كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت

1

1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن 2كولوسى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە سادىق بولغان قېرىنداشلارغا، يەنى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە سالام.

خۇدائاتىمىز سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر دۇئاسى

3بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز. 4چۈنكى بىز سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردىن ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق. 5سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار سىلەرنىڭ ئەرشتىكى يېڭى ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەندۇر. سىلەر خۇش خەۋەرنى، يەنى ھەقىقەت توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئۈمىد قىلغان يېڭى ھاياتىڭلارنى كۈتۈپ كەلدىڭلار. 6بۇ خۇش خەۋەر سىلەرگە يېتىپ بارغاندا، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. بۇ خۇش خەۋەردىن پەقەت سىلەرلا خەۋەردار بولمىدىڭلار، بەلكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارالماقتا ۋە ئۈزلۈكسىز مېۋە بەرمەكتە. 7سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافراستىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 8ئۇ يەنە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلغان ۋە ئاراڭلاردا نامايان بولۇۋاتقان مېھىر-مۇھەببەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلدى.

كولوسىلىقلارغا قىلىنغان دۇئا

9شۇڭا بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشۇڭلارنى تىلىدۇق. 10شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر، ھەمدە ھاياتىڭلاردا قىلغان ھەربىر ئەمەللىرىڭلار ياخشى مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسىلەر. 11بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر، ھەمدە خۇشاللىققا چۆمۈپ، 12خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى. 13ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى. 14دېمەك، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى، يەنى گۇناھقا قۇل بولۇشتىن ئازاد بولدۇق.

ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى

15ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 16چۈنكى مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغاندۇر. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 17ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 18ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بېشىدۇر. ئۇ باشلىغۇچىدۇر، ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا تىرىلدۈرۈلدى. 19خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىدىن سۆيۈندى. 20خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىشىغا يول ئاچتى. خۇدا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق مەۋجۇدات بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بەرپا قىلدى.

21ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار. 22بىراق ھازىر خۇدا ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆلۈمى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىش يولىنى ئاچتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، سىلەرنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز ھالدا ئېلىپ كىرىشتۇر. 23

٪٪

لېكىن ٪ ھالبۇكى؟؟ ٪ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا دائىم چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن قەتئىي ۋاز كەچمەڭلار.

٪

لېكىن ٪ ھالبۇكى؟؟ ٪ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا دائىم چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرمىساڭلار بولمايدۇ ۋە خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن قەتئىي ۋاز كەچسەڭلار بولمايدۇ.

بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.

پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادچىلار جامائىتىگە قىلغان خىزمىتى

24

٪٪

مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتى تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتىمەن.

٪

مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتى تارتىشقا تېگىشلىك بولغان )قېلىپ قالغان* ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتىمەن.

25خۇدا مېنى خوش خەۋەرنى سىلەرگە تولۇق يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ تەيىنلىدى. 26بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاشكارىلاندى. 27خۇدا بۇ سىرنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشنى خالىدى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر. 28شۇڭا بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشقا ۋە تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇلارنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ ئېلىپ بېرىشتۇر. 29بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.

2

1مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ئۈچۈن، ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 2مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىشىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر.

٪٪

شۇنداق بولغاندا، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەنگىنىڭلارغا ئىشەنچىڭلار كامىل بولۇپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.

٪

مەن سىلەرنىڭ خۇدانىڭ سىرلىق پىلانىنى، يەنى مەسىھنى چۈشەنگەنلىكىڭلارغا تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

٪

سىلەر ھەقىقەتنى تولۇق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشتىن ھاسىل بولىدىغان كامىل ئىشەنچكە ئىگە بولىسىلەر ھەم خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.

٪ NLT

مەن ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ سىرلىق پىلانىنى، يەنى مەسىھنى چۈشەنگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلىشىنى خالايمەن.

3بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەندۇر. 4ھېچكىمنىڭ سىلەرنى گەپدانلىق بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن. 5چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولدۇم.

ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن يېڭى ھايات

6سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار. 7ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا سېلىنغان ئىمارەتكە ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. ئالغان تەلىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن. 8ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇنداق گەپلەر ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ* تەسىرلىرىدىن كېلىدۇ. 9خۇدانىڭ بارلىق تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر. 10سىلەر روھ دۇنياسىدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ٪٪ ھاياتىڭلار مۇكەممەلدۇر ٪ ھاياتىڭلارنىڭ توققۇزى تەلدۇر | ھاياتىڭلاردا كەمتۈكلۈك يوقتۇر. | ٪٪

11سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر. 12سىلەر چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆمۈلدۈڭلار. سىلەر ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. 13سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق خۇدا سىلەرنىڭ پۈتۈن گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. 14ئەيسا مەسىھ كرېستكە مىخلانغاندا، خۇدا گۇناھلىرىمىز خاتىرىلەنگەن، يەنى بىزگە قارشى بولغان ھېساب-كىتابنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلاپ، بىكار قىلدى. 15شۇنداق قىلىپ، خۇدا يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى.

16شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-ئايەم، يېڭى ئاي بايراملىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى جەھەتتە ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقى يوق. 17بۇنداق قائىدە-يوسۇنلار ئەيسا مەسىھ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلارنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. بۇ ئىشلار ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشتى. 18ساختا ٪٪ كەمتەرلىك ٪ تەقۋادارلىق ٪٪ قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا سىلەرنى ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. 19ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە ئۆزئارا چىڭ تۇتۇشۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

20‏-21سىلەر ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ئۆلدۈڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئازاد قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ «بۇنى تۇتما»، «ئاۋۇنى يېمە»، «بۇنىڭغا تەگمە» دېگەندەك قائىدە-يوسۇنلىرىغا يېپىشىۋالىسىلەر؟ 22بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بولۇپ، بۇ قائىدە-يوسۇنلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇق ۋە تەلىملىرىدىن پەيدا بولغاندۇر. 23

٪٪

روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان تەقۋادارلىق، ساختا كەمتەرلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

٪

روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان دىنىي قائىدە-يوسۇنلار، ساختا ئىخلاسمەنلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

٪

adams preference

روشەنكى، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىن پەيدا بولغان ساختا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

3

كونا ۋە يېڭى ھايات

1ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. 2سىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئىشلارغا باش قاتۇرۇڭلار. 3چۈنكى سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلۈكسىلەر. يېڭى ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر. 4ئەيسا مەسىھ ھاياتىڭلاردۇر. ئۇ قايتىپ كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ شان-شەرىپىدە ئايان بولىسىلەر.

5شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس بولغان ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىللىك ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 7بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىللىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار. 8ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆز قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 9شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى سىلەر بۇرۇنقى قىلمىشىڭلارنى كونا ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە چۆرۈپ تاشلاپ، 10يېڭى ئۆزۈڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ پەزىلىتى بويىچە يېڭىلانغانسېرى خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ. 11بۇ يېڭى ھاياتتا يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي بولماسلىق، خەتنە قىلىنغان بولۇش ياكى قىلىنمىغان بولۇش، مەدەنىيەتسىز، ھەتتا ياۋايى* بولۇش، قۇل ياكى ھۆر بولۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.

12سىلەر خۇدا تاللىغان ۋە خۇداغا ئاتالغان سۆيۈملۈك خەلقتۇرسىلەر. شۇڭا سىلەر رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. 13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، ھەقىقىي ئىناقلىققا باشلايدۇ. 15ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، تىنچلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 16ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا ئەقىل-پاراسىتىڭلار بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا ئاتاپ زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلارنى ئېيتىڭلار. 17مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.

يېڭى ھاياتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر

18ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. 19ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار. 20ئەي بالىلار، ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى بۇ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. 21ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارغا بولغان مۇئامىلەڭلار ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويمىسۇن. ئۇنداق قىلساڭلار پەرزەنتىڭلار چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

22ئەي قۇللار، ھەممە ئىشتا بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار. 23ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. ھەممە ئىشنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 24ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر. 25مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يامان ئىش قىلسا، قىلغان يامان ئىشىغا يارىشا جازاغا تارتىلىدۇ.

4

1ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

نەسىھەتلەر

2دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 3بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلانغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ سىرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم. 4مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار.

5ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار. 6ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر.

ئاخىرقى سالام

7رەببىمىزنىڭ يولىدا مەن بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، يەنى قەدىرلىك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. 8ئۇنى سىلەرگە ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. 9سادىق ۋە قەدىرلىك قېرىندىشىمىز ھەم سىلەرنىڭ يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.

10مەن بىلەن بىرگە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇستىن، شۇنداقلا بارنابانىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.) 11يۇستۇس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىسامۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە يەھۇدىيلاردىن بولغان ئېتىقادچىلار پەقەت مۇشۇلارلا بولۇپ، ئۇلار ماڭا چوڭ تەسەللى بېرىشتى.

12ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافراستىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار ۋە خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا. 13ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن ھەمدە لائودىكىيا ۋە ھېيراپولىس شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا سىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. 14قەدىرلىك تېۋىپ لۇقا ۋە دېماسمۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى.

15لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ نىمفە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە سالام ئېيتقايسىلەر. 16بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئىچىدىمۇ ئوقۇلسۇن. سىلەر يەنە لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يازغان خېتىمنىمۇ ئوقۇڭلار. 17ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن.

18مەنكى پاۋلۇس بۇ خەتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


2: 8 ياكى «بۇ دۇنيادىكى ئارتۇقچە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ».

3: 11 ياۋايى _ ئەسلى تېكستىكى سۆز «سكىف» بولۇپ، قارا دېڭىز بىلەن كاسپى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا ياشىغان بىر خەلقنى كۆرسىتىدۇ. گرېكلار بۇ خەلقنى ناھايىتى مەدەنىيەتسىز ۋە ياۋايى خەلق دەپ قارىغان.