ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى

1

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس،

دەسلەپكى يازمامدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگۈچە بولغان ئارىلىقتا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ۋە بەرگەن بارلىق تەلىملىرىنى بايان قىلغانىدىم. 2ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنىدى. 3ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئەلچىلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.

4بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن بىرگە غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقان ۋە خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار. 5چۈنكى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.

6ئەلچىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن جەم بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن:

_ ئى رەببىمىز، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟ _ دەپ سورىدى. 7ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدائاتام ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە زامانىنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەندۇر. بۇ سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا تېگىشلىك ئىش ئەمەس. 8بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېمدا، پۈتۈن يەھۇدىيەدە، سامارىيەدە ۋە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.

9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. 10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى. توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ:

11_ ئەي جەلىلىيەلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟ ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، _ دېدى.

يەھۇدانىڭ ئورنىغا تاللانغان ئەلچى

12شۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلەر يېرۇسالېمدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى دېگەن جايدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 13ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى. 14ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.

15شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېتىقادچىلاردىن 120گە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پېترۇس ئورۇندىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

16_ قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ بۇرۇن پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بەرگەن يەھۇدا ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ سۆزلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى. 17يەھۇدامۇ بىزدەك بىر ئەلچى بولۇپ، بىز بىلەن بىرگە خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. 18(يەھۇدا قىلغان گۇناھىنىڭ بەدىلىگە ئىگە بولغان پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە باشچىلاپ يىقىلىپ، قارىنى يېرىلىپ، ئۈچەيلىرى چۇۋۇلۇپ ئۆلدى. 19بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھەقەلداما» دەپ ئاتاشتى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېمەكتۇر.) 20زەبۇردا مۇنداق سۆزلەر بار:

 

«ئۇنىڭ ماكانى خاراب بولسۇن،

چېدىرى چۆلدەرەپ قالسۇن.»

ۋە

«ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقىسى ئالسۇن.»

 

21‏-22شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن يەھۇدانىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىرگە بولغان كىشىلەردىن بولسۇن، _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ماتىيا ۋە يۈسۈپنى ئالدىغا چىقاردى. يۈسۈپنىڭ بارسابا ۋە يۇستۇس دېگەن باشقا ئىسىملىرىمۇ بار ئىدى. كۆپچىلىك ئۇلارغا مۇنداق دۇئا قىلىشتى:

24‏-25_ ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن.

26دۇئادىن كېيىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىدى ۋە چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچىسى بولۇپ قوشۇلدى.

2

مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا چۈشۈشى

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولدى. 2ئۇلار ئولتۇرغان ئۆي تۇيۇقسىز خۇددى قاتتىق شامال چىققاندەك ئاسماندىن ئاڭلانغان بىر ئاۋازغا تولدى. 3ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئوت يالقۇنىدەك بىر نەرسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردى. 4ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

5ئۇ چاغدا يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. 6ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 7ئۇلار ھەيران بولۇپ:

_ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيەلىكلەر ئەمەسمۇ؟ 8ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟ 9ئارىمىزدا پارتىيا، مىدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا*، 10‏-11فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كىرىنەيگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر ۋە كرىت، ئەرەب زېمىنلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنداقلا رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا خەلقلەرمۇ بار. ئەمما ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! _ دېيىشتى. 12ئۇلار تېڭىرقاش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە بىر-بىرىگە:

_ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ _ دېيىشتى. 13بەزىلەر:

_ بۇلار ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! _ دەپ مەسخىرە قىلىشتى.

پېترۇسنىڭ چۈشەندۈرۈشى

14بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىرگە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن يەھۇدىي قېرىنداشلار، سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 15سىلەر بىزنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 16ھالبۇكى، خۇدا بۇرۇن بۇ ئىش ھەققىدە يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىپ مۇنداق دېگەنىدى:

 

17«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى:

‹مەن ئاخىر زاماندا پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن،

ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ.

سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق،

ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

18ئاشۇ كۈنلەردە مەيلى قۇل، مەيلى دېدەك بولسۇن،

ھەممىسىنى روھىمغا چۆمدۈرىمەن،

ئۇلار مەندىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆزلەيدۇ.

19مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن،

سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر.

20قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن

بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

21ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.›»

 

22ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم. 23خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇشىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بۇرۇن قارار قىلغانىدى. سىلەر ئۇنى خۇداغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈردۈڭلار. 24لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى. 25پادىشاھ داۋۇت زەبۇردا ئۇ ھەققىدە ئالدىن مۇنداق دەپ ئېيتقانىدى:

 

«ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى كۆردۈم ئالدىمدا،

ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.

26شۇڭا روھىم شادلىقتا، تىلىم سۆيۈنۈشتىدۇر،

تېنىم بولسا ئۈمىدكە ماكانلاشتى.

27بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە،

يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.

28كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا،

خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا.»

 

29قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى يۈرەكلىك ھالدا ئېيتالايمەنكى، بۇ سۆزلەر چوقۇم پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمىغاندۇر. چۈنكى ئەجدادىمىز داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەرگە كۆمۈلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنگىچە بۇ يەردە ساقلانماقتا. 30داۋۇت پەيغەمبەر ئىدى، ئۇ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىس قىلىدىغانلىقىغا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلەتتى. 31پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىنى، يەنى گۆر ئىچىگە تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. 32بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى. 33خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە بىزلەرگە چۈشۈردى. بۇنى سىلەر ھازىر كۆرۈۋاتىسىلەر، شۇنداقلا ئاڭلاۋاتىسىلەر. 34‏-35پادىشاھ داۋۇت ھەرگىز ئەرشكە چىقمىغان، لېكىن ئۇنىڭ يازغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىمۇ قۇتقۇزغۇچى مەسىھكە قارىتىلغان:

 

«پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:

‹سەن ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

كۈتكىن تاشلىشىمنى دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭنىڭ ئاستىغا.›»

 

36شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچى مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى!

37پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەكلىرىگە خەنجەردەك سانجىلدى. ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن:

_ قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. 38پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار، ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىدۇ. 39بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار، ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.

40پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە بېرىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار، _ دېدى.

41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە قوشۇلدى. 42ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.

ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق

43ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خەلق ئۇلاردىن قاتتىق تەسىرلەندى. 44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىرگە ئىناق ياشاپ، نەرسىلىرىنى سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمىدى. 45مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى.

46ئۇلار ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى. 47ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. پەرۋەردىگار ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى.

3

توكۇر ئادەمنىڭ ساقايتىلىشى

1بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى. 2ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ ئىبادەتخانىغا ئەكېلىنىۋاتقانىدى. كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. 3توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. 4ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىدى، ئاندىن پېترۇس:

_ بىزگە قارا! _ دېدى.

5تىلەمچى ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇردى. 6بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! _ دېدى-دە، 7ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى. شۇ ئان ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇقلىرىنىڭ بېغىشلىرىغا كۈچ كىرىپ، 8ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىرگە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا كىردى. 9جامائەت ئۇنىڭ ماڭغاچ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 10ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇدى ۋە داڭ قېتىپ قېلىشتى.

پېترۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى سۆزلىرى

11ھەممە ئادەم پۇتى ساقايغان بۇ ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساقىيىپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى. 12بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خەلققە مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىل قېرىنداشلار، بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ سىلەر بىزنى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ياكى ئىخلاسمەنلىكىگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ساقايتىپ، ماڭدۇردى دەپ ئويلامسىلەر؟ 13ياق، ئەجدادلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى ئالىي كېڭەشكە تۇتۇپ بەردىڭلار. پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلدىڭلار. 14مۇقەددەس ۋە ھەققانىي زاتنى، يەنى ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. 15شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرىدۇرمىز. 16مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادىمىز بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىرگۈزدى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ساقايدى، سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار.

17قېرىنداشلار، مەن ئىشىنىمەنكى، سىلەر ۋە يېتەكچىلىرىڭلار ھەزرىتى ئەيساغا شۇنچە يامانلىق قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيتتىڭلار. 18مانا بۇ خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدۇر. 19شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرىدۇ. 20ئۇ سىلەرگە يېڭى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئۆزى بىز ئۈچۈن تاللىغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ، يەنى ھەزرىتى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. 21خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق جاكارلىغىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتە تۇرىدۇ. 22مۇسا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر چىقىرىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار! 23چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلار خۇدانىڭ خەلقى قاتارىدىن چىقىرىلىدۇ.»

24دەرۋەقە، سامۇئىل پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەردە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ ئالدىن ئېيتقان. 25سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىدۇرسىلەر. چۈنكى خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ئەھدە قىلغانىدى. 26شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تاللاپ، ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.

4

پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئالىي كېڭەشتە سوراق قىلىنىشى

1پېترۇس بىلەن يۇھاننا خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى. 2ئۇلار بۇ ئىككى ئەلچىنىڭ خەلققە ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، تەلىم بەرگەنلىكىدىن ئاچچىقلاندى. 3شۇڭا ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى تۇتقۇن قىلدى. كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېچىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى. 4لېكىن ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا تەخمىنەن بەش مىڭغا يەتتى.

5ئەتىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىدىكى بارلىق باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. 6ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. 7ئۇلار ئىككى ئەلچىنى ئالدىغا چاقىرتىپ:

_ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

8پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

_ خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى، 9ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە قىلغان ياخشى ئىشىمىز ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، 10سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بۇ ئادەم ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن پۈتۈنلەي ساقىيىپ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ. سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. 11مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان:

 

«كېرەكسىز بىلىندى تاش تامچىلارغا،

لېكىن ئۇ ئۇل تېشى بولدى قۇرۇلۇشقا.»

 

ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»تۇر! 12پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا خۇدا ئەۋەتكەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!

13پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. 14لېكىن ساقىيىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. ئاندىن:

16_ بۇ ئىككىسىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار كۆرسەتكەن ئاجايىپ مۆجىزىنى پۈتۈن يېرۇسالېم خەلقى بىلىدىكەن، بىز بۇنداق ئىش بولمىغان دېيىشكە ئامالسىزمىز. 17لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى بۇندىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرنېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەت قىلىشتى.

18شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلەشكە ۋە تەلىم بەرمەسلىككە بۇيرۇدى. 19لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا:

_ ئۇنداقتا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، خۇدانىڭ ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىساق توغرا بولامدۇ؟ 20ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى.

21ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى خەلقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى پۈتۈن خەلق يۈز بەرگەن ۋەقەنى بىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتاتتى. 22مۆجىزە ئارقىلىق كېسىلى ساقايغان بۇ ئادەم كېسىل بولغىلى قىرىق يىل بولغانىدى.

ئېتىقادچىلارنىڭ بىر نىيەتتە دۇئا قىلىشى

23پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئالىي كېڭەشتىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. 24ئېتىقادچىلار بۇنى ئاڭلىغاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئىگىمىز، ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆزۈڭ ياراتتىڭ. 25سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ، يەنى ئەجدادىمىز بولغان پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنىدىڭ:

 

نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟

نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟

26سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار،

بىرلىشىپ ھۆكۈمدارلار،

پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇ تاللىغانغا قارشى تۇرار.

 

27دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى. ھىرود بىلەن پونتىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، يەنى ئۆزۈڭ تاللىغان قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى. 28ئۇلار سەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

29ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن. 30مۇقەددەس خىزمەتكارىڭنىڭ ئەيسانىڭ نامى بىلەن كېسەللەرنى ساقايتىشى ۋە مۆجىزە، كارامەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتقايسەن.

31ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئېتىقادچىلارنىڭ ماللىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشى

32ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى ئۆزۈمنىڭ دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى. 33ئەلچىلەر رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە كۈچلۈك گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ بۈيۈك مېھىر-شەپقىتى ئۇلارغا يار بولدى. 34ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىنى ۋە ئۆي-جاي ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېرى ياكى ئۆيلىرىنى سېتىپ، 35پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇراتتى. ئەلچىلەر پۇللارنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلاتتى. 36مەسىلەن، سىپرۇستا تۇغۇلغان ۋە لاۋىيلاردىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى. 37ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى.

