بىرى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، بىردەمدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەڭلار.
4ئۇلار يېزىغا بېرىپ، يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى يېنىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يېشىۋاتقان چاغدا، 5ئۇ يەردە تۇرغان بەزى كىشىلەر:
_ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ _ دېيىشتى.
6شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. 7شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە چاپانلىرىنى سالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەخەيگە مىندى. 8نۇرغۇن كىشىلەر چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. 9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر:
«خۇداغا شۈكۈر!
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
10ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.
11ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ* ھويلىلىرىغا كىردى ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بىراق كەچ كىرىپ قالغاچقا، ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن بىرگە يەنە بەيتانىياغا قايتتى.
مېۋىسىز ئەنجۈر دەرىخى
12ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 13ئۇ يىراقتىن باراقسان ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، بىرەر تال ئەنجۈر تاپقىلى بولارمۇ، دېگەن نىيەت بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا باردى. كۆردىكى، ئەنجۈر دەرىخىدە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا دەرەخكە:
_ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! _ دېدى. شاگىرتلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى
15ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى 16ۋە ھېچكىمنىڭ سېتىلىدىغان مېلىنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.* 17ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى:
_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئىبادەتخانام پۈتكۈل ئەللەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان جايى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! _ دېدى.
18ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى. 19كەچقۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
ئەنجۈر دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت
20ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى. 21تۈنۈگۈنكى ۋەقەنى ئېسىگە ئالغان پېترۇس:
_ ئۇستاز، قاراڭ، سىز قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى. 22ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ خۇداغا ئىشىنىڭلار. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ دېگىنى ئىجابەت بولىدۇ. 24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندىلا تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. 25دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە ئاداۋىتىڭلارنىڭ بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. { 26سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.}
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى
27ئۇلار يەنە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
28_ سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ _ دەپ سورىدى. 29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭلار. شۇ چاغدا مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن. 30ئېيتىڭلارچۇ، يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ _ دېدى.
31ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ:
_ ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 32بىراق بىز قانداقمۇ: «ئىنسانلار بەرگەن» دېيەلەيمىز؟! _ دېيىشتى. چۈنكى ئۇلار يەھيانى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر دەپ ھېسابلايدىغان خەلقتىن قورقاتتى. 33شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:
_ بىلمەيمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
_ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
12
يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل
1ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۈزۈم ئېزىش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىقتا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە كۆزىتىش مۇنارى ياسىتىپتۇ. كېيىن ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. 2ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ ھوسۇلنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ كېلىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 3لېكىن ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 4خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. 5كېيىن خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. يەنە بىرمۇنچە قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى تاياق يەپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. 6خوجايىننىڭ يېنىدا بىرلا ئادىمى، يەنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىلا قاپتۇ. ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئاخىرىدا ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 7لېكىن ئىجارىكەشلەر ئۆزئارا: «ئۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورىدۇر. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن» دېيىشىپتۇ. 8شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىۋېتىپتۇ. 9بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. 10سىلەر زەبۇردىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟
«كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،
لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.
11پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ،
كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.»
12ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن ئۇلار خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى
13شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن، شۇنداقلا رىم تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ھىرودنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. 14ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا:
٪٪
_ ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز.
٪
matta
_ ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى،، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، سىز ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىمايسىز. سىز كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىسىز.
سىزچە رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىغا خىلاپمۇ ياكى خىلاپ ئەمەسمۇ؟* زادى باج تاپشۇرامدۇق ياكى تاپشۇرمامدۇق؟ _ دېيىشتى. 15ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:
_ نېمىشقا مېنى ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، _ دېدى.
16ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:
_ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
_ رىم قەيسىرىنىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
17_ ئۇنداق بولسا، رىم قەيسىرىنىڭ ھەققىنى رىم قەيسىرىگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى.
تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە
18ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ دەپ قارايدىغان سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
19_ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قالسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرسۇن» دېگەن ئەمرنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ 20بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 21ئىككىنچى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۈچىنچى ئىنىسىمۇ شۇنداق بولۇپتۇ. 22شۇنداق قىلىپ، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاخىردا ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 23ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر ئۆلگەنلەر راست تىرىلسە، بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئەمەسمۇ!؟ _ دېيىشتى. 24ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مانا مۇشۇنداق خاتالىشىسىلەر ئەمەسمۇ؟! 25ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. 26ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەسىلىنىڭ مېغىزىغا كەلسەك، بۇ مەسىلە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن تەۋراتتا يېزىلغاندۇر، سىلەر ئۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «كۆيگەن چاتقاللىق» ھەققىدىكى باياندا خۇدا: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەپ، ئۇلارنى تىرىك ھېسابلىغان. 27دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. سىلەر تامامەن خاتالاشتىڭلار.
