ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت
1
1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن خۇدانىڭ ئەفەس شەھىرىدىكى مۇقەددەس خەلقىگە، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلىنغان روھىي بەخت
3خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيەلەر بولغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى. 4خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، 5ئۇ بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇشاللىق بىلەن بەلگىلىگەنىدى. 6خۇدا ئۆزىنىڭ غايەت زور مېھىر-شەپقىتىنى سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغان بىزلەرگە شەرتسىز ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز. 7ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەرنىڭ گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بىز ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق گۇناھقا قۇل بولۇشتىن ئازاد بولدۇق. بۇ خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چەكسىز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. 8خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقىتىنى ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇردى 9ۋە بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى ئاشكارىلىدى. خۇدا بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشىنى خۇشاللىق بىلەن بېكىتكەنىدى. 10خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ.
11بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدانىڭ خەلقى بولۇشقا تاللاندۇق. بۇ خۇدانىڭ ئەزەلدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەمەلگە ئاشتى. چۈنكى خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 12بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۈمىدىنى ئەڭ بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە باغلىغان بىز يەھۇدىيلار ئارقىلىق شانۇشەۋكەتلىك خۇدانى مەدھىيەگە ئىگە قىلىشتۇر. 13يەھۇدىي بولمىغان سىلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدۇڭلار، شۇنداقلا ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. 14قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇشىمىزنىڭ ۋە خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان مىراسىغا ئېرىشىشىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇنىڭدىكى مەقسەت، شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتۇر.
پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى
15-16مەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردىن ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردىن خەۋەر تاپقاندىن بۇيان، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا داۋاملىق شۈكۈر ئېيتىپ، دۇئالىرىمدا سىلەرنى ھەمىشە ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن. 17مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز سىلەرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇشۇڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغاي ۋە ئۆزىنى ئاشكارىلىغاي! 18مەن قەلب كۆزۈڭلارنىڭ روشەن بولۇشىنى تىلەيمەن. شۇنداق بولسا، سىلەر خۇدانىڭ ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرگە بېرىدىغان ئۈمىدنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان مۇقەددەس خەلقنىڭ ئىگە بولىدىغان مىراسنىڭ نەقەدەر باي ۋە شان-شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. 19-20شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ دەل خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتىدۇر. 21خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار، يەنى تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. 22خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھكە تىز پۈكتۈرۈپ، ئۇنى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئۈچۈن پۈتۈن مەۋجۇداتقا باش قىلىپ تىكلىدى. 23ئېتىقادچىلار جامائىتى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل كائىناتنىڭ تولۇقلىغۇچىسىدۇر.
2
ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتۈش
1سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. 2ئۇ چاغلاردا سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا مېڭىپ، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان، ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىغانىدىڭلار. 3ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە خاس بولغان ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا بىزمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.
4لېكىن ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇنداق سۆيىدۇكى، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بىزنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرگە يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. 6بىز ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرىلدۈرۈپ، بىزنى ئەرشتىكى تەختتە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغۇزدى. 7خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان تەڭداشسىز مېھىر-شەپقىتىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر. 8سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر. 9سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمىلىڭلار بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. 10بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتىدۇرمىز. خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىر تەن بولۇش
11ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، تۇغما يەھۇدىي بولمىغان سىلەر خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىزلەر» دەپ كەمسىتىلدىڭلار. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ خەتنىسى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىدۇر. 12ئۇ چاغلاردا سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار. سىلەر خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا ئىدىڭلار. سىلەر خۇدانى بىلمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئۈمىدسىز ھالدا ياشايتتىڭلار. 13سىلەر ئۇ چاغلاردا خۇدادىن يىراق ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلاشتىڭلار. 14ئەيسا مەسىھ بىز يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي بولمىغان سىلەرنى ئىناقلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق بىزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋەتكەن دۈشمەنلىك تېمىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 15ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى يەھۇدىيلار بىلەن ئىناقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى بىر ئىنسان قىلىپ چىقىشتۇر. 16ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ ۋە ئۇلارنى بىر تەن قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، خۇدا بىلەن ياراشتۇردى. 17ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. 18دېمەك، ھەممىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدائاتىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا بارالايمىز.
19يەھۇدىي بولمىغان سىلەر ئەمدى يات خەلق ۋە يات كىشىلەر بولماستىن، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار. 20ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان ئىمارەتتۇرمىز، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ ئىمارەتنىڭ ئاساسى تېمىدۇر، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر. 21بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ ئىمارەتتە بىرلىشىپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانا بولماقتىمىز. 22يەھۇدىي بولمىغان سىلەرمۇ بىز يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا بولۇپ سېلىنىۋاتىسىلەر.