5

ھانانىيا بىلەن سەپىرە

1ھانانىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سەپىرە بىلەن بىرگە بىر پارچە يېرىنى ساتتى. 2ھانانىيا بىر قىسىم پۇلىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، قالغان پۇلىنى: «يېرىمىزنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇ» دەپ ئەلچىلەرگە بەردى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. 3پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ھانانىيا، نېمىشقا شەيتانغا قەلبىڭدىن جاي بېرىپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟ يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە ئېلىپ قاپسەنغۇ! 4يەر سېتىلماستا سېنىڭ ئەمەسمىدى؟! سېتىلغاندىن كېيىن سەن پۇلغا قارار بېرەلمەمتىڭ؟! نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەيسەن؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! _ دېدى.

5ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى. 6ياشلاردىن بىرنەچچىسى كېلىپ، جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.

7تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ھانانىيانىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى. بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن تېخى خەۋەر تاپمىغانىدى. 8پېترۇس ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا ئېيتىڭ، سىلەر ساتقان يەرنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، ھەممىسى شۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 9پېترۇس:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىرلىشىپ مۇقەددەس روھنى سىناپ باقتىڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! _ دېدى.

10ئۇمۇ شۇ ئان پېترۇسنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياشلار كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ، ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. 11پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتىنى ۋە بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.

ئەلچىلەر ياراتقان مۆجىزىلەر

12ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. 13كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 14شۇنداق بولسىمۇ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، جامائەتكە قوشۇلغان ئەر-ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيدى. 15كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر سەۋەبىدىن كىشىلەر كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ، كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. ئۇلار «پېترۇس يولدىن ئۆتكەندە، كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا سايىسى چۈشۈپ، ساقىيىپ كەتسۇن» دەپ ئويلايتتى. 16يېرۇسالېمنىڭ يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىنمۇ توپ-توپ كىشىلەر كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلاشقان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.

ئەلچىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى

17باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەر ئەلچىلەرگە ھەسەت قىلاتتى. 18شۇڭا ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى. 19لېكىن شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى زىنداننىڭ قاتمۇقات دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇلارغا:

20_ سىلەر مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە يېڭى ھايات توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېيتىڭلار، _ دېدى.

21ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن زىندانغا ئادەم ئەۋەتتى.

22لېكىن ئۇلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، ئەلچىلەرنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، قايتىپ بېرىپ، ئالىي كېڭەشتىكىلەرگە:

23_ بىز زىندانغا بارساق، زىنداننىڭ ئىشىكلىرى مەھكەم قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپتۇ. ئىشىك ئالدىدا قاراۋۇللارمۇ بار ئىكەن. لېكىن ئىشىكنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! _ دەپ مەلۇمات بەردى.

24مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. ئۇلار: «نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ» دەپ، ئۆز-ئۆزلىرىدىن سوراشقا باشلىدى. 25دەل شۇ چاغدا بىر كىشى كىرىپ:

_ سىلەر زىندانغا تاشلىغان ئادەملەر مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا جامائەتكە تەلىم بېرىۋاتىدۇ! _ دەپ خەۋەر قىلدى.

26شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.

27ئۇلار ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش روھانىي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى:

28_ بىز سىلەرگە ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق جېكىلىگەنىدۇق. لېكىن سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولدۇڭلار!

29پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ بىزنىڭ بويسۇنىدىغىنىمىز ئىنسان ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر! 30سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈردۈڭلار. لېكىن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. 31خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. 32بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرىدۇرمىز. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

33ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. 34لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىئېل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. 35ئاندىن ئۇ ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىيات قىلىڭلار! 36ئۆتكەندە ھېلىقى ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان تەۋداس ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەقە چىقاردى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم ئەگەشتى. بىراق ئۇ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئىشى يوققا چىقتى. 37كېيىن نوپۇس تىزىملاش ۋاقتىدا جەلىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەنىدى. ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلدى. 38ئەمدى بۇ كىشىلەرگە كەلسەك، مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە قىلىۋاتقىنى پەقەت ئىنساننىڭ ئىشى بولسىلا، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. 39ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلارنى خۇداغا قارشى ئورۇنغا قويغان بولىسىلەر!

ئالىي كېڭەش گامالىئېلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى 40ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق ھەرگىز تەلىم بەرمەسلىككە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى. 41ئەلچىلەر ئالىي كېڭەشتىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلىنىشقا لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. 42ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ۋە ئۆيلىرىدىمۇ تەلىم بېرىشنى، شۇنداقلا: «ھەزرىتى ئەيسا قۇتقۇزغۇچى مەسىھتۇر!» دەپ، خۇش خەۋەر تارقىتىشنى داۋاملاشتۇردى.

6

خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشى

1شۇ كۈنلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن. 2شۇڭا ئون ئىككى ئەلچى پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىز ئەلچىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا ئەمەس. 3شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار قىلسۇن. 4بىز ۋاقتمىزنى دۇئا قىلىشقا ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى.

5ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ، 6ئۇلارنى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەلچىلەر ئۇلارنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇلارغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتى.

7خۇدانىڭ سۆزى تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

ئىستىپاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

8خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان ئىستىپان خەلق ئىچىدە زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. 9بىراق كىرىنەي ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، شۇنداقلا قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ بەزى يەھۇدىي ئەزالىرى ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. 10لېكىن مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. 11شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ گېلىنى ياغلاپ، ئۇلارنى: «بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ۋە خۇداغا قارشى كۇپۇر سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق» دېگۈزدى.

12ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خەلقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى. ئۇلار ئىستىپاننى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشكە ئېلىپ باردى. 13سېتىلغان ساختا گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ:

_ بۇ ئادەم ھەمىشە مۇقەددەس ئىبادەتخانىمىزغا ۋە تەۋرات قانۇنىمىزغا قارشى سۆزلەرنى قىلىدۇ. 14بىز ئۇنىڭ: «ناسىرەلىك ئەيسا بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ، مۇسا پەيغەمبەردىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈملىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، _ دېدى.

15ئالىي كېڭەشتە ئولتۇرغانلار ئىستىپانغا قارىۋىدى، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى.

7

ئىستىپاننىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

1باش روھانىي ئىستىپاندىن:

_ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 2ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن خاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: 3«سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، يۇرتۇڭدىن چىقىپ كەتكىن. مەن ساڭا بىر يەرنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ يەرگە بارغىن» دېگەنىدى. 4شۇنىڭ بىلەن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز يۇرتى بولغان كالدانلارنىڭ زېمىنى تاشلاپ، خاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى. 5لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا بۇ يەردىن مۈلۈك قىلىپ، بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىدى. ئەمما خۇدا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بۇ چاغدا ئىبراھىم تېخى پەرزەنتلىك بولمىغانىدى. 6خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇنداق دېگەنىدى: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مەلۇم بىر يات ئەلدە مۇساپىر بولىدۇ ۋە تۆت يۈز يىل قۇل بولۇپ ئازاب چېكىدۇ. 7بىراق ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.»

8كېيىن خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.

9كېيىن ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغاچقا، 10ئۇنى پۈتۈن قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ ۋە ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پىرئەۋن ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى. 11كېيىن پۈتۈن مىسىر ۋە كەنئان زېمىنلىرىدا ئېغىر ئاچارچىلىق ۋە زور ئاپەت يۈز بەردى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى. 12مىسىرنىڭ ئامبىرىدا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئوغۇللىرىنى، يەنى ئەجدادلىرىمىزنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار بىرىنچى قېتىم مىسىرغا بارغاندا، ئىنىمىز يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى تونۇمىدى. 13شۇڭا ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇلارنى پادىشاھقا تونۇشتۇردى. 14شۇنىڭ بىلەن ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىنى ئاتىسىنىڭ، يەنى ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلە-جەمەتىنى، يەنى جەمئىي 75 كىشىنى* مىسىرغا تەكلىپ قىلدى. 15ئەجدادىمىز ياقۇپ مىسىرغا باردى. كېيىن ياقۇپ ۋە ئەجدادلىرىمىز شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. 16ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلىندى.

17خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئېيتقان: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغانىدى. مىسىردىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسىمۇ خېلى كۆپەيگەنىدى. 18ئۇ ۋاقىتتا مىسىردا يېڭى بىر پادىشاھ تەختكە چىققانىدى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. 19بۇ پادىشاھ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنى ئەزدى. ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىپ، بوۋاقلارنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى. 20مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، 21سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 22مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلىنىپ، سۆز قابىلىيىتىگە ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.

23مۇسا 40 ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى. 24ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى. 25ئۇ يەھۇدىيلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى مەن ئارقىلىق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 26ئەتىسى مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىينىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: «سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟» دېدى.

27قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟ 28سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى تۈنۈگۈن ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟» دېدى. 29مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، مىسىردىن مىديان رايونىغا قېچىپ كەتتى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.

30قىرىق يىلدىن كېيىن مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقنىڭ ئىچىدە بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 31بۇنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ۋەقەنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن چاتقاللىقنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: 32«مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇپ تىترەپ كەتتى ۋە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 33پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: «چورۇقۇڭنى سال، چۈنكى سەن دەسسەپ تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس يەردۇر. 34مەن مىسىردىكى خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. كەل، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.

35مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى قىلىپ تەيىنلىدى!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن مۇسا پەيغەمبەرگە پەرىشتە كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. 36ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ھەمدە مىسىردا، قىزىل دېڭىز بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. 37مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر چىقىرىدۇ» دېگەنىدى. 38ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا پەرىشتە ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.

39شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى. 40مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا: «بىزگە يول كۆرسىتىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 41شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موزاينىڭ سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى. 42بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى:

 

«ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا،

راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟

43سىلەر ئۆزۈڭلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىۋالغان بۇتلار،

يەنى مولەكنىڭ چېدىرى ۋە رىفان ئىلاھىنىڭ يۇلتۇز شەكىللىك بۇتىنى كۆتۈرۈپ يۈردۈڭلار.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى بابىل شەھىرىدىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن!»

 

44ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئىبادەت چېدىرى بار ئىدى. بۇ چېدىر خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى. 45ئىبادەت چېدىرىغا ئەجدادلىرىمىز يوشۇۋا بىلەن بىرلىكتە ئىگىدارچىلىق قىلغان بولۇپ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يات ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندا، ئىبادەت چېدىرىنى خۇدا ئۇلارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىنغا يۆتكىگەنىدى. چېدىر تاكى داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ يەردە تۇردى. 46خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشكەن داۋۇت: «ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بىر ئىبادەتخانا سېلىپ بېرەي» دەپ خۇدادىن ئىجازەت سورىدى. 47لېكىن ئىبادەتخانىنى كېيىن پادىشاھ سۇلايمان سالدى. 48ھالبۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئادەم سالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ. خۇدا بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېگەنىدى:

 

49«ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويغۇچىمدۇر.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر ماڭا قانداقسىگە بىر ساراي

ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟

50بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتتىمغۇ!»

 

51ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ:

_ ئەي بوينى قاتتىقلار، سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار ۋە قۇلىقىڭلار خەتنە قىلىنمىغانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ! سىلەر خۇددى ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش دائىم مۇقەددەس روھقا قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر. 52سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ؟! ئۇلار ھەققانىي زاتنىڭ، يەنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشتى. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار. 53سىلەرگە خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! _ دېدى.

ئىستىپاننىڭ چالما-كېسەك قىلىنىشى

54ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرى ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. 55مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى. ئۇ:

56_ قاراڭلار، ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! _ دېدى.

57بۇنى ئاڭلىغان ھەيئەتلەر قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، چۇقان سېلىشتى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىلدى. 58ئۇلار ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى. 59ئىستىپان چالما-كېسەك قىلىنىۋاتقان ۋاقتىدا:

_ ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! _ دەپ ۋارقىرىدى. 60كېيىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى رەببىم، ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن، _ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.

8

سائۇلنىڭ ئېتىقادچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى

1ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. 2بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى. 3لېكىن سائۇل ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ۋەيرانچىلىق سالدى. ئۇ ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى.

