كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت

1

1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

خۇدا تەسەللىنىڭ مەنبەسىدۇر

3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيەلەر بولغاي! 4ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىساق، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز. 5بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ ئازاب چەكسەك، خۇدا بىزگە مەسىھ ئارقىلىق شۇنچىلىك كۆپ تەسەللى بېرىدۇ. 6بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ۋە تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، بۇ تەسەللى ئارقىلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر. 7شۇڭا سىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، ئەگەر سىلەر بىز چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتنى چەكسەڭلار، بىز ئېرىشكەن تەسەللىگىمۇ ئېرىشەلەيسىلەر.

8قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن سىلەرنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىدۇق، ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. 9كۆڭلىمىزدە بىز چوقۇم ئۆلىمىز دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇ ۋاقىتتا بىز بۇ ئىشلاردىن ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. 10خۇدا بىزنى بۇرۇن چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغانىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇتۇلدۇرىدۇ. بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغاندۇر. 11دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق بىزگە ياردەم قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بىزنىڭ ئامانلىقىمىز ئۈچۈن قىلىنغان نۇرغۇن دۇئالارغا خۇدا مېھرىبانلىق بىلەن جاۋاب بەرسە، نۇرغۇن كىشىلەر شۈكۈر ئېيتىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ زىيارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىشى

12ۋىجدانىمىز گۇۋاھكى، بىز بۇ دۇنيادىكى مۇناسىۋەتتە، بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خۇدا ئاتا قىلغان ئاق كۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىش تۇتتۇق. بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ھەرىكەت قىلدۇق. بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. 13بىزنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمىزدا ھېچقانداق يوشۇرۇن مەنە ياكى سىلەر چۈشىنەلمىگۈدەك يەر يوقتۇر. مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، 14ھازىر سىلەر بىزنى تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشىنىسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەردىن پەخىرلەنگەندەك، سىلەرمۇ رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەن كۈنى بىزدىن پەخىرلىنىسىلەر.

15‏-16مەن بۇلارغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن، سىلەرگە قوش بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتا ئالدى بىلەن سىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى، قايتىشىمدا يەنە بىر يولۇقۇپ، سىلەرنىڭ مېنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى نىيەت قىلغانىدىم. 17سىلەر مېنىڭ پىلانلىرىمنى نېمىشقا ئۆزگەرتكەنلىكىمنى سوراۋاتقان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. سىلەر مېنى پىلانلىرىنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن تۈزىدىغان، «ياق، ياق» دېمەكچى بولسىمۇ، «ھەئە، ھەئە» دەيدىغان ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ 18سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇددى خۇدا ئىشەنچلىك بولغاندەك ئىشەنچلىكتۇر. سۆزلىرىم ھەرگىزمۇ بىردەم «ھەئە»، بىردەم «ياق» دېگەندەك ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. 19مەن، سىلاس ۋە تىموتىي سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ دائىم «ھەئە»دۇر. 20خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ھەئە»گە ئېرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز. 21سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى. 22خۇدا قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش ئارقىلىق بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى باستى. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە سالغىنى بىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى بولدى. 23خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە يۈز خاتىرە قىلماي قېلىشىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. 24بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى باشقۇرماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى بىز شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز.

2

1شۇڭا مەن يېنىڭلارغا بارماسلىقنى قارار قىلغانىدىم. چۈنكى ئۆتكەنكىدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم. 2سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلسام، مېنى خۇش قىلالايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولمامدىمەن؟ ئۇنداقتا، كىم مېنى خۇش قىلىدۇ؟ 3شۇنىڭ ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازغانىدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىدىغان سىلەرنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭمۇ خۇشاللىقىڭلاردۇر. 4ئۇ خەتنى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان ھالدا كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ يازغانىدىم.

گۇناھكارنى قوبۇل قىلىش

5ئاراڭلاردىكى بىرسى پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، مېنىڭلا كۆڭلۈم يېرىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن جامائىتىڭلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى دېسەم، كۆپتۈرۈۋەتكەنلىك بولمايدۇ. 6كۆپىنچىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىنىڭلار ئۇنىڭغا بېرىلگەن يېتەرلىك جازادۇر. 7ئەمدى ئۇنى كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار. بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن زىيادە ئازابلىنىدۇ. 8شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى چوقۇم ياخشى كۆرىدىغىنىڭلارنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشۈڭلارنى سورايمەن. 9ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى. 10سىلەر كىمنى كەچۈرسەڭلار، مەنمۇ ئۇنى كەچۈرىمەن. مەن كىمنى كەچۈرسەم، ئۇنى ئەيسا مەسىھ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن كەچۈردۈم. 11بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز.

يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارى

12ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، 13لېكىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.

14بىزنى ھەمىشە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا يېتەكلەيدىغان خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ئۆزى ھەققىدىكى بىلىمنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى بىز ئارقىلىق ھەممە يەرگە تارقاتماقتا. 15مانا بىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ ۋە ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان خۇش پۇراقلىرىدۇرمىز. 16بۇ پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ 17ئەلۋەتتە، بىز خۇدانىڭ سۆزىنى پايدىنى كۆزلەپ ساتىدىغانلاردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپتۇرمىز. بىزنى خۇدا ئەۋەتكەن بولغاچقا، خۇش خەۋەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا سەمىمىيلىك بىلەن يەتكۈزۈۋاتىمىز.

3

يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى

1ئەجەبا، بىز ئۆزىمىزنى قايتىدىن ماختاشقا باشلىدۇقمۇ؟ بىز باشقىلارغا ئوخشاش سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز سىلەردىن شۇنداق تونۇشتۇرۇش خېتى تەلەپ قىلدۇقمۇ؟ ئەلۋەتتە تەلەپ قىلمىدۇق! 2سىلەر ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان ۋە ھەممە ئادەم ئوقۇيالايدىغان قەلبىمىزگە يېزىلغان تونۇشتۇرۇش خېتىدۇرسىلەر. 3سىلەر ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن يېزىلغان ھەم بىز يەتكۈزىدىغان خەتتۇرسىلەر. سىلەر سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ روھى بىلەن ۋە تاش تاختىلارغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يېزىلدىڭلار.

4ئەيسا مەسىھ سەۋەبلىك خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئېيتالايىمىز. 5بىز ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن قىلالايمىز دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى بىزنى ئىقتىدارلىق قىلغان خۇدادۇر. 6ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغاندۇر. چۈنكى يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنى ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن مۇقەددەس روھ ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 7تەۋرات قانۇنى تاش تاختىلارغا ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان بولۇپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلدى. مۇسانىڭ يۈزىدىكى ۋاقىتلىق پارلاق نۇر شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا قارىيالمايتتى. ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان تەۋرات قانۇنى شۇنچىلىك شان-شەرەپلىك بولسا، 8مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ!؟ 9يەنى ئىنسانغا جازا ئېلىپ كېلىدىغان تەۋرات قانۇنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان يېڭى ئەھدە تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ 10ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى ئۇلۇغۋارلىق ھازىرقى ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. 11ۋاقىتلىق بولغىنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، مەڭگۈلۈك بولغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟

12بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، خوش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈۋاتىمىز. 13بىز مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشىمايمىز. چۈنكى ئۇ يۈزىدىكى نۇرنىڭ ۋاقىتلىق بولغانلىقىنى ئىسرائىللارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى. 14ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار تېخىچە بىخۇد ئىدى. تاكى بۈگۈنگىچە ئۇلار كونا ئەھدىنى، يەنى تەۋراتنى ئوقۇسا، ئەقلىنى يەنە شۇ چۈمپەردە يېپىۋالىدۇ. بۇ چۈمپەردە پەقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىقلا ئېلىۋېتىلىدۇ. 15شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋراتنى ئوقۇغاندا، يەنىلا شۇ چۈمپەردە ئۇلارنىڭ ئەقلىنى يېپىۋالماقتا. 16بىراق ئۇلار قاچان رەبكە يۈزلەنسە، شۇ چاغدا چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 17بۇ يەردىكى «رەب» دېگىنىم مۇقەددەس روھنى كۆزدە تۇتقىنىمدۇر. رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ. 18بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز رەببىمىزگە ئوخشاش ئۆزگىرىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ نامايان قىلىمىز. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى رەببىمىزنىڭ روھى ئارقىلىق يۈز بەرمەكتە.

