لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر

1

مۇقەددىمە

1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى،

سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشتى. 2ئۇلار بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەشتە بۇ ۋەقەلەرنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ۋە خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغاندۇر. 3مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم. 4بۇنىڭدىكى مەقسەت، سىز ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

5پادىشاھ ھىرود يەھۇدىيلار رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا، زىكىرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيانىڭ توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا* ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 6ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس ئادەملەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. 7ئەمما ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.

8بىر كۈنى زىكىرىيا ۋە ئۇنىڭ توپىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئۆزلىرىنىڭ نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. 9ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە چەك تاشلاپ، ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، ئىسرىق سالىدىغان بىر روھانىينى تاللايتتى. ئۇ كۈنى چەك زىكىرىياغا چىقتى. 10ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 11تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زىكىرىياغا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. 12زىكىرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى، 13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي زىكىرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. 14ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولىدۇ. 15ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، مەي ۋە شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ. 16ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ. 17ئۇ خۇددى ئىلياس پەيغەمبەردەك پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولىدۇ. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال كېلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنى يېڭىباشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ دانا يولىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ.

18_ مەن سۆزۈڭگە قانداقمۇ ئىشىنىمەن؟ مېنىڭمۇ ھەم ئايالىمنىڭمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، _ دېدى زىكىرىيا پەرىشتىگە. 19پەرىشتە:

_ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. 20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىراق سۆزۈمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. ئېيتقانلىرىم ئەمەلگە ئاشمىغۇچە زۇۋانغا كەلمەيسەن، _ دېدى ۋە كۆزدىن غايىب بولدى.

21بۇ چاغدا زىكىرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى. 22ئۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، مەقسىتىنى قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ بىلدۈردى. بۇنىڭدىن كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.

23زىكىرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك ۋاقتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى. 24دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولدى. ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى. 25ئېلىزابېت: «پەرۋەردىگار ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خەلق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

26ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتىسى جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدە ياشايدىغان ۋە 27پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك يىگىتكە توي چېيى ئىچكۈزۈلگەن بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. قىزنىڭ ئىسمى مەريەم ئىدى. 28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز، سالام ساڭا، پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29مەريەم بۇ سۆزلەردىن ھودۇقۇپ كەتتى ھەم بۇنداق سالاملىشىشنىڭ نېمە مەنىسى باردۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ زات بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى* دەپ ئاتىلىدۇ. 36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37چۈنكى خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، _ دېدى جەبرائىل.

38_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، _ دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

مەريەمنىڭ ئېلىزابېتنى يوقلىشى

39ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40ئۇ يەردە زىكىرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. 41‏-42ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر. 43رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. 44سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ، سەكرەپ كەتتى. 45سەن: «پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن بەختلىكسەن!

مەريەمنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:

 

«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن پەرۋەردىگارنى،

47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا خۇرسەن قىلدى مېنى.

48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى،

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى.

49چۈنكى قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن قىلدى ئۇلۇغ ئىشلارنى،

مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى.

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

51ئۇ كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى

ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.

52تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى،

كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.

53سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا،

قۇرۇق قول قايتۇردى ئۇ بىز ئېھتىياجسىز دەپ قارىغان بايلارنى.

54قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.

55چۈنكى ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا

‹ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن› دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»

 

56مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتتى.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى

57ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 58پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.

59بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زىكىرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. 60بىراق ئانىسى:

_ ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، _ دېدى.

61_ بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! _ دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.

62ئاندىن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى. 63زىكىرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 64دەل شۇ چاغدا زىكىرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. 65كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېلىشتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى. 66بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.

زىكىرىيانىڭ قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى

67ئاندىن يەھيانىڭ ئاتىسى زىكىرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى يەتكۈزدى:

 

68«پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن!

چۈنكى ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.

69خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.

70خۇدا بۇ قۇتقۇزغۇچىنى بۇرۇن مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغانىدى.

71ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى يامان كۆرىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ.

72ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ،

مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.

73خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە قىلدى.

74ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزۇش ھەققىدە قەسەم قىلدى.

ئەمدى بىز ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىپ،

75ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆمۈر بويى پاكلىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ياشايمىز.

 

76ئەي بالام، ساڭا كەلسەك،

سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن.

چۈنكى سەن رەببىمىز مەسىھنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ يوللىرىنى تەييارلايسەن.

77خۇدانىڭ خەلقىگە: ‹گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!› دەپ ئۇقتۇرىسەن.

78خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.

ئۇ بىزگە ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

79ئۇ قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشاۋاتقان بىزلەرگە نۇرىنى چاچىدۇ

ۋە بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا باشلايدۇ.»

 

80يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلدى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ۋاقتى كەلگۈچە چۆللەردە ياشىدى.

2

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ نوپۇسقا تىزىملىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. 2تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۈرىيە ئۆلكىسىگە باشلىق بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. 3چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى. 4شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتالغان بەيتلەھەمگە كەتتى. 5ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىتىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم ھامىلىدار ئىدى. 6ئۇلار بەيتلەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. 7مەريەم تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئوقۇرغا ياتقۇزدى. چۈنكى ئۇلارغا باشقا يەرلەردىن جاي چىقمىغانىدى.

پەرىشتىلەرنىڭ پادىچىلارغا كۆرۈنۈشى

8شۇ كۈنى كەچتە بەيتلەھەم ئەتراپىدىكى دالالاردا بەزى پادىچىلار كېچىدە پادىلىرىنى بېقىۋاتاتتى. 9ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى. 10بىراق پەرىشتە ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن. 11بۈگۈن «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ* دۇنياغا كەلدى! 12ئۇ يەرگە بارساڭلار، ئوقۇردا ياتقان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. ئۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، _ دېدى.

13بىردىنلا ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيەلەپ:

 

14«ئەرشئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن!

ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

 

15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە:

_ بەيتلەھەمگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېيىشتى.

16ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى. 17پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. 18پادىچىلار يەتكۈزگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى. 19مەريەم بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلاندى. 20پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.

ھەزرىتى ئەيسانى ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇداغا ئاتىشى

21بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇنىڭغا ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تۆرەلمىگەن ۋاقتىدىلا قويغانىدى.

22‏-23مەريەمنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندا، يۈسۈپ بىلەن مەريەم مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى «تۇنجى ئوغۇل خۇداغا مەنسۇپتۇر» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بالىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. 24ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئاپىرىشى كېرەك ئىدى.*

25شۇ چاغلاردا يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ھەققانىي ۋە تەقۋادار بولغان بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى. 26ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تاللىغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. 27بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن مۇراسىمنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، 28شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى:

 

29«ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن.

ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن.

30چۈنكى دېگىنىڭدەك ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم

31پۈتۈن ئىنسانلارغا ھازىرلىغان قۇتقۇزغۇچىڭنى.

32ئۇ سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نامايان قىلىدىغان نۇردۇر،

خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»

 

33بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىموننىڭ بالا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 34شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار، بۇ بالا ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن سەۋەبچى بولىدۇ ھەم نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاقارەتلەش نىشانى بولىدۇ. 35شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى مەخپىي غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ. قەلبىڭ قىلىچ تىقىلغاندەك ئازابلىنىدۇ.

36ئىبادەتخانىدا ھاننا ئىسىملىك ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئاشېر قەبىلىسىدىن بولغان پانۇئىلنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ توي قىلغان بولۇپ، ئېرى بىلەن يەتتە يىل ياشىغاندىن كېيىن، 37تۇل قالغانىدى. ئۇ 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدىن چىقمايتتى. ئۇ كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. 38شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.

39يۈسۈپ بىلەن مەريەم تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. 40بالا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولدى.

ياش ئەيسا ئىبادەتخانىدا

41ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا* يېرۇسالېمغا باراتتى. 42ھەزرىتى ئەيسا 12 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى. 43ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، 44چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە كېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. 45ئوغلىنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى.

46ئۈچ كۈندىن كېيىن ئوغلىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقان يېرىدىن تاپتى. 47ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 48ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ۋاي بالام، نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرىدۇق، سېنى ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! _ دېدى.

49_ مېنى ئىزدىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 50لېكىن ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلىدى. 52شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بويى ئۆسۈپ، ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈردى.

3

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىم بېرىشى

1‏-2رىم ئىمپېراتورى تىبېرىيۇسنىڭ 15-يىلى، خۇدادىن چۆلدە ياشاۋاتقان زىكىرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا ۋەھىي كەلدى. ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پونتىي پىلاتۇس باشلىق ئىدى. ھىرود جەلىلىيە ئۆلكىسىنى، ھىرودنىڭ ئاكىسى فىلىپ ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىلىرىنى، لىسانياس ئابىلىنىي ئۆلكىسىنى باشقۇراتتى. ھانناندىن كېيىن قاياپا باش روھانىي بولغانىدى. 3يەھيا پەيغەمبەر خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە ئىئوردان ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ تەلىم بەردى.

4بۇ ھەققىدە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى:

 

«چۆللۈكتە بىر كىشى:

‹رەببىمىزگە يول ھازىرلاڭلار،

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈزلەڭلار،

5ھەممە جىلغىلار تولدۇرۇلسۇن،

بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن،

ئەگرى يوللار تۈز بولسۇن،

كاتاڭلار ئوڭشالسۇن.

6شۇندىلا پۈتۈن جاھان

خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۆرىدۇ!› دەپ توۋلايدۇ.»

 

7كىشىلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ ئەي ساختىپەز يىلانلار، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 9پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشتى، ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، _ دېدى.

10كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن:

_ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.

11_ ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.

12بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ _ دەپ سورىدى.

13_ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، _ دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا.

14بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:

_ بىزچۇ، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، _ دېدى.

15خەلق قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ھەممەيلەن يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرۈپ، ئىچىدە «قۇتقۇزغۇچى مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. 16شۇنىڭ ئۈچۈن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرنى پەقەت سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ چورۇقىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 17ئۇ خاماندىكى بۇغداينى قولىدىكى كۈرەك بىلەن ئايرىپ، ئۇنى ئامباردا ساقلايدۇ، سامىنىنى بولسا ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرىدۇ، _ دېدى.

18يەھيا پەيغەمبەر ھەر خىل يوللار بىلەن خەلققە نەسىھەت قىلدى ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 19ئۇنىڭدىن باشقا، يەھيا پەيغەمبەر ھىرودنى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. 20نەتىجىدە، ھىرود تېخىمۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى

21يەھيا پەيغەمبەر زىندانغا تاشلىنىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمان يېرىلىپ، 22مۇقەددەس روھ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئاندىن ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى

23ھەزرىتى ئەيسا خۇدا يولىدا خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقتىدا ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ ئەلىنىڭ ئوغلى، 24ئەلى مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مالكىينىڭ ئوغلى، مالكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 25يۈسۈپ ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناغاينىڭ ئوغلى، 26ناغاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا شىمىينىڭ ئوغلى، شىمىي يوسېخنىڭ ئوغلى، يوسېخ يۇدانىڭ ئوغلى، 27يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زىرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زىرۇببابەل شىئالتېلنىڭ ئوغلى، شىئالتېل نەرىينىڭ ئوغلى، 28نەرىي مالكىينىڭ ئوغلى، مالكىي ئادىنىڭ ئوغلى، ئادى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئەلمادامنىڭ ئوغلى، ئەلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 29ئېر يوشۇۋانىڭ ئوغلى، يوشۇۋا ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئەزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 30لاۋىي شىموننىڭ ئوغلى، شىمون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يونامنىڭ ئوغلى، يونام ئەلياقىمنىڭ ئوغلى، 31ئەلياقىم مېلىيانىڭ ئوغلى، مېلىيا مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 32داۋۇت يىشاينىڭ ئوغلى، يىشاي ئوبېدنىڭ ئوغلى، ئوبېد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناخشوننىڭ ئوغلى، ناخشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 33ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام خەزروننىڭ ئوغلى، خەزرون پەرەسنىڭ ئوغلى، پەرەس يەھۇدانىڭ ئوغلى، 34يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناخورنىڭ ئوغلى، 35ناخور سىرۇگنىڭ ئوغلى، سىرۇگ رىئۇنىڭ ئوغلى، رىئۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شەلاخنىڭ ئوغلى، 36شەلاخ كېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاكشادنىڭ ئوغلى، ئارپاكشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەكنىڭ ئوغلى، 37لەمەك مىتۇشەلاخنىڭ ئوغلى، مىتۇشەلاخ خانوكنىڭ ئوغلى، خانوك يەرەدنىڭ ئوغلى، يەرەد ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل كېناننىڭ ئوغلى، 38قېنان ئەنوشنىڭ ئوغلى، ئەنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.

4

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 3بۇنى بىلگەن شەيتان ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى. 4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5شەيتان يەنە ئۇنى ئېگىز بىر جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ:

6‏-7_ ئەگەر ماڭا سەجدە قىلساڭ، مانا بۇ دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىگە بولىدىغان شان-شەرەپنى ساڭا بېرىمەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تاپشۇرۇلدى. مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى. 8ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ تەۋراتتا: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.

9ئاندىن شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا ئېلىپ چىقىپ، مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا! 10چۈنكى زەبۇردا:

 

«پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە،

ئۇلار قوغدار سېنى.

11يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا،

ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟

 

12_ تەۋراتتا: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

13شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە

14ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى. 15ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

16ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا، 17ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ يازمىنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

 

18«پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىدۇر.

چۈنكى ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى.

ئۇ مېنى تۇتقۇنلارنىڭ ئازاد بولىدىغانلىقىنى،

قارىغۇلارنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلاشقا،

ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە ۋە

19پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

 

20ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ، ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. 21ئۇ كۆپچىلىككە:

_ سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى، _ دېدى.

22بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق بەزىلەر:

_ قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

23ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. 24بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ. 25ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەنىدى. ئۇ چاغدىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بولغانىدى. 26بىراق خۇدا ئىلياس پەيغەمبەرنى ئۇلارغا ئەۋەتمەي، ئەكسىچە سىدون ۋىلايىتىنىڭ زارىفات شەھىرىدىكى يەھۇدىي بولمىغان بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەنىدى.

27يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا ئىسرائىلىيەدە ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىشا پەيغەمبەر سۈرىيەلىك نائامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ساقايتمىغانىدى! _ دېدى.

28ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپكە كەلدى. 29ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. 30بىراق ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەر ئارىسىدىن بىمالال مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىنلارنى ھەيدىشى

31ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بەردى. 32ئۇنىڭ تەلىملىرى ناھايىتى نوپۇزلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغانلار ھەيران قېلىشتى. 33ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىنلار:

34_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، نېمىشقا بىزگە چېقىلىسەن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلىدى.

35بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتتى ۋە تېنىدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئادەم ھېچقانداق زەرەر كۆرمىدى. 36بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، _ دېيىشتى. 37شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى

38ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ سىمۇننىڭ ئۆيىگە باردى. سىمۇننىڭ قېيىنئانىسى كېسەل بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇنى ساقايتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

40كۈن پېتىش ۋاقتىدا كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى. 41كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.

42تاڭ ئاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن چىقىپ، تىنچ بىر جايغا كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر تاپتى ۋە ئۇنى كەتكۈزمەي ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرغۇزماقچى بولۇشتى. 43لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، _ دېدى.

44شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى.

5

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم شاگىرت چاقىرىشى

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇراتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى. 4تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا:

_ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، _ دېدى.

5_ ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، _ دېدى سىمۇن، _ بىراق دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى تاشلىساق تاشلايلى.

6ئۇلار تور تاشلىغاندا، شۇ قەدەر كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورلىرى يىرتىلىشقا باشلىدى. 7ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. 8بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! _ دېدى. 9چۈنكى سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقلىرىدىن ھەيران بولۇشقانىدى. 10باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى بولغان ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا:

_ قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا ماڭا ئادەم تۇتىسەن، _ دېدى.

11ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى

12بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ھەزرىتىم، بىلىمەنكى، خالىسىڭىز مېنى پاكلىيالايسىز! _ دەپ يالۋۇردى. 13ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن، _ دېۋىدى، ماخاۋ كېسىلى شۇ ئان ساقايدى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، تېنىڭنى روھانىيغا تەكشۈرت. ئاندىن كېسەلدىن ساقايغانلىقىڭنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قۇربانلىقنى قىل، _ دەپ تاپىلىدى.

15گەرچە ھەزرىتى ئەيسا: «بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما» دېگەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقالدى. نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ۋە ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. 16شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن دائىم تىنچ يەرلەرگە باراتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى

17بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا پەرىسىيلەر* ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولغاچقا، ئۇنىڭدا كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى بار ئىدى. 18شۇ ئەسنادا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچ ئادەمنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشكە تىرىشتى. 19بىراق ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئۆيگە ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىل بىلەن چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. 20ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچ ئادەمگە:

_ دوستۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

21ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە:

_ قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلەرنى سۆزلەيدىغانغا ئۇ كىم ئىدى؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! _ دېيىشتى.

22ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئويلايسىلەر؟ 23«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ» دېيىشمۇ؟ 24ئەمما ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ* يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن پالەچ ئادەمگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، _ دېدى.

25ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيەلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى. 26بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيەلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا:

_ بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى چاقىرىشى

27بۇ ئىشتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى* كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

28لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشتى.

29شۇ كۈنى لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان باشقا كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 30كېيىن بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەزھىپىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەرنىڭ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى. 31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تېۋىپقا موھتاج بولغىنى ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەمدۇر. 32مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

روزا تۇتۇش مەسىلىسى

33بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! _ دېيىشتى. 34ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرسا، مېھمانلار روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 35ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا روزا تۇتىدۇ، _ دېدى.

كونىغا ئېسىلىۋېلىش

36ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىل كەلتۈردى:

_ ھېچكىم يېڭى كۆڭلىكىنى يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلىكىگە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكمۇ يىرتىلىدۇ، يىرتىۋېلىنغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ياراشمايدۇ. 37شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. 38شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. 39ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونا شاراب ئىچىپ يۈرگەن ھەرقانداق ئادەم يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ. «بولدى، كونىسى ياخشى ئىكەن!» دەيدۇ.

6

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

1بىر دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى. 2بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر:

_ سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىسىلەر، _ دېيىشتى. 3ھەزرىتى ئەيسا:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 4ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 5ئۇ يەنە ئۇلارغا:

_ ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر، _ دېدى.

6يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان ياكى ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 8بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىق! _ دېدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى. 9ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە:

_ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، دەم ئېلىش كۈنى نېمە ئىشلارنى قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ؟ ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ، جان قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ _ دېدى ۋە 10كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات، _ دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 11ئەمما تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى

12بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 13تاڭ ئاتقاندا شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى. 14ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي، 15مەتتا، توماس، ھالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن، 16باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشى ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشى

17ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىرگە تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەدىن، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىن توپ-توپ بولۇپ كېلىشكەن كىشىلەر يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى. 18ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى. 19كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانى سىلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.

خۇشاللىق ۋە قايغۇ

20ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

 

_ ئەي يوقسۇللار، سىلەر نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.

21ئەي ئاچ قالغانلار، سىلەرمۇ نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى خۇدا سىلەرنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.

ئەي يىغلاۋاتقانلار، سىلەرمۇ بەختلىك! بۇنىڭدىن كېيىن شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.

 

22ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە ۋە سىلەرگە ھاقارەت قىلسا، شۇنداقلا سىلەرنى رەزىل دەپ ئاتىسا، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 23ئۇ چاغدا شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە مۇشۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.

 

24ئەي بايلار، ھالىڭلارغا ۋاي!

راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.

25ئەي قارنى توقلار، ھالىڭلارغا ۋاي!

ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى.

ئەي كۈلۈۋاتقانلار، ھالىڭلارغا ۋاي!

ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى.

 

26خەلق سىلەرنى ماختىسا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار

27_ مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، سىلەر دۈشمىنىڭلارنىمۇ سۆيۈڭلار. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. 28سىلەرنى قارغىغانلارغىمۇ بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 29بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 30بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى سوراپ ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇۋالماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇ قانداقمۇ ماختىغۇدەك ئىش بولسۇن؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇ قانداقمۇ ماختىغۇدەك ئىش بولسۇن؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇ قانداقمۇ ماختىغۇدەك ئىش بولسۇن؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق، سىلەر دۈشمىنىڭلارنىمۇ سۆيۈڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدىغۇ! 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار

37_ باشقىلارغا ھۆكۈم قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 38باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.

39ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل ئارقىلىق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلەپ ماڭالامدۇ؟! ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟! 40شاگىرت ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. لېكىن ئۇ ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، ئۇستازىغا ئوخشاش بولالايدۇ.

41نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى كۆرمەيسەن؟! 42ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە شۇنچە چوڭ لىم تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ نېمىسى؟ ئەي ساختىپەز، ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت! شۇندىلا كۆزۈڭ ئېنىق كۆرىدۇ-دە، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

ئىككى خىل مېۋە دەرىخى

43_ ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 44ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ. 45شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.

ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر

46_ سىلەر ئەجەب مېنى «رەببىم، رەببىم» دەيسىلەر-يۇ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمايسىلەر. 47ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار كىمگە ئوخشايدۇ؟ 48ئۇلار خۇددى يەرنى چوڭقۇر كولاپ، تاش ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن سۈيى بۇ ئىمارەتكە ئۇرۇلغاندا، بۇ ئىمارەت تەۋرەپمۇ قويمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلى پۇختا سېلىنغاندۇر. 49لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار ئۇلسىز ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.

7

ھەزرىتى ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتتى. 2ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا ياتاتتى. 3يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقىلىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ، چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندى. 4ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم. 5ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، _ دېدى ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭۈللىرىدىن تەلەپ قىلىشتى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىرگە يولغا چىقتى. بىراق ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار:

_ ھەزرىتىم، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. 7ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىزلا، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 8مەنمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بولغان بىرىمەن. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ چوقۇم قىلىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

9يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئەگىشىپ كەلگەن جامائەتكە بۇرۇلۇپ:

_ مەن سىلەرگە دەپ قويايكى، ھەتتا ئىسرائىللار ئىچىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى كۆرمىگەنىدىم! _ دېدى.

10يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى

11ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 12ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى. 13بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا:

_ يىغلىماڭ، _ دېدى. 14ئاندىن توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا:

_ يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دېيىشى بىلەنلا 15ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

16كۆپچىلىك شۇنچىلىك ھەيران قېلىشتى. ئۇلار:

_ ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقىپتۇ، _ دېيىشتى ۋە يەنە _ خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەپتۇ! _ دېيىشىپ، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىغا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سوئالى

18يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەھياغا يەتكۈزدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككى كىشىنى ئۆزى يېتىۋاتقان زىندانغا چاقىرىپ، 19ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇق؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

20ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سىزدىن: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇق؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى، _ دېدى.

21دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا ئاغرىق-سىلاق تارتقان ۋە جىن چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتىۋاتقان ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىۋاتقانىدى. 22شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. 23يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى.

24يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچى بولغانىدىڭلار؟ شامالدا تەۋرىنىپ تۇرغان قومۇشتەك بىرنىمۇ؟ 25ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ياق، بۇنداق ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىدىغانلار ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار چۆلدە ئەمەس، خان ئوردىسىدا بولىدۇ. 26ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى باردىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈنىنى كۆردۈڭلار. 27چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ ساڭا يول ھازىرلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 28بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى يوق. ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.

29بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولى توغرا دېيىشتى، چۈنكى ئۇلار بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشقانىدى. 30لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئىرادىسىنى رەت قىلغانىدى. 31شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟! 32ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە نەي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. 33چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپلا روزا تۇتتى، شاراب ئىچمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى. 34ئىنسانئوغلى بولسا يېدى ھەم ئىچتى. بىراق ئۇلار: «ئۇ تازا بىر تويماس شارابخور ئىكەن، شۇنداقلا باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى ئىكەن» دېيىشتى. 35بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

36پەرىسىيلەردىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماققا ئولتۇردى. 37بۇ شەھەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا خۇش پۇراقلىق بۇيۇم ئېلىپ كەلدى 38ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇم قۇيدى. 39ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى. 40بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، _ دېدى.

_ ئېيتىڭ ئۇستاز، _ دېدى شىمون.

41_ ئىككى ئادەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش تەڭگىگە، يەنە بىرى بولسا، ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار ئىكەن. 42ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

43_ مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، _ دەپ جاۋاب بەردى شىمون.

_ توغرا ئېيتتىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 44ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا:

_ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. 45سەن مېنى ھال-ئەھۋالىمنى سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن ئۇ مەن بۇ ئۆيگە كىرگەندىن بېرى پۇتلىرىمنى توختىماي سۆيۈۋاتىدۇ. 46سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈرمىگەنىدىڭ. بىراق ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا خۇش پۇراقلىق بۇيۇم قۇيدى. 47ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. ئۇ قىلغان ئىشلىرى بىلەن مېنى تېخىمۇ سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن كىم ئاز كەچۈرۈم قىلىنسا، شۇنىڭ سۆيگۈسى ئاز دېگەنلىكتۇر، _ دېدى.

48ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا:

_ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

49ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلار: «ھەتتا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى.

50ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا:

_ ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بولغىن! _ دېدى.

8

ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار

1ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ئون ئىككى شاگىرتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 2بۇلاردىن باشقا، ئۇلار بىلەن بىرگە يەنە جىننىڭ ۋە كېسەلنىڭ ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم، 3ھىرودنىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى.

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل

4ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ھەرقايسى يۇرتلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

5_ بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇشلار كېلىپ، ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 6بەزى ئۇرۇقلار ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزى ئۇرۇقلار تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ ۋە مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بىرگە ئۆسۈپتۇ. بىراق تىكەنلەر كېيىن مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. 8يەنە بەزى ئۇرۇقلار بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپ، ئوبدان ئۆسۈپ، يۈز ھەسسىلەپ ھوسۇل بېرىپتۇ.

ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە:

_ سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن! _ دېدى.

9كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سوراشتى. 10ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»

11بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق:

_ ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 12چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. 13تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ئىشەنگەنلەرگە تەمسىل قىلىنغاندۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشىنىشى بىر مەزگىللىكتۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 14تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، بۇ ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئەمما ھوسۇلسىز قالىدىغان ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغاندۇر، چۈنكى بۇنداق ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، مال-دۇنيا ۋە ھالاۋەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇپ قويىدۇ. 15مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.

خۇدانىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانماقتا

16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى بىرەر ئىدىشنىڭ ياكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرسۇن دەپ ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە. 17ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ. 18شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى بارىغا يەنىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، يوقىنىڭ ھەتتا ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

19ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم كۆپ بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىدى. 20بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ، _ دېدى.

21_ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىمدۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى

22بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا:

_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. 23كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى. 24شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممە ياق تىنچىدى. ئاندىن ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:

25_ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ _ دېدى.

شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇشۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دېيىشتى.

جىن چاپلاشقان گېراسالىقنىڭ ساقايتىلىشى

26ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئۇ چېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرغان يەرگە باردى. 27ھەزرىتى ئەيسا قىرغاققا چىقىشىغا، شەھەردىن كەلگەن جىن چاپلاشقان بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم ئۇزۇندىن بېرى كىيىم كىيمەي، ئۆيدە تۇرماي، گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەردە ياشايتتى. 28ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، نېمىشقا ماڭا چېقىلىسەن! سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى قىينىمىغىن! _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى. 29ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى. 30ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ:

_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، _ دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلاشقانىدى. 31جىنلار ئۆزلىرىنىڭ تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلىنماسلىقى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇردى.

32شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇزلار ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى. 33جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. پۈتۈن توڭگۇزلار توپى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

34بۇ ھالنى كۆرگەن توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن شەھەر-يېزىلارغا قېچىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. 35ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئەس-ھوشى بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 36بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ساقىيىش جەريانىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 37شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى. 38تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا:

_ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

39_ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى.

ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئارىلاپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى.

تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال

40ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. 41قارشى ئالغىلى چىققانلار ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يائىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ يالۋۇردى. 42چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، قىستاشقىلى تۇردى. 43توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇ بار پۇلىنى تېۋىپلارغا سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنى ساقايتالمىغانىدى. 44ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلاپ قويۇۋىدى، خۇن شۇ ئان توختىدى.

45_ پېشىمنى تۇتقان كىم؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. كۆپچىلىك:

_ تۇتمىدۇق، _ دېيىشتى.

_ ئۇستاز، تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى ئادەم، ئۇلار سىزنى قىستاپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ _ دېدى پېترۇس. 46لېكىن ھەزرىتى ئەيسا:

_ ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، _ دېدى.

47ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ سېزىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ دەرھال ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

48_ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

49ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:

_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، _ دېدى.

50بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا:

_ قورقمىغىن، ماڭا ئىشەنگىن، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ! _ دېدى.

51ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. 52ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا ئېچىپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! _ دېدى.

53بىراق خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. 54لېكىن ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ:

_ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دەپ چاقىردى. 55قىزنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىر نەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. 56قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ھەيران قېلىشتى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.

9

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى. 2ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. 3ئۇ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەر سەپەردە ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار، ھەتتا بىرەر ئارتۇق كۆڭلەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. 4بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 5ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! _ دېدى.

6شاگىرتلار يولغا چىقىپ، ھەممە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، كېسەللەرنى ساقايتتى.

7جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھىرود ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى يەھيا پەيغەمبەر ئىكەن، ئۇ تىرىلىپتۇ!» دېسە، 8يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر زاھىر بوپتۇ» دەيتتى، يەنە بەزىلەر بولسا: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. 9ھىرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى زادى كىمدۇ؟» دەپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى ئىزدىدى.

بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇش

10ئون ئىككى شاگىرت قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى باشقىلارغا ئۇقتۇرماي، بەيتسايدا دېگەن يېزىغا ئېلىپ ماڭدى. 11بىراق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى. 12كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ كىشىلەرنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، يېمەك يېسۇن ۋە قونغۇدەك جاي تاپسۇن. چۈنكى بۇ خىلۋەت جاي ئىكەن، _ دېدى. 13لېكىن ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار يېمەك بېرىڭلار، _ دېدى.

_ بىزدە پەقەتلا بەش نان بىلەن ئىككىلا بېلىق بار تۇرسا، يېمەك سېتىپ ئەكېلىڭلار، دېمەكچىمۇسىز؟ _ دېيىشتى ئۇلار. 14چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى تەخمىنەن بەش مىڭچە بار ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ كىشىلەر ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈنۈپ ئولتۇرسۇن، _ دېدى.

15شاگىرتلار كۆپچىلىكنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. 16ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. 17ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان بىلەن بېلىقنىڭ پارچىلىرىنى يىغىۋىدى، ئون ئىككى سېۋەت چىقتى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەسىھ دەپ تونۇشى

18بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا شاگىرتلىرىلا بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ كىشىلەر مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

19_ بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەپ بىلىدىكەن، يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن باشقا بىرى تىرىلىپتۇ دەپ بىلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار. 20ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ سىز خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.

21_ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، 22_ چۈنكى ئىنسانئوغلى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدۇ، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھەمدە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ.

23ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كىمدىكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ نەپسىنى يىغىپ ۋە كرېستىنى كۆتۈرۈپ،* ماڭا ئەگەشسۇن. 24چۈنكى ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 25بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ مەڭگۈلۈك ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 26ئەگەر كىمدىكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپىگە پۈركىنىپ قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. 27بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى

28تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. 29ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرىمۇ ئاقىرىپ، نۇردەك چاقنىدى. 30توساتتىن مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەر پەيدا بولدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. 31ئۇلار خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا بارىدىغانلىقى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

32پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇيقۇ باسقانىدى. ئۇلار ئويغانغاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنى كۆردى. 33بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز بەك ياخشى بولدى! بىرىنى سىزگە، بىرىنى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرىنى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، _ دېدى.

34پېترۇس گەپ قىلىۋاتقاندا، بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇت ئىچىدە قالغان شاگىرتلار قورقۇشۇپ كەتتى. 35تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 36ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى.

جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى

37ئەتىسى ھەزرىتى ئەيسا ئۈچ شاگىرتى بىلەن بىرگە تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقتى. 38توپنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ:

_ ئۇستاز، ئوغلۇمغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز، ئۇ بىرلا بالا ئىدى! 39ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىن دائىم قۇترايدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىدۇ. جىن دائىم ئۇنى قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ. 40شاگىرتلىرىڭىزدىن بۇ جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، _ دېدى.

41_ ئەي بۇ زاماننىڭ ئېتىقادسىز ۋە ئازغۇن ئادەملىرى، سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە سىلەر بىلەن يەنە قانچە ۋاقىت بىرگە بولۇشۇم ۋە قاچانغىچە سەۋر قىلىشىم كېرەك؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن ھېلىقى كىشىگە:

_ بالاڭنى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

42بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. بىراق ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 43كۆپچىلىك بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەيران-ھەس بولۇشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن ئېيتىشى

كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

44_ ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن ئىنسانئوغلى باشقىلارغا تۇتۇپ بېرىلىدۇ، _ دېدى.

45بىراق ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلار ئۈچۈن يوشۇرۇن ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.

خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟

46شاگىرتلار زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى. 47ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 48شاگىرتلارغا:

_ كىم مېنى دەپ مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، _ دېدى.

قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر

49يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، _ دېدى.

50_ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى سىلەرگە قارشى تۇرمىغانلار سىلەرنى قوللىغانلاردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

ھەزرىتى ئەيسانى قارشى ئالمىغان يېزا

51ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنىگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى. 52ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيەدىكى بىر يېزىغا ئادەم ئەۋەتتى. 53بىراق سامارىيەلىكلەر* ھەزرىتى ئەيسانى «يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارىدىكەن» دەپ قارشى ئالمىدى. 54ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:

_ ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ _ دېدى.

55لېكىن ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 56ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا كەتتى.

ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى

57ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىمەن، _ دېدى. 58بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ باش تىققۇدەك يېرىمۇ يوق، _ دېدى.

59ئۇ يەنە باشقا بىر كىشىگە:

_ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. بىراق ئۇ كىشى:

_ ئۇستاز، مەن ئالدى بىلەن ئاتامنى يەرلىككە قوياي، ئاندىن سىزگە ئەگىشەي! _ دېدى.

60_ ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر يەرلىككە قويسۇن! سەن بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

61يەنە بىرسى:

_ ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، _ دېدى.

62_ قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

10

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەتمىش ئىككى شاگىرتىنى ئەۋەتىشى

1شۇ ئىشلاردىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا يەنە يەتمىش ئىككى نەپەر شاگىرت تاللاپ، ئۇلارنى ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككىدىن ئەۋەتتى. 2ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ يىغىلىدىغان ھوسۇل كۆپتۇر، لېكىن ئىشلەيدىغانلار ئاز. شۇڭا سىلەر ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن ھوسۇل يىغىشقا كۆپرەك ئىشلەمچى ئەۋەتىپ بېرىشنى تىلەڭلار. 3ئەمدى يولغا چىقىڭلار. مەن سىلەرنى قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. 4ھەميان، خۇرجۇن ۋە چورۇقمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار. 5قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار. 6ئۇ ئۆيدە تىنچلىق سۆيەر كىشى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. بولمىسا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 7تۇرغۇزغان ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، ھەرقانداق ئىشلەمچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۆيدىن ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.

8بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، بىرسى سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئالدىڭلارغا قويغىنىنى يەڭلار. 9ئۇ شەھەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىڭلار ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەڭلار. 10بىراق بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا ئۇ يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، كۆپچىلىك ئالدىدا: 11«سىلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئايىغىمىزغا قونغان شەھىرىڭلارنىڭ توپىسىنىمۇ قېقىۋېتىمىز! ئەمما بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا ئىدى!» دەڭلار. 12بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم* شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلغانلار

13_ ئەي قورازىنلىقلار، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي بەيتسايدالىقلار ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ياتلارنىڭ تىر ۋە سىدون دېگەن شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. 14قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. 15ئەي كەپەرناھۇملۇقلار، ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ياق، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر!

16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ ئەگەر بىرسى سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا قۇلاق سالمىسا، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالمىغان بولىدۇ. ئەگەر بىرسى سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.

يەتمىش ئىككى شاگىرتنىڭ قايتىپ كېلىشى

17ھېلىقى يەتمىش ئىككى شاگىرت خۇشال ھالدا قايتىپ كېلىپ:

_ ئى رەببىم، بىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن بۇيرۇق قىلغانىدۇق، ھەتتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇندى! _ دەپ مەلۇم قىلدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ شۇنداق، شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. 19قۇلاق سېلىڭلار، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى ئاياغ ئاستى قىلالايدىغان، شۇنداقلا شەيتاننىڭ پۈتۈن كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇقنى بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. 20لېكىن سىلەر جىنلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلىكىگە خۇشال بولۇڭلار، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇشاللىقى

21بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك ساددا كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيە ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، بۇ سېنىڭ ئىستىكىڭ ئىدى.

22ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە:

_ ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئوغۇلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتىنىڭمۇ كىم ئىكەنلىكىنى ئوغۇلدىن باشقا ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، _ دېدى.

23ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ، ئاستىغىنا:

_ كۆرگەن ئىشلارنى كۆرەلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 24بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىگەنىدى، _ دېدى.

مېھرىبان سامارىيەلىك توغرىسىدىكى تەمسىل

25تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ:

_ ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى.

26_ تەۋرات قانۇنىدا نېمە دېيىلگەن؟ بۇنى ئۆزىڭىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. 27ھېلىقى كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلار ۋە پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن سۆيۈڭلار»، بۇنىڭدىن قالسا، «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار.»

28_ توغرا جاۋاب بەردىڭىز. مانا شۇنداق قىلسىڭىز، مەڭگۈ ياشايسىز، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

29ئۇ كىشى ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ:

_ مەن سۆيۈشكە تېگىشلىك بولغان باشقىلار كىملەر؟ _ دەپ سورىدى.

30ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بىر يەھۇدىي يېرۇسالېمدىن ئېرىخا شەھىرىگە كېتىۋېتىپ، يولدا قاراقچىغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، تاشلاپ كېتىپتۇ. 31ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر روھانىي شۇ يولدىن كېتىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپتۇ، لېكىن كارى بولماي، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 32مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر خىزمەتچىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىچارە ئادەمنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن كارى بولماي، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 33لېكىن يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيەلىكلەردىن بىرى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ 34ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 35ئەتىسى سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ.

36ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن:

_ سىزچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارغا يولۇققان ھېلىقى كىشىگە قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن؟ _ دەپ سورىدى.

37_ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، _ دەپ جاۋاب بەردى تەۋرات ئۇستازى.

_ ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازىىغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مارتا ۋە مەريەمنى يوقلىشى

38ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. 39مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى. 40ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلاپ قويدى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! _ دېدى. 41بىراق ھەزرىتى ئەيسا مارتاغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. 42پەقەت بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.

11

دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى تەلىم

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:

_ ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، _ دېدى. 2ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار:

 

«ئى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.

3كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

4گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن،

چۈنكى بىزمۇ بىزگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈردۇق.

بىزنى ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قالغايسەن.»

 

5ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر يېرىم كېچىدە دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «بۇرادەر، ماڭا ئۈچ نان بېرىپ تۇر، 6ئۆيۈمگە بىر دوستۇم سەپەردىن كەلگەنىدى، ئۆيدە ئۇنى كۈتكۈدەك بىر نەرسە قالماپتۇ» دېسەڭ، 7دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار مەن بىلەن تۆشەكتە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ساڭا نان بېرەلمەيمەن!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ 8ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ سەۋەبىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ. 9شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10چۈنكى تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. 11سىلەر بېلىق تەلەپ قىلغان ئوغلۇڭلارغا يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 12تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 13گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلىشقا تېخىمۇ تەييار ئەمەسمۇ؟

ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر

14بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا جىن چاپلىشىپ، گاچا بولۇپ قالغان بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن جىننى ھەيدەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن گاچا ئادەم زۇۋانغا كەلدى. كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 15بىراق بەزى كىشىلەر: «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشتى. 16يەنە بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. 17ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. 18شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىدىكىلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ سىلەر مېنى جىنلارنى شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيسەن دەيسىلەر. 19ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكىلەر جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 20ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىدىم. بۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. 21ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ. 22لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

23مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. مەن بىلەن بىرگە يىغمىغانلار چېچىۋەتكۈچىلەردۇر.

24جىن ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ ۋە: «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي» دەيدۇ. 25شۇنىڭ بىلەن جىن بۇرۇنقى ئۆيىگە، يەنى تەنگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلىنىپ، رەتلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. 26ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئادەمنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.

ھەقىقىي بەخت

27ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا:

_ سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى.

28_ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

مۆجىزە كۆرسىتىش تەلىپى

29ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئولاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

_ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار مۆجىزە كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق ئۇلارغا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسىدىن باشقا مۆجىزە كۆرسىتىلمەيدۇ. 30يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش نىنەۋى خەلقىگە بىر مۆجىزە بولغىنىغا ئوخشاش، مەن ئىنسانئوغلىمۇ بۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە بىر مۆجىزە بولىمەن.*

31قىيامەت كۈنى شىبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەنىدى. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرى بار. 32قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقانىدى. بىراق بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار.

تەننىڭ چىرىغى

33_ ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرسۇن دەپ ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە. 34سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار نۇرغا تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار قاراڭغۇلۇققا تولىدۇ. 35سىلەردىكى نۇرنىڭ قاراڭغۇلۇق بولۇپ چىقماسلىقىغا دىققەت قىلىڭلار. 36ئەگەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار نۇرغا تولسا، قىلچە قاراڭغۇلۇق بولمىسا، خۇددى چىراغ نۇرى سىلەرنى يورۇتۇپ تۇرغاندەك ھاياتىڭلار نۇرلۇق بولىدۇ.

پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى

37ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 38ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغاندۇر. 40ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقان خۇدا ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟! 41شۇڭا كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.

42ئەي پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ھەتتا يالپۇز، سۇزاپ قاتارلىق دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ھەققانىيلىققا ۋە خۇداغا بولغان مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

43ئەي پەرىسىيلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ئىبادەتخانىدا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشىنى ياخشى كۆرىسىلەر. 44ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر قەبرە قوپۇرۇلمىغان يەرلىككە ئوخشايسىلەر. كىشىلەر ئۈستۈڭلاردىن سەزمەستىن دەسسەپ ئۆتىۋېرىدۇ! _ دېدى.

45مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! _ دېدى. 46ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغىمۇ ۋاي! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدىلەر ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەر، لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭ بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر. 47سىلەرگە ۋاي! سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۆلتۈرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى چىرايلىق ياسىدىڭلار. 48بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ياقلىغىنىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، سىلەر ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياسىدىڭلار. 49شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتلىك خۇدا مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.»

50‏-51شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىگە، يەنى ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى روھانىي زىكىرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۆكۈلگەن قانلارنىڭ قەرزلىرىگە مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جاۋابكار بولىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ قىلمىشلار ئۈچۈن مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جازاغا تارتىلىدۇ.

52ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى، ھالىڭلارغا ۋاي! ھەقىقەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇڭلارغا ئېلىۋالدىڭلار، ئەمما ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار، ھەتتا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار.

53ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى. 54ئۇلار ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇپ، ئۇنى سۆزلىرىدىن تۇتۇۋالماقچى بولۇشتى.

12

ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەر

1مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. 2چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. 3دېمەك، سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزلىرىڭلار ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقان گەپلىرىڭلارمۇ تۆت تامدىن ئۆتۈپ، خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ.

4ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ دوستلار، تېنىڭلارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشقا زىيانكەشلىك قىلىش قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار. 5كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. سىلەرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، پەقەت ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار. 6بەش قۇشقاچ ئىككى تەڭگىگە سېتىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 7ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!

8_ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ھازىر كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى كېيىن ئىنسانئوغلىمۇ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. 9بىراق كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ رەت قىلىنىدۇ. 10ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

11كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. 12چۈنكى نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.

ئەقىلسىز باي ھەققىدىكى تەمسىل

13كۆپچىلىك ئىچىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، ئاكامغا ئاتىمىزدىن قالغان مىراستىن ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىشنى بۇيرۇسىڭىز، _ دېدى.

14_ كىم ماڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قازىلىق قىلىش ياكى مىراسىڭلارنى ئايرىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپتۇ؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

15كېيىن ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە:

_ ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ئاچكۆزلۈكتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، _ دېدى، 16ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. 17ئۇ كۆڭلىدە: «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق، قانداق قىلاي؟ 18توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قوياي» دەپ ئويلاپتۇ. 19ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.

20لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئەمدى توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ كىمگە قالار؟» دەپتۇ.

21ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ.

خۇداغا تايىنىش

22ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. 23چۈنكى جان يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن تېخىمۇ مۇھىمدۇر. 24قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىڭ رىزقىنى بەرگەن يەردە، سىلەرنىڭمۇ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟

25قېنى، قايسىڭلار ئۆمرۈڭلارنى غەم-قايغۇ بىلەن كىچىككىنە ئۇزارتىپ باقىسىلەر؟ 26مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! 27ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان چاغدىمۇ، ئۇنىڭ كىيگەن كىيىملىرى بۇ گۈللەردەك ئېسىل ئەمەس ئىدى!

28ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار، دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ، ئوچاققا قالىنىدىغان گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرگە كىيگۈدەك كىيىم بەرمەسمۇ؟ 29شۇنداق ئىكەن، نېمە كىيىمىز، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ قايغۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار. 30بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 31شۇڭا سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. شۇ چاغدا خۇدا سىلەرگە ھەممىنى بېرىدۇ.