خۇش خەۋەرنىڭ سامارىيە ئۆلكىسىگە يېتىپ بېرىشى

4تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلار بارغان يەرلىرىدە خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. 5مەسىلەن، فىلىپ سامارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە: «ھەزرىتى ئەيسا قۇتقۇزغۇچى مەسىھتۇر» دەپ جاكارلىدى. 6فىلىپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن خەلق پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. 7ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدە جىن بار ئىدى. ئۇ جىنلار كىشىلەرنىڭ تېنىدىن قاتتىق ۋارقىرىغان پېتى چىقىپ كەتتى ۋە نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايدى. 8شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى كىشىلەر چوڭقۇر خۇشاللىققا چۆمدى.

9ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى. 10يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. كۆپچىلىك: «بۈيۈك كۈچ دېيىلگەن خۇدانىڭ كۈچى بۇدۇر» دېيىشەتتى. 11ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سېھىرگەرلىكى بىلەن خەلقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى. 12لېكىن ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 13شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىرگە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.

14يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى سامارىيەگە ئەۋەتتى. 15بۇ ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 16چۈنكى ئۇلار رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مۇقەددەس روھ تېخى چۈشمىگەنىدى. 17پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارغا قوللىرىنى قويۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى.

18ئەلچىلەر قوللىرىنى قويغان كىشىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن شىمون ئەلچىلەرگە پۇل تەڭلەپ:

19_ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلار. مەنمۇ كىشىلەرگە قوللىرىمنى قويۇپ دۇئا قىلاي، ئۇلار مەن ئارقىلىقمۇ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلسۇن، _ دېدى. 20لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولساڭ، پۇلۇڭ بىلەن بىرگە ھالاك بول! 21بىزنىڭ ئىشىمىزدا سېنىڭ ئورنۇڭ يوق، چۈنكى خۇدا ئالدىدا نىيىتىڭ خالىس ئەمەس. 22شۇڭا يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، پەرۋەردىگاردىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار سېنى كەچۈرەر. 23چۈنكى سېنىڭ قەلبىڭ ھەسەتكە تولۇپ، گۇناھ زەنجىرىگە مەھكۇم بولغانلىقىڭ ماڭا مەلۇم.

24شىمون ئۇلارغا:

_ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! _ دېدى.

25پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتتى. يولدا سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

فىلىپ ۋە ئېفىئوپىيەلىك ئەمەلدار

26شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا:

_ جەنۇبقا بارغىن، يەنى يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە بارىدىغان چۆلدىكى يول بىلەن ماڭغىن! _ دېدى.

27فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيەلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى ئېفىئوپىيەنىڭ كانداس ئىسىملىك ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى. 28ئۇ قايتىش يولىدا ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ كېتىپ باراتتى. 29مۇقەددەس روھ فىلىپقا:

_ ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭغىن، _ دېدى.

30فىلىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئەمەلدار ئوقۇۋاتقان يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 31ئەمەلدار ئۇنىڭغا:

_ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! _ دېدى ۋە فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. 32ئەمەلدار يازمىنىڭ بۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى:

 

«ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك،

قوي قىرقىغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك،

ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

33ئۇ خورلىنىدۇ ۋە ئادىللىق بىلەن سوتلانمايدۇ.

ئۇ ئەمدى پەرزەنت يۈزى كۆرمەيدۇ،

چۈنكى ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئېلىپ كېتىلىدۇ.»

 

34ئېفىئوپىيەلىك ئەمەلدار فىلىپتىن:

_ پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىلغان بولغۇيدى؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

35فىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئەمەلدارغا يازمىنىڭ مۇشۇ قىسمىدىن باشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا دائىر خۇش خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلدار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 36‏-37ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەمەلدار:

_ بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن، مۇشۇ يەردىلا چۆمۈلدۈرۈلسەم بولمامدۇ؟ _ دېدى.

38ئەمەلدار ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. 39ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. 40فىلىپ ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

9

سائۇلنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى

1شۇ چاغلاردا سائۇل رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق ئۆلۈم تەھدىتى سېلىۋاتاتتى. ئۇ باش روھانىينىڭ ئالدىغا بېرىپ، 2دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.

3سائۇل خەتلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دەمەشق شەھىرىگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، سائۇلنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. 4ئۇ يەرگە يىقىلدى. شۇ چاغدا ئۇ:

_ سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ _ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.

5_ ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

_ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا. 6ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ.

7سائۇل بىلەن بىرگە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قېلىشتى. چۈنكى ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى. 8سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئاچتى، لېكىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 9ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەن سائۇلنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمىدى.

10دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى:

_ ھانانىيا! _ دەپ چاقىردى.

_ ئى رەببىم، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 11رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى ئۇ شۇ تاپتا دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. 12مەن سائۇل دۇئا قىلىۋاتقاندا ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى كېلىپ، ئۇنىڭغا قولى قويۇشى بىلەنلا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئايان قىلدىم، _ دېدى. 13ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلىپتۇ. 14ھازىر ئۇ دەمەشققە كېلىپ، ساڭا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالىي روھانىيلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ.

15رەببىمىز ئەيسا ھانانىياغا:

_ بېرىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم. 16مەن ئۇنىڭغا مەن ئۈچۈن خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىمەن، _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلغا قويۇپ:

_ قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا چۆمۈشۈڭ ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتى، _ دېدى.

18شۇ ھامان سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 19تاماق يېگەندىن كېيىن، جىسمانىي قۇۋۋىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى.

سائۇلنىڭ دەمەشقتە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشى

سائۇل دەمەشقتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە 20دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ھەققىدە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 21ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ:

_ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

22لېكىن سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى.

23بىر مەزگىلدىن كېيىن دەمەشقتىكى بىر قىسىم يەھۇدىيلار سائۇلغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى. 24ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق بىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى. 25شۇڭا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى سېۋەتكە سېلىپ، سېپىلدىكى بىر كاماردىن شەھەرنىڭ سىرتىغا چۈشۈردى.

سائۇل يېرۇسالېمدا

26سائۇل يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى. لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. 27بىراق بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. بارنابا ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. 28شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئەلچىلەر بىلەن بىرگە بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە يۈرەكلىك ھالدا تەلىم بەردى. 29ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 30ئېتىقادچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.

31ئۇ چاغدا يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيەدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا داۋاملىق ئىخلاسمەنلىك بىلەن ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.

پېترۇس لىددا ۋە ياففا شەھەرلىرىدە

32شۇ ۋاقىتتا ئېتىقادچىلارنى يوقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەن پېترۇس بىر قېتىم لىددا شەھىرىدە تۇرىدىغان ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشتى. 33ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. 34پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ئەنېياس، ئەيسا مەسىھ سېنى ساقايتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۆرپەڭنى يىغىشتۇر! _ دېدى.

ئەنېياس دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 35بۇنى كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

36ياففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ئايال ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى. 37بىر كۈنى ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ كېپەنلەپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. 38ياففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا ياففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار پېترۇستىن:

_ چاپسان بارسىڭىز! _ دەپ تەلەپ قىلدى. 39پېترۇس دەرھال يولغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ياففاغا كەلدى.

پېترۇس ياففاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشتى ۋە دوركاسنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىشتى.

40پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ:

_ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! _ دېدى.

تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئولتۇردى. 41پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە تۇل ئاياللار بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 42بۇ خەۋەر پۈتۈن ياففاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 43پېترۇس ياففادا شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇردى.

10

رىملىق يۈزبېشىغا پەرىشتىنىڭ كۆرۈنۈشى

1قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى. 2ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ نامرات يەھۇدىيلارغا مەردلىك بىلەن پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى. 3بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى:

_ كورنىلىي! _ دەپ چاقىردى. 4كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ:

_ تەقسىر، نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى. 5ئەمدى سەن ياففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. 6ئۇ شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى بولسا دېڭىز بويىدا، _ دېدى.

7ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى 8ۋە ئۇلارغا بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ياففاغا ئەۋەتتى.

پېترۇسقا خۇدادىن ۋەھىي كېلىشى

9ئەتىسى ئۇلار ياففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. 10ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلدى. تاماق تەييارلىنىۋاتقاندا، پېترۇسنىڭ كۆزىگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. 11پېترۇس ئاسمان يېرىلىپ، كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. 12داستىخاندا ھەر خىل ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئۇچار قاناتلار بار ئىدى. 13ئۇنىڭغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

14_ ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! _ دېدى پېترۇس. 15بىراق پېترۇسقا يەنە:

_ خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! _ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، داستىخانغا ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.

17پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلىنىپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ كەلدى. ئۇلار دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ:

18_ سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر مېھمان بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

19پېترۇس تېخىچە ھېلىقى غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتاتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا:

_ سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. 20ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پەسكە چۈش، ئۇلار بىلەن ئىككىلەنمەي بىرگە ماڭ، چۈنكى ئۇلارنى مەن ئەۋەتتىم! _ دېدى.

21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە:

_ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مەن بولىمەن. بۇ ياققا كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟ _ دېدى.

22_ بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ دۇرۇس ۋە تەقۋادار ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا سىزنى ئۆيىگە چاقىرىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇپتۇ! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

23بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ، مېھمان قىلدى.

ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىرگە يولغا چىقتى. ياففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. 24ئىككىنچى كۈنى ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. 25پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 26پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

_ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم! _ دېدى.

27پېترۇس كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان جامائەتنى كۆرۈپ، 28ئۇلارغا:

_ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. 29شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ئىككىلەنمەي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، مېنى نېمىشقا چاقىردىڭلار؟ _ دېدى.

30كورنىلىي مۇنداق دېدى:

_ ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ: 31«كورنىلىي، دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار. 32شۇڭا ياففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى. 33شۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە دېگەن ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا تەييار بولدۇق.

خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى

34‏-35پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى خەلقتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، تەقۋادار ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان ئادەم بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم. 36سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە ئەۋەتكەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدىڭلار. ئامانلىق كەلتۈرىدىغان بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېلان قىلدى. ئەيسا مەسىھ ھەممىنىڭ رەببىدۇر. 37سىلەر يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. بۇ ۋەقەلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشى توغرىسىدىكى خەۋەردىن كېيىن جەلىلىيە زېمىنىدىن باشلانغانىدى. 38خۇدا ناسىرەلىك ئەيساغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى. 39بىز ئەلچىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا يەرلىرىدە قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرىدۇرمىز. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، 40ئۈچىنچى كۈنى خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. 41بىراق ئۇ ھەممە كىشىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزى تاللىغان گۇۋاھچىلارغا، يەنى بىزلەرگە نامايان بولدى. ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا بولدۇق. 42ئۇ بىزنىڭ خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشىمىزنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرگە سوراقچى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى. 43بارلىق پەيغەمبەرلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقانىدى.

مۇقەددەس روھنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈشى

44پېترۇس خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرىنى قىلىۋاتقاندا، ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. 45پېترۇس بىلەن بىرگە ياففادىن كەلگەن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. 46ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىپ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس:

47_ خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلغان تۇرسا، ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە كىم قوشۇلمايتتى؟! _ دېدى.

48شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇلارنى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈشكە بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىرگە بىرنەچچە كۈن تۇردى.

11

پېترۇسنىڭ ئەيىبلىنىشى

1ئەلچىلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى باشقا ئېتىقادچىلار بەزى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. 2شۇڭا پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئەيىبلەپ:

3_ سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! _ دېدى.

4پېترۇس پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى. 5ئۇ مۇنداق دېدى:

_ ياففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى. 6سەپ سېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار، ئۇچار قاناتلار بار ئىكەن. 7كېيىن ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 8مەن: «ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. 9بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 10بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، كېيىن ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. 11دەل شۇ چاغدا قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. 12مۇقەددەس روھ مېنى ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىشقا بۇيرۇدى. ياففادىكى ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىرگە باردى. قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. 13كورنىلىي بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن ياففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، 14ئۇ ساڭا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ قۇتقۇزۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.

15مەن گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، مۇقەددەس روھ خۇددى بۇرۇن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكىنىدەك ئۇلارغىمۇ چۈشتى. 16شۇ چاغدا رەببىمىز ئەيسانىڭ: «يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. 17بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى! شۇنداق تۇرسا، مەن خۇداغا قانداقمۇ توسقۇنلۇق قىلالايتتىم؟!