4

قۇدرەتلىك خۇدا ۋە ئاجىز ئىنسان

1خۇدا بىزگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ، بۇ خىزمەتنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. 2بىز ئۇياتلىق ۋە خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرىمىز، ھىيلە-مىكىر ئىشلەتمەيمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى يەتكۈزىمىز. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭمۇ ۋىجدانى بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولىدۇ. 3بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەنىسى يوشۇرۇن دېيىلسە، ئۇ ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈنلا يوشۇرۇندۇر. 4چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى كور قىلىپ قويدى. 5بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىز ھەققىدە ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ھەققىدە سۆزلەيمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىمىز. 6چۈنكى دۇنيا يارالغاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نۇرىنى نامايان قىلدى. 7خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىشتۇرمىز. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ بىزگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. 8بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق. 9قوغلاندۇق، ئەمما خۇدا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدۇق. يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق. 10ئەيسانىڭ ھاياتى بىزدە ئېنىق نامايان بولسۇن دەپ، ھەمىشە بىز ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزىمىز بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈردۇق. 11شۇنداق، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار بولماقتىمىز. نەتىجىدە، كىشىلەر بىزنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. 12دېمەك، بىزنىڭ ئۆلۈمگە دۇچار بولغانلىقىمىز سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلماقتا. 13بىز يەنىلا خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتىمىز، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان «ئېتىقاد قىلدىم، شۇ ۋەجىدىن سۆزلىدىم» دېگۈچىدە بار بولغان ئېتىقاد بىزدىمۇ باردۇر. 14چۈنكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. 15بىز تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ ۋە خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدۇ. 16شۇڭا جاسارىتىمىزنى يوقاتمىدۇق. جىسمانىي جەھەتتىن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن روھىي جەھەتتىن كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتىمىز. 17بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ئەرزىمەس ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 18شۇڭا كۆزىمىز كۆرۈنىدىغاندا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغاندىدۇر. چۈنكى كۆرۈنىدىغىنى ئۆتكۈنچىدۇر، لېكىن كۆرۈنمەيدىغىنى مەڭگۈلۈكتۇر.

5

ئەرشتىكى ماكانىمىز

1بىز بىلىمىزكى، تېنىمىز يەر يۈزىدىكى چېدىرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ ۋەيران بولسا، خۇدا تەرىپىدىن ئاسماندىكى مەڭگۈلۈك بىر تۇرالغۇغا ئىگە بولىمىز. ئۇ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغاندۇر. 2بىز ھازىر ياشاۋاتقان چېدىرىمىزدىن ھەسرەتلىنىپ، ئەرشتىكى چېدىرغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىزار بولماقتىمىز. 3چۈنكى ئەرشتىكى چېدىرغا ئىگە بولساق، روھىمىز ماكانسىز قالمايدۇ. 4ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. لېكىن بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن ئايرىلىپ، ئۆلۈشنى ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇشنى ۋە ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىغا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. 5بىزنى بىز ئىنتىزار بولغان ھاياتقا تەييارلىغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بۇ ھاياتقا ئېرىشىشىمىزنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بىزگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلدى. 6شۇڭا بىز ھەمىشە جاسارەتلىكمىز. لېكىن بىز بۇ تەندە ياشىغان ۋاقتىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ ماكانىدا ياشىيالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. 7بىز كۆرگەنلىرىمىز بويىچە ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىمىز بويىچە ياشايمىز. 8بىز ھەقىقەتەن جاسارەتلىكمىز. ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا ئىنتىلىمىز. 9قىسقىسى، مەيلى بۇ تەندە ياشايلى ياكى بۇ تەندىن ۋاز كېچەيلى، نىشانىمىز يەنىلا رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىشتۇر. 10چۈنكى ھەممىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا چوقۇم ھېساب بېرىمىز ۋە جاۋابقا ئېرىشىمىز.

ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن يارىشىش

11بىزنىڭ رەببىمىزگە بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنى خۇش خەۋەر ھەققىدە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئاياندۇر. مەن ۋىجدانىڭلارنىڭ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 12بىز سىلەرگە ئۆزىمىزنى قايتا ماختىماقچى ئەمەسمىز، لېكىن سىلەرنىڭ بىزدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق قىلساڭلار، پەزىلىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى تاشقى قىياپىتى بىلەن ماختىنىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيسىلەر. 13بىز ساراڭ كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق، بۇ خۇدانىڭ خىزمىتى ئۈچۈندۇر. ئەقلىمىز جايىدا كۆرۈنگەن بولسا، بوپتۇ، بۇ سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈندۇر. 14بىزنى شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئورتاق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. 15ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئەمدى ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىشى كېرەك.

16شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇ كۆزقاراش بىلەن قارىمايمىز. 17بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولسا، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەم بولىدۇ. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭى ھاياتى باشلانغان بولىدۇ. 18بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ھەدىيەسىدۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىشىمىزغا يول ئاچتى. شۇنداقلا، خۇدا بىزگە ياراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. 19دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن يارىشىشىغا يول ئاچتى. خۇدا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشالايدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى بىزگە ئامانەت قىلدى. 20شۇڭا ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى بولغان بىز ئەيسا مەسىھكە ۋاكالىتەن سىلەرگە خۇدانىڭ مۇراجىئىتىنى جاكارلايمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار! 21خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشىمىز ئۈچۈن گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.

6

1خۇدا بىلەن ھەمكارلاشقۇچى بولغان بىزلەر سىلەرگە شۇنى نەسىھەت قىلىمىزكى، خۇدانىڭ سىلەرگە قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار. 2چۈنكى خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

 

«ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا قۇلاق سالىمەن،

نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، ساڭا ياردەم قىلىمەن.»

