سۆزلۈكلەر
تەبىرلەر
سۆزلۈكلەر
ئاررام _ ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر دۆلەت بولۇپ، ئەڭ چوڭ شەھىرى دەمەشق ئىدى. ئاررام دۆلىتىنىڭ ئىگىلىگەن زېمىنى ھازىرقى سۈرىيەنىڭ زېمىنى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئارراملار تارىختا كۆپ چاغلاردا ئىسرائىللارغا دۈشمەن بولۇپ كەلگەن.
ئاررامىي تىلى _ ئىبرانىي تىلىغا يېقىن بىر تىل بولۇپ، ئەينى دەۋرىدە ئاررام، بابىل ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئەيسا مەسىھنىڭ دەۋرىدىمۇ ئىسرائىلىيەدە ئورتاق تىل بولغان.
ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقى _ ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 911 _ 609-يىللار ئارىسىدا ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلانغان. ئۇ ھازىرقى ئىراق تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، پايتەختى نىنەۋى شەھىرى ئىدى. بۇ پادىشاھلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىللەردە، پارس قولتۇقىدىن مىسىرغىچە بولغان رايونلارغا، شۇنداقلا سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىملىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 621-يىلى، ئاسسۇرىيە پادىشاھى سانخېرىب ئىسرائىلىيەگە، يەنى شىمالىي پادىشاھلىققا بېسىپ كىرىپ، ئىسرائىلىيەنى بويسۇندۇرغان ۋە ئاھالىلىرىنى سۈرگۈن قىلغان. ئۇ يەنە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 701-يىلى يەھۇدىيەگە، يەنى جەنۇبىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما خۇدانىڭ مۆجىزە كۆرسىتىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 609-يىلى بابىللىقلار ۋە مېدىيالىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىسيانچى كۈچلەر تەرىپىدىن يىقىتىلغان.
ئاسىيا ئۆلكىسى _ ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاشتورەت _ قەدىمكى دەۋردە يېقىن شەرقتىكى كەنئان خەلقى چوقۇنغان ئايال ئىلاھتۇر. ئاشتورەت ئادەم، چارۋا مال ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى، مۇھەببەت ۋە ئۇرۇشنى باشقۇرغان.
ئاشېرا _ كەنئانلىقلارنىڭ باشقا ئىلاھلىرىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئادەم، چارۋا مال ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ ئەر شېرىكىنىڭ ئىسمى بائالدۇر. ئىبرانىيلار كەنئانغا كەلگەندىن كېيىن، كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئىلاھقا چوقۇنۇشقا باشلىغان.
ئالىي كېڭەش _ رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئىسرائىللار دىنىي جەھەتتە ئۆزلىرىنى ئالىي كېڭەش ئارقىلىق باشقۇرغان بولۇپ، بۇ كېڭەش يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي، سىياسىي ۋە قانۇنىي ئورگىنى ئىدى. بۇ كېڭەش يېرۇسالېمدا بولۇپ، باش روھانىي، ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ جەمئىي 71 ئەزاسى بولۇپ، باش روھانىي ئۇلارنىڭ رەئىسى ئىدى. ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى پەرىسىي ۋە سادۇقىيلاردىن ئىبارەت ئوخشىمايدىغان مەزھەپلەردىن بولغاچقا، ئۇلار دائىم ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى.
ئاممون _ تارىختا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان قوشنا دۆلەتتۇر. ئامموندا ياشايدىغان خەلقلەر ئاممونلار دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر («ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 19: 30 — 38). ئاممونلار بۇتپەرەس بولۇپ، مولەك دەپ ئاتىلىدىغان ئىلاھقا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار تارىختا كۆپ چاغلاردا ئىسرائىللارغا دۈشمەن بولۇپ كەلگەن.
ئامىن _ «شۇنداق بولسۇن!» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇدانى مەدھىيەلەش، دۇئا قىلىش ۋە بەخت تىلەشلەردە ئېيتىلغانلارنى تەستىقلاشنى بىلدۈرىدۇ.
ئاۋغۇستۇس _ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 27-يىلدىن مىلادىيە 14-يىلغىچە رىم ئىمپېرىيەسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىمپېراتور.
ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى _ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى»غا قارالسۇن.
ئەلچى _ بۇ ئەيسا مەسىھنىڭ ئالاھىدە تاللىغان ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ ئاتىلىشىدۇر. ئەلچىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى ئېنىق بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىدى ۋە مۆجىزىلىرىنى، كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى ھەمدە ئۇنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ۋەقەلەرگە گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق خۇش خەۋەر تارقىتىش بولۇپ، ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئاساس سېلىش ئىدى. كېيىنچە بۇ ئون ئىككى ئەلچىدىن باشقا پاۋلۇس، بارنابا، ياقۇپ قاتارلىقلارمۇ ئەلچى دەپ ئاتالغان («مەتتا» 10: 1 _ 4، «ئەلچىلەر» 1: 21 _ 22).
ئەھدە _ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختام. قەدىمكى زاماندا خۇدا ئىنسانلار بىلەن ئەھدە تۈزگەندە، ئەھدىنىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشى ئۈچۈن قان ئاققۇزۇلۇش كېرەك ئىدى.
