گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت

1

1‏-2مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتلىرىگە سالام. مەن ئىنسانلار تەرىپىدىن تاللانغان ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ۋاسىتە قىلىشى ئارقىلىق تاللانغان ئەلچى بولماستىن، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن تاللانغان ئەلچىدۇرمەن.

3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! 4ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزىنى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى. مەقسىتى، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزۇش ئىدى. 5بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

دۇنيادا بىرلا خۇش خەۋەر بار

6ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن. 7ئەمەلىيەتتە، باشقا خۇش خەۋەر يوق. لېكىن بەزى ئادەملەر سىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلايدۇ. 8مەيلى ئارىمىزدىكى بىرسى ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى يەتكۈزسە، ئۇ قارغىشقا قالسۇن. 9بۇرۇن بىزنىڭ ئېيتقانلىرىمىزنى مەن يەنە تەكرارلايمەنكى، كىمدىكىم سىلەرگە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»نى يەتكۈزسە، ئۇ قارغىشقا قالسۇن!

10مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى خۇدانىمۇ؟ ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.

پاۋلۇسنىڭ ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىشى

11قېرىنداشلىرىم، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان ئەمەستۇر. 12مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم ياكى بىرەر كىشىدىن ئۆگەنگىنىم يوق. بۇ خۇش خەۋەرنى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق ئۆزى يەتكۈزگەن.

13سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنى بويىچە قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىشقا تىرىشقانىدىم. 14يەھۇدىي دىنىنى بىلىش جەھەتتە تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن قوغدايتتىم. 15لېكىن خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللاپ، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. 16ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىدى. شۇ چاغدا مەن ھېچكىمگە مەسلىھەت سالمىدىم، 17ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارمىدىم. ئەكسىچە، ئۇدۇل ئەرەب زېمىنلىرىغا قاراپ ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم.

18ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. 19بۇ جەرياندا مەن باشقا ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشمىدىم، پەقەت رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. 20خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس. 21كېيىن سۈرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 22ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتلىرى مېنى تونۇمايتتى. 23ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «ئۇ بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدى. ئەمدى ئۇ ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان تەلىمنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. 24شۇڭا ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى.

2

باشقا ئەلچىلەرنىڭ پاۋلۇسنى قارشى ئېلىشى

1ئون تۆت يىلدىن كېيىن مەن بارنابا بىلەن بىرگە يەنە يېرۇسالېمغا باردىم. تىتۇسنىمۇ ئېلىۋالدىم. 2مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى. 3نەتىجىدە، ئۇلار ئېيتقانلىرىمدىن رازى بولدى. ھەتتا مەن بىلەن بىرگە بارغان تىتۇس يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇنى خەتنە قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىمىدى. 4بىراق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىن ھاياتىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىش ئىدى. 5لېكىن بىز خۇش خەۋەرگە ئائىت ھەقىقەتنى ئاراڭلاردا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قىلچە يول قويمىدۇق.

6ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى مۇھىم ئادەملەر (ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ قانداق بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى خۇدا ھەممە ئادەمگە تەڭ قارايدۇ) مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە يەنە مەزمۇن قوشۇش كېرەك دېمىدى. 7دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇددى خۇدا پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغاندەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. 8پېترۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ئەلچى بولۇشىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان خۇدا مېنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەلچى بولۇشۇمغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. 9جامائەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىز خۇش خەۋەر تارقىتىدىغان، يەھۇدىيلارغا ئۇلار خۇش خەۋەر تارقىتىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. 10ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيادا پېترۇسنى ئەيىبلىشى

11بىراق كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. 12ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى. 13شۇنىڭ بىلەن باشقا يەھۇدىي ئېتىقادچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ساختىپەزلىك قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا بارنابامۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. 14مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.

15بىز گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز، ھەر ئىككىلىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيدۇرمىز. 16لېكىن بىز كىشىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن بىزمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانمايدۇ. 17بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ بىزنى گۇناھ يولىغا باشلىدى دېسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق دېگىلى بولمايدۇ! 18مېنى قۇتۇلدۇرالمايدىغان تەۋرات قانۇنىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى تەكىتلىسەم، ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىغان بولمامدىمەن؟! 19مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلدۈم. ھازىر مەن خۇدا ئۈچۈن ياشايمەن. مەن مەسىھ بىلەن بىرگە كرېستكە مىخلانغانىدىم. 20ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مەن ھازىر مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن. 21مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولاتتى.

3

تەۋرات قانۇنى ۋە ئېتىقاد

1ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەدەك ئېنىق تەسۋىرلەنگەنىدىغۇ! 2سىلەردىن شۇنى سورىماقچىمەنكى، مۇقەددەس روھ سىلەرگە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلىندىمۇ ياكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈنمۇ؟ 3سىلەر شۇنچە نادانمۇ؟ مۇقەددەس روھ ھاياتىڭلاردا باشلىغان ئىشنى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ تاماملىماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ 4ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ ئېتىقاد يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىكار كەتمەمدۇ؟ 5خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەرنى يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر.

6مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىبراھىم خۇداغا ئىشەندى، شۇڭا خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېيىلگەندۇر. 7شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي ئەۋلادلىرىدۇر. 8مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغاندۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئۇچۇر بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن سەن ئارقىلىق ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن». 9شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ.

10تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم ھېسابلانماقچى بولغانلار قارغىشقا قالىدۇ، چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق ئەمەل قىلالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى قارغىشقا قالىدۇ.» 11دېمەك، ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا تايىنىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەم ھېسابلىنالمايدۇ، بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىقتۇر. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ھەققانىيلار ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. 12تەۋرات قانۇنى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلغۇچىلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. 13ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان قارغىشنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، بىزنى بۇ قارغىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. بۇ ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغان ئادەمدۇر» دەپ يېزىلغاندۇر. 14شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئارقىلىق ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىرگە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقادى بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ.

تەۋرات قانۇنى ۋە خۇدانىڭ ۋەدىسى

15‏-16قېرىنداشلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر مىسال ئالاي. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى ھېچكىم يوققا چىقىرالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىمۇ قوشالمايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىمۇ ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىدىكى «سېنىڭ ئەۋلادىڭغا» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىنى ئەمەس، يالغۇز بىرسىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. 17شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى 430 يىلدىن كېيىن چۈشكەن تەۋرات قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. دېمەك، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىنى بىكار قىلالمايدۇ. 18ئەگەر مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراسنىڭ خۇدانىڭ ۋەدىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بىراق خۇدا بۇ مىراسنى ئىبراھىمغا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئاتا قىلغاندۇر. 19ئۇنداقتا، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزى ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ئەۋەتكۈچە ئىنسانلارغا گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى. 20ئىككى ئادەمنىڭ ئەھدە تۈزۈشى ئۈچۈن بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. ئەمما خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەندە، ئۆزى يالغۇز ئىدى.

21تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشقا قادىر قانۇن بېرىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنداقتا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم ھېسابلانغىلى بولاتتى. 22ھالبۇكى، خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەدە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئېتىقاد قىلغانلارغا نېسىپ بولىدۇ.

23بىز بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولغۇچە، قانۇننىڭ نازارىتى ئاستىدىكى تۇتقۇنلار ئىدۇق ۋە شۇ ئېتىقاد يولىنىڭ ئايان بولۇشىنى كۈتۈۋاتقانىدۇق. 24ئەمما تەۋرات قانۇنى بىزگە ھامىي بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەمدى بىز ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىمىز. 25ھازىر بىز بۇنداق ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى بۇ ئېتىقادنىڭ يولى ئاشكارا بولدى.

خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى

26ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. 27چۈنكى سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار. 28مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولۇڭلار، قۇل ياكى ھۆر بولۇڭلار، ئەر ياكى ئايال بولۇڭلار، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. 29دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتتىن بەھرىمەن بولالايسىلەر.

4

1گەرچە بىر مىراسخور پۈتۈن مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قۇرامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى مىراسخولۇق ھوقۇقى جەھەتتە ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقلەنمەيدۇ. 2ئۇ ئاتىسى بەلگىلىگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يېشىغا توشمىغۇچە ئۇ يەنىلا ھامىيلىق قىلغۇچى ۋە غوجىدارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 3بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن بۇ دۇنيادىكى ئارتۇقچە قائىدە-يوسۇنلارغا* قۇل بولغانىدۇق. 4لېكىن خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى. 5خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتىشىدىكى مەقسىتى تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر. 6سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ. 7شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا ۋارىس بولىسىلەر.

پاۋلۇسنىڭ گالاتىيالىقلاردىن ئەندىشە قىلىشى

8بۇرۇن خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار. 9ئەمدى ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى تەسىرى يوق، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىباشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟ 10سىلەر يەنىلا مەلۇم كۈن، مەلۇم ئاي، مەلۇم پەسىل ۋە مەلۇم يىللارنى خاتىرىلەۋاتىسىلەر. 11مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

12قېرىنداشلار، گەرچە مەن يەھۇدىي بولساممۇ، ئەمدى سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەردەك تەۋرات قانۇنىنىڭ تۇتقۇنى بولمايمەن. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، سىلەرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ تۇتقۇنى بولماڭلار.

سىلەر ماڭا ھېچ ئازار بەرمىدىڭلار. 13سىلەرگە مەلۇمكى، كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 14ئۇ چاغدا كېسىلىم سىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار، رەت قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا ئەيسا مەسىھنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. 15ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! جەزم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار. 16ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟

17مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا، لېكىن ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىپ، ئۆزلىرىگە قېتىۋالماقچى. 18ئەگەر ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش نىيىتى بولسا مەيلى. لېكىن ئۇلار ياخشىلىقنى مەن يېنىڭلاردا بولغاندىلا قىلماستىن، بەلكى ھەر دائىم قىلسۇن. 19بالىلىرىم، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تولغاق ئازابىنى تارتىمەن. 20مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ، قانداق قىلىشنى راستتىنلا بىلمەيۋاتىمەن!

