ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت

1

ئوغۇل پەرىشتىلەردىن ئۈستۈندۇر

1قەدىمكى زامانلاردا خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى. 2ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى. 3ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇردۇر ۋە ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالماقتا. ئۇ ئىنسانلارغا گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 4دېمەك، ئوغۇل پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئوغۇلغا بېرىلگەن مەرتىۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر.

5چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.»* بۇ سۆزنى خۇدا ھېچقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنمۇ ئەمەس. 6ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بىردىنبىر ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «پۈتكۈل پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەنىدى.

7خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «شامال قىلىمەن پەرىشتىلىرىمنى، ئوت يالقۇنى قىلىمەن خىزمەتكارلىرىمنى» دېگەن بولسا، 8ئوغلى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

 

«ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

سەلتەنەت ھاساڭ ئادالەت ھاسىسىدۇر.

9ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى،

شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى.

ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.»

 

10خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 

«ئى رەب، دۇنيانى ياراتقانىدىڭ ئەلمىساقتا،*

ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.

11ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ،

لېكىن سەن مەڭگۈ مەۋجۇتتۇرسەن.

ئاسمان-زېمىن گويا كىيىمدەك كونىرايدۇ.

12ئۇلارنى خۇددى چاپاننى پۈرلەپ يىغىشتۇرغاندەك يىغىشتۇرىسەن.

ئاسمان-زېمىنمۇ خۇددى كىيىمدەك ئۆزگىرىدۇ،

لېكىن ئۆزگەرمەيسەن پەقەت سەنلا.

يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئەسلا.»

 

13خۇدا ئۆز ئوغلىغا دېگەن تۆۋەندىكى سۆزنى پەرىشتىلەرنىڭ بىرەرسىگە دەپ باققان ئەمەس:

 

«سەن ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

كۈتكىن تاشلىشىمنى دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.»

 

14دېمەك، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خىزمەتكارلاردۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.

2

قۇتقۇزۇلۇشقا سەل قارىماسلىق

1شۇڭا بىز ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. 2پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن تەۋرات قانۇنغا بويسۇنمىغان ۋە خىلاپلىق قىلغان ئادەملەر ھەر بىر قىلمىشىغا يارىشا جازالاندى. 3ئەگەر بىز خۇدانىڭ ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشىغا سەل قارىساق، جازادىن قانداقمۇ قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى ئەڭ دەسلەپ رەببىمىز جاكارلىدى. بۇ خەۋەرنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەردى. 4خۇدامۇ گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ ھەر خىل مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارنى قىلدى. شۇنداقلا، ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئىرادىسى بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيەلىرىنى ئاتا قىلدى.

ئىنسانلارنى نىجاتلىققا باشلىغۇچى

5خۇدا مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق. 6بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىرىدە مۇنداق گۇۋاھلىق بېرىلگەن:

 

«ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟

ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

7پەرىشتىلەردىن قىسقا ۋاقىت تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى،

كېيىن كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.

8تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى.»

 

«تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بىراق بىز تېخى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈرۈلگىنىنى كۆرمىدۇق. 9لېكىن بىز بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنغان، شۇنداقلا ئۆلۈم ئازابىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ھەزرىتى ئەيسانى كۆردۇق. خۇدا پۈتكۈل ئىنسانلارغا مېھىر-شەپقەتلىك بولغاچقا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈن ئازاب چېكىپ ئۆلدى.

10پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى نىجاتلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى. 11ئىنسانلارنى پاكلىغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاكلانغان ئىنسانلار بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمىدى. 12بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا،

مەدھىيەلەيمەن سېنى جامائەتنىڭ ئارىسىدا».

 

13ئۇ يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن» ۋە «مەن پەرۋەردىگار ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بۇ يەردىمەن» دېگەن.

14پەرزەنتلەر گۆش بىلەن قاندىن تۈزۈلگەن ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھمۇ ئىنسان بولدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق ھالاك قىلغۇچى شەيتاننىڭ كۈچىنى* بىكار قىلىپ، 15ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىغا قۇل بولغانلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئىدى. 16ناھايىتى روشەنكى، ئەيسا مەسىھ پەرىشتىلەرگە ئەمەس، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلدى. 17شۇڭا ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ ۋە خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ساقىت قىلالايتتى. 18ئۇ سىنالغاندا ئازاب چەككەچكە، سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بىز ئىنسانلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

3

ئەيسا مەسىھ مۇسا پەيغەمبەردىن ئۈستۈن

1شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان ۋە خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار. 2خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە* خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى خىزمەتكە تەيىنلىگەن خۇداغا سادىق بولدى. 3لېكىن ئۆي سالغۇچى ئۆزى سالغان ئۆيىدىن ئارتۇق ماختاشقا سازاۋەر بولغىنىدەك، ئەيسا مەسىھمۇ مۇسا پەيغەمبەردىن ئارتۇق شان-شەرەپكە سازاۋەردۇر. 4ئەلۋەتتە، ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولغاندەك، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى خۇدادۇر. 5مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىق بىر خىزمەتكار بولغان. ئۇنىڭ خىزمىتى خۇدانىڭ كېيىن ئاشكارىلايدىغان ھەقىقەتلىرىگە بىر ئۈلگە بولدى. 6لېكىن ئەيسا مەسىھ ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە يوقاتمىساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.

ئېتىقادسىزلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

7‏-8شۇڭا مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇقەددەس روھنىڭ سۆزىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار:

 

«بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،

ئۇ دەركى، ئاسىي ئەجدادلىرىڭلاردەك جاھىل بولماڭلار،

مېنى چۆل-باياۋاندا سىنىغان ئەجدادلىرىڭلاردەك سىنىماڭلار.

9ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى،

مۆجىزىلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى يەنە سىنىغانىدى.

10شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرىگە غەزەپلەندىم

ۋە دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن،

ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›

11قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا:

‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»

 

12ئەي قېرىنداشلار، ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردا قەلبى رەزىللىككە، ئېتىقادسىزلىققا تولغان ھېچكىم بولمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈيدۇ. 13ھەر كۈننى مۇقەددەس يازمىلاردىكى «بۈگۈن» دەپ بىلىپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىڭلار. ئاراڭلاردا بىرەرسى گۇناھلارغا ئالدىنىپ، تاش يۈرەك بولمىسۇن. 14بىز دەسلەپكى ئىشەنچىمىزدە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرساق، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.

15يۇقىرىقى نەسىھەتنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار:

 

«بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،

ئۇ دەركى، ئاسىي ئەجدادلىرىڭلاردەك جاھىل بولماڭلار.»

 

16خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەر مىسىردىن غەلىبىلىك ھالدا ئېلىپ چىققان ئاشۇ ئىسرائىللار ئەمەسمىدى؟ 17خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ 18خۇدا ئۇلارنى ئارامگاھىمغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، كىملەر ھەققىدە قەسەم قىلغانىدى؟ دەل خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانلار ھەققىدە قەسەم قىلغان ئەمەسمىدى؟ 19بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار ` بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئارامگاھىغا كىرەلمىدى.

4

خۇدانىڭ ئارامگاھى ھەققىدىكى ۋەدە

1بىراق خۇدانىڭ بىزنى ئارامگاھىدىن بەھرىمەن قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسى تېخىچە ئىناۋەتلىكتۇر. شۇڭا ئېھتىياتچان بولايلى، ئارىمىزدىن بىرەرسىمۇ چۈشۈپ قالمىسۇن. 2خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. 3لېكىن بىز خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئارامگاھىغا چوقۇم كىرەلەيمىز، ئەمما ئىشەنمىگۈچىلەر دەل خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك بولىدۇ:

 

«قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا:

‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»

 

خۇدا دۇنيانى ياراتقاندىلا، ھەممە ئىشنى تاماملىغانىدى. 4يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى.» 5بىراق يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا» دېگەن.

6بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، بۇ ئارامگاھ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ساقلاپ قېلىندى. لېكىن بۇرۇن بىر قىسىم كىشىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئارامگاھىغا كىرەلمىدى. 7شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئارامگاھقا كىرەلەيدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق يەنە ئېيتتى:

 

«بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،

ئۇ دەركى، جاھىل بولماڭلار.»

 

8ئەگەر خۇدانىڭ ئارامگاھى ئەجدادىمىز يوشۇۋا ئىسرائىللارنى باشلاپ كىرگەن كەنئان زېمىنى بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئارامگاھ ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى. 9قىسقىسى، خۇدانىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئاراملىقى خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

10خۇدانىڭ ئارامگاھىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا دۇنيانى يارىتىپ بولۇپ، ئىشىدىن ئارام ئالغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. 11شۇڭا بىز خۇدانىڭ ئارامگاھىغا كىرىشكە تىرىشايلى. ئۇنداق قىلمىساق، بىزمۇ ئىسرائىل خەلقىدەك ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولۇپ، ئارامگاھقا كىرىشتىن مەھرۇم قالىمىز.

12خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئۆتكۈر بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. 13خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

باش روھانىيىمىز ئەيسا مەسىھ

14خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىزدۇر. شۇڭا ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. 15چۈنكى بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر. 16شۇڭا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يۈرىكىمىز توق ھالدا يېقىنلىشايلى. شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.

