ھاگاي
1
ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى
1پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ».
3پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە بىر ۋەھىي كەلدى: 4«ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھازىر ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟ 5نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار. 6سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.
7-8سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇندىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم ئۇ يەردە ئۇلۇغلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 9سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار. 10-11شۇ سەۋەبتىن يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرگە، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا، يەنى يەردىن چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ۋە چارۋا ماللارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»
12شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە ۋەھىي يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن!»
14پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى. 15بۇ ۋەقە پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى* يۈز بەردى.
2
يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ شان-شەرىپى
1شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى: 2«شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلققە سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. 3ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئەسەر بارمۇ؟ 4مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي زىرۇببابەل، جاسارەتلىك بول! ئەي يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا، جاسارەتلىك بول! ئەي بۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم! 5سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەنمەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار!
6مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن. 7مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن. 8كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر. 9بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!»
بەخت-سائادەتنىڭ خۇداغا ئىتائەتمەنلىكتىن كېلىدىغانلىقى
10پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى: 11«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن: 12‹ئەگەر بىرسى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشتىن بىر پارچىنى پېشىگە ئوراپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پېشى نانغا، تائامغا، شارابقا، زەيتۇن يېغىغا ياكى ھەرقانداق بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇلارمۇ مۇقەددەس يېمەكلىك بولامدۇ؟›»
ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى.
13ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن:
_ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ ناپاك بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار:
_ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
14ھاگاي پەيغەمبەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خەلق ناپاكتۇر. ئۇلار قىلغان ھەرقانداق ئىش ۋە ماڭا سۇنغان ھەرقانداق قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر! 15سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلىنى قويۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار! 16ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر خامىنىدىكى ئاشلىقنىڭ يىگىرمە تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن پەقەت ئون تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈپ شارابنىڭ ئەللىك كومزەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن يىگىرمە كومزەكلا چىقاتتى. 17مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ چاغدا زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتتۇم، سېسىتتىم ۋە مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدىڭلار. 18بۈگۈن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەنى ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى پۈتكەن كۈندۇر. سىلەر بۈگۈندىن باشلاپ نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار. 19ئامباردا ئۇرۇق يوق. ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېۋە بەرمىدى. ئەمما مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىمەن!»
پەرۋەردىگارنىڭ زىرۇببابەلگە بەرگەن ۋەدىسى
20شۇ كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى: 21«سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن. مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە سالىمەن. 22پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. ئاتلىق لەشكەرلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ. 23مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈنى مەن سېنى، يەنى شىئالتېلنىڭ ئوغلى بولغان خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم* قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىدىم! بۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
1: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
1: 15 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
2: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
2: 10 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
2: 23 يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى يىھوياكىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇنى ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ («يەرەمىيا» 22: 24). كۆپ ئۆتمەي بۇ پادىشاھ بابىللىقلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. زىرۇببابەل ئۇنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا «مەن سېنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم قىلىمەن» دەيدۇ.