18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ:

_ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! _ دېيىشتى.

ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار

19ئۇ چاغدا ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن باشلانغان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن بەزى ئېتىقادچىلار ھەتتا فەنىكىيەگە، سىپرۇس ئارىلىغا ۋە سۈرىيەدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. 20لېكىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنەي شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى. 21رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلاردا بار بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

22بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى. 23بارنابا ئانتاكياغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. 24ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

25كېيىن بارنابا تارسۇس شەھىرىگە بېرىپ، سائۇلنى ئىزدەپ تېپىپ، 26ئۇنى ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى. ئىككىيلەن ئېتىقادچىلار جامائىتى بىلەن بىرگە ساق بىر يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئېتىقادچىلارنى «خرىستىئانلار»* دەپ ئاتاش ئانتاكيادىن باشلاندى.

27ئۇ كۈنلەردە يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى. 28بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇس ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.) 29شۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. 30ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيەدىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

12

پېترۇسنىڭ زىنداندىن قۇتقۇزۇلۇشى

1بۇ چاغلاردا پادىشاھ ھىرود ئاگرىپپا ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغانىدى. 2ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 3يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى. 4پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، نۆۋەتچى قاراۋۇللارغا تاپشۇردى. نۆۋەتچى قاراۋۇللار تۆت گۇرۇپپا بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىدا تۆت لەشكەر بار ئىدى. ھىرود ئۇنى ھېيتتىن كېيىن ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 5پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ تۇرۇلدى. لېكىن ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا چىن دىللىرىدىن دۇئا قىلىشتى.

6ھىرود پېترۇسنى سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى پېترۇس ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇ ئىككى قات زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى. 7تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ:

_ ئورنۇڭدىن تېز تۇر! _ دەپ ئويغاتتى.

پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. 8پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! _ دېدى.

پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە:

_ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! _ دېدى.

9پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈۋاتىمەن دەپ ئويلىدى. 10ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاراۋۇلدىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، دەرۋازا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز پېترۇسنىڭ يېنىدىن غايىب بولدى.

11شۇ چاغدا پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى.

12پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. 13پېترۇس دەرۋازىنى قاقتى، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. 14ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنىمۇ ئاچماي تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ كۆپچىلىككە:

_ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا ئىكەن! _ دەپ خەۋەر قىلدى.

15_ ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟! _ دېيىشتى ئۇلار. لېكىن دېدەك راست، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار:

_ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! _ دېيىشتى.

16پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قارىسا، دەرۋەقە پېترۇس ئىكەن! ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. 17پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن ئۇ:

_ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا* ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، _ دېدى ۋە ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.

18تاڭ ئاتقاندا قاراۋۇللار پاتىپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار پېترۇسنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى. 19ھىرود ئۇنى ئىزدەشكە ئەمر قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھىرود يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەتتى.

ھىرود ئاگرىپپا خاننىڭ ئۆلۈمى

20بىر ۋاقىتتىن كېيىن ھىرود تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى ھىرودنىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بىرلىشىپ ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن بىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى. 21بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھىرود خانلىق تونىنى كىيىپ، تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. 22ئۇلار:

_ بۇ سۆزلەر بىر ئادەم ئېيتىدىغان سۆزلەر ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ سۆزلىرىدۇر! _ دەپ ئۇنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماختاشتى.

23ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىگە لايىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى شۇ ئان ئۇنى جازالىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.

24لېكىن خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيدى. 25بارنابا بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئېلىپ كەلگەن ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار يۇھاننانى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. يۇھاننانىڭ ئىككىنچى ئىسمى ماركۇس ئىدى.

13

مۇقەددەس روھنىڭ بارنابا بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى

1ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنەيلىك لۇكىيوس، سائۇل ۋە ھىرود بىلەن بىرگە چوڭ بولغان مىناخېم قاتارلىقلار ئىدى. 2بىر كۈنى ئۇلار روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا:

_ بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن بۇيرۇغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئازراق روزا تۇتۇپ دۇئا قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بارنابا بىلەن سائۇلغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

بارنابا بىلەن سائۇل سىپرۇستا

4مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى. 5ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. 7ئۇ سېھىرگەر سىپرۇس ئۆلكىسىنىڭ بىلىملىك ئۆلكە باشلىقى رىملىق سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى. 8لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، سېرگىيۇسنى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى. 9بىراق مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (ئىككىنچى ئىسمى پاۋلۇس*) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ، 10ئۇنىڭغا:

_ ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى، سەن ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغاندۇر. سەن دائىم پەرۋەردىگارنىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلايسەن. 11ئەمدى پەرۋەردىگار سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! _ دېدى.

ئەلىماس شۇ ئان كۆزلىرىنى بىر قارا تۇماننىڭ توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى يېتىلىشىنى ئۆتۈندى. 12بۇ ئىشلارنى كۆرگەن سېرگىيۇس رەببىمىز ئەيساغا ھەققىدىكى تەلىملەرگە ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

13پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 14پاۋلۇسلار پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىنىڭ يېنىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. 15تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ:

_ قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، _ دېدى.

16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولى بىلەن جامائەتنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار. 17ئىسرائىللار ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلدى. ئۇ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇقتىكى ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە 18چۆلدە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قىرىق يىل چىدىدى. 19ئۇ كەنئان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە بەردى. 20بۇ ئىشلار ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450 يىل جەريانىدا يۈز بەردى.

كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. 21كېيىن ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تىكلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى پادىشاھ قىلىپ تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھ بولدى. 22بىراق خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئۆز كۆڭلۈمگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى، يەنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!» 23خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسادۇر! 24ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 25يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا خەلققە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق، مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ چورۇقىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»

26ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئىخلاس قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 27يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. گەرچە ئۇلار ھەر دەم ئېلىش كۈنى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى چۈشەنمىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 28ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا پىلاتۇستىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. 29ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى. 30لېكىن خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! 31تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىرگە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ!

32‏-33بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈپ، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەققىدە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى مۇناجىتىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.»* 34خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!» 35بۇ ھەققىدە زەبۇرنىڭ يەنە بىر يېرىدە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا، سەن يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.»

36بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن. 37ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى چىرىمىدى. 38شۇڭا قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز سىلەرگە جاكارلاۋاتقان گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىش ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ! 39مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ. 40شۇڭا پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:

 

41«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار،

سىلەر ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر!

مەن سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا شۇنداق بىر ئىش قىلىمەنكى

بىرسى سىلەرگە ئېيتسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر.»

 

42پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 43جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباغا ئەگەشتى. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى.

پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىشى

44كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. 45بىراق بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. 46لېكىن پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز! 47چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا پەرۋەردىگار بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان:

 

«مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ،

سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلدىم.»

 

48يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ سۆزلەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

49شۇنداق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن زېمىنغا كەڭ تارقالدى. 50بىراق يەھۇدىيلار شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئابرۇيلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى قۇترىتىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ رايونىدىن قوغلاپ چىقاردى. 51شۇڭا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كەتتى. 52ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار خۇشاللىققا ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمدى.

14

پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدە

1پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلارنىڭ بەرگەن تەلىمى جامائەتنى بەك تەسىرلەندۈردى. نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. 2بىراق ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. 3پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 4شۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە تۇرسا، يەنە بەزىلىرى ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى. 5ئاخىردا ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىينىماقچى ۋە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 6بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىن قېچىپ كەتتى. ئۇلار لىكونىيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ۋە ئەتراپتىكى جايلارغا بېرىپ، 7خۇش خەۋەرنى داۋاملىق تارقاتتى.

پاۋلۇس لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرىدە

8شۇ چاغدا لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى. 9بۇ ئادەم پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن پاۋلۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ساقىيىپ كېتىشكە ئىشەنچى بارلىقىنى سېزىپ، 10يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! _ دېدى.

ھېلىقى ئادەم شۇ ئان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. 11پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكونىيا تىلى بىلەن:

_ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! _ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.

12ئۇلار بارنابانى ئىلاھ زېۋىس دەپ ئاتاشتى. پاۋلۇس كۆپرەك سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ ھېرمىس* دەپ ئاتاشتى. 13شەھەرنىڭ سىرتىدا «ئىلاھ زېۋىس»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىرگە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا بۇقا ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.

14بارنابا بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاڭلاپ، كۆڭلەكلىرىنى يىرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:

15_ ئۇنداق قىلماڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇر! 16بۇرۇنقى زامانلاردا خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەردى. 17شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلدى. ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ، مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىڭلارنى بېرىپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.

18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى. 19لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. 20لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى ئۇ بارنابا بىلەن بىرگە دەربە شەھىرىگە كەتتى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكياغا قايتىپ كېلىشى

21پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. كېيىن ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 22ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن جاپا چېكىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

23پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائىتىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلىدى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان ھەزرىتى ئەيساغا تاپشۇردى. 24ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 25ئۇلار پەرگە شەھىرىدە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىگە باردى. 26ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۈرىيەدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، ئاشۇ چەت يەرلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. 27ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئېتىقاد يولىنى قانداق ئېچىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. 28ئۇلار ئۇ يەردە ئېتىقادچىلار بىلەن بىرگە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.

15

يېرۇسالېمدىكى يىغىن

1ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئانتاكياغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا:

_ سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! _ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

2بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارنابانىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەم بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنى قارار قىلدى.

3شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىكىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى. 4پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگەندە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى. 5لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ:

_ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! _ دېدى.

6شۇڭا ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 7ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار. 8ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاكلىدى. 10ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ بويۇنلىرىغا شۇنچە ئېغىر يۈكنى ئارتماقچى بولىسىلەر؟ ئۇنى ئۆزىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا! ئۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەمسىلەر؟! 11بىز رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ.

12پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى. 13ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار! 14باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 15پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بىر پەيغەمبىرىگە ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرى يېزىلغان:

 

16«كېيىن مەن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ۋەيران بولغان پادىشاھلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمەن.

ئۇنى خارابىلىكتىن قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

17‏-18شۇنداق قىلىپ، ھەرقانداق ئىنسان، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ماڭا ئىنتىلىدۇ.

مەن خۇددى بۇرۇن ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!»

 

19ياقۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دېدى:

_ شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك. 20پەقەت ئۇلارغا: «بۇتقا ئاتالغان ناپاك نەرسىلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 21چۈنكى يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئىبادەتخانىلاردا ئۆگىنىپ كەلگەن.

يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان خەت

22شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىرگە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. 23ئۇلارنى مۇنداق بىر خەت بىلەن يولغا سالدى:

 

«ئانتاكيا، سۈرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا سالام! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!

24بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق. 25شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىرگە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 26بارنابا ۋە پاۋلۇس ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە بولغان كىشىلەردۇر. 27شۇڭا يېنىڭلارغا بارىدىغان يەھۇدا بىلەن سىلاسنى خېتىمىزدىكى قارارلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزىدۇ. 28مەقسەتكە كەلسەك، بىز مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن زۆرۈر بولغان ئىككى-ئۈچ بەلگىلىمىدىن سىرت، سىلەرگە ھەرقانداق بىر ئېغىر يۈك يۈكلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 29زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشلەرنى، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنى يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.

سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»

 

30ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىرگە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 31ئۇلار خەتتىكى مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. 32پەيغەمبەر بولغان يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. 33يېرۇسالېمدىن كەلگەنلەر ئۇ يەردە ئازراق ۋاقىت تۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ قېشىغا قايتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ، سەپىرىگە ئامانلىق تىلىدى. 34‏-35لېكىن پاۋلۇس ۋە بارنابا ئانتاكيادا يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ، باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىرگە رەببىمىز ئەيسا توغرىسىدىكى تەلىمنى يەتكۈزدى.

پاۋلۇس بىلەن بارنابانىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

36ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا:

_ بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېدى.

37بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 38بىراق پاۋلۇس بۇنى دانا پىكىر دەپ قارىمىدى. چۈنكى ماركۇس ئالدىنقى قېتىم ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماي، پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. 39پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 40پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللاپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى. ئېتىقادچىلار ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا تاپشۇردى 41پاۋلۇسلار سۈرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.