5

1ھەر قېتىملىق باش روھانىي ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلقىگە ۋاكالىتەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەيىنلىنىپ، خەلقنىڭ خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ. 2باش روھانىي خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاجىزلىقلىرى بار. 3شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشى زۆرۈر. 4ھېچكىم باش روھانىيلىق مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارلا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. 5خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەيسا مەسىھمۇ باش روھانىيلىق مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇنى تەيىنلىگەندۇر. خۇدا ئۇنىڭغا:

 

«سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن،

جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى» دېگەن.

 

6مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە خۇدا ئۇنىڭغا:

 

«مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى روھانىيدۇرسەن تائەبەد» دېگەن.

 

7ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇئالىرى ئىجابەت بولغانىدى. 8گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىش جەريانىدا ئىتائەت قىلىشنى ئۆگەندى. 9خۇدا ئازابلار ئارقىلىق ئەيسا مەسىھنى مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ مەڭگۈلۈك نىجاتلىق مەنبەسى بولدى. 10خۇدا ئۇنى مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.

ئېتىقادتىن يانماسلىق ھەققىدىكى نەسىھەت

11بۇ ئىش ھەققىدە ئېيتىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلىرىم بار، لېكىن سۆزلىرىمنى چۈشىنەي دېمەي ئاڭلاپلا قويساڭلار، بۇ ئىشنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش تەس. 12سىلەر ئەسلىدە ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدىڭلار. ئەمما سىلەر خۇدانىڭ سۆزى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى باشتىن ئۆگىتىلىشكە موھتاج بولۇۋاتىسىلەر. دېمەك، سىلەرگە قويۇق يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەك. 13پەقەت سۈتكىلا تايىنىدىغانلار بوۋاقتىن پەرقسىزدۇر. ئۇلار توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. 14قويۇق يېمەكلىك يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر.

6

1‏-2شۇڭلاشقا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول قويۇپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتىدىن ئاساس سالىمىز دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، داۋاملىق يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى. 3خۇدا خالىسا، بىز شۇنداق قىلىمىز.

4بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولغان، 5خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە كەلگۈسى دۇنيانىڭ كۈچىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، 6لېكىن ئۇلار يەنىلا خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇنداق قىلىش خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستكە مىخلىغانلىق ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەنلىكتۇر.

7ئەگەر پات-پات يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئېتىز ياخشى ھوسۇل بەرسە، دېھقان خۇدانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ. 8ئەكسىچە، بۇ ئېتىزدا تىكەن ۋە قامغاق ئۆسسە، ئېتىز قىممەتسىز زېمىنغا ئايلىنىدۇ، ئاخىرىدا خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، كۆيدۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ.

9قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە كەلسەم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساممۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋە قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەقىقىي ئىشىنىمەن. 10خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. خۇدا سىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ. 11پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەممىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە غەيرەت قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمىز. 12شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر.

خۇدانىڭ ۋەدىسى جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ

13خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېگەن: 14«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىمەن.» 15شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن خۇدانىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشتى.

16ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم كاپالەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ. 17شۇنىڭدەك، خۇدا ئۆزى ۋەدە بەرگەن كىشىلەرگە ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قەسەم قىلدى. 18خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى خۇدا قەتئىي يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا خۇدانىڭ پاناھىدا تۇرۇۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن قاتتىق ئىلھاملىنىپ، ئۇ بەرگەن ئۈمىدتە چىڭ تۇرايلى. 19بىزدىكى بۇ ئۈمىد خۇددى تاشلانغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەمدۇر، ئۇ تەۋرەنمەيدۇ. ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ. 20ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرىپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.

7

مالكىسىدىق ھەققىدە

1مالكىسىدىق سالېمنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئىبراھىم بىرقانچە پادىشاھنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقان چاغدا، ئۇ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. 2ئىبراھىممۇ ئېرىشكەن ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مالكىسىدىق دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىي پادىشاھ» دېگەنلىكتۇر. ئۇ سالېمنىڭ پادىشاھى بولۇپ، سالېمنىڭ پادىشاھى دېگەنلىك «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. 3مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ، ئۆمرىنىڭ قاچان ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوقتۇر. ئۇ خۇددى خۇدانىڭ ئوغلىدەك مەڭگۈلۈك روھانىيدۇر.

4مالكىسىدىق نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. 5لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن روھانىي بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ خەلقى تاپشۇرغان ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. 6لېكىن مالكىسىدىققا كەلسەك، ئۇ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، ئىبراھىم ئېرىشكەن ئولجىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىمغا، يەنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىگە بولغان بىر ئادەمگە بەخت تىلىدى. 7شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 8ئوندىن بىر ئۈلۈشنى تاپشۇرۇۋالىدىغان لاۋىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگىنىدەك يەنىلا ھاياتتۇر. 9ھەتتا ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان روھانىي لاۋىيلارمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق مالكىسىدىققا ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن دېيەلەيمىز. 10چۈنكى مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىي تېخى تۇغۇلمىغان بولۇپ، ئۇ ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىدى. 11ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاكلاش مەقسىتى لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇننىڭ قاتارىدىكى روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟ 12روھانىيلىق تۈزۈمى ئۆزگەرگەچكە، روھانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك قانۇنمۇ ئۆزگىرىشكە توغرا كېلىدۇ. 13ئېيتىلىۋاتقان بۇ سۆزلەر دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغاندۇر. ئۇ باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. 14رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەنىدى.