 

سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ «ۋاقىت-سائىتى» ھازىردۇر، خۇدانىڭ نىجاتلىق كۈنى بۈگۈندۇر.

3بىز خىزمىتىمىزگە داغ چۈشۈرمەسلىكىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارغا توسالغۇ بولمىدۇق، 4بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل مۈشكۈلات، ئاۋارىچىلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەردۇق. 5تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچ قالدۇق. 6لېكىن پاكلىقىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، سەۋر-تاقىتىمىز، مېھرىبانلىقىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق، 7خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزدۇق ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ بىزگە يار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. ھەققانىيلىقنى ئۆزىمىزگە قورال قىلىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملارغا زەربە بەردۇق ۋە ئۆزىمىزنى قوغدىدۇق. 8ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق، ئەيىبلەندۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچى دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز. 9ئادەملەر بىزنى تونۇيدۇ، لېكىن ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۆلۈم گىردابىغا باردۇق، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېدۇق، ئەمما ئۆلمىدۇق. 10ئازابلاندۇق، لېكىن ھەمىشە شاد-خۇرام ياشىدۇق. نامراتمىز، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي بايلىققا ئىگە قىلدۇق. ھېچنېمىمىز يوق، لېكىن ھەممىگە ئىگىمىز.

11ئەي كورىنتلىقلار، سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدۇق، سىلەرگە باغرىمىزنى كەڭ ئاچتۇق. 12سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار. 13مەن سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىمگە ئېيتقاندەك ئېيتايكى، سىلەرمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، بىزگە باغرىڭلارنى ئېچىڭلار.

ئېتىقادسىزلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش

14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟ 15مەسىھ بىلەن شەيتان قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟ 16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا قانداقمۇ بۇتلار بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرمىز. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن:

 

«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن،

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن،

ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»

 

17شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

 

«ئېتىقادسىزلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار.

ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلار.

شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.»

18«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:

‹سىلەرگە ئاتا بولىمەن.

سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر› دەيدۇ.»

7

1قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا تولۇق ئاتالغان ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى.

پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا بولغان ئىشەنچى

2قەلبىڭلاردىن بىزگە ئورۇن بېرىڭلار. بىز ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلمىدۇق، ھېچكىمنى ئازدۇرمىدۇق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە چوغ تارتمىدۇق. 3مەن بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن. بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك، قەلبىمىزدىن شۇنداق ئورۇن ئالدىڭلاركى، بىز سىلەر بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمىز. 4سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر جاپا-مۇشەققەتلەردە قالغىنىمدا، سىلەردىن تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم.

5ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپمىدى. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى. 6لېكىن روھى چۈشكۈنلۈكلەرگە تەسەللى بولىدىغان تىتۇسنى خۇدا يېنىمىزغا ئەۋەتىپ، تەسەللى بەردى. 7بىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن ئالغان تەسەللىسى بىلەنمۇ تەسەللى تاپتۇق. ئۇ سىلەرنىڭ ماڭا بولغان سېغىنىشىڭلارنى، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىڭلارغا قىلغان پۇشايمىنىڭلارنى ۋە ماڭا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى ئېيتقىنىدا، تېخىمۇ خۇشاللاندىم.

8ئىلگىرىكى خېتىمنىڭ سىلەرگە بىر مەزگىل غەم-قايغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىمدا، پۇشايمان قىلغان بولساممۇ، لېكىن ھازىر پۇشايمان قىلمايمەن. 9مەن ھازىر سىلەرگە غەم-قايغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى غەم-قايغۇنىڭ سىلەرنى توۋا قىلىشقا ئېلىپ بارغانلىقىدىن خۇشالمەن. چۈنكى بۇ خىل غەم-قايغۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى. سىلەر بۇ غەم-قايغۇدىن ھېچقانداق زىيان تارتمىدىڭلار. 10چۈنكى ئىنساننى توۋا قىلدۇرىدىغان غەم-قايغۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، نىجاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل توۋا قىلىشتىن پۇشايمان قىلمايدۇ، ئەمما ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرالمايدىغان ئىنسانىي غەم-قايغۇ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 11خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئاشۇ غەم-قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋە بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار. سىلەر خاتالىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزەتتىڭلار. ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار، ھەمدە بۇ قىلمىش داۋاملاشسا خۇدانىڭ جازاسىنىڭ ئۆزۈڭلارغا كېلىشىدىن قورقتۇڭلار. مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار. مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار. گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. بۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ ھەر جەھەتتە گۇناھسىز ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار.

12ئۆتكەن قېتىملىق خەتنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەت، كىمنىڭ ئازار بەرگەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ ئازار يېگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا بىز ئۈچۈن نەقەدەر قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. 13بىز سىلەرنىڭ شۇ قىزغىنلىقىڭلاردىن تەسەللى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىتۇسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭلار. 14سىلەرنى ئۇنىڭغا ماختاپ بەرگەنىدىم، سىلەرمۇ مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىدىڭلار. خۇددى سىلەرگە ئۆگەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست بولغىنىدەك، سىلەرنى تىتۇسقا ماختاپ بەرگەنلىرىمنىڭمۇ راست ئىكەنلىكى ئەمەلىيىتىڭلاردا ئىسپاتلاندى. 15شۇڭا تىتۇس ھەممىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەتمەن بولغانلىقىڭلارنى، ئۇنى شۇنچە چوڭ كۆرۈپ، ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ ئاشماقتا. 16سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىشەنچ قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن.

8

سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

1قېرىنداشلار، سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىدە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدا ئېيتماقچىمىز. 2ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۈشكۈل كۈلپەتلەر ئارقىلىق قاتتىق سىنالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمبەغەللىكىگە قارىماي، قولى ئوچۇقلۇق بىلەن مەردلىك قىلدى. 3ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۆزلۈكىدىن ئىئانە قىلغانلىقىغا، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ، ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. 4ئۇلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلىنىدىغان ياردەمگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى بىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراشتى. 5بۇ بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكىنىمىزدىن ھەقىقەتەن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتىدى، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزگە ئاتىدى. 6تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىش ئىشىنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق. 7سىلەر ھەممە ئىشتا، يەنى ئېتىقادتا، نوتۇقتا، بىلىمدە، قىزغىنلىقتا ۋە بىز سىلەرگە ئۆگەتكەن مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغىنىڭلاردەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار. 8بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن سىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرمەكچىمەن. 9رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسىتى، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.

10مەن سىلەرگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بېرەي. سىلەر ئۆتكەن يىلى پەقەت ئىئانە توپلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدۇڭلار. 11ئەمدى بۇ خىزمەتنىڭ ئايىغىنى چىقىرىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەسلەپتە پىلانلىغان ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىزغىنلىق بىلەن تاماملاڭلار، ھەمدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادى يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. 12بىر كىشى ئۆزى رازى بولۇپ، چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئىئانە قىلسا، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا بىركىمدىن ئۆزىدە يوقنى بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

13باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم يوق. ئەكسىچە، ئىككىلا تەرەپ باراۋەر بولسۇن دەيمەن. 14سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىر ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭمۇ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ. مانا شۇنداق بولغاندا، باراۋەرلىك بولغان بولىدۇ. 15بۇ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىغا ئوخشايدۇ:

 

«كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى،

ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ يەتمەي قالمىدى.»

تىتۇس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى

16مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈر! 17تىتۇسنىڭ يېنىڭلارغا بارماقچى بولغىنى پەقەت بىزنىڭ تەلىپىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى بىلەن بولدى. 18بىز بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قويماقچىمىز. ئۇ قېرىندىشىمىز خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغاندۇر. 19يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا بىز بىلەن بىرگە ئاپىرىش ئۈچۈن ئېتىقادچىلار جامائەتلىرى تەرىپىدىن تاللانغاندۇر. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر. 20باشقىلارنىڭ قۇسۇر تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەردلەرچە بېرىلگەن بۇ ئىئانىلارنى ئېلىپ بېرىشتا ئۇ قېرىندىشىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق. 21بىز پەقەت رەببىمىزنىڭلا نەزىرىدە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭمۇ نەزىرىدە توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

22بىز كۆپ ئىشلاردا كۆپ قېتىم سىنالغان ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارالغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 23تىتۇسقا كەلسەك، ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە ئاراڭلاردا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدا خىزمەتدىشىمدۇر. باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە شان-شەرەپ كەلتۈرگۈچىلەردىندۇر. 24شۇڭا سىلەر ھەرقايسى جامائەتلەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتلىرى بىزنىڭ سىلەردىن ماختىنىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