ئەھدە ساندۇقى _ خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئون پەرز يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ساندۇق. بۇ ساندۇقنى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ياغاچتىن ياساتقان. ساندۇق پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان («مىسىردىن چىقىش» 25: 10 _ 22). كېيىن بۇ ساندۇققا ماننا سېلىنغان كومزەك ۋە ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسىمۇ سېلىنغان («ئىبرانىيلار» 9: 4). بۇ ئەھدە ساندۇقى خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. بۇ ئەھدە ساندۇقى خۇدانىڭ ئۇلارغا يار ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
بائال _ كەنئانلىقلارنىڭ ئادەم، چارۋا مال ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى باشقۇرىدىغان ئىلاھىدۇر، ئۇنىڭ ئايال ھەمراھلىرىنىڭ ئىسمى ئاشېرا ۋە ئاشتورەتتۇر. ئىبرانىيلار كەنئانغا كەلگەندىن كېيىن، كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئىلاھقا چوقۇنۇشقا باشلىغان.
بابىل شەھىرى _ ئىنسانلار فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ، بىر شەھەر بىنا قىلغان ۋە بۇ شەھەر بابىل شەھىرى دەپ ئاتالغان. خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ئېگىز بىر مۇنار ياساشقا باشلىغان. بىراق ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىتىۋەتكەن («يارىتىلىش» 11: 1 _ 9). كېيىن بۇ شەھەر ئۇلۇغ بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختىگە ئايلانغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە بابىللىقلار خۇدانىڭ خەلقى بولغان يەھۇدىيلارنى زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بابىل شەھىرى خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، دۈشمىنىنىڭ قولىدا ۋەيران بولغان. يېڭى ئەھدە دەۋرىدە ئېتىقادچىلار بەزىدە رىم شەھىرىنى «بابىل» دەپ ئاتىغان. بابىل خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان مەدەنىيەتكە سىمۋول قىلىنغان («ۋەھىيلەر» 17: 5).
بابىل پادىشاھلىقى | _ بابىل پادىشاھلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 609-يىلى ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 605-يىلى بابىل پادىشاھلىقى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت بولۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كاركىمىشتا مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ چاغدا يەھۇدىيە پادىشاھلىقىمۇ بابىلغا بېقىندى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. يەھۇدىيەدە ئىسيان كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 597-يىلى يېرۇسالېمنى قورشاپ، قايتىدىن بېسىۋالغان. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان، ھەمدە پادىشاھ يىھوياكىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئىسرائىللارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلغان. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يىھوياكىننىڭ تاغىسى زىدقىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلغان. ئەمما 9 يىلدىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيامۇ بابىللىقلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئەمما بابىللىقلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587-يىلى يېرۇسالېمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان. بارلىق ئاھالىلىرىنى بابىلغا سۈرگۈن قىلغان.
باجگىر _ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 63-يىلى رىم ئىمپېرىيەسى ئىسرائىلىيەنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىسرائىللار رىم ھۆكۈمىتىگە باج تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ يەردىكى «باجگىر» ئەينى چاغدا ئۆز خەلقىدىن باج يىغقۇچى يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باجگىرلار ئۆز خەلقى تەرىپىدىن گۇناھكارلار دەپ ھېسابلىناتتى ۋە كەمسىتىلەتتى.
باش روھانىي _ «روھانىي»غا قارالسۇن.
باشاق تېرىش _ تەۋرات قانۇنى بويىچە نامرات كىشىلەر ۋە ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئورمىچىنىڭ ئارقىسىدىن چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىناتتى («لاۋىيلار» 19: 9 _ 10).
بەيتلەھەم _ يېرۇسالېمنىڭ سەككىز كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بىر يېزا. بۇ جايدا پادىشاھ داۋۇت تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. خۇددى مىكاھ پەيغەمبەر مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتقاندەك، قۇتقۇزغۇچى مەسىھمۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان.
بۇرغا _ قوچقار ياكى تاغ تېكىسى قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بىر خىل قەدىمىي چالغۇ.
بۇرغا چېلىش ھېيتى _ بۇ ھېيت يىلنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئىسرائىللار يىلنىڭ باشلىنىشىنى تەبرىكلەيتتى. («لاۋىيلار» 23-باب 23-ئايەتتىن 25-ئايەتكىچە؛ «چۆلدە» 29-باب 1-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە)
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ يەنە خۇدانىڭ پەرىشتىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەۋراتتا بەزىدە پەرىشتە قىياپىتىدە كۆرۈلگەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
پەرىسىي _ مۇتەئەسسىپ يەھۇدىي دىنى مەزھىپىدۇر. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەرنى ۋە يەھۇدىي دىنى ئۇستازلىرىنىڭ بۇ ئەمرلەرگە قوشقان يۈزلىگەن قائىدىلىرىنى تولۇق ئورۇنلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلساق، خۇدا بىزنىڭ خەلقىمىزگە بەخت ئاتا قىلىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ.