3
خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى
1شۇڭلاشقا مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلىمەن. مەن يەھۇدىي بولمىغان سىلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم. 2سىلەر بىلىسىلەر، خۇدا ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بەردى. 3خۇدا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى سىرنى ۋەھىي ئارقىلىق ماڭا ئاشكارىلىدى. مەن بۇ توغرۇلۇق مۇشۇ خېتىمنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا قىسقىچە بايان قىلدىم. 4سىلەر بۇ خېتىمنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مېنىڭ بۇ سىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلگەنلىكىمنى چۈشىنىۋالالايسىلەر. 5ئىلگىرى خۇدا بۇ سىرنى ئىنسانلارغا ئايان قىلمىغانىدى، ئەمما ھازىر بولسا بۇ سىرنى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق مۇقەددەس ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئايان قىلدى. 6بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخور بولۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان خىزمەتكار بولدۇم. 8مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشكە تاللىدى. 9پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ئاشكارىلىمىغان ئۆزىنىڭ سىرلىق بۇ پىلانىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى. 10خۇدانىڭ مەقسىتى بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن تەشكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. 11بۇ مەقسەت خۇدانىڭ دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پىلانلىغان ۋە ھازىر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىرادىسىگە ئۇيغۇندۇر. 12بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن بارالايمىز. 13
|| شۇڭا مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلانماسلىقىڭلارنى، ئەكسىچە پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
| شۇڭا مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلانماڭلار، بۇلار سىلەرگە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
| ؟؟؟
ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى
14-15خۇدائاتىمىزنىڭ ئۇشبۇ پىلانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئەرشتىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدائاتىمىزغا تىزلىنىپ دۇئا قىلىمەن. 16خۇدا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئۇلۇغلۇقىدىن سىلەرگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي. 17شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي. 18-19سىلەر خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر مول، نەقەدەر چوڭقۇر ۋە نەقەدەر چەكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر. ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتكەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ كامىل ھاياتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.
20بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزنىڭ تىلىگەنلىرىمىزدىن ۋە ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەسسىلەپ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. 21بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائىتى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
4
ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بىرلىكى
1شۇ سەۋەبلەردىن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. 2سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە كەڭ قورساق بولۇڭلار. 3بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار. 4بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر. 5بىزنىڭ رەببىمىزمۇ، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق. 6ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدا بىردۇر. ئۇ ھەممىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ۋە ئۇ ھەممىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. 7ئەيسا مەسىھ ھەربىرىمىزگە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلدى. 8بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۇ يۇقىرىغا چىققاندا،
نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى ئېلىپ كەتتى.
ئىنسانلارغا ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلدى.»
9بۇ يەردىكى «يۇقىرىغا چىققاندا» دېگەن سۆز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ئەرشتىن تۆۋەنگە، يەنى يەر يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 10يەرگە چۈشكەنمۇ ئۇ، ئەرشكە چىققانمۇ ئۇ. ئۇ ئالەمنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەرشكە چىقتى.
11
|| ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
| ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئېتىقادچىلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
| ئەيسامۇ «ئىنسانلارغا ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلدى»، دېمەك ئۇ ئېتىقادچىلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
| «ئىنسانلارغا ھەدىيەلەرنى ئاتا قىلدى» دېگەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھكىمۇ قارىتىلغان بولىدۇ. ئۇ ئېتىقادچىلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەلچى، بەزىلىرىنى پەيغەمبەر، بەزىلىرىنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلىرىنى جامائەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ۋە جامائەتكە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.
٪٪
0
٪ Adam:
ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بەزىلىرىنى ئەلچى، بەزىلىرىنى پەيغەمبەر، بەزىلىرىنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلىرىنى جامائەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ۋە جامائەتكە تەلىم بەرگۈچى قىلدى. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ھەدىيەلىرى ئىدى.
12ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەشتىن ئىبارەتتۇر. 13بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئارقىلىق بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە ۋە خۇدانىڭ ئوغلىنى چوڭقۇر تونۇشىمىزغىچە، يەنى ھەممىمىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، مەسىھكە ئوخشاش كامالەتكە يېتىشىمىزگىچە داۋاملىشىدۇ. 14شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدا تەۋرىنىپ كەتمەيمىز. 15ئەكسىچە، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆزلەپ، تەننىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ھەرقايسى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىمىز. 16ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى زىچ ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان روللىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، ئېتىقادچىلار جامائىتى مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھايات
17رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن قاتتىق تەكىتلەيمەنكى، ئەمدى خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلاردەك ئەرزىمەس ئوي-پىكىرلەر بىلەن ياشىماڭلار. 18ئۇلار خۇداغا قارشى تەرسالىق قىلىپ، خۇدا ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەرسىز قالدى. نەتىجىدە، قەلبى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، خۇدا ئاتا قىلغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم قالدى. 19ئۇلار ئار-نومۇسنى ئۇنتۇپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلىپ، ھەر خىل ناپاك ئىشلارنى ئىشتىياق بىلەن قىلىدۇ.
20لېكىن بۇرۇن ئۆگەنگىنىڭلاردەك، بۇنداق ياشاش ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىگە ماس كەلمەيدۇ. 21سىلەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا جەزمەن ئاڭلىدىڭلار، ھەمدە ئۇنىڭ تەلىملىرىنىمۇ قوبۇل قىلدىڭلار. ھەقىقەت ئەيسا مەسىھتىدۇر. 22ئۇنداقتا، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى كونا ئۆزۈڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەندۇر. 23روھىڭلار ۋە ئوي-پىكرىڭلارمۇ يېڭىلانسۇن. 24يېڭى ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى ئۆزۈڭلار ھەققانىيلىق ۋە پاكلىق جەھەتتە خۇداغا ئوخشىتىپ يارىتىلغاندۇر.