ئەيسا مەسىھ مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى روھانىيدۇر

15مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى باشقا بىر روھانىينىڭ مەيدانغا كېلىشى روھانىيلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇردى. 16ئەيسا مەسىھنىڭ روھانىي بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ نەسەبىگە دائىر قائىدىلەرگە ئاساسلانغانلىقتىن بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. 17بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى روھانىيدۇرسەن تائەبەد» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. 18ئالدىنقى روھانىيلىق تۈزۈمى ئاجىزلىقى ۋە پايدىسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدى. 19چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچكىمنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. ۋاھالەنكى، بىز خۇداغا يېقىنلىشىدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئۈمىدكە ئىگە بولدۇق.

20ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئىلگىرى ئۆتكەن روھانىيلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز روھانىي بولغانىدى. 21لېكىن ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا دېگەن تۆۋەندىكى قەسىمى بىلەن روھانىي بولدى:

 

«‹سەن روھانىيدۇرسەن تائەبەد›

دېگەن بۇ قەسىمىدىن يانماس پەرۋەردىگار پەقەت».

 

22دېمەك، خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىگە ئېرىشتۈردى. ئەيسا مەسىھ بۇ ئەھدىگە كېپىلدۇر.

23يەنە بىر پەرق، ئىلگىرى باش روھانىيلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، چۈنكى ئۆلۈم ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمەيتتى. 24لېكىن ئەيسا مەسىھنىڭ روھانىيلىقى مەڭگۈلۈكتۇر، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھاياتتۇر. 25شۇڭا ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇداغا يېقىن تۇرغانلارنى تولۇق قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھاياتتۇر. ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

26بىزنىڭ بۇنداق باش روھانىيمىزنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن بىزگە مۇۋاپىقتۇر. ئۇ گۇناھسىز، پاك ۋە مۇقەددەستۇر. ئۇ گۇناھكارلاردىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئەرشتىنمۇ يۈكسەك ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى. 27ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بىر قېتىملا قۇربان قىلدى. 28تەۋرات قانۇنى ئاجىز ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى. لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدانىڭ قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەندى.

8

باش روھانىيىمىز ئەيسا مەسىھ

1ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى، ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان بىر باش روھانىيىمىز بار. 2ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان قۇرمىغان، بەلكى پەرۋەردىگار قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا.

3ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك. 4ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسا ئىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار باردۇر. 5بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «ئېھتىياتچان بول، ھەممە نەرسە مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن» دەپ كۆرسەتمە بەردى. 6ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا، باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدىمۇ دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر.

7ئەگەر دەسلەپكى ئەھدە نۇقسانسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايتتى. 8لېكىن خۇدا ئۆز خەلقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:

 

«بىر ۋاقىت كېلىدۇكى،

ئۇ چاغدا مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن.

9بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ

مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ.

چۈنكى ئۇلار ئەھدەمگە سادىق بولمىدى،

شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم.

10مېنىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزىدىغان يېڭى ئەھدەم مۇنداق بولىدۇ:

قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن.

مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.

ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

11ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا

‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى بىلىدۇ.

12مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن ۋە ئەيىبلىرىنى كۆڭلۈمدە ساقلىمايمەن.»

 

13دېمەك، خۇدا بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىش ئارقىلىق بۇرۇنقىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان نەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ.

9

كونا ئەھدە دەۋرىدىكى ئىبادەت

1كونا ئەھدە دەۋرىدە ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئىبادەت جايى بار ئىدى. 2ئىبادەت جايىدا بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ۋە شىرە ئۈستىدە خۇداغا ئاتالغان نانلار بولاتتى. 3مۇقەددەس جايدىن كېيىن بىر پەردە بولۇپ، پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى. 4ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ماننا سېلىنغان ئالتۇن كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان تايىقى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى. 5شان-شەرەپلىك كېرۇبلار «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى» دەپ ئاتالغان ساندۇقنىڭ قاپقىقى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، كېرۇبلار قاناتلىرى بىلەن قاپقاقنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى مەن بۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.

6ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، روھانىيلار چېدىرنىڭ «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان بۆلۈمىگە دائىم كىرىپ، خىزمىتىنى قىلاتتى. 7بىراق «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە كىرمەكچى بولسا، ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئالماي تۇرۇپ كىرمەيتتى. 8ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىزمەتلەر ئارقىلىق مۇقەددەس روھ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول ئاۋام خەلققە ھەرگىز ئېچىلمايدۇ. 9مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ۋىجدانىنى پاكلىيالمايدۇ. 10ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار پەقەت يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-يوسۇنلاردۇر.

11لېكىن ئەيسا مەسىھ كېلىپ، گۈزەل ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان باش روھانىي بولدى. ئۇ ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، ئەرشتىكى تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. 12ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن بىر قېتىملا كىردى. شۇ ئارقىلىق ئۇ بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئازاد قىلدى. 13كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈلى ناپاكلارنىڭ ئۇچىسىغا سېپىلسە، ئۇلار سىرتقى جەھەتتىن تازىلىنىپ پاك بولاتتى. 14بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىلەن تېخىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئەيسا مەسىھ مەڭگۈلۈك روھنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنى خۇداغا نۇقسانسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بېغىشلىدى. ئۇنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلاردىن پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز مەڭگۈ ھايات خۇداغا خىزمەت قىلالايمىز. 15شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى كونا ئەھدە دەۋرىدە قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بولدى.

16ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلمىگۈچە ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 17چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. 18شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. 19مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى توق قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان لېپەكگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپكەن. 20ئاندىن ئۇ: «بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، ئۇ خۇدا ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن. 21ئۇ يەنە ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردا قۇربانلىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان پۈتكۈل نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قان سەپكەن. 22دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ قېنى تۆكۈلمەي تۇرۇپ، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

23شۇ سەۋەبتىن ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشقا توغرا كەلدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن بۇلاردىن تېخىمۇ ياخشى بولغان قۇربانلىقلار قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك. 24شۇڭا ئەيسا مەسىھ ئادەم قولى بىلەن ياسالغان، يەنى ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى. ئۇ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولدى.

25ئەيسا مەسىھ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق. 26ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە ۋە قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن ئەيسا مەسىھ ئاخىر زاماندا بىرلا قېتىم دۇنياغا كېلىپ، ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. 27ھەممە ئادەم بىر قېتىم ئۆلىدۇ ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىدۇ. 28شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ بىرلا قېتىم ئۆلدى. لېكىن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.

10

ئەيسا مەسىھنىڭ بىر قېتىملىق قۇربانلىقى

1تەۋرات قانۇنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ھەر يىلى ئوخشاش قۇربانلىقلارنى ئاتاش ئارقىلىق خۇداغا ئىبادەت قىلسىمۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنى كىشىلەرنى گۇناھلىرىدىن ھەرگىز پاكلىيالمايدۇ. 2ئەگەر پاكلىيالىغان بولسا، قۇربانلىق قىلىش ئاخىرلىشاتتى. ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ گۇناھلىرىدىن بىراقلا پاكلىنىپ، ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ۋىجدانى يەنە ئازابلىنىپ يۈرمەيتتى. 3ھالبۇكى، ئۇ قۇربانلىقلار ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ھەر يىلى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 4چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھلىرىدىن ھەرگىز پاكلىيالمايدۇ. 5شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە خۇداغا مۇنداق دېگەن:

 

«ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى،

لېكىن مەن ئۈچۈن بىر تەن ھازىرلىدىڭ.

6ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى،

7شۇڭا دېدىم: ‹مەن ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كەلدىم مانا،

يېزىلغاندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.›»

 

8ئەيسا مەسىھ ئالدى بىلەن خۇداغا: «قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى ئىستىمەيسەن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ ئىستىمەيسەن» دېگەن. (لېكىن بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە قىلىنغانىدى.) 9ئاندىن ئۇ يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، ئۇ كېيىنكى قۇربانلىق قىلىش قائىدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنقى قۇربانلىق قىلىش قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 10بىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزىنى بىر قېتىملا قۇربان قىلىشى بىلەن گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.

11روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار ئوخشاش تۈردىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ، ئەمما بۇ قۇربانلىقلار ھەرگىز گۇناھلارنى يۇيالمايدۇ. 12بىراق بىزنىڭ باش روھانىيىمىز بولغان ئەيسا مەسىھ مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقىنى بىر قېتىملا سۇندى. ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، 13دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىغا تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە. 14ئۇ ئۆزىنى بىر قېتىملا قۇربان قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ نەزىرىدە مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىكىگە ئىگە قىلدى. 15مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال مۇنداق دېگەن:

 

16«مېنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان يېڭى ئەھدەم مۇنداق بولىدۇ:

قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە پۈتىمەن، مېڭىسىگە قۇيىمەن.»