پەرىشتە _ خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ئەرشتىكى مەۋجۇداتتۇر.
پەيغەمبەر — مۇقەددەس كىتابتا پەيغەمبەرلەر ئەر ياكى ئايال بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدۇ. ۋەھىيلەر بەزىدە بىر شەخس ھەققىدە بولسا، بەزىدە پۈتۈن خەلق ھەققىدە بولىدۇ. ۋەھىيلەر بەزىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەردىن ئالدىن بېشارەت بەرسە، بەزىدە خەلقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ياكى خەلقنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانمىغان ساختا پەيغەمبەرلەردۇر.
پونتىي پىلاتۇس _ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە رىملىقلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئۆلكە باشلىقى. ئۇ مىلادىيە 26-يىلدىن 36-يىلغىچە ھوقۇق تۇتقان بولۇپ، ۋەھشىيلىكتە داڭقى چىققان.
پېتىر نان ھېيتى _ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا قارالسۇن.
پىرئەۋن _ قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامى ۋە شاھلىق ئۇنۋانى.
تەۋرات _ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن «كونا ئەھدە»نى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»، «مىسىردىن چىقىش»، «لاۋىيلار»، «چۆلدە» ۋە «قانۇننىڭ تەكرارى» قاتارلىق بەش قىسىمنى كۆرسىتىدۇ.
تەۋرات قانۇنى _ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن پەرز، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.
تەۋرات ئۇستازى _ تەۋرات، زەبۇر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىنى ئۆگىنىپ، كۆچۈرۈپ، خەلققە تەلىم بېرىدىغان دىنىي ئۇستاز.
تىبېرىيۇس _ رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇستىن كېيىنكى ئىمپېراتور بولۇپ، مىلادىيە 14-يىلدىن 37-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
جەبرائىل _ مۇھىم پەرىشتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدىكى ۋەھىينى يەتكۈزگەن.
جىن _ دائىم شەيتاننىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان يامان روھتۇر. ئۇلار ھەرقاچان خۇداغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە خۇدا يولىدا ماڭغانلارغا كاشىلا قىلىدۇ.
چۆمۈلدۈرۈش _ يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن. ئەيسا مەسىھنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئېتىقادچىلار ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.
چىلتار _ قەدىمكى ئىبرانىيلارنىڭ بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. Add picture
خەتنە قىلىش _ خۇدا بىلەن ئىبراھىم ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ بەلگە ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. («يارىتىلىش» 17-باب).
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى _ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەھىيلىرىگە ئاساسەن خۇدا كەلگۈسىدە قۇتقۇزغۇچى مەسىھنى ئەۋەتىش ئارقىلىق پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى قۇرىدۇ، دەپ قارىغان. دەرۋەقە، ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولدى. بۇ پادىشاھلىق يەھۇدىيلار ئويلىغاندەك ئۇلارنى رىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تىكلىنىدىغان بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىق بولماستىن، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قەلبىدە تىكلىنىدىغان پادىشاھلىقتۇر. ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، پۈتكۈل كائىناتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھلىق تىكلىنىدۇ.
خۇدانىڭ روھى _ «مۇقەددەس روھ»قا قارالسۇن.
خۇدانىڭ ئوغلى _ ئىبرانىي تىلىدا «ئامانلىقنىڭ ئوغلى»، «تەسەللىنىڭ ئوغلى» ۋە «گۈلدۈرمامىنىڭ ئوغلى» دېگەنلىك شۇ نەرسىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى ئەمەس، بەلكى روھى جەھەتتىكى باغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا مەسىھنىمۇ «خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ ئاتاش ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ روھى جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇدانىڭ ئوڭ قولى _ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان.
داۋۇتنىڭ ئەۋلادى _ خۇدا پادىشاھ داۋۇتقا كېلەچەكتە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن ئىسرائىللارنىڭ كۈچلۈك بىر پادىشاھىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى» دېگەن بۇ نام مۇقەددەس كىتابتا ئىسرائىل خەلقىنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كېلىدىغان مەسىھنى كۆرسەتكەن.
دەم ئېلىش كۈنى _ خۇدا ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ، يەتتىنچى كۈنى دەم ئالغانلىقتىن، بۇ كۈننى ئىسرائىللار ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا بۇ كۈندە ئىش قىلماي دەم ئېلىش ھەققىدە ئەمر قىلغان («مىسىردىن چىقىش» 20: 8 _ 11). ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاقتىدا تەۋرات ئۇستازلىرى «دەم ئېلىش كۈنى» ھەققىدىكى بۇ ئەمرگە تولۇق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان. ئەمما ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن قوشۇلغان بۇ بەلگىلىمىلەرگە قوشۇلمىغان. يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى شەنبە بولۇپ، جۈمە كۈنى كۈن پاتقاندا باشلىنىپ، شەنبە كۈنى كەچتە ئاخىرلىشىدۇ.