ئەڭ مۇھىم ئەمر
28ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ _ دەپ سورىدى. 29ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئەڭ مۇھىمى: «ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر. 30پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار، پۈتۈن زېھنىڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار» دېگەن ئەمردۇر. 31يەنە بىر ئەمر بولسا «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار»دۇر. مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوقتۇر.
تەۋرات ئۇستازى:
32_ توغرا ئېيتتىڭىز ئۇستاز، خۇدا يېگانىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر دېگىنىڭىز دۇرۇس. 33ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم باشقىلارنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەردىنمۇ مۇھىمدۇر، _ دېدى.
34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ:
_ سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.
قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ سالاھىيىتى
35ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى:
_ تەۋرات ئۇستازلىرى قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ 36پادىشاھ داۋۇت مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ:
«پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:
‹سەن ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،
كۈتكىن تاشلىشىمنى دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.›»
37پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «ئىگەم» دېگەن بولسا، مەسىھ قانداق بولۇپ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولىدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى
ئۇ يەردىكى جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى. 38ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىپ، غادىيىپ يۈرۈشنى، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشىنى، 39ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى ۋە زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 40ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن ناھايىتى قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!
تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى
41ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى. 42بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، قىممىتى تۆۋەن ئىككى مىس تەڭگە تاشلىدى. 43ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ كەمبەغەل تۇل ئايالنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغان پۇلى باشقىلارنىڭ تاشلىغان پۇلىدىن كۆپتۇر. 44چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن بۇ ئايال كەمبەغەل تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ئىئانە قىلدى.
13
مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت
1ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:
_ ئۇستاز، قاراڭ، بۇ نېمىدېگەن كۆركەم تاشلار، نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر! _ دېدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
_ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالمايدۇ، ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ، _ دېدى.
3ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا مەركىزىي ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئەندەرلەر ئاستىغىنا ئۇنىڭدىن:
4_ بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
_ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 6نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ «قۇتقۇزغۇچى مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 7سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى دېگەنلىك ئەمەس. 8بىر ئەل يەنە بىر ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.
9سىلەر پەخەس بولۇڭلار، چۈنكى بەزى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۆلكە باشلىقلىرى ۋە پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلار ئالدىدا ماڭا گۇۋاھ بولىسىلەر. 10لېكىن خۇش خەۋەر زامان ئاخىرى كېلىشتىن بۇرۇن پۈتكۈل ئەللەرگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. 11شۇڭا سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. 12قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ. 13ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.
زور بالايىئاپەت
14_ «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (ئوقۇرمەنلەر بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)، يەھۇدىيەدىكىلەر تاغلارغا قاچسۇن. 15ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. 16ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 17ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 18بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 19چۈنكى ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان ۋە كەلگۈسىدىمۇ يۈز بەرمەيدىغان بالايىئاپەتلەردۇر. 20پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ. 21ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 22چۈنكى ئۇ چاغدا ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار مۇمكىن قىلالىسا، پەرۋەردىگار تاللىغانلارنى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ئازدۇرىدۇ. 23ھوشيار بولۇڭلار، مەن سىلەرگە ھەممىنى ئېيتتىم ۋە سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇردۇم.
ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى
24_ ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،
«قۇياش قارىيىپ،
ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،
25يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ،
ساماۋى كۈچلەر لەرزىگە كېلەر.»
26شۇ چاغدا كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ بۇلۇتلار ئىچىدە زور قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 27ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ھەممە يېرىدىن يىغىپ، بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش
28_ ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. ئۇنىڭ شاخلىرى بىخلاپ، يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 29خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 30شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد* كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. 31ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
ھوشيار بولۇڭلار
32_ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى، نە ئوغلى بىلمەيدۇ. 33ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. 34بۇ ئەھۋال سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ. 35شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ، ئۇنى بىلمەيسىلەر. 36شۇڭا ئۇ تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا كۆرۈپ قالمىسۇن! 37سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن، ھوشيار بولۇڭلار!
14
گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى
1يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى. 2ئۇلار:
_ بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، _ دېيىشتى.
3ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ ئولتۇراتتى. يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ساپ سۇمبۇلدىن ئىشلەنگەن ناھايىتى قىممەتلىك خۇش پۇراقلىق بۇيۇم ئېلىپ كەلگەنىدى. ئايال قۇتىنى ئېچىپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى داستىخاندا ئولتۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. 4بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، بىر-بىرىگە:
_ نېمىشقا بۇ خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى ئىسراپ قىلىمىز؟ 5بۇ خۇش پۇراقلىق بۇيۇمنى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە توغرا كەلگۈدەك پۇلغا ساتقىلى بولاتتى. شۇنداق قىلساق، بۇ پۇلنى كەمبەغەللەرگە بېرەتتۇق، _ دېيىشتى ۋە ئايالنى قاتتىق ئەيىبلەشتى. 6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. 7كەمبەغەللەر دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئۇلارغا خالىغان ۋاقىتتا ياردەم قىلالايسىلەر. لېكىن مەن دائىم سىلەر بىلەن بىرگە بولمايمەن. 8ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى، مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق قىلىپ، بەدىنىمگە ئالدىنئالا خۇش پۇراق بۇيۇم قۇيدى. 9بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىگە يەتكۈزۈلسە، شۇ يەردە بۇ ئايال ئەسكە ئېلىنىپ، قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ.
يەھۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى
10شۇ ۋاقىتتا ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئالىي روھانىيلارنىڭ ئالدىغا باردى. 11بۇنى ئاڭلىغان ئالىي روھانىيلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى
12پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى.
13ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككىيلەننى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى:
_ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، 14ئۇ ئادەم كىرگەن ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ‹شاگىرتلىرىم بىلەن بىرگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە ئىكەن؟› دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 15ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جابدۇپ قويۇلغان تەييار بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە تاماقنى تەييار قىلىڭلار.
16شاگىرتلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىردى. ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشقا كىرىشتى.
17كەچقۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن كېلىپ، 18داستىخاندا ئولتۇرۇپ تائام ئۈستىدە:
_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىۋاتقان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، _ دېدى.
19بۇ سۆز ئۇلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ:
_ مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سورىدى. 20ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىر تەخسىگە تۆگۈرگەن ئون ئىككىڭلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. 21ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! _ دېدى.
22ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە:
_ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى.
23ئاندىن ئۇ قولىغا بىر پىيالە شاراب ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.
24ھەزرىتى ئەيسا:
_
٪٪
بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان ۋە ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزىدىغان قېنىمدۇر.
TCV
بۇ مېنىڭ قېنىم. بۇ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنى مۆھۈرلەيدىغان قاندۇر. بۇ قان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدۇ.
٪
25شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شاراب ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى.
26ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى
27بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
_ ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ كېتىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا:
«قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن،
قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
28لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، _ دېدى. 29پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن سىزنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، _ دېدى.
30_ بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 31لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن:
_ سىز بىلەن بىرگە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، _ دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.
گېتسىمانە بېغىدىكى دۇئا-تىلاۋەت
32كېيىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
_ مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
33ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ:
34_ خۇددى ئۆلىدىغاندەك قاتتىق ئازابلانماقتىمەن. سىلەرمۇ بۇ يەردە مەن بىلەن بىرلىكتە سەگەك تۇرۇڭلار، _ دېدى 35ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ، مۇمكىن بولسا ئۇ كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىپ:
36_ ئى سۆيۈملۈك ئاتا، ھەممىگە قادىرسەن، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دېدى.
37ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا:
_ ئەي سىمۇن، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىرەر سائەتمۇ سەگەك تۇرالمىدىڭمۇ؟! 38ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن سەگەك تۇرۇپ، دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، _ دېدى.
39ئاندىن ئۇ يەنە نېرىراق بېرىپ، بۇرۇنقى سۆزلىرىنى تەكرارلاپ دۇئا قىلدى. 40ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.
41ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ:
_ سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 42قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
43ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 44ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن بىر بەلگە بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ مېڭىڭلار» دېگەنىدى. 45ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئۇستاز، _ دەپ ئۇنى سۆيدى.
46شۇ چاغدا ئۇ باشلاپ كەلگەنلەر ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 47ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، قۇلاقنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 48ھەزرىتى ئەيسا:
_ سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ، مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ 49ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىرگە بولدۇم ۋە تەلىم بەردىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدۇر، _ دېدى.
50بۇ چاغدا شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. 51ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن پەقەت ئۇچىسىغا زىغىر رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر ياش يىگىت ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار ئۇنىمۇ تۇتۇۋالدى. 52لېكىن ئۇ رەختنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، يالىڭاچ پېتى قېچىپ كەتتى.
