مالاكى

1

1بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

2پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ.

لېكىن سىلەر: «راستمۇ، سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر.

پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەساۋ ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم، 3ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلىنغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم».

4ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ. 5سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ: ‹پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ سىرتىدىمۇ بۈيۈكتۇر!› دەيسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى تەنقىد قىلىشى

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.

7سىلەر ناپاك قۇربانلىقلارنى قۇربانلىق سۇپامغا قويۇپ، ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر. 8سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۆلكە باشلىقىغا شۇنداق سوۋغات بېرىپ، سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن، ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!

9ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنساڭلار، مەن سىلەرگە شەپقەت قىلارمەنمۇ؟!»

10قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن. 11كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.

12ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلمايسىلەر. بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر. 13سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلايسىلەر، مېنى مەنسىتمەيسىلەر. ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەر ئوغرىلاپ كەلگەن ياكى ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلساڭلار، مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلارمەنمۇ؟! 14ئىگىسىگە ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبى بار بولغان مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.»

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، پۈتكۈل ئەللەر نامىمدىن ئەيمىنىدۇ.»

2

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى

1‏-2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار ۋە نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە قارغىش ياغدۇرىمەن. قارغىش ئامىتىڭلارنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار. 3مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ پوقلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن ۋە سىلەرنى شۇ پوقلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن. 4شۇندىلا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. بۇ مېنىڭ، يەنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!

5لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن بۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى. 6لاۋىيلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە توغرا يولىدا مەن بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. 7روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر. 8بىراق ھازىر سىلەر روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا باشلىدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار. 9شۇڭا مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.»

نىكاھ ۋە ئاجرىشىش توغرىسىدا

10ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى خۇدا بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟ 11يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى. 12ئۇلار كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدىن يوقاتقاي.

13سىلەر قىلغان يەنە باشقا ئىشمۇ بار. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى كۆز يېشىڭلارغا غەرق بولدى، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلايسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارنى پەرۋايىغا ئالمىدى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. 14سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.

15پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار. 16پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشتىن نەپرەتلىنىمەن. ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلىنغان زوراۋانلىققا ئوخشايدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» دەيدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئەلچىسىنى ئەۋەتىشى

17سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.

3

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!

2ئەمما ئۇ كەلگەندە، كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا، كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ. 3ئۇ كۈمۈشنى تاۋلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش لاۋىيلارنىمۇ تاۋلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشتەك پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ. 4شۇندىلا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى بۇرۇنقىدەك خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ.

5شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق سېھىرگەر، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل ئايال، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».

ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيە

6«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار. 7سىلەر ئەجدادلىرىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.

8ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار. 9پۈتۈن خەلق مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر. 10سىلەر ئەمدى ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار. ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولسۇن. بۇ ئىشتا مېنى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر. 11مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ. 12زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق ئەللەر: ‹ئۇلارنىڭ بېشىغا بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ!» مانا بۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكى

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ماڭا قارشى گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق قارشى گەپ قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. 14سىلەر يەنە: ‹خۇداغا ئىبادەت قىلىش بىھۇدىدۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن ھېچ پايدا يوقتۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ 15ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ، يەنە جازاسىز يۈرىدىغۇ!› دەيسىلەر.»

16پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.

17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، مەندىن ئەيمەنگۈچىلەر ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن. 18شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم بىلەن قىلمايدىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»

4

پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ. 2ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر. 3مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

4مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.

5بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. 6ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.»