راخاب _ قەدىمكى ئەپسانىلەردە ئۇچرايدىغان دېڭىزدىكى بىر خىل مەخلۇق بولۇپ، ئۇ ھالاكەتلىك دېڭىزغا ۋە ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرگە سىمۋول قىلىنغان. بەزىدە مىسىرغا سىمۋول قىلىنغان.
روھانىي _ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچى بولۇپ، ئۆزى ۋە خەلقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان، شۇنداقلا خەلقنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئادەم. روھانىيلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە چوقۇم لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاللىناتتى. ئەيسا مەسىھنىڭ زامانىدا روھانىيلار باش روھانىي، ئالىي روھانىي ۋە ئادەتتىكى روھانىي دەپ ئۈچكە بۆلۈنەتتى. ئۇلارنىڭ خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
رىم ئىمپېرىيەسى _ تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 200-يىلدىن مىلادىيە 400-يىلغىچە مەۋجۇت بولغان ئىمپېرىيەدۇر. ئۇ رىم شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىسپانىيە، مىسىر، لىۋىيە، ئالجىرىيە، ماراكەش، گېرمانىيە، فىرانسىيە، بۈيۈك بىرىتانىيە يېرىمى، تۈركىيە، سۈرىيە، لىۋان، ئىسرائىلىيە قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. رىم ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بۇ ئىمپېرىيەنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ 600 يىل مەۋجۇت بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. گەرچە رىملىقلارنىڭ تىلى لاتىنچە بولسىمۇ، لېكىن ئىمپېرىيەدە گرېك تىلى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ تىل خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن. ئىنجىل مۇشۇ تىلدا يېزىلغان.
زەيتۇن تېغى _ يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تەخمىنەن شەھىرىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ تىزمىسىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى.
سادۇقىي _ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي مەزھىپى. ئۇلار بايلار ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلار بولۇپ، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن غەيرىي دىندىكى ھوقۇقلۇق رىملىقلار بىلەن مۇرەسسە قىلاتتى. سادۇقىيلار پەقەت مۇقەددەس كىتابنىڭ ئالدىنقى بەش قىسمىغىلا، يەنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قىسمىلا ئېتىبار بېرەتتى. ئۇلار تىرىلىش، قىيامەتتىكى سوئال-سوراق، ئەرش، دوزاخ، پەرىشتە ۋە جىنلارغا ئىشەنمەيتتى.
سامارىيەلىك يەھۇدىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سامارىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان خەلقنىڭ ئاتىلىشى. ئىسرائىلىيە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 930-يىلى شىمالىي ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، شىمالىي ئىسرائىلىيەدە ياشىغان ئون قەبىلىنىڭ چوڭ بىر قىسمى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 722-يىلى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا خەلقلەر يۆتكەپ كېلىنگەن. قالغان ئىسرائىللار يەرلىك كىشىلەر بىلەن توي قىلىپ كۆپىيىپ، شۇ يەرنىڭ نامى بىلەن سامارىيەلىك دەپ ئاتالغان. كېيىن ئىسرائىللار سامارىيەلىكلەرنى ساپ ئەمەس دەپ كۆزگە ئىلماي، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلمىغانىدى، ھەتتا يېرۇسالېمغا بارغاندا سامارىيەدىن ئۆتمەيتتى.
سېلاھ _ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆز ھەققىدە مۇنداق بىرقانچە چۈشەندۈرۈشلەر بار: 1. بىرئاز توختاش دېگەن مەنىدە. 2. ئىبادەت قىلغۇچىلارغا سەجدە قىلىش ھەققىدە بېرىلىدىغان بەلگە. 3. مۇزىكىدىكى مەلۇم بىر بەلگە. 4. مەرغۇل.
سىئون _ ئىسرائىلىيەدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ تاغدا پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ «ئەھدە ساندۇقى» ساقلىنىدىغان مۇقەددەس چېدىرنى ياسىغان. كېيىنچە پادىشاھ سۇلايمان دەل شۇ تاغدا ئىبادەتخانا قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار ئىبادەت قىلىدىغان مەركىزى ئىبادەتخانىغا ئايلانغان. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «سىئون» خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى، يېرۇسالېم شەھىرىنى ياكى بەزىدە پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. «سىئون» خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىرگە بولۇشىغا ھەم خۇدانىڭ يەر-زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە «سىئون» ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى، يەنى ئەرشنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن.
شەھەر دەرۋازىسى _ قەدىمكى ئىسرائىلىيەدە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر جاي ياكى مەلۇم بىر ئىمارەت بولۇپ، ئۇ يەردە سوت ئېچىلاتتى، ھۆكۈم ۋە خەۋەرلەر جاكارلىناتتى، شۇنداقلا سودا-سېتىق ئېلىپ بېرىلاتتى.
غەيرىي سەجدىگاھلار _ ئىسرائىللاردىن باشقا ئەللەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بۇنداق جايلار ئېگىزلىكلەردە بولاتتى، كېيىنچە دەرەخلەرنىڭ ئاستى قاتارلىق باشقا جايلاردىمۇ بولغان. ئۇ جايلاردا بۇتلار، قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە ھەتتا كىچىك بۇتخانىلارمۇ بار ئىدى. ئەسلىدە غەيرىي سەجدىگاھلاردا غەيرىي دىندىكىلەر ئىلاھلىرىغا چوقۇناتتى، لېكىن بەزىدە ئىسرائىللارمۇ شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغانىدى. لېكىن بۇنداق قىلىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغانىدى. بۇ يەرلەردە بەزىدە ئەر ياكى ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىمۇ بار ئىدى.