ئالىي كېڭەشتىكى سوراق
53ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى باش روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. پۈتۈن ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلدى. 54پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ بېرىپ، ھويلىدا قاراۋۇللار بىلەن بىرگە ئىسسىنىپ ئولتۇردى. 55ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەش ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. 56بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى. 57ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:
58_ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، _ دېدى. 59لېكىن بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى.
60ئاندىن باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيساغا:
_ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ _ دېدى. 61لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۈندىمىدى، ھېچقانداق جاۋابمۇ بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن:
_ سەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، يەنى مەدھىيەلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
62_ ھەئە، مەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
63بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ:
_ ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. 64سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ _ دېدى.
ئۇلار بىردەك ئۇ ئۆلۈمگە لايىق دېيىشتى. 65بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئېتىپ ۋە دۇمبالاپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.
پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى
66پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا ئىدى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، 67ئىسسىنىپ تۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:
_ سەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، _ دېدى. 68پېترۇس بۇنى ئىنكار قىلىپ:
_ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، _ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا خوراز چىللىدى.
69ئۇنىڭ تاشقىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا يەنە:
_ بۇ ئۇلارنىڭ بىرىغۇ! _ دېدى. 70پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى.
بىرئازدىن كېيىن ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە:
_ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى، تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيەلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ، _ دېيىشتى. 71پېترۇس قەسەم قىلىپ:
_ سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! _ دېدى.
72دەل شۇ چاغدا خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.
15
پىلاتۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوتلىشى
1ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ رىملىق باشلىقى پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. 2پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:
_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق، سىز دېگەندەك، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
3ئالىي روھانىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرمۇنچە ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. 4پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە:
_ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچە كۆپ شىكايەت قىلدى. سەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ شىكايىتىگە جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ دېدى.
5لېكىن ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا جاۋاب بەرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى
6ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئۆلكە باشلىقى خەلق ئىلتىماس قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. 7ئەينى ۋاقىتتا زىنداندا توپىلاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلار بىلەن بىرگە تۇتۇلغان بارابباس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 8خەلق پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 9پىلاتۇس ئۇلارغا:
_ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ _ دېدى.
10پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 11بىراق ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى. 12پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە:
_ ئۇنداق بولسا، سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتىغان ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.
13_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار.
14_ نېمىشقا؟ ئۇ زادى قانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ _ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:
_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ تۇرۇۋېلىشتى.
15خەلقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلىتىش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىنىشى
16لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى پىلاتۇسنىڭ سارىيىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كىردى، ئاندىن پۈتۈن لەشكەرلەرنى ئۇ يەرگە يىغدى. 17ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇچىسىغا توق قىزىل رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈشتى. ئاندىن تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى 18ۋە: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراشتى. 19ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، تۈكۈردى ۋە ئالدىدا تىزلىرىنى ئېگىپ، تەزىم قىلغاندەك قىلىشتى. 20ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك توننى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.
21لەشكەرلەر يولدا سىمۇن ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ يېزىدىن قايتىپ كېلىۋاتقانىدى. لەشكەرلەر ئۇنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلىدى. سىمۇن كىرىنەي شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى. 22ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە ئېلىپ باردى. 23ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب* بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى. 24ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ئاندىن ئۇلار كىيىملەرنىڭ قايسىسىنى كىمنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى ۋە كىيىملەرنى بۆلۈشۈۋالدى. 25ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى. 26گۇناھ تاختىسىغا «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 27ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. { 28شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى.} 29ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:
_ سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ 30ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باققىنا! _ دېيىشتى.
31ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ:
_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى. 32«ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى» بولغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى، _ دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلانغانلارمۇ ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
33چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. 34سائەت ئۈچتە ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوي، ئېلوي، لەما شەۋاختانى!» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى. 35ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ:
_ قاراڭلار، بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ _ دېيىشتى. 36ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكەلدى. ئاندىن ئۇنى ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئۇزاتتى ۋە:
_ قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈۋالامدىكىن؟ _ دېدى.
37ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.
38شۇ ۋاقىتتا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يىرتىلىپ، ئىككى پارچە بولدى.* 39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ:
_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! _ دېدى.
40ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىرنەچچە ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلارمۇ بار ئىدى. 41ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيەدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
42-43بۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. 44پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى سورىدى. 45ئۇ يۈزبېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى. 46يۈسۈپ زىغىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئېغىزىنى يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ ئەكېلىپ، ئېتىپ قويدى. 47مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.