9

سېخىي بولۇشقا ئۈندەش

1ئېتىقادچىلار ئۈچۈن توپلىنىدىغان بۇ ئىئانە توغرۇلۇق سىلەرگە خەت يېزىۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 2چۈنكى ياردەم بېرىشكە قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مەن ماكېدونىيەدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئالدىدا سىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئىئانە توپلاشقا تەييار ئىكەنلىكىڭلاردىن ماختىنىپ كەلدىم. سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ماكېدونىيەدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئىئانە توپلاش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى. 3سىلەر بىلەن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ قېرىندىشىمىزنى يېنىڭلارغا ئەۋەتمەكچىمەن. 4ناۋادا ماكېدونىيەدىكى بەزى قېرىنداشلار مەن بىلەن بىرگە يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنىڭ تەييارلىق قىلمىغانلىقىڭلارنى كۆرسە، بىزنىڭ سىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن خىجالەتچىلىكتە قېلىشىمىز ئېنىق، سىلەرنىڭ خىجالەتچىلىكتە قېلىشىڭلارنى دېمەيلى قويايلى. 5شۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى لايىق كۆردۈم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى، ھەمدە ئىئانىنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى ئىختىيارى يوسۇندا يىغىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 6ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، كۆپ تېرىغان كۆپ ئالىدۇ. 7ھەركىم ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. ھېچكىم قىينىلىپ قالمىسۇن ياكى مەجبۇرلانمىسۇن. چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن ئىئانە قىلغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ. 8خۇدا سىلەرگە لازىملىق بولغان نەرسىلەرنى سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭلار ھەر دائىم قانغان بولىدۇ. سىلەرمۇ باشقىلارغا سېخىيلىق بىلەن خەير ساخاۋەت قىلالايسىلەر. 9بۇ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىغا ئوخشايدۇ:

 

«سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە،

مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ.»

 

10دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ. 11سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن خۇدا مال-دۇنيايىڭلارنى ھەر جەھەتتىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا رەھمەت ئېيتىدۇ. 12سىلەرنىڭ قىلغان بۇ ياردىمىڭلار يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. 13سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىئانەڭلار ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. كىشىلەر سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئېتىراپ قىلغان ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە سادىق بولغانلىقىڭلار، شۇنداقلا مال-مۈلكۈڭلارنى كۆپچىلىك بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. 14ئۇلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پەۋقۇلئاددە مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن سىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، سىلەرگە دۇئا قىلىدۇ. 15خۇدانىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر!

10

پاۋلۇسنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ئاقلىشى

1سىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىرگە بولمىغاندا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھنىڭ مۇلايىملىقى ۋە رەھىمدىللىكى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمەنكى، 2يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلار دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەرگە قىلماقچى بولغان قاتتىق مۇئامىلىنى سىلەرگىمۇ قىلىشىمىزغا مەجبۇر قىلماڭلار. 3گەرچە بۇ دۇنيادا ياشىساقمۇ، لېكىن بۇ دۇنياغا خاس قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز. 4چۈنكى ئۇرۇش قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان ۋە شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلالايدىغان قوراللاردۇر. 5بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ھاكاۋۇرلۇقلارنى بىتچىت قىلىمىز، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئەسىر قىلىپ، ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرىمىز. 6سىلەر ئەيسا مەسىھكە تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى ھەر خىل ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى جازالاشقا تەييارمىز.

7سىلەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشكىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قاراپ، مېنى ئىنكار قىلسا، يەنە ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلسۇن. 8رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. شۇڭا بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خىجالەت بولمايمەن.

9سىلەر خەتلىرىمنى بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن يازدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. 10دەرۋەقە، بەزىلەر: «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ. 11بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن.

12ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويمايمىز ۋە ئۆزىمىزنى ئۇلار بىلەن قەتئىي سېلىشتۇرمايمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىدۇر. 13لېكىن بىز ئۆزىمىزدە بولمىغان ھوقۇقلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. ماختانساقمۇ، خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن خىزمىتى دائىرىسىدە ماختىنىۋاتىمىز. بۇ خىزمەت سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. 14ئەگەر بىز خۇش خەۋەرنى سىلەرگە تۇنجى يەتكۈزگەنلەردىن بولمىغان بولساقىدۇق، ھوقۇقلىرىمىزدىن ماختىنىشىمىز بىزنىڭ ئۆز خىزمەت دائىرىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىك دەپ ھېسابلانغان بولاتتى. لېكىن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يىراقتىكى سىلەرگە دەسلەپ يەتكۈزگەن بىز بولدۇق. 15قىسقىسى، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىزدىن چىقىپ، باشقىلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئېتىقادىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاراڭلاردا قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 16شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىنمۇ يىراق بولغان، تېخى خوش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا بېرىپ، خوش خەۋەر يەتكۈزەلەيمىز. تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ قىلغان خىزمىتى بىلەن ماختىنىش بىزگە ياتتۇر. 17مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن.» 18چۈنكى ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغانلار ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھەقىقىي ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