فىلىستىيە _ ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان دۆلەتتۇر. فىلىستىيەلىكلەر بۇ يەرگە ئاگې دېڭىزى قىرغىقىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق بولۇپ، تارىختا ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلگەن. فىلىستىيەلىكلەر بۈگۈنكى پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر خەلق ئەمەستۇر.
قەيسەر _ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.
قۇربانلىق سۇپىسى _ قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن توپىدىن ياكى تاشتىن مەخسۇس ياسىغان ئېگىزرەك تەكشىنى كۆرسىتىدۇ.
كالام _ گرېك تىلىدىكى «لوگوس»نىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى «سۆز» دېگەنلىكتۇر. ئەلچى يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ۋە يازغان بىرىنچى خېتىدىكى «كالام» دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغان. يۇھاننا ئۆز يازمىسىنى «كالام» (سۆز) ھەققىدە سۆزلەش بىلەن باشلايدۇ. بۇ كالام ئەيسا مەسىھ بولۇپ، ئۇ ئىنسان بولۇپ ئارىمىزدا ياشىدى.
كەپە تىكىش ھېيتى _ ئىسرائىللارنىڭ خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقىتتىكى چېدىرلاردا تۇرغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كەپىدە يەتتە كۈن تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان ھېيتىدۇر. بۇ ھېيت مېۋىلەردىن ھوسۇل يىغىدىغان كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەچكە «ھوسۇل يىغىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتالغان («لاۋىيلار» 23: 33 — 43، «قانۇننىڭ تەكرارى» 16: 13 — 17).
كرېستكە مىخلاش _ قەدىمكى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇ جازادا جىنايەتچى ئالدى بىلەن بىر ياغاچنى يۈدۈپ، جازا مەيدانىغا كېلىدۇ. ئاندىن لەشكەرلەر جىنايەتچىنى ئۇ ياغاچقا مىخلاپ، ياغاچنى مەيداندىكى ياغاچقا كرېست شەكلىدە مىخلاپ، ئاندىن كرېستنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ تىكلەپ قويىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئاغرىق ئازابىنى تارتىپ، نەپەس ئالالماي ئۆلىدۇ. بەزىدە لەشكەرلەر جىنايەتچىنىڭ تېزراق ئۆلۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتىنى چاقاتتى. رەزىل جىنايەتچىلەر، قوزغىلاڭچىلار، تۇتۇلغان قاچقۇنلار ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇللار مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن جازالىناتتى.
كۇش _ مىسىرنىڭ جەنۇبىي، سۇداننىڭ شەرقى ۋە ئېفىئوپىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمقى بىر ئەلنىڭ نامى.
كېرۇب _ ئەرشتىكى پەرىشتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئۇنىڭ ئىككى ھەيكىلى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان.
گۇناھ _ خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولغان، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەت ۋە ئوي-پىكىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا گۇناھنىڭ ئادەم ئاتىنىڭ خۇداغا بويسۇنمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغاندۇر («يارىتىلىش» 3-باب). مۇقەددەس كىتابتا يەنە گۇناھنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە گۇناھنىڭ ئىنسانلارغا ئۆلۈم جازاسى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ («رىملىقلار» 3: 23 ۋە 6: 23).
گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى _ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈنى باش روھانىي ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلاتتى. بۇ كۈن مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ. («لاۋىيلار» 16: 1 — 34).
لاۋىيلار _ ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرى. بۇ قەبىلىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى روھانىيلىققا، باشقا لاۋىيلار بولسا ئىبادەت چېدىرىدا مەخسۇس خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنەتتى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ، چۆلدە ياشىغان مەزگىلدە ئۇلار ئىبادەت چېدىرىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. كېيىن يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولدى.
لىرا _ قەدىمكى ئىبرانىيلارنىڭ بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. Add picture
لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان، ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق مەخلۇقتۇر.
ماخاۋ كېسىلى _ ئىنسانلارنىڭ تېرىسىدىكى بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تەۋرات قانۇنى بويىچە تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ناپاك دەپ قارىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئادەتتە ئۇلار قارارگاھ ياكى شەھەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى («لاۋىيلار» 13: 1 — 46). ماخاۋ كېسىلىمۇ بىر خىل تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىمۇ ناپاك دەپ قارايتتى.
ماننا _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ چۆلدە قىرىق يىل ياشىغاندا خۇدا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئالاھىدە بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك. خۇدا ھەر يەتتىنچى كۈنىدىن باشقا كۈنلىرى ئەتىگەندە پۈتۈن يەرنى نېپىز قاپلىغان بۇ يېمەكلىك بىلەن ئىسرائىل خەلقىنى قىرىق يىل تەمىنلىگەن («مىسىردىن چىقىش» 16-باب: 1 — 16).
مەسىھ _ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېكچە «خرىستوس»تۇر. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ياغ قۇيۇش ياكى سۈركەش»تۇر. قەدىمكى ئىسرائىلىيەدە پادىشاھلار خۇدا تەرىپىدىن پادىشاھلىققا تەيىنلەنگەندە، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىققا تەيىنلەنگەنلىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇش بىلەن بىلدۈرۈلەتتى. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر بىر قۇتقۇزغۇچىنىڭ، يەنى مەسىھنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. بۇ مەسىھ دەل ھەزرىتى ئەيسادۇر. («داۋۇتنىڭ ئەۋلادى» ۋە «ئىنسانئوغلى»غا قارالسۇن.)
موئاب _ تارىختا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قوشنا دۆلەتتۇر. موئابتا ياشايدىغان خەلقلەر موئابلار دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر («ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 19: 30 — 38). موئابلار بۇتپەرەس بولۇپ، كېموش دەپ ئاتىلىدىغان ئىلاھقا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار تارىختا كۆپ چاغلاردا ئىسرائىللارغا دۈشمەن بولۇپ كەلگەن.
مولەك _ قەدىمكى كەنئان خەلقىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بىرى.
مۇقەددەس جاي ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاي _ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆللەردە سالغان ئىبادەت چېدىرى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئالدى قىسمى «مۇقەددەس جاي»، كەينى قىسمى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان. كېيىن يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىمۇ مۇشۇنداق ياسالغان. بۇ قىسىملار چوڭ پەردە بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان. روھانىيلار «مۇقەددەس جاي»غا دائىم كىرىپ، ئىسرىقداندا خۇش پۇراقلىق ئىسرىقلارنى كۆيدۈرۈپ تۇراتتى ۋە بۇ يەردىكى شىرەگە خۇداغا ئاتالغان نانلارنى تىزىپ تۇراتتى. «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا باش روھانىي يىلدا بىر قېتىم خەلقنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ كىرەتتى. («ئىبرانىيلار» 9: 2 _ 3).
مۇقەددەس خەلق _ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئاتىلىشىدۇر. مۇقەددەس كىتابتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا تولۇق ئاتالغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خۇدا تاللىغان ئادەملىرىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇشى ۋە ئۆزىگە ئاتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇقەددەسلەشتۈردى.
مۇقەددەس خەلقنىڭ مىراسى _ خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە، يەنى پەرزەنتلىرىگە ۋەدە قىلغان كەلگۈسىدىكى پادىشاھلىق، مەڭگۈلۈك ھايات، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش، ھەقىقىي بايلىق ۋە بەخت-سائادەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ («مەتتا» 25: 34، «ئەفەسلىكلەر» 1: 18).
مۇقەددەس روھ _ خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. كونا ئەھدە دەۋرىدە خۇدا روھىنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار، پادىشاھلار ۋە ئۆزى تاللىغان باشقا ئادەملىرىگىلا ئاتا قىلغانىدى. يېڭى ئەھدە دەۋرىدە بولسا بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلدى («يۇھاننا» 14: 26؛ «ئەفەسلىكلەر» 1: 13؛ «كورىنتلىقلارغا 1-خەت» 12: 13).
ھوسۇل يىغىش ھېيتى _ «كەپە تىكىش ھېيتى»غا قارالسۇن.
ھېيت-بايراملار _
This table could go here under heyt-bayramlar, or go separately from the GLO
| ئىسىم | ۋاقىت |
|---|---|
| ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى | 1-ئاي 14-كۈنى |
| پېتىر نان ھېيتى | 1-ئاي 15-كۈنى _21-كۈنى |
| ئورما ھېيتى | 3-ئاي 6-كۈنى |
| بۇرغا چېلىش ھېيتى | 7-ئاي 1-كۈنى |
| گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى | 7-ئاي 10-كۈنى |
| كەپە تىكىش ھېيتى | ھوسۇل يىغىش ھېيتى | 7-ئاي 15-كۈنى _21-كۈنى |
| مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام | 9-ئاي 25-كۈنى _ 10-ئاي 2-كۈنى |
| پۇرىم بايرىمى | 12-ئاي 14-كۈنى _15-كۈنى |
Optional addition: Mention that three of these were pilgrimage festivals, that is, people were supposed to gather at the central worship place (eventually, Jerusalem):
ئىسىم bd ۋاقىت
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى 1-ئاي 14-كۈنى
مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ
«قانۇننىڭ تەكرارى» 16: 16:
«بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىدۇ.»
ھىرود ھىرود _ مۇقەددەس كىتابتا «ھىرود» ئىسىملىك تۆۋەندىكى بەش كىشى ئۇچرايدۇ.