ھەقىقىي بايلىق توپلاش

32_ قوزىلىرىم، قورقماڭلار، چۈنكى ئاتاڭلار ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن ئاتا قىلىدۇ. 33مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار. ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا چىرىمەيدىغان ھەميان ۋە تۈگىمەس بايلىق ھازىرلاڭلار، ئۇلارنى ئوغرى ئالمايدۇ، كۈيىمۇ يېمەيدۇ. 34بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، كۆڭلۈڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىگە تەييار بولۇش

35_ خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، 36خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك. 37خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ. 38ھەتتا خوجايىن يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە كەلسۇن، ئۇ چاكارلىرىنىڭ ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر!

39بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىنىڭ قايسى سائىتىدە كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئوغرىنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. 40شۇڭا سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ.

41_ ئى رەببىم، بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى پېترۇس. 42ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ كىم ئىشەنچلىك ۋە ئەقىللىق غوجىدار بولسا، خوجايىن شۇنى باشقا چاكارلارنى باشقۇرۇشقا ۋە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىملەشكە قويىدۇ. 43خوجايىن سەپەردىن قايتىپ كېلىپ، خىزمەتكارىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرسە، خىزمەتكارىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. 44بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 45لېكىن خىزمەتكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، باشقا ئەر-ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرسە، 46خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى ۋە ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ.

47خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييار تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان خىزمەتكار قاتتىق تاياق يەيدۇ. 48بىراق خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان خىزمەتكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسا بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبچىسى

49_ مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ ئاللىقاچان يانغان بولۇشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە! 50مەن قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان «چۆمۈلدۈرۈش»نى تېخى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتىمەن. 51سىلەر مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! 52بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئائىلىدىكى بەش كىشى بىر-بىرسىگە قارشى تۇرىدۇ، ئۈچى ئىككىسىگە، ئىككىسى ئۈچىگە قارشى تۇرىدۇ. 53ئاتا ئوغلىغا، ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا، قىز ئانىسىغا، قېيىنئانا كېلىنىگە، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.

خۇدانىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش

54‏-55ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتە بۇلۇت كۆرۈنسە، يامغۇر ياغىدۇ دەيسىلەر. جەنۇب تەرەپتىن شامال چىقسا، ھاۋا ئىسسىيدۇ دەيسىلەر. دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. 56ئەي ساختىپەزلەر، سىلەر ئاسمان-زېمىننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەر-يۇ، ئەمما ھازىرنىڭ قانداق زامان ئىكەنلىكىنى نېمە ئۈچۈن چۈشەندۈرەلمەيسىلەر؟! 57نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلمايسىلەر؟! 58ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. قاراۋۇل سىلەرنى زىندانغا تاشلايدۇ. 59بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىمۇ تۆلىنىپ بولمىغۇچە زىنداندىن چىقالمايسىلەر!

13

توۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش

1شۇ چاغدا بىرنەچچە كىشى كېلىپ، بىر قىسىم جەلىلىيەلىكلەر مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېيتتى. 2ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇ جەلىلىيەلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيەلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى دەپ قارامسىلەر؟ 3ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر. 4يەنە بىر مىسال ئالايلى، شىلوۋاخ مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە ئون سەككىز ئادەم تېگىدە قېلىپ ئۆلگەنىدى. سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان دەپ قارامسىلەر؟ 5ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.

توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى

6ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ. 7ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ. 8«خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 9ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن.

دەم ئېلىش كۈنى دوك ئايالنى ساقايتىش

10بىر دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11ئۇ يەردە جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. 12ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرۈپ، يېنىغا چاقىرىپ:

_ ئەي ئايال، ئەمدى كېسەلدىن خالاس بولىسەن! _ دېدى، 13ۋە قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزدى. ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.

14ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە:

_ ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، _ دېدى.

15رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟! 16ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنىدە بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟!

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى.

ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچ توغرىسىدىكى تەمسىللەر

18ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەي؟ 19ئۇ گويا بىر دانە قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ،* دەرەختەك بوي تارتىدۇ. قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.

20‏-21ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.

ئەرشنىڭ تار ئىشىكى

22ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى. 23بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:

_ ئى ھەزرىتىم، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:

24_ ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ. 25ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق، ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە نەدىن كەلگىنىڭلارنى بىلمەيمەن» دەيدۇ. 26سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 27ئۇ سىلەرگە يەنە بىر قېتىم: «سىلەرنى تونۇمايمەن، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 28سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلىشىپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر. 29ئۇ چاغدا شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇبتىن نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ. 30شۇنداق قىلىپ، ئاخىرقى قاتاردىكىلەر ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقى قاتاردا بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

31دەل شۇ چاغدا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، _ دېدى. 32ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار، مەن بۈگۈن ۋە ئەتە داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەپ، كېسەللەرنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ۋەزىپەمنى تاماملايمەن. 33شۇنداق، مەن بۈگۈن، ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە يولۇمنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. چۈنكى بىر پەيغەمبەر يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلسە بولمايدۇ.

34ئەي يېرۇسالېملىقلار، يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار، مەن خۇددى ئۆزىنىڭ چۈجىلىرىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا ئالماقچى بولغان مېكىياندەك سىلەرنىمۇ قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. 35مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، _ دېدى.

14

دەم ئېلىش كۈنىدە كېسەل ساقايتىش

1بىر دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. ھەركىم ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتاتتى. 2ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن:

_ تەۋراتتا دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانمۇ-يوق؟ _ دەپ سورىدى.

4بىراق ئۇلار گەپ قىلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا بولسا ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. 5ئاندىن كۆپچىلىككە:

_ بالاڭلار ياكى كالاڭلار قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟! _ دېدى.

6بىراق ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى.

كەمتەرلىك ھەققىدە

7بەزى مېھمانلارنىڭ تۆر تالىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ، مۇنداق دېدى:

8_ تەكلىپ بىلەن توي زىياپىتىگە قاتناشقان ۋاقتىڭىزدا، تۆرگە چىقىۋالماڭ. سىزدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر مېھمان چاقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. 9ئۇ چاغدا ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز. 10لېكىن سىز تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ، پەگاھتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ساھىبخانا سىزگە: «دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ!» دېسە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئابرۇيىڭىز بولىدۇ. 11چۈنكى ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

مېھماندوستلۇقنىڭ يولى

12ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى:

_ مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. بولمىسا، ئۇلارمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. 13شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بەرمەكچى بولسىڭىز، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرىڭ. 14شۇنداق قىلسىڭىز، بەختلىك بولىسىز. چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ.

كاتتا زىياپەت توغرىسىدىكى تەمسىل

15ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! _ دېدى.

16بىراق ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ، نۇرغۇن مېھمان چاقىرىپتۇ. 17داستىخان سېلىنغان كۈنى چاكىرىنى ئەۋەتىپ، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپتۇ. 18بىراق مېھمانلار بارماسلىققا بىر-بىرلەپ باھانە كۆرسىتىپتۇ. بىرىنچىسى: «مەن ھېلى بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن» دەپتۇ. 19يەنە بىرى: «مەن بەش جۈپ ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك. كەچۈرگەيسىز، زىياپەتكە داخىل بولالمايدىغان بولدۇم» دەپتۇ. 20يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.

21چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىلىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ. 22ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. 23«يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر! 24چۈنكى باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى داستىخىنىمدا ئولتۇرغۇزمايمەن» دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.

شاگىرت بولۇش شەرتلىرى

25نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:

26_ ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالىچاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايدۇ. 27ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولالمايدۇ.

28ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى مۇنار سالماقچى بولسا، مۇنارغا يەتكۈدەك پۇل بارمۇ دەپ، ئالدى بىلەن قانچىلىك پۇلنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلىماي قالامدۇ؟! 29ئۇنداق قىلمىسا، مۇنارنىڭ ئۇلىنى سېلىپ قويۇپ، مۇنارنى پۈتكۈزەلمىسە، بۇنى كۆرگەنلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: 30«بۇ ئادەم قۇرۇلۇشنى باشلاپ قويۇپ، ئايىغىنى چىقىرالماپتۇ» دەيدۇ.

31ئەگەر ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولغان بىر پادىشاھ يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ! 32ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ. 33دېمەك، سىلەرمۇ ھەممە نەرسىلىرىڭلاردىن ۋاز كەچەلمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر.

شاگىرتلار تۈزدەك بولسۇن

34تۇز ياخشى نەرسە. بىراق تۇز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭ تۇز تەمىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. 35ئۇنى توپىغا ياكى ئوغۇتقا سېلىشقىمۇ بولمايدۇ، پەقەت تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. سۆزلىرىمنى كىمنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولسا، شۇ ئاڭلىسۇن!

15

يوقالغان قوي توغرىسىدىكى تەمسىل

1باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ھەمىشە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايتتى. 2پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ:

_ بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ _ دېيىشەتتى. 3شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا بۇ ھەققىدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

4_ ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتسە، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ قويۇپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تاپقۇچە ئىزدەيدۇ. 5تېپىۋالغاندا، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، قوينى مۈرىسىگە ئارتىپ، 6ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقالغان قويۇمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 7مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، گۇناھىغا توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ.

يوقالغان تەڭگە توغرىسىدىكى تەمسىل

8_ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئون دانە قىممەتلىك كۈمۈش تەڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى يوقىتىپ قويسا، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۆينى سۈپۈرۈپ تاكى تەڭگىنى تاپقۇچە ھەممە يەرنى تەپسىلى ئاختۇرۇپ چىقىدۇ. 9ناۋادا تېپىۋالسا، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقىتىپ قويغان تەڭگەمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 10مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.

مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا توغرىسىدىكى تەمسىل

11ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. 12كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئاتا، ماڭا تېگىشلىك مىراسلارنى ھازىرلا بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئاتىسى مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ. 13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. 14ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ. 15شۇڭا ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ. 16ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچنېمە بېرىلمەپتۇ.

17كېيىن ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلگىلىۋاتىمەن؟ 18ئەمدى ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. 19مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىققا قوبۇل قىلسىڭىز› دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 20شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارماقچى بولۇپتۇ.

ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ. 21ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. 22بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا چورۇق كىيدۈرۈڭلار. 23ئاندىن راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى! 24چۈنكى ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ.

25بۇ چاغدا چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، نەغمە-ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. 26ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. 27چاكار: «ئىنىڭىز قايتىپ كەلدى، دادىڭىز ئۇنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بوردالغان تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. 28بىراق چوڭ ئوغلى ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرىشنى خالىماپتۇ. ئاتىسى چىقىپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ. 29لېكىن ئۇ ئاتىسىغا: «قاراڭ، مەن سىزگە شۇنچە يىل قۇلدەك ئىشلەپ كەلدىم، بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمىدىم، لېكىن سىز ماڭا نېمە بەردىڭىز؟ ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ-كۈلۈشكە بىرەر ئوغلاقمۇ سويۇپ بەرمىدىڭىز! 30لېكىن مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ. 31«ئەي ئوغلۇم، سەن دائىم مېنىڭ يېنىمدا، مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكى. 32لېكىن سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىز مۇقەررەر» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا.

16

بۇ دۇنيادىكى بايلىق توغرىسىدا

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ بىر باينىڭ غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: « غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىلىپتۇ. 2باي غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم قانداق گەپ؟ ئەمدى خىزمەتتىن بوشىتىلىسەن، ھېساب-كىتابنى تاپشۇر» دەپتۇ. 3ھېلىقى غوجىدار ئىچىدە: «خوجايىنىم مېنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟ ئېتىزدا ئىشلەشكە كۈچۈم يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم، نومۇس قىلىمەن. 4ھە راست، ئىشسىز قالغان ۋاقتىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن!» دەپ ئويلاپتۇ.