16
ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى
1دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. 2ئۇلار يەكشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىش بىلەن تەڭ قەبرىگە بېرىشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا: «قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىپ ئېلىۋېتىشكە كىم ياردەم بېرەر؟» دېيىشتى، 4چۈنكى ئۇ تاش ناھايىتى چوڭ ئىدى. بىراق ئۇلار كېلىپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 5ئۇلار قەبرىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپتە ئاق تون كىيگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇشتى. 6ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا:
_ ئالاقزادە بولماڭلار، سىلەر كرېستكە مىخلانغان ناسىرەلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، بۇ يەردە ئەمەس. مانا، بۇ يەر ئۇ قويۇلغان جاي. 7سىلەر بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا، بولۇپمۇ پېترۇسقا: «ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، _ دېدى.
8ئۇلار ھەيران بولۇشتى ھەم قورقۇشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قەبرىدىن قېچىپ كېتىشتى. بۇ ئىشنى ئۇلار ھېچكىمگە تىنمىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇپ كېتىشكەنىدى.
{ 9ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. 10مەريەم بېرىپ، بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە بولغان، ھازىر ماتەم تۇتۇپ كۆز يېشى قىلىشىۋاتقان شاگىرتلارغا خەۋەر قىلدى. 11ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىنى ۋە مەريەمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.
12بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككى شاگىرتىغا باشقا بىر قىياپەتتە كۆرۈندى. 13شۇنىڭ بىلەن شاگىرتلار كەينىگە قايتىپ، باشقىلارغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، لېكىن ئۇلارمۇ بۇ ئىشقا ئىشەنمىدى.
14ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە جاھىللىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆرگەنلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىگەنىدى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار. 16ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار قىيامەت كۈنىدە جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. 17ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارغا مۆجىزە كۆرسىتىش قابىلىيىتى ھەمراھ بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى قوغلايدۇ، نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلەيدۇ، 18زەھەرلىك يىلان چاقسىمۇ، زەھەر ئىچسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، بىمارلار ساقىيىپ كېتىدۇ.
19رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 20شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. رەببىمىز ئۇلارغا يار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.}*
1: 1 خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
1: 40 ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك دەپ قارايتتى.
2: 10 ئىنسانئوغلى _ ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلى دېگەن بۇ نامنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان.
2: 15 باجگىر _ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.
2: 16 پەرىسىيلەر _ تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى مەزھىپىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2: 24 يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش، خامان تېپىشكە بولمايتتى. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۇغداي باشاقلىرىنى ئاقلاپ يېگەنلىكىنى خامان تەپكەنلىك دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش ۋە خامان تېپىشتۇر.
4: 32 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.
7: 27 ھەزرىتى ئەيسا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئالدى بىلەن يەھۇدىيلار، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
8: 29 مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.
8: 34 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش _ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئۆزلىرى مىخلىنىدىغان كرېستنى كۆتۈرۈپ، جازا مەيدانىغا باراتتى. «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
9: 12 _ 13 ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېمەكچى بولغىنى، كەلگىنى ئىلياس پەيغەمبەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغان يەھيا پەيغەمبەردۇر.
10: 47 يەھۇدىيلار قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى دەپ چاقىرغانلىقى ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئىدى.
11: 11 مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا ھەرقايسى جايلاردا خۇدانىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىلىدىغان نۇرغۇن ئىبادەتخانىلار بار ئىدى، لېكىن پەقەت يېرۇسالېمدا، يەنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىناتتى.
11: 16 مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا سېتىلغان ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلار خەلقنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئىبادەتخانىغا سەدىقە بەرگۈچىلەر پۇلىنى پەقەت ئىبادەتخانىدىلا ئىشلىتىلىدىغان پۇلغا تېگىشكەندىن كېيىن بېرىشى كېرەك ئىدى.
12: 14 ئەگەر ھەزرىتى ئەيسا: «رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپ ئەركىنلىكنى ئىستىگەن كىشىلەرگە ياقمايتتى. ناۋادا كىشىلەرنى باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرسا، رىم قەيسىرىگە قارشى چىققان بولاتتى.
13: 30 ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (24: 2) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (24: 30) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەر باشلانغان ۋاقتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
15: 23 ئېيتىشلارغا قارىغاندا كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن.
15: 38 بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
16: 20 9-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە بولغان 12 ئايەت بەزى مۇھىم گرېكچە كونا نۇسخىلاردا يوق.