ئورما ھېيتى _ ئارپا ۋە بۇغدايدىن ئېلىنغان ھوسۇلنى تەبرىكلەش بايرىمى. («لاۋىيلار» 23: 15— 22، «قانۇننىڭ تەكرارى» 16: 9 — 12)
ئون ئىككى قەبىلە _ ئەسلىدە ياقۇپنىڭ 12 ئوغلى بار ئىدى. لېكىن ياقۇپ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئوغلى يۈسۈپنىڭ 2 ئوغلى بولغان ماناسسە بىلەن ئەفرائىمغا يۈسۈپنىڭ ئورنىغا ئوغۇللۇق سالاھىيىتى بەردى. ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرى مۇشۇ ئوغۇللاردىن تارالدى. لېكىن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىنغاندا، لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىنمىدى. گەرچە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرى 13 بولسىمۇ، لېكىن لاۋىيلارغا زېمىن تەقسىم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار زېمىن تەقسىم قىلىنغان قەبىلىلەر ئاساسىدا ئون ئىككى قەبىلە ئاتالدى.
ئوندىن بىر ئۈلۈش _ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن خۇدانىڭ خەلقىنىڭ كىرىمىنىڭ ئوندىن بىرى خۇداغا ئاتىلىدۇ. كىشىلەر يىلدا بىر قېتىم، بەزىدە ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئالغان ھوسۇلى، چارۋا ماللىرى ۋە باشقا كىرىملىرىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلارغا ۋە قالغان لاۋىيلارغا تاپشۇرىدۇ.
ئۇچرىشىش چېدىرى _ ئىبادەت چېدىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ چېدىرنى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشاتتى. پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانا سالغاندىن كېيىن، بۇ ئىبادەتخانا ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان.
ئۇرىم ۋە تۇممىم _ بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇپ، باش روھانىينىڭ پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدە ساقلىناتتى. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھېيتتا ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ھەربىر ئىسرائىل ئائىلىسى خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە بىردىن پاقلان ياكى تېكە قۇربانلىق قىلىپ، قېنىنى قۇربانلىقنىڭ گۆشنى يېگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ شۇنداق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا خۇدا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن تېزلىكتە ئايرىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پېتىر نان يېيىشىنى بۇيرۇغانىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە بۇ ھېيتتا ھەرقانداق بىر ئائىلىدە يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھېيت «پېتىر نان ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ («مىسىردىن چىقىش» 12-باب).
ئۆلۈك دېڭىز _ ئارابا دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ سۈيى بەك تۇزلۇق بولغاچقا بەزىدە تۇز دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۆلۈم _ مۇقەددەس كىتابتا «ئۆلۈم» ئىنساننىڭ تەن جەھەتتىكى ئۆلۈشىنى ھەم خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ خۇدادىن يىراقلىشىشىنى، يەنى روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈشىنى كۆرسىتىدۇ («يارىتىلىش» 2: 17؛ «رىملىقلار» 8: 6). ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «ئىككىنچى ئۆلۈم»، يەنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈم سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن خۇدادىن مەڭگۈ ئايرىلىپ، ئوت كۆلىدە جازالىنىشنى كۆرسىتىدۇ («ۋەھىيلەر» 21: 8).
ئۆلۈمدىن تىرىلىش _ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ («كورىنتلىقلارغا 1-خەت» 15: 20؛ «رىملىقلار» 8: 11). ئۇ بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، ئۆلگەن ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلىدۇ («سالونىكالىقلارغا 1-خەت» 4: 16). ئۇلارنىڭ تىرىلگەن تېنى خۇددى ئۇنىڭ تىرىلگەن تېنىدەك چىرىمەيدۇ، شۇنداقلا شان-شەرەپلىك ۋە كۈچلۈك بولىدۇ («كورىنتلىقلارغا 1-خەت» 15: 42 _ 53). ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ قىيامەت كۈنى تىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ قاتتىق سورىقى ۋە جازاسىغا دۇچار بولىدۇ («ۋەھىيلەر» 20: 11 _ 15).
ئېتىقادچىلار جامائىتى _ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى قىلىنىدۇ («كورىنتلىقلارغا 1-خەت» 12: 12 _ 13). ئېتىقادچىلار جامائىتى كەڭ مەنىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدە بولسا، مەلۇم بىر يەردە تەشكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبادەتخانا _ 10-ئەسىرنىڭ بېشىدا پادىشاھ سۇلايمان يېرۇسالېمدا تۇنجى ئىبادەتخانىنى ياساتقان. قۇربانلىق خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن پەقەت مۇشۇ ئىبادەتخانىدا قىلىناتتى. بۇ ئىبادەتخانا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسىدا ياسالغانىدى. روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق كۆيدۈرەتتى، مۇقەددەس جايدا ئىسرىق سالاتتى. باش روھانىي مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ كىرەتتى.
ئىبرانىيلار _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبراھىم _ ئىبرانىيلار ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئىبرام» بولۇپ، «ئۇلۇغ ئاتا» دېگەن مەنىدىدۇر. ئىككىنچى ئىسمى «ئىبراھىم» بولۇپ، بۇ ئىسىمنى خۇدا قويغاندۇر. بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى» دېگەنلىكتۇر.
ئىدوم _ تارىختا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قوشنا دۆلەتتۇر. ئۇلار ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئىدوملار بۇتپەرەس بولۇپ، تارىختا كۆپ چاغلاردا ئىسرائىللارغا دۈشمەن بولۇپ كەلگەن.