11

ساختا ئەلچىلەر

ئەخمەقلىق قىلىپ، بىرئاز ماختىنىپ قويسام، ئېغىر ئالمىغايسىلەر، سەۋرچان بولغايسىلەر! 2مەن سىلەرنى قىزغىنىمەن. بۇ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەندۇر. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلماقچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ «يېگانە ئەر»گە، يەنى ئەيسا مەسىھكە ياتلىق قىلماقچىمەن. 3بىراق سىلەرمۇ ھاۋائانا ھىيلىگەر يىلانغا ئىشىنىپ ئازغاندەك ئېزىپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. 4چۈنكى سىلەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى بەرگەنلەرگە يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر ھەققىدە بېرىلگەن تەلىملەرنىمۇ قوبۇل قىلدىڭلار. 5ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق بىر ئىشتا سىلەر قالتىس دەپ قارىغان ئاشۇ ئاتالمىش ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن! 6ناتىق بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

7مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق ئالماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟* 8مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا جامائەتلەردىن بۇلىغاندەك ھەق ئالدىم. 9سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولمىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن. 10پۈتۈن يۇناندا ھېچقانداق ئادەم مېنىڭ بۇ ھەققىدىكى ماختىنىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى مەن بۇ سۆزنى قەلبىمدىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىتىگە ئاساسەن دەۋاتىمەن. 11نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمىدىم؟ سىلەرنى سۆيمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟ ياق، خۇداغا ئايانكى، سىلەرنى سۆيىمەن! 12ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ: «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. 13چۈنكى بۇلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەر ئادەملەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرى دەپ پەردازلايدۇ. 14ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى شەيتانمۇ ئۆزىنى يورۇقلۇق پەرىشتىسى دەپ پەردازلايدۇ. 15شۇڭا شەيتاننىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادالەتنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىگە لايىق بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى

16يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچقايسىڭلار مېنى ئەخمەق دەپ قارىماڭلار. ئەگەر ئەخمەق دەپ قارىساڭلار، بىر ئەخمەقنى قوبۇل قىلغانچىلىك بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىرئاز ماختىنىۋالاي. 17بۇ سۆزلىرىم رەببىمىز مەندىن تەلەپ قىلغان سۆزلەر ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق ماختىنىشىم پەقەتلا بىر ئەخمەقنىڭ يۈرەكلىك پو ئاتقانلىقىدۇر، خالاس. 18نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىپ كېتىدىكەن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 19چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەر-يۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويىسىلەر! 20ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە يۈزۈڭلارغا ئۇرۇشىغا يول قويىسىلەر. 21بىز سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشتا «ئاجىز»لىق قىلغانلىقىمىزدىن خىجىلمىز. لېكىن ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلسا (دۆتلەرچە سۆزلەپ قوياي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن. 22ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ ئىبرانىي. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن. 23ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا ئۇلاردىن كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم. 24يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇز توققۇز قامچا جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم. 25ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم. دېڭىزدا ئۈچ قېتىم ھادىسىگە ئۇچراپ، بىر كېچە-كۈندۈزنى كېمىسىز ئۆتكۈزدۈم. 26كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولدۇم، دەريالاردا خەتەرلەرگە ئۇچرىدىم. قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. شەھەرلەردە، چۆللەردە ۋە دېڭىزلاردا خېيىم-خەتەرلەرگە دۇچ كەلدىم، ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدىمۇ خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. 27خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، سوغۇقتا كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم. 28بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىنىڭ غېمىنى يېدىم. 29مەن ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىممۇ؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! 30ئەگەر ماختىنىشقا توغرا كەلسە، ئاجىزلىقىم بىلەن ماختىنىمەن. 31مېنىڭ يالغان ئېيتمىغانلىقىمنى رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى بولغان مەڭگۈ مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان خۇدا بىلىدۇ. 32پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى دەمەشقنىڭ ۋالىيسى مېنى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق قامال قىلغانىدى. 33لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم.

12

پاۋلۇسقا كەلگەن ۋەھىي

1ماختىنىشنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، ماختانمىسام بولمايدۇ. ئەمدى رەببىمىزدىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. 2ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى* تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. 3ئىشقىلىپ، بۇ ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىپ چىققانلىقىنى بىلىمەن. تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. 4ئۇ جەننەتتە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارغا ئېيتىش مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. 5شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلماقتىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختىنالمايمەن. 6ئەمەلىيەتتە، مەن ماختانساممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن، چۈنكى مەن راست گەپ قىلىمەن. لېكىن كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدىن ياكى ئاڭلىغىنىدىن ئۈستۈن ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، ماختىنىشتىن نېرى تۇرىمەن.

