فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت

1

1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا جامائەتنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر ۋە دۇئا

3مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇدايىمغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 4ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا قەلبىم خۇرسەنلىككە تولىدۇ. 5چۈنكى مەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. 6شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھايات يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەن كۈنى تاماملايدۇ. 7مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا دەپ قارايمەن. سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىمدۇر. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەر ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇنى قوغدىغان ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار. 8مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمغا، ھەمدە سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھتۇر.

9مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ھەقىقىي بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن داۋاملىق ئاشسۇن. 10شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىپ، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە پاك ۋە ئەيىبسىز ئادەم بولىسىلەر. 11ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىيلىق مېۋىسىگە تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيە ئېلىپ كېلىسىلەر.

ھاياتلىق ئەيسا مەسىھ ئۈچۈندۇر

12قېرىنداشلار، بۇ يەردە بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 13بارلىق ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقىلار مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەنلىكىمنى بىلىشتى. 14زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.

15ئەلۋەتتە، بەزىلەر ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمما كۆپىنچىلەر خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 16ئۇلار مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. 17لېكىن ھەسەتخورلار بولسا خۇش خەۋەرنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى ئويلاپ تارقىتىپ، مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابلىرىمغا ئازاب قوشۇۋاتىدۇ. 18مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ئەيسا مەسىھنى تونۇتسىلا خۇرسەن بولىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خۇرسەن بولىمەن. 19چۈنكى مەن بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. بۇ قۇتۇلۇش سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ. 20مېنىڭ ئۈمىدىم ۋە ئارزۇيۇم خۇش خەۋەرنى تارقىتىشتىن نومۇس قىلماسلىق، شۇنداقلا مەيلى ھاياتتا، مەيلى ماماتتا بولاي، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھەمىشە جاسارەتلىك بولۇپ، ئەيسا مەسىھنى ھاياتىم ئارقىلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىشتۇر. 21چۈنكى ھايات مەن ئۈچۈن ئەيسا مەسىھتۇر، ئۆلۈم مېنىڭ ئالغان پايدامدۇر. 22لېكىن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئىشىنىمەنكى ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىم نەتىجىلىك بولىدۇ. ئەمما نېمىنى تاللاشنى بىلمەي، 23تەڭلىكتە قالدىم. ئەلۋەتتە، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر. 24بىراق سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ھايات تۇرۇشۇم زۆرۈردۇر. 25شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، مەن ھازىرچە ئۆلمەيمەن، ئەكسىچە ياشايمەن. ھەممىڭلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەملىنىپ، تېخىمۇ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن داۋاملىق سىلەر بىلەن بىرگە بولىمەن. 26مەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ئامان-ئېسەن قايتا بارغىنىمدا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەر ئەيسا مەسىھتىن تېخىمۇ كۆپ پەخىرلىنىسىلەر.

27نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق ھايات كەچۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقادىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن. 28سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر. 29چۈنكى خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلدى. 30سىلەر مېنىڭ خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. ھازىرمۇ مېنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمدىن خەۋەردار بولۇۋاتىسىلەر ھەمدە سىلەرمۇ بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتىسىلەر.

2

ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىڭلار

1ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار، ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار. 2شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر. 3ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. 4ئۆز مەنپەئەتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلاڭلار. 5ئوي-پىكرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭكىدەك بولسۇن:

 

6ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ،

لېكىن ئۇ بۇ سالاھىيەتتە چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك دېمىدى.

7ئەكسىچە، ئۇ بۇ سالاھىيەتتىن ۋاز كېچىپ،

ئىنسان تېنىدە خىزمەتكارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن كەلدى.

8ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ،

ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى.

ھەتتا ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشكىمۇ رازى بولدى.

9شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ،

ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى ئاتا قىلدى.

10شۇڭا بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات

ئەيسا مەسىھكە تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،

11ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.

يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرۇڭلار

12شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغاندا ئاتا قىلىنغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار. 13چۈنكى خۇدا قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئارزۇ ھەم ئىرادە ئاتا قىلىدۇ.

14ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار. 15‏-16مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن بۇ ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر، ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن. 17سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قېنىم ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلارنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلسە، يەنى قۇربان بولسام، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇشال ۋە شاد بولىمەن. 18سىلەرمۇ خۇشال بولۇڭلار ھەمدە مەن بىلەن بىرلىكتە شادلىققا چۆمۈڭلار.

تىموتىي ۋە ئېپافرودىتۇس

19رەببىمىز ئەيسا ئىرادە قىلسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. 20ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق. 21باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. 22سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىرگە ئىشلىدى. 23شۇڭا مەن زىنداندىن چىقىش ئىشىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. 24رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىم كامىلكى، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن.