 

17ئاندىن يەنە مۇنداق دېگەن:

 

«ئۇلارنىڭ گۇناھى ۋە يامانلىقلىرىنى

كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»

 

18گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، دېمەك گۇناھلار ئۈچۈن يەنە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

خۇداغا يېقىنلىشايلى

19شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي قېرىنداشلار، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا يۈرىكىمىز توق ھالدا كىرەلەيمىز. 20چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىشى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن ئۆتۈپ، بىزدىن ئاۋۋال ئۇ يەرگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يېڭى بىر يولنى بىزگە ئېچىپ بەردى. 21خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن، 22مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولدى ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلاندى. 23باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلغان ئۈمىدىمىزدە ئىككىلەنمەي چىڭ تۇرايلى. چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى خۇدا ئىشەنچلىكتۇر. 24ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشقا ۋە ياخشى ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرەيلى. 25بەزىلەردەك ئېتىقادچىلار جامائىتى بىلەن جەم بولۇشتىن ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەندە، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.

26ھەقىقەتنى تونۇپ تۇرۇپ، يەنىلا دائىم قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق يوقتۇر. 27بىزگە پەقەت سوراقنى ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈش قالىدۇ. 28تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسىلا، كەڭچىلىك قىلىنماي ئۆلتۈرۈلەتتى. 29ئۇنداقتا، خۇدانىڭ ئوغلىنى مەنسىتمىگەن، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ھەم ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىغان، شۇنداقلا ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھقا ھاقارەت قىلغان كىشى تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟! 30چۈنكى «ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئىنتىقام ئالىمەن» ھەم «مەن ئۆز خەلقىمنى سوراققا تارتىمەن» دېگۈچى خۇدانى بىلىمىز. 31مەڭگۈ ھايات خۇدا تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

32ئۆتمۈشۈڭلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بەردىڭلار. 33بەزىدە خەلقىئالەم ئالدىدا ھاقارەت ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار. بەزىدە ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلارنىڭ تەرىپىدە تۇردۇڭلار. 34مەھبۇس ئېتىقادچىلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار. مال-مۈلكۈڭلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل ۋە تۈگىمەس بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلەتتىڭلار. 35شۇنىڭ ئۈچۈن جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. جاسارىتىڭلارنى يوقاتمىساڭلارلا زور ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر. 36خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. 37چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن:

 

«كەلگۈچى پات يېقىندا كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ.

38ھەققانىي ئادەم ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ.

ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»

 

39بىراق بىز ئېتىقادىمىزدىن يېنىپ، ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرۇپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز.

11

ئېتىقاد

1ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر. 2ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد بىلەن خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

3بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى ۋە كۆرۈنىدىغانلار كۆرۈنمەيدىغانلاردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

4ھابىل ئېتىقادى ۋەجىدىن قابىلدىنمۇ ياخشىراق بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىدى. ھابىلنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى قوبۇل قىلدى. ھابىل گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېتىقادى بىزگە يەنىلا ئۈلگە بولماقتا.

5ئېتىقادى ۋەجىدىن خانوك ئۆلمەي تۇرۇپلا ئەرشكە كۆتۈرۈلدى، ھېچكىم ئۇنى تاپالمىدى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەرشكە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم ئىكەنلىكى جاكارلانغانىدى. 6دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە خۇدانى ئىزدىگەنلەرگە خۇدانى ئىزدەش ئەجرى بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.

7نۇھ پەيغەمبەر خۇدا تەرىپىدىن تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئېتىقادى ۋەجىدىن خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىخلاسمەنلىك بىلەن بىر كېمە ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ ئېتىقادى ۋەجىدىن خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلاندى.

8ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ ئېتىقادى ۋەجىدىن خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. 9ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن مۇساپىر بولۇپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى. 10ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ۋە سېلىنغان، شۇنداقلا ئۇلى مۇستەھكەم بولغان مەڭگۈلۈك شەھەرنى كۈتەتتى.

11گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. 12شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمدىن، بولۇپمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.

13ئېتىقادلىق بۇ كىشىلەر خۇدا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرگە مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاپ، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆتكۈنچى مېھمان ۋە مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقانىدى. 14ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ماكانغا تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكتۇر. 15ئۇلار ئايرىلغان يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى بولغان بولاتتى. 16لېكىن ئۇلار تېخىمۇ ياخشىسىغا، يەنى ئەرشتىكى ماكانىغا تەلپۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. خۇدانىڭ ئەرشتە ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

17‏-18ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى ۋەجىدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى. گەرچە خۇدا ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ئىدى. 19ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى.

20ئىسھاق ئېتىقادلىق بولغاچقا، ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلدى.

21ياقۇپ ئېتىقادلىق بولغاچقا، ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. 22يۈسۈپ ئېتىقادلىق بولغاچقا، سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى، ھەمدە ئۇلار مىسىردىن كەتكەندە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىشنى تاپىلىدى.

23مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېتىقادلىق بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەسلىكىنى بىلگەنىدى. شۇڭا ئۇلار پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. 24مۇسا پەيغەمبەر چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئېتىقادى ۋەجىدىن مىسىر پادىشاھىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى بولۇش سالاھىيىتىنى رەت قىلدى. 25ئۇ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرگە ئازاب چېكىشنى تاللىدى. 26ئۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئۈچۈن خارلىنىشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىققا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى ئۇ ئەرشتىكى ئىنئامنى كۈتۈۋاتاتتى. 27ئۇ ئېتىقادى ۋەجىدىن مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىدا توختىماي ماڭدى. 28ئۇ ئېتىقادلىق بولغاچقا، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.

29ئىسرائىللار ئېتىقادلىق بولغاچقا، قىزىل دېڭىزدىن قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن مىسىرلىقلار دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، سۇغا غەرق بولدى.

30ئىسرائىللار يەتتە كۈن ئېرىخا شەھەر سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن، ئېتىقادىنىڭ سايىسىدە سېپىل ئۆرۈلدى.

31پاھىشە ئايال راھاب ئېتىقادلىق بولغاچقا، ئىسرائىل ئايغاقچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالدى. شۇڭا ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆزىنىڭ شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.

32يەنە نېمە دەي؟ گىدئون، باراق، شىمشون، يىفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. 33ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلارنى بويسۇندۇردى ۋە ئادىللىق بىلەن ئەل باشقۇردى. ئۇلار خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى، 34دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، 35بەزى ئاياللار ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن قايتۇرۇۋالدى. بەزى كىشىلەر كەلگۈسىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، تېخىمۇ ياخشى بىر ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىسكەنجىلەرگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، زىنداندىن ئازاد بولۇشنى خالىمىدى. 36يەنە بەزىلەر مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى، 37چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى. 38چۆللەردە ۋە تاغلاردا سەرگەردان بولۇپ، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈردى. ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى.

39ئۇلار ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشەلمىدى. 40چۈنكى خۇدا ھەممىمىزگە تېخىمۇ ياخشىراق ئىشلارنى تەييارلاپ قويغانىدى. خۇدا ئۆزىگە سادىق بولغان بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن بىرگە ھەممە ئىشلارغا تولۇق ئېرىشىشىنى ئىستەيتتى.

12

خۇدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەيدۇ

1بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا ئىكەن، بىز ئۈستىمىزدىكى ھەرقانداق ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى. 2كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.

3روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار. 4گۇناھقا قارشى كۈرىشىڭلاردا تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. 5مۇقەددەس يازمىلاردىكى خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟

 

«ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما،

ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،

6چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ،

ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارغا تەنبىھ بېرىدۇ.»

 

7دۇچ كەلگەن ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار، چۈنكى خۇدا سىلەرنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. خۇدا سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيەلەنمىسۇن؟ 8ئەگەر خۇدا سىلەرنى باشقا پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىگەندەك تەربىيەلىمىسە، دېمەك، سىلەر خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرى بولماستىن، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتلەردۇرسىلەر. 9بىزنى تۆرەلدۈرگەن ئاتىلىرىمىزنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟

10بىزنى تۆرەلدۈرگەن ئاتىلىرىمىز بىزنى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ۋاقىتلىق تەربىيەلەيدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ئۆزىنىڭ پاكلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تەربىيەلەيدۇ. خۇدانىڭ تەربىيەسى بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈندۇر. 11قاتتىق تەربىيە ئالغان ئادەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئازابلىنىدۇ. بىراق كېيىن ئۇ تەربىيە بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشىدۇ. 12شۇنىڭ ئۈچۈن تالغان قولۇڭلارنى كۈچلەندۈرۈپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار. 13سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. شۇندىلا سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.

ئېھتىيات بىلەن ياشاڭلار

14كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى پاك ياشىمىغان كىشى رەببىمىزگە يېقىنلىشالمايدۇ. 15دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن. 16ھېچكىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن ياكى تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا ساتقان ئەساۋغا ئوخشاش خۇداغا پەرۋاسىزلىق قىلمىسۇن. 17سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ دۇئا ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دۇئا ئالالمىدى.