ھەجەر بىلەن سارەنىڭ مىسالى

21تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 22تەۋراتتا ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى دېدىكى ھەجەردىن، يەنە بىرى ئايالى سارەدىن تۇغۇلغان. 23دېدەكتىن تۇغۇلغان ئوغۇل تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە تۇغۇلغان، ئايالى سارەدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن.* 24بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 25ئەرەب زېمىنلىرىدىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا. 26ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ. 27چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

 

«ئەي بالا تۇغمىغان پەرزەنتسىز ئايال، تەنتەنە قىلغىن!

ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال، شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن!

چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى

ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.»

 

28قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار. 29ئۇ چاغدا تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە تۇغۇلغان ئىسمائىل مۇقەددەس روھنىڭ قۇدرىتى بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاققا قانداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھازىر تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەرگە شۇنداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. 30لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دەپ يېزىلغان؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز ئەركىن ئايالىڭدىن تۇغۇلغان ئوغلۇڭ بىلەن ئورتاق مىراسخور بولۇپ قالمىسۇن» دەپ يېزىلغان. 31دېمەك، قېرىنداشلار، بىز دېدەك ئايالنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىمىز.

5

ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى

1ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىن ياشىسۇن دەپ ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.

2مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشىنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن! 3مەن خەتنىنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك. 4سىلەر بۇ قائىدە-يوسۇنلارغا بويسۇنۇپ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر. 5لېكىن بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 6بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادنىلا مۇھىم دەپ قارايمىز.

7سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالدىڭلارغا قاراپ كېتىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟ 8ئۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدا ئەمەس! 9كىچىككىنە ئېچىتقۇمۇ پۈتۈن خېمىرنى ئېچىتىدۇ. 10خۇداغا بولغان ئىشەنچىم بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرمۇ بۇ ئىش ھەققىدە ماڭا ئوخشاش ئويلايسىلەر. سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

11قېرىنداشلار، ئەگەر مەن خەتنە قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرغان بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر مەن قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېمىگەن بولسام، ھەچكىمنىڭ غەزىپىمۇ قوزغالمىغان بولاتتى. 12سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن!

13قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىن بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار. لېكىن بۇ ئەركىنلىك گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشقا باھانە بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، ئەركىنلىكىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىڭلار. 14چۈنكى پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغاندۇر. 15لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرمەڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى ۋەيران قىلىسىلەر.

مۇقەددەس روھ ۋە ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى

16شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. 17چۈنكى ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئىستەكلىرى بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ ئىستەكلىرى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر. بۇ قارىمۇقارشىلىق توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 18لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

19ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىش جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 20بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، 21ھەسەتخورلۇق، شارابخورلۇق، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق.

22ۋاھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. 24ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان بارلىق يامان ھەۋەسلىرىنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ. 25مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى. 26تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى.

6

بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلىڭلار

1قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. 2بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. 3ئەگەر كىمدىكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەستۇر. بۇنداق ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. 4ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن، لېكىن ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن. 5ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولسۇن.

6خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن قىلسۇن.

7ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. 8ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھوسۇلى ھالاكەت بولىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھوسۇلى مەڭگۈلۈك ھايات بولىدۇ. 9شۇڭا ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھوسۇلىمىز مول بولىدۇ. 10شۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلايلى.

ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئاخىرقى سالام

11قاراڭلار، تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن. 12سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدىغانلار يەھۇدىيلارغا ياخشىچاق بولۇشنى ئويلايدىغانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولۇشىدىن كېلىدۇ دېسە، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. 13ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. 14ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ھېچقانداق نەرسىدىن ماختانمايمەن، پەقەت رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولۇشىدىن ماختىنىمەن. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيا كرېستكە مىخلاندى، دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن كرېستكە مىخلاندىم. 15خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر. 16بۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا، يەنى خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي!

17بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن ھېچكىم مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى بەدىنىمدە ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسى باردۇر.

18قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!


4: 3 ياكى «بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە».

4: 23 خۇدا ئىبراھىمغا «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. بىراق ئىبراھىم ئايالى سارەدىن قېرىپ كەتكۈچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبراھىم ئايالى سارەنىڭ دېدىكى بولغان ھەجەردىن ئىسمائىلنى تاپتى. ئىسمائىل تەبىئىي تۇغۇلۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلدى. كېيىن ئىبراھىم سارەدىن ئىسھاقنى تاپتى. ئىسھاق ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان ئوغۇل بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى بىلەن تۇغۇلدى.