ئىسرائىل _ ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، بۇ ئىسىمنى خۇدا ئۇنىڭغا قويغاندۇر. ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بۇ ئوغۇللاردىن كېلىپ چىققاندۇر.
ئىسھاق _ ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەدىن بولغان ئوغلى بولۇپ، ياقۇپ ۋە ئەساۋنىڭ ئاتىسىدۇر. خۇدا ئىبراھىمغا ئىسھاق ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى بەختلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئىسھاق «كۈلكە» دېگەن مەنىدىدۇر.
ئىلياس پەيغەمبەر _ كونا ئەھدە دەۋرىدىكى ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 9-ئەسىردە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي تەرىپىدە خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگەن. مالاكى پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا (مالاكى 4: 5) مەسىھ كېلىشتىن بۇرۇن ئىلياس پەيغەمبەر قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن. ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بەرگەندە، بۇ بېشارەت ھەققىدە توختىلىپ، كەلگىنى ئىلياس پەيغەمبەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغان يەھيا پەيغەمبەردۇر دەيدۇ.
ئىنسانئوغلى _ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدىغان بۇ نام دانىيال پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ياشىغان دانىيال پەيغەمبەر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق «ئىنسانئوغلى» دېگەن زاتنىڭ خۇدا ئالدىغا كېلىپ، خۇدادىن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ۋە چەكسىز ئۇلۇغلۇقنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ (دانىيال 7: 13). يەھۇدىيلار ئارىسىدا بۇ غايىبانە ئالامەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئۇقۇم كېيىنكى ئەسىرلەردە خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە ئاسماندىن چۈشۈپ، بارلىق خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنىڭ نامىغا ئايلانغان.
ياغ قۇيۇش ۋە سۈركەش _ مېھمانغا بولغان ھۆرمىتىنى ياكى ئالاھىدە بىر خىزمەتكە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىغا زەيتۇن يېغى قۇيۇشنى ياكى سۈركەشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەختكە چىققاندا ياكى روھانىيلار ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان. ئىبادەت چېدىرىدىكى ۋە ئىبادەتخانىدىكى نەرسىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىغاندا، ئۇ نەرسىلەرگىمۇ زەيتۇن يېغى سۈركەلگەن.
يۇنۇس پەيغەمبەر _ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ئىسرائىلىيەدە ياشىغان پەيغەمبەر. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە شەھەردىكىلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان جازادىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. لېكىن ئۇ دەسلەپتە خۇداغا بويسۇنماي، باشقا يەرگە بارىدىغان كېمىگە چۈشكەن. دېڭىزدا قاتتىق بوران چىققاندىن كېيىن، باشقىلار ئۇنىڭ خۇداغا بويسۇنمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن. دېڭىزدا يوغان بىر بېلىق ئۇنى يۇتۇۋېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇرۇقلۇققا ياندۇرۇۋەتكەن. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ دەسلەپكى ئەمرى بويىچە نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى توۋا قىلىپ يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرغان.
يېرۇسالېم _ ئەسلى ئىسمى سالىم (تىنچلىق دېگەن مەنىدە) بولۇپ، بۇ شەھەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردە پادىشاھ داۋۇت تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قىلىنغان. پادىشاھ سۇلايمان بۇ شەھەردە تۇنجى ئىبادەتخانىنى سالدۇرغان. بۇ شەھەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى بابىل ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ۋە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 538-يىلدىن باشلاپ قايتا ياسالغان. خۇددى ھەزرىتى ئەيسا ئالدىن ئېيتقاندەك، بۇ شەھەر مىلادىيە 70-يىلى رىم قوشۇنى تەرىپىدىن مەركىزىي ئىبادەتخانا بىلەن بىرلىكتە ۋەيران قىلىنغان.
يېڭى ئاي بايرىمى _ ئىسرائىللارنىڭ يېڭى ئاي چىققاندا ئۆتكۈزىدىغان دىنىي مۇراسىمى («چۆلدە» 10: 10 ۋە 28: 11 _ 15).
This could go under aylar or under "calendar" (together with an explanation about the years), or outside the GLO
| ئايلارنىڭ ئىسىملىرى؟؟ | ||
|---|---|---|
| قەدىمقى ئىبرانىي كالېندارى | باشقا ئىبرانىي ئىسىملار؟؟ | ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى |
| 1-ئاي | ئابىب ئېيى، نىسان ئېيى | 4- ۋە 5- ئايلار |
| 2-ئاي | زىۋ ئېيى | |
| 3-ئاي | سىۋان ئېيى | |
| 4-ئاي | ||
| 5-ئاي | ||
| 6-ئاي | ئەلۇل ئېيى | |
| 7-ئاي | ئېتانىم ئېيى | |
| 8-ئاي | بۇل ئېيى | |
| 9-ئاي | كىسلېۋ ئېيى | |
| 10-ئاي | تەبەت ئېيى | |
| 11-ئاي | شىبات ئېيى | |
| 12-ئاي | ئادار ئېيى |