18سىلەر ئەجدادلىرىڭلار كەلگەن ئوت يالقۇنلاپ يېنىپ تۇرغان، قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار. 19ئۇلار بۇ تاغدىن دەھشەتلىك چېلىنغان كاناي ئاۋازى ۋە ئۆزلىرىگە سۆزلىگەن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانىدى. خۇدانىڭ دېگەن سۆزلىرى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ئۇلار خۇدادىن سۆزلەشنى توختىتىشنى ئۆتۈنگەنىدى. 20چۈنكى خۇدانىڭ: «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋان قەدەم باسسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمرى ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەنىدى. 21ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرمۇ: «بەك قورقۇپ تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى. 22لېكىن سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا كەلدىڭلار. بۇ جاي ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەر ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەن، 23ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان خۇدانىڭ تۇنجى پەرزەنتلىرى* جەم بولغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سوراقچىسى بولغان خۇدا تۇرىدىغان، كامالەتكە يەتكەن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرى مەۋجۇت بولغان، 24يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ بولغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ قېنى تۆكۈلگەن جايدۇر. بۇ قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلايدىغان قان بولماستىن، بەلكى گۇناھلارنى كەچۈردۈم دەپ كاپالەت بېرىدىغان قاندۇر.

25ئېھتىياتچان بولۇڭلار، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەڭلار. چۈنكى بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار جازادىن قۇتۇلالمىغانىدى. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى رەت قىلساق، بىز قانداقمۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! 26خۇدا سىناي تېغىدا سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن پۈتۈن زېمىن زىلزىلىگە كەلگەنىدى. لېكىن خۇدا: «مەن ئەمدى زېمىننى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن، ئەمما بۇ قېتىم ئاسمانمۇ زىلزىلىگە كېلىدۇ» دېدى. 27«يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، مەڭگۈلۈك بولمىغان مەۋجۇدات يوقىلىدۇ، پەقەت تەۋرەنمەس مەڭگۈلۈك مەۋجۇداتلا قالىدۇ.

28شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرەنمەس بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولايلى ۋە ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتنى قىلايلى. 29چۈنكى خۇدايىمىز خۇددى كۆيۈۋاتقان دەھشەتلىك ئوتقا ئوخشايدۇ.

13

خۇدانى خۇرسەن قىلىش

1بىر-بىرىڭلارغا ھەمىشە قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 2ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈتكەن مېھمىنىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. 3زىندانغا تاشلانغان ئېتىقادچىلارنى ياد ئېتىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە زىنداندا تۇرغاندەك ياردەم قىلىڭلار. خورلانغانلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارمۇ خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇنتۇماڭلار.

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. 5ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن:

 

«مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.»

 

6شۇڭا زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى:

 

«قورقمايمەن، پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر.

نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!»

 

7خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ قانداق ياشىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.

8ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. قەلبىڭلار يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كۈچلەنسۇن. چۈنكى بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.

10ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، يەر يۈزىدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنىڭ بىزنىڭ ئەرشتىكى قۇربانلىق سۇپىمىزدىكى قۇربانلىقتىن* بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى يوقتۇر. 11گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ قېنى باش روھانىي تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىدۇ، تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. 12شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا مەسىھمۇ خەلقنى گۇناھلاردىن ئۆز قېنى بىلەن پاكلاش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. 13شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى. خۇددى ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى. 14بىزنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق. بىز پەقەت كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. 15شۇڭا بىز خۇداغا مەدھىيەلىرىمىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەر دائىم ئاتايلى، يەنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. 16ياخشىلىق قىلىشقا ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغانلاردىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشقا سەل قارىمايلى. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.

17يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەندىشە قىلسا، سىلەرگە پايدىسىزدۇر.

18بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، بىز ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز. 19يېنىڭلارغا پات ئارىدا قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.

دۇئا

20ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا، يەنى ئۆزىنىڭ قېنى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەھدىنى تەستىقلىغان ۋە ئۆز پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا 21سىلەرنى سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! خۇدا سىلەرنى مەڭگۈ شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!

ئاخىرقى سۆز

22قېرىنداشلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ قىسقىغىنا خەتتىكى نەسىھەتلىرىمنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغايسىلەر. 23قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. ئۇ يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەرنى يوقلاپ بارىمەن.

24بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە باشقا ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەلىك قېرىنداشلار سىلەرگە سالام يوللىدى. 25خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!


1: 5 قەدىمكى زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە پادىشاھلارنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ قارايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىل پادىشاھىغا قارىتىلغان بۇ سۆز بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئەرشتە تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، پادىشاھ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

1: 10 بۇ ئايەتتە خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى رەب دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ۋە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن («كولوسىلىقلار» 1: 15 _ 17).

2: 14 گەرچە شەيتان ئىنسانلارنى بىۋاسىتە ھالاك قىلالمىسىمۇ، بىراق ئىنسانلارنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇش ئارقىلىق ھالاك قىلالايدۇ. چۈنكى ئېزىشنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھ، گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى بولسا مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدۇر.

3: 2 خۇدانىڭ ئائىلىسى _ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى «خۇدانىڭ ئۆيى» بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدا بۇ سۆز ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

12: 23 تۇنجى پەرزەنتلىرى _ بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى دەپ ھېسابلانغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

13: 10 بۇ قۇربانلىق ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسىتىدۇ.