كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت

1

1‏-2خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاكلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ رەببىمىزدۇر ھەم ئۇلارنىڭمۇ رەببىدۇر. 3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

خۇدانىڭ كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى

4سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 5چۈنكى خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى. 6شۇنداق قىلىپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. 7سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھېچقانداق ھەدىيەدىن كەم قالمىدىڭلار. 8ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەن كۈندە سىلەرنىڭ ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا ئېتىقادىڭلارنى ئۇ كۈن كەلگۈچە مۇستەھكەملەيدۇ. 9سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا چاقىرغان خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.

ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى بۆلۈنۈش

10قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشقا ئۈندەيمەن. 11قېرىنداشلىرىم، كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئېتىقادچىلار جامائىتىڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. 12دېمەكچى بولغىنىم، ئاڭلىسام بەزىلىرىڭلار «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن پېترۇس تەرەپدارى»، يەنە بەزىلىرىڭلار «مەن ئەيسا مەسىھ تەرەپدارى» دەپ يۈرۈپسىلەر. 13ئەجەبا، ئەيسا مەسىھنى پارچىلاش مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستكە مىخلانغان ئادەم مەنمىدىم؟ سىلەر مېنىڭ نامىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنمىدىڭلار؟ 14مەن ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم پاۋلۇسنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلدۈم، دېيەلمەيدۇ. 16دۇرۇس، يەنە ئىستىپاناسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم. بۇلاردىن باشقىلارنى چۆمۈلدۈرگەن ياكى چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. 17ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ناتىقلىق قىلمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق قىلسام، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقالغان بولاتتى.

قۇتقۇزۇلۇش خۇدانىڭ شەپقىتىدىن كېلىدۇ

18ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا ئەخمىقانىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن ئۇ قۇتقۇزۇلىدىغان بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ. 19مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن،

ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.»

 

20ئۇنداقتا، قېنى ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ 21چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى قارار قىلغانىكەنكى، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، خۇدانى ھەرگىز تونۇيالمايدۇ. لېكىن خۇدا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشنى ئىرادە قىلغاندۇر. 22يەھۇدىيلار مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ، گرېكلار دانالىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ. 23لېكىن بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ھەققىدىدۇر. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاش، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغان گرېكلار ئۈچۈن ئەخمەقلىقتۇر. 24ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقىنى نامايان قىلىدۇ. 25خۇدانىڭ «نادانلىقى» ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ «ئاجىزلىقى» ئىنسانلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن قۇدرەتلىكتۇر.

26قېرىنداشلار، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كۆرۈڭلار. ئۇ چاغدا سىلەرگە بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھا بەرگەندە، كۆپچىلىكىڭلار دانالاردىن، تەسىرى بار كىشىلەردىن ياكى ئاقسۆڭەكلەردىن ئەمەس ئىدىڭلار. 27خۇدا ئىنسانلارنىڭ ئەخمەق دەپ قارىغان ئىشلىرىنى تاللاپ، دانا دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئۇياتقا قالدۇردى. شۇنداقلا، ئىنسانلارنىڭ ئەرزىمەس دەپ قارىغان ئىشلىرىنى تاللاپ، مۇھىم دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئۇياتقا قالدۇردى. 28خۇدا بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى. 29بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ ماختىنالماسلىقى ئۈچۈندۇر. 30سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئەيسا مەسىھنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندۇق. ئۇ بىزنى پاكلاپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. 31شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان.

2

ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ھەققىدىكى تەلىم

1قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق ياكى دانالىق قىلمىدىم. 2چۈنكى ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشتىن باشقا بىر نەرسە دېمەسلىككە قارار قىلغانىدىم. 3سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ كەتكەنىدىم، ھەتتا تىترەپمۇ كەتكەنىدىم. 4مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ نامايان قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تاياندىم. 5بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئېتىقادىڭلار ئىنسانلارنىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

خۇدانىڭ دانالىقى

6ئەلۋەتتە، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا دانالىق ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزۈۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ دانالىقىمىز بۇ زاماندىكى كىشىلەر ياكى بۇ زاماندا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلارغا خاس بولغان دانالىق ئەمەس، 7بەلكى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. خۇدا بىزنىڭ بۇ دانالىق ئارقىلىق ئەرشتە شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرى بۇ دانالىقنى بىزگە ئىرادە قىلدى. 8بۇ دانالىقنى بۇ زاماننىڭ ھوقۇقدارلىرى چۈشىنىپ يەتمىدى. چۈشىنىپ يەتكەن بولسا ئىدى، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىمىزنى كرېستكە مىخلاتمىغان بولاتتى. 9ھالبۇكى، يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر:

 

«خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان،

ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.»

 

10لېكىن خۇدا بۇ سىرلارنى بىزگە مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئاشكارىلىدى. چۈنكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ھەممە ئىشنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ بىلىدۇ. 11بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنى شۇ ئادەمدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگىنىدەك، خۇدانىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنىمۇ خۇدانىڭ روھىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. 12بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز.

13بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇ سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز. 14لېكىن قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. 15قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولغان ئادەم ھەممە ئىشقا باھا بېرەلەيدۇ. لېكىن قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغانلار ئۇ ئادەمگە باھا بېرەلمەيدۇ. 16مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلەلىسۇن؟

كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتەلىسۇن؟»

 

لېكىن ئەيسا مەسىھ قانداق ئويلىسا، بىزمۇ شۇنداق ئويلايمىز.

3

خۇدا يولىدىكى خىزمەتداشلار

1قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھكار تەبىئىتى بويىچە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. 2مەن سىلەرگە چوڭلارنىڭ ئوزۇقىغا ئوخشاش ئەمەس، بەلكى بوۋاقلارنىڭ ئىچىدىغان سۈتىگە ئوخشاش تەلىم بەردىم. چۈنكى سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر. 3چۈنكى سىلەر تېخىچە گۇناھكار تەبىئىتىڭلار بويىچە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟ 4بىرىڭلار: «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، يەنە بىرىڭلار: «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسەڭلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟

5ئاپوللوس ياكى مەنكى پاۋلۇس سىلەرنىڭ بۆلۈنۈشۈڭلارغا سەۋەب بولغۇدەك مۇھىم كىشىلەردىن ئەمەسمىز. بىز پەقەت سىلەرنى رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلايدىغان خىزمەتكارلارمىز. رەببىمىز ھەربىرىمىزگە بىردىن ۋەزىپە بەرگەن. 6مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى. بىراق ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر. 7دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچىدۇر. چۈنكى پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ. 8تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ. 9بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارمىز. سىلەر بولساڭلار بىز ئىشلەۋاتقان ۋە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر.

شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر. 10مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن. 11چۈنكى ھېچكىم قويۇلۇپ بولغان ئۇلدىن باشقا ھېچقانداق ئۇل قويالمايدۇ. بۇ ئۇل ئەيسا مەسىھتۇر. 12بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى گۆھەرلەرنى قويغاندەك ئىش بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش بولىدۇ. 13قىيامەت كۈنى ھەركىمنىڭ قىلغان ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى ھەممە ئادەمنىڭ قىلغان ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ. 14ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان نەرسىلىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ. 15ئەگەر ئۇل ئۈستىگە قويغان نەرسىلىرى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ ئىنئامدىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن ئۇ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتقۇزۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ خۇددى ئوت ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئادەمگە ئوخشايدۇ.

16ئەجەبا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ 17ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدامۇ ئۇنى خاراب قىلىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى مۇقەددەستۇر. سىلەر دەل شۇ ئىبادەتخانىدۇرسىلەر.

18سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. ئۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ. 19چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇدانىڭ نەزىرىدە نادانلىقتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۆزلىرىنى دانا ھېسابلايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلايدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. 20مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە: «خۇدا دانالارنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ بىھۇدە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. 21‏-22شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ھەممىمىز خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇرمىز. بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر. 23سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇداغا مەنسۇپتۇر.

4

ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرى

1شۇنداق ئىكەن، سىلەر بىزنى پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ قاراڭلار. خۇدا ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان ھەقىقەتلىرىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇرغاندۇر. 2بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر. 3سىلەر قانداق باھا بەرسەڭلار ۋە باشقىلار ماڭا قانداق باھا بەرسە مەيلى. ئىشقىلىپ، ماڭا بېرىلگەن باھا ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر، ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن. 4گەرچە مەن خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر. 5شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ.

6قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا بىنائەن ياشاشنى بىزدىن ئۆگىنىڭلار. بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختاشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار. 7نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟

8سىلەر ئاللىقاچان تويۇندۇڭلار، باي بولدۇڭلار. سىلەر بىزسىزمۇ ئۆزۈڭلارنى پادىشاھتەك ھېس قىلىسىلەر. مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! 9لېكىن مېنىڭچە، خۇدا بىز ئەلچىلەرنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويدى. چۈنكى بىز خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سازايى قىلىنغان مەھبۇسلاردەك، پۈتكۈل كائىنات، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئالدىدا مازاققا قالدۇق. 10بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن نادان، سىلەر ئەقىللىق، بىز ئاجىز، سىلەر كۈچلۈك، سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىز ھۆرمەتسىز ئىكەنمىزدە! 11بىز تا ھازىرغىچە پات-پاتلا ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ، سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتىمىز. 12بىز ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ، ئىشلەپ جان بېقىۋاتىمىز. بىزگە تىل-ئاھانەت قىلغانلارغا بەخت تىلەۋاتىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىساق، بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. 13تۆھمەتكە قالساق، مېھرىبانلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋاتىمىز. بىز تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ئەخلىتى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز.

14بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، سىلەرنى خىجىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم دەپ قاراپ، نەسىھەت قىلىشتۇر. 15ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم. 16شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئۈلگە قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. 17دەل شۇ مەقسەت بىلەن ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ياشىغانلىقىمنى ئەسلىتىدۇ. يېڭى ھاياتىمنى قانداق ياشىغان بولسام، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتكىمۇ شۇنداق ياشاشنى ئۆگەتتىم.

18ئاراڭلاردا بەزىلەر مېنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. 19لېكىن خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا مەن بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى بىلىپ باقىمەن. 20چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆز ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئايان بولىدۇ. 21سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟

5

ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى ئەخلاق مەسىلىسى

1مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ! 2شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ماختىنىپ يۈرۈپسىلەر. ئەسلىدە سىلەر بۇ ئىشقا قاتتىق ئازابلىنىپ، بۇنداق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىشىڭلار كېرەك ئىدىغۇ؟ 3مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم. 4شۇڭا سىلەر رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېنىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە دەپ قاراپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن 5ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ بەربات بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىقادچىلار جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇڭلار. ئۇنىڭ روھى رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن.

6سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە ئېچىتقۇ پۈتۈن خېمىرنى ئېچىتالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟ 7ئاراڭلاردىن كونا ئېچىتقۇنى چىقىرىۋېتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئېچىتقۇسىز يېڭى خېمىر بولالايسىلەر. ئەمەلىيەتتە، سىلەر ئېچىتقۇسىز يېڭى خېمىر ئىدىڭلار. چۈنكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولغان ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. 8شۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى پېتىر نان بىلەن تەبرىكلەنگەندەك، بىزمۇ ھاياتىمىزدىكى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت كونا ئېچىتقۇنى چىقىرىپ تاشلاپ، سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق بىلەن شاد-خۇرام ياشايلى.

9ئالدىنقى خېتىمدە سىلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا يازغانىدىم. 10لېكىن مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىسىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىزلار، ئاچكۆزلەر، ئالدامچىلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسام، بۇ دۇنيادا ياشىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 11لېكىن ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، شارابخور ياكى ۋە ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلار ھەققىدە يېزىۋاتىمەن. 12‏-13چۈنكى بىزنىڭ ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئەزاسى بولمىغانلارنى سوراق قىلىشقا قانداق ھوقۇقىمىز بولسۇن؟ ئۇلارنى خۇدا ئۆزى سوراق قىلىدۇ. لېكىن ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئەزالىرىنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز بار. شۇڭا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار.»

6

ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى دەۋالار

1ئاراڭلاردىكى دەۋانى ئېتىقادچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنىڭلار نېمىسى؟ 2ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلاردىن ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇنداق كىچىك دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ 3بىز ئېتىقادچىلار كەلگۈسىدە پەرىشتىلەرنى سوراق قىلىمىزغۇ؟! شۇنداق ئىكەن، ئاراڭلاردىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمامسىلەر؟ 4ئاراڭلاردا دەۋالار يۈز بەرسە، نېمىشقا ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى تونۇمايدىغان، ئېتىقادچىلار جامائىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشتا بولغان سوراقچىلارغا بارىسىلەر؟ 5بۇ نېمىدېگەن شەرمەندىچىلىك! ئېتىقادچىلار ئارىسىدا بۇ دەۋالارنى ھەل قىلغۇدەك پاراسەتلىك بىرەر كىشى يوقمۇ؟ 6سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، بىر-بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ ئېتىقادسىزلار ئالدىدا دەۋالىشىۋاتىسىلەر!

7ئەمەلىيەتتە، بىر-بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىش سىلەر ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. ئۆزئارا بەزىبىر ناھەقچىلىككە ئۇچرىساڭلار ياكى ئاز-تولا ئالدانساڭلار نېمە بوپتۇ؟ 8ئەمەلىيەتتە، سىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ناھەقچىلىككە ئۇچرىماي، ئەكسىچە ئۆزئارا ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىسىلەر، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! 9يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلارغا، بۇتپەرەسلەرگە، زىناخورلارغا، ئەر بىلەن ئەر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارغا، 10ئوغرىلارغا، ئاچكۆزلەرگە، شارابخورلارغا، تۆھمەتخورلارغا ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. 11بەزىلىرىڭلار بۇرۇن شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندىڭلار.

تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار

12بەزىلەر ئېتىقادىمىزدىكى ئەركىنلىكنى چۈشەنمەي: «ھەرقانداق ئىشنى قىلسام بولىدۇ» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ھەممە ئىش پايدىلىق ئەمەس. ئۇلار يەنە: «ھەرقانداق ئىشنى قىلسام بولىدۇ» دەيدۇ، لېكىن مەن دەيمەنكى، ھېچبىر ئىشنىڭ ئۈستۈمدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايمەن. 13بەزىلەر: «تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى خۇدا تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. تېنىمىز جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. 14خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن رەببىمىزنى تىرىلدۈرگىنىدەك، بىزنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ. 15بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردىكى بىرى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆز تېنىنى بىر پاھىشەنىڭ تېنى بىلەن بىرلەشتۈرسە بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! 16پاھىشە بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ پاھىشە بىلەن بىر تەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا ئەر-ئايال توغرۇلۇق: «ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» دېيىلگەن. 17ۋاھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى رەببىمىز بىلەن روھىي جەھەتتە بىرلىشىدۇ.

18شۇنىڭ ئۈچۈن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق تۇرۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 19تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ بۇ روھ خۇدادىن كەلگەن بولۇپ، سىلەردە ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. 20چۈنكى خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار.

7

نىكاھ مەسىلىسى

1ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر. 2مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن. 3ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 4ئايالنىڭ تېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى ئېرىگىمۇ تەئەللۇقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرنىڭ تېنىمۇ ئايالىغىمۇ تەئەللۇقتۇر. 5ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆزۈڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالماسلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن. 6مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم پەقەت بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس. 7ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى خۇدا بەزىلەرگە توي قىلىشنى ئىلتىپات قىلغان بولسا، يەنە بەزىلەرگە توي قىلماي ئۆتۈشنى ئىلتىپات قىلغان.

8ئەمدى توي قىلمىغان ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلار ياخشىدۇر. 9لېكىن ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر.

10نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر. 11ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن.

12ئەمدى سىلەرگە دەيدىغانلىرىم رەببىمىزنىڭ ئەمەس، مېنىڭ سۆزلىرىمدۇر. ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا، لېكىن ئايال داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن. 13ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايال ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئېرى ئېتىقاد قىلمىسا لېكىن ئەر داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجراشمىسۇن. 14چۈنكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئايالى ياكى ئېرى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاكتۇر. ئەگەر خۇدا قوبۇل قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ھازىر ئۇلار پاكتۇر. 15بىراق ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋاھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناق ياشاشقا چاقىرغان. 16ئەي ئېتىقادچى ئايال، بەلكىم ئېرىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەي ئېتىقادچى ئەر، بەلكىم ئايالىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن.

ئېتىقاد يولىغا چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى سالاھىيەت مەسىلىسى

17خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغاندا، ھەركىم رەببىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن ھالدا ياشىسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە بۇيرۇيمەن. 18مەسىلەن، بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلىشتىن بۇرۇن خەتنە قىلدۇرغان بولسا، خەتنى ئىزىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنمىسۇن. خەتنە قىلىنمىغان بولسا، خەتنە قىلدۇرمىسۇن. 19ئېتىقادچىنىڭ خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر. 20ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغاندا قانداق ئەھۋالدا ياشاۋاتقان بولسا، شۇ ئەھۋالدا ياشاۋەرسۇن. 21قۇل ۋاقتىڭدا خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغان بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قۇل بولغانلىقىڭدىن قايغۇرما. لېكىن پۇرسەت بولسا، ھۆر بولۇشنى قولدىن بەرمە. 22خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغان كىشى قۇل بولسا، ئۇ رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، روھىي جەھەتتە ھۆر ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغان كىشى ھۆر ئادەم بولسا، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. 23خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىقاردى. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ئوي-پىكىرلىرىگە قۇل قىلماڭلار. 24قېرىنداشلار، ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىلغاندا قانداق ئەھۋالدا ياشىغان بولسا، خۇداغا باغلانغان يېڭى ھاياتىدىمۇ شۇنداق ئەھۋالدا ياشىسۇن.

نىكاھلىنىش ۋە نىكاھلانماسلىق مەسىلىسى

25خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر، چۈنكى مەن رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشكەنمەن. 26بۈگۈنكى قىيىنچىلىقلارغا قارىغاندا، مەن شۇنداق قارايمەنكى، ھەركىم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان چاغدىكى ئەھۋالىدا ياشىغىنى ياخشى. 27ئۆيلەنگەن بولساڭ، ئايالىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما. ئۆيلەنمىگەن بولساڭ، ئۆيلىنىمەن دېمە. 28لېكىن ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

29قېرىنداشلار، كۆزقارىشىم شۇكى، ئاخىر زامانغا ئاز قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، 30ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغاندەك، خۇشال بولغانلار خۇشال بولمىغاندەك، سېتىۋالغانلار ھېچنېمە سېتىۋالمىغاندەك ياشىسۇن. 31بۇ دۇنيانىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر.

32غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 33لېكىن ئۆيلەنگەن ئەر ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 34شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاپ، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن نىكاھلانغان ئايال ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ.

35بۇ سۆزلەرنى سىلەرنىڭ پۇت-قولۇڭلارنى چۈشەپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە پايدىسى بولسۇن ۋە كۆڭلىنى ئىككىگە بۆلمەي، ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن. 36ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىز بىلەن توي قىلماي، ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويغانلىقتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئۇ قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ. 37بىراق بۇ كىشى بېسىم ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن بۇ قىزنى ئەمرىگە ئالماسلىققا قارار قىلسا، ھەمدە شەھۋىتىنى بېسىۋالالىسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 38قىسقىسى، توي قىلىش ياخشى، توي قىلماسلىق تېخىمۇ ياخشى.

39ئېرى ھايات چاغدا ئايال ئېرىگە نىكاھ بىلەن باغلانغان بولىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك. 40بىراق ئايال توي قىلماي ياشىسا، تېخىمۇ بەختلىكتۇر. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى.

8

قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىش

1ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى* يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە بىلىمىمىز بار دەپ قارايسىلەر. بىراق بىلىم ئادەمنى تەكەببۇرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن مېھىر-مۇھەببەت ئادەمنىڭ ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. 2ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى بىلمەيدۇ. 3لېكىن خۇدانى سۆيگەن كىشىنى خۇدا تونۇيدۇ.

4خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. 5گەرچە بەزىلەر دۇنيادا نۇرغۇن ئىلاھلار بار، ئۇلار زېمىن ۋە ئاسماندا ياشايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى ۋە رەببى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، 6بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب باردۇر، ئۇ بولسىمۇ رەببىمىز ئەيسا مەسىھتۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز. 7لېكىن ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ئۇلار بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ سالسا، ئۆزلىرىنى بۇلغانغاندەك ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. 8ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش ياكى يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرالمايمىز. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەك خۇدادىن يىراقلىشىپمۇ كەتمەيمىز. 9لېكىن ئېھتىيات قىلىڭلار، سىلەرنىڭ مەلۇم يېمەكلىكنى يېيىش ياكى يېمەسلىك ئەركىنلىكىڭلار بۇنى تونۇپ يەتمىگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالمىسۇن. 10بۇنى تونۇپ يەتمىگەن بىر ئېتىقادچى تونۇپ يەتكەن سىلەرنىڭ بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زىياپەتتە گۆش يەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسە، بۇتقا سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە جاسارەتلەنمەسمۇ؟ 11ئاقىۋەتتە، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭ بىلىمىڭلار تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان بولغاندۇر. 12سىلەر قېرىندىشىڭلارنى ئۆزلىرى خاتا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلساڭلار، قېرىندىشىڭلارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى جاراھەتلەيسىلەر، شۇنداقلا ئەيسا مەسىھ ئالدىدىمۇ گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. 13ئەگەر يېگەن گۆشىمىز سەۋەبىدىن ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلسا، ئۇنداقتا بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلى.

9

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى

1مېنىڭ ئەركىنلىكىم يوقمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ 2گەرچە باشقىلار مېنى ئەلچى دەپ ھېسابلىمىسىمۇ، لېكىن مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسىدۇرمەن. چۈنكى سىلەرنىڭ مەندىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلغىنىڭلار مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتىدۇر.

3مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا مۇنداق سوئال قويىمەن: 4بىز ئەلچىلەرنىڭ ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك ياردىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ 5بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە پېترۇس، ھەمدە باشقا ئەلچىلەردەك سەپەرلەردە ئېتىقادچى ئاياللىرىمىزنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ 6ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ 7كىم ئۆز چىقىمىنى ئۆزى قىلىپ، لەشكەر بولىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟ 8مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، ئەجەبا، ئىنساننىڭ كۆز قارىشىمۇ؟ تەۋرات قانۇنىدىمۇ مۇشۇنداق دېيىلمىگەنمۇ؟ 9‏-10مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا: «خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە خۇدا پەقەت ئۆكۈزلەر ئۈچۈن ئېيتقانمۇ ياكى بىز ئۈچۈنمۇ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆز بىز ئۈچۈنمۇ ئېيتىلغاندۇر. چۈنكى يەر ئاغدۇرغۇچىمۇ ۋە خامان تەپكۈچىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئىشلەيدۇ. 11شۇڭا سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ 12باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟

لېكىن بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىپ كەلدۇق. 13يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردا ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 14رەببىمىزمۇ خۇش خەۋەر تارقىتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇش خەۋەر قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن، دەپ بۇيرۇغانىدى.

15لېكىن مەن بۇ ھوقۇقلىرىمدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىشنىڭ قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايمەن. 16خۇش خەۋەر تارقاتتىم دەپ، ماختىنالمايمەن. چۈنكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇمدۇر. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ! 17ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، مۇكاپاتقا لايىق بولاتتىم. لېكىن بۇ ۋەزىپىنى خۇدا ماڭا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش مېنىڭ بۇرچۇمدۇر. 18ئۇنداقتا، مېنىڭ ئىگە بولىدىغان مۇكاپاتىم نېمە؟ خۇش خەۋەر تارقاتقاندا، ھەق ئېلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقۇمدىن پايدىلانماي، خۇش خەۋەرنى ھەقسىز تارقىتىش مېنىڭ ئىگە بولىدىغان مۇكاپاتىمدۇر.

19مەن ئادەملەرنىڭ ھەر خىل تەلەپلىرىدىن ئەركىنمەن. لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن كۆپچىلىككە قۇلدەك خىزمەت قىلىۋاتىمەن. 20يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد بولغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردەك ياشاۋاتىمەن. 21تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. لېكىن مەن خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتمىدىم، يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن. 22ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسىتىم، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن قانداق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىسام، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن. 23مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.

24يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. شۇڭا سىلەرمۇ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. 25مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەربىر تەنھەرىكەتچى چىرىيدىغان تاجغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىدۇ. بىز بولساق مەڭگۈ چىرىمەيدىغان تاجغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىمىز. 26شۇنىڭ ئۈچۈن مەن نىشانسىز يۈگۈرۈۋاتقان كىشىدەك يۈگۈرۈۋاتقىنىم يوق. شۇنداقلا، خۇددى بوكسچىغا ئوخشاش ئاتقان مۇشتۇمنى بوش كەتكۈزۈۋاتقىنىم يوق. 27خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قاتتىق تىزگىنلەپ، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا كۆندۈرۈۋاتىمەن.

10

بۇتپەرەسلىكتىن ھوشيار بولۇش

1قېرىنداشلار، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققان چاغدا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ چاغدا پۈتۈن خەلق بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا قىزىل دېڭىزدىن مېڭىپ ئۆتكەنىدى. 2ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە باغلىنىش ئۈچۈن بۇلۇتتا ۋە دېڭىزدا چۆمۈلدۈرۈلدى. 3ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۆجىزىلىك يېمەكلىكنى يېگەن 4ۋە مۆجىزىلىك سۇنى ئىچكەنىدى. بۇ سۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولغان «روھىي قورام تاش»تىن ئېتىلىپ چىققانىدى. بۇ قورام تاش دەل ئەيسا مەسىھ ئىدى. 5شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن خۇرسەن بولمىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.

6ئەجدادلىرىمىزدەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئالايلى. 7سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتپەرەسلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇلار ئولتۇرۇپ، خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى»* دەپ يېزىلغاندۇر. 8بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار شۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر كۈندە 23 مىڭى ھالاك بولغانىدى. 9بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك رەببىمىزنى سىنىمايلى. ئۇ چاغدا رەببىمىزنى سىنىغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى. 10بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن ئاغرىنمايلى. ئۇ چاغدا خۇدادىن ئاغرىنغانلار جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 11ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىلەپ قالدۇرۇلۇشى ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. 12شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇۋاتىمەن دەپ ئويلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن. 13سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەندۇر. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا دۇچار قىلمايدۇ. سىلەر سىناققا دۇچ كەلگەندە بەرداشلىق بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن خۇدا سىلەرگە چىقىش يولى ئېچىپ بېرىدۇ.

14شۇ سەۋەبتىن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار. 15سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن. ئېيتقانلىرىمغا ئۆزۈڭلار باھا بېرىڭلار. 16بىز رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر داستىخاندا جەم بولۇپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، پىيالىدىكى شارابنى ئىچكەندە، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىغا شېرىك بولىمىز. بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېگەندە، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان بولغان تېنىغا شېرىك بولىمىز. 17بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، لېكىن ھەممىمىز بىر تەندۇرمىز، چۈنكى ھەممىمىز بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېدۇق.

18ئىسرائىللارغا قاراڭلار، ئۇلارنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشى ئىبادەتتۇر. 19مېنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىم «بۇتقا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ ئەھمىيىتى بار» ياكى «بۇت ھەقىقىي خۇدا» دېگەنلىكمۇ؟ 20ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇتپەرەسلەر قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن شېرىك بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. 21سىلەر رەببىمىزنىڭ پىيالىسىدىن ھەم جىنلارنىڭ پىيالىسىدىن ئىچسەڭلار، شۇنداقلا رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. 22سىلەر رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقچىمۇ؟ سىلەر رەببىمىزدىن كۈچلۈكمۇ؟

ئېتىقادچىلارنىڭ ئەركىنلىكى

23بەزىلەر ئېتىقادىمىزدىكى ئەركىنلىكنى چۈشەنمەي: «ھەرقانداق ئىشنى قىلسام بولىدۇ» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ھەممە ئىش پايدىلىق بولىۋەرمەيدۇ. بەزىلەر: «ھەرقانداق ئىشنى قىلسام بولىدۇ» دەيدۇ. لېكىن بۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 24ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئويلىشى كېرەك.

25گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغانمۇ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ، ۋىجدانىڭلارنى ئازابلاپ يۈرمەي، يەۋېرىڭلار. 26چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغاندۇر: «پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات.» 27ئەگەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بىر كىشىنىڭ زىياپەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلساڭلار، ئالدىڭلارغا قويۇلغان نەرسىلەرنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغانمۇ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ، ۋىجدانىڭلارنى ئازابلاپ يۈرمەي يەۋېرىڭلار. 28لېكىن باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ بۇتقا قۇربانلىق قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىنى ئازابلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. 29بۇ يەردە سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىنى دېمەكچىمەن.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانى مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى چەكلەيدۇ؟ 30ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن يېمەكلىك سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىمەن؟ 31دېمەك، مەيلى نېمە يەپ، نېمە ئىچىڭلار، مەيلى قانداق ئىش قىلىڭلار، ھەممىنى خۇدانىڭ شەرىپى ئۈچۈن قىلىڭلار. 32مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، ئۇلارنى پۇتلىماڭلار. 33ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى مەن ئۆز مەنپەئەتىمنى ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيمەن.

11

1مەن ئەيسا مەسىھنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار.

ئىبادەت قائىدىلىرى

2دائىم مېنى ئەسلەپ تۇرغىنىڭلار ۋە مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرگە ئەمەل قىلغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ماختايمەن. 3لېكىن شۇنىمۇ بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەيسا مەسىھ ئەرلەرنىڭ بېشى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ بېشى، خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ بېشىدۇر. 4شۇڭا بىر ئەر ئىبادەت قىلغاندا بېشىغا بىرنېمە كىيىپ دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇ ئۆز بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. 5بىر ئايال بېشىغا بىر نەرسە ئارتماي دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇمۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار بىلەن چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئاياللارنىڭ ھېچبىر پەرقى يوقتۇر. 6ئەگەر ئاياللار بېشىغا بىر نەرسە ئارتىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار چېچىنى كەستۈرۈۋەتسۇن. چۈنكى ئاياللارنىڭ چېچىنىڭ كېسىلىشى ياكى چۈشۈرۈلۈشى نومۇسلۇق ئىشتۇر. شۇڭا ئۇلار ئىبادەتكە قاتناشقاندا، بېشىغا بىرنېمە ئارتسۇن. 7لېكىن ئەرلەر ئىبادەت قىلغاندا، بېشىغا بىر نەرسە كىيمىسۇن. چۈنكى ئەرلەر خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بولۇپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 8چۈنكى ئىنسان يارىتىلغان چاغدا، ئەر ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىن يارىتىلغاندۇر. 9شۇنداقلا، ئەر ئايال ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 10شۇڭا ئاياللار پەرىشتىلەر ئۈچۈن بېشىنى يېپىش مەسىلىسىدە توغرا قارار چىقارسۇن. 11ھالبۇكى، رەببىمىزگە باغلانغان يېڭى ھاياتتا ئاياللار ئەرلەردىن، ئەرلەرمۇ ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ. 12چۈنكى ئايال ئەردىن يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەر ئايالدىن تۇغۇلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر.

13ئېيتىڭلارچۇ، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىر نەرسە ئارتماي تۇرۇپ، خۇداغا دۇئا قىلىشى توغرىمۇ؟ 14سىلەرنىڭ ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنىڭ نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار تەبئىي بىر ئىشقۇ؟ 15لېكىن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشى ئۇلارنىڭ شەرىپىدۇر. چۈنكى ئۇزۇن چاچ ئۇلارنىڭ بېشىنى يېپىپ تۇرىدۇ. 16بۇ سۆزلەرگە قارشى چىققۇچىلارغا مەن شۇنداق دەيمەنكى، بۇ بىز ۋە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى جامائەت ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدىدۇر.

رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان داستىخان

17تۆۋەندىكى ئىشلارغا كەلسەك، مەن بۇ توغرىسىدا سىلەرنى ماختىيالمايمەن. چۈنكى سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. 18بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەت ئۈچۈن جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. 19ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بۆلۈنۈش بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 20سىلەر رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان داستىخاندا جەم بولىمىز دەيدىكەنسىلەر، لېكىن رەببىمىز ئۈچۈن جەم بولمايدىكەنسىلەر. 21چۈنكى سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ساقلىماي، ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئۆزۈڭلار يەۋېرىدىكەنسىلەر. بەزىلەر قانغۇچە يەپ-ئىچىپ مەست بولىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئاچ قالىدىكەن. 22ئەگەر يەپ-ئىچمەكچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆيلىرى بار ئەمەسمۇ؟ ياكى سىلەر بۇ يەرگە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى كەمسىتىش ۋە يەيدىغان نەرسىسى يوقلارنى خىجىل قىلىش ئۈچۈن جەم بولدۇڭلارمۇ؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى ماختايمۇ؟ ياق، بۇ ئىشتا سىلەرنى ھەرگىز ماختىيالمايمەن!

23رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ، 24خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ناندىن يەڭلار» دېدى. 25خۇددى شۇنىڭدەك، تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە بىر پىيالە شارابنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ پىيالىدىكى شاراب مېنىڭ قېنىم ئارقىلىق تۈزۈلىدىغان يېڭى ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەر قېتىم بۇ شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا مېنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار» دېدى. 26شۇنىڭ ئۈچۈن تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ پىيالىدىكى شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولىسىلەر.

27ئەگەر كىمدىكىم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولۇپ، ھۆرمەتسىز ھالدا ناندىن يەپ، پىيالىدىكى شارابتىن ئىچسە، ئۇ رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى ۋە ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلمەيدىغان گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 28شۇڭا ھەركىم ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن، ئاندىن ناندىن يەپ، پىيالىدىكى شارابتىن ئىچسۇن. 29ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمىسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ.* 30شۇڭا بىرمۇنچىڭلار جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ، ئاغرىپ قالدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر ئۆلۈپ كەتتى. 31ئەگەر ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرگەن بولساقىدۇق، بۇنداق جازالارغا ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. 32لېكىن گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيەلەۋاتىدۇ.

33شۇڭا قېرىنداشلار، رەببىمىزنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە سېلىنغان داستىخانغا داخىل بولۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە بىر-بىرىڭلارنى ساقلاڭلار. 34بۇنداق يىغىلىش سىلەرنىڭ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى ئۆيىدە تويغۇزۇپ كەلسۇن. باشقا مەسىلىلەرگە كەلسەك، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سۆزلىشىمىز.

12

مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيەلەر

1قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيەلەر توغرىسىدا سىلەرنىڭ خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. 2سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئېزىپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانىدىڭلار. 3شۇڭا يەنە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت بولسۇن!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىسىز ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.

4مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيەلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر. 5رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر. 6قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ يوللىرىمۇ خىلمۇخىلدۇر، لېكىن ھەربىر ئىنسانغا بۇ خىزمەتلەرنى قىلىش قابىلىيىتىنى بەرگەن خۇدا بىردۇر. 7مۇقەددەس روھ پۈتۈن جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت بېرىدۇ. 8مۇقەددەس روھ بىرىگە ئاقىلانە مەسلىھەت بېرىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىمنى بېرىدۇ. 9بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچنى بەرسە، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ. 10بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش قابىلىيىتىنى ۋە يەنە بىرىگە بۇ تىللاردا دېيىلگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. 11بۇ قابىلىيەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائىتى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىدۇر

12گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ، ئۇلارمۇ بىر تەندۇر. 13چۈنكى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھقا چۆمۈلۈپ، بىر تەننىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇق ۋە مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق.

14تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 15پۇت: «قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسىمۇ، ئۇ يەنىلا تەننىڭ بىر قىسمىدۇر. 16قۇلاق: «كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسىمۇ، ئۇمۇ يەنىلا تەننىڭ بىر قىسمىدۇر. 17ئەگەر پۈتۈن تەن كۆز بولسا، قايسى يېرى بىلەن ئاڭلايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قايسى يېرى بىلەن سېزىدۇ؟ 18ھالبۇكى، خۇدا تېنىمىزدىكى ھەربىر ئەزانى ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. 19ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بىر ئەزا بولغان بولسا، ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولسۇن؟ 20دېمەك، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىرلا تەندۇر.

21شۇڭا كۆز قولغا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دېيەلمەيدۇ. ياكى باش پۇتقا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق!» دېيەلمەيدۇ. 22دەل ئەكسىچە، تەننىڭ ئاجىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. 23تەننىڭ كۆرۈمسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز. 24ئۇياتلىق بولمىغان ئەزالىرىمىزنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. خۇدا تېنىمىزدىكى قەدىرسىز ھېسابلانغان ئەزالارنىڭ تېخىمۇ قەدىرلىنىشى ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. 25بۇنىڭدىكى مەقسەت، تەننىڭ بۆلۈنمەسلىكى، ئەكسىچە ئەزالارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش ئېتىبار بېرىلىشى ئۈچۈندۇر. 26ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.

27دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغان ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر. 28شۇڭا خۇدا ئېتىقادچىلار جامائىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئەلچىلەرنى، ئىككىنچى بولۇپ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى. 29ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىمۇ؟ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىمۇ؟ ھەممىسى تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممىسى مۆجىزە كۆرسىتەلەمدۇ؟ 30ھەممىسى كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگىمۇ؟ ھەممىسى ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەممىسى بۇ تىللاردا دېيىلگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. 31سىلەر كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان قابىلىيەتلەرگە ئېرىشىشكە ئىنتىلىڭلار. لېكىن سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرنى ياخشى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ھەممىدىن ياخشى بىر يولنى كۆرسىتەي.

13

مېھىر-مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر

1گەرچە مەن يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، مەن قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراققا ئوخشاپ قالىمەن. 2گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغاتقۇدەك چەكسىز ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالىمەن. 3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا شەرەپكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىيىن-قىستاقلارغا قېلىشقا رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، قىلغانلىرىمنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە كۆيۈمچاندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ.

8مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ھامان توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 9چۈنكى بۇ ئالاھىدە بىلىملەر چەكلىكتۇر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزمۇ چەكلىكتۇر. 10لېكىن مۇكەممەللىك يېتىپ كەلگەندە، چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 11بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە پىكىر قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بۇ خىل بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر. 12بىز ھازىر ئەينەكتىكى ئەكسنى كۆرىمىز. لېكىن مۇكەممەللىك يېتىپ كەلگەندە، يۈزمۇيۈز كۆرۈشىمىز. ھازىر مېنىڭ بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر. لېكىن ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن. 13مانا ھازىر ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەت مەۋجۇتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە مېھىر-مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغىدۇر.

14

مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيەلەردىن پايدىلىنىش

1شۇڭا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشقا تىرىشىڭلار، ھەمدە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيەلەرگە، بولۇپمۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. 2بىر كىشى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىسە، ئۇ باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن تۈرلۈك سىرلىق ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. 3خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلھاملىنىشى ۋە تەسەللى تېپىشى ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. 4نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئېتىقادتا ئۆز-ئۆزىنى يېتىلدۈرىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. 5ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.

6ئەمدى قېرىنداشلار، ئەگەر مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، ئۆز تىلىڭلاردا سىلەرگە خۇدا تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنى، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم، ۋەھىي ياكى بىرەر تەلىمنى يەتكۈزمەي، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن پەقەت نامەلۇم تىلدا سۆزلىسەم، سىلەرگە نېمە پايدام بولسۇن؟ 7شۇنىڭدەك، ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەسىلەن نەي ياكى چىلتارمۇ ئېنىق ئاھاڭ چىقارمىسا، ھېچكىم ئۇنىڭ مۇزىكا ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدىغۇ؟ 8جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىرەر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، ھېچكىم جەڭگە ھازىرلانمايدىغۇ؟ 9شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلىمىسەڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ ئۇ چاغدا ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. 10شۈبھىسىزكى، دۇنيادا خىلمۇخىل تىللار بار ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىكسىز ئەمەس. 11بىراق مەلۇم بىر ئادەمنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەم، ئۇ ماڭا يات تۇيۇلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا يات تۇيۇلىمەن. 12سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا سىلەر ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئېتىقادىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار.

13شۇڭا ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. 14چۈنكى بىر كىشى ئۇنداق تىلدا دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ روھى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇداغا دۇئا قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز ئەقىل-ئىدراكى بىلەن بۇ دۇئانى چۈشىنەلمەيدۇ. 15ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش بىلەن، يەنە بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن دۇئا قىلسۇن. شۇنداقلا، ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ئارقىلىق خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 16ئەگەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە نامەلۇم بولغان تىلدىلا خۇداغا شۈكۈر ئېيتساڭ، جامائەت سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار ئېيتقان شۈكۈر دۇئالىرىڭغا قانداقمۇ ئامىن دېيەلىسۇن؟ 17شۇڭا سەن ھەرقانچە ياخشى شۈكۈر دۇئاسى قىلساڭمۇ، لېكىن بۇ دۇئالار ھېچكىمنىڭ ئېتىقادىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 18مەن شەخسەن ئۆزۈم بۇنداق نامەلۇم تىلدا ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 19لېكىن ئېتىقادچىلار جامائىتىدە باشقىلارنىڭ تەلىم ئېلىشى ئۈچۈن نامەلۇم تىلدا ئون مىڭ ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان تىلدا بەش ئېغىز سۆزلىگىنىم ياخشىدۇر.

20قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار. لېكىن ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن. 21مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن:

 

«غەيرىي تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنىڭ،

يەنى يات خەلقلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۆزلەيمەن خەلقىمگە.

بىراق ئۇلار يەنىلا ئىتائەت قىلماس ماڭا.»

 

22بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەش خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قىلمايدىغانلار ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، يەنى خۇدانىڭ ئۇلارغا يار ئىكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. 23ئەگەر پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتى جەم بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا نامەلۇم تىلدا سۆزلەۋەرسە، بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلەشتىن خەۋىرى بولمىغانلار ياكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىلىرىغا كىرىپ قالسا: «ئۇلار ساراڭ بولۇپ قاپتۇ!» دېيىشمەمدۇ؟ 24لېكىن ئېتىقادچىلار جامائىتى ئوخشاش بىر تىلدا خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈۋاتقاندا خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ياكى ئەھۋالدىن خەۋىرى بولمىغان بىرى ئارىلىرىغا كىرىپ قالسا، ئۇ ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ 25ۋە ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىپ: «خۇدا ھەقىقەتەن ئۇلارغا يار ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائىتى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر

26قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن ھەممە ئىشلار جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن. 27ئەگەر ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىمەكچى بولغانلار بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ياكى ئۈچ كىشى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن. باشقا بىرى دېيىلگەن بۇ سۆزلەرنى چۈشەندۈرسۇن. 28يىغىلىشىڭلاردا بۇنى چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشى بولمىسا، ئۇلار جامائەتكە بۇنداق تىلدا سۆزلىمەي، ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا سۆزلىسۇن. 29خۇدانىڭ ۋەھىيسىنىمۇ ئىككى ياكى ئۈچ كىشى يەتكۈزسۇن، باشقىلار ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەنلىرىنىڭ خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرسۇن. 30يىغىلغان جامائەتنىڭ بىرىگە خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى جىم بولۇپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. 31خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەر ۋەھىينى نۆۋەت بىلەن يەتكۈزسە بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەممىڭلار تەلىم ۋە ئىلھام ئالالايسىلەر. 32كىشىلەر خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىگە ئىگەدۇر. 33جەم بولۇپ ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا، قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن. چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. مەن بىلىدىغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئەنە شۇنداقتۇر.

34ئاياللار جامائەتنىڭ يىغىلىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەشمىسۇن، شۈك ئولتۇرسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆزلىشى رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك ئىتائەتچان بولسۇن. 35ئۇلار بىلمەكچى بولغان بىرەر نەرسە بولسا، ئۆيدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن. چۈنكى يىغىلىشتا تەرتىپنى بۇزۇپ سۆزلەش ئاياللارغا ياراشمايدۇ.

36سىلەر خۇدا توغرىسىدىكى تەلىمنىڭ مەنبەسى بىزدۇرمىز ياكى بۇ تەلىم يالغۇز بىزگىلا يېتىپ كەلگەن دەپ ئويلامسىلەر؟ بۇنداق ئويلىشىڭلار دۇرۇس ئەمەس! 37ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى ياكى ئېتىقاد جەھەتتە يېتىلگەن دەپ قارىساڭلار، ئۇنداقتا مېنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمنىڭ رەببىمىزنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭلار. 38ئەگەر سىلەر بۇ ئەمرگە ئەھمىيەت بەرمىسەڭلار، سىلەرمۇ ئەھمىيەتكە ئېلىنمايسىلەر.

39شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىرىم، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشكە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەشنىمۇ چەكلىمەڭلار. 40لېكىن ھەممە ئىشلار تەرتىپلىك ۋە قائىدىلىك بولسۇن.

15

ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى

1قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 2مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەردە چىڭ تۇرساڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.

3‏-4مەن قوبۇل قىلغان ۋە سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەڭ مۇھىم سۆزلەر مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولۇشى ۋە ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ھەققىدىدۇر. 5ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى. 6كېيىن بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا كۆرۈندى. ھازىر بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات. 7‏-8ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدىغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 9مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن، ھەمدە خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن. 10لېكىن ھازىر مېنىڭ ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىدىن بولدى. خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى خۇدانىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ بەرگەن قابىلىيىتى بىلەن ئىشلىدىم. 11دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.

ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ تىرىلىشى

12ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردا بەزىلەر «ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلمەيدۇ» دەيدۇ؟ 13ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. 14ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، بىزنىڭ يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ قىلغان ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولاتتى. 15ھەتتا بىزنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقىمىزمۇ يالغان بولاتتى. چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدامۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. 16ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭمۇ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 17ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار ئەھمىيەتسىز بولاتتى ۋە گۇناھلىرىڭلارمۇ تېخىچە كەچۈرۈلمىگەن بولاتتى. 18ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى. 19ئەگەر بىز پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە كىشىلەردىن بولۇپ قالىمىز.

20ئەمەلىيەتتە، ئەيسا مەسىھ ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىدىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇلدۇر. 21چۈنكى ئۆلۈم بىر ئادەم، يەنى ئادەمئاتا ئارقىلىق دۇنيادا پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەيدا بولدى. 22پۈتكۈل ئىنسان ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز. 23بىراق ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. تۇنجى ھوسۇل ئەيسا مەسىھتۇر. كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ. 24ئاندىن قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھ پانىي ۋە باقىي دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە باشقا كۈچلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 25ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 26يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر. 27مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ئۇنىڭغا ھەممىنى تىز پۈكتۈردى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان «ھەممىنى» دېگەن سۆزنىڭ خۇدانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى خۇدا پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھكە تىز پۈكتۈردى. 28پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھكە تىز پۈككەندە، خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئەيسا مەسىھمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن خۇداغا تىز پۈكىدۇ. ئۇ چاغدا خۇدا ھەممىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.

29ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ناۋادا ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ 30بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ھەر دائىم خەتەرگە ئاتىمىز؟ 31مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، بۇ رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن پەخىرلەنگىنىمگە ئوخشاش راستتۇر. 32مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ ئۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشقىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!

33بۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، «يامان بىلەن دوست بولساڭ، يالىسى يۇقار.» 34ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن دەپ ئېيتىۋاتىمەن.

تىرىلگەندىن كېيىنكى تەن

35لېكىن بەزىلەر: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەم تىرىلسە، ئۇنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. 36نېمىدېگەن ئەخمىقانە سوئال! ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى خۇددى ئۇرۇقنىڭ توپىغا تاشلىنىپ، چىرىپ، ئاندىن قايتا بىخ سۈرۈپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ. 37بۇغداي بولامدۇ ياكى باشقا بىر ئۆسۈملۈك بولامدۇ، يەرگە تېرىيدىغىنىڭ ئۆسۈپ چىققان ئۆسۈملۈك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۇرۇقىدۇر. 38خۇدا ھەربىر ئۇرۇققا ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆز نەسلىگە خاس تەن بېرىدۇ. 39ھەربىر ئۇرۇقنىڭ تېنى ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەممە جانلىقلارنىڭ تېنىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، قۇشلارنىڭ ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. 40ئاسماندىمۇ، يەردىمۇ نەرسىلەر بار. ئەمما ئاسماندىكى نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكى باشقا، يەردىكى نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكى باشقىدۇر. 41قۇياشنىڭ گۈزەللىكى، ئاينىڭ گۈزەللىكى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەللىكلىرىمۇ باشقىدۇر. گۈزەللىكتە يۇلتۇزمۇ يۇلتۇزدىن پەرقلىنىدۇ.

42ئىنساننىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلگەن تېنىمىز مەڭگۈ چىرىمەيدۇ. 43تېنىمىز شەرەپسىز ھالدا كۆمۈلىدۇ، شەرەپ بىلەن تىرىلىدۇ. ئاجىز ھالدا كۆمۈلىدۇ، قۇدرەت بىلەن تىرىلىدۇ. 44جىسمانىي تەن ھالىتىدە كۆمۈلىدۇ، لېكىن روھىي تەن ھالىتىدە تىرىلىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس جىسمانىي تېنىمىز بولغىنىدەك، ئۇ دۇنياغا خاس روھىي تېنىمىزمۇ بولىدۇ. 45بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئادەم، يەنى ئادەمئاتا ھاياتلىققا ئېرىشتى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەمئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بىزگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلدى. 46ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغان تەن ئۇ دۇنياغا خاس تەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنياغا خاس تەندۇر. كېيىن پەيدا بولغان تەن بولسا ئۇ دۇنياغا خاس روھىي تەندۇر. 47دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى. 48بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپىدىن يارىتىلغان ئادەمئاتىغا ئوخشايدۇ. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلار ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكە ئوخشايدۇ. 49بىزلەر توپىدىن يارىتىلغان ئادەمئاتىغا قانداق ئوخشىغان بولساق، كەلگۈسىدە ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكىمۇ شۇنداق ئوخشايمىز.

50قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلىدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. 51ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان سىرنى سىلەرگە ئېيتاي، بىز ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز. 52بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تېزلا يۈز بېرىدۇ. كاناينىڭ چېلىنىشى بىلەنلا ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز. 53چۈنكى چىرىيدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان تەنگە، ئۆلىدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلىنىدۇ. 54ئۆلىدىغان ۋە چىرىيدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان ۋە چىرىمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ:

 

«ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»

55«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى!

ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»

 

56ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ. 57لېكىن خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.

58شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىڭلار.

16

يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا ئىئانە بېرىش توغرىسىدا

1خېتىڭلاردا يېزىلغان يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا بېرىلىدىغان ئىئانە ئىشىغا كەلسەك، گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتكە تاپىلىغانلىرىمنى سىلەرمۇ ئورۇنداڭلار. 2ھەر يەكشەنبە كۈنى ھەممىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلاشقا ئېھتىياجلىق بولمايمەن. 3مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، كىملەرنى ئىئانىنى ئېلىپ بېرىشقا تاللىغان بولساڭلار، شۇلارنى تونۇشتۇرۇش خېتىم بىلەن بىرگە يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتىمەن. 4ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېرىشىغا توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن بىرگە بارىمەن.

پاۋلۇسنىڭ پىلانلىرى

5مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتمەكچىمەن. ماكېدونىيە زىيارىتىدىن كېيىن يېنىڭلارغا بارىمەن. 6بەلكىم يېنىڭلاردا بىر مەزگىل تۇرۇشۇم ۋە ھەتتا قىشنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، مەن نەگىلا بارماقچى بولسام، سىلەر مېنى يولغا سېلىپ قويالايسىلەر. 7بۇ قېتىم سىلەرنى سەپەر ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن. خۇدا بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىر مەزگىل بىرگە بولىمەن.

8لېكىن ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرىمەن. 9چۈنكى بۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشىك ماڭا كەڭ ئوچۇقتۇر. كۆپ كىشىلەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، لېكىن قارشى تۇرۇۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ.

10تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرغاندا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ئۇ ئاراڭلاردا خاتىرجەم يۈرسۇن. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 11ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى ساق-سالامەت يېنىمغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىرگە كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمەن.

12قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەك، ئۇنى قېرىنداشلار بىلەن بىرگە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلدىم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىر ھېچ بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.

ئاخىرقى سۆزلەر

13قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار. 14ھەممە ئىشنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىڭلار.

15‏-16يۇنان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئېتىقادچى بولغان ئىستىپاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەببىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.

17يېنىڭلاردىن ئىستىپاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاخايكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇش بولدۇم. سىلەر مەن بىلەن بىرگە بولالمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا ماڭا ياردەم قىلدى. 18ئۇلار سىلەرنى روھلاندۇرغاندەك، مېنىمۇ روھلاندۇردى. بۇنداق كىشىلەرنى قەدىرلەڭلار.

19بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيدە جەم بولىدىغان جامائەت سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى. 20بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىڭلار.

21مەنكى پاۋلۇس بۇ خەتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم.

22رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، سېنىڭ كېلىشىڭنى ئارزۇ قىلىمىز!

23رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي. 24مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئامىن!


8: 1 كورىنتلىقلار بۇتپەرەس بولۇپ، بۇتلارغا چوقۇناتتى ۋە بۇتلارغا ئاتاپ قىلىنغان نەزىرنىڭ گۆشىنى يەيتتى. كورىنتلىقلارنىڭ توي ۋە باشقا مۇراسىملىرىمۇ بۇتخانىلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇتقا ئاتاپ قىلىنغان نەزىرنىڭ گۆشلىرى داستىخانغا قويۇلاتتى. ئۇ چاغدا بۇنداق گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك ۋە بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولغانىدى.

10: 7 خەلق ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتقا قۇربانلىق قىلىپ، يەپ-ئىچىپ، كەيپ-ساپا قىلىشقان («مىسىردىن چىقىش» 30: 6).

11: 29 بۇ جۈملىنى تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار: «ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغاندا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولغان تېنىگە ھۆرمەت قىلمىسا، ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ.»