7خۇدادىن ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، تېنىمگە تىكەن سانجىلغاندەك بىر ئازاب يېپىشىپ، مېنى خۇددى شەيتاننىڭ يالاقچىسىنىڭ قىيناشلىرىدەك قىينىدى. بۇ مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئىدى. 8ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن رەببىمىزگە ئۈچ قېتىم يېلىنىپ دۇئا قىلدىم. 9لېكىن ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىكتۇر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم سېنىڭ ئاجىزلىقلىرىڭدا تولۇق نامايان بولىدۇ» دېدى. شۇڭا ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى نامايان بولسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشتىن خۇرسەن بولىمەن. 10ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.

پاۋلۇسنىڭ كورىنتتىكى جامائەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى

11ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى ھېچنېمىگە ئەرزىمىسەممۇ، سىلەر قالتىس دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن قىلچە قېلىشمايمەن. 12مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغلىرىمدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەت كۆرسەتتىم ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارنى قىلدىم. 13باشقا ئېتىقادچىلار جامائىتى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!

14ھازىر مەن يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن. سىلەرگە ھېچقانداق ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ماڭا كېرىكى سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇرسىلەر. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. 15سىلەر ئۈچۈن مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى پىدا قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟

16بولدىلا، قىسقىسى مەن سىلەرگە يۈك بولغان ئەمەسمەن. بىراق بەزىلەر مېنى ھىيلىگەرلىك قىلىپ، يالغان سۆزلەپ، سىلەردىن نەپ ئۈندۈرۈۋېلىۋاتىدۇ، دېيىشىپ يۈرىدۇ. 17ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟ 18تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە ئۇنى يەنە بىر قېرىندىشىمىز بىلەن بىرگە يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئالغان يېرى بارمۇ؟ ئۇ مەن بىلەن بىر يولدا بىر نىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتىدىغۇ! 19ياكى سىلەر بۇرۇندىن بىزنى: «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 20يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. 21بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدايىمنىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىشىدىن، شۇنداقلا ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار ئۈچۈن قايغۇغا سېلىشىدىن قورقىمەن.

13

ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالاملار

1بۇ قېتىم يېنىڭلارغا بارسام، بۇ ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. ھەرقانداق ئىش مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 2يېنىڭلارغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا، بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم. ئەمدى يەنە ئاگاھلاندۇرۇمەنكى، بۇ قېتىم بارغىنىمدا، بارلىق گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلمايمەن. 3شۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرگە ئېرىشىسىلەر. چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئالدىڭلاردا ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر. 4گەرچە ئۇ بۇرۇن ئاجىزلىقى بىلەن كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ياشىماقتا. ئۇنىڭغا باغلىنىپ، بىزمۇ ئاجىزلىدۇق. ئەمما بىز يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمىزدا، سىلەر بىزنىڭمۇ مەسىھكە ئوخشاش خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرىسىلەر.

5ئېتىقادىڭلاردا تۇرۇۋاتامسىلەر؟ قېنى، ئېتىقادىڭلارنى سىناپ بېقىڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ بىلمىسەڭلار، بۇ سىلەرنىڭ سىناقتىن ئۆتەلمىگىنىڭلار بولمامدۇ؟! 6مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىمنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 7سىلەرنىڭ ھېچقانداق يامان ئىش قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمەن. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىم ئۈچۈن ئەمەستۇر. مەن سىناقتىن ئۆتمىدى دەپ قارالساممۇ مەيلى. مۇھىمى سىلەرنىڭ توغرا ئىش قىلىشىڭلاردۇر. 8بىز ھەقىقەتكە قارشى ئىش قىلمايمىز، بەلكى ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىمىز.

9ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، ئالدىڭلاردا ئاجىز كۆرۈنسەم مەيلى، يەنىلا خۇشالدۇرمەن. بىز سىلەرنىڭ ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلىشىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. 10يېنىڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سىلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىپ سالماسلىقىم ئۈچۈندۇر. چۈنكى رەببىمىز بۇ ھوقۇقنى ماڭا ئېتىقادىڭلارنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بەرگەندۇر.

11قېرىنداشلار، ئەڭ ئاخىردا شۇنى دەيمەنكى، خۇشال-خۇرام ياشاڭلار، ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ئىنتىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولغاي! 12بىر-بىرىڭلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىڭلار. 13خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىدىن سىلەرگە سالام.

14رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھ سىلەرگە يار بولغاي!


11: 7 پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئېغىرىنى سالماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان. بىراق بەزىلەر «پاۋلۇس ھەقىقىي ئەلچى بولغان بولسا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان بولاتتى» دەپ، ئۇنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانىدى.

12: 2 بۇ ئادەم دەل پاۋلۇسنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماختىنىشنى قىلچە خالىمىغان. ئەكسىچە، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا تىرىشىپ، 3-شەخس تىلىدا سۆزلىگەن.