16

تىموتىينىڭ پاۋلۇس بىلەن بىرگە ئىشلىشى

1پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. 2لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى. 3شۇڭا پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى خەتنە قىلدۇردى. 4ئۇلار ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى. 5شۇنداق قىلىپ، ھەرقايسى جامائەتنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.

ماكېدونىيەلىكنىڭ چاقىرىقى

6مۇقەددەس روھ پاۋلۇسلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 7ئۇلار مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ھەزرىتى ئەيسانىڭ روھى ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يەنە بىر قېتىم يول قويمىدى. 8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە باردى. 9شۇ كۈنى كەچتە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. غايىبانە ئالامەتتە ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ:

_ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! _ دەپ تەلەپ قىلدى.

10پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز* دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق.

لىديانىڭ ئېتىقاد قىلىشى

11بىز تروئاستىن كېمە بىلەن سېمادىرەگ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتۇق، ئەتىسى ماكېدونىيەدىكى نېئاپولىس شەھىرىگە باردۇق. 12ئۇ يەردىن قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى مۇھىم شەھىرى فىلىپىگە باردۇق. بۇ شەھەر رىملىقلارغا قاراشلىق شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. 13دەم ئېلىش كۈنى شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جايى بار ئىكەن. بىز ئۇ يەردە توپلانغان ئاياللار بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشتۇق. 14ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن، سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. بۇ ئايال گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتتى. 15ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ:

_ ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار، _ دەپ چىڭ تۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىز لىدياغا ماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق.

پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

16بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغىنىمىزدا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ دېدەككە جىن چاپلاشقان بولۇپ، بۇ جىن ئۇنى باشقىلارغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ پال سېلىش ئارقىلىق خوجايىنلىرىغا نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى. 17ئۇ پاۋلۇسقا ۋە بىزگە ئەگىشىپ:

_ بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! _ دەپ، يول بويى ۋارقىراپ ماڭدى.

18ئۇ خېلى كۆپ كۈن شۇنداق ۋارقىراپ ماڭدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قىزغا چاپلاشقان جىنغا:

_ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى، جىن شۇ ئان قىزنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

19دېدەك پال سالالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، قىزنىڭ خوجايىنلىرى پۇل تېپىش خىياللىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى بىلىشىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەر مەيدانىغا، يەنى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 20ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ:

_ بۇ يەھۇدىيلار شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. 21ئۇلار بىز رىملىقلار قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە ئىجرا قىلالمايدىغان قائىدىلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ، _ دەپ شىكايەت قىلدى.

22كۆپچىلىكمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاشقا ۋە كالتەك بىلەن ئۇرۇشقا ئەمر قىلدى. 23ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى. 24بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئەڭ ئىچىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ياغاچ تاقاق سالدى.

25تۈن يېرىمىغا يېقىن ۋاقىت ئىدى، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. 26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىندان سىلكىنىپ، پۈتۈن ئىشىكلەر ئېچىلىپ، مەھبۇسلارنىڭ كىشەن ۋە تاقاقلىرى بوشاپ كەتتى. 27گۇندىپاي ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ، ئەمدى ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. 28لېكىن پاۋلۇس:

_ جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.

29گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 30كېيىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:

_ قانداق قىلسام قۇتقۇزۇلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

31_ رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىل. شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! _ دېدى ئۇلار.

32شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ۋە سىلاس ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە خەۋەر بەردى. 33گۇندىپاي شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 34ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار ئائىلە بويىچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقلىرىدىن خۇشاللىققا چۆمدى.

35ئەتىسى ئەتىگەندە رىم ئەمەلدارلىرى زىندانغا ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ:

_ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى. 36گۇندىپاي پاۋلۇسقا:

_ ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ، كېتىڭلار، ئامان بولۇڭلار، _ دېدى. 37بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا:

_ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خەلقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! _ دېدى.

38‏-39ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى رىم ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزدى. ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتتى ۋە زىندانغا بېرىپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

40زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى.

17

سالونىكا شەھىرىدىكى توپىلاڭ

1پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، سالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. 2‏-3پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ئۇ مۇقەددەس يازمىلار ئاساسىدا ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈپ، ئاندىن تىرىلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

_ مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر! _ دېدى ئۇ.

4يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئەگىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەھۇدىي دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان نۇرغۇن گرېك ئەرلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 5بىراق باشقا يەھۇدىيلار ھەسەتخورلۇق قىلىپ، كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى. 6لېكىن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ:

_ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى. 7ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى.

8بۇ سۆزلەر شەھەر ئەمەلدارلىرى بىلەن جامائەتنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. 9يەرلىك ئەمەلدارلار ياسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇتۇپ كېلىنگەن ئېتىقادچىلاردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى.

بېرىيا شەھىرىدە

10ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. 11ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى. 12نەتىجىدە، نۇرغۇن يەھۇدىيلار، خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 13لېكىن سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادىكى خەلققە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاممىنى قۇترىتىپ، توپىلاڭ كۆتۈردى. 14شۇڭا ئېتىقادچىلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىدىكى جايلارغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. 15پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافېنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ: «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر تېزرەك مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى.

ئافېنا شەھىرىدە

16پاۋلۇس ئافېنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى. 17شۇڭا ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا ھەر كۈنى بازاردا ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشتى. 18«ئېپىكۇرچىلار» ۋە «ستوئىكچىلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر:

_ بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ _ دېيىشتى.

يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ:

_ ئۇ يات ئەللەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ! _ دېيىشتى. 19شۇڭا ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ:

_ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ؟ 20بەزى ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇق، زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى بىلمەكچىمىز، _ دېيىشتى. 21(ئافېنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يات ئەل خەلقلىرى كۆپ ۋاقتىنى يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشاتتى.) 22شۇڭا پاۋلۇس ئۇ يەردە كېڭەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئافېنا خەلقى، سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىقاد قىزغىنلىقىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. 23شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا «نامەلۇم خۇداغا» دەپ بېغىشلىما يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر دەل سىلەرگە مەلۇم بولمىغان، لېكىن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مانا شۇ خۇدانى سىلەرگە تونۇشتۇراي.

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ. 26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل ئەللەرنى يارىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ قاچان گۈللىنىپ، قاچان زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ۋە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ چېگرالىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. 28بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇت بولىمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز!» 29بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنمىز، ئۇنى ھۈنەرۋەن ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسىغان ئالتۇن-كۈمۈش بۇتلارغا ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك! 30بۇرۇنقى زامانلاردا خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ ئىرادەمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالغانىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشقا بۇيرۇماقتا! 31چۈنكى ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

32پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر:

_ بىز يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، _ دېيىشتى.

33شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىدىن ئايرىلدى. 34بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېڭەش ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنداقلا باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.

18

پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پاۋلۇس ئافېنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى. 2پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇسنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 3ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى بۇرۇندىن چېدىر ياساپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالغانىدى. 4پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.

5سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. 6لېكىن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلارغا:

_ ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكاردۇرسىلەر. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، _ دەپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى.

7شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى. 8ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

9بىر كېچىسى پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قورقما، سۈكۈت قىلما، سۆزلە. 10مەن ساڭا ياردۇرمەن. ساڭا ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار! _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس بۇ يەردە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

12يۇنان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گالىيونىڭ ۋاقتىدا يەھۇدىيلار بىرلىشىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپاردى. ئۇلار:

13_ بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ يوللار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! _ دەپ شىكايەت قىلدى.

14پاۋلۇس سۆزىنى باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، گالىيو يەھۇدىيلارغا:

_ ئەي يەھۇدىيلار، ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەق ئىش ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە شىكايىتىڭلارنى ئاڭلاشقا بىرەر سەۋەب تاپقان بولاتتىم. 15بىراق تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى. 17خەلق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىرىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق گالىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيا شەھىرىگە قايتىپ كېلىشى

18پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۈرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى.* چۈنكى ئۇ خۇداغا قەسەم قىلغانىدى. 19ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 20ئۇلار ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن پاۋلۇس قوشۇلمىدى. 21پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ئۇلارغا:

_ خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، _ دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.

22پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى. 23ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت بىرگە تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى. ئۇ گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.

ئاپوللوسنىڭ خىزمىتىنى باشلىشى

24بۇ ئارىدا ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى. 25ئۇ رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەيتتى ۋە تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ، تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىنىلا بىلەتتى. 26ئۇ ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى. 27كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى ئۆتۈندى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى. 28ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى.

19

پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدە

1ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، قۇرۇقلۇق يول ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 2ئۇلاردىن:

_ سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 3پاۋلۇس يەنە:

_ ئۇنداقتا، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىزنىڭ چۈشەنچىمىز يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاساس قىلغان، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 4پاۋلۇس مۇنداق دېدى:

_ شۇ چاغدا يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرگە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىش نىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان.

5ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 6پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 7ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى كىشى ئىدى.

8ئۈچ ئاي داۋامىدا پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈرەكلىك ھالدا سۆزلىشىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى تەلىمگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. 9لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىگە ئىشەنمەي، جامائەت ئالدىدا رەببىمىز ئەيسانىڭ يولىغا ھاقارەت قىلدى. شۇڭا پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى ئېلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ھەر كۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ مەكتىپىدە مۇنازىرىسىنى داۋاملاشتۇردى. 10بۇ مۇنازىرە ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەنى يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممىسى رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملەردىن خەۋەردار بولدى.

سكېۋانىڭ ئوغۇللىرى

11خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 12بەزىلەر قول ياغلىق ياكى پەرتۇقلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتەتتى ھەم جىنلارمۇ ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى. 13شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى قوغلىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيتتى. 14بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 15بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلاشقان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن:

_ مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

16شۇنىڭ بىلەن جىن چاپلاشقان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى قاتتىق ئۇردى. ئۇلار يارىلانغان ھالدا يالىڭاچ پېتى ئۆيدىن قېچىپ كېتىشتى.

17ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. 18نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. 19سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى ئەكېلىپ، بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي 50 مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. 20شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى.

ئەفەس شەھىرىدىكى قالايمىقانچىلىق

21بۇ ئىشلاردىن كېيىن پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ:

_ يېرۇسالېمغا بارغاندىن كېيىن، چوقۇم رىم شەھىرىگە بارىمەن، _ دېدى.

22شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ سەپىرىگە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتتى. ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى.

23دەل شۇ چاغدا ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسانىڭ يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. 24ئىلاھە ئارتېمىسنىڭ شەرىپىگە ياسالغان بۇتخانىنىڭ كۈمۈش شەكلىنى ياسىغان دېمىترۇس ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇ بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تىجارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغانىدى. 25دېمىترۇس ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە بۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا:

_ قېرىنداشلار، بىزنىڭ راۋاج تېپىشىمىز ھۈنىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 26ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭلار ھەم كۆردۈڭلار. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دەپ، ئەفەستىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ. 27بۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلۇغ ئايال ئىلاھىمىز ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ قەدىرلەنمەسلىكى، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر ئىبادەت قىلىپ كەلگەن ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپىمۇ يوقىلىشى مۇمكىن! _ دېدى.

28بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ:

_ ئەفەسلىكلەرنىڭ ئايال ئىلاھى ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! _ دەپ چۇقان سېلىشقا باشلىدى.

29شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى. 30پاۋلۇس تىياتىرخانىغا بېرىپ سۆزلىمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنى توستى. 31ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ پاۋلۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تىياتىرخانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا ئۈندىدى.

32بۇ چاغدا پۈتۈن تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرايتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. 33يەھۇدىيلار بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىكنى قول ئىشارىتى بىلەن تىنچلاندۇرۇپ، سۆزلىمەكچى بولدى. 34بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىشتا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. شۇڭا كۆپچىلىك:

_ ئەفەسلىكلەرنىڭ ئىلاھى ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! _ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان سېلىشتى. 35ئاخىردا شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى خەلقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئەفەس خەلقى، ئەفەس شەھىرىنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مۇقەددەس تېشىنى قوغدايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟! 36بۇ ئىشلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلماڭلار. 37سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار. لېكىن ئۇلار بۇتخانىنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئوغرىلاپ كەتكىنى ياكى بىزنىڭ ئايال خۇدايىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغىنى يوق. 38ئەگەر دېمىترۇس ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق، سوراقچىلارمۇ بار، شىكايىتىنى شۇ يەرگە بېرىپ قىلسۇن. 39باشقا مەسىلىلىرىڭلار بولسىمۇ، قانۇنىي سورۇنلارغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىڭلار. 40رىملىقلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ قاراپ، بىزگە جازا بېرىشى خەۋپى بار. بىزدە بۇ قالايمىقانچىلىقنى ئاقلايدىغان بىرەر سەۋەب يوق!

41شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خەلقنى تارقىتىۋەتتى.

20

پاۋلۇسنىڭ ماكېدونىيە ۋە يۇنانغا قايتا كېلىشى

1قالايمىقانچىلىق بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. 2ئۇ شۇ ئەتراپتىكى جايلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى. كېيىن ئۇ يۇنانغا بېرىپ، 3ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمە بىلەن سۈرىيە ئۆلكىسىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسى ئارقىلىق قايتىش قارارىغا كەلدى. 4بېرىيالىق پىرۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىق ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس ۋە تروفىمۇس قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن سەپەردە بىرگە بولدى. 5ئۇلار باشتا تروئاس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردى. ئۇلار ئۇ يەردە بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. 6پېتىر نان ھېيتىدىن كېيىن بىز فىلىپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇردۇق.

تروئاستا بىر يىگىتنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى

7يەكشەنبە كۈنى ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەپ بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى. 8بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ھۇجرىدا نۇرغۇن ماي چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. 9ئەفتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇراتتى. پاۋلۇسنىڭ سۆزى داۋاملاشقانسېرى ھېلىقى يىگىتنى مۈگدەك باستى. كېيىن ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يۆلەپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى. 10پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتتى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

_ ھودۇقماڭلار، ئۇ تىرىك! _ دېدى. 11كېيىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشتۇق. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن كەتتى. 12تروئاستىكى ئېتىقادچىلار بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. كۆپچىلىك بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر تەسەللى تاپتى.

پاۋلۇسنىڭ خوشلىشىش نۇتقى

13پاۋلۇس تروئاس شەھىرىدىن ئاسوس شەھىرىگە پىيادە بارماقچى بولدى. شۇڭا ئۇ بىزنىڭ كېمە بىلەن ئۇ شەھەرگە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇردى. 14كېيىن بىز ئاسوستا پاۋلۇس بىلەن ئۇچرىشىپ، كېمە بىلەن بىرلىكتە مىدىللى شەھىرىگە باردۇق. 15ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ يېنىغا باردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ئەفەستىن ئۆتۈپ، ساموس ئارىلىغا باردۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كېمە بىلەن مىلېت شەھىرىگە باردۇق. 16پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. 17پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىردى. 18ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا ئاياندۇر. 19يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن دەرد تارتقان بولساممۇ، رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىنى ياش تۆككەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن قىلدىم. 20مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا بولسۇن، سىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى يوشۇرماي ئوچۇق ئېيتتىم. 21يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.

22مۇقەددەس روھ مېنى ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىشكە مەجبۇر قىلماقتا. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن. 23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. 24لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملاش، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداش، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.

25مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولۇپ، ھەربىرىڭلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى چۈشەندۈردۈم. ئەمدى ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 26شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرگە شۇنى جىددىي ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن. 27چۈنكى مەن خۇدانىڭ ھەممە مەقسەتلىرىنى سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم. 28ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان! 29ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر پادىنى ئاياپ قويمايدۇ. 30شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىكى بەزىلەرمۇ ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، خاتا تەلىم بېرىدۇ. 31شۇڭا ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز سىلەرگە يىغلاپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

32ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ پاناھىغا تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراسىدىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ. 33سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان كىشىلەرنىڭ ئېسىل كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىگە كۆز قىرىمنى سالمىدىم. 34مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 35مەن ھەمىشە مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق سىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئەجرىڭلار ئارقىلىق ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆگەتتىم. رەببىمىز ئەيسانىڭ: «بەرمەك ئالماقتىن بەكرەك خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار!

36پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. 37كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. 38ئۇلارنى ئەڭ مەيۈسلەندۈرگىنى پاۋلۇسنىڭ: «بۇنىڭدىن كېيىن مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

21

پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

1بىز ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق. 2پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 3سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۈرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى. 4بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. 5بىراق بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىرگە دۇئا قىلدۇق. 6خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

7تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 8ئەتىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. 9بۇ كىشىنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان، تېخى تالالىق بولمىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 10بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى. 11بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ:

_ مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! _ دېدى.

12بىز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇسنى يېرۇسالېمغا بارماسلىققا ئۈندىدۇق. 13لېكىن پاۋلۇس:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

14بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، بولدى قىلدۇق ۋە:

_ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادە قىلغىنىدەك بولسۇن! _ دېدۇق.

15ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا باردۇق. 16قەيسەرىيەلىك ئېتىقادچىلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىزنى مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. بۇ كىشى كونا ئېتىقادچىلاردىن ئىدى.

پاۋلۇسنىڭ ياقۇپ بىلەن كۆرۈشۈشى

17يېرۇسالېمدا ئېتىقادچىلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. 18ئەتىسى بىز پاۋلۇس بىلەن بىرگە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ ۋە ئېتىقادچىلار جامائىتىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 19پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي بايان قىلدى. 20بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا مۇنداق دېدى:

_ ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. 21ئۇلارنىڭ ئاڭلىشىچە، سىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۆگىتىپ، تەۋراتنى چۆرۈۋېتىپسىز! 22شۇڭا بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىسا، سىزگە چوقۇم زىيانكەشلىك قىلماي قالمايدۇ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ 23بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز، ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم* بار. 24سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى پاكلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ. 25يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، پەقەتلا ئۆتكەنكى خېتىمىزدە تاپىلىغىنىمىزدەك، ئۇلار بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشلەرنى، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنى يېمىسىلا، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسىلا بولدى.

26شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىشقا باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشىدىغانلىقىنى ۋە ھەرقايسىسىنىڭ قاچان قۇربانلىق سۇنىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قويدى.

پاۋلۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تۇتقۇن قىلىنىشى

27يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سالدى. 28ئاندىن ئۇلار:

_ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! _ دەپ چۇقان كۆتۈردى. 29(چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەھۇدىي بولمىغان ئەفەسلىك تروفىمۇسنى پاۋلۇس بىلەن بىرگە شەھەردە كۆرۈپ، پاۋلۇس ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىردى، دەپ خاتا ئويلىغانىدى.)

30شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىلەر پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدىن سىرتقا سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى. 31توپلانغان كىشىلەر پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. شۇ چاغدا پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ كەلدى. 32قوماندان دەرھال لەشكەرلەر ۋە بىرقانچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان يەرگە يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنى كۆرگەن خەلق پاۋلۇسنى ئۇرۇشنى توختاتتى. 33قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن ئۇ:

_ بۇ ئادەم كىم، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

34توپلانغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنى دەپ ۋارقىراپ، يەنە بەزىلىرى بۇنى دەپ ۋارقىراپ، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان قوماندان ئاخىر پاۋلۇسنى ياندىكى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 35پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپلانغان كىشىلەر تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئۇنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىشكە مەجبۇر بولدى. 36ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان خەلق:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! _ دەپ ۋارقىراشتى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

37لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن:

_ بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ گرېكچە بىلىدىكەنسەن! 38ئۇنداقتا سەن ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئوخشىمامسەن؟ _ دەپ سورىدى قوماندان.

39_ ياق، مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خەلققە بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! _ دېدى پاۋلۇس.

40قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خەلققە قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئاررامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.

22

1_ ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى پاۋلۇس.

2ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئاررامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

3_ مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى گامالىئېلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. خۇددى سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىدىم. 4ھەزرىتى ئەيسا يولىدا ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاتتىم. 5بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشتىكىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى كىشەنلەپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، جازالاش نىيىتىدە يولغا چىقتىم. 6دەمەشققە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغانىدىم. بۇ چۈشكە يېقىن ۋاقىت ئىدى، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. 7يەرگە يىقىلدىم. ئاندىن «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 8مەن: «ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسىرەلىك ئەيسا» دېدى. 9مەن بىلەن بىرگە كېتىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمەپتۇ. 10مەن يەنە: «ئى رەببىم، مەن نېمە قىلاي؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۇقىسەن!» دېدى. 11ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتىلەپ، دەمەشققە ئېلىپ باردى.

12ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. 13ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇ ئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم. 14ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن تاللىدى. خۇدا يەنە ھەققانىي زاتنى، يەنى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى. 15سەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزىسەن! 16شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلانغىن!» دېدى.

17كېيىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدىم. مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. 18بۇ ئالامەتتە مەن رەببىم ئەيسانى كۆردۈم. ئۇ ماڭا: «يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دېدى. 19مەن: «ئى رەببىم، ئۇلار مېنىڭ ھەممە يەردە ئىبادەتخانىلارغا كىرىپ، ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا تاشلاپ، ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 20خەلقنى ساڭا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندە، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ چاپانلىرىنى ساقلاپ بەردىم!» 21بىراق رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە: «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت، سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.

22پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خەلق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا:

_ ئۇنى يوقىتايلى! ئۇ ئۆلۈمگە لايىق! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. 23ئۇلار بىر تەرەپتىن چۇقان سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ، توپا سورۇپ، چاڭ چىقىرىۋەتتى. 24رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خەلقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ۋارقىرايدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 25ئۇلار پاۋلۇسنى تۈۋرۈككە باغلاپ قامچىلىماقچى بولغاندا، پاۋلۇس يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا:

_ بىر رىم پۇقراسىنى سوتلىمايلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دېدى.

26بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى قومانداننىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن. سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟! _ دېدى.

27قوماندان پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ راست، _ دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس.

28_ مەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاران رىم پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدۇم، _ دېدى قوماندان. پاۋلۇس:

_ مەن تۇغۇلۇشۇمدىن شۇنداق! _ دېدى.

29شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى. ئۇنى باغلاتقان قوماندانمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قورقۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇ بىر رىم پۇقراسىنى قانۇنسىز ھالدا باغلاپ، قامچىلاشقا ئەمر قىلغانىدى.

پاۋلۇسنىڭ ئالىي كېڭەشتە ئۆزىنى ئاقلىشى

30قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن ئەتىسى ئۇنى قويۇۋېتىپ، ئالىي روھانىيلار ۋە ئالىي كېڭەشنىڭ بارلىق ھەيئەتلىرىنى بىر يەرگە يىغىلىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى.

23

1پاۋلۇس ئالىي كېڭەشنىڭ ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

_ قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، _ دېدى.

2بۇنى ئاڭلىغان باش روھانىي ھانانىيا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. 3پاۋلۇس ئۇنىڭغا:

_ ئەي تېشى پال-پال ساختىپەز، سېنى خۇدا ئۇرىدۇ! سەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتماقچى بولدۇڭ، لېكىن مېنى ئۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسەن! _ دېدى.

4_ سەن خۇدانىڭ باش روھانىيسىغا ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتامسەن؟! _ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. 5پاۋلۇس:

_ قېرىنداشلار، مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىگە تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، _ دېدى.

6پاۋلۇس ئالىي كېڭەشتىكى بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرىنىڭ پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

_ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا، بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! _ دەپ ۋارقىرىدى.

7بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئالىي كېڭەشتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 8چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە، پەرىشتە ۋە روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيتتى. لېكىن پەرىسىيلەر بۇلارغا ئىشىنەتتى. 9شۇنىڭ بىلەن چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي مەزھىپىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:

_ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئەگەر بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆزلىگەن بولسا نېمە بوپتۇ! _ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.

10تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، لەشكەرلىرىنى زالغا كىرىپ، پاۋلۇسنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن كۈچ ئىشلىتىپ تارتىپ چىقىرىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە بۇيرۇدى.

11شۇ كۈنى كېچىسى رەببىمىز ئەيسا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

_ غەيرەتلىك بولغىن! سەن يېرۇسالېمدا مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، ئەمدى رىم شەھىرىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىسەن! _ دېدى.

پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

12ئەتىسى ئەتىگەندە بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى. 13سۇيىقەستنى پىلانلىغۇچىلار قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. 14ئۇلار ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، دەپ قاتتىق قەسەم قىلدۇق. 15ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشتىكىلەر پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانە قىلىپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشكە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشكە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا جايلىۋېتىمىز، _ دېدى.

16بىراق بۇ سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى دەرھال قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا خەۋەر قىلىپ قويدى. 17شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلاردىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۇ ياشنى قوماندان بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. ئۇنىڭ قوماندانغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، _ دېدى.

18يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ:

_ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، _ دېدى.

19قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ:

_ مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى. 20ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ يەھۇدىي ئاقساقاللىرى پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشكە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى. 21ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۇلار تەيياردۇر، پەقەت سىزنىڭ قارارىڭىزنى كۈتۈۋاتىدۇ.

22قوماندان ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! _ دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆلكە باشلىقى فېلىكسكە تاپشۇرۇلۇشى

23قوماندان يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ:

_ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەر ھازىرلاپ، بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىڭلار! 24پاۋلۇسنى ئۆلكە باشلىقى فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئات تەييارلاڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى.

25قوماندان لىسىياس فېلىكسكە پاۋلۇس ھەققىدە يەنە مۇنداق بىر خەت يازدى:

 

26«ھۆرمەتلىك ئۆلكە باشلىقى فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام!

27مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ، ئۇنى قۇتقۇزدۇم. 28مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىگە ئېلىپ باردىم. 29نەتىجىدە، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي قانۇنىغا دائىر مەسىلىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. 30كېيىن مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى دەرھال جانابلىرىغا يوللاشنى توغرا تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.»

 

31لەشكەرلەر بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. 32ئەتىسى پاۋلۇس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. پىيادە لەشكەرلەر بولسا يېرۇسالېمدىكى قەلئەگە قايتىپ كەتتى. 33ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە بېرىپ، خەتنى فېلىكسكە سۇندى ۋە پاۋلۇسنىمۇ تاپشۇردى. 34فېلىكس خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، 35ئۇنىڭغا:

_ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە، سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن، _ دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.

24

يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇس ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى

1بەش كۈندىن كېيىن باش روھانىي ھانانىيا ۋە ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن تەرتۇلۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە كېلىپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى ئۆلكە باشلىقى فېلىكسكە سۇندى. 2پاۋلۇس چاقىرتىلدى. تەرتۇلۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى، بىز ئۆزلىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەن ياشاپ كەلمەكتىمىز، ھەمدە ئېلىمىزدىكى ئىللەتلەر سىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىڭىز بىلەن ئۆزگەرتىلدى. 3بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز. 4مەنكى تەرتۇلۇس ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن. پەقەت قىسقىغىنا ئەرزلىرىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. 5بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچىدۇر، شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرىدۇر. 6‏-7ئۇ ھەتتا بىزنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولدى، لېكىن بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق. 8ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلىلا، بىزنىڭ ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنەلەيدىلا!

9سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ بىر ئېغىزدىن شىكايەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەستىقلاشتى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

10پاۋلۇس فېلىكسنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ جانابلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى دەۋا-دەستۇرلارنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىدىن خەۋىرىم بار. شۇڭا ئۆزۈمنى ئالدىلىرىدا ئاقلىيالىغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. 11‏-12ئەگەر تەكشۈرۈپ كۆرسىلە، مېنىڭ يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئارىدىن پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتكەنلىكىنى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن تالاش-تارتىش قىلمىغانلىقىمنى ۋە مېنىڭ باشقا ئىبادەتخانىلاردا ياكى شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاممىنى قۇتراتمىغانلىقىمنى ئاسانلا بىلەلەيلا. 13ئۇلار جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. 14بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن باشقا يەھۇدىيلار خاتا ئېتىقاد دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن. 15مەنمۇ مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 16شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ ۋىجدانىمغا يۈز كېلىشكە تىرىشىمەن. 17مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلىنى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم. 18ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۇچراتقىنىدا، مەن پاكلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغانىدىم، ئەتراپىمدا ئادەممۇ يوق ئىدى، قالايمىقانچىلىقمۇ چىقمىغانىدى. 19ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئاشۇ بىر توپ يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلىدىغان شىكايەتلىرى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى جانابلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دېيىشى كېرەك ئىدى. 20بولمىسا قېنى، مۇشۇ سورۇندىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، مەندىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن. 21پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا: «مەن بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، سىلەرنىڭ سوراق قىلىشىڭلارغا دۇچ كېلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم.

22ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولى ھەققىدە خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا:

_ دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوماندان لىسىياس كەلگەندە چىقىرىمەن، _ دېدى.

23ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى، لېكىن ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى بۇيرۇدى.

پاۋلۇس فېلىكس بىلەن درۇسىلانىڭ ئالدىدا

24بىرنەچچە كۈندىن كېيىن فېلىكس ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىرگە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش توغرىسىدىكى تەلىملەرنى ئاڭلىدى. 25پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق بىلەن ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا:

_ ھازىرچە قايتىپ تۇرۇڭ، كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، _ دېدى.

26ئۇ پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى كۈتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. 27ئىككى يىلدىن كېيىن فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ئۆلكە باشلىقى بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.

25

پاۋلۇسنىڭ فېستۇسنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشى

1فېستۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، قەيسەرىيەگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا باردى. 2ئالىي روھانىيلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى فېستۇسقا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاۋلۇسنى 3يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى. 4لېكىن فېستۇس ئۇلارغا:

_ پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيەدە سولاقتا. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كېتىمەن. 5سىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىڭلار مەن بىلەن بىرگە بارسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر قانۇنسىز قىلمىشلىرى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6فېستۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، قەيسەرىيەگە قايتىپ كەلدى. ئەتىسى سوت ئېچىپ، پاۋلۇسنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. 7پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. 8شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ:

_ مەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، مەركىزىي ئىبادەتخانىسىغا ياكى رىم ئىمپېراتورىغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، _ دېدى.

9لېكىن فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇستىن:

_ سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوراق قىلسام قانداق دەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.

10_ بولمايدۇ! _ دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس، _ مەن ھازىر رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ھوقۇقى بىلەن تەيىنلەنگەن سوراقچى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزىڭىزگە مەلۇم، مەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم. 11ئەگەر جىنايىتىم بولسا ۋە ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مېنى جازالىماڭ دەپ تەلەپ قىلمىغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسا، ھېچكىم مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. مەن رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىمەن!

12فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا:

_ سەن رىم ئىمپېراتورىنىڭ سوراق قىلىشىنى تەلەپ قىلدىڭ. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىسەن، _ دېدى.

فېستۇسنىڭ ئاگرىپا خانغا پاۋلۇس توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاگرىپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسنىڭ ئۆلكە باشلىقىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قەيسەرىيەگە كەلدى. 14ئۇلار ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. شۇ جەرياندا فېستۇس ئاگرىپاغا پاۋلۇس توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

_ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار ئىدى. 15مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي ئالىي روھانىيلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشتى. 16مەن ئۇلارغا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. 17ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي، ئەتىسىلا سوت ئېچىپ، ئۇ كىشىنى سوتقا ئەكېلىشنى بۇيرۇدۇم. 18ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك جىنايەت ھەققىدە ئەمەس ئىدى. 19ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. 20بۇ مەسىلىنى مەن زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوراققا تارتىلىشقا رازى بولىدىغانلىقىنى ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغانىدىم. 21ھالبۇكى، پاۋلۇس رىمدا، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا مەن ئۇنى ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنگە قەدەر سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم.

22ئاگرىپا فېستۇسقا:

_ مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.

_ ئەتە ئاڭلايسىز، _ دېدى فېستۇس.

23ئەتىسى ئاگرىپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەتلىك تەنتەنە بىلەن زالغا كىرىپ كەلدى. ھەرقايسى قوماندان ۋە شەھەر كاتتىباشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە كىرىشتى. فېستۇسنىڭ ئەمر بېرىشى بىلەن پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى. 24فېستۇس مۇنداق دېدى:

_ ئاگرىپا خان ئالىيلىرى ۋە سورۇنغا قاتناشقان جانابلار، بۇ كىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. مانا بۇ كىشى پۈتۈن يەھۇدىيلار بۇ يەردە ۋە يېرۇسالېمدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان كىشىدۇر. 25لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە لايىق بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ: «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. 26بىراق بۇ كىشى ھەققىدە مەندە ئىمپېراتورغا مەلۇم قىلغۇدەك ئېنىق مەلۇمات يوق. شۇڭا ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. 27چۈنكى مېنىڭچە، مەھبۇسنى رىمغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىك توغرا ئەمەس.

26

پاۋلۇسنىڭ ئاگرىپا خان ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىشى

1شۇنىڭ بىلەن ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا:

_ ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، _ دېدى.

پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:

2_ ئى ئاگرىپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن! 3بولۇپمۇ خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۆزلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.

4ياش چاغلىرىمدا ئۆز يۇرتۇمدا، كېيىن يېرۇسالېمدا قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىم ھەممە يەھۇدىيلارغا ئايان. 5ئۇلار مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەھۇدىي دىنىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پەرىسىي مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر خالىسا، گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. 6خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن. 7بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلارمۇ كېچە-كۈندۈز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئۇلارغا قىلغان ئاشۇ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدى. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلىشى دەل ئاشۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئۈمىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 8سىلەر نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيسىلەر؟

9بۇرۇن مەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ نامىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرۇشۇم كېرەك دەپ قارايتتىم 10ۋە يېرۇسالېمدا شۇنداق قىلغانىدىم. ئالىي روھانىيلاردىن ئالغان ھوقۇقۇم بىلەن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەنىدىم. ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ ھۆكۈمگە قوشۇلغانىدىم. 11مەن كۆپ قېتىم ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردىن ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ ۋە ئۇلارنى جازالىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشقانىدىم. مەن ئۇلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئىدىمكى، ھەتتا باشقا ئەللەرگە تەۋە شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم.

12ئى ئالىيلىرى، بىر كۈنى ئالىي روھانىيلار بەرگەن ھوقۇق بىلەن ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغىلى دەمەشق شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتىم. 13چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە مەن بىلەن بىرگە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتقانلىقىنى كۆردۈم. 14ھەممىمىز يەرگە يىقىلدۇق. مەن ئاررامىي تىلىدا ئېيتىلغان: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سەن خۇددى خوجايىنى ئۇرسىمۇ ماڭمىغان جاھىل ئېشەككە ئوخشاش زىيان تارتىسەن!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 15مەن: «ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىدىم. رەببىم ئەيسا جاۋابەن: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا! 16ئورنۇڭدىن تۇر، سېنى ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىشقا ھەم مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ساڭا كۆرۈندۈم. سەن بۈگۈن كۆرگەن ئىشلارنى ھەم كەلگۈسىدە مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا يەتكۈزىسەن. 17مەن سېنى يەھۇدىيلارنىڭمۇ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ قولىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتمەكچىمەن. 18سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاكلانغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.

19ئى ئاگرىپا خان ئالىيلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم. 20ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا: «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! توۋا قىلدۇق دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم. 21شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 22بىراق خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 23ئۇلار قۇتقۇزغۇچى مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ھەممىدىن بۇرۇن تىرىلىپ، مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.

24پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا:

_ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەقلىڭدىن ئازدۇرۇپتۇ! _ دېدى.

25_ ھۆرمەتلىك ئۆلكە باشلىقى فېستۇس! _ دېدى پاۋلۇس، _ مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق. 26بۇ ئىشلاردىن ئاگرىپا خاننىڭمۇ خەۋىرى بار. شۇڭا مەن خانغا ئوچۇق ئېيتالايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاننىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بولغان ئىشلار ئەمەس!

27ئاندىن پاۋلۇس ئاگرىپا خانغا قاراپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى ئاگرىپا خان ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن!

28ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا:

_ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ _ دېدى. 29پاۋلۇس:

_ مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغانلارنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. لېكىن ماڭا ئوخشاش زەنجىرلەنمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! _ دېدى.