5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ خوجايىنىغا قەرز بولغان كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. 6«يۈز تۇڭ زەيتۇن يېغى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار: «مانا، بۇ سېنىڭ قەرز ھۆججىتىڭ، دەرھال ئولتۇرۇپ، يۈزنى ئەللىككە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ. 7غوجىدارى يەنە بىرىدىن: «سەنچۇ، قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «مىڭ تاغار بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا بۇ سېنىڭ قەرز ھۆججىتىڭ، سەككىز يۈزگە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ.

8باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن.* دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئەتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەكتۇر. 9شۇڭا بۇ دۇنيادىكى بايلىقىڭلارنى ئىشلىتىپ، دوست تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بايلىقىڭلار تۈگىگەندە، تۇتقان دوستۇڭلار مەڭگۈلۈك ماكاندا سىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

10كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ. 11ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە قانداقمۇ ئاتا قىلسۇن؟ 12ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قارا سانىساڭلار، كىم سىلەرگە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بەرسۇن؟!

13ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق چاكار يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

14بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.

16يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق يەھيا پەيغەمبەر كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشكە تىرىشماقتا. 17ھالبۇكى، بۇ دېگەنلىك تەۋرات قانۇنى ئىناۋەتسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئاسمان-زېمىننىڭ يوقىلىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ بىرەر چېكىتىنىڭ يوقىلىشىدىن ئاسانراقتۇر، _ دېدى.

18ھەزرىتى ئەيسا يەنە:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.

باي بىلەن تىلەمچى

19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئىكەن. 20‏-21شۇنداقلا، پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. دائىم ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.

22كېيىن بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ. 23ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ: 24«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا تىقىپ، تىلىمغا تېمىتىپ قويسۇن، چۈنكى مەن ئوت ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.

25«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «سەن ھايات ۋاقتىڭدا يەتكۈچە ھالاۋەت كۆردۈڭ. لازار ھەممە جاپانى تارتقانىدى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ. سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن. 26ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ، ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.» 27باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. 28ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»

29«قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.

30باي: «ئى بوۋام ئىبراھىم، بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى» دەپتۇ. 31لېكىن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ.

17

گۇناھ ۋە ئېتىقاد توغرىسىدا

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ئىنساننى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! 2ئەگەر بۇنداق ئادەم ماڭا ئېتىقاد قىلغان ٪٪بالىلاردىن ٪ ئېتىقادتا يېتىلمىگەن ٪٪ بىرىنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرسا، بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلىپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە چۆكتۈرۈۋېتىلىشى ئەۋزەلدۇر. 3شۇڭا سىلەرمۇ نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارغا پەخەس بولۇڭلار!

بىراق قېرىندىشىڭلار گۇناھ قىلغان بولسا، نەسىھەت قىلىڭلار. ئۇ توۋا قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. 4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە قارشى يەتتە قېتىم گۇناھ قىلىپ، ھەر قېتىمدا گۇناھىغا توۋا قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار.

5ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، _ دېيىشتى. 6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك بولسىمۇ ئېتىقاد بولسا ئىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ، يىلتىز تارت!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى.

قۇلنىڭ ۋەزىپىسى

7_ ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ ئېتىزدىن قايتىپ كەلسە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەمسىلەر؟ 8ياق، بەلكى ئۇنىڭغا: «پەرتۇقۇڭنى تارتىپ، كەچلىك تاماق تەييارلاپ، ئاۋۋال مېنى غىزالاندۇرغىن، ئاندىن بېرىپ تامىقىڭنى يە» دەيسىلەر. 9قۇلۇڭلار بۇيرۇقۇڭلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامايسىلەرغۇ؟ 10خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون كېسەلنى ساقايتىشى

11ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ چېگراسىدىكى 12بىر يېزىغا كەلگەندە، ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار يېقىن كەلمەي، يىراقتا تۇرۇپ:

13_ ئى ئۇستازىمىز ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى كۆرۈپ:

_ بېرىڭلار، روھانىيلار سىلەرنى تەكشۈرسۇن، _ دېدى.

ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ماخاۋ كېسىلى ساقىيىپ پاكلاندى. 15ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، كەينىگە قايتتى 16ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ رەھمەت ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيەلىكلەردىن ئىدى.

17ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى كۆرۈپ تۇرغانلارغا:

_ ساقايغانلار ئون ئادەم ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 18يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيەلىكتىن باشقا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان ئادەم يوقمۇ؟! _ دېدى. 19ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، كەتكىن. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ساقايتتى، _ دېدى.

خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى

20بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قاچان نامايان بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. 21«قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دەپ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر.

22كېيىن شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، ئەمما كۆرەلمەيسىلەر. 23بەزىلەر سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى ئۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ بۇ يەردە!» دېسە، چىقىپ قارىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. 24چۈنكى ئىنسانئوغلى كەلگەندە، ئۇنى پۈتكۈل ئىنسان كۆرىدۇ. ئۇ خۇددى پۈتۈن ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە يورۇتقان چاقماققا ئوخشايدۇ. 25لېكىن ئۇ ئاۋۋال چوقۇم نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىدۇ ۋە بۇ ئەۋلاد يەھۇدىيلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.

26

٪٪

نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانى قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ زامانىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

٪

نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا ئىشلار قانداق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ.

27ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە چىققانغا قەدەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ ياشىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چىقمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 28يەنە شۇنىڭدەك، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ زامانىدىمۇ كىشىلەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 29لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت ياغدى ۋە سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھالاك بولدى. 30ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەن كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

31ئۇ كۈنى ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 32لۇتنىڭ ئايالىنىڭ مال-مۈلكىگە كۆزى قىيماي كەينىگە قاراپ، تاش تۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئېسىڭلاردا بولسۇن! 33چۈنكى ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

34بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن قايتىپ كېلىدىغان كېچە بىر ئورۇندا ياتقان ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 35يارغۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 36ئېتىزدىكى ئىككى كىشىدىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.

37_ ئى رەببىمىز، بۇ ۋەقەلەر قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى شاگىرتلار.

_ جەسەت قەيەردە بولسا، تاپ قۇشلىرى شۇ يەرگە توپلىنىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

18

خۇدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يېتىدۇ

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2_ مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. 3شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىلىپتۇ. 4لېكىن قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەپتۇ. بىراق قازى ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، 5لېكىن بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. 7بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ 8ياق، ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. لېكىن ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟

پەرىسىي بىلەن باجگىر

9ھەزرىتى ئەيسا ئۆزلىرىنى ئادىل ھېسابلايدىغان لېكىن باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:

10_ ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 11پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: «ئى خۇدا، مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر. 12مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلىپتۇ.

13بىراق ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرىراق بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. 14ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتتى. چۈنكى ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

15كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىشى ئۈچۈن كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 16لېكىن ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. 17بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدىكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، _ دېدى.

مۈلۈكدارلاردىكى مۈشكۈلات

18يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئى ياخشى ئۇستازىم، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى.

19_ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشىسى يوق. 20سىز تەۋراتتىكى: «زىنا قىلماڭلار، قاتىللىق قىلماڭلار، ئوغرىلىق قىلماڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» دېگەن پەرزلەرنى بىلىسىزغۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

21_ بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى.

22بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىز قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.

23ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 24ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! 25ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.

26بۇنى ئاڭلىغانلار:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇلىدۇ؟ _ دېيىشتى.

27_ ئىنسانلار قادىر بولمىغانغا خۇدا قادىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

28بۇ چاغدا پېترۇس:

_ بىزلەرچۇ؟ مانا بىز بارلىقىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق، _ دېدى.

29_ بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى دەپ، ئۆيىدىن، يا ئايالىدىن، يا ئاكا-ئۇكىلىرىدىن، يا ئاتا-ئانىسىدىن، يا بالىچاقىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەر 30بۇ دۇنيادا ھەسسىلەپ كۆپ بايلىققا ھەم ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى ئۈچىنچى قېتىم ئالدىن ئېيتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا:

_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرۇلۇق يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشىدۇ. 32ئۇ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلەيدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ 33ۋە ئۇنى قامچىلايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، _ دېدى.

34بىراق شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمە چۈشىنەلمىدى. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۇلار ئۈچۈن يوشۇرۇن بولغاچقا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلمىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ قارىغۇ تىلەمچىنى ساقايتىشى

35ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 36ئۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توپ-توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. 37بىرى ئۇنىڭغا:

_ ناسىرەلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، _ دەپ ئۇقتۇردى. 38ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى* بولغان ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى.

39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىلەر تىلەمچىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈن چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.

40ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، قارىغۇنى ئالدىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى. قارىغۇ يېقىن كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

41_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ٪٪ ئى رەببىم ٪ ئى ھەزرىتىم ٪٪، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى قارىغۇ.

42_ كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

43قارىغۇنىڭ كۆزى شۇ ئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن بارلىق كىشىلەر خۇدانى مەدھىيەلەشتى.

19

ھەزرىتى ئەيسا بىلەن زاكاي

1ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىدىن ئۆتۈۋاتاتتى. 2ئۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر باجگىرلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 3ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۇنى كۆرەلمىدى. 4شۇڭا ئۇ ئالدىغىراق يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتەتتى. 5ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ، زاكايغا قاراپ:

_ زاكاي، چاپسان چۈش، بۈگۈن مەن چوقۇم سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونىمەن! _ دېدى.

6زاكاي دەرھال چۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلدى. 7بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك:

_ بۇ ئادەم گۇناھكارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى! _ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.

8زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا:

_ ٪٪ يا رەببىم ٪ ئى ھەزرىتىم ٪٪، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قايتۇرىمەن، _ دېدى.

9_ قۇتقۇزۇلۇش بۈگۈن بۇ ئائىلىگە كەلدى. چۈنكى ئۇمۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر. 10ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ساداقەتلىك بولۇش توغرىسىدا

11٪٪ ئۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئازلا قالغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خاتا ھالدا ئۇنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلىشىگە ئاز قالدى، دەپ ئويلايتتى.

٪

جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغانلىقىنى خاتا ھالدا ئۇنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلىشىگە ئاز قالدى، دەپ چۈشىنىۋالغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:

12٪٪بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ٪٪ مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى ٪ مۇنداق دېدى٪٪ :

_ بىر ئاقسۆڭەك يىراق بىر يەرگە بېرىپ، پادىشاھ بولۇپ قايتىپ كەلمەكچى بولۇپتۇ.

13ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئون چاكىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەربىرىگە بىردىن تىللا بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە بۇ تىللا بىلەن تىجارەت قىلىڭلار، قېنى، قانچىلىك پۇل تاپالايدىكەنسىلەركىن» دەپتۇ. 14بىراق يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، ئۇلار: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپ، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپتۇ.

15ئاقسۆڭەك پادىشاھ بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ھېلىقى چاكارلىرىنى چاقىرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ تىجارەت قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپتۇ. 16باشتا كەلگىنى: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ ئون تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 17«ناھايىتى ياخشى، سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا قويىمەن» دەپتۇ خوجايىن. 18ئىككىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ بەش تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 19«سەن بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن. 20بىراق ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم. 21مەن سىزدىن قورقىمەن، چۈنكى سىز ئامانەت قويماي تۇرۇپ، بېرىپ ئالىدىغان، ئۇرۇق تېرىماي تۇرۇپ، ھوسۇل ئالىدىغان قاتتىق ئادەم»

دەپتۇ. 22«ئەي ئوسال چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ ئامانەت قويمىسىمۇ ئالغىلى بارىدىغان، ئۇرۇق تېرىمىسىمۇ ھوسۇل ئالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، 23يەنە نېمە ئۈچۈن پۇلۇمنى گۆرۈچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» دەپتۇ خوجايىن. 24كېيىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ، ئون تىللاسى بار چاكارغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. 25«خوجايىن، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» دېيىشىپتۇ ئۇلار. 26خوجايىن: «شۇنداق، بارىغا يەنىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، يوقىنىڭ ھەتتا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 27مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!» دەپتۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى

28ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، توپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېرۇسالېمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 29زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا يېتىپ كېلەي دېگەندە، ئىككى شاگىرتىنى ئۇ يەرگە ئەۋەتمەكچى بولۇپ، 30مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرگىنىڭلاردا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. 31ئەگەر بىرى سىلەردىن: «تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار.

32ئۇلار بېرىپ قارىسا، دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. 33ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئىگىلىرى:

_ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

34_ رەببىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

35شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى ۋە چاپانلىرىنى ئۈستىگە سېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى مىندۈردى. 36ھەزرىتى ئەيسا ماڭغاندا، خەلقلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.

37ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن شاگىرتلىرى خۇشاللىق بىلەن ۋارقىرىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى:

 

38«پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھقا مۇبارەك بولسۇن!

ئەرشتە تىنچلىق ۋە ئەرشئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپ بولسۇن!»

 

39توپنىڭ ئىچىدىكى بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، شاگىرتلىرىڭىزنى جىم قىلغايسىز! _ دېيىشتى.

40_ ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيەلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يىغلاش

41ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، شەھەرنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرى قىلدى. ئۇ:

42_ ئەي يېرۇسالېملىقلار، ئامانلىققا ئاپىرىدىغان يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساڭلار ياخشى بولاتتى! ئەمما ئۇ يول ھازىر يوشۇرۇندۇر، كۆزۈڭلار كۆرەلمەيدۇ. 43شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشاۋغا ئالىدۇ. 44ئۇلار شەھىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ سىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەن ۋاقتىنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى

45ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى 46ۋە ئۇلارغا:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئىبادەتخانام دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! _ دېدى.

47شۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بەردى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇشتى. 48لېكىن قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.

20

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈۋاتاتتى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

2_ ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ _ دەپ سورىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. ئېيتىڭلارچۇ، 4يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ _ دېدى.

5ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ:

_ ئەگەر: «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 6ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، كىشىلەر بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، _ دېيىشتى. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:

_ يەھيانىڭ ھوقۇقىنىڭ كىم بەرگەنلىكىنى بىلمەيمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8_ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل

9ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 10ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ قۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 11خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ شۇنداق ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 12ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 13ئاخىردا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى، «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتسەم، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەت قىلار» دەپ ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 14لېكىن ئىجارىكەشلەر خوجايىننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ ئۆزئارا: «ئۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورىدۇر، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن!» دېيىشىپتۇ. 15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ 16جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ.

كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! _ دېيىشتى.

17بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى:

_ زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە:

 

«كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،

لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.»

 

دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرسا! 18كىمكى بۇ «تاش»نىڭ ئۈستىگە يىقىلسا، شۇ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.

باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

19تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى. 20شۇڭا ھەزرىتى ئەيسانى كۆزىتىش ئۈچۈن پايلاقچىلارنى ئەۋەتىشتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ئۆلكە باشلىقىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى. 21ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى:

_ ئۇستاز، بىز سىزنىڭ تەلىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇنداقلا، سىز بىزگە خۇدانىڭ يولىنى ھېچقانداق يۈز-خاتىر قىلماي، سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. 22سىزچە رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىغا خىلاپمۇ ياكى خىلاپ ئەمەسمۇ؟*

23ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشەنگەن ھەزرىتى ئەيسا:

24_ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دېدى.

_ رىم قەيسىرىنىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

25_ ئۇنداق بولسا، رىم قەيسىرىنىڭ ھەققىنى رىم قەيسىرىگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

26ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن تۇتۇۋالىدىغان بىرەر پۇتاق تاپالمىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىغا ھەيران بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلۇشتى.

تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

27ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ دەپ قارايدىغان سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىدى:

28_ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قالسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرسۇن» دېگەن ئەمرنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ 29بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 30ئىككىنچى ئىنىسىمۇ تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 31ئاندىن ئۇنى ئۈچىنچى ئىنىسى ئېلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 32ئاخىردا ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 33ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر ئۆلگەنلەر راست تىرىلسە، بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئەمەسمۇ!؟

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خوتۇن ئالىدۇ، ئەرگە تېگىدۇ. 35بىراق ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئەرشتە ياشاشقا لايىق ھېسابلانغانلار خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. 36ئۇلار پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەڭگۈ ياشايدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدۇ. 37تىرىلىشنىڭ بارلىقىنى ھەتتا مۇسا پەيغەمبەر ئۆزىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى. گەرچە ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار مۇسا پەيغەمبەردىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتىكى «كۆيگەن چاتقاللىق» ھەققىدىكى باياندا خۇدا: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دېگەن دەيدۇ. 38بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتۇر.

39بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى:

_ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭىز! _ دېدى.

40شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.

قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

41كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سوئال سورىدى:

_ كىشىلەر قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ 42‏-43داۋۇت ئۆزى زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى مەسىھ توغرىسىدا مۇنداق دېگەنغۇ:

 

«پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:

‹سەن ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

كۈتكىن تاشلىشىمنى دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.›»

 

44پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «ئىگەم» دېگەن بولسا، مەسىھ قانداق بولۇپ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولىدۇ؟

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى

45جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

46_ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىپ، غادىيىپ يۈرۈشنى، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى ۋە زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 47ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن ناھايىتى قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!

21

تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى

1ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جايغا ئۆز سەدىقىلىرىنى تاشلاۋاتقان بىرنەچچە باينى كۆردى. 2ئۇ يەنە بىر كەمبەغەل تۇل ئايالنىڭمۇ قىممىتى تۆۋەن ئىككى مىس تەڭگە تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپ:

3_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ كەمبەغەل تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. 4چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن بۇ ئايال كەمبەغەل تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ئىئانە قىلدى، _ دېدى.

كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەت

5شاگىرتلاردىن بەزىلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا ئاتالغان نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا:

6_ شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسە، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالمايدۇ، ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ، _ دېدى. 7ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. 8ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى مەسىھ مەن بولىمەن»، «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار. 9ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر، لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى دېگەنلىك ئەمەس.

10ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ بىر ئەل يەنە بىر ئەل بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلىدۇ. 11شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. 12بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھلارنىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. 13شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭا گۇۋاھ بولۇش پۇرسىتىڭلار كېلىدۇ. 14شۇڭا ئۇلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭلار. 15چۈنكى مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. 16سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. 17ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، 18ھالبۇكى ئۇلار بىر تال چېچىڭلارغىمۇ چېقىلالمايدۇ! 19چىداملىق بولۇڭلار، شۇندىلا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.

يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت

20_ يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنى ۋەيران بولۇشقا ئاز قاپتۇ دەپ بىلىڭلار. 21ئۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر تاغلارغا قاچسۇن، يېرۇسالېملىقلار شەھەردىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردىكىلەر شەھەرگە كىرمىسۇن. 22چۈنكى خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرى كەلدى. شۇ كۈنلەردە مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان بېشارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

23ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئېغىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، 24قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە

25_ مەن كېلىشتىن بۇرۇن قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. 26ساماۋى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. 27شۇ چاغدا ھەممە ئادەم ئىنسانئوغلىنىڭ بۇلۇت ئىچىدە قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.

28شۇڭا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار. چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ ئاز قالغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا دەرەخلەرگە قاراڭلار. 30ئۇلارنىڭ يېڭى يوپۇرماق چىقارغانلىقىدىن يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 31شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 32شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد* كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. 33ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ھوشيار بولۇڭلار

34_ ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى كەلگەندە، تۇيۇقسىز تورغا چۈشكەن ئادەمدەك بولۇپ قالماڭلار! 35چۈنكى ئۇ كۈن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. 36ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان ئاپەتلەردىن ئامان قېلىشىڭلار ۋە ئىنسانئوغلىنىڭ ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى. 38جامائەت ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى.

22

ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

1يەھۇدىيلارنىڭ پېتىر نان ھېيتى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كېلىشكە ئاز قالغانىدى. 2ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى.

3شۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. 4ئۇ ئالىي روھانىيلار ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق تۇتۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. 5ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە ۋەدە بەردى. 6يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى جامائەتتىن خالىي قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

7پېتىر نان ھېيتىنىڭ قوي قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. 8شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا:

_ سىلەر بېرىپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، بىز بىرگە غىزالىنايلى، _ دېدى.

9_ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى ئۇلار. 10ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرسەڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار 11ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ‹شاگىرتلىرىم بىلەن بىرگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە ئىكەن؟› دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 12ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە تاماقنى تەييار قىلىڭلار.

13پېترۇس بىلەن يۇھاننا بارسا، ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشقا كىرىشتى. 14تاماق ۋاقتىدا ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 15ئاندىن ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىدا سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا بولۇشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. 16چۈنكى بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.

17ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا بىر پىيالىنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە شاگىرتلىرىغا:

_ بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 18شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، بۇنداق شارابنى قايتا ئىچمەيمەن، _ دېدى.

19ئاندىن ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا بېرىپ:

_ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ناندىن يەڭلار، _ دېدى.

20تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە بىر پىيالە شارابنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ پىيالىدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدۇر. بۇ قان تۈزۈلىدىغان يېڭى ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر. 21بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە مەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! 22دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!

23شاگىرتلار بىر-بىرىدىن:

_ ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى زادى كىمدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

شاگىرتلارنىڭ مەرتىۋە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشى

24شاگىرتلار ئۆز ئىچىدە زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. 25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار ھۆكۈمران سۈپىتىدە قول ئاستىدىكى خەلقنى باشقۇرىدۇ ھەم ئۆزىنى خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. 26لېكىن سىلەر بۇنداق قىلماڭلار. ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكلەر ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كىشىلەردەك تۇتسۇن. باشلىق بولغىنىڭلار باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. 27ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشايمەن.

28مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىرگە بولدۇڭلار. 29ئاتام ماڭا پادىشاھلىق تەقدىم قىلغاندەك، مەنمۇ سىلەرگە پادىشاھلىق تەقدىم قىلىمەن. 30سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.

پېترۇسنىڭ تېنىشىنىڭ ئالدىن ئېيتىلىشى

31ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەي سىمۇن، سىمۇن! شەيتاننىڭ ھەممىڭلارنى سىناش تەلىپىگە خۇدا ماقۇل بولدى. ئۇ سىلەرنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقىماقچى. 32لېكىن سېنىڭ ماڭا بولغان ئېتىقادىڭنىڭ يوقالماسلىقى ئۈچۈن ساڭا دۇئا قىلدىم. يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىگىن.

33_ ئى رەببىم، مەن سىز بىلەن بىرگە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈشكە تەييارمەن! _ دېدى پېترۇس.

34_ پېترۇس، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ بىلىپ قويغىنكى، ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن.

35ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:

_ بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە چورۇق ئالماڭلار دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمىدى؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.

36_ لېكىن ئەمدى ھەمياننى ۋە خۇرجۇنى بارلار ئۇلارنى ئېلىۋېلىڭلار. قىلىچى يوقلار چاپىنىڭلارنى سېتىپ، بىردىن قىلىچ ئېلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، 37_ چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق خاتىرىلەنگەن: «ئۇ گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاز قالدى.

38_ ئى رەببىم، قاراڭ، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، _ دېدى شاگىرتلار.