25شۇنىڭ ئۈچۈن يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راستچىل بولۇڭلار. چۈنكى ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز. 26ئاچچىقلانساڭلارمۇ گۇناھ قىلماڭلار. ئاچچىقلانغىنىڭلار ھالدا كۈن پېتىپ كەتمىسۇن، 27شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار. 28بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە بەرسۇن. 29ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار، ئاڭلىغۇچىلار مەنپەئەت ئالسۇن. 30خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 31ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق بارلىق ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.
5
خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشاڭلار
1خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار. 2ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدى. سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مېھىر-مۇھەببەت يولىدا مېڭىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى. 3ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا، ناپاكلىققا ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويماڭلار. چۈنكى بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ. 4شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەرنى قىلىش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 5شۇنى ئېنىق بىلىشىڭلار كېرەككى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا، ناپاكلىققا ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورنى يوقتۇر. چۈنكى ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى خۇدانىڭ غەزىپى خۇداغا بويسۇنماي بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. 7شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداقلارنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار.
8بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چىقتىڭلار. شۇڭا سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن. 9يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى بولسا ياخشىلىق، ئادىللىق ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەتتۇر. 10نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار. 11كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار. 12ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇسلۇق ئىشتۇر. 13نۇر ئۇلارغا چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. 14چۈنكى ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان،
تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن.
ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
15شۇنىڭ ئۈچۈن سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار. 16خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر. 17شۇڭا ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار. 18شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى بۇنداق قىلىش ھاياتىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا مۇقەددەس روھقا چۆمۈشكە ئىنتىلىڭلار. 19ئۆزئارا زەبۇر مۇناجاتلىرىنى، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلارنى ئېيتىڭلار. رەببىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان نەغمىلەرنى چىن قەلبىڭلاردىن ياڭرىتىڭلار.
|| deleted!
| 20ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت
21ئەيسا مەسىھكە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار يۈزىسىدىن بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. 22ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە بويسۇنغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. 23ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ خۇددى ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنىڭ بېشىدۇر. 24خۇددى ئېتىقادچىلار جامائىتى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنسۇن.
25ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان ۋە ئۇلارنى قانداق سۆيگەن بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار. 26ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائىتىنى خۇدانىڭ سۆزى ئارقىلىق يۇيۇش ۋە پاكلاشتۇر. 27شۇنداقلا، ئېتىقادچىلار جامائىتىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇلارنى پاك ۋە ئەيىبسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ئالدىغا شەرەپ بىلەن ئېلىپ كېلىشتۇر. 28ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائىتىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيسۇن. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەردۇر. 29ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىدىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆز تېنىنى ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى ئاسراپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىگە ئوخشايدۇ. 30بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز. 31مۇقەددەس يازمىلاردا «ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دەپ يېزىلغاندۇر. 32بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر سىردۇر. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتتىم. 33يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.
6
ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت
1ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر. 2مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» دېگەن بۇ پەرز خۇدانىڭ ۋەدىسى قوشۇلغان تۇنجى پەرزىدۇر. 3ۋەدە شۇكى، «بەختلىك بولىسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.»
4ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ چىشىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيەلەڭلار.
خوجايىن ۋە قۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت
5ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارنىڭ سۆزىنى خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندەك، ھۆرمەت، ئەيمىنىش ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئاڭلاڭلار. 6خوجايىنىڭلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى چىڭ دىلىڭلار بىلەن قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. 7خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. خىزمەتنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 8ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر ئادەم بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنى قىلغان ھەربىر ياخشى ئىشىغا قارىتا مۇكاپاتلايدۇ.
9ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى
10ئاخىردا مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. 11شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار. 12چۈنكى بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. 13مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار، ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار. 14بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى باغلاڭلار، كۆكسۈڭلاردا ھەققانىيلىق ساۋۇتى بولسۇن. 15خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار. 16مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ ئوت تۇتاشتۇرۇلغان بارلىق ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. 17خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھنىڭ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. 18ھەر دائىم مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار ۋە تىلەكلىرىڭلارنى ئېيتىڭلار. شۇنداقلا، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بوشاشماي، ھوشيارلىق بىلەن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. 19مەن سۆزلىگەندە خۇدانىڭ ماڭا توغرا سۆزلەرنى بېرىشى ئۈچۈن ماڭىمۇ دۇئا قىلىڭلار. شۇنداق بولغاندا، مەن خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزەلەيمەن. 20مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر.
تىلەكلەر
21-22سىلەرنىڭ مېنىڭ ئەھۋالىمنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قەدىرلىك قېرىندىشىمىز ھەم رەببىمىزنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولغان تىكىكۇسنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈپ، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.
23خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە ئامانلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ تىلەيمەن. 24رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي!