30شۇنىڭ بىلەن ئاگرىپا خان، فېستۇس، ئاگرىپانىڭ سىڭلىسى بەرنىكى ۋە باشقىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، 31ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتى ۋە بىر-بىرىگە:

_ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك بىرەر جىنايىتى يوق ئىكەن! _ دېيىشتى.

32ئاگرىپا خان فېستۇسقا:

_ بۇ ئادەم رىم ئىمپېراتورىنىڭ سوراق قىلىشىنى تەلەپ قىلمىغان بولسا، قويۇپ بەرسەك بولىدىكەنتۇق! _ دېدى.

27

پاۋلۇسنىڭ رىم شەھىرىگە قىلغان دېڭىز سەپىرى

1بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى «ئاۋگۇستۇس قوشۇنى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 2بىز ئەدرەمىت شەھىرىدىن ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان كېمىگە ئولتۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ سالونىكا شەھىرىدىن بولغان ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. 3ئەتىسى سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى. 4بىز ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقتۇق. قارشى تەرىپىمىزدىن شامال چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. 5كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. 6بىز ئۇ يەردە كېمىدىن چۈشتۇق. يۇلىيۇس ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئىتالىيەگە بارىدىغان كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا چىقتى.

7دېڭىزدىكى سەپىرىمىز ناھايىتى ئاستا بولدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ناھايىتى تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ بويىغا كەلدۇق. شامالغا قارشى ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇرۇنقى يۆنىلىشىمىز بويىچە ئىلگىرىلىيەلمىدۇق. شۇڭا كرىت ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونا يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، 8دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئىلگىرىلىدۇق ۋە لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.

9سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

10_ قېرىنداشلار، مېنىڭچە بۇ يەردىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى خەتەرلىك. مال ۋە كېمە زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، يەنە ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزمۇ تەس بولىدۇ! _ دېدى.

11بىراق يۈزبېشى يۇلىيۇس بولسا كېمە خوجايىنى بىلەن كېمە باشلىقىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 12ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارار ئالدى. ئۇلار مۇمكىن بولسا فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى ئويلاشتى. چۈنكى كرىت ئارىلىغا جايلاشقان بۇ پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى.

دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇن

13جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ ئويلاپ، لەڭگەرنى تارتىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى. 14ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارال تەرەپتىن قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنى چىقتى. 15كېمە بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن كېمىنى بوراننىڭ ھەيدەپ مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. 16كېمە كاۋدا ئىسىملىك كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە يېتىپ بارغاندا، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىش پۇرسىتىگە تەستە ئېرىشتۇق. 17كېمىچىلەر كېمە پارچىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كېمىنى ئارغامچا بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىدى. كېمىنىڭ لىۋىيەگە يېقىن يەردە دېڭىز ئاستىدىكى قۇمغا پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، لەڭگەرلەرنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى ئۆزىنىڭ مېڭىشىغا قويۇپ بەردى.

18شىددەتلىك بوران توختىمىغانىدى. ئەتىسى ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن يۈكلەرنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. 19ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىگە ئىشلىتىلىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 20بىز بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق. بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك داۋاملىشىۋەردى. ئاخىر قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىنمۇ ۋاز كەچتۇق. 21كېمىدىكىلەرنىڭ بىر نەرسە يېمىگىنىگە خېلى كۈنلەر بولغانىدى. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:

_ قېرىنداشلار، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ كرىتتىن يولغا چىقمايلى دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭلار، بۇ زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. 22لېكىن ئەمدى سىلەرنىڭ غەيرەتلىك بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كېمە غەرق بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. 23چۈنكى مېنىڭ ئىگەم بولغان ۋە مەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن خۇدا تۈنۈگۈن كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى. 24پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىرگە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئامان قىلىدۇ!» دېدى. 25شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار، ئىشىنىمەنكى خۇدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 26ئەمما بىزنىڭ كېمىمىزنىڭ بىر ئارالغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنالمايمىز، _ دېدى.

27سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى كېمىمىز تېخىچە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرەتتى. يېرىم كېچىدە كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قالدۇق دەپ قاراپ، 28دېڭىزغا ئارغامچا تاشلاپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، 40 مېتىر چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، 30 مېتىر چىقتى. 29ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنى توختىتىش ئۈچۈن كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەر تاشلاپ، تاڭ ئېتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى. 30كېمىدىن قاچماقچى بولغان كېمىچىلەر كېمىنىڭ بېشىدىن لەڭگەر تاشلاشنى باھانە قىلىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. 31لېكىن پاۋلۇس يۈزبېشى يۇلىيۇس ۋە لەشكەرلەرگە:

_ بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر ئامان قىلمايسىلەر! _ دېدى.

32شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 33تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، پاۋلۇس كۆپچىلىكنى بىرئاز غىزالىنىشقا چاقىردى. ئۇ:

_ سىلەرنىڭ غەم-قايغۇ ئىچىدە ئاچ يۈرگىنىڭلارغا 14 كۈن بولدى. 34ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! _ دېدى.

35پاۋلۇس سۆزنى قىلىپ بولۇپ، قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ يېدى. 36بۇنى كۆرگەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ، غىزالىنىشقا باشلىدى. 37كېمىدە بىز جەمئىي 276 كىشى بار ئىدۇق. 38ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كېمىچىلەر كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.

كېمىنىڭ غەرق بولۇشى

39تاڭ ئاتقاندا كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەردىن بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە توختاتماقچى بولدى. 40ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزدا قالدۇردى. ئاندىن كېمىنى ھەيدەش ئۈچۈن كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى سۇغا چۈشۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاشتۇردى. 41لېكىن كېمە قىرغاققا بارماي تۇرۇپ، كېمىنىڭ بېشى دېڭىز ئاستىدىكى قۇمغا پېتىپ قېلىپ، مىدىرلىيالماي قالدى. كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بۇزۇلۇشقا باشلىدى.

42لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 43لېكىن پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى، 44ئاندىن قالغانلارنىڭ كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن تاختايلىرىغا ۋە ياغاچلارغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن قۇرۇقلۇققا ساق-سالامەت چىقىۋالدى.

28

مالتا ئارىلىدا

1بىز قۇتۇلۇپ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئارالنىڭ مالتا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. 2ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. 3پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىدى. ئىسسىققا چىدىماي قاچقان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىغا يۆگىشىۋالدى. 4يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يۆگىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! قارىغاندا، ئۇ دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئىلاھىمىز «ئادالەت» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىغۇدەك، _ دېيىشتى.

5لېكىن پاۋلۇس قولىنى سىلكىپ، يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە چۈشۈرۈۋەتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. 6كىشىلەر پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت كۈتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتتى ۋە:

_ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! _ دېيىشتى.

7ئۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئارال باشلىقى پۇبلىيۇسنىڭ ئېتىزلىقى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ، ئۈچ كۈن چىن كۆڭلىدىن مېھمان قىلدى. 8ئۇ چاغدا پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى قورسىقى تولغاپ ئاغرىيدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا قولىنى قويۇپ، دۇئا قىلىپ، ساقايتىپ قويدى. 9شۇنىڭ بىلەن ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، ساقىيىپ قايتىشتى. 10ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىز بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار بىزنى يولدا لازىم بولىدىغان نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.

مالتادىن رىم شەھىرىگە بېرىش

11مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، باش تەرىپىگە رىملىقلارنىڭ قوشكېزەك ئىلاھلىرى بولغان كاستور بىلەن پوللۇكسنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. قىش پەسلىدىن كېيىن بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. 12بىز سىراكۇزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 13ئاندىن سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيەدىكى رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى جەنۇبتىن چىققان شامالنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى كۈندە پۇتېيولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 14ئۇ يەردە ئۇچراتقان ئېتىقادچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر ھەپتە تۇردۇق. ئاندىن رىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. 15رىمغا كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان رىمدىكى ئېتىقادچىلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن رىمدىن چىقىپ، ئەللىك نەچچە چاقىرىم يول بېسىپ، «ئۈچ ساراي» دېگەن يەرگىچە، يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ يىراق يول مېڭىپ، ئاپىيۇس بازىرىغىچە كەلگەنىدى. ئۇلارنى كۆرگەن پاۋلۇس خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، تېخىمۇ غەيرەتلەندى.

پاۋلۇس رىم شەھىرىدە

16رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. 17ئۈچ كۈندىن كېيىن پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلار، مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. 18رىملىقلار مېنى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى مەندە ئۆلۈم جازاسى بەرگۈدەك بىرەر جىنايەت يوق ئىدى. 19لېكىن يەھۇدىيلار قارشىلىق كۆرسەتگەچكە، رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن بىرەر شىكايىتىم يوق. 20شۇ سەۋەبتىن مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ زەنجىر بىلەن باغلاندىم.

21ئۇلار پاۋلۇسقا:

_ يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق. ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسى سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. 22لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى سەن تەۋە بولغان بۇ مەزھەپنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار، _ دېيىشتى.

23شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. 24ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى. 25ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:

 

26«سەن بېرىپ، بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن:

‹سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر.

قىلغانلىرىمنى كۆرىسىلەر، كۆرىسىلەر، لېكىن مەنىسىنى بىلمەيسىلەر.

27چۈنكى بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپ، قۇلاقلىرى پاڭ، كۆزلىرى كوردۇر.

ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرى ئاڭلايتتى، قەلبىدىن چۈشىنەتتى ۋە

مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ، شىپالىق تاپاتتى.›»

 

28‏-29ئاندىن پاۋلۇس يەنە:

_ شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ بېرىلمەكتە. ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلماي قالمايدۇ! _ دېدى.

30پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، 31خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى.


2: 9 ئاسىيا _ ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا رىم ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق بىر ئۆلكە ئىدى.

7: 14 75 كىشى _ ئىستىپان بۇ يەردە تەۋراتنىڭ گرېكچە نۇسخىسىدىن نەقىل ئالغان بولۇپ، گرېكچە نۇسخىسىدا مىسىرغا بارغان 70 كىشىگە يۈسۈپنىڭ 5 نەۋرىسىنىمۇ قوشقان. ئەمما ئىبرانىيچە نۇسخىسىدا مىسىرغا بارغان ئادەملەرنىڭ سانى 70 كىشى بولۇپ، يۈسۈپنىڭ 5 نەۋرىسى سانالمىغان.

11: 26 يەھۇدىيلار كۈتكەن قۇتقۇزغۇچى ئىبرانىي تىلىدا «مەسىھ»، قەدىمكى گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ ئاتالغاندۇر. شۇڭا ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلار «خرىستىئانلار» دەپ ئاتالغان.

12: 17 ياقۇپ _ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىسى ۋە ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ باش يېتەكچىسى.

13: 9 پاۋلۇس _ سائۇلنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خۇش خەۋەر تارقاتقاندا، ئۆزىگە «پاۋلۇس» دېگەن گرېكچە ئىسىمنى قوللانغان.

13: 32 _ 33 قەدىمكى زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە پادىشاھلارنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ قارايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىل پادىشاھىغا قارىتىلغان بۇ سۆز بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئەرشتە تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، پادىشاھ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

14: 12 زېۋىس ۋە ھېرمىس _ زېۋىس قەدىمكى گرېكلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلاھى. ھېرمىس بولسا زېۋىسنىڭ خۇسۇسىي ياردەمچىسى ۋە ناتىقى.

16: 10 لۇقا بۇ يەردە «بىز» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پاۋلۇسلار بىلەن بىرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

18: 18 پاۋلۇس ئۆزىنى بىر مەزگىل خۇداغا ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، شۇ مەزگىل ئىچىدە چېچىنى چۈشۈرسە بولمايتتى. ۋاقىت توشقاندا، چېچىنى چۈشۈرۈپ، خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى (چۆلدە 6: 1 _ 21).

21‏: 23 بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇداغا ۋاقىتلىق ئالاھىدە بېغىشلىغانلار بولۇپ، ئۇلار شاراب ئىچمەيتتى ۋە چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋېتەتتى. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، خۇداغا قۇربانلىق قىلىپ، چاچلىرىنى چۈشۈرەتتى.