25مەن ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتۇسنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى توغرا كۆردۈم. ئۇ مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر. 26ئۇ ھەممىڭلارنى سېغىندى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىڭلار ئۈچۈن بىئارام بولدى. 27دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا رەھىم قىلمىدى، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خۇشال بولسۇن دەپ، ئۇنى تېزلا يولغا سالماقچىمەن. شۇنداق قىلسام، مەن سىلەردىن كۆپ ئەنسىرىمەيمەن. 29ئۇنى قېرىندىشىڭلارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر، ھەمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەيسىلەر. 30چۈنكى ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالدى.

3

ئەيسا مەسىھنى تونۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر

1قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەمدى شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلىرىمنى قايتىلاشتىن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمايمەن. بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ ھوشيار بولۇشۇڭلارغا ياردەم بېرىدۇ. 2قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىتتىن پەرقى يوقتۇر! 3خۇدانىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەردۇرمىز. چۈنكى بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قەتئىي خەتنىگە ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئەجرىگە تايانمايمىز. 4ئەگەر ئۆزۈمنىڭ ئەجرىگە تايىنىشقا توغرا كەلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىرىم يېتەرلىك ئىدى. ئەگەر بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا تايىنىپ قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاساسىم تېخىمۇ يېتەرلىكتۇر. 5چۈنكى مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي مەزھىپىدىنمەن. 6تەۋرات قانۇنىغا بولغان قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەمدۇرمەن. 7لېكىن مەن بۇرۇن مۇھىم دەپ بىلگەن بۇ ئىشلارنى ھازىر ئەيسا مەسىھ ۋەجىدىن پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز دەپ قارايمەن. 8‏-9مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن ھەممىنى تاشلىدىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت دەپ قارىدىم. ھازىر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى. 10مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنى تىرىلدۈرگەن قۇدرەتنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىشتۇر. 11شۇنداقلا، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خۇدا ۋەدە بەرگەن تىرىلىشكە يېتىشتۇر.

نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش

12بۇنداق دېگەنلىكىم مەن مەقسەتكە يەتتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن ئۆزىگە تەۋە قىلغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ يۈرۈۋاتىمەن. 13قېرىنداشلار، مەن ھەرگىز ئۆزۈمنى بۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدۇم دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى نىشانغا قاراپ تىرىشىمەن، 14يەنى خۇدا ئەيسا مەسھ ئارقىلىق مېنى ئېلىشقا چاقىرغان ئەرشتىكى ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن. 15روھىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن بىزلەر مۇشۇنداق ئورتاق مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە مەقسىتىڭلار بولسا، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 16قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەت بويىچە ياشايلى.

17قېرىنداشلار، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار، شۇنداقلا سىلەر بىزنى ئۈلگە قىلغان كىشىلەردىنمۇ ئۆگىنىڭلار. 18چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى. 19بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ. 20ھالبۇكى، بىزنىڭ ھەقىقىي ماكانىمىز ئەرشتە. بىز ئەرشتىكى قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 21شۇ چاغدا ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ.

4

پەند-نەسىھەتلەر

1ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردىن قىلچە تەۋرەنمەڭلار. 2ئېۋودىيا خانىم ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار. 3ئەي سادىق ھەمكارلاشقۇچىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، سەن بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىلغىن. چۈنكى ئۇلار مەن، كلېمېنت ۋە نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر تۆكتى.

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار بارلىق كىشىلەرگە ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا ئاتا قىلغان ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قوغدايدۇ.

8قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، قانداق ئىش راست، ئېسىل، توغرا، ئەيىبسىز، گۈزەل، مۇكەممەل، ماختاش ۋە ئالقىشقا لايىق ئىش بولسا، شۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. 9مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تەشەككۈرى

10ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىشنى ئويلاپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى قىلىشقا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى. 11بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگەندىم. 12مەن مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولسۇن، مەيلى توقچىلىق ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەيلى مولچىلىق ياكى غۇربەتچىلىك بولسۇن، ھەرقاچان، ھەرقانداق ئەھۋالدا قانائەت قىلىشنى بىلدىم. 13مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. 14شۇنداقتىمۇ، سىلەر قىيىنچىلىقلىرىمغا ياردەم بېرىپ ياخشى قىلدىڭلار.

15ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائىتى ماڭا ياردەم بەرمىدى. 16سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار. 17مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم سىلەردىن بىرەر ياردەم تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتۇر. 18مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق ياردىمىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى. ئېپافرودىتۇس ئارقىلىق ئەۋەتكەن ياردىمىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تولۇقلاندى. بۇ ياردەملەر خۇدا قوبۇل قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 19ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلىدىغان مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ. 20بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

21ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلققە سالام. مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام. 22بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام.

23رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!