_ بولدى، يېتىدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ زەيتۇن تېغىدا دۇئا قىلىشى

39تاماقتىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرگە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى. 40ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارغا:

_ ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

41ئاندىن ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

42_ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دەپ دۇئا قىلدى. 43ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى. 44ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ تەرلىرى خۇددى قان تامچىلىرىدەك يەرگە تامچىلاشقا باشلىدى.

45دۇئادىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار غەمگە پاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ھالسىزلىنىپ كەتكەنىدى.

46_ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

47ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆيۈپ سالام بەردى. 48ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئەي يەھۇدا، ئىنسانئوغلىنى سۆيۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟ _ دېدى.

49ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكى شاگىرتلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ:

_ ئى رەببىم، ئۇلار بىلەن ئېلىشساق قانداق دەيسىز؟ _ دېدى. 50شاگىرتلارنىڭ بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، قۇلاقنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 51بىراق ھەزرىتى ئەيسا:

_ بەس! _ دېدى ۋە قولىنى ئۇزىتىپ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ قويۇۋىدى، شۇ ئان چاكارنىڭ قۇلىقى ئەسلىگە كەلدى.

52ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن ئالىي روھانىيلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارغا:

_ سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ، مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ 53مەن ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىرگە بولدۇم، ئەمما سىلەر ماڭا قول سالمىدىڭلار. ئەمدى سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلاردۇر، بۇ قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرىدىغان ۋاقىتتۇر، _ دېدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

54قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. 55ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. 56ئۇنىڭ ئىسسىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

_ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى! _ دېدى.

57_ ياق، مەن ئۇنى تونۇمايمەن! _ دەپ ئىنكار قىلدى پېترۇس.

58ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى تونۇپ قېلىپ:

_ سەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرىغۇ! _ دېدى.

_ياق، مەن ئۇلار بىلەن بىر ئەمەس! _ دېدى پېترۇس.

59بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم:

_ شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىرگە، تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيەلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، _ دەپ چىڭ تۇردى. 60لېكىن پېترۇس:

_ قانداق ئادەمسەن، نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسەن! _ دېدى.

ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا خوراز چىللىدى. 61رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، 62تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

ئالىي كېڭەشتىكى سوراق

63ھەزرىتى ئەيساغا قاراۋاتقان قاراۋۇللار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. 64ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىنى ئېتىپ قويۇپ ۋە ئۇنى دۇمبالاپ تۇرۇپ:

_ پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ _ دەپ سوراشتى 65ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى.

66تاڭ ئاتقاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. 67ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ سەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھمۇ؟ جاۋاب بەر، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەرگە ئېيتساممۇ، ئىشەنمەيسىلەر. 68سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، جاۋاب بەرمەيسىلەر. 69لېكىن ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىغا ئاز قالدى.

70_ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ _ دېيىشتى ئۇلار.

_ شۇنداق، سىلەر دېگەندەك! _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 71شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:

_ ئەمدى ھېچقانداق گۇۋاھلىقنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق! _ دېيىشتى.

23

پىلاتۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلىشى

1شۇنىڭ بىلەن ئالىي كېڭەش ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ رىملىق باشلىقى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 2ئۇلار ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:

_ بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، _ دېيىشتى.

3پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، سىز دېگەندەك، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

4ئاندىن پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە:

_ بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، _ دېدى.

5لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە:

_ ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى ئاممىنى قۇتراتتى. قۇتراتقۇلۇق جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسا ھىرودنىڭ ئالدىدا

6بۇنى ئاڭلىغان پىلاتۇس:

_ بۇ ئادەم جەلىلىيەلىكمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 7پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھىرودقا قاراشلىق ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھىرودقا يوللاپ بەردى. (ئۇ چاغدا ھىرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى.)

8ھىرود ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ، مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرەر مۆجىزە كۆرسىتىپ باقسا دەپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى. 9شۇڭا ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 10ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن قاتتىق ئەرز-شىكايەت قىلماقتا ئىدى. 11ھىرود ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.

12مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىرود بىلەن پىلاتۇس دوست بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى

13پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنى ۋە جامائەتنى يىغىپ، 14ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ ئادەمنى ئالدىمغا ھەيدەپ كەلدىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقنى ئازدۇردى دەپ شىكايەت قىلدىڭلار. بىراق مەن ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا سوراق قىلىپ، سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. 15ھىرودمۇ ئۇنىڭدىن گۇناھ تاپالماي، ماڭا قايتۇرۇۋېتىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. 16ئەمدى، مەن ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، _ دېدى. { 17ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي جىنايەتچىلىرىدىن بىرىنى قويۇپ بېرەتتى.} 18بىراق كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! _ دېيىشتى. 19(بارابباس يېرۇسالېمدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىندانغا تاشلانغان بىر جىنايەتچى ئىدى.)

20پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتا نەسىھەت قىلدى. 21لېكىن ئۇلار:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلاڭ، كرېستكە مىخلاڭ! _ دەپ، داۋاملىق چۇقان سېلىشتى.

22پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا:

_ نېمىشقا، ئۇ زادى قانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، _ دېدى.

23بىراق كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىتىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى. 24پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى. 25توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

26لەشكەرلەر ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان سىمۇن ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ ئادەم كىرىنەي شەھىرىدىن ئىدى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى.

27نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. 28ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاياللىرى، مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. ئۆزۈڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 29چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دېيىشىدۇ. 30ئۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنۈشىدۇ. 31ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيمەسمۇ؟!

32لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىشكەنىدى. 33ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كرېستكە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىدىكى كرېستكە مىخلىدى، ئاندىن كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى. 34ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 35خالايىق قاراپ تۇرۇشاتتى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ:

_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدا تاللىغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ! _ دېيىشتى.

36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ:

37_ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باققىنا! _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:

_ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! _ دېدى.

40يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ:

_ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمامسەن؟ 41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! _ دېدى. 42ئاندىن ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، _ دېدى.

43_ بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىرگە جەننەتتە بولىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

44چۈش ۋاقتىدا پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى. 45مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن يىرتىلىپ، ئىككى پارچە بولدى.* 46ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى ئاتا، روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، _ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

47بۇنى كۆرگەن يۈزبېشى:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! _ دەپ خۇدانى مەدھىيەلىدى.

48بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر ھەسرەت بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 49ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

50‏-51يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى. 52يۈسۈپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. 53پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، يۈسۈپ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، زىغىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، قىياغا ئويۇلغان، تېخى ھېچكىم قويۇلمىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى.

54بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئېلىش كۈنى باشلىناي دەپ قالغانىدى. 55شۇڭا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىرگە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. 56ئاندىن ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇم ۋە ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە دەم ئېلىشتى.

24

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى. 2ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 3قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى! 4ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى ئادەم پەيدا بولدى. 5ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى ئېگىشتى. پەرىشتىلەر ئاياللارغا:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 6ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ تىرىلدى. ئۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. 7ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدى؟! _ دېدى.

8ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ راست شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، 9قەبرە يېنىدىن قايتىشتى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئون بىر ئەلچى ۋە باشقا شاگىرتلارغا يەتكۈزدى. 10بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچىلەر مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى. 11لېكىن ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 12بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى، ھېلىقى زىغىر كېپەندىن باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمىدى. ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، قايتىپ كەتتى.

ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا

13شۇ كۈنى شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى. 14ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ ماڭدى. 15دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدى. 16ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تونۇمىدى.

17_ نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن.

ئۇلار قەدىمىنى توختاتتى، چىرايلىرى غەمكىن ئىدى. 18ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋەر تاپماپسەن-دە؟ _ دېدى.

19_ نېمە ۋەقە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! _ دېدى ئۇلار، _ ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى. 20ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى. 21بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىللارغا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدۇق، بىراق ئۇنداق بولمىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى. 22لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال بىزنى ھەيران قالدۇرۇپ، مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار سەھەردە قەبرىگە بېرىپ قارىسا، 23ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى كۆرۈنمەپتۇ! پەرىشتىلەر ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. 24شۇنىڭ بىلەن بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ھەقىقەتەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ ئاياللار ئېيتقاندەك ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش شۇنچىلىك تەسمۇ؟ 26قۇتقۇزغۇچى مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟

27ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

28ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلاتتى. 29ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:

_ كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىرگە قونۇپ قېلىڭ، _ دەپ ئۆتۈندى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى. 30ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى. 31شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى. 32ئۇلار بىر-بىرىگە:

_ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! _ دېيىشتى.

33‏-34ئۇلار دەرھال يولغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردە باشقا ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ: «رەببىمىز راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمۇنغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 35شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

36شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ:

_ خۇدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلسۇن، _ دېدى.

37ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. 38ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟ 39قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن، تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى بولمايدۇ، لېكىن قاراڭلار، مېنىڭ بار، _ دېدى.

40ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 41ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 42ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى، 43ھەزرىتى ئەيسا بېلىق كاۋىپىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. 44ئاندىن ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟

45شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، 46مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ. 47«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. 48سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر. 49ئاتام بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق سىلەر يېرۇسالېمدا ئەرشتىن كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغۇچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

50ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. 51ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 52شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 53مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا دائىم مەدھىيە ئوقۇشتى.


1: 5 مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا ھەرقايسى جايلاردا خۇدانىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىلىدىغان نۇرغۇن ئىبادەتخانىلار بار ئىدى، لېكىن پەقەت يېرۇسالېمدا، يەنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىناتتى.

1: 35 خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.

2: 11 مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

2: 24 تەۋراتتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار بالا تۇغقاندىن كېيىن، دىنىي جەھەتتە ناپاك دەپ قارىلاتتى. تۇغۇپ قىرىق كۈن توشقاندا، قۇربانلىق قىلىپ، قايتا پاك ھالەتكە كېلەتتى.

2: 41 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان كۈنىدۇر.

4‏: 27 ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك دەپ قارايتتى.

5: 17 پەرىسىيلەر _ تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى مەزھىپىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

5: 23 ئىنسانئوغلى _ ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلى دېگەن بۇ نامنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان.

5‏: 27 باجگىر _ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.

6: 2 يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش، خامان تېپىشكە بولمايتتى. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۇغداي باشاقلىرىنى ئاقلاپ يېگەنلىكىنى خامان تەپكەنلىك دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىش ۋە خامان تېپىشتۇر.

9: 23 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش _ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئۆزلىرى مىخلىنىدىغان كرېستنى كۆتۈرۈپ، جازا مەيدانىغا باراتتى. «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

9: 53 سامارىيەلىكلەر ئۆز ئىبادەتخانىسىنى گارىزىم تېغىدا قۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا ئەمەس، بەلكى شۇ تاغدا قىلىش توغرا دەپ قارايتتى.

10: 12 سودوم _ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ھەر خىل ئەخلاقسىزلىقلارغا بېرىلىپ، گۇناھقا پاتقانلىقى ئۈچۈن، خۇدا بۇ شەھەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلغان.

11: 30 بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ساق چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

13: 19 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.

16: 8 ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئەيسا بۇ غوجىدارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خوجايىنىنى ئالدىغانلىقىنى قوبۇل كۆرمىگەن. ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ غوجىدارنىڭ خاتا ئۇسۇلىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانلىقىدىن ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

18: 38 يەھۇدىيلار قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى دەپ چاقىرغانلىقى ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئىدى.

20: 22 ئەگەر ھەزرىتى ئەيسا: «رىم قەيسىرىگە باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپ ئەركىنلىكنى ئىستىگەن كىشىلەرگە ياقمايتتى. ناۋادا كىشىلەرنى باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرسا، رىم قەيسىرىگە قارشى چىققان بولاتتى.

21: 32 ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (21: 6) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (21: 27) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدا ياشاۋاتقان ئەۋلادلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

23: 45 بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.